2021/04/12 03:32

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئىلى - چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ باش - ئاخىرى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/30 11:43

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/06/30 11:43 2019/06/30 12:17 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
« ئىلى - چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ باش - ئايىغى » :

1871 - يىلدىكى ئۈچ قېتىملىق ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن چاررۇسىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشى ئەسلىدە چاررۇسىيە 1867 - يىلى يازدا تەسىس قىلغان « تۈركىستان گوبىرناتورلىقى » غا قاراشلىق يەتتە سۇ ھەربىي ۋالىيسى گېنىرال كولپاكوۋىسكىي تازىبېك ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ئەسكەرلىرىنى قانۇنسىز ھالدا ئىلى سۇلتانلىقى چېگرىسىدىكى جايلارغا ئەۋەتىپ، خەلققە ئۇدا پاراكەندىچىلىك
سېلىشى بىلەن كېلىپ چىققانىدى.

قېرىنداش قازاق خەلقىنىڭ شۇ تارىخى
ۋەقەلەردىن خەۋىرى بارمۇ؟

قېرىنداش قازاق خەلقىگە، بولۇپمۇ قازاق تارىخچى ۋە قازاق زىيالىلارغا شۇ نۇقتىنى ئەسلىتىپ ئۆتمەي تۇرالمايمەن: 1865 - يىل شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ۋە شەرقىدە ئۈرۈمچىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زېمىنلاردا ياقۇپبەگ قەشقەرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1864- يىلى ئىلى رايونىدا ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتى قۇرۇلدى. ھەر ئىككى ئۇيغۇر ھاكىمىيىتى بىرلىشىش يولىدا دىئالوگ قىلىۋاتقان زامانلار ئىدى. رۇسلاردىن يېڭىلگەن قازاق خانلاردىن تازەبېك تۆرە ئۆز قەبىلىسىدىن 1000 ئەتىراپىدا ئائىلە بىلەن ئىلى سۇلتانلىغى زىمىنلىرىغا قېچىپ كەلدى ۋە ئىلى سۇلتانلىغىدىن سىياسى پانالىق تىلىدى. تازابېك تۆرەنىڭ ئارقىسىدىن قوغلاپ كەلگەن رۇسلار دەرغەزەپ ئىدى.
چاررۇسيە پادىشاھلىقى ئىلى سۇلتانلىغىغا ئۇلتىماتۇم تاپشۇرۇپ، 1871- يىلى 3- مايدىن بۇرۇن تازابېكنى رۇسلارغا تاپشۇرۇپ بېرىش كېرەكلىكىنى، ئەكسى تەقدىردە ئىلى سۇلتانلىغى تۇپراقلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىپ تازەبېك ۋە ئەگەشكۈچىلىرىنى تۇتقۇن قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ دۆلەت رەئىسى ئەلاخان سۇلتان دەرھال مىنىستىرلار كابىنېتنى يېغىنغا چاقىردى ۋە رۇسلارنىڭ ئۇلتىماتۇم مەكتۇپىنى مۇزاكىرىگە قويدى. مىنىستىرلار كابىنىتىدىن، ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتىدىن سىياسى پانالىق تىلىگەن قان، دىل، دىن قېرىنداشلىرى بولغان قازاقلارنى ۋە ئۇلارنىڭ خانى تازەبېكنى، ئۇلارنىڭ دۈشمەنلىرى بولغان رۇسلارغا تەسلىم قىلماسلىق، ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىش قارارى چىقتى. قارارنىڭ ئاقىۋېتى نىمە ئېلىپ كىلىدىغانلىقىنى ھەممەيلەن ئىنىق بىلەتتى. شۇنداقتىمۇ بۇ قارار يېزىلىپ، سۇلتاننىڭ ئىمزاسى قويۇلۇپ رۇسلارغا ئەۋەتىلدى.

ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتى ئاسمىنىدا قارا بۇلۇت ئەگىشكە باشلىغان ئىدى. ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ توقىلەك پالۋان ۋە سادىر پالۋان باشچىلىقىدىكى مىللىي ئارمىيىسى ۋە تازەبېك قىسىملىرى ئۇرۇش تەييارلىغىغا جىددى تۇتۇش قىلدى. 1871- يىلى 5- ئاينىڭ 15- كۈنى  چاررۇسيە ئارمىيىسى ئىلى سۇلتانلىغى زېمىنغا ھۇجۇم باشلىدى. بىراق رۇسلار ھېچ تەخمىن قىلمىغان قارشىلىققا ئۇچرىدى ۋە ئېغىر چىقىم تارتتى. رۇسلار تەكرار قوشۇنلىرىنى تەرتىپكە سېلىپ، ياردەمگە كەلگەن ئەسكەرلەر بىلەن بىرلىكتە 5- ئاينىڭ 22- كۈنى قايتا شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتتى. ھەر ئىككى تەرەپتىن كۆپ ساندا ئەسكەر ۋە ئات ئۆلدى. ئۇيغۇرلار پەۋقۇلئاددە قەھرىمانلىق كۆرسەتتى. رۇسلارنىڭ قولىدا زامانىۋى توپ- زەمبىرەك، مىلتىق، قىلىچلىرى بار ئىدى. قوماندانلىرى ئۇرۇش ئىستىراتىگىيەسىنى پىششىق بىلىدىغان تەجرىبىلىك گېنېراللار ئىدى. رۇس ئەسكەرلىرىنىڭ ئۇرۇش تەجرىبىسى بار ئىدى. كەيپىياتى يۇقىرى ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ قولىدا ئۆزلىرى ياسىغان ئوۋ مىلتىقى، چۇماق، كالتەك، ئۆزلىرى ياسىغان قىلىچ، نەيزىلەر بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ رۇسلارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر يېزىسىنى ئېلىشى ئېغىر چىقىم بەدىلىگە كەلدى. قورغاس، سۈيدۈڭ يوللىرى شېھىت بولغان ئۇيغۇر قىز- يىگىتلەرنىڭ جەسەتلىرى بىلەن توشۇپ كەتكەچكە، رۇس گېنىراللىرىنىڭ پەيتۇن، مەپىلىرى، زەمبىرەك سۆرەيدىغان ھارۋىلىرىنىڭ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن جەسەتلەرنى يولنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ئېرىق، ئۆستەڭلەرگە تاشلاپ ئىلگىرىلىدى. ئېرىق، ئۆستەڭلەر قانچە كۈنلەپ قىزىل رەڭدە ئاقتى. دۆلەت رەھبەرلىرى، قۇماندانلارنىڭ كۆپىنچىسى ۋەتەننى قوغداش يولىدا شېھىت بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تەڭداشسىز قەھرىمانى، ئىلى سۇلتانلىغى دۆلىتىنىڭ ئاساسلىق قۇماندانلىرىنىڭ بىرسى بولغان سادىر پالۋان مانجۇ- خىتايلارنى ۋەتەندىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن قانداق قەھرىمانلىق كۆرسەتكەن بولسا، چار رۇس ئارمىيەسىگە قارشى ۋەتەننى قوغداش ئۈچۈن يەنە شۇنداق قەھرىمانلىق بىلەن ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلدى. سادىر پالۋان ئېغىر يارىلىنىپ رۇسلارغا ئەسىر چۈشتى. رۇس ئارمىيىسى 1871- يىلى 7 - ئاينىڭ 22- كۈنى ئىلى سۇلتانلىغىنىڭ پايتەختى غۇلجىنى ئىشخال قىلدى. 8- ئاينىڭ ئاخىرغىچە ئىلى رايونى ئاساسەن رۇسلارنىڭ ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئۆتۈپ كەتتى.
رۇس گېنېراللار، سادىر پالۋانغا بۈيۈك ھۆرمەت كۆرسەتتى. داۋالاپ ساقايتتى ۋە ئۇنى پەيتۇنغا ئولتۇرغۇزۇپ يېزىسىغا ئۇزاتماقچى بولدى. سادىر پالۋان رۇس پەيتۇنغا ئولتۇرۇشنى رەت قىلدى. پىيادە شەھەردىن ئايرىلدى. سادىرغا يۈزلىگەن تارانچى ھەمرا بولۇپ ئۇنىڭ  ئۆيىگىچە بىللە كەلدى. سادىر پالۋان، ۋەتەننى دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويۇشنىڭ ئازابى ۋە نومۇسى ئىچىدە ھەسرەت چېكىپ شۇ يىلى ئالەمدىن ئۆتتى.

ئۇيغۇر مىللىتى بىر قازاق خاننىڭ ھاياتى ۋە غۇرۇرىنى قوغداپ قېلىشنى، بىر ۋەتەن، بىر دۆلەتنىڭ مەۋجۇدىيىتىدىن ئەلا كۆردى. قان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر، قازاق قېرىنداشلىقى ھەر قېتىمقى بوران- چاپقۇنلاردىن كېيىن تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەمما ھازىرقى قازاقىستان ھۆكۈمىتى يارىماسلىقنىڭ ئەڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرماقتا .


ئۇرۇشنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

1871 - يىلى ئەتىيازدا يەتتىسۇ گۇبېرناتورى كولپاكوۋسكىينىڭ ئەسكەرلىرى، دوۋۇن، داردامتۇ، كەتمەن ئەتراپىدا پەيدا بولۇپ، تېنچ ياتقان خەلقنى تەشۋىشكە سېلىپ، غالجاتنى ئىشغال قىلىۋېلىپ، ئاندىن غۇلجىغا قاراپ يول تۇتماقچى ئىدى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان توقىلەك باتۇر، ئاققوزا مىراپ چىداپ تۇرالماي، دەرھال كەتمەن، شۇڭقار، خونخاي، غالجات قاتارلىق يېزىلاردىن 500 ئاتلىق ئەسكەر بىلەن كەتمەن يېزىسىدا چاررۇسىيە ئەسكەرلىرى بىلەن قاتتىق ئۇرۇشۇپ، ئارقىدىن ئەلاخان پالۋان 500 ئاتلىق ئەسكەر، ئابدۇرۇسۇل بەگ باشچىلىغىدىكى 200 ئاتلىق ئەسكەر ياردەمگە كېلىشى بىلەن، ئۇلار بىرلىشىپ جەڭ قىلىپ، ئورۇسلارغا قاتتىق زەربە بېرىدۇ. كەتمەندە بولغان جەڭلەردە ئورۇس ئەسكىرىنى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىپ، كەينىگە چېكىندۈرۈپ سارتوقايدىن ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ. مەزكۇر ئۇرۇشتا داڭلىق گېنىرال كولپاكوۋسكىينىڭ بىر گېنېرال، 63 ئوفىسېر، 1785 سولدىتى قاتارلىق كۈچلۈك ئورۇس ئەسكىرىنى كەتمەندىن ئۆتكۈزمەي قويۇشتا توقىلەك، ئاققوزا مىراپ باشچىلىغىدىكى ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىنىڭ جەسۇرلۇقى تارىختا قالدى. تارىختا بۇ ئۇرۇشنى «كەتمەن ئۇرۇشى» دەيدۇ. مۇشۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنى توقىلەك شاڭىيۇ ھارۋۇ بىلەن ئەكەلدۈرۈپ، «جەڭدە شېھىت بولغانلار» دەپ، قىزىل دۆڭنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ھۆرمەت بىلەن دەپنە قىلغۇزغانلىقىنى  يۇرت چوڭلىرىدىن ئاڭلىغان ئىدۇق .
1871 - يىلى مايدا يەتتىسۇ گۇبېرناتورى، ئەلاخان سۇلتاندىن ئىلى ئۆلكىسىگە باش - پانا ئىزدەپ قېچىپ كەلگەن تازىبېك، چالتاباي ۋە مىڭ ئۆيلۈك قازاقلارنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. لېكىن ئىلى سۇلتانلىقى بۇ شەرتنى ئورۇنلاشتىن باش تارتىپ ئۇرۇشقا تەييارلىقىنى باشلايدۇ. كەتمەن ئۇچاستكىسىدا توقىلەك باتۇر، ئاققوزا مىراپ ۋە مەردان بەگ دېگەن ئەسكەر باشلىقلىرى تەيىنلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ قولىغا تۆت مىڭغا يېقىن پىيادە ۋە ئاتلىق ئەسكەر توپلايدۇ. قورغاس ئۇچاستكىدا ئابدۇراخمان خەزىنىچى باشلىق 6 مىڭ ئەسكەر، جەمئىي 10 مىڭ ئەسكەر تەييارلايدۇ.

ئەلاخان سۇلتان توقىلەك بەگدىن ئورۇس لەشكەرلىرىنىڭ كۈچى، قۇرالى تۇرغان ئورنىنى ۋە جەڭ ئەھۋالىنى ئۇقتى. بۇ ئۇرۇشنى كۈتكەن توقىلەك پالۋان، ئاققوزا مىراپ، ئەزىز پالۋان لەشكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇپ تەييار قىلىپ قويغان ئىدى. ئەلا پالۋان ئۇيغۇر سەردارلارنىڭ باھادىرلىغىغا خۇش بولىدۇ.
توقىلەك پالۋان، ئاققوزا مىراپ، ئەزىز پالۋان، ئەمىرشاھ لەشكەرلىرىگە ياردەمگە كەلگەن ئەلا پالۋان، ئابدۇرۇسۇل بەگ ئەسكەرلىرى، ئورۇس ئەسكەرلىرىنى سۇر - سۇر قىلىپ چېكىندۈرۈپ سارتوقاي سۈيىدىن ئۆتكۈزىۋېتىدۇ. تاجاۋۇزچىلارنىڭ قاچقىنىنى كۆرگەن كەتمەن، دوۋۇن، داردامتۇ خەلقى ماللىرىنى سويۇپ، تائام تەييارلاشقا كىرىشتى. تارىختا بۇ ئۇرۇشنى «كەتمەن ئۇرۇشى» دەيدۇ. 26 - 28 - ماي كەتمەن زەپىرىدىن كېيىن سۇلتان قايتىدۇ.

ئەلا پالۋان سۇلتاننى  بارلىق سۇمۇل خەلقى كۈتۈپ تۇراتتى. ئەلا پالۋان ئاتتىن چۈشۈپ ھەممەيلەن بىلەن كۆرۈشۈپ، ئاندىن ئوغلىنى ئېلىپ ئېگىز كۆتەردى ۋە:
- بىز مۇشۇ ئەۋلادىمىز ئۈچۈن جەڭ قىلدۇق! - دېدى.

يەتتىسۇ گۇبېرناتورى كولپاكوۋسكىي تۈركىستان گېنېرال گۇبېرناتورى كۇفماندىن ئىلىغا قارشى ئۇرۇش باشلاشقا رۇخسەت ئالدى. توقىلەك شاڭيۇنىڭ يېرى بىلەن ئۆتەلمىگەن گېنېرال كالپاكوۋسكىينىڭ ئەسكەرلىرى ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىن ياقىلاپ غۇلجىغا ئوڭايلا، قاتتىق قارشىلىقسىز بۆسۈپ كىرىش ئىمكانىيىتىگە ئېگە بولىدۇ.
كولپاكوۋسكىي ئىككىنچى قېتىملىق ئومۇمىي ھۇجۇمىدىن مەغلۇب بولغاندىن كېيىن. ئۇ تۆت مىڭ ئاتلىق قوشۇننى تاللىدى. كېچىسى ناھايىتى تېز ۋە يوشۇرۇن ھالدا قورغاس، سۈيدۈڭدىن ئۆتتى. ئاتلىق قوشۇن كېلىپ سۈيدۈڭنى بېسىۋىلىپ ئۇندىن كېيىن بايانداينى ئىگىلىدى. بۇ چاغدا ئەلاخان پالۋان مۇزئارت ئېغىزىدا بېسىپ كىرگەن چاررۇسىيە قوشۇنىغا قارشى جەڭ قىلىۋاتاتتى.

بۇ شىددەتلىك جەڭ ئەللىك بىر كۈن داۋام قىلىدۇ. كولپاكوۋسكىينىڭ زامانىۋى توپلىرى ئەلاخان پالۋان قوشۇنىغا مەغلۇبىيەت ئەكەلدى. 1871 -  يىل 7  - ئاينىڭ 21  - كۈنى چاررۇسىيە قوشۇنى غۇلجا شەھىرىنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇ تاجاۋۇزچى ئورۇسلار قوشۇنى قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭچىلارنى رەھىمسىزلەرچە باستۇرۇپ، نۇرغۇن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئۆلتۈردى ۋە سۈرگۈن قىلدى.
ئەلاخان  پالۋاننى ئالمۇتىنىڭ چېتىدىكى بىر قورۇغا ئورۇنلاشتۇردى. ئەلاخان پالۋان شۇ قورۇدا نازارەت ئاستىدا قورغان سالدى. كېيىن بۇ قورۇ «سۇلتان قورغان» دەپ ئاتالدى .


ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ:

بىرىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چونجىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قۇشۇنلىرى داۋاملىق شەرققە ئىلگىرلەپ تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ. مۇز داۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قۇشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دىگەن يەردىن يولغا چىقىپ، قورغاس دەرياسىغا قىستاپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ. شىمالىي تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ. 20-كۈنى ئىلى قۇشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چىكىندۈرىدۇ. 21-،22-كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت ( ھازىرقى قازاقىستان چىگراسىدا ) گىچە قوغلاپ بارىدۇ. جەنۇبى سەپتە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشمەن قۇشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، 21-كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چىكىندۈرۈلىدۇ. 26-كۈنى ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ، ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.

ئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە قۇشۇنلىرى ئۆز قۇشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمىچىلەرنىڭ باشلىقى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ. بېشىر بەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسى ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى چونجى بىلەن بۇرۇغجىر دىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازىبېكلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ. ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بۇلۇپ، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ.

ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى غۇلجا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر قازاق، تۇڭگان ، موڭغۇل، تاتار ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ. لېكىن تۇڭگان قوماندان تەنشىڭ ئۈلۈمدىن قورقۇپ چىكىنگەنلىكتىن، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كىتىدۇ. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چىڭسىخوزا ( سۈزۈكسۇ ) قولدىن كىتىدۇ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمىچىلەرنى قۇترىتىپ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلار  ئوتتۇرىسىدا مىللىي قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ.
نەتىجىدە ئىچكى جەھەتتە تەسلىمىچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق، قىرغىنچىلىق، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمىپېرىيىنىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بۇلۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ. چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ.

مەرھۇم توقىلەك سەردارنىڭ چەۋرىسىنىڭ بايان قىلىشىچە : «  رۇسلار دەسلەپتە ھەيۋەتلىك ئىلى دەرياسىنىڭ سول قاسنىغى (جەنۇبى) تەرەپتىن ئىلگىرىلەپ، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن رۇسىيە ئىمپىرىيىسى چىگرىسى يېنىدا بارگاھ قۇرۇپ چىدىر تىكىدۇ. روسلارنىڭ قىستاپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان توقىلەك بوۋام 500 كىشلىك قوشۇن تەشكىللەپ ئەڭگىرتىنىڭ (چاپچال ناھىيە جەنۇبىدىكى تاغلىق) ئورمانلىقى ئارقىلىق تۇيدۇرماي تاغ ئارىلاپ، روسلارغا چىدىر تىككەن يېرىدە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ تىرە-پىرەن قىلىۋېتىدىكەن. ئارقىدىن غۇلجىدىن ياردەمگە كەلگەن 700 كىشلىك ئەلاخان ۋە ئابدۇرۇسۇلبەگنىڭ قوشۇنى بىلەن تەڭ رۇسلارنى ئۇزۇنتامغىچە قوغلىۋېتىدىكەن. ئۇ جەڭ ئەينى ۋاقىتتا بەكلا مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان بولۇپ، ھازىرغىچە چاپچال، موڭغۇلكۇرەدىكى چوڭلارنىڭ ئاغزىدا ھىكايە قىلىنىپ كەلمەكتە. بۇ زەربىدىن چۆچۆگەن رۇسلار كېيىن زەمبىرەك ھەم خىل قوشۇن يۆتكەپ كېلىپ، ئىلى دەريانىڭ ئوڭ قاسنىقى، قورغاس تەرەپتىن ئۇدۇل غۇلجىغا تەھدىت سالىدۇ. قىرغىننىڭ ئالدىنى ئىلىشنى ئاساسى مەقسەد قىلغان ئەلاخان سۇلتان روسلارغا ئەل بولىدۇ. ئىلى ۋادىسى ۋاقىتلىق روسلارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. كېيىن مانجۇ خاندانلىقى بىلەن روسلار ئارىسىدىكى شەرتنامىگە ئاساسەن، بىر پۈتۈن ئىلى ۋادىسى قورغاس ۋە خونخاي دەريالىرىنى پاسىل قىلىپ ئىككىگە ئايرىلىدۇ » .

1871 - يىلى 21 - ئىيۇلدا چاررۇسىيە ئىلى سۇلتانلىقىنى ئاخىرقى مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتتى. سۇلتان نائىلاج بارلىق ئىلى ئەسكەرلىرىنى قورالسىزلاندۇرۇپ ئۆي - ئۆيىگە تارقىتىدۇ. رۇسلار ئەلاخان سۇلتاننى ئالمۇتىغا مەجبۇرىي كۆچۈرىدۇ. ئورۇسلار ئىلىنى 10 يىل بېسىپ ياتقاندىن كېيىن، ئەنگلىيە دۆلىتىنىڭ بېسىم قىلىشى ئارقىلىق، قايتا چىڭ ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىدۇ . چۈنكى ئېنگلىزلار ئاللىبۇرۇن
« ئىلى مەسىلىسىنى ئافغانىستان مەسىلىسى بىلەن باغلاپ بولغانىدى » .

شۇڭلاشقا، دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھېچقانداق بىر ئىشنى بىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارىمايلى!
150 يىل بۇرۇن « ئىلى مەسىلىسى بىلەن ئافغان مەسىلىسنى باغلىۋالغان سودىگەرلەر » شۇ تاپتا
« شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قەيەر بىلەن باغلاپ ئۈلگۈردى، باغلاۋاتىدۇ ۋە پات ئارىدا باغلىماقچى بولۇۋاتىدۇ ؟ » يەنە بىر قېتىم « سەزمەي سېتىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتتىق ھوشيار ۋە سەزگۈر بولايلى ! چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكىتىگە دىققەت قىلايلى».

چاررۇسىيە ئارمىيىسىنىڭ ئىلى سۇلتانلىقىغا 3 - قېتىم ئومۇمىي ھۇجۇم باشلىغانلىقىنىڭ 148 يىللىق خاتىرە كۈنى، شۇنداقلا ئىلى سۇلتانلىقى قوشۇنلىرىنى مەغلۇپ قىلىپ، غۇلجا شەھىرىگە بېسىپ كىرىشكە تەييارلانغانلىقىنىڭ 148 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەندى.



پايدىلانغان ماتېرياللار :

مەمتىمىن ھەزرەتنىڭ « خىتاينىڭ زۇلۇم قىلىچى شەرقىي تۈركىستاندىكى قازاقلارنىڭ بېشىدا پۇلاڭلاۋاتقاندا قازاقىستاننىڭ بۇ ھەقتەسۆزلەيدىغان سۆزى يوقمۇ؟» ناملىق يازمىدىن ئۈزۈندە.

ۋېكىپىدىيا

تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسلىرى.

تۈركىستان گوبېرناتورلۇقى تارىخى.

زوزۇڭتاڭ ھەققىدە قىسسە.

ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى يىلنامىسى.

ئىلى - چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ كونكرت ئۇچۇرلىرى شېرىپ خۇشتارنىڭ « شىنجاڭ يېقىقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر » ناملىق كىتابى بىلەن « توقىلەك بوۋام توغرىلىق يېزىلغان كىتاپ » دېگەن تارىخىي ئەسەرلەردىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

ئىزاھات :

ئىلى سۇلتانلىقىغا ئائىت ماي بوياق رەسىملەر
رەسسام ۋاسلى ۋاسلىيېۋىچ ۋېرېشچاگىن (1842 ~ 1904, Васи́лий Васи́льевич Вереща́гин) ئەسلى ئەسكەر بولۇپ، روسىيەنىڭ كۆپ قىسىم كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان.

2019 - يىلى 6 - 30 - ئىيۇن    يەكشەنبە