2021/04/12 02:51

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


1864 - يىلدىكى چوڭ قوزغىلاڭ ھەققىدە قىسقىچە ئەسلىمە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/07 15:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



«  1864 - يىلدىكى بۈيۈك قوزغىلاڭ ھەققىدە»:

1 - ئالتە شەھەردىكى ئومۇميۈزلۈك قوزغىلاڭ:

1864 - يىلى 6 - 7 - 8 - ئىيۇن كۈنلىرى خەلقىمىز كۇچار،ئاقسۇ،  قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەنلەردە مەنچىڭ ئىشغالىيىتىگە قارشى ئومۇميۈزلۈك قوزغالغان بولۇپ، 1759 - يىلدىن بېرى بۇنداق ئومۇميۈزلۈك مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بولۇپ باقمىغان. ئەكسىچە، ئۇچتۇرپان خەلقى 1765 - يىلى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە، قۇمۇل ۋە تۇرپان ۋاڭلىرى تۇرشاۋۇل بولۇپ، مانجۇرلارغا ياردەملىشىپ قانلىق باستۇرغان. 1826 - يىلى جاھانگىر خوجا قەشقەردە مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا،قۇمۇل، تۇرپان، كۇچا ۋاڭلىرىدىن سىرت، ئىلى ۋاڭى بەش مىڭ تارانچىنى پىيادا ماڭدۇرۇپ، ھەر بىرى 50 جىڭدىن ئاشلىقنى ئۆشنىسىگە ئارتىپ، مۇز داۋاندىن كۆپ قېتىم ھالقىپ ئۆتۈپ، ئاقسۇدىكى مانجۇرلارغا نەچچە مىليون كىلوگرام ئاشلىق يەتكۈزۈپ بەرگەن. ئاقسۇ خەلقى ئات - كالىلارنى ئاجرىتىپ، ئاشلىقلارنى ئۇچتۇرپاندىكى مەنچىڭ قوراللىقلىرىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ھېچقانداق قارشىلىق ھەرىكىتى تولۇق غەلىبە قىلالمىغانىدى. بىراق 1864 - يىلى قۇمۇلدىن باشقا ھەممە جايلاردىكى خەلق قوزغىلىپ، قارشىلىق كۆرسەتكەچكە مانجۇرلار ئۆزلىرىنى پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈۋالغان. يۈز يىللىق مانجۇر مۇستەملىكىسى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشقان.1864 - يىلىلا تارىم ۋادىسىدىكى كۇچاردا راشىدىن خوجا خانلىقى، قەشقەردە سىدىق بەگنىڭ خانلىقى، يەكەندە ئۇيغۇر - تۇڭگان دۆلىتى، شەھىدانە خوتەندە ھەبىبۇللاخاننىڭ خوتەن سۇلتانلىقى قاتارلىق  يەرلىك ھاكىمىيەتلەر قۇرۇلغان بولسا، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا تۇڭگان داۋۇت خەلپىنىڭ دۆلىتى، ئىلىدا ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنىڭ غەيرىتىدە ئىلى سۇلتانلىقى قۇرۇلغان. 1867 - يىلىغا كەلگەندە ئىلىدا تارانچى سۇلتانلىقى، تارىم ۋادىسىدا قەشقەرىيە دۆلىتى، ئۈرۈمچى ۋە تۇرپاندا تۇڭگان داۋۇت « دايۈەنشەي» نىڭ تۇڭگان ئىسلام خەلىپىلىكى قېپقالغان. داۋۇت خەلىپە، شۇ يىلى 2 - ئايدا قۇمۇلغا يۈرۈش قىلىپ، ئاۋامغا زۇلۇم سالغان مانجۇرلارنىڭ سادىق  چاكىرى بېشىر چىڭۋاڭنى ئۆلتۈرگەن/ ئۇ شامەخسۇتنىڭ بوۋىسى ئىدى/.
كېيىنچە داۋۇت ھەددىدىن ئېشىپ تارىم ۋادىسىغا كىرىپ، ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلغاندا، كورلىدىكى بەدۆلەت قوشۇنلىرى بىلەن توقۇنۇشقان. نەتىجىدە بەدۆلەت ئۆزى يۈرۈش قىلىپ، 1871 - يىل بېشىدا ئۈرۈمچىنى ئىشغال قىلىپ، داۋۇت خەلىپە / تودېنلىن/نى يوقىتىپ ، ئۇ  ئىگىلىۋالغان تۇرپان، سانجى،ماناس قاتارلىق جايلارنى قايتۇرۇۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن ئۇچراشقان.

2 - ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ قۇرۇلۇشى :

ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ 1864 - يىلى ئۆكتەبىردە ئەمىر ئابدۇرۇسۇل شاغىبەگ تەرىپىدىن تۇنجى ئاساسى سېلىنىشى بىلەن ئىلى خەلقى مەنچىڭ سانغۇن مەھكىمىسى جايلاشقان ئىلى ۋادىسىدا ئومۇميۈزلۈك قوزغىلىدۇ. 1867 - يىلى ئىلى سانغۇنى ئۆلۈۋالغاندىن كېيىن، ئىلى تەۋەسى تولۇق ئازات بولۇپ، خەلق مەزەمزات ھېكىمنى سۇلتان دەپ جاكارلايدۇ. بىراق ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپتىن كەلگەن پوچى مەھمۇد ئىسىملىك خوجا ئالدى بىلەن سۇلتاننى كۈشكۈرتۈپ ئەمىر ئابدۇرۇسۇلنى ئۆلتۈرگۈزىدۇ. ئاندىن سۇلتاننى ئۆلتۈرۈپ ئۆزى سۇلتان بولىدۇ . كېيىنچە ئۇنى موللا شەۋكەت ئاخۇن ئۆلتۈرۈپ، ئۆزى سۇلتان بولىدۇ. سۇلتانلىقتىكى جىددىيچىلىك 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ ھەدەپ زېمىن كېڭەيتىۋاتقان چاررۇسىيىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئاخىرىدا 1870 - يىلى ئەلاخان پالۋان سۇلتان بولغاندىن كېيىن ۋەزىيەت ئەسلىگە كېلىدۇ.

ئەلاخان  پالۋان سۇلتانلىق تەختىگە چىققاندىن كىيىن ھەردەرىجىلىك ئەمەلدارلارنى تەيىنلەيدۇ. جۈملىدىن موللا توختى ئاخۇننى ئەمىرلىككە كۈتۈرىدۇ. كىيىن ئەلا سۇلتان بىلەن موللا توختى ئاخۇن ئوتتۇرىسىدا ئۇقۇشماسلىق يۈز بېرىدۇ. ئەخمەتخان غوجا( ئىلىدىكى چوڭ غوجا ) بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ سۇلتانغا قارشى توپىلاڭ كۈتۈرىدۇ. لېكىن توپىلاڭ تېزلىكتە بېسىقتۇرۇلىدۇ. ئەخمەتخان غوجا بىلەن موللا شەۋكەت ئاخۇن خۇيزۇئاتامانى ياگۇرنىڭ قېشىغا قېچىپ بېرىۋالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان ياگۇر ئىلىنىڭ ھاكىمىيەت ھوقۇقىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىدىكى داۋۇت خەلپە بىلەن ئالاقە باغلاپ ئۇنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. ھەمدە ئەلاخان سۇلتاننىڭ مۇرەسسە قىلىشىنى رەت قىلىپ، ئۇرۇش قوزغايدۇ. نەتىجىدە ئەلاخان بىلەن ياگۇرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ھوقۇق تالىشىش كۈرىشى ئۇيغۇرلار بلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدىكى مىللى قىرغىنچىلىققا ئايلىنىدۇ. ئۇرۇشتا ياگۇر مەغلۇپ بۇلىدۇ، موللا شەۋكەت ئاخۇن بىلەن، ئەخمەتخان غوجا ئۆلتۈرۈلىدۇ.
ئەلاخان سۇلتان ياگۇر ئۈستىدىن غەلبەقىلغاندىن كېيىن چارروسىيە ھۆكۈىمتىنىڭ تەھدىتىگە دۇچ كېلىدۇ. چارروسىيە ھۆكۈمىتى دەسلەپ تېكەسكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىدۇ. ئىلى سۇلتانلىقى بۇنىڭغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىدۇ. چارروسىيە 1869-يىلى چوڭ مازارغا ئەسكەر كىرگۈزىدۇ. 1870-يىلى 6-ئايدا تېكەسكە ئىككىنچى قېتىم ئەسكەر كىرگۈزۈپ پاراكەندىچىلىك سالىدۇ. شۇيىلى 9-ئايدا مۇز داۋاننى بېسىۋېلىپ، ئىلى سۇلتانلىقىغا يولسىزتەلەپلەرنى قۇيىدۇ. ئىلى سۇلتانلىقى بۇنداق يولسىز تەلەپلەرنى رەت قىلىدۇ ۋە مۇزداۋانغا ئەسكەر ئەۋەتىدۇ. ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ بۇنداق قاتتىق پۇزۇتسىيەسى چارروسىيىنىڭ قارا نىيىتىنى تېخىمۇ ئاشكارلايدۇ. جۈملىدىن 1871-يىلى 2-ئاينىڭ 22-كۈنى ۋە 3-ئاينىڭ14-كۈنى ئىككى قېتىم يىغىن ئېچىپ، ئىلىغا تاجاۋۇز قىلىشنى رەسمى قارار قىلىدۇ ھەمدە كالپاكوۋىسكىيىنى باش قوماندانلىققا تەيىنلەيدۇ بۇچاغدا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ باشقا جايلىرىغا ئوخشاشلا قازاق دالاسىدا چارروسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى قوزغىلاڭ كۈتۈرۈلۈپ، چارروسىيە قۇشۇنلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلىدۇ. قازاق ئاتامانى تازبېك ئالبان قەبىلىسىنى باشلاپ ئىلىغا كېلىپ پاناھلىنىدۇ. ئەلاخان سۇلتان ئۇلارنى توققۇز تارا تەۋەسىگە ئۇرۇنلاشتۇرىدۇ. چارروسىيە دائىرىلىرى ئىلى سۇلتانلىقىدىن تازبېكنى چارروسىيىگە قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. ئىلى سۇلتانلىقى تەلەپنى رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى سۇلتان ئەلاخانغا « ئەگەر سىلەر تازبېكنى تۇتۇپ بېرىشنى خالىمايدىكەنسىلەر، ئۇ ھالدا ساڭا ۋە سېنىڭ خەلقىڭگە پايدىسىز بۇلىدۇ. بىز سىلەرگە ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىپلا قالماي، چۇقۇم سىلەرنىڭ يۇرتىڭلارنىمۇ ئىشغال قىلىۋالىمىز » دىگەن مەزمۇندا نوتا تاپشۇرۇپ تەھدىت سالىدۇ. لېكىن ئەلاخان سۇلتان بۇنىڭغا پىسەنت قىلمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئىلىغا قارىتا تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغايدۇ. ئۇرۇش ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى چونجىنى بېسىۋالغان چارروسىيە قۇشۇنلىرى داۋاملىق شەرققە ئىلگىرلەپ تېكەسكە ھۇجۇم قىلىدۇ. مۇز داۋاننى بېسىپ ياتقان چارروسىيە قۇشۇنلىرى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىنى بويلاپ كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىدا 5-ئاينىڭ 18-كۈنى چارروسىيە ئەسكەرلىرى ئۆزلىرى بېسىۋالغان بۇرۇغچىر دىگەن يەردىن يولغا چىقىپ، قورغاس دەرياسىغا قىستاپ كىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن چارروسىيىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى جەنۇپ ۋە شىمالدىن ئىبارەت ئىككى سەپ شەكىللىنىدۇ. شىمالى تەرەپتە چارروسىيە ئەسكەرلىرى 5-ئاينىڭ 19-كۈنى مازارنى بېسىۋالىدۇ. 20-كۈنى ئىلى قۇشۇنى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى قورغاسقا چىكىندۈرىدۇ. 21-،22-كۈنلىرى دۈشمەننى ئاقكەنت ( ھازىرقى قازاقىستان چىگراسىدا ) گىچە قوغلاپ بارىدۇ. جەنۇبى سەپتە 5-ئاينىڭ 19-كۈنى دۈشمەن قۇشۇنىغا قاتتىق زەربە بېرىلىپ، 21-كۈنى قىرىق ئاسۇۋ سۈيىگە چىكىندۈرۈلىدۇ. 26-كۈنى ئىلى ئارمىيىسى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، دۈشمەنگە قاتتىق زەربە بېرىپ، 28 - ماي ئۇرۇشنىڭ دەسلەپكى غەلبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ : چارروسىيە قۇشۇنلىرى ئۆز قۇشۇنلىرىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىلى سۇلتانلىقىدىكى تەسلىمىچىلەرنىڭ باشلىقى بېشىر بەگنى سېتىۋالىدۇ. بېشىر بەگ ئىلى ئارمىيىسىنىڭ مەخپىيىتى ۋە باشقا ئىچكى سىياسى ئەھۋاللارنى چارروسىيىگە يەتكۈزۈپ بېرىدۇ ھەمدە ئىچكى جەھەتتە بۆلگۈنچىلىك ھەركەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 16-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى چونجى بىلەن بۇرۇغجىر دىن بىرلا ۋاقىتتا كەتمەنگە ھۇجۇم قىلىدۇ. ئۇرۇش ئىنتايىن كەسكىن بۇلىدۇ. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشقا ئىلى سۇلتانى ئەلاخان ھەم تازبېكلەرمۇ بىۋاستە قاتنىشىدۇ. ، لېكىن ئىلى ئەسكەرلىرى مەغلۇپ بۇلۇپ، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى كەتمەن قولدىن كېتىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ : 1871-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى غۇلجا شەھرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ. بۇ چاغدا ئىلىدىكى ئۇيغۇر قازاق، خۇيزۇ، موڭغۇل، خەنزۇ، شىبە قاتارلىق مىللەتلەردىن 4 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم تەشكىللىنىپ، چارروسىيىگە قارشى سەپ تۈزىدۇ. لېكىن قوماندان تەنشىڭ ئۈلۈمدىن قورقۇپ چىكىنگەنلىكتىن، قورغاسقىچە بولغان يەرلەر قولدىن كىتىدۇ. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى چىڭسىخوزا ( سۈزۈكسۇ ) قولدىن كىتىدۇ. 7-ئاينىڭ 1-كۈنى چارروسىيە قۇشۇنلىرى سۈيدۈڭگە ھۇجۇم قىلىدۇ ھەمدە تەسلىمىچىلەرنى قۇترىتىپ، خەلق ئارىسىغا بۆلگۈنچىلىك سېلىپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خۇيزۇلار ئوتتۇرىسىدا مىللى قىرغىنچىلىق پەيدا قىلىدۇ. موللا بىلال « غازات دەر مۈلكى چىن » دا تۇڭگانلارنىڭ خائىنلارچە قىلمىشلىرىنى ئەلەم بىلەن تىلغا ئالىدۇ.
ئىچكى جەھەتتە تەسلىمىچىلىك، ئىتتىپاقسىزلىق، قىرغىنچىلىق، تاشقى جەھەتتە كۈچلۈك ئىمپېرىينىڭ تاجاۋۇزى ئاستىدا ئەلاخان سۇلتان تەسلىم بۇلۇشقا مەجبۇر بۇلىدۇ. 4 - ئىيۇل ئەلاخان سۇلتان غۇلجىدىن سۈزۈكسۇغا چىقىپ، سۈلھى تەلەپ قىلىدۇ. 5 - ئىيۇل چارروسىيە ئىلىنى قوراللىق بېسىۋالىدۇ. 1871-يىلى چارروسىيە ھۆكۈمىتى ئەلاخان سۇلتاننى ئائىلىسى بىلەن چارروسىيگە ئېلىپ كىتىدۇ. سۇلتان ئۇبۇلئەلاخان ئۈچ يىل روسىيە تەۋەسىدە تۇرغاندىن كىيىن روسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ روخسىتىنى ئېلىپ غۇلجا شەھرىگە قايتىپكىلىدۇ ۋە 1874-يىلى ۋاپات بۇلىدۇ. ئۇنىڭ جەسىتى غۇلجا شەھرى ئىچىدىكى « تېرەك بۈزرۈكۋار » غا قۇيۇلىدۇ.
چارروسىيە ئىلىنى بېسىۋالغاندىن كىيىن ئىلى دەرياسىنى پاسىل قىلىپ ئىككى رايۇن تەسىس قىلىدۇ. ھەمدە غۇلجا شەھرىنى شىمالى رايۇننىڭ مەركىزى، قاينۇقنى جەنۇبى رايۇننىڭ مەركىزى قىلىپ بەلگىلەپ، ئىككى رايۇندا 14 بولۇش تەشكىل قىلىدۇ. بېشىر بەگنى ھاكىم قىلىپ تەيىنلەيدۇ. ھەرەمباغ ۋە سايبويى مەھەللىسىدە ھەربى گازارما قۇرۇپ، رەسمىي مۇستەملىكىچىلىك ئىمپىرىيالىستىك ھەربىي ئىستىبدات ھۆكۈمرانلىقىنى تىكلەيدۇ.
1877-يىلى ياقۇپبەگ ھاكىمىيىتى يوقىتىلغاندىن كىيىن، چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ، خەلقنىڭ بېسىمى ۋە زوزۇڭتاڭ باشچىلىقىدىكى ھەربى گۇرۇھنىڭ چىڭ تۇرۇشى بىلەن، ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن چارروسىيە ھۆكۈمىتى بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىدۇ. 1878-يىلى 12-ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى چىڭ خۇنى سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ روسىيىگە ئەۋەتكەن بولسىمۇ نەتىجە چىقىرالمايدۇ. 1880-يىلى يەنە چىڭ ھۆكۈمىتى زىڭ جىنى چارروسىيىگە سۆھبەت ۋەكىلى قىلىپ ئەۋەتىدۇ. ئىككى يىل سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق 1881-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى « جۇڭگو روسىيە ئىلى شەرتنامىسى » ئىمزالىنىدۇ. بۇ تەڭسىز شەرتنامىگە ئاساسەن قورغاس دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى رايۇنلار چارروسىيىگە بۈلۈپ بېرىلىدۇ. ئىلىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بەدىلىگە 9 مىليۇن رۇبلى تۆلەم تۆلىنىدۇ. لېكىن، چارروسىيە ھۆكۈمىتى چىڭ ھۆكۈمىتىگە مەجبۇرى تاڭغان تەڭسىز شەرتنامىدا « تەڭرىتاغنىڭ ئاساسى غول ئومۇرتقىسى چىگرا سىزىقى قىلىنىدۇ » دەپ ئۇچۇق كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا چىگرا سىزىقنىڭ جەنۇبىدىكى گۈڭگۈرتلىك تاغنى ئىشغال قىلىۋالىدۇ.

3 - قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تەقدىرى :

بەدۆلەت 1867 - يىلى ئىيۇلدا راشىدىن خوجىنى يوقاتقاندىن كېيىن، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
1870 - يىلى ئۆزى بىۋاستە قوشۇن تارتىپ، ئاچكۆز ۋە ھىلىگەر داۋۇت خەلىپىنى يوقىتىپ، 1871 - يىلى تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغان. ماناس ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى بولۇپ قالغان.
1873 - يىلى ماناسنى زوزۇڭتاڭدىن قېچىپ كەلگەن بەيياڭخۇغا تاپشۇرغان. يەرلىك تۇڭگانلار نارازى بولۇپ، 1876 - يىلى زوزۇڭتاڭغا تەسلىم بولغان. بەيياڭخۇ مانجۇرلارغا قارشى تۇڭگانلارنى باشلاپ، قاراشەھەرگە چېكىنىپ، بەدۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە كوماندىرى بولغان. 1877 - يىلى ماي ئاخىرىدا بەدۆلەت قازا قىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ بىلەن سوقۇشقاچ چېكىنىپ، شۇ يىلى دېكابىردا بەدۆلەتنىڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن قوقانغا قېچىپ كەتكەن. زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان . بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە غايەت زور ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881 - يىلى 24 - فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە ، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884 - يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

1864 - يىلدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپنىڭ 155 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلدى.

سايرام ئوغلانى 

پايدىلانغان ماتېرياللار :

ۋېكىپىدىيا

تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسلىرى.

تۈركىستان گوبرناتورلۇقى تارىخى.

زوزۇڭتاڭ ھەققىدە قىسسە.

بەيياڭخۇنىڭ تەرجىمىھالى 

چىڭ خاندانلىقىنىڭ تۇڭگانلارنى تىنجىتىشى.

ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى يىلنامىسى.

ئىلى - چاررۇسىيە ئۇرۇشىنىڭ كونكرت ئۇچۇرلىرى شېرىپ خۇشتارنىڭ « شىنجاڭ يېقىقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر » ناملىق كىتابىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى.

2019 - يىلى 6 - 7 - ئىيۇن     جۈمە