2021/04/13 03:20

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت1 2 3 ... 10
2

ئاقىلغا ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز : جاھان كۈچلۈكلەرنىڭ بولۇۋاتىدۇ . پەقەت كۈچلۈكلەرلا خالىغىنىنى قىلىدۇ :

« قورالى بار غازى پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان . قورالى يوق دەرۋىش پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى قولىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن » . نىكوللو ماكياۋېللى.   

ئوخشاش ئۇرۇنۇشلار : ئەقسا مەسچىتى ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سالماق ، موزىينى مەسچىتكە ئۆزگەرتمەك، بابۇر مەسچىتىنى چېقىپ بۇتخانا سالماق ، ھېيتگاھنى چېقىپ ، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سالماق :

1 . جامەگە ئايلانغان ئاياسوفىيا ۋە بۇتخانىغا ئايلانغان بابۇر جامەسى :

2015 - يىلدىن بېرى پات - پات چوقان كۆتۈرۈش ئارقىلىق 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل تۈركىيە رەسمىي ھالدا ئۆز ئىلكىدىكى ئاياسوفىيا مۇزېيىنى قايتىدىن مەسچىتكە ئايلاندۇردى . نەتىجىدە 538 - يىلدىن 1453 - يىلغىچە 915 يىل بارچە شەرقىي مەزھەپ خىرىستىئانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئاياسوفىيا چېركاۋى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ قىبلىسى موسكۋادىكى ماروژنا چېركاۋغا كۆچتى. ئۇدا 481 يىل مەسچىت ھالىتىدە قالغان ئاياسوفىيا 1934 - يىلى 24 - نويابىردا مۇزېيخانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئەنگلىيە پادىشاھى قاتارلىق ئەرباپلار قەدەم تەشرىپ قىلىپ قىزغىن تەبرىكلىدى . 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل 1934 - يىلدىكى قارار بىكار قىلىنىپ ، 24 - ئىيۇل 86 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلدى .

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى پۈتتۈرۈلگەن بابۇر مەسچىتى 1992 - 1999 - يىللىرى ھىندىلار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقا ئۇچرىدى . سەۋەبى ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ باميان ناملىق بۇتنى بومباردىمان قىلىپ چېقىپ تاشلىغىنى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىندىلارنىڭ خۇداسى بولغان كالىنى ئۆلتۈرۈپ يېيىشى ئىدى . تالىباننىڭ ھېچنىمىگە پۇتلاشمايدىغان بۇتلارنى چېقىۋېتىشى بىلەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئېغىر كۈندە قالدى . ئۇلار شۇندىن بېرى ھىندىلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ۋە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ تۇردى . ھىندىلار يەنە خۇددى ھازىرقى ئىسرائىلىيە توقۇغاندەك سەپسەتىدىن بىرنى توقۇپ ، بۇ جايدا ئەسلى مۇقەددەس بۇددا ئىبادەتخانىسى بار ئىدى . ئۇنى مەھمۇد غەزنەۋىدىن بابۇرشاھقىچە ئۆتكەن تۈرك - ئىسلام ھۆكۈمرانلىرى يوق قىلىپ ، ئۈستىگە مەسچىت سالغان دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئالىي سوتقىچە سۇنۇشتى . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى 2019 - يىلى 9 - نويابىر ئەمەلگە ئاشتى . شۇ كۈنى سوت مەسچىت جايلاشقان ئورۇننى ھىندىلارغا بۆلۈپ بەردى . يەنە شۇ يىلى 4 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ ، كەشمىر بىۋاستە يېڭى دېھلىغا قاراشلىق جايغا ئايلاندى . ئاقىۋەت ھىندى بايلار سەلدەك يامراپ كېلىپ ، بۇ جايدىن مۇقۇم ئۆي - مۈلۈك ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى . 2020 - يىلى 4 - ئاۋغۇست باش ۋەزىر مودى ئۆزى مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان بۇتخانىغا ئابىدە - ئۇلتاش قويۇپ بەردى . 500 يىللىق مەسچىت ئۈن - تىنسىز يوقىلىش باسقۇچىغا كىردى .

بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىي چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق .

2 . ئەقسا مەسچىتىنى چېقىپ تاشلاپ سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىش ۋە ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سېلىش ئۇرۇنۇشى :

مىلادىدىن بۇرۇنقى داۋۇت - سۇلايمان دەۋرىگە ئائىت ئىبادەتخانا مىلادى 70 - يىلى رىم ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن توزۇپ يوقالدى .
620 - يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ئاسمانغا سەپەر قىلغاندا مۇشۇ ئېرۇسالىمدا توختاپ ، بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى بىلەن تېپىشىپ ، ئوپچە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ، شۇ جايدىن ئاسمانغا قاراپ يول ئالغان . 640 - 642 - يىللىرى مىسىر ۋە پەلەستىن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى قۇددۇسقا بېرىپ ، شەھەرنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ ، بارچە دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يېرىگە كېلىپ ، بۇ قايسى جاي دەپ سورىغاندا ، خەۋەردار ساھابىلەر بۇ يەرنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ناماز ئوقۇپ ، ئاسمانغا چىققان يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان . خەلىپە ئۆمەر بۇ جايغا بىر مەسچىت سالدۇرغان . كېيىنچە خەلىپە ئابدۇمەلىك ئىسرا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن « قۇببە ساخرا » نى ياساتقان . شۇندىن بېرى تاكى 1097 - يىلغىچە مەسچىت شۇ پېتى تۇرغان . ئەمما شۇ يىلدىن 1187 - يىلغىچە داۋام قىلغان ئەھلى سەلپ ئىشغالىيەت دەۋرىدە مەسچىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، ئىچىدىكى بارلىق تەۋەررۈك نەرسىلەر يوق بولغان . 1187 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇددۇسنى قايتۇرۇۋالغان سۇلتان سالاھىددىن قايتىدىن مەسچىتنى چوڭ رېمونت قىلدۇرغان . شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسچىت تاكى 1917 - يىلى 9 - دېكابىر ئەنگلىيە ئىشغال قىلغان كۈنگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ( ئەييۇبىلار ، مەملۇكىلار ، ئىلخانىلار ، ئوسمانىلار ) قولىدا تۇرغان . 1947 - يىلغىچە ئەنگلىيە - ئەرەب بىرلەشمە قىسمى قوغداپ تۇرغان .
1948 - يىلى 14 - ماي ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان . ئەتىسى تۇنجى ئەرەب - ئىسرائىل ئۇرۇشى باشلانغان . كېيىنكى يىلى ئۇرۇش توختىغان . پەلەستىن 1947 - يىلى ب د ت بۆلگەن لايىھەنى رەت قىلىپ ، دۆلەت قۇرمىغان . ئەمما يەھۇدىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالغان . 1956 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە - ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى 2 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىغان . نىشان مىسىر بولغان . ئەمما ئامېرىكا بېسىم قىلىپ ، ئۈچ دۆلەت سىناي يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئەنگلىيە دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، ئامېرىكا دەۋرى باشلانغان . 1967 - يىلى 5 - ئىيۇندىن 10 - ئىيۇنغىچە ئىسرائىلىيە بىرلا ۋاقىتتا سۈرىيە، ئىئوردانىيە ، لىۋان ، پەلەستىن ۋە مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغاپ ، بەش كۈن ئىچىدىلا لىۋاننىڭ جەنۇبىنى ، سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى ، ئىئوردانىيەگە تەۋە غەربىي قىرغاقنى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان . ئەرەب ئەللىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ نومۇستا قالغان . شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇددۇسنى ئىشغال قىلىپ ، ئەقسا مەسچىتىنى قولغا ئالغان ئوڭقانات كۈچلەر ۋە ئاشقۇن دىنىي كۈچلەر دەرھال 280 مىڭ تاختايغا تەۋرات تېكسىتلىرىنى باستۇرۇپ ، كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى سۇلايمان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن . 1968 - يىلى بىر يەھۇدى ئەقسا مەسچىتىگە ئوت قويۇۋەتكەن. مەسچىت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . 53 يىلدىن بېرى ئاشقۇن كۈچلەر ۋە كونسېرۋاتىپلار ئىزچىل بۇ مەسچىتنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ كەلدى . ھەتتا ئەقسا مەسچىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر تۆپىلىككە سۇلايمان ئىبادەتخانىسى مۇزېيى قۇرۇپ ، يەھۇدى بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئاشۇ مەسچىتنى چېقىۋېتىپ ، ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىشنىڭ تولىمۇ شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈپ ماڭدى . سەبىي بالىلار ھەر كۈنى كۆز ئالدىدىكى ئىبادەتخانا مودېلىغا ۋە سىرتتىكى مەسچىتكە قارىسىلا ، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئىستەك يالقۇنجاپ تۇرىدۇ .

ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىلىرى:

1759 - يىلى ۋەتىنىمىز مەنچىڭ باندىتلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ، جاي - جايلاردا بۇددا ئىبادەتخانىلىرى سېلىنىپ ، قۇمۇلدىن قەشقەرگە كەلگىچە ۋاڭ - گۇڭلارنىڭ ھەيكەللىرىگە تازىم قىلماي ئۆتۈشنى مەنئىي قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئېغىر ھاقارەت قىلىندى . 1878 - يىلى خىتايلاشقان مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتىدىن يۇتۇۋېلىپ، بەدۆلەتنىڭ جەسىتىنى ھېيتگاھ مەيدانىدا چېپىپ كۆيدۈرۋەتكەندىن كېيىنلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى تاقىۋېلىپ ، ئۇنى زورلاپ بۇتخانىغا قىلىۋالغان . ئۇلار بۇ قېتىم ۋەتىنىمىزنى تۇنجى قېتىم يۇتۇۋالغان چيەنلوڭنىڭ « بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى يۈز مىڭ لەشكەرگە تېتىيدۇ » دېگەن تەلىماتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان . ئەمما قەشقەر خەلقى قوزغىلىپ كېتىپ ، ئۆلىمالار ئارىغا چۈشكەندىن كېيىن ، چاررۇسىيەنىڭ ھەربىي بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ليۇ جىنتاڭ ھېيتگاھتىكى ئالتۇن بۇتنى ياندىكى بىر باينىڭ قورۇسىغا يۆتكەپ چىقىپ كەتكەن . ئاۋام بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل يىغىش قىلىپ ، مىڭ تەستە خىتاي ليۇ جىنتاڭنى بۇ ئىشقا قايىل قىلغان .

1913 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر خەلقىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەسەتخور موللىلاردىن پايدىلىنىپ ، ھەدەپ مەسچىت سالدۇرۇپ ، ئۆز ئارا دۈشمەنلىكى بار چالا موللىلارنى بىر يەرگە خىزمەتكە قويۇپ ، ئاۋامنى شۇلارنىڭ قولى بىلەن باشقۇرغان . بۇنىڭ تەسىرى بەكلا يامان بولغان . بۇنى تولۇق ھېس قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلى زۇنۇننىڭ
« قوش مەسچىت » ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇڭ .
1937 - يىلدىن 1947 - يىلغىچە جاللات شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ تالاي مەسچىتلەرنى تاقاپ ، ياكى شۆتاڭغا ئۆزگەرتىپ ، ھەدەپ ئاتالمىش ئالتە بۈيۈك سىياسەت بىلەن ئۈچ مەسلەكنى تەشۋىق قىلىدىغان پارتىيە مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى ئۆلتۈرۈلگەن دىنىي ۋە مىللىي سەرخىللارلا 125 مىڭ كىشىدىن ئاشقان . ئادەتتىكى ئاۋامدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھېلىھەم ئېنىق ئەمەس .

1949 - يىلى ھازىرقى قىزىل خىتايلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ئۆلىمالار بىلەن بايلارنى تۈپتىن يوقىتىپ ، خەلقنى سەركىسىز قالدۇرۇپ ، ئارقىدىنلا ئۆزىگە ھەمكارلاشقان مىللىي كادىرلارنىمۇ تازىلاپ ، مىللىي ئارمىيەنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ، يۈرەكلىك ھالدا 1957 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مىللىي سوت ۋە مىللىي تەپتىشنى ( مەھكىمە شەرئى ) ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، 1966 - يىلدىن باشلاپ 1979 - يىلغىچە ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان . پەقەت ئازغىنە دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىق تەسىرى بار مەسچىتلەر تاقاپ قويۇلغان . ياكى ئىسكىلاتقا ئايلاندۇرۇلغان .

2017 - يىلى خەلقىمىز جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە مىليونلاپ قامالغاندىن كېيىن ، بوش قالغان بارچە مەسىچتلەرنى چېقىپ تاشلاپ ، يەنىلا بىر قىسىم ۋەكىللىك مەسىچتلەرنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان . چېقىلغان مەسىچتلەر ئورنىغا يا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى يا ئىشغالچى باندىتلارنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى قۇرۇلغان . چېقىلمىغان مەسچىتلەرمۇ يا قاۋاقخانا يا كىيىم تىككۈچى ئورۇنلارغا ئايلاندۇرۇلغان . ھەر بىر مەكتەپتە كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن . 1949 - 1976 - يىللىرى خەلقىمىز جاللات ماۋنىڭ ھەيكىلىگە تازىم قىلىشقا مەجۇرلانغان بولسا ، ئەمدى بالىلار شۇ ھەيكەللەرگە باش ئۇرۇشتىن سىرت ، خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە گەپ قىلىش ، خىتايچە غىزالىنىش ، ھەتتا خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلانغان . 2020 - يىلى 5 - ئىيۇلغا ئۈلگۈرتۈپ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا كۇڭزى ھەيكىلى تىكلەندى .

ھىندىستاننىڭ 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ ، يېڭى دېھلىغا باغلىۋالغىنىدىن ئىلھاملانغان خىتايلار 2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىنى پېكىنگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئاشكارىلىغان ( ھازىر مۇزاكىرە باسقۇچىدا ). تۈنۈگۈن چېقىلغان بابۇر مەسچىتى ئورنىغا ، بۈگۈن ھىندى ئىبادەتخانىسى سېلىنىش ئۈچۈن لېنتا كېسىلدى . يەنە ئەزمىلىك قىلىپ ، ئۆز ئارا ئېغىز ئۇرۇشى قىلىپ ، پەسلىشىپ يۈرسەك ، ئەتە قەشقەر ھېيتگاھ ئورنىغا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى،
ھەسسۇلتان مازىرى ئورنىغا چىن شىخۇاڭنىڭ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ئورنىغا خەن ۋۇدىنىڭ، ئۇۋەيسخان مازىرىغا چيەنلوڭنىڭ ، سەئىدخان مازىرىغا ئىپلاس ماۋ ، ياكى قايسىبىر ۋاڭنىڭ خاتىرە سارىيى سېلىنىدۇ خالاس ....

خۇلاسە شۇ بولدىكى ، ئۇيغۇرلار پەقەت ۋە پەقەت كۈچلۈك بولۇشقا مەجبۇر . باشقا ھېچقانداق ھالەت بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ .
بىز گەپنى بەك جىق قىلىۋەتتۇق . ئەمما يەنىلا ئەمەلىي ئىشتىن ئەسەر يوق . قىلىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلاردىن پۇتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپ . بۇ ھالدا ۋەتىنىمىز ، خەلقىمىز ، بارچە تەۋەررۈكلىرىمىزغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولالامدۇق ؟!!

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست.  غەزەپلىك چارشەنبە.
3

رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەسىرى ھەققىدە :

1 . پۇتىن موڭغۇلىيەدە نېمىش قىلىۋاتىدۇ ؟!

تۇنجى قېتىملىق رۇسىيە - موڭغۇلىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى « سېلىنگا 2020 » قىزىپ  كەتتى :

بۇ يىل 8 - ئىيۇل رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تەستىق سالغان رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . باندىتلار شۇ كۈنىلا چوقان كۆتۈرۈپ ، مەزكۇر كۈچلۈك ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ دەل ئۆزلىرىنى نىشانلىغانلىقىدىن قاقشاپ كەتكەن ئىدى . ئۇنداقتا رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلانغان ؟! ئورۇسلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلاپ داۋام قىلغان ؟!

2 . ئورۇس - موڭغۇل مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسىرى راۋاجلىنىشى :

ھەممىگە مەلۇمكى ، چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم شاھلىقىنى يوقىتىپ ، دەشتى قىپچاقتىكى كۆچمەن قەۋملەرگە ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل قوشۇنى 1223 - يىلى ئىيۇندا ئورۇسلارنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلغان .

1223 - يىلى 31 - ماي جەبە بىلەن سۇبوتاي باشچىلىق قىلغان قوشۇن ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كالكا دەرياسى بويىدا جەڭ قىلغان . چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئىككى يىل ئۇدا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، شاھزادە جالالىددىننى ھىندىستانغا ، قالدۇق قوشۇنلارنى ئىرانغا ، قىپچاق قەبىلىلىرىنى قارا دېڭىز بويلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئىككى نويان دەشتى قىپچاقنى كېسىپ ئۆتۈپ قىپچاق بەگلىرىگە ھوجۇم قىلىشقا كەلگەندە بىزدىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن . ئەمما موڭغۇللار ئارىسىدىكى تۈركىي چەۋەندازلار ۋە كاماندازلارغا تايىنىپ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان 1236 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تۇنجى ئورۇس خانلىقى 1239 - يىلى يوق قىلغان . 1240 - يىلى پۈتۈن ياۋروپا ۋەھىمىدە قالغان .

1223 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر - تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە ،  كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش  ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن . 1236 - يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار  ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 - يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان . 1238 - يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 - يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ ، 1241 - يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان . ئارقىدىنلا غەربىي ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن .

1241 - يىلى 9 - ئاپرىل تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇرشاۋۇل قىلغان موڭغۇل قوشۇنى باغدار نوياننىڭ باشچىلىقىدا ھېنرى باشچىلىقىدىكى پولشا - گېرمان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، غەربىي ياۋروپاغا كىرىشتىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان . غەزەپلەنگەن كاتولىك دۇنياسى موڭغۇللارغا ئەل بولغان ئورۇسلارنى باش جىنايەتچى ، موڭغۇللارنى كاتولىك دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن مىللىي مۇناپىقلار دەپ قاراپ ، گېرمان ئەھلى سەلپ ئارمىيىسى قۇرۇپ ، ئورتودوكۇس مەزھىپىدىكى ئورۇسلارغا دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان . بىراق 1242 - يىلى مۇز كۆل ئۈستىدە ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەر ياروسلاۋ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قاغان ئۆگەدەيخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈپەيلى ، باتۇخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن . يۇقىرىقى ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسىمۇ باتۇخاننى چېكىنىش قارارى بېرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن . چۈنكى ئەگەر ئىسكەندەر خائىنلىق قىلىپ ، ئېتىل ۋە ئۇرالنى بېسىۋالسا، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شەرق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالاتتى . شۇڭا باتۇخان تېزلىكتە ئۇرال ۋە ئېتىل بويىغا قايتىپ كېلىپ ، بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا ئەسكەر قويغان . ئەپسۇس ، ئۇنىڭغا قايتا غەرپكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولمىغان . بەلكى ئۇنىڭ جىيەنى ھىلاكۇخان ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن قان ئىچەر قوشۇن تەشكىللەپ ، ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلغان . چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان جەڭگىۋارلار موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئۇلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىشقا قارشى ئىدى .
1242 - يىلى پولشانى ئېلىپ ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان .ئىسكەندەر تاكى 1260 - يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان .

قاراقۇرۇمغا قايتىش ياكى ياۋروپانى تولۇق بويسۇندۇرۇش ، ئىسكەندەرنى يىغىشتۇرۇش ياكى چېقىلماسلىق ھەققىدە باتۇخان كېڭەش چاقىرىدۇ . كېڭەشتە سۇبۇتاي ۋە چىڭگىزخاننىڭ سادىق نۆۋكەرلىرى بىردەك ئۇنىڭ « ئاخىرقى دېڭىزغىچە ئىشغال قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش » نى تەشەببۇس قىلغان.
سوبۇتاي ئارقىدىن بۇ ۋەسىيەتنىڭ شەرقتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ئەمدى غەرپتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇراھمان ۋە خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرمۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىشنى قوللىغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھىلاكۇ ۋە تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان باتۇخان قايتىشقا مايىل بولغان . چۈنكى ئۇ ھازىر چىڭگىزخان جەمەتى ئىچىدىكى ھەم ياشتا ھەم مەرتىۋىدە يۇقىرى خان بولۇپ ، چوڭ قاغاننى ۋە چاغاتاي خانىنى سايلاش ئىشى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . ئورتاق قارارغا كېلەلمىگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئايرىلىشنى توغرا تاپتى .

سوبۇتاي ئىسكەندەر ھەققىدە :« سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاس بالىسى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەمما ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تاغقا چىقىۋېلىپ ، تىرناق ۋە سۆڭەكلىرى قېتىۋالسا ئۇ چاغدا زور بالا - قازاغا ئايلىنىدۇ » دەپ باتۇخاننى ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ئىسكەندەر باتۇخانغا قىلچە سەمىمىيەيسىزلىك قىلمىغاچقا، باتۇخان ئىسكەندەرگە جازا يۈرۈشى قىلشىنى توغرا كۆرمىگەن . سۇبۇتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئىنتىقامچى ئابدۇراھمان ۋە باشقا مۇسۇلمان - تاتار جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ياۋروپادا قېپقالغان . باتۇخان ئابدۇراھماننى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق نائىپ خان ، يېسۇنوغاينى سۇباشى ، سۇبوتاينى باش مۇشاۋۇر قىلىپ قالدۇرۇپ ، ئۆزى قاغان سايلاش ئۈچۈن قارا قۇرۇمغا قايتىپ كەتكەن .

ئۆگەدەيخان 1241 - يىلى 12 - دېكابىر ئۆلگەندىن كېيىن ...

ئۆگەدەيخان ئۆلۈپلا ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۈركىنا خوتۇن ئۇدا بەش يىل موڭغۇل قاغانلىقىنى باشقۇرۇپ ، ئاندىن تەختنى ئوغلى كۆيۈكخانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1246 - يىلى 25 - ئاۋغۇست كۆيۈكخان رەسمىي قاغان قىلىپ سايلاندى . بىراق بۇ كالۋا كۆيۈكخان تاغىسى باتۇخانغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ ، 1248 - يىلى ئالتۇن ئوردىغا جازا يۈرۈشى قىلىش يولىدا ئۆلدى . ئاقىۋەت باتۇخان قاغانلىقنى ئۆگەدەي جەمەتىنىڭ قولىدىن تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا ئېلىپ بەردى . 1251 - يىلى باتۇخان كۆيۈكخاننىڭ خوتۇنى ئوغۇل قايمىشنى يوقىتىپ ، تولۇينىڭ ئوغلى مۆڭكۈ( مەڭگۈخان ) نى قاغان قىلدى . مەڭگۈخان ئىنىسى ھىلاكۇنى ئالامۇت قورغىنى ، ئابباسىيلار ، سالجۇقىلار ۋە ئەييۇبىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى . ئۆزى خىتاينى تولۇق بويسۇندۇرۇش يولىدا 1259 - يىلى يازدا سىچۇەندىكى دايۈي تېغىدا ئوق تېگىپ ئۆلدى .
1265 - يىلغىچە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى ئارىق بۇقا يەنە بىر ئىنىسى قۇبلاي بىلەن تەخت تالاشتى . ھىلاكۇ ئىككى قېرىندىشىنى ئەپلەشتۈرەلمەي ، قۇبلاينى قوللاپ ، ئاخىرى قۇبلاينىڭ رۇخسىتى بىلەن تەبرىزدىكى ئىلخانىلار خانلىقىنى قانۇنلۇق قىلىۋالدى. بىراق ئۇمۇ 1265 - يىلى 8 - يانۋار تەبرىزدە ئۆلدى.

ئۇنداقتا بۇ ئىسكەندەر زادى كىم بولىدۇ ؟! ئۇنىڭ ئورۇسلار ئىچىدىكى ئورنى قانچىلىك ؟!

3 . ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رۇسلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىسى:

ئىسكەندەر بولسا، ئاددىي رۇس كىنەزى ياروسلاۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1220 - يىلى 13 - ماي موسكۋادىن 140 كىلومېتىر شىمالدىكى « ياروسلاۋ زالىسكىي » رايونىدا تۇغۇلغان . 1263 - يىلى 14 - نويابىر « نوۋگورد ئوبلاستى» دا ۋاپات بولغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان ۋە بەركە خانغا سادىق بولغان . ئۇ خۇددى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن سادىق بولۇپ ، رۇسلارنى ساقلاپ قالغان . ئۇنىڭ شۇ تۆھپىسى بىلەن رۇسلار بۈيۈك پېتىرنىڭ دەۋرىگە ئۇلاشقان بولسا ، پېتىرنىڭ تەدبىرى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئاتامانىغا ئايلاندى .

ئۇنىڭ دادىسى ياروسلاۋ 1191 - يىلى ئوغلى ئىسكەندەر تۇغۇلغان جايدا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ ، 1201 - يىلدىن 1206 - يىلغىچە شۇ جايلارنىڭ كىنەزى بولغان . 1236 - 1238 - يىللىرى بۈيۈك كىيېۋ كېنەزى بولغان . ئاندىن كېيىن باتۇخان كۆپ ياردەم قىلغاچقا ، شۇ يىلدىن باشلاپ 1246 - يىلغىچە بۈيۈك ۋىلادىمىر كېنەزى بولغان . ئۇ 1245 - يىلدىكى قاغان سايلىمىغا باتۇخان بىلەن بىللە بارغان بولۇپ ، 1246 - يىلى كۈيۈكخان ئۆگەدەيخان ئورنىغا قاغان بولغان نەخ مەيداننى كۆرگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى 1246 - يىلى 30 - سېنتەبىر ئاغرىپ قېلىپ ، قاراقۇرۇمدا ۋاپات بولغان . شۇ ۋەجىدىن ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەبرىسى بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى 1912 - يىلى ، 1924 - يىلى ۋە 1947 - يىلى موڭغۇلىيەنى تولۇق تىزگىنىگە ئالغان .

 1240 - يىلى شېۋىتسىيە ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان . 1242 - يىلى مۇزلۇق كۆل ئۈستىدە گېرمانلار باش بولغان ياۋروپا ئەھلى سەلپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى رۇس دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان تارىخىي شەخس بولۇپ، ئۇ خۇددى چىڭگىزخان بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېيىنچە ئۇلار ئاجىزلاشقاندا رۇسلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئەنە شۇ ئەقىللىق ئىسكەندەرنىڭ ۋاستىسىدە 1382 - يىلى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان رۇسلار 1484 - يىلى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى . 1501 - يىلى ئالتۇن ئوردۇ پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسلار 1547 - يىلى چار پادىشاھلىق قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى، 1557 - يىلى ئېتىل بويىدىكى ئاستراخان خانلىقىنى، 1639 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى ، 1689 - يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ، 1733 - يىلى قازاق دالاسىنى يۇتۇۋېلىپ، 1747 - يىلى ئىمپىرىيەگە ئايلاندى . 1783 - يىلى قىرىمنى ، 1789 - يىلى قارا دېڭىز ساھىللىرىنى ، 1828 - يىلى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى،  1847 - يىلى كېنىسارى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، 1864 - يىلى كاۋكازنى، 1865 - يىلى قوقاننى بويسۇندۇرۇپ، 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ، 1868 - يىلى بۇخارانى، 1869 - يىلى خارەزىم خانلىقىنى، 1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ، 1881 - يىلى مانجۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا بۆلۈشۈپ، 1895 - يىلى پامىرنى يۇتۇۋالغان . شەرقتە ياپونىيە باش كۆتۈرۈپ، 1904 - 1905 - يىللىرى چاررۇسىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رۇسلار ياپونغا قارشى ئىزچىل خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى. بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق يۈز يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . پەقەت 1969 - يىلى سوۋېتلەرگە قارشى خىتاي - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا كەلدى. ھازىر خىتاي يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. رۇسلارمۇ 1969 - يىلدىكى خىيانەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. « ئىسكەندەر » نى كالىنىنگرادتا ياكى شىمالىي قۇتۇپتا سىناق قىلماي، قازاقىستاندا سىناق قىلغىنى بەلكىم 1969 - يىلى ئىككى مىڭ يادرو قورالىنى تىكلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر چوڭ شەھىرىنى نىشانغا ئالغان قورقۇنچلۇق ۋاقىتلاردىكىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللىمايدىغان بىر دۆلەت . پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدىلا يۈزسىزلىك قىلالايدۇ .

  2019 - يىلى 21 - سېنتەبىر  شەنبە

4 . « يېڭى سىتالىن » ۋىلادىمىر پۇتىن چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىماقتا :

رۇسىيە ئاۋام پالاتاسى كېڭىشى بۇ يىل 8- ئىيۇل بېلەت تاشلاپ ، موڭغۇلىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى 2 ھەپتە بۇرۇنلا كېلىشىمنى تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى سىتالىن قايتىپ كەلدىدە ، چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىدى .

1939 - يىلى يازدا سىتالىن موڭغۇلىيەگە بولۇشۇپ ، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان . 1945 - يىلى يەنە موڭغۇلىيە ئارقىلىق مانجۇرىيەگە بېسىپ كىرىپ ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان . مانا ئەمدى پۇتىنمۇ ئىشنى موڭغۇلىيەدىن باشلاپتۇ . نىشان ئېنىقلا خىتاي . چۈنكى ھازىرقى خىتاي دەل يۈز يىل ئىلگىرىكى ياپونىيەنىڭ ئۆزى بوپقالدى .

سىتالىنمۇ موڭغۇلىيەنى بازا قىلىپ دۈشمىنى ياپونىيەنى يەڭگەن . يېڭى سىتالىنمۇ شۇنداق قىلىپ ، يېڭى دۈشمىنى خىتاينى گەجگىسىدىن بوغماقچى بوپتۇ . ھەممىگە مەلۇمكى پۇتىن قىستاپ كېلىۋاتقان يۆنىلىش ۋە نىشان بەئەينى غالدان 1690 - يىلى 5 - ئىيۇلدا مەنچىڭ ئاستانىسى پېكىنگە 700 چاقىرىملا كېلىدىغان ئۇلانبۇتۇن يولى دەل شۇ . تېخى باياملا يىراق شەرقتە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان راكېتا سىناق قىلغان ئىدى . ئەمدى موڭغۇلىيەنى بالا قىلىۋاپتۇ :

5 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە     تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

6 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

2020 - يىلى 9 - ئىيۇل.  مەستخۇش پەيشەنبە.

7 . ھەر يىللىق « سېلىنگا ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە قىسقا ئەسلەتمە :

روسىيە - موڭغۇلىيە مانېۋىرىنىڭ «سېلىنگا -2017» پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇزاكىرىسى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

روسىيە ۋە موڭغۇلىيە تەرەپلەر «سېلىنگا -2017» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ ، بۇ تەييارلىقلارنىڭ بۇ يىل مارتتا ئۇلان-باتور (موڭغۇلىيە) دا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

روسىيە شەرقىي ھەربىي رايونى ۋە موڭغۇلىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېڭىشىش جەريانىدا ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىر ۋە مانېۋىرنىڭ ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ ، ئۇندىن باشقا مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان كۈچ ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ سانى ، ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش يوللىرى قاتارلىقلارمۇ ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، روسىيە-موڭغۇلىيە بۇندىن بۇرۇن «سېلىنگا - 2016» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، 2016 - يىلى 20-ئاۋغۇستتىن 7-سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ زابايكالې (بايكال كۆلى) رايونىدىكى «تسۇگول» مەشىق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان . 2016 - يىلى 17 - مارت رۇسىيە شەرق ھەربىي رايونى باياناتچىسى ئالېكساندىر گوردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

مەنبە : رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تور بېتى . 2017 - يىلى 1 - فېۋرال 08:39

بۇ يىل مارتتا ، موڭغۇلىيە زېمىنى رۇسىيە - موڭغۇلىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىغا شاھىت بولىدۇ ، ھەربىي مانىۋېر  ئىسمى «سېلىنگا - 2017» بولىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى ، شى جىن پىڭ دەل مۇشۇ ھەربىي مانىۋېر باشلىنىش ھارپىسىدا ۋەتىنىمىزدە قوزغىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

ئەنە شۇ 2017 - يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ،
مىللىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ ئالدىن پىلانلانغان زور سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. 2017 ـ يىلدىكى 14 ـ فېۋرال «گۇما پىچاقلاش ۋەقەسى»،1 ـ مارتتىكى «ئۇيغۇر زۇۋان دائىشلارنىڭ خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىدەك قان ئاققۇزۇش تەھدىتى»،2 ـ مارتتىكى « تىمساھنىڭ كۆز يېشى»، شى جىن پىڭنىڭ 10ـ مارتتىكى 5800 كىلومېتىرلىق سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش چاقىرىقى، 11 - مارتتىكى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەرەپنىڭ بىردىنلا « ئون مىڭ ئۇيغۇر جىھاتچى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلماقتا » دېگەن خەۋىرى ، ئارقىدىنلا
ھاپىلا ـ شاپىلا ساختا ئاۋازغا قويۇلۇپ،شۇ
ھامان ماقۇللانغان«ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،2017 ـ يىلى 1 ـ ئاپرىلدىن باشلانغان«قىزىل قىيامەت» تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا !!! بۇ سىرلارنىڭ جاۋابى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق . چۈنكى بىز ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز ئىچىمىزدە ئويۇن قويۇپ يۈرۈۋاتىمىز.

« سېلىنگا 2020 ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە :

قەھرىتان سوغۇققا قارىماستىن باشلىنىپ كەتكەن مەزكۇر ھەربىي مانىۋېر ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يەنىلا كىمنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . مەزكۇر مانىۋېر ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سىن لېنتىسى بۈگۈن 2 - نويابىر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلدى .

خۇلاسە :

چاررۇسىيە ( ئاق ئورۇس ) ئىمپىرىيىسى مىلادى
1852 - يىلى ۋەتىنىمىزدە تۇنجى كونسۇلخانا قۇرۇپ ، ئالمائاتادا « ۋېرنىي قورغىنى » نى ياساپ ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ بىاپايان غەربىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ ، 1867 - يىلى ئىيۇندا تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، ئون يىلدىلا خىۋە خانلىقى ، بۇخارا خانلىقى ، قوقان خانلىقى ۋە ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ كۈچىيىپ كەتكەن ئورۇسلارغا ئوبدان قاراپ باقساق ،
1869 - يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا ، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا ، چاررۇسىيە
1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ ،
1881 - يىلى 12 - فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن « تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا ، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان . 1945 - يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ ، ئورنىغا 1955 - يىلى 10 - ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن . بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز !
تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر - بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق .

بۇ يىل 5 - مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىپ ماقۇللىدى . مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ . بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك ! « يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان ! » دەيدۇ ئەجداتلار ! بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق . پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى.
« بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك ، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك !».

« ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!» . 
سايرام ئوغلانى

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى . بىزگە ئالاقىدار قىسىملىرى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى ، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 2 - نويابىر.  دۈشەنبە.
4

ئۇيغۇر تارىخى بوشلۇقىنى تولدۇرۇشتىكى زور تۆھپە: «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەر نەشر قىلىنىشقا باشلىدى

ئامېرىكادىكى ئۇيغۇر  تارىخ پەنلىرى دوكتورى نەبىجان تۇرسۇن تەرىپىدىن يېزىلغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق 12 توملۇق زور ھەجىملىك ئەسەر نەشىر قىلىنىشقا باشلىدى.

 ئالدى بىلەن  ئەسەرنىڭ 1944 - يىلى قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» گە مۇناسىۋەتلىك 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» قىسىملىرى، يەنى «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ  7- ۋە 8-توملىرى  ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەرىپىدىن نەشر قىلىندى.

مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ياۋرو-ئاسىيا خەلقلىرى ئارىسىدا شانلىق قەدىمىي مەدەنىيەت ۋە دۆلەتچىلىك ئەنئەنىلىرى ياراتقان تۈركىي خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن كۆپ ئەسىرلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت تارىخى مۇساپىلىرى ئىككى ئەسىردىن بۇيان دۇنيا ئالىملىرى تەرىپىدىن زور ساندىكى ئەسەرلەرنىڭ، جۈملىدىن مەخسۇس ئۇيغۇر تارىخى، شەرقىي تۈركىستان تارىخى ئەسەرلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىشىگە ئاساس بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخى ھازىرغىچە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەدىمكى دەۋرلەردىن كۈنىمىزگىچە بولغان بارلىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى مۇپەسسەل يورۇتۇپ بېرىدىغان «ئومۇمىي تارىخى» مەيدانغا كەلمىگەنىدى.  دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئۆزىنىڭ 30 يىلغا يېقىن جاپالىق ئىلمىي ھاياتىنى، كۈچ-قۇۋۋىتى ۋە ئەقىل- ئىدارىكىنى سەرپ قىلىش بەدىلىگە 12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»دىن ئىبارەت زور ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنى يېزىپ پۈتتۈرۈش ئارقىلىق بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇپ خەلقىمىزگە تەقدىم قىلدى. قولىڭىزدىكى بۇ  كىتابلار:  يەنى 5 توملۇق «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئەنە شۇ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»نىڭ تەركىبىي بىرقىسمى بولۇپ، بۇنىڭدا 1943-يىلىدىن 1950-يىللىرىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەم خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئىشغالىيىتىگە ئائىت پۈتۈن جەريانلار، بۇ جۇمھۇرىيەتنىڭ ھەربىي-سىياسىي، سودا-ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا بارلىق دۆلەتچىلىك ئۆزگىچىلىكلىرى ئورىگىنال ھۆججەتلەر ۋە ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مول ئۇيغۇر مەنبەلىرى، بولۇپمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ كۆپ ساندىكى ئىلگىرى مۇتلەق مەخپىي تۇتۇلغان ئارخىپ ھۆججەتلىرى، ئامېرىكا، تەيۋەن ئارخىپلىرى شۇنىڭدەك ھازىرغىچە دۇنيادا ئېلان قىلىنغان رۇسچە، ئىنگلىزچە، خىتايچە ۋە باشقا تۈركىي تىللاردىكى ھەر خىل ماتېرىياللاردىن پايدىلنىش ئاساسىدا تەپسىلىي يورۇتۇلغان. بولۇپمۇ ئاپتور شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە مۇناسۋەتلىك ئىچكى سىرلار، خەلقئارا ئارقا كۆرۈنۈش ۋە باشقا نازۇك، ئېنىقسىز تەرەپلەرنى يورۇتۇشتا ئۆزىنىڭ 1990-يىللاردا موسكۋادا دوكتورلۇق ئۈچۈن ئوقۇش جەريانىدىن تارتىپ توپلاپ كەلگەن كۆپ ساندىكى سوۋېت ئارخىپلىرىنى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك ھۆججەتلەرنى تۇنجى قېتىم باشقا مەنبەلەر شۇنىڭدەك نەچچە ئونلىغان جۇمھۇرىيەت شاھىتلىرىنىڭ مەلۇماتلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلغان. مەزكۇر 5 توملۇق« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇستەقىل دۆلىتى- شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى تولۇق چۈشىنىشى، بىلىشى ۋە تەجرىبىلەرگە ئىگە بولۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ.

ھازىرغىچە بىرقىسىم ئەللەردە مەزكۇر دەۋرگە ئائىت مەلۇم ساندا مەخسۇس ئەسەرلەر مەيدانغا كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ بۇ ئەسىرى بۇلارنىڭ ئىچىدىكى كۈچلۈك ئاكادېمىك تارىخشۇناسلىق مېتودولوگىيەسىگە تايانغان ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ تولۇق، ئەڭ مۇكەممەل،  كۆپ مەنبەلىك ئىلمىي ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئوقۇرمەنلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ مەزكۇر جۇمھۇرىيەت دەۋرى قىسمىنى ئالدى بىلەن نەشىر قىلىپ،  باشقا توملارنىمۇ ئارقىمۇئارقىدىن ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا تەقدىم قىلىش قارار قىلىندى.

دوكتور نەبىجان تۇرسۇن «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسىرىنىڭ 7-، 8 - توملىرىنىڭ نەشردىن چىققانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: «  ئىككى ئەسىردىن بۇيان تارىخىمىزنى  رۇسلار، خىتايلار  ۋە باشقىلار يېزىپ كەلدى.  خەلقىمىز باشقىلار يازغان ئۇيغۇر تارىخىنى ئوقۇپ  گاڭگىرىدى ياكى ئۆز تارىخىدىن ساۋاتسىز قالدۇرۇلدى. شۇنىڭدەك خىتاي بولسا ئۆز  دۆلەت مەۋقەسى ۋە ئىدېلوگىيەلىك نۇقتىئىنەزەرلىرى بىلەن سۇغۇرۇلغان ئۇيغۇر تارىخلىرىنى خەلقىمىزگە تاڭدى. مانا بۇ مېنىڭ  بۈگۈنكى كۈنلەردە دۇنيادىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ مىللەتلەرنىڭ بىرى  ۋە  ياۋرو-ئاسىيانىڭ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ قەدىمىي مەدەنىيەت نەمۇنىلىرىنى  ياراتقان  خەلقلىرىنىڭ  بىرى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىمنىڭ  تارىخىنى ئۆزىمىز  ئۆز تەتقىقاتلىرىمىز، ئۆز نۇقتىئىنەزەرلىرىمىز ۋە چۈشەنچىلىرىمىز بىلەن  يېزىشىمىز كېرەك،  ئۇنى  ئۆزىمىز ئەڭ مۇكەممەل ،ئەڭ تولۇق ۋە  ئاكادېمىيەلىك شەكىلدە يېزىشىمىز كېرەك دېگەن ئىرادىگە كېلىشىمدىكى تۈپ سەۋەب ئىدى. مەن بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئاللاھ بەرگەن  ھاياتىمنىڭ  تەخمىنەن 30 يىلىنى سەرپ قىلدىم ! ئاخىرى بۇ ئەسەر يېزىلدى ! دېمەك ئۇيغۇر تارىخىنى باشقىلار  يېزىپ بېرىدىغان  ئىككى ئەسىرگە يېقىن داۋاملاشقان دەۋر ئاخىرلاشتى!

مانا بۈگۈن، يەنى 1933- ۋە 1944-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ 12-نويابىر خاتىرە كۈنلىرىگە سوۋغا سۈپىتىدە ،   بۇ ئەسەر دۇنياغا كۆز ئاچتى ! قالغان قىسىملىرىمۇ سۆيۈملۈك ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن ئەڭ تېز ئارىدا يۈز كۆرۈشكۈسى !»

ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى مۇدىرى دوكتور ئەركىن ئەكرەم كىتابنىڭ ئىلمىي قىممىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ: «دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخىنىڭ داۋالغۇشقا تولغان بىر دەۋرىنى تېما قىلغان، سوۋېت ۋە ئەينى دەۋر چوڭ كۈچلىرىنىڭ رايوننىڭ سىياسىي تەڭپۇڭلۇقلىرىغا ئارىلىشىشىدىن ھاسىل بولغان مۇرەككەپ زامان قاتلىمىنى يورۇتۇپ بەرگەن <ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى> ناملىق بۇ قىممەتلىك چوڭ ھەجىملىك ئىلمىي ئەسىرىنىڭ < شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى> قىسمى ، كۆپ خىل مەنبەلەرنى بويلاپ چوڭقۇرلاپ ئىزدىنىشنى تايانچ قىلغان ئۇزۇن يىللىق جاپالىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلىدۇر. بۇ ئەسەر خەلقىمىزنى  ۋەتىنىمىز تارىخىنىڭ يېپىق قالغان سەھىپىلىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىدۇ ھەم نۆۋەتتىكى بەزى ئۆزگىرىشلەرنىڭ تارىخىي سەۋەبلىرىنى تونۇپ يېتىش جەھەتتە مۇھىم يىپ ئۇچلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ»، دېدى.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر تارىخچىسى، ياۋروپا مەركىزىي ئاسىيا تەتقىقات جەمىيىتىنىڭ  رەئىسى پىروفېسسور دوكتور ئابلەت كامالوف بۇ ئەسەرگە باھا بېرىپ مۇنداق دەيدۇ: «دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ مەزكۇر تەتقىقات ئەسىرى خەلقئارادىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخى تەتقىقاتى ۋە شۇ دەۋر سىياسىي كىلماتىنى چۈشىنىشكە  قوشۇلغان زور تۆھپە. كۆپ توملۇق تۇنجى <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى>نى يارىتىش ئۇنىڭ زور مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئۇ، ئۇيغۇر تىلى قاتارلىق تۈركىي تىللار، رۇسچە، ئىنگلىزچە ۋە خىتايچە تىل ئالاھىدىلىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھۆججەتلىرى ۋە مول ئورىگىنال ئۇيغۇر مەنبەلىرىنى مەخپىي سوۋېت ئارخىپلىرى، غەرب ئارخىپلىرى، خىتاي مەنبەلىرى ۋە شۇ دەۋر سىياسىي ۋەقەلىرىگە قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەنبەلىرى بىلەن سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمەت، ھەربىي، ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت ۋە باشقا تەرەپلەردىن مۇستەقىل راۋاجلىنىشىدا ئاچقۇچلۇق رول ئويناش جەريانلىرىنى مول پاكىتلار ۋە دېتاللار بويىچە يورۇتۇپ بەرگەن. ئۇ، بۇ ئارقىلىق،  تارىخ ساھەسىدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ رولىنى كىچىكلىتىدىغان، ئۇنى چوڭ دۆلەتلەر سىياسىتىنىڭ پاسسىپ ئوبيېكتلىرى سۈپىتىدە كۆرسىتىدىغان نۇقتىئىنەزەرلەرنى رەت قىلغان.»

ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى رەئىسى، ئەگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى»  ۋە ئۇنىڭ    «شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى» ناملىق قىسىملىرىغا باھا بېرىپ: «ئۇيغۇر تەتقىقاتى ساھەسى خىتاي تەرىپىدىن قاتتىق قامال ۋە نابۇت قىلىنغان مۇشۇنداق بىر دەۋردە تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ تەتقىقاتلىرى يېڭى بىر بۆسۈش، يېڭى بىر ھالقىش پەيدا قىلىپ مىللىتىمىزگە يېڭى ئۈمىدلەر بېغىشلىدى. ئۇ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ پۈتۈن دەۋرلىرى بويىچە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ كۆرۈنەرلىك نەتىجە قازاندى. ئۇنىڭ ئەشۇ تەتقىقات نەتىجىسى- <ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى>نىڭ بىرقىسمى بولغان مەزكۇر <شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى> ھازىرغىچە بۇ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر ئىچىدە ئەڭ كۆپ مەنبەلىك، ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ تەپسىلىي، ئەڭ ئىشەنچىلىك ۋە ئىلمىي ئوبيېكتىپ ئەسەردۇر. ئۇ، ئىلمىي تارىخ مېتودولوگىيەلىرىدىن، شۇ دەۋردىكى ئورىگىنال ھۆججەتلەر، شاھىتلارنىڭ ئاغزاكى مەلۇماتلىرى، سوۋېت، ئامېرىكا ئارخىپلىرى ۋە باشقا مول ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ جەريان، سەۋەب ۋە نەتىجىلىرىنى بايان ھەم تەھلىل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىنىڭ پەقەت كەچمىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بۈگۈنكى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي ئېڭى، مىللىي ئىدېئولوگىيەسى ۋە كەلگۈسى تەرەققىياتىدىكى ئورنىنى كۆرسىتىپ بەرگەن...» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

بۇ ھەقتە يەنە ئۇيغۇر تەتقىقات ئىنستىتۇتى تەتقىقاتچىسى، سەلچۇق ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ پەنلىرى دوكتورانتى ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندى سۆز قىلىپ :« مېنىڭچە بۇ ئەسەرنىڭ بىز ئۈچۈن ئىلمىي قىممىتى قانچىلىك زور بولسا، نۆۋەتتىكى شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن كۆرسىتىدىغان ئەمەلىي قىممىتىمۇ شۇنچىلىك زوردۇر. چۈنكى تارىخىمىزنى ياخشى تەتقىق قىلىش بىزنىڭ داۋا ئىستراتېگىيەمىزنىڭ توغرا تۈزۈلۈشىنىڭ مۇھىم شەرتلىرىدىن بىرىدۇر. مەزكۇر كاتتا ئەسەر مۇشۇ نۇقتىدا ئىنتايىن مۇھىم بىر بوشلۇقنى توشقۇزغان بولۇپ، ئاۋام خەلق ۋە  تارىخقا قىزىققۇچىلار ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى داۋا سېپىدىكى پائالىيەتچىلەر، سىياسەتچىلەر ئۈچۈنمۇ چوقۇم ئوقۇمىسا بولمايدىغان ئانا ئەسەر بولۇشقا مۇناسىپ دەپ قارايمەن» دېدى.

12 توملۇق «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ 5 توملۇق« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئومۇمىي تارىخى»قىسىملىرى نەشىر قىلىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا قالغان  توملىرىنىمۇ  ئارقا -ئارقىدىن  ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش پىلانلانماقتا.

 2020-يىلى 2-نويابىر. دۈشەنبە.

مەنبە: ئۇيغۇر تەتقىقاتى ئىنستىتۇتى
5

ئافېنادا تۇنجى مەسچىت سېلىندى ، ئاتۇشتا ئەڭ قەدىمقى تۇنجى مەسچىت چېقىلدى :

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ سەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە ، 14 يىلغا يېقىن تالاش-تارتىش ۋە بيۇروكراتلارچە ( مونوپولچە زورلاپ كەينىگە تارتىش) كېچىكتۈرۈلگەندىن كېيىن ، تۇنجى مەسچىت ئاخىرى گرېتسىيەنىڭ پايتەختى ئافىنادا ئېچىلغان.

كورونا ۋىرۇسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك چەكلىمىلەر پۇختا يولغا قويۇلغاندىن كېيىن ، تۇنجى ناماز دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئاز ساندىكى دۇئا-تىلاۋەتچىلەرنىڭ ئىشتىراك قىلىشى ئاستىدا ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزۈلدى ، يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۇنجى مەسچىتنىڭ ئېچىلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭ تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش مۆلچەرلەنمەكتە .

كاتىمىرىنى گېزىتى دىنىي ئىشلار مىنىستىرى گىئورگوس كالانتىزىسنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «مەسچىتنىڭ ئېچىلىشى دېموكراتىيە ، دىنىي ئەركىنلىك ۋە دىنغا ھۆرمەت قىلىش توغرىسىدا پۈتۈن دۇنياغا ئىجابىي ۋە ئېنىق ئۇچۇر بېرىدۇ».

گرېتسىيە پراۋۇسلاۋىيە چېركاۋىنىڭ قارشى تۇرۇشى 1979-يىلدىن باشلاپ مەسچىتنىڭ ئېچىلىشىنى كېچىكتۈردى ۋە ھۆكۈمەت 2006-يىلى ئېچىشنى تەستىقلىغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا 14 يىل تالاش - تارتىش قىلىنىپ ، جىق ۋاقىت كەتتى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئافىنا مەسچىتىنىڭ تۇنجى ئىمامى ، ماراكەشتە تۇغۇلغان گرېتسىيەلىك كۆچمەن زاكى مۇھەممەد ئىسىملىك ​​كىشى بولۇپ ، ئۇ ھازىر گرېتسىيەلىك ئىكەن . دىنىي بىلىملەر ۋە ماتېماتىكىدا پۇختا بولغاندىن سىرت ، ، ئەرەب ، گرېكچە ۋە فىرانسۇز تىللىرىدا راۋان سۆزلەيدۇ.

تۈركىيە بىلەن بولغان قۇرۇقلۇق چېگراسىدا بىر تۈركۈم ئاز سانلىق مۇسۇلمان بار ، ئۇندىن باشقا بۇ دۆلەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقالغان تۈمەنلىگەن مۇسۇلمان ئىشچى ۋە مۇساپىرلار بار . تولىمۇ ئەپسۇس ، تۈرك - گېرىك ئىككى مىللەتنىڭ تارىخىي زىددىيىتى سەۋەبىدىن پايتەخت ئافېنا دۇنيادىكى مەسچىت بولمىغان بىردىنبىر مەركىزىي شەھەر بولۇپ قالغان . شۇنداقتىمۇ ، ھازىرقى نوپۇس نىسبىتىدە پراۋۇسلاۋىيە خىرىستىيانلىرى ئومۇمىي سانى گرېتسىيەلىكلەرنىڭ 97 % نى ئىگىلەيدۇ .

بۇ مەسچىت پايتەختنىڭ سابىق سانائەت رايونى ئېلىئوناسقا جايلاشقان بولۇپ ، ئافىنادىكى 1821-يىلى مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدىن كېيىن ئوسمانىلاردىن قۇتۇلغاندىن بۇيانقى تۇنجى مەسچىت. ئوسمانىلار گېرىتسىيەنى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ( 1432 - 1481 ) دەۋرىدە تولۇق ئىزشغال قىلغان بولۇپ ، ئۇدا تۆت ئەسىر ئوسمانىلارنىڭ « يۇنان » ۋىلايىتى بولۇپ كەلگەن . 1832 - يىلى كېنەزلىك ئورنىغا ، 1878 - يىلى مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن . 1909 - يىلدىن باشلاپ كېرىت قاتارلىق ئوسمانلى زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىپ ، 1921 - يىلغا كەلگەندە ئوتتۇرا ئاناتولىيەگىچە قىستاپ كەلگەن . بىراق مۇستاپا كامال پاشا 1922 - يىلى ئۇلارنى قوغلاپ چىقىرىپ ، ئىزمىرنىمۇ قايتۇرۇۋالغان . 1923 - يىلدىكى لوزان كېلىشىمىدە تۈركىيە قۇرۇقلۇقىغا ناھايىتى يېقىن ئاراللارنىڭ ھەممىسى يۇنانغا بۆلۈپ بېرىلگەن بولغاچقا ، ھازىرقى تۈركىيە ھەققىنى قايتىدىن تەلەپ قىلىپ ، ۋەزىيەت جىددىيلەشمەكتە.

گرېتسىيەدە ئوسمانلى دەۋرىدىكى بىردىنبىر ئامان قالغان مەسچىتلەر تراكيا (شەرقىي شىمال) غا جايلاشقان بولۇپ ، بۇ جاي تۈركىيە بىلەن بىۋاستە چېگرىلىنىدىغان رايون ، بۇ يەردە 150،000 نەپەر تۈرك ئاز سانلىقلىرى بار.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، ئافىنا مەسچىتى دۆلەتنىڭ مەبلىغى بىلەن سېلىنغان بولۇپ ، قۇرۇلۇش 2019-يىلىلا تاماملانغان ، ھەتتا 2019 - يىلى 7 - ئىيۇن جۈمە ئاۋامغا ئېچىۋېتىلمەكچى بولغان . ئەمما يۇقۇم سەۋەبىدىن ئېچىۋېتىش كېچىكتۈرۈلگەن.

مەزكۇر خەۋەرنى رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى تەمىنلىگەن. ( 2020 - 3 - نويابىر 21:21 )

1 . تۇنجى قېتىملىق دەھشەتلىك بالا - قازا :

1142 - يىلىدىن 1212 - يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ۋەتىنىمىز قاراخىتاي (غەربىي لياۋ) سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا قالدى . قاراخىتاي خانلىقى ھۆكۈمرانلىق قىلغان بىر ئەسىرگە يېقىن مەزگىلدە، ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى ئاساسەن بۇرۇنقى قاراخانىلار ۋە قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقىغا تەۋە جايلار بولۇپ، شەرق تەرىپى تاڭغۇتلار ۋە موڭغۇللارنىڭ كېرەي، نايمان قەبىلىلىرى تۇرغان جايغا تۇتىشاتتى. شىمال تەرىپى ئىمىل دەرياسى بىلەن بالقاش كۆلىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، غەرب تەرىپى ئاساسەن ئامۇ دەرياسىغا تۇتىشاتتى، جەنۇب تەرىپى خوتەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى، پايتەختى بالاساغۇن ئىدى.

قاراخىتايلار ( قىتانلار ) ئارىسىدا ئەنئەنىۋى كوڭزىچىلىق ئىدىيىسى ۋە بۇددىزم ئىدىيىسى ھۆكۈمران ئورۇندا تۇراتتى. لېكىن، مەركىزىي ئاسىيا رايونىدىكى مىللەتلەر ئارىسىدا يەنە ئىسلام دىنى، خرىستىئان دىنى، مانى دىنى، زوروئاستېر دىنى، تويىن دىنى، شامان دىنى قاتارلىق كۆپ خىل دىنىي ئېتىقاد تەڭ مەۋجۇت ئىدى. بولۇپمۇ، ئەسلىدىكى قاراخانىلار زېمىنىدا ئىسلام دىنى ھۆكۈمران ئورۇندا ئىدى. شۇڭا، قىتان ھۆكۈمرانلىرى دەسلەپتە ئىسلام دىنىغا قارىتا بىرقەدەر كەڭ ۋە مۆتىدىل سىياسەت قوللانغان. چۈنكى، ئىسلام دىنى بىر خىل ئېتىقاد بولۇپلا قالماي، يەنە بىر خىل سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈم بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇسۇلمانلارنىڭ مەنىۋى ۋە ئىجتىمائىي تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، زور سىياسىي كۈچ پەيدا قىلغانىدى.

لېكىن بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇزۇنغا بارمىدى. 1212 - يىلى قاراقىتان خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى كۈچلۈكنىڭ قولىغا ئۆتۈشى بىلەن، ئىسلام دىنى تارقىلىپ كىرگەندىن بۇيان ئەڭ چوڭ زەربىگە ئۇچرىدى. ئۇ مۇسۇلمانلارنى ئۆز ئېتىقادىدىن يېنىپ بۇددا دىنىغا كىرىشكە زورلىدى. قەشقەردە ئىسلام دىنىنى تامامەن يوقاتقاندىن كېيىن ، كۈچلۈكنىڭ ئىلى ۋادىسى ۋە خارەزىمگە سەپەر قىلىپ كەتكىنىدىن پايدىلانغان خوتەنلىكلەر ئىسلام دىنىنى قايتىدىن قەشقەرگە تارقاتتى . نەتىجىدە كۈچلۈك ئەڭ قانخور قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ ، خوتەندە ئىمام ئالائىدىن قاتارلىق 3000 دىن ئارتۇق ئالىم - ئۆلىمانى قىرغىن قىلدى. قەشقەر ، خوتەنلەردە قاراخانىيلار دەۋرىدە بىنا قىلىنغان «ساچىيە مەدرىسى» قاتارلىق بارچە مەسچىت، مەدرىسلەرنى ئاساسەن ۋەيران قىلدى، بارلىق كىتابلارنى كۆيدۈردى. كۈچلۈكنىڭ زوراۋانلىق قىلمىشلىرى قەشقەر ۋە خوتەن خەلقىنىڭ قاتتىق قارشىلىقىنى قوزغىدى. 1218 - يىلى چىڭگىزخان (1162-1227 - يىللار) غەربكە يۈرۈش قىلغۇچى باش سانغۇن جەبە نوياننى 20 مىڭ ئەسكەر بىلەن كۈچلۈككە جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەندە، قۇچۇ ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىن (1208-1235) مۇ بۇ يۈرۈشكە ئاۋاز قوشۇپ قاراخانىلار تەۋەسىنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان كۈچلۈكنى ئۆلتۈردى. ئاندىن دىنىي ئەركىنلىك جاكارلاپ ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى . ئارقىدىنلا چىڭگىزخان 1219 - يىلى ئۆزى بىۋاستە 200 مىڭ موڭغۇل ئەسكىرىنى باشلاپ كېلىپ ، مەركىزىي ئاسىيانىڭ غەربىي قىسمىنىمۇ ئۆز قولىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەينى چاغدا چىڭگىزخاننىڭ ياخشىلىقىنى كۆرگەن ، ئۇنىڭ ياردىمىدە قايتىدىن قەددىنى رۇسلىۋالغان بىردىنبىر تۈركىي مىللەت يەنىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى ۋە قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ئىگىلىرى بولغان ئۇيغۇرلار بولۇپ قالدى . ھازىرمۇ 1212 - 1218 - يىللاردىكى دەھشەتلىك پاجىئە تېخىمۇ زامانىۋى شەكىلدە، ئىنتايىن قورقۇنچلۇق ۋە ياۋۇز ۋاستىلەر بىلەن ئومۇميۈلۈك تەكرارلانماقتا .

2 . ۋەتىنىمىزدىكى ئاللىبۇرۇن چېقىۋېتىلگەن مەسچىتلەرنىڭ تەخمىن قىلىنغان ئومۇمىي سانى :

ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتى 2020 - يىلى 25-سېنتەبىر ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاي باندىتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يېقىنقى 3 يىل ئىچىدە 16 مىڭدەك مەسچىدنى چېقىپ تاشلىغانلىقى ۋە بۇزغانلىقىنى بىلدۈرگەن . دوكلاتتا تەكىتلىشىچە، 16 مىڭدەك مەسچىد ئىچىدە 8500 مەسچىد پۈتۈنلەي چېقىپ تاشلانغان. بۇ مەزكۇر ئىنىستىتۇتنىڭ يېقىنقى 3 كۈن ئىچىدە ئېلان قىلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 2-دوكلاتى. مەزكۇر ئىنىستىتۇت 3 كۈن ئاۋۋال ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى لاگېرلار ھەققىدە دوكلات ئېلان قىلىپ، جەمئىي 360 لاگېرنى ئېنىقلاپ چىققان. ئۇلار سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى لاگېرلارنىڭ ئۆتكەن بىر يىلدا داۋاملىق كېڭەيگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

مەزكۇر ئورگاننىڭ 25-سېنتەبىر كۈنى ئېلان قىلىنغان دوكلاتىدا ۋەتىنىمىزدە قېپقالغان چوڭ مەسچىدلەرنىڭ 15، كىچىك مەسچىتلەرنىڭ 500 گە يەتمەيدىغانلىقى، نۇرغۇن قەدىمى مەسچىدلەرنىڭ قۇببە ۋە مۇنارلىرىنىڭ ئېلىپ تاشلانغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. دوكلاتتا يەنە  مازار، قەبرىستانلىق، تاۋابگاھلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇقەددەس جايلارنىڭ ئۈچتىن بىرىنىڭ تولۇق تۈزلىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. مەزكۇر دوكلاتتىكى سانلىق مەلۇماتلار كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلىرىغا يېقىن كەلگەن. ئاۋسترالىيە ئىستىراتېگىيەلىك سىياسەت ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكلاتىدا تەكىتلىشىچە، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ۋەتىنىدىكى مەسچىتلەر ، يەنى مۇسۇلمانلار دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ سانى خىتاينىڭ «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈپ قالغان. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن مەزكۇر دوكلاتتىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئۇيغۇرىستاندا ( شەرقىي تۈركىستان ) 24 مىڭ مەسچىد بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن . ھالبۇكى، تۆت يىل بۇرۇنقى باياناتلاردا ۋەتىنىمىزدىكى مەسچىتلەرنىڭ سانى 28 مىڭ ، ۋەزىپىدىكى دىنىي زاتلارنىڭ سانى 32 مىڭ دەپ ئېنىق ئېتىراپ قىلىنغان ئىدى .

ئاتۇشتىكى بىر يەرلىك دېھقاننىڭ 2019 - يىلى فېۋرالدا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ، ئاشتۇشتىكى ئەمەت خېتىپھاجىمنىڭ قورۇسىنىڭ پېچەتلەنگەنلىكى، بۇ ئائىلىنىڭ 1980‏-يىللىرىدا ئازغانغا سالغان مەسچىتىنىڭ چېقىۋېتىلگەنلىكىنى دەلىللىگەن . مەزكۇر ئۇچۇر خىتاي ھۆكۈمىتى بەزى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە ۋە رادىكال سولچى سىياسىي پارتىيە-گۇرۇھلارنى ۋەكىللىرىنى ئۈرۈمچىگە تەكلىپ قىلىپ، « ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىنىۋاتقانلىقى» نى ئىلگىرى سۈرگەن بىر ۋاقىتتا دەلىللەنگەن . ئاتۇشتىكى يۇقىرىقى يەرلىك ئاھالە مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە، «ھازىر ئاتۇشتەك بىر يەردە مەسچىتنىڭ نېمە ئىش قىلىدىغانلىقى» نى تەكىتلەپ مۇنداق دېگەن : «ھازىر ئاتۇشتەك يەردە مەسچىت نېمە ئىش قىلىدۇ؟».....

3 . ۋەتىنىمىزدىكى ۋاختىنچە چېقىلمىغان مەسچىتلەرنىڭ نومۇسلۇق قىسمەتلىرى :

ئاتۇش سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىت ئوبۇرنىغا ئايلاندۇرۇلغان :

باندىتلار دىنىي ئېتىقادقا قارشى جەڭ ئېلان قىلغان يېقىنقى ئۈچ يىلدا، ۋەتىنىمىزدىكى  مەسچىتلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى چېقىش ۋە يوق قىلىش بىلەن قانائەت قىلماستىن؛ ئۇنىڭ ئورنىغا ئىسلام ئېتىقادىغا ۋە مىللەتنىڭ غۇرۇرىغا تېگىدىغان ئىشلارنى قىلغان ياكى مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلغان. ئاتۇشنىڭ سۈنتاغ يېزىسىدىكى تۆكۈل مەسچىت تۆۋەنگە چۈشكەن غالچا كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا ئوبۇرنىغا ئۆزگەرتىلگەن؛ چېقىلغان ئازنا مەسچىتى ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان تاللا بازىرى بەرپا قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى لاگېرلار ھەققىدە خەلقئارا جامائەتنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى ئاقلىغاندا، بولۇپمۇ ئىسلام دۇنياسىغا چۈشەنچە بەرگەندە، ئۆزلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا قارشى ئەمەسلىكى، پەقەت تېررورلۇققا ۋە دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلگەنىدى. ئەمما ئاشكارىلىنىۋاتقان مىڭلارچە پاكىت، خىتاينىڭ دىنىي ئېتىقاد ۋە ئېتىقاد ئەھلىگە قارشى خورلاش ۋە دەپسەندە قىلىش خاراكتېرىدە ھۇجۇم ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى دەلىللىمەكتە. ئاتۇشتىكى بىر ئون ئائىلە باشلىقى، سۈنتاغدىكى تۆكۈل مەسچىتىنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان . مەلۇم بولۇشىچە، ئاتۇش شەھەر ئىچىدىن 3 كىلومېتىرچە ئۇزاقلىقتىكى بۇ مەسچىتنىڭ ئوبۇرنىيغا ئايلاندۇرۇش قۇرۇلۇشى، بۇنىڭدىن ئىككى يىل بۇرۇن مەلۇم بىر خىتاي قۇرۇلۇش شىركىتى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان. ئالاقىدار خادىمنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۈنتاغنىڭ تۆكۈل مەھەللىسىدە ھەممە ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا ئوبۇرنى بولغانلىقى ئۈچۈن ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا ئېھتىياجلىق كىشىلەر يوق ئىكەن ؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەھەللە، شەھەردىن 3 كىلومېتىر ئۇزاقلىقتا بولۇپ، بۇ مەھەللىگە ساياھەتچىلەرنىڭمۇ كېلىش نىسبىتى نۆۋەت ئىكەن. ئەسلىدە بۇ مەھەللىدە ئاممىۋى بىر ھاجەتخانىغا قارىتا رېئال بىر ئېھتىياجنىڭ يوقلۇقىنى ئېتىراپ قىلغان بۇ خادىم؛ بۇ مەسچىتنىڭ ئورنىغا نېمە ئۈچۈن ھاجەتخانا سېلىنغانلىقىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇنىڭ پەقەت خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن تۆۋەنگە چۈشكەن كادىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈنلا سېلىنغانلىق ئېھتىماللىقىنى ئىلگىرى سۈردى. دېيىلىشىچە تۆكۈل مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنغان بۇ ئوبۇرنىي قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولسىمۇ، تېخى رەسمىي مۇلازىمەت باشلىمىغان.

يەنە سۈنتاغدا چېقىۋېتىلگەن ئازنا مەسچىتىنىڭ ئورنىغا ھاراق-تاماكىمۇ سېتىلىدىغان بىر تاللا بازىرى سېلىنغان. ئۇندىن باشقا خوتەننىڭ لوپ ناھىيەسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ كەنت كۆڭۈل ئېچىش سورۇنىغا ئايلاندۇرۇلغانلىقى ئاشكارىلانغان؛ خوتەن شەھىرى ئىلچى يېزىسىدىكى بىر مەسچىتنىڭ بولسا، سىچۈەندىكى بىر ئىچ كىيىم فابرىكىسىنىڭ شۆبىسىگە ئايلاندۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەن .

ئۇنىڭدىن باشقا ئاتۇشتىكى بىر ئاددىي كەنت ساقچىسى: «65 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ ناماز ئوقۇشىغا قەتئىي رۇخسەت يوق» دەپ كېسىپ ئېتىراپ قىلغان .

چەتئەلدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر سەرخىللىرى خىتاينىڭ مەسچىتلەرنى چېقىش بىلەنلا قانائەت قىلماي، ئۇنىڭ ئورنىغا مىللىي ئۆرپ-ئادەت ۋە دىندا قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىش ۋە مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنى تەسىس قىلىش ئارقىلىق، ئېتىقاد ئەھلىنىڭ روھىنى سۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش بىلەن بىرگە ، خىتاينىڭ مەسچىت چېقىشنى ئىسلام دىنىغا ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا بىر ئۆچمەنلىك ۋە كۈچلۈك ئىنتىقام تۇيغۇسى بىلەن بىللە ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ۋە بۇنىڭ يالغۇز ئۇيغۇرلارغىلا ئەمەس، پۈتۈن تۈرك - ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا بىر جەڭ ئېلان قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

4 . ئۇيغۇرىستاندا مەسچىتلەرنى چېقىپ ، بۈيۈك ئەرەبىستاندا غايەت زور مەسچىت سېلىش :

« بىر لاما ئىبادەتخانىسى يۈز مىڭ لەشكەرگە تېتىيدۇ » . مەنچىڭ ئىمپىراتورى چيەنلوڭ
( تىبەتنى ئەسكەرسىز مۇستەملىكە قىلىپ تۇرۇشنىڭ ئاساسى تىبەت خەلقىنىڭ قەلبىنى ئۇتۇۋېلىش ئىكەنلىكى ھەققىدىكى كۆرسەتمىسى ).

« بىر جامە مەسچىت بىر مىليون ئەسكەرگە تېتىيدۇ » . دېڭ شىياۋپىڭ
( ئىسلاھات ئېچىۋېتىشتا بىر مىليون ئەسكەرنى قىسقارتىش ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنى ئەبەدىي قولدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇشتىكى جانلىق تاكتىكا ئىكەنلىك ھەققىدىكى كۆرسەتمە )

2020 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر ئالجىرىيە تەرەپ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن قۇرۇلۇش باشلىنىپ بىر يېرىم يىلدىن كېيىن پۈتكەن دۇنيادىكى ئۈچىنچى چوڭ ۋە ئافرىقىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىتنى ئاۋامغا ئېچىۋەتتى.

 بۇ مەسچىتنىڭ رەسمىي خىراجىتى 750 مىليون ياۋرودىن ئاشىدۇ ، ئۇنىڭ دۇئا-تىلاۋەت زالى 120 مىڭ دۇئا-تىلاۋەتچى ئاۋامنى بىمالال قوبۇل قىلالايدۇ ۋە سىغدۇرالايدۇ . مۇنارىنى پايتەختنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كۆرگىلى بولىدۇ ، چۈنكى ئۇ شەھەر بويىچە ئەڭ ئېگىز مۇنار بولۇپ ، ئېگىزلىكى 267 مېتىر كېلىدۇ .

ئالجىرىيەدىكى دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ مەسچىت تۈنۈگۈن مەۋلۇد كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېچىلغان . بۇ مەسچىت كۆلەم جەھەتتىن مەككىدىكى ھەرەم مەسچىتى ۋە مەدىنە مۇنەۋۋەردىكى پەيغەمبەر مەسچىتىدىن كېيىنلا تۇرىدىكەن . باندىتلار مەيلى بۇ مەسچىتنىڭ نوقۇل قۇرۇلۇشىنى قىلغان بولسۇن ، ياكى مەبلەغ ۋە تېخنىكا ياردىمى قىلغان بولسۇن، ئەرەبلەرنى ۋە ئىسلام دۇنياسىنى ئالدىماقنىڭ نەقەدەر ئاسانلىقىنى بىلىۋالساق بولىدۇ . ئەرەبلەرمۇ ھاياجانلىنىشتا ئۇيغۇرلاردىن قېلىشمايدۇ . باندىتلارنىڭ بىر تەرەپتىن ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ ساغلام باشلامچىسى ۋە قۇرۇلۇش مۇتەخەسسىسى بولغان ئۇيغۇر مىللىتىنى تۈپتىن يوقىتىش جىنايەتلىرى ۋە ئىسلام دۇنياسىغا قىلىۋاتقان ئاتالمىش ئالىيجاناپلىقى بىلەن تۈرك - ئىسلام ئەللىرىنىڭ غەرپكە ئۆچمەنلىك قىلىپ ، باندىتلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىشى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى قىلىۋاتقان ئورتاق خىيانەتلىرى بىزگە ئالاھىدە ھەم پەۋقۇلئاددە ۋاقىتتا كەسكىن ۋە ئۆزگىچە يول تۇتمىساق ، ئاتالمىش مەدەنىي دۇنيانىڭ كۆز ئالدىدىلا ئىنتايىن قورقۇنچلۇق شەكىلدە مىللەت سۈپىتىدە ئۈن - تىنسىز يوقىلىپ كېتىش بىلەن تۈگەللىنىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىشىمىز كېرەك ! بۇ چۈش ئەمەس ، بۇ مىڭبىر كېچىنىڭ ھېكايىلىرىمۇ ئەمەس ، بەلكى قەشقەردە ، خوتەندە ، ئاقسۇدا ، كورلىدا ، ئاتۇشتا ، تۇرپان - قۇمۇلدا ، ئالتاي - چۆچەكتە ، بۆرتالا ۋە غۇلجىدا ، ئىككى مىليون كۋادرات كىلومتېرلىق غايەت زور ئۈستى ئوچۇق تۈرمىدە چوڭ - كىچىك مەسچىتلەر چېقىلىپلا قالماي ، گۆردىكى ئۆلۈكلەرمۇ قەبرىسىدە ياتالمايۋاتقاننى ئاز دەپ ، قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق قويدەك يۇۋاش تىرىك خەلقىمىزگە قارشى تولىمۇ ۋەھشىي ۋە ئۆكتەملىك بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان كۆپ قىرلىق ، ئومۇميۈزلۈك ۋە سېستىمىلىق ھالدا مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلاش رەزىل قىلمىشىدۇر . بۇ قىلمىش ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ۋاستىلەر ، كىشىنىڭ ئەقلىگە سىغمايدىغان ئەڭ پەس ۋە يىرگىنىشلىك ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىنغاچقا ، ئەركىن دۇنيادىكى ئىنسانلارغا خۇددى رىۋايەتلەردىكى ئەپسانە ۋە توقۇلمىلاردەك بىلىنمەكتە . ئۇنىڭ ئۈستىگە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويدەك يۇۋاش ، گاچىدەك تىلسىز ، تولىمۇ قورقۇنچاق ۋە پەرۋاسىزدەك تۇيغۇ بېرىشى ، نامايىشلار ۋە كۈچ كۆرسىتىش ھەرىكەتلىرىدىكى ئادەملەرنىڭ سانىنىڭ بەكلا ئازلىقى ، مېدىيادىكى ئاكتىپلارنىڭمۇ ساناقلىق بولۇشى ، قاتتىق قىزىپ كەتكەن تۈرلۈك كەيىپ - ساپا ۋە ئويۇن - تاماشا سورۇنلىرىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ خىل كۆز قارىشىنى قۇۋۋەتلەپ قويماقتا .

مىللىتىمىز قىل ئۈستىدە تۇرۇۋاتىدۇ. چەتئەلدىكىلەر ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ . بىز بىر قابىل ۋە ئۇنۋېرسال يېتەكچى كۈچى ۋە يېتەكلەش مېخانىزىمىغا مۇھتاج. خۇدانىڭ بىزگە قالدۇرغان مۆھلىتى ئۇنچە ئۇزۇن ئەمەس. ئەڭ يامان بولغىنى بىز تېخى خۇدا بەرگەن ئىمكانلاردىن تولۇق پايدىلانغىنىمىز يوق . ۋەتەندە بىر پۈتۈن مىللەت ، بۈشۈكتىن لەھەتكىچە بولغان تىرىك ۋە ئۆلۈك ئۇيغۇرلار ھەممىسى ئېغىر بەدەل تۆلىمەكتە . بىراق ئەركىن دۇنيادا پەقەت ساناقلىق ئەزىمەتلەر ۋە ئاز بىر قىسىم نامسىز قەھرىمانلارلا ئۆز كۈچىگە تايىنىپلا ئىزچىل توغرا يۆنىلىشتە پارتىزانلارچە كۈرەش قىلماقتا . داڭدارلار ۋە تەشكىلاتلار كۆپىنچىسى تۇرۇشلۇق ئەللەرنىڭ غالچىسىغا ۋە سادىق چاكارلىرىغا ئايلىنىپ قالغاچ ، بارا - بارا قارشىلىق ئاۋازىمۇ چىقمايۋاتىدۇ . چىققاندىمۇ ساپلا مىللەتنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ، ھەتتا ۋەتەندىكى خەلقىمىزنى تېخىمۇ ئېغىر پالاكەتلەرگە دۇچار قىلىدىغان ۋاختى ئۆتكەن ئىمپىرىيال شوئارلار دېگەندەك رېئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان بىر دۆۋە كېرەكسىز باياناتلار شەكلىدە ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . ئەڭ ئەقەللىسى قولىمىزدىكى مېدىيالارنى توغرا شەكىلدە ئىشلىتىشنىمۇ بىلمەيۋاتىمىز . كۆپىنچە ئۆزىدىن ھالقىپ بولالمىغان كىشىلەر ئالاقە ۋاستىسىنى تېخىچە « ئۇيغۇرچە غەيۋەت - شىكايەت » ۋە « باندىتلارچە قىزىل قوغدىغۇچىلار -- ئادەم سازايى قىلىپ قورساق كۆپىكىنى چىقىرىش » سەۋىيىسىدە ئىشلەتمەكتە. ئۆزىدىن ھالقىغانلار بەك ھالقىپ كېتىپ ، خەلقئارالىق ئويۇنلاردا بىكالىق رول ئېلىپ ، ۋەتەندىكى خەلقىنىڭ گۆرىنى ئۆز قولى بىلەن قازماقتا . ئۇيغۇرنىڭ ماماتلىق مەسىلىسىنى ئۆزى تۇرۇشلۇق ئەللەرنىڭ ئۆز كۆمىچىگە چوغ تارتىشتىلا پايدىلىنىدىغان ئەرزان باھالىق پېشكىسى ، بىر قېتىملا قول سۈرتۈپ تاشلايدىغان تازىلىق قەغىزى قىلىپ قويماقتا . بۇ ھالەتتە بالا - قازادىن قۇتۇلۇش مۇمكىنمۇ ؟!  ئەجەبا مەرھۇم ئابدۇكېرىمخان مەخسۇمنىڭ 1949 - يىلى ئۆكتەبىردە ۋەتەندىن چىقىپ كېتىش ئۈچۈن قوزغالغان ئۆمەك ئەزالىرىغا ئېيتقان گەپلىرى ئۇنىڭ ھازىرقى تايىنلىق ھالىتىمىزنى ئالدىن كۆرەرلىكى بولغىيمىدى ياكى مەنسىتمەسلىك بولغىيمىدى ؟! 

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 4 - نويابىر. چارشەنبە.
6

بابۇرىلار شاھى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېب ھەققىدە :

كىرىش سۆز ئورنىدا :

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرىلار ھۆكۈمرانلىرى ئىچىدىكى ئىككىنچى قېتىملىق گۈللىنىش ۋە كۈچىيىش دەۋرىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرگەن ئەڭ قابىل ۋە دانا پادىشاھ بولۇپ ، شاھجاھاننىڭ ئوغلى ئىدى. شاھجاھاننىڭ دادىسى دەل نۇرىددىن جاھانگىرخان ئىدى . ئۇنىڭ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ، ئۇنىڭ دادىسى نەسرىددىن ھۇمايۇن ، ئۇنىڭ دادىسى دەل زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ ئىدى. بابۇر شاھ ئانا تەرەپتىن تۇغلۇق تۆمۈرخانغا ، ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈرگە تۇتىشاتتى. ئۇنىڭ دادىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا يۇنۇسخاننىڭ كۈيئوغلى ئىدى . يەنى ، ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن سۇلتان سەئىدخاننىڭ دادىسى سۇلتان ئەھمەدخان يۇنۇسخاننىڭ ئۆز بالىلىرى ئىدى.

1 . بوۋىسى نۇرىددىن مۇھەممەد سېلىم جاھانگىرشاھ ھەققىدە  :

1605 - يىلى 3 - نويابىر جاھانگىرشاھ دادىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ئورنىغا ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولغان . جاھانگىر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپىقىيىتى دەل دادىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان دىنىي مالىمانچىلىقنى تۈزەش بولسا ، ئۇنىڭ ئەڭ ئەجەللىك خاتالىقى چەتئەل كۈچلىرى كېڭەيمىچىلىك قورالى قىلىۋالغان سودا شىركەتلىرىگە ئىمتىياز بېرىپ ، دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالىنى ۋەيران قىلىدىغان ئەجەللىك يوچۇق ئېچىپ قويغانلىقىدۇر . ئەڭ چوڭ داۋالغۇش ۋە مۇنقەرىز بولۇش خەۋپى ئۇنىڭ ئەجنەبىي خوتۇنى پىرەنسىس مانماتى دېگەن ئايالدىن تۇغۇلغان نانقېپى ئوغلى شاھجاھاننىڭ دەۋرىدە كۆرۈلگەن.

بابۇر شاھنىڭ 1542 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ بىدئەت دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ، 1600 - يىلى 31 - دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ . 1627 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ . ئۇ  1569 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك  ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1709 - يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈرەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ ، 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە ھىندىستاننى يۇتۇۋالىدۇ .

2 . دادىسى شىھابىددىن مۇھەممەد شاھ جاھان ھەققىدە :

ئەسلى ئىسمى غىياسىدىن ھۆررەم جاھانگىر بولۇپ ، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ھايات چاغدا،
1592 - يىلى 5 - يانۋار لاھوردا تۇغۇلغان .
ئۇنىڭ ئانىسى ھىندى مەلىكىسى ئىدى. ئۇ كىچىك ۋاختىدىلا ئۈچ ئوغۇل ئىچىدە ئەڭ زېرەك ۋە تەدبىرلىك بولغاچقا ، بوۋىسى ئەكبەر شاھ ئۇنى ئىنتايىن ئەركە ئۆگەتكەن . بىراق ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ ، 13 ياشلىق شاھجاھاننىڭ ئەركە دەۋرى پۈتۈنلەي ئاخىرلاشقان. شۇنداقتىمۇ ئۇ ياش تۇرۇپلا ھەربىي جەھەتتىمۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئۇتۇقلارغا ئېرىشكەن . بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئەسلى كېلىپ چىقىشى ئافرىقىلىق ھەبەشلەردىن بولغان ئەڭ چوڭ ئىسيانچى ھەربىي قوماندان مەلىك ئەنبەر (1548 - 1626 ) نى مەغلۇپ قىلىپ ، كېلىشىم تۈزۈشى ، ئۇنىڭغا تەخت ۋارىسى بولۇش شەرىپىنى ئاتا قىلغان. 1628 - يىلى 19 - يانۋار دادىسى جاھانگىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان . دەسلەپكى دەۋرىدە ھەر خىل ئىسيانلارنى تىنجىتىپ ، پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ تۇرغان . ھەر ئېھتىمالغا قارشى ئوغلى ئەۋرەڭزېپنى 1635 - يىلى نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن . ئۇنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەربىي يۈرۈشلىرى تاكى پارسلاردىن قەندەھارنى قايتۇرۇۋېلىشىغىچە داۋاملاشتى .

كۈتۈلمىگەندە ئۇنىڭ ئامراق خوتۇنى مۇمتاز مەھەل ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇ ئەسلىدە بۇرۇنقى پارس خانلىرىنىڭ نەسلىدىن بولۇپ ، 1593 - يىلى 27 - ئاپرىل تۇغۇلغان . شاھجاھان ئۇنى 21 ياش ۋاختىدا ئەمرىگە ئالغان . بۇ خوتۇن 1631 - يىلى 17 - ئىيۇن ئۆلگەندىن كېيىنلا، شاھجاھاننىڭ بۇرۇنقى جەڭگىۋارلىقى ۋە ئىرادىسى بوشىشىپ ، بارغانسىرى دېۋەڭ ۋە نانقېپى بوپقالغان . ئۇنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن شاھجاھان 1632 - يىلدىن تاكى 1653 - يىلغىچە 21 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، 21 مىڭدىن ماھىر ئۇستا ئىشلىتىش ئارقىلىق ، پايتەختتە غايەت زور مازار ياساتقان . ئۇ دەل ھازىرقى دۇنيادىكى يەتتە ئاجايىباتنىڭ بىرى دەپ نام ئالغان « تاجمەھەل مەقبەرىسى » ئىدى . دۆلەت خەزىنىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان بۇ قىلمىش ۋە دۆلەتنىڭ ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇش ، ئىمپىرىيەنىڭ داۋالغۇپ كېتىپ ، مۇنقەرىز بولۇش خەۋپىنى پەيدا قىلغان .

دادىسىنىڭ تۈگىشىپ كەتكىنىنى كۆرگەن دانا ئوغلى ئۇنى بىكار قىلىپ ، ئۆزى تەختكە چىققان . شۇنداق قىلىپ ، 1658 - يىلى 31 - ئىيۇل ۋەتەنپەرۋەر ۋە يۈكسەك ئىرادىلىك ئوغلى ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ تەرىپىدىن تەختتىن چۈشۈرۈلگەن . شۇنداقتىمۇ خوتۇنىنىڭ دەردىدە ئاساسەن ساراڭ بولغان دادىسىغا ئوردىدىن بىر يوچۇق ئېچىپ، يوغان بىر ئەينەكنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، تاجمەھەل مەقبەرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان شارائىتنى يارىتىپ بەرگەن . شاھجاھان ئاشۇ ئەينەككە قاراپ ياتقان پېتى سەككىز يىلنى ئۆتكۈزۈپ، 1666 - يىلى 22 - يانۋار 74 يېشىدا ئاگرادا قازا قىلغان .

3 . پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەققىدە :

« ئۇلۇغ پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىزىنى بېسىپ ماڭالىغان خەلىپىلەر قاتارىدىن ھېساپلىنىدۇ ».
ئەللامە ئەلى تانتاۋى .

تولۇق ئىسمى ئەبۇ مۇزەففەر مۇھىددىن مۇھەممەد ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر 1618 - يىلى 4 - نويابىر ھازىرقى گوجارات تەۋەسىدە تۇغۇلغان. ئەبۇ مۇزەففەر ئۇنىڭ ئەرەبچە تەخەللۇسى بولسا ، « ئەۋرەڭزېپ » ئەسلىدە « سەلتەنەت زىننىتى » مەنىسىدىكى پارسچە سۆز بولۇپ ، « ئالەمگىر » ئاتالغۇسىمۇ پارسچە « جاھاننىڭ خوجىسى » مەنىسىدىكى سۆز ئىدى . ئۇنىڭ ۋاختىدا بابۇرىلار شاھلىقى دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ۋە قۇدرەتلىك تۈرك - ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان بولغاچقا ، بىر قاتار ھۆرمەت ناملار بىلەن نامى ئەبەدىي ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە . ئۇ دەل ھېلىقى مۇمتاز مەھەلدىن تۇغۇلغان ئوغۇل ئىدى .

ئۇ كىچىكىدىنلا دىنغا ئالاھىدە بېرىلىپ ، راھەت - پاراغەتكە قەتئىي بېرىلمەس بولۇپ ئۆسكەن .
ئۇنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى ئەكبەر شاھ پەيدا قىلغان بىدئەت دىنىنى مىڭ تەستە ئوغلى جاھانگىر قولى بىلەن يىغىشتۇرغان شەيىخ ئەھمەدنىڭ ئوغلى مۇھەممەد مەخسۇم شاھجاھاننىڭ بۇ ئوغلىنى كىچىكىدىنلا قۇرئاننى ئۆلچەملىك ئوقۇيدىغان قىلىپ تەربىيىلەپ ، ئۇنى ھەنەپى مەزھىپى بويىچە مۇكەممەل بىر مۇسۇلمان قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىققان . ئۇ ھەر ھەپتىنىڭ دۈشەنبە ، پەيشەنبە ۋە جۈمە كۈنلىرى روزا تۇتۇشنى ، تاراۋا نامىزىغا ئىمام بولۇشنى ۋە بارلىق نامازلارنى جامائەت بىلەن ئوقۇشنى بىر ئۆمۈر ئادەتكە ئايلاندۇرغان. بۇ جەھەتتە ئۇ خۇددى ئۇلۇغ بوۋىسى يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىم - ئىبادەتتە ، ھەم ئۇرۇش - سىياسەتتە تەق يېتىلگەن يېگانە ھۆكۈمدارغا ئايلانغان. ئۇندىن باشقا ئۇنىڭغا تۈرلۈك جەڭ سەنئىتى ۋە ئۇرۇش ماھارەتلىرىنى ئۆگەتكەن . بۇ خىل تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈش ئۇنى ئۇلۇغ بوۋىسى بابۇرشاھتىنمۇ ئېشىپ چۈشكىدەك سەلتەنەتكە يەتكۈزگەن .

تېخى كىچىك ئۆسمۈر تۇرۇپلا ئۇستا چەۋاندازغا ئايلانغان . ئۇنىڭ قەھرىمانلىقى ھەققىدىكى مۇنۇ تارىخ ھازىرغىچە ئۇنتۇلغىنى يوق :

ئۇ 14 ياشقا كىرگەندە دادىسى قاتناشقان بىر قېتىملىق ھەربىي مۇراسىم ئۆتكۈزۈلگەن . بۇ چاغدا پاراتتىن ئۆتۈۋاتقان پىللاردىن بىرى توپتىن ئايرىلىپ چىقىپلا ، ئۇدۇل ئۇ مىنگەن ئاتنى نىشانلاپ ، خارتۇمى بىلەن ئۇرغان . كىچىك خانزادە ئاتتىن موللاق ئاتقان . بىراق ئۇ قىلچە ھودۇقماستىن ، قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، ئۆزىگە قاراپ كېلىۋاتقان چوڭ پىلغا قىلىچ ئۇرۇشقا تەييارلانغان . ھالقىلىق پەيتتە بىر نەچچە قوغدىغۇچى ئەسكەر پىلنى ئۈركۈتۈپ ئاران كەينىگە ياندۇرغان. بۇ چاغدا ئۇنىڭ ئانىسى يېڭىلا ۋاپات بولغانىدى . شاھجاھان ئوغلىنىڭ باتۇرلىقىدىن سۆيۈنۈپ ، ئۇنى 17 ياشقا كىرىشىگىلا ، 1635 - يىلى ئۆزىنىڭ تەخت ۋارىسى ۋە نائىپ پادىشاھ قىلىپ تەيىنلىگەن .

ئۇنىڭ ئىككى قېرىندىشىنىڭ بىرى ھازىرقى بېنگال تەرەپنى ، يەنە بىرى ھازىرقى پاكىستان تەۋەسىنى سورايتتى . ئەۋرەڭزېپ ئوتتۇرا قىسىمنى سورىغان . بۇ جەرياندا دۆلەتنى ياخشى ئىدارە قىلىپلا قالماي ، بەلكى تۈرلۈك ئىسيانلارنى باستۇرۇش جەريانىدا ھەم ئەلەمدەھەم قەلەمدە يېتىشكەن ، ھەم دانا ھۆكۈمدار ، ھەم داڭلىق قوماندان بوپقالغان .

شاھجاھان 1653 - يىلى 21 يىلدا ئاران پۈتكەن ئاپئاق رەڭلىك تاجمەھەلنىڭ يېنىغا قاپقارا رەڭلىك شاھجاھان مەقبەرىسى ياسىتىشقا پەرمان بەرگەن . بۇ چاغدا ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ئۇنى نەزەربەنت قىلىپ ، دادىسىنىڭ نامىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن . بىراق ئۇ بارا - بارا بوۋىسى ئەكبەر شاھ دەۋرىدىكى بىدئەت دىننى تىرىلدۈرمەكچى بولغان. سەگەك ۋە كەسكىن ئىرادىلىك ، مۇستەھكەم ئېتىقادلىق ئالەمگىر ئاكىسىنىڭ بۇ سۇيقەستىنى بىتچىت قىلىپ ، دادىسى تاشلاپ قويغان زەئىپ دۆلىتىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكە بەل باغلىغان .

ئۇ 1657 - يىلى ئاساسەن ئېغىر سەۋدالىق كېسىلىگە دۇچار بولغان دادىسىنى دەم ئېلىشقا چىقىرىپ ، قالغان ئىككى بۆلگۈنچى ئاكىسىنى يىغىشتۇرۇپ ، 1658 - يىلغىچە ئۆزى يېگانا ھالدا ۋەزىيەتنى تولۇق تىزگىنلەپ ، شۇ يىلى 31 - ئىيۇل رەسمىي ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلاپ كەتكەن . ئەمما تاج كىيىش مۇراسىمى 1659 - يىلى 13 - ئىيۇن دېھلىدىكى شالىمار باغدا ئۆتكۈزۈلگەن .

شاھجاھان دەۋرىدە ئۆزىگە ئۆزى پادىشاھ بولۇۋالغان ھىندى خانلىقلىرى ھەممىسى دېگىدەك قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن . ئالەمگىرخان تەختكە چىققان كۈندىن باشلاپلا ، ئۇرۇش بىلەن ۋاختى ئۆتكەن . 50 يىللىق تىرىشچانلىق ئارقىلىق ، ھازىرقى ئافغانىستان ، پاكىستان ، ھىندىستان ، كەشمىر ، نېپال ، بۇتان ، سىككىم، بېنگال ۋە بېرما قاتارلىق جايلارنى تىزگىنلىگەن.
4 مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق غايەت زور جۇغراپىيەنى باشقۇرغان ئالەمگىرخان ئۇدا 30 قېتىمدىن كۆپرەك چوڭ ئۇرۇش قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدىكى 11 چوڭ ئۇرۇشقا ئۆزى قوماندانلىق قىلغان .

ئۇندىن باشقا ئۇ دادىسى دەۋرىدىكى 80 نەچچە خىل ھەر خىل باجنى بىكار قىلغان. خەزىنىدىن بىر تىللامۇ خەجلىمەي ، ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئاندىن كىرىم قىلغان پۇلدا جان ساقلىغان . پۈتۈن ئۆمرى ھەربىي ھالەتتە ئۆتكەچكە ھەرەمگە ھەجگە بارالمىغان. بۇنىڭ بەدىلىگە ئۆز قولى بىلەن يازغان قۇرئان كەرىمدىن ئىككىنى مەككە ۋە مەدىنىگە ئەۋەتىپ بەرگەن .

كىندىك قېنى لاھورغا تۆكۈلگەن دادىسىنى خاتىرىلەش 1671 - يىلى ئۈچۈن لاھوردىكى قەدىمىي جامە « پادىشاھ مەسچىتى » نى سالدۇرغان ئالەمگىرخان دەۋرىدە پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان . مەزكۇر مەسچىت ھازىرغىچە ئۇنىڭ شۆھرىتىگە گۇۋاھ بولۇپ تۇرماقتا .

ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك ھۆكۈمدارى پادىشاھ ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ ھازىرقى لاھوردا 1671 - يىلى سالدۇرغان پادىشاھ مەسچىتى ھازىرمۇ شۇ پېتى قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا . مەزكۇر مەسچىت ئېچىۋېتىلگەن مەزگىل دەل ئافاق خوجا ئىشان ۋەتىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىلىپ ، بەدەخشان ۋە كەشمىردە تېنەپ يۈرگەن ۋاختى ئىدى. بەلكىم ئۇ ئۆزى بۇ مەسچىتنى زىيارەت قىلىپ باققان بولۇشى مۇمكىن. 

ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ بابۇرشاھلار ئىچىدىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران بولۇپ ، ئۇنىڭ دەۋرىدە موغۇل ئىمپىرىيىسى ھازىرقى جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئاساسەن ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىرگۈزۈپ بولغان. بۇنچە سەلتەنەتكە ئۇل سالغان ۋە ئاخىرىغىچە قوغداپ قالغان ھىممەتلىك پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرخان 88 يېشىدا ئەھمەد ناگاردا 1707 - يىلى 3 - مارت ۋاپات بولغان .

ئۇ بابۇرىلار سەلتەنىتىنىڭ 6 - ھۆكۈمدارى بولۇپ ، بابۇرشاھ ، ھۇمايۇنخان ، ئەكبەر شاھ ، جاھانگىرخان ۋە شاھجاھانخاندىن كېيىن ئۇدا 50 يىل ھۆكۈم سۈرۈپ ، بابۇرىلار ئىمپىرىيىسى
( 1526 - 1858 ) تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن ۋە ئەڭ شانلىق سەلتەنەت سۈرگەن قابىل پادىشاھ بولۇپ قالدى .

4 . دالاي لامانىڭ قالماقلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشى :

ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر شاھ ھىندى ئوكياندىكى پورتۇگالىيە دېڭىز قاراقچىلىرىنى تازىلىغاندىن كېيىن ، دىققىتىنى تىبەتكە قاراتقان . بۇ چاغدا تىبەتتە دالاي لاما 5 ھۆكۈمران ئىدى . ئۇ خېلى يىراقنى كۆرەر روھانىي دىنىي رەھبەر بولۇپ ، ئالەمگىر يېڭىلا تەختكە چىققان چاغدىن باشلاپلا ئۇنىڭدىن مۇداپىئە كۆرۈشكە تۇتۇش قىلغان . چۈنكى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقان ۋە چوقۇنۇۋاتقان قالماقلار مەركىزىي ئاسىيادىكى قازاق ۋە ئۆزبېك ئەللىرىنى قارام ئەللەرگە ئايلاندۇرۇپ ، دالاي لامانى ئامبۇردەك ئىككى تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرغان قوشماق ئىككى خانلىق - سەئىدىيە خانلىقى بىلەن بابۇر شاھلىقىغا چىشىنى بىلەپ تۇرغانىدى . دەل شۇ چاغدا ئافاق خوجا كەشمىر ئارقىلىق تىبەتكە چىقىپ ، دالاي لامانى خۇش قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە دالاي لاما بۇرۇنقى ياغاچ قۇلاق شاگىرتى غالدان قونتاجى ( 1645 - 1697 ) غا
« بوشۇكتۇخان » مەرتىۋىسى بېرىپ ، خوجا ھىدايىتۇللا ئىشانغا « ئافاق بىسيار » دەپ نام بېرىپ ، غالدانغا مەكتۇپ يېزىپ بەرگەن . 1677 - يىلى ھازىرقى كەڭسۇ ئارقىلىق، غالدان يېڭىلا يۇتۇۋالغان قۇمۇل ، تۇرپان ۋە بەشبالىقنى كېسىپ ئۆتۈپ 1678 - يىلى باش باھاردا غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن ئافاق خوجا مەكتۇپنى غالدانغا بەرگەن . دالاي لاما تېخى بەش يىل بۇرۇنلا ئۇنىڭ راھىپلىق نامىنى بىكار قىلغان ئىدى . ئەمدى ئۇنىڭغا بىراقلا خانلىق مەرتىۋىسى بەرگەن . ئۇنىڭ دادىسى قونتاجىمۇ 1635 - يىلى مۇشۇ دالاي لاما 5 تەرىپىدىن
« باتۇر قونتاجى » دېگەن نامغا ئېرىشكەن ئىدى . قونتاجى بۇ خىل دىنىي ئىمتىيازدىن ياخشى پايدىلىنىپ ، 1640 - يىلى ھازىرقى موڭغۇل ۋادىسىنى سوراۋاتقان قالقالار بىلەن بىرلىشىپ ، قالماق خانلىقىنى قۇرۇۋالغانىدى.
بۇ چاغلاردا سەئىدىيە خانلىقى بىر نەچچە شاھزادە ۋە ئىككى تاغلىق خوجىلار ئارىسىدا پارچىلىنىپ بەكلا ئاجىزلىشىپ كەتكەنىدى.
بابۇر شاھلىقىنىڭ ئەھۋالىمۇ ئوخشاش ئىدى . بەختكە يارىشا ئابدۇرېشىتخاننىڭ 12 - ئوغلى ئابدۇرەھىمخان ( تۇرپاندىكى نائىپ خاقان) نىڭ ئوغلى ئابدۇللاخان ( 1638 - 1666 - يىللىرى تەختتە ئولتۇرغان ) خانلىقنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، قۇدرەت تاپقۇزغان . بابۇرىلاردىنمۇ ئالەمگىرخان تەختكە چىقىپ، دۆلەتنى قايتا كۈچەيتىپ ، تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزغان . بۇ ھال ئالەمگىرخاندىمۇ خۇددى سەئىدخانغا ئوخشاش تىبەتنى ئىسلاملاشتۇرۇش ئويى پەيدا قىلغان . دالاي لامانىڭ بېشى قېتىپ تۇرغاندا ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن غالدان ئۇنىڭ باش ئاغرىقىنى تۈگەتكەن . كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇم.
ئالەمگىرخانمۇ ياشىنىپ قالغاچقا، دۆلەت ئەركانلىرى ئۇنى ئېگىز تاغلىق تىبەتكە يۈرۈش قىلىشتىن توسۇپ قالغان .

گەرچە ئابدۇللاخان 1638 - يىلى يەكەننى ئىگىلەپ، باشقا شاھزادىلەرنى تىنجىتىپ، سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇپ، ئاخىرقى 30 يىللىق گۈللىنىشنى بارلىققا كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق قالماق تەھدىتىنى يوقىتىشقا كېچىكىپ قالغانىدى. 1644 - يىلى مانجۇلار سەددىچىندىن كىرىپ 10نەچچە يىل ئىچىدىلا خىتاينى تولۇق ئىشغال قىلدى.
شەرقتىكى موڭغۇللار جۇڭغار خانلىقىغا قېچىپ كەلدى. قېرىشقاندەك سەئىدىيە خانلىقىدا 1648 - يىلى باشلانغان ئاقتاغلىق ۋە قارا تاغلىق زىددىيىتى 1678 - يىلى قۇدرەتلىك ۋەئاچكۆز قالماق خانى غالداننى باشلاپ كېلىپ، ئۆز قولىمىز بىلەن دۆلىتىمىزنى مۇنقەرز قىلىش بىلەن ئاياغلاشتى.

تۇراندىكى سەلتەنەتىمىز قالماقلارنىڭ قولىدا ۋەيران بولغاندىن كېيىنلا ، ھىندىستاندىكى يەنە بىر سەلتەنەتىمىزمۇ زاۋاللىققا يۈزلەنگەن .
تولىمۇ ئەپسۇس ، ئالەمگىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، مەزكۇر خانلىق 1709 - يىلدىن باشلاپ تەدرىجىي زەئىپلەشتى. تۇنجى ئەجەللىك ھۇجۇم سافاۋىلار خانلىقى ( 1502 - 1736 ) خارابىسىدا ئافشار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان نادىر شاھتىن كەلدى . نادىر شاھ 1744 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىنكى ھۇجۇم ئافغانىستان شاھى ئەھمەدخان دۇررانىدىن كەلدى.

مەزكۇر ئەھمەدخان مەركىزىي ئاسىيا خانلىقلىرىنىڭ مەنچىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى ئىسلام ئىتتىپاقى بىرلەشمە ئارمىيىسنىڭ باش قوماندانى بولۇپ ، 1765 - يىلدىكى ئۇچتۇرپان قوزغىلىڭىنى ئاغزاكى قوللىغان . بىراق ئۇلار قوشۇن تارتقۇچە ، مانجۇرلار ئۇچتۇرپان ئاھالىسىنى تولۇق قىرىپ تاشلىغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاقماس ئىتتىپاق چۇۋۇلۇپ ، ئەھمەدخان قايتىش يولىدا 1759 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ چيەنلوڭغا سوۋغا قىلغان بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھنى ئۆلتۈرۈپ ، « ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىنتىقام ئالغان » ھالەت پەيدا قىلىپ ، بەدەخشاننى قوشۇۋالغان . شۇندىن بېرى سەئىدىيە خانلىقى ۋە خوجا جاھانغا ئولپان تاپشۇرۇپ ياشايدىغان بۇ جاي ئافغانىستاننىڭ بىر قىسمى بوپقالغان. 

خاتىمە : بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىت چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق . ۋەتىنىمىزدە 16 مىڭدىن ئارتۇق مەسچىتلەر چېقىپ تاشلاندى.  ئەمما تۈرك - ئىسلام دۇنياسى 2020 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر باندىتلار سېلىپ بەرگەن دۇنيا بويىچە 3 - چوڭ مەسچىتنى مەدھىيىلەپ ، دىللىرىدىكى خىتاي سۆيگۈسىنى ئاشكارا ئىپادىلەش بىلەن ئالدىراش .

سۈرەتتە : ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىر خاقان ۋاختىدا ئەڭ گۈللەنگەن ۋە كېڭەيگەن بابۇرىلار زېمىنى . ( 1705 - يىل).
شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ، بابۇرىلار خانلىقى سەئىدىيە خانلىقى بىلەن قوشماق خانلىقى بولۇپ ، بىرى مەركىزىي ئاسىيانى ، يەنە بىرى جەنۇبىي ئاسىيانى سورىغان . بىرى 180 نەچچە يىل ، يەنە بىرى 333 يىل داۋام قىلغان. بۇ ئىككى دۆلەتنى « بىر مىللەتنىڭ ئىككى دۆلىتى » دەپ ئاتاشتىن باشقا تاللاش يوق.

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى

2020 - يىلى 4 - نويابىر. چارشەنبە.
7


« ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلگەن جەڭدە يېڭىلمەيدۇ »

سۈنزىنىڭ يۇقىرىقى گېپى دەل خىتاينىڭ ھازىرغىچە بىزنىڭ شىللىمىزغا مىنىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ.

باندىتلار ئۆزىنىلا ئەمەس، بىزنى ئۆزىمىزدىن ياخشى بىلىدۇ . ئەمما بىر ئۇيغۇر بالىسى بوۋىسى تۇرۇپ تۇرسۇن ، قەيسەر دادىسىنىڭ نېمىش قىلغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ .  بىلسىمۇ ناھايىتى يۈزەكىلا بىلىدۇ .

ئۆزىنىڭ خەلقىنى بۇنچە خورلاۋاتقان ئالۋاستىلارنىڭ بىزنى
ھونلارنىڭ ۋە غۇزلارنىڭ ئەۋلادى دەپ قارىغاچقا، تارىختا شۇلاردىن ئالالمىغان ئۆچىنى بىراقلا ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالامسىز !؟
« ھونلارنىڭ گۆشىنى يەپ ، غۇزلارنىڭ قېنىنى ئىچىمىز !» دېگەن گەپنى مىلادى 12 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى خىتاي سوڭ خانلىقى ئەمىر لەشكىرى يۆفېي **« شەرقىي شىمالدىن باستۇرۇپ كېلىپ، دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان جۇرجىتلارغا قارىتا ئېيتقانىكەن » . شۇنىڭدىن بېرى بۇ شوئار خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرنى ئاساس قىلغان بارلىق تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى تۇرۇشتىكى ۋە ئۆچمەنلىك قىلىشتىكى ئىدىيىۋى ئاساسىغا ئايلانغان .
ئەزىز خەلقىمىز 1936 - يىلى سىتالىن ۋە شېڭ شىسەينىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئەنسىز ياشاۋاتقان تارىخىي پەيتلەردە بىر ئىرقچى خىتاي زىيالىيسى « غەربىي يۇرتنى ئىدارە قىلىش تاكتىكىسى » دېگەن كىتاپنى يېزىپ، ئۇنىڭدا تارىختا خىتاي خانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق تاكتىكا قوللىنىپ، ھېچقانچە كۈچىمەيلا ، بىر - بىرىنى يىرىكلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا قىردۇرۇپ يۈرۈپ ، ئاخىرىدا بويسۇندۇرغانلىقى ماختىلىپ ، خىجىل بولماستىن ھازىرمۇ شۇ 20 ئەسىر ئىلگىرىكى پەسكەش قىلىقلىرىنى قايتا سادىر قىلغاندا خىتايلارنىڭ بۇرۇنقىدەكلا قۇدرەتلىك بولىدىغىنى ئىپادىلەپ بىر ئەسەر يازغان . ياپونلار پۈتۈن سەپ بىلەن خىتايغا بېسىپ كىرىش ھارپىسىدا دۆت ۋە ئەشەددىي باندىتلارنىڭ تەقلىدى دۈشمەن نامزاتى كۈچلۈك ياپونلار ئەمەس ، بەلكى مىلىتارست شېڭ شىسەي قولىدىكى جاھاندىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى بولغان . خىتايلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى سۈن ۋېن / جۇڭسەن/ مانجۇرلارغا قارشى ئاۋامنى قوزغىغاندا « تاتارلارنى يوقىتايلى !» دېگەن شوئارنى كەڭ تارقاتقان . كېيىنكى 50 يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدىلا ئۆزلىرىنى ئەڭ ئۇزۇن مۇستەملىكە قىلغان مانجۇرلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى . ئەمما موڭغۇللار ئۇيغۇرلارنىڭ شاراپىتى بىلەن رۇسلار تەرىپىدىن قوغداپ قېلىندى . خۇدادىن باشقا ھېچقانداق يۆلەنچۈكى بولمىغان ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى يۈز يىل ئىچىدە بىزنى ئەڭ ئەشەددىي تارىخىي دۈشمىنى دەپ قارايدىغان ھەر قايسى خىتاي مىلىتارستلىرى تەرىپىدىن پىلانلىق ۋە سېستىمىلىق ھالدا ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارغا ئۇچراپ كەلدى . يېقىنقى 260 يىلدا ، بولۇپمۇ ئەڭ ئاخىرقى 70 يىلدا ئۇيغۇر خەلقى خاتىرجەم ياشاپ باقمىدى . تارىخ سەھىپىلىرىدىنمۇ قان ھىدى كېلىپلا تۇرىدۇ . تولىمۇ ئەپسۇس ، قان بىلەن يېزىلغان 70 يىللىق تارىخىمىز قەلەمگە ئېلىنمىغاچقا ، ھازىر تولىمۇ بىچارە ۋە گاڭگىراۋاتقان، دوست ۋە دۈشمىنىنى ئېنىق تونۇيالمايۋاتقان، تېخىچە دۈشمەنگە غالچىلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە ئىسىملىق ، مۇسۇلمانچە ماركىلىق كاززاپلاردىن زور ئۈمۈد كۈتۈۋاتقان ھاماقەت بىر خەلققە ئايلىنىپ قالدۇق .

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى ، بىزدىن ئىككى مىڭ يىل بۇرۇن ئۆي ئايرىپ چىقىپ كەتكەن ، كېيىنكى مىڭ يىل جەريانىدا بىزدىن بەكلا ياتلىشىپ ، ئاخىرىدا 1759 - يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىپ ، ئاخىرىدا ئۆزىنىمۇ بىزنىمۇ خىتايلارغا قۇل قىلىپ بەرگەن ھاماقەت مانجۇرلارنى خىتايلار ئىزچىل بىز ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر قىسمى دەپ تونۇپ كەلدى . مانا ئەمدى خىتاي شۇ تارىخىي قارىشىنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىپ ، غەرپ ئەللىرىنىڭ تۈرك ۋە ئىسلامدىن ئۆلگىدەك قورقىدىغان ئورتاقلىقىدىن پايدىلىنىپ ، ئاسىيانىڭ مەركىزىدە ئون مىڭ يىلدىن بېرى تېنچ ياشاۋاتقان ، ياۋروپارلىقلارغا ھېچ زىيىنى يەتمىگەن ئۇيغۇر مىللىتىنى تارىختىكى ساكلار، سارماتىيانلار ، ئىسكىتلەر ، كېيىنكى زاماندىكى ھونلار ، ئاۋارلار ، ھازارلار ، بۇلغارلار ، موڭغۇللار ھەتتا ئوسمان تۈركلىرىنىڭ ئەجداتلىرى ۋە بوۋىلىرى دەپ تەشۋىق قىلىپ، خۇددى بىزنى ئەڭ ئاخىرقى يوقىتىش نىشانى قىلىپ تاللاپ، ئۈچ يىلدىن بېرى قىرغىن قىلىۋاتقىنىغا ئوخشاش ، غەرپ ئەللىرىنىمۇ شۇ زەھەرلىك ۋە سۇيقەستلىك تارىخ نەزەرىيىسى بىلەن قوراللاندۇرۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنى تولۇق يوقاتقۇچە ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بارلىق تىرىشچانلىقىنى ئىشقا سالماقتا . چۈنكى ئاجىز ۋە كەمبەغەل ئىسلام ئەللىرىنى پۇل بىلەنلا سۈكۈت قىلدۇرغىلى بولغان بىلەن ، غەرپلىكلەرنى پەقەت ئىدىيىۋى جەھەتتىن قايىل قىلغاندىلا ئاندىن غەرىزىگە يېتەلەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرى ھەر ھالدا تويۇنغان . ئەمما بىز تەشۋىقاتنىڭ كۈچىگە سەل قاراۋاتىمىز .

** يۆفېي  : 1103 - يىلى 24 - مارت تۇغۇلغان.
1142 - يىلى 27 - يانۋار سوڭ خانى تەرىپىدىن
« جۇرجىتلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، سوڭ خانلىقىنى يىقىتىش جىنايىتى » بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن.

2019 - يىلى 2 - ئۆكتەبىر.
8

دۇنيادا 17 - ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ئىشلار :

1662 - يىلى چارلىز 2 « ديۇنكېرەك » نى فرانسىيەگە 40 مىڭغا سېتىۋەتكەن .

1777 - يىلى ئامېرىكا ئەنگلىيەنى ساراتوگادا يېڭىپ ، مۇستەقىللىق ئۈچۈن چوڭ قەدەم ئالغان.

1800 - يىلى ئەنگلىيە گوللاندىيەنىڭ ئىلكىدىكى مۇستەملىكە ئارال « كوراساۋ » نى ئىگىلىۋالغان .

1849 - يىلى پولشانىڭ « پېتوفى » سى ۋە « كۈرەش كۈسەن » ئى شابان پارژدا قازا قىلغان.

1912 - يىلى بىرىنچى بالقان ئۇرۇشى پارتلىغان.

1924 - يىلى خانبالىقنىڭ شىمالىي دەرۋازىسى بولغان « ئاق قوۋۇق » تا جەڭ باشلانغان . بۇ جەڭ ئىككى خىتاي مىلىتارستلىرى ئارىسىدا
« شەنخەيگۇەن قوۋۇقى » دا ئېلىپ بېرىلغان.

1932 - يىلى جاڭ كەيشى ئەڭ يېڭى ئۇرۇش ئىستراتېگىيىسى « كومپارتىيەنى قورشاپ يوقىتىش » ئۇرۇش پىلانىنى جاكارلىغان .

1941 - يىلى توجو خېدىكى ياپونىيە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ، ئىچكى كابېنتنى تىزگىنلىگەن. ئامېرىكا بۇنىڭدىن قاتتىق ئەندىشىگە چۈشكەن. چۈنكى بۇ قېتىم ئامېرىكىنىڭ دوستى يېڭىلىپ قالغان . گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى ياقىلايدىغان توجو خېدىكى شۇ يىلى 9 - دېكابىر ھاۋايدىكى پئورل - خاربور پورتىدىكى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنى زور دەرىجىدە پالەچ قىلغان.

1945 - يىلى تۈلكە جاڭ جىجۇڭنىڭ ھىيلىسى ۋە سوۋېت كونسۇلىنىڭ قاتتىق تەلىپى بىلەن
« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى » سۆھبەت ۋەكىللىرى ، « ئۈچ ۋىلايەت خەلقى » سۆھبەت ۋەكىللىرى نامى بىلەن ئۇزۇنغا سوزۇلغان تېنچلىق سۆھبىتىنى باشلىغان . ( شۇ چاغدىلا سىتالىن ئۈمۈدى بەربات بولغان ).

1948 - يىلى گومىنداڭنىڭ شەرقىي شىمال تايانچ ئارمىيىسى كومپارتىيەگە تەسلىم بولغان.

1963 - يىلى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئامېرىكا ۋە سوۋېتنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يادرو قوراللىرىنى بوشلۇققا كىرگۈزۈشنى چەكلەش قارارى ماقۇللىغان.

1963 - يىلى باندىتلار ياردەم بەرگەن 900 مىڭ توننا گۈرۈچ كۇباغا يېتىپ كەلگەن . ( ئەڭ يامان يېرى ، بۇ چاغدا پۈتۈن خىتايدىلا ئەمەس، بەلكى ئەزەلدىن ئاچارچىلىق بولۇپ باقمىغان جەننەت كەبى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا ھەر كۈنى 10 مىڭدىن 50 مىڭغىچە كىشى قاتتىق ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كېتىۋاتقانىدى . شىمالدا بولسا خەلق 1962 - 1964 - يىللىرى ئاچلىققا چىدىماي سوۋېت تەرەپكە چىقىپ كەتكەن ).

1964 - يىلى ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ ئوكىناۋادىكى خەلققە زىيانلىق بىر ھەربىي قارارىغا قارشى چىقىپ، ئىجرا قىلدۇرمىغان . بۇ ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنى تىزگىنلەپ تۇرغان دۆلەتكە « ياق » دەپ ئۇتۇشى ھەمدە تۇنجى جۈرئەتلىك قارار چىقىرىشى ھېساپلىنىدۇ

1967 - يىلى ئايسىنگورۇ پۇيى ئۆلۈپ كەتكەن .
پۇيى 1616 - يىلى كېيىنكى جۇرجىت خانلىقىنى قۇرغان نۇرخاچنىڭ ، 1644 - يىلى خىتايغا بېسىپ كىرگەن ، 1755 - يىلى ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىشنى باشلىغان مانجۇر خانلىرىنىڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ ، 1906 - يىلى 7 - فېۋرال تۇغۇلغان . ئۇنىڭ دادىسى گۇاڭشۈ بىلەن مومىسى سىشى تەيخۇ 1908 - يىلى نويابىرنىڭ بېشىدا تەڭلا ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۈچ ياشقا توشمىغان پۇيى ئىمپىراتور بولغان . 1908 - يىلى 2 - دېكابىردىن 1912 - يىلى 12 - فېۋرالغا قەدەر ئاخىرقى مەنچىڭ خانى بولغان . يۈەن شىكەي ئۆلگەندىن كېيىن ، خەلقنىڭ ئېتىراپىغا ئېرىشەلمىگەن شىمال مىلىتارستلىرى ئۇنى 1917 - يىلى 1 - ئىيۇلدىن 13 - ئىيۇلغىچە خىتاي ئىمپىراتورى قىلىپ تىكلىگەن . كېيىنچە ياپونىيە 1931 - يىلى مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن پۇيىنى ئوغرىلاپ كېلىپ، ئۇنى 1932 - يىلى مارتتىن باشلاپ ، 1945 - يىلى 17 - ئاۋغۇست سىتالىن ئەسىرگە ئالغۇچە مانجۇرىيە ئىمپىراتورى قىلغان . كېيىن سىتالىن ئۇنى باندىتلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەندىن كېيىن، 1950 - يىلدىن 1959 - يىلغىچە « ۋەتەن خائىنى » دەپ ئەيىپلىنىپ تۈرمىدە ياتقان . ئاخىرقى ئون يىلدا باندىتلارنىڭ پۇقراسى بولۇپ ياشىغان . « مانا زالىم مانجۇرلارنىڭ ئاقىۋىتى».

1989 - يىلى ئامېرىكىدا قاتتىق يەر تەۋرىگەن .

1994 - يىلى باندىتلارنىڭ داڭلىق « كېپەن ئوغرىلىرى» تۇرپاندىكى يارغول قەدىمكى شەھىرىدە كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان غايەت زور ئارخىئولوگىيەلىك يادىكارلىقلارنى بايقىغان. ئەمما تەپسىلاتى بىزدىن يوشۇرۇلۇپ كەلگەن.

1995 - يىلى سادام 99.96% ئاۋاز بىلەن ئۇدا سايلانغان . ۋەزىپە مۇددىتى يەتتە يىل بولغان . ئۇ 1979 - يىلدىن بېرى ھۆكۈم سۈرۈۋاتاتتى.

1996 - يىلى بورىس يېلىتسىن رۇسىيە دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى ۋە مىللىي خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ باشلىقى لېبىدنى قالدۇرۇۋەتكەن. بۇ كېيىنچە ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ باش كۆتۈرۈشىگە تارىخي پۇرسەت ھازىرلاپ بەرگەن .

17 - ئۆكتەبىر « خەلقئارا نامراتچىلىقنى تۈگىتىش كۈنى » ئىكەن . دۇنيادىكى بارلىق نامراتلىقنىڭ تۈپكى سەۋەبى پۇلنى ھەممىدىن چوڭ بىلىدىغان باندىتلارنىڭ يەر شارى ئىقتىسادىنى تىزگىنلىۋېلىشىدۇر .

2019 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر.    ماتەملىك پەيشەنبە
9

تولىمۇ قىممەتلىك بىر تارىخىي ئۇچۇر :

مىلادى 1082 - يىلى 2 - مايدىن 1101 - يىلى 27 - سېنتەبىرگە قەدەر ۋەتىنىمىزنىڭ يەكەن شەھىرىدە ياشىغان ئوتتۇرا ئەسىرنىڭ داڭلىق ئالىملىرىدىن بىرى بولغان ئۇشبۇ مۆھتەرەم ھەزرەت قازى ۋە ئىمام ئەبۇ بەكرى مۇھەممەد ئىبنى ئابدۇلئەھەد ئىبنى ئىسمائىل ئەل بۇخارى ئەينى ۋاقىتتىكى سەلتەنەتلىك قاراخانىلار خاقانى ئەبۇ ئەلى ھارۇن ( ھەسەن ) بۇغراخان ( 1070 - 1104) نى شۇنداق ھەيۋەتلىك ۋە ئېسىل سۈپەتلىگەن . ھەتتا ئىسسىق كۆل ۋادىسى ۋە ئىلىدىكى چېگرا مۇداپىئە سانغۇنىنىڭ شاپ بۇرۇتلىرى ۋە بەدەن قىياپىتىدىن باشلاپ تەپسىلىي سۈپەتلىگەن . ھەممىگە مەلۇمكى ، ھەسەن بۇغراخان بولسا بۈيۈك خاقان يۈسۈپ قادىرخان ( 998 - 1032 ) نىڭ چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان ( 1032 - 1056 ) نىڭ ئوغلىدۇر . مەھمۇد كاشغەرىي بولسا ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قابىل ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان ( 1032 - 1058) نىڭ چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن ( 1048 - 1058 ) نىڭ ئارزۇلۇق ئوغلىدۇر . ئالىم دىۋاننى مۇشۇ تاغىسىنىڭ ۋاختىدا يېزىپ پۈتتۈرگەن . يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ( 1019 - 1085) قۇتادغۇ بىلىكنى مۇشۇ خاقانغا تەقدىم قىلغان . شۇڭلاشقا بۇ تەرىپلەردىن ھەيران قالماسلىق كېرەك ! چۈنكى شۇ قېتىمقى 50 يىللىق ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت گۈللىنىشى يېقىنقى مىڭ يىلدىن بېرى قايتا تەكرارلانغىنى يوق ( قىسمەن ۋە تار دائىرىدە بولسىمۇ تەكرارلىنىپ كەلدى ).

ئەسكەرتىش : قاغانلارنىڭ يىلنامىلىرى تۇغۇلغان ۋاختىدىن باشلاپ ئەمەس ، تەختكە چىقىپ سەلتەنەت سۈرگەن چاغدىن باشلاپ ۋاپات بولغانغا قەدەر بولغان ۋاقىت بويىچە ئېلىندى .   

ئەسلى تېكسىت :

‏Детальное описание яркендского уйгура 2 мая 1082 года или  27 сентября 1101 года в юридическом документе во времена, когда не было удостоверений личности и фотографий.

‏«Во имя милосердного Бога; славлю Бога и молю его снисхождения.
‏Этот документ засвидетельствован шейхом, кадием и имамом Абу Бекром Мухаммедом ибн Абд ас-Самадом ибн Исма'илом ал-Бухари - да спасет его Бог и сохранит - в его палате управления и правосудия в провинции Яркенд, в которой он тогда был кадием и правителем в ней и ее окрестностях, назначенным самым главным хаканом, начальником, царем, которому споспешествует Бог, победителем, триумфатором, славой веры, укрепителем могущественной монархии (т.е. династии халифов Аббасидов), прибежищем блистательного братства, убежищем чистого общества, помощником мусульманства, царем востока и Китая - Тафгач Богра Кара-хаканом Абу Али ал-Хасаном, сыном Сулеймана Арслана Кара-хакана, любимца наместника Бога (халифа Аббасида), друга и повелителя правоверных, и назначенный Тегином (князем), самым славным начальником, опорой династии, силой братства Чагры-тегином Абу Муса Харуном, сыном царя востока Тафгач Богра Кара-хакана, слугой правителя верных - да хранит их обоих Бог долгое время и дарует им свою помощь. [Кадий свидетельствует], что первого зу-л-хиджжа 474 [или 494 г.] человек по имени Хаджи Инал, сын Пулада Субаши Кара Банд [или Юнд] Инала, предстал перед ним в палате управления. Он был еще безбород; у него только пробивались усы, тело же было очень волосатым, на голове волосы прямые; хорошего сложения, темнолицый, широкоплечий, глаза с голубоватым оттенком, брови широко расставлены. Он привел к кадию человека по имени Харун, сын Тагхача. Кадий знал хорошо обоих по виду, имени и родству. Человек, пришедший первым, требовал от приведенного им человека кусок земли, расположенный в округе Рабул, одном из округов провинции Яркенд, напротив мечети, записанный за Исхаком ал-Джабаллом, приносящий тринадцать нош осла пшеницы и состоящий как из непригодных, так и из пригодных для земледелия участков внутри его четырех межей; с одной стороны участок соприкасается с землей Юсуфа Инала, с другой - с арыком, принадлежащим Сукман-бегу, с третьей стороны опять подходит к земле Юсуфа Инала, а с четвертой - к общественной дороге, участку земли Джубаз Инала и к каналу, называемому Азак...».

ئارخىپ بۆلۈملىرىدە توپا بېسىپ كەتكەن ۋە ئۇنتۇلۇپ كەتكەن تارىخىمىز بىزنىڭ يولىمىزغا كېچە - كۈندۈز باقماقتا!

سايرام ئوغلانى.

2019 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر. جۈمە.
10


تارىخىمىزدا 17 - ئۆكتەبىر يۈز بەرگەن ئىشلار :

مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى ھىلىگەر ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 1 ( 630 - 584 ) بوۋىسى تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا خاقان ( ئەپراسىياپ
م . ب 690 - م . ب 624 ) نى زىياپەتكە چاقىرىپ ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن قوشۇپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ( بۇ شالغۇت شاھ سىياۋۇش بىلەن قاز خاتۇندىن تۇغۇلغانىدى ).

مىلادىدىن بۇرۇنقى 538 - يىلى ئاھمانىلار شاھى كەيخىسراۋ 2 بابىلنى ئىشغال قىلىپ ، 50 يىلدىن بېرى قۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان يەھۇدى خەلقىنى ئانا ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويغان.
( 2017 - يىلى ئىسرائىلىيە بۇ كىشى بىلەن دوللار ترامپنى تارىخىي خاراكتېرلىق تەڭگىگە بېسىپ چىقاردى . بىزمۇ دوست بىلەن دۈشمەننى مۇشۇنداق ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك).

مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى ئىران ئاھمانىلار
( م . ب 550 - م . ب 330 ) ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسراۋ 2 ( 559 - 529 ) زور ھەربىي كۈچ بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۇراننى قانغا بويىغان . ئەمما شۇ يىلى دېكابىردا تۇمارس خاتۇن قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 115 - يىلى خەن سۇلالىسى ھونلارنىڭ مۇنبەت يايلىقى ئوردۇسنى ئىشغال قىلىپ ، قورال تۇتالايدىغان ھونلارنى قىرىپ تۈگىتىپ ، ئاياللارنى قۇللۇققا ئېلىپ كەتكەن .

مىلادىدىن بۇرۇنقى 36 - يىلى خەن سۇلالىسى سانغۇنى چېن تاڭ تەڭرىقۇت ( مەشھۇر باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 6 - ئەۋلادى ) نىڭ شەھەردە ئاز ئەسكىرى كۈچ بىلەن دەم ئېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، خاندىن رۇخسەت سورىمايلا 70 مىڭ قوشۇن بىلەن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ يېڭى پايتەختى تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ ، چىچى تەڭرىقۇت باشلىق 1518 ھون ئېسىلزادىلىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى قىرىپ تاشلىغان . چىچى تەڭرىقۇت تالاسنى مەركەز قىلىپ كۈچەيگىلى 7 يىل بولغانىدى.

مىلادى 454 - يىلى ئاتىللانىڭ چوڭ ئوغلى ئىلەك دوناي دەريا ۋادىسىدىكى پاننونىيەدە گوتلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىدا قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ھونلار ياۋروپانى تاشلاپ ، ئۇرال بويلىرىغا چېكىنىپ كەتكەن . ( ئاتىللا 400 - يىلى دۇنياغا كەلگەن بولۇپ ، ئۇ باتۇر تەڭرىقۇتنىڭ 15 - ئەۋلادى ، چىچى تەڭرىقۇتنىڭ 9 - ئەۋلادى ئىدى . ئۇ 453 - يىلى مارتتا شەرقىي رىم مەلىكىسى بىلەن بولغان توي كېچىسىدە سىرلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ھونلاردىن نۇسرەت قاچقان ) .

690 - يىلى تاڭ سۇلالىسىدە ئايال پادىشاھ ۋۇزېتيەن خان بولغان . شۇنىڭ بىلەن زەھەرلىك ۋە قانلىق تاڭ ئىشغالىغا دۇچار بولغان شەرقىي ۋە غەربىي تۈرك خەلقلىرى كەينى - كەينىدىن 628 - يىلدىن 678 - يىلغىچە 50 يىلدا قولدىن كەتكەن بارلىق ئىمتىيازىنى قايتۇرۇۋالغان .

747 - يىلى مارتتا گاۋشەنزى قوشۇن تارتىپ چىقىپ ، 17 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە تارىم ۋە پامىر
ۋادىسىنى قانغا بويىغان . 750 - يىلى 17 - ئۆكتەبىرگىچە بۇخارا ، سەمەرقەنت ۋە باياشات تاشكەنتنى قانغا بوياپ ، بارلىق بايلىقلارنى بۇلاپ كەتكەن . ( 751 - يىلى تالاس ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، 756 - 27 - يانۋار ئۆڭلۈك تەرىپىدىن چاناپ تاشلانغان ).

1759 - يىلى چوڭ - كىچىك خوجىلار ساتقۇن بەدەخشان ئەمىرى سۇلتانشاھ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ، كاللىسى جاۋخۇي ئارقىلىق مەنچىڭ خانى چىيەنلۇڭغا ھەدىيە قىلىنغان .

1762 - يىلى مەنچىڭ ئىشغالچىلىرى غۇلجىدا
« ئىلى گېنىرال مەھكىمىسى » نامىدا ھەربىي مۇستەملىكە ئاپپاراتى قۇرۇپ ، ۋەتىنىمىزدىكى يۈز يىللىق قانلىق ئىشغالىيىتىنى باشلىغان.

1765 - يىلى چارىسىز قالغان ، ئەتراپتىكى خوشنا قېرىنداش ئەللەر تاشلاپ قويغان يەتتە قەيسەر قىز خۇدانىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن.

1876 - يىلى زوزۇڭتاڭ ئۈچ ئاي تىركىشىپ يۈرۈپ ماناسنى ئىشغال قىلىپ ، قانلىق قىرغىن يۈرگۈزگەن .

1877 - زوزۇڭتاڭ ، ھېكىمخان تۆرە ۋە نىياز ھېكىمبەگ بىلەن ئۇدا ئۇرۇشۇپ ئاجىزلاپ ۋە چارچاپ كەتكەن بەگقۇلىبەگكە ( ياقۇپبەگنىڭ ئوغلى) قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ، ئاقسۇ دەرياسىنى ئۈچ يىلغىچە سۇ ئىچكىلى بولماس دەرىجىدە خەلقىمىزنىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن توشقۇزۇۋەتكەن .

1937 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر گېنىرال ئابدۇنىياز كامال ھاراپتىكى گازارمىسىدا سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى تەرىپىدىن پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.
خەلقىمىز ئۇنى « قىلىچ بۇغراخان مازىرى»
( مىلادى 998 - يىلى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئەۋرىسى ئەلى ئارسلانخان نامازغا تۇرغاندا خوتەن قوشۇنى تەرىپىدىن شېھىت قىلىنىپ، دەپنە قىلىنغان تارىخىي مازار ) غا دەپنە قىلغان .

1938 - يىلى شېڭ شىسەي بىرلا ۋاقىتتا ئەڭ سەرخىل ئاقساقاللاردىن خوجىنىياز ھاجى باشلىق مىڭغا يېقىن كىشىنى تۇتقۇن قىلغان . شۇنىڭ بىلەن 1944 - يىلى 11 - سېنتەبىرگىچە داۋام قىلغان ئېغىر ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان .

1949 - يىلى خىتايلار بىلەن موڭغۇللار سىتالىن بۇيرىغان بويىچە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىپ ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان . ( شۇنداق بولغاندا ، موڭغۇلىيە 1912 - 1924 - يىللىرى ئىككى قېتىم چاررۇسىيە ۋە سوۋېتنىڭ قوللىشى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلىغاندىن كېيىن ، 1947 - يىلى مايدا 3 - قېتىم يەنە بىۋاستە سىتالىننىڭ كۆرسەتمىسى بىلەن مۇستەقىللىق جاكارلاپ، خىتايغا 1949 - يىلى ئۆزىنى ئېتىراپ قىلدۇرغان . سىتالىن ھەتتا ماۋنى دۆلىتى قۇرۇلماي تۇرۇپلا ، ئىچكى موڭغۇلغا 1947 - يىلى مايدا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشكە مەجبۇر قىلغان ) . تولىمۇ ئېچىنىشلىق بولغىنى دەل شۇ ئىككى دۈشمەن بىر - بىرىنى ئېتىراپ قىلىۋاتقان 24 سائەت ئىچىدە غۇلجا ئاسمىنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئاي يۇلتۇرلۇق كۆك بايراق كۆكتىن چۈشۈرۈلۈپ، ئورنىغا باندىتلارنىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قانلىق ئىشغالىيەت بايرىقى ئېسىلغان.

1949 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدىكى دۆلەت بايرىقىمىز چۈشۈرۈلۈپ ، ئورنىغا ئاتا قىساسقا بوغۇلغان باندىتلارنىڭ بايرىقى ئېسىلغان . ( نەبىجان تۇرسۇن . ئىلى تارىخ ماتېرياللىرى - ئۈچ ۋىلايەت دەۋرىدىكى چوڭ ئىشلار يىلنامىسى ) .
مانا بۈگۈن بۇ ھاقارەتلىك كۈنگە توپتوغرا 70 يىل توشتى . ئەسلىدە ئۇيغۇرلارنى ھەقىقىي ئازاپلايدىغان ۋە بىئارام قىلىدىغان كۈن 1 - ئۆكتەبىر ئەمەس ، بەلكى 17 - ئۆكتەبىردۇر.

1950 - يىلى باندىتلار تىبەتكە تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ ئۇ جاينىمۇ ئىشغال ئاستىغا ئالغان . ئەمما تىبەتلەر ھەر ھالدا ئىمكانىيىتى يار بەرگىنىچە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن . دالايمۇ 1959 - يىلى 17 - مارت قاچقان .

1964 - يىلى 16 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاختى چۈشتىن كېيىن 13 : 13 تە باندىتلارنىڭ تۇنجى ئاتوم بومبىسى لوپنۇر كۆلىدە پارتلىتىلغان . خروشىما ۋە ناگاساكىغا تاشلانغان ئاتوملاردىن زىيىنى ۋە ئېغىرلىقى مىڭ ھەسسە ئېشىپ كەتكەن بۇ زەھەرلىك قورالنىڭ كاساپىتىدىن 17 - ئۆكتەبىر لوپنۇر كۆلى قۇرۇپ كەتكەن . يېقىن ئەتراپتىكى كروران قەدىمىي شەھىرى ۋەيران بولۇپ ، تارىخىمىزنىڭ شانلىق پاكىتلىرى قايتا كۆمۈلۈپ كەتكەن . چۈمۈلىلەر يەر يۈزىدە تىرىك ھاشارەت ۋە يېمەكلىك تاپالماي ، تارىم يولۋىسىنىڭ ئاسلانلىرىنى يەۋېتىپ، يولۋاسنىڭ نەسلى قۇرۇغان . مىڭ يىللارچە تارىخقا پۈتۈلۈپ داڭقى ئالەمگە پۇر كەتكەن « مۇشكى خوتەن » ناملىق ئېسىل  ئىپار چىقىدىغان خوتەن كىيىكلىرى ئاتوم زەھىرىدىن قېچىپ، كەشمىر ۋە تىبەت تاغلىرىغا ئۆتۈپ كەتكەن .
جانلىقلاردىن ئۆلگىنى ئۆلۈپ ، قاچىدىغىنى قېچىپ قۇتۇلغان . ئەمما تارىم ۋادىسىغا ئون مىڭ يىلدىن بېرى باغلىنىپ كەلگەن ئەزىز ئۇيغۇر مىللىتى ھېچيەرگە قاچالماي ، 55 يىلدىن بېرى دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر ۋە زەھەرلىك ئاتوم بومبا سىناقلىرى ئارىسىدا ھەر خىل خىمىيىلىك ئېغىر كېسەللەرگە دۇچار بولۇپ ، دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بۈگۈنگە ئۇلاشقانىدى. ئەمما باندىتلار شۇنچىلىك ئەقەللىي ھوقۇقىنىمۇ تارتىۋېلىپلا قالماي يەنە ، « ئاش بەرگەنگە مۇش بېرىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش ئۇرۇشىنى باشلىۋەتتى » . ئەمدى بىزنىڭ بۇ ئۇرۇشنى ئاداققىچە قىلىپ ، تارىخىتىكى بارلىق ئىنتىقامنى ئېلىپ ھېساپ سورايدىغان ۋاقىت يېتىپ كەلدى.

« دەۋاگەر بوش بولسا ، قازى مۇتتەھەم ، ئوغرى داپ يۈز بولۇر »

2019 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر 

قايغۇلۇق پەيشەنبە
بەت1 2 3 ... 10