2021/04/14 18:57

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئاسيە ئۇيغۇر‬:خىتتاي ھاكېمىيتىنىڭ شەرقى تۈركستان ستىراتىگىيسى ھەققىدە ئىزدىنىش

يوللىغۇچى: Iuighur, 2019/03/24 11:01

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Iuighur

ئاسىيە ئۇيغۇر‬

1.بۆلۈم: كىچىك بوشنىڭ خىتاي ستراتېگىيىسى ۋە ئۇيغۇرلار‬

مېنىڭ بۇ ماقالىنى يېزىشىمغا سەۋەبچى بولغىنى دەل «بوب فۇ ھەققىدە» يېزىلغان بىر  پارچە يازما بولۇپ، بۇ يازمىنى ئوقۇۋاتقىنىمدا، ئۇنىڭدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقىنى قانداقتۇر بىرەر شەخسنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋەياكى قانداقتۇر بىر نامەلۇم مەقسەتلىرى ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان سەرگۈزەشتىلەر بولماستىن، بەلكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدە يۈرگۈزگەن ھىيلە - نەيرەڭ ۋە قىلتاقلىرىنىڭ سىماسى كۆز ئالدىمدا نامايان بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالغان ئىدىم. بۇنداق ھېسسىياتقا كېلىشىممۇ دەل ئۇزۇندىن بۇيان خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدىكى ئىزدىنىشلىرىمدىن ئىدى. مەن بوب فۇنىڭ جاسۇسلۇققا چېتىشلىقى بارلىقى ھەققىدىكى قۇرلارنى، شۇنداقلا بوب فۇ نىڭ قارىغۇ ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭغا جاسوسلۇق دېتالى قاچىلانغان ئالاقە تاختا كومپيۇتېر ۋە تېلېفونلارنى سوۋغات قىلىشى قاتارلىق ئىشلارنى ئاقىۋەتتە ئامېرىكا  فېدېرال تەكشۇرۇش  ئىدارىسى (FBI) تەكشۈرۈش دوكلاتىدا ئاشكارىلىغان. بوب فۇنى جاسوس دەپ ئەيىبلىگەن نېۋيورك ئۇنىۋېرسىتېتى FBI نىڭ  تەكشۈرۈش دوكلاتىنى ئەزەلدىن تاپشۇرۇپ ئالمىغانلىقىنى ئېلان قىلىشىدىن كېيىن ،بۇ ۋەقەنىڭ بوب فۇ ۋە نېۋيورك ئۇنىۋېرسىتتېتىنىڭ پروفىسسورى كوڭ جېروڭ ئەپەندىم بىلەن بىللە بۇ ئىشنىڭ بىر ئۇقۇشماسلىق ئىكەنلىكى ھەققىدە بىرلىكتە بايانات بېرىشى بىلەن ئاخىرلاشقانلىقىنى چۈشەنگەن ئىدىم. ‬

گەرچە بۇ ۋەقە ئەينى چاغدا يەنى 2013-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بېسىققان ۋە قارىغۇ ئادۋوكات چېن گۇاڭچېڭمۇ داۋاملىق بوب فۇ بىلەن قويۇق مۇناسىۋەتنى ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، بۇ ۋەقە سەۋەبلىك چېن گۇاڭچېڭ ۋە بوب فۇنىڭ خىتاي جاسوسى ئىكەنلىكىگە ئائىت مىش -مىش پاراڭلار دائىم تارقىلىپ تۇرغان. بولۇپمۇ چېن گۇاڭچېڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 8 يىللىق تۈرمە جازاسى ۋە تەقىبىدىن قۇتۇلۇپ، ئۆيىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇش ۋاقتىدىمۇ قاتمۇ- قات مۇھاسىرىلەردىن ئۆزى يالغۇز قۇتۇلۇپ چىقىپ، ئېگىز تاملاردىن تۈن كېچىلىرىدە ياردەمچىسىز ئاتلاپ ئۆتۇپ، 17 سائەت ئۆزى يالغۇز يول يۈرۈپ، بېيجىڭغا كېلىۋالغانلىقىنى، ئاقىۋەت ئامېرىكا كونسۇلىغا كىرىپ پاناھلىق تىلىگەنلىكى ھەققىدىكى خۇددىي ھوللىۋودنىڭ رازۋىتكا كىنولىرىدەك ئادەملەرنى ھاياجان ۋە قىزىقىشلارغا مەپتۇن قىلىدىغان ئاجايىباتلار كىشىلەرنىڭ داۋاملىق دىققەت ۋە گۇمانلىنىش ئۇبيېكتى بولۇپ كەلگەن ئىدى. بۇنىڭغا ئەگىشىپلا ئوتتۇرغا چىققان «بوب فۇ جاسوسلۇق دېتالى ۋەقەسى» قوشۇلۇپ، بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدىكى خىتاي جامائەتچىلىكى ئىچىدە داۋاملىق گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىلىدىغان قىزىق تېمىغا ئايلىنىپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان.‬

بىز ئەمدى بۇ ۋەقەلەرنى قويۇپ،  ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى. بوب فۇ ھەققىدىكى بۇ ئىشلار FBI دا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، مېنى ئەڭ قىزىقتۇرغىنى بوب فۇنىڭ ئۆزى ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا جەمىيىتىدىكى ئورنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كىچىك بۇش دەۋرىدىكى كىچىك بۇش بىلەن بولغان نورمال كىشىلەرگە ئەسلىدىنلا نېسىپ بولمايدىغان ئالاھىدە قويۇق دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئىدى. بۇنداق بولۇشىدىكى سەۋەبمۇ، كىچىك بۇش دەۋرىدە بىزگە مۇناسىۋەتلىك كۆپ چوڭ ئىشلار يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئەڭ مۇھىملىرى «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى» نىڭ ئامېرىكا باشچىلىغىدىكى دۆلەتلەر ۋە ب د ت نىڭ «دۇنيا تېرورلۇق تەشكىلاتلىرى» دەپ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى ۋە رابىيە خانىمنىڭمۇ دەل مۇشۇ بۇش دەۋرىدە ئەركىنلىككە چىقىپ، ئامېرىكىغا كېلىشى، شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ يەنىمۇ بىر قەدەم جانلىنىشى ئىدى.‬

بىز مەسىلىلەرنى تېخىمۇ ئېنىق كۆزىتىش ۋە چۈشىنىش ئۈچۈن كىچىك بۇش دەۋرىدىكى ئامېرىكىنىڭ خىتاي ستراتېگىيىسى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتەيلى: 2001-يىلى كىچىك بۇش تەختكە چىققاندىن كېيىن، ئامېرىكىنىڭ ئىچكى سىياسىتىدە جۇمھۇرىيەتچىلەرنى ئاساس قىلغان كونسېرۋاتىپلار (Conservative) ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. ئۇلار ئادەتتە ئامېرىكا دۆلەت مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ، ئامېرىكا ئۈچۈن ئەڭ چوڭ خەتەرنى ئىزدەشكە ئادەتلەنگەن بولۇپ، خىتاي دۆلىتىنى ئۆزلىرىگە بىردەك چوڭ دۈشمەن دەپ قارىغان. كىچىك بۇشمۇ ئامېركىنىڭ خىتاي بىلەن بولىدىغان مۇناسىۋىتىدە خىتاينى ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيىلىك رىقابەتچىسى دەپ ئېلان قىلغان. شۇنداقلا ئاشكارا ھالدا تەيۋەنگە قورال كۈچى بىلەن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. بىراق بۇ ستراتېگىيە ئۇزاق داۋاملاشمىغان. يەنى ئۇزۇن ئۆتمەي يۈز بەرگەن «11- سېنتەبر ۋەقەسى» ئامېرىكىنىڭ ستراتېگىيە نوقتىسىنى ئوتتۇرا شەرقتىكى تېرورلۇققا ۋە كەڭ كۆلەملىك ۋەيران قىلغۇچ خاراكتېردىكى قوراللارنىڭ كېڭىيىشىنى توسۇشقا يۆتكىگەن ئىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئارىسىدىكى سودا ئالاقىلىرى تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىپ، كۆپ تەرەپلىمە ھەمكارلىقلار ئورنۇتۇلۇپ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى مەسىلىلەر كونترول قىلىش دائىرىسىگە كىرگەن ۋە ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى نورمال ھالەتكە قايتىپ كەلگەن.‬

ئۇنداقتا ئامېركىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى بۇ تەساددىپىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ يۈزبېرىشىگە نېمىلەر سەۋەب بولدى؟ 11-سېنتەبر ۋەقەسىنىڭ يۈزبېرىشىمۇ ياكى بۇ ۋەقەدىن خىتاينىڭ پايدىلىنىپ كېتىشىمۇ؟ مەن بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ ئەھۋاللارنى بىلىش ئۈچۈن ئاشۇ دەۋردىكى خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىسىگە تەسىر كۆرسەتكەن ئامىللار ئۈستىدە ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئېلىپ باردىم. بۇ تەكشۈرۈش جەريانىدا شۇنى بايقىدىمكى، 11-سېنتەبر ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگىلا خىتاي ھۆكۈمىتى تۇنجى بولۇپ، پرېزدېنت بۇشقا تېلېفون قىلىپ، خىتاينىڭ ھەر ۋاقىت ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئامېرىكا بىلەن بىرلىكتە تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشقا ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دەل شۇ سەۋەب تۈپەيلى، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا 11-سېنتەبر ۋەقەسىدىن كېيىنكى ئۈچ باسقۇچلۇق ستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەنگەن.‬

يەنى، ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ يۇزلىنىشى، كىچىك بۇش تەختكە چىققاندىن كېيىن مۇقىملىشىشقا باشلىغان خىتاينى ئامېركىنىڭ «ستراتېگىيىلىك رىقابەتچىسى» دەپ قاراشتىن كۆرە «11-سېنتەبر ۋەقەسى» يۈزبەرگەندىن كېيىن «30 يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى مۇناسىۋەت» نى شەكىللەندۈرگەن دەپ تەرىپلەشكە ئۆتكەن. كىچىك بۇشنىڭ ئىككىنچى سايلىمىدىن كېيىنكى 'ناھايىتى مۇرەككەپ' بولغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىن، 2005 -يىلىدىكى 'مەنپەئەت مۇناسىۋىتى' گە ۋە ئاخىرىدا 'قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك ھەمكارلاشقۇچى' مۇناسىۋىتىگە تەرەققىي، قىلىپ خىتاينىڭ سىياسىي دىپلوماتىيە ۋە ئىقتىسادى تەرەققىياتىغا زور يۈكسىلىشلەرنى ئېلىپ كەلگەن.‬

ئۇنداقتا خىتاي بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرى مۇرەككەپ جەريانلار ئىچىدىن نورماللىققا قايتقان بۇ دەۋر ئۇيغۇرلارغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن؟ ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك «11-سېنتەبر ۋەقەسى» نىڭ يۈز بېرىشى ئامېرىكىنى ۋە دۇنيانى چۆچۈتتى. ئامېرىكا بۇ سەۋەب ئوتتۇرا شەرقتىكى تېررور كۈچلىرىنى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت بولىدىغان ئاساسلىق ئامىل دەپ ھېسابلاپ، پۈتۈن كۈچىنى تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىگە قاراتتى. دەرۋەقە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىستراتېگىيىسىدىكى بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر بىۋاسىتە ۋە ۋاستىلىق ھالدا ئىران، خىتاي قاتارلىق مۇستەبىت دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي ۋە دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش جەھەتلەردە ئەڭ ياخشى پۇرسەتلەرنى يارىتىپ بەردى. بۈگۈن بىز ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قانداق پۇرسەت يارىتىپ بەرگەنلىكى ھەققىدە توختالمايمىز. پەقەت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بۇ تاساددىپىي پۇرسەتتىن قانداق ئۈنۈم ياراتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر دەۋاسىنىڭ بۇ سەۋەبلىك قانداق يوقىتىشلارغا ئۇچۇرغانلىقى ھەققىدە بىر ئاز توختىلىمىز.‬

2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا پرېزدېنتى كىچىك بۇش ئامېرىكىنىڭ تېرورلۇققا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭ باشلايدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنى ئاساس قىلغان دۇنيا تېرورلۇققا قارشى ھەمكارلىق شەكىللەندۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى، ئامېرىكا - خىتاي ئايرۇپىلارن سوقۇشۇش ھادىسىسى(جەنۇبىي خىتاي دېڭىز بوشلىقىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي ئايرۇپىلانى بىلەن خىتاي ھەربىي ئايرۇپىلانى سوقۇشۇش ۋەقەسى بولۇپ، بۇ ۋەقەدە خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىنىڭ پاچاقلانغان ئايرۇپىلانىدىن ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك ھەربىي مەخپىيەتلىكلىرىنى ئوغرىلىغان . گەرچە كېيىن ئاۋۋال ئادەملىرىنى كېيىن ئايرۇپىلاننىڭ قالدۇقلىرىنى ئامېرىكىغا قايتۇرۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ ۋەقە ئامېرىكا -خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ناھايىتى ئېغىر تەسىر كۆرسەتكەن. ) ۋە يۈگۈسلاۋىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن پارتلىتىلىشى(بۇ دەل سابىق يۈگۈسلافىيە ئىتتىپاقى بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئارىسىدا ئۇرۇش بولىۋاتقان مەزگىل بولۇپ، شۇ ئۇرۇشتىن سابىق يۈگۈسلافىيە كوممىنىست ھاكېمىيىتى ئاغدۇرۇلۇپ، قاراتاغ، بوسىنىيە قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىل بولغان. بۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە خىتاينىڭ يۈگۈسلاۋىيەدىكى ئەلچىخانىسىنىڭ ئامېرىكا تەرىپىدىن بومباردىمان قىلىنىشى كۆزەتكۈچىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئايرۇپىلان ھادىسىسىدىكى مەخپىيەتلىك ئوغرىلاش قىلمىشىغا قارىتا ئۆچ ئېلىشى دەپ قارالغان.)  قاتارلىق  ۋەقەلەر سەۋەبلىك زىددىيەتلىك مۇناسىۋەتلەر ئىچىگە كىرىپ قالغان ئىدى. كېلىنتون ھۆكۈمىتى خىتاي ھاكىمىيىتىگە سىڭىپ كىرىش ۋە خىتاي ھاكىمىيىتىنى غەربكە يېقىن بىر دېمۇكراتىك دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تىرىشقان بولسا، كىچىك بۇش ھۆكۈمىتى كېلىنتوننىڭ خىتاي ستراتېگىيىسىنى يۇمشاق ۋاسىتە دەپ قاراپ، تېخىمۇ قاتتىق قول بولۇش ۋە خىتاينى ئامېرىكىنىڭ رىقابەتچىسى دەپ قاراشتەك قاتتىق پوزىتسىيەدە بولغان ئىدى. مانا مۇشۇنداق ئىنچىكە پەيتلەردە، خۇددىي خىتاينىڭ كۆڭلىدىكىدەكلا 11-سېنتەبر ۋەقەسى يۈز بەردى ۋە بۇ ۋەقە خىتاينىڭ كېيىنكى سەلتەنىتى ئۈچۈن، بولۇپمۇ تارىختىن بۇيان ھەل قىلالماي كېلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەسىلىسى» نى باستۇرۇشنىڭ پۇرسىتىنى ياراتقان ئىدى. 11-سېنتەبر ۋەقەسى يۈز بېرىشى بىلەن تەڭلا خىتاي رەئىسى جياڭ زېمىن 12-سېنتەبر كۈنى پرېزدېنت بۇشقا تېلېفون قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ تېرورلۇققا قارشى كۆرەشتە ئامېرىكا بىلەن بىر مەيداندا تەۋرەنمەي تۇرىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، شۇنداقلا بۇ سۆزىنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە تېرورلۇق تەشكىلاتىنىڭ خىتايدىكى بانكا ھېساۋاتىنى تاقىدى. ئۆز - ئارا دۈشمەنلىك ھالىتىدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە 11-سېنتەبر ۋەقەسى سەۋەبلىك تارىخىي يېڭى سەھىپىلەر ئېچىلدى.‬

ئۇنداقتا بىز تەھلىل قىلىپ باقايلى، كىچىك بۇش ۋەزىپىگە ئولتۇرغان 2001-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىدىن 2009-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە بولغان بۇ سەككىز يىل جەريانىدىكى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەر ۋە 11-سېنتەبر ۋەقەسى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە قانداق تەسىرلەرنى كۆرسەتتى؟‬

بىزگە مەلۇم ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يەرلىك خاقانى بولغان ۋاڭ لېچۈەن ھوقۇق تۇتقان مەزگىل دەل كىچىك بۇش ئامېرىكا پرېزدېنتى بولۇپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۇۋاتقان يىللار بولۇپ، ۋاڭ لېچۈەن ھوقۇق تۇتقان 1995-يىلىدىن 2010- يىلىغىچە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىغا قارشى نۇرغۇنلىغان قارشىلىق ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەن. شۇنداقلا دەل ۋاڭ لېچۈەن مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى خەلقئارا تېرورلۇق ھەرىكەتلىرى بىلەن باغلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى خەلقئارا تېرورلۇق تىزىملىكىگە، شەرقىي تۈركىستان ئازادلىق تەشكىلاتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئەزالىرىمۇ تېرورلۇق تىزىملىكىگە ئېلىنغان. يەنى كۆزىتىدىغان بولساق 11- سېنتەبر ۋەقەسى ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇق، ئادالەت ۋە ئەركىنلىك ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۆرۈشىنىڭ يەمچۈكى قىلىنىپ، ئاخىرىدا بولسا بۇ چوڭ دۆلەتلەر ئوتتۇرسىدىكى مەنپەئەت ئويۇنلىرىنىڭ قۇربانى بولغان. خىتاي دەل بۇ تارىخىي پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ناھايىتى ئەپچىللىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىي كۆرەشلىرىنى خەلقئارا تېرورلۇققا باغلىغان ۋە بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ھىيلە - نەيرەڭلەرنى ئويناپ، ئۇيغۇرلارغا ناھايىتى كۆپ بەدناملارنى ئارتقان. ئەمەلىيەتتە ئامېرىكا خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە پەقەت «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» نى دۇنيا تېررور تەشكىلاتى تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھاكىمىيىتى نەيرەڭۋازلىق قىلىپ، «شەرقىي تۈركىستان» تېررور ئۇقۇمىنى دۇنياغا كارنىيى يىرتىلغىچە جار سېلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مۇسۇلمانلىق دىنىڭ كىملىكىنى دۇنياۋى ئىسلامغا قارشى كەيپىياتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ (Islamophobia)، پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلقىنى باستۇرۇشنى، بىر مىللەت سۈپىتىدە يوقۇتۇشنىڭ نىشانى قىلغان ۋە 15 يىلدىن كېيىن ئوچۇق-ئاشكارە ئىجىرا قىلىشقا باشلىغان. مانا مۇشۇ ئويۇنلار نەتىنجىسىدە ئۇيغۇرلارغا كەيدۈرۈلگەن يەنە بىر يېڭى خەلقئارالىق سىياسىي قالپاق «تېرورىست» تىن ئىبارەت بۇ بەدنام سەۋەبلىك بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلار تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بەدەللەرنى تۆلەپ كەلمەكتە.‬

ئۇنداقتا خىتاي قانداق قىلىپ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تېرورلۇققا باغلىيالىدى ۋە دۇنيانى بۇنىڭغا شەكسىز ئىشەندۈرۈپ، 2002-يىلى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزەلىدى؟ شۇنداقلا بۇ ھادىسە ئۇيغۇر دەۋاسىغا قانداق تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى؟ مەن بۇ ھەقتە كېيىن مەخسۇس ماقالە ئېلان قىلىمەن. ئەمما قىسقارتىپ ئېيتسام، «11-سېنتەبر ۋەقەسى» خىتاي ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشنىڭ يېڭى بىر پۇرسىتىنى ياراتقان بولسا، ئۇيغۇر ئۈچۈن قاباھەتلىك چۈش بولۇپ، مىللىي ۋە ئىرقىي يوقۇتۇلۇشنىڭ باشلىنىشى بولغان ئىدى. كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى، ئۇيغۇرلار تېرورلۇققا باغلىنىش بىلەن تەڭلا خىتاي ھۆكۈمىتى تۈرلۇك ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى ئىشقا سېلىپ، خەلقئارا جەمىيەتكە ئۇيغۇرلار ئېلىپ بارغان ھەر قانداق بىر نارازلىق ۋە قارشىلىق ھەركەتلىرىنى «ئىسلام رادىكاللىقى» بىلەن پەردازلاپ كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە، دۇنيانىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقى ۋە دىققىتىنى سۇسلاشتۇرۇپ، ۋەھالەنكى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا  قىرغىن قىلىنىش ئوبيېكتىگە ئايلاندى. ‬خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزئىچىدىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئىسلام دىنى رادىكاللىقىغا باغلاپ تەشۋىقات قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي مىللەت ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈپ، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان ئۆچمەنلىك ئىدىيىسىگە مۇستەھكەم ھۇل سالدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى زۇلۇملىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق قارشىلىقى مانا مۇشۇ كۈندىن ئېتىۋارەن «تېرورلۇق»بەدنامى ئاستىدا ئەڭ قانلىق ۋە ئەڭ ۋەھشىي ئۇسۇلدا يوقىتىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيادا جانلانغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى دەل مۇشۇ سەۋەبلىك زور يوقىتىشقا دۇچ كەلدى. قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر مەزگىللىك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر ئازادلىق كۈرىشىنىڭ جانلىنىشى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيا تېرورلۇق تىزىملىكىگە كىرىشى بىلەن پۈتۈنلەي بەربات بولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرى، ئازادلىق يولىدا كۆرۈنگەن كىچىككىنە ئۈمىد ئۇچقۇنى ئاتالمىش  «11-سېنتەبر ۋەقەسى» نىڭ ئىس - تۈتەكلىرى ئىچىدە كۈلگە ئايلاندى......‬

ئەمدى بىز ماقالىمىزنىڭ مەركىزىي نۇقتىسىدىكى بوب فۇ بىلەن يۇقىرىدا بىز تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن بۇ ۋەقەلەرنىڭ قانداق باغلىنىشى بارلىقى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەيلى.‬

گەرچە ئامېرىكا ۋە ب د ت «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەركىتى» [East Turkistan Islamic Movement - ETIM] نى تېرورلۇق تىزىملىكىگە 2002-يىلى كىرگۈزگەن بولسىمۇ، لېكىن باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى كىرگۈزمىگەن ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ خەلقئارادىكى ھەرىكەتلىرىنى پۈتۈنلەي بەربات قىلىش مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش دولقۇنىدا ئۇيغۇر خەلقىنى پۈتۈنلەي يوقىتىشتەك رەزىل مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىزچىل ۋە ئاكتىپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورلۇق تەشكىلاتلىرىغا قوشۇلۇشى ئەلۋەتتە خىتاي ئۈچۈن ناھايىتى پايدىلىق شارائىتلارنى ھازىرلىغان ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ بېشىنى ئاغرىتىدىغىنى ۋە ئەندىشىگە سالىدىغىنى دەل غەرب ئەللىرىنىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بولۇپ، بۇ تەشكىلاتلارنىڭ مەۋجۇت بولۇشى  ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا سەھنىلەرگە ئېلىپ چىقىدىغانلىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئېنىق بىلەتتى. شۇ سەۋەب خىتاي ئامېرىكا بىلەن بولغان ئالاقىسىدە يۇمشاق ۋاسىتىلەر بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش يوللىرىنى تاللىدى. ئۇنداقتا بۇ يۇمشاق ۋاسىتە نېمىلەردىن ئىبارەت؟ بۇ يۇمشاق ۋاسىتە ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ۋە يۇقىرى قاتلىمىغا سىڭىپ كىرىش ۋە شۇلارنىڭ تەسىرى بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش شۇنداقلا داۋانى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىش ئىدى.‬

بولۇپمۇ بۇ يەردە، يەنى بوب فۇ ھەققىدىكى يازمىدا تىلغا ئېلىنغان رابىيە خانىمغا دائىر مەزمۇنلار كىشىنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتىدۇ. رابىيە قادىر خانىمنىڭ ۋاڭ لېچۈەن تەرىپىدىن ئىنسانىي نوقتىدىن قويۇپ بېرىلگەنلىكى مەتبۇئاتلاردا كۆپ قېتىم ئېيتىلىپ كەلگەن بولۇپ، مەن بۇ ھەقتە ئەينى چاغدىكى ۋاڭ لېچۈەننىڭ رابىيە قادىرنى نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەرگەنلىكى ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان بىر سۆھبەت مەزمۇنىنى كۆرۈپ چىقتىم. سۆھبەتتە مۇنداق مەزمۇنلار بار. يەنى، ۋاڭ لېچۈەن مۇنداق دېگەن «بىز رابىيەنىڭ شىنجاڭدا ھۆكۈمەتكە قارشى ئېلىپ بارغان بارلىق ھەركەتلىرىنى كۆزىتىپ كەلدۇق. ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىپ، ئەيسا يۈسۈپ ئالپ تېكىن بىلەن كۆرۈشۈپ، سىياسىي پىلانلاردا بولغانلىقىنىمۇ بىلىمىز...... » يەنى ۋاڭ لېچۈەن بۇ سۆزىدە رابىيە خانىمنىڭ خىتاينىڭ سۆزى بويىچە خىتاي دۆلىتىنىڭ بىر پۈتۈنلىكىگە زىيان ئېلىپ كېلىدىغان، خىتاي دۆلىتىنى پارچىلاش قىلمىشى بار بىر شەخس دەپ قارالغان. ئۇنداقتا رابىيە خانىم بىلەن ئوخشاش جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلەنگەن شۇ دەۋردىكى خىتاي پائالىيەتچىسى ۋاڭ بىڭجاڭ ۋە شۇ قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق شەخسلەر نېمىشقا ئامېرىكىنىڭ تەلىپى بويىچە قويۇپ بېرىلمەستىن، پەقەت رابىيە خانىم قويۇپ بېرىلدى؟‬
رابىيە خانىم ئەينى يىللىرى چەتئەلدە كېسەل داۋالىتىش سەۋەبى بىلەن قويۇپ بېرىلگەن. دەرۋەقە رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى بىلەن تەڭلا ئامېرىكا 2005-يىلىدىكى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتى يىغىنىدا خىتاينى ئەيىپلىمەيدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ئىشلار سەۋەبلىك، ئەينى يىللاردا رابىيە خانىمنىڭ قويۇپ بېرىلىشى خەلقئارادىكى «تۇتقۇنلار دىپلوماتىيىسى» دەپ تەرىپلەنگەن.‬ 2003-يىلىدىكى ئامېرىكىنىڭ ئىراققا ھەربىي قوشۇن تۇرغۇزۇش بويىچە ب د ت دا ئاۋازغا قويۇشتا خىتاينىڭ بىر ئاۋازىغا ئېرىشىشىمۇ دەل مۇشۇ ئويۇنلارنىڭ بىر قىسىمىدۇر.

ئەمدى رابىيە خانىمنىڭ چەتئەلگە چىقىشى خىتاي ئۈچۈن زىيانلىق ئەمەسمۇ؟ ئۇ شەرقىي تۈركىستانچىلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن يىللاردىن بېرى ناھايىتى كۆپ مەبلەغ ۋە ئادەم كۈچى سەرپ قىلىپ، ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنى خەلقئارا تېرورلۇق ھەرىكىتىگە باغلاش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولالىغان مۇشۇنداق ئالەمشۇمۇل غەلىبىسى ئالدىدا، يەنە ئۆزىگە قارشى زور بىر كۈچنىڭ شەكىللىنىشىگە سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقى بولغان بىر شەخسنى نېمە ئۈچۈن قويۇپ بەردى؟‬

بىز رابىيە خانىم چەتئەلگە چىققاندىن بۇيانقى ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تەرەققىياتىغا قارايدىغان بولساق، داۋا رابىيە خانىمنىڭ رەھبەرلىكىدە ناھايىتى ياخشى جانلىنىش ۋە ئېتىۋارلارغا ئېرىشكەن. رابىيە خانىممۇ نوبېل مۇكاپاتى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلىش شەرىپىگە ئېرىشكەن. لېكىن خىتاي شۇنىڭدىن كېيىن زۇۋانىنى دەرھال ئۆزگەرتىپ، ۋەتەندە يۈز بەرگەن بارلىق ۋەقەلەرنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى، شۇنداقلا چەتئەلدىكى بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلغان تېرورلۇق ھەرىكىتى دەپ ئېلان قىلىشقا باشلىغان.‬

گەرچە خىتاينىڭ قارلاشلىرى غەرب ئەللىرىنىڭ بولۇپمۇ ئامېرىكىنىڭ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنى ئىقتىسادى ۋە باشقا جەھەتلەردە قوللاشلىرىغا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئىزچىل تەرەققىياتى ۋە تېخىمۇ كۆپ دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىش يوللىرىدا ناھايىتى كۆپ توسالغۇلارنى پەيدا قىلدى. بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە تەپسىلىي توختالمىساممۇ چەتئەلدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ھەممىمىز بۇ ئىشلاردىن ياخشى خەۋەردارمىز.‬

ئەمدى بۇ يەردىكى مۇھىم بىر مەسىلە يەنى بۇ ماقالىنى يېزىشقا تۈرتكە بولغان بوب فۇ مەسىلىسىگە قاراپ چىقايلى. «بوب فۇ ھەققىدە» دېگەن ماقالىدە بوب فۇ ھەققىدىكى ئىزدىنىشلەر يېتەرلىك بولسىمۇ، مەن يەنىلا بۇ ھەقتىكى تېخىمۇ ئىشەنچلىك مەنبەلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ باقتىم، چۈنكى مېنىڭ قىزىقىدىغىنىم بوب فۇ زادى جاسۇسمۇ ياكى ئەمەسمۇ دېگەن مەسىلە ئەمەس، بەلكى بوب فۇنىڭ ئۇيغۇرلار داۋاسىدا تەسىرى بولغانمۇ يوق؟ دېگەن مەسىلە ئىدى.‬

چۈنكى ، بوب فۇ نىڭ تەرجىمىھالىغا قارايدىغان بولساق، بوب فۇ خىتاينىڭ شەندوڭ ئۆلكىسىدىن بولۇپ، ئۇ شەندوڭ ئۆلكىسىنىڭ لياۋچېڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ۋە خىتاي پارتىيە مەكتىپىدە خىزمەت قىلغان. 1996- يىلى خوڭكوڭغا، ئاندىن ئامېرىكىغا كۆچمەن بولغان. 2002-يىلى ئۆز ئالدىغا «خىتايغا ياردەم بېرىش فوندى» نامىدا بىر فوندى قۇرغان. بوب فۇ نىڭ دەسلەپكى قىسقىغىنا 4 يىللىق كۆچمەنلىك ۋە مۇستەقىل ئىگىلىك تىكلەش ھاياتى ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدىغان بولۇپ، تېخىمۇ قىزىقارلىق يېرى،  بوب فۇ ئامېرىكىغا كېلىپلا، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى قاتلاملىرىغا سىڭىپ كىرەلىشى، بۇ جەرياندا شۇ دەۋردىكى ئامېرىكا پرېزدېنتى كىچىك بۇش بىلەن ناھايىتى قويۇق دوستلۇق ئورنىتالىشى، ھەتتا قۇرۇۋالغىنى بىر دىنىي تەشكىلات تۇرۇپ، تەشكىلات نامىدا سىياسىي ئىشلارغا ئارلىشىشى، خىتايدىكى خىرستىيان دىنى مۇخلىسلىرىغا ياردەم بېرەلىشى، ھەتتا چېن گۇاڭچېڭدەك كىشىلەرگە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كۈچى بىلەن ياردەم بېرەلىشى ....... قاتارلىق ئەھۋاللار ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. ‬

مەن ئەلۋەتتە بۇ يەردە بوب فۇ نىڭ قانداق ئادەملىكى ھەققىدە قارار بېرەلمەيمەن. ئەمما ئىزدەنگەن ماتېرىياللاردا ئەھۋاللار دەل يۇقىرىدا سۆزلەنگەندەك بولۇپ، بۇنىڭدىن باشقا بوب فۇنىڭ پرېزدېنت بۇشقا تىبەتنىڭ دۇنياغا ناھايىتى مەشھۇر ئتى Tibetan Mastiff تىن ئىككى دانە سوۋغات قىلالىشى، (بۇ ئىتنىڭ خەلىقئارا بازىرىدىكى باھاسى بىر مىليوندىن ئاشىدۇ) ۋە بۇ ئىتلارنى خىتاي چېگرىسىدىن ئېلىپ چىقالىشى..... دېمەك بۇ ئىشلار بوب فۇنىڭ دىنىي ساھەدىكى بىر پوپ ۋە سىياسىي ساھەدىكى بىر پائالىيەتچىلىك سالاھىيىتىدىن ھالقىپ كەتكەن باشقا بىر شەخس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ تۇرۇپتۇ، ئەلۋەتتە.‬

بوب فۇ نىڭ شەندوڭلۇق بولۇشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭمۇ شەندوڭلۇق ئىكەنلىكى..... ۋاڭ لېچۈەننىڭ جوۋ يوڭكاڭ، جياڭ زېمىن گۇرۇھىنىڭ ئادەملىرى ئىكەنلىكى خىتايلارغا سىر ئەمەس. جياڭ زېمىن، جوۋ يوڭكاڭ ۋە ۋاڭ لېچۈەن، مېڭ جيەنجۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچكى ئورگانلىرى سودىسى بىلەن بولغان ئالاقىسى ھەققىدە خىتاي تىجارەتچى گو ۋېنگۈي نۇرغۇن ۋەقەلىكلەرنى ئاشكارىلىغان ۋە بۇ ھەقتە تۈرلۇك مەنبەلەرنى ئىسپات سۈپىتىدە تىلغا ئالغان ئىدى. بوب فۇ نىڭ پرېزدېنت بۇش بىلەن بولغان ئالاقىسى شۇنداقلا رابىيە خانىم چەتئەلگە چىققاندىن بۇيان تۈرلۈك پائالىيەتلەردە بىر سورۇندا بولۇپ قېلىشى گەرچە تەسادىپىيلىق بولۇشى مۇمكىن دەپ قارالسىمۇ،  ئەمما يېقىنقى كۈنلەردە بوب فۇ نىڭ رابىيە خانىمنىڭ جىيەنى قۇززات بىلەن قايتا سەھنىلەردە پەيدا بولۇپ قېلىشى كىشىنى تېخمۇ ئويلاندۇرىدۇ. قىسقىسى بوب فۇ نىڭ چېن گۇاڭچېڭ ۋەقەسىدىكى رولى، بۇش بىلەن بولغان ئالاقىسى، ۋاڭ لېچۈەن، جوۋ يوڭكاڭ بىلەن بىر يۇرتلۇق بولۇپ قېلىشى، چەتئەلگە چىقىپ تۆت يىلدىلا ئىگىلىك تىكلەپ، ئامېرىكا پرېزدېنتى بىلەن قويۇق ئالاقە ئورنىتالىشى، يەنە بۇ دەۋرلەردە خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۆزگۈرۈشلەرنىڭ تېز بولۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا تېرورلۇققا باغلىنىشى ...... قاتارلىق بولۇپ ئۆتكەن نۇرغۇنلىغان ۋەقىئەلەر بىلەن باغلىنىشى يوق دەپ قارىيالمايمىز. گەرچە بىز بۇ ھەقتە ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئاجىز بولساقمۇ، خىتاينىڭ ھىيلە - نەيرەڭلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدە قانداق قىسمەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا ۋە بۇ سەۋەب تۈپەيلى تۆلىگەن بەدەللىرىمىزگە كۆرە خىتاي بىلەن بولغان ھەرقانداق ئالاقىلەردە سەگەك ۋە سەزگۈر بولۇشىمىز ھايات - ماماتلىق دەقىقىلەردە تۇرۇۋاتقان كۈرىشىمىز بىز ئۈچۈن تولىمۇ زۆرۈردۇر. بۇ ھەقتىكى ئىزدىنىشلىرىم داۋاملىق دېققىتىڭلاردا بولىدۇ