2021/04/14 19:28

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خىتاينىڭ غەرب نەزىرىيسى (1)

يوللىغۇچى: Azat Arkal, 2019/04/08 00:13

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Azat Arkal

ئىلاۋە : مەزكۇر ماقالە جۇڭگو ئازاتلىق ئارمىيسىنىڭ گېنىرالى ليۇياجوۋ(刘亚洲) نىڭ 2010 - يىلى يازغان، سۇمۇرۇغ ھەپتىلىك ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىسى بولۇپ، ئەينى يىللىرى بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بۇنىڭدىن خەۋەرسىز قېلىشى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلۇق ئىش. ھېچبولمىسا بۇلارنىڭ رەزىل قارا نىيتىدىن ئازراق بولسىمۇ خەۋەردار بولىشىمىزغا، ئىدىيە جەھەتتىن بولسىمۇ تەييارلىقتا بولالىشىمىزغا پايدىسى بولۇر ئىدى. ئەپسۇس بۇ ئىشلارنى بەزىلىرىمىز ئويلىمىغان، يەنە بەزىلىرىمىز بۇنچىلىك تېز بولۇر دەپ ئويلىمىغان. ئەمدى پىچاق سۆڭەتتىن ئاشقاندا بىلىپ قويساق ھەم كېچىككەن بولماس.
               
                                                                                       غەرىب  نەزىرىيىسى

                                                                                            ليۇياجوۋ

2010-يىلى 7- ئاينىڭ 4- كۈنى، ئامېرىكا 9 يىلغا سوزۇلغان ئافغانىستان ئۇرۇشىغا قارىتا تاقەتسىزلىكىنى ئىپادىلىدى: رەئىس جۇمھۇر ئوباما ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنىڭ باش قوماندانى ستەنلى مەككىرستال (Stanley McChrystal) نى ۋەزىپىسىدىن قالدۇردى، ئارقىدىنلا داۋىد پېترائېئۇس (David Howell Petraeus) ئۇنىڭ ئورنىغا چىقىپ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئامېرىكا قىسىملىرىنى كەڭ كۆلەمدە كۆپەيتتى. تەھلىللەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئارمىيسى تالىبانلارغا بولغان ھۇجۇمنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش ئارقىلىق مۇرەسسەگە مەجبۇرلاش شەكلى بىلەن تالىبانلارنى سۆھبەت ,ئۈستىلىگە ئەكەلمەكچى بولغان. لىكىن بۇ چاغدا ئامېرىكا ئافغانىستاندا بىر تىرلىيون دوللار قممىتىدە كان بايلىقلىرىنى بايقىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. بۇئافغانىستان ھاكىميىتىنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىش رولىنى ئوينىغاندىن باشقا، قوشنا دۆلەتلەرنى ئامېرىكا ئافغانىستان مەسلىسىنى ھەل قىلسا بالدۇرراق چىقىپ كەتكۈدەك دەپ ،ئويلۇغۇزۇپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش رولىنى ئوينىدى دەپ قارالدى.
ئامېرىكا ئىككىنچى قېتىم ۋېتنام پاتقىقىغا پېتىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئافغانىستان مەسىلىسى ھەل بولماستىنلا پېشىنى قېقىپ كەتمەكچىمۇ؟ بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيتىگە قانداق ئۆزگىرىشلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇيىل 5-ئايدىن بۇيان قىرغىزىستاندا ئارقا-ئارقىدىن سىياسي داۋالغۇش يۈز بەردى. ئالدىنقى ئىككى نۆۋەتلىك رەئىس جۇمھۇرىنىڭكىدەك  ھوقۇقى زىيادە چوڭ بولۇپ كېتىپ چىرىكلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، مەزكۇر دۆلەت ئومومىي خەلق سايلاش تۈزۈمىنى پارلامېنت تۈزۈمىگە ئۆزگەرتتى. گەرچە پارلامېنت تۈزۈمى رەئىس جۇمھۇرنىڭ ھوقۇقى بەك چوڭ بولۇپ كېتىش، ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ زورىيىپ كېتىشى قاتارلىق مەسىللەردىن ساقلانسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەت ھوقۇقىنىڭ تارقاقلىشىپ كېتىشى ھەتتا رادىكال كۈچلەرنىڭ تەخىتكە چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. ئالاھىدە دىققەت قىلدىغان يېرى شۇكى، قىرغىزىستاندا مىللىي توقۇنۇش يۈز بەرگەندە، قىرغىزىستاننىڭ رۇسيەگە قويغان ئەسكەرچىقىرىپ تەرتىپنى ساقلاپ بېرىش تەلىپى ئىككى قېتىم رەت قىلىندى.
ئوتتۇرا ئاسىيادا بىر تەرەپتىن چوڭ دۆلەت ۋەزىيەتتىن چېكىنىپ چىقىدىغان ۋاكۇم ھالەت كۆرۈلىشى مۇمكىن، يەنە بىر تەرەپتىن سىياسىي مۇقىمسىزلىق، داۋالغۇش ھەتتا ئ‍ىچكى قالايمىقانچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار كۆپىيشى مۇمكىن. جۇڭگوغا نىسبەتەن، بۇ پۇرسەت ۋە خەۋپ-خەتەرنىڭ تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
10 يىل بۇرۇن ، ئامېرىكا ئارمىيسى ئافغانىستانغا كىرگەندە  ليۇياجۇۋ << مەغىرىب نەزىريىسىى >> نى يېزىپ، جۇڭگو ئىستىراتېگىيسىنىڭ غەربگە يۆتكىلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ۋاقىتنىڭ ئىلگىرلىشىگە ئەگىشىپ، جۇڭگو ئېنىرگىيە ئىمپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەتكە ئايلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىمۇ جۇڭگونىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان چەتئەلگە سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولغان رايونلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن مۇھىملىقى ليۇياجوۋنىڭ ئەينى يىلدىكى ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە غەربنىڭ جۇڭگوغا مۇھىملىقى بۈگۈن ھەممە بىلىدىغان ھەقىقەتكە ئايلانغان چاغدا، ليۇياجوۋ بۈگۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيتى ۋە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇدىيتى ئاساسىدا ئۆزىنىڭ نۇقتىنەزىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، غەربنى ئ‍ېچىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈلگەن مەسىللەردە ئېلىشقا تېگىشلك ساۋاقلار ۋە يۈزلىنىشكە تېگىشلىك رىقابەتلەرنى مۇلاھىزە ۋە خۇلاسە  قىلىپ ، ئەسلى يازما ئاساسىدا قايتىدىن ئۆزگەرتىش قىلدى.

جۇڭگونىڭ غەربى - بىر غايەت زور بوشلۇق. غەربكە سۈرۈلۈش - بىزنىڭ ئىستىراتىگىيلىك خاھىشىمىز بولۇپلا قالماي، يەنە بىزنىڭ ئۈمىدىمىز، ھەتتا بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ تەقدىرى.
ئېسىل جۇغراپىيلىك ئورۇن (دۇنيانىڭ مەركىزىگە يېقىن) بىزگە غايەت زور ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. بىز غەربنى ئالغا ئىلگىرلەشتىكى چېگرا ئەمەس ئۆتەڭ دەپ قارىشىمىز كېرەك.

يېڭى  دەۋردىكى چېگرا مۇداپىيسى ۋە دېڭىز مۇداپىيسى

يۈز نەچچە يىل ئىلگىرى، چىڭ ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسمىدا چوڭ بىر دەتالاش بولدى: دېڭىز مۇداپىيسى قىلامدۇق ياكى چېگرا مۇداپىيسى قىلامدۇق ؟ ئەينى زاماندىكى ئەھۋالدا غەربتىكى كۈچلۈك دۆلەتلەر ئارقا-ئارقىدىن چوڭ قۇرۇقلۇققا دېڭىزدىن ھۇجۇم قىلۋاتقان ئىدى. ھەتتا 1874- يىلىغا كەلگەندە كىچىككىنە ئارال دۆلىتى مودەن جەمئىيتى (牡丹社事件) ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ تەيۋەنگە ئەسكەر چىقاردى. بۇنىڭ ئالدىدا 1871-يىلى، چاررۇسيە ياقۇپ بەگنىڭ قوقەنتتىن ئەسكەر باشلاپ شىنجاڭغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن پۇرسىتىدىن پايدىلنىپ قايتۇرۇۋېلىش نامى بىلەن ئىلىنى ئىگەللىۋالدى. شۇڭا، زادى دېڭىز مۇداپىيسى مۇھىممۇ ياكى چېگرا مۇداپىيسى مۇھىممۇ دېگەن مەسلىدە لى خوڭجاڭ باشچىلىقىدىكى دېڭىز مۇداپىيسى تەرەپدارلىرى ۋە زوزوڭتاڭ باشچىلىقىدىكى چېگرا مۇداپىيسى تەرەپدارلىرى ئوتتۇرسىدا تالاش-تارتىش كەسكىن قانات يايدى. بۇنىڭغا ھەرقايسى ئوردا ۋەزىرلىرى ۋە يەرلىك باسقاق بەگلەرلا ئەمەس، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئارقا ئوردىىسىدىكىلەرمۇ سۆرەپ كىرىلدى.
دېڭىز مۇداپىيسىدىكلەرنىڭ نۇقىنەزىرى: يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيان چەتئەل تاجاۋۇزچىلىرى ھەممسى دېگۈدەك شەرقىي جەنۇپ دېڭىزىدىن كىرىپ كېلىۋاتىدۇ. بولۇپمۇ يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن ياپونىيە چاتاق تېرىسا چاررۇسيەدىن ئېشىپ چۈشىدۇ. چاررۇسيەنىڭ مەقسىتى بىرغېرىچقا ئېرىشىپ يەنە بىرغۇلاچ ئىلگىرلەش، پىلە قۇرتىدەك يوپۇرماقنى يەۋېتىش.
زوزوڭتاڭ باشچىلىقىدىكى چېگرا مۇداپىيسى تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىرى: جۇڭگونىڭ تاغ-دەريالىرى ئەۋزەللىكە ئىگە بۇلۇپ، غەربي شىمالدىن باشلىنىدۇ. غەربتىن ۋاز كەچكەنلىك جۇڭگودىن ۋاز كەچكەنلىك : << شىنجاڭنى تۇتۇپ تۇرۇش موڭغۇلنى تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن، موڭغۇلنى تۇتۇپ تۇرۇش ئاستانىنى قوغداش ئۈچۈن>>.
 زوزوڭتاڭ تەرەپدارلىرىنىڭ پىكىر يولى ئېنىق، رەتلىك بولۇپ سىشى تەيخۇ نىڭ ئېتىبارىغا ئېرىشتى. ئارقىدىنلا زوزوڭتاڭ ئەسكەر باشلاپ ، تەڭرىتاغقا يۈرۈپ كەتتى.
ئەينى يىللىردىكى دېڭىزمۇداپىيسى ۋە چېگرا مۇداپىيسى جېدىلگە قارىتا، بۈگۈنكى تارىخچىلار زوزوڭتاڭ تەرىپىدە تۇرىدۇ. نېمىلا دېگەنبىلەن تارىخ غەلبە قىلغۇچىلارنى ئەيىپلىمەيدۇ. لىكىن دېڭىز مۇداپىيسى تەرەپدارى لى خوڭجاڭ ۋۇجىيا ئۇرۇشىدا يەربىلەن يەكسان بولۇپ، نەچچە يۈز يىللىق تىل-ئاھانەتكە قالدى ھەتتا ئۇنىڭ ئىسمى  خېلى ئۇزۇن ۋاقىتقىچە تەسلىمچىلەر ۋە دۆلەت ساتقىنىلىرىنىڭ ئالماش ئىسمى بولۇپ قالدى.
بىراق تارىخقا نەزەر سېلىپ دېڭىز مۇداپىيسى ۋە چېگرا مۇداپىيسىدىن قايسىنى تاللاشنى قايتىدىن پەرەز قىلساق، كېيىنكلەرنىڭ باھاسى ئوخشاش بولماسلىقى مۇمكىن. زوزوڭتاڭ غەربكە يۈرۈش قىلغاندا، ھەريىللىق ھەربىي چىقىم 10 مىليۇن سەر كۈمۈشتىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، چىڭ ھۆكۈمتى مالىيەسنىڭ ئالتىدىن بىر قىسىمىغا توغرا كەلگەن. گەرچە باي سودىگەر خۇشۆيەن ( 胡雪岩) زور ياردەم قىلغان بولسىمۇ، چىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چىقىمنى كۆتۈرۈشكە قۇربى يەتمەي، ئەجنەبىيلەر بانكىسىدىن توقاملاپ قەرز ئالغان. غەربنى تىنجىتقاندىن كېيىنكى مۇقىملىقنى ساقلاش چىقىمىنى ھېسابلىمىغاندا، ئۇرۇش چىقىمىغىلا 30 مىليۇن سەردىن ئارتۇق ئاق كۈمۈش كەتكەن. ئەگەر بۇ پۇلنى دېڭىز قوشۇنى قۇرۇلىشىغا ئىشلەتكەن بولسا، ئەينى چاغدا ئاسىيادا بىرىنچى ئۇرۇندا تۇرىدىغان يىراق مۇساپىلىك ئۇرۇش پاراخوتىدىن 20 دانىنى سېتىۋېلىشقا يېتەتتى. ئەينى زاماندىكى ياپونىيەنىڭ دۆلەت كۈچىدىن ئالغاندا، شىمالىي ئوكيان دېڭىز قوشۇنى ھەرقانچە چىرىكلەشسىمۇ، ياپونلارھەرقانچە جاندىن تويغان بولسىمۇ، بۇنچىلىك ماددى كۈچ سېلىشتۇرمىسى ئالدىدا ۋۇجىيا ئۇرۇشىمۇ بولمىغان، شىمالىي ئوكيان سۇ قوشۇنىنىڭ دېڭىزغا غەرق بولۇشى، 200 مىليۇن سەر ئاق كۈمۈش تۆلەم تۆلەش ۋە تەيۋەننى كېسىپ بېرىشتەك تىراگىدىيەمۇ كېلىپ چىقمىغان بولاتتى.
مەنچىڭ ھۆكۈمىتى شىنجاڭنى ئېلىش جېڭىدە غەلبە قىلىپ، دۆلەتنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان جەڭدە ئۇتتۇرۋەتتى دېيشكە بولامدۇ،- يوق؟
بىراق تارىخنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا مەنچىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ نەزىرىدە بۇ پۇل جىددى ئېھتىياجلىق بولغان شىنجاڭغا خەجلەنمىگەن تەقدىردىمۇ پۈتۈنلەي پاراخوت ياساشقا خەجلىندۇ دېگىلى بولمايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ياپون بىلەن بىرقانچە يىل تىركىشەلىسىمۇ لىكىن ۋۇجىيا ئۇرۇشى پەقەت 10يىل ياكى 20 يىل كېچىكىپ پارتىلايتتى. لى خوڭجاڭ ئەينى يىللىرى شىنجاڭنى ئالساقمۇ ئۇپەقەت يىراقتىكى قاقاسلىق، نەچچە مىڭ يىللىق باش ئاغرىقىمىزنى چوڭايتىۋېتىدۇ دەپ قارىدى. دېمىسىمۇ ئەينى ۋاقتتىكى غەربى شىمال بىر <<باش ئاغرىقى >> بولۇپ، شىنجاڭنى ئالغاندىن كېيىن گۇگۇڭ سارىيى ھەريىلى نەچچە يۈزمىڭ سەر كۈمۈش ئاجىرتىپ يەرلىكنىڭ ھەربىي-سىياسىي سېستىمىسىنىڭ نورمال ئايلىنىشىنى كاپالەتلەندۈرەتتى.
بىراق باش ئاغرىقى ھېسابلانغان قاقاسلىقنىڭ ئاستىدا بۈگۈن دەل ئېھتىياجلىق بولغان ئالتۇنلارنىڭ  كۆمۈلۈپ ياتقىننى ھېچكىم ئويلىمىغان.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن يەرشەكلى جەھەتتە غايەت زور بىخەتەرلىك توسىقىلا ئەمەس بەلكى ئورنى ئېلىنغۇسىز ئېنىرگىيە مەنبەسى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىدە مۇھىم ئىستىراتىگىيلىك ئورۇن تۇتىدۇ. بولۇپمۇ شىنجاڭ مۇھىم بىر ئستىراتىگىيلىك سەكرەش تاختىسى: شىنجاڭنىڭ قۇرۇقلۇق يولى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى بىلەن تۇتىشىدۇ، پاكىستاننىڭ دېڭىز يولى بىلەن ھىندى ئوكيان ۋە ھورمۇس بوغۇزىغا چىققىلى بولىدۇ.
ئەگەر شىنجاڭنىڭ يەرشەكلى ئەۋەزللىكىنى ئەڭ زور دەرىجىدە جارى قىلدۇرالىساق، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق - ئىچكى دېڭىز رايونلىرىنىڭ نېفىت، تەبىئىي گازلىرىنى شىنجاڭ ئارقىلق ئىچكىرگە ۋە دېڭىزبويى رايونلرىغا يەتكۈزگىلى بولىدۇ. شۇنداقلا ئەنئەنىۋى دېڭىز يولى لىنىيسىدىكى ئەڭ ئاسان كونتىرول قىلىندىغان مالاككا بوغۇزىغا تاينىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ. شىنجاڭ ياۋرو- ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ چېگراسىغا جايلاشقان بولۇپ، ياۋرو-ئاسىيا چوڭ كۆرۈكىنىڭ بوغۇزىنى قامال قىلىش جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىنى تۇتاشتۇردىغان ئەڭ يېقىن قۇرۇقلۇق يولى شۇنداقلا ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ بايلىقلىرى ۋە بازارلىرىدىن پايدىلنىشنىڭ ئەڭ قولايلىق ئۇسۇلى. بۇنداق گەۋدىلىك يەرشەكلى ئەۋزەللىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە ئىنتايىن كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.
شۇڭا، ھازىرقى جۇڭگو يەنىلا يېڭى دەۋىردىكى دېڭىزمۇداپىيسى ۋە چېگرا مۇداپىيسىدىن ئىبارەت تاللاشقا دۇچ كەلدى : يېڭى ئەسىردىكى جۇڭگو ئىستىراتىگىيسىنىڭ مۇھىم نۇقتىىسى زادى نەدە؟ شەرقنى جىددىي تۇتۇپ غەربنى مۇھىم تۇتۇشمۇ يا كى غەرب-شەرقنى تەڭ مۇھىم تۇتۇشمۇ ۋە ياكى شەرقىنى بوشاشتۇرۇپ غەربنى جىددىي تۇتۇشمۇ ؟
مېنىڭچە مەسلىنى ھەل قىلىشتا قارشى يۆلىنىشتىن چىقىپ ھەرىكەت قىلىش كېرەك. يەنى ئاۋال چېگرا مۇداپىيسىنى ھەل قىلىپ، ئاندىن دېڭىز مۇداپىيسىنى ھەل قىلىش كېرەك. شىنجاڭ  بىلەن دېڭىز بويى رايونلىرى ئەلۋەتتە ئۆز-ئارا ھەرىكەتچان مۇناسىۋەتتە تۇرىدۇ. بىراق تەيۋەندە ئىش چىقسا شىنجاڭدا چوقۈم ئىش چىقىشى ناتايىن؛ ئەمما شىنجاڭدا ئىش چىقسا تەيۋەندە چوقۇم ئىش چىقىدۇ. تەيۋەن بىلەن چوڭ قۇرۇقلۇق ئوخشاش مىللەت ،ئوخشاش مەدەنىيەت ، ئىش چىقسىمۇ كەلگۈسىدە يەنىلا قايتىپ كېلىدۇ. شىنجاڭ، شىزاڭ كۆپ مىللەتلىك رايون، قولدىن چىقىپ كېتىپلا قالسا، قايتىپ كېلىشى بەسىي مۈشكۈل.
ئىستىراتىگىينىڭ غەربكە يۆتكىلىشى دۆلەت مەنپەئەتىنى كۆزلىگەندىن باشقا ئامالسىزلىقتىنمۇ بولغان. دۆلىتىمىزنىڭ زامانىۋى ئىستىراتىگىيسى شەرقتىن باشلانغان - ئىسلاھات ئىشىكىنى ئېچىۋېتىش شامىلى شەرقىي دېڭىز بويى رايونلىرىدا كۆتۈرۈلگەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان دېڭىزبويى رايونلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ئوقبېشى بولۇپ، بايلىق توپلاشقان جايغا ئايلاندى. جۇڭگونى مەركەزقىلىپ خوڭكوڭ، تەيۋەن، ئاۋمېنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا ئىقتىساد چەمبىرىكى پارلاق كېلەچىكىنى نامايەن قىلدى. مەن بۇ رايوننى <<خەلق پۇلى بەلبېغى >> دەپ ئاتىدىم.  جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مۇشۇ يەردە، بىراق ئەجەللىك ئاجىزلىقىمۇ مۇشۇ يەردە - يەنى تولۇق مۇداپىئە قىلىنمىغان.
شەرق بولسا جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم رايون، شۇنداقلا سىرىتقى ئىستراتىگىيەنىڭ توسۇلىشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان رايون. ئامېرىكا ھاسىل قىغان ئارال زەنجىرى بويىنمىزغا ھەرۋاقىت سىرىتماق بولۇپ تۇرماقتا. تەيۋەن مەسىلىسىمۇ يىقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تىرىك كىرزىس بولۇپ تۇرماقتا. بۇمۇ دېڭىزنىڭ ھاۋاسىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟!
ئامېرىكا بىلەن تەيۋەن بېيجىڭ، شاڭخەي ۋە خوڭكوڭنى بومباردىمان قىلىش ھەتتا سەنشىيا توسمىسىغا ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق پىلانلارنى تۈزۈپ، شەرقىي قىسىمنىڭ ئىستىراتىگىيلىك ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقىنى كۆرىستىپ قويدى.
جۇڭگونىڭ زامانىۋىلىشىش قەدىمى باشلىنىپلا دېڭىزغا قەدەم قويدى، بىراق دەسسە دەسسىمەيلا توسۇلۇپ قېلىپ، شەرققە ئىلگىرلگۈدەك مادارى قالمىدى. شەرققە ئىلگىرلىسەكمۇ يول يوق، ئارقىدىنلا غەربنى ئېچىش ئىستىراتىگىيسى ئوتتۇرىغا چىقتى. ئىستىراتىگىيە غەربكە بولسىمۇ، شەرقنى ساقلاش مۇقەررەر. ساقلىساق بوشايدۇ، بوشىسا بىخەتەر بولىدۇ.
داۋامى بار ...