2021/04/14 19:15

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خىتاينىڭ غەرب نەزىرىيسى (2)

يوللىغۇچى: Azat Arkal, 2019/04/08 00:16

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Azat Arkal

ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكى: دۆلەتنىڭ جان تومۇرى

ھازىر بىرەرسى چىن بەگلىكى نىمىشقا ئالتە بەگلىكنى بىرلىككە كەلتۈرگەن دەپ سورىسا، جاۋابى چوقۇم : چۈنكى چىن بەگلىكى قانۇن ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ، قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى چىن بەگلىكى بولسا جەمئىيەتتىكى پۈتۈن بايلىق مەنبەلىرىنى ئۈنۈملۈك قوزغىتالايدىغان ھەربىي دۆلىتى ئىدى. بىراق، ئۇنىڭدىن بالدۇرراق قانۇن ئۆزگەرتكەن ۋېي بەگلىكى نېمە ئۈچۈن بايلىقى مول لەشكىرى كۈچى سەرخىل تۇرۇپ باشقا بەگلىكلەرنى بىرلىككە كەلتۈرەلمەيلا قالماي، قانۇن ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، ئۇرۇشتا ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى ؟
ئەمەلىيەتتە، گېرمانىيەنىڭ نېمىشقا تېزلىكتە قەد كۆتۈرۈپ ئارقىدىن ئىككى قېتىم دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغىننى ئويلاپ كۆرسەك، ۋېي بەگلىكىنىڭ مەغلۇپ بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى تاپالايمىز.
خەرىتىگە تەپسىلىي قارىساق بايقايمىزكى، ۋېي بەگلىكىنىڭ ئەينى ۋاقتتىكى ئورنى گېرمانىيەنىڭ ياۋروپادىكى ئورنى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ، پەقەتلا يۆلنىشى قارمۇ-قارشى. يەرشەكلى جەھەتتە، ۋېي بەگلىكى ۋە گېرمانىيە ئىككىلىسى كۈچلۈكلەرنىڭ ئارسىغا جايلاشقان. گېرمانىيەنىڭ ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇشى بىلەن ۋېي بەگلىكىنىڭ ئىككى قېتىم مەغلۇپ بولۇشىمۇ ئوخشاشلىققا ئىگە: ئىستىراتىگىيە بىلەن گىرەلەشكەن زېمىن كەمچىل بولۇش بىلەن بىرگە ئىككى تەرەپتىن دۈشمەننىڭ قىسىشىغا دۇچ كەلگەن. ئەينى چاغدىكى چىن بەگلىكى ئارقا تەرەپتە غەربتىكى ھەرقايسى بەگلىكلەرگە يۆنەلگەن بولۇپ، سوۋېت ئىتپاقىغا ئوخشاش ئىلگىرلىسە ھۇجۇم قىلغىلى، چېكىنسە مۇداپىئە قىلغىلى بولاتتى.

شىنجاڭ نېمەئۈچۈن مۇھىم ؟ غەرب نېمەئۈچۈن مۇھىم ؟ يېغىلىق دەۋىردىكى باش كۆتۈرگەن  چىن بەگلىكى ۋە ياۋروپا دا باش كۆتۈرگەن گېرمانىيەنى ئويلاپ باقايلى.

زوزوڭتاڭ ئىلگىرى مۇنداق دېگەن : جۇڭگونىڭ گۈللىنىشىدە غەربى شىمال بولمىسا بولمايدۇ.

چىن شىخۇاڭ جۇڭگونى بىرلىككە كەلتۈرگەن 2000 يىلدىن بۇيان،ئۈچ ئالتۇن دەۋىر بولۇپ ئۆتتى: (1) خەن سۇلالىسى خەن ۋۇدى دەۋرى (مىلادىدىن ئىلگىرىكى140-يىلىدىن مىلادىدىن ئىلگىرىكى 87-يىلى) بولۇپ توختىماي چېگرانى كېڭەيتكەنلىكى ۋە زېمىننىڭ بىر ھەسسە كېڭەيگەنلىكى قەيت قىلىنىدۇ؛ (2) تاڭ سۇلالىسى تاڭ تەيزۇڭ دەۋرى (مىلادىيە 649-627)؛ (3) چىڭ سۇلالىسىنىڭ كاڭشى ۋە چىيەنلۇڭ  دەۋرى (كاڭشى 1772-1662، چىيەنلۇڭ 1795-1736)بولۇپ ، زېمىنى يەنە بىر ھەسسە كېڭەيگەن دەپ قەيت قىلىنىدۇ. بۇ ئۈچ دەۋرنىڭ ئورتاق ئالاھىلىكى: غەربنىڭ مۇتلەق كونتىرول ھوقۇقىغان ئىگە بولغان.  20 -ئەسىردە جۇڭگو ئىنقىلابى جەنۇبتا پارتىلاپ، غەربتە ئەۋج ئالدى لىكىن شەرقىي شىمالدا غەلبىگە ئېرىشتى. قارىغاندا غەرب جۇڭخۇانىڭ قەد كۆتۈرۈشىدىكى مۇقەررەر يولى بولسا كېرەك. غەربتە كۈچىمىز بولسا، ئانىدىن شەرقتە تىركىشەلەيمىز.
 شىنجاڭ يەرشەكلى ۋە سىياسىي جەھەتتە ئۈستۈنلۈكىنى ئىگىلىگەندىن باشقا، يەنە جۇڭگونىڭ 21- ئەسىردىكى سىجىل تەرەققىياتىنى يۆلەيدىغان ئېنىرگىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ.
بىر دۆلەتنىڭ ئىستىراتىگىيلىك بايلىق مەنبەسىدە بىخەتەرلىك ۋە مۇقىملىق بولمىسا بولمايدۇ. ئەينى ۋاقىتتا گېرمانىيەنىڭ مەغلۇپ بولۇشى يەرشەكلى پايدىسىز بولغاندىن باشقا مۇھىم  ئىستىراتىگىيلىك بايلىق ئاساسەن دېگۈدەك ئىمپورت قىلىشقا تايىنىلغان. يەنە كېلىپ خېلى كۆپ قىسمىنى دېڭىز يولى بىلەن مېڭىش كېرەك ، ئەپسۇس دېڭىز يولى بۈيۈك بېرتانىيە ئېمپىرىيىسىنىڭ قولىدا ئىدى.
بۈگۈنكى جۇڭگو ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن بەكرەك كان بايلىقى ۋە ئېنىرگىيە مەنبەسىگە موھتاج. بىراق جۇڭگودەك بىر كۆپ نوپۇسلۇق دۆلەتنىڭ ھەربىر ئىش-ھەركىتى باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىگە چېتىلىپ تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە جۇڭگونىڭ كۈچىيشى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئوغىسىنى قاينىتىدۇ. يەرشارنىڭ ئېنىرگىيسى چەكلىك، بىرسى كۆپ ئالسا، يەنە بىرسى ئاز ئالىدۇ دېگەن گەپ.  كىلىنتون جۇڭگودا ئاپتوموبىل تېخى تۈزۈك ئوموملاشمىغان ۋاقىتتىلا جۇڭگونىڭ ئاپتوموبىل سانائىتىنى كۆپ تەرەققىي قىلدۇرۋەتكەنلىكىنى، بۇنىڭ باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىگە تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىگەن ئىدى.
بۈگۈنكى كۈندە جۇڭگو بىر سەكرەپلا دۇنيادىكى  كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى. بۇ ۋاقىتتا دۇنيادىكى تەبئىي بايلىقلار ئەڭ مول، ئېچىش ئەڭ ئاسان، توشۇش ئەڭ قولاي رايونلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ئالدىدا ماڭغان كۈچلۈك دۆلەتلەرئۆزتەسىر دائىرسىگە ئېلىپ بولغانىدى. جۇڭگوغا قېلىپ قالغىنى بولسا ئافرىقىدىكى سۇدان، نېگىرىيە دېگەندەك ئەڭ خەتەرلىك، سىياسي داۋالغۇش ئەڭ كۈچلۈك بولغان، غەرب دۆلەتلىرى ۋاز كەچكەن رايونلار بولدى.
گەرچە جۇڭگو تىركىشىپ يۈرۈپ ئاشۇ خەتەرلىك رايونلارغا پۇتىنى تىقىۋالغان بولسىمۇ، يەنىلا ئېغىر ئېنىرگىيە ۋە كان بايلىقلار كىرزىسىغا دۇچ كەلدى. نۆۋەتتە جۇڭگو رەھبەرلىرنىڭ تاشقى زىيارەتكە چىقىشىمۇ ئاساسلىقى دەل ئېنىرگىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى سەۋەبىدىن بولۇپ  ئېنىرگىيە مەسىلىسىمۇ ئاللىقاچان جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى مۇناسىۋەتتە ئالدىن ئويلىشىدىغان ئامىلى بولۇپ قالدى. بۇمۇ ھەم بىر كېچىكىپ كەلگۈچى چوقۇم تۆلەيدىغان بەدەل.
نۆۋەتتە، جۇڭگو خام نېفىت ئىمپورتىنىڭ 60% دىن كۆپرەكى ۋەزىيتى داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان ئوتتۇراشەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىن كېلىدىغان بولۇپ، ئاساسلىقى دېڭىزيولىدا مەركەزلەشتۈرۈپ توشۇش ئارقىلىق جۇڭگوغا يېتىپ كېلىدۇ. دېڭىز تىرانسپورتىنىڭ بەشتىن تۆت قىسمى مالاككا بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە بىخەتەرلىكىنى چەكلەپ قويغان مالاككا توسىقىنى ھاسىل قىلغان. جۇڭگو نېفىت ئىمپورتنىڭ جان تومۇرى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيسىنىڭ قاش - قاپىقىغا قاراشلىق بولۇپلا قالماي يەنە ھىندىستان دېڭىز ئارمىيسى كونتىرول قىلغان رايوندىن ئۆتىدىغان بولۇپ، جۇڭگو ئېنىرگىيە كىرزىسىنىڭ ئاجىزلىقى مانا مەن دەپلا كۆرۈنۈپ تۇرۇپتۇ.
پەقەت بىرلا رايوندا ھەم ئىنتايىن مول تەبئىي بايلىق ۋە ئېنىرگىيە بارھەم  ئۇنچىلىك خەتەرلىكمۇ ئەمەس، چەتئەللىكلەر دائىم تۇيۇقسىزھۇجۇمغا ۋە گۆرۈگە ئېلىنىشقا ئۇچراپ تۇرىدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ترانسپورت يولى ھېچقانداق بىر چوڭ دۆلەتنىڭ ئالقىنىدا ئەمەس، ئۇيەر دەل شىنجاڭغا قوشنا كېلىدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونى.
سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ ئارقا ھويلىسى دەپ ئاتالغان بۇيەر نېفىت ۋە تەبئىي گازغا مول بولۇپلا قالماي، ئۇران ... قاتارلىق مۇھىم ئىستىراتىگىيلىك كان بايلىقلىرىنىڭ مەنبەسى. ئوتتۇرا ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇققا جايلاشقان بولغاچقا دېڭىزغا چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، پەقەت قۇرۇقلۇق ئاستىغا يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزساقلا توشۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ. يەنە كېلىپ شىنجاڭنىڭ نېفىت ۋە گاز پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا يېقىن بولۇپ پەقەت ئازراق تۇرۇبا ياتقۇزساقلا شىنجاڭنىڭ ئىچكىرگە يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا ئۇلىغىلى بولىدۇ. ئەڭ مۇھىم بولغىنى، سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە رۇسىيەنىڭ تەسىركۈچىنىڭ ئاجىزلىشىشى بىلەن ئۇيەر ئالدىنقىلارنىڭ ئايىقى تەگمىگەن بىرگۆھەر زېمىن بولۇپ قالغان.
نەزىرىيە جەھەتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە گاز تۇرۇبىسىنىڭ چقىىش لىنىيسى ئەڭ يېقىن پورتقا ئۇلىنىشى كېرەك. بۇنداقتا ياكى غەربكە داۋاملىق مېڭىپ ئىران ئارقىلق پورتقا ئۇلىشىمىزغا ياكى جەنۇبقا مېڭىپ پاكىستان ئارقىلق ھىندى ئوكيانغا چىقىدىغان پورتقا ئۇلىشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەڭ يېقىن پورت ئارقىلق نېفىت ۋە گاز چىقىرالايمىز. بۇنداق بولغاندا يول قىسقارغاندىن باشقا، مۇھىمى باشقا بىر<< ئالاھىدە خېرىدار>>  نىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايمىز.
بىراق مەسىلە شۇكى، گەرچە ئىراننىڭ يولى قىسقا بولسىمۇ، ئىراندا ۋەزىيەت مۇقىمسىز، زۆرۈر بولغان سىياسي بىخەتەرلىك كەمچىل، سىياسي جەھەتتە زىددىيەت مەۋجۇت. يەنە بىر يولدا دۇنيا بويىچە سىياسىي ۋەزىيتى ئەڭ مۇقىمسىز بولغان رايون - ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. شۇڭا ئوتتۇرا ئ‍اسيانىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەسىلىسدە تۆۋەندىكىدەك بىرنەچچە يۆنىلىشتىكى تاللاش بار.
(1) شىمالنىڭ نېفىتىنى جەنۇبقا يەتكۈزۈش: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسىمنىڭ نېفىتنى سېبىرىيەنىڭ  جەنۇبىدىكى ئومۇسكى  (Siberia Omsk)، قازاقىستاننىڭ شەرقىدىكى پاۋلودار(Pavlodar) ۋە ئوڭتۈستىك (Ongtustik) ئارقىلق ئۆزبېكىستانغا يەتكۈزۈش ھەمدە يۇقارقى ھەرقايسى نۇقتىلاردا پىششىقلاپ ئىشلەپ چىققان نېفىت مەسھۇلاتلىرىنى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە توشۇش.
(2) نېفىت ۋە گازنى شىمالغا يەتكۈزۈش: ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ غەربىدىكى نېفىت ۋە گازنى ئىچكى دېڭىزنىڭ شەرقىي-غەربىي ئىككى قىرغىقىنى بويلاپ رۇسيەگە يەتكۈزۈپ، پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە نېفىت-خىمىيە مەركىزىگە تەمىنلىگەندىن سىرىت رۇسيەنىڭ تۇرۇبا تورى ئارقىلق غەربكە ئۇزىتىش.
(3) شەرقىي جۇڭگوغا ئۇزىتىش:  نېفىت ئۇزىتىش تۇرۇبىسىنى شىنجاڭغا ئەكىرگەندىن كېين شىنجاڭنىڭ ھازىرقى نېفىت ۋە گاز يەتكۈزۈش تۇرۇبىسىغا ئۇلاپ بىۋاستە ئىچكىرىگە ئۇزىتىش.
ئالدىنقى ئىككى لىنىيە سوۋېت ئىتتپاقى دەۋرىدە قۇرۇلغان. شۇڭا ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گازلىرى ئەگەر جۇڭگو تەرەپكە ماڭمىسا رۇسيەنىڭ نېفىت ئۇزىتىش تۇرۇبىسىغا ماڭىدۇ.
نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى رولىنى مۇقىم جارى قىلدۇرۋاتقان ئۇزىتىش تۇرۇبىلىرى سوۋېت ئىتتپاقى دەۋرىدىن مىراس قېلىپ قالغان بۇلۇپ، بۇ خىل تاق لىنىيە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئۈچۈن تازا كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەس. چۈنكى رۇسىيە يېتەكچى ھوقۇقنى ئىگەللىگەچكە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ھالتنى ئۆرگەرتىش تەس. بۇمۇ يەتكۈزۈش تۇرۇبىسى ياتقۇزۇشتىن ئىبارەت بۇ ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستىراتىگىيلىك مەبلەغ سېلىشنىڭ ئەھمىيتىنى ئىپادىلەپ بەردى. چۈنكى ئۇنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى، مەبلەغ سېلىنمىسى زور ئەمما قۇرۇلۇپلا قالسا ئۇزۇن چىدايدۇ، كېينكى ئەۋلادلارغىمۇ نەپ تېگىدۇ.
چوڭ دۆلەتنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز سانائىتى ۋە ئۇزىتىش قۇرۇلىشىغا بولغان كونتىروللىقى ئۇنىڭ ئىقتىساد ۋە نېفىت - خىمىيە سانائىتىنىڭ تەرەققىياتىدىكى پاسسىپلىق دەرىجىسىنى كۆرىستىپ بېرىدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گازنى چىقىرىشنىڭ كۆپخىللىىشىشى  بىلەن جۇڭگونىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز مەنبەسىنىڭ كۆپخىللىشىشىغا بولغان ئېھتىياجى مەنپەئەت جەھەتتە يۇقىرى دەرىجىدە بىردەكلىككە ئىگە.

جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مەۋجۇتلىقى

ئەجدادلىرىمىزنىڭ بىز ئۈچۈن مۇشۇنداق بىر ئالاھىدە زېمىننى ئېلىپ قويغىنىغا كۆپ رەھمەت.
جۇڭگو خەرىتىسىگە قارىغىنىمدا، كۆزۈم ھەمىشە غەرب تەرەپكە تىكىلىپ ئۇزاققىچە تۇرۇپ كېتىمەن. بەزىلەر ئۇنى خورازغا ئوخشىتىدىكەن، ئەمما مەن ئۇنى بۈركۈتكە ئوخشىتىمەن. ئۇ قانىتىنى يايغاندا، شەرقتە ئاتلانتىك ئوكياننى، غەربتە ئوتتۇرا ئاسىيانى ياپالىشى ئۇچقاندا بولسا پۈتۈن يەر شارىنى چىشلەپ كۆتۈرلەلىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر شەرقىنى ئۇنىڭ بېشى دېسەك، غەرب ئۇنىڭ ئېغىرلىق مەركىزى بولىشى كېرەك. ئېغىرلىق مەركىزى بولمىسا ئۇ ئۇچالمايدۇ. بۇ ئېغىرلىق مەركىزىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى شۇنچىلىك ئېسىل : كەڭ كەتكەن بىپايان زېمىن، ئالتۇن تاغ تىزمىسى، تەڭرىتاغ تىزمىسى ۋە ئالتاي تاغ تىزمىلىرى ھەيۋەتلىك كۆتۈرلۈپ چىققان، تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقلىرى ئۇلارنىڭ ئارسىدا سوزولۇپ ياتقان. مانا بۇ داڭىلق << ئۈچ تاغ ئارسىدىكى ئىككى ئويمانلىق>> تۇر. بۇيەر دېڭىز-ئوكياندىن يىراق، خۇددى بىر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قورسقىغا سانچىلىپ تۇرغان تۆمۈر نەيزىگە ئوخشايدۇ. بۇ ئالاھىدە جۇغراپىيلىك مۇھىت ئوتتۇرا ئ‍اسىيانىڭ بىر قىسىمى، ئامېرىكا ۋە چاررۇسيە ھەتتا چۈشىدىمۇ كونتىرول قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان <<ئوتتۇرا ئاسىيا كارىدورى>> نىڭ خېلى كۆپ قىسمى مۇشۇ يەردە.
بۇ يەرنىڭ مەدەنىيتىنىڭمۇ جەلىپ قىلىش كۈچ زور. دۇنيادىكى تارىخى ئۇزۇن، تارقىلىشى كەڭ، تەسىرى چوڭقۇر بولغان مەدەنىيەتلەر جۇڭگو مەدەنىيتى، ھىندى مەدەنىيتى، گېرىك مەدەنىيتى ۋە ئىسلام مەدەنىيتى بولۇپ، بەشىنچىسى يوق. بۇ تۆت مەدەنىيەتنىڭ كېسشىكەن جايى  پەقەت بىرلا، ئۇ بولسىمۇ جۇڭگونىڭ غەربى، ئىككىنچىسى يوق.
كىشىلەر ئادەتتە قازاقىستان، قىزغىزىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، تۈركمەنىستان ۋە شىنجاڭنى ئومۇملاشتۇرۇپ ئوتتۇرا ئاسىيا دەپ ئاتاشقا ئ‍ادەتلەنگەن. ئۇ -  تەڭرى بۈگۈنكى جۇڭگولۇقلارغا ئىلتىپات قىلغان ئېسىل بىر پارچە تورت.
ئوتتۇرا ئاسىيا دۇنيانىڭ نېفىت - گاز بىلەن تەمىنلەش ئوقنىڭ ئوتتۇرىغا جايلاشقان، جەنۇبتا ئوتتۇرا شەرق بىلەن قوشنا، شىمالدا رۇسيەنىڭ ۋولگا-ئۇرال (  Volga Ural, Russia) نېفىت - گاز رايونى ۋە سېبىرىيە نېفىت - گاز رايونى بىلەن، غەربتە كاسپىي دېڭىزى نېفىت قۇدۇقلىرى بىلەن تۇتىشىدىغان بولۇپ، دۇنيادا قېلىپ قالغان نېفىت - گاز زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
تەھلىللەرگە قارىغاندا، تارىم، جۇڭغار ۋە تۇرپان ئويمانلىقلىرىدا ساقلانغان نېفىت بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى 20 مىليارد 900 مىليۇن توننا، تەبئىي گاز 10 تىرلىيون850 مىليارد كۇپمېتىر بولۇپ، ئايرىم- ئايرىم ھالدا جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۆلچەر زاپاس مىقدارنىڭ %30 ۋە%34 نى تەشكىل قىلىدۇ. شۇنداقلا جۇڭگودىكى نېفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ زاپاس مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئۆلكە ھېسابلىنىدۇ.
غەربكە شىنجاڭدىن چىقساق، قازاقىستاننىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى 5 مىليارد 400 مىليۇن توننا، تەبئىي گاز 6 تىرلىيون كۇپمېتىر؛ تۈركمەنىستاننىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى 6 مىليارد 300 مىليۇن توننا، تەبئىي گاز 15 تىرلىيون 500 مىليارد كۇپمېتىر؛  ئۆزبېكىستاننىڭ تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان نېفىت بايلىقىنىڭ زاپاس مىقدارى 300 مىليۇن توننا، تەبئىي گاز 2 تىرلىيون كۇپمېتىر. قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ گەرچە ئاز بولسىمۇ، لىكىن بۇلار توشۇشتىكى مۇھىم يوللار ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسيا دۆلەتلىرىنىڭ ئېنىرگىيە ھەمكارلىقى 1990-يىللاردا باشلانغان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئۈنۋېرسال دۆلەت كۈچنىڭ تېزلىكتە ئېشىشى ۋە ئامېرىكا ۋە رۇسيەنىڭ مەركۇر رايوندىكى ئاكىتىپ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئازلىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو بۇ رايوندا زور ئىستىمال پائالىيەتلىرىنى پائال قانات يايدۇردى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ناھايىتى تېزلا جۇڭگونىڭ تاشقى مۇقىم مۈلۈككە سالغان مەبلىغى ئەڭ كۆپ بولغان رايون بولۇپ قالدى.

ئوتتۇرا ئاسىيا : سىياسىي مۇقىمسىز ئۆتەڭ

گەرچە تارىختا ئەنگىلىيە ئوتتۇرا ئاسىياغا سىڭىپ كىرىشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ لىكىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئىزچىل رۇسيەنىڭ تەسىرى ئاستىدا تۇرغان. سابىق سوۋېت ئىتتپاقىنىڭ پارچىلىنىشى بۇ ئەڭ ئاخىرقى بىر پارچە تورتقا كۆز تاشلاپ تۇرغان باشقا كۈچلەر ئۈچۈن بىر تېپىلماس پۇرسەت بولدى. نۆۋەتتە، جۇڭگودىن باشقا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، رۇسيە، ياپونىيە، تۈركىيە، كانادا، ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، كورىيە، ئارگېنتىنا، پورتۇگالىيە، ئومان ۋە ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق  20 نەچچە دۆلەتنىڭ 50 دىن ئارتۇق شىركىتى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئېنىرگىيە بايلىقلىرىغا كۆز تىكىپ تۇرۇۋاتىدۇ. بۇلارنىڭ كەسپى ئاساسلىقى نېفىت قېدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە ئېچىش، خام نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش ۋە سېتىش ... قاتارلىق تۈرلەرنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.
بۇ كەسكىن تالىشىش كۈرىشىدە، ئەڭ ئاكتىپ بولۇۋاتقىنى يەنىلا ئامېرىكا، رۇسيە ۋە جۇڭگو.
كىچىك دۆلەتلەرنىڭ بۇ يەردە تالىشىدىغىنى نېفىت قۇدۇقى ۋە تەبئىي گاز قۇدۇقلىرى. چوڭ دۆلەتلەر بولسا ئۇزىتىش تۇربىسى ئارقىلق نېفىت ۋە تەبئىي گازنىڭ ئۇزىتىلىش يۆنىلىشىنى مەڭگۈلۈك ئۆزگەرتىدۇ. ھازىر جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيادا نېفىت ۋە تەبئىي گاز تۇرۇبلىرىنى داۋاملىق ياساپ، ئوتتۇرا ئ‍اسىيانىڭ نېفىت ۋە تەبئىي گاز ئۇزىتىش ۋەزىيتنى ئاساسەن ئۆزگەرتىپ بولدى. شۇنىڭ بىلەن جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئوتتۇرسىدا يۇقىرى دەرىجىدە قۇلۇپلانغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەت زەنجىرى شەكىللەندى.
نۆۋەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا ۋەزىيتىنىڭ جۇڭگوغا ئەڭ پايدىلىق يېرى : ئوتتۇرا ئاسيانىڭ تۆت ئەتراپىدا رۇسيە، ش ئا ئە ت ، ئىسلام دۇنياسى ۋە ھىندىستان بولسىمۇ، لىكىن يېرى كەڭ، مەلۇم بىريەككە كۈچنىڭ مەركەزلەشتۈرۈش رولى ئىنتايىن چەكلىك بولۇپ، ھەرقايسى كۈچلەرنىڭ  بۇ جايدىكى تىركىشىشى جەريانىدىكى ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان تەسىرى مېزىنى باسسا تېزى چىقىپتۇ دېگەندەك ھالەتتە، تېخى مەلۇم كۈچ يالغۇز كونتىرول قىلدىغان ھالغا كەلمىدى. ئوتتۇرا ئاسىيامۇ لىڭگىرتاقتاقتەك مەلۇم بىر كۈچكە ئېغىپ كەتمەي، نىسپىي ھەركەتچان ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ.
جۇڭگوغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم رىقابەتچى بولسا ئوتتۇرا ئاسىياغا تەسىرى ئەڭ كۈچلۈك بولغان رۇسىيە بولۇپ، ئۇزاق مۇساپىدىن قارىغاندا ئەمەلىي كۈچى ئاجىزلاش ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ. بولۇپمۇ 2008 - يىلدىن بۇيانقى پۇل - مۇئامىلە كىرزىسىنىڭ زەربىسى ۋە خام نېفىت باھاسىنىڭ چۈشۈشى سەۋەبىدىن، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئىقتىدارى تېز سۈرئەتتە چۈشۈپ كەتتى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ جۇغراپىيلىك ئورنى سەۋەبىدىن ئوتتۇرا ئاسىياغا بولغان دىققەت-ئېتىبارى  ۋە سېلىنمىسى چەكلىك بولۇپ قالدى. بۇنىڭ بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولغان ھالدا، جۇڭگو ئىنتايىن ئەۋزەل ئورۇندا تۇرۇپ قالدى.
يىقىنىقى يىللاردا، جۇڭگو ئۈن-تىنىسىز ئىش-ھەرىكىتى ئارقىلىق <<غەربكە كېڭىيىش>> ئىستىراتىگىيسىنىڭ مۇھىملىقىنى ئىپادىلىدى. بىراق، غەربكە كېڭەيمىچىلىك قىلىش پەقەت ئىقتىساد ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئۇزۇن مەزگلىدىن قارىغاندا جۇڭگو قانداق قىلىپ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە ساقلاپ قالىدۇ دېگەندىن ئىبارەت.
سىياسىي ئىستىراتىگىيەدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ئاسىيا ئاسىيادىن ياۋروپاغا ئۆتىدىغان تۈگۈنگە جايلاشقان، تارىختىكى <<يىپەك يولى>> ۋە ھازىرقى ئىككىنچى ياۋرو- ئاسىيا چوڭ كۆرۈكى مۇشۇ يەردىن ئۆتىدۇ. شىنجاڭ بولسا << ''كەشمىر- ئۇيغۇر- تىبەت'' مۇستەققىللىق كارىدورى>>نىڭ مەركىزى بۆلىكى، شۇنداقلا ئىچكى-تاشقى مىللىي بۆلگۈنچى كۈچلەرنىڭ زەربە نىشانى. <<تۈرك كارىدورى >> بۇيەردە رۇسىيە ۋە جۇڭگو بىلەن ئۇچرىشىدىغان بولۇپ، بۇ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ مەنپەئەت توقۇنىشىدىكى زەنجىرىنى ئۇزارتىۋېتىپلا قالماي، تەڭپۇڭلاشتۇرۇپ ئويلاشقا تېگىشلىك مەسىللەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۋېتىدۇ.
ئالدى بىلەن شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلە. ئوتتۇرا ئاسىيا شىنجاڭدىكى 10 مىللەت بىلەن قوشنا، ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ۋە شىنجاڭ خەلىقىنىڭ كۆپچىلىكى ئىسلام دىنىغا ئېتقاد قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ھەممىسى تۈركىي مىللەتلەر سېستىمىسىغا تەۋە بۇلۇپ، ئۆرپ-ئادەتلىرى ۋە تۇرمۇش ئادىتىمۇ ئوخشىشىپ كېتىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاسان، مىللىي ئورتاقلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك. بۇنىڭ ياخشى يېرى جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى قولايلىق شارائىت بىلەن تەمىنلىسە، يامان يېرى دۆلەت ئىچىدىكى مىللىي مەسىللەر ياخشى ھەل قىلىنمىسا، بىۋاستە چىېگرا سىرتىغا تەسىر كۆرىستىپ، ئەتراپتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگوغا بولغان ھېسسىيات مەسىلىسىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.
ئاسىيادىكى بۇ بەش دۆلەت تۈركىي خەلىقلىرى ئىسلام دۇنياسىدا ئەزەلدىن مۇلايىم، قىزغىن دېيلسىىمۇ، لىكىن ئازراق دىني ئاشقۇنلۇق خاھىشى بار. بولۇپمۇ قىسمەن ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرى يۇقىرى دەرىجىدە دىندىن چەتنەپ كەتكەن، تۇرمۇش ئادىتى غەيرى مۇسۇلمانلار بىلەن كۆرۈنەرلىك پەرقى يوق. ئەمما مىللىي مەسىلە ۋە سىياسي مۇقىملىق مەسىلىسى ئۇلارنىڭ غېمىگە ئايلانغان.
تارىختا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مۇرەككەپ ۋە چۈشىنىكسىز تارىخى مەنبەسى بولغان بولۇپ، بىر- بىرنى ئايرىغىلى بولمايدۇ. بىراق سوۋېت ئىتتىپاقى ئوتتۇرىغا چىقىپ مىلىلىي ئايرىمچىلىق ۋە مىللىي چەكنى ئايرىش بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مىللىي نىزاسى ۋە زېمىن ماجرالىرىغا ئوت پىلتىسى كۆمۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ھەرقانداق دۆلەتنىڭ ئىچكى مىللىي مەسىلىسى تېزلا ئىكىكى دۆلەت ئارسىدىكى زىددىيەتكە ئايلىنىپ كېتىغان بولۇپ قالدى. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنىڭ ھاكىميىتى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىققان بولۇپ، بۇنداق ھاكىممۇتلەقلىك قىسقا مەزگىلىك سىياسىي مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلالىسىمۇ، لىكىن يىراقتىن قارىغاندا سىياسىي قالايمىقانچىلىق چىقمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. ئوتتۇرا ئاسىيا ئەڭ ئاسان رەڭلىك ئىنقىلاب يۈز بېرىدىغان جاي.
يېقىندىن بۇيان كەينى-كەينىدىن سىياسىي داۋالغۇش يۈز بېرىۋاتقان قىرغىزىستان ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىكى جەمئىيەت مۇقىمسىزلىقىنى گەۋدىلىك ھالدا كۆرىستىپ بەردى.  شىمالدىكى قىرغىزلار بىلەن جەنۇبتىكى ئۆزبېكلارنىڭ زىددىيەت توقۇنۇشى ھاكىمىيەتنىڭ قانۇنىيلىقى ۋە ۋەكىل خاراكتېرىنىڭ  كەمچىللىكىنى كۆرىستىپ بەردى. قىرغىزىستاننىڭ مەسىلىسى باشقا ئوتتۇرا ئاسىتا دۆلەتلرىدىمۇ ئاساسەن مەۋجۇت.
مەلۇم مەنىدىن ئېيىتقاندا، مىللىي مەسىلىگە دېموكراتىيە بولمىغان سىياسىي تۈزۈلمە قوشۇلسا، بۇ بىر يوشۇرۇن خەۋپكە ئايلىنىدۇ.
ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىقىپ غەربكە ماڭغاندا رۇسىيەنىڭ يادرولۇق مەنپەئەت رايونى كاۋكاز رايونىغا چىقىمىز. كاۋكاز رايونى ئەمەلىيەتتە ھەر ۋاقىت  پارتىلاش ئېھتىمالى بولغان ئوق-دورا خالتىسى بولۇپ، پەقەت رۇسىيەنىڭ بۇ رايوندىكى كۈچى ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولغاچقا يەنە كېلىپ باشقا بىر دۆلەت بۇ يەردە رۇسىيەگە ئاشكارا جەڭ ئېلان قىلالمىغاچقا،  تېخى پارتىلغۇدەك داۋالغۇش بولمىدى خالاس. بىراق، ئەگەر ئىران ھاكىمىيىتىدە سىرىتقى كۈچلەرنىڭ سىڭىپ كىرىشى ۋە جازالىشى سەۋەبىدىن تۇيۇقىسىز سىياسىي ئۆزگىرىش بولۇپ قالسا، كوردىستان ۋە گرۇزىيە مەسىلىسى  بىرلىكتە پارتىلاپ، كاۋكاز رايونىنىڭ نۆۋەتتىكى مۇقىملىقى بۇزۇلىشى ھەمدە ئۇزۇن داۋاملىشىشى ھەتتا پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە تەسىر كۆرىستىشى  مۇمكىن.
جۇڭگونىڭ مەسىلىسى چېگرادا، چېگرانىڭ مەسىلىسى شىنجاڭدا. شىنجاڭ مۇقىم بولمايدىكەن، جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەت مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىن ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىزشىنجاڭنى چېگرا ئەمەس بىر ئۆتەڭ دەپ قارىغان ئىكەنمىز، ئۇنداقتا نەزەر دائىرىمىزنى كەڭ قويىۋېتىپ، مىللەتلەر زىددىيتى ۋە بۆلگۈنچىلىك خاھىشىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىقتۇرغان دۆلەتلەرنىڭ تەجىرىبىسىنى ئۆگىنىپ، كېيىنكى بىر قانچە ئەۋلادلارنى ئويلىيالايدىغان تارىخى يۈكسەكلكتە تۇرۇپ، پەم بىلەن مىللىي زىددىيەتنى ھەل قىلىشىمىز كېرەك.
داۋامى بار ...