2021/04/12 02:06

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 29 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/06/29 15:47

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/06/29 15:47 2019/06/30 10:11 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى
تارىختىكى بۈگۈن « 29 - ئىيۇن » :


1236 - يىلى ئىسپانىيىدىكى ئۇمەييەلەر دۆلىتىنىڭ مەركىزى قۇرتۇبا شەھىرى قولدىن كەتكەن.

1832 - يىلى باغدات مۇپتىسى ئابدۇغېنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

1913 - يىلى ئىككىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى باشلانغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا بۇلغارلار سېربلاردىن شىمالىي ماكېدونىيەنى تارتىۋالماقچى بولغان. پۇرسەتتىن پايدىلانغان ئوسمانلى ئارمىيىسى ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدا قەدىمقى پايتەخت ئەدىرنەنى بۇلغارىيىنىڭ قولىدىن قايتۇرۇۋالغان. ئىيۇلدا ئەنۋەر پاشانىڭ زەپەر خەۋىرى قەشقەرگە يېتىپ كەلگەندە، قەشقەر خەلقى بۇ كۈننى ئالاھىدە قۇتلۇقلىغان. تولىمۇ ئەپسۇس، ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپ، ۋەتىنىمىزدە لۈكچۈن ۋەقەسى ۋە خانئېرىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، مەسۇم خەلقىمىز قىرغىن قىلىنغاندا، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بېشىنى ئىچىگە تىقىۋالدى. 2014 - 2016 - يىللاردىكى ئېغىر پاجىئەلىرىمىزنى كۆرمەسكە سېلىۋالغان بولسا، 2017 - 2019 - يىللاردىكى قورقۇنچلۇق ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى بىلمەسكە سېلىۋالدى. يەنە تېخى يېقىندا بىر تەكلىپ لايىھىسىنى رەت قىلىپ، ئەھۋالىمىزنى ئاڭلىماسقا سېلىۋالدى. بۇ ئۇرۇش شۇ يىلى 10 - ئاۋغۇست ئاخىرلاشقان.

1965 - يىلى ئامېرىكا ئەۋەتكەن تۇنجى تۈركۈم ئەسكەرلەر ۋېيتنام قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئۇرۇشنى باشلاپ كەتكەن.

2009 - يىلى ئىران ئاساسى قانۇننى قوغداش كېڭىشى ئەھمەد نىجاتنىڭ قايتا سايلىنىپ، پىرىزدېنت بولغانلىقىنى جاكارلىغان.

2014 - يىلى دائىش ئۆزى ئىشغال قىلغان جايلاردا « ئىسلام دۆلىتى » نامىدا خەلىپىلىك جاكارلاپ، باغدادىنى خەلىپە قىلغان. قارا رەڭلىك بايراقنى دۆلەت ۋە ئارمىيە بايرىقى قىلىپ تاللىغان. « مەزكۇر باغدادى شۇ يىلى 6 - ئىيۇن جۈمە موسۇل جامىسىدە خۇتبە سۆزلەپ خەلىپىلىك قۇرىدىغانلىقىنى ئېيتقانىدى». غەلىتە يېرى دائىش تېخى دۆلەت قۇرۇپ، بايراقنى تاللىماي تۇرۇپلا، ۋەتىنىمىزدە 2012 - يىلدىن 2014 - يىلى 22 - مايدىكى ۋەقەگىچە بولغان چوڭ ھادىسىلەردە قارا بايراق ئوتتۇرىغا چىققان. ئۇنداقتا بۇ بايراق قانداق قىلىپ تارىم ۋادىسىدا دۇنيادىن ئايرىلىپ ، ھېچ ئىشتىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان ساددا ئۇيغۇرنىڭ قولىغا چىقتى؟ «ئىستىخبارات قۇربانلىرى» .

2017 - يىلى مۇتەخەسسىسلەر 4 - ئاپرىل سۈرىيەدە خىمىيىلىك قورال ئىشلىتىلگەنلىكى توغرىلىق ئاخىرقى خۇلاسىنى چىقارغان. بىراق كىمنىڭ جاۋاپكار ئىكەنلىكى توغرىلىق ئۇچۇر بەرمىگەن.

2019 - يىلى دوللار ترامپ قانخور شى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، سودا سۆھبىتىنى قايتا باشلايدىغان، خۇاۋېيغا بولغان چەكلىمە ۋە جازالارنى پات ئارىدا بىكار قىلىدىغانلىقى ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغان. « شۇڭلاشقا بىز ئەمدى قاتتىق كۈچەپ، پۈتۈن دۇنياغا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنى پاكىتلىق ئىسپاتلىشىمىز كېرەك ! ئەكسىچە خىتاي تەرەپ كېلەر يىلى مۇشۇ ۋاقىتقىچە بولغان پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ۋەتىنىمىزدە يەنە تالاي مەسۇم ئىنسانلارنىڭ بېشىغا چىقىدۇ ! چۈنكى بۇ قارار كېلەر يىللىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام بىلەن مۇناسىۋەتلىك. خىتاي ئامېرىكىنىڭ يامان يېرىدىن تۇتۇۋالدى. شۇڭا كېلەر يىلىغىچە بولغان بىر يىل بىز ئۈچۈن بەكلا مۇھىم ۋە خەتەرلىك. ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، خەلقىمىزنىڭ يەنىمۇ ناھەق قىرىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالايلى! ئورۇنسىز تالاش - تارتىشنى دەرھال تاشلايلى!» .

2019 - يىلى دوللار ترامپ ئوساكادىكى يىغىندىن كېيىنلا، كورىيەگە زىيارەتكە ماڭغان بولۇپ، بۈگۈن كەچ سېئولغا يېتىپ كەلگەن. بەلكىم ئۇ ئەتە كىم جوڭئۇن بىلەن چېگرادا ئۇچرىشىشى مۇمكىن.

 2019 - يىلى ئىران تەرەپ خىتاي پاسپورتىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلغان. شۇڭلاشقا، تۈركىيەدىكى ئاقساقاللار سەگەكلىكنى يۇقىرى كۆتۈرۈڭلار ! ئىران چېگرىسى ئېچىلدى دېگەنلىك « تۈركىيە ۋاندىن ئېراننى كېسىپ ئۆتۈپ، ئافغانىستاننىڭ ھېراتقا بارىدىغان يول ئېچىلدى » دېگەنلىكتۇر ! تولۇقسىز ئۇچۇرلارغا قارىغاندا ئىران ئارقىلىق بىر قىسىم ئادەم بىدىكلىرى ئافغانىستانغا ئادەم يۆتكىگەن. ئىران ھازىر ئىقتىسادىي جەھەتتىن جان تالىشىۋاتىدۇ. چېگرا مۇداپىئە ئەسكەرلىرى ئازغىنا پۇلغا كۆزىنى يۇمۇپ، ئافغان چېگرىسىنى ۋاقىتلىق ئېچىۋەتمەكتە. « كىم بىلىدۇ ئەينى ۋاقىتتا تۈركىيە - سۈرىيە چېگرىسىنى ئېچىۋېتىپ، بىزنى قاپقانغا دەسسەتكەن كۈچلەر بۇ قېتىم شۇ ئويۇننى قايتا بىر قېتىم ئىران - تۈركىيە - ئافغان چېگرىسىنى ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئويناۋاتامدۇ؟ قوراللىقلارنىڭ قايتىدىن ئافغانىستانغا توپلىنىشىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەش ھاجەتسىز . پەقەت نەچچە كۈن ئىلگىرى ئاشكارا تالىباننى زىيارەتكە تەكلىپ قىلغانلىقى بىلەن بۇ قېتىمقى ۋىزا مەسىلىسىگە قارىساقلا، يەنىلا بىزنى ئەنجان پولۇغا گۆش قىلىپ باسماقچى بولغىنى ئېنىق». شۇڭا بىزنىڭ مېڭىسى يۇيۇلۇپ كەتكەن نادان ياشلار يەنە بىر قېتىم قانلىق دوللار بىلەن قوللىرى بويالغان ئادەم بېدىكلىرىنىڭ نىشانىغا ئايلىنىشى مۇمكىن . يەنە « تېرروچى قالپىقى » نى قايتا كىيمەسلىك ئۈچۈن بارلىق ئۇيغۇرلار بىر كىشىلىك رولىمىزنى جارى قىلدۇرايلى ! كالۋالىق قىلىپ قۇشخانىغا ئۆز ئايىغىمىز بىلەن بېرىپ، ئۆزىمىزنى ئۆلۈمگە، خەلقىمىزنى بالاغا تۇتۇپ بەرمەيلى !

2019 - يىلى 6 - 29 -  ئىيۇن        شەنبە