2021/04/12 03:33

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 1 - ئىيۇل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/01 12:10

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى






تارىختىكى بۈگۈن « 1 - ئىيۇل » :


251 - يىلى گوتلار بىلەن رىم ئىمپىرىيىسى ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئۇرۇشتا رىملىقلار مەغلۇپ بولۇپ ، ئىمپىراتور ئۆلتۈرۈلگەن.

451 - يىلى ئاتىللا ئىسپانىيىدىن غايەت زور غەنىمەت ئېلىپ قوشۇننى قايتۇرۇپ كەتكەن.
451 - يىلى 20 - ئىيۇن ھون تەڭرىقۇتى ئاتىللا بىلەن رىم ئىمپىرىيىسى قوماندانى فلاۋىيوس ئوتتۇرىسىدا « كاتالونىيە ئۇرۇشى » باشلانغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا رىم ئىمپىريىسى ۋە غەربىي گوتلارنىڭ ئىتتىپاقداش ئارمىيىسى مەغلۇپ بولۇپ، ھەر ئىككى تەرەپ غايەت زور تۆلەم تۆلىگەندىن كېيىن قولىدا قالغان جايلارنى ساقلاپ قالغان. ياۋروپانىڭ بالقاندىكى كىچىك بىر بۆلۈكى، ئىتالىيىنىڭ ۋە ئىسپانىيىنىڭ جەنۇبى ساقلىنىپ قالغاندىن باشقا ھەممە جايلار ھونلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن. ياۋروپا تارىختىكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلگەن. ھونلاردىن كېيىن ھېچكىممۇ بۇ تارىخنى قايتىلىيالمىغانىدى. غەربىي رىمنىڭ ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيىتىنى كۆرگەن شەرقىي رىم دەرھال مەلىكىسىنى ئاتىللاغا ياتلىق قىلىپ، دۆلىتىنى ساقلاپ قالىدۇ. بۇ مەلىكە 453 - يىلى ئاتىللانى توي كېچىسى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ھونلار تۈگىشىپ كېتىدۇ. 469 - يىلى گوتلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ، توزۇپ كېتىدۇ .

552 - يىلى شەرقىي گوتلارنىڭ پادىشاھى توتىللا ئۆلگەن.

868 - يىلى ئون ئىككى ئىمامنىڭ ئونىنچىسى ئىمام ئەلى ھادى ۋاپات بولغان.

965 - يىلى داڭلىق ئەرەب نەسىللىك ماتېماتىكا، ئاسترونومىيە ۋە فىزىكا ئالىمى ئىبنى ھەيسەم تۇغۇلغان.

1097 - يىلى تۇنجى قېتىملىق ئەھلى سەلپ قوشۇنى بىلەن ئاناتولىيە تۇتۇق بېگى قىلىچ ئارسلان ئوتتۇرىسىدا چوڭ ئۇرۇش يۈز بەرگەن.
« ئاناتولىيە تۇتۇق بەگلىكىنى قۇرۇش مەھمۇد قەشقىرى بىلەن نىزامۇلمۇلكنىڭ پىكرى بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قارىشىچە رىملىقلارنىڭ غەربىدە بۇلغارلار بىلەن پەچەنەكلەر بولۇپ، رىملىقلار ئۆز ئالدىغا سالجۇقىلار بىلەن قايتا چوڭ ئۇرۇش قىلالمايتتى. 1071 - يىلدىكى زەپەرنىڭ مېۋىسىنى قوغداش ئۈچۈن چوقۇم ئاناتولىيەدە بىر تۇتۇق بېگى تەسىس قىلىش كېرەك ئىدى. نىزامۇلمۇلكمۇ بۇ پىكىرنى قوللاپ، ئاناتولىيەنى قولدا تۇتۇپلا تۇرالىساق، رىمنىڭ كانىيى قولىمىزدا بولىدۇ دەپ قارىغان. نەتىجىدە مەلىكشاھ 1076 - يىلى تاغىسى سۇلايمان شاھنى ئاناتولىيە تۇتۇق بېگى قىلىپ تەيىنلىگەن. كېيىنچە ئۇنىڭ ئوغلى قىلىچ ئارسلان تۇتۇقبەگ بولغان. كېيىنچە سالجۇقىلار ئالتىگە پارچىلىنىپ كېتىپ، ھەممىسى ھالاك بولغان. پەقەت مۇشۇ تۇتۇقبەگلىكلا ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، بىردىنبىر سالجۇق خانى بولۇپ قالغان. ئەڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىك خانى ئالائىددىن كەيقۇباد بولۇپ 1237 - يىلى قازا قىلغان. موڭغۇللار 1242 - يىلدىن باشلاپ ئۇنى بېقىندى قىلىۋالغان. 1309 - يىلى تولۇق ھالاك قىلغان. غازى ئەرتوغرۇل ئوغلى غازى ئوسمانغا سۇلتان بولۇش پۇرسىتى كەلگەن.

1277 - يىلى مەملۇكىلار سۇلتانى خارەزملىك زاھىر بايبارس / يولۋاسبەگ / قازا قىلغان. ئۇ ئەسلى قاراخانىلاردىن تەرەققىي قىلغان خارەزم خانلىقىنىڭ پۇقراسى بولۇپ، موڭغۇللار ئۇنى 1237 - يىلى قىرىمدا قۇللۇققا سېتىۋەتكەن. ئۇ قولدىن قولغا سېتىلىپ يۈرۈپ، مىسىرغا سۇلتان بولغان. 1260 - يىلدىن 1277 - يىلغىچە ئۇدا 17 يىل سۇلتان بولغان. شۇڭا مىسىرلىقلار ئۇ سالغان مەسچىتنى ھازىر ئەخلەتخانىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان. « مۇھاجىرەتتىكى تولا پالاكەتكە يولۇقۇۋاتقانلار كۆڭلۈڭلارنى يېرىم قىلماڭلار. بەلكىم خۇدا سىلەرنى كېلەچەكتىكى دۆلىتىڭلارنى ئامانەت قىلىش ئۈچۈن سىلەرنى تەربىيلەۋاتقان بولۇشى مۇمكىن».

1674 - يىلى ئىسپانىيە، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە ئەنگلىيىگە قارشى ئىتتىپاقداشلىق جاكارلىغان.

1798 - يىلى ناپولىئون ئىسكەندەرىيە ساھىلىدا قۇرۇقلۇققا چىققان. شۇنىڭ بىلەن 1292 - يىلى توختاپ قالغان غەرپ بىلەن شەرقنىڭ بىۋاستە ئۇچرىشىشى قايتا باشلانغان. ئەرەبلەر يېقىنقى زامان تارىخىنى مۇشۇ ۋەقەدىن باشلاپ كەلدى.

1839 - يىلى مىسىر ۋالىيسىدىن ئېغىر زەربە يېگەن سۇلتان 2 - مەھمۇد ۋاپات بولدى. ئورنىغا چوڭ ئوغلى 1 - ئابدۇلجەجىدخان سۇلتان بولۇپ، تەختكە ئولتۇردى.

1862 - يىلى چاررۇسىيىدە تۇنجى دۆلەتلىك كۇتۇپخانا تەسىس قىلىنغان.

1871 - يىلى چاررۇسىيە سۈيدۈڭگە ھۇجۇم باشلىغان.

1918 - يىلى ھىندىستانلىق داڭلىق دەۋەتچى ئەھمەد دىدات تۇغۇلغان.

1923 - يىلى كانادا پارلامېنتى خىتايلارنىڭ كۆچمەن بولۇپ كېلىشىنى ۋاقىتلىق چەكلىگەن.

1930 - يىلى ئەنگلىيە تەرەپ ئىراق شاھى فايسال بىلەن مۇستەقىللىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. بىراق بۇ كېلىشىم قەغەز يۈزىدىلا قالغان بولۇپ، تاكى 1958 - يىلغىچە ھەقىقىي مۇستەقىللىققا ئېرىشەلمىگەن.

1936 - يىلى باغدات رادىئو ئىستانسىسى قۇرۇلغان.

1942 - يىلى گېنىرال روممېل مىسىردىكى ئالاماندا تۇنجى ئالامان ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئەنگلىيىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان.

1948 - يىلى نيويۇرك خەلقئارا ئايروپورتى ئاۋامغا رەسمىي ئېچىۋېتىلگەن.

1960 - يىلى ئىتالىيە ۋە ئەنگلىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى ئىككى سومالى بىرلەشتۈرۈلۈپ ، دېموكراتىك سومالى نامىدا مۇستەقىل بولغان.

1962 - يىلى رىۋاندا ۋە بۇرۇندى مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

1968 - يىلى 60 دۆلەت جەنۋەدە يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكى ھەققىدىكى ئەھدىنامە كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان.

1990 - يىلى ئىككى گېرمانىيە پۇلىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، غەربىي گېرمانىيىنىڭ پۇل بىرلىكى « مارك » نى ئۆلچەم قىلىشنى باشلىغان. راس دەپتىكەن « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ!» دەپ.

1991 - يىلى ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى رەسمىي تارقىلىپ كەتكەن. 46 كۈندىن كېيىن موسكۋادا سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، شۇ يىلى 26 - دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقى رەسمىي 15 مۇستەقىل جۇمھۇرىيەتكە پارچىلانغان. ھەتتا رۇسىيەدىمۇ 22 ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت مەيدانغا كەلگەن.

1994 - يىلى ياسىر ئاراپات 27 يىللىق سۈرگۈن ھاياتىنى تۈگىتىپ، غەززەگە قايتىپ كەلگەن.

1997 - يىلى ئەنگلىيە خوڭكوڭغا بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، ئىگىلىك ھوقۇقنى خىتاي تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن.

2004 - يىلى ئىراق تەرەپ سادام ۋە ئۇنىڭ 11 مۇئاۋىنىنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلىگەن.

2013 - يىلى كرودىيە ياۋروپا ئىتتىىپاقىنىڭ 28 - ئەزاسى بولۇپ قالغان.

2019 - يىلى خوڭكوڭ خەلقى 22 يىلدىن كېيىن ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلىپ، كەڭ كۆلەمدە نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزگەن. « سابىق بېرىتانىيە 1840 - يىلى بۇ يەرنى مەنچىڭ خانلىقىدىن بۆلۈۋالغان. 1897 - يىلى 9 - ئىيۇن بۇ جاينى 100 يىللىق ئىجارىگە ئالغان. 1997 - يىلى 1 - ئىيۇل قايتۇرۇپ بەرگەنىدى».

2019 - يىلى 1 - ئىيۇل ئەزىز مىللىتىمىزنى قان يىغلاتقان 5 - ئىيۇل ۋەقەسىنىڭ تەتۈر ساناق دەۋرى باشلاندى. كەلگۈسى بەش كۈن پۈتۈن دىققىتىمىزنى ئون يىل بۇرۇنقى دۆلەت تېررورلۇقىغا قارىتىپ، 10 يىللىق خۇلاسە چىقىرايلى! ئون يىلدا نېمە ئىشلار يۈز بەردى؟ نېمىلەرنى يوقاتتۇق؟ نېمىلەرگ ئېرىشتۇق؟ ئەمدى نېمە قىلماقچى؟ قانداق قىلماقچى؟ سوئاللار ئازاپلىق، جاۋاپلار تېخىمۇ ئازاپلىق بولسا كېرەك!


2019 - يىلى 7 - 1 -   ئىيۇل    دۈشەنبە