2021/04/12 03:09

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 30 - ئىيۇن »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/01 12:08

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 30 - ئىيۇن » :


713 - يىلى مۇسۇلمانلار نۇسەير ئوغلى مۇسانىڭ قوماندانلىقىدا قورشاۋغا ئالغىلى بىر يىل بولغان قورغان مېرىدانى ئىگىلىگەن.

1815 - يىلى ئامېرىكا ئوسمانىلارنىڭ ئالجىرىيە ۋىلايىتى بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ، ئوسمانىلارنىڭ ئامېرىكا ساھىللىرىغا مۇداخىلە قىلماسلىق بەدىلىگە يىللىق سېلىق تۆلەپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا بىخەتەر قاتناش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.

1871 - يىلى غۇلجىغا كىرىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئورۇن چىڭسىخوزا /سۈزۈكسۇ/ چاررۇسىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان. ئورۇس ئارمىيىسى 28 - ئىيۇن ئىلى سۇلتانلىقىغا ئاخىرقى ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغاپ، ئىككى كۈن ئىچىدە غالجاتتىن قورغاسقىچە بولغان جايلارنى ئىشغال قىلغانىدى. گەرچە تۆت مىڭ كىشىلىك ئىلى خەلقى قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرغان بولسىمۇ، بىراق ئورۇسلارنىڭ توپلىرى ئالدىدا پايتەختنى قوغداشتىن ئاجىز كەلگەن.

1908 - يىلى سىبىرىيەدە داڭلىق توڭغۇسكا پارتلىشى يۈز بەرگەن .

1920 - يىلى ئىراق خەلقى ئەنگلىيىنىڭ ھەربىي مۇستەملىكە تۈزۈمىگە قارشى كەڭ كۆلەمدە قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.

1925 - يىلى تۈركىيە شەيخ سەئىد ۋە ئۇنىڭ 46 ھەمراھىنى دارغا ئاسقان. « شەيخ سەئىد كۇردىستاننىڭ مەنىۋىي داھىيلىرىدىن بولۇپ، شەرقىي ئاناتولىيەدە، بولۇپمۇ كۇردلار ئىچىدە ئىناۋىتى زور ئىدى. مۇستاپا كامال 1924 - يىلى خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، شەيخ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن، بىراق باستۇرۇلغان.

1946 - يىلى كۇۋەيت تۇنجى قېتىم نېفىت ئېكسپورت قىلغان.

1954 - يىلى ئەرمەنىيە رەھبىرى سېرگىي سەركەسىيان تۇغۇلغان.

1960 - يىلى كونگو كىنشاسا بېلگىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ مۇستەقىل بولغان. بۇ يېڭى دۆلەتنىڭ قۇرغۇچىسى شۇنداق مەشھۇر بىر سۆزنى ئېيتقان :« ئۇلار / يەنى ياۋروپالىقلار / كەلگەندە بىزنىڭ قولىمىزدا زېمىنىمىز، ئۇلارنىڭ قولىدا ئىنجىل بار ئىدى. ئۇلار بىزگە كۆزىمىزنى يۇمۇپ دۇئا قىلىشنى ئۆگەتتى . كۆزىمىزنى ئاچقىنىمىزدا بىزنىڭ قولىمىزغا ئىنجىل چىقىپ، ئۇلارنىڭ قولىغا ۋەتىنىمىز چىقىپ قالغانىدى».

1991 - يىلى جەنۇبىي ئافرىقىدا ئىرقىي كەمسىتىس سىياسىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

2004 - يىلى ئىراق تەرەپ ئامېرىكىدىن سادام ۋە ئۇنىڭ 11 ئادىمىنى ئۆتكۈزۈۋالغان.

2009 - يىلى ئامېرىكا ئىراقتىن چېكىنىشكە باشلىغان.

2012 - يىلى مىسىرنىڭ تۇنجى دېموكراتىك سايلام بىلەن رەئىس بولغان مۇھەممەد مۇرسى ئاساسى قانۇن مەھكىمىسىدە قەسەم بېرىپ، 2011 - يىلى 11 - فېۋرالدىن بېرى ھوقۇقنى قولىدا تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان قوراللىق قىسىم باش شىتابىدىن ھاكىمىيەتنى تاپشۇرۇۋالغان.

2013 - يىلى مىسىر قاھىرەدىكى ئازاتلىق مەيدانى ۋە ئاقسۆڭەكلەر رايونىدا مۇرسىغا قارشى نامايىشلار ئەۋجىگە چىققان. رابىئە ۋە نامراتلار رايونىدا ئۇنى قوللىغۇچىلارمۇ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قىلغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىسى شۇ كۈنى مۇھەممەد مۇرسىنى نەزەربەنت قىلىپ، مىسىر ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئېلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىغان. ئارقىدىنلا 14 - ئاۋغۇست رابىئە مەسچىتىگە توپلىنىپ، تېنچ نامايىش قىلىۋاتقان ئۆكتىچى ئاۋامنى قىرغىن قىلىپ، خۇددى شۇ يىلى 28 - ئىيۇن ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن خانئېرىق قىرغىنچىلىقى، رابىئە قىرغىنىدىن ھەپتە ئىلگىرى، يەنى 7 - ئاۋغۇست كەچتىكى  ئايكۆل قىرغىنچىلىقى كەبى قورقۇنچلۇق پاجىئەنى پەيدا قىلغان. 17 - ئاۋغۇست بارلىق ئىماملار ۋە پوپلارنى يېنىغا يىغىۋېلىپ، بايانات ئېلان قىلدۇرۇپ، تەختكە چىققان. نەتىجىدە مىسىر يەنە بىر قېتىم ھەربىي دىكتاتورلۇق تۈزۈمگە قايتىپ كەتكەن.

2018 - يىلى گېرمانىيىدە ئولتۇراقلاشقان تۈرك تارىخچى ۋە مۇتەپەككۇر فۇئاد سەزگىن ۋاپات بولغان. مەشھۇر سۆزى :« ئىسلام دىنىمىزنى مۇسۇلمانلارغا ھەقىقىي ئۆگىتىش، مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ئۆگىتىشتىن مىڭ ھەسسە قىيىن».

2019 - يىلى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى يېرىم كېچىدە سۈرىيەدىكى ئىران ھەربىي نىشانلىرىنى بومباردىمان قىلغان. رۇسىيە بۇ ۋەقەنى قاتتىق ئەيىپلەپ، ئەسەدنى قوللاشنى كۈچەيتكەن.

2019 - يىلى خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەسمىي بىر سەھىپىسىدە « تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسىنىڭ چوڭ بىر ئەسكىرىي گۇرۇپپىسى باشار ئەسەدكە قارشى ئالدىنقى سەپكە ئاتلاندى » ناملىق خەۋەرنى تارقاتقان.

2019 - يىلى تېخى 29 - ئىيۇن كەچ ئوساكادىن سېئۇلغا يېتىپ كەلگەن دوللار ترامپ شۇ جاي ۋاقتى يەكشەنبە چۈشتىن كېيىن، پانمۇنجوم بىتەرەپ رايونىدا كىم بودەك بىلەن كۆرۈشكەن.     
1950 - يىلى 27  - ئىيۇن ئامېرىكا كورىيەگە ئەسكەر چىقىرىشنى قارار قىلغان. 2019 - يىلى 27 - ئىيۇن ترامپ ياپونىيىگە يېتىپ كەلگەن.
« 1950 - يىلى 28 - ئىيۇن شىمالىي كورىيە ئارمىيىسى جەنۇبىي كورىيىنىڭ پايتەختى سېئۇلنى ئىشغال قىلىپ، 30 - ئىيۇنغىچە جەنۇبىي كورىيەنىڭ كۆپ قىسىم زېمىنىنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئارىدىن 69 يىل ئۆتۈپ، 30 - ئىيۇن دوللار ترامپ ئىككى كورىيە ئارىسىدىكى قورالسىز رايوندا كىم بودەك بىلەن كۆرۈشتى . ئالدى بىلەن كىم بودەك چېگرادىن ئۆتۈپ، چېگرا سىزىقىدا ساقلاۋاتقان ترامپنى يېتىلەپ قورالسىز رايوندىن كېسىپ ئۆتۈپ شىمالىي كورىيە زېمىنىغا ئەكىردى. دوللار ترامپ نەچچە مىنۇت شىمالىي كورىيە تۇپرىقىدا سىمۋول خاراكتېرلىق مېڭىپ بېقىپ، ئاندىن يەنە قورالسىز رايون ئارقىلىق جەنۇبىي كورىيە زېمىنىغا قايتىپ كىرگەن. كىم بودەك :« ترامپ ئامېرىكا تارىخىدىكى ۋەتىنىمىزنى زىيارەت قىلغان تۇنجى پىرىزدېنت » دەپ ماختىغان. دوللار ترامپ « بۈگۈن ھاياتىمدىكى بۈيۈك بىر كۈن » دەپ تەرىپلىگەن بولسا، كىم جوڭئۇن « ئۆتمۈشنى ئۇنتۇپ، پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشىمىز !» دەپ تەڭكەش قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بوۋىسى كىم ئېرسىن، دادىسى كىم جوڭئېل دەۋرىدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان 69 يىللىق ئامېرىكا دۈشمەنلىكى دوللار ترامپنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن ئۈچ قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق ئاخىرلاشقان. ئالدىمىزدىكى ئىككى ياكى ئۈچ ھەپتە ئىچىدە شىمالىي كورىيە مەسىلىسى ھەل قىلىنىدىغان ھالقىلىق چوڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە . كىم بودەكنىڭ ۋاشنگتوندا زىيارەتتە بولۇشى خىتاينىڭ 69 يىلدىن بېرى ئويناۋاتقان شىمالىي كورىيە كوزىرىدىن تولۇق ئايرىلىپ قالغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قېنى قاراپ باقايلى! ئەمدى نېمە كوزۇرۇڭ باركىن؟».


2019 - يىلى 6 - 30 - ئىيۇن     يەكشەنبە