2021/04/12 20:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ئىيۇل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/07/06 12:50

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ئىيۇل » :


1250 - يىلى خارەزم مەلىكىسى، ئەڭ ئاخىرقى ئەييۇبىلار خانىشى مارجان خاتۇن« شەجەرىدۇر» 7 - قېتىملىق ئەھلى سەلپ قوشۇنىنى باشلاپ كەلگەن فرانسىيە پادىشاھى 9 - لۇئىسنى مىسىردىكى فارسكور ئۇرۇشىدا ئەسىر ئالغان. « دانا ئۇيغۇر قىزى كېيىنچە لۇئىسنى قويۇپ بېرىپ، نۇرغۇن تۆلەم ۋە لۇئىسنىڭ قايتا قوشۇن باشلاپ كەلمەسلىك كاپالىتىگە ئېرىشكەن. تىرىك دۆلىتىگە قايتىپ كەلگەن لۇئىس داڭلىق « بۈۋى مەريەم » چېركاۋىنى بىنا قىلىپ، نامىنى قالدۇرىدۇ».

1759 - يىلى مانجۇرلارنىڭ يەكەننى قورشاپ ھۇجۇم قىلىۋاتقىنىغا ئۈچ كۈن توشقان. گەرچە تالاپەت ئېغىر بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقىمىز پۈتۈن كۈچى بىلەن تەشكىللىنىپ، تاجاۋۇزچى دۈشمەنگە ئاداققىچە قارشى تۇرغان.

1778 - يىلى پرۇسسسىيە ئاۋستىرىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1886 - يىلى گېرمانىيىلىك كەشپىياتچى كارل بېنىز تۇنجى ماشىنىسىنى ھەيدەپ كۆرسەتكەن.

1904 - يىلى سېئونىزىم ئاتىسى، ئىسرائىلىيىنىڭ مەنىۋى ئاتىسى تيودور ھېرزىل ۋاپات بولغان.

1915 - يىلى ئوسمانلى قوشۇنى يەمەندە ئېنگلىزلار ھىمايىسىدىكى قورچاق ئەرەب قوشۇنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان.

1918 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تولۇق ھوقۇقلۇق ئوسمانلى خەلىپىسى سۇلتان 5 - مۇھەممەد ۋاپات بولغان. قەبرىسى ئەييۇپ سۇلتاندا. بۇ سۇلتان 1909 - يىلى 27 - ئاپرىل ئاكىسى 2 - ئابدۇلھەمىدخاننىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان. ئەينى ۋاقىتتا تەجەللىي ھەزرەت بۇ سۇلتاننىڭ راك كېسىلىنى داۋالاپ ساقايتقان ئىكەن. شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ تاڭ، ئۇنىڭ ۋاختىدا ئوسمانلى ئاقارتىش ئۆمىكى قەشقەر كۆپ كەلگەن.

1928 - يىلى دۇنيادىكى تۇنجى رەڭلىك تېلىۋىزىيە تارقىتىشى لوندۇندا ئىش باشلىغان.

1962 - يىلى ئالجىرىيە ئازاتلىق تەشكىلاتى ئازاتلىق ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ ۋاقىتتا فرانسىيە 132 يىللىق كونا مۇستەملىكىسى ئالجىرىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان بولۇپ، ئۈستەلدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويسىلا بولىدىغان يەرگە كەلگەنىدى».

1979 - يىلى جىمى كارتېر ئافغانىستاندىكى سوۋېتپەرەس ھۆكۈمەتكە قارشى ئۆكتىچى كۈچلەرنى مەخپىي قوراللاندۇرۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان. بۇنىڭدىن چۆچىگەن سوۋېتلەر شۇ يىلى دېكابىردا ئىنىسى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنى قوغداش ئۈچۈن قوشۇن چىقارغان. بىراق ئون يىل پاتقاققا پېتىپ قېلىپ، پارچىلىنىپ كەتكەن.

2005 - يىلى ئىسپانىيىدە ھەمجىنىسلار ئۆزئارا توي قىلىش قانۇنى ئىجرا قىلىنىشقا باشلىغان.

2013 - يىلى مىسىر سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سىسى ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاپ، ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغان. ئەزھەر شەيخى، پاپا ۋە باشقا ئۆكتىچىلەر ئۇنى قوللىغان. ئۇ ئالدى بىلەن ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن مەھكىمىسى سېكرىتارى مەنسۇرنى رەئىس قىلىپ قويغان. كېيىنكى يىلى ئۆزى مۇتلەق ھۆكۈمران بولغان.

2017 - يىلى شى رۇسىيە زىيارىتىگە ماڭغان.


2019 - يىلى 7 - 3 - ئىيۇل      چارشەنبە