ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

 ۋەتەن ۋە مەدەنىيەت    Culture and Homeland => ئۇيغۇر مەدەنىيتى Uyghur Culture => Topic started by: Voice of Uyghur on 2021/05/08 13:45

Title: ئۇيغۇر ئاكادېىمىيسى 2021-يىللىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى سۆھبىتى
Post by: Voice of Uyghur on 2021/05/08 13:45
ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» غا ئايرىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسكارى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتىدا تونۇلغان ئاكادېمىك پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

Title: Re: ئۇيغۇر ئاكادېىمىيسى 2021-يىللىق ئۇيغۇر دوپپا مەدەنىيەت بايرىمى سۆھبىتى
Post by: سايرام ئوغلانى on 2021/05/08 17:12
مۇبارەك بولسۇن. ئېسىل سۆھبەت بوپتۇ.