2021/10/15 22:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت1 2 3 ... 10
1
مەشھۇر ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات تۇرسۇننىڭ رومانى ئامېرىكىدا نەشردە
غۇلام ئوسمان زۇلپىقار

يېقىندا، ئامېرىكا سايمون فرايزېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنسانشۇناس ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتچىسى دەررېن بەيلېر ئۆزى بىلەن يەنە بىر نامسىز تەرجىمان تەييارلىغان بۈگۈنكى زامان مەشھۇر مودېرنىست ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات تۇرسۇننىڭ «ئارقا كوچا» دېگەن رومانىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىدىغانلىقىنى تۋېتتىردە بىلدۈردى. ئۇشبۇ خەۋەر تۋىتېردا ئىنتايىن كۈچلۈك دىققەت ۋە قىزىقىش قوزغىدى.
كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتىنىڭ تور بېتىدە مەزكۈر رومان ھەققىدە مۇنداق تونۇشتۇرۇش بېرىلگەن: «‹ئارقا كوچا› خىتاي دۆلىتى تەرىپىدىن غايىب قىلىنغان مەشھۇر ھازىرقى زامان ئۇيغۇر يازغۇچىسى پەرھات تۇرسۇننىڭ ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان رومانىدۇر. ئۇ كىرىش قىيىن بولغان شىنجاڭنىڭ مەركىزىدە ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت خىزمىتىنى تاپقان بىر نامسىز ئۇيغۇرغا ئەگىشىدۇ. يېزىدىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە نامراتلىقتىن قېچىشنى ئىزدىگەن بۇ ئادەمنى بۇ شەھەردە كۈتۈۋالىدىغىنى سوغۇق نەزەرلەر ۋە رەت قىلىش بولىدۇ. ئۇ كوچىلارنى قىشلىق بۇلغىنىشنىڭ تومانلىرى ئىچىدە، ئۆزىگە سانلار ۋە پۇراقلارنى سۆزلەپ، ھاۋايى-ھەۋەس،يىرگىنىش، ئەسلىمىلەر ۋە ئەسەبىيلىك بىلەن كېزىپ يۈرىدۇ. 
پەرھاتنىڭ رومانى توسقۇنسىز ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسىرىدۇر. ئۇنىڭ قوزغىتىشچان پروزىسى بىر تۈركۈم ئۈلگىلىك دۇنيا يازغۇچىلىرىنىڭ توپىنى ئەسلىتىدۇ--ئۇنىڭدا مو يەندەك خىتاي يازغۇچىلىرى؛ كامۇس، دوستويېۋىسكى ۋە كافكالارنىڭ ئوبرازلىرى ۋە رىتىملىرى؛ ئېلىسېننىڭ ‹كۆرۈنمەس ئادەم› دېگەن ئەسىرىدىكى ئىرقچىلىقنىڭ لوگىكىسىنىڭ كەسكىن ئەمما بىمەنىزىمچە ئوپېراتسىيەسى بار بولۇش بىلەن بىرگە ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ئەنئەنىلىرى ۋە سۇفىزم شېئىرىيىتى قاتارلىقلارنىڭ قوشۇلىشىدىن تۈزۈلگەن پەرھاتقىلا خاس بولغان بىر ئۇسلۇب بار.
‹ئارقا كوچا› شەھەردىكى يالغۇزلۇق، ئىجتىمائىي زوراۋانلىق، ئىنسانىيسىزلاشتۇرۇش ۋە مىللىيلىكنىڭ ئىرقچىلاشتۇرۇلۇشى ھەققىدىكى ئېنىق مەسەلدۇر. شۇندىمۇ، ئۇنىڭدىكى باش قەھرىماننىڭ ئاياللىق نازاكەت ۋە تۇنجى مۇھەببەت ھەققىدىكى جانلىق ئەسلىمىلىرى ئەسلىمە بىلەن تەسەۋۋۇرنىڭ قانداق قىلىپ چىدامچانلىقنىڭ تىرەن شەكىللىرىنى تەمىنلەيدىغانلىقىنى ئايان قىلىدۇ. تەرجىماننىڭ تونۇشتۇرۇشلىرى روماننى يازغۇچى بىلەن ئۇنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ غايىب بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان سىياسىي ئاتموسفېراغا جايلاشتۇرىدۇ.»
مەزكۈر رومانغا يەنە ئامېرىكىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ۋە پۇلىتزېر پروزا مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن تۈرك ئايال يازغۇچىسى ئېلىف باتۇمان مۇنداق باھا يازىدۇ: «پەرھات تۇرسۇننىڭ ‹ئارقا كوچا› رومانى ۋە دەررېن بەيلېرنىڭ يورۇتۇش خاراكتېرلىق تونۇشتۇرۇشلىرى ئىنگلىز تىللىق دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى بىر تارىخىي ھادىسىدۇر. پەرھاتنىڭ ئۈرۈمچىدىكى بىر ئۇيغۇر ئىشخانا خىزمەتچىسىنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى بايانلىرى ئۇنتۇلغۇسىز ۋە ئەقىلنى لال قىلىدۇ. روماننىڭ ئۇسلۇبى، كەيپىياتى ۋە دائىرىسى كامۇسنى ئەسلىتىپلا قالماستىن (ياكى بەلكى ئۇ ئالجېرىيە نۇقتىسىدىن چىقىپ يازغان يەنە بىر كامۇستۇر)، بەلكى يەنە بىزگە پۈتۈنلەي ئۆزگىچىلىك ۋە كۆرۈلۈپ باقمىغانلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ بىر ئۇتۇقتۇر.»
يوقۇرىدا زىكرى كەچكەن كىتاپ پەرھات تۇرسۇننىڭ «چوڭ شەھەر» ناملىق رومانىنىڭ 1-قىسمى بولۇپ، رومان ئەسلىدە ئۈچ قىسىم ياكى ئۇنىڭدىن كۆپ بولسىمۇ، قولىمىزدا (توغرىسى تەرجىمان دەررىن بەيلېرنىڭ قولىدا) ئىككى قىسمى ساقلىنىپ قالغان. ئۈچىنچى قىسمى ئاخىرقى چاغلاردا ۋەتەن ئىچىدىكى تورلاردا ئېلان قىلىنىپتىكەن. ئەپسۇسكى، ئۇنى ساقلىۋالالمىغان ئىكەنمىز. يېقىن كەلگۈسىدە روماننىڭ ئۇيغۇرچە ئىككى قىسمى بىر كىتاپ سۈپىتىدە نەشىر قىلىنماقچى.
https://cup.columbia.edu/.../the.../9780231202916...
2
«ئوت ئىچىدىكى قىسمەتلەردىن» _

3-قىسىم
كېتىش ھەرگىزمۇ كېچىش ئەمەس!

دۇنياغا كۆز ئېچىشى چەكلەنسىمۇ ئانىىنىڭ ئارزۇسى ،ئاتىنىڭ تەشۋىشلىرى بىلەن دۇنياغا كۆز ئاچقان پومساق قىز ھەدىيەنىڭ ئىسىم قويۇش مۇراسىمى كۈنى ماڭا  ھاياتىمدا قاتناشقان ئەڭ ئېغىر ھەم ئازاپلىق ئايرىلىش مىنۇتلىرىنىڭ تەمىنى يۈرەككىچە تېتقان ئىدى.راستىنى ئېيتقاندا ساناقلىق كۈنلەرلا قالغان ھاياتىمدىكى ئەڭ چوڭ سىناق ۋە ھاياتىمدىكى ئەڭ قىيىن تاللاش  مىنۇتلىرىمغا قارىتا ،قاتتىق سەگىتىش ۋە كۈچلۈك  شەپە ئىدى.
ھەدىيەنىڭ ئىسمى قويۇلۇپ بولدى .مەن بوۋاق ۋە ئاپىسى بار ئۆينىڭ سۇپيسىدىكى نەچچە كۈندىن بۇ بىر ئائىلە ئەزالىرىغا خاسلا سېلىنىپ كېلىۋاتقان دەسترخان ئۈستىدىكى ھەدىمىزنىڭ  شورپا ئىچكەن چىنىسىنى، كىچىك لىگەنگە ئاكىمىز ۋە بوۋاقنىڭ ينىغا ھىلىدىن _ھېىلىغا كىرىپ كۈزىتىپ تۇردىغان ئاپام ۋە دادام  ئۈچۈن ئۈسسىۈلگەن  تاۋاقتىكى ئۈچ تەرەپتىن نەچچە كاپام ئىلىنىپلا شۇ پىتىچە قالغان پولونى  يىغشتۇرۇۋاتاتتىم.ھەدەم بالىنى پەقەتلا قولىدىن چۈشۈرمەي ،خۇددىي  ئۆز ئانىسىنىڭ سىماسىنى كۆز قارچۇغىغا قاتتۇرۇپ قويماقچى بولغاندەك بالىنىڭ كۆزىگە تىكىلگىنىچە قېتىپ قالغانىدى.ھەيران قىېلىۋاتقىنىم شۇكى بۈگۈن ھەدەم پەقەتلا يىغلىمىدى.ئاڭغىچە باياتىن دادام بىلەن چايخانىدا ، ئۆيگە قايتىپ  چىققاندىن كىين كېلىدىغان سوراق ۋە جازالارغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسدىكى مەسىھەت ۋە پىلانلارنى مۇۋاپىقيەتلىك تۈگەتكەن ئاكىمىز سالقىن ،سالماق ھالەتتە كىرىپ كەلدى .مەن دەرھال ئۆرۈلۈپ ئۇنىڭدىن:
«ئاكا ئىسسق چاي دەملەپ ،قازاننىڭ تېگىدىن ئىسسىقىنە بىر تەخسە ئۈسسۈپ كىرەيمۇ؟ »دەپ سورىدىم.ئۇ كونا ئادىىتى بويىچە ھەدەمگە قارىدى.«يىگۈڭلا بولسا يەۋىلىڭلارە،ھەدەم زورلاپ ،شورپدىن  بىر ئارچىنە ،پولۇدىن بىر ئاپقۇرلا يىدۇرۋەتتى »ئۇنىڭ ئۆزىنى ئەركىن تۇتۇش ئۈچۈن نەقەدەر تىرىشۋاتقىنىنى بىلىپ تۇرساممۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ ھەم ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى بىرئاز بولسىمۇ كۆتۈرۈش مەقسىدىدە چاقچاق ئارىلاش قوشۇپ قويدۇم«راسىت ئاكا! ھەدەمنىڭ ئاۋازىنىڭ  سىزنىڭكىدىن كۈچلۈ ك چىقىشىنىڭ سەۋەبمۇ شۇكەن سىز تاماقنى بەكلا ئاز يەيدىكەنسىز  جۇمۇ!؟»دېدىم.ئاكاممۇ ماڭا ئۇلاپلا«مۇشۇ ھەدىڭىز بولمامدۇ، باشقۇرۇپ ،تىلغا تويدۇرۇپ تۇغاچقا ،ئېتىزدا ئېغىر ئەمگەك قىلىغان كۈنلىرىممۇ شۇنداق ئاز يەپ كۆنۈپ قاپتىمەن.«پاھ!ئاقارا ....ئېتىزدىن كېلىپ تۆت تەخسە تاماق يىگەن كۈنلىرىنى ئۇنتۇپلىدە» ھەدەم بالىدىن كۆزىنى ئىلىپ ئاكامغا ئىللىق كۈلگىنىچە سۆز قوشتى. بۇ پاراڭلار بالىنىڭ كويىدا  ئۆرتىنۋاتقان ساپ ھەم سادىق بىر جۈپلەرگە پەقەتلا گۈزەل دەقىقىلىرىنى ئەسلىتىش ھەم  پەقەتلا  قەلبىدىكى جاراھەتنى سۇلياۋ جابۇ تېڭىپ قاننىڭ ئېقىپ يەرگە چۈششىدىن ساقلاپ ،ئۆز ئورنىدا قېتىپ ئۆز تېرىسىگە  سىڭدۇرۈش چارىسى ئىكەنلىكى ئۈچەيلەننىڭ كۆڭلىگە ئايان ئىدى.ئىككەيلەنننىڭ كوڭلۈمنى يەرگە قويماي ماڭا ماسلىشىشى ئۇلارنىڭ قەلبىمدىكى قەھرىمانلىق ئوبرازىنى تىخىمۇ ئاشۇرۇپ باراتتى.ئىچىمدە ئاللاھقا «ئىھ قۇدرەتلىك ئېگەم !مىنىڭ ئەڭگۈشتەرلىرىمنىڭ بېشىدىكى سىناق بۇلارنىڭكىدىنمۇ قېلىشمايدۇ.ئۇلارغىمۇ بۇ بىرجۈپكە  ئاتا قىلغان سەبر ۋە كۈچنى ئايىمىغايسىز ..»دەپ توختىماي نالە قىلاتتىم.مەن سوقا ئۆيدىن ئارقىسىغا ئازاپنى مۆكتۈرۋالغان تەبەسسۈمۈم بىلەن ئىككى قولۇم بىكا بولمىغاچ سول پۇتۇم بىلەن سوقا ئۆينىڭ ئىشكىنى تىپىپ ياپقانچە چىقتىىم .ھويلىدا ئاپام  كۆرۈنمەيتتى.دەرۋازا تەرەپتن ئاياغ تىۋىشىغا يۆگەلگەن تونۇش ئاۋاز تەڭلا كىردى.  ھىلىقى نەچچە كۈندىن ئىككى ئاتىنىڭ ئايرىلىش ئازاۋىنى سىرتقا چىقىرىشنىڭ بىردىنبىر ئۇسسۇلى بولغان تىنىقلىرى ھەم ئاچچىق تەرلىرى ھويلىغا باشقىچە تۈس قوشقان باراڭنىڭ ئاستىغا موتو سېكىلىتىنى ئالدىراش قويغىنىچە قويۋاتقان بىزنىڭ «سېستىرا »يەنى ئاپامنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى يالاڭغىداق دوختۇر ۋاقتىدا تەربىيلىگەن شاگىرتى ، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ھەم چىچەنلىكى بىلەن ئاپامنىڭ ئاغىزىدىن بىركۈنمۇ چۈشمەيدىغان ، ئەڭ مۇھىم بولغىنى بۈگۈن بۇ ھويلىغا چوڭ بىر ھايات ماماتلىق  مەخپىي يول خېتىنى ئۆز قولىدا تاپشۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن «يەر ئاستى ئەسكەر» ئىدى.
مەن قولۇمدىكى نەرسىلەرنى چايخانىدىكى ئەمبەلگە چاققانلىق بىلەن قويدۇم ۋە «نىمداق ۋاقچە كەلدىڭ »دەپ كايىغانچە ئۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ كۆرۈشتۈم.ئاڭغىچە دادام ئۇخلاپ قالغان قىزىمنى قۇچاغلىغىنىچە ھويلىغا كىردى ،بىر تەرەپتىن بىزنىڭ سىسترا بىلەن ھال ئەھۋال سورىغاچ ،قىزىم بىلەن مەھەللە ئاساسقاتلام ھويلىسىدا بىردەم ئايلىنىپ «مەخپىي تىڭتىڭلاپ»كىرگىنىنى ،مېنىڭ خەلىق ئىشلار ئىدارىسىدىكى بۆلۈم باشلىقىلىق ۋەزىپىسىدىن بىراقلا مەھەللە ئاساسي قاتلام ئىشىغا پىدايى نامىدا سۈرگۈندە قىلىنغان دوستۇمنىڭ ھەممەيلەن تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەنلىك سەۋەبىدىن ئىدارىدا يالغۇز بوش قالغاچقا بىردەم تاغىدن - باغدىن پاراڭ سوقۇپ چىققانلىقىنى ،قايتىپ كىرگۈچە قىزىمنىڭ  مۈرسىگە بىشىنى قويغانچە ئۇخلاپ قالغانلىقى قاتارلىق بىر قاتار جەريانلارنى ئاجايىپ ھوزۇر تۇيغۇسدا ئېيتىپ بەرگەچ ،مەن بىلەن بىللە بىزنىڭ سىېتىرانى  ھەدىيە بار ئۆيگە باشلاپ كىردى.ھەدەم بالىنى چىڭ قۇچاغلىنىچە ،زەدۋال تارتىلغان تامغا تىكلەنگەن ياستۇققا يۆلىنىپ ئولتۇرۇپ  ئۇخلاۋاتاتتى.ئايالىنىڭ قولىدىن بالىنى قانداق ئىلىپ قانداق ياتقۇزۇش ئۈستىدە باش قاتتۇرۇپ قىمىرلاۋاتقان ئاكام سېستىرانى كۆرۈ پلا ھەدەمنى بوش تۇرتتى.يۈركىنى سۇغۇرۇش مۇددىتى توشقان كىشىدەك چۆچۈپ ئويغانغان ھەدەم بىزگە ئەمەس يەنە بالىغا تىكىلگىنىچە«كېتىش ھەرگىزمۇ كېچىش ئەمەس قوزام»دەپ پومبىلاق ھەدىيەنىڭ پىشانسىگە سۆيدى ۋە بالىنى ماڭا ئۇزاتتى.ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ بىزنىڭ سىتىرا بىلەن قۇچاغلىشىپ كۆرۈشتى ،نىمىلا دىگەن بىلەن جەڭ مەيدانىدىكى كۆچلۈك ھەمراھلاردە.
شۇڭغىچە قىزىمنى ياتقۇزۇپ خاتىرجەم بولغان دادام ئاپامنى ئەگەشتۈرۈپ كىرىپ كەلدى.  مەن بىزنىڭ سېستىراغا تاماق ھازىرلاش ئۈچۈن قىمىرلىدىم ئۇ دەرھاللا «ياق ياق مەن چۈشلۈك دەم ئىلىش ۋاقتىمدىلا غىپپىدە كەلدىم .تاماققا ئولتاسام بولمايدۇ،پومساق قىز ئۈچۈن بۈگۈنچە روزا »دېدى دە.قولىدىكى بالىنىڭ تۇغۇتتا ئۆلگەنلىك ئىسپاتىنى ئىلىپ ھەدىمىزگە سۇندى.«نەچچە كۈندىن دىيشكىنىمىز بويىچە بۇ جەدۋەلگە مەن توشتۇرغان مەزمۇنلارنى ياتلىۋالغانسىزھە؟»دېدى.دېمىسمۇ ئاخشام بىر كىچە ھەم بۈگۈن بىر ئارلىقلاردا ئاپام ھەدەمگە بۇ تاپشۇرۇقنى تولۇق ياتلىتىپ بولغانىدى. «ئىشلىرىڭلار ئوڭوشلۇق بولسۇن ئۇكام.ئاللاھقا ئامانەت!»دەپ ئالدىراش خوشلاشقاچ سومكىسىدىن 200 يىۋەن پۇلنى چىقىرىپ «مەلىگە چىققاندا قاراشكەر، سۈت تۇخۇم ئىچەرسىز ئۇكام ،تاڭ سەھەردە قوپۇپ سۈتىڭىز چىڭقالسا بۇ نەرسە بىلەن تارتىۋىتىڭ »دەپ قولىدىكى خالتىنى ھەدەمگە سۇندى.ھەدەم ئەمدى ياش تۆكتى.«ئىنسان چىن مۇھەببەتنى ئۇچراتقاندا بەخىت تۇيغۇسىدا  ياش تۆكىدۇ ،چىن مۇھەببەتنىڭ تۈرى كۆپ بولسىمۇ ئەمما بەك كەم ئۇچرايدىغان نىمە »دەپ قويىدىغان مومام رھمىتى . بۇدەل مومام دېگەن  ھەم  مەن ئۇچراتقان چىن مۇھەببەت،ساپ قېرىنداشلىق مۇھەببىتى ئاتا قىلغان بەخىت تۇيغۇسى ئىدى!
بىزنىڭ سېستىرا ئالدىراش ماڭدى.ھەدەم ۋە ئاكام نەرسە كېرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ تەق بولغان بولسا كېرەك .ھەدەم سوقا ئۆيدىن ئەنسىز چىقتى ھەم چايخانىدا مىنىڭ  يۇيغان قاچىلىرىمنى قويۇپ قوي دىسەم ئۇنىماي يىنىمدا بىرمۇ بىر جاي- جايىغا قويىۋايقان ئاپامغا  «ھەدە ئاكام قىنى»دەپ سورىدى.
ئاپام چايخانا تەكچىسىدىن باغ تەرەپكە بويۇن سوزغاچ «بايا ئامبار تەرەپكە كىرىپ كىتىۋاتقاندەك قىلۋىدى»دېدى ۋە ئوتتۇرا ئاۋازدا«ھەي ئادەم ...»دەپ ۋاقىرىدى. دادام بىردەمدىلا ئاپامنڭ ئالدىغا پەيدا بولدى.
پىشايۋاندا دادامغا قاراپ تۇرغان ھەدەم «ئاكا ھەممىڭلار سوقائۆيگە كىرسەڭلىرا...»دېدى.
دادام كەينىدىن ئاپام ئۇلىشىپلا مەن ئۆيگە كىردۇق.
ھەدىيە بايا مەن چىرايلىق ئورۇن راستلاپ ياتقۇزۇپ قويغان يەردە بىر تاتلىق ئۇخلاۋاتاتتى.سۇپىدا ھەدەمنىڭ ھەم ئاكامنىڭ كىيىم _كېچەكلىرى قاچىلانغان ،ئەنسىز ئايلاردا ئىزچىل ھەمرا بولۇپ كەلگەن ،ھىلىقى مەن تامدا كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەندىكى شولىدا خۇددى قولىدا يوغان  بىر تاش كۆتۈرۋالغان مەخلۇقتەك كۆرۈنۈشتە رول ئالغان سېرتمىسى ئېتىلماس بولۇپ قالغاچقا ئېغىز دائىم ئوچۇقلا تۇردىغان سومكىسى تۇراتتى.
دادام تۆرىگە چىقىپ بەدەشقان تۇرۇپ ئولتاردى ،ئاپاممۇ سۇپىنىڭ قىرىغا كېلىپ ئولتۇردى ھەم ماڭا يىنىدىن ئورۇن بەردى.ئاكام ھەم ھەدەم ئۆرە تۇرغاچ بىر_بىرىگە سەن دە دىگەندەك كۆز بىقىشتى.ھەدەم چوڭقۇر بىر تىنىۋىتىپ ،يەردىكى بىر نۇقتىغا تىكىلىپ تۇرىۋالدى.ئانىنىڭ ئاجىزلىغنى مەن شۇ جاغدا ھېس قىلدىم.ئاكام سۆز باشلىدى.«ئاكا ھەدە بۇ بىر ئايدىن بىرى بىز ئۈچۈن قىلغان ياخشىلىغىڭلارنى بىر ئۆمۈر قايتۇرۇپ بولالمايمىز.ھازىرچە پەقەتلا سىلەرگە رەھمەت دىيش بىلەن ئاللاھتىن سىلەرگە دۇئا قىلشتىن باشقىسى قولىمىزدىن كەلمىدى . مەن ئۆينىڭ چوڭى بولغاچقا ئاكا - ھەدىنىڭ مېھرىنى باشقىلارنىڭكىگە قاراپلا شۇنداق بولىدىكەندە دەپ يۈرگەن ،سىلەر ماڭا شۇ مېھىرنى تونۇتتۇڭلار.مونۇمۇ كىچىكىدىن يىتىم ئۆسكەن بولغاچقا بۇنىڭمۇ قېرىندىشى يوق ئىدى.ئاكا -ھەدە ھەم سېڭىلغا ئېرىشىپ مەندىنمۇ بەك خوش ھازىر...
بالىنىڭ ئىشىغا كەلسەك بالىنى بىقىۋالماقچى بولغانلار سىلەر تونۇشتۇرغانلار بولغاچقا بىز خاتىرجەم شۇڭا ئۇلار كەلگىچە بىز ماڭايلى،چۈنكى ئىنسان دىگەن چىدىماس كىلىدىكەن بولۇپمۇ بالىغا كەلگەندە ئانا تېخىمۇ...بىز كۆپ ئويلاشتۇق.سىلەر دىگەندەك ئۇلار كەلسە تۇققانلىشىپ ،تونۇشۇپ بۇ بالىنى بەسەك ھەپتە ئۆتمەيلا بالىنى كۆرگىمىز كىلىپ قالسا ..ئۇچاغدا  ئۇلارغىمۇ توغرا بولمىغىدەك بىز ئۆزىمىزلا ئويلىغىنىمىز بىلەن كينچە بالىنىڭ ئۆسۈپ يتىلىشگىمۇ تەسىر قىپقامىسۇن دىيشىپ،بىز ئۇلار كەلگۈچە كەتسەك ،ئۇلارمۇ بىزنى كۆمىسە بىز ئۇلارنى تونۇمىغانلا بولساق ....ھەدەمنىڭ كۆز ياشلىرى سۇپىنىڭ كىسىكىگە يامغۇر تامچىسىدەك تۆكۈلۈشكە باشلىدى.
- ئۇكام بىز ھىچنىمە قىلمىدۇق ..رەھمەت دىگۈدەك نىمە بولسا تەڭ يىدۇق .بالا بىزنىڭ بالىمىز !روھ ،يىلتىز بىزنىڭ ! يىلتىز قۇرمىسا دەرەخ قۇرىماس .سىلەر ھەقىقەتەنمۇ ئاق كۆڭۈل ،ئاق نىيەت ئىنسانلار بولغاچقا يوللىرىڭلار ئاق بولىۋاتىدۇ.بۇنداق قارارنى نۆۋىتى كەلسە مەنمۇ چىقىرىشقا ئاجىز كىلىمەن.سىلەرگە قول قويدۇم ..قەھرىمانكەنسىلەر!!!باشقىلار ئۈچۈن ئويلاشتىمۇ ئۆزىنى قايرىپ تۇرۇپ ئويلاش ھەقىقەتەن ئىسللىقنىڭ چىقىش قىيىن بولغان پەللىسى...كۆرۈپ تۇرغۇچى ئاڭلاپ تۇرغۇچى دىلىدىكىنى بىلىپ تۇرغۇچى ئىگىمىز با .ئاللاھ ھەر ئىشتا بىر خەيرىلىك بىلەن بەندىسىگە مەدەت ...توختاڭلا ئەمسە مەن ئۇلارغا تىلغۇن قىلىپ باقاي ...دادام شۇنداق دىگىنىچە ئورندىن تۇرۇپ چىقىپ كەتتى..
ئاپام ھىچنىمە دىمەستىن ھەدىيەگىمۇ ياكى ھەدىيە ئورالغان ئەدىيالنىڭ گۈلىگىمۇ ئەيتاۋرۇ ئاكام ھەدەمگە كۆز يىشىنى چاندۇرماسلىققا تىرشىپ بىشىنى بۇرۇغىنىچە قاراپ تۇراتتى.
شۇ تاپتا مەن بىر ئانا ئەمەس بەلكى بالا روھىيىتىم بىلەن ھەدىيە ئۈچۈن ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتاتتى..ئۇ نىمىدىگەن بىچارە ...ھېچنىمىنى بىلمەيدۇ!كىينچۇ ؟ چوڭ بولغاندىچۇ؟ كۆزۈمدىن ئاققان ئاچچق ياش يۈزۈمنى ئىچىشتۈرۋەتتى.
دادام كىرىپ كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئالەمچە مىننەتدارلىقلىرىنى يەتكۈزدى.ئەسىر ۋاقتى بولۇپ قالغانىدى.دادام بىلەن ئاكام نامازلىرىنى ئوقۇۋالدى.بۇ ئارىدا ھەدەم ھەدىيە با ئۆيدىن سومكسىنى پىشايۋانغا ئاچىقتى.كۆرۈنۈشتە ئۇ كېتىشكە ئالدىراۋاتاتتى.پۇتى كىتەتتى،كاللسى ئاللىبۇرۇن كەتكەن ،ئەمما يۈرىكى سوقا ئۆيدىكى ھەدىيە قالغان ئىدى.ئۇ ھەتتا سوقا ئۆي ئىششىكگە قايتا قاراپ سېلىشتىنمۇ قورقۇپ تۇراتتى.ماڭا خۇددىي ئىششكىكە قايتا باققان زامانلام يۈگرىگەنچە كىرىپ بالىنى باغرىغا بېسىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كىتىدىغاندەكلام ...
ئۇلار تەييار بولدى .نەچچە كۈندىن ئاكامغا ئىككى قولىنى مەھكەم سىقىش ۋە مۈرىسىگە يىنىك ئۇرۇپ قويۇش بىلەن مەدەت بولىۋاتقان دادام چايخانىدا ئاكامنى چىڭ قۇچاغلىغىنىچە«بالىلارنى ئوقۇتۇڭلار،ھەرقانداق ئىشقا يولۇقساڭ تىلغۇن قىلغىن ،بالىلارنى ئىلىپ شەھەرگە كىرسەڭلار،بىللە بىزنى يوقلاپ تۇرۇڭلا.»دادامنىڭ ئاۋازى تىتىرەپ كىتىۋاتاتتى بۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ يۈركىدىكى دەردىنىمۇ قوشۇپ چىقىرۋەلغۇسى كەلدى بولغاي«ئاز كۈندىن كىيىن ماڭىمۇ بۇ كۈن با ،مىنىڭ يۈركۈممۇ سۇغۇررۇلۇپ ماڭىدۇ.سەن مەندىن كۆپ تەلەيلىك ،مەن ھەدىيەنىڭ ھالىدىن خەۋەر بىرىپ تۇرۇشقا  ۋەدە قىلىمەن ،سەن مىنىڭ  قىيىن كۈنلىرىمدەك كېلىپ  ينىىمدا بول ئۇكام » دادام يىغلىدى .مەن ئۆزەمنى تۇتالماي ئاپامغا ئېسىلغىنىمچە ئۈن سېلىپ يىغلاپ كەتتىم .ھەدەم خۇددىي نىرۋىسىدىن ئاداشقان ئادەمدەك بىرلا سۆزنى تەكرارلايتتى.
«كېتىش ھەرگىزمۇ كېچىش ئەمەس!»

داۋامى بار.
3
مەن بۇ زېىمىنغا تىچلىق تىلەيمەن؛

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

بۇ زېىمىن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئۈچ مۇھىم دىننىڭ مۇقەددەس جايى.بۇ تۇپراقلار ئىبراھىم ئەلەيھسالامغا تۇتىشىدىغان  ئىبراھىمى ئۈچ دىن يەنى يەھۇدى دىنى، خېرستئان دىنى ۋە ئ‍سلام دىنىنىڭ ئورتاق مۇقەددەس بىلىدىغان يۇرتى. بۇ جايدا ئۇلۇغ پەيغەمبەرلەر ياشىغان، مۇقەددەس دىنلارنىڭ ئاساسى تىكلەنگەن.ئ‍نسانىيەت مەدەنىيەتلەرنىڭ بۆشۈكلىرىدىن بىرى دەپ تەرىپلەنگەن.تارىختن بىرى، دىنى ھاكىمىيەتلەرنىڭ تالىشش ئوبىكيتى بولۇپ كەلگەن، تا ھازىرغا قەدەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئەڭ كۆپ تارتىدىغان ھەم سرلىق،ھەم جەزبىدار ھەم ئاچچىق بىر ماكان بولۇپ كەلمەكتە.
كەمىنەنىڭ قارىشچە،بۇ زېىمىندا ئۇزۇنغىچە زىدىديەت ۋە توقۇنۇش تۈگىمەيدۇ.
چۈنكى بۇ تۇپراقنى مەركەز قىلغان دىن،سياسى مەنپەئەت، ۋە ئويۇنلارنىڭ تەڭشىكى رايون ۋە دۇنيانىڭ كۆپ قاتلاملىق سياسى كۈچلىرى ۋە ئۇلارنىڭ مەنپەئىتى بىلەن ئالاقىدار.
زۇلۇم كىمگە قارشى ئىلىپ بېرىلسا،ئوخشاش زۇلۇمدۇر،بىگۇناھ ۋە ئاجىز كىشلەرنىڭ زۇلۇمغا ئ‍ۇچرىشى،ھاياتىغا قىلىنغان تەھدىت بارلىق كىشلەرگە قىلىنغان زۇلۇم ۋە تەھدىتتۇر.
مەن بۇ تۇپراقلاردا ئوقۇغان، زىيارەت قىلغان بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتىم بىلەن،بۇ جايدىكى بارلىق كىشلەرگە تىچلىق ۋە خاتىرجەملىك تىلەيمەن.
بۇ تۇپراقلاردا مەن ئۇچراشقان، پىكىرلەشكەن يەھۇدىلار، باھائى  جامائىتى، دۇرۇز خەلقى ، خىرىستىئانلار، مۇسۇلمانلار ۋە  -ھەممىسى ياراتقۇچى ئاللاھنىڭ بەندىلىرىدۇر.
مۇقەددەس تۇپراقلاردىكى سياسى كۈچلەر، مىللىتارسلار، رايوندىكى دۆلەتلەر ۋە مەنپەئ‍ەتدارلارنىڭ بىگۇناھ پۇقرالارنىڭ ھاياتى بەدىلىدە ئۆزىنىڭ ۋاقىتلىق مەنپەئىتىگە ئېرىششتىن ئىبارەت سياسى ئويۇننى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ھەقىقى تىچلىق ئورنتىش ئۇچۇن تەرەپلەر ئورتاق قاتناشقان،ھەممە تەرەپ مەنپەئىتى ئويلىشىلغان،ۋە يۇكسەك دەرىجىدە ئۆز-ئارا يول قويۇشقان ھالەتتىكى تىچىلىق رامكىسى شەكىللەندۇرۇلۇشى كىرەك.

4
«ئوت ئىچىدىكى قىسمەتلەردىن» -

2-قىسىم  ھەدىيە

ئۇلار ماڭدى ،مەن ئانا بالىنىڭ ئامانلىغىنى تىلەپ دۇئا قىلىپ قالدىم .ئاپاملار كىتىپ ئالاھەزەل 15مىنۇتلاردىن كىيىن ھويلىدا دادامنىڭ ھۆتەلگەن ئاۋازى ئاڭلاندى.مەن بايا ئاپاملارنى ئۇزاتقاچ ھويلىدىكى لىڭزائوچاغنىڭ كۈلگە كۆمۈلگەن چوغنى تاتىپ چىقىرىپ ئۈستىگە ئاپام ھەركىچە ئەتتىگەنلىك چاي قاينىتشقا ئوچاق بىشىغا تەييارلاپ ئەكىلىپ قويىدىغان كىچىك جاۋۇردىكى زادىن ئازراقلا پەرىقلىق چوڭلۇقتىكى كۆمۈنى جاۋۇر بىلەنلا گۈلدۈرلىتىپ قۇيۇپ ،چاي كورىغا سۇ قۇيۇپ قويۇپ كىرگەنىدىم .دادامنىڭ ئاۋازىدىن كاللامغا نەدە ئاپام يوق چاغلاردىلا ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويىدىغان ئادىتىم كەلدى ۋە قىزىمنى ئويغىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ ھويلىغا چىقتىم .داداممۇ مەن ئويلىغاننى ئويلىغانمۇ ئەيتاۋۇر ئوچاق بىشىدا تۇراتتى.ئۇف تەلىيىمگە چاي كورىسى بىر خىل مۇڭلۇق مۇزىكا چىقىرىپ شىڭىلداۋاتاتتى.باياتىنقى گۈلدۈرغالاپتىن ئىشلارنى پەمىلىگەن دادام دېھقان ئاكاشنى چاقىردى.ئۇ ئاكاش دادام ئاكام ۋە ئىنىم خىزمەت ئالدىراشچىلىقىدا ۋاقىت چىقىرالمىغانلىقتىن
 ئۆزى يالغۇز  كۈچىنىڭ يىتىشىچە باراڭغا ئارتىۋالغان ئۈجمە شاخلىرىنى ئۇستىلىق بىلەن قايتىدىن رەتلەۋاتاتتى.
مەن ئاپام چاي ئىېتىدىغان يوغان كورىغا بىر سىقىم قاراچاينى تاشلىدىم ھەم ھىلىقى كورىدىكى قايناقسۇنى ئۈستىگە قۇيۇپ ئىككى كورىنىڭ ئورنىنى يەڭگۈشلىدىم ھەم تىزلا تۇز تەمىنى تەڭشەپ بىر كورا ئەتكەنچاينى تەييار قىلدىم .«ئاپلا !...چاينى قۇرۇق  نان بىلەن بىرەمەنمۇ »«تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن »دەپ بىشىم قىتىپ تۇرۇپ قالدىم .سۇپىدىكى يەكەندازدا باداشقان تۇرۇپ چاي سۇنۇشۇمنى كۈتۈپ ئولتاغان دادام  ئوڭايسىزلىنۋاتقىنىمنى سەزدى بولغاي «بالام ساراينىڭ دېرىزىسىدىكى ئاق چىلەكتىن قويمايدىن ئىككى قوشۇق ئەچىقىڭ،ئاندىن سوقا ئۆيدىىن  ئويوقتكى ھەسەلدىن بىر پىيالىگە قۇيۇپ چىقىڭ .دەپ مىنى ئوڭايسىزلىقتىن تىزلا قۇتۇلدۇردى.مەن شۇزامان ئەقلىمگە كەلدىم ھەم بىر پەتنۇسقا دادام دىگەن نەسىلەگە قوشۇپ بىر قانچە ۋازالىقلانغان ياڭاق مېغىزى ،بادان ۋە كىشمىش ئىلىپ چىقىپ شىرەگە قويدۇم .ئاكىمىز قىزارغىنىچە«ئەستا ئاۋارە بولمىساڭلامۇ بولاتتى ئاكا ،چاينى ئىچمەيلا ماڭغان بولساق »دېدى ھەم خىجىللىق ھەم خۇش خەۋەرگە ئىنتىلىش تەلەببۇزىدا...
ھەدىڭىز تىلغۇن قىلدى بايام .بىر ئۆيدىن ئىككىدىن ئارتۇق ئادەم كىرگۈزمەيدىكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز باساق باشقا دوختۇر سىستىرالانىڭ دىققىتىنى قوزغاپ قويغۇدەكمىز،شۇڭا ئالدىرساقمۇ ئەنسىرسەكمۇ خەۋەر كۈتۈپ ئولتاماقتىن باشقا چارە يوق ».دادام سۆز ئارلىقىدا ئاكىمىزنىڭ چىنىسىگە نان سالدى .ئاڭغىچە قىزىم يىغلاپ مەن سوقا ئۆيگە كىرىپ كەتتىم .
بالىنىڭ كىيىملىرىنى كەيدۈرۈپ يۈز-كۆزىنى يۇيۇپ شىرەگە كەلگۈچە دادام بوشىغان ئاپقۇرچىنلەرنى قاتلاپ يەنە تېخى قىزىمغا بىر پىيالە ناننى تەكشى ئۇۋىتىپ «چىشلەپ سالغىنى ئىنىقلام تۇراتتى»سېلىپ ئىۋىسۇن دەپ ئۈستىگە بىر كىچىك تەخسىنى دۈمكۈمتۈرۈپ قويۇپ شىرەدىن قوپۇپ ھويلىدىكى باراڭنىڭ چالىسىغا كىرىشىپ كەتكەنىدى.
بالامنىڭ دادىسى چەتكە چىقىپ كەتكىلى بىر يىلچە بولۇپ قالغان ھەم مىنىڭ ئالدىراش پاسپۇرت ئىشلىرىمنى پۈتتۈرۈپ كۆچمەنلىك ۋىزىسىنى كۈتىۋاتقان ھەم خىزمەتتىن ئاللىبۇرۇن چىكىنىپ يۇرتتىن بۇ ئىللىق بۆشۈگۈمدىن ئايرىلىشقا ساناقلىقلا كۈنۈم قالغان ۋاقىتلار بولغاچقا ئۆيدىن تالاغا چىققۇم كەلمەيتتى.قىزىمنى غالتەك ھارۋىسىغا بىكىتىپ ئاپام  مەن ئۈچۈن تىكىپ كۈندە ئاپتاپقا يايىدىغان يەكەندازلارنى پىشئايۋاندىكى سىمغا يىيىشقا كىرىشىپ كەتتىم .ئەمدى بىر جاۋۇر ئىلمان سۇ بىلەن ئاپام قولىدا قېلىن قىلىپ تىككەن پۇرۇچ پاختا لاتىلارنىڭ جۇغلانمىسى توبا يەنى پول يۇغۇچ بىلەن پىشئايۋاننىڭ كىسكىنى يۇياي دەپ تۇرۇشۇمغا دادام دالان ئۆيگە ئالدىراش كىرىپ كەتتى ھەم توڭلاتقۇدىن بىرمۇنچە ئۇستىخاننى ئىلىپ چىقىپ ماڭا قاراپ«بالام بۈگۈنچە ئۇ ئىش تۇرۇپ تۇرسۇن سىز شورپا سېلىڭ،ئاندىن ئىككى يېيىم كەلگۈدەك خىمىر يۇغۇرۇپ تۇرسىڭىز ئاڭغىچە دوختۇرخانىدىن ئاپىڭىزمۇ خەۋەر قىپقالا »دېدى.مەن ئەمدى قازاننى ئىسىپ ئىككى باش پىيازنى ئاقلاپ تۇرۇشۇمغا دادامغا ئاپامدىن تىلغۇن كەلدى.دادام پەقەتلا «ھە...ھەھە...شۈكرى شۈكرى ماقۇل ماقۇل »دەپلا تىلغۇننى قويدى .باغدىكى بارااڭغا تىرەكلىك شوتىدا نىمىلەرنىدۇر قىلىۋاتقان ھىلىقى ئاكام پالاقشىغىنىچە دادامنىنىڭ يىنىغا ئارانلا ئۈلگۈردى .دادام ئاكمىزغا قولىنى سۇنۇپ«ئاللاھقا شۈكرى بالىمۇ ئانىمۇ ساقكەن .»دېدى.ھەم كىچىنى ساقلىمىسا يالغان ئىسپات يىزىش ئىمكانىيىتى يوقلىغى شۇڭا ئاپام بىلەن مېھمان ھەدەمنى كەچ سائەت ئونبىرلەدە دوختۇرخانىدىن ئاكام ئۆيگە ئەكىلىدىغان بولغانلىقىنى بىرمۇ بىر سۆزلەپ چۈشەندۈردى.دىمەك يالغان ئىسپات !بۇ دىمەك بالا قىز ئىكەنلىكىدىن دىرەك بىرەتتى.چۈشلۈك تاماققا نارىن قىلدىم .بىچارە ئاكاش ئاتىلىق يۈرىكى موجۇلۇپ شۇنداق تەستە ئاران بىر تەخسە يىدى.كەچكىچە دادام بىلەن  ھويلىدىكى شاخلارنى ئوتاپ ،ئەتىيازلىق دادامنىڭ ئامبادىكى رىمۇنىت جابدۇقلىرىنى قويىدىغان ئويۇق جازىنى يىڭلاپ دىگەندەك ئىشلار بىلەن بەنىت بولدى.كەچ سائەت ئونلاردا ئاپاملار كەلدى.
ئاللاھنىڭ قۇدرىتى نىمىدىگەن ئۇلۇغ ھە...شۇنچە ئەنسىزچىلىك يېرىم ئاچ يېرىم توق توققۇز ئاي سىرتتىكى ئەنسىزلىكتىنى  ئانىسى ئانىلىق يۈرىكى بىلەن بالىغا سەزدۈرمەي كەلگەندەك كىىچىك مېھمان 4كىلو 200 ،يۈزلىرى  توقاچتەك قىپقىزىل ھەم دۈگلەك ساغلام تۇغۇلغانىدى.ھەدەمنى ياتاق ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇق .ئاپام مىنىڭ قىزىمنى كىچىسى يىغلاپ قالسا ھەدەمنىڭ ئۇيقۇسغا تەسىر بولمىسۇن دەپ نەچچە ئايدىن يىنىدىن ئايرىماي ياتقۇزۋاتقان قىزىم ئىككىمىزنى ساراي ئۆيگە يۆتكەپ قويدى.ھەم كۆڭلۈم يېرىم ھەم بۇندىن كىيىنكى ئىشلارنىڭ كېچىلىك پىلانلىرىدىن خەۋەرسىز قالىدغان بولدۇم دەپ دومسايغانچە چىقىپ ياتتىم.
ئارىدىن بىركۈن ئۆتتى .بالىغا دادام ئىسىم قويماقچى بولدى .ھەدىمىز يىزىدا مومىسى بىلەن قالغان ئىككى قىزىنىڭ ئىسمىنى قىيئاتىسى «قارىكام»دىگەن كىشنىڭ قويۇپ بىرىپ تۈگەپ كەتكەنلىكىنى ئەمدى  بۇ قىزىغا ئىسىم قويۇش نۆۋىتىنىڭ ئىرىدە ئىكەنلىكىنى دېدى.ئاكاش بىر ھازا تۇرۇپ كىتىپ «چوڭ قىزىم مەۋلۈت ئىيىدا تۇغۇلغان مەۋلۈدە دەپ قويۇپتۇقكەن ،ئۆيدىكىلەر كىچىكىگە ھامىلدار بولغاندا  دادام رەھمىتى بىلەن ياماتو بازىرىغا  قوغۇن ئاچىققاچ سەھەردە ساقىيۈزىگە قوغۇنچى بىلەن ئايلىنىپ باغۇچە كۆرگەن تاغنىڭ تەبىئىي گۈزەل مەنزىلىرىدىن ھوزۇرلىنىپ كىچىك قىزىمغا «مەنزىرە»دەپ ئات قويايلى دىيىشىپ قويغانىدۇق .ئەمدى بۇ كەنجىسى ھەم ئاللاھنىڭ بىزگە ئۇچراتقان  ھەدىيەسى بولغان سىلەرنىڭ ئۆيۈڭلاردا تۇغۇلدى ھەم ئامالىمىزنىڭ يوقلۇغىدىن قىيالمىساقمۇ باشقىلارغا ھەدىيە بولۇپ كەتمەكچى ئاكامنىڭ ئاۋازىدىن يۈرىكىنىڭ ھۈڭرەپ يىغلاۋاتقانلىغى مانا مەن دەپ چىقاتتى.يىڭى تۇغۇتلۇق ھەدىمىزنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى تەستە تۇتۇپ ئاخىرىنى چاقچاققا يۆلەپ«ھەدىيە قويايمىكىن دەيمەن شۇ مالىملارنىڭ قولىدا ياخشى تەربىيلىنىپ چوڭ بولسا باشقىچە ھەدىيە بولۇپ بىزنى يوقلاپ تۇرا»دەپ قوشۇپ قويدى .ئاپام بوۋاقنى ئەكەلگەن كۈنىلا قىزىم ياتقان بۆشۈككە بۆلەپ  «پومساق »دەپ ئەكىلىتىپ كۈنۈپ قالغانىدى .مانا ئەمدى بۈگۈندىن ئىتبارەن پومساق قىزنىڭ ئىسمى «ھەدىيە »بولدى.

داۋامى بار...

«تامچە»
2007-يىل 5-ماي
5
«ئوت ئىچىدىكى قىسمەتلەردىن»

1-قىسىم  بىر جان ئۈچۈن كۈرەش

ئەتىيازنىڭ ئاپتىۋى يۈزنى كۆيدۈرگىنى بىلەن نامازشامدىن كىيىنكى ئاچچىق شامىلى ئادەمنىڭ جۇغىنى قورۇيدىغان مەزگىلى ئىدى.ئەتتىگەندىن بىرى ئەتىيازنىڭ تۇنجى جىڭى بىلەن ئالدىراش يۈرگەن بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن دادام ئاپام مەن ۋە مىنىڭ ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان قىزىم يىڭىلا ھاكلانغان چايخانىدا كەچلىك تاماقتىن كىيىن تىلۋىزور كۆرگەچ  ھاردۇق ئىلىپ ئولتۇرىشاتتۇق .تۇيۇقسىزلا ئاپام  «قاپقاقنى كىم ياپا ئەمدى،تۈنۈگۈنكى شۇم خەۋەردىن كىيىن داداڭمۇ ئەزان بىلەن تەڭ تالاغا چاپالماس بولۇپ چۈشەكەپ قويۇلدى،بالام قوپە بۈگۈندىن تارتىپ ئەندى ئۇ ۋەزىپە ساڭا ئۆتتى »دېدى ماڭا بۇيرۇق ۋە ئۆتۈنۈش بىرلەشكەن مېھرىبان ئاھاڭدا.
مەن ئېرىنچەكلىك بىلەن قۇچۇغۇمدىكى بالامنى دادامغا تۇتقۇزۇپ تالاغا ماڭدىم .قاش قارايغان مەزگىل بولغاچقا ئىككى مېتىر يىراقتىكى ئادەمنىڭ شولىسىنى كۆرگىلى بولغان بىلەن ئەر ئاياللغىنى پەرىق ئېتىش قىيىن ئىدى.دەرۋازىمىزدىن چىقىپ سول تەرەپ قاتار كۆچەتلىك بولۇپ سوقا ئۆينىڭ تىمى تار كوچا بىلەن كىچىك ئېرىق ئارقىلىق ئايرىلىپ تۇراتتى .مەن ئىرىقتىن شۇنداق ئاتلاپ ئۆتۈشۈمگە ئېرىق بويىدىن ئىككى گەۋدىنىڭ شولىسى ئاي يورىقىدا  سوقا ئۆينىڭ تىمىغا چۈشتى. ئارقامغا قانداق بۇرۇلغىنىمنىمۇ بىلمەيمەن ھويلىغا يۈگرىگەنچە يىنىپ كىردىم دادامنىڭ «ۋاي نىم بولدى بالام »دىگەن ئاۋازىدىن ئېسىمنى يىغىپ ،ئۆزەمنىڭ ئاتلاپ ئۆتكەن ئىرىقنى كىچىپ كىرگەنلىكىمنى ئارانلا ھېس قىلدىم .مىنىڭ ئەلپازىمدىن بىرە مۈشۈك ياكى كۈچۈكتىن چۆچۈپ كەتكەن بولسا كىرەك دەپ ئويلىغان ئاپام بىر پىيالە سوغۇق سۇنى كەينىگە يۇشۇرۇپ كەلگەنچە يۈزۈمگە چاچتى.قاتتىق ئەندىكىپ كەتتىم.دادام «نەچچە كۈندىن تام تۈۋىدە بىر قارا مۈشۈك پەيدا بوپقالغان تۇراتتى .بايا چىقىپ كىتىۋاتقىنىڭىزدا ھەي مۇشۇ بالىغا شۇ مۆشۈك ئۇچراپ چۆچۈپ كىتەمۇ دەپ خىيالىمغا كەلگەنتى»دېدى دادامنىڭ سۆزى تۈگمەيلا ئاپام كايىشقا باشلىدى.«توۋا تازنىڭ ئەقلى چۈشتىن كىيىن دەپ ما ئادەمنىڭ گىپىنى قارا،بايتىن دىسڭىزمىدۇ؟».مەن بۇ ئۇقۇشماي قىلىنۋاتقان تالاش-تارتىشنىڭ كۈچىيىپ كەتمەسلىكىدىن غەيرەتكە كەلدىممۇ ياكى ئاپامنىڭ سەگىتىشىدىنمۇ ئەيتاۋۇر بوسوغىغا ئولتۇرۇپ تىلىمنى چايناپ تۇرۇپ«بىزنىڭ ئىرىقنىڭ بويىدا ئىككى ئادەم ئولتۇرۇپتۇ ،شۇنداقلا ئۆتۈشۈمگە ئورۇنلىرىدىن تۇرۋىدى تامدىكى شولىسىنى كۆرۈپلا قاچتىم »دېدىم.
«ھە!...نىمدەيدۇي ما بالا»دادام ئورنىدىن چاچراپ تۇردىدە يازنى كۆرمەي سالمايدىغان كالتە مەسىسىنىڭ كالىچىنى كەيمەيلا سىرتقا مېڭىشقا  تەمشەلدى.ئاپام دادامغا كالاچ كىيشنى ئەسكەرتكەچ كەينىدىن ئۇلىشىپلا چىقىپ كەتتى.قىزىم تۆرىدىكى يەكەندەزدا تاتلىق ئۇخلاپ قالغانىدى.مەن بىر قوقۇنۇچ بىر ئەندىشىدە سىرتتىن  كىلىدىغان ئاۋازنى تىڭشاپ ئولتادىم .
«قىنى بالام قىنى كىرىڭلار»ئالدىدا دادام كەينىدىن ئاي كۈنى توشۇپ قالغان ئايالدەك قوساق سالغان ئەرەنچە كىيىنگە بىرەيلەن ، ئوتتۇرا بوي قاراقۇمچاق 45-46ياشلار چامىسىدىكى بىر قاراشتىلا دېھقانلىغى چىقىپ تۇرىدىغان ئەركىشى ھەم ئارقىسىدىن دەرۋازىنىڭ ئاچقۇچىنى شاراقلاتقىنىچە ئاپام كىرىپ كەلدى.دادام ناتونۇش مېھمانلارنى  تۆرگە باشلىغاچ باياتىن يىغىۋەتكەن شىرەنى قايتا قويۇپ ،دەستىرخان سېلىش ئىشارىتىدە ماڭا ھەم مەزە ھازىرلاش بۇيرۇقىدا ئانامغا ئىشارە قىلدى.مەن دەستىرخان سېلىش جەريانىدا ھىلىقى ئەرەنچە كىيىنگەن كىشنىڭ ئاي كۈنى يىقىنلاپ قالغان چوكان ئىكەنلىكىنى بىلدىم ھەم دادامنىڭ سوئاللىرى ھەم ئۇلارنىڭ جاۋاپلىرىغا قۇلاق موللىسى بولۇشقا باشلىدىم .«شۇنىڭ بىلەن بالام ئەمدى تەپسىلىي پاراڭلىشىلى نەدىن سورايمىز  سىلەرنى ؟» .ئەركىشى خىجالەتچىلىكتە يەرگە ساڭگىلىغان بىشىنى كۆتۈرۈپ ئايالغا قارىدى.قارىماققىمۇ ئەركىشىدىن ئايال جانلىق ھەم تىتىك كۆرىنەتتى.ئايال ئوچاق بىشىدا چاي دەملەۋاتقان ئانامغا قاراپ تۇرۇپ گىپىنى باشلىدى.
«ھەدە بىز چاپچال قوغۇنچىدىن ،ئىككى قىزىم بار ئىدى .ھەر ئىككىسى مەكتەپكە كىرىپ باشلانغۇچتا بىرى 4سىنىپتا بىرى 6-سىنىپقا چىققان .بىز يىللاردىن يەنە بىر پەرزەنتىمىز بولسا ئاللاھ نىسىپ قىلسا ئوغول بولسا تەلىيىمىز قىز بولۇپ قالسا قېرىغىچە ھەمرايىمىز بولا دەپ بۇلتۇر ئاللا نىسىپ قىلىپ بۇ بالىنى بىرىپ قالسا بولىدۇ.بىز دەسلەپ ھىچكىمگە دىمەي بەش ئاينى ئۆتكۈزگەن ئىدۇق.ئۆيدىن تالاغىمۇ چىقمىدىم .بىركۈنى ئۆيدە ھىچكىم يوق چاغدا ھويلىدا پومىدۇر ئوتاپ ئولتاسام چاقسىنى شاراقشىتمايلا دادۈيدە ئىشلەيدىغان ئىككى ئايال كىرىپتۇ .ھەم پىلانسىز ھامىلدار بوپقاپسىز بۇنى باشقىلاردىن ئۇقتۇق شۇڭا ئەتە سەھەر چاي ئىچمەي تۇرسىڭىز كىچىك ئاپتۇبوستا ناھيەگە قان تەكشۈرۈشكە ئاپىرىمىز »دېدى .مەن ماقۇل دەپ باش لىڭشىتىپ قالدىم .بۇلتۇردىن بىرى مەھەللىدە ھامىلدار بولغانلارنى مەجبۇرىي ئاپىرىپ بالىسىنى ئالدۇرۋىتىپ بارغانلىغىنى كۈندە دىگۈدەك ئاڭلاپ قورقۇپ پۇت قولۇمدا جان قامىدى .ھەم پۇتۇمغا كەشمۇ كەيمەي ئېتىزغا يۈگەدىم ھەم بۇ ئادەمگە دېدىم .بىز ئۆيگە كىلىپ ئانچە -مۇنچە ئۆپچۈرىمىزنى يىغىشتۇرۇپلا مەلىمىزدىكى قىينئانامنى چاقىرىپ كىرىپ ئىككى قىزىمنى ھەم ئۆينى ئامانەت قىلىپ ،كېچىلەپ ئۆيدە با پۇلنى ئىلىپلا كىچىك ماشىنىنى بولاپ قارمايدىكى بىر شىرەم تۇققىنىمىزنىڭكىگە يولغا چىقتۇق.ئۇ يەگە بىرىپ شۇ تۇققانلارنىڭ ياردىمىدە بىر ئىغىز ئۆي تېپىپ ئىجارە ئالدۇق.بۇ ئادەم بامدات بىلەن ئىششىكنى تىشىدىن تاقاپ چىقىپ كىتىپ باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تاتماسلىق ئۈچۈن قاراڭغۇ ماراڭغۇدا كىلىۋاتاتتى.بۇجەرياندا مەلىنىڭ كىچىك بوتكىسىغا تىلغۇن قىلىپ قىيىنئاپامنى چاقاتىپ ئەھۋال ئۇقۇپ تۇغانىدۇق.تەق ئالتە كۈن بوغان بىركۈنى ما ئادەمگە قىين ئىنىمدىن تىلغۇن قايتۇر دەپ ئۇچۇر كەپتۇ .تىلغۇن قايتۇردۇق . قىنئاپام تىلغۇندا قار يامغۇر يىغلاپ،بىزنىڭ ئۆينى دادۈيدىن پىچەتلىگەنلىكىنى بالىلارنىمۇ مەكتەپتىن توختىتىپ قويۇلغانلىقىنى  ،ئون كۈن ئىچىدە قايتمىساق تىرىلغۇ يەرنىمۇ مۇسادىر قىلىپ سېتىشقا چىقىردىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇش قىلغانلىقىنى يەتكۈزدى..ئەر-ئايال ئىككىمىز بىر كىچە ئۇخلىمىدۇق.بىر تەرەپتە بىر جان يەنە بىر تەرەپتە ئىككى بالىنىڭ ھەم بىر ئائىلىنىڭ تەقدىرى.ئەتىسى بىر قارارغا كەلدۇق ھەم غۇلجىغا قايتتۇق.بۈگۈن سەھەر چۈشكەن ،يۈركىمىز يەنە مۇشۇ بالىغا تاتىشىپ ئۇنىڭ ئۈستىگە سەككىز ئايلىق بالا دىگەن تەييا بوپقالغان بىر تەن ئەمەسمۇ»ئايالنىڭ كۆز چاناقلىرىدىن ياشلىرى خۇددىي چىڭ ئېتىلمەس بوپقالغان تۇرۇبا جۈمىكىدىن بەس -بەستە چۈشىۋاتقان سۇدەك ئىقىۋاتاتتى.قولىدىكى چاقماق ئەرلەر قولياغلىقى بىلەن توختىماي سۈرتەتتى.
ياشلىق كۆزلىرى ئايال بىلەن تەڭ قىزارغان ئاپام شۇ ئارىدا گەپ قىستۇرۇپ «كۆپ يىغلىماڭ ئۇكام زۇۋالدا يامان بولىدۇ،بالىغىمۇ تەسىرى بولىدۇ»دېدى.
«ئەتتىگەندىن بىرى بىر پۇتىمىز مەلىگە بىر پۇتىمىز كەينىگە داجىيىپ قاتناشنىڭ ئەتىراپىنى نەچچە پىقراپ چىقتۇق ھەم قانداقلاچە بۇ كوچىغا كىپقالغىنىمىزنىمۇ بىلمەيمىز»دېدى.
ئاپام دوختۇر ئىدى.ئاستا ئۇ ئايالنى ئىشارە قىلىپ قازىناق ئۆيگە ئىلىپ كىردى.مەن قىزىمنى ياتقۇزۇش بانىسىدا ئۇلارنىڭ كەينىدىن تاپ بىسىپلا كىردىم .ئاپام ئايالنىڭ قان بىسمىنى ئۆلچە ۋاتقانىكەن .پاراڭلىرىنىڭ ئۇرانىدىن بۇ ئايالنىڭ تۇغۇت قان بىسىمى بارلىغىنى بىلدىم .ئاپام ئايالغا «ئۇكام ھازىرقى ھالەتتە بۇ بالىنى ئىلىۋىتىش بالىنىڭلا ئەمەس سىزنىڭمۇ ھاياتىڭىزغا خەۋىپ ئەكىلىشى مۈمكىن شۇڭا مەن بىر دوستۇم بىلەن مەسلىھەتلىشەي .سىز بۇ سىڭلىڭىز بىلەن بۇ ئۆيدە يىتىپ قىلىڭ .مەن ئاكىڭىز بىلەن يولدىشىڭىزغا سارايغا ئورۇن ھازىرلىۋىتىپ كىرەي .ئۇخلاپ قالمىسىڭىز مۇڭدىشامىز بولمىسا ئەتە سەھەر پاراڭلىشايلى »دېدى-دە  ماڭا بىرمۇنچە ۋەزىپىلەرنى تاپشۇرۇپ چىقىپ كەتتى.مەن ئورۇن راسلاش جەريانىدا بۇ ھەدىمىز بىلەن ئاچا-سىڭىلدەك مۇڭدىشىپ كەتتۇق.پاراڭ ئارلىقىدا ئۇنىڭ ئۇخلاۋاتقان قىزىمغا ئانىلىق مېھرىدە كۆز ئۈزمەي قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ قىسمەتلىرى يۈرەكلىرىمنى ئىزىپ تىخىمۇ ھېسسي مېھرىمنى قوزغىدى.پاراڭ-پاراڭ بىلەن ئاپام كىرگۈچە ئۇخلاپ قاپتىمەن .سەھەرناشتىلىققا ئاپام سەي قورۇپ ئەتكەنچاي ھازىرلاپ بىزنى ئويغاتتى.ئۇ ھەدىمىز بىر خىل خىجالەتچىلىكتە«ھاردۇق يىتىپ كەتكەن چىغى ھەدە بەك ئۇخلاپ كىتىپتىمەن، سەت بولدى »دىگىنىچە ئورنىدىن تۇردى ھەم مەندىن چاققان ھالىتىدە ئورۇن كۆرپىلەرنى يىغىشقا تەمشەلدى .ئاپام شۇ زامانلا «قويۇڭ ئۇكام قويۇڭ.سىڭلىڭىز با يەردە سىز نىمىش قىپ كىتىۋاتىسز يۈرۈڭ چاي ئىچەيلى»دېگىنىچە قولتۇغلاپ  ئىلىپ چىقىپ كەتتى.
بۈگۈنكى ئەتتىگەنلىك ناشتىلىق بىز ئۈچۈن بىر چوڭ كېڭەش سۈپىتىدە بولدى.«بولدى بىز كىچىچە پۈتۈشتۇق .»دېدى دادام«بۈگۈندىن تارتىپ چەتتىكى بىر ئىغىز ئۆي سىلەرنىڭ ،بىر ئاي دىگەن ھەش-پەش دىگۈچە توشۇپ كىتىدۇ.مەنمۇ ئۇزۇن يىل ھۆكمەتكە ئىشلىگەن ،ئاپىڭىزغا تىلغۇن قىممايسىز تاكى بالا تۇغۇلغىچە مۇشۇ ئۆيدە تۇرىسىلە ،ھەدىڭىز ناشتىدىن كىينلا سىلەر تۇردىغان ئۆينى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ قويىدۇ.بىزنىڭ ئۆيگىمۇ ئاساسي قاتلامنىڭ تەشۋىقات تاقاتتۇق دەپ كۈندە نەچچە يوقلايدۇ.ھەدىڭىز ئىككىمىز ئاخشام ھەدىڭىزنىڭ بىر شاگىرتى بىلەن پاراڭلاشتۇق.ھەدىڭىز پىنسىيىدە بولغاچقا قۇربى يەتمەيدۇ شۇڭا شۇ سىڭلىمىز ياردەم قىلىدىغان بولدى .بالىنىڭ ئاي كۈنىگە توغۇرلاپ ئۆزى تۇغۇتتا تۇرۇپ بىرىدىغان بولدى.سىڭلىم يولدىشىڭىز بىلەن كىچىچە بەك كۆپ ئويلاندۇق .بۇرۇننىڭ ئۇچىنىلا كۆرسەك بولمايدىكەن ھەم يولدىشىڭىزنىڭ دىيىشىچە سىلەرمۇ شۇنداق ئويدا بوپتىكەنسىلەر.بالىنى ساق سالامەت بوشانغاندىن كىيىن ئەگەر ئوغول بولسا ئىلىپ چىقىپ كەتسەڭلا  تىرىك جانغا ئون يىگىرمە مىڭكوي جىرمانە بىلەن ئىشنى ئەپلىگىلى بولىدىكەن.ئىككى قىزىڭلا بولغاندىكىن قانۇننىڭ بىر يەلىرىگە ئىلىشتۈرۈپ يەرنى  تارتۋىلىشتىن ساقلىنىپ قالغىلىمۇ  بولغۇدەك مەن ئەتتىگەن ناھيەدىكى بىر مەمۈر ئاغىنەمدىن تەپسىلىي ئۇچۇر ئالدىم .بالا قىز بولۇپ قالسا سىلەر ئۆزەڭلامۇ بىرەسى چىقىپ قالسا بالىنى بىرىۋەتسەكمۇ مەيلىدى دىگەن ئويدا بوپتىكەنسىلەر .ھەدىڭىزنىڭ دوستى بالىغا يالغان ئۆلگەنلىك ئىسپاتى يىزىپ بەرسە يىللاردىن ھەدىڭىزگە داۋالىنىپ ھەم بالا دەردىدە زارلاپ يۈرگەن ئوقۇش خىزمەت دەپ بالا ئىلىش ئىقتىدارىدىن مەجبۇرىي قالدۇرۇلغان بىر سىڭلىمىز باتتى .ئەر ئايال مۇئەللىم شۇلاغا قىزىڭلارنى بىرىمىز ئۇلار سىلەرنىڭ يىزىدىن قويغان ھەممە جىرمانىنى سىلەرگە تەقلەپ بەرسە ھەم كىينچە ئۇرۇق تۇققان بولۇشۇپ بالىنى كۆز ئالدىڭلاردا خيىم خەتەرسىز چوڭ قىلسا دىگەب مەسلىھەتكە كەلدۇق »دېدى. بىچارە ئاچىمىز دۇنياغا ئەركىن كۆز ئىچىشتىن مەھرۈم قالغان بالىسىنى مېھرى بىلەن سىيلاپ «رەھمەت ئاكا-ھەدە....بالام ھايات قالسىلا مەيلى مەن ئۇنى كۆرەلمىسەممۇ ھايات ياشاپ تۇرغىنىنى يۈرگۈم تۇيۇپ تۇرسىلا مىنىڭ باشقا تىلىكىم يوق »دېدى.
ئىشلار شۇنداق بىكىتىلدى.راستىنى ئىيتقاندا ئاپام -دادام «بىر چوڭ جىنايەت»كە تەۋەككۈل قىلىۋاتاتتى.
بىز دىيىشكەندەك ئۇلارنى پىشايۋاننىڭ ئىچكىرى بۇلۇڭىدىكى دائىم قۇلۇپ بىسىقلىق تۇرىدىغان دالان ئۆيگە ئورۇنلاشتۇردۇق.ئۇلار ئەتتىگەنلىك ناشتىدىن بۇرۇن ھاجەتكە چىقاتتى .شۇ كۈندىن باشلاپ بىز دەرۋازىنى24سائەت ئىچىدىن تاقاپ يۈردۇق.چۈنكى كۈندۈزلىرى مەن قىزىم بىلەن دەرۋازا ئالدىدا ئولتۇراتتۇق ئاپام ئۇ ھەدىمىزگە ھەركەت بولسۇن ئۈچۈن ھويلىدا ئۇيان-بۇيان ماڭدۇراتتى.شۇنداق بىرەسىنىڭ قارسى بىزنىڭ ھويلىغا قايرىلغان ھامان مەن قىزىمغا گەپ قىلغان بولۇپ دەرۋازىنى شاراقشىتىپ «ئۆيگە كىرىپ ئۇخلايلى بالام »دەپ ئۆيگە ماڭغان قىياپەتكە كىرىۋالاتتىم.مەن كىرگۈچە ئاپام ھەدىمىزنى ئۆيگە سولاپ ئۈلگۈرەتتى.شۇنداق قىلىپ ئەر ئايال كىچىدە بىز بىلەن بىللە چايخانىدا تىلۋىزور كۆرەتتى. باشقا چاغلاردا ئۆيىگە پالاغلىق بىر ئاينى ئۆتكۈزدى.بىر كىچىسى تۇيۇقسىز ئاپام مىنى تۈرتۈپ «بالام ھەدەڭنىڭ تولغىقى تۇتتى.مەن سائەتكە قاراپ تۇدۇم تەخمىنەن يېرىم سائەت ۋاقتى قالدىمىكى ئاكاڭغا تىلغۇن قىلىپ قويدۇم ماشنىسنى ئىلىپ كىلىۋاتىدۇ .سەن دەرۋازىنى تاقىۋال داداڭ بىلەن ئاۋۇ ئاكاڭ بامداتقا تۇرۇپ قاپتۇ قاپسالغاندا ...دېدى
مەن دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم .ئاڭغىچە دەرۋازا يوچۇغىدىن ھويلىغا ئاكامنىڭ ماشنىسنىڭ يورۇغى  چۈشتى.
ئۇلار ماڭدى ...مەن ئىچىمدە ئانا-بالىنىڭ  ئامانلىقىنى تىلەپ دۇئا قىلدىم·

داۋامى بار...

-«تامچە»
2007-يىلى 5-ماي
6
مۇبارەك بولسۇن. ئېسىل سۆھبەت بوپتۇ.
7
ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار
دوكتور مەغپىرەت كامال خانىمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاكادېمىيە سۆھبىتى بۇ قېتىم «5-ماي ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى» مۇناسىۋىتى بىلەن مەخسۇس «ئۇيغۇر دوپپا بايرىمى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان خىرىسلار» غا ئايرىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ۋەتەندە ئۇيغۇر دوپپا بايرىمىنىڭ ۋۇجۇتقا چىقىشىنىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسكارى تاھىر ئىمىن ئەپەندى ۋە ئۇيغۇر فولكلور تەتقىقاتىدا تونۇلغان ئاكادېمىك پروفېسسور دوكتور ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى.

9

ئاقىلغا ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز : جاھان كۈچلۈكلەرنىڭ بولۇۋاتىدۇ . پەقەت كۈچلۈكلەرلا خالىغىنىنى قىلىدۇ :

« قورالى بار غازى پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان . قورالى يوق دەرۋىش پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى قولىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن » . نىكوللو ماكياۋېللى.   

ئوخشاش ئۇرۇنۇشلار : ئەقسا مەسچىتى ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سالماق ، موزىينى مەسچىتكە ئۆزگەرتمەك، بابۇر مەسچىتىنى چېقىپ بۇتخانا سالماق ، ھېيتگاھنى چېقىپ ، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سالماق :

1 . جامەگە ئايلانغان ئاياسوفىيا ۋە بۇتخانىغا ئايلانغان بابۇر جامەسى :

2015 - يىلدىن بېرى پات - پات چوقان كۆتۈرۈش ئارقىلىق 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل تۈركىيە رەسمىي ھالدا ئۆز ئىلكىدىكى ئاياسوفىيا مۇزېيىنى قايتىدىن مەسچىتكە ئايلاندۇردى . نەتىجىدە 538 - يىلدىن 1453 - يىلغىچە 915 يىل بارچە شەرقىي مەزھەپ خىرىستىئانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئاياسوفىيا چېركاۋى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ قىبلىسى موسكۋادىكى ماروژنا چېركاۋغا كۆچتى. ئۇدا 481 يىل مەسچىت ھالىتىدە قالغان ئاياسوفىيا 1934 - يىلى 24 - نويابىردا مۇزېيخانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئەنگلىيە پادىشاھى قاتارلىق ئەرباپلار قەدەم تەشرىپ قىلىپ قىزغىن تەبرىكلىدى . 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل 1934 - يىلدىكى قارار بىكار قىلىنىپ ، 24 - ئىيۇل 86 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلدى .

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى پۈتتۈرۈلگەن بابۇر مەسچىتى 1992 - 1999 - يىللىرى ھىندىلار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقا ئۇچرىدى . سەۋەبى ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ باميان ناملىق بۇتنى بومباردىمان قىلىپ چېقىپ تاشلىغىنى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىندىلارنىڭ خۇداسى بولغان كالىنى ئۆلتۈرۈپ يېيىشى ئىدى . تالىباننىڭ ھېچنىمىگە پۇتلاشمايدىغان بۇتلارنى چېقىۋېتىشى بىلەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئېغىر كۈندە قالدى . ئۇلار شۇندىن بېرى ھىندىلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ۋە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ تۇردى . ھىندىلار يەنە خۇددى ھازىرقى ئىسرائىلىيە توقۇغاندەك سەپسەتىدىن بىرنى توقۇپ ، بۇ جايدا ئەسلى مۇقەددەس بۇددا ئىبادەتخانىسى بار ئىدى . ئۇنى مەھمۇد غەزنەۋىدىن بابۇرشاھقىچە ئۆتكەن تۈرك - ئىسلام ھۆكۈمرانلىرى يوق قىلىپ ، ئۈستىگە مەسچىت سالغان دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئالىي سوتقىچە سۇنۇشتى . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى 2019 - يىلى 9 - نويابىر ئەمەلگە ئاشتى . شۇ كۈنى سوت مەسچىت جايلاشقان ئورۇننى ھىندىلارغا بۆلۈپ بەردى . يەنە شۇ يىلى 4 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ ، كەشمىر بىۋاستە يېڭى دېھلىغا قاراشلىق جايغا ئايلاندى . ئاقىۋەت ھىندى بايلار سەلدەك يامراپ كېلىپ ، بۇ جايدىن مۇقۇم ئۆي - مۈلۈك ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى . 2020 - يىلى 4 - ئاۋغۇست باش ۋەزىر مودى ئۆزى مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان بۇتخانىغا ئابىدە - ئۇلتاش قويۇپ بەردى . 500 يىللىق مەسچىت ئۈن - تىنسىز يوقىلىش باسقۇچىغا كىردى .

بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىي چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق .

2 . ئەقسا مەسچىتىنى چېقىپ تاشلاپ سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىش ۋە ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سېلىش ئۇرۇنۇشى :

مىلادىدىن بۇرۇنقى داۋۇت - سۇلايمان دەۋرىگە ئائىت ئىبادەتخانا مىلادى 70 - يىلى رىم ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن توزۇپ يوقالدى .
620 - يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ئاسمانغا سەپەر قىلغاندا مۇشۇ ئېرۇسالىمدا توختاپ ، بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى بىلەن تېپىشىپ ، ئوپچە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ، شۇ جايدىن ئاسمانغا قاراپ يول ئالغان . 640 - 642 - يىللىرى مىسىر ۋە پەلەستىن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى قۇددۇسقا بېرىپ ، شەھەرنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ ، بارچە دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يېرىگە كېلىپ ، بۇ قايسى جاي دەپ سورىغاندا ، خەۋەردار ساھابىلەر بۇ يەرنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ناماز ئوقۇپ ، ئاسمانغا چىققان يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان . خەلىپە ئۆمەر بۇ جايغا بىر مەسچىت سالدۇرغان . كېيىنچە خەلىپە ئابدۇمەلىك ئىسرا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن « قۇببە ساخرا » نى ياساتقان . شۇندىن بېرى تاكى 1097 - يىلغىچە مەسچىت شۇ پېتى تۇرغان . ئەمما شۇ يىلدىن 1187 - يىلغىچە داۋام قىلغان ئەھلى سەلپ ئىشغالىيەت دەۋرىدە مەسچىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، ئىچىدىكى بارلىق تەۋەررۈك نەرسىلەر يوق بولغان . 1187 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇددۇسنى قايتۇرۇۋالغان سۇلتان سالاھىددىن قايتىدىن مەسچىتنى چوڭ رېمونت قىلدۇرغان . شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسچىت تاكى 1917 - يىلى 9 - دېكابىر ئەنگلىيە ئىشغال قىلغان كۈنگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ( ئەييۇبىلار ، مەملۇكىلار ، ئىلخانىلار ، ئوسمانىلار ) قولىدا تۇرغان . 1947 - يىلغىچە ئەنگلىيە - ئەرەب بىرلەشمە قىسمى قوغداپ تۇرغان .
1948 - يىلى 14 - ماي ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان . ئەتىسى تۇنجى ئەرەب - ئىسرائىل ئۇرۇشى باشلانغان . كېيىنكى يىلى ئۇرۇش توختىغان . پەلەستىن 1947 - يىلى ب د ت بۆلگەن لايىھەنى رەت قىلىپ ، دۆلەت قۇرمىغان . ئەمما يەھۇدىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالغان . 1956 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە - ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى 2 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىغان . نىشان مىسىر بولغان . ئەمما ئامېرىكا بېسىم قىلىپ ، ئۈچ دۆلەت سىناي يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئەنگلىيە دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، ئامېرىكا دەۋرى باشلانغان . 1967 - يىلى 5 - ئىيۇندىن 10 - ئىيۇنغىچە ئىسرائىلىيە بىرلا ۋاقىتتا سۈرىيە، ئىئوردانىيە ، لىۋان ، پەلەستىن ۋە مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغاپ ، بەش كۈن ئىچىدىلا لىۋاننىڭ جەنۇبىنى ، سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى ، ئىئوردانىيەگە تەۋە غەربىي قىرغاقنى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان . ئەرەب ئەللىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ نومۇستا قالغان . شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇددۇسنى ئىشغال قىلىپ ، ئەقسا مەسچىتىنى قولغا ئالغان ئوڭقانات كۈچلەر ۋە ئاشقۇن دىنىي كۈچلەر دەرھال 280 مىڭ تاختايغا تەۋرات تېكسىتلىرىنى باستۇرۇپ ، كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى سۇلايمان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن . 1968 - يىلى بىر يەھۇدى ئەقسا مەسچىتىگە ئوت قويۇۋەتكەن. مەسچىت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . 53 يىلدىن بېرى ئاشقۇن كۈچلەر ۋە كونسېرۋاتىپلار ئىزچىل بۇ مەسچىتنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ كەلدى . ھەتتا ئەقسا مەسچىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر تۆپىلىككە سۇلايمان ئىبادەتخانىسى مۇزېيى قۇرۇپ ، يەھۇدى بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئاشۇ مەسچىتنى چېقىۋېتىپ ، ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىشنىڭ تولىمۇ شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈپ ماڭدى . سەبىي بالىلار ھەر كۈنى كۆز ئالدىدىكى ئىبادەتخانا مودېلىغا ۋە سىرتتىكى مەسچىتكە قارىسىلا ، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئىستەك يالقۇنجاپ تۇرىدۇ .

ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىلىرى:

1759 - يىلى ۋەتىنىمىز مەنچىڭ باندىتلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ، جاي - جايلاردا بۇددا ئىبادەتخانىلىرى سېلىنىپ ، قۇمۇلدىن قەشقەرگە كەلگىچە ۋاڭ - گۇڭلارنىڭ ھەيكەللىرىگە تازىم قىلماي ئۆتۈشنى مەنئىي قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئېغىر ھاقارەت قىلىندى . 1878 - يىلى خىتايلاشقان مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتىدىن يۇتۇۋېلىپ، بەدۆلەتنىڭ جەسىتىنى ھېيتگاھ مەيدانىدا چېپىپ كۆيدۈرۋەتكەندىن كېيىنلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى تاقىۋېلىپ ، ئۇنى زورلاپ بۇتخانىغا قىلىۋالغان . ئۇلار بۇ قېتىم ۋەتىنىمىزنى تۇنجى قېتىم يۇتۇۋالغان چيەنلوڭنىڭ « بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى يۈز مىڭ لەشكەرگە تېتىيدۇ » دېگەن تەلىماتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان . ئەمما قەشقەر خەلقى قوزغىلىپ كېتىپ ، ئۆلىمالار ئارىغا چۈشكەندىن كېيىن ، چاررۇسىيەنىڭ ھەربىي بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ليۇ جىنتاڭ ھېيتگاھتىكى ئالتۇن بۇتنى ياندىكى بىر باينىڭ قورۇسىغا يۆتكەپ چىقىپ كەتكەن . ئاۋام بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل يىغىش قىلىپ ، مىڭ تەستە خىتاي ليۇ جىنتاڭنى بۇ ئىشقا قايىل قىلغان .

1913 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر خەلقىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەسەتخور موللىلاردىن پايدىلىنىپ ، ھەدەپ مەسچىت سالدۇرۇپ ، ئۆز ئارا دۈشمەنلىكى بار چالا موللىلارنى بىر يەرگە خىزمەتكە قويۇپ ، ئاۋامنى شۇلارنىڭ قولى بىلەن باشقۇرغان . بۇنىڭ تەسىرى بەكلا يامان بولغان . بۇنى تولۇق ھېس قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلى زۇنۇننىڭ
« قوش مەسچىت » ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇڭ .
1937 - يىلدىن 1947 - يىلغىچە جاللات شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ تالاي مەسچىتلەرنى تاقاپ ، ياكى شۆتاڭغا ئۆزگەرتىپ ، ھەدەپ ئاتالمىش ئالتە بۈيۈك سىياسەت بىلەن ئۈچ مەسلەكنى تەشۋىق قىلىدىغان پارتىيە مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى ئۆلتۈرۈلگەن دىنىي ۋە مىللىي سەرخىللارلا 125 مىڭ كىشىدىن ئاشقان . ئادەتتىكى ئاۋامدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھېلىھەم ئېنىق ئەمەس .

1949 - يىلى ھازىرقى قىزىل خىتايلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ئۆلىمالار بىلەن بايلارنى تۈپتىن يوقىتىپ ، خەلقنى سەركىسىز قالدۇرۇپ ، ئارقىدىنلا ئۆزىگە ھەمكارلاشقان مىللىي كادىرلارنىمۇ تازىلاپ ، مىللىي ئارمىيەنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ، يۈرەكلىك ھالدا 1957 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مىللىي سوت ۋە مىللىي تەپتىشنى ( مەھكىمە شەرئى ) ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، 1966 - يىلدىن باشلاپ 1979 - يىلغىچە ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان . پەقەت ئازغىنە دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىق تەسىرى بار مەسچىتلەر تاقاپ قويۇلغان . ياكى ئىسكىلاتقا ئايلاندۇرۇلغان .

2017 - يىلى خەلقىمىز جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە مىليونلاپ قامالغاندىن كېيىن ، بوش قالغان بارچە مەسىچتلەرنى چېقىپ تاشلاپ ، يەنىلا بىر قىسىم ۋەكىللىك مەسىچتلەرنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان . چېقىلغان مەسىچتلەر ئورنىغا يا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى يا ئىشغالچى باندىتلارنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى قۇرۇلغان . چېقىلمىغان مەسچىتلەرمۇ يا قاۋاقخانا يا كىيىم تىككۈچى ئورۇنلارغا ئايلاندۇرۇلغان . ھەر بىر مەكتەپتە كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن . 1949 - 1976 - يىللىرى خەلقىمىز جاللات ماۋنىڭ ھەيكىلىگە تازىم قىلىشقا مەجۇرلانغان بولسا ، ئەمدى بالىلار شۇ ھەيكەللەرگە باش ئۇرۇشتىن سىرت ، خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە گەپ قىلىش ، خىتايچە غىزالىنىش ، ھەتتا خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلانغان . 2020 - يىلى 5 - ئىيۇلغا ئۈلگۈرتۈپ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا كۇڭزى ھەيكىلى تىكلەندى .

ھىندىستاننىڭ 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ ، يېڭى دېھلىغا باغلىۋالغىنىدىن ئىلھاملانغان خىتايلار 2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىنى پېكىنگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئاشكارىلىغان ( ھازىر مۇزاكىرە باسقۇچىدا ). تۈنۈگۈن چېقىلغان بابۇر مەسچىتى ئورنىغا ، بۈگۈن ھىندى ئىبادەتخانىسى سېلىنىش ئۈچۈن لېنتا كېسىلدى . يەنە ئەزمىلىك قىلىپ ، ئۆز ئارا ئېغىز ئۇرۇشى قىلىپ ، پەسلىشىپ يۈرسەك ، ئەتە قەشقەر ھېيتگاھ ئورنىغا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى،
ھەسسۇلتان مازىرى ئورنىغا چىن شىخۇاڭنىڭ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ئورنىغا خەن ۋۇدىنىڭ، ئۇۋەيسخان مازىرىغا چيەنلوڭنىڭ ، سەئىدخان مازىرىغا ئىپلاس ماۋ ، ياكى قايسىبىر ۋاڭنىڭ خاتىرە سارىيى سېلىنىدۇ خالاس ....

خۇلاسە شۇ بولدىكى ، ئۇيغۇرلار پەقەت ۋە پەقەت كۈچلۈك بولۇشقا مەجبۇر . باشقا ھېچقانداق ھالەت بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ .
بىز گەپنى بەك جىق قىلىۋەتتۇق . ئەمما يەنىلا ئەمەلىي ئىشتىن ئەسەر يوق . قىلىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلاردىن پۇتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپ . بۇ ھالدا ۋەتىنىمىز ، خەلقىمىز ، بارچە تەۋەررۈكلىرىمىزغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولالامدۇق ؟!!

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست.  غەزەپلىك چارشەنبە.
10

رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى ۋە ئۇنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆرسىتىدىغان سىياسىي تەسىرى ھەققىدە :

1 . پۇتىن موڭغۇلىيەدە نېمىش قىلىۋاتىدۇ ؟!

تۇنجى قېتىملىق رۇسىيە - موڭغۇلىيە بىرلەشمە ھەربىي مانىۋېرى « سېلىنگا 2020 » قىزىپ  كەتتى :

بۇ يىل 8 - ئىيۇل رۇسىيە دۆلەت دۇماسى تەستىق سالغان رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئۈنۈمىنى كۆرسىتىشكە باشلىدى . باندىتلار شۇ كۈنىلا چوقان كۆتۈرۈپ ، مەزكۇر كۈچلۈك ھەربىي ئىتتىپاقنىڭ دەل ئۆزلىرىنى نىشانلىغانلىقىدىن قاقشاپ كەتكەن ئىدى . ئۇنداقتا رۇسىيە - موڭغۇلىيە ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلانغان ؟! ئورۇسلار بىلەن موڭغۇللارنىڭ ئىتتىپاقى قاچاندىن باشلاپ داۋام قىلغان ؟!

2 . ئورۇس - موڭغۇل مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى ۋە كۈنسىرى راۋاجلىنىشى :

ھەممىگە مەلۇمكى ، چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم شاھلىقىنى يوقىتىپ ، دەشتى قىپچاقتىكى كۆچمەن قەۋملەرگە ھۇجۇم قىلغان. موڭغۇل قوشۇنى 1223 - يىلى ئىيۇندا ئورۇسلارنى تۇنجى قېتىم مەغلۇپ قىلغان .

1223 - يىلى 31 - ماي جەبە بىلەن سۇبوتاي باشچىلىق قىلغان قوشۇن ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن كالكا دەرياسى بويىدا جەڭ قىلغان . چىڭگىزخان 1221 - يىلى خارەزىم خانلىقىنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئىككى يىل ئۇدا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، شاھزادە جالالىددىننى ھىندىستانغا ، قالدۇق قوشۇنلارنى ئىرانغا ، قىپچاق قەبىلىلىرىنى قارا دېڭىز بويلىرىغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان. ئىككى نويان دەشتى قىپچاقنى كېسىپ ئۆتۈپ قىپچاق بەگلىرىگە ھوجۇم قىلىشقا كەلگەندە بىزدىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈپ تۇرغان ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىگە دۇچ كەلگەن . ئەمما موڭغۇللار ئارىسىدىكى تۈركىي چەۋەندازلار ۋە كاماندازلارغا تايىنىپ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . كېيىنچە چىڭگىزخاننىڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان 1236 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ غەرپكە يۈرۈش قىلغاندا تۇنجى ئورۇس خانلىقى 1239 - يىلى يوق قىلغان . 1240 - يىلى پۈتۈن ياۋروپا ۋەھىمىدە قالغان .

1223 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر - تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە ،  كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش  ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن . 1236 - يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار  ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 - يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان . 1238 - يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 - يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ ، 1241 - يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان . ئارقىدىنلا غەربىي ياۋروپاغا بېسىپ كىرگەن .

1241 - يىلى 9 - ئاپرىل تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنى تۇرشاۋۇل قىلغان موڭغۇل قوشۇنى باغدار نوياننىڭ باشچىلىقىدا ھېنرى باشچىلىقىدىكى پولشا - گېرمان بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، غەربىي ياۋروپاغا كىرىشتىكى توسالغۇنى سۈپۈرۈپ تاشلىغان . غەزەپلەنگەن كاتولىك دۇنياسى موڭغۇللارغا ئەل بولغان ئورۇسلارنى باش جىنايەتچى ، موڭغۇللارنى كاتولىك دۇنياسىغا باشلاپ كەلگەن مىللىي مۇناپىقلار دەپ قاراپ ، گېرمان ئەھلى سەلپ ئارمىيىسى قۇرۇپ ، ئورتودوكۇس مەزھىپىدىكى ئورۇسلارغا دىنىي ئۇرۇش قوزغىغان . بىراق 1242 - يىلى مۇز كۆل ئۈستىدە ئورۇس كىنەزى ئىسكەندەر ياروسلاۋ ئۇلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان . ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي قاغان ئۆگەدەيخاننىڭ ئۆلۈم خەۋىرى تۈپەيلى ، باتۇخان غەربكە يۈرۈش قىلغان ئارمىيىسىنى قايتۇرۇپ كەتكەن . يۇقىرىقى ئىسكەندەرنىڭ غەلىبىسىمۇ باتۇخاننى چېكىنىش قارارى بېرىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن . چۈنكى ئەگەر ئىسكەندەر خائىنلىق قىلىپ ، ئېتىل ۋە ئۇرالنى بېسىۋالسا، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ شەرق بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ئارقا سەپ تەمىناتى ئۈزۈلۈپ قالاتتى . شۇڭا باتۇخان تېزلىكتە ئۇرال ۋە ئېتىل بويىغا قايتىپ كېلىپ ، بارلىق ئىستراتېگىيىلىك جايلارغا ئەسكەر قويغان . ئەپسۇس ، ئۇنىڭغا قايتا غەرپكە يۈرۈش قىلىش پۇرسىتى نېسىپ بولمىغان . بەلكى ئۇنىڭ جىيەنى ھىلاكۇخان ئاكىسى مۆڭكۈخاننىڭ قوللىشى بىلەن شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان موڭغۇللاردىن قان ئىچەر قوشۇن تەشكىللەپ ، ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلغان . چۈنكى ئەينى ۋاقىتتىكى قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلارنىڭ تەۋەسىدىكى مۇسۇلمان جەڭگىۋارلار موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنى تەشكىل قىلغان بولۇپ ، ئۇلار ھەم دىنىي ھەم مىللىي قېرىنداشلىرىغا ئۇرۇش ئېچىشقا قارشى ئىدى .
1242 - يىلى پولشانى ئېلىپ ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان .ئىسكەندەر تاكى 1260 - يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان .

قاراقۇرۇمغا قايتىش ياكى ياۋروپانى تولۇق بويسۇندۇرۇش ، ئىسكەندەرنى يىغىشتۇرۇش ياكى چېقىلماسلىق ھەققىدە باتۇخان كېڭەش چاقىرىدۇ . كېڭەشتە سۇبۇتاي ۋە چىڭگىزخاننىڭ سادىق نۆۋكەرلىرى بىردەك ئۇنىڭ « ئاخىرقى دېڭىزغىچە ئىشغال قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش » نى تەشەببۇس قىلغان.
سوبۇتاي ئارقىدىن بۇ ۋەسىيەتنىڭ شەرقتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ئەمدى غەرپتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇراھمان ۋە خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرمۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىشنى قوللىغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھىلاكۇ ۋە تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان باتۇخان قايتىشقا مايىل بولغان . چۈنكى ئۇ ھازىر چىڭگىزخان جەمەتى ئىچىدىكى ھەم ياشتا ھەم مەرتىۋىدە يۇقىرى خان بولۇپ ، چوڭ قاغاننى ۋە چاغاتاي خانىنى سايلاش ئىشى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . ئورتاق قارارغا كېلەلمىگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئايرىلىشنى توغرا تاپتى .

سوبۇتاي ئىسكەندەر ھەققىدە :« سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاس بالىسى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەمما ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تاغقا چىقىۋېلىپ ، تىرناق ۋە سۆڭەكلىرى قېتىۋالسا ئۇ چاغدا زور بالا - قازاغا ئايلىنىدۇ » دەپ باتۇخاننى ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ئىسكەندەر باتۇخانغا قىلچە سەمىمىيەيسىزلىك قىلمىغاچقا، باتۇخان ئىسكەندەرگە جازا يۈرۈشى قىلشىنى توغرا كۆرمىگەن . سۇبۇتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئىنتىقامچى ئابدۇراھمان ۋە باشقا مۇسۇلمان - تاتار جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ياۋروپادا قېپقالغان . باتۇخان ئابدۇراھماننى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق نائىپ خان ، يېسۇنوغاينى سۇباشى ، سۇبوتاينى باش مۇشاۋۇر قىلىپ قالدۇرۇپ ، ئۆزى قاغان سايلاش ئۈچۈن قارا قۇرۇمغا قايتىپ كەتكەن .

ئۆگەدەيخان 1241 - يىلى 12 - دېكابىر ئۆلگەندىن كېيىن ...

ئۆگەدەيخان ئۆلۈپلا ، ئۇنىڭ خوتۇنى تۈركىنا خوتۇن ئۇدا بەش يىل موڭغۇل قاغانلىقىنى باشقۇرۇپ ، ئاندىن تەختنى ئوغلى كۆيۈكخانغا ئۆتكۈزۈپ بەردى . 1246 - يىلى 25 - ئاۋغۇست كۆيۈكخان رەسمىي قاغان قىلىپ سايلاندى . بىراق بۇ كالۋا كۆيۈكخان تاغىسى باتۇخانغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ مەغلۇپ بولغاننى ئاز دەپ ، 1248 - يىلى ئالتۇن ئوردىغا جازا يۈرۈشى قىلىش يولىدا ئۆلدى . ئاقىۋەت باتۇخان قاغانلىقنى ئۆگەدەي جەمەتىنىڭ قولىدىن تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا ئېلىپ بەردى . 1251 - يىلى باتۇخان كۆيۈكخاننىڭ خوتۇنى ئوغۇل قايمىشنى يوقىتىپ ، تولۇينىڭ ئوغلى مۆڭكۈ( مەڭگۈخان ) نى قاغان قىلدى . مەڭگۈخان ئىنىسى ھىلاكۇنى ئالامۇت قورغىنى ، ئابباسىيلار ، سالجۇقىلار ۋە ئەييۇبىلارنى يوقىتىشقا ئەۋەتتى . ئۆزى خىتاينى تولۇق بويسۇندۇرۇش يولىدا 1259 - يىلى يازدا سىچۇەندىكى دايۈي تېغىدا ئوق تېگىپ ئۆلدى .
1265 - يىلغىچە ئۇنىڭ يەنە بىر ئىنىسى ئارىق بۇقا يەنە بىر ئىنىسى قۇبلاي بىلەن تەخت تالاشتى . ھىلاكۇ ئىككى قېرىندىشىنى ئەپلەشتۈرەلمەي ، قۇبلاينى قوللاپ ، ئاخىرى قۇبلاينىڭ رۇخسىتى بىلەن تەبرىزدىكى ئىلخانىلار خانلىقىنى قانۇنلۇق قىلىۋالدى. بىراق ئۇمۇ 1265 - يىلى 8 - يانۋار تەبرىزدە ئۆلدى.

ئۇنداقتا بۇ ئىسكەندەر زادى كىم بولىدۇ ؟! ئۇنىڭ ئورۇسلار ئىچىدىكى ئورنى قانچىلىك ؟!

3 . ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رۇسلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىسى:

ئىسكەندەر بولسا، ئاددىي رۇس كىنەزى ياروسلاۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1220 - يىلى 13 - ماي موسكۋادىن 140 كىلومېتىر شىمالدىكى « ياروسلاۋ زالىسكىي » رايونىدا تۇغۇلغان . 1263 - يىلى 14 - نويابىر « نوۋگورد ئوبلاستى» دا ۋاپات بولغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان ۋە بەركە خانغا سادىق بولغان . ئۇ خۇددى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن سادىق بولۇپ ، رۇسلارنى ساقلاپ قالغان . ئۇنىڭ شۇ تۆھپىسى بىلەن رۇسلار بۈيۈك پېتىرنىڭ دەۋرىگە ئۇلاشقان بولسا ، پېتىرنىڭ تەدبىرى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئاتامانىغا ئايلاندى .

ئۇنىڭ دادىسى ياروسلاۋ 1191 - يىلى ئوغلى ئىسكەندەر تۇغۇلغان جايدا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ ، 1201 - يىلدىن 1206 - يىلغىچە شۇ جايلارنىڭ كىنەزى بولغان . 1236 - 1238 - يىللىرى بۈيۈك كىيېۋ كېنەزى بولغان . ئاندىن كېيىن باتۇخان كۆپ ياردەم قىلغاچقا ، شۇ يىلدىن باشلاپ 1246 - يىلغىچە بۈيۈك ۋىلادىمىر كېنەزى بولغان . ئۇ 1245 - يىلدىكى قاغان سايلىمىغا باتۇخان بىلەن بىللە بارغان بولۇپ ، 1246 - يىلى كۈيۈكخان ئۆگەدەيخان ئورنىغا قاغان بولغان نەخ مەيداننى كۆرگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى 1246 - يىلى 30 - سېنتەبىر ئاغرىپ قېلىپ ، قاراقۇرۇمدا ۋاپات بولغان . شۇ ۋەجىدىن ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەبرىسى بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى 1912 - يىلى ، 1924 - يىلى ۋە 1947 - يىلى موڭغۇلىيەنى تولۇق تىزگىنىگە ئالغان .

 1240 - يىلى شېۋىتسىيە ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان . 1242 - يىلى مۇزلۇق كۆل ئۈستىدە گېرمانلار باش بولغان ياۋروپا ئەھلى سەلپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى رۇس دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان تارىخىي شەخس بولۇپ، ئۇ خۇددى چىڭگىزخان بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېيىنچە ئۇلار ئاجىزلاشقاندا رۇسلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان بولۇپ، ئەنە شۇ ئەقىللىق ئىسكەندەرنىڭ ۋاستىسىدە 1382 - يىلى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان رۇسلار 1484 - يىلى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى . 1501 - يىلى ئالتۇن ئوردۇ پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسلار 1547 - يىلى چار پادىشاھلىق قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى، 1557 - يىلى ئېتىل بويىدىكى ئاستراخان خانلىقىنى، 1639 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى ، 1689 - يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ، 1733 - يىلى قازاق دالاسىنى يۇتۇۋېلىپ، 1747 - يىلى ئىمپىرىيەگە ئايلاندى . 1783 - يىلى قىرىمنى ، 1789 - يىلى قارا دېڭىز ساھىللىرىنى ، 1828 - يىلى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى،  1847 - يىلى كېنىسارى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، 1864 - يىلى كاۋكازنى، 1865 - يىلى قوقاننى بويسۇندۇرۇپ، 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ، 1868 - يىلى بۇخارانى، 1869 - يىلى خارەزىم خانلىقىنى، 1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ، 1881 - يىلى مانجۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا بۆلۈشۈپ، 1895 - يىلى پامىرنى يۇتۇۋالغان . شەرقتە ياپونىيە باش كۆتۈرۈپ، 1904 - 1905 - يىللىرى چاررۇسىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رۇسلار ياپونغا قارشى ئىزچىل خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى. بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق يۈز يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . پەقەت 1969 - يىلى سوۋېتلەرگە قارشى خىتاي - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا كەلدى. ھازىر خىتاي يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. رۇسلارمۇ 1969 - يىلدىكى خىيانەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق. « ئىسكەندەر » نى كالىنىنگرادتا ياكى شىمالىي قۇتۇپتا سىناق قىلماي، قازاقىستاندا سىناق قىلغىنى بەلكىم 1969 - يىلى ئىككى مىڭ يادرو قورالىنى تىكلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر چوڭ شەھىرىنى نىشانغا ئالغان قورقۇنچلۇق ۋاقىتلاردىكىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بولماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللىمايدىغان بىر دۆلەت . پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدىلا يۈزسىزلىك قىلالايدۇ .

  2019 - يىلى 21 - سېنتەبىر  شەنبە

4 . « يېڭى سىتالىن » ۋىلادىمىر پۇتىن چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىماقتا :

رۇسىيە ئاۋام پالاتاسى كېڭىشى بۇ يىل 8- ئىيۇل بېلەت تاشلاپ ، موڭغۇلىيە بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى تەستىقلىدى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى 2 ھەپتە بۇرۇنلا كېلىشىمنى تەستىقلىدى. شۇنداق قىلىپ يېڭى سىتالىن قايتىپ كەلدىدە ، چوڭ ئىشنى يەنىلا موڭغۇلىيەدىن باشلىدى .

1939 - يىلى يازدا سىتالىن موڭغۇلىيەگە بولۇشۇپ ، ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى بىلەن ئۇرۇشقان . 1945 - يىلى يەنە موڭغۇلىيە ئارقىلىق مانجۇرىيەگە بېسىپ كىرىپ ، ياپونىيە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان . مانا ئەمدى پۇتىنمۇ ئىشنى موڭغۇلىيەدىن باشلاپتۇ . نىشان ئېنىقلا خىتاي . چۈنكى ھازىرقى خىتاي دەل يۈز يىل ئىلگىرىكى ياپونىيەنىڭ ئۆزى بوپقالدى .

سىتالىنمۇ موڭغۇلىيەنى بازا قىلىپ دۈشمىنى ياپونىيەنى يەڭگەن . يېڭى سىتالىنمۇ شۇنداق قىلىپ ، يېڭى دۈشمىنى خىتاينى گەجگىسىدىن بوغماقچى بوپتۇ . ھەممىگە مەلۇمكى پۇتىن قىستاپ كېلىۋاتقان يۆنىلىش ۋە نىشان بەئەينى غالدان 1690 - يىلى 5 - ئىيۇلدا مەنچىڭ ئاستانىسى پېكىنگە 700 چاقىرىملا كېلىدىغان ئۇلانبۇتۇن يولى دەل شۇ . تېخى باياملا يىراق شەرقتە ئاۋازدىن تېز ئۇچىدىغان راكېتا سىناق قىلغان ئىدى . ئەمدى موڭغۇلىيەنى بالا قىلىۋاپتۇ :

5 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە     تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

6 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

2020 - يىلى 9 - ئىيۇل.  مەستخۇش پەيشەنبە.

7 . ھەر يىللىق « سېلىنگا ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە قىسقا ئەسلەتمە :

روسىيە - موڭغۇلىيە مانېۋىرىنىڭ «سېلىنگا -2017» پىلانىنى يولغا قويۇشنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇزاكىرىسى ئۇلانباتوردا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

روسىيە ۋە موڭغۇلىيە تەرەپلەر «سېلىنگا -2017» بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىنىڭ تەييارلىق يىغىنىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ۋە ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىپ ، بۇ تەييارلىقلارنىڭ بۇ يىل مارتتا ئۇلان-باتور (موڭغۇلىيە) دا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.

روسىيە شەرقىي ھەربىي رايونى ۋە موڭغۇلىيە قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىرىنچى باسقۇچلۇق كېڭىشىش جەريانىدا ، پات ئارىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مانېۋىر ۋە مانېۋىرنىڭ ئورنى توغرىسىدا بىردەكلىك ھاسىل قىلىدۇ ، ئۇندىن باشقا مانېۋىرغا قاتنىشىدىغان كۈچ ۋە ۋاسىتىلەرنىڭ سانى ، ھەربىي مانېۋىرغا قاتناشقۇچىلارنىڭ دۆلەت چېگراسىدىن ئۆتۈش ۋە ئەشيا ئوبوروتى مۇلازىمىتىنى تەشكىللەش يوللىرى قاتارلىقلارمۇ ئورتاق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، روسىيە-موڭغۇلىيە بۇندىن بۇرۇن «سېلىنگا - 2016» بىرلەشمە مانېۋىرى ئۆتكۈزگەن بولۇپ ، 2016 - يىلى 20-ئاۋغۇستتىن 7-سېنتەبىرگىچە رۇسىيەنىڭ زابايكالې (بايكال كۆلى) رايونىدىكى «تسۇگول» مەشىق مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلغان . 2016 - يىلى 17 - مارت رۇسىيە شەرق ھەربىي رايونى باياناتچىسى ئالېكساندىر گوردىيېفنىڭ ئېيتىشىچە ھەر ئىككى تەرەپتىن مىڭ ئەسكەرنىڭ قاتنىشىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن ئىدى.

مەنبە : رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تور بېتى . 2017 - يىلى 1 - فېۋرال 08:39

بۇ يىل مارتتا ، موڭغۇلىيە زېمىنى رۇسىيە - موڭغۇلىيەنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش مانېۋىرىغا شاھىت بولىدۇ ، ھەربىي مانىۋېر  ئىسمى «سېلىنگا - 2017» بولىدۇ. كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان نۇقتا شۇكى ، شى جىن پىڭ دەل مۇشۇ ھەربىي مانىۋېر باشلىنىش ھارپىسىدا ۋەتىنىمىزدە قوزغىغان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلەر كىشىنى چوڭقۇر ئويلاندۇرىدۇ.

ئەنە شۇ 2017 - يىلى فېۋرالدىن باشلاپ ،
مىللىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ ئالدىن پىلانلانغان زور سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. 2017 ـ يىلدىكى 14 ـ فېۋرال «گۇما پىچاقلاش ۋەقەسى»،1 ـ مارتتىكى «ئۇيغۇر زۇۋان دائىشلارنىڭ خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىدەك قان ئاققۇزۇش تەھدىتى»،2 ـ مارتتىكى « تىمساھنىڭ كۆز يېشى»، شى جىن پىڭنىڭ 10ـ مارتتىكى 5800 كىلومېتىرلىق سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش چاقىرىقى، 11 - مارتتىكى ئىسرائىلىيە ئىستىخبارات تەرەپنىڭ بىردىنلا « ئون مىڭ ئۇيغۇر جىھاتچى سۈرىيەدە ئۇرۇش قىلماقتا » دېگەن خەۋىرى ، ئارقىدىنلا
ھاپىلا ـ شاپىلا ساختا ئاۋازغا قويۇلۇپ،شۇ
ھامان ماقۇللانغان«ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،2017 ـ يىلى 1 ـ ئاپرىلدىن باشلانغان«قىزىل قىيامەت» تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا !!! بۇ سىرلارنىڭ جاۋابى تېخىچە ئوتتۇرىغا چىققىنى يوق . چۈنكى بىز ئەتراپىمىزدا بولۇۋاتقان ئىشلار ۋە ئوينىلىۋاتقان ئويۇنلاردىن بىخەۋەر ھالدا ئۆز ئىچىمىزدە ئويۇن قويۇپ يۈرۈۋاتىمىز.

« سېلىنگا 2020 ھەربىي مانىۋېرى » ھەققىدە :

قەھرىتان سوغۇققا قارىماستىن باشلىنىپ كەتكەن مەزكۇر ھەربىي مانىۋېر ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ يەنىلا كىمنى ئەڭ چوڭ تەھدىت دەپ قارايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . مەزكۇر مانىۋېر ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى سىن لېنتىسى بۈگۈن 2 - نويابىر رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن تارقىتىلدى .

خۇلاسە :

چاررۇسىيە ( ئاق ئورۇس ) ئىمپىرىيىسى مىلادى
1852 - يىلى ۋەتىنىمىزدە تۇنجى كونسۇلخانا قۇرۇپ ، ئالمائاتادا « ۋېرنىي قورغىنى » نى ياساپ ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ بىاپايان غەربىي تۈركىستاننى ئىستىلا قىلىپ ، 1867 - يىلى ئىيۇندا تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، ئون يىلدىلا خىۋە خانلىقى ، بۇخارا خانلىقى ، قوقان خانلىقى ۋە ئىلى تارانچى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ كۈچىيىپ كەتكەن ئورۇسلارغا ئوبدان قاراپ باقساق ،
1869 - يىلى مۇز داۋانغا تاجاۋۇز قىلغىنىدىن باشلاپ ھېساپلىغاندا ، ئۆتكەن 151 يىل جەرياندا ئەجداتلىرىمىز رۇس مەسىلىسىنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلالمىغاچقا ، چاررۇسىيە
1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى بېسىۋېلىپ ،
1881 - يىلى 12 - فېۋرال سېسىق نامى پۇر كەتكەن « تۈركىستاننى بۆلۈشۈش كېلىشىمى» ئارقىلىق غەربىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى قانۇنلاشتۇرۇۋالغان بولسا ، ئەسلىدە ۋەتىنىمىزگە تەۋە جايدىن ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدا مۇنبەت تۇپراقنى يۇتۇۋالغان . 1945 - يىلىدىكى يالتا كېلىشمىدە ۋەتىنىمىز قايتىدىن موڭغۇلىيە ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىنغان بولسا ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى كېلىشىمدە بەلگىلەنگەن ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەت قۇرۇش پىلانى سىتالىننىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلىدىن سۇغا چىلىشىپ ، ئورنىغا 1955 - يىلى 10 - ئايدا ساختا ھەم ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى شەكىل ئاپتونومىيە بېرىلگەن . بىز يەنىلا 151 يىللىق رۇس مەسىلىسىنى توغرا ھەل قىلماي تۇرۇپ نۆۋەتتىكى پاتقاقتىن تولۇق قۇتۇلالمايمىز !
تارىختىكى بارلىق مەسىلىلەر يىغىلىپ قالدى. ئوشۇق ۋاختىمىز ۋە ئوشۇق ئادەم كۈچىمىز يوق . پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن بىر - بىرلەپ ھەل قىلماقتىن باشقا ئىلاجىمىز يوق .

بۇ يىل 5 - مارت رۇسىيە ئاساسى قانۇننى تۈزىتىپ ماقۇللىدى . مەزكۇر ئاساسى قانۇن رۇسىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشىنى بەلگىلەيدۇ . بىز ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشتىن نېسىۋېمىزنى ئېلىۋېلىشىمىز كېرەك ! « يامانلىغان تىلەمچىنىڭ خورجۇنىغا زىيان ! » دەيدۇ ئەجداتلار ! بىز رۇسلاردىن 150 يىل يامانلاپ يۈردۇق . پەس خىتايلار 150 يىل قانچە خورلۇق تارتسىمۇ ئورۇسلارنىڭ كەينىدىن سوكۇلداپ يۈرۈپ بۈگۈنكى دۇنياۋىي كۈچلۈك ئەلگە ئايلاندى.
« بىز ھەم ئۆزىمىزدىكى كىبىرلىك ، ھەم ئۆزىنى كەمسىتىدىغان ئاكىسىراش ئىللەتلىرىنى كېلەر يىلغا قالدۇرماي تۈپتىن يوقىتىشىمىز كېرەك !».

« ئەجداتلارنىڭ خۇشاللىقى بىزنىڭ خۇشاللىقىمىز، ئۇلارنىڭ قايغۇسى بىزنىڭ قايغۇمىز ۋە دەردىمىزدۇر! ئەگەر بۇنداق بىر ئورتاقلىق بولمايدىكەن، ئۇنداقتا تارىخ بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ!» . 
سايرام ئوغلانى

يۇقىرىقى مەزمۇنلار ئاساسلىقى رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى ، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتىدىن قىسقارتىپ ئېلىندى . بىزگە ئالاقىدار قىسىملىرى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇننىڭ ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزگە ئالاقىدار ئەسەرلىرىنىڭ خۇلاسىسى ، شۇنداقلا ئومۇمىي دۇنيا ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىنى تەھلىل قىلغان ئاكادېمىك يازمىلىرىدىن قىسقارتىپ سۇنۇلدى.

ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 2 - نويابىر.  دۈشەنبە.
بەت1 2 3 ... 10