2021/11/28 00:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


چىگرا ھالقىغان خىياللار

يوللىغۇچى: Azat Arkal, 2019/04/17 10:17

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Azat Arkal


                                                                                چىگرا ھالقىغان خىياللار
                                                                                   
                                                                                       ئەدەبىي خاتىرە
                                 
                                                                                      نەبىجان تۇرسۇن

قوللىرىغا پاسپورت ئېلىپ چەتئەلگە چىقماقچى بولغان كىشىلەرنىڭ ئەشۇ چېگىردىن ئۆتىـدىغان مىنـۇتلارنى تەققەزالىـق بىـلەن كۈتـۈپ جىددىلىـشىپ يـۈرگىنىنى كۆرگىنىڭىزدە،ئۇلارغـا تەسـەللى بەرگۈڭىز،سەپىرىگە ئاق يول تىلىگىڭىز كېلىدىغاندۇ؟ئەشـۇنداق گـۈزەل پۇرسـەتكە سـىزنىڭمۇ ئېرىشكۈڭىز كېلىدىغاندۇ؟!
1990-يىلى 23-مارت. بېيجىڭدىن ئۇچقان سوۋىت ئىتتپاقىنىڭ ئايرۇپىلانى شۇ كۈنى مۇسـكىۋا ئايرودرومىغا چۈشۈپ، تاموژنىدىن ئۆتـۈپ سـىرتقا چىققانـدىن كېيىن، مۇسـكۋا كېچىـسنىڭ نەمخـۇش ھاۋاسىدىن تۇنجى نەپەس ئالغاندا، كاللامدا چاقماق تىزلىكىدە «يالت» قىلىـپ ئـۆتكەن بىچـارىلىق، تەنھالىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى مېنى ئىختىيارسىز ھالدا بەش مىڭ كىلومېتىر يىراقتا قالغان ئاشـۇ ئانـا ۋەتەن تەرەپكە قاراپ ئېغىر ئۇھ تارتىشقا ھەمدە «ۋەتەن » دىن ئىبارەت مۇقەددەس ئاتـالغۇ ھەققىـدە تەپەككۇر يۈرگۈزۈشكە مەجبۇرلىدى. ئون قېتىملاپ دۆلەت چېگىرسـىدىن كىرىـپ-چىقىـپ يـۈرۈپ، ۋەتەندىن ۋاقىتلىق ئايرىلىش پىسخىكىسى مەن ئۈچۈن خېلىلا كونىراپ قالغان بولسىمۇ، لـېكىن ئەشـۇ بىچارىلىق، مۇساپىرلىق تۇيغۇلىرى ھەر قاچان، ھەر مىنۇت مەندىن ئايرىلماي كەلدى.
ۋەتەن دىگەن نېمە؟ ئۇ نېمىشقا شۇنچىلىك مۇقەددەس ۋە ئۇلۇغ؟
 ۋەتەن دىگەن بـۇ ئىبـارە ھەققىدە بىرلىككە كەلگەن ئىزاھات شۇنىڭدىن ئىبـارەتكى: ۋەتەن كىـشى تۇغۇلـۇپ ئۆسـكەن ۋە ئۆزىنى ئۇنىڭ گىراژدانى ھېساپلايدىغان مەملىكەت ياكى ئانـا يـۇرت. مۇنـداقچە قىلىـپ ئېيتقانـداق، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا زېمىن.
ۋەتەننىڭ نەقەدەر ئۇلۇغ، نەقەدەر مۇقەددەس ئىكەنلىكىنى ۋەتەندىن ئايرىلىپ يـات ئەلـلەرگە قەدەم قويغاندا تېخىمۇ ياخشى بىلىش مۇمكىن. گەرچە ھەممىلا ئىنساننىڭ قەلبى ۋەتەن مېھرى، ۋەتەن مۇھەببىتى، ۋەتەن ساداقىتى بىلەن سۇغۇرۇلغان ھەم بۇ خىل ساداقەت ئىنسانلارنىڭ تەبئى تۇيغۇلىرىدىن بىرى بولسىمۇ، لېكىن ئۆز ۋەتىنىدە يۈرگىنىدە ۋەتەننىـڭ نـېمە ئىكەنلىكىنـى، ۋەتەن مۇھەببىتىنىـڭ، ۋەتەن قەدرىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يەتـمەك تەس. ۋەتەنـدىن ئايرىلىـپ ياشـىغان ئەشـۇ مۇسـاپىرلىق كـۈنلىرى ھايـات لەززىتـى گويـا تـۇزى تەڭـشەلمىگەن تائامـدەك سـىزگە ھـۇزۇر بېغىـشلىيالمايدۇ. چاڭقىغـان دىللارنـى قاندۇرالمايـدۇ. ھامـان تۇرمۇشـۇڭ مۇھتـاجلىق، كۆڭلـۈڭ يېرىمچىلىق ئىچىدە ئۆتىدۇ .باشقىلارنىڭ گىدىيىپ يۈرۈشلىرىگە قاراپ ئىچى تارلىقىڭ، ھەسەت قىلغـۇڭ كېلىدۇ .باشقىلارنىڭ ئاسـمىنىدا لەپىلـدەۋاتقان بايراقلىرىغـا قـاراپ، دۆلەت گېمىنىنـى ئـاڭلاپ يـاش تۆككۈڭ كېلىدۇ.
1990 -، 1991-يىللىرى سوۋىت ئىتتپاقى يىمىرلىـشنىڭ ئالدىـدىكى مۇسـكۋانىڭ قىينچىلىـق كۈنلىرىدە، ئۇيغۇرچە لەغمەن، مانتىلارنى يەپ، ئۇيغۇرچە سۆزلىشىش، ئۇيغۇرچە ناخشا-مۇزىكا ئـاڭلاپ، ئازراق بولسىمۇ ئۇيغۇرچە تۇرمۇشنىڭ لەززىتنى تېتىپ، مۇسـكۋا ھايـاتى ئۈچـۈن مەنىـۋى ۋە جىـسمانى ئېنېرگىيە توپلاش مەقسىتىدە پات-پات ئالمائاتاغا باراتتىم. ئۇ يەردە ياشايدىغان يۈز مىڭـدىن ئـارتۇق ئۇيغۇر ئائىلىسى كىشىگە ياۋرۇپا ئۇسلۇبى ئارىلاش ئۇيغۇرچە ھاياتتىن لەززەت بېرەلەيتتى .مۇسـكۋادىن ئالمائاتاغا كۈندە بىر قېتىم ئايروپىلان ئۇچاتتى. بېلەت باھاسىمۇ ناھايتى ئەرزان بولۇپ، شـۇ چـاغلاردا ئوتتۇرا سەۋىيىدە مائاش ئالدىغان بىر كىشى مائاشـىغا ئىككـى قېـتىم مۇسـكۋاغا بېرىـپ كېلەلەيتـى. بۈگۈنكى كۈندە بېلەت باھاسى يۇقىرلاپ 250 ئامېرىكا دوللىرى سەۋىيسىگە يەتتـى. ئەينـى ۋاقىتتـا بېلەت باھاسى ئەشۇنداق ئەرزان بولغاچقا مۇسكۋاغا بېرىپ كېلىدىغانلارمۇ ناھايتى كۆپ بولۇپ، بـېلەت بەك قىـس ئىـدى .لـېكىن يەنىـلا ھەر خىـل چـارىلەر بىـلەن بـېلەت سـېتىۋېلىپ سـەپىرىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرەتتۇق. ئاۋىئاتسىيە قائىدىسى بـويچە چەتـئەللىكلەر ئـايرىم تەكـشۈرۈش ئۆتكىلىـدىن ئۆتۈپ ئايرۇپىلانغاچىقاتتى.قىزىق يىرى شۇكى، ئۇچاغلاردا ھەرقېتىم ئالمائاتاغا بارغاندا مەن پەقەت بىرلا چەتئەللىك بولۇش سالاھىيتىم بىلەن ئايرىم تەكشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتۈپ، ئايروپىلانغا چىقاتتىم. قىسقى ھەر دائىم دېگۈدەك يالغۇز چەتئەللىك بولۇپ ئۇچاتتىم. ئايروپىلان كۈتكـۈچىلىرى ۋە سـاقچى
خادىملىرى ماڭا ئالاھىدە ھۆرمەت بىلدۈرگىنىدە ئۆزۈمنىڭ چەتئەللىـك ئىكەنلىكىمـدىن پەخىرلىنىـپ كېتەتتىم. سوۋېت ئىتتپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، قازاقىستان ۋە باشقا ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرى مۇستەقىل بولـۇپ، يەنە بىـر قـانچە قېـتىم بـۇ خىـل ئۇيغـۇرچە ھايـاتتىن لەززەتلىـنىش سـەپىرىمنى داۋاملاشتۇردۇم. بـۇرۇن مەن بىردىنبىـر چەتئەللىـك بولـۇش سـالاھىيتىم بىـلەن ئـايرىم تەكـشۈرۈش ئۆتكىلىدىن ئۆتكەن بولسام ئەمدىلىكتە قاتار ئۆچرەتلەر پەيدا بولغان بۇلۇپ بىرەر يۈزچە چەتئەللىـك ئالمائاتاغا قاراپ ئۇچىـدىغان بولغانـدى.ئـۇلار ھەر قايـسى دۆلەتلەردىـن بولـۇپ،« كازاكىـستان»، «ئالمائاتا» دىيىشىپ قازاقىستان ۋە قازاقلار توغىرسىدا بىر-بىرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇراتتى. ھەتتا بىر قانچە گېرمانىيەلىك ۋە فىرانسىيەلىك يولۇچىلار بىلەن تۆت سائەتلىك ئۇچۇش سەپىرىدە سۆھبەتلىـشىپمۇ ئۈلگۈردۈم. ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ئۇلار بۇرۇن ئۆزلىرى بۈگـۈن ئۇچـۇپ كېتىۋاتقـان مەزكـۇر دۆلەت ۋە مەزكۇر دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغان قازاقلار توغىرسىدا ھېچقانداق ساۋاتقا ئىگە ئەمەسـلىكىنى «قـازاق» دېسە ئىپتىدائى چارۋىچى مىللەت كۆز ئالدىغا كېلىدىغانلىقىنى ناھايتى قىزىقارلىق قىلىپ سۆزلەپ بەردى. مەن ئاخىردا ئۇلارغا ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكىمىنى ئېيتسا، تېخىمۇ ھەيـران بولـۇپ، يانچۇقلىرىـدىن كىچىك خەرىتىلەر توپلىمىنى چىقىرىـشىپ، ئۇيغۇرلارنىـڭ نەدە ياشـايدىغانلىقىنى كۆرسـىتىپ بېرىـشمنى سورىدى. مەن كۆرسـىتىپ بەردىـم ۋە ئۇيغـۇرلار توغىرسـىدا سـۆزلەپ بەردىـم. روس تىلىنـى ياخـشى سۆزلەيدىغان بۇ ياۋرۇپالىقلار ئەسلىدە كارخانىچى بولۇپ قازاقىستاندا شىركەت قۇرۇش ئۈچـۈن ماڭغـان ئىكەن. ئۇلار ۋاقىت بولسا شىنجاڭغىمۇ كېلدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئىسىم كـارتۇچكىلىرىنى بەردى. سـېرىق ساقالىق، ئاق يۈزلۈك نېمىس خەرىتىدىكى مەن كۆرسـەتكەن يەرگە« ئۇيغـۇر» دەپ يېزىـپ قويـۇپ « ئەمدى سىلەرنىڭ مىللىتىڭلارنى ئۇنتۇپ قالمايدىغان بولدۇم» دىدى يۇمۇرلۇق ھالدا. مەن كېيىن بىشكەك، تاشكەنت قاتارلىق شەھەرلەرگىمۇ ئۇچتۇم. بۇ ئايروپىلانلارمۇ ئوخـشاشلا چەتئەللىكلەر بىلەن تولغاندى. مەن شۇ چاغـدا ۋەتەننىـڭ نىـمە ئىكەنلىكىنـى تېخىمـۇ چۈشـەندىم. ئالمائاتا،بىشكەك، تاشكەنت، ئەنجان شەھەرلىرىنىڭ كوچىلىرىدا بۇرۇن چىرايىدىن چۈشكۈنلۈك بىلەن ھەسرەت ۋە ئەنسىرەش ئالامەتلىرى يېغىپ تۇرىدىغان ئۆزبېكلار ، قازاق، قىرغىزلارنى كۆرگەن بولسام مانا ھازىر مەيدىسىنى كېرىپ يۈزلىرىدىن نۇر ياغقان، كۆزلىرىدىن مەغرۇرلـۇق جۇلالىنىـپ تۇرغـان ئۆزبېـك، قازاق، قىرغىزلارنى كۆردۈم. روس كىشلىرىنىڭ بۇرۇنقى ھاكاۋۇر، مەنمەنچى تەلەتىدىن قىلچىمـۇ ئەسـەر قالمىغان. ھەممىلا ئىشتا ئۆزلىرىنى مۇلايىم تۇتۇشـقانلىرىنى كـۆردۈم. ۋەتەننىـڭ نىـمە ئىكەنلىكىنـى چۈشەنگەن رۇسلار، نېمىسلار ۋە ئـوكرائىنلار تۈركـۈم-تۈركـۈملەپ ئـۆز ئانـا ۋەتەنلىـرىگە كۆچـۈپ كەتمەكتە ئىدى. ئويلىدىمكى، بۇ بىچارىلەر ئىلگىرى ئۆزلىرىنىڭ مۇنداق پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچـار بولدىغانلىقىنى پەقەتلا ئويلىمىغان بولغىيتى.
بىشكەك كوچىلىرىدا مېنى شەھەر ئايلاندۇرۇپ كۆرسىتىپ كېتىۋاتقان قېرى روس تاكسى شوپۇرى مېنىڭ ئۇنىڭ ئاغزىنى كولىغىنىمنى بىلدى بولغاي مەن بىلەن مۇلايىم رەۋىشتە سۆزلەشتى. -ياقا يۇرتتىن كەلگەن ئوخشايسىز بالام،- دېدى ئۇ قوشۇمىسىنى تۈرۈپ، -ئىشقىلىپ يەرلىك ئەمەسسىز، روس تىلى تەلەپپۇزىڭىزدىن قارىغاندا ئۆزبېكىستانلىق بولسىڭىز كېرە؟!
-ئۇنداق ئەمەس، -دېـدىم مەن ئەدەپ بىـلەن بوۋاينىـڭ پەرىزىنـى رەت قىلىـپ- جۇڭگـودىن كەلگەنمەن، موسكۋادا ئوقۇيمەن، قىرغىزىستانغا ئىلمى مۇھاكىمىگە كەلگەندىم.
- ئوھۇ! قالتىس!-دېدى بوۋاي چىرايىغا كۈلكە يۈگۈرتۈپ ماڭا بۇرۇلۇپ تىكىلىپ قارىغـانچە، - ئۇيغۇر ئىكەنسىزدە، سىز چۇقۇم قەشقەرلىكسىز شۇنداقمۇ؟
-شۇنداق،مەن ئۇيغۇر،-دېدىم بوۋايغا قاراپ خۇشاللىق بىلەن.چۈنكى مەن ئۇنىـڭ مېنـى بىـر قاراپلا تۇنۇۋالغانلىقىدىن قەۋەتلا خۇش بولغانىدىم. ھەتتا بۇ قېرى رۇس قەشقەرنىمۇ بىلەتتى.
بوۋاي مەمنۇنىيەت بىلەن:
- بىشكەكتە ئۇيغۇرلار خېلىلا كۆپ، ھەممىسى بىر-بىرىدىن ياراملىق، ئەقىللىق يىگىتلەر بىـز بـۇ يەردە ئۇيغۇرلارنى« ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ يەھۇدىلىرى» دەپ ئاتايمىز. چۈنكى ئۇلار سودا تىجارەت ۋە باشقا ھەممە ئىشلاردا ناھايتى چاققان. ناھايتى ئۇستا. بىشكەك سودىسى شۇلارنىڭ قولىدا، -دېـدى ۋە،-مەن ئۇيغۇرلار بىلەن ناھايتى چىقىشىمەن. دۇنيادا ئۇلار بىلمەيدىغان ئىش يوق. بىز ئۇيغۇرلار توغىرسىدا خېلى پاراڭلاشتۇق. مەن بوۋايدىن:
- روسىيە گېزىتلىرىدىكى مەلۇماتلارغا قارىغانـدا، ئوتتـۇرا ئاسـىيا جۇمھۇريەتلىرىـدىن روسـلار تۈركۈملەپ روسىيەگە كۆچۈۋېتىپتۇ بۇ راسـتمۇ؟- دەپ سـورىدىم، - بـۇ بىچـارىلەر شـۇنچە ياخـشى شەھەرلەرنى تاشلاپ نەگىمۇ بارار؟
-نەگەباراتتى؟!ئۇلۇغ روسىيەگە بارىدۇ،-دېـدى بـوۋاي ئېغىـر تىنىـپ، يانچۇقىـدىن ئەرزان باھالىق «بېلومور» ماركىلىق پاپروسىنى چىقىرىـپ ئاغزىغـا سـالدى. مەن چاققـانلىق بىـلەن بوۋاينىـڭ تاماكىسىغا ئوت تۇتاشتۇرۇپ ئۈلگۈردۈم.
-ھەي!ھەي!-دېدى بوۋاي تاماكىسىنى قـاتتىق شـوراپ، -كەتـمەي ئامـال يـوق.ھـازىر كەتمەكچى بولغانلار تېخىمۇ كۆپىيىۋاتىـدۇ. روسـىيە ئەلچىخانىـسىنىڭ ئالـدىغا بارسـاڭ قاتـار-قاتـار ئۆچرەتلەرنى كۆرىسەن.
-سىزچۇ؟-دەپ سوردىم بوۋايدىن،-كەچۈرۈم سورايمەن.ئەلۋەتتە مۇنـداق سوراشـتا باشـقا مەقسىدىم يوق .مېنى چۈشىنىڭ. -چۈشىنىمەن ئوغلۇم، مەن ھەممە نەرسىنى توغرا چۈشىنىش تەرەپدارىمەن ئەگەر ئـادەملەر بىـر-بىرىنـى ئۆز-ئارا توغرا چۈشەنسە ئىدى، ھەممە ئىشلار ياخشى بـولار ئىـدى. مەن بىـشكەكتە تۇغۇلغـان، دادام كازاكلاردىن. بىز ئۈچ ئەۋلات بۇ يەردە ياشاۋاتىمىز. بۇ يەرنىڭ ھەممە نەرسىسى مەن ئۈچۈن قەدىرلىـك. لېكىن بىزگىمۇ كەتمەي ئامال يوق. راست گەپنى دىسەم مېنىڭ قىلچىلىكمۇ كەتكۈم يـوق ئىـدى. لېكىن شارائىت مەجبۇر قىلىۋاتىدۇ. روسىيەدە ھىچقانداق تۇغقىنىمىز قالمىغان.
- كېتىپ نىمە قىلىسىز. ياشـاۋېرىڭ، سـىزگە ھـېچكىم توسـالغۇلۇق قىلمىـسا،- دېـدىم مەن جاۋابەن.
- قانداقسىگە توسالغۇلۇق يوق دەيسىز؟ ھەممە يەردە توسالغۇ بـار. قـاراپ تـۇرۇڭ، ھـازىرلا
توسالغۇ پەيدا بولىدۇ. مانا قاراپ تۇرۇڭ،-دېدى بوۋاي ئالدى تەرەپنى تۇمشۇقى بىلەن ئىمالاپ. دەل شۇ چاغدا يول بويىدىكى قاتناش ساقچىـسى بىـزگە يىـراقتىنلا سـىنچىلاپ نەزەر تاشـلاپ ئـالا كـالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، ماشنىنى توختـاتتى. سـاقچى قىسـسىق كۆزلـۈك قىرغىـز يىگىتـى ئىـدى. ئـۇ بوۋاينىـڭ ھۆججەتلىرىنى چىقىرىپ كۆرسىتىـشنى سـورىدى .بـوۋاي كۆرسـەتتى. سـاقچى كـۆزلىرىنى قەغەزلەرگە تىكىپ، ئۇنىڭدىن بىر خاتالىق ئىزدەشكە ئۇرۇنغاندەك بەكمۇ تەپسىلى گۇمان بىلەن بىر-بىرلەپ قاراپ چىقتى. ئاخىرى ھۆججەتلەرنى بوۋايغا قايتۇرۇپ بېرىـپ، ماشـنىنى بىـر ئايلىنىـپ چىقتـى-دە، غەزەپ ۋە مەسخىرە ئارىلاش:
- كەچۈرۈڭ بوۋاي، ماشنىڭىزنىڭ ماتورى كونىراپ كېتىپتۇ، قاتناش قائىدىـسى بـويچە سـىزدىن شىتىراف (جېرىمانە) ئېلىندۇ،- دېدى. بۇ گەپتىن ھەيران قالغان بوۋاي ئالدىرماي ئۆزىنى توختىتىۋېلىپ تۇرۇپ:
- نېمىگە شىتىراف تۆلەيمەن كوماندىر؟ ماشـنامنىڭ كـونىراپ كەتـكەن مـاتورىغىمۇ؟-دەپ سورىدى.
- ياق، گىراژدان!- دەپ كەسكىن ئېيتتى ساقچى،-موتورىڭىزدىن چىقىۋاتقـان قۇيـۇق ئىـس- تۈتەككە شىتىراف تۆلەيسىز. سىزنىڭ موتورىڭىز ھەر قاچان قاتناش ھادىسى پەيدا قىلىـشى مـۇمكىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە موتورىڭىز شەھەر مۇھىتىنى بۇلغىدى. ھەتتا سـىز قاتنـاش قائىدىـسى بـويچىلا ئەمەس مۇھىت ئاسىراش قانۇنى بويچە شىتىراف تۆلەيسىز.
مەن بوۋاينىڭ تاتىرىپ كەتكەن چىرايىغا زەن سالدىم. بوۋاي ئاچچىقتىنمۇ ياكى قورقۇشـتىنمۇ، تىتىرەپ كەتكەندى. ئاخىرى ئۇ سـاقچىنىڭ دېگىنـى بـويچە شـىتىراف تۆلىـدى ۋە يولىمىزغـا يـۈرۈپ كەتتۇق. بوۋاي خېلى بىر يەرگىچە ئۈن تىنسىز ماڭدى. ئاخىرى ئۇ: -مانا،توسالغۇلۇق بارمىكەن ئوغلۇم؟ كۆردىڭىزمۇ؟ ھازىر ساقچىلار تۇخۇمدىن تۈك ئۈندىرىۋېرىـدۇ. باياتىنقى شىتىراف ئۇنىڭ يانچۇقىغا چۈشتى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ دىمەك مەن كېتىشىم كېرەك .
-لېكىن ھەممىلا يەردە قازاننىڭ قولىقى تۆت بوۋا،- دېدىم مەن ئۇنىڭغـان، - روسـىيدە تېخىمـۇ شۇنداق، ئۇ يەردىمۇ ساقچىغا پۇل كېرەك.
-لېكىن،ئوخشىمايدۇ،-دېدى بوۋاي كەسكىن رەۋىشتە، -بىز ھازىر ۋەتەنسىز گىراژدانلارمىـز. ھوقوقى يوق مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ .ۋەتەن-ئازات، ئەركىن ئىنسانلارنىڭ ئۆيىدۇر. قۇللـۇق ئورنىغـا قالغان، خارلانغان مىللەتنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ. روسىيە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ئانا ۋەتەن. نىمە بولسام شۇ يەردە بولاي. بىلەمسىز بۇرۇن بىزنىڭ روسلىرىمىز ئەنە شۇنداق تۇخۇمدىن تـۈك ئۈندۈرۈپ، ئەشۇ قولىدىكى ئالا كالتەكتىن ناھايتى ياخشى پايدىلىناتتى .قىرغىزلار ئۆز ۋەتىنىدە گويـا باشقا يەردىن ئېقىپ كەلگەن كەلگىندىلەردەك ھەممىلا يەردە قېقىلىـپ، سـوقۇلۇپ يـۈرەتتى. مانـا ئەمدى نۆۋەت بىزگە كەلدى. پەلەكنىـڭ چـاقى ئايلىنىـپ ئـالا كـالتەك قولـدىن كەتتـى. ئەمـدى ھەسسىلەپ شىتىراف تۆلەيمىز.
-سىز ۋەتەن توغىرسىدا ئەتراپلىق پىكىـر يۈرگۈزگەنـدەك قىلىـسىز، - دېـدىم مەن بوۋاينىـڭ سۆزلىرىنى تەستىقلاپ.
-ئەتراپلىقمۇ، ئەتراپلىق ئەمەسمۇ.مەن ئۈچۈن بەرىبىر يىگىت،-دېدى بوۋاي ئېرەنسىزھالـدا ماڭا بۇرۇلۇپ قاراپ، ئوڭ قولىنى يېنىك پۇلاڭلىتىپ،-قۇشلارنىڭمۇ، بارلىق ھايۋانلارنىڭمۇ ئۆز ۋەتىنى ئۆز ۋەتەن تۇيغۇسى بولىدۇ. ئەگەر سىز بىرەر جان-جانىۋارنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتتىن ئايرىپ، باشقا بىر جايغائاپىرىپ قويسىڭىز، ئۇنىڭ شۇ يېڭى مۇھىتقا كـۆنەلمەي كـېچە-كۈنـدۈزنـالە قىلـدىغانلىقىنى كۆرىسىز.ئەگەر سىز قىرغىزىستان ھاۋا كېلىماتى ۋە تەبىئىي مۇھىتغا ماس كېلىدىغان بىرەر ئۆسۈملۈكنى ئافىرقىغا ياكى ئۇ يەردىكى ئۆسۈملۈكنى بۇ يەرگە ئەكىلىـپ ئۆسـتۈرمەكچى بولـسىڭىز، ئۇنىـڭ ئەي بولۇشى ناتايىن. قىسقى ھەر كىم ئۆز ۋەتنىدە ياشايدۇ ھەم ئەركىن ئازادە ياشىشى كېرەك. شۇڭا مەن قىرغىزىستاننى ئەسلا ئۆزۈمنىڭ ۋەتىنى دېيەلمەيمەن.بوۋاي «ئۆھۆ، ئۆھۆ» قىلىپ، كالتە يۆتىلىۋېلىپ ئاپپاق قول ياغلىقى بىلەن ئاغزىنى سـۈرۈتتىدە سۆزىنى داۋملاشتۇردى:
- لېكىن شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، مۇسا ئەلەيھىسسالام ئۆز قەۋملىرنى مىسىر فىرئەۋىنلىرىنىـڭ ئاسارىتىدىن  ئازات قىلىپ، قەۋمىنى باشلاپ چۆل-جەزىرىلەردە 40 يىل سەرگەندان بولغان ئـۇ، بـۇ 40 يىل ئىچىدە ھېچ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تـۇرۇپ قالمـاي، سـەرگەردانلىقىنى داۋاملاشـتۇرىۋەرگەن. مۇسـا ئەلەيھىسالام نىمە ئۈچۈن بىر يەرنى ماكان قىلىپ، شۇ يەردە مۇقىم ئولتۇراقلىـشىپ، ئـۇ يەرنـى ۋەتەن قىلمىدى؟ نىمە ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ بوۋاي مىيىقىدا كۈلۈپ، ئۇزۇن كىرپىكلىك كۆكۈش كۆزلىرىنى ماڭـا تىكـكەن ھالـدا سـۇئال نەزىرى بىلەن مەندىن جاۋاپ كۈتتى.
- بىلىمىدىم،- دېدىم مەن بىر ئاز ئويلۇنۇپ،
-بىلىشىڭىز كېرەك يىگىت، بۇ بىر ھەقىقەت!-دېدى بوۋاي كەسكىن رەۋشتە، -ئۆز قەۋمىنـى 40 يىل سەرگەردان قىلغان مۇسانىڭ مەقـسىتى ئـۇزۇن مەزگىـل قۇللـۇق ئاسـارىتىدە ياشـاپ قۇللـۇق، ھوقوقسىزلىق تۈپەيلىدىن دىللىرى خەستىلەنگەن،جاھالەتكە كۆنگەن ئەۋلادلىرى ئۆلۈپ تـۈگەپ، قۇللۇق، زوراۋانلىق زۇلىمىنـى كـۆرمىگەن، ئەركىـن ئـازات ئەۋلادلارنىـڭ تۇغۇلـۇپ، ئەركىنلىكنىـڭ، ئازاتلىقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلگەن ئەۋلادلىرى بىلەن ئـۆز ۋەتىنىنـى تېپىـشنى مەقـسەت قىلغانـدى. چۈنكى ئەركىنلىكنىڭ تەمىنى تېتىغان ئادەم ئەسلا قۇل بولۇشنى خالىمايدۇ. شۇنداقمۇ؟ شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۆز ئانا ۋەتىنىم روسىيىگە كېتىشىم كېرەك. بوۋاي قىزىل چىراغ يانغاندا ماشنىسنى توختىتىپ يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇردى.
- لېكىن نۇرغۇن ئادەملەر ۋەتەننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەيدۇ. چۈشەنـسىمۇ ھەقىقەتـتىن قاچىدۇ. رۇس ئىمپىرىيسى 150 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئوتتـۇرا ئاسـىيا ۋە قازاقىـستاننى ئىـدارە قىلىـپ، يەرلىك مىللەتلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئۇلارنى جىسمانى جەھەتتىن قـۇل قىلـدى. روسـلارنىڭ بـۇ جايلارغـا قاراتقان مۇستەملىكچىلىك سىياسىتى ھەر خىـل سىياسـى دەۋردە ھەر خىـل بولـدى. ھـازىرقى مىللـى زىدىيەتكە تارىختىكى چوڭ مىللەتچىلىك سەۋەپ بولغان. شۇڭا مەن يەرلىك خەلـق تەرىپىـدىن ماڭـا قىلىنغان بارلىق مۇئامىلىلەرنى توغرا چۈشنىمەن.
مەن قايىللىق نەزەرىم بىلەن بوۋايغا سىنچىلاپ قارىدىم. ئاددى-سـاددا، ئەممـا پـاكىز رەتلىـك كىيىنگەن بۇ بوۋاي كۆزلىرىمگە باشقىچە كۆرۈنۈپ كەتتى. ئۇنىڭ پىكىـر بايـان قىلغـان چاغـدىكى مۇلايىم ئەممە قەتئىي خاراكتىرى ماڭا ئالاھىدە ياققاندى. ئويلۇدۇمكى، ئەگەر ھەممىلا ئادەمنىڭ مۇشۇ بوۋايدەك چۈشىنىش ئىقتىدارى بولغان بولسا، باشقىلارنىڭ ئىنسانى ئەركىنلىكىنى ھۆرمەت قىلغان بولـسا، بۇ دۇنيا قانداق گۈزەل بولۇپ كىتەر ئىدى ھە؟! دېمىـسمۇ، مۇشـۇ بوۋايـدىكى ئىنـسانى تەبىـئەت ئەسلىدىنلا ئىنسانلارغا ئورتاق بۇلۇپ،ل ېكىن ھايات قانۇنىيتى بۇ تەبىئەتنى بۇزۇپ تاشلىغاندى.ئەسلىدە ئادەمنىڭ ماھىيتى ياشاشتىكى مەقسىتى، ياخشى تۇرمـۇش كەچـۈرۈش ئـۆزىنى ۋە باشـقىلارنى ھـۆرمەت قىلغان ئاساستا قىسقىغىنا ھاياتىنى گۈزەللىك بىلەن بېزەش ئەمەسمۇ؟! ئـادەملەر ئـۆز نۆۋىتىـدە شـۇ مەقسەتلىرى ئۈچۈن يەنىلا قان تۆكىدۇ، بىر-بىرىنىـڭ جانلىرىغـا زامىـن بولىـدۇ. بىـر-بىرىنىـڭ ئەركـى ھوقوقىنى دەپسەندە قىلىـش ئـارقىلىق ئۆزلىرىنىـڭ قەددىنـى تىكلەشـكە ئورىنىـدۇ. بـۇ ئەمەلىيەتـتە ئادەملەرنىڭ ئۆزىنى دەپسەندە قىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
بوۋاينىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، مۇندىن ئىككـى مىـڭ يىـل ئىلگىـرى ياشـىغان يۇنـان شـائىرى لۇكىئاننىڭ « ۋەتەن شەنىگە» ناملىق ئەسىردىكى  « مېنىڭ بۇ گەپلىرىم ناھـايتى كونـا گەپـلەردۇر، لېكىن ھەقىقەتەن شۇنداقكى، ئۆز ئاتىسىنى سـۆيمىگەن پەرزەنـت ئۆزگىلەرنىـڭ ئاتىـسنى ھـۆرمەت قىلىشنى خالىمايدۇ.ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن كىشى ئۆزگىلەرنىـڭ ۋەتىنىنـى قەدىرلەشـنى بىلمەيـدۇ » دىگەن سۆزلىرى يادىمغا كەلدى.
ئۆز ۋەتىنىنى سۆيمىگەن ئادەم نەپسانىيەتچى، خائىن مىجەز كېلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باسقۇنچىلار ئۇنىڭ ۋەتىنىگە باستۇرۇپ كەلسە، ئۇنىڭغا باش ئىگىپ ئۆز قېرىنداشـلىرىنى سـاتىدۇ. كىنـدىك قېنـى تۈكۈلگەن ۋەتىنىگە خائىنلىق قىلىدۇ. ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن ئـادەم باشـقىلارنىڭ ۋەتىنىنـى،يەنـى ئۇنىـڭ پۈتـۈن مەۋجـۇدىيىتىنى ھۆرمەتلەش، قەدىرلەش ئاساسىدا سۆيىدۇ. ئەگەر ۋاقتى كەلسە باشقىلارنىڭ ۋەتىنى ئۈچۈن جان بىرىـپ، ئۇنىڭ مەلئۇنلارنىڭ ئىپلاس تاپىنى ئاستىدا ئاياق ئاستى بولۇشتىن قوغدايدۇ. مەسلەن: ئۇلـۇغ جۇڭگـو خەلقى، جۈمىلىدىن ئۇيغـۇر خەلقـى دەل ئەنە شـۇنداق ئىنـسانپەرۋەر خەلـق ئىـدى .شـۇنىڭ ئۈچـۈن سانسىزلىغان ئۇيغۇر ئوغۇل-قىزلىرى نىمىـس فاشىـستلىرى تەرىپىـدىن ئايـاق-ئاسـتى قىلىنغـان ياۋروپـا خەلقلىرىنىڭ ئانا ۋەتەنلىرى ئۈچۈن ئىسسىق قانلىرىنى تۆككەن.ئۇيغۇر خەلقى ۋەتنىمىزنىڭ ئارقا سېپىدە تۇرۇپ، قېرىنداش خەنزۇ خەلقنىڭ ياپۇن ئالۋاسىتلىرىنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا ئايـاق-ئاسـتى بولۇشـتىن قۇتۇلۇشى ئۈچـۈن ۋەتەنپەرۋەرلىـك، ئىنـسانپەرۋەرلىك روھـى بىـلەن مـال-دۇنيـالىرىنى ۋە چوڭقـۇر مۇھەببەتلىرىنى تەقدىم قىلغان. ھەتتا سوۋېت ئۇيغۇر جەڭچىلىرى شەرقى شـىمالنى يـاپۇنلاردىن ئـازات قىلىش جەڭلىرىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ قان ۋە جەڭلىرىنى تەقدىم قىلغاندى.
ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن كىشى ئۆز ۋەتىنىنىڭ، مىللىتىنىڭ ھۆرمىتىنى كۆتىرىش، ئۇنىڭ ئۈچۈن جان پىدا قىلىش روھىغا ئىگە بولىدۇ. ئۆز ۋەتىنىنى سۆيگەن ئادەملەر ئىنسانىيەتكە قوشـقان تـۆھپىلىرى ۋە شانلىق مەدەنىيتى بىلەن ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ. تارىخىمىزدىكى مەھمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ناۋايى، لۇتفى ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان نامايەنـدىلەر دەل ئەنە شـۇنداق ئـادەملەر ئىـدى. ئـۆز ۋەتىنىنـى سۆيگەن ئادەم ئۆز ۋەتىنىنى جان تىكىپ قوغدايدۇ. ئۇنىڭ غورورى، ئىناۋىتىنى ھېچىكمىنىڭ دەپـسەندە قىلىشىغا يول قويمايدۇ. ئۇلارنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى ۋەتەن مۇھەببىتى، ۋەتەن ساداقىتى بىلەن يۇغۇرۇلغان بولىدۇ. ئۇنداق ئادەملەر ئەڭ ئاخىرقى تىنىقـى قالغانـدىمۇ« ۋەتەن» دىـگەن ئىبـارىنى ئېيتىـپ، بـۇ
دۇنيادىن كۆز يۇمىدۇ. لېكىن ئۇلارنىڭ روھى ئادەملەرگە يەنىلا ۋەتەننى قانداق سۆيۈشنى ئۆگىتىـدۇ. سادىر پالۋان، نۇزۇگۇم، تۆمۈر خەلىپە، خوجا نىياز ھاجىم، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، ئەخمەتجان قاسىمى، رىزۋانگۈل ۋە باشقا ۋەتەن، مىللەت يولىدا جان بەرگەن سانسىزلىغان نامسىز ئوغلانلار دەل ئەنە شۇنداق ئادەملەر ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىر دۇنياسـىنى تىتىـرەتكەن چىڭگىزخـان ۋە ئۇنىـڭ ئەۋلادلىرىغـا مەدەنىـيەت ئۆگىتىـپ مەسلىھەتچىلىك قىلىپ ھەتتا ئۇلارنىڭ مەمۇرى ئىدارە قىلىش ئىـشلىرىغا ئارىلـشىپ، نۇرغـۇن زوراۋانلىـق ۋەقەلىرىنىڭ سادىر بولۇشنى چەكلىگەن ئىدى. مۇڭغۇللارنىڭ مەدەنىيەتسىز، قالاق، باسقۇنچى مىللەتتىن مەدەنىيەتلىك مىللەتكە ئايلىنىپ، ياۋرۇ-ئاسىيانى ئىدارە قىلىشىدا ھەم ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى باسقان يەرلەردە تېزلا تېنچلىق ئورنىتىپ، ھاكىمىيەت يۈرگۈزىشىدە ئۇيغۇرلارنىڭ تۆھپىسى زور بولغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇر يېزىقى ۋە تىلىنىڭ ئىناۋىتى ئېـشىپ، پۈتـۈن ئاسـىيا، ئىـدىل ئـۇرال بويلىرىـدا ھۈرمەتكە سازاۋەر بولغانىـدى. ئۇنىڭـدىن باشـقا يەنە ئۇيغۇرلارنىـڭ يوقۇلـۇش گىردابىـدىكى تـاڭ سۇلالىسىنى توپىلاڭچىلارنى مەغلۇپ قىلىپ قايتا تىكلىشى شۇنداقلا لەپەڭشىپ، ئاجىزلاپ قالغـان تـاڭ سۇلالىسىگە ھۇجۇم قىلماي ئۇنى ھەتتا تىبەتلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغـداپ، تـاڭ سۇلالىـسى خەلقىنـى خانىۋەيرانچىلىقتىن قۇتقۇزۇش قاتارلىق نۇرغۇن مىساللار ئۇيغۇرلارنىڭ ھەقىـقەتەن ئىنـسانپەرۋەر مىلـلەت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر تارىخنى ۋاراقلىساق مۇنداق پاكىتلار ناھايتى نۇرغۇن.
مەن ۋەتەننىڭ زادى نىمە ئىكەنلىكى توغىرسىدا كۆپ ئويلاندىم. ئىـشىنىمەنكى، بـۇ ئـويلىرىم تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. مەشھۇر روس تەنقىتچىسى بېلىنىسكىنىڭ « كامـال تاپقـان ۋە سـاغلام قەلىبـتە ۋەتەن تەقدىرى مۇھىم ئورۇننى ئىگەللەيـدۇ. ھەر قانـداق ئالىجانـاپ شـەخىس ۋەتەن بىـلەن قـان- قېرىنداشلىقىنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئارىسىدىكى مۇقەددەس باغلىنىـشنى چوڭقـۇر چۈشـىنىدۇ» دېـگەن سۆزى ھەر قاچان، ھەر مىنۇت ۋەتەن توغىرسىدا تەپەككۇر يۈرگۈزۈشم ۋە ئۇنى تېخىمۇ سۆيۈشۈم ھەم باشقىلارغا سۆيۈندۈرۈشۈم ئۈچۈن ئۈندەيدۇ.