2021/11/28 01:03

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئورتاق سەرگۈزەشتىلىرىدىن ئۈزۈندە

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 01:32

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسمەتلىرى

مىلادى 480 ـ يىلى ئەجدادىمىز ئاق ھونلار
ساسانىيلار (226 ـ 644)شاھى فەيروزنى
جەڭگاھتا ئۆلتۈرۈپ،ئۇنىڭ تۇرغاق ئوغلى
قۇبادنى شاھ قىلىپ،ساسانىيلارنى بېقىندى دۆلەتكە ئايلاندۇرغان.

مىلادى 531 ـ يىلى نەۋرىسى نۇشىرۋان
تەختكە چىقىپ،بېقىندىلىقنى داۋاملاشتۇرغان.

مىلادى 490/550ـ يىللار ئارىسىدا ئاق ھونلار
ۋە ئىتتىپاقدىشى قاڭقىل ئۇيغۇر خانلىقى(487/
546ـ يىللار) شىمالدا كۆكتۈركلەر،شەرقتە جۇرجانلار،جەنۇپتا تىبەتلەر،غەربتە ۋىزانتىيە قاتارلىقلار بىلەن توختىماي ئۇرۇش قىلغان .
نەتىجىدە مىلادى 546 ـ يىلى كۆكتۈركلەر
قاڭقىل خانلىقىنى،552 ـ يىلى جۇرجانلارنى
بويسۇندۇرغان.بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان
نۇشىرۋان 567 ـ يىلى كۆكتۈركلەرنىڭ قولى
بىلەن ئاق ھونلارنى يوقىتىپ ساسانىيلارنىڭ
مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالغان.

نۇشىرۋان ئاقھونلارنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ
جەنۇبىدىكى زېمىنلارنى يۇتۇۋېلىشقا باشلىغاندا،كۆكتۈركلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ
قىلىنىپ،ئىستېمى يابغۇغا كۈيئوغۇل بولۇپ
دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان.570 ـ يىلدىن باشلاپ
نۇشىرۋان(كۆراگانلىق ئورنىدىن پايدىلىنىپ)
ئۈزلۈكسىز ۋىزانتىيەگە(395/1453)ھۇجۇم
قىلىپ،كاۋكاز ۋە كۇردىستاننى ئىگىلىگەن.

مىلادى 570 ـ يىلى قىشتا يەمەندىكى ھەبەش
سانغۇن ئەبرەھە 80 مىڭ قوشۇن بىلەن مەككىدىكى كەبىنى چېقىپ پۈتكۈل ھىجازنى
ئىگىلەش ئۈچۈن شىمالغا يۈرۈش قىلغان.
(مەزكۇر سانغۇن ھەبەش شاھى تەرىپىدىن،
مىلادى 525 ـ يىلى ئېتىقادى سەۋەپلىك تىرىك
ئوتقا تاشلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن بىچارە نەجران
خىرىستىئانلىرىنىڭ /قۇرئان كەرىم ،بۇرۇج سۈرىسى/قىساسىنى ئېلىپ،ئۇلارنى
قوغداش ئۈچۈن يەمەن ۋالىيسى قىلىنغان.).

مىلادى 571 ـ يىلى فېۋرالدا ئەبرەھە مەككىگە
يېتىپ كېلىپ،چوڭ پىللارنى ئىشلتىپ كەبىنى
يىقماقچى بولۇۋاتقاندا،«بومباردىمانچى قۇشلار»نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ پۈتۈن قوشۇنى
بىلەن ھالاك بولغان . بۇ خۇش خەۋەرنى
ئاڭلىغان نۇشىرۋان دەرھال ئوماندىن قوشۇن
ئەۋەتىپ،مۇھاپىزەتسىز يەمەننى ئىشغال
قىلىۋالغان.ئەرەبلەر بۇ يىلنى «پىل يىلى »
دەپ ئاتاپ كالېندار قىلىۋالغان.

مىلادى 571 ـ يىلى 22 ـ ئاپرىل دۈشەنبە (پىل ئىگىلىرى ھالاك بولۇپ 50كۈنلەر ئۆتۈپ) سۈيۈملۈك پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۈلگىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن.تارىخىي مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە مەۋلۇت كېچىسى
ساسانىيلارنىڭ 350 يىل ئۆچۈرۈلمەي يېنىپ
كەلگەن«ئاتەشگاھتىكى گۈلخان»تۇيۇقسىز
ئۆچۈپ قالغان،نۇشىرۋان قورقۇپ كەتكەن.
شۇ كېچىسى ئاياسوفىيەدىكى مەبۇدلار پەسكە
دومىلاپ كەتكەن . شەرقىي رىم ۋە پارسلارنىڭ
قەسىرلىرىنىڭ ئون نەچچە دەرىزىسى چاچراپ
يەرگە چۈشۈپ كەتكەن.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاتىسى ئالتە ئاي ئىلگىرى
ۋاپات بولغاچقا،بوۋىسى(ئەينى ۋاقىتتىكى
مەككە ئاقساقىلى ۋە ھاجىلار ساھىبخانى)
ئابدۇلمۇتەللىپ،نەۋرىسىگە«مۇھەممەد»
دەپ ئىسىم قويغان.(دەرۋەقە مۇسۇلمانلار
ھەر كۈنى ئەزان،ناماز،دۇئا ۋە تىلاۋەتلىرىدە
بۇ سۈيۈملۈك زاتنى مەدھىيىلەپ كېلىۋاتىدۇ)!

*** پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھاياتى ئۇيغۇرلارنىڭ
ئىلگىرىكى 20 ئەسىرلىك ھاياتى بىلەن ، بولۇپمۇ 21 ـ ئەسىردىكى چىدىغۇسىز ئازاپلىق
ۋە قورقۇنچلۇق ھاياتى بىلەن كىشىنى ھەيران
قالدۇرىدىغان ئورتاقلىقلارغا ئىگە.بۇ ئورتاقلىق
1 . ئېسىل نەسەپتىن كېلىپ چىقىش !
2.ئاتا ـ ئانىسىز يېتىم ئۆسۈپ يېتىلىش !
3.ھاياتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسمى
نامراتلىق،تەنھالىق،ئۆز توپلۇمى تەرىپىدىن يەكلىنىش،چەتكە قېقىلىش،ھاقارەتلىنىش،
بوزەك قىلىنىش،تۆھمەتلىنىش،چىدىغۇسىز
ئەزىيەت ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچراش .
4.ئۆز قەبىلىسى تەرىپىدىن قەستلىنىش.
5.ئامالسىز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ چىقىپ كېتىش.
6.كۈچ توپلاپ«مۇداپىئەنى ئاساس قىلىپ»
تەرەققىي قىلىش،گۈللىنىش،ئەسلىگە كېلىش.
7.ۋەتىنىنى ئازات قىلىش،ئىلگىرىكى يامانلىق
قىلغان سويداشلىرىنى ئەپۇ قىلىۋېتىش.
8.يەر يۈزىدىكى ھۆكۈمرانلارغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ
تىنچلىققا،ئاسايىشلىققا،ھۆرلۈككە ئۈندەش.
9. ئىنسانىيەتنى قۇل قىلىپ قېنىنى شوراپ ،
كۆڭلىنى ئېچىۋاتقان ئەينى ۋاقىتتىكى ئىككى
جاھانگىر ئىمپىرىيەگە جەڭ ئېلان قىلىش.
10.مىللىتىنى،دۆلىتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش.
11.پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ھاياتى ئارقىلىق ئۈلگە
يارىتىپ،شەرەپلىك ھاياتىنى باشتىن ئاخىرى
ئېغىر سىناقلار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇپ،غەلىبە
مېۋىسى ۋە ھۇزۇر ـ ھالاۋەتنى كەلگۈسى
ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇپ،ئۇ دۇنياغا ھازىرلىنىش.
12.بىر ئىنساننى ناھەق ئۆلتۈرۈشنىڭ پۈتۈن
ئىنسانىيەتنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئوخشاش ئېغىر
جىنايەت ئىكەنلىكى،بىر ئىنساننىڭ كۆڭلىگە
ئازار بېرىشنىڭ كەبىنى چېقىۋېتىشتىن ئېغىر قىلمىش ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ،ئىنسانلىق
ھەقلىرىنى ھىمايە قىلىش ئۈچۈن ئادالەتنى، قاتىللارغا جىنايى جازا ئۈچۈن قىساسنى،
ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلغان ئىنسانىيەتكە  ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىدىن ئىنتىقام(قانغاقان ،
جانغا جان،مالغا مال،سانغا سان)ئېلىپ ،
پۈتكۈل مىللەتلەر،ئىرقلار،دىنلار ۋە تىللارنىڭ
ھوقۇقىنى،مەۋجۇتلۇقىنى قوغدايدىغان ئىلاھىي
ئادالەتنى مىراس قالدۇرۇپ كېتىش.
  (داۋامى ھەر كۈنى بىردىن چىقىدۇ).
2018 ـ يىلى ـ 9 ـ نويابىر . جۈمە .
1440 ـ يىلى ـ 3(رەبىئۇلئەۋەل)ـ1ـ كۈنى.
 سايرام ئوغلانى «ئىككى دەريا ۋادىسى».

2019 - يىلى 22 - ئاپرىل  دۈشەنبە