2021/11/28 00:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئاۋامغا چاقىرىق !

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 02:59

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/23 02:59 2019/04/23 03:10 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: خۇلاسە قىسمى چالا قالغان. ئىملا خاتالىقى بار .
گېتلېرمۇنداق دېگەن: تارىخ بولسا بىر مەسۈمە قىز، بىز ئۇنى قانداقلا ياسىساق بولىۋېرىدۇ. سىتالىن مۇنداق دېگەن: تارىخنى غالىپلار يازىدۇ، بىز تارىخنى ئەلۋەتتە خالىغىنىمىزچە يازىمىز. ماۋزېدۇڭ مۇنداق دېگەن: تارىخنى خەلق يېزىپ قالدۇرىدۇ! ئۇنداقتا خەلق زادى كىم؟ خەلق ماۋزېدۇڭ! خەلق بولسا  ماۋزېدۇڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھاكېمىيىتى!  دېمەك ئۆز تەقدىرىگە ئىگە چىقمىغان مىللەتنىڭ تارىخى باشقىلارنىڭ قولى بىلەن خالىغانچە يېزىلىدۇ!  (مەلۇم بىر لېكسىيەدىن ئارىيە)

غەرپ تارىخشۇناسلىرى ئىچىدە ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتچىلار بىردەك :« تارىخ سىياسىيدۇر ! خىتاي تارىخىنىڭ سىياسىيلىقى تېخىمۇ قويۇق ۋە كۈچلۈك ! » دېيىشىدۇ .

دەرۋەقە، بۇرمىلانغان ئۇيغۇر تارىخى خۇددى ئاستا تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان زەھەردەك ھازىرقى ئەڭ خەتەرلىك دەۋردە ئۆز كۈچىنى كۆرسەتمەكتە.
« قۇرئان كەرىمنى تەرجىمە قىلىشقا يول قويغان دۈشمەن، ئۇيغۇر تارىخىنى ئۆزىمىز يېزىشتىن چەكلەپ كەلدى. نەتىجىدە ئۆز ئالىملىرىمىز يېقىن كەلتۈرۈلمەي، بىر كومىتېت قۇرۇلۇپ، ئۇيغۇر تارىخى يېزىپ چىقىلدى. ئالىملىرىمىزغا پەقەت شۇنى تەرجىمە قىلىش نېسىپ بولدى. ساختا تارىخىي كىتاپلارنى ئومۇملاشتۇرۇشتا، ئالىملىرىمىزنىڭ نامى سۇيئىستىمال قىلىندى.

شۇنداق بولسىمۇ، خەلقىمىزنى يەنىلا تولۇق ئالدىيالمىدى. يەر شارىدا تېخى ھېچكىم دېلونى تەكشۈرگەندە ئۆلچەم قىلىشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمەيدىغان بىر ئىشنى دۈشمەنلەر ئىزچىل ئىشلىتىپ كەلدى.

ئالايلۇق، 1990 - يىلى 5 - ئاپرىل پارتلىغان بارىن ئىنقىلابى توغرىلىق چىقارغان خۇلاسىسىدە، 1989 - يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان « بۇغراخانلار تەزكىرىسى» بۇ ئىنقىلابنىڭ ئىدىيىۋى ۋە مەنىۋىي تۈرتكىلىك ئاساسىدۇر ! دەپ يەكۈن چىقاردى.

ئۇندىن كېيىنكى تارىخىي ماتېرياللار، ئادەتتىكى ئەدەبىي ئەسەرلەر، ھەتتا تارىخىي ئەسلىمىلەر خۇددى شۇ ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورلىرىنىڭ كەچمىشىگە ئوخشاش، نۇرغۇن تەقىپلەردىن كېيىن ئاندىن ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشتى.

تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئاكىمىز، مەرھۇم گېنىرال سوپاخۇن سۇۋۇرۇفنىڭ « مەن كەچكەن كېچىكلەر » ناملىق تارىخي ئەسلىمىسىنىڭ تۇنجى نەشىردىن چىققان نۇسخىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كېيىن، بۇ ئەسەرنىڭ خۇددى « ئىگىسىگە ئوخشاش، تالاي قىسمەتلەر، ساناقسىز تەپتىش ۋە تەقىپتىن ئۆتۈپ ئاۋام بىلەن يۈز كۆرۈشكەنلىكى» نى تولىمۇ جانلىق بىر شەكىلدە بايان قىلغان.

2018 - يىلى « ئىدىئولوگىيە ئۇرۇشى يىلى » بولدى ! بۇ ئۇرۇشتا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار / ئاساسلىقى كۆپ سانلىق، تۆۋەن سەۋىيىلىك ئاۋام - خەلق/  ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولدى . ئاللىبۇرۇن ئۆلۈپ كەتكەن« توغرا قىلغانلىرى بىزگە ئۈلگە، خاتا قىلغانلىرى بىزگە ئىبرەت بولىدىغان»، « خاتا قىلدى دېگەندىمۇ، بەدىلىنى ئىسسىق - قانلىرى ۋە ھاياتى بىلەن تۆلەپ ئۆلۈپ كەتكەن مەرھۇم داھىيلىرىمىز، ئەرباپلىرىمىز، سىياسىي، دىنىي ۋە مىللىي سەرخىللىرىمىز، ئىنقىلاپچىلىرىمىز قارىلاندى، ھاقارەتلەندى، تۆھمەتلەندى ۋە لەنەتلەندى».

ئۆتكەن يىلقى مەغلۇبىيەت يەتمىگەندەك، بۇ يىل كىرىشى بىلەنلا كۈندە بىر پائالىيەتچان ئۇيغۇرنى ياكى بىرەر تەشكىلاتنى سېسىتمىسا چىداپ تۇرالمايدىغان ئازغىنا كىشىلەر قۇتراپ كەتتى. مۇھاجىرەتتىكى بىكارچىلار ۋە تاماشاچىلارمۇ بۇنى پۇرسەت بىلىپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ بازىرىنى چىقىرىپ بەردى.ھەي « ئادەم گۆشى يەيدىغان غالجىر قېرىنداشلار»، ئۆتكەن يىلى « ئۆلگەنلەرنى سېسىتىپ، سازايى قىلىپ بولغانتىڭلار!»، ئەمدى بۇ يىل تىرىكلەرنى تىرىك پېتىلا يەۋېتەي دەۋاتامسىلەر !؟؟  بىز نېمە كويدا، سىلەر نېمە كويدا !؟؟

كۆپ ۋاختىمىز قالمىدى. ھوشىمىزغا كېلەيلى ! توغرا يولنى تېپىپ، توغرا ۋە دۇرۇس ئىش قىلايلى ! قىلالمىساق قوللايلى ! بىراق پۇتلاشمايلى! پۇتلىمايلى ! ئازار بەرمەيلى ! ئۇيغۇرنىڭ ئۇيغۇردىن كۈتىدىغىنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئەمەس، بەلكى قوللىمىسىمۇ پۇتلىكاشاڭ بولماسلىق ۋە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلارغا ھۇجۇم قىلىپ، ئىشلىرىنى ئاقساتماسلىقتۇر!

ھەش - پەش دېگۈچە 4 ئاي ئۆتۈپ كەتتى. 2019 - يىلى دۈشمەن نىشان قىلغان سالمىقى بار ئىشلار بەك كۆپ. ئۇلار شۇنىڭغا يارىشا تېز ۋە كەسكىنلىك بىلەن ۋاستە تاللىماي نىشانغا يېتىشكە ئالدىراۋاتىدۇ! ئەمما بىز تېخىچە « ھاڭرايدىغانلارنىڭ ئاغزىنى يۇمدۇرۇپ، ئاڭلايدىغانلارنىڭ ۋە گۇپپاڭچىلارنىڭ يېلىنى چىقىرالمايلا ئۈچ يىلنى ئۆتكۈزۈۋەتتۇق!»

« شىر ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يازمىغۇچە ئوۋچىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ!» 300 يىلدىن بېرى ئوۋچىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ كەلدۇق! ئۇ ھېكايىلەر بىزگە
قۇللۇقنى راۋا كۆرۈشنى، ئۆز ئارا غاجىشىپ، دۈشمەننىڭ ئايىقىنى يالىشىپ، بىر - بىرنى چانىشىپ، ياتلار بىلەن چىقىشىپ، ئۆز ئارا چېقىشىپ، ئاقىۋەت ئۆزئارا تىپىشىپ، دۈشمەن بىلەن پېتىشىپ ياشاشنى ئۆگەتتى. ئەڭ ئاخىرىدا بۇنىڭغىمۇ رازى بولماي، « ئۇيغۇر بولغىنىڭ ئۈچۈنلا، گېرمانىيىدەك بەش چىقىدىغان بۇ بەرىكەتلىك ۋەتەننىڭ ئىگىسى بولغىنىڭ ئۈچۈنلا سەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم !» دەپ غالجىرلاچە ھۇجۇم قىلدى !  دېمەك ئەمدى ئويغىنىپ، قارشىلىق قىلالمىغانلار يەر شارىغا يۈك، مىللىتىگە ئاپەت بولغان مەخلۇقلاردۇر !

ئەمدى يېتەر ! ئاخىرىدا قايناپ قالدۇق ! ئاساسلىق چاقىرىق يازمىنىڭ ئۈستىدىكى مەزمۇنلار شۇ ! كىم قانچىلىك ئاڭقىرالىسا شۇنچىلىك ئاۋاز قوشقاي ! ئاۋاز قوشمىسا مەيلى، تالاش پەيدا  قىلمىغاي !

«  ئۆز ۋاختىدا بوھتاننى تىلىڭلار بىلەن تارقاتتىڭلار ، بىلمەيدىغان نەرسەڭلارنى ئاغزىڭلارغا ئالدىڭلار ، ئۇنى سەل چاغلىدىڭلار ، ھالبۇكى ئاللاھنىڭ نەزىرىدە ، ئۇ چوڭ گۇناھتۇر!» قۇرئان كەرىم، نۇر 15 - ئايەت


« ئاللاھقا ۋە قىيامەت كۈنىگە ھەقىقىي ئىشەنگەنلەر ياخشى گەپ
قىلسۇن ياكى شۈك تۇرۇۋاسۇن!» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام.

« تىلىڭنى يىغ، يولۇڭغا ماڭ ! ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي » ئاتىلار نەسىھىتى

« توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال »  ئاتىلار ھېكمىتى.

« تۈلكە ئۆز ئىنىغا ئۈرسە قوتۇر بولۇر » يۈسۈپ خاس ھاجىپ.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 22 - ئاپرىل دۈشەنبە