2021/11/28 01:34

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


2019 - يىلىدىكى G7 يىغىنى ۋە چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلىشى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/08/31 06:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



‏G7 يىغىنى ۋە تىلغىمۇ ئېلىنمىغان جازا لاگىرلىرى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىق مەسىلىسى

دۇنيانى بىر مەزگىل دىنىي زاتلار باشقۇردى. يەنە بىر مەزگىل ھەربىي كىشىلەر باشقۇردى . مانا ئەمدى سودىگەرلەر باشقۇرۇۋاتىدۇ .« شۇڭلاشقا خەلقئارالىق  مۇناسىۋەتتە مەنپەئەتنى ئۆلچەم قىلىش سالقىمى تېخىمۇ كۈچەيدى .

دوللار ترامپ چوڭ سودىگەر ، ماكروننىڭ خوتۇنى دۇنيانىڭ پۇلىنى، ئامېرىكىنىڭ دوللىرىنى مونوپول قىلىۋالغان روسچېلد جەمەتىنىڭ قىزى .  ئۇندىن باشقىلارنى تىلغا ئالمىدىم . چۈنكى بۇ قېتىمقى يىغىن دەل مۇشۇ ئىككىسىنىڭ بىر قەپەس تۇتىشىدىغان سورۇنىغا ئايلىنىپ قالغان ئىدى.

ماكرون ھازىرغىچە ئامېرىكىنىڭ تۈپ مەنپەئەتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان سودا ئۇرۇشى، رۇسىيە ۋە ئىران مەسىلىسىدە ئامېرىكا بىلەن قارمۇ - قارشى يول تۇتتى. 

ئەھۋالىمىز 1939 - يىلدىكى يەھۇدىلارنىڭ ئەھۋالىدىنمۇ بەتتەر ئېچىنىشلىق . يىگىرمە مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىكى ، يەنى يەر شارىنىڭ بىر بۇلۇڭىدىكى خىتاي يەر شارىنىڭ يەنە بىر بۇلۇڭىدىكى كۈچنىڭ بىزنىڭ مەسىلىمىزدە سۈكۈت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۆلىگەن بەدەللىرىنىڭ مېۋىسىنى تېتىپتۇ مانا . ئەمدى بىزمۇ دۇنيادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ خىتايغا بېسىم قىلىشى ئۈچۈن تارىختىكى ئەڭ چوڭ بەدەلنى تۆلەشكە ھەرىكەت قىلايلى . بولمىسا نەچچە يىلغا قالمايلا، ۋاقىتتىن ئۇتقان خىتاي خەلقىمىزنى يەر يۈزىدىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىدۇ . دۈشمەننىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئالۋاستىلار ئىكەنلىكىنى مەن سەككىز سائەت ئىلگىرى يازغان « بېلىق تۇتۇش ماھارىتى ۋە ئۇنىڭ ئۈچ مىللەت مىللىي پىسخىكىسىغا بولغان كۈچلۈك تەسىرى » ناملىق يازمامدا قىسقىچە بايان قىلىپ قويدۇم . جەننەت كەبى ۋەتىنىمىزدە ئالدى بىلەن شىر - يولۋاسلارنىڭ،ئاندىن يەرلىك پاقا ۋە يەرلىك بېلىقلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ، دۈشمەن يۇرتىدىن « شاڭخەي بېلىقى » ۋە « جېجياڭ پاقىسى» نى، ھەتتا « خىتاي قارا چاشقىنى » نى پويىز بىلەن بىللە ئېلىپ كەلدى. دۈشمەن بىلەن بىللە كەلگەن بارلىق جانلىقلارمۇ خۇددى ئىگىسىگە ئوخشاش ئېكىلوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنى بۇزۇپ تاشلاپ، ۋەتىنىمىزدىكى خوجايىن جانلىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى . مانا ئەمدى نۆۋەت ئەزىز خەلقىمىزگە كەلدى. خەلقىمىز ھەر كۈنى سۇيقەستلەر بىلەن قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلىۋاتىدۇ . ئورنىغا ھەر كۈنى مىڭلارچە ئاققۇن ئالۋاستىلار كۆچۈپ كېلىپ، يەر ئىگىلەۋاتىدۇ . ئەڭ قىممەتلىك بارلىقىمىز ۋە خەلقىمىزنىڭ ئۈمۈدى بولغان خانىم - قىزلىرىمىز ئۇلارغا سوۋغا قىلىنىۋاتىدۇ . ئەھۋال شۇ قەدەر ئېغىر ئىكەن. بىز يەنە نېمىگە ئۆزىمىزنى ئوڭشاپ، كەسكىن ۋە ئومۇميۈزلۈك ھەرىكەتكە كېلەلمەيمىز ؟؟؟

بۇ قېتىمقى G7 يىغىنىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى ۋە كۈنتەرتىپتىكى مەسىلىلەر تۆۋەندىكىچە :

24-ئاۋغۇستتىن 26-ئاۋغۇستقىچە فرانسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان 2019-يىللىق 7دۆلەتلەر يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىنغان مەسىلىلەردە خوڭ كوڭ مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، 7دۆلەت رەھبەرلىرى بىرلەشمە باياناناتىدا خوڭ كوڭنىڭ 1984-يىلىدىكى < خىتاي - ئەنگلىيە بىرلەشمە باياناتنامىسى>دىكى خوڭ كوڭنىڭ ئالىي ئاپتونومىيە ھوقۇقىنى قوللايدىغانىقىنى ۋە خوڭ كوڭلۇقلارنىڭ ئۆزلىرىنى بېسىۋېلىشى، تەمكىن بولۇشى كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەمما ئېرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە يەتكەن ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، لاگىرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنمىغان.
تېخىمۇ قىززىق بولغىنى، بۇ يىغىندا فرانسىيە پرېزدېنتى ماكروننىڭ تەكلىپى بىلەن يەتتە دۆلەتلەر گۇرۇھى نامى ئاستىدا ماقۇللانغان <كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانلارنى قوغداش قانۇنى>غا قول قويۇلغان. يەنى، لاگىرلاردا ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملارنى كۆرۈۋاتقان، نەچچە مىليۇن ئادەمنىڭ ھاياتى ماكرون قاتارلىقلارنىڭ دىققىتىنى تارتالمىغان ياكى ئۇلار كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانلارچىلىك ھوقۇقتىن بەھرىمەن بولۇشى كېرەكلىكى نەزەرگە ئېلىنمىغان.
ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك  ۋە خەلقئارا مەسىلىلەرگە تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى بولغان بۇ يەتتە دۆلەتلەر يىغىنىدا  شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن ئۇيغۇر خەلقىگە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئېرقىي قىرغىنچىلىق تىلغا ئېلىنمايدۇ؟ ئەجەبا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاشۇ كەم ئۇچرايدىغان ھايۋانلارچىلىك ئەزىزلىنىش ۋە قوغدىلىش ھەققى يوقمۇ؟

ماكرون فرانسىيە كونسۇللىرى بىلەن جەم بولۇپ مۇنداق دېگەن :« غەرپ ئەللىرىنىڭ دۇنياۋى ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىۋاتقان نازۇك دەۋردە ياشاۋاتىمىز ! دۇنيادا يېڭى كۈچلەر ئوتتۇرىغا چىقماقتا، ياۋروپانىڭ ۋە دۇنيانىڭ تەرتىپى قايتىدىن تەڭلىشىلىۋاتماقتا . ئەمما رۇسىيەنى قەستەن ياۋروپادىن يىراقلاشتۇرۇش خەتەر پەيدا قىلىدۇ ».
ماكرون سەھنىگە چىققاندىن بۇيان ئىزچىل ياۋروپانى ئامېرىكىدىن ئاجرىتىپ، ياۋروپانىڭ ناتوسى ۋە ئورتاق مۇداپىئە ئاپپاراتىنى قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلدى. ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ تۇرۇشتىكى كوزىرى رۇسىيە، پەقەت رۇسىيەلا ياۋروپاغا ھەيۋە قىلىپ تۇرىدىكەن، ياۋروپانىڭ ئامېرىكىغا بېقىنىپ قالغىنى قالغان. ئەمما ماكرون بۇ ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىماقچى . بۇنىڭ ئۈچۈن رۇسىيە بىلەن ياراشماقچى . ئامېرىكىدىن كېلىدىغان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئۇ چوقۇم خىتاينىڭ قوللىشىغا مۇھتاج . بۇندىن توپتوغرا 150 يىل ئىلگىرى، يەنى ئەجداتلىرىمىز ئىلى ۋادىسىدا چاررۇسىيە ئارمىيىسى بىلەن ھايات ماماتلىق جەڭ قىلىۋاتقان چاغدا، پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى پارتلاپ، قىسقا ۋاقىتتىلا فرانسىيىنىڭ ياۋروپادىكى ئىناۋىتى يوق بولدى. پرۇسسىيە گېرمان ئىمپىرىيىسگە ئايلىنىپ، ياۋروپاغا خوجا بولدى. باش ۋەزىر بىسمارك چاررۇسىيە، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە، ئىتالىيە ، ھەتتا ئوسمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى يېنىغا تارتىپ، تەنھا فرانسىيىنى دىپلوماتىيە جەھەتتىن يېتىم قالدۇرغانىدى. فرانسىيە تاكى 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقۇچە شۇ ھالدا 50 يىل يېتىم دۆلەت بولۇپ قالغانىدى. 1919 - يىلدىن 2019 - يىلغىچە فرانسىيە ئىزچىل ياۋروپانىڭ خوجىسى بولۇش ئۈچۈن كۆپ ئۇرۇندى . ئەمما بىرلىككە كەلگەن گېرمانىيە تېزلا باش كۆتۈرۈپ، بۇنىڭغا يول قويمىدى . ئامېرىكىمۇ رۇسىيە بىلەن ياۋروپانى يىرىكلەشتۈرۈپ، گېرمانىيەنى قوللاپ، فرانسىيەنى چەكلەپ كەلدى. مانا ئەمدى كونا دۇنيا تەرتىپىگە ساق يۈز يىل توشقان ھالقىلىق بىر پەيتتە، شۇنىڭدەك خەلقىمىز قىل ئۈستىدە قالغان خەتەرلىك بىر پەيتتە، ماكرون ساھىپخانلىق قىلىۋاتقان «يەتتە پۇلدار پومىشچىك» يىغىنىدا نەسلى قۇرۇپ كېتەي دېگەن بىر ھايۋان تۈرىنى قۇتقۇزۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئەكسىچە نەسلى قۇرۇپ كېتىشكە ئاز قالغان خەلقىمىز ھەققىدە ھېچكىم بىر ئېغىزمۇ گەپ قىلمىدى .

شۇنى ئۇنۇتماسلىق كېرەككى، ماكرون ئۆزلىكىدىنلا سەھنىگە چىقىپ قالغان بىرى ئەمەس ، بەلكى ئۇنىڭ كەينىدە دەل دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقان قارا قول بار . ماكروننىڭ سەت خوتۇنى دەل دۇنيانىڭ ئىقتىسادىنى قولغا ئېلىۋالغان روسچېلد جەمەتىنىڭ قىزى . ئۇنداقتا قارا قول يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۈزۈش پىلانىنى ئىجرا قىلىشقا باشلىدىمۇ ؟ ناۋادا دۇنيا كۆپ قۇتۇپلىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلسا، خىتاي بۇنىڭدىن پايدا ئالىدۇ . ئەگەر ئامېرىكا چۆكسە، ھېچكىم ئورنىنى باسالمايدۇ . ئەكسىچە بىر نەچچە دۆلەت تۆر تالىشىپ، ئاخىرىدا بىر مەيدان ئۇرۇش پارتلايدۇ . ئەمما بۇ تۆر تالىشىش توقۇنىشىنىڭ تۇنجى قۇربانلىقى يەنىلا بىز بولىمىز. شۇڭا كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە باشقىلارنىڭ زەمبىرەك يېمى بوپقېلىش ئېھتىماللىقىمىزنى ئازايتىش ئۈچۈن تىرىشايلى! ئىتتىپاقداشنى خاتا تاللاپ قالمايلى، خاتا كېمىگە چىقىپ قالساق، مىللەت سۈپىتىدە چۆكۈپ غەرق بوپكېتىمىز !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 28 - ئاۋغۇست  ئەندىشىلىك چارشەنبە .