2021/10/15 21:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


مېنىڭ شېئىرىيەت مىزانىم - روزى سايىت

يوللىغۇچى: ئايگۈل, 2020/07/21 05:33

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

ئايگۈل

مىنىڭ شېئىرىيەت مىزانىم
روزى سايىت
سۆيگىنىم شېئىر، بۇ كەسپىي ئىشتىياقتىن كەچمىدىم،
كۆيگىنىم ئارۇز ۋەزىن ، شۇ ئوت پىراقتىن كەچمىدىم.
باغۇ-بوستانلارنى كەزدىم "پائىلاتۇن" غا مىنىپ،
"بەھرە »لەردىن بەھىرلەنگەندە تۇراقتىن كەچمىدىم.
بولسا رەختىڭ، تون كىيەمسەن ياكى كەمزۇل ئىختىيار،
نۇسخا تاللاش بىر شەكىل،مەزمۇن -پۇراقتىن كەچمىدىم.
"يېڭىلىق"دەپ چاپتى خەقلەر "كونا "ياقماي كۆڭلىگە،
ئىزدىدى ئۆرنەك بۆلەك قىتئە-يىراقتىن ،كەچمىدىم.
ئېيتتى:بەش يۈز يىلدىن ئاشتى بىر قېلىپتا بۇ نەزم،
كۆچمىسەك بولمايدۇ قىڭغىر ئولتۇراقتىن كەچمىدىم.
مۇشىت كۆتۈردى تەلۋە داۋراڭ،تارتتى تىغ ئىنكارچىلىق،
چىقمىدى ئىنكارغا لايىق ئوق  ياراغدىن كەچمىدىم.
يا ئېچىشسۇن، يا قېچىشسۇن بولمىسا ئۇ شېئىر ئەمەس!
دەپ ناۋايى پەرلىگەن بۇ شام-چىراغدىن كەچمىدىم.