2021/10/15 22:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئاياسوفىيە ، بابۇر مەسچىتى ، سۇلايمان ئىبادەتخانىسى ۋە قەشقەر ھېيتگاھ جامەسى

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2020/12/06 12:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


ئاقىلغا ئىشارەت ، نادانغا جۇۋالدۇرۇز : جاھان كۈچلۈكلەرنىڭ بولۇۋاتىدۇ . پەقەت كۈچلۈكلەرلا خالىغىنىنى قىلىدۇ :

« قورالى بار غازى پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى ئۈستىدىن غەلىبە قىلغان . قورالى يوق دەرۋىش پەيغەمبەرلەر دۈشمەنلىرى قولىدا ئېچىنىشلىق ئۆلتۈرۈلگەن » . نىكوللو ماكياۋېللى.   

ئوخشاش ئۇرۇنۇشلار : ئەقسا مەسچىتى ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سالماق ، موزىينى مەسچىتكە ئۆزگەرتمەك، بابۇر مەسچىتىنى چېقىپ بۇتخانا سالماق ، ھېيتگاھنى چېقىپ ، كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سالماق :

1 . جامەگە ئايلانغان ئاياسوفىيا ۋە بۇتخانىغا ئايلانغان بابۇر جامەسى :

2015 - يىلدىن بېرى پات - پات چوقان كۆتۈرۈش ئارقىلىق 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل تۈركىيە رەسمىي ھالدا ئۆز ئىلكىدىكى ئاياسوفىيا مۇزېيىنى قايتىدىن مەسچىتكە ئايلاندۇردى . نەتىجىدە 538 - يىلدىن 1453 - يىلغىچە 915 يىل بارچە شەرقىي مەزھەپ خىرىستىئانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئاياسوفىيا چېركاۋى مەسچىتكە ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ قىبلىسى موسكۋادىكى ماروژنا چېركاۋغا كۆچتى. ئۇدا 481 يىل مەسچىت ھالىتىدە قالغان ئاياسوفىيا 1934 - يىلى 24 - نويابىردا مۇزېيخانىغا ئايلاندۇرۇلۇپ ، ئەنگلىيە پادىشاھى قاتارلىق ئەرباپلار قەدەم تەشرىپ قىلىپ قىزغىن تەبرىكلىدى . 2020 - يىلى 10 - ئىيۇل 1934 - يىلدىكى قارار بىكار قىلىنىپ ، 24 - ئىيۇل 86 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جۈمە نامىزى ئوقۇلدى .

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى پۈتتۈرۈلگەن بابۇر مەسچىتى 1992 - 1999 - يىللىرى ھىندىلار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىقا ئۇچرىدى . سەۋەبى ئافغانىستاندىكى تالىباننىڭ باميان ناملىق بۇتنى بومباردىمان قىلىپ چېقىپ تاشلىغىنى ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ھىندىلارنىڭ خۇداسى بولغان كالىنى ئۆلتۈرۈپ يېيىشى ئىدى . تالىباننىڭ ھېچنىمىگە پۇتلاشمايدىغان بۇتلارنى چېقىۋېتىشى بىلەن ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى ئېغىر كۈندە قالدى . ئۇلار شۇندىن بېرى ھىندىلارنىڭ ئىرقىي كەمسىتىشى ۋە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچراپ تۇردى . ھىندىلار يەنە خۇددى ھازىرقى ئىسرائىلىيە توقۇغاندەك سەپسەتىدىن بىرنى توقۇپ ، بۇ جايدا ئەسلى مۇقەددەس بۇددا ئىبادەتخانىسى بار ئىدى . ئۇنى مەھمۇد غەزنەۋىدىن بابۇرشاھقىچە ئۆتكەن تۈرك - ئىسلام ھۆكۈمرانلىرى يوق قىلىپ ، ئۈستىگە مەسچىت سالغان دېگەن گەپنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئالىي سوتقىچە سۇنۇشتى . ئۇلارنىڭ ئارزۇسى 2019 - يىلى 9 - نويابىر ئەمەلگە ئاشتى . شۇ كۈنى سوت مەسچىت جايلاشقان ئورۇننى ھىندىلارغا بۆلۈپ بەردى . يەنە شۇ يىلى 4 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم رايونلۇق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىپ ، كەشمىر بىۋاستە يېڭى دېھلىغا قاراشلىق جايغا ئايلاندى . ئاقىۋەت ھىندى بايلار سەلدەك يامراپ كېلىپ ، بۇ جايدىن مۇقۇم ئۆي - مۈلۈك ۋە ساياھەت ئورۇنلىرىنى سېتىۋېلىشقا باشلىدى . 2020 - يىلى 4 - ئاۋغۇست باش ۋەزىر مودى ئۆزى مەزكۇر مەسچىتنىڭ ئورنىغا سېلىنىدىغان بۇتخانىغا ئابىدە - ئۇلتاش قويۇپ بەردى . 500 يىللىق مەسچىت ئۈن - تىنسىز يوقىلىش باسقۇچىغا كىردى .

بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى. مانا ئەمدى 492 يىللىق مەسچىي چېقىۋېتىلىش ئالدىدا تۇرىدۇ . ئاتالمىش مۇسۇلمان ئەللىرى لېدىرلىرىدىن قىلچە سادا يوق .

2 . ئەقسا مەسچىتىنى چېقىپ تاشلاپ سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىش ۋە ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنى چېقىپ تاشلاپ كۇڭزى ئىبادەتخانىسى سېلىش ئۇرۇنۇشى :

مىلادىدىن بۇرۇنقى داۋۇت - سۇلايمان دەۋرىگە ئائىت ئىبادەتخانا مىلادى 70 - يىلى رىم ئىمپىرىيىسى ھازىرقى ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن توزۇپ يوقالدى .
620 - يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ئاسمانغا سەپەر قىلغاندا مۇشۇ ئېرۇسالىمدا توختاپ ، بارچە پەيغەمبەرلەرنىڭ روھلىرى بىلەن تېپىشىپ ، ئوپچە ناماز ئوقۇغاندىن كېيىن ، شۇ جايدىن ئاسمانغا قاراپ يول ئالغان . 640 - 642 - يىللىرى مىسىر ۋە پەلەستىن مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەر ئۆزى قۇددۇسقا بېرىپ ، شەھەرنىڭ تەسلىمىنى قوبۇل قىلىپ ، بارچە دىنلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ شەھەرنىڭ خارابىلىككە ئايلىنىپ كەتكەن يېرىگە كېلىپ ، بۇ قايسى جاي دەپ سورىغاندا ، خەۋەردار ساھابىلەر بۇ يەرنىڭ ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز ناماز ئوقۇپ ، ئاسمانغا چىققان يەر ئىكەنلىكىنى ئېيتىشقان . خەلىپە ئۆمەر بۇ جايغا بىر مەسچىت سالدۇرغان . كېيىنچە خەلىپە ئابدۇمەلىك ئىسرا ۋەقەسىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن « قۇببە ساخرا » نى ياساتقان . شۇندىن بېرى تاكى 1097 - يىلغىچە مەسچىت شۇ پېتى تۇرغان . ئەمما شۇ يىلدىن 1187 - يىلغىچە داۋام قىلغان ئەھلى سەلپ ئىشغالىيەت دەۋرىدە مەسچىت ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ ، ئىچىدىكى بارلىق تەۋەررۈك نەرسىلەر يوق بولغان . 1187 - يىلى ئۆكتەبىردە قۇددۇسنى قايتۇرۇۋالغان سۇلتان سالاھىددىن قايتىدىن مەسچىتنى چوڭ رېمونت قىلدۇرغان . شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مەسچىت تاكى 1917 - يىلى 9 - دېكابىر ئەنگلىيە ئىشغال قىلغان كۈنگىچە مۇسۇلمانلارنىڭ ( ئەييۇبىلار ، مەملۇكىلار ، ئىلخانىلار ، ئوسمانىلار ) قولىدا تۇرغان . 1947 - يىلغىچە ئەنگلىيە - ئەرەب بىرلەشمە قىسمى قوغداپ تۇرغان .
1948 - يىلى 14 - ماي ئىسرائىلىيە قۇرۇلغان . ئەتىسى تۇنجى ئەرەب - ئىسرائىل ئۇرۇشى باشلانغان . كېيىنكى يىلى ئۇرۇش توختىغان . پەلەستىن 1947 - يىلى ب د ت بۆلگەن لايىھەنى رەت قىلىپ ، دۆلەت قۇرمىغان . ئەمما يەھۇدىلار پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالغان . 1956 - يىلى ئەنگلىيە - فرانسىيە - ئىسرائىلىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى 2 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغىغان . نىشان مىسىر بولغان . ئەمما ئامېرىكا بېسىم قىلىپ ، ئۈچ دۆلەت سىناي يېرىم ئارىلىدىن چېكىنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا شەرقتە ئەنگلىيە دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، ئامېرىكا دەۋرى باشلانغان . 1967 - يىلى 5 - ئىيۇندىن 10 - ئىيۇنغىچە ئىسرائىلىيە بىرلا ۋاقىتتا سۈرىيە، ئىئوردانىيە ، لىۋان ، پەلەستىن ۋە مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ، 3 - قېتىملىق ئۇرۇشنى قوزغاپ ، بەش كۈن ئىچىدىلا لىۋاننىڭ جەنۇبىنى ، سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىنى ، ئىئوردانىيەگە تەۋە غەربىي قىرغاقنى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان . ئەرەب ئەللىرى قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ نومۇستا قالغان . شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قۇددۇسنى ئىشغال قىلىپ ، ئەقسا مەسچىتىنى قولغا ئالغان ئوڭقانات كۈچلەر ۋە ئاشقۇن دىنىي كۈچلەر دەرھال 280 مىڭ تاختايغا تەۋرات تېكسىتلىرىنى باستۇرۇپ ، كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى سۇلايمان ئىبادەتخانىسى ئۈچۈن تەييارلىقنى پۈتتۈرگەن . 1968 - يىلى بىر يەھۇدى ئەقسا مەسچىتىگە ئوت قويۇۋەتكەن. مەسچىت زور بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان . 53 يىلدىن بېرى ئاشقۇن كۈچلەر ۋە كونسېرۋاتىپلار ئىزچىل بۇ مەسچىتنى چېقىپ تاشلاش ئۈچۈن پۇرسەت كۈتۈپ كەلدى . ھەتتا ئەقسا مەسچىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر تۆپىلىككە سۇلايمان ئىبادەتخانىسى مۇزېيى قۇرۇپ ، يەھۇدى بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئاشۇ مەسچىتنى چېقىۋېتىپ ، ئورنىغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىشنىڭ تولىمۇ شەرەپلىك ۋەزىپە ئىكەنلىكىنى سىڭدۈرۈپ ماڭدى . سەبىي بالىلار ھەر كۈنى كۆز ئالدىدىكى ئىبادەتخانا مودېلىغا ۋە سىرتتىكى مەسچىتكە قارىسىلا ، ئۇنىڭ قەلبىدە بۇ ئىستەك يالقۇنجاپ تۇرىدۇ .

ئۇيغۇر مەسچىتلىرى ۋە كۇڭزى ئىبادەتخانىلىرى:

1759 - يىلى ۋەتىنىمىز مەنچىڭ باندىتلىرى تەرىپىدىن تۇنجى قېتىم ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن ، جاي - جايلاردا بۇددا ئىبادەتخانىلىرى سېلىنىپ ، قۇمۇلدىن قەشقەرگە كەلگىچە ۋاڭ - گۇڭلارنىڭ ھەيكەللىرىگە تازىم قىلماي ئۆتۈشنى مەنئىي قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادىغا ئېغىر ھاقارەت قىلىندى . 1878 - يىلى خىتايلاشقان مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتىدىن يۇتۇۋېلىپ، بەدۆلەتنىڭ جەسىتىنى ھېيتگاھ مەيدانىدا چېپىپ كۆيدۈرۋەتكەندىن كېيىنلا قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنى تاقىۋېلىپ ، ئۇنى زورلاپ بۇتخانىغا قىلىۋالغان . ئۇلار بۇ قېتىم ۋەتىنىمىزنى تۇنجى قېتىم يۇتۇۋالغان چيەنلوڭنىڭ « بىر بۇددا ئىبادەتخانىسى يۈز مىڭ لەشكەرگە تېتىيدۇ » دېگەن تەلىماتىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، بۇنى قانۇنلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنغان . ئەمما قەشقەر خەلقى قوزغىلىپ كېتىپ ، ئۆلىمالار ئارىغا چۈشكەندىن كېيىن ، چاررۇسىيەنىڭ ھەربىي بېسىمىغا دۇچ كەلگەن ليۇ جىنتاڭ ھېيتگاھتىكى ئالتۇن بۇتنى ياندىكى بىر باينىڭ قورۇسىغا يۆتكەپ چىقىپ كەتكەن . ئاۋام بۇنىڭ ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل يىغىش قىلىپ ، مىڭ تەستە خىتاي ليۇ جىنتاڭنى بۇ ئىشقا قايىل قىلغان .

1913 - يىلدىن 1923 - يىلغىچە ياڭ زېڭشىن ئۇيغۇر خەلقىنى پارچىلاپ باشقۇرۇش ئۈچۈن ھەسەتخور موللىلاردىن پايدىلىنىپ ، ھەدەپ مەسچىت سالدۇرۇپ ، ئۆز ئارا دۈشمەنلىكى بار چالا موللىلارنى بىر يەرگە خىزمەتكە قويۇپ ، ئاۋامنى شۇلارنىڭ قولى بىلەن باشقۇرغان . بۇنىڭ تەسىرى بەكلا يامان بولغان . بۇنى تولۇق ھېس قىلىش ئۈچۈن مۇھەممەد ئەلى زۇنۇننىڭ
« قوش مەسچىت » ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇڭ .
1937 - يىلدىن 1947 - يىلغىچە جاللات شېڭ شىسەي ۋە گومىنداڭ تالاي مەسچىتلەرنى تاقاپ ، ياكى شۆتاڭغا ئۆزگەرتىپ ، ھەدەپ ئاتالمىش ئالتە بۈيۈك سىياسەت بىلەن ئۈچ مەسلەكنى تەشۋىق قىلىدىغان پارتىيە مەكتەپلىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . ئۇيغۇر خەلقى ئىچىدىكى ئۆلتۈرۈلگەن دىنىي ۋە مىللىي سەرخىللارلا 125 مىڭ كىشىدىن ئاشقان . ئادەتتىكى ئاۋامدىن ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى ھېلىھەم ئېنىق ئەمەس .

1949 - يىلى ھازىرقى قىزىل خىتايلار ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئالدى بىلەن ئۆلىمالار بىلەن بايلارنى تۈپتىن يوقىتىپ ، خەلقنى سەركىسىز قالدۇرۇپ ، ئارقىدىنلا ئۆزىگە ھەمكارلاشقان مىللىي كادىرلارنىمۇ تازىلاپ ، مىللىي ئارمىيەنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ، يۈرەكلىك ھالدا 1957 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مىللىي سوت ۋە مىللىي تەپتىشنى ( مەھكىمە شەرئى ) ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، 1966 - يىلدىن باشلاپ 1979 - يىلغىچە ۋەتىنىمىزدىكى بارلىق مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىغان . پەقەت ئازغىنە دۇنياۋى ياكى رايون خاراكتېرلىق تەسىرى بار مەسچىتلەر تاقاپ قويۇلغان . ياكى ئىسكىلاتقا ئايلاندۇرۇلغان .

2017 - يىلى خەلقىمىز جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە مىليونلاپ قامالغاندىن كېيىن ، بوش قالغان بارچە مەسىچتلەرنى چېقىپ تاشلاپ ، يەنىلا بىر قىسىم ۋەكىللىك مەسىچتلەرنى خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن قالدۇرۇپ قويغان . چېقىلغان مەسىچتلەر ئورنىغا يا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى يا ئىشغالچى باندىتلارنىڭ ھاكىمىيەت ئاپپاراتلىرى قۇرۇلغان . چېقىلمىغان مەسچىتلەرمۇ يا قاۋاقخانا يا كىيىم تىككۈچى ئورۇنلارغا ئايلاندۇرۇلغان . ھەر بىر مەكتەپتە كۇڭزىنىڭ ھەيكىلى تىكلەنگەن . 1949 - 1976 - يىللىرى خەلقىمىز جاللات ماۋنىڭ ھەيكىلىگە تازىم قىلىشقا مەجۇرلانغان بولسا ، ئەمدى بالىلار شۇ ھەيكەللەرگە باش ئۇرۇشتىن سىرت ، خىتايچە كىيىنىش، خىتايچە گەپ قىلىش ، خىتايچە غىزالىنىش ، ھەتتا خىتايچە تەپەككۇر قىلىشقا مەجبۇرلانغان . 2020 - يىلى 5 - ئىيۇلغا ئۈلگۈرتۈپ ئۈرۈمچى ئايروپورتىدا كۇڭزى ھەيكىلى تىكلەندى .

ھىندىستاننىڭ 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقىنى بىكار قىلىپ ، يېڭى دېھلىغا باغلىۋالغىنىدىن ئىلھاملانغان خىتايلار 2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست قەشقەر شەھىرىنى پېكىنگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرگە ئايلاندۇرۇش قارارىنى ئاشكارىلىغان ( ھازىر مۇزاكىرە باسقۇچىدا ). تۈنۈگۈن چېقىلغان بابۇر مەسچىتى ئورنىغا ، بۈگۈن ھىندى ئىبادەتخانىسى سېلىنىش ئۈچۈن لېنتا كېسىلدى . يەنە ئەزمىلىك قىلىپ ، ئۆز ئارا ئېغىز ئۇرۇشى قىلىپ ، پەسلىشىپ يۈرسەك ، ئەتە قەشقەر ھېيتگاھ ئورنىغا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى،
ھەسسۇلتان مازىرى ئورنىغا چىن شىخۇاڭنىڭ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى ئورنىغا خەن ۋۇدىنىڭ، ئۇۋەيسخان مازىرىغا چيەنلوڭنىڭ ، سەئىدخان مازىرىغا ئىپلاس ماۋ ، ياكى قايسىبىر ۋاڭنىڭ خاتىرە سارىيى سېلىنىدۇ خالاس ....

خۇلاسە شۇ بولدىكى ، ئۇيغۇرلار پەقەت ۋە پەقەت كۈچلۈك بولۇشقا مەجبۇر . باشقا ھېچقانداق ھالەت بىزنى قۇتۇلدۇرالمايدۇ .
بىز گەپنى بەك جىق قىلىۋەتتۇق . ئەمما يەنىلا ئەمەلىي ئىشتىن ئەسەر يوق . قىلىۋاتقانلارنى قوللايدىغانلاردىن پۇتلايدىغانلار ھەسسىلەپ كۆپ . بۇ ھالدا ۋەتىنىمىز ، خەلقىمىز ، بارچە تەۋەررۈكلىرىمىزغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ئۆزىمىزگىمۇ ئىگە بولالامدۇق ؟!!

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 5 - ئاۋغۇست.  غەزەپلىك چارشەنبە.