2019/09/20 23:56

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قائىدە-تۈزۈملەر - ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

ئۇيغۇر مۇنبىرى قائىدە -تۈزۈملىرى

1. ئۇيغۇر مۇنبىرى - مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشى، ئىدىيىسى، ھەرىكىتى ئۈچۇن ئەركىن پىكىر مەيدانى.
2. ئۇيغۇر مۇنبىرى - «ئۇيغۇر ئەركىنلىك ئىنستىتۇتى» تارمىقى ئاستىدىكى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ باشقۇرۇشىدا يۇرۈشتۈرۈلىدۇ.
3. ئۇيغۇر مۇنبىرى - ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتى بولغان «ۋەتەن، خەلق، ھوقۇق، تىل-مەدەنىيەت ۋە ئىقتىسادى تەرەققىيات» توغرسدا ئاكتىپ، ئىجابى پىكىر سەھنىسى.
4. مۇنبەردە زوراۋانلىق، شەھۋانىلىق، مۇنبەر تۇرىۋاتقان دۆلەت قانۇنلىرىغا خىلاپ سۆز-ھەرىكەتلەر چەكلىنىدۇ. شۇنداقلا ئۆز-ئارا ئىختىلاپ ۋە زىددىيەت تېرىيدىغان مەزمۇنلار، شەخسنىڭ ئىززەت-ھوقۇقى، غورۇرىغا تېگىدىغان مەزمۇنلار بىردەك چەكلىنىدۇ.
5. ئۇيغۇر مىللىتىگە قارشى ختتاي ئۈچۈن ئشىلەيدىغان ھەر قانداق ئاككونت بايقالغان ھامان مۇنبەر تۇرۇشلۇق دۆلەت ئاخبارات ئورگانلىرىغا مەلۇم قىلىنىدۇ ۋە تور ئارقىلىق جامائەتچىلىككە ئاشكارىلىنىدۇ.
6. يوللانمىلار ئىلمى، سۈپەتلىك، ئشەنچىلىك بولۇشى كېرەك. زۆرۈر بولغاندا، تەھرىرلىكنى قوبۇل قىلىشى كېرەك. ھەدىدىن زىيادە قىسقا، خاتا، مەنبەسى بولمىغان، زىيانلىق ئۇچۇرلار ئۆچۈرۈلىدۇ.
7. يوللانما، يازما ۋە  تەنقىدلەر يازغۇچىنىڭ ئۆز كۆز-قارشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى بىلەن مۇناسىۋەتسز.