ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

سىياسى رىئاللىق political situation => دۇنيانىڭ ئىنكاسى-world Response => Topic started by: Nuri on 2020/06/22 21:48

Title: كۆز-قاراش:نۇرى مۇسابايۇۋ:ئاقسارايدا ئۆلگەندىن كېين ياسىن ئوقۇش بولغاندەك قىلىدۇ
Post by: Nuri on 2020/06/22 21:48
ئاقسارايدا:  ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇش بولغاندەك قىلىدۇ
        نۇرى مۇساباي
پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويۇشى ۋە بولتوننىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرغا ئائىت جۈملىلەرنىڭ تارقىلىشىدىن بولىۋاتقان مۇنازىرلەردىن ھەس قىلغانلىرىم

6-ئاينىڭ 17-كۇنى پىرىزدېنت ترۇمپ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا قول قويدى. بۇنىڭ بىلەن 3 يىلدىن بەرى ئامېرىكا كوڭگىرىستا لوبىيچىلىق قىلىپ يۈرگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە پۈتۈن تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار  ئۇچۇن خوشاللىق بىر كۇن بولدى.

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خوش بولدى.  ئۇئائا نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ۋاشىڭتون شەھرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يامغۇرغا قارىماي، ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلىپ، پىرىزدېنت  ترۇمقا، ئامېرىكا كوڭرەسىغا، ئامېرىكا خەلقىگە رەخمىتىنى بىلدۇرۇپ نامايىش قىلدى.

ئۇئائا 6-ئاينىڭ 17-كۇنىنى ئۇيغۇر-ئامېرىكا دوستلۇق كۇنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پۇتۇن ئۇيغۇرلار بۇ غەلىبىنى ناھايىت خوشاللىق بىلەن ھەرخىل ئۇسۇلدا تەنتەنە قىلىشتى.  ھەتتا بۇ غەلىبىدىن كىملەرنىڭ نەسىۋىسى بارلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالاش-تارتىشلارمۇ بولدى . غەلىبىنى تالىشىشقا ئوتتى.

بەك تەسلىكتە ئېرىشىلگەن بۇ ئازغىنا  نەتىجىدىن  دۇنيادىكى ھەتتا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ خوش بولۇپ تەنتەنە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،  ئاقساراينىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى بولتوننىڭ  "ئاقسارايدا ئوتكۇزگەن كۇنلەر" دىگەن كىتابىنىڭ نەشىردىن  چىققانلىق خەۋىرى تارقالدى.  بولۇپمۇ  كىتابتىكى ئۇيغۇرلاغا مۇناسىۋەتلىك بىر جۇملىنىڭ  ئامېرىكا مەدىيالىرىدا كەڭ تارقىلىشى  ترۇمپنىڭ  ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويشىدىن ھوزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقان قەھۋەلىرىمىزگە تۇز سەلىۋەتكەندەك بولدى.  ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ كەتتى.  سىياسەتنىڭ ئىككى يۇزىنى كورۇپ، ئامېرىكا ھوكۇمىتىنىڭ توغرا يۇزىنى ئىزدىگىلى تۇردۇق. كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى سۇرۇشتۇرمەيلا، ئەلەملىك ئاچچىققا چىدىماي  شىرىن خىياللىرىمىزنى بۇزىۋەتكەن  بولتوننى خائىن دەپ تىللىغانلارمۇ بولدى.

بۇ خەۋەر دۇنياۋى خەۋەر بولدى.  ئۇيغۇرنى بىلمىگەنلەر بىلدى. ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا تراگىدىيەلەر ئويلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىر ھەپتە بولدى ئامېرىكىدىكى رادىئو، تېلىۋىزور، گەزىتلەردە بۇ تېما ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزە، ئانالىزلار بولۇۋاتىدۇ.

بۇ ئانالىزلارنى  ئانالىز قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئىمزا قويىشى بىز ئۇچۇن بىر غەلبىمۇ؟  دىگەننى ئويلۇشۇپ باقايلى.

مەنچە بۇ غەلىبە ئەمەس، بىز تېخى ھىچ بىر  غەلىبىگە ئەرىشمىدۇق.  ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىڭ رەسمىي بىر قانۇن بولغىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر ناھەقچىلىكنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى،  گەرچە مىللىي قىرغىنچىلىق دىمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەردە بىر قىرغىننىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئامەرىكىنىڭ ئەتىراب قىلغانلىقى بولىدۇ.  زۇلۇمنڭ ئەتىراب قىلىنىشى بولدى.  ۋەتەندىكى خەلىقنىڭ ھالىدا ھىچ بىر  ياخشىلىنىش كورۇنمىدى. غەلىبىدىن  تېخى بىشارەت يوق.  ئەگەر قانۇن ئىجرا قىلىنسا  غەلىبىنى  ئالدىمىزدا كۆرۇشۇشىمىز مۇمكىن .  شۇڭا بۇ قانۇننى ھازىرچە  بىر نەتىجە دىگىنىمىز ياخشى.

بۇ نەتىجىنىڭ بارلىققا كەلىشىدە يالغۇز بىر- ئىككى كىشى ياكى بىر- ئىككى تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىلا سەۋەب بولغان ئەمەس.

نەتىجىنىڭ بارلىققا كەلىشىدە:

ئاتا-ئانىسى، باللىرى ياكى قەرىنداشلىرى لاگىرلارغا، دارىلتاملارغا قامىلىپ، ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ سۆز قىلىشتىن قورقۇپ، قەلىبلىرىدىن ئەلەملىك يىغلاپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغانلار؛

تۈرمە ، لاگىرلاردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۇرۇپ، پۇتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلەپ يۈرۈپ  تارقاتقانلار؛

رادىئو، تېلىۋىزور، گەزىتلەرگە سوزلىگەنلەر؛  ئامېرىكنىڭ كوڭگىرىسگە كىرى، ئىشىكمۇ-ئىشىك چېكىپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقانلار؛ ئىسسىق-سوغۇق دىمەي دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە  نامايىش قىلغانلار؛  ئىمزا توپلىغانلار، تېلىۋىزورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ  بەس مۇنازىرە قىلغانلار؛  ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ھەر تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان ئۇن-تىنسىز نامسىز تەرجىمان، ئاخباراتچىلارنىڭ تىنىمسىز ئەمگەكلىرى؛  ئۇنىۋېرسىتلەرگە بېرىپ نۇتۇق سوزلىگەنلەر؛  لاگىردىن ئامان چىققان تىرىك شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىرى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى، ھەسسىسى بار.

بولۇپمۇ ۋەتەندە قۇربان بولغان، غايىپ بولغان، تېخىچە لاگىرلاردا قامىلىپ ئازاب چەكىۋاتقان مىللىيونلارچە خەلقىمىزنىڭ قۇربانلىرى ئاساسلىق پاكىت، دەلىل بولۇپ، بۇ نەتىجىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان.  شۇڭا نەتىجىنى تالىشىش ئەمەس، ئۆز ئارا بىر -بىرىگە ئۆتۈنۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان ياخشى.

پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۇنى ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇن دەپ ئېلان قىلغان كۇنى، بولتوننىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدىن ئۇزۇندىلەرمۇ تەڭ تارقالدى.

ترۇمپ بولتوننىڭ كىتابىدا دىگەنلىرىنى يالغان، ئۇنىڭ كىتابىدا نۇرغۇن مەخپىي مەزمۇنلار بار، بۇلار  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ماتىرياللار،  شۇڭا بۇ كىتاب نەشىر قىلىنماسلىقى كېرەك دەپ، 6-ئاينىڭ 23-كىنى تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان كىتابنى تارقاتماسلىق ئۇچۇن سوتقا ئەرز قىلدى. ئەمما سوت ترۇمپنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، كىتابنىڭ تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا رادىئو، تېلىۋىزور، گېزىتلەردە بۇ ئىككى مۇھىم شەخسنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە مۇنازىرلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بولتون يالغان سۆزلەۋاتامدۇ؟

ياكى تىرۇمپمۇ؟

نىمە ئۇچۇن دېگەن سوئاللار ئاساسىدا مۇلاھىزىلەر بولدى.

مۇلاھىزە قىلغانلار ئامېرىكا ھۆكۇمىتىدە خىزمەت قىلغان سابىق  دىپلوماتلار، ئۇنىۋەرسىتلارنىڭ پروففسسورلىرى، بولتوننىڭ دېموكىراتلار پارتىيەسىدىن  سابىق  خىزمەتدىشى قاتارلىق سابىق سىياسىئون، دېپلوماتلار بار.

ئۇلارنىڭ ئانالىزىچە بولتون يالغانچى ئەمەس.  ترۇمپ خىتتاي بىلەن سودا ئويىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەققلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن دەيدۇ.

ئۇلار بۇ ئىككى شەخسنىڭ خارەكتىرى، ئۆتمۇشىگە قاراپ يەكۇن چىقىرىۋاتىدۇ.

ترۇمپنىڭ خاراكتىرىدىن:

تۇرمپ بىر سودىگەر، ئۇ ئوزىنىڭ دەۋاتقان گەپىنىڭ سىياسىي ئارقا كورۇنۇشىنى دەرھال پەرەز قىلالمايدۇ، ياكى پەرز قىلمايدۇ.  ئۈستەلدە مۇزاكىرە بولىۋاتقان  سودا، تىجارەت  توختاملىرىدىن  ئىگە بولىدىغان نەتىجىنىلا ئويلايدۇ. ئۇ بىر سوزنى قىلىشتىن بۇرۇن، شۇ سوزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىلگە ئالمايدۇ.  بەك ئويلاشمايلا  ئىتتىك جاۋاب بەرىش خاراكتىرى بار.  خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولاش ئىشىدا خىتتاي بىلەن ئېلىپ بەرىۋاتقان سودا كېلىشىمىدە خىتتاينى ئۆزەمنىڭ دېگىنىگە ماقۇل كەلتۈرىمەن دەپ، شىجىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە ئويلىمايلا ماقۇل دەپ قويغان ۋە كېيىن بۇ ئىشنىڭ  قانچىلىك راست-يالغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە سۈرۈشتە ئېلىپ بارمىغان  دەيدۇ.

يەنە  تۇرامپ پىرىزدېنت بولۇش ئۇچۇن سايلام كومپانىيەسى باشلاتقاندىن تارتىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتا ياخشى سۆز قىلمىغان. ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنجى دېگەننى كۆپ تەشۋىق قىلدى.  ئىسلاموفوبىيە، كۆچمەنلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك سوزلەرنى  قىلغان.

ترۇمپنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىك تەللەرسون  ئاسىيادىكى بىر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىنسان ھەقلىرىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئانچە ئارلاشمايدىغانلىقىنى، سودىنى جانلاندۇرۇش، دۆلەتلەر ئارا تىجارەتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق سوزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، جۇمھۇرىيەتچىلەر يىتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھوكۇمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى يۆنۇلۇشىنى ئىپادىلەپ قويدى.  بۇ خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارماقچى بولغان يوشۇرۇن باستۇرۇش  پىلانلىرىنى  بىمالال  ئوچۇق ئېلىپ بېرىشى ئۇچۇن مەدەت بولدى.  ئۇنىڭ ئۇستىگە  خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پىرىزدېنت ترۇمپتىن  سورىغاندىمۇ ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا يىغىپ تەربىيىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپتۇ.

6-ئاينىڭ 21-كۇنى يەكشەنبە ئاقسارايدا ئوتكۇزۇلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۇۋېلىش يىغىنىدا پىرىزدېنت ترۇمپ خىتتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ ھەجىمدىكى سودا كەلىشىمى  مۇزاكىرىسىنىڭ نەتىجىلىك چىقىشى ئۇچۇن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىدا جىم تۇرغانلىقىنى ئېتىراب قىلدى.

بولتوننى: كۇچلۈك بىر جۇمھۇرىيەتچى،  تەجىربىلىك بىخەتەرلىك ساھاسىدىكى مەسلىھەتچى، ئۇزاق يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بىر سىياسەتچى دەيدۇ.

ئەگەر ترۇمپنىڭ ئۇيغۇرلارغا  قىلغان بۇ خۇپىيانە ئادالەتسىزلىكى بىرەر  مۇخبىرلار تەرەپتىن پاش قىلىنغان بولسا، ياكى دېموكىراتچى بىر سىياسىئون ئوتتۇرىغا قويغان بولسا بۇنى ترۇمپنى سايلامدا ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ھەركەت دېسەك  بولاتتى.  ترۇمپ  شۇنداق دەپ، بۇلارنى  يالغانغا چىقىرىشتا چىڭ  تۇرىۋالسا بولاتتى دەيدۇ.

لېكىن، بولتون ترۇمپنىڭ پارتىيەسىدىن، ترۇمپ ھوكۇمىتىنى قوللىغۇچى، ئاقسارايدا ترۇمپ بىلەن بىۋاستە كۆرۆشكەن، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىدا پىرىزدېنت تۇرامپ بىلەن بىر ئۇستەلدە ئولتۇرۇپ مۇزاكىرىلەر قىلىشقان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بىرلىكتە مەسلەھەت قىلغان، بېكىتكەن بىر شەخس.  پىرىزدېنت تۇررمپ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن بىر كىشى. شۇڭا بولتوننىڭ  دىگەنلىرى  يالغان ئەمەس،  دەيدۇ.

دىمەك، 2017- يىلى باشلانغان خىتتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى بىلەن  2017-يىلى  ئوچۇق شەكىلدە باشلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قاماش  بىر بىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ئىككىسى پاراللىل مېڭىپتۇ. خىتتاي لاگىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. لېكىن ترۇمپ ھۆكۇمىتىنىڭ سودا ئۇرۇشىدا نەتىجە تېخى كورۇلمىدى.

نۇرغۇن ئۇيغۇر قۇربان بولدى.

بىر شەخىسنىڭ، ياكى بىر ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ  مەسىلىگە  ئاددىي قارىشى، ياكى بىخەستەلىك قىلىشى بىلەن بىر مىللەت كوللىكتىپ جازالاندى. قىرغىن قىلىندى، مىللىيونلارچە خەلق ئۆلتۈرۈلدى، غايىب بولدى.

ترۇمپ ھۆكۈمىتىنىڭ پورتىرىكوغا ئاپەتتىن كېيىن ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقى ئۇچۇن نۇرغۇن تەنقىدلەر يېغىپ كەتتى. ترۇمپقا  ئاۋام خەلىقتىن ۋە ئىككى پارتىيەنڭ سىياسونلىرىدىن خېلى كۆپ تەنقىدلەر كەلدى.

بەلكىم ترۇمپنىڭ شى جىنپىڭغا دىگەن  شۇ بىر ئېغىز سۆزى خىتتايغا مەدەت بولغاندۇ ياكى بولمىغاندۇ،  بۇنى بىز بىلەلمەيمىز،  ئەمما ترۇمپ  شۇ ۋاقىتتا ئاشۇنداق يۇمشاق  گەپنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىنچە قاتتىق بىر پوسىتسىيە بىلدۇرۇپ قويغان بولسا، سودا كېلىشىمى بۇزۇلۇپ كەتمەس بولغىيتى ؟، ئەڭ بولمىغاندا بۈگۈنكى ھالدا قالاتتى.

  ئەمما يوقاپ كەتكەن مىللىيونلىغان  ئۇيغۇرلاردىن ئاز دىگەندە  بىرەريۇزمىڭى ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.  ئەڭ بولمىغاندا  خىتتاينڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغن قىلىشى  بۇ قەدەر جاسەرەت بىلەن، ئوچۇق ئاشكارە بولماس ئىدى.  شۇڭا ترۇمپنى ئاز تولا تەنقىدلەپ قويساق، ئامەرىكىلىقلار توغرا چۇشۇنىدۇ.  ئەمما  بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسونلىرىمىزنىڭ ئاچچىغى كەلمىسۇن.
ئىمزا قويۇپ، تارىختا بولۇپ باقمىغان بىر قانۇننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى ؟ دەپ مېنى تەنقىدلەشتىن ئاۋۋال، شۇ  بىر ئېغىز سۆز بىزگە قانچىلىك  قۇربان بەردۇرگەندۇ ؟ شۇ بىر ئېغىز سۆز مىللىتىمگە قانچىلىك ئاپەت بولغاندۇ ؟  دېگەننى بىر ئويلىنىپ بېقىڭ.

يېقىندا  كۆرگىنىڭلاردەك  بىر ساقچىنىڭ خاتالىقى بىلەن بىر  ئافرىقىلىقنىڭ ئۆلۇپ كەتكىنىگە پۇتۇن ئامېرىكا، دۇنيا قايناپ كەتتى.  ساقچىلارنى  تەرتىپكە سېلىش ئۇچۇن ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ پارلامەنتلىرىدا لاھىيەلەر ئوتتۇرىغا قويىلىۋاتىدۇ.  ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى چېقىۋېتىلدى.

ئەمما ترۇمپنىڭ شۇ بىر جۇملە سۆزى بىلەن بەلكىم ئاز دىگەندە نەچچە  يۈزمىڭ ئۇيغۇر غايىب بولغاندۇ، شۇنداقتىمۇ بىز ترۇمپنىڭ بىر قەغەزگە ئىمزا قويغىنىغا رەھمەت دەپ، شادىيانە ئوقۇۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكىدىن يەنە ئۈمۈد كۇتىدىغانلىقىمىز.  ئامەرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ دىگەنلىكىمىز.

بىزنىڭ ترۇمپقا رەھمەتلىرىمىزنى بىلدۇرگەنلىكىمىز  خۇددى داداڭنى ئۆلتۈرگەڭ، ئاناڭنى بەر دىگەندەك  بولدى.  مىسكىن بىر خەلىق بولغانلىقىمىز، ئاللاھدىن باشقا دۇنيادا يۆلەنچۇكىمىز يوق بولغانلىقى  ئۇچۇن شۇنداق بولدى.

پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئىمزا ئېتىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىنىڭ رەسمىي قانۇن بولغىنىدىن خوش بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بولتوننىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلالماي، ئېنىق قوبۇل قىلماي، ئۇنى خائىن دەپ تىللاۋاتقانلار بار. چۇنكى ئاران ئېرىشكەن بىر نەتىجە بار ئىدى.  بۇ نەتىجىنىڭ  بۇنداق ساختىلىق بىلەن، ئىككى يۈزلىمىلىك سىياسەت بىلەن كەلگەنلىكىنى ھەزىم قىلماق تەس كېلىۋاتاتتى.

بولتون كىمنىڭ خائىنى ؟

ترۇمپنىڭمۇ ؟

خىتتاينىڭمۇ؟

رېئاللىق شۇكى  بولتون  ترۇمپنىڭ ئىككى يۈزلىمە سىياسەت ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

پىرىزدېنت تۇرامپ بىر خەلىقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشقا سەل قاراپ، شىجىڭپىڭنىڭ  لاگىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى  سولىشىنى  قوللاپ، خىتتاينىڭ  قىلىۋاتقان رەزىللىكىگە ئىلھام بەردى.

خىتتاينى سودا كېلىشىمىدە ئۇتىمەن دەپ خام چوت سوقۇپ،  خىتتاينى ئالدايمەن دەپ،  ئۆزى ئالدانغان،  مىللىيونلىغان ئۇيغۇر  نەتىجىسى بولمىغان بۇ سودا كېلىشىمىنىڭ قۇربانى بولغان.
سودا كېلىشىمىدىمۇ ئۇتالماي، ئىككى پارلامېنتتىن يۇقىرى ئاۋازدا ئۆتكەن،  ئىمزا قويمىسىمۇ  قانۇن بولىدىغان قانۇنغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق،  ئاقسارايدا  ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇغاندەك ئىشنى  قىلغان.
Title: Re: كۆز-قاراش:نۇرى مۇسابايۇۋ:ئاقسارايدا ئۆلگەندىن كېين ياسىن ئوقۇش بولغاندەك قىلىدۇ
Post by: Tahir Imin on 2020/06/23 00:20
مۇشۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان،ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى ئەڭ ئۇستۇن ئورۇنغا قويىدىغان كىشلەر لازىم.بىزنىڭ باشقا دۆلەت،باشقا رەھبەر،باشقا پارتىيەلەرنى ئاقلاش ۋەزىپىمىز يوق،ئىزىلىش،خورلاش،قىرغىنچىلىققا ئۇچراتقان مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيتىمىز بار.