ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

تارىخ History => ئىككى جۇمھۇرىيەت دەۋرى-Two Uyghur Republics => Topic started by: سايرام ئوغلانى on 2020/08/15 16:42

Title: يالتا روھى ۋە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى2
Post by: سايرام ئوغلانى on 2020/08/15 16:42
بېشى ۋە مۇقەددىمىسى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=536.0

داۋامى ۋە خاتىمىسى :

4 . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدى بېرىش:

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستون چېرچىل  دۇنياغا مەشھۇر ‹‹ تۆمۈر پەردە »  ( ئىرون كۇرتائىن ) دېگەن نۇتۇقنى سۆزلىگەن.  نەتىجىدە مۇشۇ نۇتۇق يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان ئىدى . 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ، سوتسيالىزىم لاگىرى يىمىرىلدى . شۇنداق قىلىپ ، مەزكۇر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرپ كاپىتالىزىم لاگىرىنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسلىدە « گېتلىر + موسسۇلىن + خېدىكى » قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى « بېرلىن + رىم + توكيو » ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قارشى
« ئىتتىپاقداشلار » ئۇرۇشتىن كېيىن بىردىنلا
« ئەشەددىي رەقىپلەر » گە ئايلاندى . شۇ قاتاردا خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پالاكەت ئۇرۇشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى . ئەمما ھىلىگەر خىتايلار ھەم ئامېرىكا ، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ۋە خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . بىز پەس خىتايچىلىكمۇ بولالماي ، قولىمىزدىكى نېنىمىزنى تارتقۇزۇپ قويدۇق . مانا ئەمدى مىللەت سۈپىتىدە جېنىمىزنىمۇ تارتقۇزۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز .

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ، 1945 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946 - يىلى يازغىچە سوزۇلغان يارىشىش مۇساپىسى « گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىل ۋاقىتلىق يالغان تىنچلىق پەيدا قىلدى». ئارقىدىنلا ھەممە ئىش بۇزۇلدى.
1946 - يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947 - يىلى مايدا يىمىرىلدى . سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا  سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى . ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى . سىتالىن قايتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىپ ،يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى . ئەمما 1947 - 1949 - يىللىرىدىكى بىردىنبىر
ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ
« ئۇلۇسچى » ۋە « مىللىي جۇمھۇرىيەتچى»
ئىدىيىۋى تالاش - تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949 - يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ  ھاجىتى قالمىدى . يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى . ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى . ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن  موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا  كەلدى .  سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى .

25 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى .
26 - سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى . 17 - ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سوغۇق ئۇرۇش پارتلاپ تېخى ئۈچ يىل توشمايلا ، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە مانجۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خىتايلار بىردىنلا مۇستەملىكە قىلغۇچى كۈچكە ئايلاندى. بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بوپقالدى.

5 . ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئىشغالىيەتكىچە بولغان تۆت يىلدىكى بىر قىسىم زور ئىشلار :

1945 - يىلى 4 - فېۋرال باشلانغان يالتا يىغىنىدا، سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن روزۋېلت، چارچاپ كەتكەن چېرچىل، ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن سىتالىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . 12 - فېۋرال يالتا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ، سىتالىن ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بوپقالغان. سىتالىننىڭ تەلىيىگە ، يالتا يىغىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئاپرىلدا ئۆلۈپ كەتكەن . چېرچىلمۇ 16 - ئىيۇل موللاق ئاتقان . نەتىجىدە 1945 - يىلى 17 - ئىيۇل ئېچىلغان پوتسدام يىغىنىدا ترۇمېن ۋە يېڭى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىتالىن بىلەن قايتا كېڭەش ئۆتكۈزگەن.
سىتالىن بىر ئاي ئىچىدە مانجۇرىيەگە قوشۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن . بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ( 8 - ئىيۇن ) جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خېلىلا كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغاچقا ، سىتالىن شۇ يىلى ئاپرىلدا توختىتىپ قويغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئۈچ سەپ بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان ۋە قوراللاندۇرغان. ئەسكەرلىرىمىز ئىيۇلدا جەنۇبىي سەپتە سوپاخۇن باشچىلىقىدا تەڭرىتاغدىن ئېشىپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان . ئوتتۇرا سەپتە جىڭ ۋە شىخونى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە تەييارلانغان . شىمالىي سەپتە ئوسمان باتۇر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالتايدىكى بارلىق خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان . گەرچە ياپونىيە مۇددەتتىن بۇرۇن تەسلىم بولۇپ ، « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » 14 - ئاۋغۇستتىلا ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن خىتاينى تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىمىزنى 14 - سېنتەبىرگىچە يەنە بىر ئاي ئۇرۇشتىن توسماي ، « ئىككى سائەتتىلا ئۈرۈمچى ئازات بولىدىغان ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋەتىنىمىز ئازات بولىدىغان » ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان . ئەمما 15 - سېنتەبىر خىتاينىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئارمىيىمىزنى ماناس دەرياسى بويىدا رەسمىي توختىتىپ قويغان .

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 28 - ئىيۇن غۇلجا شەھىرىدە 2 - جۇمھۇرىيەت تارقىتىۋېتىلىپ ، 1 - ئىيۇل ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە 1946 - يىلى نويابىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا ئىشغالچى قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى  بولسا دەل ئەكسىچە 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

چېرچىلنىڭ ئامېرىكىدىكى « تۆمۈر پەردە نۇتقى » دىن كېيىن ، خىتاي ، كورىيە ، مانجۇرىيە ، موڭغۇلىيە ھەمدە قۇتلۇق ۋەتىنىمىز غەرپ بىلەن سوۋېتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى . ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ 1946 - يىلى ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ ، ئەسلىدە سىتالىن جاڭ كەيشىگە سېتىۋەتكەن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى 1947 - يىلى مايدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن . بۇنىڭ تەسىرى موڭغۇلىيە بىلەن ۋەتىنىمىزدىمۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن بولۇپ ،
1947 - يىلى 12- ماي موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. ( 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلىلا مىللىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 - يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان). 1947 - يىلى سىتالىن، كۈنسىرى گومىنداڭدىن يېڭىلىپ شىمالغا قېچىۋاتقان ماۋزېدوڭنى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا « قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 - يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1947 - يىلى 28 - ماي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شۇندىن كېيىنلا مەزكۇر ھۆكۈمەت سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئاي ئىچىدىلا يىمىرىلدى .
1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلدى . شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. سىتالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى. ئەمما بۇ ئالتۇن پۇرسەت كەلگەن ئىككى يىلدا خەلقىمىز « گومىنداڭچى ئۈچ ئەپەندى تەرەپ » ، « سوۋېتچى ئىلى تەرەپ » ، « بىتەرەپ تەرەپ » ۋە « خىتاي كومپارتىيسى تەرەپ » تىن ئىبارەت تۆت قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، ئۆز ئارا كۈرەش قىلىپ ، سىتالىننى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە سىتالىن ساقلاپ قالماقچى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە قوراللىق قىسىملار خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن كوزىر ۋە پېشكىغا ئايلىنىپ قالغان . ھىلىگەر ماۋمۇ شۇ پۇرسەتتە سىتالىننىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل ساقلاپ  قېلىش ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى . بۇ ئەھۋالدا سىتالىن كەسكىن ۋەزىيەتتە كەسكىن قارار چىقاردى  . 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست « ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 25 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر گومىنداڭ تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.
ۋاڭ جىن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى.

1949 - يىلى دېكابىردىن 1950 - يىلى فېۋرالغىچە موسكۋادا ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلدى. مارتتا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى.

5 . 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى:

ئۇيغۇر دىيارى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملاشقان ئىككى ئايلىق موسكۋا زىيارىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىر كۈچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى ۋە كېلىشىملىرىدىن ئورۇن ئالدى. مانا شۇ كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا ئۇيغۇر ۋەكىلى سەيپىدىن ئەزىز موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ قاتناشتۇرۇلدى. سەيپىدىن ئەزىز باش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان،يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە ««شىنجاڭ»نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت كونتروللۇقى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى كرېمىل سارىيىدا ستالىن سەيپىدىن ئەزىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، يەنى موسكۋانىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قول تىققان رەھبەرلىرىدىن بىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىي ستالىنغا: « بۇ كىشى سەيپىدىن ئەزىزوف بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە : « مەن سىزنى بىلىمەن»دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ستالىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزنى بىلىشى تەبىئىي بولۇپ، ئۇنىڭغا « سىزنى بىلىمەن» دېيىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن مەن خەۋەردار دېمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟!

ئېھتىمال، ئەخمەتجان قاسىمى ھايات قېلىپ،بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خۇددى سەيپىدىن ئەزىزگە ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنى شەرتسىز ھىمايە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان بولسا، موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا  سەيپىدىن ئەزىز ئەمەس، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ستالىن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولار ئىدى؟. دېمەك پەلەكنىڭ چاقى ئۇنىڭ بۇ سوئالغا دۇچ كېلىشىگە نېسىپ قىلمىدى. يەنى ، ئەخمەتجان قاسىمىلار 20-ئەسىردىكى مەشھۇر سىرلىق قازالار تىزىملىكىگە كىرگەن «ئايروپىلان قازاسى»غا ئۇچرىدى. قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى، 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.
دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە -پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى باسقۇچى بولغان 1945 - 1955 - يىللىرىدا دەسلەپكى بەش يىلدا مۇستەقىللىقىدىن ۋە ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قېلىش بىلەن ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان مىللەت بىز بولغان بولساق، كېيىنكى بەش يىلدا بارلىق ھەق - ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالغان مىللەتمۇ بىز بولۇپ قالدۇق .

مانا ئەمدى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك پۈتۈن دۇنيا يەنە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتىدۇ . ئەينى چاغدىكى سوغۇق ئۇرۇشتا خىتايلار بىزنى ۋاستە تاللىماي قانداق باپلىيالىغان بولسا مانا ئەمدى
بۇ خىتايلار خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ بىزنى 70 يىلدىن بېرى قانداق قانۇنلۇق ۋە ئۇتۇقلۇق باستۇرۇۋالغان بولسا ، بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنلۇق ۋە ئاشكارا ھالدا تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىپ، بىزنى يىلتىزىمىزدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماقتا . بولۇپمۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان « خىتاي ۋىرۇسى قورقۇنچى » سەۋەبىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى توختاپ قالغان شۇ مىنۇتلاردا ھىلىگەر دۈشمەننىڭ كاللىسى تېخىمۇ تېز ئىشلىمەكتە. ھەرىكىتىمۇ تېزلىشىپ بارماقتا . نىشانغا يېتىشمۇ كۆزىگە كۆرۈنۈپ قالماقتا . ھالقىلىق چاغدا ، ۋاختىدا
« بىھوشلۇق دەۋرى » بىلەن خوشلاشمىساق، بىزدىن پايدا ئېلىشىغا كۆزى يەتمىگەن ھازىرقى زامانىمىزنىڭ سىتالىنلىرى « يەنىلا مەنپەئەت بېرىدىغان خىتاي ياخشى » دەپ قاراپ ، قايتىدىن ئەپلىشىپ ، ئورتاق مەنپەئەتى ئاساسىدا ئالدىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ . بىزمۇ چوڭدىن كىچىكككىچە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى قىممەتلىك تاۋار سۈپىتىدە قولدىن قولغا سېتىلىپ مېڭىۋېرىمىز ......

1945 - يىلى 11 - ئاۋغۇست ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىغا رەسمىي قوشۇلدى . 14 - ئاۋغۇست ياپونىيە تەكلىپنى ( شەرتسىز تەسلىم بولۇش ) قوبۇل قىلدى . شۇ كۈنى موسكۋادا سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈلدى . 15 - ئاۋغۇست ياپونىيە رەسمىي تەسلىم بولدى. بىراق ياپونىيە 1 - سېنتەبىرگە كەلگەندىلا ئاندىن گومىنداڭ بىلەن كېلىشىم تۈزدى . دەل شۇ كېچىسى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا ھەيۋەتلىك تاشقورغان ئىنقىلابى باشلاندى. ياپوننى يەڭدۇق دەپ تەنتەنە قىلىۋاتقان گومىنداڭچىلارغا چاشقان تۆشۈكى ساراي بولدى.

خۇلاسە قىلغاندا :

1789 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ئىمپىرىيالىزىم دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويدى . ناپولىئون 1798 - يىلى مىسىرغا قوزغىغان ئۇرۇش بىلەن 1812 - يىلى چاررۇسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە ئىرقنى ئاساس قىلغان ئورتاق « ۋەتەن » ئۇقۇمى يىمىرىلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر تارراق « ۋەتەن » ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى . نەتىجىدە كىچىككىنە ياۋروپادا بۇرۇنقى بەش چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئورنىغا يىگىرمىدىن ئارتۇق مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى . 19 - ئەسىردە ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە ئاخىرى بىپايان شەرق دۇنياسى ( ئىسلام دۇنياسى ) ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى ياپونىيەدىن باشقا بارچە كۈن چىقىش ئەللىرىنى بويسۇندۇردى .  شەرقىي ئاسىيادا
« شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان خىتايلار ( مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ) بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى « غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان تۈركلەر ( ئوسمان ئىمپىرىيىسى ) باشلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى « مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدىكى ئۈممەت دۆلەتلىرى » يىمىرىلىپ ، ئۇلارنىڭ خارابىسىدە كۆپلىگەن مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلدى . جاھاننىڭ رەپتارىغا توغرا باقالىغان خىتاي سۈن ۋېن يېڭى خىتايلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، 1912 - يىلى تۇنجى خىتاي مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى .
مۇستاپا كامالمۇ ئون يىلدىن كېيىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، 1923 - يىلى يېڭى تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . گەرچە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ ، ئەمما 1921 - يىلى 4 - ئىيۇن موسكۋادا يېڭى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سوۋېتلەرنىڭ غەرپكە ۋە ياپونغا قارشى تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەپلىك رەت قىلىندى . ئاقىۋەت بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلىغان ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، قالدۇق ئوسمانىلار پاشالىرى ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇندى . ئاخىرقى تەھدىت سەۋەپلىك تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقان سىتالىن ، 1937 - يىلى ياپون تەھدىتى سەۋەپلىك بارلىق مىللىي مۇستەقىلچى كۈچلىرىمىزنى يوقاتتى . ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى باشتىنلا قىزغىن قوللىغان سىتالىن 1945 - يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بەرگەن . 1949 - يىلى سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ، پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا سوۋغا قىلغان . بىراق شۇ يىلى دېكابىردا ماۋ خىتاينىڭمۇ شېڭ شىسەيگە ئوخشاش ۋاپاسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرال مەجبۇرىي كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ  1955 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇشنى بەلگىلىگەن . ئەپسۇس ، سىتالىن
1953 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، خىتايلار ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ  ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قۇرۇپ خەلقىمىزنى ئالدىغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ » ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم بىزلەرنى ، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمان ۋە ئەبەدىي ھەسرەت - نادامەتتە قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 15 - ئاۋغۇست. شەنبە.