ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

سياسى ئېدىيەلەر ۋە كۆز-قاراشلار:Political Ideas and values => ئۇيغۇر مىللەتچىلىكى Uyghur Nationalism => Topic started by: سايرام ئوغلانى on 2020/09/17 08:22

Title: مىللىي مەۋجۇتلۇقنىڭ كاپالىتى بولغان تۆت تەڭداشسىز كۈچ ۋە ئۇنۋېرسال ئۈستۈنلۈك
Post by: سايرام ئوغلانى on 2020/09/17 08:22

مۇھاجىرەتتىكىلەر كىملەر !؟ ئۇلارنىڭ بۇرچى نېمە !؟

نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى : ھازىر بىزگە ئۆزىمىزدىن بەكرەك ئۆزگىلەر يول كۆرسەتمەكتە:

نېتانىياخۇدىن تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيە :

« بىز دۆلەت قۇرالىدۇق . ئەمما ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى . كۈچلۈك ھەربىي كۈچلا بىزنىڭ غەلىبە مېۋىمىزنى قوغداپ قالالايتتى . ئەمما كۈچلۈك ھەربىي كۈچ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچكە مۇھتاج . بىز بۇ كۈچنى كىشىلەردىن ئېغىر باج ئېلىش بىلەن ھەل قىلغان بولساق ، كۈچىيىش تۈگۈل تېزلا ۋەيران بولغان بولاتتۇق . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭلار . ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن شۇنچە قابىل ساناقسىز ئالىملىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا يىمىرىلىپ كەتتى . شۇڭا بىز توختىماي مەبلەغ جەلپ قىلدۇق . دۇنيادىكى بارلىق ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيە ۋە كەشپىياتلارغا بىز ئالدىن يۈرۈش قىلىپ ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق . نەتىجىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىزگە كۈچلۈك سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى . بىز مۇشۇ كۈچلۈك سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيادىكى 160 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆز ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق . خىتاي ، ھىندىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدۇ . مۇشۇ ئۈچ پۇتلۇق بىرىكمە كۈچ بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا . ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماددىي كۈچ ئۇزاققا پايلىمايدۇ . ئۇنى چىرىشتىن ۋە قولدىن كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر « مەنىۋىي كۈچ » بولۇشى كېرەك . شۇندىلا بۇ تۆت بىرىكمە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت ئۇزاققىچە سەلتەنەت سۈرۈپ گۈللىنەلەيدۇ» . (ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى) .

تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە ھەربىي كۈچ بەرپا قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان .

مىسىردىكى مىللىي ئويغىنىش پېشۋاسى ھەسەن بەننامۇ : « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ » دېگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىسىر مەنىۋىي داھىيسى مۇستاپا كامىل ( ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ) : « بىز يەيدىغىنىمىزنى، كىيىدىغىنىمىزنى ۋە باشقا بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ، بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن » . ئەڭ ئاخىرقى داڭلىق مىسىر مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غەززالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ : « بىر زاۋۇت ( فابرىكا ) قۇرۇش بىر مەسچىت قۇرغان بىلەن ئوخشاش ساۋاپ » دەپ تەكىتلىگەن .

ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ خارلىقى قاچان باشلانغان؟

ئۇيغۇرلار 1649 - يىلدىن 1949 -يىلغىچە موڭغۇللارنىڭ بېشىنى سىلاپ، مانجۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. تاتار  ، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق قىپچاقلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، چاررۇسىيىگە دۈشمەن بولۇپ قالدى. بارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ئەنگلىيىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى جېنىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان پان ئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم يۈكى لەيلەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دولىسىغا چۈشتى.
 
نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىزىمدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان چاررۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە مەنچىڭ دۆلىتى قاتارلىق ئۈچ جاھانگىر خوشنىسىنىڭ قولىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا بوغۇلۇپ يۈرۈپ مۇنقەرز بوپكەتتى.

مېنى يىللارچە ئويغا سالغان بىر ھەدىس بار. بەلكىم بۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز - ئالىملىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىز تېخى كۆرمىگەندۇ!؟ كۆرسىمۇ تېخى مەنىسىگە يەتمىگەندۇ:
« مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تۇنجى بولۇپ چىقىپ كېتىدىغان ھالقا ھاكىمىيەتتۇر. ئەڭ ئاخىرىدا قولدىن چىقىپ كېتىدىغان  ھالقا نامازدۇر ».

دېمەك 1759 - يىلى 5 - ئىيۇل تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندىن 1949 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغانغا قەدەر سوزۇلغان 200 يىلدا ھەدىستىكى بىرىنچى مەزمۇن ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى  تاپقان بولسا ، 1949 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە قىسمەن كىشىلىرىمىز مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىبادەت ناماز 2017 - يىلدىن ئېتىبارەن تولۇق مەنئى قىلىنىشى بىلەن ئاخىرقى ھالقا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.
ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن مەجبۇرىي كەچسىمۇ يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالمىغانلىقى، ماڭا بۇ ھەدىسنى پەيغەمبىرىمىز خۇددى ئۇيغۇرلارغىلا نەسىھەت ، ۋەسىيەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تەقدىم قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ!» .
« يۇقىرىقى ھەدىس ماڭا بەئەينى 1759 -  يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر زور پاجىئەسىدىن  1100 يىللار ئالدىنئالا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ».

دېمەك دۆلىتىڭ بولسا ھەممە نەرسەڭ بولىدۇ. ھازىرقى دەۋردە دۆلىتىڭ بولۇشى ئۈچۈن سەن باشقا مىللەتتىن پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك . ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە دىنىي جەھەتتە تۇڭگان بىلەن بولغان پەرقىنى ، مىللىي جەھەتتە ئۆزبېك بىلەن بولغان پەرقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە ، ھېلى خىتايلار تەرىپىدىن بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزاسى قىلىۋېلىنىش خەۋپىدە قالسا ، ھېلى نانقېپى تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن نېرىغا بارالمايۋاتىدۇ . ئاقىۋەت ، « تاياقنى ئۇيغۇرلار، ھالۋىنى يەنىلا خىتايلار ، تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر يەيدىغان ھالەت ئۆزگەرمىدى » .

1689 - يىلى غالدان قونتاجىنىڭ ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ، شەرقتە مانجۇرلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغاندا ، قورچاق ئافاق خوجا خەلقىمىزنى دىن نامىدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن : « ئۆرۈلدى پەلەكنىڭ چەرخى ، ئالەمنى ئالدى قونتاجى . خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق ، ئاتام قالماق بىلەن ناجى» دېگەن « قۇللۇق شوئارى » نى تەقدىر دەپ ئىشەندۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىنى ۋە قارشىلىق روھىنى ئۆلتۈرگەن بولسا ، 1789 - يىلى مەنچىڭ خانلىقى ۋەتىنىمىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان بەگلەرنى « شىتاتلىق ۋاڭلار » غا ئۆزگەرتىپ ، دىنىي ئىناۋىتىنى سىياسىي مەنسەپ بىلەن يوق قىلغاننى ئاز دەپ ، ئىقتىسادىي ۋاستە بىلەن سىياسىي غەرىزىگە يەتكەن . كېيىنچە يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنى ئىلىغا ، تۇرپان ۋاڭلىرىنى قەشقەرگە يۆتكەپ ، تەسىر دائىرىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان .

جاھالەتنىڭ ئوبدان بىر مىسالى ئوخشاشلا مىسىردىمۇ تەكرارلانغان بولۇپ ، 1798 - يىلى يازدا ناپولىئون بوناپارت مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ، مىسىر تەرەپ جەڭگاھقا « بۇخارى » دېگەن كىتاپنى بىللە ئېلىپ چىققان . ناپولىئون ئۇلارنى تەسلىمنامىسىنى ئېلىپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، سوراپ كۆرسە ، تەرجىمانى ئۇنىڭغا : « مۇسۇلمانلار بۇ كىتاپ بار جايغا ئاپەت كەلمەيدۇ . تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەن جاجىسىنى يەيدۇ » دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ . بۇ خىل چۈشىنىكسىز جاۋاپتىن قانائەت ھېس قىلمىغان ناپولىئون ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرۈپ ، بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ راسلا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەلىماتلارغا ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى ئاسراپ تەكچىدە ساقلىغان شەكىلۋازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، فرانسۇزچە ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ، ئەزھەر جامىسىنى رېمونت قىلىپ ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق : « مەن خۇدا سىلەرگە ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەھدى . سىلەرنى تۈركلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇدا مېنى ئەۋەتتى » دەپ ئالداپ ، ئۇدا ئىككى يىلغا يېقىن ئازغىنە ئەسكەر بىلەن مىسىرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان . ماتىتەي 1914 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە « تىتەي » بولۇپ كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەربىي فورما ئورنىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ئاۋامغا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ ، تارىم ۋادىسىنى ساق ئون يىل ئازغىنە ئەپيۈنكەش ئەسكىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىغان.

ماتىتەي قەشقەرنىڭ ئۆز زامانىدىكى مۆتىۋەرلىرىنى تامامەن قىلتاققا ئىلىش ئۈچۈن، بۇ زىياپەت زالىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دەيدۇ:

- مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى، مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى، چۆل - باياۋان، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن - سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان - ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ: «بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز» دەپ ۋەدە قىلىشىدۇ.

ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ماتىتەينىڭ زىياپىتىگە داخىل بولغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى زىياپەتتىن قايتقۇچە ئۆزئارا: «ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى» دېيىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ما تىتەي ئۇلارغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

زوزۇڭتاڭ دەۋرىدە يەرلىك بەگلەر بىكار قىلىنىپ ، ئاققۇن خىتايلار چوڭ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان . ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولماي قېلىپ ، 1900 - يىلدىن كېيىن يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ئۈنۈم قازانغان . چۈنكى تۇڭگانلار مۇسۇلمان بولغاچقا ، جاھالەت پىرلىرى نادان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا
 : « پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز » دېگەن قۇللۇق روھىنى يەنە دىن نامىدىن سىڭدۈرگەن.
خەلقىمىزنىڭ ئۇدا ئىككى ئەسىر توختىماي سىڭدۈرۈلگەن خاتا ۋە بۇرمىلانغان پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدە 1912 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە چوڭ ئاخۇن مافۇشىڭ ( تۇلۇم چاشقان ماتىتەي )نىڭ ، 1924 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە كىچىك ئاخۇن ماشاۋۋۇ ( ئورۇق چاشقان مادوتەي ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولۇپ ، ئەڭ ئالتۇن تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان . چۈنكى بۇ چاغدا سىتالىن تېخى 1921 - يىلى قوزغالغان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئەنگلىيەمۇ 1924 - يىلى قوزغالغان زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ھېچقايسىسى قول تىقىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئەمما دەل ئەنە شۇ ھالقىلىق 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى، سەئىدىيە سەلتەنەتى گۇمران بولۇپ، جاھالەت ۋە ئاسارەت ئاستىدا 300 يىل خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ ، يېڭى ئەسىردىكى ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەرىكىتىنى خېلىلا ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتۈك مەنىۋىي داھىي سوۋېت ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ، شاپتۇل داموللىدەك ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلارنىڭ قوللىشى ، ئۆمەر بايدەك ئاچكۆز بايلارنىڭ قاتىل ياللىشى ۋە نادان بىر تەلۋىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا قەستلەپ يوق قىلىنغان . نەتىجىدە توققۇز يىل كېچىكىپ كەتكەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەمدىلا غەلىبە قىلىپ ، قەشقەردە 1933 - يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن قەددىنى رۇسلىۋالغان سىتالىن تۇڭگان باندىت ماجوڭيىڭنىڭ قولى بىلەن 84 كۈندىن كېيىن قەشقەردىكى ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان .

ئۇنىڭدىن كېيىن خورلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1930 - يىللىرى سۇنجۇڭسەننىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلانغان خەلقىمىز ، 1937 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن بىلەن شېڭ شىسەي جاللاتنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1949 - يىلغىچە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭغا ساداقەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ، 1949 - يىلدىن كېيىن ماۋ نىڭ سۈرىتىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاننى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇرلاندى . بولۇپمۇ يېقىنقى 70 يىلدا تارتقان خورلۇق تارىختىن بۇيانقى بارلىق خورلۇقلاردىن ئېشىپ كەتتى .

يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولغان تاتار نۇشىرۋان يائوشېفمۇ بۇ ھەقتە قاتتىق كايىغان .
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ، يا نەپسانىيەتچى قارا قورساقلار ( بۇرۇن تالاي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ ، ھازىر خىتايغا يەم بوپكەتكەن بىر قىسىم قاشتاشچىلارغا ئوخشاش ) ، يا ئىشغالچى ھاكىمىيەتكە سادىق غالچىلار (  ھەر خىل ۋاڭلار ۋە ئۆمەربايغا ئوخشاش مىللىي مۇناپىقلار) ، ۋە ياكى دۈشمەن بىر قوللۇق سەمرىتكەن ساداقەتمەنلەر
( قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە بىۋاستە جەمەتلىرى ) نىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ كەلگەچكە،
ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىمىزگە قىلچە پايدىسى تەگمىگەن . 1830 - يىللاردا يەكەندىكى ئاچكۆز باي رۇستەم ئامباللىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ، خەلقىمىزنى قان يىغلىتىپ يۈرۈپ، خەجلىگەن پۇلىنى ھەسسە قاتلىۋالغان . 1900 - يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن شوراپ تاپقان ھارام پۇللارنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى شۆھرەت تاپقان . 
1920 - يىللىرى ئۆمەر باي ، قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ باجلىرىنى ياڭ زېڭشىڭغا بىراقلا تۆلەپ، ئارقىدىن ئۆزى خەلقتىن ھەسسىلەپ يىغىپ تىقىلىپ كەتكەن . ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە سورىسا بەش تىللامۇ بەرمىگەن . تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ، رەھبەرلەر چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن پۇللارغا. شېڭ شىسەي 1937 - يىلى ئۆمەر باينى ئۆلتۈرۈپ ، مۇسادىرە قىلىنغان ھېساپسىز بايلىقلار بىلەن سىتالىندىن قەرز ئالغان بەش مىليون رۇبلى ئالتۇننى تۆلىگەن . 1949 - يىلدىن كېيىنكى ئىپلاسلارنى دېمەيلا قويايلى !

يېتىم مىللىتىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبەدىي خارلىتا قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەتكەن : « زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10]. سۈرە نىسا 10 - ئايەت.

ھەر ھالدا خەلقىمىز ئىچىدە خوتەن شاھى ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجىغا ئوخشاش، مۇسابايلارغا ئوخشاش ئاز ساندىكى خەلقىدىن شۈلۈپ ئالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايدىغان ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ خەلقىنىڭ قېنىنى شورىمايدىغان ، بەلكى خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاز ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر بايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى بىلەن خەلقىمىز ھەر ھالدا يېڭى ئەسىرگە ئۇلىشالىغان . ئەمما كېيىنكى بايلار مىللەتنىڭ غېمىدىن كۆپرەك شەخسىي غېمىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەننى ئاز دەپ ، بارا - بارا ئۆزىنى خەلقىدىن ئايرىپ قارايدىغان خاھىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئاقىۋەت « پۇلنى تېپىشنى بىلگەن بىلەن ، قانداق خەجلەشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بايلار » پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەۋېتىلدى . باندىتلار خەلقنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىۋاستە شورىماي ، ئەنە شۇلارغا شوراتقۇزۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى . كېيىنچە ئۇلارنى يوقىتىش شۇنچە ئاسان بولدى . چۈنكى
« ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى » نەتىجىسىدە خەلق ۋە بايلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولدى . بۇمۇ قاراقچىلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بولسا كېرەك .

ئىسلام دىنىدا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساپتا ئەڭ بۇرۇن ئېغىر سوراققا تارتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم يۇقىرىدا نېتانىياخۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان تۆت خىل يىمىرىلمەس كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر . دىنىي ئالىملار ۋە مەنىۋىي داھىيلار شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياۋى پەنلەردە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە پىشقان ئالىملار شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بايلار شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، جەڭچىلەر شۇ مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

ئەمدى قاراپ باقايلى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى تۆت خىل كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار ھازىر زادى قەيەردە !؟ نېمىش قىلىۋاتىدۇ !؟

دىنىي زاتلىرى ھالاكەت ئالدىدىكى ئۈمۈدسىز خەلقىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا يېتەكلىمەستىن، ئەكسىچە ، ئەرەبلەر ئۆزىنىڭ رېئاللىقى ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان يول خەرىتىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپلا خەلقىمىزگە سۇنۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ . نەتىجىدە سەئۇدىنى دورىغانلار بىلەن مىسىرنى دورىغانلار ، ئەرەبچە ئەنئەنىۋى يولنى دورىغانلار بىلەن يېڭىلىقچىلار ئارىسىدا بىر مەيدان « كاپىرغا چىقىرىش » ئېغىز ئۇرۇشى پارتلاپ ، ئازاپلىرى يېتىپ ئاشقان خەلقىمىزنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈۋاتىدۇ .

دىنىي زات دەپ ئاتىلىۋېلىپ ، نە ئۆزىگە نە خەلقىگە پايدىسى يەتمىگەنلەرگە قارىتا قۇرئان كەرىم شۇنداق باھا بەرگەن ۋە ھۆكۈم قىلغان :
« شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » . سۈرە ئەئراف 179 - ئايەت.

بايلارغا كەلسەك ، ئەڭ ئېھتىياجلىق زامانلاردا يەنىلا خەلقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقاننى ئاز دەپ ، تېخىچە ئېسىل ماشىنىسى بىلەن ئاشخانىغا كۈندە كېلىپ ، تەييار تاماق يەپ قايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايۋاتىدۇ . ( ھەر ھالدا ئاز ساندىكى مىللەت ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ، داغدۇغا چىقارماي ئىش باشلىغانلاردىن سىرت). بۇنداق مەلئۇنلاردىن قوتاندىكى قوي - كالا ياخشى ئەمەسمۇ !؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بورداپ باققان قوينى باشقا كۈن چۈشكەندە يا سويۇپ يېگىلى بولىدۇ ، يا سېتىپ خەجلىگىلى بولىدۇ . ئەمما بۇنداق زېمىنغا يۈك ، خەلققە ئاپەت ئېشەكلەرنى يا يېگىلى ، يا ساتقىلى بولمايدۇ . بەلكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ مەڭگۈ چەتئەلدە قېلىپ توزۇپ تۈگەيدۇ . چۈنكى خەلقىمىز كېيىنچە كىمنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ۋەتىنىگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ .

ھالقىلىق پەيتتە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلمىغان بېخىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاھ تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقارغان :

« ...... ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ[35]. سۈرە تەۋبە 34 - 35 - ئايەت.

مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش يولىدا پۇل چىقارغان كىشىلەر بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۇل چىقارغانلارنىڭ پەرقى ھەققىدىمۇ ئوچۇق ئايەت بار :

« نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[10]. سۈرە ھەدىد 10 - ئايەت.
كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ » . سۈرە ھەدىد 11 - ئايەت.

ئەمدى جەڭچىلەرگە كەلسەك ، ئۇلارنى ئەرەبچە « مۇجاھىد » دېگەن ھامان كاللىغا ئاپتوماتىك ھالدا ئەرەب جاڭگاللىرىدىكى قوراللىقلار كېلىدۇ . ئەمما بىزدەك ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ، ئەر ياكى ئايال دېمەستىن ، يېشىغا يەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بىر « ئەركىنلىك جەڭچىسى » بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق كىندىك قېنى ۋەتەنگە تۆكۈلگەن ياكى چەتئەلگە تۆكۈلگەن بولسىمۇ ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى يوقالمىغان بارلىق شەخسلەر جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىدۇر .( مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولغان بولسۇن ، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ) . يېتەكچىسى يوق پادىلارغا ئايلىنىپ قالغانلارنىغۇ زېرەك قاسساپلار باغۇ - بوستان مەنزىرىلىك ئادەم قاسساپخانىلىرىدا سويۇپ تۈگىتەي دېدى . ئەمما باشقا پىدائىيلار ۋە بولغۇسى جەڭچىلەر نېمىش قىلىۋاتىدۇ  !؟ ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش زۆرۈرتىغۇ !؟ تەييارلىق يالغۇز قورال بىلەن بولمايدىغۇ !؟ قولغا قورال ئېلىشتىن بۇرۇن تالاي سالاھىيەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. بىزدە ھەر ئىشنى دەل ۋاختىدا قىلىش روھى يوق دېيەرلىك . ھازىر « ئوقۇ ، بىلىم ئال ، ئويلان، تەپەككۇر قىل ، روھىڭنى كۈچەيت » دېسە گەپ ئاڭلىماي « چوڭ ئىش بولسا قىلىمەن ، كىچىك ئىشنى ياراتمايمەن » دەپ ئولتۇرۇپ ، ۋاختى كەلگەندە سەپەرۋەرلىك قىلسا ، قانچىلىك شەخس شۇ ھامان ئاۋاز قوشۇپ ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ ......!؟؟؟

ئويلىنايلى ، ئۆزىمىزنى ئوبدان دەڭسەپ باقايلى، كىچىككىنە خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى قانچىلىك ئالاقزادە بوپكەتتۇق !؟ جان تاتلىقمىكەن !؟ ئەجەبا بىزنىڭ جېنىمىز ۋەتەندىكى بىھۇدە بەدەل تۆلەۋاتقان خەلقىمىزنىڭ جېنىدىنمۇ تاتلىقمىكەن !؟ ھازىرقى ئۆيگە سولىنىش مەزگىلى يا تەسلىم بولۇش يا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئالدىدىكى بىر كىچىك پىسخىك سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت . ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ . ھەر ھالدا ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلغىنىڭىز ، كېيىنچە نۇرغۇن ئىشلارنى ئىشلارنى بۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ۋە ئاقساتماسلىقىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق . مىللەتكە بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ، زىيان سالمىسىلا مەيلى دەيدىغان تۆۋەن سەۋىيىدىكى ئاڭدا ياشاۋاتىمىز . ئەمما ھېچقىسى يوق . « تۆمۈرنى تاۋلىمىغىچە پولاتقا ئايلانماس » دېگەندەك ، ئۆمۈرنى ۋە ئۆزىنى تاۋلىمىغۇچە بۇ مىللەتنىڭ لاياقەتلىك ئەزاسى بولۇش تەس . بۇلۇۋاتقان ئاپەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغاندىن سىرت ، بۇنداق ئىشلارنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ . بىز ھازىر بارلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ، پەقەت خۇدا بەرگەن ۋاز كېچىلمەس ھەققىمىز بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈك چارىسىلا بىزنى ساقلاپ قالىدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق . ئەمدى ئاشۇ تونۇش بويىچە ھەرىكەت قىلىشلا قېپقالدى .

ھەدېسىلا دىن سۆزلەيدىغان ، ئۆزىنى موللا ، ئۆزگىنى چولتا سانايدىغان ئەۋلىيالار ، ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەر قانداق سەپداش ۋە قېرىنداش بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشى لازىم . چۈنكى ئىسلام تەلىماتلىرىغا قارىغاندا ، يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ساھە كىشىلىرى بولغان ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر قاتلىمى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان بولۇپ ، قىيامەتتىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ قاتتىق ھېساپ - كىتاپ شۇلار ھەققىدە بولىدىكەن . ئەلۋەتتە ، بۇ دۇنيادىمۇ ئەڭ قاتتىق ۋە ئىنچىكە سوئال - سوراق شۇلار ھەققىدە بولۇشى كېرەك.
بۇنداق بولغاندا ، ئۆزىنى ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قەرزداز ، ئۇلار ئالدىدا گۇناھكار سۈپىتىدە قاراپ ھەرىكەت قىلماي، ئەكسىچە ئۆزىنى تۆھپىكار، نىجاتكار ، كېلەچەكتىكى ھاكىمىيەتنىڭ باش سېكرىتارلىرى دەپ قارىۋالغان نومۇسسىز ئىنسانلار ئەقلىنى تېپىشى كېرەك . ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ! « سەن ۋارقىراپ تۇرۇپ كۈندە ئېلان بەرمىسەڭمۇ خەلقىمىز ھەقىقىي ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ . ئالدامچىلارنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ » . بۇ بىر قېتىملىق ئاخىرقى تېپىلماس ئالتۇن پۇرسەت . بۇ پۇرسەتتتىمۇ نىيىتىنى ، ئۆزىنى ، سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى پاكىزلىيالمىغانلار بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ .

نېتانىياخۇ راس دەپتۇ . ئالىملار ، بايلار ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ! ئىش ئىگىسىنى تاپسۇن ! ۋەتەن ئۈچۈن پۇل تاپايلى ، تاپالمىساق تاپقانلارنى قوللايلى ! ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئالايلى ! قولىمىزدىكى بارچە ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچىمىزنى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن دەسمايە قىلايلى !
« ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت » . نۆۋەت بىزگە كەلگەندە چارچاپ يىقىلماي، تېخىمۇ چىڭ تۇرايلى ! غەلىبە پەقەت ئاخىرىغا قەدەر چىدىيالىغانلارغا مەنسۇپ !

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 3 - ئاپرىل. جۈمەسىز جۈمە.