ئۇيغۇر ئەركىنلىك مۇنبىرى

 ۋەتەن ۋە مەدەنىيەت    Culture and Homeland => باشقا مىللەت ۋە مەدەنىيەت Other groups and culture => Topic started by: Azat Arkal on 2019/03/19 04:18

Title: ئىندىئانلار مەدەنىيتىنىڭ ھالاكىتى
Post by: Azat Arkal on 2019/03/19 04:18

مەزكۇر يازمىدا ئىندىئانلار مەدەنىيتىنىڭ ھالاك بولۇش جەريانى قىسقىچە بايان قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار نىڭ ھازىرقى تارتىۋاتقان دەرد-ئەلەملىرى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ. خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ  مەدەنىيەت  كېڭىيىشى ۋە سىياسىي ئىستىراتىگىيلىرى ئالدىنقىلاردىن ئۈلگە ئېلىشىمۇ مۇقەررەر بولۇپ، بۇنىڭ مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىنىش قىممىتى بار . بۇ يازما 1996 - يىلى ئاسىيا كىندىكى گېزىتىنىڭ 1- سانىغا بېسىلغان. 2006 -يىلى ۋەتەندە قۇتبىلىك تورىغا قۇتبىلىك خىزمەت گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن يوللانغان. ئۆمەرجان ئىمىن ئاتلىق قىرىندىشمىز تەييارلىغان.پېقىر ساقلاپ قويغانىدىم، مانا ھازىر تارقىتىش پۇرسىتى بولدى. تارقىتىش سەھنىسى ھازىرلىغان مەزكۇر توربەتكە تەشەككۈرلەر بولسۇن.

غەربىي ياۋرۇپا تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەملىكىچىلىك هىيلىسى
ئۆمەرجان ئىمىن
<<ئىندىئانلار ،ئاۋستىىراليانلار، پولېنىزىيانلار... دۇنيا سوراپ باققان خەلقلەر ئىدى .تاجاۋۇزچىلارنىڭ بالاخور نەپسى ئۇلارنى يەپ كەتتى>> ( ماركىس). بۇ مۇستەملىكىچىلىك تارىخى ئىنسانىيەت سالنامىسىگه قانلىق قىلىچ ۋە يالقۇنلۇق ئوت تىلى بىلەن يېزىلىپ قالدى. كولۇمبونىڭ مۇۋەپپەقىيىتى ئىندىئانلارغا قىيامەت ئېلىپ كەلدى.ئۇ­1513 يىلى تۇنجى بۇلۇپ ئامېرىكا قىتئەسىدە مۇستەملىكه ئورناتتى. شۇنىڭدىن كىيىن ئەنگىلىيه،فىرانسىيه،پورتىگاليه،ۋە گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىرى ئارقا­ئارقىدىن قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئىسپانىيه بىلەن مۇستەملىكه تالاشتى. بىر ئەسىرگه يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ تۆمۈر تاپىنى ئاستىدا قالدى . تاجاۋۇزچى ئەل هۈكۈمەتلىرى ئىندىئانلارنى قۇل قىلىش جەريانىدا مۇستەملىكىچىلىك هىيلىسىنىڭ ئۈلگىسىنى ياراتتى.

1. ئەپسانه - رىۋايەتلەر ئارقىلىق كېڭەيمىچىلىك قىلىش هىيلىسى
 ياۋرۇپالىقلار كولۇمبو خاتىرلىرى ئارقىلىق ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ سىرلىق جۇغراپىيلىك مۇهىتى، ئىندىئانلارنىڭ غەلىته قىياپىتى ۋە ئۆزگىچه تۇرمۇش ئادەتلىرى بىلەن تۇنۇشقاندىن كىيىن ، ئوتتۇرا ئەسىردە تازا راۋاجلاندۇرۇلغان قەدىمكى يۇنان، رىم ئەپسانه - رىۋايەتلىرىگه رېئاللىق تۇيغۇسىدا قاراشقا ئادەتلەندى. ئەپسانه رىۋايەتلەردە قەيت قىلىنغان هادىسىلەرنى تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا قىتئەسىگه بېرىشقا بەل باغلىغان تەۋەككۈلچىىلەرنىڭ كۆپىيىشى -ئىسپانىيه پادىشاهىنىڭ كاللىسىدا كېڭەيمىچىلىك قىلىشنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك هىيلىسىنى شەكىللەندۈردى . 1513-يىلى تەۋەككۈلچى ئاقسۆڭەك دېرىئان ئىسپانىيه پادىشاهىغا رىۋايەتتىكى<< ياشلىق بۇلىقى>>  (بۇ بۇلاققا چۈمۈلگىن كىشى ياشلىق دەۋرىگه قايتارمىش) نى تېپىپ بىرىش بەدىلىگه زور ئىنئامغا ئېرىشىش كويىدا، خان ئارمىيىسىگه باش بۇلۇپ  ئامېرىكا قىتئەسىگه باردى . ئۇ بارغانلا يىرىدە ئىندىئانلارنى بۇلاقنى تېپىپ بىرىشكه قىستاپ قانلىق قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى . نۇرغۇن جايلاردا مۇستەملىكه بايرىقىنى تىكلىدى. بىر نەچچه يىلدىن كىيىن دىرىئان پادىشاهىنىڭ يول يورىقى بۇيىچه هازىرقى فىلورىدا ۋە باهاما ئارلىنى <<ياشلىق بۇلىقى >> جايلاشقان ئورۇن قىلىپ بېكىتىپ ،بۇ جايدىكى ئىندىئانلارنى قىرىپ تۈگىتىۋەتكەندىن كېيىن ، بۇ رايۇندا هەربىي شىتاپ تەسس قىلدى. 16­ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا فىلورىدا ۋە باهاما ئارىلى ئىسپانىيەلىكلەرنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ - كىلىشىدىكى مۇهىم سىتىراتىگىيلىك ئورنى بولۇپ قالغانلىقى <<ياشلىق بۇلىقى >> قىزغىنلىقىنىڭ هەقىقىي كۈرۈنىشى ئىدى . 1529­يىلى هەربىي ئەمەلدار نونىيو ئىسپانىيه پادىشاهىغا ئەپسانىلەردىكى <<يەتته ئالتۇن شەهەر>> نى تېپىپ بىرىشكه ۋەدە بىرىپ ، خىل قۇشۇن بىلەن ئامېرىكا قىتئەسىگه باردى. ئۇ ئۆزلۈكسىز تۈردە شىمالغا كېڭىيىپ ، كەڭ جايلارنى ئىستىلاھ  قىلغان بولسىمۇ ، بۇ ئەپسانىۋى شەهەرلەرنى تاپالمىدى . 1540­يىلى پادىشاهنىڭ كۆرسەتمىسى بۇيىچه ئۆزى ئىستىلاھ قىلغان شىمالى ئامېرىكا رايۇنىنىڭ يەتته يېرىدە ۋالى مەهكىمه ئورگىنى تەسس قىلدى. 1532­يىلى مۇستەملىكىچى پېساررو رىۋايەتلەردىكى <<كۈمۈش تاغ،سىماب كۆل >>نى تېپىش ئۈچۈن غەربىي جەنۇپ تەرەپتىن ئامېرىكا قىتئەسىگه باستۇرۇپ كىردى . ئۇ پېرۇدىكى ئىنكا دۆلىتىنىڭ نۇر چاقناپ تۇرغان ئىبادەتخانىلىرىنى ، ئاپئاق رەڭدىكى شەهەر قۇرلۇشلىرىنى <<كۈمۈش تاغ>> دەپ خىيال قىلىپ ، نۇرغۇن قانلارنى تۆكۈپ بۇ دۆلەتنى مۇنقەرز قىلدى.<<سىماپ كۆل>>نى ئىزدەپ ئارگېىنتىناغىچه كېڭەيدى. 1518­يىلى خۇئان دېگىل خارۋا ئىسىملىك مۇستەملىكىچى ئەپسانىلەردىكى <<ئامازۇن ئايال چهۋەندازلىرى >>نى تېپىش ئۈچۈن ئامېرىكا قىتئەسىگه باردى. كېيىن ئولېليانمۇ ئوخشاش مەقسەتته ئامېرىكىغا قۇشۇن باشلاپ باردى. ئۇلار هازىرقى ئامازون هارۋىسىدا توققۇز نەپەر ئايال چەۋەنداز بىلەن ئۇرۇشقاندىن كىيىن ،بۇ جايغا <<ئامازون>> دەپ نام بىردى. ئۇلار يەنه مايا رايونى ،كالىفورنىيه ،برازىلىيه،چىلى قاتارلىق جايلاردا ئايال چەۋەندازلارنى ئىزدەش ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى . 1519­يىلدىن باشلاپ دېيشىس، پلاسكىس قاتارلىق مۇستەملىكىچىلەر كۇبادا رىۋايەتتىكى <<ئىت باش مايمۇن>> ۋە << ئىت يۈزلۈك ئادە>>لەرنى، مايا رايونىدا <<سۇ ئاستىدا ئۇخلايدىغان قەبىله>>،<<چېچى يوق ئادەملەر>> ،<<پەتەك ئادەملەر>> نى،جەنۇبىي ئامېرىكىدا << ئىككى باشلىق قۇش>> ،<< بىر پۇتلۇق ئادەملەر>> ۋە << قۇيرۇقلۇق ئادەملەر>> ،<< شىر بەدەن قۇش باش>> هايۋاننى ئىزدەش ئۇرۇشى قوزغاپ بۇ جايلارنى بېسىۋالدى. بەزى مۇستەملىكىچىلەر بوي ئېگىزلىكى ئادەتتىكى سەككىز ئادەمنىڭ بوي ئېگىزلىكىگه باراۋەركىلىدىغان گىگانت ئادەملەرنى هەم سۆزلىيەلەيدىغان ،ئاڭلىيالايدىغان ئادەم بېلىق لارنى ئىزدەش جەريانىدا كولورادو ،پېرو ،تىنوچدىتلان ،يېڭى گالتىسىيه ،يۇكاتان يېرىم ئارىلى ،مىسسىپى دېلتا رايونى ۋە تېكساس دېڭىز ساهىلى،بېرناردىنا ئارىلى قاتارلىق جايلارنى بېسىۋالدى.مۇستەملىكه قىلىنغان بارلىق جايلاردا ئىسپانىيەگه قاراشلىق ۋالىي مەهكىمه ئورگىنى تەسىس قىلىندى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ قانلىق قىلىچى رىۋايەتنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇشقا قادىر بولالمىغان بولسىمۇ ،ئىسپانىيه پادىشاھىنىڭ پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىنى ئۆز مۇستاملىكىسىگه ئايلاندۇرۇش نىيىتىنى ئىشقا ئاشۇردى.

2. دىن- ئېتىقادىنى ئۆزگەرتىش هىيلىسى
ئىندىئان دىنىدا تۇتېم ئېتىقادى ۋە كۆپ ئىلاهلىق دىن ئاساسىي ئوروندا تۇراتتى .ئۇلارنىڭ ئىلاهلىرىمۇ ئاجايىپ­غارايىپ ئوبرازلار تۈسىدە يارىتىلغانىدى.دەسلەپكى مۇستەملىكه دەۋرىدىلا ئىسپانىيه ئارمىيسنىڭ هەربىي روهانىلىرى ، ئۆز ئارمىيسىگه ئىندىئانلار < ئىنجىل >دا كۆرسىتىلگەن جىن ئالۋاستىلارغا چۇقۇنۇپ ئىنسانىيەتكه ئاپەت تىلەيدىكەن دىگەنلەرنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ ، ئىندىئانلارغا بولغان قىرغىنچىلىقنى كەسكىنلەشتۈرگەن ئىدى. 1611­يىلى كوئائو ئېلادىكى سان پىتىر ئەتراپىدا يۇقۇملۇق كېسەل تارقالغاندا ، 1558­ يىلى پونساكرا قولتۇقىدا قارا بۇران چىقىپ ئىسپانىيه دېڭىز فىلوتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندە ، روهانىلار بۇ ئىندىئانلارنىڭ جىن­ئالۋاستىلارغا چۇقۇنغانلىقىدىن بولغان دىگەن دىنىي سەپسەپىنى تارقاتقاچقا ، مۇستەملىكىچى ئارمىيه بۇ جايلاردىكى ئىندىئانلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تۈگىتىۋەتكەن. قايسى جاي تەبىئەتنىڭ بۇزغۇنچىلىقىغا ئۇچرىسا شۇ جايدىكى ئىندىئانلارنى قىرىپ يۇقۇتۇش ئەۋج ئالغان ئىدى. خىرىستىئانلار بۈۋى مەريەمنى مۇقەددەس ئانا سۈپىتىدە ئۇلۇغلايدۇ. ئىندىئانلارمۇ  <<تونهنچىن>> ( مۇقىددەس ئانا)  نى بارلىق ئىلاهلارنىڭ ئانىسى ، دەپ قارايدۇ ئىندىئانلار يەنه قۇياش ئىلاهى بىلەن ئوت ئىلاهىنى كېرسىت بەلگىسى بىلەن ئىپادە قىلىدۇ. ئىندىئان دىنلىرىدىمۇ خىرىستىئان دىنىغا ئوخشاش  ئىلاھ يولىدا قۇربان بولغانلارنىڭ روهى ئىلاھ بۇلۇپ تۇغۇلىدۇ دىگەن تەلىمات ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇستەملىكىچىلەر بۇ تاساددىبي ئوخشاشلىقنى دەستەك قىلىۋېلىپ ، ئىندىئانلارنى  سىلەر بۈۋى مەريەمنىڭ باشقا بىر ئۇرۇقىدىن دەپ ئالداپ ، خىرىستىئان دىنىغا بەيئەت قىلىشقا زورلىغان. ئۇلار يەنه ئىندىئان بۇتخانىلىرىدىكى كېرسىت بەلگۈلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئېيسانىڭ هەيكىلىنى ئورناتقان. ئىندىئانلار بۇنى كىچىك ئىش دەپ بىلىپ چۇقۇنىۋەرگەن. خىرىستىئان دىن تارقاتقۇچىلىرى يەنه  قەيەردە يامانلىق ، دىنسىزلىق ئەۋج ئالسا شۇ يەردە بۈۋى مەيرەم روهى پەيدا بۇلىدۇ دىگەننى يەرلىك ئاهالىگه تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرگه، ياۋروپادىن بۈۋى مەريەم هەيكىلىنى تۈركۈملەپ يۆتكەپ كىلىپ ، ئىندىئانلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان ، قارشىلىق كۈچى كۈچلۈك جايلاغا مەخپىي كۆمگەن. بىر مەزگىلدىن كىيىن ، سېتىۋېلىنغان ئىندىئان كاهىنلىرى بۇلارنى بايقاپ قالغان ۋە خەلققه ئىلاهىيلاشتۇرۇپ تەشۋىق قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ جايلار قان تۆكىلىدىغان ،ئاهالىلار تارقاقلاشتۇرىلىدىغان هەم كاتتا چېركاۋلار قەد كۆتۈرىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغان. 1565­ ،1517­يىللار ئارىلىقىدا پەقەت مېكسىكىدىلا 200 دىن ئارتۇق ئورۇندا بۈۋى مەريەم هەيكىلى بايقالغان. مۇستەملىكىچىلەر يەنه ئىندىئانلارنىڭ ئالەم كۆزىتىش مۇنارلىرى، قۇياش ئېهراملىرى ۋە ئىبادەتخانىلىرى ئۈستىگه چېركاۋلارنى سالغان. ئىندىئان بۇتلىرىنى چېقىپ ،ئورنىغا ئىندىئان بۇدلىرى شەكلىدە نىقاپلانغان خىرستىئان بۇدلىرىنى تۇرغۇزغان. كېرست بەلگىلىرىنىمۇ ئىندىئانلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان بۇيۇملار بىلەن ياسىغان. خىرىستىئان دىنى بايراملىرى  ۋە نەزىر -چىراق كۈنلىرىنى ئىندىئان كالېندارى بويىچه يەرلىك بايرام كۈنلىرىگه توغرىلاپ ئورۇنلاشتۇرغان. ئىندىئانلارنى خىرستىئان دىنلىرىغا قۇبۇل قىلىش رەسمىيەتلىرىنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ ،كۈنىگه  6مىڭدىن 15مىڭغىچه ئادەمنى دىنغا كىرگۈزگەن. چېركاۋلاردىكى بۈۋى مەريەم بۇدلىرىغا <<تونهنچىن >> دەپ ئىسىم قويغان. ئىندىئانلار يۇقىرىقى ئۆزگىرىشلەرنى شەكىل جەهەتتىكى ئىش هىسابلاپ ئاسانلا كۈنۈپ كەتكەن. ئۇلار خىرىستىئان بۇتلىرىنىڭ ئارقىسىغا ئۆز بۇتلىرىنى يۇشۇرۇپ قويۇپ مەخپىي چوقۇنغان. چېركاۋلار ئاستىغا ئۆز بۇتلىرىنى كۆمۈپ قويغان. چېركاۋ تۈۋرۈكلىرىگه ئۆز دىنىي دۇرتلىرىنى يېزىپ قويغان. خىرستىئان دىنى ئۇسسۇللىرىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئوينىغان .مۇستەملىكىچىلەر بۇ خىل پاسسىپ قارشى تۇرۇشنى بىلسىمۇ بىلمەسكه سالغان .ئۇلار ۋاقىتنىڭ ئۈتۈشىگه ئەگىشىپ كېيىنكى ئەۋلات ئىندىئانلارنىڭ بۇ خىل مەخپى << قورساق كۈپۈكى >> نى ئاستا­ئاستا ئۇنتۇپ كېتىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى. گەرچه ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ يېرى كەڭ، ئاهالىسى شالاڭ بۇلۇش ئالاهىدىلىكى تۈپەيلى ، مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئىندىئانلارنى دىنسىزلاندۇرۇش هىيلىسى تەلتۈكۈس ئۈنۈم بەرمىگەن بولسىمۇ ،لىكىن ئۆز دىنىدىن يۈز ئۆرىگەن ئىندىئانلاردا ئېتىقادسىزلىق ،ئەسلىنى ئۇنتۇش خاهىشلىرى ئەۋج ئىلىپ كەتكەن.

3. مەدىنىيەتنىڭ جان تومۇرىنى ئۈزۈۋېتىپ روهىنى ئۆلتۈرۈش هىيلىسى
ياۋروپادا تۇنجى بۇلۇپ قۇياش تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويغۇچى برونىي رىم مەيدانىدا كۆيدۈرلىۋاتقان 1600­يىللاردا ،ئىندىئانلار مايا ، تىنوچدىتلان ۋە تۇئىتغۇلكان شەهەرلىرىدىكى ئالەم كۆزىتىش مۇنارلىرىدا ئۆزلىرى كەشىپ قىلغان تېلېسكوپ بىلەن كۈننىڭ كۆيۈش ۋاقتىنى ، ئاي، زۆهرە يۇلتۇز ۋە  باشقا سەييارىلەرنىڭ دەۋرىيلىك ئايلىنىش ۋاقتىنى توغرا هېسابلاپ چىقىۋاتاتتى. ئىندىئانلارنىڭ پۇختا مەدىنىيەت تورى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ << ئىندىئانلارنى بويسۇندۇرۇش -ياۋايى هايۋانلارنى كۆندۈرگەنچىلىك ئاسان ئىش>> دىگەن خىيالىنى كۆپۈككه ئايلاندۇرۋەتكەنىدى. مۇستەملىكىچىلەر بىر مەزگىللىك هودۇقۇش قورقۇشتىن كىيىن، ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ ئىچكى مېخانىزىمىدىكى سەلبىي خۇسۇسىيەتنى بايقىۋالدى. كاهىنلار پۈتكۈل ئىندىئان جەمئىيتىنىڭ يۇقىرى تەبىقىسى ۋە زىيالىيلار قاتلىمى ئىدى. ئۇلار پۈتكۈل جەمئىيىتنىڭ ئىلىم -پەن، مەدىنىي - مائارىپ ۋە مەنىۋى پائالىيەت ئىشلىرىنى ئۈستىگه ئالغۇچىلار، ئۇلار يەنه ئىگىلىك باشقۇرۇش، ئۇرۇشقا قوماندانلىق قىلىش، جەمىيەت تەرتىپىنى تۈزەش قاتارلىق پائالىيەتلەرگىمۇ يېتەكچىلىك قىلاتتى. چىن مەنىسدىن ئېيىتقاندا، پۈتكۈل ئىندىئان مەدىنىيتى <<كاهىن>> نامى بىلەن ئاتالغان يۇقىرى تەبىقه دىندارلار سىنىپىغا مەنسۇپ ئىدى. كاهىنلار دىننى خەلقنى كۆڭۈلدىكىدەك قۇل قىلىشنىڭ ۋاستىسى قىلىۋالغانىدى. ئۇلار ئۆزلىرى ئېرىشكەن بارلىق بىلىملەرنى ئىلاهىي ۋەهى سۈپىتىدە خەلققه يەتكۈزەتتى.خەلق بارلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى تەڭرىنىڭ ئىرادىسى دەپ بىلىپ ،شەرتسىز بويسۇناتتى هەم كاهىنلارنى <<ئەۋلىيا >> دەپ ئۇلۇغلايتتى. كاهىنلار ئۆزلىرىنىڭ مەدىنىيەت يارىتىش تەجىربىلىرىنى ئىنتايىن مەخپىي تۇتاتتى، ئۆز پەرزەنتلىرىنىلا ئىز باسار ئەۋلىيا قىلىپ تەربىيلەيتتى، خەلقنى هەرگىز ئارىلاشتۇرمايتتى. بىر كاهىن ئۆلسه ئورنىغا بىر كاهىن پەرزەنىت ئىز باسار بولاتتى، خەلق پەقەت ئانا تىلى ،ئۇرۇش، ئىلاهلارغا چۇقۇنۇش ۋە ئېغىر ئەمگەكتىن باشقا هېچنىمىنى بىلمەيتتى، يېزىق بىلىدىغان بىرمۇ پۇقرا بولمايتتى. ئىندىئان مەدەنىيتى ماهىيەتتە << كاهىنلار مەدىنىيتى>> ئىدى. ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ جان تومۇرى ئاخىرى ئىسپانىيه مۇستەملىكىچى ئارمىيىسىنىڭ باش روهانىيسى دىئوگو .د.راندانىڭ قانلىق قىلىچىدا كېسىپ تاشلاندى. 1562 ­يىلى راندا ئامېرىكىنىڭ پۈتكۈل ئىسپان تاجاۋۇزچى ئارمىيىسىگه ئىندىئان كاهىنلىرىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىۋېتىش ،ئىندىئان تىل­يېزىقىدىكى كىتاب ۋە هۈججەتلەرنىڭ بىرىنىمۇ قويماي كۆيدۈرۋېتىش، كاهىنلارنىڭ بارلىق ئەسلىهەلىرىنى بۇزۇپ تاشلاش بۇيرۇقىنى بەردى. شۇنىڭدىن كېيىنكى 40 يىلدا مۇستەملىكىچىلەر << كاهىنلار جىن­ئالۋاستىلارنىڭ يەر يۈزىدىكى ۋەكىلى>> دىگەننى باهانه قىلىپ ،400 مىڭدىن ئارتۇق كاهىننى ئۆلتۈردى.پايدىلنىش مەقسىتىدە ساقلاپ قالغان ئاز ساندىكى خائىن كاهىنلارنى هېسابقا ئالمىغاندا كاهىنلارنىڭ نەسلىنى پۈتۈنلەي قۇرۇتۇۋەتتى. نەچچه مىڭ يىللىق ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ جەۋهەرلىرى مۇجەسسەملەشكەن كىتابلارنى << ئالۋاستىلار قوللانمىسى>> دەپ پۈتۈنلەي كۆيدۈرۋەتتى. مەدىنىيەت ئەسلىهەلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى. ئالىملار كىيىنكى 300 يىل جەريانىدا قاتتىق ئاختۇرۇشلار بەدىلىگه ئاران تۆت پارچه كىتابنى قولغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ، ئىندىئان يېزىقىنى بىلىدىغان بىرمۇ ئادەم بولمىغاچقا ،ئوقۇش مۇمكىن بولماي، مۇزېي بۇيۇمى بۇلۇپ كەتتى. ئىندىئان مەدىنىيتىنىڭ سەلتەنىتى پەقەت خارابىيلاردىلا ساقلىنىپ قالدى. ۋەتىنىدىن ،دىندىن ۋە مەدىنىيەت ئىزچىللىقىدىن ئايرىلغان ئىندىئانلار بىراقلا روهسىزلىنىپ جەڭگىۋارلىقىنى يوقاتتى.

4. مەدىنىيەت كۆچۈرۈپ كېلىپ شالغۇتلاشتۇرۇش هىيلىسى
مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنىڭ مىللىي مەدەنىيتىنى خارابىيلاشتۇرۇشقا باشلىغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئوتتۇرا ئەسىر ياۋرۇپا مەدىنىيەت ئەنئەنىلىرىنى هەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق ئامېرىكىغا كۆچۈرۈپ ئاپىرىپ ئىندىئانلارغا مەجبۇرىي تاڭغانىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئامېرىكا قىتئەسىگه قەدەم باسقان كۈندىن باشلاپ بۇ جايدىكى تاغ تىزمىلىرى ، دەريا­كۆللەر، ئورمانلىق، ئارال، دېڭىز بوغۇزلىرى، شەهەر ۋە يېزا -كەنتلەرنى خىرستىئان دىنى ئەۋلىيالىرىنىڭ ئىسمى ۋە خرستىئان دىنى بايرام ناملىرى بىلەن ئاتاپ ماڭغان. كولۇمبو غەربىي هىندى تاقىم ئاراللىرىغا  1492­ يىلى 12­ ئاينىڭ 25­ كۈنى يىتىپ بارغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئارالدىكى تۇنجى بارغان كەنتكه << ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرلەش كەنتى>> دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئارالنى << كىچىك ئىسپانىيه ئارىلى>>  دەپ ئاتىغان. پەقەت مېكسىكىدىلا 1756 ئورۇنغا  مەريەم، 221 ئورۇنغا  بۈۋى مەريەم دەپ نام بېرىلگەن. ياقۇپ ، يۈسۈپ نامى بىلەن ئاتالغان جايلارنى ئىنتايىن كۆپ بولغان ، ئەسلى يەر- جاي ناملىرى پۈتۈلەي بىكار قىلىنغان. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنىڭ يەرلىك بايراملىرىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ، مەخسۇس ۋاقىت ئاجىرتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ، خىرىستىئان دىنىي بايراملىرىنى ئىندىئان كالىندارى بويىچه يەرلىك بايرام كۈنلىرىگه توغىرلاپ ئۆتكۈزگەن ، يەرلىك دىننى بايراملارنى ئاددى شەكىلدە ، خىرىستىئان دىنى بايراملىرىنى داغدۇغلۇق ئۆتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئىندىئانلارنى خىرىستىئان بايراملىرىغا قىزىقتۇرغان. مۇستەملىكىچىلەر ئۆلچەم بىرلىكلىرى ، پۇل بىرلىكلىرى جەهەتته پۈتۈنلەي ياۋروپا ئوتتۇرا ئەسىر ئۇسلۇبىنى ئۇمۇملاشتۇرغان.
1522- يىلىدىن باشلاپ ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ هەر قايسى جايلىرىغا مۇناستىر، شەهەر قۇرۇش ئەۋج ئالغان. شەهەر لاهىيلەش، باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىيەت تەشكىلى قۇرۇلمىسى جەهەتته ئىبىرىيه يېرىم ئارىلىدىكى ئۈلگىلەرنى كۆچۈرۈپ كەلگەن. يول قاتنىشى جەهەتته ، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى شاخمات تاختىسى شەكىللىك لاهىيەنى قوللانغان. بىناكارلىق تېخنىكىسى ۋە شەهەر ئسىتىراتىگىيسى جەهەتته ئىندىئان ئۇسلۇبى ئاساس قىلىنغان بولسىمۇ ، بىناكارلىق بىزەكچىلىكى جەهەتته، ئىتالىيه رەسسساملىق ئۇسلۇبىدىن ۋە ئوتتۇرا ئەسىر هەيكەلتاراشلىق ، ئويما نەقىشچىلىك هەم بوياقچىلىق تېخنىكىسى كۆچۈرۈپ كىلىنگەن. نەتىجىدە ، ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىناكارچىلىق مەدەنىيتى خاراپلاشقان. مۇستەملىكىچىلەر تارىخ ­ تەزكىرچىلىك ۋە ئەدەبىي ئىجادىيەتنى راۋاجلاندۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق تارىخى بۇرمىلانغان تارىخنامىلەرنى ياساپ چىققان. ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئۆزلىرىنىڭ ئىندىئانلارنى قىرىپ قۇل قىلغان ئىپلاسلىقلىرىنى << ئەيسا يولىدا قىلىنغان مۇقەددەس ئۇرۇش >> سۈپىتىدە تەسۋىرلىگەن .مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئان سەنئىتىنىڭ هەرقايسى ژانىرلىرىنى خالىغانچه بۇزۇپ پايدىلانغان. ئىندىئانلارنى ياۋرۇپا كىيملىرىنى كىيىپ ، ياۋرۇپاچه گىرىم قىلىپ ئىندىئان سەنئىتىنى ئورۇنلاشقا مەجبۇر قىلغان . ئىندىئان تىياتىرلىرىنىڭ تەسىرلىك مۇزىكىلىرىنى چىقىرىۋېتىپ ، ئورنىغا خىرىستىئان دىنى مۇناجاتلىرىنى سەپلىگەن .ئىندىئان مۇزىكىلىرىغا خىرىستىئان دىنى مەدھىيه تېكىسلىرىنى كىرگۈزۈپ ، سېغىنىش پائالىيهتلىرىدە ئىندىئانلارنى يۇقۇرى ئاۋازدا ئوقۇشقا مەجبۇرلىغان. ئىندىئان مۇزىكانىتلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى مىللىي چالغۇلارنى چېلىشنى چەكلەپ ، ياۋروپا چالغۇلىرىنى چېلىشقا قىستىغان. ئىندىئان ئۇسسۇلللىرىنىمۇ خالىغانچه بۇزۇپ ، هەممىنى ئەيسانى ، خىرىستىئان دىنىنى مەدهىيەلەيدىغان، خىرىستىئان ئۇسسۇلى قىلىپ ئۆزگەرتىۋەتكەن .رەسساملىق ، هەيكالتاراشلىق جەهەتتىمۇ ئىندىئان سەنئەتكارلىرىنى ئەنئەنىۋى ئۇسلۇپتىن قول ئۈزۈشكه مەجبۇرلىغان. قىسقىسى : مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئان سەنئىتىنى مۇمكىن بولغان دەرىجىدە بۇزۇپ،
ئۆزگەرتىپ ئۆز ئاڭ سېستىمىسىنى بېيىتقان .مۇستەملىكىچىلەر كېلىشتىن ئىلگىرى << پوچتىكا>> دەپ ئاتىلىدىغان ئىندىئان سودىگەرلىرى يۇرتمۇ- يۇرت قاتناپ ، پايدىسىغا ئالماشتۇرۇش شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى سودا بىلەن شۇغۇللىناتتى. شەهەرلەردە ئالتۇن­كۈمۈش ، يېزىلاردا كاكاۋۇ مىسپالتا قاتارلىقلار پۇل بىرلىكى قىلىناتتى. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى مۇستەملىكه ئاستىغا ئالغاندىن كىيىن، ئامېرىكا قىتئەسىنى خام ئەشيا مەنبەسى دەپ تۇنۇپ قالماي ، يەنه ياۋرۇپادا بازار تاپالمايدىغان ناچار تاۋارلارنى ساتىدىغان بازار ئورنىدىمۇ پايدىلانغان. ئۇلار سۈپىتى ناچار ماللارنى كۆپلەپ يۆتكەپ كېلىپ تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارغا باج ۋە باشقا جەهەتلەردە ئېتىبار بەرگەن. ئىندىئان سودا­ سېتىقچىلىرىنى ئېغىر باج ۋاستى بىلەن قىسىپ روناق تېپىش ئىمكانىيتىدىن ئايرىغان. پۇلدار ئىندىئان ئاق سۆڭەكلىرى يوشۇرۇن ئۆلتۈرلۈپ ، مال­ مۈلكى بۇلاڭ­ تالاڭ قىلىنغان .مۇستەملىكىچىلەر ئاچقان << نېسىيگه سېتىپ ئۆسۈمى بىلەن تۆلىتىۋېلىش ماگزىن >> لىرى ئىندىئانلارنى نامراتلاشتۇرىدىغان ئاساسلىق ئامىلغا ئايلانغان.

5. مائارىپنى گۈللەندۈرۈش
 << شۇئارى ئاستىدا نادانلاشتۇرۇش هىيلىسى ئەدەبىي ئويغىنىش>> هەركىتىنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتكۈل ياۋروپانى دىني ئىسلاهات دولقۇنى قاپلىغاندىن كېيىن ، مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارغا بولغان دىنى تەربىينى كۈچەيتىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تونۇپ يەتتى. ئۇلار ئىنسانپەرۋەرلىك تونىغا ئورۇنىۋېلىپ << ئىندىئان مائارىپىنى راۋاجلاندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ روهىنى قۇتقۇزۇۋالايلى>> دېگەن شۇئارنى بازارغا سالدى.
1523- يىلى ئسپانىيلىك داڭلىق روهانى پېيدولۇ مېكسىكىدا تۇنجى << ئىندىئانلار مەكتىپى>> نى قۇرغاندىن كىيىن ، پۈتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىدە مەكتەپ قۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى. مەكتەپلەردە بويسۇنغان خىزمەت كۆرسەتكەن ئىندىئان ئاق سۆڭەكلىرىنىڭ بالىلىرى قۇبۇل قىلىندى. مەكتەپلەردە ياۋرۇپا مىسسئونېرلار مەكتەپلەردىكى ئوقۇتۇش مېتوتى ئاساس قىلىنىپ ، ئەنئەنىۋى خىرىستىئان دىنى دەرىسلىرى ئۆتۈلدى. ئىسپان تىلى ئوقۇتۇش ئاساس قىلىندى. ئەيساغا قارغۇلارچه چۇقۇنۇش روهى پۈتكۈل مائارىپ ئەخلاقىنىڭ مەركىزىگه ئايلاندى. << ئىنجىل>> نى يادلاش ئەۋج ئالدى .مۇستەملىكىچىلەر » ئىندىئان بالىلار دىنى تەشۋىقات ئەترىتى << تەشكىل قىلىپ ، ئوقۇغۇچىلارنى ئاتا­ئانىلىرىغا ، يەرلىك خەلىققه خىرىستىئان دىنىنى تەشۋىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. بۇ ئوقۇغۇچىلار يەنه ئىندىئان ئاهالىلىرىنىڭ يەرلىك دىنىغا چوقۇنۇشىنى توسۇش ، يەرلىك قول­ هۈنەر كەسىپى بىلەن شۇغۇللىنشنى چەكلەش، قارشىلىق هەركەتلىرىگه پايلاقچىلىق قىلىش، ئىندىئان دىنى بۇتلىرىنى چېقىش ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆتەيتتى. ئەمما  بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئۆز ئاتا­ ئانىلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلۈۋېتىلەتتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ دەرىسلىك ماتىرىياللىرىدا مۇستەملىكىچىلىك تارىخى بۇرمىلانغان. ئىندىئان مىللى قەهرىمانلىرى << ئەيسانىڭ دۈشمىنى>> دىيىلىپ هاقارەتلەنگەن. ئوقۇغۇچىلارغا ئىسپانچه يىڭى ئىسىملار قويۇلغان. ئۆز تىلىدىن قول ئۈزۈپ ، ئىسپان تىلىنى قوللانغانلارنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. مەكتەپلەردە يەنه  ئىنجىلدا زىكرى قىلىنغان مۇقەددەس كىشىلەرنى مەدهيەلەش ئەۋج ئالغان. هەتتا مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ئوبرازى كۆپتۈرۈلگەن. ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق هەركەتلىرى هەجىۋىيلەشتۈرۈلگەن تىياتىرلارنى ئويناش ئومۇملاشقان. مۇستەملىكىلەرنىڭ ئىندىئان مائارىپىنى گۈللەندۈرۈش يولىدىكى بىر قاتار تەدبىرلىرى ئارقىسىدا ، 17­ ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە ئامېرىكا قىتئەسىدە ، يىڭى بىر ئەۋلات ئورنىتىلغان. ئىندىئان زىيالىيلىرى شەكىللىنىپ ئۆز مىللىتىنىڭ خاراپلىشىشىنى تىزلەتكۈچى كاتالىزاتورغا ئايلانغان ئىدى. ئامېرىكا مۇستەقىللىق هەركىتى ، 1­ دۇنيا ئۇرۇشى ، فاشىسىزىمغا قارشى ئۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار چوڭ ئۆزگۈرۈشلەر گەرچه ئىندىئان مائارىپىغا بەزى پايدىلىق شارائىتلارنى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇلار يەنىلا مائارىپ سىياسىتىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ قالدى. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى<< ئاز قۇبۇل قىلىش، مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنى ئىشقا قويماسلىق>> تىن ئىبارەت تەزدۈرۈش هىيلىسى قوللىنىپ ئوقۇش قىزغىنلىقى يوق ياۋايى مىللەت« دىگەن قالپاقنى كىيگۈزۈپ قويدى. نەتىجىدە ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى بىلىم چۈشەنچىلىرى ئىزچىللىقنى يوقۇتۇپ ، مىللي مائارىپ شەكلى پۈتۈنلەي خاراپلاشتى. ئىندىئانلار مىسلىسىز دەرىجىدە نادانلىشىپ كەتتى.

6. بايلىق يۆتكەپ كېلىپ ئۆزىنى كۈچلەندۈرۈش هىيلىسى
ياۋروپادا كاپىتالىزىم بىخ سۈرگەندىن كېيىن جاهانگىر ئەللەر بايلىق تالان- تاراج قىلش پائالىيتىنى تېخىمۇ كەسكىنلەشتۈردى. ئىسپانىيه مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى تالان -تاراج قىلىشتا قىلمىغان ئەسكىلكلىرى قالمىدى. 1519 ­ يىلى مۇستهەملىكىچى كورتىس ئازتېكلار دۆلىتىگه باستۇرۇپ كىردى. ئازتېك پادىشاهى سۈلهىيلىشىش نىيىتىدە كورتېسقا دىيامىتىرى ئالته ئىنگىلىزچى كېلىدىغان ئىككى ئالتۇن لېگەن بىر قاپاق كېپەك ئالتۇن ۋە باشقا نۇرغۇن سوۋغىلارنى تەقدىم قىلدى. كورتېس سوۋغىلارنى ئېلىۋېلىپلا رەزىل نىيىتىنى ئاشكارلىدى. ئىككى سائەت ئىچىدىلا ئىككى مىڭ ئىندىئاننىڭ جېنىغا زامىن بولدى ۋە ئالته مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر ئالتۇن كۈمۈشنى بۇلاپ كەتتى. 1532 ­ يىلى يېسارو ئىنكا دۆلىتىگه هۇجۇم قىلىپ ، پادىشاھ ئاتا خالبانى ئەسىر ئېلىپ بىر ئۆيگه سولاپ قويدى هەم ئىنكا ئىندىئانلارغا پادىشاھ قامالغان ئۆينى ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تولدۇرۇپ بەرسه، پادىشاهنى قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. پۈتكۈل ئىنكا ئاهالىسى هەركەتكه كېلىپ، ئۇزۇنلۇقى 22 ئىنگىلزچى كەڭلىكى 17ئىنگىلىزچى ، ئېگىزلىكى 9 ئىنگىلىزچى كىلىدىغان بۇ ئۆينى ئالتۇن - كۈمۈش ،يامبۇلار بىلەن تولدۇرغان بولسىمۇ، پېسارو بايلىققا ئېرىشىۋېلىپلا قىرغىنچىلىق هەركىتىنى باشلىۋەتتى. مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇ خىل بۇلاڭ -تالاڭ هەركەتلىرى پۈتكۈل قىتئەنى قاپلىغاندىن كىيىن، هەر قايسى جايلاردا ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق هەركەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى. 1553­ يىلى چىلىدىكى ئالاۋكا ئىندىئانلىرى ئىچىدىن چىققان ياش قەهرىمان لۇدارۇ چىلى ئىندىئانلىرىغا باش بولۇپ، مۇستەملىكىچىلەرنى تارمار قىلدى هەم مۇستەملىكىچى ئارمىيه قوماندانى بالدىۋينى ئەسىر ئالدى. لۇدارۇ پۈتۈن خەلق توپلانغان مەيداندا بالدىۋىيگه :<< سەن ئالتۇن بۇلىغىلى كەلگەن، بىز سېنى ئالتۇنغا تويغۇزۇپ قويايلى>> دەپ خىتاپ قىلىپ، قايناپ تۇرغان ئالتۇن ئېرىتمىسىنى ئۇنىڭ ئاغزىغا قۇيدى. ئەمما خائىنلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشى سەۋەبىدىن ئىندىئانلارنىڭ قارشىلىق هەركەتلىرى تېزلا مەغلۇپ بولدى. مۇستەملىكىچىلەر تېخىمۇ كۆپ بايلىققا ئېرىشىش مەقسىتىدە مىكسىكا ، پېرۇ بولىۋىيه ، ۋە يېڭى كرانادا قاتارلىق جايلاردا ئالتۇن­كۈمۈش كانلىرىنى كەڭ ئېچىپ ئىندىئانلارنى كۈنىگه 18سائەت ئىشلەشكه مەجبۇرلىغان. قامچا­كالتەك ئاستىدىكى ئېغىر ئەمگەك ۋە كانلارنىڭ بىخەتەرلىك ئىشلىرىنىڭ ناچارلىقى سەۋەبلىك كان سەيىسىگه تۇتۇلغانلارنىڭ بەشىدىن تۆت قىسمى ئۆلۈپ كەتكەن .شۇڭا كان سەيىسىگه تۇتۇلغانلارنىڭ دەپنه مۇراسىمىنى ئالدىن ئۆتكۈزىۋېتىش پۈتكۈل ئىندىئان جەمىيىتىدە ئومۇمىي ئادەتكه ئايلانغانىدى. مۇستەملىكىچىلەر 1541­ يىلغا قەدەر 15مىليون ئىندىئاننىڭ جېنىغا زامىن بولغان. ئىسپانىيه 1574­ يىلغا قەدەر ئامېرىكا قىتئەسىگه 200 مىڭ ئائىلىنى كۆچۈرۈپ بارغان بولۇپ، ئۇلار كان -ئېكىنزارلىق ئېچىش، سودا قىلىش، ئىندىئانلارغا نازارەت قىلىش، خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. ئىندىئانلار كۆپلەپ قىرىلىپ كەتكەچكه ، مۇستەملىكىچىلەر ئەمگەك كۈچىنى تولۇقلاش ئۈچۈن ئىبلىس قولىنى ئافرىقىغا سوزغان. 19­ ئەسىرنىڭ 70­ يىللىرىغا قىدەرئافرىقا 100مىليون خەلقىدىن ئايرىلغان، بۇنىڭ 15 مىليونىلا ئامېرىكىغا ساق بارالىغان . بەزىلەرگه بەخت ئېلىپ كەلگەن ئىش يەنه بەزىلەرگه كۈلپەت ئېلىپ كېلىدۇ. بىر سىنىپنىڭ ئازادلىققا چىقىشى ماهىيەتته، ئىككىنچى بىرسىنىپنىڭ قۇللۇققا چۈشۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ(ئېنگىلىس).<< ئامېرىكا قىتئەسىدە كانلارنىڭ ئېچىلىشى ، يەرلىك ئاهالىنىڭ قىرىپ تاشلىنىشى كاپىتالىستىك ئىشلەپچىقىرىش دەۋرىنىڭ تاڭ نۇرى ئىدى ... يېڭىدىن تۇغۇلغان كاپىتالنىڭ بېشىدىن تاكى تاپىنىغىچه قان ۋە زەرداپ تېمىپ تۇراتتى>> (ماركىس). مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلارنى زۇلمهەتلىك تۇرمۇشقا مۇپتىلا قىلىش بەدىلىگه ، ئۇلارنىڭ سۈڭەكلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان ئالتۇن -كۈمۈشلەرنى هەدەپ ياۋروپاغا يۆتكىگەن. 1545­،1560­يىللار ئارلىقىدا ئىسپانىيەگه ئامېرىكىدىن5500 كىلوگرام ئالتۇن، 246 مىڭ كىلوگرام كۈمۈش توشۇلۇپ تۇرغان .باشقا بايلىقلار تېخىمۇ كۆپ. ئەزەلدىنىلا سېرىقتال سەۋىيىدىن يۇقىرى تۇرمۇش مۇهىتىغا ئېرىشەلمەي كەلگەن ئىسپان ئاق سۈڭەكلىرى ئامېرىكىدىن بۇلاپ كېلىنگەن بۇ هارام  بايلىقلارغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇلار بۇ بايلىقلارنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ ئەيش­ ئىشرەتلىك تۇرمۇشىغا سەرپ قىلىپ مىسلىسىز دەرىجىدە چىرىكلىشىپ كەتتى. ئۇلاردا كاپىتالىزىم تەرەققىي قىلالمىدى. ئىسپانىيەگه كەلگەن ئامەت باشقا جاهانگىرلارنىڭ كۆزىنى قىزارتتى. ئەنگىلىيه دەسلەپته ئامېرىكىدىن ئىسپانىيەگه توشۇلىۋاتقان بايلىقلارنى بۇلاش بىلەن شۇغۇللىنىپ 1577­،1580­يىللىرىدا 4  مىليون 700 مىڭ فوندىسترلىڭ قىممىتىدىكى بايلىققا ئېرىشتى. ئۇلار 1584­ يىلى شىمالىي ئامېرىكىنى ئىسپانىيىدىن تارتىۋېلىپ ۋېرگىنىيه مۇستەملىكىسىنى شەكىللەندۈردى. پورتۇگالىيەمۇ برازىلىيىنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، جەنۇبى ئامېرىكىدا ئىسپانىيه بىلەن مۇستەملىكه تالاشتى. گوللاندىيه ئاتلانتىك ئوكياننى قامال قىلىۋالدى . 1609­ يىلى فىرانسىيه شىمالى ئامېرىكىغا بېسىپ كىرىپ ئەنگىلىيه بىلەن مۇستەملىكه تالاشتى. شۇنداق قىلىپ ئۆز ئاجىزلىقىغا باقماي ناهايتى كەڭ جايلارغا مۇستەملىكىچىلىك تورى يايغان ئىسپانىيه ئامېرىكا قىتئەسىدىكى مۇستەملىكه جايلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقا جاهانگىرلارغا تارتقۇزۇپ قويدى.

7. قەبىلىۋازلىقتىن پايدىلنىپ پارچىلاپ يوقىتىش هىيلىسى
مۇستەملىكىچىلەر كېلىشتىن ئىلگىرى ئىندىئانلار جەمىيىتىدە ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق تۈزۈلمىسىدىن تارتىپ دۆلەت تۈزۈلمىسىگىچه بولغان ئارلىقتىكى پۈتكۈل فورماتسىيه شەكىللىرى تەڭلا مەۋجۇت ئىدى. قەبىلىۋازلىق ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانىدى. هەر قەبىله ئۆز ئىگىلىكىگه ماس كىلىدىغان زېمىندا مۇستەقىل ياشايتتى، ئىجتىمائىي سەۋىيىسىمۇ تەكشىسىزئىدى. قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا دائىم ئۇرۇش بۇلۇپ تۇراتتى. بۇلۇپمۇ مايا دۆلىتى، ئازتېك دۆلىتى ۋە ئىنكا دۆلىتىنىڭ ئارقا -ئارقىدىن قۇرلۇشى بوي سۇندۇرۇلغان قەبىله ئەزالىرىنىڭ قەلبىدە قىساس دېغى قالدۇرۇلغانىدى. مۇستەملىكىچىلەر ئىندىئانلاردىكى بۇ خىل قەبىلىۋازلىق هالىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان ئىدى. ئۇلار قەبىلىلەر مۇستەقىللىقىنى هەدەپ بازارغا سېلىپ، يەرلىك ئاهالىلەرگه ئىلگىرىكى قەبىلىسىنى قۇرۇپ بېرىشكه ۋەدە بېرىپ ئۇلارنى ئۆز خانلىقىغا قارشى چىقىشقا كۈشكۈرتكەن ۋە كونا زىددىيەتلەرنى تىرىلدۈرۈپ قەبىلىلەرئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىپ، قەبىلىلەرنىڭ ئۆز- ئارا ئۇرشۇپ قان تۈكۈرشىگه سەۋەپ بولغان هەمدە بىر قەبىلىنى يوقاتماقچى بولسا ئالدى بىلەن شۇقەبىلىگه دۈشمەن قەبىلىنى قولغا چۈشۈرۈپ ئۇنىڭدىن پايدىلانغان. خۇددى ماركىس ئېيتقاندەك ،<< ئىسپانىيەلىكلەر ئامېرىكا قىتئەسىگه هۆكۈمرانلىق قىلغان چاغلىرىدا  بىر قەبىله باشلىقنى تىرىك تۇتۇۋالسا بارلىق قەبىله ئەزالىرىنىڭ پالەچ هالغا چۈشۈپ قېلىپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغان، شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن پادىشاھ ياكى قەبىله  باشلىقلىرىنى قولغا چۈشۈرۈش، ئۇنى ئۆز مەقسىدىگه يەتكۈچه تىرىك ساقلاش هىيلىسىنى قوللانغان. 1519­ يىلى كورتىس ئازتېك پادىشاهىنى ئالداپ نەزەر بەنىت قىلىۋالغان. هەر قايسى قەبىلىلەر ئىتتىپاقلىشالمىغاچقا ئىككى يىل ئىچىدىلا ئازتېكلار مۇنقەرز قىلىنغان. 1533­ يىلى پېساررو ئىنكا دۆلىتىگه باستۇرۇپ بارغاندا ئالدى بىلەن پادىشاهلىق تەختىنى تارتىۋېلىش كويىدا يۈرگەن ئىندىئان ئاقسۆڭەكلەرنى ئۆزىگه تارتىپ، ئۇلارغا تەخىتنى ئېلىپ بېرىش ۋەدىسىنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ياردىمىگه ئېرىشىپ ئالته مىليون نۇپۇسلۇق ئىنكا دۆلىتىنى ئوڭايلا بېسىۋالغان. 1546­ يىلى يەنه بىر مۇستەملىكىچى مۇتەيىغ مايا دۆلىتىگه باستۇرۇپ بارغاندا ئىككى چوڭ قەبىله ئوتتۇرىسىدا هۇقۇق تالىشىش كۆرىشى بولۇۋاتاتتى. مۇنتەيغ ئاۋۋال بىرى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ ئۇنىڭ دۈشمىنىنى يوقۇتۇش، ئارقىدىن ئۇنىمۇ ساق قويماسلىق هىيلىسىنى ئىشلىتىپ ئىمپىرىيه دەرىجىسىگه يەتكەن مايا دۆلىتىنى ئازغىنا ئەسكەر بىلەن مۇنقەرز قىلغان.

8. رەزىل ۋاستىلەرنى قوللىنىپ جىسمانىيتنى خورىتىش هىيلىسى
ئىسپانىيه مۇستەملىكىچىلىرى ئىندىئانلارنى دەسلەپكى قەدەمدە مۇستەملىكىسىگه ئايلاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن، نۇقۇل ئىقتىسادىي ئۈنۈم قوغلاشتى، ئۇلار ئىندىئانلار تېرىشنى بىلىدىغان 47 خىل مۇستەقىل زىرائەت -ئۆسۈملۈككە قانائەت قىلماي ، باشقا قىتئەلەردىن يەنه 200 خىل زىرائەت كۆچۈرۈپ باردى. ئىندىئانلارنى ئىبىرىيه يېرىم ئارىلىغا خاس ئىگىلىك شەكلى ۋە قورال سايمانلارنى قوللىنىشقا مەجبۇرلىدى. مۇستەملىكىچىلەر دېهقاننىڭ قولىدا بىر پارچه يەر بولسىلا هەممىنى ئۇنتۇيدۇ دەپ قارىغاچقا، ئىندىئانلارنىڭ قولىدىكى يەرنى تارتىۋالماي، يەرسىزلەندۈرۈشنىڭ يەنه بىر خىل شەكلى -ئېغىر باج­ سېلىق ۋاستىسىدىن پايدىلاندى. يىل ئاخىرىدا هوسۇلنىڭ يېرىمىنى بەزى جايلاردا ئۈچتىن بىر ياكى ئۈچتىن ئىككى قىسمىنى باج ­ سېلىققا هېسابلاپ تۇتۇپ قالدى. ياۋروپادا قايسى مەهسۇلاتنىڭ بازىرى ئىتتىك بولسا ئىندىئانلارنى شۇ خىل زىرائەتلەرنى تېرىشقا مەجبۇرلىدى، ياۋروپادىن كۆپلەپ مال ­ چارۋا يۆتكەپ كېلىپ ئىندىئانلارغا مەجبۇرى باققۇزدى. ئىندىئانلارنى ئالداپ ئۇزۇقلۇق قىممىتى ئىنتايىن تۆۋەن نەرسىلەرنى يېيشكه كۆندۈردى. ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ، يۇقۇملۇق كېسەل، ئېغىر ئەمگەك قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئىندىئانلار تۈركۈم- تۈركۈملەپ قىرىلىپ كەتتى. مۇستەمىكىچىلەر يەنه ئىندىئانلارنىڭ قولىدىكى بايلىقىنىې يەۋېلىش مەقسىتىدە ئۆزلىرى ئويدۇرۇپ چىققان << جەننەت بېلىتى >> نى يۇقىرى باهادا زورلاپ ساتتى. ئۆلگۈچى ئىندىئانلاردىن قالغان مىراسنىڭ يېرىمىنى ئۆلگەندىن كېيىنكى دۇئا - تىلاۋەت هەققىگه تۇتۇپ قالدى. شۇنداق قىلىپ ئىندىئانلارنىڭ هايۋاندىن هېچ پەرقى قالمىدى. ئىندىئان دىنلىرىدا هاراققا چىلانغان قوناقنى ئوتتا كۆيدۈرۈپ ئىلاهلارغا نەزىر قىلىش ئادىتى بارئىدى. مۇستەملىكىچىلەر بۇ ئادەتنى خىرىستىئان دىنىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ئىندىئانلارنى هاراققا قىزىقتۇردى. 1544­ يىلى مېكسىكىدا تۇنجى هاراق زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن باشلاپ، جاي­جايلاردا زەهەرلەش كۈچى زور بولغان يۇقىرى گرادۇسلۇق هاراق ئىشلەيدىغان زاۋۇتلار كەينى - كەينىدىن قۇرۇلدى. هاراق بوتكىلىرىمۇ يىراق - يېقىندىكى يېزىلارغا قەدەر ئۇمۇملاشتى. هەممه نەرسىسىدىن ئايرىلغان ئىندىئانلار بىراقلا ھاراققا بېرىلىپ كەتتى. هاراق ئىندىئانلارنى زەئىپلەشتۈرۈپ، جەڭگىۋارلىقنى يوقاتتى، ئۇلار ساقال قويۇشقا قارا رەڭلىك كىيىم كىيىشكه ئادەتلەنگەن ئىسپانىيەلىكلەردىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان (ئىندىئان دىنىدا ئۆلۈم ئىلاهى ساقاللىق سۈپەتته تەسۋىرلىنەتتى، قارا رەڭمۇ بالايى - ئاپەتنىڭ سىمۋولى ئىدى) هەتتا ئون ئىندىئان بىر ئىسپانىيەلىكنى ئۆلتۈرۋېتىشكه جۈرئەت قىلالمايدىغان هالغا چۈشۈپ قالدى. ئۆزلىرىنىڭ يوغان بەستى بىلەن كولۇمبوغا يۇنان ئەپسانىلىرىدىكى گىگانىت ئادەملەرنى ئەسلەتكەن ئىندىئانلار هاراققا بىرىلگەندىن كېيىن، بارغانسېرى كىچىكلەپ، ئاجىزلىشىپ كەتتى. ئىندىئانلار دۇنيادا تۇنجى بولۇپ تۇغۇت چەكلەش دورىسىنى ئىشلەتكەن بەقۇۋۋەت خەلق ئىدى. هاراققا بېرىلگەندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ بۆرىكى ئاجىزلاپ ئۇرۇقى پۇچەكلىشىپ ئەۋلاد قالدۇرالمايدىغان دەرىجىگه يەتتى. هەتتا بىر نەچچه بوتۇلكا هاراقنى دەپ خائىنلىق قىلىدىغان ساتقىنلارمۇ بىر نەچچه يۈز بوتۇلكا هاراققا ئۆز زېمىنىنى تېگىشىۋېتىدىغان قەبىله باشلىقلىرىمۇ كۆپلەپ چىقتى. ياۋروپا سانائەت ئىنقىلابىدىن كېيىن ئىندىئانلارغا قارىتىلغان قۇتلۇق سىياسىتى ئۆلۈم سىياسىتىگه ئالماشتى. ئامازون دەريا ۋادىسىدىكى ئىككى مىليونغا يېقىن ئىندىئان خەلقى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ بۇ جايدا كان ئېچىش، زاۋۇت قۇرۇشقا نارازىلىق بىلدۈرۈپ ،چەت جايلارغا كۆچۈشكه قارشى تۇرغاچقا، مۇستەملىكىچىلەر سۇ ئارقىلىق مەخپى تارقاتقان مىكروبتا يۇقۇملىنىپ پۈتۈنلەي قىرىلىپ كەتتى (هازىر 100مىڭچه ئىندىئان قالدى). شەرقىي شىمال كولۇمبىيه ئورمانلىقىدىكى كادىيه ئىندىئانلىرى ئۆزلىرى ئاچقان ئالتۇن كاننىڭ ئىگىلىك هۇقۇقىنى مۇستەملىكىچىلەرگه ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى خالىمىغاچقا، مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن ئوزۇق ­ تۈلۈك جەهەتته قامال قىلىنىپ، سىل كېسىلى بولۇپ قىرىلىپ تۈگىدى. بىرازىلىيه ئىسسىق بەلۋاغ ئورمانلىقىدىكى ئىندىئانلار مۇستەملىكىچىلەر قەستەن يۇقتۇرغان  قىزىل كېسىلى بىلەن يۇقۇملىنىپ قىرىلىپ كەتتى. باشقا نۇرغۇن جايلاردىكى ئىندىئانلارمۇ مۇستەملىكىچىلەر<< ئىئانە قىلغان>>  يۇقۇملۇق كېسەلگه گىرىپتار بولغۇچىلار كىيىپ تاشلىۋەتكەن كىيىملەرنى كىيىپ، يۇقۇملىنىپ قىرىلىپ كەتتى. بەزى مۇستەملىكىچى كاتتىباشلىرى ئەيسا خىرستىئان دىنىغا بايلىق ياراتقۇچىلارنى قوللايدۇ دېگەندەك دىنىي نىقابقا ئورنىۋېلىپ، ئاشكارا هالدا  ئىندىئانلار ئىنسانلارنىڭ نەسلى ئەمەس كۆيدۈرۈش، پارتلىتىش ئارقىلىق ئۇلارنى قۇرۇتىۋېتىش كېرەك دەپ جار سالدى. هەتتا مۇستەملىكىچىلەر ۋىنېسۇئىلا، ئامازون دەريا ۋادىلىرىدىكى، كارىب دېڭىزى ساهىلىدىكى ئىدىئانلارنى ئەمگەككه سېلىش باهانىسىدا زەهەرلىك يىلان، تىمساق ،كىت ... قاتارلىق يىرتقۇچ هايۋانلار كۆپ جايلارغا باشلاپ بېرىپ يىرتقۇچ جانلىقلارغا يەمچۈك قىلىپ يوقۇتىۋەتتى. مۇشۇنداق رەزىل ۋاستىلەر ئالدىدا 40  مىليون نۇپۇسلۇق ئىندىئان خەلقىدىن هازىر قالغىنى بىر مىليوندىن سەل ئاشىدۇ.

9. خەلقئارا مەۋجۇتلۇق ئېنتىرناتسىئونالنىڭ خىتابى
 قالدۇق ئىندىئانلارنىڭ باهارى 1969­ يىلى لوندوندا خەلقئارا مەۋجۇتلۇق ئېنتىرناتسىئونالنىڭ قۇرۇلۇشى مۇستەملىكه ئاستىدا يۇقىلىشقا يۈزلىنىۋاتقان ئىندىئانلارغا باهار شامىلى ئېلىپ كەلدى. مەۋجۇتلۇق ئېنتىرناتسىئونالى << بىز ئەڭ ئەقەللىي هوقۇق - مىللەتلەرنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان ياشاپ كەلگەن ئۆز زېمىنىدا هاقارەتلەنمەي ئاچ -يالىڭاچ قالماي ئەركىن ياشاش هوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرەش قىلىىمىز>> دېگەن بۇرچنى ئۆزىگه قىبلىنامه قىلغان.  1980-- يىللاردا پانامادىكى قىزىلتاغ ۋادىسىدا لوندوندىكى بىر شېركەت 22 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىش بەدىلىگه دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مىس كانى ئاچماقچى بولغان ۋە بۇ جايدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئىندىئان خەلقىنى سىرىتقا قوغلىغان چاغدا، ئېنتىرناتسىئونال بولسا   << يەرلىك خەلقنىڭ ئۆز مۇهىتىدىن ئايرىلغانلىقى ئۇلارنىڭ هالاك بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، يەرلىك ئاهاله ئەتراپقا كۆچسه ئۇلار ئوتتۇرىسىدكى ئىنسانىي مۇناسىۋەت تورى بۇزۇلۇپ، غۇرۇرى دەپسەندە بولىدۇ... . يەرلىك خەلقنىڭ مەۋجۇتلۇق هوقۇقىنى قوغدايلى، ئۇلارغا ئۆزىنى قوغداش تاكتىكىلىرىنى ئۆگىتەيلى، مەدەنىيەتلىك جەمىئيەتنىڭ ئۇلارغا بولغان زىيىنىنى ئازايتايلى >> دەپ ئېتىراز بىلدۈردى. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس يوهان لېندېن هۆكۈمەتنىڭ ئېچىش سىياسىتىنىڭ تەسىرىدە ئىدىئانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىشىگه يۈزلەنگەنلىكىنى، بىر نەچچه ئون يىل ئىچىدىلا بىرازىلىيەدىكى 270 ئىندىئان قەبىلىسىنىڭ 90 نەچچىسىنىڭ يوقىلىپ كەتكەنلىكىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىم قەبىلىنىڭ ئادەم سانىنىڭ مىڭىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدىغاندىن كىيىن، بىرازىلىيىلىك ئىنسانشۇناس داشى رىبلو ماقاله ئېلان قىلىپ << قىلچه ئىقتىسادىي قىممىتى يوق دەپ قارالغان جايلاردىلا ئىندىئانلار پۇت قويغۇدەك زېمىنغا ئېرىشەلەۋاتىدۇ، قەيەردە بايلىق بارلىقى سېزىلگەن كۈندىن باشلاپ شۇ جاينىڭ ئىندىئانلىرىغا قىيامەت باشلىنىدۇ>> دەپ نارازىلىق بىلدۈردى. مەۋجۇتلۇق ئېنتىرناتسىئونالنىڭ ئەزاسى بىنتېرى ئامېرىكا هۆكۈمىتىگه باياناتنامه تاپشۇرۇپ بىز هۈكۈمەتتىن ئاچماسلىق...نى تەلەپ قىلمايمىز، بىز پەقەت هۈكۈمەتتىن ئېچىش پىلانى تۈزىدىغان چاغدا يەرلىك مىللەتلەرگه قانچىلىك ئاۋارىچىلىق كەلتۈرىدىغانلىقنى ئويلىشىشنى، ئۇلارنىڭ كېيىنكى تەقدىرىنىمۇ پىلانغا كىرگۈزۈشنى تەلەپ قىلىمى>> دەپ تەلەپ قويغان. ئىنسانشۇناسلارهازىردۇنيادا ئەڭ ئىلغار دەپ قارىلىۋاتقان تۇغۇت چەكلەش دورىسنىڭ ئىندىئانلارنىڭ مىڭ يىللار ئىلگىرىكى ئىجادىيىتى ئىكەنلىكنى، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پارس قولتۇقى ئۇرۇشىدا ئىندىئانلار مىلادىدىن ئىلگىرى ئىجاد قىلغان دورىلارنى ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ئىندىئانلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكلىنىڭ، قول هۈنەرۋەنچىلىكىنىڭ، ئاڭ سېستىمىسىنىڭ قىممىتىنى تەشۋىق قىلدى. شۇنىڭدىن كېيىن بىرمۇنچه ئالىملار << بىلىمىنى ساقلاپ قېلىشنڭ ياخشى چارىسى ئۇنى ئۆزى پەيدا بولغان زېمىندا ئىزچىللىققا ئىگه قىلىش، ئىندىئانلارنى ئىقتىسادىي ئۈنۈمگه قىزىقتۇرۇش يولى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكلىنى داۋاملاشتۇرۇشنى قولغا كەلتۈرۈش كىرەك >> دەپ هېسابلىغاندىن كىيىن، مەۋجۇدلۇق ئېنتىرناتسىئونالنىڭ ئامېرىكا شۆبىسى ئامازون ۋادىسىدا مەدەنىي مىراسلارنى قوغداش ئورنى قۇرۇپ، ئامازون هاۋزىسىدا چىقىدىغان هەرخىل مېۋە ئۆسۈملۈك مېيى ۋە دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى گۈل ­ گىياھ جەۋهەرلىرىنى خەلقئارا بازارغا سالغان مەسئۇل خادىملارنىڭ مۆلچەرلىشىچه بۇ ئورۇن 20 يىلدا 15 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ساپ پايدا يارىتىدىكەن، بۇ جايدىكى ئىندىئانلار يلىغا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشىدىكەن. ئۇلار بۇ پۇل ئارقىلىق مەكتەپ، دوختۇرخانا، مىللىي كارخانىلارنى قۇرىدىكەن. 1989­ يىلى كالفورنىيەدە << شامان دورىلىرى >> شېركىتى ئېچىلغان، بۇ شېركەتمۇ ئىندىئانلارغا زور مىقداردا پايدا يارىتىپ بەرگەن. نيۇ­يورك ئۆسۈملۈك تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى بېلىك ئۆزىنىڭ پەقەت ئىندىئانلارلا تېرىشنى بىلىدىغان زىرائەتلەر ئىچىدىن راك ۋە ئەيدىز كېسەللىكلىرىگه شىپا بولىدىغان ماددىنى دەسلەپكى قەدەمدە بايقىغانلىق تەتقىقاتى مۇۋەپپەقىيەت قازانسا ئىندىئانلارنىڭ نۇرغۇن پايدىغا ئېرىشىدىغانىلقنى ئېلان قىلغان. يېڭى گۋېنىيهگه تۇنجى قېتىم بارغان ئاۋستىرالىيىلىك پېتربات 1970­ يىللاردا بۇ جايدا بىر ساياهەت ئورنى ئاچقان، هەر يىلى ئون مىڭدىن ئارتۇق ساياهەتچىنى كۈتىۋالغان هەم بۇ جايدا ئېرىشكەن پايدىنىڭ كۆپ قىسمىنى يەرلىك ئىپتىدائىي مىللەتلەرگه ئىئانه قىلىۋەتكەن. يېقىنقى يىللاردا ئىندىئان يېزىلىرىغا بارغان ساياهەتچىلىر هەر بىر ئىندىئان ئاقساقىلىنىڭ ئەتراپىغا 3­2 يۈز ياشنڭ توپلىشىپ قەدىمكى مەدىنىيەت ئەنئەنىلىرىنى، ئاڭ ­ چۈشەنچىلىرىنى ئۆگىنىۋاتقانلىقىنى، بۇرۇن شەهەرلەرگه قېچىپ كەتكەن ئىندىئان ياشلىرىنىڭمۇ ئارقا ­ ئارقىدىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن.
 
ئاسىيا كىندىكى گېزىتى " نىڭ 1996­ يىل 1­ئايلىق سانلىرىدىن ئېلىندى."