2020/05/27 12:05

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت1 2 3 ... 10
1
« ئابدۇقادىر داموللام، سېيت نوچى، ماشاۋۋۇ ۋە مافۇشىڭ توغرىسىدا قىسقىچە تارىخىي مەلۇمات»

8 - ئاپرىل تولىمۇ ھاياجانلىق كۈن، شۇنداقلا سېيت نوچى
ھىجىرىيە 1334 - يىلى جامادىيەل ئاخىر 4 - كۈنى، يەنى
1916 - يىلى 8 - ئاپرىل ئۇچتۇرپان ئامبىلى ماشاۋۋۇنىڭ* ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ ، ئاز كۈنلەردىن كېيىن ئۆلۈم خېتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈن. شۇڭلاشقا بۇ كۈن ھەم خۇشاللىق بىلەن يارىمىزنى مەلھەملەيدىغان كۈن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن كاللىمىزنى سىلكىۋېتىپ، ئوخشاش تارىخىي خاتالىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىدىغان كۈندۇر .  2019 - 8 - ئاپرىل
سايرام ئوغلانى

** ماشاۋۋۇ / 1874 - 1937/ ئەسلى يۈننەنلىك تۇڭگان بولۇپ، قانخور ياڭزېڭشىننىڭ يۇرتدىشى بولغاچقا، ھەم ئىسلام دىنىنىڭ مەلۇم سوپىزىم مەزھىپىنىڭ پىرى بولغاچقا، ياڭ ئۇنى ئۇيغۇرلارغا قارشى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن. ئىپادىسى ئالاھىدە ياخشى بولغاچقا، 1912 - يىلى سەييارە تۇتۇق بولۇۋالغان ياڭ ئۇنى 1914 - يىلى كۇچاغا ئامبال قىلغان. ئارقىدىنلا ئۇنى ماتىتەي بىلەن بىللە قەشقەرنى گىلاۋخۇيچى ياڭ زەنشۈدىن تارتىۋېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.
شۇ جەرياندا ئۇ 1915 - يىلى قەشقەر كونىشەھەرگە ئامبال بولۇپ، كۆزىگە سىغمىغان ئۇيغۇرلارنى يوقىتىپ، پەقەت سېيت نوچىنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تاپالماي تۇرغاندا،مەزھەپ ئىختىلاپى تۈپەيلى ماتىتەي ئۇنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقارغان. ياڭ ئۇنى يەنە ئەتىۋارلاپ، 1915 - يىلنىڭ ئاخىرى ئۇچتۇرپان ئامبىلى قىلىپ قويغان. سېيت نوچى 1915 - 1916 - يىلدىكى ئاقسۇ ۋە كورلا ساياھىتىدە شۇ جايلاردىكى مۇشتۇمزور لۈكچەكلەر ۋە ئۆكتەم ئەمەلدارلارنى ئەدەپلەپ خەلقنىڭ ماختىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنى ھېچكىم ئەيۋەشكە كەلتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغاندا، ئۇنى ياخشى بىلىدىغان ماشاۋۋۇ يالغان دوستلۇق ئىزھار قىلىپ، ئۇنى ئۇچتۇرپانغا چىللاپ ئەكەلگەن. ئوبدان كۈتۈپ، نەچچە ئاي ئەسكەر مەشقاۋۇلى قىلىپ كۆڭلىنى ئېلىپ، ئاخىرىدا سېيت نوچى قەشقەرگە قايتىپ كېتىشنى قارار قىلغاندا، ئۇنى يەنە تۇتۇپ قېلىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئەينى ۋاقىتتىكى ئۆلۈم قالپىقى بولغان « توردىن چۈشۈپ قالغان گلاۋخۇيچى» دېگەن بەتنام بىلەن قارىلاپ، قەشقەرگە بارغان ھامان ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىلىق ماتىتەيگە خەت يېزىپ بەرگەن. ساددا سېيت نوچى بىر ھەپتە تەييارلىق قىلىپ، تېز يول يۈرۈپ، قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن. ئۇ كېلىپلا بىر كۈن ئانىسى، ئاكىسى ۋە يۇرتداشلىرى بىلەن ھال - مۇڭ بولۇپ،
ھاردۇق چىقارغاندىن كېيىن قەشقەر ئامبىلى ماتىتەيگە ماشاۋۋۇنىڭ « ئامانەت خېتى» نى تاپشۇرغان. ماتىتەي خەتنى ئوقۇپ يايراپ كەتكەن. چۈنكى ساددا سېيت نوچى ئۆز ئۆلۈم خېتىنى ئۆزى ئېلىپ كەلگەنىدى. رەقىبى ماشاۋۋۇ بولسا نوچىنى ئۆلتۈرۈشكە باھانە تېپىپ بەرگەنىدى. ياڭ زېڭشىڭ 1913 - يىلى تۆمۈر خەلىپىنى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، دەرھال ئىلىدىكى تەسلىم بولغان ھوقۇقدار خىتايلارنى ۋە گېلاۋخۇيچىلارنى تازىلاشقا باشلىغان. سېيت نوچى ئۆمرىدە كۆرۈپ باقمىغان خەخلەرنىڭ شايكىسى دەپ قارىلىنىپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان. ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان قەشقەر بۈيۈك مۇپتىسى ئابدۇقادىر داموللام سېيت نوچىنى قۇتقۇزۇپ قېلىشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى كۆرۈپ يەتكەچكە، سېيت نوچىغا « قەشقەر خەلقى » گە خىتاپ قىلىشنى بۇيرىغان. نوچى خەلققە ئابدۇقادىر  داموللام ئۆگەتكەن تەسىرلىك نەسىھەتنى جۈمەگە يىغىلغان ئاۋامغا ۋەسىيەت سۈپىتىدە تەقدىم قىلغان. جۈمە نامىزى ئوقۇلغاندىن كېيىن، سېيت نوچى ھېيتگاھ مەيدانىدا ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن. نامىزىنى ئابدۇقادىر داموللام چۈشۈرگەن. بۇ قايغۇلۇق ۋە تراگېدىيىلىك ۋەقە ھىجىرىيە 1334 - يىلى شابان ئېيىنىڭ 22 - كۈنى، يەنى 1916 - يىلى 22 - ئىيۇن جۈمە، رامىزانغا بىر ھەپتە قالغاندا يۈز بەرگەن. كېيىنچە
ماشاۋۋۇ بۇيرۇق بويىچە 1924 - يىلى 31 - ماي تۇيۇقسىز بېسىپ كېلىپ، قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، 2 - ئىيۇن ماتىتەينى يېڭىشەھەر مەيدانىدا ئۆلتۈرۈپ، قەشقەرنىڭ دوتىيىگە ئايلانغان. 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست قەشقەردىكى مىللىي ۋە دىنىي ئويغىتىش بايراقدارى، يېتۈك داھىي، كەسكىن ئىسلاھاتچى ئابدۇقادىر داموللاممۇ دەل مۇشۇ لەنىتى ماشاۋۋۇنىڭ بىۋاستە قول تىقىپ، پەردە ئارقىسىدىن كۈشكۈرتىشى بىلەن ئۆز ئۆيىدە شېھىت قىلىنغان. ماشاۋۋۇ، ياڭزېڭشىن، سوۋېت كونسۇلى، ئېنگلىزلار ، ۋەتەن خائىنلىرى ۋە يەرلىك مىللىي مۇناپىقلارنىڭ ۋەكىللىرى بولغان شاپتۇل داموللا، ئۆمەر باي، ئەھمەد مەزىن قاتارلىق كۆپ خىل ئىچكى ۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ ئورتاق سۇيقەست قىلىشى نەتىجىسىدە، 300 يىلدىن بېرى ئۇخلاۋاتقان ئۇيغۇر مىللىتىنى ئويغاتقان، مىللتىمىزنىڭ بۈگۈنگە ئۇلىشىشىغا ئاساس سالغان، ئىككى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ مەنىۋى ئۇلىنى قوپۇرۇپ، لاياقەتلىك ئىز باسارلارنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن داھىيمىز ئابدۇقادىر داموللام مانا مۇشۇنداق كۆپ خىل دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھەمكارلىقىدا قەستلەپ ئۆلتۈزۈلدى.

تارىخ تەكرارلانماقتا ! جاھالەت كۈچلىرى ھالا مىللىتىمىزنى كونا قاپقانغا قايتا دەسسىتىشكە ئۇرۇنماقتا !

2019 - يىلى 8 - ئاپرىل  دۈشەنبە
2



يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە :

تۇپراق ئۈچۈن سەن ئەمەس ، جاھان ئەھلى پىدايى،

يەتتە قىزغا ئۆكسىمەس خەلقىمىزنىڭ دۇئاسى.

يەتتە قىزنىڭ شۆھرىتى ئەل ئىچىگە تارالغان ،

ئاشۇ ئۇلۇغ يەتتە قىز پىداكار بوپ يارالغان .

يەتتە دېگەن ساناقنى مىليون بارماق سانايدۇ ،

ھەر ساناقتا يەتتە قىز بارماقلاردىن مارايدۇ .

يەتتە قىزنىڭ شۆھرىتى ئۇنتۇلمايدۇ ھېچقاچان،

ھايات تېخى يەتتە قىز قەلبىمىزدە ھەر زامان .

قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى :

مىلادى 1754 - يىلى قالماق خائىنى ئامۇرسانا قانخور مەنچىڭ ( 1644 - 1912) قوشۇنلىرىنى باشلاپ كېلىپ ، 1755 - يىلى يازدا ئەزىز ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ ، 1757 - يىلى مانجۇرلارغا ئالدىنىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ،ئىسيان كۆتۈرگەن. مەنچىڭ خانلىقى ئەشەددىي كاللا كېسەر جاۋۇخۇينى ئەۋەتىپ ، ئىلىدا بىر مىليوندىن ئوشۇق ئۇيغۇر ۋە موڭغۇلنى قىرىپ تاشلاپ، 1758 - يىلى تارىم ۋادىسىغا تاجاۋۇز قىلىپ دەككىسىنى يەپ ، 1759 - يىلى قايتا ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ بىلەن يەنە تاجاۋۇز قىلىپ، قارا تاغلىق قۇمۇل ۋە تۇرپان خوجىلىرىنىڭ ھەربىي ياردىمى بىلەن ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغان.

1760 - يىلى ئېرى خان خوجىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا كەلگەن ئىپارخان مانجۇرلارغا ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ ، خانبالىققا ئەكىتىلگەن. كېيىن ئۇنىڭ ئارزۇسى بويىچە چيەنلۇڭ ئۇچتۇرپان ئامبىلىغا جىگدە ئالۋىڭى بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.
مانجۇرلارنىڭ جۇڭغارلاردىن بەتتەر زالىملار ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغان خەلق 1765 - يىلى 14 - فېۋرال كەچ قوزغىلىپ ، بىر كۈندىلا شۇ جايدىكى مەنچىڭ قوشۇنىنى يوقىتىپ ، ئامبال سۇچىڭ بىلەن ھاكىم ئابدۇللانى ئۆلتۈرۈپ ، ئۇچتۇرپاننى قولىغا ئالغان . ئوتتۇرا ئاسىيا خانلىرى چاقىرغان « ئىسلام ئىتتىپاقى » دەرھال قوللايدىغانلىقىنى ئېيتىشقان . بىراق مانجۇرلار قوقاق ۋە بۇخارا خانلىرىغا تەھدىت سېلىش بىلەن بىللە ئۈستۈن ئەسكىرىي كۈچ ئەۋەتىپ باستۇرغان . ئەمما نەچچە ئون قېتىم ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، ئاسىيالىقلار ئالدىدىكى يېڭىلمەس نامى يەر بىلەن يەكسان بولغاچقا، چىيەنلۇڭ غەزەپلىنىپ ، ئۇچتۇرپان خەلقىنى تولۇق قىرىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن. قەيسەر خەلق ئاخىرىغىچە قارشىلىق كۆرسىتىپ ، سۇ ۋە ئاشلىقتىن قىسىلغاندا ، ئاياللار ۋە بىر قىسىم چوڭلارنى 15 - ئىيۇل شەھەر سېپىلىدىن چىقىرىۋەتكەن . ئالتە ئايلىق قارشىلىقتىن كېيىن ، بىر قىسىم خائىنلار ئەسمىتۇللاھنى باغلاپ ، 14 - ئاۋغۇست مەنچىڭغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . مانجۇر قوشۇنى شەھەردە قەتلىئام قىلىپ ، ئۇيغۇر نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىغان . ئاز ساندىكى ھايات قالغانلارنى ئىلىغا پالىغان . سىرتتىكى مۇلجار تاغلىرىنى بازا قىلغان ئايالى ئانارگۈل باشقا ئالتە سەپدىشىدىن تەركىپ تاپقان پارتىزانلىق ئەترىتى تەشكىللەپ، مانجۇر قوشۇنلىرىغا توختىماي زەربە بەرگەن . مانجۇرلار شەھەردىن چىقىشقا جۈرئەت قىلالماي، ئۆزىنى مۇداپىئە قىلغان . كېيىنچە ئۇلارنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكىنى بىلىپ ، ئاستا - ئاستا شەھەردىن چىقىپ ، مۇلجار تاغلىرىنى مۇھاسىرىگە ئالغان.
ئەمما چاتقاللىقلار بىلەن قاپلانغان تاغلاردا زادى قانچىلىك كىشى بارلىقىنى مۆلچەرلەپ بولالماي، توختىماي توپ - زەمبىرەكلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى ئاچلىقتىن ۋە سوغۇقتىن ئۆلتۈرمەكچى بولغان . 10 - ئاي كىرىشى بىلەنلا سوغۇق چۈشۈپ ، تاغلاردىكى دەل - دەرەخلەر غازاڭ تاشلىغاندىن كېيىنلا ئاندىن توخۇ يۈرەك مەنچىڭ چېرىكلىرى شۇنچە ئاتقان زەمبىرەكلەردە ساق قالغانلارنىڭ ھەمدە، ئەسلىدە ئۆزلىرىگە قارشى ئۈچ ئايدىن بېرى ھۇجۇم قىلىۋاتقانلارنىڭ كۆپ ئادەمدىن تەركىپ تاپقان مۇنتىزىم قوشۇن بولماستىن بەلكى ، ئاددىي يەتتە ئۇيغۇر قىزى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، تاغنى قاتمۇ - قات قورشاپ ، ھەر تەرەپتىن قورشاۋنى تارايتىپ تاغ چوققىسىغا قاراپ ئىلگىرىلىگەن . يەتتە قىز ئوقلىرى تۈگەپ كەتكەندە تاغ ئۈستىدىكى قورامتاشلارنى دومىلىتىپ ، دۈشمەننىڭ بېشىنى مىجىۋەتكەچ ، تاغ چوققىسىغا قاراپ چېكىنگەن. زور چىقىم تارتقان نامەردت مەنچىڭ چېرىكلىرى توپقا تۇتۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.
قىزلار چېكىنگەچ ، يارىدار بولغان ھەشىرىلىرىنىڭ روھىنى كۆتۈرۈپ تۇرغان . ئاقىۋەت ، ئۇلار تاغ چوققىسىغا چىقىپ ، ھەر تەرەپتىن يېقىنلاپ كېلىۋاتقان دۈشمەن ۋە چوڭقۇر ھاڭنىڭ ئارىسىدا قالغان . ئاخىرى ئۇلار قارار قىلغان.
1765 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ، 18 - ئەسىر تارىخىمىزنىڭ ئۆچمەس ئابىدىلىرى ۋە تىز پۈكمەس ھۆر قىزلىرى بىز بىلەن خوشلاشقان.

بۇ پەيتلەرنى دوكتۇر شۇنداق سۈپەتلەيدۇ :

ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﺎﻧﺎ ﯞﻩﺗﻪﻥ، ﺋﻪﻟﯟﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻢ ﺩﯨﮕﻪﻥ 7 ﺧﯩﻞ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺋﺎﯞﺍﺯ ﺗﺎﻍ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﯕﺮﺍﭖ، ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛۈﺗۈﺭۈﻟۈﭖ، ﺋﻪﺭﺷﯩﻨﻰ ﺗىترەتتى ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺗﯚﯞﻩﻧﻠﻪﭖ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺪﻯ، ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺋﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭﻏﺎ ﮔﯘﯞﺍ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﯞەدە ﺑﻪﺭﺩﻯ. ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﯕﻼ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﺎﺯﯗﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﮪﺎﯕﻐﺎ ﺷﯘڭغۇدى. ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻠﻜﯩﻨﯩﭗ 7 ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺑﺎﺭەك ﭘﺎﻙ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﻰ.
ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ 7 ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪھرﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺭﻭﮪﻰ ﻛﯚﻛﻜﻪ ﻛﯚﺗۈﺭﯨﻠﺪﻯ، ﻛﯚﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘﻟﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ، ﻳﺎﻣﻐﯘﺭ ﺩﺍﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼنغان ﺋﯩﺪﻯ، ﮪﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯚﺯ، ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ، ﺑﯩﺮ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ، ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﺎ ﺑﯘﮔۈنگە  ﻗﻪﺩﻩﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﺪﻯ ، ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﻛﯚﻛﻪﺭﺗﻰ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﮪﺎﺩﯨﺮ 7 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻯ.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳۈﺯﯨﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍڭغۇﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﻗﻠﯘﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﯗﻟﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭەش  ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ!.
ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﯘﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ، ﺋﺎﺭﺯﯗ-ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯘﻟﯘﭖ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﻪ ﺋﯚﺯ ﮪﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﻰ!
ﺑﯘ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ، ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ قەھرىمان ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﮪﯧﻜﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ .
ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﮪﺎﻳﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ، ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻪﯞﻻﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ.
ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ قەھرىمانلارﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ-ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﭖ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺒﺎﺩﻩﺗﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯗ. ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼﭖ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭﮪﯩﻨﻰ ﭘﺎﻛﻼﻳﺪﯗ، ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺭﻭﮪﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ كېتىشتىن ساقلايدۇ .

قوشۇمچە ئۇلىنىشلار :

يەتتە قىزلىرىم ھەققىدە ئېسىل بىر ئەدەبىي ئەسەر :

https://www.akademiye.org/ug/?p=6334

« ئۇنتۇلماس يەتتە قىزلىرىم روھى » :

https://www.akademiye.org/ug/?p=156347

خۇلاسە، ئۈلگە ۋە ئىبرەت ئېلىش ، شۇنداقلا كېلەچەكتە ھېساپ ئېلىش ھەر بىر ۋىجدانى ئۆلمىگەن ئۇيغۇر نەسلىنىڭ قەرزى بوپقالدى.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر  ( مىلادىيە )
1441 - ماھى سەپەر 19 - كۈنى  ( ھىجىرىيە)

ماتەملىك پەيشەنبە
3
ھالقىلىق پەيتلەردىن ھالقىلىق پەيتلەرگە نەزەر ۋە ئىبرەت :

بىز ئۇيغۇرلار بۇندىن توپتوغرا 102 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان مۆتىۋەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ مىللىي ئىرادىسىنى ھۆرمەت بىلەن ئەسلەيمىز .

شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى (1917-1920)
ئۇ 1917-يىلدىن 1920-يىلغىچە شىمالىي كاۋكاز رايونىدا دەۋران سۈرگەن دۆلەت.  بۇ جۇمھۇرىيەتكە يەنىلا چېچىنىيە ، ئىنگۇشىيە ، شىمالىي ئوسېتىيە ، كاباردىن بالكار ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتى ، داغىستان ۋە كاراچاي-چېركېس جۇمھۇرىيىتى قاتارلىق رايونلار كىرگۈزۈلدى.

تاغلىق شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇمىي يەر مەيدانى 70 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ( باسايېۋنىڭ قارىشىچە 125 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر ) بولۇپ ،  ئەينى ۋاقىتتىكى نوپۇسى تەخمىنەن 1 مىليون ئىدى.  ئۇنىڭ پايتەختى تېرېككالې ( ۋىلادىقاپقاز) ئەمەلدىن قالغاندىن كېيىن ، كېيىنچە نازران پايتەخت دېمىرخان-شۇراغا ئايلانغان . شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغۇچىلارنىڭ ئىچىدە ، كاۋكاز بۈركۈتى سەئىد شامىلنىڭ نەۋرىسى سەيىد شامىل ، دۆلەتنىڭ باش مىنىستىرى تاپا ئابدۇلمەجىت كېرمويېف ، شەيخ ئەلى ھاجى ئاقۇسا ۋە ھەيدار بامات قاتارلىقلار بار ئىدى  .

1 . رۇسىيەدىن ئايرىلىش سادالىرى ۋە غەلىبە :

بۇ جۇمھۇرىيەت ئوسمانلى ئىمپېرىيىسى ، گېرمانىيە ، ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ، گرۇزىيە دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى ۋە كۇبان جۇمھۇرىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى. شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى 1917-يىلى 12-ئايدا ئىگىلىك ھوقۇقىنى ۋە 1918-يىلى 11-ماي مىللىي مۇستەقىللىقىنى ئېلان قىلدى.  بۇ جۇمھۇرىيەت ، ئۇنىڭ قانۇنىي ئاساسى 1917-يىلى تېرىككېلې ۋە ئاندى قۇرۇلتايلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان.  ئۇ بارلىق ئاددىلار ، ئابخازىيىلىكلەر ، تاۋلۇلار (قاراچاي ۋە بالقارلار) ، ئوسېتېس ، ۋايناخلار (چېچەن ۋە ئىنگۇش) ۋە داغىستان خەلقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.  چار پادىشاھنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىنكى يىغىندا ، سوتسىيالىستىك ئىنقىلابچى ئادۋوكات باسىيات شاھان تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە كاۋكاز ئېگىزلىكىنىڭ يىغىنى تېرېككالې (ۋىلادىكاۋكاز) دا قۇرۇلۇپ ، شىمالىي كاۋكاز رايونىدا «دۆلەت كومىتېتى» قۇرۇلدى.  ئاۋامنىڭ ئومۇمىي يۈزلىنىشىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن 1-نۆۋەتلىك شىمالىي كاۋكاز پارلامېنتىنى چاقىرىپ قارار قىلىندى . 1917-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن
9-كۈنىگىچە ، تېرېككالى قۇرۇلتىيى دەپمۇ ئاتىلىدىغان شىمالىي كاۋكاز 1-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىدا ، كاسپىي دېڭىزىدىن قارا دېڭىزغىچە بولغان بارلىق كاۋكاز خەلقلىرىدىن كەلگەن 500 دىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى.  تۈرلۈك كومىسسىيەلەرنى تەشكىللەش ئارقىلىق ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدىكى كۆز قاراشلار بېكىتىلدى. مەمۇرىي-سىياسىي كۈچلەردىن تەركىپ تاپقان شىمالىي كاۋكاز مەركىزى كومىتېتى قۇرۇلدى ۋە روسىيەدىن ، شىمالىي كاۋكاز رايونى ئەينى ۋاقىتتىكى روسىيەدىكى باشقا خەلقلەرگە ئوخشاش ئايرىم دۆلەت بولۇش سالاھىيىتىگە ئۇيغۇن ھالدا يىغىنلارغا  قاتنىشىدۇ دەپ بەلگىلىنىپ ، مەزكۇر جايلاردا يېڭى فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش تەلەپ قىلىندى.

سىز سىياسىيون ۋە شەرقشۇناس -ئەزەربەيجان گېنېرالى شىناسكىغا قىزىقىشىڭىز مۇمكىن
1917-يىلى 8-ئايغىچە ، شىمالىي كاۋكاز مەركىزى كومىتېتى ئەزالىرى دۆلەتنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىدا بىر يۈرۈش يىغىنلارنى ئۆتكۈزدى.  1917-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئاندىدا ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي كاۋكاز پارلامېنتىنىڭ يىغىنى پىلانلانغان ۋە ۋەكىللەر ئۆمىكى بېكىتىلگەن.  1917-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئامما توپى ئالدىدا 1500 ۋەكىلنىڭ قاتنىشىشى بىلەن باشلانغان ۋە ئاندى ئەھدىنامىسى دەپ ئاتالغان بۇ قۇرۇلتايدا ۋاقىتلىق ئاساسىي قانۇن تەييارلىنىپ ، شىمالىي كاۋكاز مەركىزى كومىتېتىغا «مىللىي ئارمىيە قۇرۇش» «ئاساسىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىنى چەكلەش» ،  «كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش» قاتارلىق پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلار بېرىلدى.  1917-يىلى 7-نويابىر ، پېتروگرادتا لېنىن باشچىلىقىدىكى بولشېۋىكلار سىياسىي ئۆزگىرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغاندىن كېيىن ، بۇ كومىتېت 1918-يىلى 3-ئايدا باكۇ ۋە تىبلىسكە چېكىنىپ،  شۇ ئايدىكى ترابزون يىغىنىغا كۈزەتكۈچى سۈپىتىدە قاتناشتى .  ئىستانبۇلدا ئوسمانلى ئەمەلدارلىرى بىلەن سىياسىي ئالاقە ئېلىپ بېرىلدى.  شىمالىي كاۋكاز پارلامېنتىدا دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقىنى جاكارلاش قارارىغا كەلگەندىن كېيىن ، 1918-يىلى 11-ماي ئېلان قىلىنغان خىتابنامە بىلەن شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسى ئېلان قىلىندى.

2 .  مۇستەقىللىق خىتابنامىسى :

شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى 1918-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئېلان قىلىنغان:
«ئىمزاسى بۇيرۇق بولغان شىمالىي كاۋكاز خەلقلىرىنىڭ ھوقۇق بېرىلگەن ۋەكىللىرى تۆۋەندىكى مەسىلىلەرنى دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە دوكلات قىلىش شەرىپىگە ئېرىشتى .  1917-يىلى ماي ۋە سېنتەبىردىكى يىغىنلاردا شىمالىي كاۋكاز خەلقلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى قۇرۇش توغرىسىدا خىتابنامە ئېلان قىلىش ئارقىلىق پۈتۈن كاۋكازىيەدە مىللىي مۇستەقىللىق سادالىرى كۈچەيتىلدى.  شىمالىي كاۋكاز ھۆكۈمىتى تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلدى:

1. بىرلەشمە شىمالىي كاۋكاز خەلقى روسىيەدىن ئايرىلىش ئارقىلىق مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

2. يېڭى دۆلەتنىڭ جۇغراپىيىلىك چېگرىسى رۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە كىرگەندىكى چېگرانى ئاساس قىلىپ ، داغىستان ، تېرېك ، ستاۋروپول ، كۇبان ۋە قارا دېڭىز ، شەرقتىن كاسپىي دېڭىزى ۋە جەنۇبتىن تاشقى كاۋكاز ئەللىرى ( گىرۇزىيە، ئەرمېنىيە ۋە ئەزەربەيجان ) قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىملەر ئارقىلىق مۇقۇم بېكىتىلىدىغان چېگرادىن تەركىب تاپىدۇ.

بۇ قارارلارنى دۇنيادىكى بارلىق ھۆكۈمەتلەرگە ئېلان قىلىش ۋە ئۇلارنى خەۋەر قىلىش ۋەزىپىسى تۆۋەندىكى ئىمزالار بىلەن ھوقۇق بېرىلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىگە بېرىلدى.

بۇ رامكا ئاستىدا بىز تۆۋەندە ئىمزاسى بېرىلگەن بىز ئەركىن دۇنياغا مۇستەقىل شىمالىي كاۋكاز دۆلىتىنىڭ بۈگۈندىن باشلاپ قانۇنلۇق قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايمىز :
ئابدۇلمەجىد چېرموي (ھۆكۈمەت باشلىقى) ،
ھەيدار باممەت (تاشقى ئىشلار مىنىستىرى) »

ياش دۆلەتنىڭ يىمىرىلىشى ئىچكى توقۇنۇشتىن ئەمەس ، بەلكى ئاق ۋە قىزىل روسىيە ئارمىيىسىنىڭ ھۇجۇمىدىن كېلىپ چىققان.

شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتىمۇ خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھالقا .  بىرلەشمە كاۋكاز فېدىراتسىيىسى بۇ دەۋردە تۇنجى قېتىم تولۇق مۇستەقىل ھالدا خەلقئارا سەھنىدە پەيدا بولدى.  بۇنداق بولغاندا ، كاۋكاز رايونىنىڭ سىياسىي كىملىكى دۇنياغا توغرا نامايەن قىلىندى . بىرلەشمە شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى رەسمىي ئېتىراپ قىلىندى ۋە 1919-يىلدىكى پارىژ تىنچلىق يىغىنىغا قاتناشتى.  قىسقىسى ، كاۋكازلىقلارنىڭ ئۆز نامىدا سۆزلەش ، سۆھبەتلىشىش ۋە خىتاب قىلىش ھوقۇقى بار ئىدى.

3 . تاشقى كاۋكازدىكى جىددىي ۋەزىيەت ۋە ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى :

1918 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشى داۋام قىلىۋاتقاندا،
30 - مارتتىن 1 - ئاپرىلغا قەدەر ئۈچ كۈن ئىچىدە پەقەت باكۇدىلا 12 مىڭ ئەزەربەيجانلار، ئەرمەن سوۋېت باندىت كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . 31 - مارت پاجىئە ئەڭ ئېغىر بولغاچقا ، ئۇلار بۇ كۈننى « ئەشەددىي ئىرقىي قىرغىنچىلىق كۈنى » دەپ بېكىتىپ ھازىرغىچە خاتىرىلەپ كەلمەكتە .

1955 ـ يىلى 6 - مارت ئەزەربەيجاننىڭ دۆلەت ئاتىسى مۇھەممەد ئىمىن رەسۇلزادە ئەنقەرەدە ۋاپات بولغان.( رەسۇلزادە 1884 ـ يىلى 31 ـ يانۋاردا ئەسلىدە چاررۇسىيە ئىشغالىيىتىدىكى باكۇدا تۇغۇلغان.چاررۇسىيە 1812 ـ يىلى « گۈلىستان شەرتنامىسى»ئارقىلىق ئەزەربەيجاننى پېرسىيە قاچار سۇلالىسى(1796 ـ 1925)دىن تارتىۋالغان ئىدى . ئۇ دەسلەپكى 33 يىللىق ھاياتىنى ئانا ۋەتىنى ئەزەربەيجاننى ئازات قىلىش ئىستىكىدە مەخپىي خىزمەت قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن. 1917 ـ يىلى چاررۇسىيە ھالاك بولۇپ،بىردىنلا پۈتۈن رۇسىيە تەۋەسى قالايمىقانلىشىپ كەتكەن.ئاندىن 1917 ـ يىلى 7 ـ نويابىر ھاكىمىيەتنى قولغا ئالغان بولشېۋىكلار ھاكىمىيىتى 1918 ـ يىلى 22 ـ فېۋرال قوقان مۇختارىياتىنى يوقىتىپ، 1918 ـ يىلى 26 ـ مارتتىن 29 ـ مارتقىچە باكۇدا مىللىي قىرغىنچىلىق قىلىپ،30مىڭدىن ئوشۇق ئەزەر مىللىتىنى ئۆلتۈرگەن.جۈملىدىن قىزىل ئارمىيە شۇ يىلى 19 ـ مايدا ئالمۇتادىن تاكى قورغاسقىچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىپ،50 مىڭدەك ئۇيغۇرنى قىرىپ تاشلاپ« ئاتۇ پاجىئەسى»نى پەيدا قىلغان.نەتىجىدە شۇ
يىلى 28 ـ مايدا رەسۇلزادە تىفلىستا ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېموكراتىك دۆلەت « ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى»نى قۇرۇپ، تۇنجى پىرىزدېنت بولغان. بىراق باكۇ قاتارلىق مۇھىم، ئاساسلىق شەھەرلەر بولشېۋىكلار ۋە ئەنگلىيە
ئىشغالىيىتىدە بولغاچقا،رەسۇلزادە ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.
ھەربىيە نازىرى( ئۇرۇش ۋەزىرى)مەرھۇم ئەنۋەر پاشا( 1881 ـ 1922)ئۆز قېرىندىشى نۇرى پاشا (1881 ـ 1949)نى دەرھال « كافكاز ئىسلام ئوردۇسى»نى قۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن.نۇرى پاشا ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇلدا تېزدىن
بىرئاي ئىچىدە جەڭگىۋار قىسىم تەشكىللەپ،
ئەنۋەر پاشانىڭ بۇيرۇقى بويىچە شۇ يىلى ئاپرىل ئاخىرىدا كۇردىستاندىن كاۋكازغا يۈرۈش قىلغان.23 ـ مايدا گەنجىنى ئىگىلەپ،
ئۈچ ئايلىق جاپالىق ئۇرۇش ئارقىلىق ئاخىرى
1918 ـ يىلى 13 ـ سېنتەبىردە باكۇنى قولغا ئېلىپ،غەلبىسىرى ئىلگىرىلەپ داغىستاننى ئازات قىلغان.پۈتكۈل شىمالىي كاۋكازنى ئازات قىلىش كۆزگە كۆرۈنۈپ قالغان بىر ھالقىلىق پەيتتە،ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە مارشالى قوماندانلىق قىلىۋاتقان لىۋاندىكى ئاساسلىق سەر خىل قوشۇنى 1917 ـ يىلى 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلىپ،توختىماي شىمالغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئەنگلىيە ـ فرانسىيەـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى
ئىدمونت لېنبىي تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ،
ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ئانتانتا دۆلەتلىرى
ئارىسىدا 30 ـ ئۆكتەبىر 1 ـ دۇنيا ئۇرۇشىنى توختىتىدىغان شەرتنامە ئىمزالانغان.گېرمان ئىمپىرىيىسىمۇ 11 ـ نويابىر شەرتنامىگە قول قويغان.شۇنىڭ بىلەن چوڭ ئۇرۇش توختىغان.
رەسۇلزادە نۇرى پاشاغا داستىخان سېلىپ قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى مەسلھەتلەشكەن.
كېلىشىم بويىچە ئوسمان ئىمپىرىيىسى سەككىز سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بارلىق قوشۇنىنى شەرتسىز چېكىنىپ چىقىشقا بۇيرۇق قىلغان.
1918 ـ يىلى 12 ـ نويابىر ئەنگلىيە ئىستانبۇلغا قوشۇن كىرگۈزۈپ ئىشغال قىلىشنى باشلىغان. 14 ـ نويابىر كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا موسۇلنى ئىشغال قىلىۋالغان. ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنى ئىدارە قىلىۋاتقان تالات پاشا،ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالار ھەر تەرەپكە قېچىپ كەتكەن. بىراق ئەنۋەر پاشا« غەرپتە ئوسمان تۈرك ئوغۇز دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلغان گۇناھىنى، شەرقتە
ئۇيغۇر ـ تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىش ئارقىلىق يۇيۇش» قارارىغا كېلىپ،شەرققە يول ئالغان. لېنىن ئەنۋەر پاشانىڭ ئابرۇيىدىن پايدىلىنىپ كاۋكاز،قىرىم،تۈركىستان ۋە سىبىرىيەلەردىكى
تۈركىي ۋە ئىسلامىي خەلقلەرنى سىلىق يوللار ئارقىلىق ئۆزىگە بېقىندۇرماقچى بولغان. ئەنۋەر پاشا تەكلىپ بويىچە 1919 ـ يىلى ئەتىيازدا ئەزەربەيجانغا كېلىپ«باكۇ شەرق مىللەتلىرى كېڭىشى»گە قاتناشقان.ئۇ لېنىننىڭ ئارزۇسىغا خىلاپ ھالدا يىغىنغا كەلگەن ۋەكىللەرگە «بىر ئورتاق مەپكۇرە ئاساسىدا بۈيۈك تۇران دۆلىتى قۇرۇپ چىقىپ،تاجاۋۇزچى رۇسلارنى ئۇرالنىڭ شەرقىگە(يەنى ياۋروپا قىتئەسىگە)قوغلىۋېتىش »توغرىلىق نەسىھەت قىلىپ، مەخپىي يوليورۇق بەرگەن.ئۇنىڭ تەكلىپى 1918 ـ يىلى فېۋرال ئېيىدىن تاكى 1919 ـ يىلى فېۋرالغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا قاتتىق قىرغىن قىلىنغان ئۇيغۇر،قازاق،تاتار،قىرغىز ۋە كاۋكازلىقلارنى
قىزىقتۇرغان . ئورۇسلار جامال پاشانى ئافغانىستاندا ئەنگلىيەگە قارشى ئۇرۇشقا سېلىشتا مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، رۇسىيەدە مېھمان بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئەنۋەر پاشا ئورۇسلارنىڭ كوزىرى بولۇشنى خالىماي ، ئارقا سەپنى پۇختىلاش ئۈچۈن بۇخارا خانلىقىغا كەتكەن. باشقا مىللەتلەر ۋە بەگلىكلەر ۋەكىللىرىمۇ يۇرتىغا قايتىپ،قىزىل رۇس بولشېۋىكلىرىگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن. ئۆزىنىڭ ئالدىنىپ« يولۋاسنى تاغقا قويۇپ بېرىپ،بۆرىنى قوتانغا باشلاپ كىرگەنلىكى»نى ھېس قىلغان لېنىن ئالدى بىلەن ئەنۋەر پاشا بىلەن ئۇچراشماقچى بولغان جامال پاشانى گىرۇزىيەدىكى تىفلىستا ئەرمەن خادىملىرى ئارقىلىق قەستلەپ ئۆلتۈرۈپ ، ئەنۋەر پاشانى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇش يولىنى تۇتقان.ئۇنىڭ 1 ـ نىشانى ئەزەربەيجان بولغان. چۈنكى باكۇ نېفىتلىكى رۇسىيە سانائىتى ۋە مەۋجۇدىيىتىنىڭ جان تومۇرى ئىدى.جىددىي تەييارلىقلار ئارقىلىق 1920 ـ يىلى ئەتىيازدا ھۇجۇم قوزغاپ،27 ـ ئاپرىل باكۇنى ئىشغال قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئىككى يىلدەك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئەزەربەيجان دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتى مۇنقەرز بولۇپ،رەسۇلزادە قولغا ئېلىنغان.

1922 - يىلى 4 - ئاۋغۇستتىكى پامىر ئۇرۇشىدا
ئەنۋەر پاشادىن خالاس بولۇپ كۆڭلى جايىغا چۈشكەن سوۋېت كومپارتىيىسى سىتالىننىڭ  تەكلىپى بويىچە رەسۇلزادىگە بېرىلگەن ئۆلۈم جازاسىنى سۈرگۈن قىلىش جازاسىغا ئۆزگەرتىدۇ.( ئەلۋەتتە سىتالىن مەقسەتسىز ياخشىلىق قىلىدىغان بىرى ئەمەس . ئەمما ئەزەربەيجان خەلقىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلىش ئەڭ دانا چارە ئىدى . چۈنكى رەسۇلزادە ئۇلارنىڭ مىللىي قەھرىمانى ئىدى ). رەسۇلزادە، پولشا،گېرمانىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە بىر مەزگىل سەرگەردانلىقتا ياشاپ،ئاخىرقى ئون يىلنى تۈركىيەدە ئۆتكۈزىدۇ. 1947 ـ يىلى تۈركىيەگە كەلگەن رەسۇلزادە 1949 ـ يىلى « ئەزەربەيجان كۈلتۈر مەركىزى»نى قۇرىدۇ. شۇنداق قىلىپ پۈتۈن ئۆمرى ئانا ۋەتىنى ۋە مىللىتىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان داھىي مۇھەممەد ئىمىن رەسۇلزادە 1955 ـ يىلى 6  ـ مارت ئەنقەردە 71 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ. بۇ ئارىدا يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئەنۋەر پاشانىڭ بىر قورساق ئۇكىسى نۇرى پاشا
1949 ـ يىلى 2 ـ مارت ( بەزى مەنبەلەردە 6  ـ مارت) سىرلىق پارتلاشتا ئۆزى قۇرغان قورال زاۋۇتىدا 30 نەچچە خادىمى بىلەن شېھىت بولىدۇ.ئۇلارنىڭ جەسىتىنى تاپالمىغان جامائەت بوش تاۋۇتلارنى كۆتۈرۈپ،ئۇلارنى دەپنە قىلىدۇ

1918 - يىلى 31 - مارت ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئەنۋەر پاشانىڭ « كافكاز ئارمىيىسى » نى قۇرۇپ ، ئىنىسى نۇرى پاشانى ئاپرىلدا ئەزەربەيجانغا ئەۋەتىپ ، شۇ يىلى مايدىن تاكى سېنتەبىرگىچە تۆت ئاي ئۇرۇش قىلىپ ، باكۇنى ئازات قىلىپ ، ئىسلام دۇنياسىدىكى تۇنجى دېموكراتىك دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا سەۋەپ بولغان . ئەمما ئوسمانىلار 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر قول قويغان مودېرىس كېلىشىمىنىڭ روھى بويىچە سەككىز سەپتىكى بارلىق ئەسكەرلىرىنى ياندۇرۇپ ئەكەلگەن . 1919 - يىلدىكى باكۇ شەرق مىللەتلىرى يىغىنى قىزىل رۇسىيەگە زىيانلىق قارار چىقارغاچقا ، لېنىن ئالدىراپ قورال كۈچى ئىشلىتىپ 1920 - يىلى 29 - ئاپرىل باكۇنى ، 1 - سېنتەبىر بۇخارانى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلىپ ، بىر يىلدىلا كاۋكازىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇستەقىل جايلارنى يۇتۇۋالغان .

ئوخشاش ئەھۋال ۋەتىنىمىزدە 1934 - يىلى 6 - فېۋرالدىن 10 - فېۋرالغىچە بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىز پايتەختى قەشقەر شەھىرىدە بەش كۈن داۋاملاشقان بولۇپ ، تۇڭگان باندىت ماجۇڭيىڭ باندىتلىرى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى پايتەختى قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ، ئاخىرقى ئۈچ كۈندە قەتلىئام يۈرگۈزگەن . ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇرلار 12 مىڭدىن كەم بولمىغان . ھەتتا ئەنگلىيە كونسۇلىنىڭ خوتۇنى ماكارتېنى خانىممۇ ئېغىر يارىدار بولغان . بۇنىڭدىن قىرغىنچىلىقنىڭ سالمىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ . ئۇلارغا ئادەتتىكى ئاۋامدىن ئۇچراپ قالغانلارنىڭ بىرىمۇ ساق قالمىغان . ( شاھىتلارنىڭ ئەسلىمىلىرىدە شۇ چاغدا دەل ۋاختىدا بىرمۇ ئۇيغۇرنىڭ ۋەكىل سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا چىقىپ ، باندىت تۇڭگانلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، ئۇلارنىڭ تەلىپىنى ئورۇنلىمىغانلىقى مەزكۇر پاجىئەنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەپ بولغان . ئاخىرى 10 - فېۋرال كۈنى سوۋېت ۋە ئەنگلىيە كونسۇللىرى قەشقەردىكى دىنىي زاتلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغان . ھالقىلىق پەيتتە نەچچە داڭلىق ئۆلىما تەۋەككۈلچىلىك بىلەن ھېيتگاھ جامەسىگە يېتىپ كېلىپ ، قىلىچىدىن قان تەپچىپ تۇرغان باندىت ماخۇسەن بىلەن سۆھبەتلەشكەن . ئۇلار شۇندىلا قىرغىننى توختىتىپ ، ئاۋامغا بىر نەچچە شەرت قويۇپ ، ھەربىي گازارما قىلىۋالغان ھېيتگاھتىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن ) . 

4 . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە كاۋكازدا قىزىل قىيامەت :

1935 - يىلى دۆلەت نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتكەن ئىران شاھى رىزاخان پەھلىۋى
ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن خۇپيانە ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ

1941 ـ يىلى رىزاخان پەھلىۋى گېتلىر بىلەن بىرلىشىپ،باكۇ نېفىتلىكى ۋە كاۋكاز رايونىنى ئىشغال قىلىپ ، ئەزەربەيجاننى قايتۇرۇۋېلىپ، سوۋېتنىڭ ئېنىرگىيە مەنبەسىنى بىراقلا ئۈزۈپ تاشلىماقچى بولغاندا ، بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن سىتالىن دەرھال چېرچىل بىلەن ئۇشتۇمتۇت تېھرانغا يېتىپ كېلىپ، 1941 - يىلى 25 - ئاۋغۇست رىزاخاننى قورال كۈچى بىلەن ئاغدۇرۇپ،ئورنىغا ياۋروپادا ئوقۇغان ئوغلى مۇھەممەد رىزاخان(1941 ـ 1979)نى ئىران شاھى قىلىپ تىكلىگەن.1979 ـ يىلى فېۋرالدا ھۇمەينى ئۇنى ئۆرىۋېتىپ ھازىرقى ئاتالمىش ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان.

بۇ جەرياندا شىمالىي كاۋكاز خەلقلىرىمۇ قايتا قوزغىلىپ ، مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باشلاپ كەتكەن . ئەمما بەختكە قارشى سىتالىن 1943 - يىلى گېتلىر ئۈستىدىن زەپەر قۇچۇپ،
1944 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 14 - نويابىرغىچە سىتالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يەرلىك گېرمانلار ، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى،ھەمدە شىمالىي كاۋكازدىكى چېچېن ، ئاۋار ، قۇمۇق ، قالماق، بالقار ، قارا چاي ، چېركەس ، ئادېگا ، ۋە بىر قىسىم ئەزەرى قاتارلىق خەلقلەرنى « گېتلىر بىلەن. ھەمكارلاشقان ۋەتەن خائىنلىرى » دەپ قارىلاپ ،  ئانا يۇرتىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاق دالىسى ، ھەتتا ساخالىنغا قەدەر سۈرگۈن قىلىپ ، يۇقىرىقى مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرىم ، ئۇرال ۋە كاۋكازلارغا كۆپلەپ رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، مەزكۇر جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى . سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە قەھرىتان سوغۇقتا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يۈك پويىزلىرىدا توشۇلۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇلار سىبىرىيەدە قاتتىق ۋە ھەقسىز ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا سىتالىن ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر ئەۋەتىپ ، مانجۇرىيە( 1932 - 1945)نى ئاغدۇرۇپ، مانجۇرىيەنى تاكى 1946 - يىل ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان . ئۇ يەردە ئەسىرگە چۈشكەن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرىنى سىتالىن زورلاپ سىبىرىيەگە ئېلىپ كەتكەن . نەتىجىدە يۇقىرىقى بىچارە خەلقلەر سوۋېت ئەسكەرلىرى يىراق شەرقتىن قايتىپ كەتكىچە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلغان . 600 مىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانە بىلەن قىرىۋېتىلگەن. ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن ياپونلارنىڭ ئۆلۈك جەسەتلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن . رۇسلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن « سوپۇن » ياساپ ئىشلەتكەن . پەقەت ئاز ساندىكى كونا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ، بىر كېمە جەسەت كۈلىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . ياپونلار بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن . مانا يۇقىرىقى 1944 - 1945 - 1946 - يىللىرى قاتتىققول ۋە رەھىمسىز سىتالىن كاۋكازىيە، قىرىم - ئۇرال ۋە سىبىرىيەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، يەنە 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇ كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە ساق بىر ئاي پۇرسەت بېرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ئىلىدىن باشقا ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 120 كىلومېتىر ( ئىككى سائەتلىك يول ) كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قىستاپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان . كېيىنچە ئامېرىكا ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمى بىلەن گەرچە شىمالىي سەپتە ئارمىيەنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما تاشقورغاندا قايتا يېڭى ئىنقىلاپ قوزغاپ ، 1 - سېنتەبىردىن تاكى 1946 - يىلى يانۋارغىچە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنى ئازات قىلىپ ، خوتەننى ئازات قىلىشقا كۈچى يەتكىدەك ھالەتتە كەلگىچە قوللاپ تۇرغان . ئەمما سوۋېت تەرەپ خۇددى 1933 - يىلدىكىدەك ئۆزى كۈتكەن پوزىتسىيەگە ئېرىشىپ بولالماي ، يەنە بىر قېتىم بىزدىن ۋاز كەچكەن . گەرچە 1946 - يىلى باشلانغان « سوغۇق ئۇرۇش » سەۋەبىدىن 1947 - 1948 - يىللىرى قايتا تارىخىي پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلىرىمىز پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان .

5 . سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشى ۋە شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقى :

1991 - يىلى 19 - ئاۋغۇست ئەمەلگە ئاشمىغان موسكۋا سىياسىي ئۆزگىرىشىدىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى جۇمھۇرىيەتلەر ئۆي ئايرىپ چىقىشقا باشلىغان. شۇ قاتاردا چېچىنىيەمۇ 1991 - يىلى 2 - نويابىر سەھەر رەسمىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ 21 - دېكابىردىكى ئۈچ ئورۇس رەھبىرىنىڭ بېسىمى بىلەن 25 - دېكابىر پارچىلىنىپ كەتكەن . 15 جۇمھۇرىيەت ئايرىلىپ بولغاندىن كېيىن ، باشقا كىچىك ئەللەرمۇ تەرەپ - تەرەپتىن مۇستەقىللىق جاكارلىغان . رۇسىيە ئاخىرى چېچىنلەرنى قىرىپ ، باشقا ئىسيانچى مىللەتلەرگە ئىبرەت قىلماقچى بولغان . چېچىنىيەنى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆكتىچى كوممۇنستلار ئارقىلىق يوق قىلالمىغان رۇسىيە تۇنجى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغىغان.

1994 - يىلى 12 - دېكابىردا رۇسىيە **چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغىدى. 1995 - يىلى 5 - يانۋاردا رۇسلار پايتەخت گرۇزنېيغا كىردى. ئەمما 1995 - يىلى فېۋرالدىن 1996 - يىلى ئاپرىلغىچە ئۇدا قانلىق ئۇرۇش قىلىپ، چېچېنلەردىن ئېغىر زەربە يەپ كەتتى.

1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار رۇسىيە ئارمىيىسى
چېچىنىيەدىن چېكىنىپ چىققان.(  1991 ـ يىلى 2  ـ  نويابىر قۇرۇلغان مۇستەقىل چېچىنىيە  جۇمھۇرىيىتى،1994 ـ 12 ـ دېكابىر رۇسىيەنىڭ
تاجاۋۇزىغا ئۇچرىغان. 1995 ـ يىلى 5 - يانۋار
رۇسلار گروزنىغا كىرگەن. گەرچە چېچىنىيە
پېرزدېنتى دۇدايېف 1996 ـ 21 ـ ئاپرىل
قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بولسىمۇ،بىراق ئالتە
ئايلىق قاتتىق مىللىي قارشىلىق نەتىجىسىدە
ئېغىر چىقىم تارتقان رۇسىيە چېچىنلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپ چېكىنگەن.
بىراق چېچىنىيە مۇستەقىللىقى كۈرىشى پۈتكۈل كاۋكازغا يامراپ كەتكەچكە،رۇسىيەنىڭ قاتتىق قول مىنىستىرى ۋىلادىمىر پۇتىن 1999 ـ يىلى
2 ـ قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغاپ،قايتا ئىشغال قىلغان.2009 ـ يىلى پۇتىن 10 يىللىق چېچېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان).

***  1997 - يىلى 12 - ماي رۇسىيە بىلەن چېچىنىيە قوراللىقلىرى ئارىسىدا تېنچلىق كېلىشىمى ئىمزالاندى. بۇ 400 يىلدىن بېرى رۇسلارنىڭ تۇنجى قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن كاۋكاز خەلقى بىلەن بۇنداق تىنچلىق كېلىشىم ئىمزالىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ!

بىرىنچى چېچېن ئۇرۇشى 1994 - يىلى 12 - دېكابىر باشلىنىپ، 1997 - يىلى 5 - يانۋار ئاخىرلاشقان. شۇ يىلى مايدا رۇسلار بىلەن كاۋكازلىقلار تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈپ، چېچېنلەرنىڭ 21 - ئەسىر كىرىشتىن ئىلگىرى « كافكاز فېدراتسىيىسى » قۇرۇش پىكرى توغرىلىق مۇزاكىرىلەر باشلانغان. چېچىنىيە 1997 ـ يىلى 5 ـ يانۋار رەسمىي مۇستەقىل بولۇپ،رۇسلار ئېتىراپ قىلغانىدى.لېكىن چېچىنىيىنىڭ ئەمەلىي مۇستەقىللىقىغا نارازى بولغان چېچىن ھەربىي گېنىرالى« كافكاز بۆرىسى شامىل باسايېف (1965  ـ 2006)»پۈتۈن شىمالىي كافكازنى ئازات قىلىش چاقىرىقى قىلىپ، 1999 ـ يىلى داغىستانغا ھۇجۇم قىلدى.شۇنىڭ بىلەن شۇيىلى 8 ـ ئايدا باش مىنىستىر بولغان پۇتىن ئېغىر ئەھۋالدا قالدى. نەتىجىدە 1999 ـ يىلى
2 ـ قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشى باشلاندى.
باسايېف 2004 ـ يىلى 9 ـ ماي يېڭى چېچىن رەھبىرى ئەھمەد قادىروف(1950 ـ 2004)نى پارتلىتىپ ئۆلتۈرگەن.ئاقىۋەت بىر پۈتۈن چېچېن پىدائىيلىرى ئىككىگە بۆلۈنگەن.
2006 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇل باسايېف سۇيقەست بىلەن پارتلىتىۋېتىلگەن. 2007 ـ يىلى پۇتىن سابىق قادىروفنىڭ 31 ياشلىق ئوغلى رامزان قادىروفنى چېچېن رەھبىرى قىلىپ،پەيدىنپەي چېكىنىپ چىقىپ،2009 ـ يىلى ئەتىيازدا 10 يىللىق چېچېن ئۇرۇشى ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان.

6 . باسايېفنىڭ تۇتقان يولى ۋە ئىككى قېتىملىق چېچېن ئۇرۇشى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن زور سىياسىي ئىبرەتتۇر  :

1999 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىلچىلىرى بىردىنلا « غازاتچىلار » ۋە « ئازاتچىلار» دەپ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ، چېچىن مۇستەقىلچىلىرىمۇ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى . بىر ئېقىم شامىل باسايېۋ باشچىلىقىدا ، يەنە بىر ئېقىم ھازىرقى رامىزان قادىروفنىڭ دادىسى باشچىلىقىدا راۋاجلاندى. 2000 - يىلدىكى قاتتىق تالاپەت ، ھەمدە 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، چېچېن مۇستەقىلچىلىرى ئىدىئولوگىيە جەھەتتە يەنە قايتا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كەتتى. بىر تۈركۈمى چېچىن شامىل باسايېف ۋە ئەرەب خەتتاب باشچىلىقىدا « ئۈممەتچىلىك ۋە كاۋكازچىلىق» ئىدىئولوگىيىسى بويىچە رۇسلارغا قارشى ۋاستە تاللىماي، ھەر خىل پارتىزانلىق ھۇجۇملىرى بىلەن شۇغۇللاندى. يەنە بىر تۈركۈمى ئاتا - بالا قادىروفلارنىڭ « رېئاللىقنى چىقىش قىلىش يولى» بويىچە رۇسىيە بەرگەن « تولۇق مۇستەقىللىقتىن سەل كىچىكرەك، يېرىم مۇستەقىللىقتىن چوڭراق مىللىي ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت» ھوقۇقىنى قوبۇل قىلىپ، نەسلى قۇرۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالغان چېچېن مىللىتىنى قۇتقۇزۇپ قالدى. ھازىرمۇ رامزان قادىروف پۇتىن بىلەن بولغان پەۋقۇلئاددە يېقىن مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئون مىڭدىن ئەللىك مىڭغىچە پىشقان قوراللىق قىسىمنى قولىدا تۇتۇپ تۇرماقتا . باسايېفنىڭ يولىغا ۋارىسلىق قىلغانلار 2007 - يىلدىن كېيىنلا ئاجىزلىشىپ، قارشىلىق ھەرىكەتلىرى پەسىيىپ قالغان. شۇڭا پۇتىنمۇ 2009 -يىلى 12 - ئاپرىل ئون يىللىق چېچىنىيە ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلىپ، رۇسىيە ئارمىيىسىنى چېكىندۈرگەن. كەلگۈسىدە قوراللىق كۈرەش باسقۇچىغا كىرگەندە بىزمۇ يەنە شۇنداق ھالقىلىق تاللاشقا دۇچ كېلىمىز. شۇڭلاشقا پىلانىمىز « يوتقانغا بېقىپ پۇت سۇنۇش ئاساسىدا تۈزۈلىشى كېرەك ! »، شۇنداقلا ئىدىئولوگىيىمىزمۇ رېئاللىققا ماس ھالدا تۈزۈلۈپ، ۋەتىنىمىزنى ئىككىنچى چېچىنىيە ياكى ئىككىنچى سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك!» . بىزگە « چېچىنىيە ئىبرەت ! » ، « كوسوۋۇ ئۈلگە ! » بولۇشى كېرەك . قالغان تەپسىلاتىنى ۋاختى كەلگەندە كېڭىشىمىز !

شۇندىن كېيىنلا رۇسلارنىڭ ھەربىي ھەرىكىتى كۆپىيىپ كەتتى. 2008 - يىلى گرۇزىيەگە بىر ھەپتىلىك ئۇرۇش قوزغاپ ئابخازىيە بىلەن جەنۇبىي ئوسسېتىيەنى يۇتۇۋالغان بولسا ،  2014 ـ يىلى قىرىمنى يۇتۇۋېلىپ ، ئۇكرائىنانىڭ شەرقىدە دونېتسىك ۋە لوگانسىك قورچاق جۇمھۇرىيەتلىرىنى پەيدا قىلىپ ، ئۇكرائىنانى ۋە غەرپنىڭ دىققىتىنى قىرىمدىن بۇرۇۋەتتى .
2015 ـ يىلى 30 ـ سېنتەبىر سۇرىيەگە كىردى. 2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر يىراق شەرقتە سوۋېت ئىتتىپاقى يوقالغاندىن بۇيانقى تۇنجى كەڭ كۆلەملىك ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە سەرخىل ئېغىر تىپتىكى قوراللارنى تاشقى مانجۇرىيەگە پەم بىلەن يۆتكىۋالدى .
2019 - يىلى لىۋىيەگە « كېرمىل ئاشپەزلىرى» بېرىگادىسىنى كىرگۈزۈدى . ئەمدىكى نىشانى قەيەر !؟ خوشنا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن رۇسلارنىڭ كېلەر قېتىملىق نىشانىنى توغرا بايقاش مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

7 . جاھان ساڭا باقمىسا سەن جاھانغا باق :

غەرپ ، رۇسىيە ۋە باشقا جاھانگىر دۆلەتلەردىكى ئىسلام قورقۇنچى ئاخىرلاشمىغان مۇددەتچە بىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىمىزنى دىنىي غازاتقا ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا بولمايدۇ . ئىچكى جەھەتتە ئۆزىمىزنى قوزغىتىش ئۈچۈن ئىشلەتسەكمۇ ، ئەمما غەلىبە قىلماي تۇرۇپ ھەر قانداق تاراتقۇدا جار سېلىشقا قەتئىي بولمايدۇ . ئۇنداق بولمايدىكەن 22 يىل بۇرۇنقى كاۋكاز پاجىئەسى تارىمدا قايتا تەكرارلىنىدۇ . ھازىر دۇنيا ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىدۇ . مەلۇم كۈچ بىزنى قوراللاندۇرسا ، ئەسكەرلەر « ئەركىنلىك جەڭچىلىرى » دەپ ئاتىلىشى لازىم . « مۇجاھىت » ئاتالغۇسىنى شارائىتىمىزغا قاراپ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇپ تۇرۇش كېرەك . ھېلىمۇ  زىيادە شەكىلۋازلىققا تويۇنغان يۈزەكى مۇسۇلمانلىقنىڭ زىيىنىنى كۆپ تارتتۇق. ئەمدى بولسىمۇ ئەقىللىق بولايلى . خەلقىمىزگە پايدىلىق بولغاننى قىلايلى . ھەر ئىشتا خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ئۆلچەم قىلىپ، مىڭ ئۆلچەپ بىر كېسەيلى .  ئۇنتۇپ قالمايلى،« جەڭ ، توققۇزى رەڭ » .  ماۋ خىتاي چېغىدا سىتالىن ئەڭ قورقىدىغان چوڭ خىتاي مىللەتچىلىكى دۆلىتىنى « كوممۇنست دۆلىتى » ماركىسى بىلەن ئۇتۇقلۇق قۇرۇۋالغان . بىز بولساق سوۋېتقا قارشى دىنىي ۋە مىللىي ئىدىئولوگىيەدە چىڭ تۇرغاچقا ، سىتالىن بىزنى ساقلاپ قېلىشتىن ماۋغا تاشلاپ بېرىشنى ئەۋزەل بىلگەن . ئۇنى شۇنداق قىلىشقا بىز ئۆزىمىز مەجبۇرلىغان. چۈنكى سىتالىن ماۋنى 1945 - يىلى جاڭغا تاشلاپ بەرگەندىن تاكى 1949 - يىلغىچە ئۇنى رەسمىي ئېتىراپ قىلغان ئەمەس . پەقەت ماۋ جاڭنى يوقىتىشقا ئاز قالغاندىلا ئاندىن ئۇنى ئاشكارا قوللاپ ياردەم بەرگەن .

8 . پاجىئەلىك يىمىرىلىش :

شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى زامانىۋى مەنىدە كاۋكازلىقلار قۇرغان تۇنجى دۆلەت بولسىمۇ ، بىراق بەختكە قارشى ئۇزۇن ئۆمۈر تاپالمىدى .  ئۆز ئارا ئۇرۇشۇۋاتقان ئاق ۋە قىزىل ئارمىيەگە نىسبەتەن ، كاۋكاز مەسىلىسىدە يەنىلا بىرلىك بار ئىدى . دېمەك مەزكۇر ياش جۇمھۇرىيەتنىڭ دۈشمىنى كۆپ ئۇچرايتتى.  شۇڭا جۇمھۇرىيەت ئۈچ يىللىق مۇساپىسىدە  چار پادىشاھ قالدۇقلىرى بولغان ئاقلار ئارمىيىسى  ۋە لېنىنننىڭ قىزىل بولشېۋىك قوشۇنلىرىغا قارشى مۇرەسسەسىز ھالدا قەتئىي كۈرەش قىلدى .  تەشكىللىك قارشىلىق 1921-يىلىنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پۈتۈنلەي ئاخىرلاشتى.  1921-يىلى 6-ئايدا ، شىمالىي كاۋكاز جۇمھۇرىيىتى ۋەيران بولۇپ ، كاۋكاز يەنە رۇسىيە ئىشغالىيىتى ئاستىدا قالدى. بۇنداق ئەھۋال قازاقىستاندا قۇرۇلغان ئالاش ئوردا دۆلىتىنىڭ مۇنقەرز بولۇشىدىمۇ تەكرارلاندى . ئۆز ئارا ئەشەددىي دۈشمەن بولغان ئاقلار بىلەن قىزىللار يەنىلا ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئالاش ئوردا كۈچلىرىگە شەرق ۋە غەرپتىن تەڭلا ھۇجۇم قوزغاپ ، ئۇلارنى يوق قىلىۋەتكەن . بۇنداق ئەھۋال ئارىدىن 30 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە تەكرارلىنىپ ، ئەشەددىي رەقىپلەردىن بولغان قارا خىتايلار بىلەن قىزىل خىتايلار بىرلىشىپ ، ئورتاق دۈشمىنى بولغان ئۇيغۇرىستان ئاھالىسىنى ھىلە - مىكىرلەر بىلەن ئالداپ ، مۇستەقىل دۆلىتىنى يۇتۇۋالغان .

1918 - يىلى 11 - ماي شىمالىي كاۋكاز فېدىراتسىيىسى مۇستەقىللىق جاكارلىغان . 125 مىڭ كۇۋادرات كېلومېتىر زېمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان پۈتۈن شىمالىي كاۋكازنىڭ ئازات بولۇشى بىلەن تەڭ ئورۇسلارنىڭ چېگرىسى كاۋكازىيەدىن خېلىلا يىراققا سۈرۈلۈپ كەتكەن . ئەمما 1917 - يىلى نويابىردا چاررۇسىيە ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنى يىقىتقان لېنىن باكۇ نېفىتلىكىنىڭ سوۋېتنىڭ بىردىنبىر سانەئەت جان تومۇرى ئىكەنلىكىنى ئوبدان بىلگەچكە ، ئالدى بىلەن 1919 - يىلى شىمالىي كاۋكازغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئالدى بىلەن داغىستاننى قورال كۈچى بىلەن ئىشغال قىلغان . ئاندىن 1920 - يىلى 27 - ئاپرىل باكۇنىمۇ قولغا ئالغان . بۇ جايلاردىكى ئۇرۇش ئاخىرلىشىپلا ، 1920 - يىلى 1 - سېنتەبىر ئەڭ ئاخىرقى مۇستەقىل دۆلەت بۇخارانى يۇتۇۋالغان . ئاخىرىدا قورشاۋغا ئېلىنغان شىمالىي كاۋكازغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ، 1921 - يىلى مەزكۇر دۆلەتنى تۈپتىن يوق قىلغان . شۇندىلا ئۇلار 1922 - يىلى 200 مىڭ قىزىل ئارمىيە باسمىچىلارنى يوقىتىش قىسمى قۇرۇپ، بۇخارا تەۋەسىدە ئەنۋەر پاشانى قوغلاپ زەربە بېرىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن . باسمىچىلار ھەرىكىتى 1932 - يىلى ئارا باستۇرۇلغان . بىراق قالدۇق باسمىچىلار قەشقەرگە قېچىپ كېلىپ، 1933 - يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيتى ئارمىيىسىنىڭ غوللۇق قىسمىغا ئايلىنىۋالغان . 1934 - يىلى 6 - فېۋرال باندىت تۇڭگانلار سىتالىننىڭ ئىستىكى بويىچە ئەزىزانە قەشقەرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، ئۈچ كۈن قەتلىئام قىلىپ ، 1934 - يىلى 14 - فېۋرالدىن باشلاپ يېڭىسارغا ھۇجۇم باشلىغان. بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسى تۆت بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن بولۇپ، خوجىنىياز ھاجىم باشلىق بىر قىسىم قوشۇن ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، ئازراقلا ئادىمى بىلەن سوۋېت چېگرىسىغا بېرىۋالغان. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى مامۇت سىجاڭ ئاساسلىق كۈچىنى يېڭىسارغا يۆتكەپ، ئىككى ئەمىر بىلەن شەھەر سېپىلىنى قوغداپ تۇرغان. جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن پېشقەدەم قوراللىق ئەسكەرلەر باش شىتاپ باشلىقى يۈسۈپچان قۇربېشىنىڭ قوماندانلىقىدا تۇڭگانلار بىلەن ئۇرۇشۇپ، تەڭ كېلەلمەي تاشمىلىققا چېكىنىپ كەتكەن. سابىت داموللام بىر قىسىم ئەسكەرلەر بىلەن يەكەنگە يېتىپ كېلىپ، دۆلەتنىڭ ئاپپاراتلىرىنى يەكەندە قايتا ئىشقا كىرىشتۈرگەن. خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى قىسىملىرى بولسا يەكەن ۋە يېڭىساردا قاتتىق مۇداپىئەدە تۇرۇپ، 40 كۈنلەپ تۇڭگانلارنىڭ ھۇجۇمىنى چېكىندۈرگەن.

ئامالسىز قالغان خوجىنىياز ھاجى سىتالىننىڭ تەلىپىگە تولۇق كۆنۈپ 1934 - يىلى 13 - ئاپرىل جۈمە جۇمھۇرىيەتنى ئۆز قولى بىلەن تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن ، 1934 - يىلى 5 - ئىيۇلدا سوۋېتنىڭ تەقسىماتى بويىچە خوجىنىياز ھاجى ئۈرۈمچىگە بېرىپ، شېڭ شىسەي بىلەن بىللە ھوقۇق تۇتىدىغان، ماجۇڭيىڭ سوۋېتكە چىقىپ كېتىدىغان، ماخۇسەن 36 - دېۋىزىيىنى باشلاپ، يەكەن دەرياسىدىن تاكى چارقىلىققىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان، يولۋاس تۇرپان- قۇمۇلنى باشقۇرۇپ، خوجىنىياز ھاجىغا مەدەت بېرىدىغان، مامۇت سىجاڭ خوجىنىياز ھاجى قوشۇنلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىدىن تاكى ئاتۇشقىچە بولغان پۈتكۈل قەشقەرنى باشقۇرىدىغان، يۈسۈپچان قوماندانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئەسكەرلەرنى سوۋېت تەرەپ يىغىشتۇرىدىغان بولىدۇ. كېيىنكى ئەھۋال ھەممىگە مەلۇم .

تۆۋەندىكى ئۆزگىچە كۆركەم بايراق دەل كاۋكاز فېدىراتسىيىسىنىڭ بايرىقى بولۇپ ، يەتتە يۇلتۇز بىلەن يەتتە تال سىزىق شۇ جايلاردىكى ھازىرقى يەتتە ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى بار مىللەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . 1991 - يىلى چېچىنىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا ئەگىشىپ ، مەزكۇر فېدېراتسىيە دۆلىتى قۇرۇش ئىستىكى كۈچەيگەن كاۋكازلىقلار چېچەنلەرگە مەدەت بېرىپ ، 1994 - يىلدىن 1997 - يىلغىچە داۋاملاشقان تۇنجى قېتىملىق چېچىن ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان رۇسىيەنى 1997 - 12 - ماي سۆھبەت ئۈستىلىدە يۇقىرىقى كاۋكاز فېدىراتسىيىسى مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلىدۇ . ئەمما يېلىتسىن ھۆكۈمىتى بۇ ئىشنى 2000 - يىلدىكى سايلامدىن كېيىن ئىجرا قىلىش تەكلىپى بېرىدۇ . تولىمۇ ئەپسۇس ، 1999 - يىلى ئەمەلىي ھوقۇق پۇتىننىڭ قولىغا ئۆتىدۇ . باسايېۋمۇ ئالدىراپ كېتىپ قورال كۈچى بىلەن « كاۋكاز خەلىپىلىكى » قۇرۇش ئۈچۈن داغىستانغا ھۇجۇم قوزغايدۇ . ئەسلىدىلا جەڭگىۋار بولغان داغىستان خەلقى بۇ يولسىزلىققا چىدىماي ، پۇتىن بىلەن بىر سەپتە باسايېۋغا قارشى ئۇرۇش قىلىدۇ . ئەڭ يامان بولغىنى باسايېۋنىڭ ئەتراپىدىكى خەتتاپ قاتارلىق ئەرەب قوراللىق كۈچلىرى ھەم دىنىي بىلىمى ھەم ھەربىي ھۆرمىتى جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەپ ، ھەر خىل دىندىكى شىمالىي كاۋكاز خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتنى دىنىي غازاتقا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . شۇنىڭ بىلەن غەرپ ئەللىرى چېچىنلەرنى قوللاشنى توختىتىدۇ . ئامېرىكىمۇ پۇتىننىڭ قىرغىنچىلىقلىرىغا سۈكۈت قىلىدۇ . ئىسلام دىندىن باشقا دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئوسسېتىيەلىكلەر، ئابغازىيە ۋە ئادېگالار ۋە قالماقلارمۇ ئۇلارنى قوللىمايدۇ . تېخىمۇ يامان بولغىنى 2001 - يىلدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنلا غەرپ ئەللىرىدە
« ئىسلام تېررورلۇقى » دېگەن قالپاق ئىجاد قىلىنىپ، خىتاي بىلەن رۇسىيەگە ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن كاۋكازلارنى يوقىتىش ئۈچۈن تارىختىكى ئالتۇن پۇرسەت يارىتىپ بېرىلىدۇ . نەتىجىدە بۇ ئىككى دۆلەت ھازىر غەرپنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقىغا ئايلىنىدۇ . ئۇيغۇرلارنىڭ مۇقەددەس مىللىي مۇستەقىللىقىنى تۇيۇق يولغا باشلاپ قويغان دىنىي ئاقساقاللار ئۆزلىرى يات ئەللەردە ئاسانلا ئۇجۇقتۇرۇلۇپ، ياكى ئۇپراپ - سىڭىشىپ جەننەتكە بالدۇر كېتىۋالىدۇ . ئەمما ئۇلارنىڭ يۈز يىلدىن بۇيانقى سىياسىي خاتالىقى تۈپەيلىدىن ساددا خەلقىمىز تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قورقۇنچلۇق خورلۇقلارغا ئۇچراپ كېلىۋاتىدۇ . شىمالىي كاۋكاز خەلقىمۇ ئەرەب ئاشقۇن قوراللىق كۈچلىرى ۋە باسايېۋ كۈچلىرىنىڭ ئىستراتېگىيىلىك سىياسىي خاتالىقلىرى تۈپەيلى پۇتىننىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئۆچ ئېلىشىغا ئۇچرايدۇ . ئەمما چېچىنلەردىن باشقىلار ھەر ھالدا ئازراق زىيانغا ئۇچرايدۇ. پۇتىنمۇ 1997 - يىلى 12 - مايدىكى لايىھەنى رەت قىلىپ ، بىر پۈتۈن شىمالىي كاۋكاز فېدىراتىسيىسىنى يەتتە مۇستەقىل مىللىي ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەتكە پارچىلاپ تاشلايدۇ . بىراق يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ، كاۋكاز ھەربىي رايونى تەسىس قىلىپ ، شىمالىي كاۋكازدىكى ستافروپولنى مەركەز قىلىپ، ئۇلارنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ تۇرىدۇ . ئۇندىن باشقا زېرەك پۇتىن يەنە ۋەتىنىمىز بىلەن بىۋاستە چېگرالىدىغان ئالتاي جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە ئالتاي ھەربىي رايونى تەسىس قىلىپ ، ھازىرچە خىتايدىن ، كەلگۈسىدە مەركىزىي ئاسىيانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدىغان ئۇيغۇرىستاندىن ئېھتىيات قىلىش ئۈچۈن ئالدىن تەدبىر ئالىدۇ .

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 11 - ماي جەڭگىۋار دۈشەنبە.

بۇ يىل بۇ ۋەقەلەرگە ساق يۈز يىل توشۇپتۇ . بۇ يىل ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ، رۇسىيە ئۈچۈنمۇ، ئامېرىكا ئۈچۈنمۇ ، خىتاي ئۈچۈنمۇ ، تۈركىيە ئۈچۈنمۇ ، قىسقىسى پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈنمۇ ھالقىلىق بىر يىل بوپقالدى . ۋەتىنىمىزدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئويغىنىش ھەرىكىتى باشلانغىلىمۇ بۇ يىل ساق يۈز يىل توشۇپتۇ . ھەر ئەسىرنىڭ 20 - يىلى تارىخقا يېزىلغۇدەك زور ئىشلىرىمىز بار ئىكەن . ئەمما 2020 - يىلى تېخىچە ئاق تۇرۇۋاتىدۇ . بۇ يىل ھالقىلىق بىر يىل . تارىخقا يېزىلىدىغان ئىشمۇ « تارىخنىڭ يۆنىلىشنى ئۆزگەرتكۈدەك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىش بولۇشى لازىم » . ( سايرام ئوغلانى ) .

2020 - يىلى 11 - ماي.  قۇتلۇق دۈشەنبە.
4
ئەخمەتجان قاسىمى :   مۇستەملىكە تارىخىدىكى  ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى 

                                        ( 1-قىسىم)

نەبىجان تۇرسۇن (  تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

كىرىش سۆز  ئورنىدا

بۈگۈن، مىلادىيە 2020-يىلى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى   ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 106-يىلى.  بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ زاتنى خاتىرىلەش، ياد ئېتىش، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەسلەش ھەم شۇ دەۋر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات غەلىبىسى ۋە ھايات تراگېدىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇستەقىللىق غەلىبە شاتلىقى بىلەن مەھكۇملۇق تراگېدىيەسىنىڭ  يالدامىسىدۇر ! ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى  ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئەڭ ئېچىنغانلار، ئۇنى ئەڭ سېغىنغانلار ۋە بۈگۈن ئۇنى ئەسلىگەنلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار  ئۆزلىرى ئىكەنلىكى كۆرسەتتى.
ئۇنداقتا ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟  ئۇ كىمنىڭ دوستى؟  كىمنىڭ رەھبىرى ۋە كىمنىڭ  دۈشمىنى ؟
بۇ سوئالغا ئالدى بىلەن  خىتاينىڭ بۇرمىلانغان،   ساقتىكار تارىخىي  ھۆججەتلىرى ۋە باھالىرى  ئەمەس ۋە ياكى  بۈگۈنكى ئادەملەر ئەمەس ، بەلكى  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرگە قۇرۇپ، بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى  جاۋاب بەرىشكە ئەڭ  لاياقەتلىكتۇر ! دېمەك،  بۇ سوئالغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ  5يىللىق كۈرەش  سەپدېشى،  شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى، 1950-1980-يىللاردىكى  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن بىرى زىيا سەمەدى ( 1914-2000) ئۆزىنىڭ « « ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق بىئوگراپىيەلىك رومانى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولسا،  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدېشى ، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق  ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ( 1914-2005) ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەمىنە نەبىجان تۇرسۇنغا قالدۇرغان :  «ئەخمەتجان قاسىمىدەك قابىل ۋە خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر رەھبىرى  تېخى يېتىشىپ چىقمدى. مۇنداق داھىيلار بىر قانچە يۈز يىللاردا بىر قېتىم چىقسا كېرەك، مەن پۈتۈن ھاياتىمدا نى-نى ئوغلانلارنى، مانا مەن دېگەن داڭلىق رەھبەرلەرنى كۆردۈم. لېكىن ھازىرغىچە ئەخمەتجاندەك رەھبەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەخمەتجاندەك ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، راستچىل،   ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، ناتىق، قەيسەر، دۈشمەنگە ئىگىلمەس ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان، باشقىلار يىغلىمىسۇن، ئازابلانمىسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئازابلىناي ، مەن يىغلاي دەيدىغان مۇنداق ئىنسان بالىسىنى تېخى مەن كۆرمىدىم» دېگەن سۆزلىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ « ئەخمەتجان ئارىمىزدىكى  بىر گۆھەر» دېگەن  ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان سۆزلىرى ئەڭ كۈچلۈك جاۋابلار  بولسا كېرەك.
بىراق ، ئەخمەتجان قاسىمى ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆزىنى « مەن داھىي»،« مەن رەھبەر » دەپ ماختىنىپ باقمىغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى مەن « خەلقىمنىڭ خىزمەتكارى»لا دېگەن ئىدى.  ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى 150  يىللىق تارىخىدا ھېچقاچان بىرەر رەھبەرنى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز خوشاللىق ئىختىيارلىرى بىلەن  ماشىنىسى بىلەن  قوشۇپ كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ باقمىغان، مۇنداق ئالى ھۆرمەت بۇ 150 يىلدا پەقەت بىرلا ئەخمەتجان قاسىمىغا مەنسۇپ بولدى ! ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا تالاشتا قالغان رەھبەر ئىدى.ئەخمەتجان قاسىمىنى خىتاي  سىياسىيونلىرى 70 يىل تالىشىپمۇ ئۆزىنىڭ قىلالمىدى !
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى 1884-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان خىتاي تارىخىدا  1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرى  كوچىغا چىقىپ « يوقالسۇن ئەخمەتجان !»، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىش ۋەقەسى بىرلا قېتىم يۈز بەردى. مۇنداق 10 مىڭ خىتاينىڭ نامايىشچىسىنىڭ « يوقالسۇن  ئەخمەتجان »، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دېگەندەك  چوقان-سۈرەنلىرىگە  تېخى بىرەر ئۇيغۇر سازاۋەر بولۇپ باقمىدى.
 1878-يىلى يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى  يوقىتىلىپ، 1884-يىلى مانجۇ-چىڭ ھاكىمىيىتى  ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىننى  تىپىك مۇستەملىكە مەنىسىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان- « يېڭى  چېگرا»-  يەنى « شىنجاڭ» نامى ئاستىدا باشقۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرى تارىخىي مۇساپىسىدە  ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمىدى. سانساناقسىز قۇربانلارنى بەردى ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەن مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ كۈرەشلەردە  كۆپلىگەن خەلق باتۇرلىرى، خەلق يېتەكچىلىرى، قوماندانلار، سىياسىيونلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قانچىلىغان تەرجىمھاللار توپلىمىنى تۈزۈش مۇنكىن.  شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئازغىنا كەم بىر  يېرىم ئەسىرلىك مۇستەملىكە تارىخى جەريانى  ئىنتايىن قىيىن، مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەر، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقارالىق مۇناسىۋەت توقۇنۇشلىرى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلدى. مانا بۇ مۇرەككەپ كۈرەش مۇساپىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەر، يوللار، نۇقتىنەزەرلەر، ئىدىيەلەر قوللىنىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە  شۇ    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى دۇنياۋى  مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى   مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ، كۈرەش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر ئىدى خالاس!
(داۋامى بار . داۋامى داۋاملىق تولۇقلىنىدۇ).

نەبىجان تۇرسۇن. 

2020 - يىلى 15 - ئاپرىل. چارشەنبە. 
5
ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ دەپ جاكارلانغان تونۇغىلى بولمايدىغان جەسەتنىڭ غۇلجىغا قايتۇرۇپ كېلىنىشى :

تارىختىكى بۈگۈن : 15 - ئاپرىل.

ئىلاۋە : مەرھۇم خەلق رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمى 1914 - يىلى 14 - ئاپرىل غۇلجىدا تۇغۇلغان . موسكۋادا ئوقۇغان . بەزى مەنبەلەرگە قارىغاندا قىشلىق ئۇرۇشقا قاتناشقان . كاۋكازدا قىسقا مەزگىل داۋالانغاندىن كېيىن چۆچەك ئارقىلىق ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەن . نەچچە ئاي بولمايلا شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلانغان . 1944 - يىلى 12 - نويابىر غۇلجا شەھىرىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندا ، جۇمھۇر رەئىس ئەلىخان تۆرەمنىڭ كاتىپى بولغان . ئارقىدىنلا ھەربىي بۆلۈم باشلىقى بولغان . 1945 - يىلى 17 - ئۆكتەبىردىن 1946 - يىلى 22 - ئىيۇنغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتە باش ۋەكىل بولغان . 1946 - يىلى 12 - ئىيۇل ئەلىخان تۆرەم ئوغرىلاپ كېتىلگەندىن كېيىن ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىنىڭ يېگانە رەھبىرىگە ئايلانغان . 1947 - يىلى يازدا ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلگەندىن كېيىن ، 12 - ئاۋغۇست غۇلجىغا قايتىپ كېلىپ،سىتالىننىڭ ياردىمى بىلەن مىللىي ئارمىيەنى قايتىدىن كېڭەيتىپ ، ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتكۈزگەن . 1949 - يىلى ۋەزىيەت بىراقلا ئۆزگىرىپ ، شۇ يىلى 22 - ئاۋغۇست غۇللجىدىن ئالمائاتاغا قاراپ يولغا چىققان. ئارقىدىنلا 25 - ئاۋغۇست كۈنى ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغانلىق خەۋىرى تارقالغان . 1950 - يىلى 14 - فېۋرال موسكۋادا سوۋېت - خىتاي مەخپىي كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنلا ئاندىن ئورۇسلار مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ جەسىتىنى تاپشۇرۇپ بېرىشكە قوشۇلغان . 14 - ئاپرىل بەش نەپەر ئادەمنىڭ تونۇغۇسىز بولۇپ كەتكەن جەسىتى بىلەن ئابدۇكېرىم ئابباسوفنىڭ بۇزۇلمىغان جەسىتى مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن يولغا چىقىپ ، 15 - ئاپرىل غۇلجىغا ئېلىپ كېلىنگەن . ئەينى ۋاقىتتىكى سىياسىي تەقدىرىمىز قانداق سىرلىق ھەل قىلىنغان بولسا ، رەھبەرلىرىمىزنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھازىرغىچە شۇنداق سىرلىق ھالەتتە تۇرماقتا .

پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سىتالىننىڭ تۇيۇقسىز خەلقىمىزگە يۈزسىزلىك قىلىشى

سىتالىننىڭ دىپلوماتىك ياردىمىدىن كېيىن
جاڭ كەيشى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . خىتاينىڭ ئارقا تېرىكى
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946 - يىلى يازغىچە سوزۇلغان يارىشىش مۇساپىسى « گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىل ۋاقىتلىق يالغان تىنچلىق پەيدا قىلدى». ئارقىدىنلا ھەممە ئىش بۇزۇلدى.
1946 - يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947 - يىلى مايدا يىمىرىلدى . سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا  سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى . ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى . سىتالىن قايتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىپ ،يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى . ئەمما 1947 - 1949 - يىللىرىدىكى بىردىنبىر
ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ
« ئۇلۇسچى » ۋە « مىللىي جۇمھۇرىيەتچى»
ئىدىيىۋى تالاش - تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949 - يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ  ھاجىتى قالمىدى . يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى . ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى . ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن  موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا  كەلدى .  سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى .
25 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى .
26 - سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى . 17 - ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سوغۇق ئۇرۇش پارتلاپ تېخى ئۈچ يىل توشمايلا ، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە مانجۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خىتايلار بىردىنلا مۇستەملىكە قىلغۇچى كۈچكە ئايلاندى. بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بوپقالدى.

ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئىشغالىيەتكىچە بولغان تۆت يىلدىكى بىر قىسىم زور ئىشلار :

1945 - يىلى 4 - فېۋرال باشلانغان يالتا يىغىنىدا، سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن روزۋېلت، چارچاپ كەتكەن چېرچىل، ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن سىتالىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . 12 - فېۋرال يالتا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ، سىتالىن ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بوپقالغان. سىتالىننىڭ تەلىيىگە ، يالتا يىغىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئاپرىلدا ئۆلۈپ كەتكەن . چېرچىلمۇ 16 - ئىيۇل موللاق ئاتقان . نەتىجىدە 1945 - يىلى 17 - ئىيۇل ئېچىلغان پوتسدام يىغىنىدا ترۇمېن ۋە يېڭى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىتالىن بىلەن قايتا كېڭەش ئۆتكۈزگەن.
سىتالىن بىر ئاي ئىچىدە مانجۇرىيەگە قوشۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن . بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ( 8 - ئىيۇن ) جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خېلىلا كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغاچقا ، سىتالىن شۇ يىلى ئاپرىلدا توختىتىپ قويغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئۈچ سەپ بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان ۋە قوراللاندۇرغان. ئەسكەرلىرىمىز ئىيۇلدا جەنۇبىي سەپتە سوپاخۇن باشچىلىقىدا تەڭرىتاغدىن ئېشىپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان . ئوتتۇرا سەپتە جىڭ ۋە شىخونى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە تەييارلانغان . شىمالىي سەپتە ئوسمان باتۇر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالتايدىكى بارلىق خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان . گەرچە ياپونىيە مۇددەتتىن بۇرۇن تەسلىم بولۇپ ، « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » 14 - ئاۋغۇستتىلا ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن خىتاينى تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىمىزنى 14 - سېنتەبىرگىچە يەنە بىر ئاي ئۇرۇشتىن توسماي ، « ئىككى سائەتتىلا ئۈرۈمچى ئازات بولىدىغان ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋەتىنىمىز ئازات بولىدىغان » ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان . ئەمما 15 - سېنتەبىر خىتاينىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئارمىيىمىزنى ماناس دەرياسى بويىدا رەسمىي توختىتىپ قويغان .

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 28 - ئىيۇن غۇلجا شەھىرىدە 2 - جۇمھۇرىيەت تارقىتىۋېتىلىپ ، 1 - ئىيۇل ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە 1946 - يىلى نويابىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا ئىشغالچى قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى  بولسا دەل ئەكسىچە 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

چېرچىلنىڭ ئامېرىكىدىكى « تۆمۈر پەردە نۇتقى » دىن كېيىن ، خىتاي ، كورىيە ، مانجۇرىيە ، موڭغۇلىيە ھەمدە قۇتلۇق ۋەتىنىمىز غەرپ بىلەن سوۋېتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى . ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ 1946 - يىلى ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ ، ئەسلىدە سىتالىن جاڭ كەيشىگە سېتىۋەتكەن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى 1947 - يىلى مايدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن . بۇنىڭ تەسىرى موڭغۇلىيە بىلەن ۋەتىنىمىزدىمۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن بولۇپ ،
1947 - يىلى 12- ماي موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. ( 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلىلا مىللىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 - يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان). 1947 - يىلى سىتالىن، كۈنسىرى گومىنداڭدىن يېڭىلىپ شىمالغا قېچىۋاتقان ماۋزېدوڭنى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا « قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 - يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1947 - يىلى 28 - ماي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شۇندىن كېيىنلا مەزكۇر ھۆكۈمەت سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئاي ئىچىدىلا يىمىرىلدى .
1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلدى . شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. سىتالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى. ئەمما بۇ ئالتۇن پۇرسەت كەلگەن ئىككى يىلدا خەلقىمىز « گومىنداڭچى ئۈچ ئەپەندى تەرەپ » ، « سوۋېتچى ئىلى تەرەپ » ، « بىتەرەپ تەرەپ » ۋە « خىتاي كومپارتىيسى تەرەپ » تىن ئىبارەت تۆت قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، ئۆز ئارا كۈرەش قىلىپ ، سىتالىننى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە سىتالىن ساقلاپ قالماقچى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە قوراللىق قىسىملار خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن كوزىر ۋە پېشكىغا ئايلىنىپ قالغان . ھىلىگەر ماۋمۇ شۇ پۇرسەتتە سىتالىننىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل ساقلاپ  قېلىش ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى . بۇ ئەھۋالدا سىتالىن كەسكىن ۋەزىيەتتە كەسكىن قارار چىقاردى  . 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست ھىلىگەر ماۋدىن
« ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 25 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى گومىنداڭ كومپارتىيەگە تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر قىزىل خىتاي دۆلىتى قۇرۇلدى . سىتالىن ماۋنى مەجبۇرلاپ ، يىل ئاخىرىغىچە قوراللىق ئىشغال قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈردى . ماۋ قاتناش ۋە يېقىلغۇنى باھانە قىلغاندا ، سىتالىن مەخسۇس ئايروپىلان ئەۋەتىپ ، 10 - ئۆكتەبىردىن 22 - دېكابىرغىچە نەچچە يۈز مىڭ توننا قورال - ياراق ۋە چىغ چاپانلىق خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇپ بەردى . ۋاڭ جېننىڭ ئالدىن يۈرەر قىسمى 10 - سەددىچىندىن چىقىپ ، 20 - ئۆكتەبىر ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سىتالىننىڭ بىۋاستە ياردىمىدە جاللات
ۋاڭ جېن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. تاجاۋۇزچى قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى. تېخىمۇ ئەلەم بولغىنى تېخى شۇ يىلى 14 - ئاۋغۇست موسكۋادىن غۇلجىغا يېتىپ كەلگەن كومپارتىيە جاسۇسى دېڭ لىچۈن غۇلجىدا لەپىلدەۋاتقان مۇبارەك كۆك بايراقنى 17 - ئۆكتەبىر كۈنى چۈشۈرۈگۈزگەن . بۇ قۇتلۇق بايراق تۇنجى قېتىم 1946 - يىلى 28 - ئاۋغۇست تۈلكە جاڭ جىجۇڭ غۇلجىغا زىيارەتكە كەلگەندە بىر قېتىم چۈشۈرۈلگەنىدى. ئۇندىن باشقا جاللات ۋاڭ جېن 1949 - يىلى 12 - نويابىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ بەش يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ غۇلجىغا بېرىپ ، دۆلىتىمىز قۇرۇلغان قۇتلۇق كۈننى خىتايلارنىڭ بىزنى قايتا ئىشغال قىلىۋالغان كۈنىگە ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان .

سىرلىق غايىپ بولغان رەھبەرلەر ۋە سىرلىق غايىپ بولغان مىللىي مۇستەقىللىقىمىز :

يۇقىرىقى سىرلىق غايىپ بولۇش ۋە جىددىي ئىشغال قىلىشتىن كېيىن ماۋ زېدوڭ نەچچە يىلدىن بېرى ئارزۇ قىلىۋاتقان سىتالىننىڭ ئالدىغا سالامغا بېرىش شەرىپىگە ئېرىشكەن . ماۋ خوجايىنى سىتالىننىڭ ياردىمى بىلەن 12 - دېكابىر ۋەتىنىمىزنى ئۇتۇقلۇق ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا ، چوڭ بىر ئۆمەك باشلاپ سىتالىننىڭ 71 يىللىق تۇغۇلغان كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ موسكۋاغا يېتىپ كەلگەن . ئەمما جاللات شېڭ شىسەينى 1937 - يىلى بىر ئاي ئىچىدىلا ئۇدا تۆت قېتىم قوبۇل قىلىپ قىزغىن مۇئامىلە قىلغان سىتالىن ھىلىگەر ماۋنى ئىككى ئاي ئىچىدە ئاران ئىككى قېتىملا قوبۇل قىلغان بولۇپ ، تۇنجى قېتىم 71 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىدە بارلىق چەتئەللىك مېھمانلار ئۇزاپ بولغاندىن كېيىن ، يېرىم كۈن ساقلاتقان ماۋنى كېچە سائەت بىر يېرىمدا قوبۇل قىلغان . بۇ ئۇچرىشىشتا سىتالىن ئۇنىڭغا پەقەتلا قاپىقىنى ئاچمىغان بولۇپ ، ئەقىللىق جۇ ئېنلەي خىتاي 5 - فېۋرال سەيپىدىن ئەزىزىنى بىللە ئېلىپ كېلىپ، سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلغاندىن كېيىنلا ، ئاندىن سىتالىن قاپىقىنى ئاچقان . نەتىجىدە تەقدىرىمىزنى بېكىتكەن 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىم  14 - فېۋرال ئىمزالانغان . سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ موسكۋاغا ئېلىپ كېلىنىشى يەنىلا سىتالىننىڭ نىيىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەن .

قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى، 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ 14 - كۈنى تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن 15 - ئاپرىل غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.
دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە -پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.


ئەخمەتجان قاسىمى :   مۇستەملىكە تارىخىدىكى  ئەڭ جەزبىدار ئۇيغۇر رەھبىرى 
                                    (1قىسىم)

نەبىجان تۇرسۇن (  تارىخ پەنلىرى دوكتورى)

كىرىش سۆز  ئورنىدا

بۈگۈن، مىلادىيە 2020-يىلى، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى   ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەنلىكىنىڭ 106-يىلى.  بۇ كۈن مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ زاتنى خاتىرىلەش، ياد ئېتىش، ئۇ رەھبەرلىك قىلغان مۇستەقىللىق ۋە ئازادلىق ئىنقىلابىنى ئەسلەش ھەم شۇ دەۋر ھەققىدە ئەتراپلىق، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈش ناھايىتى مۇھىم. ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھايات غەلىبىسى ۋە ھايات تراگېدىيەسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  مۇستەقىللىق غەلىبە شاتلىقى بىلەن مەھكۇملۇق تراگېدىيەسىنىڭ  يالدامىسىدۇر ! ئەخمەتجان قاسىمىنى ئەسلەش ۋە ياد ئېتىش ئۇيغۇرلۇقنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى  ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن ئەڭ ئېچىنغانلار، ئۇنى ئەڭ سېغىنغانلار ۋە بۈگۈن ئۇنى ئەسلىگەنلەرنىڭ يەنىلا ئۇيغۇرلار  ئۆزلىرى ئىكەنلىكى كۆرسەتتى.
ئۇنداقتا ئەخمەتجان قاسىمى كىم؟  ئۇ كىمنىڭ دوستى؟  كىمنىڭ رەھبىرى ۋە كىمنىڭ  دۈشمىنى ؟
بۇ سوئالغا ئالدى بىلەن  خىتاينىڭ بۇرمىلانغان،   ساقتىكار تارىخىي  ھۆججەتلىرى ۋە باھالىرى  ئەمەس ۋە ياكى  بۈگۈنكى ئادەملەر ئەمەس ، بەلكى  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى بىرگە قۇرۇپ، بىرگە كۈرەش قىلغان سەپداشلىرى  جاۋاب بەرىشكە ئەڭ  لاياقەتلىكتۇر ! دېمەك،  بۇ سوئالغا ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ  5يىللىق كۈرەش  سەپدېشى،  شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسىنىڭ پولكوۋنىكى، مىللىي ئارمىيە ئىستىخبارات بۆلۈمى باشلىقى، 1950-1980-يىللاردىكى  خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ بىرىنچى نومۇرلۇق دۈشمەنلىرىدىن بىرى زىيا سەمەدى ( 1914-2000) ئۆزىنىڭ « « ئەخمەت ئەپەندى» ناملىق بىئوگراپىيەلىك رومانى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن بولسا،  ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئەڭ يېقىن سەپدېشى ، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى، « ئازادلىق تەشكىلاتى»نىڭ ئەزاسى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدە ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن بىرلىكتە بارلىق  ھۆكۈمەت ئىشلىرىنىڭ پروگراممىلىرىنى تۈزگەن ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ( 1914-2005) ئەپەندىنىڭ ھايات ۋاقتىدا كەمىنە نەبىجان تۇرسۇنغا قالدۇرغان :  «ئەخمەتجان قاسىمىدەك قابىل ۋە خەلق سۆيگەن ئۇيغۇر رەھبىرى  تېخى يېتىشىپ چىقمدى. مۇنداق داھىيلار بىر قانچە يۈز يىللاردا بىر قېتىم چىقسا كېرەك، مەن پۈتۈن ھاياتىمدا نى-نى ئوغلانلارنى، مانا مەن دېگەن داڭلىق رەھبەرلەرنى كۆردۈم. لېكىن ھازىرغىچە ئەخمەتجاندەك رەھبەرنى تېخى كۆرۈپ باقمىدىم. ئەخمەتجاندەك ئاق كۆڭۈل، ساپ نىيەت، راستچىل،   ئەخلاق-پەزىلەتلىك، بىرلا كۆرگەن ئادەمنى ئۆزىگە تارتىۋالالايدىغان، ئىنتايىن بىلىملىك، سىياسىيون، ناتىق، قەيسەر، دۈشمەنگە ئىگىلمەس ، باشقىلار ئۈچۈن ئۆلۈشكە تەييار، خەلقى ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆلۈمگە ئاتىغان ۋە ئۆلۈمگە ھەر ۋاقىت تەييار تۇرالايدىغان، باشقىلار يىغلىمىسۇن، ئازابلانمىسۇن ئۇنىڭ ئورنىغا مەن ئازابلىناي ، مەن يىغلاي دەيدىغان مۇنداق ئىنسان بالىسىنى تېخى مەن كۆرمىدىم» دېگەن سۆزلىرىدىن باشقا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەلىخان تۆرىنىڭ « ئەخمەتجان ئارىمىزدىكى  بىر گۆھەر» دېگەن  ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلاب رەھبەرلىرى ئارىسىدا كۈچلۈك تەسىر قوزغىغان سۆزلىرى ئەڭ كۈچلۈك جاۋابلار  بولسا كېرەك.
بىراق ، ئەخمەتجان قاسىمى ھاياتىدا ھېچقاچان ئۆزىنى « مەن داھىي»،« مەن رەھبەر » دەپ ماختىنىپ باقمىغان. ئۇ باشتىن ئاخىرى مەن « خەلقىمنىڭ خىزمەتكارى»لا دېگەن ئىدى.  ئۇيغۇر خەلقى يېقىنقى 150  يىللىق تارىخىدا ھېچقاچان بىرەر رەھبەرنى ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆز خوشاللىق ئىختىيارلىرى بىلەن  ماشىنىسى بىلەن  قوشۇپ كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ باقمىغان، مۇنداق ئالى ھۆرمەت بۇ 150 يىلدا پەقەت بىرلا ئەخمەتجان قاسىمىغا مەنسۇپ بولدى ! ئەخمەتجان قاسىمى ئوخشاشلا تالاشتا قالغان رەھبەر ئىدى.ئەخمەتجان قاسىمىنى خىتاي  سىياسىيونلىرى 70 يىل تالىشىپمۇ ئۆزىنىڭ قىلالمىدى !
شۇنى ئەسكەرتىش كېرەككى 1884-يىلىدىن ھازىرغىچە بولغان خىتاي تارىخىدا  1947-يىلى 25-فېۋرال كۈنى ئۈرۈمچىدە 10 مىڭ خىتاي پۇقراسى ۋە ھەربىي-ساقچىلىرى  كوچىغا چىقىپ « يوقالسۇن ئەخمەتجان !»، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دەپ شوئار توۋلاپ نامايىش قىلىش ۋەقەسى بىرلا قېتىم يۈز بەردى. مۇنداق 10 مىڭ خىتاينىڭ نامايىشچىسىنىڭ « يوقالسۇن  ئەخمەتجان »، « ئەخمەتجاننى ئۆلتۈرەيلى» دېگەندەك  چوقان-سۈرەنلىرىگە  تېخى بىرەر ئۇيغۇر سازاۋەر بولۇپ باقمىدى.
 1878-يىلى يەتتە شەھەر ئۇيغۇر دۆلىتى  يوقىتىلىپ، 1884-يىلى مانجۇ-چىڭ ھاكىمىيىتى  ئىشغال قىلىنغان بۇ زېمىننى  تىپىك مۇستەملىكە مەنىسىنىڭ گۇۋاھچىسى بولغان- « يېڭى  چېگرا»-  يەنى « شىنجاڭ» نامى ئاستىدا باشقۇرۇشنى باشلىغاندىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆرلۈك كۈرەشلىرى تارىخىي مۇساپىسىدە  ئۇيغۇر خەلقى ھېچقاچان كۈرەش قىلىشتىن توختاپ قالمىدى. سانساناقسىز قۇربانلارنى بەردى ۋە غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى ھەن مەغلۇپ بولدى. ئەنە شۇ كۈرەشلەردە  كۆپلىگەن خەلق باتۇرلىرى، خەلق يېتەكچىلىرى، قوماندانلار، سىياسىيونلار يېتىشىپ چىقتى. بۇلارنىڭ ھەممىسىدىن قانچىلىغان تەرجىمھاللار توپلىمىنى تۈزۈش مۇنكىن.  شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  ئازغىنا كەم بىر  يېرىم ئەسىرلىك مۇستەملىكە تارىخى جەريانى  ئىنتايىن قىيىن، مۇرەككەپ ئىچكى ۋە تاشقى زىددىيەتلەر، ئىنتايىن مۇرەككەپ خەلقارالىق مۇناسىۋەت توقۇنۇشلىرى قاتارلىقلارغا دۇچ كەلدى. مانا بۇ مۇرەككەپ كۈرەش مۇساپىسىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھۆرلۈكى ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەر، يوللار، نۇقتىنەزەرلەر، ئىدىيەلەر قوللىنىلدى. ئەخمەتجان قاسىمى ئەنە  شۇ    ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى دۇنياۋى  مۇناسىۋەتلەرنىڭ قايتا شەكىللىنىشى ۋە ئۆزگىرىشى جەريانىدىكى   مۇناسىۋەتلەرگە قاراپ، كۈرەش ئۇسۇلىنى تاللىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  تەقدىرى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچى ۋە يېتەكچىلىك قىلغۇچى رەھبەر ئىدى خالاس!
(داۋامى بار )

قوشۇمچە :
ماۋ زېدۇڭنى خاپا قىلغان ستالىننىڭ تۆت خىل خاتالىقى

"بوشۈن" تورىدا ئېلان قىلىنغان "جۇڭگو - سوۋېت مۇناسىۋەتلىرى چوڭ ئىشلىرى بايانى" ناملىق كىتابتىن نەقىل كەلتۈرۈلگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، ماۋزېدۇڭ ئەينى ۋاقىتتا ستالىندىن قاتتىق نارازى بولغان بولۇپ، ئۇ ستالىننى جۇڭگو ئىنقىلابى مەسىلىسىدە ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىق ئۆتكۈزدى دەپ ئەيىبلىگەن. بىراق، ئۇ ستالىن ھايات ۋاقتىدا بۇنى ئاغزىدىن چىقىرالمىغان بولۇپ، پەقەت ستالىن ئۆلۈپ، خرۇشېۋ ستالىننى تەنقىد قىلغاندىن كېيىنلا ئېيتالىغان.

ماۋزېدۇڭنىڭ قارىشىچە، ستالىننىڭ ئۆتكۈزگەن ئاساسلىق تۆت خىل خاتالىقى شۇكى، بىرىنچىدىن ستالىن 30 - يىللاردا ۋاڭ مىڭنى قوللاپ، ئۇنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە رەھبەرلىك قىلىپ، خاتالىق ئۆتكۈزۈشىگە سەۋەب بولغان. ئىككىنچىدىن، ياپونغا قارشى ئۇرۇش مەزگىلىدە ستالىننىڭ يەنە ۋاڭ مىڭنى موسكۋادىن يەنئەنگە ئەۋەتكەنلىكى. ئۈچىنچىدىن ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ستالىننىڭ جۇڭگونى پۈتۈنلەي ئامېرىكىغا ۋە جاڭكەيشىگە بېرىۋېتىشنى قارار قىلىشى. تۆتىنچىدىن ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى يېرىم تېتو ھېسابلىغانلىقى قاتارلىقلاردۇر.

مەزكۇر ماقالىدە نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ جۇڭگو كوممۇنىستلار پارتىيىسىگە ئىشەنمىگەنلىكى، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاسىيانىڭ تېتوسى دېگەنلىكى سەۋەبىدىن بۇ ئىشنىڭ ئۇنىڭ قەلبىدە ئالتە يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ساقلانغانلىقىنى ئېيتقان ئىكەن. ماۋزېدۇڭ يەنە 1949 - يىلى 12 - ئايدا ئۆزىنىڭ تۇنجى قېتىم موسكۋانى زىيارەت قىلغاندا ستالىننىڭ ئۆزىگە سوغۇق مۇئامىلە قىلغانلىقىنى ئۇنتالمىغان بولۇپ، ئۇ موسكۋادا ئۈچ ئاي تۇرۇش جەريانىدا كۆپ بىئاراملىق ھېس قىلغان. ئۇ چاغدا ماۋزېدۇڭ ستالىننىڭ 71 ياشلىق مۇراسىمىغا قاتناشقان بولۇپ، ئۇ ستالىندىن جۇڭگو - سوۋېت دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ستالىن بۇنىڭغا بىراقلا قوشۇلماي، ۋاقىتنى سوزغان.

بۇ يىل 5 - مارت سىتالىن ئۆلگەن كۈندە موسكۋاغا زىيارەتكە كەلگەن ئەردوغاننىڭ ئوسال ئەھۋالدا قالغانلىقىنى ماۋنىڭ 1950 - يىلى 25 - دېكابىردىكى ئوسال ئەھۋالغا قالغىنىغا ئوخشاتقان بولۇپ ، ئەردوغانغا قارشى ئەرەب مېدىيالىرى ۋە رۇسلارنىڭ مېدىيالىرى قەستەن كۆپتۈرمە ئۇچۇرلار بىلەن ئاۋامنى قايمۇقتۇرۇپ ، ئەردوغاننىڭ ئوسال ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىدىن تەنتەنە قىلغان .  تەھلىلچىلەر بۇنى سىتالىننىڭ 1949 - يىلى دېكابىردا 71 ياشقا توشقان كۈنىدە ماۋ زېدوڭنى قەستەن يېرىم كۈن ساقلىتىپ ، بارلىق مېھمانلار ئۇزىغاندا ، كېچە سائەت بىر يېرىمدا ئاندىن قوبۇل قىلغانلىقىغا ئوخشاتقان .

ستالىن ئۇيغۇرىستاننى ماۋ زېدوڭغا بىكارغا بەرمىگەن

سىتالىن ئۇزۇن مۇددەتلىك سۈكۈتتىن كېيىن، ئاخىرى خىتاي بىلەن كېلىشىم تۈزۈشكە ۋە خىتايغا زور مىقداردا ئىقتىسادىي، تېخنىكا ۋە باشقا جەھەتلەردىن ياردەم بېرىشكە قوشۇلغان. ئەمما، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ماۋ زېدۇڭنى بىر قانچە مەسىلىلەردە يول قويۇشقا مەجبۇر قىلغان. ستالىن "شىنجاڭ مەسىلىسى"دە ماۋ زېدۇڭنى كان مەھسۇلاتلىرى ۋە نېفىت ساھەسى بويىچە ئىككى بىرلەشمە شىركەت قۇرۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ جايدا ئىمتىيازىنى تىكلىشىگە مەجبۇر قىلغان.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي شىمال تۆمۈر يولىنى ئىككى تەرەپ بىرلىكتە باشقۇرۇش، لۈشۈن پورتىنى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دېڭىز ئارمىيە بازىسى قىلىش مەسىلىلەردە قەتئىي تەلەپ قىلغان بولۇپ، ماۋزېدۇڭ بۇنىڭغا قوشۇلماسلىققا ئامالسىز قالغان. قىسقىسى ، ستالىن 1949 - يىلى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتايدىكى مۇستەقىل ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدىن قېلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەركىبىگە كىرىشى، بۇرھان شەھىدى ۋە تاۋ سىيۈئې قاتارلىق گومىنداڭ ھەربىي - سىياسىي ئەمەلدارلىرىنىڭ تەسلىم بولۇپ، ئازادلىق ئارمىيىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىشىدە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان بولۇپ، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىگە كىرگۈزۈلىشىدىكى مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغاندىن سىرت يەنە شەرقىي شىمالغىمۇ قوشۇن كىرگۈزۈپ، ئۇ يەردىن ياپونىيىنى قوغلىغان ئىدى.

"ماۋزېدۇڭ بىلىنمىگەن ھېكايە" ناملىق كىتابتا يېزىلىشىچە، ماۋزېدۇڭ موسكۋادا ستالىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە ھەتتا "شىنجاڭنى مۇستەملىكە" دەپ ئاتىغاندىن سىرت يەنە تاشقى موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. ستالىن بۇ بەدەللىرى ئۈچۈن ماۋ زېدۇڭنى ئۆزىنىڭ ئالدىدا ياشىسۇن ستالىن دەپ توۋلاشقا، ئۆزىنى مەدھىيىلەپ ماقالە يېزىشقا مەجبۇر قىلغان. ئەمما ئۇ ئۆلگەندىن ۋە جۇڭگونىڭ ئىگىلىكىنى تىكلىۋالغاندىن كېيىن، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ جۇڭگوغا ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشىغا يول قويماي، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈشكە ھەتتا ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلىشقىمۇ تەييارلانغان.

"بوشۈن" تورىدىكى ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، قىسقىسى، ستالىننىڭ ماۋ زېدۇڭنى كۆزگە ئىلمىغانلىقى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاكىلارچە مۇئامىلە قىلىشى، ماۋزېدۇڭنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورۇنلاشقان بولۇپ، بۇ ئاخىرىدا بۇ دۆلەت بىلەن مۇناسىۋەتلىرىنى بۇزۇۋېتىشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلانغان ئىكەن.

يۇقىرىقى بارلىق مەزمۇنلار تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ شۇ ھەقتىكى ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ قىسقارتىپ ئېلىندى .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 15 - ئاپرىل.
6

« سەككىز يىلدىن كېيىن ئوقۇلغان جىنازا نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمى» :

1947 - يىلى 4- ئاينىڭ 11 - كۈنى، يەنى ھىجىرىيە 1366 - يىلى 5 - ئاينىڭ 20 - كۈنى جۈمە : ئۈرۈمچى شەھەر كوچىلىرى ئاپئاق سەللە ئورىغان مويىسپىتلەر ، ئاق باغلىغان ئىشچى - خىزمەتچى ، ھۈنەرۋەن كاسىپلار ، ئاق لېچەك سالغان مەزلۇملار ، رەت - رەت تىزىلىپ پلاكات كۆتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ماتەم بەلگىسى تاقىغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ ئۈرۈمچىدە تۇرۇشلۇق ۋەكىللىرى ۋە ئوماق بالىلار بىلەن تولغانىدى . كوچا - كوچىدىن ئايىغى ئۈزۈلمەي چىقىۋاتقان خەلق توپى ماتەم مۇراسىمى مەيدانىغا قاراپ ئاقماقتا ئىدى .
نەچچە مىڭ ئادەم توپلانغان ماتەم مۇراسىمى مەيدانىدا پىغانلىق يىغا ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇراتتى .
رەئىس سەھنىسى ئۈستىگە تارتىلغان پلاكاتقا : ‹‹ مەرھۇم خوجىنىياز ھاجىم ۋە شېرىپخان تۆرىلەرنىڭ ماتەم مۇراسىمى ›› دەپ يېزىلغان ئىدى .
رەئىس سەھنىسىدە  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبەرلىرى ، ئۆلكە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ ھەيئەت ئەزالىرى ، ئىنقىلابىي ياشلار ۋەكىللىرى ، ھەربىيلەر ، ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ، ئەينى ۋاقىتتا قۇمۇل دېھقانلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر ماتەم بىلدۈرۈپ سۈكۈتتە تۇراتتى .

بۇ ماتەم مۇراسىمى  شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىنىڭ رەھبىرى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ئېچىلغانىدى ،
ئەخمەتجان قاسىمى تەزىيە نۇتقىدا قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى ۋە خوجىنىياز ھاجىمنىڭ پائالىيىتى توغرىسىدا قىسقىچە توختالغاندىن كېيىن ، ئۆلكىمىزدە ئەسىرلەپ ھۆكۈم سۈرگەن فېئوداللىق ئىستىبداتلىق تۈزۈم ۋە ئۇنىڭ ئىجراچىسى بولغان ياڭ زېڭشىن ، جىن شۇرىندىن ئىبارەت ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ خەلققە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپىتى ، زۇلۇمغا قارشى قوزغالغان قۇمۇل خەلقىنىڭ جىن شۇرىننىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغانلىقى ، ئۇنىڭ مېۋىسىگە ئىگە بولۇۋالغان جاللات شىڭ شىسەينىڭ ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغان 10 يىل جەريانىدا خەلققە كەلتۈرگەن ئازاب - ئوقۇبەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ : قۇمۇل دېھقانلار ئىنقىلابى فېئودال ئىستىبدات ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغالغان ئىنقىلاب ، بۇ ئىنقىلاب  ۋەتىنىمىزنىڭ يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ھەر قانداق ئىنقىلابتىن ئىلغار دەۋر بۆلگۈچ ئىنقىلابتۇر . ئۇ ، خەلقىمىزنىڭ ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى كۈرىشىنىڭ باشلىمىسى ، خەلقمىز بۇ ئىنقىلابنى مەڭگۈ قەدىرلەيدۇ ، ئىنقىلاب يولىدا قۇربان بولغان شېھىتلەرنى مەڭگۈ ئەسلەيدۇ ، خوجىنىياز ھاجىم مەڭگۈ ھايات ! دەپ ئۈنلۈك خىتاب قىلدى ،
شىڭ شىسەي ۋە ئىستىبدات ھاكىمىيەتكە قارشى توۋلانغان غەزەپلىك شوئارلار ۋە ‹‹ ئامىن ›› ساداسى ئۈرۈمچىنى لەرزىگە كەلتۈردى .
خوجىنىياز ھاجىم بىلەن شېرىپخان تۆرىنىڭ جەسىتى شامالباغ ( ھازىرقى رادىئو ئىستانسى يېنى ) دىكى شېھىتلىككە قاراپ داغدۇغا ۋە يىغا - زارە بىلەن ئېلىپ كېتىلدى.

ئۇنداقتا بۇلار كىملەر !؟ نېمە ئۈچۈن بۇلارنىڭ مېيت نامىزى ۋە دەپنە مۇراسىمى بەش يىلدىن كېيىن ئاندىن ئۆتكۈزۈلدى!؟

خوجىنىياز ھاجى ھەممىمىزگە تونۇشلۇق كىشى:
1934 - يىلى 13 - ئاپرىل تۇنجى جۇمھۇرىيەت مۇنقەرز بولۇپ، ئۈچ ئاي ئارىسالدى بولۇپ قالغان خوجىنىياز ھاجى ئاخىرى شۇ يىلى 8 - ئايدا ئۆز ئايىغى بىلەن ئۈرۈمچىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن تاكى 1937 - يىلى يازغىچە نىسبەتەن تىنچ ئۆتۈپ، 1937 - يىلى مايدا گېنىرال ئابدۇنىياز بىلەن ماخۇسەن شېڭ شىسەيگە جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئىككى ئاي ئىچىدىلا پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى قايتۇرۋالدى.

ئاقىۋەت سىتالىن بۇ قېتىم ماتورلاشقان زامانىۋى ئارمىيە ئەۋەتىپ، 22 - سېنتەبىرگە قەدەر 8000 ئۇيغۇر ئەسكەر، 5610 تۇڭگان ئەسكەرنى ئۆلتۈرۈپ، ئەركىنلىك ئىنقىلابىنى ئۇجۇقتۇردى. شېڭ شىسەي بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، شۇ يىلى ئۆكتەبىردى باشلاپ بارلىق ئەرباپلىرىمىزنى قولغا ئالدى. 12 - ئۆكتەبىر خوجىنىياز ھاجى قولغا ئېلىنىپ، 1938 - يىلى دېكابىردا ماشاۋۋۇ قاتارلىق 108 داڭدار شەخسلەر بىلەن بىللە بوغۇپ ئۆلتۈرۈلدى.

گەرچە شېڭ 1939 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇيغۇر ، قازاق ۋە موڭغۇللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى يىغىنغا چاقىرىپ تۇتقۇن قىلماقچى بولغان بولسىمۇ، بىراق شەرىپقان تۆرىنىڭ ئىناۋىتى قازاق خەلقىنىڭ ئىچىدە تولىمۇ يۇقىرى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە سوۋېتمۇ بۇنداق نازۇك ئىشتا ئۇنى قوللاپ كەتمەيدىغان بولغاچقا، ئامالسىز بىر مەزگىل ئۇنى قەستلىيەلمەيدۇ. / شەرىپقخان تۆرە كۆگەبايئوغلى: شەرقىي تۈركىستان قازاقلىرىنىڭ خان نەسلىدىن كەلگەن ئېسىلزادىلىرىدىن بولۇپ، 1900 - يىلى ئالتايدا تۇغۇلغان. 1933 ـ يىلى ئالتاي رايونىغا ۋالىي بولغان. 1940 ـ يىلى 11 - ئاپرىل تۇتقۇن قىلىنىپ، 1942 - يىلى ئاپرىلدا شېڭ شىسەي زىندانلىرىدا شېھىت قىلىنغان /

1937 - 1939 - يىللاردىكى چوڭ تازىلاش تۈگىمەيلا، جاللات شېڭ 1940 - يىلى يەنە بىر قېتىملىق تازىلاشنى باشلىدى. بۇنىڭغا قارشى ئۇيغۇرلاردا قارشىلىق قىلغۇدەك مادار قالمىدى.
چۈنكى ئاللىبۇرۇن مىللەتنىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئاقساقاللىرى، رەھبەرلىرى ۋە مائارىپچىلىرىدىن 250 مىڭ كىشى ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇيغۇرلار چارىسىز ھالغا چۈشۈپ قېلىپ، قوزغىلاڭ قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.شۇڭا
1940 - يىلى فېۋرالدا ئالتاي خەلقى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇنى پۇرسەت بىلگەن جاللات شېڭ « يىغىن » باھانىسىدە ئالتاي قازاقلىرىنىڭ ئاقساقىلى، ئالتاي ۋالىيسى ۋە ھەربىي باش قوماندانى شەرىفخان تۆرىنى ئۈرۈمچىگە ئالداپ كېلىپ، 1940 - يىلى 11 - ئاپرىل تۈرمىگە تاشلىدى. شۇ قاتاردا ئىلى، ئالتاي، تۇرپان - قۇمۇل، كورلا - ئاقسۇ ۋە خوتەن قەشقەردىن يۈزمىڭلىغان كىشىلەر تۇتقۇن قىلىنىپ، مەخپىي ئۆلتۈرۈلدى.

دېمەك ۋەتەن ۋە دۆلەت، ھۆرلۈك ۋە ئازاتلىق،
مۇستەقىللىق ۋە ئەركىنلىك شۇنچىلىك مۇھىم ئىكەنكى، بۇنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويغانلار نە ھاياتىدا نە ئۆلگەندە ئارامىدا ياتالمايدىكەن.

يەنە قاچانغىچە « ۋەتىنىمزدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇن بولۇپ ياشاۋېرىمىز!؟».

داھىيلىرىمىزنىڭ قەبرىلىرىگە، ھەتتا مىڭ يىللىق تەۋەررۈك مەسچىتلىرىمىزگە ئىگە چىقالمىدۇق!
« كالىنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن موزاينىڭ بېشىغا كېلىدۇ». ئۇنداقتا بىزنىڭ تىرىكلىكىمىزنىڭ ۋەتەندىكى خەلقىمىزگە ھېچ پايدىسى بولمىسا، دېمەك ئۆلۈكىمىز توڭگۇزدىنمۇ بەتتەر خار بولىدۇ دېگەن گەپ !

قېنى ئەمىسە، سوئاللار ۋە جاۋاپلار سىلەرگە قالدى ! كىم بولۇش، نېمەقىلىش، نېمە يېيىش ۋە نېمە كىيىشنى ئۆزۈڭلار قارار قىلىڭلار !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 11 - ئاپرىل پەيشەنبە
7

ئۇيغۇرلار كىملەر ئىدى !؟ چارپادىشاھلار ۋە سىتالىن نېمە ئۈچۈن ئۇلاردىن بىئارام ئىدى !؟

تۈركىي تىللار دىۋانىدا شانلىق تارىخى بار، دۆلىتى بار، قەھرىمانلىق سۈپەتلىرى بىلەن تەرىپلەنگەن ئەزىز مىللىتىمىز ئەڭ كېچىكتى دېگەندىمۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 678 - يىلدىن بېرى ھازىرقى ۋەتىنىمىز، ئوتتۇرا ئاسىيا، ۋە موڭغۇل دالالىرىدا سەلتەنەت سۈرۈپ كەلگەن ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 4 - ئەسىردە يۈز بەرگەن « ئىسكەندەرنىڭ يۈرۈشلىرى » دىن كېيىن، تۈركىي خەلقلەرنىڭ سەلتەنەت قۇياشى موڭغۇلىيەدە پارلىدى. مىلادى 6 - ئەسىردە ئالتايدىكى ئەرگىنەقۇن تۈركلىرى ئاتلىق ئۇيغۇر ئەسكەرلىرىگە تايىنىپ، ھازىرقى رۇسىيەدەك كېڭىيىپ، ئاسىيانىڭ ئوتتۇرىدا باش كۆتۈردى.
744 - يىلى قاغانلىق كۆكتۈركلەرنىڭ قولىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ غەرپتىكى ئىككى كۈچلۈك قېرىندىشى قارلۇقلار بىلەن ئوغۇزلارمۇ پەقەت « يابغۇ » نامىنى قوللاندى.
839 - يىلى ئورخۇندىكى قاغانلىق يىمىرىلىپ، 840 - يىلى قاغانلىققا قاراشلىق كەڭسۇ - كۆكنۇر ، جۇڭغارىيە، يەتتە سۇ ۋە تارىم ۋادىسىدا
كەڭسۇ ئۇيغۇر خانلىقى / 840 - 1036/،  ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى / 840 - 1394/  ۋە قاراخانىيلار خانلىقى / 840 - 1212/ قۇرۇلدى. 
880 - يىلى قاراخان بىلگە كۆل قادىرخان قارلۇق يابغۇسىنىڭ ئاستانىسى « بالاساغۇن» نى ئىگىلەپ، ئاندىن كېيىن ياغلاقار ئۇرۇقىدىن بولغان ئىدىقۇت ۋە ئۇدۇن خانلىرىنى قايتىدىن بېقىندۇرۇپ، كۆكتۈرك قاغانلىقى، ئۇيغۇر قاغانلىقىدىن كېيىنكى ئۈچىنچى قاغانلىق « قارا خانىيلار قاغانلىقى » نى بارلىققا كەلتۈردى.  قارلۇقلار « يابغۇ » نامى بىلەن قوشۇلۇپ، كېيىنچە باشقا قەبىلىلەر بىلەن بىرلىكتە ھازىرقى زامان ئۇيغۇرلىرىنىڭ ئېتنىك ئەجداتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ھازىرقى تۈركمەنىستاندا تۇرۇۋاتقان ئوغۇزلار يەنىلا « يابغۇ» لۇق نامىنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنى قاغان دەپ ئاتىمىدى. چۈنكى شەرقتە قاراخانىيلار قاغانلىقى، غەرپتە ھازار قاغانلىقى بار ئىدى. ئوغۇز يابغۇلىقى / 750 - 1056/ مىلادى 960 - يىلى بىر مەزگىل قاراخانىيلارغا تەۋەلىك بىلدۈرگەن.

1134 - يىلى قاراخىتايلارنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كېلىپ، 1141 - يىلدىن باشلاپ بېقىندى ھالغا چۈشۈپ قالغان. بىراق ئىچكى جەھەتتە داۋاملىق مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قالغان.
كۈچلۈكنىڭ 1212 - 1216 - يىللىرىدىكى زۇلۇملىرى سەۋەبىدىن، ئىدىقۇت خانى بارچۇق ئارت تېكىن 1209 - يىلى چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلىپ، 1218 - يىلى جەبە نويانغا يول باشلاپ، تارىم ۋادىسى ۋە پەرغانە ۋادىسىدىكى قان - قېرىنداشلىرىنى قاراخىتاي زۇلۇمىدىن تولۇق قۇتقۇزۇپ، ئۇيغۇر تارىخىدا شانلىق بىر سەھىپە ئاچتى.

موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئۇيغۇرلارغا بەكرەك تايانغاچقا، ئۇنىڭ غەلىبىسىنى ماھىيەتتە ئۇيغۇرلارنىڭ غەلىبىسى دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە شۇنى تىلغا ئېلىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىكى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئەمەلىي كۈچى كۈچلۈك بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھەتتا موڭغۇل ئىمپېرىيىسىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل خانلىق قۇرۇش دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەن. بۇنىڭغا غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان ئەرتىنە(ئەراتنا) خانلىقىنى مىسال قىلىشقا بولىدۇ. بۇ خانلىقنى ئىلخانىيلارنىڭ ئاناتولىيىدىكى باش ۋالىسى ئەرتىنە قۇرغان. ئەسلىدە ئاناتولىيە 1242 - يىلدىكى كۆسەي تاغ ئۇرۇشىدىن كېيىن، موڭغۇل ھىلاكۇخانغا قارام ئەلگە ئايلانغان. 1258 - يىلى ھىلاكۇخان باغداتنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ھەر قايسى قەبىلىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان. ھىلاكۇخان 1256 - يىلى ئىلخانىيلار خانلىقىنى قۇرۇپ، 1265 - يىلى ئۆلگەن. ئۇنىڭ ئەۋلادى مەھمۇد قازانخان 1295 - يىلى مۇسۇلمان بولغان. ئۇنىڭ ئوغلى ئولجايتۇخان ئۇيغۇر سەركەردە ئەراتنانى ھازىرقى تۈركىيەنىڭ باش ۋالىيسى قىلىپ ئەۋەتكەن. ئەرتىنە ئەسلىدە مىلادى 1327- يىلى ئاناتولىيىگە باش ۋالى بولۇپ تەيىنلىگەن. ئىلخانىيلارنىڭ ئاخىرقى قۇدرەتلىق خانى ئەبۇ سەئىدخان ۋاپات بولۇشىغىلا، ئەراتنابەگ  مىلادى 1335- يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ مۇستەقىللىق ئىلان قىلغان. بۇ خانلىق مىلادى 1381- يىلىغىچە46 يىل ھۆكۈم سۈرگەن. بۇ خانلىقتا ئەرتىنە (1335-1352- يىللار)، غىياسىدىن(1352- 1365- يىللار)، ئالائىددىن (1365- 1380-يىللار)، مۇھەممەد(1380- يىلى) ۋە قىلىچ ئارسلان(1380-1381- يىللار) قاتارلىق بەش كىشى تەختتە ئولتۇرغان. بۇ خانلىق ئەڭ كۈچەيگەن مەزگىلدە زىمىنى ئاناتولىيىگە تولۇق كېڭەيگەن. ئەراتنانىڭ دەۋرىدە ئەڭ كۈچلۈك دەپ قارالغان قارامان ئوغۇللىرى، چوپان ئوغۇللىرى، ئوسمان ئوغۇللىرىمۇ بىردەك ئەراتناخانغا بويسۇنغان. بەلكىم ئوسمانىلارنىڭ 1362 - يىلى پايتەختىنى ئاسىيادىكى « بۇرسا » دىن ، ياۋروپا تەرەپتىكى « ئەدىرنە» گە كۆچۈرۈشى ئەراتنا خانلىقىنىڭ بېسىمىدىن بولسا كېرەك!

1221 - يىلدىن 1331 - يىلغىچە بىپايان ۋەتىنىمىز ئىسلام دۇنياسىدىكى بارلىق چارىسىز كىشىلەر قېچىپ كېلىپ پاناھلىنىدىغان بىخەتەر جايغا ئايلانغان. ئۇنىڭدىن كېيىنكى يۈز يىلدا يۈەن سۇلالىسى، ئۆگۈدەي خانلىقى، ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانىيلار بىلەن بولغان ئۇرۇشلار، ئاخىرىدا ئەمىر تۆمۈر بىلەن بولغان 20 يىللىق ئۇرۇش جەريانىدا تۇرغۇنلۇقتا تۇرۇپ قالغان. ئەمما خىزىر خوجىنىڭ تىرىشچانلىقىدا 10 يىللىق تىنچلىققا ئېرىشىپ، چاغاتاي خانلىقى قايتا قۇدرەت تاپقان. 1414 - يىلدىن 1514 - يىلغىچە خانلىق ئۈچكە بۆلۈنۈپ كېتىپ، تارىم ۋادىسى يەكەننى مەركەز قىلغان مىرزا ئابابەكرى قولىدا، تۇرپان - قۇمۇل، جۇڭغارىيە ۋە ئىلى ۋادىسى سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ قولىدا، يەتتە سۇ، جەنۇبىي قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان تاشكەنتنى مەركەز قىلغان مەھمۇدخان قولىدا بولغان.

1514 - يىلى سەئىدخان يەكەندە « سەئىدىيە خانلىقى / 1514 - 1684/ نى قۇرغاندىن كېيىن، پامىردىن ئالتايغىچە، ئىلىدىن كەشمىرگىچە، ئالمائاتادىن دەشتئاتاغىچە بولغان ئىككى يېرىم مىليون كۋادرات كېلومېتىرلىق بىپايان ۋەتەن قايتا بىرلىككە كېلىپ، خەلقىمىز ئەڭ ئاخىرقى مەدەنىيەت گۈللىنىش باسقۇچىغا قەدەم قويغان. غەرپتىكى بارلىق موڭغۇللار يوقىلىپ كەتكەن، ئەمما ئۇيغۇر بىلەن خوشنا ياشىغان موڭغۇللار ساقلىنىپ قالغان. ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئۇستازى ۋە مەمۇرىي ھۆكۈمرانلىرى بولغان.

تولىمۇ ئەپسۇس ، تارىخنىڭ چاقى 1619 - يىلغا كەلگەندە ۋەتىنىمىزنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى بىردىنلا كەسكىنلىشىپ، ھەممە جاينى قان ھىدى باستى. 1618 - يىلى شۇجائىددىن ئەھمەدخان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر قايسى شاھزادىلەر تەخت تالىشىش ئۈچۈن ھەر قانداق ۋاستىنى قوللاندى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان « ئىشقىيە » ۋە « ئىسھاقىيە » مەزھىپى دەرھال بىردىن تەرەپنى قوللاپ، ئاق تاغلىق ۋە قاراتاغلىق ئىكككى قۇتۇپنى تەشكىل قىلدى. گەرچە ئابدۇرېشىتخاننىڭ نەۋرىسى ئابدۇللاخان 1638 - يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ چاغدا كۈچلۈك ئىككى دۈشمەن ئىشىك ئالدىمىزغىلا كېلىپ قالغانىدى. ئۇلارنىڭ بىرى 1628 - يىلى ئالتايدىن ئېشىپ، تارباغاتايغا يەرلەشكەن « قالماقلار » يەنى جۇڭغارلار، يەنە بىرى 1719 - يىلى قۇمۇلغا پۇتىنى تىقىۋېلىپ، 1759 - يىلى ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلغان خىتايلاشقان مانجۇرلار ئىدى. 1678 - يىلى جۇڭغار خانى غالدان قونتاجى 5 - دالاي لاما نىڭ تەلىپى بويىچە ، ئافاق خوجىنىڭ يول باشلىشىدا ۋەتىنىمىزگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
1684 - يىلى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى تولۇق باستۇرۇپ، ئۈچ يىل تەييارلىق قىلىپ،1689 - يىلى مانجۇرلارنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئاتلاندى.
1713 - يىلى جۇڭغار خانى سېۋان ئاراپتان قارا تاغلىق دانىيال خوجىنىڭ ياردىمىدە قايتا بىر قېتىم ئىشغال قىلدى. 1735 - يىلى غالدان سېرىن يەنە بىر قېتىم ئىشغال قىلدى. 1757 - يىلى قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىندى. بىراق جۇڭغارلارنى يوقاتقان مانجۇرلار قاراتاغلىق قۇمۇل، تۇرپان خوجىلىرىنىڭ ياردىمىدە 1759 - يىلى 5  - ئىيۇل پايتەخت يەكەننى ئىشغال قىلىپ، بەش كۈن قەتلىئام ۋە بۇلاڭ - تالاڭ يۈرگۈزدى. 11 - ئىيۇل ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن قارشىلىق قىلغان خەلقنى كوللېكتىپ قىرغىن قىلىپ، قانلىق ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىدى. مانا بۈگۈن / 11 - ئىيۇل/ 260 يىللىق خورلۇق باشلانغان ماتەم كۈنىدۇر.

پۇتىننىڭ ئىچىنى ئاچچچىق قىلغان تارىخ :

كۆكتۈرك خانلىقى پارچىلانغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ئاۋارلار بىر مەزگىل ھۆكۈم سۈرگەن قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا، ھازارلار باش كۆتۈرۈپ، ئۇرالنىڭ شەرقىدىكى قۇبارت قاغان قۇرغان بۈيۈك بۇلغار دۆلىتى / 630 - 665 / نى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ھازار قاغانلىقى / 650 - 965/ نى قۇردى. بوشناقلارنىڭ ئەجداتلىرى بولغان پەچەنەكلەر، بۇلغارلار ۋە قىپچاقلار ھازارلارنىڭ ئاساسلىق ھەربىي كۈچى بولۇپ قالدى. ھازار قاغانى 742 - يىلى يەھۇدى دىنىنى دۆلەت دىنى قىلىپ بەلگىلىدى. ھازارلار 950 - يىلدىن باشلاپ، غەرپتە رۇسلار، جەنۇپتا شەرقىي رىم، شەرقتە پەچەنەكلەرنىڭ ئورتاق زەربىسىگە ئۇچراپ، 965 - يىلى قاغانلىقى يوق بولغان. 1018 - يىلغىچە ئورنىنى بۇلغار خانلىقى باسقان. 1018 - يىلدىن 1238 - يىلغىچە بۇلغار خانلىقىنىڭ ئورنىنى قىپچاق خانلىقى باسقان. قىپچاقلار 1039 - يىلى قىرىمنى شەرقىي رىم قولىدىن تارتىۋېلىپ، ئىسلاملاشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن رۇسلار شەرقتە قىپچاقلار، غەرپتە پەچەنەكلەردىن مۇداپىئە كۆرىدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان.

كېيىنچە ھازار خانلىقى ئاجىزلىشىپ، بۇرۇنقى بۈيۈك بۇلغار خانلىقى تىرىلىپ، 1 - بۇلغار ئىمپىرىيىسىنى قۇردى. ئۇندىن كېيىن 
1030 - يىلى قالدۇق ھازار خانلىقى توختىماي غەرپكە سىلجىۋاتقان پەچەنەكلەر ، جەنۇپقا كېڭىيىۋاتقان كىيېۋ رۇسىيىسى ، ۋە « يۈزسىز ئىتتىپاقداش » ۋىزانتىيەنىڭ بىرلەشمە ھۇجۇمى سەۋەپلىك مۇنقەرىز بولدى . ئۇلارنىڭ تارىخىي ئورنى قىپچاقلارغا قالدى.

ئۇنداقتا بۇلغارلار كىملەر !؟؟

بۇلغارلار :

ئىلخانىيلار تارىخچىسى راشىدىن يازغان
« جامىئۇتتاۋارىخ»نىڭ كىرىش سۆزىدە « ئەسلىدە موڭغۇل ئۇلۇسى تۈرك قەۋملىرىنىڭ بىر پارچىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ قىياپەتلىرى ۋە تىللىرى ئوخشاش ئىدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى نۇھ ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى بۇلغار / بۇلجا/ خاننىڭ نەسلىدىن كۆپەيگەنلەر ئىدى. بۇلغارخان بارلىق تۈرك ئۇلۇسلىرىنىڭ ئاتىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن تاكى ئەرگىنەقۇن ۋەقەسىگىچە بولغان ئۇزۇن تارىخىي دەۋردە تۈركلەردە نە يېزىق، نە كىتاپلىرى بولمىغاچ بۇ تارىخلاردىن پەقەت ئازغىنا ئۈزۈندىلەر پەقەت نەسىلدىن نەسىلگە ئاغزاكى يەتكۈزۈلۈپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ ياشايدىغان جايلىرى بەكلا يېقىن بولۇپ، ئۇلارنىڭ نەدىن نەگىچە پائالىيەت قىلغىنىنى شۇلارنىڭ ئۆزىدىن بىلىنىۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئانا ۋەتىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىدىن خىتايغا، يەنىمۇ شەرقتە جۇرجىتلار زېمىنىغىچە سوزۇلغان.نۆۋەتتە بۇ جايلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلۇغ موغۇلىستان نامى بېرىلمەكتە. 1302 - يىلى». /  ئاپتور بۇ تارىخىي ئەسىرىنى تۇنجى مۇسۇلمان بولغان ئىلخانىيلار خانى « مەھمۇد قازانخان» دەۋرىدە، يەنى 1302 - يىلى  باشلاپ، ئولجايتۇخان زامانىدا، يەنى 1310 - يىلى تاماملىغان. ئالىمنىڭ روھى شاد بولغاي!.

بۇلغارلار، شەرقىي رىم يەنى ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا بۇ قەبىلە مىلادىيە 480- ( يەنە بىر قاراشتا 482-) يىلى تۇنجى قېتىم تىلغا ئېلىنغان. بۇ قەبىلە ئون ئۇيغۇرلار كاۋكازنىڭ شىمالى ۋە ۋولگا دەرياسىنىڭ غەربىگە يېتىپ كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي پەيدا بولغان. بۇ قەبىلىنىڭ تۇرغان جايى باشقا قەبىلىلەرنىڭ تۇرغان جايىغا قارىغاندا غەربكە ئەڭ يېقىن بولۇپ، ئۇلار كاۋكازدىن تاكى دوناي دەرياسىنىڭ ساھىلىغىچە سوزۇلغان. خېلى چوڭ رايون شەرقىي رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ شىمالىي چېگرىسىغا تۇتاشقان.
ۋىزانتىيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ قەبىلە مىلادىيە VII ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، قارا دېڭىزنىڭ شىمالىدا «بۈيۈك بۇلغارىيە» / 630 - 665 / بۈيۈك قاغانى قۇبارت قاغاندۇر/
‏ (Lagrande Bulgaria) دەپ ئاتالغان بىر دۆلەت قۇرغان. كېيىن ئۇلار ئون ئۇيغۇر ئىتتىپاقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن. «بۇلغار» دېگەن نام «بەلغۇر» يەنى «بەش ئوغرى» ياكى «بەش ئوغۇز» دېگەنلىك، دېگەن قاراش بار. مىلادىيە 469- يىلى ياۋروپا ھون ئىمپېرىيىسى ئاغدۇرۇلغاندا ھونلار ئاتىللانىڭ كىچىك ئوغلى ئېرنەك باشچىلىقىدا ئون ئوغۇرىيىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىگە قوشۇلغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئون ئوغۇرلار ئۆزلىرىنى «ھونۇغۇرلار» دەپمۇ ئاتاشقان . كېيىن «ئون ئوغۇرلار» بۇلغار دېگەن نامنى ئۆزلىرىنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقىنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللانغان. نەتىجىدە نامدا ھازار خانلىقىغا بېقىنىدىغان، ئەمەلىيەتتە كۈچلۈك ئاساسى بار ئېدىل بۇلغار دۆلىتى / 665 - 1291 / بارلىققا كەلگەن. 922 - يىلى 12 - ماي ۋولگا بۇلغار خانلىقى دۆلەت بويىچە ئىسلامغا كىرگەن. « 922 - يىلى 12 - ماي يەكشەنبە كۈنى ، ئايلاپ يولىغا تەلمۈرگەن ئابباسىيلار ئەلچىلەر ئۆمىكى خەلىپىنىڭ تەبرىك مەكتۇپىنى ئېلىپ كەلگەن. بۇلغار خانى تەۋەسىدىكى بارلىق قەۋملىرىگە باش بولۇپ شۇ كۈنىلا ئىسلام دىنىغا كىرگەن».

922 - يىلى ئىسلام دىنىغا كىرگەندىن كېيىن، قىپچاقلارغىمۇ تەسىر كۆرسىتىپ، 1018 - يىلى يىقىلغۇچە يۈز يىل جەرياندا ئۇلارنى ئىسلامغا كىرگۈزۈپ بولغان. ھەتتا كىيېۋ رۇس كېنەزى ۋىلادىمىر 962 - يىلى بۇلغار خانلىقىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇسۇلمان بولغىلى تاسلا قالغان ئىكەن. ** 

** 962 ـ يىلى تۇنجى رۇس كېنەزى ۋىلادىمىر
ۋولگا بۇلغار خانلىقى(922 ـ يىلدىن باشلاپ ئىسلام دىنىغا كىرگەن)،غەربىي رىم (كاتولىك مەزھىپىدە)،ۋە شەرقىي رىم (ھازىرقى رۇسلارنىڭ ئەنئەنىۋى خىرىستىئان مەزھىپى)گە
ئەلچى ئەۋەتىپ،رۇسلارنى ساماۋى دىنلارنىڭ بىرىگە كىرگۈزۈپ بىرلەشتۈرۈشكە بەل باغلىغان.( ئەلچىلەر رىمدىكى مۇخلىسلارنىڭ بەك ھۇرۇن ئىكەنلىكى،ئىبادەتكە بەكلا سۇسلۇق قىلىدىغانلىقى،بۇلغارلارنىڭ رۇسلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ھاراق بىلەن توڭگۇز گۆشىنى ئىستىمال قىلىشنى چەكلەيدىغانلىقى،
ئاياسوفىيە چېركاۋىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرگە ھەتتا ئىمپىراتوردىن ئاددىي پۇقرالارغىچە قىزغىن ئىشتىراك قىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان.نەتىجىدە ۋىلادىمىر رۇسلارنى شەرقىي
رىمنىڭ مەزھىپى بولغان ئوردوتوكس مەزھىپىگە مەجبۇرىي كىرگۈزۈپ،تارىختىكى تۇنجى رۇس دۆلىتى ــ كىيېۋ رۇس خانلىقى
(965 ـ 1237)نى قۇرۇپ چىققان.بۇ دۆلەت
ئالتۇن ئوردا( 1237 ـ 1501) خانى باتۇخان قولىدا مۇنقەرز بولغان).

كېيىنچە بۇلغارلار ھازىرقى بۇلغارىيىنى مەركەز قىلىپ، بالقاندا ئىككىنچى بۇلغار خانلىقىنى قۇرۇپ چىققان. بۇ خانلىق 1394 - يىلى سۇلتان 1 - بايەزىد قولىدا مۇنقەرز بولغان.

1870 ـ يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان( 1861 ـ
1876)بۇلغارىيە چېركاۋىنىڭ ئىستانبۇل چېركاۋىدىن مۇستەقىل ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.

1876 - يىلى سۇلتان ئابدۇلئەزىزخان قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇلغارلار توپىلاڭ كۆتۈرگەن. ئاخىرى 1878 - يىلى كېنەزلىك ھوقۇقىغا ئېرىشكەن. 1908 - يىلى ئىستانبۇلدىكى ھەربىي ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىپ، تولۇق مۇستەقىللىققا ئېرىشكەن. 1912 - يىلى تۇنجى بالقان ئۇرۇشىدا ئىستانبۇلدىن باشقا بارلىق ئوسمانلى تۇپرىقىنى ئىشغال قىلىۋالغان. 1913 - يىلى ئەنۋەر پاشا ھازىرقى خەرىتىگىچە بولغان جايلارنى قايتۇرۇۋالغان. دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۆزئارا ئىتتىپاقداش بولۇپ، تەڭ يېڭىلىپ جازالانغان. يېقىنقى يۈز يىللىق تارىخى ھەممىگە مەلۇم.

ئۇنداقتا پۇتىن غەزەپ بىلەن تىلغا ئېلىپ، خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشاتقان پېچەنەكلەر ۋە كۇمانلار ( قىپچاقلار ) كىم !؟

پەچەنەكلەر :

پەچەنەكلەر ھازار خانلىقىنىڭ جەڭگىۋار ھەربىي كۈچى بولۇپ، ھازىر خانلىقى زەئىپلىشىشكە باشلىغان چاغدا، پەچەنەك خانلىقى / 860 - 1091 / نى قۇرۇپ چىقتى . بۇلغار خانلىقى ۋە پەچەنەك خانلىقى ئىچىدە راۋاجلىنىپ، يېڭى مۇسۇلمان بولغان بوشناقلار 1030 - يىلدىن 1090 - يىلغىچە ئۇدا غەرپكە كۆچتى. مەھمۇد كاشغەرىي 1060 - يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرى يىراق ئۇرال ۋە  قارا دېڭىزنىڭ شىمالىغىچە بېرىپ، ئاخىرقى پەچەنەك ئايماقلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەپ، ئۇلارنى دىۋانغا پۈتتى. 1071 - يىلى 26 - ئاۋغۇست جۈمە « مالازگىرت ئۇرۇشى » دا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى تەركىبىدىكى قابىل مەرگەنلەر بولغان پەچەنەك ئوقياچىلىرى ۋە ئارغىماقلىق چەۋەندازلىرى تۇيۇقسىز ئوقلىرىنى شەرقىي رىم تەرەپكە ياغدۇرۇپ، ئالپ ئارسلاننىڭ زەپەر قۇچۇشىدا ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. سەلتەنەتلىك پېچەنەكلەر كېيىنچە
1030 - يىلدىن 1091 - يىلغىچە ئۇدا غەرپكە كۆچۈپ يۈرۈپ، بالقاندىكى ھەر قايسى مىللەتلەرگە سىڭىپ كەتتى. ئاز ساندىكى ئەۋلاتلىرى مىلادى 12 - ئەسىردە ھازىرقى بوسنىيەدە « بوسنىيە بەگلىكى » نى قۇرۇپ ، پەيدىنپەي زورىيىپ، جەنۇبىي ياۋروپادىكى بۇلغارلار، ھونگىرلار، سېربلار ۋە ئوسمانىلار بىلەن تەڭ قاتاردىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. 1463 - يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ بوسنىيە دۆلىتىنى  ئوسمانلى زېمىنىغا قوشۇۋالدى. شۇنىڭ بىلەن بوسنىيە تاكى 1908 - يىلى ئاۋستىرىيە/ ھونگرىيە ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئىگىلەنگەنگە قەدەر 445 يىل ئوسمانلى زېمىنى بولغان. تۈركلەر بۇ جايدا ئىسلامنى تارقاتقاندا بوشناقلار ئىسلامنى ئاللىبۇرۇن ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇپ ، پەقەت بىر قىسمى ئۆرپ - ئادەت ئورنىدا ساقلىنىپ قالغان. شۇڭلاشقا ئۇلار تېزلا قايتا يېڭىدىن ئىسلاملاشقان. بىر قىسمى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان « سارايېۋو شەھىرى » دەل ھازىرقى بوسنىيەنىڭ پايتەختى « ساراي بوسنا  » ئىدى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن ئاۋستىرىيە - ھونگرىيە ئىمپىرىيىسى تەخت ۋارىسىنى بىر سېرب ئاشقۇن سارايېۋودا ئېتىۋەتكەن. نەتىجىدە شۇ يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ كەتكەن.

قىپچاقلار ( كۇمانلار ) :

قىپچاقلار ئەڭ ئاۋۋال مىلادىدىن بۇرۇن 1- ئەسىردىن باشلاپ تارىخى خاتىرىلەردە كۆرۈنۈشكە باشلىغانىدى. بىر چوڭ تۈرك توپلىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇندىن كېيىنكى ياۋرو-ئاسىيا دالاسىنىڭ 2000 يىللىق تارىخىغا سالماق تەسىر كۆرسەتتى. مەيلى قىپچاقلار قۇرغان ھىندىستان دېھلى سۇلتانلىقى، مىسىر مەملۇكىيلەر خانلىقى ، ئۆزبېك خانلىقى، قازاق خانلىقى بولسۇن ۋە ياكى ئاتىللا قوشۇنى، موڭغۇل ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى، رىم ئىمپېىرىيىسى قوشۇنى ئىچىدىكى قىپچاقلار بولسۇن شۇ دەۋىرنىڭ تارىخى ۋەزىيىتى، سىياسىي تىرىتورىيىسىگە بەلگىلىك تەسىر كۆرسەتتى. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇرۇنقى قىپچاقلار 9 - ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ سامانىلار ، قاراخانىلار ۋە بۇلغارلارنىڭ  ھىممىتىدە ئىسلاملىشىپ، 1019 - يىلدىن 1234 - يىلغىچە دەشتى قىپچاقتا ھۆكۈمران بولدى. ئۇندىن كېيىن بىر قىسمى موڭغۇللارغا باش ئەگدى. زور بىر قىسمى ھونگىرىيەگە كۆچۈپ، پوشتا يايلىقىدا ماكانلاشتى. كېيىنچە ھونگىرلار، بۇلغارلار ۋە بوشناقلارغا قوشۇلۇپ كەتتى.

1223 - يىلى 1 - ئىيۇن ئەسلىدە ۋەتىنىمىزنى قاراخىتايلاردىن ئازات قىلغان جەبە نويان بىلەن نىلقىدا ئىزى قالغان سۇبوتاي ( سوبوتاي بىلەن جەبە ئورخۇن ئۇيغۇرلىرىدىن شاخلاپ چىققان ساپ تۈركىي قەۋمدىن كېلىپ چىققان نويانلار) باشچىلىقىدىكى بۈيۈك موڭغۇل قوشۇنى ئىدىقۇت ئۇيغۇر چەۋەندازلىرىنىڭ يول باشلىشىدا يىراق دەشتى قىپچاقنى بېسىپ ئۆتۈپ، ھازىرقى جەنۇبىي رۇسىيەدىكى كالكا دەرياسى بويىدا كىيېۋ رۇس ئىمپىرىيىسى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلغان.« ئەسلىدە خارەزىمشاھنىڭ قىپچاق قەبىلىلىرىگە قوغلاپ زەربە بېرىۋاتقان موڭغۇللار تۇيۇقسىز ئالدىن ئۆزىنى كۈتۈپ تۇرغان رۇس - قىپچاق بىرلەشمە قوشۇنىغا دۇچ كەلگەن. تۇنجى ئۇرۇش 31 - ماي باشلىنىپ، نەچچە كۈنلۈك شىددەتلىك جەڭدىن كېيىن، موڭغۇل قوشۇنى رۇسلارنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلاپ، ئەتراپتىكى شەھەرلەرنى تۈزلىۋەتكەن. 1236 - يىلى باتۇخان ئېتىل بويىدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، تارىختىكى تۇنجى رۇس دۆلىتىنى 1241 - يىلى يوقىتىپ، ياۋروپاغا ئىچكىرىلەپ كىرىپ ، پۈتۈن ياۋروپا تاۋاقتىكى ئاشقا ئايلانغان . لېكىن قاغان ئۆگۈدەينىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى، 1242 - يىلى نائىلاج قاغان سايلاش ئۈچۈن چېكىنىپ كەتكەن».

بىرىنچى قېتىملىق غەربكە يۈرۈش تولۇق غەلىبە  قىلغاندىن كىيىن، 1235 -يىلى موڭغۇل قوشۇنى جوچىنىڭ ئىككىنچى ئوغلى باتۇخاننىڭ قوماندانلىقىدا ئىككىنچى قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك غەربكە يۈرۈشىنى باشلىدى. 1236- يىلى ھازار دېڭىزىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كېلىپ ئېتىل بۇلغارلىرىنىڭ بىپايان زېمىنىنى بېسىۋالدى، ئارقىدىن قىپچاق يايلاقلىرى، ئورۇس ، پەچەنەك، چېركەس زېمىنلىرىنى كونتىرول قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىر پۈتۈن قىپچاق زېمىنلىرى موڭغۇل ئىمپېىرىيىسىنىڭ تېرىتورىيىسى ئىچىگە كىردى. 1242 - يىلى ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىدىن قايتقان باتۇخان ئېتىل بويىدىكى سارايدا رەسمىي ھالدا ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇردى .تارىخىي ئەسەرلەردە بۇ خانلىق جوچى ئۇلۇسى، قىپچاق خانلىقى دەپمۇ ئاتالدى. 1501 - يىلى قىپچاق خانلىقى / ئالتۇن ئوردۇ / يىمىرىلىپ، جەنۇبىي رۇسىيەدە قازان، قىرىم ۋە ئاستراخاندىن ئىبارەت ئۈچ تاتار خانلىقى ھۆكۈم سۈردى. بۇلارنى رۇسلار 1552 - يىلدىن 1783 - يىلغىچە بىر - بىرلەپ يۇتۇۋالدى. شەرققە كۆچكەن قىپچاقلار ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەتىنىمىزگە تەۋە يەتتە سۇنى ئارىيەت ئېلىپ، 1465 - يىلى قازاق خانلىقىنى قۇردى. ئۆزبېكخاننىڭ ئەۋلادى شايبانىخان چاغاتاي سۇلتانى مەھمۇدخانغا بەيئەت قىلىپ ، ئۇنىڭ قوشۇنىنى ئىشلىتىپ 1498 - يىلى سەمەرقەندنى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن تارتىۋېلىپلا، يۈز ئۆرۈپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا شايبانىلار دۆلىتى / 1498 - 1598/ نى قۇردى. ئاخىرقى شايبانى خانى ئابدۇللاخان ۋەتىنىمىزگە ھۇجۇم قىلىپ، يەكەندە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، شۇ يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، يۈز يىللىق داۋالغۇشتىن كېيىن تۆمۈر ئەۋلادىدىن شاھرۇخ بەگ 1710 - يىلى قوقان خانلىقىنى قۇردى. 1876 - يىلى چاررۇسىيە تولۇق يۇتۇۋالدى. كېيىنكى 150 يىللىق سۈنئىي بېسىملار تۈپەيلى قىپچاق قەۋمى قازاقىستاننى مەركەز قىلىپ، دەشتى قىپچاق ۋە سىبىرىيەدە ھەر خىل يېڭى مىللەتلەرنى تەشكىل قىلدى.

خاتىمە : 

ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئورۇسلار ئۇنتىيالمىغان ئاچچىق تارىخنىڭ يىغىنچاق باش - ئاخىرى :

موسكۋا (رېيتېر ئاگېنتلىقى) خەۋىرى: پرېزىدېنت ۋىلادىمىر پۇتىن 8 - ئاپرىل چارشەنبە كۈنى روسىيەنىڭ تاجىسىمان ۋىرۇسقا قارشى كۈرىشىنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تاجاۋۇزچىلارغا قارشى ئېلىپ بارغان كۈرىشىنى سېلىشتۇرۇپ ، كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

پۇتىن تەكىتلەپ 11-ۋە 12-ئەسىرلەردە روسىيەنىڭ تاجاۋۇزچى تۈرك كۆچمەنلىرى بىلەن بولغان جەڭلىرىگە مۇراجىئەت قىلدى. ( ۋىرۇسقا قارشى تۇرۇشنى شۇلارغا قارشى تۇرۇشقا ئوخشاتتى ).

 «ھەممە ئىشلار ئۆتۈپ كېتىدۇ ، بۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ.  دۆلىتىمىز بىر نەچچە قېتىم ئېغىر سىناقلارنى باشتىن كەچۈردى: ئورۇسلار ، پېچېنەكلەر ۋە كۇمانلار تەرىپىدىن ئازابلانغان ۋاقىتتا ، روسىيە ھەممە ئىشقا سەۋرچانلىق بىلەن تاقابىل تۇردى ».

 «بىز بۇ تاجىسىمان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىمىز.  بىز ھەممىنى يېڭىمىز »

ئۇنداقتا پېچەنەكلەر ۋە كۇمانلار كىملەر !؟ ئۇيغۇر بىلەن تاتار نېمىشقا دۆلەتسىز قالدى !؟  ئورۇسلار نېمە ئۈچۈن 500 يىلدىلا يۈز مىليوندەك تۈركىي خەلقنى قىرىۋەتتى !؟؟ تارىخ جاۋاپ بەرسۇن : 

ھەزرىتى مەھمۇد كاشغەرىي 1070 - يىلى قارا دېڭىز بويلىرىدا ئۇچۇر توپلاۋاتقان چاغدا، بىزنىڭ تۇققانلاردىن پېچەنەكلەر ، ئورۇسلارنى ئېغىر تالاپەت تارتقۇزۇپ، 1090 - يىلى قىرىمنى ئىستىلا قىلىپ، ئىسلاملاشتۇرغان . 1090 - يىلدىن كېيىن  پېچەنەكلەر غەرپكە يۈرۈش قىلىپ، شەرقىي ياۋروپانى ئىگىلىگەن. مالازگىرت ئۇرۇشىدا ئەنە شۇ جەسۇر پېچەنەكلەر شەرقىي رىم ئارمىيىسىدىن سالجۇقىلارغا ئېغىپ كەتكەچكە، ئۇرۇشتا ئالپ ئارسلان غەلىبە قىلغان. دېمەك، ئۇلار 1070 - يىلدىن بۇرۇنلا شەرقىي رىم تەۋەسىگە كىرىشكە باشلىغان. ئۇلارنىڭ ھازىرقى ئەۋلادلىرى بوشناقلاردىن ئورۇسلارنىڭ بوۋىلىرى سېربلار 1992 - 1995 - يىللىرى ئىرقىي قىرغىنچلىق قىلىپ ئۆچ ئالدى. ئورۇسلار ھەر ۋاقىت بۇنداق قىرغىنچىلىقنى قوللاپ ، 1091 - 1095 - يىللىرىدىكى ئۆچىنى ئالدى.

1221 - يىلى چىڭگىزخان مەركىزىي ئاسىيانى ئىشغال قىلغاندا، ئەسلىدە قاراخانىلار ۋە خارەزىمگە قاراشلىق قىپچاقلار قارا دېڭىز تەرەپكە سۈرۈلگەن . ئۇندىن بۇرۇنلا قارا دېڭىز تەۋەسىگە جايلىشىپ، ئورۇسلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ كەلگەن كۇمانلار تېخىمۇ غەرپكە سۈرۈلۈپ ، بۇرۇنقى بۇلغارلار بىلەن بىرلىشىپ بۇلغارىيە بىلەن ۋېنگرىيەنى سورىغان . شۇڭا ئورۇسلار ھەر ئىككى دۇنيا ئۇرۇشىدا ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان بۇلغار ۋە ۋېنگىر خەلقىنى ئېغىر باستۇردى . 1848 - يىلدىكى باستۇرۇشنى مەن ئىككى يىلدىن بېرى دەپ كەلدىم .

گەرچە پېچەنەكلەر بىلەن كۇمانلار ئورۇسلارنى تۈپ يىلتىزىدىن يوقاتماي، غەرپكە سۈرۈلۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئورۇس خانلىقىنى 1223 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ چوڭ ئوغلى جوچىخان باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر - تاتار بىرلەشمە ئارمىيىسى قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەندە ،  كالكا دەرياسى بويىدا ئورۇس - قىپچاق بىرلەشمە ئارمىيىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان قۇرۇلتاي چاقىرىپ ، ئىسلام دۇنياسىغا جازا يۈرۈشى قىلىش  ھەققىدە قۇرۇلتاي ئاچقان. قۇرۇلتايدا ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىرى بىلەن قەشقەر ۋە سەمەرقەندتىكى ئۇيغۇر ۋە تۈرك نويانلار قارشى چىقىپ، ئىسلام دۇنياسىغا ئۇرۇش ئاچسا، موڭغۇل قوشۇنلىرىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدىغان مەركىزىي ئاسىيالىق مۇسۇلمان ئەسكەرلەرنىڭ ئىسيان كۆتۈرىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاغاننى ئورۇسلارغا ۋە ياۋروپاغا ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرگەن . 1236 - يىلى جوچىخان ئوغلى باتۇخان ئۇيغۇرلاردىن بىر زەربىدار  ئەترەتنى يول باشلىتىپ، 1237 - يىلى ئورۇسلارغا ھۇجۇم قىلغان . 1238 - يىلى ۋىلادىمىر كىنەزى ئىسكەندەر تەسلىم بولغان. ئەمما قىرىم ۋە كىيېۋدىكى ئورۇسخان قارشى چىققان. ئاقىۋەت، 1239 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ، 1240 - يىلى ئورۇسلارنى مۇنقەرز قىلغان باتۇخان يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق شەرقىي ياۋروپاغا كىرىپ ، 1241 - يىلى پۈتۈن شەرقىي ياۋروپانى ئىشغال قىلغان . 1242 - يىلى پولشانى ئېلىپ ، مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى ئاستانىسى بېرلىن بىلەن رىمغا يۈرۈش قىلماقچى بولغاندا ، ئۆگەدەينىڭ قازا قىلغان خەۋىرى كېلىپ، ئامالسىز چېكىنىپ كەتكەن. غەربىي ياۋروپا ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلۇپ قالغان .ئىسكەندەر تاكى 1260 - يىللىرى ئۆلگىچە سادىق بولۇپ، ئورۇس خەلقىنى ساقلاپ قالغان . ئورۇسلار 1382 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئالتۇن ئوردۇغا ھۇجۇم قىلغان پۇرسەتتە ، بىر قېتىم باش كۆتۈرگەن . ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشخان 1383 - يىلى خىزىر خوجا ۋە ئەمىر قەمەرىدىن باشچىلىقىدىكى شەرقىي چاغاتاي خانلىقى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ، ئورۇسلارنى قايتا ئەل قىلغان. كېيىنكى يۈز يىلدا ئالتۇن ئوردا ھەم تۆمۈرنىڭ ، ھەم سىلاۋىيان خەلقلىرىنىڭ ھۇجۇملىرىدا ئۈچ تاتار خانلىقىغا پارچىلىنىپ كەتكەن . 1455 - يىلى ئۇلاردىن قازاقلار بۆلۈنۈپ، يەتتە سۇغا كېلىپ، يۇنۇسخان بىلەن ئىتتىپاقلاشقان. 1456 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانى ئوبۇلخەيرىخان ئۆلگەن. شۇنىڭ بىلەن ھاكىمىيەت ئۆزبېكلەردىن تاتارلارغا ئۆتكەن . ئورۇسلار بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، 1482 - يىلى ئاخىرى ئىسيان كۆتۈرۈپ، قازان خانلىقىغا بويسۇنماي، 1547 - يىلى تۇنجى چارپادىشاھلىقنى قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازاننى ، 1558 - يىلى ئاستراخاننى ئىشغال قىلغان . ھەتتا سۇلتان سۇلايمانمۇ بۇ شەھەرنى قايتۇرۇپ ئالالمىغان. ئۇنىڭ ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم سۇلتان ئورۇسلارنىڭ باش كۆتۈرۈشىگە ياردەم بېرىپ، سۇلتاننى ھەمىشە ئىران ۋە ياۋروپاغا  يۈرۈش قىلىشقا كۆندۈرگەن . شۇنداق قىلىپ ئورۇسلار شىمالىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالغان. كېيىنكى بەش يۈز يىلدا ئوسمانىلار ئۆزى بىلەن تۆر تالاشقان مەركىزي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئورۇسلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىگە ئىچىدە خۇش بولغان. ئەمما كىم بىلسۇن، ئورۇسلار ئۇلارنى يوقىتىپ بولۇپلا، 333 يىلدىن بېرى تۈركلەرنى قان قۇستۇرۇپ كەلمەكتە . تارىختا ئۆزلىرىنى ئۇزاق سورىغان ۋە دۆلىتىنى يىقىتقان ئۇيغۇرلار بىلەن تاتارلارغا قاتتىق دۈشمەنلىك قىلىشى ، ھەر ئىككى جۇمھۇرىيەتنى يىقىتىشىدىمۇ بۇ تارىخىي ئامىللار رول ئوينىغان .

پۇتىن يۇقىرىقى بايانلىرى بىلەن بۇندىن كېيىن تۈركلەرگە يەنە خېلى تالاپەت سالىدىغانلىقىنى پەش قىلىپ قويۇپتۇ . دىققەت قىلىش كېرەك بۇنىڭ ھەر بىر سۆزىگە . ئورۇسلاردىكى تۈرك ، تاتار  ۋە دۈشمەنلىكى ئاخىرلىشىدىغاندەك ئەمەس . شۇڭا چوتنى ئويلاپ سوققان ياخشى.
ئاشقۇن پۇتىننىڭ يۇقىرىقى باياناتنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بېرىشىمۇ مەنچە تاسادىپىيلىق ئەمەس . خىتايلارنى تارمار قىلماي تۇرۇپ ئورۇسلارنى دۈشمەن دەپ قارىمايمىز . ئەمما ھەر ۋاقىت ئۇنىڭدىن پەخەس بولۇشنى ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك !

« ئېيىقنىڭ دوستلۇقى قورسىقى ئاچقۇچە ». ئەجداتلار سۆزى. 

2020 - يىلى 9 - ئاپرىل.  پەيشەنبە.

1991 - 1998 - يىللىرى ئىرقىي قىرغىنچىلىققا دۇچار بولغان بوشناقلار ۋە 2017 - 2020 - يىللىرى ئومۇميۈزلۈك ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ، ھەمدە ئۇيغۇرلار - تاتارلار ، پېچەنەكلەر - بوشناقلار، قىپچاقلار - ئۆزبېكلەر ، بۇلغارلار - ھازارلار ، ئورخۇن ئۇيغۇرلىرى - موڭغۇللار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئورۇسلار بىلەن بولغان تارىخىي مۇناسىۋىتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى زىيارەت قىلىڭ . شۇندىلا نېمە ئۈچۈن يۇقىرىقى مىللەتلەرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتۇلالمىغانلىقى ۋە بۇنىڭ كەينىدە ئورۇسلارنىڭ ھەر ۋاقىت قولى بارلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلەيسىز :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=248.0. ( 1 - قىسىم ).

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=249.0.  ( 2 - قىسىم). 

يۇقىرىقى ئۇلىنىشتا بىز بۇ يازمىدا ئىلگىرى سۈرگەن بارلىق تارىخىي مەلۇماتلارنىڭ مەنبەسى ئەسكەرتىلگەن . 

2020 - يىلى 9 - ئاپرىل. جىمجىت پەيشەنبە.
8
بىز كىم، خىتتاي كىم؟
رۇقىيە تۇردۇش

ئۇيغۇرلاردىن باشقا يات خەلقلەر شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلىقلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇرلار ۋە رايوندىكى باشقا قېرىنداش مىللەت مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ھەمىشە قوللاپ قۇۋەتلەيدىغىنىدىن ھەيران ۋە ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدۇ. ئاساسەن چۈشەنمەيدۇ. ھەتتا بىر قىسىم ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ خىتتاينىڭ "ئىرىقچى " قورالىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۇلارغا ھۇجۇم قىلىشىدىن ئەنسىرەپ، دىپلوماتىك ئويناش ئۈچۈن ۋە ياكى تاجاۋۇزچى خىتتاي خەلقىنى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىگە قوشۇپ قارىلاشنىڭ ئىنسانلىق، كەڭ قورساقلىق ۋە ئەخلاق قىممەت قاراشلىرىغا چۈشمەسلىكىدىن ئەنسىرەپ، خىتتاي خەلقىنىڭ مېھرى-شەپقىتىگە ئادىمىلىكىگە مۇراجىئەت قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ كەلدى، بۇ كۈچەشتە دۈشمەنلىكنى ياخشى كۆرمەيدىغان خەلقئارانىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈپ قالماسلىق تەرىپىمۇ بار. ئەمما بۇ تاكتىكىلار خىتتاي شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغان 70 يىلدىن بىرى تەكرارلانغان بولسىمۇ زادىلا غەلبە قىلمىغان ئۆلگەن تاكتىكىلار ئىدى. ئەمما نۇرغۇنلىرىمىز يەنىلا ئۈمىدتە. زامان ئۆزگىرىدۇ خىتايلارمۇ ئۆزگۈرۈپ قالا، ئەجىبا ئۇلاردىن پايدىلانساق ئەقىل بىلەن ئوينىغان بولمامدۇق؟ دەيدۇ. ئامېرىكا باشلىق غەرب دۇنياسىمۇ خىتتاي خەلقىنى بېيىتىپ ئۇلارنى دېموكراتىيەگە ئەكىرىش ئارقىلىق خىتتاي ھۆكۈمىتىنى يىقىتماقچى بولغان ئىدى، ئەمما خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالى بۇنىڭ پۈتۈنلەي ئاقمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بۇلارنىغۇ قويۇپ تۇرايلى، تېمىغا كەلسەك تاجاۋۇزچى خىتتاي خەلقى راستىنلا ئۆزگۈرۈپ قالارمۇ؟ بۇ سوئالغا جاۋاپ بېرىشتىن بۇرۇن، خىتاي خەلقىنىڭ ھىممىتىگە مۇراجىئەت قىلىشتىن بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتتايلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى چۈشىنىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ يەردە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە ئۆز خەلقىگە تەسىرىنى كۆرسىتىدىغان تەتۈر تەشۋىقاتى، (قىزىقتۇرۇش ۋە كۈشكۈرتۈش يولى بىلەن) خىتتاي مىللەتچىلىك تەشۋىقاتى ۋە خىتتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى قاتارلىق نۇرغۇن سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي ئامىللار بار. بۇلارنى ئىنكار قىلماقچى ئەمەسمەن. لېكىن بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەڭ ئاساسىي ئامىل ئەمەس. بۇنىڭ ھەممىسى ختتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان سەلبىي تونۇشىغا تۆھپە قوشقان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلغان خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىي بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت تولىمۇ ئېنىق، كۆپ ئويلاپ تەھلىل قىلىپ كېتىشنىڭ ھاجىتى قالمىغان، تولىمۇ رېئال بولغان بىر مۇناسىۋەت بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ تاجاۋۇزچىلار بىلەن تاجاۋۇزچىغا قارشى كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى ئاساس قىلىدىغان مۇناسىۋەت.
مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتى دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا ياخشى تەھلىل قىلىنغان، ئەمما خىتتاينىڭ مۇستەملىكىچىلىكىگە دۇنيا بۈگۈنگە قەدەر سەل قاراپ كەلدى. خۇددى خىتتاي بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇناسىۋىتى پەقەت خىتتاينىڭ ئىچكى مەسىلىسىدەك، مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسى ياكى مەنچىڭ، شۇنداقلا موڭغۇل يۈەن سۇلالىسى قاتارلىق ئىمپېرىيەلەرنىڭ بۇ رايوننى مۇستەملىكە قىلغانلىقى بۇ زېمىننىڭ خىتتاي زېمىنىغا ياكى خىتتاي دۆلىتىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغاندەك، خۇددى بۇ رايون خىتتايلارنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيەسى يىقىلغاندىن كېيىنكى يېڭى مۇستەملىكىسى ئەمەستەك، بۇ رايوندىكى خىتتاي كۆچمەنلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى قانداقتۇر مۇستەملىكىچىلىك ئەمەس، بەلكى خىتتاي دۆلىتىنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر دېگەن بىر مىللەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت ھەق ھوقۇقلىرى مەسىلىسىدەك مۇئامىلە قىلىنىپ كەلدى. ئەگەر بىز بۇ مەسىلىگە مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋەت كۆزى بىلەن قارىغىنىمىزدا، دۇنيانىڭ خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ مۇستەمچىلىكىنى قىرغىنچىلىق نىيىتىنى نەزەرگە ئالمىغانلىق بىلەنلا قالماي بەلكى بۇنىڭلىق بىلەن تارىم ۋە جۇڭغارىيەنىڭ خىتاينىڭ ئايرىلماس زېمىنى دەپ تونۇلۇشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەرگەنلىكنى كۆرىمىز...
بىز پەقەت خىتتاي مۇستەملىكە سىياسەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى يوقۇتۇش ئۈچۈن قانداق قىلىپ جەمئىيەت شارائىتى ياراتقانلىقىنىلا تەھلىل قىلىپ قالماي بەلكى بۇ سىياسەتلەرنىڭ خىتتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋەتلەرنى ئورنىتىش ۋە كۈچلەندۈرۈشتە قانداق رول ئوينىغانلىقىنىمۇ تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك. غەربلىكلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەملىكە كىملىكىنى ئېنىق ياكى تولۇق كورمەسلىكىدىكى سەۋەبلەردىن بىرى بولسا ياۋروپالىقلارنىڭ بۇرۇنقى مۇستەملىكى زېمىنلىرى پۈتۈنلەي يىراقتا ئىدى، شەرقىي تۈركىستان بولسا خىتتاي بىلەن قوشنا ئىدى، شۇنداق بولغاچقىمۇ بۇ زېمىنلار كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ كۆزىگە خۇددى خىتتاي تېرىتورىيەسىگە تەۋە ئاسىيا زېمىنلىرىدەك كۆرۈنۈپ كەلدى.
خىتتاي ھۆكىمىتى شەرقىي تۈركىستاننى خىتتاينىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق پۈتكۈل خىتتايلارنى ھەتتا يېڭى دەۋىر ياش ئۇيغۇرلارنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ بۇرمىلانغان تارىخى بىلەن تەربىيىلىدى. ئەلمىساقتىن خىتتاي تارىخى دەرسلىكلىرىنىڭ ھېچقايسىسىدا مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخى سۆزلەنمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاندا، ئېتنىك خىتتايلار ۋە ياش ئەۋلادلار ئۇيغۇرلارنىڭ قاراخانىيلار(840-1212) دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك سەلتەنىتىنىڭ بولغانلىقى توغرىسىدا، ئىدىقۇت ئۇيغۇرخانلىقى توغرىسىدا ھېچ نەرسە بىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ. خىتتايلار پۈتۈن يازما ۋە ئېغىزچە تەشۋىقاتلىرىنىڭ ھەممىسىدە بۇ زېمىن خىتتاينىڭ خان سۇلالىسىدىن تارتىپ خىتتاينىڭ ئىدى.
بۇ يەردە ئۇيغۇرلار يوق ئىدى دەپ تەشۋىق قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ، خەن سۇلالىسى پەقەت مىلادىدىن ئىلگىرىكى 120- يىلى قىسقا ۋاقىت تارىم ۋە جۇڭغارىيەدىكى كەڭ دۆلەتلەرنىڭ بىر كىچىك بۆلىكى تۇرپاننىلا ئىگىلىۋالغان. خىتتاي مىللىتى خىتتاي دۆلىتىنىڭ 1949-يىلغىچە شەرقىي تۈركىستاننى باشقۇرۇپ بولالمىغانلىقىغىمۇ ئىشەنمەيدۇ ياكى قەستەن ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. چۈنكى بۇمۇ خىتتاينىڭ تارىخى ھېكايىلىرىدە يوق ياكى بولسىمۇ بۇرمىلانغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مانجۇ ئىمپېرىيىسىنى مەغلۇب قىلغانلىقى ۋە 1864- يىلى «يەتتە شەھەر دۆلىتى» ( قەشقەرىيە سۇلتانلىقى ) دەپ ئاتالغان مۇستەقىل دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەنلىكى توغرىسىدا ھېچقانداق ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن كەلگەن ماتېرىيال خىتتايدا توغرا شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلمايلا قالماي بەلكى بۇرمىلاپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. 1884-يىلى مانجۇرىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئىككىنچى قېتىم تاجاۋۇز قىلىشتىن ئىلگىرىكى تارىخ ھەتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىنقى سىياسىي تارىخى ھەمدە ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكەن تارىخى خىتتاي رەسمىي تارىخىدا ئۈنۈملۈك بۇرمىلانغان. خىتتايدا ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ 1933- يىلى ئىسلام شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى 1944- يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قانداق قىلىپ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قىلىپ قۇرۇپ چىققانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق كىتاب ياكى تارىخىي ھۆججەتلەرنى تېپىش مۇمكىن ئەمەس ئەمەلىيەتتە ئىككىنچى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى خىتتاي كومپارتىيىسى دۆلىتى ۋە ختتاينىڭ مىللىي كىملىكى بەرپا قىلىنىشتىن ئالتە يىل ئىلگىرىلا مەۋجۇت ئىدى.
پەقەت شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە شاھىت بولغان ياشانغان ئۇيغۇرلار باللىرىغا خىتتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ستالىن بىلەن پىلان تۈزگەنلىكى ۋە 1949- يىلى شەرقىي تۈركىستانغا تاجاۋۇز قىلغانلىقى توغرىسىدا پىچىرلىيالايدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، شەرقىي تۈركىستان زېمىنى خىتتاينىڭ ئېغىر تاجاۋۇزىغا قارىماي، ئەينى ۋاقىتتىكى مۇستەملىكىچىلىكنىڭ بىكار قىلىنىش ( Decolonization) دەۋرىدە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تەرىپىدىن خىتتاي زېمىنى دەپ ئېتىراپ قىلىندى. بۇ خىتتايغا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغان زېمىن ئەمەس خىتاينىڭ ئەزەلدىن بىر قىسمى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت يالغان تارىخنى كۆتۈرۈپ چىقىشتا غايەت زور قانۇنىي كاپالەت بەردى. ئەمما بۇ زېمىن خىتتايغا تەۋە دەپ ئېتىراپ قىلىنغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىتتاي بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدىغان مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، يەنىلا خىتتاي ئۈچۈن بىر ھېرىس ئىدى ۋە بۇ زېمىننىڭ خىتتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى كۆرۈنەرلىك ئىپادىلەپ قويىدىغان جانلىق پاكىت ئىدى. ھەتتا«سەددىچىن سېپىلى»نىڭ ئۆزىلا، خىتتاي بىلەن بولغان تەبىئي ۋە لوگىكىلىق پەرقنىڭ جانلىق ئىسپاتى بولۇپ بۇ زېمىننىڭ خىتتايغا تەۋە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇراتتى. بۇ پەرقلەردىن تەشۋىشلەنگەن خىتتاي ئۆزىنى ھەقلىق كۆرسۈتۈش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ دىننىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكىگە ۋە تارىخىي سىياسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە چىش تىرنىقىغىچە ئۆچمەنلىك قىلدى ۋە بۇنى يوقۇتۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئىسلام دىنىغا، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئىستىراتىگىيەلىك ھۇجۇم ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قىرىپ تۈگىتىۋېتىش، قۇل قىلىپ ۋەيران قىلىۋېتىش، بۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن سۇپۇرۇپ تاشلاشنى پىلانلىدى. ئەمەلىيەتتە يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك خىتتاينىڭ بۇ پىلانى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەن شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى مۇستەملىكە ۋە مۇستەملىكىچىلىك مۇناسىۋىتىنى، ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئارقىلىق ھەل قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس ئىدى. خىتتاينىڭ بۇ پىلانىنى شەرقىي تۈركىستان ئىچىدىكى تاجاۋۇزچى خىتايلارلا ئەمەس بەلكى يېڭىدىن تاجاۋۇزچى سۈپىتىدە شەرقىي تۈركىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلىشىشنى تاللىغان بارلىق خىتتايلار ئەڭ ئاكتىپ قوللايدۇ. چۈنكى خىتتاي ھۆكىمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى بۇرمىلاپ ياكى يوشۇرۇپلا قالماي، يەنە خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلانغان تەشۋىقات ماتېرىياللىرى ، تېكىست كىتابلىرى ، خىتاي دۆلەت ئاخباراتلىرى ۋە سىياسىي تەلىمات دەرسلىرى بىلەن كىشىلەرنى تەربىيلەيدۇ. يېقىندا خىتتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ئۇچۇر ئىشخانىسى ئېلان قىلغان يېڭى ئاق تاشلىق كىتاب خىتايلىقلارنىڭ ئۆز ۋىجدانىنى ئاقلىشىدا، تاجاۋۇزچىلىقىنى يوشۇرىشىدا ناھايىتى ئۈنۈملۈك رول ئوينىدى. چۈنكى بۇ ئۇلارغا ئۇلارنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى قانۇنسىز ئىگەللىۋالغانلىقى ئۈچۈن بىر تالاي يالغان يوللۇق باھانە - سەۋەبلەرنى تېپىپ بەرگەن ئىدى.

غەرب دۆلەتلىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ۋە خىتتاينىڭ جاھانگىرلىك تارىخى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان، تىبەت ۋە جەنۇبىي موڭغۇلىيەگە تاجاۋۇز قىلغانلىقى ھەققىدە باشقا مەنبەلەردىن كۆرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن نۇرغۇن خىتتايلىق پىراپپىسورلار ۋە خىتتايلىق ئوقۇغۇچىلار تارىختىكى پاكىتلارنى غەزەپ بىلەن رەت قىلىدۇ ۋە نەزەردىن ساقىت قىلىدۇ. باشقا پاكىتلارنى، ئۇلارنىڭ ھەقسىزلىقلىرىنى كۆزىگە تىقىپ قويسىڭىزمۇ يەنىلا خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلگىرى سۈرگەنلىرىنى قوللايدۇ. نېمە ئۈچۈن؟ شەك-شۈبھىسىزكى، خىتتايلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ئۇقۇمىغا ئىشىنىدىغان ھەر قانداق بىر خىتتاي پۇقراسى كوممۇنىست دۆلىتىنىڭ مىللىي مەنپىئەتىگە بۇزغۇنچىلىق قىلغان بولىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ زېمىن خىتتاي ئۈچۈن جۇغراپىيىلىك، ئىستىراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە، چۈنكى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ياۋروپاغا بارىدىغان ئاساسلىق دەرۋازا بولۇپ، خىتتاينىڭ كېڭىيىشىگە قولايلىق يارىتىدۇ. خىتاي پرېزىدېنتى شى جىن پىڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك قىممىتىنى تەكىتلىگەن يېڭى يىپەك يولى تەشەببۇسىدىن بۇيان، خىتتاي خەلقى بۇ رايوندىكى بارلىق كوممۇنىست ھۆكۈمەت سىياسەتلىرىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن قوللىدى. ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەتتا شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ ئۆزىلا خىتتايلارنىڭ شەرقىي تۈركىستان زېمىنىدىن ھامان بىر كۈنى قۇرۇق قېلىشىنى كۆرسىتەتتى ۋە ئۇلارنى ئەندىشىگە سالاتتى. شۇنداقلا يەنە كۆپۈنچە خىتتايلىقلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەرقانچە رەھىمسىزلىك بولسىمۇ، خىتتاينىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن پايدىلىق بولغان ھەممە نەرسىنى قوللاش خىتتاينىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق مەسىلىسى. ئېنىقكى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭى يىپەك يولى پىلانىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتى خىتتايلارنىڭ مىللەتچىلىكى ۋە زومىگەر كۈچ بولۇش ئارزۇسىنى كۈچەيتىۋەتتى، بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئامېرىكا باشلىق دېموكراتىيە دۆلەتلىرىنىڭ ئاجىزلىشىشى، بارلىق مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ خىتتاينىڭ كەينىدىن يۈگۈرۈشى خىتاينىڭ تېخىمۇ خورىكىنى ئۆستۈرىۋەتتى. دۇنياغا خوجا بولۇشقا ئالدىرىغان خىتتاي ئۇيغۇرلارنى قىرىپ تۈگىتىش پىلانىنى توسقۇنسىز بىر ھالدا پىلانلىق ئېلىپ بېرىشقا ئۆتتى. دېمەك ئۇلار ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا قارشى ئېلىپ بارغان رەھىمسىز سىياسەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغان بولسا، بۇ ئۇلارنىڭ پەقەت ۋە پەقەتلا قۇربانلىق بولغىنىدىن ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ مەلۇم دەرىجىدە نەپكە ئېرىشكەنلىكىدىن بولغان. چۈنكى خىتتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ بېيجىڭغا ۋاكالىتەن تېررىتورىيىلىك مۇستەملىكىچىلىك سالاھىيىتىگە ئىگە بولۇپ، نۇرغۇن مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
يېقىنقى ئون يىلدا خىتتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بوش ھۆكۈمىتىنىڭ «تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى» نىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى بۇراپ، لۇغىتىدە «تېرورلۇق»دېگەن خەتمۇ تېپىلمايدىغان تىنچپەرۋەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قوغداش ھەرىكەتلىرىنى تېرورچىلىق تامغىسى بىلەن ئەيىبلەپ ھەممىلا ئۇيغۇرنى تېرورچىغا چىقاردى. خىتتاي ھۆكۈمىتى يەنە ئىسلامنى ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسى دەپ ئاتاپ خىتتايلار ئارىسىدا ۋە دۇنيادىكى ئىسلامنى چۈشەنمەيدىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئىسلام دۈشمەنلىكىنى پەيدا قىلىشقا ئۇرۇندى. شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، خىتاينىڭ يېقىن مۇسۇلمان ئىتتىپاقداشلىرىغا بۇ نەرسە ھېچ تەسىر قىلمىدى، ئىسلامنى «ئىدېئولوگىيە ۋىرۇسنى»كۆرگەن خىتتايلارمۇ بۇ مۇسۇلمان دوستلىرىغا ھېچقاچان ۋىرۇس مۇئامىلىسى ئىشلەتمىدى. بىز يەنە، بەزى خىتتايلار گۇناھسىز، ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىشىمىز كېرەك، ئۇلار خىتتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇرمىلانغان مائارىپىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان خىتتايلىقلار دەپ پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەنە شۇ خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ناھەقچىلىكلەرنى ئېتىراپ قىلىشى شۇنچە تەسمۇ؟ ھەتتا مۇمكىن ئەمەسمۇ؟ ئەگەر ئۇلار شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ياكى ئەمەسلىكى مەسىلىسىگە يولۇقسا نېمىلەرنى ئويلايدۇ؟ نېمىشقا خىتتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن كەلگەن ۋە غەرب دۆلەتلىرىدە ياشايدىغان ئاشۇ خىتتاي دېموكراتچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قەتئىي رەت قىلىدۇيۇ، خوڭكۇڭلۇقلار ۋە تەيۋەنلىكلەر رەت قىلمايدۇ؟ مەن بۇ سوئاللارنى نۇرغۇن خىتاي دېموكراتچىلىرىدىن سورىدىم. ئۇلارنىڭ جاۋابى بىر بىرىگە بەكمۇ ئوخشايدۇ: «كۆپ سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارغا قارشى ئادالەتسىزلىك بار، بۇنىڭ خىتتاي خەلقى بىلەن ھېچبىر مۇناسىۋىتى يوق. خىتاي خەلقىمۇ ج ك پ نىڭ قۇربانى. ئەگەر مۇستەقىل بولۇشقا ئۇرۇنسىڭىز قان تۆكۈلۈش، ئۇرۇش بولىدىغانلىقى ئېنىق، شۇڭلاشقا مەن مۇستەقىل دۆلەت بولۇشۇڭلارنى قوللىمايمەن». مەن ئۇلاردىن «ئۇنداقتا شەرقىي تۈركىستان ئىگىلىك ھوقۇقۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى ئىكەنلىكىگە قوشۇلامسىز؟ ياكى شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچلىق يول بىلەن مۇستەقىل بولۇشىغىچۇ؟» دەپ سورىغىنىمدا. ئۇلار داۋاملىق مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ: «ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇقى دەپ قارار قىلسا، مەن قوشۇلىمەن. ئەگەر ئۇنداق بولمىسا، مەن قوللىمايمەن ». ئەجىبا ئۇلار بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن چىقىدىغان قارارنىڭ چوقۇم بىخەتەرلىك كېڭىشى تەرىپىدىن ئوتۇدىغانلىقى ۋە خىتتاينىڭ بۇ كېڭەشتىكى بەشنىڭ بىرى ئىكەنلىكى، رەت قىلىشقا بىلەت تاشلاش ھوقۇقى بارلىقىنى بىلمەمدۇ؟ بىلىدۇ، ئەلۋەتتە. چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى نەيرەڭۋاز خىتتاي دېموكراتچىلىرىغا ئوخشىمايدىغىنى، تەيۋەن ۋە خوڭكۇڭ خەلقى، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇسۇلمانلىرى خىتاينىڭ مۇستەملىكىسىدىن مۇستەقىل بولۇشى كېرەك دەپ قارايدۇ. چۈنكى بۇ يەردىكى پەرق شۇكى، ئۇلار شەرقىي تۈركىستاندىكى شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزدە تۇتۇپ ھەركەت قىلىدىغان مۇستەملىكىچىلەر ئەمەس.
بەزى تەتقىقاتچىلار خىتتاي خەلقىنىڭ مەيلى ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتى نەقەدەر ناچار، دىكتاتور، ھەقسىز ۋە رەھىمسىز ھۆكۈمەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، يۇقىرى دەرىجىدىكى سادىقلىق بىلەن ئۆز ھۆكۈمىتىگە ئىتائەت قىلىشىنى ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە باغلاپ تەھلىل قىلىپ كەلدى. چۈنكى خىتتاي مەدەنىيىتىدە تۆۋەننىڭ يۇقىرىغا بويسۇنۇش مەجبۇرىيىتى ناھايىتى كۈچلۈك ئىدى. ئەمما مېنىڭچە، ھۆكۈمەتنىڭ ھەقسىزلىقىغا بويسۇنۇش ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشىغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى، ئىنسانىيەتكە قارشى، خەلقئارادا قانۇنسىز سىياسەتنى ئاكتىپ قوللىشىغا سەۋەب بولالمايدۇ. يالغۇز ئىتائەت قىلىش مەدەنىيىتىلا خىتتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ۋە ئۇلارنى دەپسەندە قىلىش قىزغىنلىقىنى پەيدا قىلالمايدۇ. ئېنىقكى، خىتتايلار ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ تارىختىكى ئاجىز ۋە كېسەل كۆرپىسى خەلق دېگەن خورلۇقىنى يېڭىش ئۈچۈن باشقا مىللەتلەرنىڭ ئالدىدىكى ئۈستۈنلۈك ئورنىنى تىكلەشكە ئېھتىياجلىق بولغانلىقتىن، ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىش ئېھتىياجىدىن كېلىپ چىققان ئەتىنىك ئاشقۇن مىللەتچىلىكى بىلەن دۆلىتىگە ئىتائەتچان بولۇش مەدەنىيىتىنى بىرلەشتۇرۇپ يۇغۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈستىدىن ھۈكۈمرانلىق قىلىشقا ئىشلەتتى.
بۇنىڭ بىلەن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى كونترول قىلىش خىتتايلارغا ئۆزىنى باشقىلاردىن ئۈستۈن ھېس قىلىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئامېرىكىلىق ئىنسانشۇناس داررېن بايلېر خىتتايلىق خىتاي دوستلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئازاب ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە ئۇلارنىڭ كۆز قارىشىنى سورىغاندا، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلىش، بۈيۈك خىتتاي مىللىتى پىلانى بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنىڭ بىردىنبىر يولى دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىز ئۇلارنىڭ خىتتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيلىرىدە تاجاۋۇزچىلىق قىلىپ ئۇخلاشقا تەيىنلەنگەندە «دويىن» گە يوللىغان ۋىدېئولىرىنى كۆرۇپ تۇرۇۋاتىمىز. بۇ ۋىدېئولارنىڭ كۆپىنچىسى دېگۈدەك ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئۇيغۇر ئۈستىدىن ھۆكۈمران ۋە ئۈستىن بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكىنىدىن قانچىلىك ئىپتىخارلىق ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېرىقچىلىق قىلمىشلىرى شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۆزىدىكى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ سىرتىدىكى كۆپلىگەن خىتايلاردىمۇ مەۋجۇد. تېر خەۋەر مۇخبىرى ئۆتكەن يىلى ئاۋۇستىرالىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن خىتتاي ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ نامايىشىدا ئۇلارنى زىيارەت قىلغاندا، خىتتايدىن كەلگەن خىتتاي ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇخبىرنىڭ: «سىزنىڭچە، ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنىڭ سۆز ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئۈچۈن جازا لاگېرىغا ئېتىشى توغرىمۇ؟» دەپ سورىغاندا! توغرا - دېگەن جاۋابى ھەممە كىشىنى چۆچۈتىۋەتتى.
خىتتاينىڭ مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى مەسىلىسى، مىللىي مەنپەئەتى، خىتتاي جاھانگىرلىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە جۇغراپىيىلىك سىياسىي تەرەپلىرى بىلەن بىرلىشىپ، خىتتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ مۇستەملىكە قىلىنغۇچى شەرقىي تۈركىستان خەلقى بىلەن بولغان ئاساسىي مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت خىتايلىق كۆچمەنلەرگە بىۋاستە نەپ يەتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ، ئۇلارغا كەسىپتە تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىش پۇرسىتى بېرىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر تاجاۋۇزچى بولۇش ئۇلارغا بىكارلىق يەر، ئۆي، پۇل، مال-مۈلۈككە ئېرىشىش پۇرسىتى بېرىپلا قالماي يەنە، تالان-تاراج قىلىش پۇرسىتى ئۇيغۇرلارنى خالىغانچە خارلاپ ئويناش پۇرسىتى، سودىدا تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىش پۇرسىتى بېرىدۇ. تاجاۋۇزچى خىتتايلىق ئەرلەرگە چىرايلىق ئۇيغۇر قىزلىرى تەقدىم قىلىنىدۇ. ئەگەر بۇ قىزلار قارشىلىق كۆرسەتسە، ئۇلارنىڭ پۈتۈن ئائىلىسى جازا لاگېرلىرىغا سولىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن ئۇيغۇر ئاياللار ئۆزىنىڭ ئائىلىسىنى جازا لاگېرلىرىدىن ساقلاپ قېلىش مەقسىتىدە خىتاي ئەرلىرى بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانغان. نېمە دېگەن پايدىلىق شەرت! ھەممە ئىش خىتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ پاراۋانلىقى ئۈچۈن قىلىنغان. ئۇلار بۇ رايوننىڭ قانداقتۇر خىتايلارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزىگە بويسۇنۇش كېرەكلىكىنى ئېيتىپ بۇ پايدىغا ئېرىشىش جىنايىتىنى ۋە تاجاۋۇزچىلىقىنى ئاقلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلىقىنى ئارام تاپقۇزماقچى بولىدۇ.
خىتتاينىڭ خىتتاي كۆچمەنلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننى مۇستەملىكە قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە رىغبەتلەندۈرۈش سىياسىتى ئۇلار ئېرىشكەن بىۋاستە ئىقتىسادىي مەنپەئەت بىلەن بىرلەشتۈرۈلۈپ، ئۇلارنىڭ شەخسىي ئۈستۈنلۈك تىكلەش، روھى جەھەتتىن كۆتۈرۈلۈش ئىستىكىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ۋە بۇنىڭ ئۆزىلا، ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى پالەچ ھالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ھەر بىر كىچىك يوقۇتۇشى ياكى مەھرۇم قىلىشى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ھوقۇق ۋە ھۆكۈمرانلىقىغا بولغان ئاچلىقىنىڭ بىۋاستە نەتىجىسى. ئۇيغۇرلار قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىپ قويغاندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى ھۆكۈمرانلىق خۇشاللىقىغا تولدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز تىلىدا سۆزلىشىگە يول قويۇلمىغاندا، خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مىللىي ئىپتىخارلىقىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەرلىكلەرنىڭ بۇ زور يوقۇتۇشىدىن غەلبە ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىنى رەت قىلىشقا مەجبۇرلانغاندا، ئۇلار ھۆكۈمىتىنىڭ: «ئىسلام بىر خىل ۋىرۇس» دېگەن باياناتىنى ماختاپلا قالماستىن، ئەخمەقلىق بىلەن ئۆزلىرىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسىنى«يۇقىرى مىللەت»دەپ ئويلىدى. ئۇلار ئۇيغۇرلارنى ھاقارەتلىگىنىدە ۋە تۆۋەن كۆرگىنىدە، ئۆزلىرىدە بىر خىل شەخسىي كۈچ ھېس قىلدى. ئۇيغۇرلار قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ، خىتتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىگە ئىشىنىشكە مەجبۇرلانغاندا، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ئىدېئولوگىيەسىنى ھەممىدىن ئۈستۈن ئىدېئولوگىيە، بىز ئۇيغۇرلارنى تەربىيىلەۋاتىمىز، بىز بەك ئادىل، سەمىمىي خەلق دەپ ئويلىدى. ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇيغۇر ئۆيلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىپ كېتىلىپ، يېتىم بالىلار جازا لاگېرىغا مەجبۇرىي ئەۋەتىلگەندە، ئۇلار بۇ بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى خىتتاي مىللىتىگە تەۋە دەپ قارىدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلار خىتتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ۋاقىتتا، ئۇلار؛ ئۇيغۇرلا بۇ تەقدىرگە لايىق دەپ قارىدى ۋە ھېلىھەم شۇنداق قارايدۇ.
خىتتايلىق كۆچمەنلەرنىڭ ئىمپېرىئالىست كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنى قوللاپ شەرقىي تۈركىستاندا ھۆكۈمرانلىق ۋە تاجاۋۇزچىلىق قىلىشىدا نۇرغۇن ئامىللار بولىشى مۇمكىن، بۇ ئامىللارنىڭ ھەممىسى تاجاۋۇزچىلار بىلەن تاجاۋۇزچىلىققا ئۇچرىغۇچى ئوتتۇرىسىدىكى مۇقىم مۇناسىۋەتتە توپلىنىدۇ. بۇنى خىتتاي تاجاۋۇزچىلىرى مەيلى قانداق ئىنكار قىلسۇن، يالغان سۆزلىسۇن ۋە ياكى كۆرمەسكە سالسۇن، ئۆزلىرىنى دۇنيادا تاجاۋۇزچى ئەمەس قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئاقلاش ئۈچۈن مەيلى قانچە تىرىشسۇن تارىخىي پاكىتلارنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتتايلار شەرقىي تۈركىستاندا مۇقىم ئولتۇراقلىشىپ قالسىلا، ھامان ھۆكۈمىتىنىڭ رەھىمسىز سىياسىتىنى قوللايدۇ . دېمەك، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمىتىدىن پەرقلىنىشنى ئۆزلىرى خالىمايدۇ. ئۇلار ئۆزلىرى خالىمىغان ئەھۋالدا بىزنىڭ ئۇلارنى پەرقلەندۈرىشىمىزگە نېمە ئېھتىياج بار؟ ئۇلاردىن ئىنسانلىق تەلەپ قىلىش، ئالىجانابلىقىمىز بىلەن ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتىپ ئۇلارنىڭ ھەمكارلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنىڭ ھۆكۈمىتىنى يېتىم قالدۇرۇشقا ئىشلىتىش، ھەممىسى ئەخمەقلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەسمۇ؟ بىز بولساق ئۆلتۈرۈلىۋاتقان مىللەت، يوقۇتىلىۋاتقان مىللەت، بىزنىڭ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاش خىتاي بىلەن ھەمكارلىقىمىز ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە تېگىپ قويساق زىيان تارتىدىغان نەرسىمىز يوق. دىپلوماتىيە ئوينايدىغان سەھنىمىز ۋە لۇكسىمىزمۇ يوق. بىز ئوينىغان دىپلوماتىيە سوسكىنى قارشى تەرەپنىڭ ئەمەس ئۆزىمىزنىڭ ئاغزىغا سېلىۋاتىدۇ. چۈنكى بىزنىڭ قارشى تۇرۇشتىن باشقا يوقىتىدىغان ھېچ نەرسىمىز قالمىدى .

ئەسلى مەنبە قارلىغاچ تورىدا :

http://www.qarlighach.com/

http://www.qarlighach.com/biz-kim-xitay-kim-%d8%a8%d9%89%d8%b2-%d9%83%d9%89%d9%85%d8%8c-%d8%ae%d9%89%d8%aa%d8%aa%d8%a7%d9%8a-%d9%83%d9%89%d9%85%d8%9f/


سايرام ئوغلانى .

2020 - يىلى 8 - ئاپرىل .
9
مۇھاجىرەتتىكىلەر كىملەر !؟ ئۇلارنىڭ بۇرچى نېمە !؟

« دۈشمەنلىرىڭلار (بىلەن ئۇرۇش قىلىش) ئۈچۈن، قولۇڭلاردىن كېلىشىچە قورال كۈچى، جەڭ ئېتى تەييارلاڭلار، بۇنىڭ بىلەن، ئاللاھنىڭ دۈشمىنىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ دۈشمىنىڭلارنى ۋە ئۇلاردىن باشقا سىلەر بىلمەيدىغان، ئاللاھ بىلىدىغان دۈشمەنلەرنى قورقۇتىسىلەر سىلەرنىڭ ئاللاھ يولىدا سەرپ قىلغىنىڭلار مەيلى نېمە بولسا بولسۇن، سىلەرگە ئۇنىڭ ساۋابى تولۇق بېرىلىدۇ، سىلەرگە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى بۇ ساۋابتىن ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ)». سۈرە ئەنفال 60 - ئايەت.

« كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشى » مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام .

300 يىللاپ داۋام قىلغان جاھالەت ۋە ئاسارەت
نەتىجىسىدە ئەقلىمىزدىن ۋە ئەسلىمىزدىن شۇنچىلىك ئاداشتۇقكى ، ئەلەم بىلەن مۇنداق دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق : « نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى » . دېمىسىمۇ
ھازىر بىزگە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزدىن بەكرەك ئۆزگىلەرۋە دۈشمەنلەر نېمە قىلىش ھەققىدە ئىجابىي يول كۆرسەتمەكتە:

نېتانىياخۇدىن تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيە :

نېتانىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم ئەسىر ئىچىدىلا بارلىققا كەلتۈرگەن « مۆجىزىلىك ئىشلىرى» تۆۋەندىكى جۈملىگە يىغىنچاقلاپ بەرگەن :
« بىز دۆلەت قۇرالىدۇق . ئەمما ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى . كۈچلۈك ھەربىي كۈچلا بىزنىڭ غەلىبە مېۋىمىزنى قوغداپ قالالايتتى . ئەمما كۈچلۈك ھەربىي كۈچ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچكە مۇھتاج ئىدى . بىز بۇ كۈچنى كىشىلەردىن ئېغىر باج ئېلىش بىلەن ھەل قىلغان بولساق ، كۈچىيىش تۈگۈل تېزلا ۋەيران بولغان بولاتتۇق . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭلار . ئۇلار ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن شۇنچە قابىل ساناقسىز ئالىملىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا يىمىرىلىپ كەتتى . شۇڭا بىز توختىماي مەبلەغ جەلپ قىلدۇق . دۇنيادىكى بارلىق ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيە ۋە كەشپىياتلارغا بىز ئالدىن يۈرۈش قىلىپ ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق . نەتىجىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىزگە كۈچلۈك سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى . بىز مۇشۇ كۈچلۈك سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيادىكى 160 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆز ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق .مانا ھازىر خىتاي ، ھىندىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىمۇ يىراقلاردىن ئىسرائىلىيەگە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدۇ . مۇشۇ ئۈچ پۇتلۇق بىرىكمە كۈچ بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا . ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماددىي كۈچ ئۇزاققا پايلىمايدۇ . ئۇنى چىرىشتىن ۋە قولدىن كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر « مەنىۋىي كۈچ » بولۇشى كېرەك . شۇندىلا بۇ تۆت بىرىكمە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت ئۇزاققىچە سەلتەنەت سۈرۈپ گۈللىنەلەيدۇ» . (ئۇنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى) .

تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە مۇنتىزىم ھەربىي كۈچ بەرپا قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان .

مىسىردىكى مىللىي ئويغىنىش پېشۋاسى ھەسەن بەننامۇ : « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ » دېگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىسىر مەنىۋىي داھىيسى مۇستاپا كامىل ( ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ) : « بىز يەيدىغىنىمىزنى، كىيىدىغىنىمىزنى ۋە باشقا بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ، بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن » . ئەڭ ئاخىرقى داڭلىق مىسىر مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غەززالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ : « بىر زاۋۇت ( فابرىكا ) قۇرۇش بىر مەسچىت قۇرغان بىلەن ئوخشاش ساۋاپ » دەپ تەكىتلىگەن .


ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ خارلىقى قاچان باشلانغان؟

ئۇيغۇرلار 1649 - يىلدىن 1949 -يىلغىچە موڭغۇللارنىڭ بېشىنى سىلاپ، مانجۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. تاتار  ، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق قىپچاقلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، چاررۇسىيىگە دۈشمەن بولۇپ قالدى. بارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ئەنگلىيىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى جېنىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان پان ئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم يۈكى لەيلەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دولىسىغا چۈشتى.
 
نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىزىمدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان چاررۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە مەنچىڭ دۆلىتى قاتارلىق ئۈچ جاھانگىر خوشنىسىنىڭ قولىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا بوغۇلۇپ يۈرۈپ مۇنقەرز بوپكەتتى.

مېنى يىللارچە ئويغا سالغان بىر ھەدىس بار. بەلكىم بۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز - ئالىملىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىز تېخى كۆرمىگەندۇ!؟ كۆرسىمۇ تېخى مەنىسىگە يەتمىگەندۇ:
« مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تۇنجى بولۇپ چىقىپ كېتىدىغان ھالقا ھاكىمىيەتتۇر. ئەڭ ئاخىرىدا قولدىن چىقىپ كېتىدىغان  ھالقا نامازدۇر ».

دېمەك 1759 - يىلى 5 - ئىيۇل تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندىن 1949 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغانغا قەدەر سوزۇلغان 200 يىلدا ھەدىستىكى بىرىنچى مەزمۇن ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى  تاپقان بولسا ، 1949 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە قىسمەن كىشىلىرىمىز مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىبادەت ناماز 2017 - يىلدىن ئېتىبارەن تولۇق مەنئى قىلىنىشى بىلەن ئاخىرقى ھالقا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.
ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن مەجبۇرىي كەچسىمۇ يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالمىغانلىقى، ماڭا بۇ ھەدىسنى پەيغەمبىرىمىز خۇددى ئۇيغۇرلارغىلا نەسىھەت ، ۋەسىيەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تەقدىم قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ!» .
« يۇقىرىقى ھەدىس ماڭا بەئەينى 1759 -  يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر زور پاجىئەسىدىن  1100 يىللار ئالدىنئالا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ».

دېمەك دۆلىتىڭ بولسا ھەممە نەرسەڭ بولىدۇ. ھازىرقى دەۋردە دۆلىتىڭ بولۇشى ئۈچۈن سەن باشقا مىللەتتىن پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك . ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە دىنىي جەھەتتە تۇڭگان بىلەن بولغان پەرقىنى ، مىللىي جەھەتتە ئۆزبېك بىلەن بولغان پەرقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە ، ھېلى خىتايلار تەرىپىدىن بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزاسى قىلىۋېلىنىش خەۋپىدە قالسا ، ھېلى نانقېپى تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن نېرىغا بارالمايۋاتىدۇ . ئاقىۋەت ، « تاياقنى ئۇيغۇرلار، ھالۋىنى يەنىلا خىتايلار ، تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر يەيدىغان ھالەت ئۆزگەرمىدى » .

1689 - يىلى غالدان قونتاجىنىڭ ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ، شەرقتە مانجۇرلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغاندا ، قورچاق ئافاق خوجا خەلقىمىزنى دىن نامىدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن : « ئۆرۈلدى پەلەكنىڭ چەرخى ، ئالەمنى ئالدى قونتاجى . خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق ، ئاتام قالماق بىلەن ناجى» دېگەن « قۇللۇق شوئارى » نى تەقدىر دەپ ئىشەندۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىنى ۋە قارشىلىق روھىنى ئۆلتۈرگەن بولسا ، 1789 - يىلى مەنچىڭ خانلىقى ۋەتىنىمىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان بەگلەرنى « شىتاتلىق ۋاڭلار » غا ئۆزگەرتىپ ، دىنىي ئىناۋىتىنى سىياسىي مەنسەپ بىلەن يوق قىلغاننى ئاز دەپ ، ئىقتىسادىي ۋاستە بىلەن سىياسىي غەرىزىگە يەتكەن . كېيىنچە يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنى ئىلىغا ، تۇرپان ۋاڭلىرىنى قەشقەرگە يۆتكەپ ، تەسىر دائىرىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان .

جاھالەتنىڭ ئوبدان بىر مىسالى ئوخشاشلا مىسىردىمۇ تەكرارلانغان بولۇپ ، 1798 - يىلى يازدا ناپولىئون بوناپارت مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ، مىسىر تەرەپ جەڭگاھقا « بۇخارى » دېگەن كىتاپنى بىللە ئېلىپ چىققان . ناپولىئون ئۇلارنى تەسلىمنامىسىنى ئېلىپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، سوراپ كۆرسە ، تەرجىمانى ئۇنىڭغا : « مۇسۇلمانلار بۇ كىتاپ بار جايغا ئاپەت كەلمەيدۇ . تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەن جاجىسىنى يەيدۇ » دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ . بۇ خىل چۈشىنىكسىز جاۋاپتىن قانائەت ھېس قىلمىغان ناپولىئون ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرۈپ ، بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ راسلا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەلىماتلارغا ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى ئاسراپ تەكچىدە ساقلىغان شەكىلۋازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، فرانسۇزچە ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ، ئەزھەر جامىسىنى رېمونت قىلىپ ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق : « مەن خۇدا سىلەرگە ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەھدى . سىلەرنى تۈركلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇدا مېنى ئەۋەتتى » دەپ ئالداپ ، ئۇدا ئىككى يىلغا يېقىن ئازغىنە ئەسكەر بىلەن مىسىرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان . ماتىتەي 1914 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە « تىتەي » بولۇپ كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەربىي فورما ئورنىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ئاۋامغا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ ، تارىم ۋادىسىنى ساق ئون يىل ئازغىنە ئەپيۈنكەش ئەسكىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىغان.

«ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق ئەسەرنى كۆرگەن كىشى، ئەينى يىللىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قۇلچىلىق ئىدىيىسىنىڭ قايسى دەرىجىگە يەتكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىپلا قالماي، ۋەتىنىمىزدىكى خىتاي ۋە مۇسۇلمان خىتايلارنىڭ مىللىتىمىز ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن ئاجايىپ ۋەھشىي باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئالدامچىلىقلىرىنىمۇ ئېنىق كۆرۈۋالالايدۇ. يەنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1910 - يىللىرىدىن 30 - يىللىرىغىچە بولغان ئومۇمىي قاباھەتلىك ۋەزىيىتىنى بۇ ئەسەر ئارقىلىق چۈشەنگىلى بولىدۇ. بۇ ئەسەرنىڭ كىشىگە قاتتىق تەسىر قىلىدىغان بىر تەرىپى، مۇناپىق، خائىنلارنىڭ ئۆز قېرىنداشلىرىنى مىللەتنىڭ دۈشمەنلىرىگە مالنىڭ ئورنىدا سېتىپ، بۇنىڭ بەدىلىگە بايلىق ۋە ئەمەل تاپىدىغان نامەردلىكلىرىدۇر. بۇنداق پەسكەش تەبىئەتلىك كىشىلەر زامانىمىزدىمۇ بار، ئەلۋەتتە. خۇددى يېڭىسارلىق بەگ ئۆز زامانىدا ئانارقىزنى ماتىتەيگە ئەمەل ئۈچۈن ساتقاندەك، ھازىرقى ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى بىر قىسىم كەنت، يېزا باشلىقلىرىمۇ ئۇيغۇر قىزلىرىنى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچى سۈپىتىدە خىتايلارغا سېتىۋاتىدۇ. بۇنداق قارا نىيەتلىك، بۇنداق نامەردلىكنىڭمۇ ھېسابىنى ئالىدىغان زامان چوقۇم كېلىدۇ.

ئەسەرنىڭ بىرىنچى بابى «ما فۇشىڭنىڭ قەشقەرگە تىتەي بولۇپ تەيىنلەنگەنلىكى ۋە مەنسەپكە ئولتۇرغانلىقىنىڭ بايان» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئەسەر مۇنداق باشلىنىدۇ:

- مىلادىيە 1914 - يىلى شىنجاڭنىڭ ئۆلكە باشلىقى ياڭ زېڭشىن ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان خۇيزۇ باتاليون باشلىقى ما فۇشىڭ ئىسىملىك كىشىنى چاقىرتىپ، ئۇنى قەشقەر ۋىلايىتىگە تىتەي قىلىپ تەيىنلىگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. ئاندىن ما فۇشىڭدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى، ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى بىر قاتار سىياسىي قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇشۇ بويىچە ئىش كۆرۈشىنى قاتتىق جېكىلەپ، ئۇنى قەشقەرگە يولغا سالغان. مافۇشىڭ قەشقەرگە كەلگەندىن كېيىن، چېڭسەن دارىن دېگەن كىشىدىن تىتەيلىك تامغىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، رەسمىي تىتەيلىك مەنسىپى بىلەن يېڭىشەھەردىكى ئوردىدا ئولتۇردى. ئۇ ئۆزىگە قاراشلىق ھەربىي قىسىمنى كۆزدىن كەچۈرۈپ چىققاندىن كېيىن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى بارلىق سىياسىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارنى، قەشقەردە تۇرۇشلۇق چاررۇسىيە، ئەنگلىيە كونسۇلخانىسىنىڭ خادىملىرىنى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەرنى چاقىرىپ، كاتتا زىياپەت قىلىپ كۈتۈۋالدى. ئۇ، زىياپەتتە سۆز قىلىپ، ئۆزىنىڭ ياڭ زېڭشىن تەرىپىدىن قەشقەرگە « تىتەي » لىككە بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېلان قىلدى، ئارقىدىنلا ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت باشقۇرۇشتىكى سىياسىي كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ، بۇرۇنقىلار ماڭغان يولدا ماڭىدىغانلىقى، ياڭ زېڭشىننىڭ سىياسىتىنى ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىجرا قىلىدىغانلىقى ھەققىدە كۆپ توختىلىپ ئۆتتى.

«ماتىتەي ۋە ئانارقىز پاجىئەسى» ناملىق بۇ ئەسەرنىڭ 1 - بابىدا ماتىتەينىڭ چەتئەل كونسۇللىرىنى ۋە ھەر ساھە خىتاي ئەمەلدارلىرىنى يۇقىرىقى ئىبارىلەر بىلەن ئالداپ بولغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر كاتتىلىرىنى ئالداشقا كىرىشكەنلىكى مۇنداق بايان قىلىنىدۇ:

- ئارىدىن ئۈچ كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، ماتىتەي قەشقەر شەھىرىدىن نوپۇزلۇق ئاخۇن، ئىشان، باي، سودىگەر، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى باشلىقلىرىنى يېڭىشەھەردىكى ئوردىسىغا چايغا چاقىردى ۋە كاتتا زىياپەت بەردى. ما تىتەي خۇيزۇلارنىڭ ئادىتى بويىچە بېشىغا ئاق داكا سەللە يۆگەپ، ئۇچىسىغا قەدىمكى ئۇزۇن چاپوزە كەڭرى چاپان، پۇتىغا مەسە - كالاچ كىيىپ، يەنە سەككىز نەپەر مۇھاپىزەتچىگە سەللە ئوراتقۇزۇپ ۋە ئۇلارنى قوراللاندۇرۇپ، زىياپەتتىكى كىشىلەر ئالدىغا «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دەپ كىرىپ كەلدى. ئۇ، قەشقەر شەھىرىدىن چىققان ئاخۇنلار بىلەن قول بېرىپ كۆرۈشتى، ئارقىدىن باي، سودىگەرلەر بىلەن كۆرۈشۈپ چىقىپ، كۆپچىلىككە قاراپ:«ئارىڭىزلاردا قارىي بولسا قۇرئان تىلاۋەت قىلسۇن» دېدى. ئاپئاق خوجا جامەسىنىڭ قارىيسى مىرزا قارىي يۇقىرى ئاۋاز بىلەن قىرائەت قىلغاندىن كېيىن، ما تىتەي ئورنىدىن تۇرۇپ ئاخۇنلاردىن دۇئا ئالدى.

ئەسەردىكى ماتىتەينىڭ ھىيلىگەرلىك تەبىئىتىنى ئاشكارىلاپ بېرىدىغان تۆۋەندىكى سۆزلىرى ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدۇ:

- ھەربىرلىرىگە ئۆلكە باشلىقى ياڭ دارىن جياڭجۈن جانابلىرىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزۈش بىلەن، ھەربىرلىرىنىڭ سالامەتلىكىنى سوراپ ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي، - دېدى ما تىتەي مېھمانلارغا قاراپ، - مېنىڭ ئىسمىم يۈننەن مافۇشىڭ، ئەرەبچە ئېيتقاندا مۇھەممەد يۇنۇس، مىللىتىم خۇيزۇ، ئىسلام دىنىدىكى ھەنەفىي مەزھىپىدە، چوڭ مەسچىت خۇيزۇ ئېتىقادچىلىرىدىن بولىمەن. ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق ياڭ جياڭجۈن دارىن جانابلىرى مېنى ھەربىر پۇقرا - خەلقنىڭ تىنچلىق ئىچىدە تۇرمۇشلىرىنىڭ پاراغەتتە ئۆتۈشى ئۈچۈن خىزمەتكە ئەۋەتتى.

ماتىتەي يەنە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

- قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ قايسى رايونىدىكى دوتەي، شەنگەنلەر مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئۆرپ - ئادەتلىرىگە ھۆرمەت قىلمايدىغان بولسا، ئېغىر ئالۋان - ياساق سالسا، ساڭلاردىكى ئاشلىقلارغا خىيانەت قىلىدىغان بولسا، سىلەر ئۆز ۋاقتىدا كېلىپ ماڭا ئەھۋالنى ئېيتىپ قويۇڭلار. ھەممە ئىشنى ئادالەت بىلەن سورايمەن. قىمارۋازلىق، پاھىشىۋازلىق، پارىخورلۇق، مۇشتۇمزورلۇق ئىشلارغا يول قويمايمەن؛ ئەپيۈن، نەشە چەككۈچىلەرنى قاتتىق جازالايمەن.

ماتىتەينىڭ بۇ سۆزىدىن كېيىن، زىياپەت زالىدا ئولتۇرغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى ھاياجانلىنىپ، بىردەك ھالدا: «ئۇلۇغ ئىلتىپاتلىق جياڭجۈن دارىننىڭ ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن، دۆلەت - ھۆرمىتى زىيادە بولسۇن، ئۆزلىرىنىڭمۇ ئۆمرى ئۇزاق، ئىقباللىرى يۇقىرى بولسۇن» دەپ توۋلىشىپ، مۇبارەكلەش تەنتەنىسى باشلىنىپ كېتىدۇ.

ئەسەردە يېزىلىشىچە، ماتىتەي قەشقەرنىڭ ئۆز زامانىدىكى مۆتىۋەرلىرىنى تامامەن قىلتاققا ئىلىش ئۈچۈن، بۇ زىياپەت زالىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دەيدۇ:

- مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى، مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى، چۆل - باياۋان، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن - سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان - ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ: «بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز» دەپ ۋەدە قىلىشىدۇ.

ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ماتىتەينىڭ زىياپىتىگە داخىل بولغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى زىياپەتتىن قايتقۇچە ئۆزئارا: «ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى» دېيىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ما تىتەي ئۇلارغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

زوزۇڭتاڭ دەۋرىدە يەرلىك بەگلەر بىكار قىلىنىپ ، ئاققۇن خىتايلار چوڭ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان . ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولماي قېلىپ ، 1900 - يىلدىن كېيىن يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ئۈنۈم قازانغان . چۈنكى تۇڭگانلار مۇسۇلمان بولغاچقا ، جاھالەت پىرلىرى نادان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا
 : « پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز » دېگەن قۇللۇق روھىنى يەنە دىن نامىدىن سىڭدۈرگەن.
خەلقىمىزنىڭ ئۇدا ئىككى ئەسىر توختىماي سىڭدۈرۈلگەن خاتا ۋە بۇرمىلانغان پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدە 1912 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە چوڭ ئاخۇن مافۇشىڭ ( تۇلۇم چاشقان ماتىتەي )نىڭ ، 1924 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە كىچىك ئاخۇن ماشاۋۋۇ ( ئورۇق چاشقان مادوتەي ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولۇپ ، ئەڭ ئالتۇن تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان . چۈنكى بۇ چاغدا سىتالىن تېخى 1921 - يىلى قوزغالغان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئەنگلىيەمۇ 1924 - يىلى قوزغالغان زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ھېچقايسىسى قول تىقىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئەمما دەل ئەنە شۇ ھالقىلىق 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى، سەئىدىيە سەلتەنەتى گۇمران بولۇپ، جاھالەت ۋە ئاسارەت ئاستىدا 300 يىل خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ ، يېڭى ئەسىردىكى ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەرىكىتىنى خېلىلا ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتۈك مەنىۋىي داھىي سوۋېت ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ، شاپتۇل داموللىدەك ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلارنىڭ قوللىشى ، ئۆمەر بايدەك ئاچكۆز بايلارنىڭ قاتىل ياللىشى ۋە نادان بىر تەلۋىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا قەستلەپ يوق قىلىنغان . نەتىجىدە توققۇز يىل كېچىكىپ كەتكەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەمدىلا غەلىبە قىلىپ ، قەشقەردە 1933 - يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن قەددىنى رۇسلىۋالغان سىتالىن تۇڭگان باندىت ماجوڭيىڭنىڭ قولى بىلەن 84 كۈندىن كېيىن قەشقەردىكى ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان .

ئۇنىڭدىن كېيىن خورلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1930 - يىللىرى سۇنجۇڭسەننىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلانغان خەلقىمىز ، 1937 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن بىلەن شېڭ شىسەي جاللاتنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1949 - يىلغىچە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭغا ساداقەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ، 1949 - يىلدىن كېيىن ماۋ نىڭ سۈرىتىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاننى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇرلاندى . بولۇپمۇ يېقىنقى 70 يىلدا تارتقان خورلۇق تارىختىن بۇيانقى بارلىق خورلۇقلاردىن ئېشىپ كەتتى .

يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولغان تاتار نۇشىرۋان يائوشېفمۇ بۇ ھەقتە قاتتىق كايىغان .
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ، يا نەپسانىيەتچى قارا قورساقلار ( بۇرۇن تالاي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ ، ھازىر خىتايغا يەم بوپكەتكەن بىر قىسىم قاشتاشچىلارغا ئوخشاش ) ، يا ئىشغالچى ھاكىمىيەتكە سادىق غالچىلار (  ھەر خىل ۋاڭلار ۋە ئۆمەربايغا ئوخشاش مىللىي مۇناپىقلار) ، ۋە ياكى دۈشمەن بىر قوللۇق سەمرىتكەن ساداقەتمەنلەر( قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە بىۋاستە جەمەتلىرى ) نىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىمىزگە قىلچە پايدىسى تەگمىگەن . 1830 - يىللاردا يەكەندىكى ئاچكۆز باي رۇستەم ئامباللىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ، خەلقىمىزنى قان يىغلىتىپ يۈرۈپ، خەجلىگەن پۇلىنى ھەسسە قاتلىۋالغان . 1900 - يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن شوراپ تاپقان ھارام پۇللارنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى شۆھرەت تاپقان . 
1920 - يىللىرى ئۆمەر باي ، قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ باجلىرىنى ياڭ زېڭشىڭغا بىراقلا تۆلەپ، ئارقىدىن ئۆزى خەلقتىن ھەسسىلەپ يىغىپ تىقىلىپ كەتكەن . ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە سورىسا بەش تىللامۇ بەرمىگەن . تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ، رەھبەرلەر چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن پۇللارغا. شېڭ شىسەي 1937 - يىلى ئۆمەر باينى ئۆلتۈرۈپ ، مۇسادىرە قىلىنغان ھېساپسىز بايلىقلار بىلەن سىتالىندىن قەرز ئالغان بەش مىليون رۇبلى ئالتۇننى تۆلىگەن . 1949 - يىلدىن كېيىنكى ئىپلاسلارنى دېمەيلا قويايلى !

يېتىم مىللىتىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبەدىي خارلىتا قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەتكەن : « زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10]. سۈرە نىسا 10 - ئايەت.

ھەر ھالدا خەلقىمىز ئىچىدە خوتەن شاھى ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجىغا ئوخشاش، مۇسابايلارغا ئوخشاش ئاز ساندىكى خەلقىدىن شۈلۈپ ئالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايدىغان ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ خەلقىنىڭ قېنىنى شورىمايدىغان ، بەلكى خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاز ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر بايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى بىلەن خەلقىمىز ھەر ھالدا يېڭى ئەسىرگە ئۇلىشالىغان . ئەمما كېيىنكى بايلار مىللەتنىڭ غېمىدىن كۆپرەك شەخسىي غېمىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەننى ئاز دەپ ، بارا - بارا ئۆزىنى خەلقىدىن ئايرىپ قارايدىغان خاھىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئاقىۋەت « پۇلنى تېپىشنى بىلگەن بىلەن ، قانداق خەجلەشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بايلار » پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەۋېتىلدى . باندىتلار خەلقنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىۋاستە شورىماي ، ئەنە شۇلارغا شوراتقۇزۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى . كېيىنچە ئۇلارنى يوقىتىش شۇنچە ئاسان بولدى . چۈنكى
« ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى » نەتىجىسىدە خەلق ۋە بايلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولدى . بۇمۇ قاراقچىلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بولسا كېرەك .

ئىسلام دىنىدا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساپتا ئەڭ بۇرۇن ئېغىر سوراققا تارتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم يۇقىرىدا نېتانىياخۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان تۆت خىل يىمىرىلمەس كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر . دىنىي ئالىملار ۋە مەنىۋىي داھىيلار شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياۋى پەنلەردە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە پىشقان ئالىملار شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بايلار شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، جەڭچىلەر شۇ مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

ئەمدى قاراپ باقايلى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى تۆت خىل كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار ھازىر زادى قەيەردە !؟ نېمىش قىلىۋاتىدۇ !؟

دىنىي زاتلىرى ھالاكەت ئالدىدىكى ئۈمۈدسىز خەلقىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا يېتەكلىمەستىن، ئەكسىچە ، ئەرەبلەر ئۆزىنىڭ رېئاللىقى ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان يول خەرىتىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپلا خەلقىمىزگە سۇنۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ . نەتىجىدە سەئۇدىنى دورىغانلار بىلەن مىسىرنى دورىغانلار ، ئەرەبچە ئەنئەنىۋى يولنى دورىغانلار بىلەن يېڭىلىقچىلار ئارىسىدا بىر مەيدان « كاپىرغا چىقىرىش » ئېغىز ئۇرۇشى پارتلاپ ، ئازاپلىرى يېتىپ ئاشقان خەلقىمىزنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈۋاتىدۇ .

دىنىي زات دەپ ئاتىلىۋېلىپ ، نە ئۆزىگە نە خەلقىگە پايدىسى يەتمىگەنلەرگە قارىتا قۇرئان كەرىم شۇنداق باھا بەرگەن ۋە ھۆكۈم قىلغان :
« شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » . سۈرە ئەئراف 179 - ئايەت.

دىنىي زاتلار ئىچىدە ھەبىبۇللا توختى دېگەن كىشى تۇنجى بولۇپ « كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشى » دېگەن ھەدىسنى بىز يۇقىرىدا ئېيتقان نېتانىياخۇنىڭ ئۈچ خىل تەڭداشسىز كۈچ پەلسەپىسىگە ئوخشاش كەڭ دائىرىدە چۈشىنىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان . يەنى ئەسلىدە ۋەتەندە 1100 يىلدىن بېرى پەقەت « ئىمانى كۈچلۈك بولۇش » تار دائىرىسىدە روھانىي تەرىپىلا تەكىتلىنىپ كېلىۋاتقان بۇ تەلىماتقا ئۇ كىشى
ئىلمىي ، ئىقتىسادىي ۋە جەمئىيەتشۇناسلىق ھەققىدىكى ئۇقۇملارنى قوشۇپ تەشەببۇس قىلغان . ئەمما ئۇنى خەلقنىڭ ئېڭىغا سۇنماي تۇرۇپلا ، بالا - قازالار باشلىنىپ كەتكەن ئىدى .

بايلارغا كەلسەك ، ئەڭ ئېھتىياجلىق زامانلاردا يەنىلا خەلقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقاننى ئاز دەپ ، تېخىچە ئېسىل ماشىنىسى بىلەن ئاشخانىغا كۈندە كېلىپ ، تەييار تاماق يەپ قايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايۋاتىدۇ . ( ھەر ھالدا ئاز ساندىكى مىللەت ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ، داغدۇغا چىقارماي ئىش باشلىغانلاردىن سىرت). بۇنداق مەلئۇنلاردىن قوتاندىكى قوي - كالا ياخشى ئەمەسمۇ !؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بورداپ باققان قوينى باشقا كۈن چۈشكەندە يا سويۇپ يېگىلى بولىدۇ ، يا سېتىپ خەجلىگىلى بولىدۇ . ئەمما بۇنداق زېمىنغا يۈك ، خەلققە ئاپەت ئېشەكلەرنى يا يېگىلى ، يا ساتقىلى بولمايدۇ . بەلكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ مەڭگۈ چەتئەلدە قېلىپ توزۇپ تۈگەيدۇ . چۈنكى خەلقىمىز كېيىنچە كىمنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ۋەتىنىگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ .

ھالقىلىق پەيتتە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلمىغان بېخىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاھ تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقارغان :

« ...... ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ[35]. سۈرە تەۋبە 34 - 35 - ئايەت.

مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش يولىدا پۇل چىقارغان كىشىلەر بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۇل چىقارغانلارنىڭ پەرقى ھەققىدىمۇ ئوچۇق ئايەت بار :

« نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[10]. سۈرە ھەدىد 10 - ئايەت.
كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ » . سۈرە ھەدىد 11 - ئايەت.

ئەمدى جەڭچىلەرگە كەلسەك ، ئۇلارنى ئەرەبچە « مۇجاھىد » دېگەن ھامان كاللىغا ئاپتوماتىك ھالدا ئەرەب جاڭگاللىرىدىكى قوراللىقلار كېلىدۇ . ئەمما بىزدەك ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ، ئەر ياكى ئايال دېمەستىن ، يېشىغا يەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بىر « ئەركىنلىك جەڭچىسى » بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق كىندىك قېنى ۋەتەنگە تۆكۈلگەن ياكى چەتئەلگە تۆكۈلگەن بولسىمۇ ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى يوقالمىغان بارلىق شەخسلەر جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىدۇر .( مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولغان بولسۇن ، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ) . يېتەكچىسى يوق پادىلارغا ئايلىنىپ قالغانلارنىغۇ زېرەك قاسساپلار باغۇ - بوستان مەنزىرىلىك ئادەم قاسساپخانىلىرىدا سويۇپ تۈگىتەي دېدى . ئەمما باشقا پىدائىيلار ۋە بولغۇسى جەڭچىلەر نېمىش قىلىۋاتىدۇ  !؟ ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش زۆرۈرتىغۇ !؟ تەييارلىق يالغۇز قورال بىلەن بولمايدىغۇ !؟ قولغا قورال ئېلىشتىن بۇرۇن تالاي سالاھىيەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. بىزدە ھەر ئىشنى دەل ۋاختىدا قىلىش روھى يوق دېيەرلىك . ھازىر « ئوقۇ ، بىلىم ئال ، ئويلان، تەپەككۇر قىل ، روھىڭنى كۈچەيت » دېسە گەپ ئاڭلىماي « چوڭ ئىش بولسا قىلىمەن ، كىچىك ئىشنى ياراتمايمەن » دەپ ئولتۇرۇپ ، ۋاختى كەلگەندە سەپەرۋەرلىك قىلسا ، قانچىلىك شەخس شۇ ھامان ئاۋاز قوشۇپ ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ ......!؟؟؟

ئويلىنايلى ، ئۆزىمىزنى ئوبدان دەڭسەپ باقايلى، كىچىككىنە خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى قانچىلىك ئالاقزادە بوپكەتتۇق !؟ جان تاتلىقمىكەن !؟ ئەجەبا بىزنىڭ جېنىمىز ۋەتەندىكى بىھۇدە بەدەل تۆلەۋاتقان خەلقىمىزنىڭ جېنىدىنمۇ تاتلىقمىكەن !؟ ھازىرقى ئۆيگە سولىنىش مەزگىلى يا تەسلىم بولۇش يا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئالدىدىكى بىر كىچىك پىسخىك سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت . ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ . ھەر ھالدا ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلغىنىڭىز ، كېيىنچە نۇرغۇن ئىشلارنى ئىشلارنى بۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ۋە ئاقساتماسلىقىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق . مىللەتكە بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ، زىيان سالمىسىلا مەيلى دەيدىغان تۆۋەن سەۋىيىدىكى ئاڭدا ياشاۋاتىمىز . ئەمما ھېچقىسى يوق . « تۆمۈرنى تاۋلىمىغىچە پولاتقا ئايلانماس » دېگەندەك ، ئۆمۈرنى ۋە ئۆزىنى تاۋلىمىغۇچە بۇ مىللەتنىڭ لاياقەتلىك ئەزاسى بولۇش تەس . بۇلۇۋاتقان ئاپەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغاندىن سىرت ، بۇنداق ئىشلارنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ . بىز ھازىر بارلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ، پەقەت خۇدا بەرگەن ۋاز كېچىلمەس ھەققىمىز بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈك چارىسىلا بىزنى ساقلاپ قالىدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق . ئەمدى ئاشۇ تونۇش بويىچە ھەرىكەت قىلىشلا قېپقالدى .

ھەدېسىلا دىن سۆزلەيدىغان ، ئۆزىنى موللا ، ئۆزگىنى چولتا سانايدىغان ئەۋلىيالار ، ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەر قانداق سەپداش ۋە قېرىنداش بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشى لازىم . چۈنكى ئىسلام تەلىماتلىرىغا قارىغاندا ، يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ساھە كىشىلىرى بولغان ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر قاتلىمى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان بولۇپ ، قىيامەتتىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ قاتتىق ھېساپ - كىتاپ شۇلار ھەققىدە بولىدىكەن . ئەلۋەتتە ، بۇ دۇنيادىمۇ ئەڭ قاتتىق ۋە ئىنچىكە سوئال - سوراق شۇلار ھەققىدە بولۇشى كېرەك.
بۇنداق بولغاندا ، ئۆزىنى ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قەرزداز ، ئۇلار ئالدىدا گۇناھكار سۈپىتىدە قاراپ ھەرىكەت قىلماي، ئەكسىچە ئۆزىنى تۆھپىكار، نىجاتكار ، كېلەچەكتىكى ھاكىمىيەتنىڭ باش سېكرىتارلىرى دەپ قارىۋالغان نومۇسسىز ئىنسانلار ئەقلىنى تېپىشى كېرەك . ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ! « سەن ۋارقىراپ تۇرۇپ كۈندە ئېلان بەرمىسەڭمۇ خەلقىمىز ھەقىقىي ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ . ئالدامچىلارنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ » . بۇ بىر قېتىملىق ئاخىرقى تېپىلماس ئالتۇن پۇرسەت . بۇ پۇرسەتتتىمۇ نىيىتىنى ، ئۆزىنى ، سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى پاكىزلىيالمىغانلار بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ .

نېتانىياخۇ راس دەپتۇ . ( ئەمەلىيەتتە بۇ مۇھىم چاقىرىقلارنى ئاللاھ قۇرئاندا ، ھەم ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئاغزى بىلەن ئاللىبۇرۇن ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ ، نەقەدەر جاھالەتكە پاتقىنىمىزغا ئىشارەت قىلىپ نېتانىياخۇنى قايتا تىلغا ئالدۇق ) . ئالىملار ، بايلار ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ! ئىش ئىگىسىنى تاپسۇن ! ۋەتەن ئۈچۈن پۇل تاپايلى ، تاپالمىساق تاپقانلارنى قوللايلى ! ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئالايلى ! قولىمىزدىكى بارچە ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچىمىزنى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن دەسمايە قىلايلى !
« ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت » . نۆۋەت بىزگە كەلگەندە چارچاپ يىقىلماي، تېخىمۇ چىڭ تۇرايلى ! غەلىبە پەقەت ئاخىرىغا قەدەر چىدىيالىغانلارغا مەنسۇپ !

« ئى پەيغەمبەر! مۆمىنلەرنى (مۇشرىكلار بىلەن) ئۇرۇش قىلىشقا رىغبەتلەندۈرگىن، ئەگەر سىلەردە چىداملىق يىگىرمە ئادەم بولىدىغان بولسا، (دۈشمەندىن) 200 نى يېڭەلەيدۇ؛ ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، كاپىرلاردىن 1000 نى يېڭەلەيدۇ؛ چۈنكى ئۇلار (جاھىل) قەۋم بولۇپ، چۈشەنمەيدۇ[65]. سۈرە ئەنفال 65 - ئايەت.
ئاللاھ ئەمدى سىلەرنىڭ (يۈكۈڭلارنى) يىنىكلەتتى، سىلەرنىڭ ئاجىزلىقىڭلارنى بىلدى، ئەگەر سىلەردە چىداملىق 100 ئادەم بولىدىغان بولسا، 200 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ، ئەگەر سىلەردە (چىداملىق) 1000 ئادەم بولىدىغان بولسا، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن 2000 (دۈشمەن) نى يېڭەلەيدۇ. ئاللاھ چىداملىقلار بىلەن بىللىدۇر[66]. سۈرە ئەنفال 66 - ئايەت.

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 3 - ئاپرىل. جۈمەسىز جۈمە.
10


مىللىي مەنپەئەت ۋە مىللىي بىرلىك

(خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ سىياسىي تەپەككۇرىنى چۈشەنمەكچى بولسىڭىز، بۇ ماقالىنى ئوقۇشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن، رەھمەت)

ئاپتور: خالمۇرات ئۇيغۇر ئەلسۆي

تىل ئىنسانلارنىڭ ئالاقە ۋاستىسى ۋە ئىنسانلارنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي توپلارغا ئايرىلىشىنىڭ شەرت ۋە پاسىللىرىنىڭ بىرى. مەسىلەن بىز ئۇيغۇر تىلىدا مەيلى قەشقەردىن كېلەيلى ياكى تۇرپاندىن، بىر بىرىمىزنىڭ تىلىنى چۈشىنەلەيمىز، ئۇيغۇر تىلىدا يېزىلغان شېئىرلاردىن ھوزۇرلىنالايمىز، ئۇيغۇرچە كىتابلاردىكى تەپەككۇر ۋە ھېسسىياتقا ئورتاق تەۋرىنىشتە بۇلالايمىز. بۇ بىزنى ئىجتىمائىي جەھەتتىن، روھىي جەھەتتىن ۋە ئالاقە جەھەتتىن باشقىلاردىن ئايرىپ تۇرىدۇ. بۇنىڭغا بىزنىڭ ياشايدىغان تۇپرىقىمىزنى پاسىل قىلغاندا، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىز تېخىمۇ ئېنىق بولىدۇ. پاسىلنى ئېنىقلاشتا ئۆزىمىزنىڭ شارائىتى، قوشنىلارنىڭ شارائىتى، قوشنىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ۋە زامان تەقەززاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يەنى ئۆزىمىزنىڭ كۈچى ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان پاسىلنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى بىلەن ئوڭ تاناسىپ بولۇپ، كۈچسىز بولساق، پاسىلسىز، ئىگىلىك ھوقۇقىسىز ۋە ھەتتا مەۋجۇتلۇق كىرىزىسىگە پاتقان ھالدا ئىڭراپ قالىمىز. مىللىي مەنپەئەت دېگىنىمىز دەل زامان، ماكان ۋە ئۆز شارائىتىمىزغا باغلىق ھالدا قىسقا مۇددەتلىك ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك دەپ بەلگىلىنىدۇ. كېيىنكى تەرەققىياتلار شۇ دەۋردىكى مۇھىت، شارائىت ۋە كۈچلەر ئارىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقلاردەك مۇمكىنچىلىكلەرگە ئاساسەن تەڭشىلىدۇ ۋە تەڭپۇڭلىشىدۇ. شۇڭا، بىر مىللەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتى پەقەت ئۆزىگىلا ئەمەس، بەلكى زامان، ماكان، شارائىت ۋە كۈچلەر تەڭپۇڭلىقىغا باغلىق ھالدا، شۇ مىللەتنىڭ ئارزۇ ئىستەكلىرىنى شۇنداق تەڭلۇڭلۇقتا قانداق گەۋدىلەندۈرۈشكە بولغان تىرىشىشىدا ئىپادىلىنىدۇ.
مىللىتىمىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ئانالىز قىلغىنىمىزدا، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار يەتمىش يىل بۇرۇن دۆلىتىنىڭ پاسىلىدىن ئايرىلغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە ئۆزى بىلەن خەقنىڭ ئارىسىدىكى پەرقلەرنى ئېنىقلايدىغان تىلى، دىنىي ئېتىقادى، ئۆرۈپ- ئادەتلىرى، يوسۇنلىرى، مۇراسىملىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلىرى ۋە مىجەز خاراكتېرىدىكى پاسىلاردىنمۇ مەھرۇم قېلىنىش تەھدىتى ئاستىدا تۇرماقتا. بىر مىللەت ئىككى باسقۇچلۇق تاجاۋۇزغا ئۇچىرايدۇ، بىرىنچى باسقۇچتا دۆلىتىنىڭ چىگراسىنى يۇقىتىپ، باشقا بىر دۆلەتنىڭ مۇستەملىكىسى، ئاپتونۇم رايۇنى ياكى ئاپتونۇم جۇمھۇرىيىتى، ياكى ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن بىرلىكى قاتارىدا تېرىتورىسيىگە قوشۇۋېلىنىپ، ئىگىلىك ھوقۇقىنى پۈتۈنلەي يۇقىتىدۇ. ئىككىنچى باسقۇچتا بولسا، ئۇ مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئۆز ۋەتىنىدىن، يەنى ئۆز مىللىتى مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان رايۇنلاردىن كۆچۈپ چىقىپ كېتىپ، ياتلار كۆپ سانلىق بولغان تۇپراقلارغا كېتىدۇ، شۇ يېڭى يۇرتلىرىدا شۇ يەردىكى كۆپ سانلىقلارغا ماسلىشىپ، سىڭىشىپ، ئۆزىنىڭ كىملىك پاسىلىنى يۇقىتىدۇ. ئۆز ۋەتىنىدە قالغانلىرى بولسا، مىللىي كىملىكىدىن ئېتنىك كىملىك دەرىجىسىگە چۈشىدۇ. مىللىي كىملىكىنى ئېنىقلاپ تۇرىدىغان پاسىللاردىن ئايرىلىپ، ئۆزىنى بېسىۋالغان مىللەتكە پۈتۈنلەي سىڭىشىپ كېتىدۇ. مۇشۇ ئىككى باسقۇچلۇق تاجاۋۇز تاماملانغاندىن كېيىن، ئۇ مىللەت تارىختىن ھەقىقىي مەنىدە يوق بولىدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىق ئاھالىسى بولغان شەرقىي تۈركىستانلىقلار دەل ئىككىنچى باسقۇچتا ئۆزىنى ساقلاش كۈرىشىنى يەتمىش يىلدىن ئارتۇق داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، سوۋىتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، خىتاي دۆلىتى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە ئىقتىساد گۈللىنىشىدىن تۇغۇلغۇسى بولغان مىللەتچىلىك ئېڭىدىن مىللىي مەنپەئەت ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىنى توسۇش ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى خىتاي دۆلىتىگە بارلىق پاسىللىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان ھالدا قېتىۋېلىش مەقسىتىدە خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىنى كۈچلەندۈرىدۇ ۋە تېزلەشتۈرىدۇ.
دېمەك بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىز دېگىنىمىز، ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ  مەۋجۇتلىقىنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىشى، بۇنىڭ ئۈچۈن پاسىللىرىمىز ئېنىق بولۇشى، ھەر ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز بار بولۇشى ۋە كۈچلۈك بولۇشى كېرەك. ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئۇلۇسىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىنى ئاداققىچە داۋام قىلىش ئۈچۈن دۆلەت چىگىرىمىز بولۇشى كېرەك.  دېمەكچى، بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز يوق ھالەتتە، ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى ساقلىشىمىز، ياكى ئۇنى ساقلايمەن دېيىشىمىز شارائىتىمىزغا ۋە مۇھىتىمىزغا ماس كەلمەيدۇ. چۈنكى، بىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى يوق قىلماسلىق تىرىشچانلىقىمىز، مەيلى ئۇ سىياسىي غەرەزدە بولسۇن، ياكى مەدەنىيەت نۇقتىسىدىن بولسۇن، خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ نەزىرىدە خرىس دەپ قارىلىدۇ. مانا بۇ نىمە ئۈچۈن جازا لاگېرلىرىنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنىڭ، دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ۋە ئۇستازلارنىڭ تۈرمىلەرگە سولىنىشىنىڭ، تىلىمىزنىڭ، دىنىمىزنىڭ، مەدەنىيىتىمىزنىڭ زەربىگە ئۇچرىشىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋە ئەڭ نىگىزلىك سەۋەبى. خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن ئىلغارلىقى ئەمەس، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىن كۈچلۈكلىكى ئەمەس، دىنسىزلىقنىڭ دىنىي ئېتىقادى بولۇشتىن ئاقىللىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، خۇددىي بىزنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ چىگراسىنى يوق قىلغىنىغا ئوخشاش، بىزنىڭ روھىمىزدىكى چىگرادىن بۆسۈپ كىرىپ، بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈندۇر. بۇ قانداقتۇر تارىخي ئۆچىنى ئېلىش ھەركىتى ئەمەس، شۇنداق تارىخلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆز خەلقىدە ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىشەنمەسلىك، كەمسىتىش ۋە ياتلاش خاراكتېرىنى يېتىلدۈرۈش ئارقىلىق، ئاممىۋىي گىپنوس قىلىپ، ئاممىۋىي قوللاشقا ئېرىشىپ، بۈيۈك خىتاي مىللىي مەنپەئەتىنى قانائەتكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. بىز بۇنىڭغا پەقەتلا غەزەپ بىلەن ياكى نەپرەت بىلەن جاۋاب بەرسەك، دۈشمەن بىلەن بىر سەۋىيىدە بولالماي قالىمىز، تەقدىرىمىز مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملىنىپ قېلىشى مۇمكىن. بىزدە دۈشمەنگە بولغان غەزەپ بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مىللىي مەنپەئىتىمىزنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىش ئەڭ ئەقەللىي ۋە ئەڭ تۆۋەن قىزىل سىزىقىمىز بولۇشى كېرەك.
بىز كىم؟ <بىز> كەلىمىسىگە سىياسىي بىر تەبىرنى ئېنىقلىشىمىز، بىزنىڭ دۈشمەن ۋە باشقىلار بىلەن چىگرايىمىزنى ئايرىشىمىزنىڭ ئاساسى. ئۆزىمىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمايمىز، دۈشمەننىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، كۈرەش ۋە رىقابەتنىڭ ئارىسىدىكى پەرق مۈجىمەل بولۇپ قالىدۇ. مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى بىز ئىككى تۈرلۈك ئېنىقلاش ئارقىلىق تەبىر بېرىلىدۇ. بىرىنچىسى، خىتاينىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلماقچى بولغان پىلانىدا نىشان قىلغان بارلىق زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار. ئىككىنچىسى، بىزنىڭ ئىككىنچى پاسىلىمىزنى قوغداش، مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئاداققىچە داۋام قىلىشى ئۈچۈن، بىرىنچى پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈش زۆرۈرۈيىتىدىكى كۆرىشىمىزگە قاتناشقان، ياردەمدە بولغان بارلىق كىشىلەر. شۇ ئىككى شەرتكە چۈشكەنلەر بىز بولسا، بىزنىڭ ئارىمىزدىن بىز بولماي قالىدىغان كىشىلەر تۆۋەندىكى ئىككى شەرت بىلەن بىز بولماي قالىدۇ. بىرىنچىسى، ئىككىنچى پاسىلىمىزدىن ۋاز كېچىش تەرەپدارلىرى ۋە ئىككىنچى پاسىلىمىزنىڭ يۇقىلىشى ئۈچۈن قىلىنغان ھەركەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتناشقۇچىلار. ئىككىنچىسى، بىرىنچى پاسىلىمىزنى قىزىل سىزىقى قىلمىغان، ئۇنى قايتا بەرپا قىلىش كۆرۈشىگە قارشىلىق، توسقۇنلۇق ھەتتا دۈشمەنلىك قىلغان، ياكى دۈشمەنلىك قىلىۋاتقان ياكى كەلگۈسىدە دۈشمەن بولۇش ئېھتىمالى مۇقەررەرلەر بىلەن سەپداش ياكى يولداش بولغانلار. يۇقىرىدىكى تۆت شەرت ئارقىلىق بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىيالايمىز ۋە مىللىي كۈرەش يولىمىزدا دوستلىرىمىزنى دۈشمەندىن، يولداشلىرىمىزنى ياتلاردىن ئايرىۋالالايمىز.
بىزدىن باشقىلارنى كاتىگورىيىلەرگە ئايرىش تەقەززايىمىز ۋە ئېھتىياجىمىز بار. ئۇلارنى دۈشمەن، دۈشمەننىڭ دوستى، بىتەرەپ، بىز تەرەپ ۋە دوستلىرىمىز، يەنى ئىتتىپاقداشلىرىمىز دەپ بەش تۈرگە ئايرىشىمىز لازىم. شۇنداق بولغاندىلا كىم بىلەن قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىمىز. قانداق مۇئامىلىدە بولۇشنى بىلىش بىزنىڭ قانداق قىلغاندا مىللىي بىرلىكنى شەكىللەندۈرۈشىمىزنىڭ ئالدىنقى شەرتىدۇر.
دۈشمەنلىرىمىز مىللەت تەركىبى، دۆلەت تەركىبى، سىياسىي قارىشى ياكى دىنىي ئېتىقادى بىلەن ئۆلچەنمەستىن، بەلكى بىزنىڭ ئىككى پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىز ۋە قوغدىشىمىزغا مىللىي مەنپەئەتى زىت توپلۇم ياكى شەخس بولۇپ، دۈشمەننى بىزنىڭ ھەركەتلىرىمىزگە بولغان مۇئامىلىسىگە ئاساسەن ئاكتىپ دۈشمەن، پاسسىپ دۈشمەن ۋە كەلگۈسى دۈشمەن دەپ ئۈچ تۈرگە ئايرىشىمىز لازىم. شۇنداق قىلغاندا دۈشمەننى مۇھىت ۋە شارائىتلارغا ئاساسەن ئايرىپ مۇئامىلە قىلالايمىز، سىتراتېگىيىلىك قەدەم باسقۇچلار بويىچە تەدبىر ۋە مۇداپىئە پىلانى تۇرغۇزالايمىز، ئىجرا قىلالايمىز. ئاكتىپ دۈشمەن بىزنىڭ ئىككىنچى پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلىشقا تىرىشىۋاتقان، ئۇنى پىلان قىلغان، ئىجرا قىلغان، ياكى ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن ئۇنىڭغا شېرىك بولغانلاردۇر. بۇگۈنكى كۈنىمىزدە بۇ خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسى، خىتاي دۆلىتى ھۆكۈمەت ئاپپاراتى، ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادىي گەۋدىلىرى ۋە شۇ سېستىمىدا ئىشلەۋاتقان، شۇ سېستىمىدىن پايدا ئېلىۋاتقان، بىۋاستە ۋە ۋاستىلىك مەنپەئەتلىنىۋاتقان بارلىق توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. پاسسىپ دۈشمەن بولسا، شۇ سېستىمىدىن ۋاستىلىك ھالدا مەقسەتسىز مەنپەئەتلىنىۋاتقان، ئەمما بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ۋە قوغداش ھەركىتىمىزگە قارشىلىق ھەركىتىدە بولمايدىغان، ياكى مەلۇم شەرتلەر ئاستىدا چېكىنىپ چىقىدىغان توپلۇملار ۋە كىشىلەردۇر. دۈشمەننىڭ دوستلىرى بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇپ چىقىش ۋە قوغداش ھەركىتىمىزدە دۈشمىنىمىزگە ئىقتىسادىي، سىياسىي، دىنىي، دېپلوماتىك ياكى مەجبۇرىيەت نۇقتىسىدىن ھەمكارلىشىدىغان، بىۋاستە قاتنىشىدىغان ياكى ياردەمدە بولىدىغان گەۋدىلەر، توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. بىتەرەپلەر بىزنىڭ ئىككى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنىڭ ئىككىنچى باسقۇچلۇق پاسىلنى قوغداش ھەركىتىمىزنى قوللايدىغان، مەسىلەن خىتاينىڭ بىزنى خىتايلاشتۇرۇش ھەركەتلىرىگە قارشى تۇرىدىغان، بىزنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىمىزنى قوغداش ھەركەتلىرىمىزگە بوشلۇق يارىتىپ بېرىدىغان، ئەمما بىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈشتە خىتاي بىلەن بولغان سىياسىي، دېپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنى سەۋەب قىلىپ ياردەمدە بولمايدىغان، ھەتتا قارشى تۇرىدىغان گەۋدىلەر، توپلۇملار ۋە شەخسلەردۇر. ئەپسۇسكى، ھازىرقى خەلقئارا مۇھىتتا بىتەرەپ بولىۋاتقانلارنى بىزنىڭ بىزتەرەپ ياكى دوستىمىز، يەنى ئىتتىپاقدىشىمىزدەك چۈشۈنۈپ قېلىۋاتىمىز. 
بىزنىڭ مىللىي بىرلىكىمىز بىزنىڭ كىم ئىكەنلىكىمىزنى ۋە دۈشمەننى ئېنىق بىلگەن ئاساستا، ئىچكى مۇناسىۋەتلىرىمىزدە ئوخشىمىغان گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ۋە مەزھەپلەر ئارىسىدىكى پەرقلەرگە مۇئامىلە قىلغاندا، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قىزىل سىزىق قىلغان ھالدا، مۇئامىلە ۋە مۇناسىۋەتلەردە بولۇشىمىزنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ ھازىرقى شارائىتىمىزدە ئوخشىمىغان قاراشلار ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ چوڭ بولۇشى، كىشىلەرنىڭ سىياسىي قاراشلىرى سەۋەبىدىن ئوخشىمىغان گۇرۇھلارنىڭ ياكى پارتىيىلەرنىڭ ئەتراپىغا ئۇيۇشىش دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى بولماسلىقى، ئوخشىمىغان قاراشلار ئارىسىدا دىئالوگلارنىڭ بولماسلىقىدىن، ئارىسىدىكى پەرقلەرنى چۈشۈنۈپ، پەرقلىرىنى روشەنلەشتۈرمەسلىكىدىن سىرت، ئومۇمىي خەلقتە سىياسىي ئىدىلوگىيە ۋە قاراشلارغا، گۇرۇھ ۋە پارتىيىلەرگە بولغان قاراشنىڭ ئېنىقسىزلىقى، ياكى شەكىللەنمەسلىكىمۇ مۇھىم سەۋەبتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن سىياسىي قاراشلار ۋە ئىدىلوگىيە توغۇرلۇق تالاش تارتىشلاردا بولىۋاتقان ئاكتىپلارنىڭ، يىتەكچىلەرنىڭ ياكى رەھبەرلەرنىڭ سىياسەت نەزىرىيىسىگە ئائىت بىلىملەرنى ئىگەللىشى، قاراشلارنى كەسپىي ۋە ئىلمىي شەكىلدە ئوتتۇرىغا قويۇشى لازىم.
بىزگە بىر لىدىر ئەمەس، ئەمەلىي ئىش قىلىدىغان يۈزلىگەن، ھەتتا مىڭلىغان ئەمەلىيەتچى ھەركەتچىلەر كېرەك. ئىنساندىن بولغان، كۈچنى مەركەزگە مەركەزلەشتۈرگەن لىدىر ئەمەس، بەلكى شۇ ھەركەتچىلەرنى سىتخىيلىك ھالدا بىرلىككە كەلتۈرىدىغان سېستىما، چوڭ سۈرەتكە چۈشۈدىغان سىتراتېگىيە پىلانى كېرەك. شۇنداق بىر پىلەننىڭ ئىنچىگە دېتاللىرى ۋە تەپسىلاتىنى ھەرقايسى گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ياكى شەخسلەر ئۆزنىڭ شارائىتى، زامان ۋە ماكان تەمىنلىگەن مۇمكىنچىلىكلەر، ۋە ئۆزىنىڭ تالانتىغا، قابىلىيىتىگە ئاساسەن تۈزسە، بىرلىك گۇرۇھلار، پارتىيىلەر ۋە شەخسلەر ئوخشاش يۆنۈلۈشتە، ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ياكى تۈرلەر بويىچە خورىزونتال ھەركەت قىلساق بولىدۇ. بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىز بولغۇسى دۆلىتىمىزنىڭ تۈزۈلمىسىنى بىز پادىشاھلىق قۇرۇشنى نىشان قىلىپ ئەمەس، بەلكىم دېموكراتىك، يەنى ۋەتەنداشلارنىڭ ئىرادىسىغا ۋەكىللىك قىلغۇچى مىللەت ۋەكىللىرىنىڭ قارار ئېلىشى، سىياسەت بەلگىلىشى ۋە قانۇن چىقىرىشىنى دۆلەت تۈزۈلمىسى قىلغان، خەلقنىڭ ئىرادىسى ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈلىدىغان، ھاكىمىيەتتە قانۇن چىقارغۇچىلار، سوتچىلار ۋە ئىجراچىلارنىڭ ھوقۇقلىرى مۇستەقىل ئىجرا بولىدىغان، شۇ سېستىمىنى خەلقنىڭ كۆزۈتۈش ھوقۇقىنى جارىي قىلدۇرىش مېخانىسمىنىڭ ئۇل تېشى بولغان يىغىلىش ھوقۇقى، سۆز ئەركىنلىكى ۋە مېدىيا ئەركىنلىكى بولغان ھەقىقىي ئەركىن بىر جۇمھۇرىيەت قۇرۇشتۇر. ئاۋتوكراتىيە ئەمەس، بەلكى دېموكراتىيە بەرپا قىلىش بىزنىڭ بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى قۇرۇشنىڭ ئەمەلىي ھەركەت پىلانىدۇر. ئۇيغۇرنىڭ لېدىر ساقلىشى، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى جەريانىدا يەھۇدىيلارنىڭ مەسىھنى ساقلىشى بىلەن ئوخشاش. كۈتۈشنى ئەمەس، كۆرەشنى تاللىغاندىلا قۇتۇلالايمىز. كۈرەش تۆت باسقۇچلۇق ھەركەت پىلانى بولۇپ، ئۇلار قارشىلىق، قۇتۇلۇش، قۇرۇش ۋە قوغداشتىن ئىبارەتتۇر. قارشىلىق مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى يۇقىتىش ئۈچۈن ئىككىنچى پاسىلىمىزنى بىتچىت قىلماقچى بولغان بارلىق ھەركەتلەرگە بارلىق مۇمكىنچىلىكلەر بىلەن ھەرخىل شەكىللەردە ئېلىپ بېرىلىدىغان قارشىلىق ھەركەتلىرى، ئوپېراتسىيىلىرى بولۇپ، ئۇنىڭ قانداق شەكىلدە بولۇشى زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ ياكى تاللىنىدۇ. قۇتۇلۇش ھەركىتى قارشىلىق ھەركىتى بىلەن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېلىدۇ، ياكى قارشىلىق ھەركىتى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشكەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ئېلىپ بېرىلىدىغان ھەركەت بولۇش، مەقسەت بىرىنچى باسقۇچلۇق پاسىلىمىزنى شەكىللەندۈرۈپ، مىللىي پاسىلىمىزنى، يەنى مىللىي مەۋجۇتلۇق پاسىلىمىزنى تولۇق شەكىللەندۈرۈشنى مەقسەت ۋە نىشان قىلغان قارشىلىق ھەركىتىدۇر. ئۇنىڭ شەكلى زامان، ماكان ۋە شارائىتقا قاراپ بەلگىلىنىدۇ ياكى تاللىنىدۇ. قۇرۇش باسقۇچى قۇتۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىن باشلاپ داۋام قىلىدىغان ھەركەت بولۇپ، دۆلەت گەۋدىسى شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىرگە، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە دېپلوماتىك مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىللەندۈرۈشكە ئوخشاش قۇرۇلما ۋە تەرتىپ قۇرۇلۇشلىرىدىن سىرت، تىرانسپورت، سۇ، ئىلىكتىرك، كۈندىلىك بۇيۇملار، سانائەت، ئاشلىق ۋە ئەقىل قاتارلىق يۇمشاق ۋە قاتتىق دېتال قۇرۇلۇشلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. قۇرۇلۇش باسقۇچىنىڭ ئاياقلىشىش چېكى تاكى ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ داۋام قىلىشىغا قەدەر داۋام قىلىدۇ. ۋە بۇ باسقۇچ قوغداش باسقۇچىنىڭ قانچىلىك كۈچلۈك بولۇشىغا بىۋاستە تەسىر قىلىدىغان بولۇپ، قوغداش مىللىي مەۋجۇتلىقىمىزنى ساقلاشنىڭ ئىككى پاسىلىنى قوغداشنى ئۆزىنىڭ بىردىنبىر نىشانى قىلغان مىللىي قوغدىنىش مېخانىزمىدىن ئىبارەتتۇر.
مەنچە ئىدىلوگىيىدە بىرلىككە كېلىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق، مىللىي مەنپەتىمىزنىڭ يۈكسەك ۋە مۇقەددەسلىكىنى ئاساسىي سىزىق قىلغان ئاساستا، ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىلەر بىلەن مىللەتكە ساداقەت ۋە خىزمەت قىلساق بولىدۇ. بەش يېرىم مىليۇنلۇق فىنلاندىيىدە ئون نەچچى پارتىيە ئون نەچچە ئىدىلوگىيە ئاساسىدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، ھەممىسى مىللىي مەنپەتنى يۈكسەك بىلىپ، بىرلىكتە مىللەتكە ۋە دۆلەتكە ساداقەتتە بولماقتا ۋە خىزمەت قىلماقتا. بىر ئىدىلوگىيىگىلا يىغىلىش پەقەت فاشىستىك ياكى كوممۇنىستىك ئىدىلوگىيىسىگە ئوخشاش ھاكىممۇتلەقلىك دىكتاتۇرلۇقنى ئۆزىنىڭ خاراكتېرى قىلغان ئاۋتوكراسىيىلىك ياكى دېكتاتۇر دۆلەتلەردىلا ئەمەلگە ئاشقان.
مەن ئارزۇ قىلىدىغان شەرقىي تۈركىستان بىر پارتىيىلىك خىتاي ياكى شىمالىي كورىيە مودىلىدا ئەمەس، بەلكى ئونلىغان ئوغۇز تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ توي ۋە قۇرۇلتاي چاقىرىپ مەسلىھەتتە قارار پىچىدىغان ۋە چىقىرىدىغان، ئۇيغۇرنىڭ ئەنئەنىسى بولغان باراۋەرلىك تۈزۈلمىسىدىكى كۆپ پارتىيىلىك دۆلەتتۇر.
شۇڭا ئاۋۋال ئىدىيەنى ياكى لىدىرنى بىرلىككە كەلتۈرەيلى دەپ، ئىشنىڭ بېشىغا ئىش قوشۇۋېلىش، مەنچە بىزنىڭ رىئاللىقىمىزغا ئۇيغۇن ئەمەس. پەقەتلا بىرلا ئىدىلوگىيىگە ياكى بىرلا ھاكىممۇتلەق شەخسكە بەيئەت قىلىشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئىتىگە ئۇيغۇن ئەمەس. بىر ئۆيدە تۇغۇلغان بالىلاردىمۇ پىكىر ئايرىمىچىلىقى بولىدىغان ئىنسان تەبىئىتىگە يات يولدا، ئىدىيىنى ھەممىمىز ئوخشاش بىر خىللا قىلىمىز دېيىشىمىز مېنىڭ شەخسىي قارىشىمدا توغرا ئەمەس.
مېنىڭ چۈشىنىشىمچە، ئىدىلوگىيە دىگىنى ئىجتىمايى ۋە ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردىكى ۋەزىپە، ھوقۇق ۋە مەنپەئەت تەقسىماتىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنىڭ يىغىندىسى. مەسىلەن كونسىرۋاتىزم ھوقۇقنىڭ ھۆكۈمەتكە مەركەزلىشىشىنى تەرغىپ قىلسا، لىبىرالىزم ئىندىۋىدۇئاللار ھوقۇقىنىڭ دەخلىسىزلىكىنى، ھوقۇقنىڭ كوللىكتىپ ياكى ھۆكۈمەتكە تەقسىملىنىشىنىڭ چەكلىنىشىنى تەرغىپ قىلىدۇ. ئىقتىسادى مۇناسىۋەتلەردە ئوڭچىلار شەخسىي مۈلۈكچىلىكنى ۋە ئىجتىمايى ۋەزىپە ۋە مەسۇلىيەتلەرنى شەخسلەرنىڭ، يەنى كاپىتال ئىگىلىرىنىڭ ئۈستىگە ئارتماسلىقىنى تەرغىپ قىلسا، سولچىلار ئىجتىماي ۋەزىپىلەر تەقسىماتىدا كاپىتالىستلارنىڭ، ھۆكۈمەتنىڭ ۋە كوللىكتىپنىڭ مەسئ‍ۇلىيىتى بارلىقىنى تەرغىپ قىلىدۇ. يەنى، ئاممىۋىي پاراۋانلىقنى تەرغىپ قىلىدۇ.ئىدىيە بىرەر ئىشقا ياكى قارارغا بولغان شەخسنىڭ كاللىسىدا شەكىللەنگەن باھادىن ئىبارەت. ئىدىيىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئۇ كىشىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى، ئىدىلوگىيە مايىللىقى قاتارلىقلار تەسىر قىلىدۇ.شۇڭا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىدىلوگىيىدە بىرلىككە كېلىش دېگىنىنى مەن تازا چۈشۈنەلمەيمەن. ھەممىمىز ئوڭچى بولۇشىمىز، ياكى سولچى بولۇشىمىز كىرەكمۇ؟ كونسېرۋاتىپ ياكى لىبىرال بولۇشىمىز كېرەكمۇ؟ ئىنسانلار ئۇ جەھەتتە مۇتلەق بىرلىككە پەقەت ئاۋتوكراتىك، دېكتاتۇر تۈزۈلمىدىلا بىر يەرگە مەجبۇرىي كېلىشى مۇمكىن.
كونسېرۋاتىسم شەخسىي كارخانىلارنى، يەنى كاپىتالىستلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ، شەخسىي ئىگىدارلىق ھوقۇقى ۋە ئىجتىمائىي مۇتەئەسسىپ ياكى ئەنئەنىۋىي ئىدىيىلەرنى قوللايدىغان سىياسىي كۆز قاراشلارنى كۆزدە تۇتىدۇ. سىياسىي كومپاستا بولسا ھوقۇق تەقسىماتىدا كوللىكتىپ ياكى تەشكىللىق ھوقۇقنىڭ شەخسىي ھوقۇقتىن ئۈستۈنلىكىنى تەرغىپ قىلىدۇ. لىبىرالىزىم دەل ئۇنىڭ ئەكسىنچە بولۇپ، كوللىكتىۋىزملىق، يەنى سانى كۆپنىڭ ئەمەس، بەلكى شەخسلەرنىڭ ھوقۇقلىرىنىڭ كوللىكتىپ ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزگۈچىلەر بىلەن باراۋەرلىك مۇناسىۋىتىنى تەرغىپ قىلىدىغان ئىدىلوگىيە. ئاۋتوكراتسىيە دېگەنلىك دېموكراتسيىنىڭ ئەكسى بولۇپ، يالغۇز بىر شەخسنىڭ لىدىرلىك ئورنىدا تۇرۇپ بارلىق قارارلارنى ئۆز خاھىشى بويىچە چىقىرىدىغان ھۆكۈمەت سېستىمىسىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇ يەردە دىكتاتورلۇق بىلەن پەرقىنى دېسەم، ئاۋتوكراتسىيە دېكتاتورلۇقنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، دېكتاتورلۇقتا ھوقۇق مەركەزگە مەركەزلىشىش جەھەتتىن ئاۋتوكراتسىيە بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما ھوقۇق تەقسىماتىدا مەركەزدە بىر شەخس، جەمەت ياكى گۇرۇھ بولىدۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرىنى خەلقتىن يۇقىرى ۋە خەلق ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىش ھوقۇقىغا ئىگە دەپ قارايدۇ. بۇ ئاتالغۇلارنى بىلىشىمچە ئۇيغۇرچىدىمۇ ئوخشاش ئاتايدۇ، ئەمما ۋەتەندە خىتاينىڭ ئوقۇتۇش سېستىمىسىنى ئىشلىتىدىغان ئانا تىللىق مەكتەپلەردە بىز ئۆگەنگەن سىياسەت ياكى جەمئىيەت نەزەرىيىسى دېگەندەك دەرسلىكلەردە سوتسىيالىستىك نۇقتىنەزەردىن سۆزلەنگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇلتىرا يەنى ئاشۇرما سولچى كونسېرۋاتىزملىق نەزەر بىلەن چۈشەندۈرۈلۈش مەقسىتىدە، يۇقىرىدا دېيىلگەندەك تەبىرلەر بىتەرەپ ھالدا چۈشەندۈرۈلمىگەن. بۇ خىل  پەقەتلا بىر خىل ئىدىلوگىيىنى ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىنداكتىناسيون دەيدۇ.
زامان، ماكان ۋە شارائىت تەقەززاسى بىلەن، بىزنىڭ ھەممىزنىڭ بىر يەرگە بىر سېۋەتكە يىغىلىۋېلىشتەك شەكلىي بىرلىكنى تەرغىپ قىلىشىمىز، قارشىلىق ھەركىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ۋە كەلگۈسى قۇرۇلغۇسى دۆلىتىمىزنىڭ كۆپ پارتىيىلىك دېموكراتىك تۈزۈلمىدىكى دۆلەت بولۇشىغا پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن. بىزنىڭ ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىلەر، قاراشلار ياكى قارشىلىق ھەركىتىنىڭ شەكىللىرى ئاساسىدا ئوخشىمىغان گۇرۇھلارغا، گۇرۇپپىلارغا، پارتىيىلەرگە ياكى تەشكىلاتلارغا ئايرىلغان ھالدا، مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قىزىل سىزىق قىلىپ، ئوخشىمىغان شەكىلدە ھەركەت قىلىشىمىز، دۈشمەننىڭ زىيانكەشلىك قىلىش، توسقۇنلۇق قىلىش، ئىچكى بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق ھەركەتلىرىگە توسقۇنلۇق ۋە تېخىمۇ مۇرەككەپ رىقابەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ. شۇ ئوخشىمىغان گۇرۇھلار، گۇرۇپپىلار، پارتىيىلەر، تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەر ئارىسىدىكى دىئالوگنى بەرپا قىلىش، بىزنىڭ سىتخىيلىك ھالدا ئىچكى بىرلىك شەكىللەندۈرۈشىمىزنىڭ مېخانىزمىدۇر. شۇنداق بىر دىئالوگ سورۇنى بىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان ھەركەتلىرىمىزنىڭ يىغىندا تەسىرىنى پىلان، ئانالىز ۋە كېلىشىم قىلىدىغان سۇپىمىز بولۇپ، بۇ ئاتا بوۋىلىرىمىزدىن قالغان بەگلىكلەرنىڭ يىغىلىپ توي ياكى قۇرۇلتاي چاقىرىپ، مىللىتىمىزگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر ئىچكى ۋە سىرتقى مەسىلىلەرنى مۇنازىرە قىلىدىغان، قارار ئالىدىغان ۋە چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان پارلامېنتىمىز بولۇشى مۇمكىن. مىللىي بىرلىكىمىز بىرىمىزنىڭ يەنە بىرىمىزنى قايىل قىلىپ ئۆز توپىمىزغا قوشۇۋېلىشىمىز بىلەن ئەمەس، بەلكى ئوخشىماسلىقلىرىمىز بىلەن بىر يەرگە كېلىپ، ئوخشاش نىشانغا ئوخشىمىغان تەرەپلەردىن ئوخشىمىغان شەكىلدىكى ھەركەتلەردە ئىلگىرىشىمىزنى كۆرسۈتىدۇ. ئوخشىمىغان نۇقتىنەزەردە، ئوخشىمىغان ئىدىلوگىيىدە بولساقمۇ، بىزنىڭ نىشانىمىز مىللىي مەنپەئەتىمىزنى قانائەتلەندۈرۈشتۇر. شۇنداق بولغاندىلا مىللىي بىرلىكنى ئەمەلگە ئاشۇرالايمىز، ئوخشىماسلىقلىرىمىزنى كۈچكە، پەرقىمىزنى پاراسەتكە ئايلاندۇرالايمىز، بىرلىككە كېلەلەيمىز.

https://www.akademiye.org/ug/?p=156786

1934 - يىلى 26 - مارت يېڭىساردا قولدىن كەتكەن ھۆرلۈك
ۋە 2020 - يىلى 26 - مارت بالتىقتا ئويغانغان مىللىي روھ:

گەرچە دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇرنىڭ ھەممە تەشەببۇسىغا تولۇق قوشۇلۇپ كەتمىسەممۇ ، لېكىن ۋەتەندە قىل ئۈستىدە قالغان مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە چەتئەللەردە تۇزدەك ئېرىپ كېتىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان خەلقىمىزنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي كۈرەش قىلىش مېنىڭ ئۆزگەرمەس مەيدانىم . مىللىي مەنپەئەت ئاساسىدا ھەر تۈرلۈك ئۇسۇللارنى سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق . بەزىدە ئىنسان شۇنچىلىك قېلىن ۋە داپشاق بولۇۋالىدۇكى ، پەقەتلا چىرايلىق گەپ ئاڭلىمايدۇ . بىزدەك قاششاقلىققا كۆنۈپ قالغان توپلۇمنى بەزىدە زورلۇق ۋاستىلەر بىلەن مەشىق قىلدۇرماي ئامال يوق . ئالايلۇق ، گېنىرال پاتتون ئەينى ۋاقىتتا پاراشوت زاۋۇتى باشلىقىنى پاراشوتلارنىڭ سۈپىتىنى 99.9% گە يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما ئۇ باشلىق پەقەت 89 % گە يەتكۈزگىلى بولىدىغانلىقىدا چىڭ تۇرغان. گېنىرال شۇئان ھەر قېتىمدا ياسالغان پاراشوتلاردىن مەلۇم بىرىدە ئۇ باشلىقنى ھاۋادىن تاشلاپ سىناق قىلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن پاراشوتلارنىڭ سۈپىتى پاتتون تەلەپ قىلغان ئۆلچەمگە يەتكەن . شەرق ( مۇسۇلمان ) ئەللىرىدە كۆپىنچە ھالدا دېموكراتىيە مەلۇم بىرەر قاتتىققول مۇستەبىتنىڭ قولىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان . چۈنكى غەرپچە يۇمشاق كۈچ ۋە يۇمشاق ۋاستە بىلەن ئۇزۇندىن بېرى ئۆزىنى ئوڭشاپ بولالمىغان بىر توپنى بىراقلا دېموكراتىيە تۈزۈمىگە سىلجىتقىلى بولمايدۇ . ئەمما سىناپ باققاننىڭ زىيىنى يوق . دوستۇم خالمۇرات قاراشلىرىنى شۇنداق دېموكراتىيەگە تويۇندۇرۇپ بايان قىپتۇ . شۇڭا خەلقىمىز لىدېرىنى ياكى داھىيسىنى كۈرەش قىلىش جەريانىدا ئۆزلىرى تېپىۋالسۇن. ئۇيغۇر مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى بىرلا كېمىگە قىستلىشىپ چىقىۋالماسلىقى كېرەك ! چۈنكى ئۇ كېمە چۈكۈپ كەتسە ، ھەممىسى چۆكۈپ كېتىدۇ . ( خۇددى قۇتلۇق ھۆرىيەت ھەرىكىتىمىز تۈركىيەدە ئاق پارتىيەنىڭ كېمىسىگە چىقىرىپ قويۇلغاندەك ) . ئەجداتلىرىمىز ھەر ھالدا ئويۇننىڭ بېشىنى قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالىغان . ئەمما ئاخىرىدا مىللىي مەنپەئەت بىر يەردە قېلىپ ، ھەر ئىككى تەرەپ خوجايىن كۈچلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بىلىپ - بىلمەي چېپىپ قويغان . نەتىجىدە خىتايلار چاققان چىقىپ قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي بىرلىشىۋالغان . ئەگەر بىز ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆز ئارا بىرلىشىۋالغان بولساق، سىتالىنمۇ ئامالسىز بىزنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان بولاتتى. خۇلاسە ، بۇ چاقىرىق يېتەرلىك بوپتۇ . ئەمدى بۇنى ئىجرا قىلىدىغان تۈمەنلىگەن يىگىتلەرگە ئېھتىياج زور . بۇنى سىناپ باققاندىن كېيىن ، ئاندىن داۋاملىق كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىپ ماڭساق بولىدۇ . ئەگەر دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي پىسخىكىسىنى مەندىن توغرا يەكۈنلەپ چىققان بولسا ، بۇ ئىش ئۇتۇقلۇق يۈرۈشۈپ كېتىدۇ . ئەگەر مەن ھەقلىق چىقىپ قالسام، ئۇ چاغدا داۋاملىق تەجرىبە - ساۋاق ئاساسىدا پىلاننى تۈزىتىپ ، يېڭىلاپ ماڭساق بولىدۇ .

مىلادى 1934 - يىلى 26 - مارت قۇربان ھېيت كۈنى ئەمدىلا بۇرۇتلىرى خەت تارتقان ئىككى ئاكا - ئۇكا ئەمىرلەر باشچىلىقىدا 20 - 35 ياشلار چامىسىدىكى بەش يۈزدەك شىرمەت يىگىتلەر ۋەتىنىمىزنىڭ مىللىي مۇستەقىللىقى ۋە شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋاقىتلىق پايتەختى يەكەننى مۇداپىئە قىلىش يولىدا قەشقەردىكى يېڭىسار سېپىلى ئىچىدە خىتايدىن بېسىپ كىرىپ ، شېڭ شىسەي ۋە ئورۇسلارنىڭ ئىستىكى بىلەن بىرىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن كەلگەن تۇڭگان 36 - دېۋىزىيىسى بىلەن دەھشەتلىك قۇچاقلاشما جەڭ قىلىپ، ھەممىسى شېھىت بولغان ئىدى . بۈگۈن قارلىق جۇدۇندا كۆڭلىمىزدىمۇ جۇت ئۇرۇۋاتقاندا بۇ يازمىنى كۆرۈپ كۆڭلىمىز كۆتۈرۈلۈپ قالدى. دوستۇم خالمۇرات ئۇيغۇر كەبى يىگىتلىرىمىز تۈمەنلەپ يېتىشىپ چىقسۇن ! ھازىرلىنايلى ، ئەمدى نۆۋەت چوقۇم بىزنىڭكى ئىنشائاللاھ ! خۇدا بىزگە نۇسرەت بەرگەي !

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 26 - مارت.  قارلىق پەيشەنبە.
بەت1 2 3 ... 10