2020/11/27 17:38

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 2 3 4 ... 10
11

ئويغىنايلى! ئويغىنىش دەۋرى كەلدى! - ئېلىخان تۆرە سۆزلىگەن نۇتۇق

شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئېلىخان تۆرەم جانابى ئالىيلىرىنىڭ سۆزلىگەن نۇتۇقى

1945-يىلى ماي.  (ھىجرىيە) 1364-يىلى جۇمادىيەل ئەۋۋەل

لائىلاھە ئىللەللا مۇھەممەدۇن رەسۇلۇللا

ئاللا رەببىمىز. مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىز.ئىسلام دىنىمىز.شەرقىي تۈركىستان ۋەتىنىمىز. ئويغىنايلى. ئويغىنىش دەۋرى كەلدى.

قېرىنداش ۋە ۋەتەنداشلار !

ھەربىر ئادەم بالىسى ئەسلى يارىلىشىدا مەدەنىيەت، مائارىپ، ھۈنەر، سانائەتنى ئىگەللەش قابىلىيىتى بىلەن يارالمىشتۇر. كۈنچىقىشتا تۇغۇلغان بىر بالىنىڭ ھۇجۇدىدا كۈنپېتىش ئىنسانلىرىنىڭ قابىلىيىتى بارلىقى شۈبھىسىزدۇر. پەقەت بۇ قابىلىيەتنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن ئىلىم ئوقۇماق، تەربىيە كۆرمەك لازىمدۇر. ئىلىمسىز، تەربىيەسىز بولغانلار ئۆز ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك مەدەنلەردىن پايدىلىنالمايلا قالماستىن، بەلكى ھايۋانلار قاتارىدا ياشىماققا مەجبۇردۇر. بۇ ھەقىقەتنى ھېچكىم ئىنكار قىلالمايدۇ.

ساددا شەرقىي تۈركىستاندا ياشىغۇچى نەچچە مىليون ۋەتەن بالىلىرى شۇ كۈنگىچىلىك ۋۇجۇدىدىكى قىممەتلىك گۆھەرلەردىن پايدىلىنىشقا ئىمكانىيەت تاپالماي كەلدى. مەدەنىيەت، مائارىپتىن مەھرۇم قېلىپ، نەچچە يۈز يىللار ھايۋانلار قاتارىدا، قۇللۇقتا، ئاسارەتتە ياشاپ كەلدى. ئىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز، زالىم قارا خىتايلارنىڭ قارا سىياسىتى ئاستىدا ئېزىلگەن مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈنلەي دېگۈدەك قابىلىيەتلىرى (ياراملىقلىرى) يوقۇلۇشقا يۈز قويدى. ئىسلامىيەتنىڭ گۈزەل ئەخلاقلىرى بۇزۇلدى. دىنىي، مىللىي، ۋەتەنىي تۇيغۇ ھېسىياتلىرى ئاجىزلىنىشقا تۇردى. بۇنى كۆرگەن مەككار، تەماخور خىتاي ھۆكۈمىتى پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ، دىنىمىزنىڭ، مىللىتىمىزنىڭ ۋە ھەم ۋەتىنىمىزنىڭ قەستىگە چۈشتى. بۇ توغۇرلۇق پىلان تۈزۈپ، ئۈچ تەرەپلەپ ھۇجۇم باشلىدى.

قېرىنداش، ۋەتەنداشلار!

تېخى يادىڭىزدىن چىققۇدەكمۇ بولمىدى. بۇ زالىم خىتايلار بىز مۇسۇلمانلارغا قانداق ۋەھشىلىكلەرنى كۆرسەتتى. قانداق قارا كۈنلەرنى بېشىمىزغا سالدى. بىزلەرنىڭ (چوڭ ئۆلىما) دىن باشلىقلىرىمىز، قەدىرلىك تۇججار (باي سودىگەر) لىرىمىز، ئۇلۇغ ياشلىق ھاجى، ھۆرمەتلىك يۇرت ئاتىلىرىمىز، زىيالى (ئوچۇق پىكىرلىك) ۋەتەنپەرۋەر بالىلىرىمىز، نۇرغۇنلىغان قىممەتلىك زاتلىرىمىز ناھەقتىن ناھەق ئۇياتسىز، ۋىجدانسىز زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇشخانىلىرىدا ۋەھشىي خىتايلارنىڭ ئۆز كۆڭۈللىرىدىكىدەك قاراڭغۇ، سېسىق، زەي زىندان-تۈرمىلىرىدە كۆز كۆرمىگەن، قۇلاق ئاڭلىمىغان تۈرلۈك تۈمەن قىيناشلار ئاستىدا ئازابلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى. مانا بۇ ھەقىقەت ھەركىمنىڭ يۈرەك ئىچىدە دەرد بولۇپ، كۆزلىرىدە كۆرۈنۈپ تۇرسا، زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى قانداق يوشۇرالىسۇن؟! بۇ بىچارىلەرنىڭ پۈتۈن مال-مۈلكلىرى، قورا-جاي، يەر-زىمىنلىرى مۇسادىرە قىلىندى. خوتۇن-بالا، ئوغۇل-قىزلىرى ئۆيسىز-ماكانسىز، ئاچ-يالىڭاچ قېلىپ، كوچىلاردا سەرسان بولدى. خىتاي ۋەھشىيلىرى بۇنىڭغىمۇ تويماستىن، گۇناھسىز خوتۇن، قىز-ئوغۇللارنى ئۆز ماكانلىرىدىن ھەيدەپ چىقىرىپ، يىراق يەرلەرگە پالاپ، قاماققا ئېلىپ سەرگەردانلىققا سالدى. بۇنىڭ بىلەن باراۋەر بۇ قانخور زالىملارنىڭ ئومۇمى خەلق ئۈستىدىن قىلغان جەبىر-جاپالىرى تاقىتىدىن تاشقىرى بولۇپ، ھەددىدىن زىيادە ئاشتى.

مانا، ئىش شۇ ھالغا يېتىپ، پۈتۈن خەلق جېنىدىن جاق تويۇپ تۇرغان بىر مەزگىلدە «زالىمنىڭ زاۋالىنى بېرىمەن» دېگەن ئاللانىڭ بۇزۇلماس ۋەدىسىگە ئىشىنىپ، بىز غۇلجا ئەھلى پۈتۈن ۋەتەنداشلىرىمىز بىلەن بىر ئىتتىپاقتا تاياق-توقماق، ئارا-گۈرجەكلەر كۆتۈرۈپ، زالىملارغا قارشى قوزغالدۇق. بىرلىك ئىتتىپاق شاراپىتىگە ئىگە بولغان «كۆپنىڭ كۈچى-ئاللانىڭ كۈچى»دېگەندەك، ئاز كۈن ئىچىدە زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، ئىسلام ھۆكۈمىتىمىزنى قۇردۇق. خىتاي قانخورلىرىنىڭ زۇلۇم ئىستىبدات بايراقلىرىنى ئاياق ئاستىمىزغا ئېلىپ، دەسسەپ كۆيدۈردۇق. ئاتا-بوۋىلىمىزدىن مىراس بولۇپ قالغان ئاي-يۇلتۇز تامغىلىق، دىنى شۇئارىمىز كەلىمە تەيىبە يېزىلغان ئادالەتلىك ئاق بايرىقىمىزنى ئېگىز كۆتەردۇق. بۇ مۇقەددەس تۇغ-بايرىقىمىزنىڭ نومۇسىنى، ھۆرمىتىنى، ئۇلۇغلىقىنى چىداملىق بىلەن ئەبەدكە ساقلايمىز دەپ پۈتۈن مۇسۇلمانلار ئانت-قەسەملەر ئىچىپ، قوللىرىمىزغا قورال تۇتتۇق.

مۇھەممەت سەللاللاھۇئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ «زالىملارغا قارشى مال-جانلىرىڭلارنى ئايىماي سوقۇشۇڭلار. ئاللانىڭ ياردىمى بىلەن دۈشمەنلىرىڭىزنى يېڭىپ، دۇنيادا راھەت، ئاخىرەتتە جەننەت تاپىسىزلەر» دېگەن مۇبارەك سۆزىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، ئۇنىڭ ياخشى نەتىجىلىرىنى كۆردۇق. يېڭى زامان قوراللىرى بىلەن قوراللانغان زالىم خىتايلارنىڭ چىرىك چېرىكلىرى گۈلدۈرلىگەن تەكبىر تاۋۇشلىرىمىز بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىمىز ئالدىدا تاقەت قىلالماي، پەرىشان ھالدا قېچىشقا تۇردى. ساي-سايلارنىڭ ئىچىدە، جىرا-جىرالاردا ۋەتەن بالىلىرى-قەھرىمان ئەسكەرلەر چېپىپ، تار-مار كەلتۈردى. خىتاي ۋەھشىيلىرى بىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن قەستلەپ قازغان چوڭقۇرلىرىغا ئۆزلىرى يۈزى تۆۋەن بولۇپ يېقىلدى. « وَسَيَعْلَمُ الَّذِينَ ظَلَمُوا أَيَّ مُنْقَلَبٍ يَنْقَلِبُونَ» ئايەت كەرىمنىڭ مەزمۇنىغا مىسال بولۇشتى. دۈشمىنىمىزنى يەنى زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئىلى تۇپرىقىدىن پۈتۈنلەي تازىلاپ، ھەققانىيەت، ئادالەتكە ئاساسلانغان ئىسلام دۆلىتىمىزنى قۇردۇق. ھەر ياخشىلىقنىڭ ئىشىكى پۈتۈن خەلقنىڭ يۈزىگە ئېچىلدى. دىنىي ئىشلىرىمىز ئۈستىدىن نازارەت دىنىيە ئىدارىسى ئاچتۇق، مۇسۇلمانلارنىڭ پۈتۈن ئىشلىرىنى، دەۋا-سوراقلىرىنى ئەدىلىيە، شەرىئەت مەھكىمىگە تاپشۇردۇق. مۆھتىرەم زېرىپ قارى ھاجىم جانابلىرىنى مەھكىمەشەرئىيەدە ئۆلىمالاردىن تەركىپ ئەزالار ئۈستىگە رەئىس سايلىدۇق. ئابدۇمۇتائالى خەلپەمنى دىنىيە نازارىتىگە باشلىق تەيىن قىلدۇق.

ئىسلام ئېچىلدى. شەرىئەت ھۆكۈملىرى جارى بولدى. قارا كۆڭۈللەر ئاقىرىشقا باشلىدى. ھەقىقەت ئاشكارە مەيدانغا چىقتى.

ئەزىز قېرىنداشلار!

ئاگاھ بولۇڭلار. غەپلەت ئۇيقۇڭىزدىن كۆز ئېچىپ ئويغىنىش ۋاقتىڭلار كەلدى. ئالدامچى ۋە ھەم ئۇلارنىڭ ئىپلاس يالاقچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ چوڭ مەقسەتلىرىگە يېتىش ئۈچۈن باشقا چارە تاپالماستىن، ساددا كۆڭۈللۈك مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ئارىلىرىغا غەيۋەت ۋە پىتنە سۆزلىرى تارىتىشى مۇمكىندۇر.

قېرىنداش ۋە ۋەتەنداشلار!

ۋەھشى دۈشمەنلەرنىڭ، ۋەتەن خائىنلىرىنىڭ ھەر تۈر، ھەر شەكىلدىكى زەھەر ئىغۋا قاتناشقان مىكىر-ھىيلىلەرگە ئالدانماڭىزلار. بىز مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ۋەتەنداشلار بىر ئىتتىپاقتا بولۇپ، مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنى قۇرۇپ، پۈتۈن مىللىتىمىز ۋە نەسىل-ئەۋلادىمىز ئۈچۈن ئازاتلىق يولىنى ئاچتۇق. باقلان قوزىنى يەپ ئۆگەنگەن ئاچ بۆرىدەك نەچچە يۈز يىللار مۇسۇلمانلار قېنىنى شوراپ، ئۇنىڭ تاتقىنى (تەمىنى) تېتىغان زالىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنىڭغا ئەلۋەتتە رازى بولمايدۇ. دىنىنى، مىللىتىنى، ۋەتىنىنى ئۆزىنىڭ شەخسىيىتى ئۈچۈن قۇربان قىلغان خىيالپەرەس ۋە ۋىجدانسىز بىھىممەتلەر بۇ ئىشقا چىدىيالمايدۇ. «شىڭ جاڭ نەچچە يۈز يىلاردىن بېرى جۇڭگونىڭ ئايرىلماس بىر ئۆلكەسى بولۇپ كەلگەن» دەپ ئۇيالماستىن مۇنداق يالغان سۆزنى ئۇيۇشتۇرۇپ: تارىخ يۈزىنى قارا قىلغۇچى قارا يۈزلەر تۆۋەندىكى ھەقىقىي پاكتلىق سۆزلەرنى ياخشى ئاڭلاپ كۆڭلىدە تۇتسۇن !

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ قەھرىمان بوۋىلىرىنىڭ قىقاس-چوقانلار بىلەن قىلغان ھۇجۇملىرىغا، ئۈزلۈكسىز بەرگەن زەربىلىرىگە چىدىيالماي، تاقەت كەلتۈرەلمەي، چىن ئەمەلدار، پادىشاھلىرى ئۆز ۋەتەنلىرىنى قوغداش مەقسىتىدە ئۈچ بىر مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولغان جايىۋەن (جيايۈگۈەن) سېپىلى سەددىچىننى ياساپ، لاچىندىن قاچقان توشقاندەك سېپىل ئىچىگە كىرىپ ئېلىپ، ئاران جان باققانلىقىنى ئۇنۇتمىسۇن. بۇ ھەقىقەتنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇياتسىز يازغۇچىلىرى يوشۇرسىلارمۇ، پۈتۈن دۇنيا تارىخى بۇ ھەقىقەتكە گۇۋاھلىق بېرەلەيدۇ. كۈننى ئېتەك بىلەن ياپقىلى بولمايدۇ.

زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شۇم قەدەملىرى شەرقىي تۈركىستانغا يەتكەندىن بېرى، شەرقىي تۈركىستان خەلقلىرى باشلىرىدىن مەجبۇرىيەت ئاستىدا ئۈچ تۈرلۈك قارا دەۋر ئۆتكۈزدى: خانلىق دەۋرى، جاڭ جۇڭلۇق دەۋرى، شىڭ شىسەي دەۋرى.

بىرىنچى بولغان خانلىق دەۋرىدە مۇسۇلمانلار قاراڭغۇلۇقتا، قارا پاتقاق ئىچىدە نەچچە يۈز يىللاپ جان تالىشىپ، ئىلىم-مەرىپەتتىن، ئەدەب-ئەخلاقتىن پۈتۈنلەي يىراقلاشتى. بۇ دەھشەتلىك كۈنلەر، مۇدھىش ئەسىرلەر يالغۇز شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىلا بولماستىن، بەلكى پۈتۈن خىتاي تۇپرىقىدىمۇ ھۆكۈم سۈرمەكتە ئىدى. بۇ سۈپەتلىك قارا دەۋر ھۆكۈمىتى بولغان زالىم ۋەھشىيلەر بىز مۇسۇلمانلارغا نېمىلەرنى بېغىشلىدى، نېمىلەرنى يادىكار قالدۇردى، قايسى مەدەنىيەت، قايسى ھۈنەر سانائەتنى بولدۇردى؟ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بەخت-سائادىتىنى جۇڭگونىڭ قولىغا تاپشۇرغۇچى ئۆزىنىڭ ۋە پۈتۈن مىللەتنىڭ تەقدىرىنى جاڭ كەيشى «جانابلىرى»نىڭ ئىلتىپاتىغا باغلىق دەپ بىلگۈچى دىن ۋە مىللەت خائىنلىرى بۇنىڭغا جاۋاب ئېيتالامدۇ؟ «شەھەر-شەھەرلەردىكى كونا سېپىللار ، ھەر يۇرتتىكى بۇزۇلغان كونا، بۇزۇق، پاسكىنا يامۇللار قالدىغۇ» دەپ ئۇيالمىسا ئېيتالايدۇ. ئەدەب، ئەخلاق، دىيانەت تەرىپىدىن بىز مۇسۇلمانلارغا قىمارۋازلىق، ئوغرىلىق، يالغانچىلىك، بەڭگىلىك، ئەپيۇنكەشلىك، پاھىشىۋازلىق، قورققاقلىق، پاسكىنىلىق- پۈتۈن ئەخلاقسىزلىقلارنى ئۆگەتتى. مانا مۇشۇلارغا ئوخشاش ھاياتىمىز ئۈچۈن زەھەر بولغان ئىپلاسلىقلارنى ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىزگە يادىكار قىلىپ قالدۇرۇپ كەتتى.

ئىككىنچىسى جاڭ جۇڭلۇق، جۇڭخا مىنگولۇق دەۋرى. «جۇڭخا مىنگو» دېگەن خىتايچە «جۇمھۇرىيەت» دېگەن بولىدۇ. جۇمھۇرىيەتنىڭ قانۇنىدا پۈتۈن خەلق ھوقۇقتا باراۋەر بولۇپ، كىمنىڭ قابىلىيىتى (ياراملىقى) بولسا، شۇنىڭغا خىزمەت تاپشۇرۇش لازىم بولسىمۇ، لېكىن ھۆكۈمەت دائىرەلىرىدە خىتايدىن باشقا كىملەر ئورۇن تاپتى! ئۆزىمىزلا ئەمەس ھەتتا خېتىمىزمۇ زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىدارەلىرىدە ھاقارەتلەندى، دەپسەندە بولدى. بۇ دەۋرمۇ ئالدىنقى دەۋرنىڭ قاراڭغۇلۇق تۈنلىرى، قايغۇلۇق كۈنلىرىنىڭ ياردەمچىسى-قوشۇمچىسى بولۇپ ئۇزىدى. بۇ دەۋردە زالىم خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قىلغان ۋەزىپىسى خانلىق دەۋرىدىكى مۇسۇلمانلارغا قىلغان زۇلۇم-تەقدىرلەرنى تولۇقلاش بولدى. شۇنىڭ بىلەن باراۋەر بۇ قارا دەۋردە ياشىغۇچى مۇسۇلمانلار جان تالىشىپ يۈرۈپ، ئۈچىنچى دەۋرگە ئارانلا ئېرىشتى.

ئۈچىنچى دەۋرنى شىڭ دۇبەن ئىستىبدات دەۋرى، ئالدامچىلار دەۋرى ياكى قانخورلار دەۋرى دەپ ئېيتساق ئەلۋەتتە خاتا دېمىگەن بولىمىز. چۈنكى، پۈتۈن مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ۋەتەنداشلار بۇ ئۈچ تۈرلۈك دەھشەتلىك ئەھۋالنى ئۆز باشلىرىدىن كەچۈردى. بۇ دەۋرنىڭ كەلتۈرگەن، قىلغان جاپالىرى، دەھشەتلىك كۈنلىرى، زۇلۇم ئىستىبداتلىرى ئالدامچى قانخورلارنىڭ قىلغان ۋەھشىلىكلىرى ھەر كىمنىڭ كۆز ئالدىدا بولۇپ ئۇزغانلىقىدىن كۆڭۈل سەھىپەلىرىگە يېزىلىپ، ئۆچمەس خەت بولغانلىقتىن، يەنە تەكرار ئېيتىپ ئولتۇرۇشنى ھاجەت تاپمىدىم.

مۇسۇلمان قېرىنداشلار ۋە ۋەتەنداشلار!

ئەمدى شۇ قەدەر ئىشلار كۆز ئالدىمىزدىن ئۆتۈپ تۇرۇغلۇق، بېشىمىزدىن ئۆتكەن تەرجىمەھاللارنى كۆرۈپ تۇرۇغلۇق، يەنىمۇ ئالدانساق، ۋەھشىي دۈشمەنلەرنىڭ ئالدام خالتىلىرىغا تېخىمۇ چۈشسەك، ۋىجدانسىز خائىنلارنىڭ ياغلىما سۆزلىرىگە ئىشەنسەك ئۆزىمىز ۋە ئەۋلادلىرىمىزنىڭ بەخت-سائادىتىنى، بىز مۇسۇلمانلارنىڭ ھالاكىتىگە ئورا كولاپ تۇرغان دىن دۈشمىنى، خۇدا دۈشمىنى، خەلق دۈشمىنى بولغان جاڭ كەيشىنىڭ «ئىلتىپاتى»غا تاپشۇرساق، ئۆز قولىمىز بىلەن زەھەر ئىچكەن، ئۆز ئايىقىمىزغا كەكە چاپقان بولمايمىزمۇ؟! «يىلان چىققان تۆشۈككە قول سالماڭلار، زالىملارغا دوست بولماڭلار» دېگەن ئاللانىڭ ئەمرىگە، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللاللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمنىڭ ھېكمەتلىك سۆزىگە قارشىلىق قىلغان بولۇپ، ئىككىلا دۇنيادا بىز مۇسۇلمانلارنىڭ يۈزىمىز قارا بولمامدۇ؟

ئەمدى بىز مۇسۇلمانلار ھېچ قاچاندا ئالدانمايمىز. يىلان چىققان تۆشۈككە كۆرۈپ تۇرۇپ قول سالمايمىز. ئەڭ ياخشىسى خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان يېرى ئۈستىدە ئويلىغان ھاكىمىيەت خىيالىنى مېڭىسىدىن چىقىرىپ تاشلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئانا ماكانى، ئەسلى ۋەتەنلىرى بولغان شىمالىي جۇڭگونى ياپون جاھانگىرلىكىدىن قۇتقۇزۇپ ئېلىش چارىسىنى قىلسۇن ! ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ باي، ئەڭ گۈزەل جايلىرىنى باغ-بوستان تاغلىرىنى ياپون جاھانگىرلىكىگە تاپشۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئەسل ۋەتىنى-ئانا ماكانىغا باسقۇنچىلىق قىلىشتىن ئۇيالسۇن! ئىلىمسىز، مەدەنىيەتسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئىستىبدادى ئاستىدا نەچچە يۈز يىللا ئېزىلىپ-يانچىلىپ كەلگەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ 95 پېرسەنت خەلقىنىڭ ئۆز ئازاتلىقى ئۈچۈن قىلغان سوقۇشىنى، ھەربىر مەدەنىيەتلىك، خەلقچىل ئىنسانىيەتپەرۋەر جاھان ھۆكۈمەتلىرى ھەقسىز، ئورۇنسىز دەپ تونۇماسلىقىغا ئىمانىمىز كامىل. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ باشلىقى جاڭ كەيشى قانچىلىك كۈچ-غەيرەت تاپقان بولسا ئۆز ۋەتەنلىرىگە باستۇرۇپ كىرگەن دۈشمەنلىرىگە قارشى سوقۇشۇپ، ئۆز ۋەتەنلىرىنى بوشۇتۇپ ئېلىشى لازىم. بىز شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئۆز ۋەتىنىمىزگە ئۆزىمىز ئىگە بولالايمىز. ئەسلى ئانا ماكانىمىزنى، نازۇ-نېمەتلىك، ئۈنۈملۈك تۇپرىقىمىزنى بىر تامچە قېنىمىز قالغۇچىلىك ساقلاپ ئالىمىز. ئۆزىنىڭ ۋە ھەم خەلقىنىڭ ھاياتىنى، بەخت-سائادىتىنى ئۇ جۇڭشىڭ- پۇ جۇڭشىڭ (ۋۇ جۇڭشىن) ئىلتىپاتىغا تاپشۇرغۇچى ئۈمىدسىز بىھىممەتلەرگە ھېچقانداق يول قويمايمىز. دىن ئىسلامنىڭ ھەقلىقى ئۈچۈن تۇتقان يولىمىزنىڭ راستلىقى ئۈچۈن ئەلۋەتتە دۈشمەنلىرىمىزنى شەك شۈبھىسىز يېڭەلەيمىز. خۇدا بىزگە ياردۇر.

مۇسۇلمانلار، دىن قېرىنداشلار، ئاگاھ بولۇڭلار. دانا بولۇڭلار. پات يېقىندا غالىبىيەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چېكىگە يېتىپ، زالىم خىتاي ھاكىمىيىتىنى ئانا ماكانىمىز، ئەسل ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تۇپرىقىدىن تۈپ تومۇرى بىلەن يۇلۇپ تاشلايمىز. پۈتۈن شەرقىي تۈركىستان خەلقى قۇللۇقتىن، ئەسرلىكتىن ئازات بولۇپ، مۇندىن كېيىنكى نەسل-ئەۋلادلىرىمىزنى ئازاتلىققا چىقىرىپ، مەدەنىيەتلىك ئىنسانلار قاتارىدا ھوقۇقىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە ئىگە بولۇپ، ئىسلام دىنىمىزنى كۆتۈرۈپ، بۇ دۇنيادا راھەتتە، ئۇ دۇنيادا جەننەتتە ياشايمىز.

وهوالمقصدالسلام عليكم

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ رەھبىرى

ئىسلام ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى

ئېلىخان تۆرە

بېسىلىش ئورنى: ئازاد شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك «خەلق ئاۋازى» گېزىت ئىدارەسىنىڭ باسماخانەسى. شەھرى چۆچەك.

مەنبە :  ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تور بېكىتى .

ئۇلىنىشى :

https://www.akademiye.org/ug/?p=159809&fbclid=IwAR3wR3dk2SdwO2bU-Fa7KykNhtht4MezQWaCw0y_w-9tMtDp0pZ0uKYf4cM

تەييارلىغۇچى: تاران ئۇيغۇر

قوليازما مەنبەسى: ئۇيغۇر كىتاب تورى
ئۇلانما: http://www.uyghurkitap.com/book.php?id=a095d6e0e6db1ec4246cea56243afeab
12

قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى تەلتۆكۈس بويسۇندۇرۇشى :

« 23 - ئۆكتەبىر زەپىرىمىز، 24 - ئۆكتەبىر خىسلەتلىك خاتىرە كۈنىمىز قۇتلۇق بولسۇن »

999 - يىلى 23 - ئۆكتەبىر ( ھ 389 - يىلى قۇربان ھېيتقا ساق بىر ئاي قالغاندا ) ئىلىك ناسىرخان ۋە ئەلى تېكىن ياڭراق تەكبىر ئاۋازى بىلەن سامانىلار پايتەختى بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرگەن.

24 - ئۆكتەبىر ئالدىن يۈرەر تۇرشاۋۇل قىسىم ئامۇ داريا بويىنى تىزگىنلەپ، قاراۋۇلخانىلارغا ئورۇنلىشىپ بولغان . شۇنىڭ بىلەن تارىختا
128 يىل سەلتەنەت سۈرگەن سامانىلار خانلىقى ( 870 - 999 ) بۈيۈك قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىقىغا ئايلانغان.

1 . قەشقەرنى قايتۇرۇۋېلىپ ، خوتەننى بويسۇندۇرۇش :

يۈسۈپ قادىرخانمۇ شۇ يىلى قۇربان ھېيتقا ئۈلگۈرۈپ ئۇدۇنلۇقلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، ئارقىدىن ئۈچ قېتىم ئۇرۇش قوزغاپ، 1000 - يىلدىن 1006 - يىلغىچە ئۇدۇن ئۇيغۇر خانلىقى ( 750 - 1006 ) ، يەنى ھازىرقى خوتەن تەۋەسىنى تەلتۆكۈس ئىسلاملاشتۇرۇپ بولغان.

ئۇدۇن خانلىقى ئەسلىدە 998 - يىلى بارلىق قاراخانىلار قوشۇنلىرىنىڭ سامانىلارغا قارشى ئۇرۇشقا كېتىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ ، بوش قالغان پايتەخت قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان . قاراخانىلارنىڭ چوڭ قاغانى سەئىد ئەلى ئارسلانخان ( مۇسا بۇغراخاننىڭ ئوغلى ) قالدۇق قوشۇنلارنى توپلاپ ، ھازىرقى « ئوردام پادىشاھىم مازىرى » دا خوتەن قوشۇنلىرىنى توسۇپ ئۇرۇش قىلغان . بىراق ئارسلانخان قاراخانىلار قوشۇنلىرى ناماز ئوقۇۋاتقاندا ، تۇيۇقسىز ھۇجۇمغا ئۇچراپ ، ئارسلانخان ۋە قوشۇنلىرى ئاساسەن شېھىت بولۇپ كەتكەن . خوتەن خانلىقى قەشقەرنى قولغا ئېلىپ ، قاراخانىلارنىڭ تارىم ۋادىسىدىكى سەلتەنىتىنى قىسقا مەزگىل يوقاتقان. بىراق 999 - يىلى كۈزدە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ قايتۇرما ھۇجۇمىدا مەغلۇپ بولۇپ ، قەشقەردىن چېكىنگەن. يۈسۈپ قادىرخان پەيدىنپەي ئىلگىرىلەپ، يېڭىسار ، يەكەن ۋە قاغىلىقلارنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ ، 1000 - يىلى خوتەنگە يېتىپ كەلگەن . بىراق بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ ، ئېغىر چىقىم تارتىپ چېكىنىپ كەتكەن. ئاخىرىدا ئۇدا ئۈچ قېتىملىق ھەربىي يۈرۈش ئارقىلىق مىڭ تەستە خوتەن خانلىقىنى ئىسلاملاشتۇرالىغان.

2 . قاراخانىلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ خارەزىم ، خۇراسان ۋە ئىراننى تالىشىپ قىلغان ئۇرۇشلىرى :

خوتەن خانلىقى بىلەن قاراخانىلارنىڭ چارەك ئەسىرگە سوزۇلغان ئۇرۇشلىرىغا خاتىمە بەرگەن يۈسۈپ قادىرخان خوتەندىن قايتىپلا ،  1007 - يىلدىن 1017 - يىلغىچە خان جەمەتى ئارىسىغا توختىماي سوغۇقچىلىق سېلىپ، قاراخانىلارنى پارچىلاشقا ھەرىكەت قىلغان مەھمۇد غەزنەۋىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان . ئەمما مەھمۇد غەزنەۋى ھەر قېتىم تەشەببۇسكارلىق بىلەن سۈلھى تەلەپ قىلىپ ، قاراخانىلار قوشۇن چېكىندۈرگەندىن كېيىنلا ، ۋەدىسىنى بۇزۇپ ، يەنىلا قاراخانىلار خان جەمەتى ئارىسىنى بۇزۇپ، ئۇلارنى پارچىلاش ھەرىكىتىنى توختاتمىغان . شۇڭلاشقا يۈسۈپ قادىرخان قايتىدىن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولغان . شۇنداق قىلىپ ، ئىككى تەرەپ ئارىسىدا 1007 - يىلدىن 1024 - يىلغىچە پات - پات ئۇرۇشلار بولۇپ تۇرغان . بۇ ئۇرۇشلارنىڭ كۆپىدە قاراخانىلار غەلىبە قىلالماي ، ئامۇ دەرياسىنىڭ شىمالىغا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان . چۈنكى ئۇرۇشلار ئاساسەن مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەۋەسىدە بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئارقا سەپ تەمىناتى ياخشى ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قاراخانىلار خان جەمەتى ئىچىدىكى يوشۇرۇن پۇت تېپىشىش تېخى تۈگىمىگەن بولۇپ ، ئەلى تېكىن ۋە باشقا خانزادىلەر مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ ، ئۇرۇشتا قەستەن مالىمانچىلىق چىقىرىپ ، ئارقىدىنلا ئۆزلىرى جەڭگاھتىن قېچىپ ، قاراخانىلارنىڭ كۆپىنچە ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلالماسلىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان .

3 . سەمەرقەند كېلىشىمى ۋە سالجۇقىلارنى تارقىتىۋېتىش :

يۈسۈپ قادىرخان ئىچكى ئامىلنىڭ تاشقى ئامىلدىن مۇھىملىقىنى تونۇپ يېتىپ ، 1024 - يىلى بارچە مالىمانچىلىققا خاتىمە بېرىپ ، ئاندىن غەزنەۋىلەرگە قارشى قوشۇن تارتقان.
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانغا ئايلانغىنىنى ھېس قىلغان ، غەربىي ئىلىكخان ئەلى تېكىننىڭ پاراكەندىچىلىكىدىن چارچاپ كەتكەن مەھمۇد غەزنەۋى بۇ قېتىم سەمىمىي ھالدا قايتىدىن سۈلھى تەلەپ قىلغان . ئۇ ھەتتا
1025 - يىلى يۈسۈپ قادىرخاندىن « ئەبەدىي ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى » تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان. يۈسۈپ قادىرخان قوشۇلۇپ ، 1026 - يىلى ئاپرىلدا  ھەر ئىككى ھۆكۈمدار غەربىي ئىلىكخاننىڭ مەركىزى سەمەرقەند شەھىرىدە ئۇچراشقان. ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈلگەن . مەزكۇر كېلىشىمدە خۇراسان ۋە غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەلىپى بويىچە سالجۇق ئوغۇللىرى توپلىغان كۈچلۈك ھەربىي كۈچنى تارقىتىۋېتىش قارار قىلىنغان .

كېلىشىمنىڭ روھى بويىچە مەھمۇد غەزنەۋى سالجۇقنىڭ ئوغلى ئىسرائىل ئارسلان يابغۇنى زىياپەتكە چىللىغان . سالجۇق 1007 - يىلى جۇند كەنتىدە ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، مەزكۇر چوڭ ئوغۇل ئىسرائىل ئارسلان « يابغۇ » مەرتىۋىسى بىلەن سالجۇقىلار ۋە ئۇلارغا قوشۇلغان ئوغۇزلارغا باشچىلىق قىلاتتى . مەھمۇد غەزنەۋى ئىسرائىل ۋە نەۋكەرلىرىنى زىياپەت ئۈستىدە تۇتقۇن قىلىپ ، ئۇنى ۋە ئائىلىسىنى يېڭىدىن ئىگىلىگەن كالانجىر قەلئەسىگە سولاپ ، ئۆمۈرلۈك نەزەربەند قىلغان. گەرچە ئۇنىڭ ئوغلى قۇتۇلمىش دادىسىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن كۆپ ھەرىكەت قىلغان بولسىمۇ ، بىراق مەغلۇپ بولۇپ ، ئاران قېچىپ قۇتۇلغان . مەھمۇد غەزنەۋى ئۇلارنى بىر قوغلىغانچە تاكى قارا قۇم چۆللىرىگىچە سۈرۈۋەتكەن. مەھمۇد غەزنەۋى ئارقىدىنلا خۇراساندىكى سالجۇقىلارغا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇلارنى ھازىرقى ئۆزبېكىستان ۋە تۈركمەنىستانلارغا قېچىشقا مەجبۇرلىغان .

4 . سالجۇقىلارنىڭ قاراخانىلارغا بېقىنىشى :

ئەينى چاغدا سالجۇقىلار غەربىي ئىلىكخان ئەلى تېكىن بىلەن كۆپ ئۇرۇشۇپ يامانلىشىپ قالغاچقا ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوغۇز يابغۇلىقى بىلەن ئاداۋىتى بولغاچقا ، بىردىنلا مەھمۇد غەزنەۋى ، ئەلى تېكىن ۋە ئوغۇز يابغۇسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەشەددىي دۈشمەن ئارىسىدا يېتىم پاخلاندەك قورشاۋدا قالغان . زادىلا چىقىش يولى قالمىغان ۋە پاناھ جاي تاپالمىغان سالجۇقىلار ئاخىرى قاراخانىلارنىڭ يۈكسەك سۈر - ھەيۋىلىك قاغانى يۈسۈپ قادىرخاندىن پاناھلىق تىلىگەن . چۈنكى مەيلى ئوغۇز يابغۇسى بىلەن ئەلى تېكىن بولسۇن ، ياكى غەزنەۋىلەر بولسۇن ، ھەممىسى پەقەتلا مۇشۇ  يۈسۈپ قادىرخاندىن ھېيىقاتتى ۋە تەپتارتاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە قادىرخان نامى چىققان دانا ۋە ئىستىداتلىق ھۆكۈمران ئىدى . مەرتلىك ۋە كەڭ قورساقلىقنى ، قەھرىمانلىق ۋە سەمىمىيلىكنى ئەلا بىلەتتى. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە قاراخان قوبۇل قىلىپ ، ئۇلارنى قەشقەرگە سالامەت يولغا سېلىپ قويۇش ھەققىدە ئىنىسى ئەلى تېكىنگە پەرمان چۈشۈرگەن . ئىسرائىل يابغۇ تۇتقۇنغا ئايلانغاندا سالجۇق ئوغۇللىرىغا ئۇنىڭ ئىنىسى مىكائىل سەردار بولغانىدى . بىراق ئۇمۇ غەزنەۋىلەر بىلەن ئۇرۇشلاردا جېنىدىن ئايرىلىپ ، سالجۇق ئوغۇللىرىغا ئۇنىڭ ئىككى ئوغلى چاغرىبەگ داۋۇت بىلەن توغرۇلبەگ مۇھەممەد سەردار بولغان . ئۇلار قەۋمىنى باشلاپ ، 1026 - يىلى كەچكۈزدە قەشقەرگە يېتىپ كەلگەن . يۈسۈپ قادىرخان ئۇلارنى قەشقەردىكى ھاۋاسى ۋە ئوت - چۆپلىرى مول جايلارغا ئورۇنلاشتۇرغان .

5 . يۈسۈپ قادىرخاننىڭ سالجۇق ئوغۇللىرىنى قويۇپ بېرىشى :

ئۇلار تاكى 1028 - يىلغىچە يۈسۈپ قادىرخانغا سادىقلىق بىلەن خىزمەت قىلغان . شۇنداقتىمۇ تاغىسىنىڭ قىسمىتىنى ئۇنتۇپ قالماي ، ھەر ۋاقىت ھوشيارلىقنى ساقلىغان . ھەتتا ئۇلارنىڭ سەزگۈرلىكى شۇ قەدەر ئېشىپ كەتكەنكى ، يۈسۈپ قادىرخان ئۇلارنى ئوردىغا چاقىرتسا ، چوقۇم بىرسى بىرەر باھانە تېپىپ ، يەنە بىرسىلا سالامغا كېلەتتى. ئۇ قىلىقلار يۈسۈپ قادىرخاننى رەنجىتىپ قويغان . شۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم قادىرخان ئۇلارنى تەڭلا چاقىرتقان. بۇ قېتىممۇ ئۇلار مەسلىھەتلىشىپ ، چاغرىبەگ قېچىشقا تەييار تۇرىدىغان ، توغرۇلبەگ ئوردىغا سالامغا بارىدىغان بولۇپ كېلىشىدۇ . ئۇلارنىڭ يەنە نەيرەڭ ئىشلەتكەنلىكىنى كۆرگەن يۈسۈپ قادىرخان غەزەپلىنىپ ، توغرۇلبەگنى تۇتقۇن قىلغان . بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان چاغرىبەگ داۋۇت دەرھال ئۆزىنىڭ ھامىلىدار خوتۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تەۋەلىكىنى باشلاپ ، قەشقەردىن قاچقان . ئۇنىڭ تەلىيىگە يول ئۈستىدە شىكار قىلىۋاتقان خانزادىلەردىن بىر نەچچىسى ئۇچراپ قالغان . چاغرىبەگ ئۇلارنى تۇتۇۋېلىپ ، چېگراغا بېرىۋېلىپ ، يۈسۈپ قادىرخانغا تۆۋەنچىلىك بىلەن مەكتۇپ يېزىپ، ئۆزىنىڭ چارىسىز قالغانلىقىنى ، قاراخانىلارغا قارىتا ھېچقانداق يامان نىيىتى يوقلىقىنى ، ئىنىسىنى قويۇپ بەرسىلا ، خانزادىلەرنى ئامان - ئېسەن يولغا سېلىپ قويىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، قاراخانىلارغا ئەبەدىي ئالا كۆڭۈللۈك قىلماسلىق ھەققىدە ۋەدە بەرگەن .

يۈسۈپ قادىرخان مەكتۇپنى ئوقۇپ ، چاغرىبەگ داۋۇتنىڭ پاراسىتىگە قول قويغان . ئۇنىڭ تەدبىرى قاراخانغا ياراپ كەتكەچكە ، ئىنىسى توغرۇلبەگ قۇتۇلغان . ئۇ يۈسۈپ قادىرخانغا قاراخانىلارغا ئاۋارىچىلىق سالماسلىققا قەسەم بېرىپ ، ئوردىدىن چىقىپ ، ئاكىسى بىلەن ئۇچراشقان. ئۇلار شۇ ھامان خانزادىلەرنى ئىززەت - ئىكرام بىلەن يولغا سېلىپ قويۇپ ، ئۆزلىرى غەرپكە كۆچكەن . ئۇلار ئەمدىلا يېڭى جايدا قىشلاش ئۈچۈن چېدىرلىرىنى تىكىپ جايلاشقاندا ، چاغرىبەگنىڭ قەشقەردىكى ۋاختىدا ئېغىر ئاياق بولغان خوتۇنى بىر ئوغۇل تۇغقان . چاغرىبەگ ئۇنىڭغا مۇھەممەد دەپ ئات قويغان . بۇ دەل كېيىنكى مەشھۇر سۇلتان ئالپ ئارسلان ئىدى. ئۇ 1029 - يىلى 28 - يانۋار تۇغۇلغان .

6 . سالجۇقىلارنىڭ باش كۆتۈرۈشى ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ ئورنىنى ئېلىشى :

تارىخ چاقى 1037 - يىلغا قەدەم قويغاندا ، غەزنەۋىلەر ۋە غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ چوڭ قارا قاغانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۈنسىرى يامانلىشىشقا باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى ياغان تېكىن ( مۇھەممەد بۇغراخان - مەھمۇد كاشغەرىنىڭ بوۋىسى ) سالجۇقىلارغا قورال - ياراق ۋە ھەربىي ياردەم بېرىپ ، قاراخانىلارغا غەرپتىن كېلىدىغان ئىككى چوڭ تەھدىتكە قارشى ئۇلارنى قوللانغان . ئارقىدىنلا ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن بىلەن يىراق ئالتايغا قوشۇن تارتىپ ، قاراخىتايلار قاراخانىلارغا قارشى كۈشكۈرتۈۋاتقان ياباقۇ ۋە يەمەكلەرنىڭ زور ئىسيانىنى باستۇرۇپ ، ياباقۇلار ئاقساقىلى بۇدراچنى ئۆلتۈرۈپ ، قايتا تەرتىپ ئورنىتىپ، 1040 - يىلى زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن . شۇ مىنۇتلاردا سالجۇقىلارمۇ غەزنەۋىلەرنى داندانقان ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، سۇلتان مەسئۇدنى ئىران ۋە خۇراساننى بۆلۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان .

سالجۇقىلارنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىگە نارازى بولغان غەربىي ئىلىكخانلىقتىمۇ ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، ئەلى تېكىننىڭ ئوغۇللىرى ئىلىكخانلىق ھوقۇقىدىن سىقىپ چىقىرىلىپ ، بۇرۇنقى تۇنجى غەربىي ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئىككى ئوغلى ھاكىمىيەتنى ئىگىلىگەن . سۇلايمان ئارسلانخان كەسكىن تەدبىر قوللانمىغاچقا ، ئۇلار 1042 - يىلدىن باشلاپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىش كۆرۈشكە باشلىغان . بۇ ئەھۋال سالجۇقىلارنىڭ تېخىمۇ راۋاجلىنىشىغا ، ھەمدە مۇھەممەد بۇغراخان تەرىپىدىن داۋاملىق دەستەكلىنىپ تۇرۇشىغا سەۋەپ بولغان .

7 . سالجۇقىلارنىڭ قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشى :

«داندانقان ئۇرۇشى»دىن كېيىنلا سالجۇقىلار
خۇراسان،ئىران،غەربىي ئافغانىستان،خارەزم
قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ،غەربىي ئىلىكخان
تەۋەلىكىگە پات ـ پات تېگىش قىلىپ تۇردى.
قاراخانىلارنىڭ غول قوشۇنى بۇ چاغدا ئالتاي ۋە ئىلى تەرەپتە ياباقۇلار ۋە يەمەكلەرنىڭ ئىسيانلىرىنى تىنجىتىۋاتقان بولغاچقا يىراقتىكى ماۋرائۇنەھرگە يېتەرلىك ھەربىي ياردەم بېرەلمىدى.

يۇقىرىقى ئامىللار ئىلىكخان ئوغلى ئىبراھىمدا
سۇلايمان ئارسلانخانغا قارشى كەيپىياتنى
پەيدا قىلىپ قويدى.سالجۇقىلارمۇ خاتىرجەم
ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى«مەرۋە شاھ جاھان» نى پايتەخت قىلىپ ، غەربىي قىسىم قاراخانىيلار ۋە غەزنەۋىلەرگە ئەڭ چوڭ ھەربىي تەھدىت بولۇپ قالدى.

1041 ـ يىلى سۇلتان مەسئۇتنىڭ ئەلچىلىرى
قەشقەرگە كېلىپ،سۇلايمان ئارسلانخاندىن
سالجۇقىيلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئارسلانخان كېڭەش چاقىردى.
مۇھەممەد بۇغراخان ۋە غەربىي ئىلىكخانلار قارشى تۇردى.(چۈنكى مۇھەممەد بۇغراخان
مەسئۇتنىڭ دادىسى مەھمۇد غەزنەۋىنى
قاراخانىيلارغا كۆپ زىيان سالغان كىشى دەپ قارايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە مەھمۇد غەزنەۋى ھايات چېغىدا قاراخانىلارنىڭ باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىلىكى ( 750 - 1258 )  خەلىپىسى بىەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشىنى زادىلا خالىمايتتى.ئىلىكخانلار چېغىدا باغدات
خەلىپىسىدىن 3 چو مەرتىۋە نامغا ئېرىشكەن چاغدا مەھمۇدنىڭ بىرەر مەرتىۋە نامىمۇ يوق ئىدى.بىراق مەھمۇد غەزنەۋى مەينەت ھىيلە ئىشلىتىپ،قاراخانىلار ئىلىكخانىنىڭ خەلىپە  ئالدىدىكى ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇپ، مەرتىۋە نامغا ئېرىشكەنىدى*  سىياسەتنامە).

سۇلايمان ئارسلانخان تولىمۇ قىيىن ئەھۋالدا قالغان .ئەلچىلەر ساق 3 يىل ساقلىغان .بۇ ئارىدا سابىق غەربىي ئىلىكخان ناسىرنىڭ ئوغلى ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆزىنى «تاۋغاچخان»دەپ ئاتىدى.بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىغىنى ئىدى.ئەمما قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بۇنىڭغا ئانچە كەسكىن ئىنكاس بىلدۈرمىدى.(بەلكىم ئارسلانخان شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ يەنە بىر ئىچكى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئىككى يولۋاس سوقۇشسا پايدىنى سالجۇقىلار ئالاتتى.بەلكىم ئارسلانخان سەل رەھىمدىللىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن ).

1041 ـ يىلدىن باشلاپ غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ
ئالاھىدە بولۇۋېلىشى،كەنجى خاقان ـ قوشۇمچە
شىمالىي ئىلىكخان مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.ئۇ ئاكىسىغا يارلىق چۈشۈرۈپ غەربىي ئىلىكخانغا ۋاختىدا تەنبىھ بېرىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئىشقا
سۈكۈت قىلسا خاقانلىقنىڭ ھەيۋىسى يوقىلىپ،
رەقىپلەر ئالدىكى نوپۇزى ئاجىزلايدۇ دەپ
نەسىھەت قىلىدۇ.بىراق غەربىي ئىلىكخانلىق
مەركەزگە قارشى بىرەر ئىش ھەرىكەتتە
بولمىغاچقا ئارسلانخان بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.

ئاقىۋەت 1043 ـ يىلى قايتا قۇرۇلتاي ئېچىلىپ،
غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ
قىلىنىدۇ.شىمالىي ئىلىكخانلىق بىلەن غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ چېگرىسى ئېنىق بېكىتىلىپ،
«غەربىي ئىلىكخانغا كۆپ ئىمتىياز بېرىلىدۇ».
ئەمما غەربىي ئىلىكخان يەنىلا قارا خان سۇلايمان ئارسلانخانغا ھۆرمەت قىلىدۇ.شۇڭا
«خاقان » نامى ئىشلەتمەي دۆلەتنى باشقۇرىدۇ.

1041ـ يىلدىن ئېتىبارەن ئەمەلىي ھالدا،1043ـ يىلدىن ئېتىبارەن بىر پۈتۈن قاراخانىيلار
رەسمىي ھالدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
«شەرقىي قاراخانىيلار(1041 ـ 1212)»يەنىلا
«قەشقەر»نى ئاساسلىق پايتەخت،بالاساغۇننى
قوشۇمچە پايتەخت قىلىپ،شەرقتە ئالتاي ۋە
ئىدىقۇت خانلىقىدىن،غەرپتە پامىر ۋە چۇ دەرياسى ۋادىسىغىچە،شىمالدا قازاق دالىسى ۋەبالقاش بويلىرىدىن،جەنۇپتا خوتەندىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان جايلارغا
ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
«غەربىي قاراخانىيلار(1041 ـ1212)»بولسا
سەمەرقەندنى پايتەخت قىلىپ،ئاساسلىقى
ماۋرائۇننەھرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

1056 ـ يىلى «كەڭ قورساق،رەھىمدىل ۋە يۇمشاق قول سۇلايمان ئارسلانخان»بىلەن
ئىنىسى«چۇس مىجەز،كەسكىن ۋە قاتتىققول
سەركەردە مۇھەممەد بۇغراخان»ئارىسىدا
ئۇرۇش پارتلايدۇ.(بۇ ئۇرۇشقا سەۋەپچى بولغان ئامىلنىڭ سالجۇقىلارنىڭ ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى ياكى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ  كۈشكۈرتىشى ۋە ياكى ئاكا ـ ئۇكىلار ئارىسىغا
سوغۇقچىلىق سالغان ھەسەتخور،يامان نىيەتلىك ئوردا ئەركانلىرى ئىكەنلىكىنى 
تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك ).
1056 ـ يىلدىكى ئۇرۇشتا سۇلايمان ئارسلانخان
غەلىبە قىلىپ ئىنىسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ.بىراق 1057 ـ يىلدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننى ئەسىر ئېلىپ،قەشقەرنى قولىغا
ئېلىپ،قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى بولىدۇ.

1058 ـ يىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن كۆپرەك(15
ئاي)ھۆكۈم سۈرگەن مۇھەممەد بۇغراخان
تەختنى چوڭ ئوغلى،ئەينى ۋاقىتتىكى بارسخان
ھاكىمى«ھۈسەيىن تېكىن(1044 ـ 1058)»گە
ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.بىراق بۇغراخاننىڭ توقىلى
زەينەپ(مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى ، سۇلتان مەسئۇتنىڭ ھاممىسى بولۇپ،يۈسۈپ قادىرخان بىلەن مەھمۇد غەزنەۋى 1026 - يىلى سەمەرقەنتتە ئۇچراشقاندا چاي ئىچۈرۈپ قويۇلغان.بىراق توي ئىشى تاكى مەسئۇت دەندانقاندا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىيلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچە ساق
15يىل كېچىكىپ كەتكەن.).دەل مۇشۇ قارا
نىيەت خوتۇن«تەختكە ئولتۇرۇش كۈنىدىكى
شاھانە زىياپەتتە،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى
مۇھەممەد بۇغراخان،ئاتىسى ھۈسەيىن تېكىن،
ئۆز تەرەپدارى بولمىغان بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن. ئۇ يەنە پېشقەدەم قاغان سۇلايمان ئارسلانخاننىمۇ ئاياپ قويماي بوغۇپ زىنداندا ئۆلتۈرگۈزگەن .
(مۇشۇ خوتۇننىڭ قىلمىشىدىنلا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىش مۇمكىن. چۈنى ھەر ئىككىسىنىڭ تومۇرىدا ئاققان قان ئوخشاش ئىدى. قان بىلەن كىرگەن خۇي جان بىلەن چىقار دېگەن شۇ بولسا كېرەك ).

1058 ـ يىلدىكى بۇ سۇيقەست قاراخانىلارنى
ئەڭ سەرخىل خاقانلار،دانىشمەنلەر،ھەربىي ئالىملار،جەسۇر سەركەردىلەر ھەمدە باشقا دۆلەت ئەركانلىرىدىن بىراقلا ئايرىۋەتتى.

نەتىجىدە شەرقىي قاراخانىيلار 1058ـ يىلدىن تاكى 1066ـ يىلغىچە ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە قالدى.تەخت ماجىرالىرى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىكى
گۈللەنگەن باي ھالىتىنى يوق قىلىۋەتتى.كۆپ قان تۆكۈلۈپ،ئەل ـ يۇرت خاراپ بولدى.

بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە يېغىلىق باسقان 10 6يىلدا سالجۇقىلار تېز سۈرئەتتە نوپۇزىنى كۈچەيتىپ،ھازىرقى پالۇجىستان،ئافغانىستان،
خۇراسان،خارەزم،پۈتكۈل ئىران،ئەزەربەيجان،
كۇردىستان،ھەتتا ئىراقتىكى ئابباسىيە خەلىپىسىنىمۇ كونترول قىلىپ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ،بۇجەھەتتە
قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالدى.بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن،شەرقىي قاراخانىيلار داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىرىپ،غەربىي قاراخانىيلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولدى.
(چۈنكى ئىككى قاراخانىيلار بۇندىن بۇرۇن ھەرقانداق تاشقى تەھدىتكە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇپ كەلگەچكە،ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى
سالجۇقىلاردىن كۆپ كۈچلۈك بولغاچقا،
توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەر 1041ـ يىلدىن تاكى1055ـ يىلغىچە غەربىي قاراخانىيلارغا
يۈرەكلىك كەڭ كۆلەمدە تىگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى.ئۇلار ھەممىدىن بەك
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەڭ ئىستىداتلىق چۇس مىجەز،كەسكىن ئوغلى ياغان تېكىن(دەل
مۇھەممەد بۇغراخان)دىن ئېھتىيات قىلاتتى ۋە ئەيمىنەتتى. چۈنكى ئۇلار دەل مۇشۇ مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ قوللىشىدا ۋە ياردىمىدە مۇشۇ ھالغا كەلگەنىدى . ئۇندىن باشقا ياغان تېكىن
غەزنەۋىلەرگە قارشى ئۇرۇشلاردا،دىپلوماتىك
سۆھبەتلەردە قاراخانىلارنىڭ ۋەكىلى ئىدى.
1057ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان خاقان بولغاندا سالجۇقىلار باغداتتىن باشقا جايلارغا يۈرۈش قىلماي،ئورنىنى پۇختىلاپ پۇرسەت كۈتتى.(مۇھەممەد بۇغراخانلا ھايات بولىدىكەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، غەربىي قاراخانلىققا تېگىش قىلىش بەسىي مۈشكۈل ئىش ئىدى).

1058ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان باشلىق بارلىق ئىستىداتلىق قاراخانىلار سەرخىللىرى بىراقلا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى.سالجۇقىلار بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تېزدىن
غەربىي قاراخانىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى.بىراق
ھېچكىم غالىپ بولالماي،ئاكا ـ ئۇكا سالجۇق
ئوغۇللىرى كەينى ـ كەينىدىن ۋاپات بولدى.

توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇش توختىدى.توغرۇلبەگنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان جىيەنى ئالپ ئارسلان(1029 - 1072)(1063 - 1072تەختتىكى ۋاختى)ئۇدا 3 يىل
باشقا سالجۇق ئوغۇللىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ،قايتا قوشۇن باشلاپ ماۋرائۇننەھرگە
بېسىپ كىردى. 1068ـ يىلى تۇنجى غەربىي
قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى «تاۋغاچ ئىبراھىم بۇغراخان(1041 ـ1068)»ئالپ ئارسلان بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ھالاك بولدى.ئۆلىمالارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇرۇش توختاپ،ئىبراھىم
بۇغراخاننىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلانغا كۈيئوغۇل بولۇپ،ئالپ ئارسلان قايتىپ كەتتى.

1071 ـ يىلى ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا زەپەر قۇچۇپ،بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىپ
قايتا ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىردى.بىراق ئۇ
خارەزملىك قەلئەلەر مۇداپىئە قوماندانى  يۈسۈپبەگ تەرىپىدىن خەنجەرلىنىپ قازا قىلدى. 1071 - يىلى زور زەپەر قۇچۇپ ، سەلتەنەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن بۇ سۇلتان ئۆز قېرىندىشىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ھاياتىنى پاجىئەلىك ھالدا ئاخىرلاشتۇردى . بۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق.

مەنبەلەر :

1 - تۈرك - ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيىسى

2 - ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار

3 - تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز

4 - سامانىلار تارىخى ( خانلار شەجەرىسى) .

5 - قاراخانىلار ( خاقانى تۈرك توققۇز ئوغۇز).

6 - ماۋرائۇننەھىر تارىخى .

7 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك .

8 - ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى.

9 - تارىختىكى تۈرك قاغانلىقلىرى .

10 - ئۇيغۇرلار

11 - « ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي تارىخى» .

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر    قۇتلۇق پەيشەنبە
ھىجرىيە 1441 - يىلى ماھى سەپەر25 - كۈنى .
13


قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى مۇنقەرز قىلىپ ، شەرقىي ۋە غەربىي تۈركىستاننىڭ مۇتلەق خاقانى بولغانلىقىنىڭ 1221 يىللىقى ھەققىدە :

قاراخانىلار ۋە سامانىلارنىڭ قىسقىچە تارىخى :

قاراخانىلار ئەسلىدە 744 - يىلى ئەتىيازدا ھازىرقى ئۆتۈكەندە قۇرۇلغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قانۇنلۇق ۋارىسى بولۇپ ، ئۇنىڭ شۆھرىتى بۇرۇنقى كۆكتۈرك قاغانلىقى ( 552 - 582 ) ، كېيىنكى كۆكتۈرك خانلىقى ( 679 - 744) ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى ( 744 - 840 ) دىن ئېشىپ كەتكەن . ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ يۇقرىقى بارلىق خاقانلىقلارنىڭ ئۆمرىنىڭ يىغىندىسىدىن ئېشىپ كەتكەن . قاراخانىلار دەسلەپتە ئاددىي بىر خانلىق دەرىجىسىدە بولۇپ ، بىلگە قادىرخاننىڭ زور تىرىشچانلىقىدا ئوتتۇز يىل ئىچىدىلا 120 يىللىق قارلۇق خانلىقى ( 756 - 876) دىن ئېشىپ كېتىپ ، 878 - يىلدىن باشلاپ ، قارلۇقلارغا « يابغۇ » نامىنى بېرىپ ، قاراخانىلار خاقانلىقىغا ئايلانغان . « يابغۇ » نامىنى ئەسلىدە قارلۇقلارغا 823 - يىلى ئىلى - ئىسسىقكۆل ۋە تالاس ۋادىسىنى قايتا بويسۇندۇرغان ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى بەرگەن ئىدى . ئوغۇزلارمۇ 755 - يىلدىن تاكى 1055 - يىلغىچە ئۆزىنى « ئوغۇز يابغۇلىقى » دەپ ئاتىغان . پەقەت قاراخانىلارلا « قاغان » ئۇنۋانى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىپ ، بۇرۇنقى تۈرك ۋە ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ ۋارىسى بولغان . ھەتتا ئوغۇزلارمۇ 956 - يىلدىن 998 - يىلغىچە بىر مەزگىل قاراخانىلارغا بېقىنىپ ياشىغان .

بىلگە قادىرخان زامانىدا ، يەنى 874 - يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا سامانىلار خانلىقى قۇرۇلۇپ ، ئابباسىيلار خەلىپىسى تەرىپىدىن
« ئەمىر » دەپ ئېتىراپ قىلىنغان . سامانىلار ئەسلىدە بەھرامگۇرنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ئەسەد ساماننىڭ بالىلىرى بولۇپ ، خۇراساندىكى تۇنجى پارس ئىسلام خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى تاھىر يېقىن سەركەردىسى ئەسەدنىڭ تۆت ئوغلىنى، پەرغانە ، سەمەرقەند ، بۇخارا ۋە ھېراتنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىگەن . كېيىنچە پەرغانىدىكى ئەھمەدنىڭ كۈچى زورىيىپ ، 824 - يىلدىن 865 - يىلى ئۆلگىچە خانلىق ئاساس تىكلىۋالغان . ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ناسىر 874 - يىلى خەلىپىنىڭ قوللىشىدا خانلىق قۇرۇپ ، كۈمۈش پۇل بېسىپ چىقارغان . ئەمما ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك ھەرىكىتى بىلگە قادىرخاننىڭ كەسكىن قارشىلىقىغا ئۇچرىغاچقا ، ئۇ قاراخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورناتقان . خەلىپە سامانىلارنىڭ قولى ئارقىلىق شەرقتىكى تاھىرىلار ۋە سافارىلارغا ئوخشاش خەتەرلىك قارام ئەللەرنى تىزگىنلەپ تۇرغان . 888 - يىلى بۇخارادىكى ئىنىسى ئىسمائىل ئاكىسى ناسىرنى مەغلۇپ قىلىپ ، سامانىلار شاھى بولۇۋالغان.

قاراخانىلار ۋە سامانىلار ئارىسىدىكى ئۇرۇش :

882 - يىلى بىلگە قادىرخان چوڭ ئوغلى بازىر ئارسلانخاننى بالاساغۇندا ، كىچىك ئوغلى ئوغۇلچاق بۇغراخاننى تالاستا ئىشقا قويغان.
892 - يىلى بىلگە قادىرخان ، ناسىر سامانى ۋە خەلىپە مۇئتەمەد قاتارلىقلار تەڭلا ۋاپات بولغان.

ئوغۇلچاق بۇغراخان ئۇرۇشتىن سەل ئىلگىرى سامانىلار بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۈزۈپ، يۈزسىز ئىسمائىلنىڭ ھەربىي غازاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن . ئەمما ئىسمائىل تېخىمۇ جانلانغان.

893 - يىلى ئاپرىلدا سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاسۇنغا يېقىن بولغان قەشقەرگە كۆچۈرگەن .

« تالاس ئۇرۇشى » ئىسمائىلنىڭ قاراخانىلار بىلەن قىلغان تۇنجى ۋە ئاخىرقى ئۇرۇشى بوپقالغان . چۈنكى كېيىنكى 14 يىل ئۆمرى خەلىپە ئۈچۈن ئىسيانچىلارنى باستۇرۇش، ئىران ۋە ئافغانىستاندا زېمىن ئىگىلەش ۋە ئىچكى توپىلاڭلارنى تىنجىتىش بىلەن ئۆتۈپ كەتكەن .

907 - يىلى ئىسمائىل ئەھمەد سامانى ئۆلۈپ ، ئوغلى ئەھمەد ئىسمائىل سامانى شاھى بولغان.
914 - يىلى بازىر ئارسلانخان ۋاپات بولغان . بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان يامان نىيەتلىك  قارلۇق يۇقىرى تەبىقە كىشىلىرى قانلىق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزۈپ ، بالاساغۇندىكى قاراخانىلار خان جەمەتى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى قىرغىن قىلىپ ، قارلۇق خانلىقىنى تىرىلدۈرگەن . پەقەت شاھزادە سۇتۇق تېكىن بىلەن ئانىسىنى بىر قىسىم سادىق سەركەردىلەر ساق ئېلىپ كېلىپ ، قەشقەردىكى ئوغۇلچاق بۇغراخانغا تاپشۇرۇپ بەرگەن .

غەزەپلەنگەن ئوغۇلچاق بۇغراخان جازا يۈرۈشى قىلىپ ، قارلۇقلارنى قايتا بېقىندۇرۇپ ، ئاستانە بالاساغۇننى قەھرىمان سانغۇنىغا تۇتقۇزۇپ ، چوڭ پايتەختنى قەشقەرگە كۆچۈرۈپ كەلگەن .

دەل شۇ يىلى سامانىلار خانى ئەھمەد ئىسمائىل بوغۇزلاپ تاشلىنىپ ، ئورنىغا گۆدەك ئوغلى يەتتە ياشلىق ناسىر بۇخارادا تەختكە چىققان . ئەمما ئۇيغۇرلارنىڭ قوللىشىدا ئۇنىڭ دانا ئاكىسى ئەبۇ نەسىر سامانى سەمەرقەنتتە خان دەپ ئېلان قىلىنغان . كىچىك ناسىر زور قوشۇن ئەۋەتىپ ، سەمەرقەندتىكى ئۆزىنى قوللىمىغان مانى دىنى ئۇيغۇرلىرىنى قىرغان . بۇ قانلىق قىرغىندىن چۆچىگەن مۇسۇلمان ئەمەس ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەر سامانىلار تەۋەسىدىن كۆچۈپ قەشقەردىكى بۇغراخانغا بېقىنغان. شۇنىڭ بىلەن بۇغراخان بىراقلا كۈچىيىپ كەتكەن . ئۇنىڭ قول ئاستىدىكى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانىمۇ ناسىرغا ئالاھىدە مەكتۇپ يوللاپ « دۆلىتىمىزدىكى مۇسۇلمانلار سېنىڭ دۆلىتىڭدىكى مۇسۇلمانلاردىنمۇ كۆپ ، ناۋادا سەن ئەمدى بىر مانى ئۇيغۇرنى ئۆلتۈرسەڭ، مەن تەۋەيىمىزدىكى بارلىق مۇسۇلمانلارنى ئۆلتۈرۈپ ھېساپ ئالىمەن!» دەپ قاراخانىلار نامىدىن تەھدىت سالغان . بۇنىڭدىن چۆچىگەن سامانىلار شۇنىڭدىن كېيىن ، مۇسۇلمان ئەمەس تۈركىي خەلقلەرنى قىرغىن قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان .

920 - يىلى ئوغۇلچاق بۇغراخان سامانىلارنىڭ خان تاغىسى ئىسھاق بىلەن ،  شاھزادىسى ئىلياسنى قوللاپ ، سەمەرقەندتە ئىسيان چىقارغان . ئەمما ناسىر تەلىيى ئوڭدىن كېلىپ ، بۇ قېتىمقى ئىسياننى ئوڭۇشلۇق تىنجىتىۋالغان.

922 - 932 - يىللىرى ئارىسىدا ھەقىقي تەخت ۋارىسى ئەبۇ نەسىر سامانى ( 888 - 952 ) پەرغانىدىكى يوشۇرۇن ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇغراخاننى پاناھ تارتىپ كەلگەن . ئوغۇلچاق بۇغراخان ئۇنى قىزغىن قارشى ئېلىپ ، ئۇنىڭغا
« ئىنىڭىز سىزگە جاپا قىلغان بولسا مەن ۋاپا قىلاي !» دېگەن ، ھەمدە ئۇنى ئاتۇشنىڭ ئەمەلدارى قىلىپ قويغان . سامانىلارنىڭ دانا شاھزادىسىنىڭ قاراخانىلار پايتەختىدە ئەمەل تۇتۇشى ئەزەلدىن ئوغۇلچاق بۇغراخاندىن قورقۇپ كېلىشكە جۈرئەت قىلالمايدىغان ئوتتۇرا ئاسىيا سودىگەرلىرىنى جەلپ قىلغان .
نەتىجىدە ئاتۇش شۇ ۋاقىتتىن باشلاپلا ئەڭ قايناق سودا بازىرىغا ئايلانغان . ( ھازىرقى ئاتۇش خەلقىدىمۇ شۇ خىل تالانت ساقلىنىپ قالغان).

مىلادى 932 - يىلى نويابىرنىڭ تۇنجى زۇلمەت ئاخشىمى قاراخانىلار خاقانلىقىنىڭ تارىخىي يۈزلىنىشىنى ئۆزگەرتكەن ۋەقە يۈز بېرىدۇ .
932 - يىلى 2 - نويابىر جۈمە چاشگاھ ۋاختى بىلەن ( ھىجىرىيە 320 - يىلى زۇلھەججە 1 ) قەشقەر شەھىرى تېنچ قولغا كېلىدۇ . كېيىنكى بىر ھەپتىدە قەشقەر ۋە ئاتۇشتىكى مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار سۇتۇق تېكىنگە ياردەمگە كېلىدۇ .

شۇنىڭ بىلەن 932 - يىلى 12 - نويابىر دۈشەنبە كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تارىختىكى تۇنجى قۇربان ھېيت نامىزى ئوقۇلۇپ ، قۇتلۇق جۈمە خۇتبىسىدە سۇتۇق بۇغراخان مەدھىيلىنىدۇ .

بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە بالاساغۇنغا يېتىپ كېلىدۇ . قاراخانىلارنىڭ ئوغۇلچاق بۇغراخان ۋە مانى دىنىدا چىڭ تۇرغان قارا خاقان جەمەتى ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرى جەم بولۇپ ، ياشتا ۋە ھۆرمەتتە چوڭ ،ئەلەمدە پىشقان بىرىنى « ئارسلانخان » دەپ ئاتاپ ، بىر پۈتۈن قاراخانىلار قاغانلىقىنى بۆلۈپ تاشلايدۇ . سۇتۇق تېكىن ئۆزىگە « بۇغراخان » نامىنى تاللاپ ، ئۇستازى ئەبۇ نەسىر سامانىنىڭ دانا پىكرى بويىچە ئالدى بىلەن ئۆزىنى كۈچەيتىش ۋە قەشقەر تەۋەسىنىڭ ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلايدۇ . ئارىدا نەچچە قېتىم بالاساغۇنغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇلارنى ئىسياندىن ۋاز كېچىش ۋە مۇسۇلمان بولۇشقا دەۋەت قىلغان . ئەمما ئۇلار دائىماكەسكىن رەت قىلغان.

941 - يىلى كۈچى تولۇپ تاشقان ، جەڭگىۋار مۇسۇلمان ئەسكەرلەردىن خىل قوشۇنى بار بولغان سۇتۇق بۇغراخان بالاسۇندىكى ئىسيانچى « ئارسلانخان »غا قارشى جازا يۈرۈشى قىلىپ ، 942 - يىلى 22 - ئاپرىلدا
بالاساغۇننى قايتۇرۇۋېلىپ ، قاراخانىلارنى قايتىدىن بىرلىككە كەلتۈرگەن . ئاندىن ئۇدا يۈرۈش قىلىپ ، 943 - يىلى 20 - ئاپرىلدا
( يەنى ئىسمائىل سامانى تالاسنى تارتىۋالغانغا دەل ئەللىك يىل بولغان كۈنى ) ئەللىك يىل ئىلگىرى سامانىلار دادىسى ۋە تاغىسىدىن تارتىۋالغان تالاسنى قايتۇرۇپ، پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان . چۈنكى ئۇلار تېخىچە قاراخانىلار توغرىلىق ھېچنىمە بىلمىگەن ئىدى . شۇڭا ئىسلام تارىخچىلىرىنىڭ قاراخانىلار تارىخىنى 942 - يىلدىن باشلىشى ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس .

ئىسلام تارىخشۇناسلىرى :« توققۇز ئوغۇزلارنىڭ خاقانى ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ ، زامانىمىزدا ( يەنى 943 - يىلىدا ) ھېچكىم بۇ خاقان بىلەن ئۇرۇش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ » دەپ سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ھەيۋىسىنى بايان قىلغان.

956 - يىلى فېۋرالدا ( قۇربان ھېيتتا) سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان زەھەرلىنىپ يېتىپ قالغان.
بۇ خەۋەر چاقماق تېزلىكىدە ئوتتۇرا ئاسىياغا پۇر كەتكەن . كىمنىڭ زەھەرلىگىنى ئېنىقلانمىغاچقا، خان جەمەتى ئەزالىرىدىن باشقا ئاز ساندىكى ئىشەنچىلىك كىشىلەرلا بۇغراخاننى يوقلاپ تۇرالىغان . خەۋەر قاتتىق كونترول قىلىنغاچقا ، بۇغراخاننىڭ كېيىنكى ئەھۋالدىن خەۋەرسىز ئىسلام تارىخچىلىرى يەڭگىللىك بىلەن شۇ يىلقى قۇربان ھېيت مەزگىلى بولغان ھىجىرىيە 344 - يىلىنى بۇغراخاننىڭ ۋاپات بولغان ۋاختى قىلىپ خاتىرىلەپ قويغان . ئەمما دىۋاندىكى پولاتتەك پاكىتلار ۋە بۇغراخان ۋاپات بولغان « ئاقمەت » خارابىسىنىڭ تېپىلىشى ، بۇ جاينىڭ سالقىن ھاۋالىق بولۇپ ، بۇغراخان زەھەرلەنگەندىن كېيىن بىر مەزگىل مۇشۇ سالقىن جايدا ئارام ئالغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ . شۇنداق بولغاندا سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 28 - ئىيۇندىن 28 - ئىيۇلغىچە بولغان ئەڭ تىنجىق كۈنلەرنىڭ بىرىدە ۋاپات بولغان بولىدۇ .

بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن چوڭ ئوغلى مۇسا بۇغراخان ( 956 - 958) چوڭ قاغان ، ئۇكىسى سۇلايمان ئارسلانخان ( 958 - 970 ) نائىپ قاغان بولۇپ ، بالاساغۇندا ھۆكۈم سۈرگەن .

سۇلايمان ئارسلانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن، جىيەنى « ئەلى ئارسلانخان ( مۇسا بۇغراخان ئوغلى 970 - 998 ) چوڭ قاغان بولۇپ قەشقەردە ، ئوغلى ھارۇن بۇغراخان نائىپ قاغان بولۇپ بالاساغۇندا ھۆكۈم سۈرگەن.

ھارۇن بۇغراخان ( 970 - 997 ) مىلادى 990 - يىلى ئىسپىجاپنى سامانىلار قولىدىن ئېلىپ ،
سامانىلارغا قارشى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنى باشلاپ، مەركىزىي ئاسىيانى قاراخانىلارنىڭ سەلتەنىتى ئاستىغا ئالماقچى بولغان . ( مەزكۇر ئىسپىجاپنى نۇھ سامانى 840 - يىلى ئۇيغۇر قاغانلىقى غۇلىغاندا بېسىۋالغانىدى ). ئاقىۋەت 993 - يىلى سامانىلارنى مۇنقەرز قىلغان . ( بۇ دەل ئىسمائىل سامانى تالاسقا ھۇجۇم قىلىپ، قاراخانىلارغا جەڭ ئېلان قىلغىلى ساق 100 يىل بولغان چاغ ئىدى . تارىخىمىز مۆجىزە بىلەن توشقان . بۇنى سىتالىن ، چېرچىل ۋە باندىتلار بىزدىن ئوبدان بىلگەچكە كۈنىمىز بۇ ) .

ھارۇن بۇغراخان ئۈچ يىل سەمەرقەندنى ئىدارە قىلغان . ئەمما ئېغىر كېسەل بولۇپ، ساقىيىشقا كۆزى ئىلمەي ، قەشقەرگە قايتىۋاتقاندا يول ئۈستىدە 997 - يىلى ۋاپات بولغان . ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان ( 997 - 1007 - يىلغىچە نائىپ قاغان ، 1015 - يىلغىچە مەشرىق پادىشاھى ، 1024 - يىلغىچە چىن ۋە كۈن چىقىش ئەللىرىنىڭ پادىشاھى ، 1026 - 1032 - يىلى قاراخانىلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ يۈكسەك سەلتەنەتلىك ۋە ئىستىداتلىق بۈيۈك خاقان)
ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغان . ئەمما سەمانىلار ھارۇن بۇغراخاننىڭ ۋاپاتىدىن پايدىلىنىپ سالجۇق ئوغۇللىرى ۋە خۇراساندىكى سۇبۇق تېكىننىڭ ياردىمىدە قايتا تىرىلىپ چىققان .

998 - يىلى ئەلى ئارسلانخان جىيەنى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن ئىنىسى ئەلى تېكىننى قايتا تىرىلگەن سامانى خانلىقىنى بېقىندۇرۇشقا ئەۋەتكەن . قاراخانىلارنىڭ چوڭ قوشۇنىنىڭ كۆكئارتنىڭ ( پامىرنىڭ ) غەربىدىكى ئۇرۇشقا كەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان ئۇدۇن بۇددىست خانلىقى قاراخانىلاردىن يەنە يۈز ئۆرۈپ، ئىسيان كۆتۈرۈپلا قالماي ، مۇداپىئە قىلغۇدەك ئەسكەر قالمىغان قەشقەرگە قاراپ يۈرۈش قىلغان . ئەلى ئارسلانخان قىلچە ھودۇقماستىن ئازغىنە ئەسكەرلىرى بىلەن ھازىرقى ئوردام مازىرىغىچە كېلىپ ، ئۇدۇن قوشۇنلىرىنى توسقان . جەڭدە ئارسلانخانغا تەڭ كېلەلمىگەن ئۇدۇنلۇقلار نامەردلىك قىلىپ ، نامازغا تۇرغان ئەلى ئارسلانخانغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، كۆپىنچە ئەسكەرلەر بىلەن بىللە شېھىت قىلغان .

سامانىلارنىڭ ئاخىرقى كۈچىنى تارمار قىلىشقا كېتىۋاتقان يۈسۈپ قادىرخان بۇ دەھشەتلىك خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ، ئەلى ئارسلانخان ئورنىغا قاغان بولغان تاغىسى توغانخاندىن رۇخسەت سورىغان ۋە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان . ئەمما توغانخان قوشۇن ئاجرىتىپ بېرىشكە قوشۇلماي ، ئاۋۋال سامانىلارنى ئۈزۈل- كېسىل يوقىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن .

شۇنداقتىمۇ يۈسۈپ قادىرخان كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇسۇلمان پىدائىيلاردىن نەچچە تۈمەن ئەسكەر ئېلىپ ، قاپيۈرەكلىك بىلەن مۇنتىزىم قوشۇنى بار ، جەڭدە پىشقان ئەشەددىي دىنغا سادىق ئۇدۇن بۇددىستلىرىغا قارشى ئاتلانغان.

999 - يىلى 23 - ئۆكتەبىر ( ھ 389 - يىلى قۇربان ھېيت كۈنى ) ئەلى تېكىن ياڭراق تەكبىر ئاۋازى بىلەن بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرگەن.
24 - ئۆكتەبىر ئالدىن يۈرەر تۇرشاۋۇل قىسىم ئامۇ داريا بويىنى تىزگىنلىگەن . شۇنىڭ بىلەن
120 يىل سەلتەنەت سۈرگەن سامانىلار خانلىقى قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىقىغا ئايلانغان.

يۈسۈپ قادىرخانمۇ شۇ يىلى قۇربان ھېيتتىن سەل ئىلگىرى ئۇدۇنلۇقلارنى قەشقەردىن قوغلاپ چىقىرىپ ، 1000 - يىلدىن 1006 - يىلغىچە خوتەننى ئىسلاملاشتۇرۇپ بولغان.
ئاندىن 1007 - يىلدىن 1017 - يىلغىچە خان جەمەتى ئارىسىغا توختىماي سوغۇقچىلىق سېلىپ، قاراخانىلارنى پارچىلاشقا ھەرىكەت قىلغان مەھمۇد غەزنەۋىگە قارشى ئۇرۇش قوزغىغان . ئەمما مەھمۇد ھەر قېتىم سۈلھى تەلەپ قىلىپ ، 1025 - يىلى « ئەبەدىي ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى » تۈزۈشنى تەلەپ قىلغان.
شۇنىڭ بىلەن قاراخانىلار تارىخىدىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك 130 يىللىق ئالتۇن دەۋر باشلانغان.

خۇلاسە قىلغاندا :

893 - يىلى ئاپرىلدا سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاسۇنغا يېقىن بولغان قەشقەرگە كۆچۈرگەن.« 893 - يىلى سامانىلار ئىشغال قىلغان تالاسنى، ساتۇق بۇغراخان 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 943 - يىلى قايتۇرۋالدى. يەنە 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 993 - يىلى بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان سامانىلارنى مۇنقەرز قىلدى. 999 - يىلى يەنە بىر نەۋرىسى ئەلى تېكىن سامانىلارنى تۈپتىن يوق قىلىۋەتتى».

قەشقەردە سامانى ، ھەلەپتە فارابى :

916 - يىلى 22 - ئىيۇن ھامادانى دۆلىتىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە تۇغۇلغان. « مىلادى 966 - يىلى 10 - مارت ھەلەپنى مەركەز قىلغان ھەمەدانىلار خانلىقىنىڭ ئەمىرى سەيفۇددەۋلە ھەمەدانى ۋاپات بولغان.« ھەمەدانىلار 930- يىلى سەركىسى ناسىرۇدەۋلە باشچىلىقىدا موسۇلدا خانلىق ئاساسىنى تىكلىگەن.943- يىلى بۇۋەيھى شىئەلىرى باغدات ئابباسىي خەلىپىسىنى تىزگىنلىۋالغاچقا،916- يىلى تۇغۇلغان ئىنىسى سەيفۇددەۋلە 944- يىلى ھەلەپكە كۆچۈپ، ھەمەدانىلار خانلىقىنى ئالتۇن دەۋرگە ئېلىپ كىرگەن. دەل مۇشۇ چاغدا شەرقتە سۇتۇق بۇغراخان 942- يىلى بالاساغۇننى،943- يىلى بۇندىن 50يىل ئىلگىرى تاغىسى ئوغۇلچاق بۇغراخان / 892- 932/ نىڭ قولىدىن سامانى شاھى ئىسمائىل/ 874- 907/ تارتىۋالغان تالاس شەھىرىنى قايتۇرۋالغان. 943- يىلى بۇخارادا قوزغىلاڭ چىقىپ، سامانىي خانلىقى لىڭشىپ قالغان. 942- يىلى ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەن بۈيۈك ئالىم ئەبۇنەسىر فارابى / 870 - 950 / بىر تەرەپتە ئانا ۋەتىنى خاقانى سۇتۇق بۇغراخان، يەنە بىر تەرەپتە ئۆزىگە تۇنجى ئىلىم ئۆگەتكەن سامانىي خانلىقى ئارىسىدا قىيىن ئەھۋالدا قالغان. شۇڭا ئامالسىز ھەر ئىككى تەرەپتىن ۋاز كېچىپ ھەلەپكە قايتا بېرىپ، 945- يىلى ئەمدىلا بېلىنى رۇسلىغان ھەلەپ  ئەمىرى سەيفۇددەۋلەنىڭ ھۇزۇرىدا تەۋەررۈك ئەسەرلىرىنى يېزىپ چىققان. شۇنىڭ بىلەن شەرقتىكى قەشقەردە ئەبۇ نەسىر سامانى بىلەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان باشچىلىقىدا، غەرپتىكى شامدا ئەبۇ نەسىر فارابى بىلەن سەيفۇددەۋلە باشچىلىقىدا مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر قېتىملىق مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرى يارىتىلغان. فارابى 950 - يىلى، سامانى 952-  يىلى ، سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان 956- يىلى، ئەمىر سەيفۇددەۋلە 966-يىلى ئارقا ئارقىدىن ۋاپات بولغان. / باشقا بىر قاراشتا ئەمىر سەيفۇلدەۋلەت 967-يىلى 9- فېۋرال ۋاپات بولغان.

بۈگۈن 24 - ئۆكتەبىر قاراخانىلارنىڭ سامانىلار خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ، مەركىزىي ئاسىياغا خوجا بولغانلىقىنىڭ ، جۈملىدىن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى ئەڭ سەلتەنەتلىك 130 يىلى باشلانغانلىقىنىڭ 1020 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر !  تولىمۇ ئەپسۇس ، مۇشۇنداق ئالتۇن بىلەن يېزىش كېرەك بولغان ، پۈتۈن ئۇيغۇر دۈشمەنلىرى ئۇنتۇپ قالمىغان، ئەمما بىز ئۇنتۇپ قالغان بۇ ھاياجانلىق تارىخنىڭ 1020 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىنى ئۆزۈم يالغۇز غېرىبانە كەپەمدە قۇتلۇقلاپ ئولتۇرۇپتىمە . ھەر ھالدا تور دۇنياسى ئارقىلىق بولسىمۇ ، ئۇنۇتقاق خەلقىمىزنىڭ ئېسىگە سېلىپ قوياي!

1999 - يىلى ئۆكتەبىردە باندىتلار كېلىپ چىقىشى تاجىك بولغان ئىسلام كەرىموف ( سوۋېت كومپارتىيە ئەزاسى ھارامدىن تاپقان بالا ) بىلەن بولغان يېپىق سۆھبەتتە بۇ ئىشنى تىلغا ئېلىپ ، ئۇيغۇرلارنى شېپى كەلتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزبېكلەرنى دوست تارتىش ئۈچۈن يۇقىرىقى تارىخنى ئەسلىتىپ بولۇپ ، ئۆزبېكىستاندا ھازىر قانچىلىك ئۇيغۇر بار دەپ سورىغاندا ، غەزەپلەنگەن ئىسلام كەرىموف :« ئۆزبېكىستاندا ئۇيغۇر دەپ مىللەت يوق ! » دەپ كېسىپ جاۋاپ بەرگەن .
بۇ كۈتۈلمىگەن جاۋاپ باندىتلار باش ۋەزىرى لى پىڭنى قاتتىق ھەيران قالدۇرغان . بەلكىم بۇمۇ باندىتلارنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئۆز ئانا ۋەتىنىدە 1999 - يىلدىن باشلاپ قاتتىق باستۇرۇشتا مەدەت بولغان بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئۇيغۇرلار تېخىچە ئۆزىنىڭ ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ بولالمىغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شۇ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنتۇلغان زەپىرىگە ساق مىڭ يىل توشقانىدى. يەنى مىلادى 999 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر ھازىرقى ئۆزبېكىستاننى ئۆزىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغان ئىدى . ئىسلام كەرىموف بۇنداق ئالاھىدە كۈندە ئۇيغۇر نامىنى ئاڭلاشقا قانداقمۇ سەۋر قىلالىسۇن ؟!

مەنبەلەر :

1 - تۈرك - ئىسلام ئېنىسكلوپىدىيىسى

2 - ئىسلامىيەتتىن بۇرۇنقى ئۇيغۇرلار

3 - تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز

4 - سامانىلار تارىخى ( خانلار شەجەرىسى) .

5 - قاراخانىلار ( خاقانى تۈرك توققۇز ئوغۇز).

6 - ماۋرائۇننەھىر تارىخى .

7 - دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك .

8 - ھاجى قۇتلۇق شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى.

9 - تارىختىكى تۈرك قاغانلىقلىرى .

10 - ئۇيغۇرلار

11 - « ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە سىياسىي تارىخى» .

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر    قۇتلۇق پەيشەنبە
ھىجرىيە 1441 - يىلى ماھى سەپەر25 - كۈنى .
14

« 500 يىللىق ئىنتىقامچىنى بىلەمسىز » !؟؟

مىلادى 453 - يىلى ياۋروپانى تارىخىتىكى ئەڭ كىچىك ھالغا كەلتۈرگەن ئاتىللا تەڭرىقۇت ( مىلادىدىن بۇرۇنقى 43 - يىلى ۋەتىنىمىزنى بازا قىلىپ ، خەن سۇلالىسىغا قارشى تۇرۇپ، يەتتە يىلدىن كېيىن تالاستا سۇيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەن چىچى تەڭرىقۇتنىڭ 11 - ئەۋلادى) ۋاپات بولۇپ ، 565 - يىلى ئاۋارلار ( جۇجانلار) ۋەتىنىمىزدىن سۈرۈلۈپ، ئىككىنچى قېتىملىق ياۋروپانى ئىستىلا قىلىشنى باشلىدى . ئۇلار 616 - يىلى ئىستانبۇلنى قورشاپ شەرقىي رىمنى مۇنقەرز قىلاي دېگەندە ، ئىلاھىي تەقدىر شۇ چاغدا نازىل بولغان سۈرە رۇمدىكى مۆجىزە ئۈچۈن ئۇلارنى توختىتىپ قويغان . ئاۋارلار تاكى 717 - يىلغىچە ئىشغال قىلىنماي قالغان غەربىي ياۋروپاغا ئىزچىل تەھدىت سالغان .
دەل شۇ ۋاقىتتا كىچىكلەپ كەتكەن ياۋروپانىڭ غەربىدە بىر كۈچلۈك دۈشمەن پەيدا بولغان .

711 - يىلى 18 - ئىيۇل تېخى يېڭىلا ماراكەش ئارقىلىق ئىسپانىيەدە قۇرۇقلۇققا چىققان تارىق ئىبنى زىياد بىلەن گوت سانغۇنى لازرىق ئوتتۇرىسىدا لاككا ۋادىسى ئۇرۇشى يۈز بەرگەن . ( ئاتىللانىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن گوتلار ئىسيان كۆتۈرۈپ ، غەربىي گوتلار  ئىسپانىيە بىلەن فرانسىيەنى ئىدارە قىلىۋاتاتتى ). تارىق غەلىبە قىلىپ، ئىسپانىيىدە سەككىز ئەسىر سەلتەنەت سۈرگەن ئىسلام تارىخى ئۈچۈن ئاساس سالغان.

گېرمان - فرانسۇز نەسىللىك كارل مارتېل ساكسون ۋە باشقا ياۋايى گېرمان قەبىلىلىرىنى زەربىدار ئەترەت قىلغان غەربىي رىم كاتولك كۈچلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، شەرقتە ئاۋارلارغا ئولپان تۆلەپ مۇقۇملۇقنى ساقلىسا ، غەرپتە 718 - يىلدىن تاكى 729 - يىلغىچە ئۆزىگە قارشى بولغان ساكسون ، ئالمان ۋە باشقا پەرەڭ خەلقىنى قانلىق باستۇرۇپ ، 730 - يىلىغا كەلگەندە ۋەزىيىتى تۇراقلىشىپ ، غەرپتىن باستۇرۇپ كېلىۋاتقان مۇسۇلمان قوشۇنىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقۇدەك كۈچكە ئىگە بولغان .
بۇ ۋاقىتتا مۇسۇلمانلار پۈتۈن ئىسپانىيەنى ئېلىپلا قالماي پارىژغا 70 كېلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەنىدى . دەل شۇ جايدا دۇنيا تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن ئۇنتۇلماس ئۇرۇش « تۇر / شېھىتلەر گۈلىستانى » ئۇرۇشى يۈز بەردى .

مەزكۇر ئۇرۇش 732 - يىلى 10 - ئۆكتەبىر باشلاندى . ئۇدا ئون كېچە - كۈندۈزلۈك قاتتىق ئۇرۇشتىن كېيىن ، مۇسۇلمانلار قوشۇنى خۇددى مىلادى 625 - يىلى 24 - مارت يۈز بەرگەن ئوھۇد ئۇرۇشىدىكى خاتالىقنى قايتا سادىر قىلىپ، ئاخىرقى بىر كۈندە ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان . ( كارل مارتېل ئۇدا ئون كۈن قاتتىق تۇتۇشۇپ يېڭىشكە كۆزى ئىلمەي ، 20 - ئۆكتەبىر مۇسۇلمانلارنىڭ ئارقا سېپى ۋە غەنىمەت ئورنىغا ھۇجۇم قىلغان . غايەت زور بايلىق ۋە ئاشلىقلارنىڭ نىشانغا ئايلانغانلىقىنى كۆرگەن بىر قىسىم نادانلار ئۇرۇش سېپىنى بۇزۇپ ، بۇيرۇقسىزلا ئارقا سەپ تەرەپكە ئات سېلىپ ، غەنىمەتلەرنى قوغدىماقچى بولغان  . قوماندان ئابدۇراھمان غافىقى دۈشمەننىڭ توزىقىغا چۈشكەنلىكىنى ئاڭقىرىپ ، پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇزۇلغان قوشۇنلىرىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقىنىدا دۈشمەننىڭ ئوقى يۈرىكىگە سانجىلغان . بۇ پاتپاراقچىلىقتىن پايدىلانغان كارل مارتېل شۇ كۈنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن . بۇ 21 - ئۆكتەبىر ئىدى . شۇ كۈنى كەچتە ھەر ئىككى تەرەپ ئۇرۇش توختىتىپ بارگاھلىرىغا قايتقان . 22 - ئۆكتەبىر كېچىسى يېرىم كېچىگىچە ھەربىي كېڭەش قىلغان مۇسۇلمان سەركەردىلەر يەنە ئۇرۇش قىلىش توغرىلىق بىر قارارغا كېلەلمەي، يولبويى يىغىپ كەلگەن بارلىق غەنىمەتلەرنى بارگاھتا قالدۇرۇپ ، يېرىم كېچىدە ئىسپانىيە چېگرىسىغا چېكىنىپ كەتكەن . 22 - ئۆكتەبىر كارل مارتېل خەۋەرچىلەر ئارقىلىق ئۇلارنىڭ چېكىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ ، ناھايىتى خۇشال بولغان . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ قولغا چۈشۈرگەن بايلىقلارنىڭ ھەددى - ھېسابى بولمىغاچقا ، شۇنىڭغا قانائەت قىلىپ ، دەرھال قوشۇنىنى باشلاپ شەرقتىن بېسىپ كەلگەن ئاۋارلارغا قارشى ئاتلانغان .

741 - يىلى 22 - ئۆكتەبىر ( يەنى مەزكۇر ئۇرۇش ئاخىرلاشقان 9 - يىللىق خاتىرە كۈنى) كارل مارتېل ئۆلۈپ كەتكەن . ئورنىغا 714 - يىلى 28 - نويابىر تۇغۇلغان ئوغلى « پەتەك بېبىن » پەرەڭ كېنەزى بولغان . ئۇ 752 - يىلدىن 768 - يىلغىچە « پەرەڭ پادىشاھى » بولغان . ئۇ 768 - يىلى 24 - سېنتەبىر ئۆلگەن.

« پاكار بېبىن » نىڭ ئورنىغا چوڭ ئوغلى ،
742 - يىلى 2 - ئاپرىل تۇغۇلغان مۇقەددەس رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى چارلىمان تەختكە چىققان . « ئۇ ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇر بىلەن بىرلىشىپ، 768 - يىلى ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىسىنى تىكلىگەن ئابدۇراخمانغا قارشى تۇرغان. ئۇ 732 - يىلى بوۋاتىيە ئۇرۇشىدا ئىسلام قوشۇنىنى فرانسىيىدىن چېكىندۈرگەن چارلىز مارتېلنىڭ نەۋرىسى ئىدى . ئارىدىن مىڭ يىل ئۆتۈپ، 1699 - يىلى ئوسمانلى ئارمىيىسى ياۋروپادىن چېكىنىشكە باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بارلىق مىللەتلەر پەيدىنپەي غەرب جاھانگىرلىرى، چاررۇسىيە ۋە مانجۇلارنىڭ مۇستەملىكىسىگە چۈشۈپ قالغان».

چارلىمان 800 - يىلى پاپانىڭ تاج كىيگۈزۈشى بىلەن « مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى » دەپ ئاتىلىپ ، ياۋروپا خىرىستىئان دۇنياسىنى غەرپتە ئەرەب ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھۇجۇمىدىن ، شەرقتە ئاۋار / ئۇيغۇر ۋە تۈركىي خەلقلەرنىڭ ھۇجۇمىدىن قوغداپ قالغان تۆھپىكار پادىشاھ بوپقالغان . ئۇ 804 - يىلى ئاۋارلارنى مۇنقەرز قىلغاندىن 814 - يىلى ئۆلگەن .

732 - يىلى 21 - ئۆكتەبىر جەڭگاھتا شېھىت بولغان ئابدۇراھمان غافىقى ئەسلىدە مىلادى 670 - يىللىرى شىمالىي ئافرىقىنى ئۇمەييەلەر سۇلالىسىغا قوشقان داڭلىق ساھابە ئۇقبە ئىبنى نافى ( 622 - 683 ) نىڭ ئوغلى ئەبۇ ئۇبەيدە ئوغلى ھەبىبنىڭ ئوغلى ئىدى . ئۇ 10 - بوۋىسى فىھرىدە پەيغەمبىرىمىزنىڭ نەسەبى بىلەن تۇتىشاتتى . ئابدۇراھمان جەڭدە شېھىت بولۇپ، كارل مارتېل شىمالغا ، مۇسۇلمانلار جەنۇپقا چېكىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ ، ئۆز تەۋەسىنى ئىدارە قىلغان .

ئابدۇراھمان قازا قىلغان ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ شەرقىي شىمالىدا تۈرك قاغانى بىلگە قاغاننىڭ ئىنىسى كۆلتېكىن ( 685 - 732 ) ئاغرىپ قازا قىلغانىدى . بىلگە قاغانمۇ 734 - يىلى قازا قىلىپ كەتكەن . نەتىجىدە تاڭ سۇلالىسى قايتا پاراكەندىچىلىك سېلىپ ، كۆپلىگەن قارام ئەللەرنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە كۈشكۈرتۈپ ، تۈرك قاغانلىقىنى قايتا يىمىرىپ تاشلىغان .
غەربىي تۈرك قاغانى سۇلۇ قاغانمۇ 738 - يىلى ۋەزىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ ، تاڭ سۇلالسى توققۇز يىل ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى ئىشلىتىپ ، غەربىي تۈركلەرنى تولۇق پارچىلاپ بولغاندىن كېيىن ، 747 - يىلدىن باشلاپ گاۋ شەنزى ( 707 - 756 ) نى ئەۋەتىپ، بىپايان غەربىي تۈرك يۇرتلىرىنى بېسىۋېلىشقا باشلىغان.

بۇ ۋاقىتتا شەرقىي تۈركلەر زېمىنىدا قۇدرەتلىك ئۇيغۇر قاغانلىقى قۇرۇلۇپ ، دانا كۆل بىلگە قادىرخان  744 - يىلى « ئۇيغۇر خاقانلىقى » نى ئېلان قىلىپ ، 745 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنى ئۈزۈل - كېسىل ئاخىرلاشتۇرغان .
دەل شۇ يىلى ئۇمەييەلەر تەختىنى مەرۋان ئىگىلەپ ، ئەڭ ئاخىرقى خەلىپە بوپقالغان .

مىلادى 747 - يىلى ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى ،
غەربىي تۈرك قاغانلىقى ۋە ئەرەب ئۇمەييەلەر
خەلىپىلىكىدە تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تۆت مۇھىم ھادىسە يۈز بەردى . ئالدى بىلەن ئۆتۈكەندە كۆل بىلگە قادىرخان ۋاپات بولۇپ، ئورنىغا ئوغلى « بايانچۇر قاغان ( 747 - 759)
» چىقتى . فېۋرالدا خۇراساندا تۈرك قانلىق ئەبۇ مۇسلىم خۇراسانى ئۇمەييەلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلاپ ، 750 - يىلى يانۋاردا 89 يىللىق ئەرەب ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنى ئاغدۇرۇپ ، ئابباسىيلار خەلىپىلىكىنى قۇرغۇچى تۆھپىكار بوپقالدى .
ئاپرىلدا گاۋ شەنزى ئەسكەر باشلاپ چىقىپ، تۇرپان - قۇمۇل ، تارىم ۋادىسىنى قانغا بوياپ، 750 - يىلغىچە ئالتايدىن تالاسقىچە، بالقاشتىن تاشكەنتكىچە ، كەڭسۇدىن كەشمىرگىچە بولغان بىپايان غەربىي تۈرك زېمىنلىرىنى بېسىۋالغان.
ئىسپانىيەدە ئاۋام مەرھۇم ئابدۇراھماننىڭ ئوغلى يۈسۈپ ( 711 - يىلى تۇغۇلغان . 747 - يىلى فېۋرالدا ئەندۇلۇس ھۆكۈمدارى بولغان . 759 - يىلى قازا قىلغان . ئۇ بايانچۇر قاغان بىلەن تەڭ تەختكە چىقىپ ، تەڭ ۋاپات بولغان)
نى ئەمىر قىلىپ سايلىغان .

750 - يىلى بايانچۇر قاغان ئەسلىدىكى سابىق شەرقىي تۈرك قاغانلىقىغا قاراشلىق بارلىق ئەللەرنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن ، قارلۇقلارغا جازا يۈرۈشى قىلىپ ، غەربىي تۈرك ئەللىرىنىڭ بىر قىسمىنى بېقىندۇرغان . دەل شۇ يىلى گاۋ شەنزى تاشكەنت شاھىنى ناھەق ئۆلتۈرۈپ ، ھېساپسىز بايلىقلارنى بۇلاپ ئېلىپ كەتكەن. بۇ قەتلىئام مەركىزىي ئاسىيا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ يېڭى قۇرۇلغان ئابباسىيلار بىلەن يېقىنىلىشىپ ،
يۈز يىللىق ئەرەب / تۈرك دۈشمەنلىكىنى تېز ئاخىرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولغان . تاشكەنت شاھزادىسى باشقا ئەللەرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن
ئابباسىيلارنىڭ دۆلەت ئاتىسى ئەبۇ مۇسلىمغا بەيئەت قىلىپ، ياردەم تەلەپ قىلغان . ئۇلارنى ھىمايە قىلىش قوشۇنى ئەۋەتىلگەندىن كېيىن، گاۋشەنزى 751 - يىلى 70 مىڭ مۇنتىزىم خىتاي - تىبەت ئەسكىرى ۋە 30 مىڭدەك قارلۇق ياللانما ئەسكىرى بىلەن تالاسنى قورشىۋالغان.
ئەبۇ مۇسلىم قابىل سەركەردىسى زىيادنى سەر خىل قوشۇن بىلەن ئەۋەتىپ ، 27 - ئىيۇلدىن 4 - ئاۋغۇستقىچە داۋام قىلغان « تالاس ئۇرۇشى» دا تاڭ سۇلالىسىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى سەددىچىندىن كىرگۈزۈۋەتكەن . 756 - يىلى ئۆڭلۈك بىلەن سۆيگۈن ئىسيان كۆتۈرۈپ، تاڭ سۇلالىسىنى ئاغدۇرغان . ئۇيغۇر قاغانلىقى تەلەپكە بىنائەن ئەسكەر چىقىرىپ، بۈيۈك تاڭ خانلىقىنى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان . بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان بايانچۇر قاغانغا ئەل بولغان قارلۇقلار ئالتايدىن ئېشىپ ، ئىلى ئارقىلىق ئىسسىق كۆل بويلىرىغا قېچىپ كېلىپ، شۇ يىلى « قارلۇق خانلىقى » نى تىكلىگەن .
ئوغۇزلارمۇ كاسپى دېڭىزىدا « ئوغۇز يابغۇلۇقى» نى قۇرغان . ئەمما ئۇلار ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش ئۆزىنى قاغان دەپ ئاتىمىغان . بەلكى
2 - 3 - دەرىجىلىك مەنسەپ نامىنى قوللانغان.

  « 500 يىلدىن كېيىنكى ئىنتىقامچى » :

تارىخ چاقى 732 - يىلدىن باشلاپ چۆرگىلەپ
مىلادى 1221 - يىلغا كەلگەندە ، يۇقىرىقى بەش ئەسىر بۇرۇنقى ۋەقەدىكى بۈيۈك قەھرىمان ئابدۇراھماننىڭ 14 - ئەۋلادى بولغان يېڭى بىر ئابدۇراھمان ئوتتۇرىغا چىقتى . ئۇ ئىسپانىيەدە تۇرۇپ ، ھاجىلاردىن ئابباسىيلار سەلتەنىتىنىڭ قىل ئۈستىدە قالغانلىقى ، يىراق كۈن چىقىش تەرەپتىن ھونلار ۋە ئاۋارلار كەبى قۇدرەتلىك بىر كۈچنىڭ ھەدەپ غەرپكە سۈرۈلۈۋاتقانلىقىدىن
خەۋەر تېپىپ ھاياجانلاندى . ئۇ دەرھال باغدات خەلىپىسىنىڭ يېنىغا سەپەر قىلدى . بۇ چاغقىچە چىڭگىزخان ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يېڭى ئوتتۇرىغا چىقىپ ، قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالاي دېگەن قۇدرەتلىك خارەزىم خانلىقىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇغان ۋاختى بىلەن ئۇدۇل كەلدى . مەزكۇر يىگىت ئاتا - بوۋىسىدىن ئاڭلاپ چوڭ بولغان ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئارزۇسىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كىچىكىدىنلا كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئەمما نە ئەندۇلۇستىكى ھۆكۈمرانلار ، نە قوشقا قىرغاقتىكى شىمالىي ئافرىقا ھۆكۈمرانلىرى ، ھەتتا باغداتتىكى ئابباسىيلار خەلىپىلىكىمۇ بۇ ۋاقىتتا بەش ئەسىر بۇرۇنقى شۆھرىتىنى تولۇق يوقاتقانىدى . ئەكسىچە 1096 - يىلدىن 1192 - يىلغىچە ئىسلام دۇنياسى غەرپتە ئۇدا ئەھلى سەلپنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلگەن بولسا ، شەرقتە 1141 - يىلدىن 1212 - يىلغىچە قارا خىتاي ئىستىلاسى ، 1218 - يىلغىچە كۈچلۈك خانىۋەيرانچىلىقى ۋە 1219 - 1279 - يىللىرى موڭغۇل ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى . قەيسەر يىگىت ئابدۇراھمان ئۆز دەۋرىدىكى ھەممە خانلىقلارنىڭ خىزمىتىگە كىرىپ ئەھۋالنى كۆزەتتى . ئەمما ھېچكىم ئۇنىڭ تەستىقىدىن ئۆتەلمىدى . چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئېغىر چۈشكۈنلەشكەن بولۇپ ، ھامان يوقىلىشقا مەھكۇم ئىدى .

شۇڭلاشقا باغداتقا كېلىپ ، ئابباسىيلارنىڭ ئەسلى ئويلىغاندىنمۇ بىچارە ھالدا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن ئابدۇراھمان پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا دەھشەت قورقۇنچ سېلىۋاتقان موڭغۇللارغا قىزىقىپ قالدى . ئەمما 1227 - يىلى چىڭگىزخاننىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ، خارەزىم شاھ جالالىددىن ئىران ۋە ئەزەربەيجاننى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، قايتا تىرىلىپ موڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇش باشلاپ ، مەركىزىي ئاسىيادىكى ئانا تۇپراقلىرىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولدى . موڭغۇل نويانلىرى 1229 - يىلى ئۆگەدەينى قاغان قىلىپ سايلىغاندىن كېيىن ، ئۇ ئالدى بىلەن خىتاينىڭ شىمالىنى بېسىپ ياتقان ئەشەددىي ئاتا دۈشمىنى جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقى ( 1124 - 1236) غا ھۇجۇم باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىللە غەرپنى پاراكەندە قىلىۋاتقان يېڭى خارەزىمشاھ جالالىددىنغا قارشى ئامۇ دەرياسى بويىدا زور مىقداردا مۇداپىئەچى ئەسكەر تۇرغۇزدى . بۇ ئارىدا جالالىددىننىڭ كۈچىيىپ كېتىپ ، ئۆزلىرىنى بېقىندى قىلىۋېلىشىدىن ئەندىشە قىلغان ئاناتولىيە سالجۇقىلار خانى
ئالائىددىن كەيقۇباد ( 1220 - 1237 / تىرىلىش ئەرتوغرۇلدىكى ئەڭ چوڭ خان ) بىلەن مەرھۇم سالاھىددىن ئەييۇبى ( 1171 - 1193) نىڭ سۈرىيەدىكى ئەۋلاتلىرى بىرلىشىپ، 1230 - يىلى جالالىددىنغا ئىككى تەرەپتىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنى مەغلۇپ قىلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي جالالىددىن 1231 - يىلى ئاۋغۇستتا
كۇردىستان تاغلىرىدا بىر قىسىم ئىنتىقامچى كۇردلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ . تولىمۇ ئەپسۇس ئۇنىڭ ئۆلۈمى مۇداپىئەدە تۇرغان موڭغۇللارنى ئوتتۇرا شەرققە چىللاپ كېلىدۇ . موڭغۇللار 1236 - يىلى ئالتۇن خانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىن ، ئۆگەدەي قاغان ئەڭ قابىل سەردارى سۇبۇتاي بىلەن شىرمەت جىيەنى باتۇخان ( جۇچىنىڭ ئوغلى 1236 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىنى قۇرۇپ ، مەزكۇر ئابدۇرراھمان بىلەن بىللە غەرپكە يۈرۈش قىلغان . 1256 - يىلى ۋاپات بولغاندا ، مۇسۇلمان ئىنىسى بەركەخان ئالتۇن ئوردا خانى بولۇپ ، ھىلاكۇغا جەڭ ئېلان قىلغان )نى ياۋروپانى بويسۇندۇرۇشقا ئەۋەتكەن.

ئەينى ۋاقىتتا موڭغۇللار ياۋروپاغا ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرۇشقا قوشۇن تارتىشنى تەشەببۇس قىلغان. بۇ مۇھىم خەۋەر تېزلا باغداتقا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن ، خەلىپە ۋە ئاھالە جىددىيلىشىپ كەتكەن. بەختكە يارىشا چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۆتىۋەر ئۇيغۇر ئەمىرلىرى ۋە قاراخانىلاردىن قېپقالغان مۇسۇلمان مەمۇرىي ئەمەلدارلار بۇ قارارغا قارشى چىقىپ ، موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ مۇسۇلمان تۈركىي قەۋم ۋە قەبىلىلەردىن تەركىپ تاپقانلىقىنى ، ئەگەر ئىسلام دۇنياسىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئۆگەدەينى قايىل قىلغان . نەتىجىدە ئۆگەدەي ياۋروپاغا يۈرۈش قىلىدىغان قوشۇنلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنى مۇسۇلمان ئۇيغۇر ، تاتار، قىپچاق ۋە ئوغۇزلاردىن تەشكىللىگەن . ئىسلام دۇنياسىنى بويسۇندۇرغان قوشۇنلار كېيىنچە ھىلاكۇ تەرىپىدىن ئالاھىدە تاللانغان قان ئىچەر موڭغۇللارنى ئاساس قىلغان . شۇڭا ئۇ بوۋىسى چىڭگىزخاندىن ئاشۇرۇپ جاللاتلىق قىلغان .

خەلىپە مۇستەنسىر بىللاھ ( 1226 - 1243 ) ئابدۇراھماننى ئەلچى قىلىپ ، موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىش قوشۇنى جايلاشقان ئېتىل ( ھازىرقى ۋولگا ) دەرياسى بويىغا ئەۋەتكەن . ئابدۇراھمان كاۋكاز ئارقىلىق داغىستانغا ئۆتۈپ ، ئۇ يەردىن سودا كېمىسى بىلەن ئېتىلدىكى باتۇخاننىڭ ئوردىسىغا بارغان .
باتۇخان ئابدۇراھماننى قىزغىن قارشى ئالغان .
بولۇپمۇ ئۇنىڭ بەش يۈز يىل بۇرۇن ياۋروپانى زىلزىلىگە سالغان بىر ئەزىمەتنىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقىنىدا ، ئۇنى تېخىمۇ ھۆرمەتلەپ ، غەرپكە يۈرۈش قىلىشتا بىللە ھەمراھ بولۇشىنى تەلەپ قىلغان . ئەسلىدە بۇ قېتىم « موڭغۇللارنىڭ زادى ئوتتۇرا شەرققە يۈرۈش قىلامدۇ ياكى ياۋروپاغا يۈرۈش قىلامدۇ؟» شۇنى بىلىش ئۈچۈنلا بۇ يەرگە كەلگەن ئابدۇراھمان بۇ تەكلىپتىن ھەم خۇشال بولىدۇ ھەم غەمگە پاتىدۇ .

ئاخىرى ئۇ تېز ماڭىدىغان يەلتاپان ئۇچۇرچى ئارقىلىق خەلىپىگە مەكتۇپ يوللاپ ، قانداق قىلىش كېرەكلىكىنى سورايدۇ . خەلىپە بۇ خۇش خەۋەردىن سۆيۈنۈپ ، ئابدۇرراھماننىڭ تېخىمۇ كۆپ موڭغۇللار ھەققىدە مەلۇمات توپلىشى ئۈچۈن ئۇنىڭغا غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا رۇخسەت بېرىدۇ . شۇنداق قىلىپ 1237 - يىلدىن باشلاپ ، خىتاينى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا پىشىپ كەتكەن تەجرىبىلىك نويانلار كەينى - كەينىدىن ئېتىلغا يېتىپ كېلىپ ، باتۇخان ۋە سۇبۇتايغا قوشۇلىدۇ . باتۇخاننىڭ يېڭىلا مەخپىي مۇسۇلمان بولغان ئۇكىسى بەركەخان ( 1256 - 1266) ئابدۇراھمان بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىن ئاغا - ئىنىلەردىن بولۇپ قالىدۇ .

ئابدۇرراھمان ۋە ئۇنىڭ ئەجداتلىرى بەش ئەسىر كۈتكەن ياۋروپانى ئىسلاملاشتۇرۇش ئارزۇسى ۋە پارىژنىڭ جەنۇبىدىكى « 732 - يىل ئۇرۇشى » يۈز بەرگەن جەڭگاھنى قايتا زىيارەت قىلىش پۇرسىتى باتۇخاننىڭ غەرپكە يۈرۈش قىلىشى بىلەن باشلىنىدۇ . ئابدۇراھمان ھەر قېتىملىق جەڭدە ئالاھىدە تۆھپە كۆرسىتىپ ماڭىدۇ . ئالدى بىلەن قىپچاق خانلىقى ( 1016 - 1236) ئىستىلا قىلىنىدۇ . ئارقىدىن قىرىم يېرىم ئارىلى
1237 - يىلى ،  ئاندىن كىيېۋ رۇس كېنەزلىكى
( 960 - 1239) ، ئاندىن 1241 - يىلى بۇلغار، ھونگىرىيە ، پولشا ، ھەمدە بالقاننىڭ شىمالىدىكى بارلىق شەرقىي ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا ئىستىلا قىلىنىدۇ . 1242 - يىل بېشىدا باتۇخان ئالبانىيەدە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا قەدەر يۈرۈش قىلىپ ، ئاخىرقى دېڭىزغا يەتكەنلىكىنى ، بۇ ئارقىلىق بوۋىسى چىڭگىزخاننىڭ ۋەسىيىتىنى ئورۇنلىغانلىقىنى جاكارلاپ ھەربىي يۈرۈشنى توختاتماقچى بولىدۇ . ئەمما ئۇ يەرلىكلەردىن بۇ دېڭىزدىن كېيىن يەنە ئىتالىيە ، فرانسىيە ۋە ئىسپانىيە بارلىقىنى ئاڭلايدۇ . ئابدۇراھمانمۇ بۇنى تەستىقلاپ ، باتۇخانغا چۈشەنچە بېرىدۇ.

شۇنىڭ بىلەن قوشۇن داۋاملىق ئىلگىرىلەپ ئىتالىيەگە ئاۋسترىيە ئارقىلىق ئايلىنىپ يۈرۈش قىلىپ ، قېچىپ كەتكەن ۋېنگىرىيە كارولى بېللىنى تۇتۇپ جاھانغا ئىبرەت قىلماقچى بولىدۇ . پولشادىن گېرمانىيەگە كىرىۋاتقىنىدا،
تۇيۇقسىز ئىككى شۇم خەۋەر يېتىپ كېلىدۇ .
بىرى ئۆگەدەي بىلەن چاغاتاينىڭ ئارقا - ئارقىدىن ۋاپات بولۇشى ، يەنە بىرى موسكۋا شاھزادىسى ئىسكەندەرنىڭ مۇز كۆل ئۈستىدە گېرمان ئەھلى سەلپ كاتولىك قوشىنىنى مەغلۇپ قىلغانلىق خەۋىرى ئىدى .

باتۇخان كېڭەش چاقىرىدۇ . كېڭەشتە سۇبۇتاي ۋە چىڭگىزخاننىڭ سادىق نۆۋكەرلىرى بىردەك ئۇنىڭ « ئاخىرقى دېڭىزغىچە ئىشغال قىلىش ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش » نى تەشەببۇس قىلغان.
سوبۇتاي ئارقىدىن بۇ ۋەسىيەتنىڭ شەرقتە ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى ، ئەمدى غەرپتىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن. ئابدۇراھمان ۋە خېلى بىر قىسىم مۇسۇلمان ئەسكەرلەرمۇ داۋاملىق يۈرۈش قىلىشنى قوللىغان. ئەمما موڭغۇللارنىڭ سەلتەنىتىنىڭ ھىلاكۇ ۋە تولۇي جەمەتىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى خالىمىغان باتۇخان قايتىشقا مايىل بولغان . چۈنكى ئۇ ھازىر چىڭگىزخان جەمەتى ئىچىدىكى ھەم ياشتا ھەم مەرتىۋىدە يۇقىرى خان بولۇپ ، چوڭ قاغاننى ۋە چاغاتاي خانىنى سايلاش ئىشى ئۇنى كۈتۈپ تۇراتتى . ئورتاق قارارغا كېلەلمىگەن ئىككى تەرەپ ئاخىرى ئايرىلىشنى توغرا تاپتى .

سوبۇتاي ئىسكەندەر ھەققىدە :« سۈت ئېمىۋاتقان يولۋاس بالىسى ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئەمما ئۇ بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا تاغقا چىقىۋېلىپ ، تىرناق ۋە سۆڭەكلىرى قېتىۋالسا ئۇ چاغدا زور بالا - قازاغا ئايلىنىدۇ » دەپ باتۇخاننى ئاگاھلاندۇرغان . ئەمما ئىسكەندەر باتۇخانغا قىلچە سەمىمىيەيسىزلىك قىلمىغاچقا، باتۇخان ئىسكەندەرگە جازا يۈرۈشى قىلشىنى توغرا كۆرمىگەن . سۇبۇتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ ، ئىنتىقامچى ئابدۇراھمان ۋە باشقا مۇسۇلمان - تاتار جەڭچىلىرى بىلەن بىللە ياۋروپادا قېپقالغان . باتۇخان ئابدۇراھماننى ياۋروپادا تۇرۇشلۇق نائىپ خان ، يېسۇنوغاينى سۇباشى ، سۇبوتاينى باش مۇشاۋۇر قىلىپ قالدۇرۇپ ، ئۆزى قاغان سايلاش ئۈچۈن قارا قۇرۇمغا قايتىپ كەتكەن .

يازما بەك ئۇزىراپ كەتكەچكە مۇشۇنچىلىك توختىلىشنى توغرا تاپتۇق . بۇ يەردىكى مەركىزىي ئىدىيە قانداقتۇر ياۋروپاغا قارشى دۈشمەنلىك كەيپىياتى پەيدا قىلىش ئەمەس ، ئەكسىچە ھازىرقىدەك دۈشمىنىنى ناھايىتى يۈزەكى تونۇيالىغان نادان ئۇيغۇرلارنى ، بولۇپمۇ ياشلارنى يۇقىرىقى 500 يىللىق جەمەت ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسى ، ئاتا - بوۋىسىنىڭ تارىختا كىملەر ئىكەنلىكى ، قانداق ئارزۇلىرى بارلىقى ، كىملەر تەرىپىدىن زىيانكەشلىككە ئۇچراپ قازا قىلغانلىقى قاتارلىقلارنى قىلچە ئۇنتۇپ قالماي ، جاھان نەچچە قېتىم ئاستى - ئۈستۈن بولۇپ كەتكەن 500 يىل جەرياندىمۇ ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ۋە بۇرچىنى قىلچە ئۇنتۇپ قالماستىن تارىخىي پۇرسەت كەلگەن ھامان ، تومۇرىدىكى بەش ئەسىرلىك قان ئۇرغۇپ چىقىپ ، ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ يولىنى داۋام قىلىپ ، ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا جان تەسلىم قىلغان « ئابدۇرراھمانلار » دىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشتۇر !

ئۇلۇغ ۋە قۇدرەتلىك ئاللاھ بىزدىنمۇ ئەنە شۇنداق جاسارەتلىك ئابدۇراھمانلارنى كۆپلەپ مەيدانغا چىقىرىپ بەرسۇن ! ئەگەر سەن زادى كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭنى ، ئاتا - بوۋاڭنىڭ 400 يىلدىن بېرى قانداق ئېغىر زىيانكەشلىك ۋە خىيانەتلەر نەتىجىسىدە پاجىئەلىك ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقى ، سەندەك پەرزەنتىگە نېمە دەپ ۋەسىيەت قىلغانلىقىنى ( قىلماقچى ئىكەنلىكىنى ) ، سېنىڭ بۈگۈن نېمە قىلىشىڭ كېرەكلىكىنى ئۇنتۇپ قالغان بولساڭ، ياكى ئاتا - ئاناڭ سۆزلەپ بەرمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا بىزنى ئىزدىگىن ! بىزنى ئىزدەڭلار ، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭلار بىر ئىزدىنىپ بېقىڭلار ! شۇندىلا ئەمەلىيەتتە ھەر بىر ئۇيغۇر ئۆزىنىڭ
ھازىرقى دەۋرىمىزدىكى « ئابدۇراھمانى » ئىكەنلىكىنى شەكسىز ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولىسىلەر !

« تارىخىمىزدىكى سىرلار » دىن ئۈزۈندە

« ئىنتىقامچىلار ئۈچۈن قوللانما » دىن تاللانما.

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر     پەيشەنبە

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ 25 - كۈنى

جەڭگىۋار پەيشەنبە
15

ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف ۋە ئارتۇر پېتىربايېف ھەققىدە تەپسىلىي بايانات :

مۇۋەپىقىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە چېكىنىش قەھرىمانلارچە روھتۇر ! 

ھەبىبىنىڭ پوزىتسىيىسى ھەر بىر ئۇيغۇر ياشقا ئۈلگە بولالايدۇ . چۈنكى بىزدىكى ئۈزۈلمەس بالا - قازالار دەل مۇشۇ روھنى يوقىتىپ قويۇشتىن كېلىپ چىقىۋاتىدۇ . ئۇتۇقلۇق ھەرىكەت قىلىشقۇ ياخشى ئىش . ئەمما نە ئۇتۇقلۇق ھەرىكىتى ، نە تەشەببۇسكارلىق بىلەن چېكىنىش قابىلىيىتى بولمىغان ئەپەندىلەرنىڭ قولىغا مىللەتنىڭ تەقدىرىنى تۇتقۇزۇپ قويۇش پەقەت يېڭى بالا - قازانى چىللاپ كېلىشتىن باشقىغا يارىمايدۇ .

شۇڭلاشقا ھەبىبنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگىنەيلى.
بىزنىڭ ياشلارمۇ ئەڭ ئەھمىيەتلىك ئىشقا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلىشى زۆرۈر. ياشلىقى كەتسە ، كۆڭلىگە پۈككەن ئارزۇ - ئارمانلىرىنى قېرىغاندا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ. ئۇ چاغدا ئەكسىچە باشقىلار يۆلەپ ماڭىدىغان ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ.  زامان ئادەمنى شاللاپ تۇرىدۇ. ئۆزىنى سورىغان شەھەر سورار. شۇڭا ھەبىبمۇ ئۆزىنى سوراپ ئىززىتى بىلەن چېكىنمەكچى بوپتۇ. ئىززىتى بىلەن چېكىنمىگەنلەرنىڭ پەقەت ئۈچ خىللا تاللىشى بار ، يەنى ، « يا باشلا ، يا ئەگەش ، بولمىسا يوقال ! » . قىزىق يېرى ، ھازىر يا توغرا ئىشقا باشلىيالمايدىغان ، يا توغرا يولغا باشلىغانلارغا ئەگىشەلمەيدىغان ، يا يوقالمايدىغان يا يۈتۈپ كەتمەيدىغان داپشاقلىق مودا بولغان زاماندا ياشاۋاتىمىز .

1 . ئۇنداقتا ھەبىب چېكىنىش شەپىسىنى قاچان بەرگەن ؟

31 ياشلىق ھەبىب نۇرمەمەت بۇ يىل 24 - ئۆكتەبىر ئەرەب ۋاڭلىقىدا ئامېرىكىلىق رەقىبى جاستىن گايتچى بىلەن بىر مەيدان ئېلىشىدۇ.

ھەبىب مۇنداق دېدى : « مەن ھازىرغىچە مەغلۇپ بولمىغان بولساممۇ ئاز زەخمە يېمىدىم. ھەر ھالدا باشقىلاردىن ئاز زەخمە يېدىم. شۇڭا مەن ۋاختىدا تېزراق چېكىنىشنى ئارزۇ قىلىمەن. 40 ياشقا كىرگەندە پالەچ بولۇپ قالغۇم يوق ».  مانا بۇلار ئۆمرىدە يېڭىلىپ باقمىغان پالۋاننىڭ مەيدانى. تەكرار راسۋا بولۇپمۇ ، يەنە نەيرەڭۋازلىق قىلغىلى قانداق چىدايدىغان قېلىن يۈزكىن بىزدىكى ؟!

خەۋەر مەنبەسى : رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى.

2020 - يىلى 9 - سېنتەبىر. چارشەنبە.

2 . ھەبىب ، مەسئۇت ئۆزەلدىن كېيىنلا ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئاۋاز چىقارغان يىگىت ئىدى :

ھەبىب مەزلۇم خەلقىمىزنى قوللاشتا يېڭى ئۇسلۇب ياراتتى

رۇسىيە فېدىراتسىيىسى داغىستان جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى ، دۇنياۋى داڭلىق بوكس چىمپىيونى ھەبىب نۇر مۇھەممەدوف بۈگۈن ( 2019 - يىلى 19 - دېكابىر كەچ ) قۇتلۇق جۈمە كېچىسى مۇناسىۋىتى بىلەن دۇنياۋى مەشھۇر پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ 13 - دېكابىر خەلقىمىزگە يوللىغان سالىمى ۋە مەدىتىگە ھەمدەمدە بولۇپ ، كېيىنكى قېتىملىق جۈمە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ خەلقىمىزگە سالام يوللاش بىلەن بىرگە ، مىليونلىغان رۇس تىللىق مەستانىلىرىگە ئۆلچەملىك رۇس تىلىدا ئالتە مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىمنى سۇنۇپ ، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرىگە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن پاجىئەلىك قىسمىتىنى قىسقا ۋە توغرا ئاڭلاتقان .

ھەممىگە مەلۇمكى ، تاتارىستان ۋە شىمالىي كاۋكازدىكى مۇسۇلمان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بىزنىڭ مەسىلىمىزنى بۇ چاغقىچە خىتاينىڭ ئىچكى تۈزۈلمىسىدىكى مەسىلە ، خۇددى سوۋېت ئىتتىپاقىدا سىتالىن ئۆلگەندىن كېيىن ، تۈزۈم ئۆزگىرىپ خەلق ئەركىنلىككە چىققاندەك ئەھۋالى ياخشى بولۇپ كېتىدۇ دەيدىغان قاراش ئاساسلىق سالماقنى ئىگىلەيتتى. بولۇپمۇ كاۋكازىيە مۇسۇلمانلىرى رەزىل خىتايلارنىڭ جىنايەتلىرىنى پەقەتلا « دىنىي نۇقتىغا مەركەزلەشكەن  » دەپلا بىلەتتى . باشقا سىياسىي ، ئىقتىسادىي ، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مىللىي مەۋجۇتلۇق جەھەتلەردىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى ئۇلار بىلمەيتتى .

رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدا مەنپەئەت بىرلىكى بولغاچقا ، بىز داغىستان ئالىملىرىغا تەكلىپ بەرگەندە ھەبىبنىڭ پوزىتسىيىسىنىڭمۇ چاغلىق بولۇشى پەرەز قىلىنغانىدى . ئەمما ھەبىب بۈگۈن ئۆزگىچە بىر ئۇسلۇب بىلەن رۇس تىلىدا ئالتە مىنۇتلۇق رۇسچە خەتلىك ۋە پاكىتلىق كۆرۈنۈشلۈك ۋىدىئو تارقىتىپ، مەستانىلىرىنى ۋە رۇس تىللىق مۇسۇلمان خەلقلەرنى نۆۋەتتىكى پاجىئەلىك ئەھۋالىمىزنى توغرا ۋە پاكىتلىق تارىخىي ئاساسلىرى بىلەن قىسقىچە بىلىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان .

مەسئۇت ئۆزىل ئۆزىگە خاس بىر ئۇسلۇب ياراتقان بولسا ، ھەبىبمۇ ئۆزگىچە ئۇسلۇب يارىتىپ ، بۇندىن كېيىنكى خەلقئارا تەشۋىقاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش ، « كىمگە ، نېمە دېسە ئەڭ تەسىر قىلىدىغىنىنى بىزگە بىلدۈرۈپ قويدى ».
بۇ ۋىدىئونى كۆرگەن مۇسۇلمان خەلق ۋە ھەبىب مەستانىلىرى ئانچە قىينالمايلا ، تارىختىكى چاررۇسىيەنىڭ 100 يىللىق كاۋكازنى ئىستىلا قىلىش ئۇرۇشى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىتالىنچە رەزىللىكلىرىنىڭ تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ، تېخىمۇ تېز ، تېخىمۇ زامانىۋى ھالەتتە ئومۇميۈزلۈك ھالدا خەلقىمىزگە تەتبىقلىنىۋاتقانلىقىنى بىلىۋالالايدۇ .

ھازىر رۇس خەلقى سىبىرىيەدىكى ۋە يىراق شەرقتىكى يەرلىق خەلقتىن سانى ئېشىپ كەتكەن خىتاي ئاققۇنلىرىدىن زېرىكىۋاتقان بولۇپ ، بۇ ۋىدىئو ئۇلارنى تېخىمۇ سەگەكلەشتۈرسە ئەجەپ ئەمەس . ھەممىگە مەلۇمكى ، گەرچە رۇسىيە ھازىر خىتاي بىلەن ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىستراتېگىيىلىك ھەمراھلاردىن بولسىمۇ ، ئەمما دۆلەت خەۋپسىزلىك مەسىلىسىدە يەنىلا خىتاي رۇسلارنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى دەپ قارىلىپ كەتمەكتە .

رۇسىيە تاراتقۇلىرى ، بولۇپمۇ دۆلەت تاراتقۇلىرى تاكى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ۋەتىنىمىزدىكى ئېچىنىشلىق ئەھۋاللاردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرگەنىدى . ئەمما بۇندىن ساق بىر يىل ئىلگىرى ، يەنى 2018 - يىلى 18 - دېكابىر رۇسىيە دۆلەت تېلىۋىزىيسى ( ر ت ) جازا لاگىرلىرى ھەققىدە روشەن ئابباس خانىمنى نەخ مەيدان زىيارىتىگە تەكلىپ قىلىپ ، رۇسلارنى ئەھۋالدىن خەۋەردار قىلغان .

شۇندىن كېيىن ، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدىكى رەزىللىكلىرى ئازدۇر - كۆپتۇر رۇسىيە تاراتقۇلىرىدا تارقىتىلىشقا باشلىدى . بولۇپمۇ ئۆتكەن ھەپتە مەسئۇت ئۆزىل قوزغىغان داغدۇغا رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى تەرىپىدىن ئىزچىل تارقىتىلدى .
غەرپكە نىسبەتەن مۇستەبىت ، ئەمما شەرق ئەللىرىگە نىسبەتەن خېلى دىموكراتىك بولغان ، بولۇپمۇ جامائەت پىكرىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان رۇسىيەدە تەشۋىقات ساھەسىدىكى بۇ ئۆزگىرىش بىزنى ئاز - تولا خۇشال قىلماقتا . قىسقىسى بىز ئۇيغۇرلار مەزكۇر ئاكادېمىك سەۋىيىدىكى ھۆججەتلىك فىلىمنى تەييارلىغان نامسىز قەھرىمانغا ۋە ئۇنى كۆپلىگەن كىشىلەرگە تارقىتىشقا ۋاستىچى بولغان ، ئالاقە ۋاستىلىرىدا ۋە باشقا جايلاردا بەش يۈز مىليوندەك ئەگەشكۈچىسى بولغان داڭلىق بوكس ماھىرى ھەبىب نۇر مۇھەممەدوفقا ۋەتەندىكى مەزلۇم خەلقىمىز نامىدىن رەھمەت ئېيتىمىز!

ئەركىنلىك مۇنبىرى سەھىپىسىگە :

https://www.facebook.com/1117218518/posts/10214517932878215?sfns=mo
قۇتلۇق جۈمە كېچىسى ھارپىسىدا ھەبىب يوللىغان بۇ ئالتە مىنۇتلۇق فىلىمدە نۇرغۇن تارىخ يورۇتۇلغان . ئۇيغۇرلارنىڭ ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى دەۋرىدە خىتاينى قارام ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشىدىن، ھازىر مۇستەملىكىسىگە ئايلانغۇچە ، مەھمۇد كاشغەرىي زامانىسىدىكى پارلاق ۋە يۈكسەك مەدەمىيەتتىن ، بۈگۈنكى پاجىئەلىك قىسمەتكە دۇچار بولغىنىغىچە پاكىتلىق ۋە قىسقا چۈشەنچە بېرىلگەن . ئورخۇن ئۇيغۇر دەۋرىدىن تاكى 20 - ئەسىرگىچە 1300 يىل مۇستەملىكە ئەل بولغان يالاڭتۆش خىتايلارنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى « شەرقىي ئاسىيا كېسەل كۆرپىسى » ھالىدىن بۈگۈنكى ھالغا كەلگەنلىكىنى ، خەلقىمىزگە قاراتقان سىتالىنچە رەزىل جىنايىتىنى خېلى ئەتراپلىق يورۇتۇپ بېرىپتۇ . ئاساسلىقى دىنىي  ۋە ئىقتىسادىي نۇقتىدىن كۆپرەك چىقىش  قىلىنىپ بايان قىلىنىپتۇ ! ھەبىبنىڭ ئۇيغۇر پاجىئەسىنى ئالتە مىنۇتتىلا پۈتۈن رۇس تىللىق مەستانىلىرىگە قىسقا ۋە توغرا يەتكۈزۈپ قويغىنىغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز ! ئۇندىن باشقا 22 داغىستانلىق يىگىت ۋە باشقا ئۇنىڭغا ئۇچۇريوللىغان بارلىق قېرىنداشلارغا رەھمەت ئېيتىمىز !

ھەبىب بۈگۈن داغىستان ۋاختى كەچ سائەت 19:19 دا ئىنىستاگرام ھېسابىدا تارقاتقان ئەسلى ئۇلىنىش :

https://www.instagram.com/tv/B6ONMJOHv-r/?igshid=qsm1xdegr9wg

« تاما تاما  كۆل تولار ! » دېگەن گەپ بار . قېنى ئەمىسە تېخىمۇ غەيرەت قىلايلى !

2019 - يىلى 19 - دېكابىر  پەيشەنبە

« ئۇيغۇر تارىخى » سەھىپىسىدىن باھا :

« سىلەر ئىنسانلارغا  ئۇلار چۈشىنەلەيدىغان تىل بىلەن خىتاپ قىلىڭلار ! »  ھەزرىتى ئەلى

كاۋكازدىكى داغىستانلىق بوكس ماھىرى ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف خەلقىمىزنىڭ قورقۇنچلۇق قىسمىتىنى تارىخىي ، سىياسىي ، دىنىي ۋە مىللىي نۇقتىدىن يورۇتۇپ بېرىپ يېڭىچە ئۇسلۇپ ياراتتى .

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى مۇسۇلمان خەلقلەر بۇ ئالتە مىنۇتلۇق ۋىدىئودىن تېزلا خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭقىرالايدۇ . چۈنكى ئۇلارمۇ 1930 - يىللىرى ، بولۇپمۇ 1942 - يىلدىن كېيىن بۇنداق ئىرقىي قىرغىنچلىققا كۆپ ئۇچراپ كەتكەن . شۇ باھانىدە رۇس تىللىق خەلقلەر بۇ فىلىمدىن ئەسلى ئۇيغۇرلارنىڭ نەقەدەر سەلتەنەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك بىر مىللەت بولغانلىقىنى ، خىتاينىڭ ئۆچمەنلىكىنىڭ تارىخىي ، دىنىي ، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە بولغان .

2019 - يىلى 20 - دېكابىر  قۇتلۇق جۈمە

3 . ھەبىبنىڭ ئانىسىغا بەرگەن ۋەدىسىنى مۇكەممەل ئورۇنلىشى :

2020 - يىلى 24 - ئۆكتەبىر ( يەنى كۈچلۈك قاراخانىلار قاغانلىقىنىڭ ھازىرقى ئۆزبېكىستاندا ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان پارس نەسىللىك سامانىلار خانلىقىنى يوقىتىپ ، ماۋارائۇننەھىرنى يېڭىدىن تۈركلەرنىڭ ئانا ۋەتىنىگە ئايلاندۇرغانلىقىنىڭ 1221 يىللىق قۇتلۇق خاتىرە كۈنىدە **) ئەرەب ۋاڭلىقىنىڭ پايتەختى ئەبۇزەبىدىكى «ئۇرۇش ئارىلى» دا ئەركىن مۇشتلاش مۇسابىقىسنىڭ بىر نەچچە مەيدان مۇسابىقىسى ئوينالدى.
بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يارقىن نۇقتا دۇنيا ئەركىن مۇشتلاش چىمپىيونى ۋە  يېڭىلمەس چولپان «كىچىك بۈركۈت» ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف بىلەن ئامېرىكىلىق ۋاقىتلىق چىمپىيون جاستىن گايتجى ئارىسىدا ئوينالدى.
يېنىك دەرىجىلىكلەر ئارىسىدىكى ئەڭ يۇقىرى شەرەپكە خىرىس قىلغۇچى ئىككى ماھىر بولسا كەسپىي ھاياتىدا 22 مەيدان رەسمىي مۇسابىقە ئويناپ 20 مەيدان يەڭگەن گايتجى ۋە 28 مەيدان مۇسابىقىدە پەقەتلا يېڭىلمىگەن ھەبىب نۇرمۇھەممەدوف ئىدى.

تاماشىبىنلارنى ئىنتىزار قىلغان مۇسابىقە باشلىنىپ ئىككىنچى مەيداننىڭ 1:34 مىنۇت يېرىگە كەلگەندە ھەبىب رەقىبىنى چىرماپ ، خورىتىپ ۋە ھوشىدىن كەتكۈزۈپ يەڭدى.
كەسپىي ھاياتىنى تولۇق غەلىبە بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان ھەبىب مۇسابىقىدىن كېيىنلا ئۆزىنىڭ بۇ كەسپتىن چېكىنگەنلىكىنى، ئانىسىغا بۇ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى قېتىملىق مۇسابىقە بولىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ۋە بۇ ۋەدىسىدە تۇرىدىغانلىقىنى سۆزلىدى.

غەلىبىسىدىن شادلانغان مەستانىلىرى ھەبىبنىڭ بۇ قارارىدىن ھەيران قېلىشتى. كەسپى ھاياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە چىققان، ئۇتۇق قازانغان بىر ماھىرنىڭ 32 يېشىدا پەلىيىنى تاشلىشى ئىشەنگۈسىز رېئاللىق ئىدى. لېكىن رىۋايەت ياراتقان بۇ چولپاننىڭ ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشىنىڭ ئۆزىلا بىزنىڭ بۇ قارارغا ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ۋە ئۈلگە ئېلىشىمىزغا يېتەرلىك .

ھەبىبنىڭ دادىسى ئابدۇلمەننان نۇرمۇھەممەد
( نۇرمۇھەممەدوف ) 2020 - يىلى 9 - مايدا خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ ، 14 - ماي موسكۋاغا جىددىي يۆتكىلىپ ، شۇ يەردىكى بىردىنبىر خىتاي ۋىرۇسى بىمارلىرىنى داۋالايدىغان ئىلغار دوختۇرخانىغا ئاپىرىلغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتمەيلا،
3 - ئىيۇل جۈمە كۈنى نۇرمۇھەممەدوف ساقىيالماي ۋاپات بولغان . ئۇندىن كېيىن ھەبىبنىڭ ئانىسى ئوغلىدىن مۇسابىقە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، دادىسىنىڭ ئىزىنى بېسىشنى تەلەپ قىلغان . ھەبىبمۇ ئاڭلىق ھالدا ئانىسىغا ۋەدە بېرىپ ، 2020 - يىلى 24 - ئۆكتەبىردىن كېيىن بوكس ھاياتىدىن چېكىنىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن بۇ يىل 24 - ئۆكتەبىردىكى مۇسابىقە ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقىسى بولۇپ قالغان . توغرا نىيەتلىك ۋە سەمىمىي بۇ يىگىت ۋەدىسىنى ھەم غەلىبە ھەم ۋاپادارلىق بىلەن قوشۇپ ئورۇندىغان .

4 . يەنە بىر داغىستان يولۋىسىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشى :

ئارتۇر ئاسېلبېكوۋىچ بېتىربايېف كىم !؟

بېتىربايېف داغىستانلىق داڭلىق ياش بوكس ماھىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ، نەچچە قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۇدا چىمپىيون بولغان .

ئۇ 1985 - يىلى 21 - يانۋار داغىستاننىڭ غەربىدىكى ھاساۋيۇرتتا ( پايتەخت ماخاچقەلئە بىلەن چېچىنىيە پايتەختى گىروزنى ئارىسىدا ، خۇددى قەشقەر ۋە خوتەن ئارىسىدىكى قاغىلىققا ئوخشاش ) تۇغۇلغان بولۇپ ،
2006 - يىلى ئىيۇلدا بۇلغارىيەنىڭ پىلوۋدىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ ئالتۇن مېدال ئالغان . 2010 - يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىپ چىمپىيون بولغان ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن . 2007 - يىلى چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن . 2009 - يىلى مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە يەنە ئالتۇن مېدال ئېلىپ چىمپىيون بولغان . ئۇ گەرچە ھەبىب نۇرمۇھەممەدوفقا ئوخشاش بەك تونۇلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش ، خەير - ساخاۋەت ۋە ئالىيجاناپلىقى بىلەن رۇس تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ۋەتىنى داغىستاندا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرىدۇر .

ئۇ ئاۋار مىللىتىن بولۇپ ، ۋىزانتىيە تارىخچىلىرى ئاۋارلارنىڭ كاۋكازغا ۋە بالقانغا كۆچۈپ كېلىش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان :
« كۆكتۈركلەر باش كۆتۈرگەندە ئاسىيانىڭ شەرقى ، شىمالىي ۋە مەركىزىي قىسمىنى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان ئاۋارلار سورايتتى . كۆكتۈركلەر ئاۋارلارنى مۇنقەرز قىلغاندا ، ئۇلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ، 300 مىڭدىن كۆپرەكى قىرىلىپ كەتكەن . ئەمما قالغانلىرى يەنىلا كۆكتۈركلەرگە بويسۇنۇشنى خالىماي شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي كاۋكازغا سۈرۈلگەن . ئۇلار ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان » . تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بايان ( ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم ) قاغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 555 - يىلى ئۇرالدىن ئۆتۈپ ، 558 - يىلى كاۋكاز ئارقىلىق
شەرقىي رىم بىلەن ئالاقە ئورناتقان . كېيىن كۆكتۈركلەر ھۇجۇم قىلغاندا ، بايان قاغان ئۇرال ۋە كاۋكازنى تاشلاپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن كېچىپ ، 564 - يىلى بالقانغا كىرگەن . 565 - يىلى ياۋروپا ئاۋار ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغان . دەرۋەقە ئاشۇ ئاۋارلار توغرىسىدا ئېستەمى قاغان بىلەن ئىمپىراتور جۇستنىياننىڭ ئارىسى بۇزۇلۇپ ئېستەمى قاغانىڭ قوشۇنى 576 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ ، بالقانغا يۈرۈش قىلىش ھارپىسىدا ئېستەمى قاغان ۋاپات بولغان . نەتىجىدە يېڭى قولغا كەلگەن زېمىندا يەنىلا مۇقۇم شەھەرلەشكەن ئۇيغۇر قەۋمى باش بولۇپ ، ھازار قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان . بايانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئاۋارلار بەكلا كۈچىيىپ كەتكەن . شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئۇلارغا كۆپ قېتىم سۇيقەست ئىشلەتكەچكە ، ئاۋارلار شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلغان . 614 - يىلى ساسانىلار ۋىزانتىيەنى شامدا مەغلۇپ قىلىپ ، 616 - يىلى پۈتۈن ئاناتولىيەنى تارتىۋېلىپ ، ئىستانبۇلغا قىستاپ كەلگەن . ئاۋارلارمۇ ھەمكارلىشىپ 616 - يىلى ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلنى قاتمۇ - قات قورشاۋغا ئالغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، دەل شۇ مىنۇتلاردا قۇرئاندىكى سۈرە رۇمنىڭ بېشىدىكى بەش مۆجىزىلىك ئايەت نازىل بولغان . ئاقىۋەت سىرلىق ئىلاھىي كۈچ مەككىدىكى يۈز نەچچە مۇسۇلماننىڭ ئىمان - ئىشەنچىسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ئۈچۈن ئاۋارلار بىلەن پارسلارنىڭ قولىدا تاۋاقتىكى ئاشتەك تەييار بوپقالغان ئىستانبۇلنى ساقلاپ قالغان .( كېيىنچە بۇ شەرەپ ئوسمانىلارغا 1453 نېسىپ بولغان ).

ئاۋارلار گەرچە ئىستانبۇلغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ ، تاكى 795 - يىلغىچە پۈتۈن ياۋروپانى دىر - دىر تىترىتىپ بارلىق خانلىقلارنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇرلىغان .

ئەمما ئۇلارمۇ ئاخىرىدا ئاجىزلىشىپ ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن فرانك ( پەرەڭ ) پادىشاھى چارلىمان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، 805 - يىلى ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىپ كاۋكازىيەگە، بولۇپمۇ داغىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن.
ھازىرمۇ ئاۋارلار داغىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسىدۇر . خۇلاسە قىلغاندا ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىراق تۇققانلىرىدۇر . مەشھۇر ئىمام شامىلمۇ ئاۋارلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چېچېن خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا كىرىپ ، كاۋكازلىقلارنىڭ چاررۇسىيەگە قارشى ئاخىرىغىچە باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان .

بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك ، تارىخقا ئالتۇن بىلەن يېزىلغۇدەك تارىخىي قاراردىن بىرنى چىقارغان . ئۇ بولسىمۇ 2020 - يىلى فېۋرالدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىدۇر .

خۇلاسە قىلغاندا ، رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىلىك ئاۋار مۇسۇلمان بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا بوكس مۇسابىقىگە چۈشۈشنى رەت قىلغان.

«بەدلېفت خۇك» ناملىق تەنتەربىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چىمپىيونى ئەسلى 2020  يىلى 1‏-فېۋرال كۈنى خىتاي بوكسچىسى مېڭ فەنلوڭ بىلەن مۇسابىقىغە چۈشۈشى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن، ئاقىۋەتتە ئارتۇر بېتېربايېف خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى خالىمىغان. خەۋەردە ئامېرىكالىق بوكس مۇلاھىزىچىسى گەبى ئوپېنھېيىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئارتۇر بېتېربايېف ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنداشلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئېغىر جىنايەت» دەپ ھېسابلىغان.

ئارتۇر بېتېربايېف گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل، يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىسدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن يەنە بىر ئاتاغلىق تەنتەربىيە چولپىنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەسئۇت ئۆزىل بىلەن سونىي ۋىللىئامىسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاۋار يىگىت بۇ ھەرىكىتىدىن قانچىلىك زىيان تارتتى !؟؟

بىز بۈگۈن قالماقىيەدىكى ۋەكىلىمىز ئارقىلىق داغىستاندىكى مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇپتىسىنى تاپتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن بېتېربايېفنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىنى ئىگىلىدىم . ئۇلارنىڭ يەتكۈزۈشىچە
بېتېربايېف بۇ كېتىم 70 مىليون رۇبلى پۇلدىن ۋاز كەچكەن . يەنى بۇ ھەققانىي پوزىتسىيىسى ئۇنى 1 مىليون 133 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقۇزغان . ئەمما مەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىم شاھىدكى ، ماماتلىق پەيتلەردە قىلچە پايدا - مەنپەئەتى بىلەن ھېساپلاشماي، يەر شارىنىڭ ئىستىقبالى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەۋاتقان ئەزىز خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىپ تۇرىدۇ . ماماتلىق پەيتلەردە بىزنى دۈشمەنگە ساتقان ، قېنىمىزغا شېرىك بولغان ، سۈكۈتتە تۇرغان كاززاپ ئەلباشلار ۋە خائىن سىياسەتچىلەر ئەبەدىي لەنەت بىلەن تارىخنىڭ ئەڭ مەينەت بەتلىرىگە يېزىلىدۇ .

« ئەڭ چوڭ جىھاد زالىم پادىشاھ ئالدىدا ھەقىقەتنى قورقماي سۆزلەشتۇر » .
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام

قىزىق يېرى ، ئۇيغۇرغا يەنە شۇ تومۇرىدا ئازدۇر - كۆپتۇر ئۇيغۇر قېنى ، ئارىئان قېنى ئېقىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ . تومۇرىدا خىتايلار بىلەن ئوخشاش قان ئېقىۋاتقان تۈرك ۋە ئەرەب تونىغا ياكى مۇسۇلمانچە تونغا ئورۇنۇۋالغان تۈمەنلىگەن ئەلباش ، سىياسەتچى، دەۋەتچى ، ئۆلىمالار ۋە چولپانلاردىن مۇنۇ ئۈچ كىشى ئېشىپ كەتتى . ھەر ھالدا مۇشۇلار ۋاستىسىدە خىجىل بولۇپ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ .

گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل،
يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىس ۋە داغىستانلىق ئاۋار بوكس چىمپىيونى ئارتۇر ئاسىلبېكوۋىچ بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىگە ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىنى يورۇتۇپ تۇرغان زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىگە ھىلال ئايدەك پۈتۈلىدۇ .

« پاجىئەلەر ئاخىرلاشقاندا ئەسلەيدىغىنىمىز  دۈشمەننىڭ قىلمىشلىرى ئەمەس ، بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈتىدۇر ! »

ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ   ( بوشناق ).

ھۆرمەت بىلەن : ئۇيغۇر تارىخى سەھىپىسى.

2020 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر. يەكشەنبە.
16

«  دۇنيادىكى بارچە قەبىھ تېخنىكىلارنى كىم تولۇق ئىگىلەپ ، كىملەرنى خورلاۋاتىدۇ !؟؟ »

ناتسىستلارنىڭ ئاتامانى ئادولف گېتلىرنىڭ ئادەم قىيناش ۋە جازا لاگىرىغا مەسئۇل يېقىن ئادىمى ئادولف ئېخماننىڭ « ئادەم قىيناش ئۇسۇللىرى ۋە ئىقرار قىلدۇرۇش چارىلىرى » نى ئىجات قىلغۇچى ئالويس بېرنىر ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇرۇنۇپ يۈرۈپ، ھاپىز ئەسەدنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان .ئەمما ئەسەد ئۇ كىشىنى سوتقا تاپشۇرماي ئەكسىچە ئۇنى « ئادەم قىيناش مۇشاۋۇرى» قىلىپ تەيىنلەپ، ئۆزى قۇرغان تۈرمە ۋە جازا لاگىرلىرىدا ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن . ئۇمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلغانغا خۇش بولۇپ سادىقلىق بىلەن ئىشلەپ ، ھەر خىل ئادەم قىيناش، چىدىغۇسىز تەقىپلەش ۋە قىيىن - قىستاققا ئېلىش قوراللىرىنى ياسىتىپ ، نۇرغۇن ئادەمنىڭ بېشىغا چىققان . لېكىن ئۇ يەنىلا موسادنىڭ نەزىرىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغان . ئەمما ئەسەد ئۇنى قاتتىق قوغدىغاچقا ، موسادنىڭ ئىككى قېتىملىق قەستلەش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشمىغان . ھاپىز ئەسەد ئۆلۈپ ئوغلى بەششار ئەسەد تەختكە چىققاندا ، مەزكۇر قانخور « ۋاڭ جېن » ئەتىۋارسىز ئۆلۈپ ، تېنى دەمەشىقنىڭ قارا تۇپراقلىرى ئاستىدا قالغان. 

مېنىڭ قاتتىق ھەيران قالغىنىم ، بۇ ئالۋاستى ئىجاد قىلدى دېيىلگەن ئادەم قىيناش قوراللىرى، پۇت ۋە قولنى كىشەنلەپ، ھەر خىل قوپال ئورۇندۇقلارغا تەتۈر چاپلاپ قويۇش قىيناش ئۇسۇللىرى ھەممىسى ھازىرقى باندىتلارنىڭ پاش بولغان ئۇسۇللىرى بىلەن بىردەك چىقتى . بۇ نېمە دېمەك !؟؟؟

بۇ شۇنداق دېمەككى ، باندىتلار دۇنيا ئالىملىرى 300 يىلدىن بېرى ئىجاد قىلغان بارلىق كەشپىيات ۋە تېخنىكىلارغا 30 يىلدىلا ئالدامچىلىق ۋە دورامچىلىق  بىلەن ئېرىشىپ بولدى . كاللىسى ئازراق  تەپەككۇر قىلدىغان كىشى شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايدۇكى، باندىتلار دۇنيانىڭ بارلىق ئېسىل كەشپياتلىرىنى نۆۋەتتە قاتىللىق قورالى ۋە ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قوللىنىپ  كېلىۋاتىدۇ. باندىتلارنىڭ دۇنيادىكى بارلىق گېتلىرچە،  شېڭ شىسەيچە، سىتالىنچە ئادەم قىيناش ۋە يوقىتىش تېخنىكىلىرىنىمۇ  تولۇق ئىگىلەپ بولماسلىقى مۇمكىنمۇ !؟؟ 

ئاتا -بالا ئەسەد ۋە پىرئەۋنلەر ئۆز خەلقىگە شۇنچە ئېغىر دەرىجىدە ۋەھشىيلەرچە زىيانكەشلىك قىلغان يەردە ، ئۆزىدىن باشقىنى ئادەم كۆرمەيدىغان،بىزنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى دەپ قاراپ كەلگەن خىتاي باندىتلىرى خەلقىمىزنى بوش قويۇۋېتەرمۇ!؟ 

ناتسىستلار يوقالغاندىن كېيىن ، ئۇلارنىڭ ئەلگە بەخت يارىتىدىغان ئالىملىرىنى ئامېرىكا ، ۋەيران قىلغۇچى قوراللىرىنى سوۋېت ئىتتىپاقى ، ئادەم قىيناش ئۈسكۈنىلىرىنى مىسىر ( سېتىۋالغان)، ئادەم قىينايدىغان جاللاتلارنى سۈرىيە ئېلىپ كەتكەن ئىكەن .

ئامېرىكا ئالىملار ئارقىلىق جاھاننى سورىدى . سوۋېت ئېغىر قوراللار ئارقىلىق ئۆزىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورىدى . مىسىر جازا قوراللىرىنى مىسىر خەلقىگە سىناق قىلىپ ، ھازىر ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە باشقا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ قانخور ۋە رەھىمسىز جاللاتلىرىنى تەربىيلەپ بېرىدىغان
 « ئادەمخور زاۋۇتى» غا ئايلاندى . سۈرىيە ناتسىستلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى داۋاملىق ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىپ ، ھازىرقى بەششار ئەسەدنىڭ قولىدا نەچچە مىليون سۈرىيەلىكنىڭ ئۆلۈشى ، بۇ تېخنىكىنىڭ ئۇنىڭ قولىدىن باندىتلارغا ئۆتۈپ ، ئون مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى ئاساس  قىلغان خەلقىمىزنىڭ زامانىۋى دۇنيادىكى ئەڭ ۋەھشىي تۈرمىلەردە ھېچبىر مىللەت دۇچ كەلمىگەن خورلۇق، قىيىن - قىستاق ۋە ھالاكەتكە ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

بىز بەكلا كېچىكىپ كەتتۇق ! ئاخىرقى خۇلاسە ۋە قارار قىلىش سىلەرگە قالدى .

2019 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر      ئازاپلىق جۈمە
17

« تەلەيلىك لالما ئىت ۋە بىتەلەي ئەزىز ئۇيغۇر خەلقى »  ھەققىدە ئاچچىق سېلىشتۇرما

مىسىردا ئاچارچىلىقتىن ئۆلۈپ قالاي دېگەن بىر ئىتنى شۇ يەردىكى ھايۋاناتلارنى قوغداش ئورنى قۇتقۇزۇپ قالغان. ئۇنىڭ خاراب ھالىنى توردىن كۆرگەن ئامېرىكىلىق بىر ھايۋان سۆيەر ئائىلە بۇ ئىتنى ئامېرىكىغا ئەكىلىپ ، ئۇنى ھەر خىل ئىلغار ئۈسكۈنىلەر بىلەن داۋالاپ ئەسلىگە كەلتۈرگەن . ئەمما بۇ ئىتنىڭ د ن ئا سىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى دوختۇرلارنى ھەيران قالدۇرغان . چۈنكى بۇ ئىت بۇندىن 15000( ئون بەش مىڭ يىل ) بۇرۇنقى ئىپتىدائىي ئىتنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى بولۇپ چىققان . ( يەنى ئۇنىڭدا ھېچقانداق سۈنئىي ئۇسۇلدا چاڭلىشىپ ، سورتى يېڭىلانغانلىق ئالامىتى بايقالمىغان . ئەكسىچە بەش مىڭ يىللىق مەدەنىيىتى بار مىسىردىكى ئەڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىت نەسلى ئىكەنلىكى ئايان بولغان ).

ئەمدى سوئال :« كۈنلەر كېلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق ئۇيغۇر خەلقى مۇشۇ ھالغا چۈشۈپ قالغاندا ، زامانىۋى تەتقىقات ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىق تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقى ئەجدادى ، پارسلارنىڭ ، ھەتتا ياۋروپالىقنىڭ ئەجدادى چىقىپ قالسا ، ئۇلار قانداق قىلار !؟ » ياكى ۋىجدان ئازابى تارتقۇدەك قەلبى بار ئىنسانلار تۈگەپ كەتتىمۇ !؟؟؟

مېنىڭ بىلىشىمچە ، قازاقىستاندا بىر ئۇيغۇر بوۋاينىڭ د ن ئا تەكشۈرۈلۈش نەتىجىسىدە بۇندىن 20 مىڭ يىل بۇرۇنقى مۇ قۇرۇقلۇقىدىن كۆچۈپ بۈيۈك ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسىنى قۇرغان خەلقنىڭ بىۋاستە ئەۋلادى ئىكەنلىك خەۋىرى تارقالغانىدى.

يۇقىرىقى تارىخىي ئۇچۇرلار جېمىس چېرچىۋارد ئەپەندىنىڭ قەدىمقى مۇ قۇرۇقلۇقى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن بىردەك بولۇپ ، ئۇنىڭ قارىشىچە قەدىمقى ئۇيغۇرلار بۇندىن 17 مىڭ يىل بۇرۇن مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن . مىسىر بۇندىن 15 مىڭ يىل بۇرۇن ئاندىن ئىپتىدائىي مەدەنىيەت دەۋرىگە كىرگەن . بۇ ئىتنىڭمۇ دەل 15 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى ئادەمنى چوڭقۇر ئويلاندۇرسا ، بۇ ئىتقا شۇنچە پەيغەمبەلەرنىڭ بۆشۈكى بولغان مىسىردىن ئىگە چىقماي ، يىراق ئامېرىكىلىقنىڭ ئىگە چىققانلىقى كىشىنى بەكلا خىجىل قىلىدۇ . بىر ئىتقا يىراق ئەلنىڭ پۇخراسىنىڭ ئىگە چىقىشى بىلەن، شانلىق تارىخ يارىتىپ تۈركىي مىللەتلەرگە مەدەنىيەت ئۆگەتكەن ، مۇقەددەس مەركىزىي ئاسىيانى ئەزەلدىن بېرى گۆش ۋە قانلىرى بىلەن قوغداپ ، غەرپتىكى قېرىنداشلىرىنى خىتاي ئىستىلاسىدىن ساقلاپ كەلگەن ئالىيجاناپ ئۇيغۇر مىللىتىنى بارلىق مىللىي ۋە دىنىي قېرىنداشلىرى تاشلاپ قويۇپ ، بىزنى تېخى يېقىنغىچە تونۇمايدىغان يات ئەللەر ھېسداشلىق قىلىۋاتقانلىقنى سېلىشتۇرۇپ بېقىلسا ئادەمنى غەزەپكە سالىدىغان  يەكۈن چىقىدۇ . بۇ تەرىپى كىشىنى تولىمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ ۋە قاتتىق غەزەپلەندۈرىدۇ .

تۈرك - ئىسلام دۇنياسىغا زادى نېمە بولدى !؟
بۇلار مىلادى 719 - يىلى تارىخقا يېزىلغۇدەك مۇنۇ پەرماننى بەرگەن ئادىل خەلىپە « ئۆمەر ئابدۇلئەزىز » نى ئوتتۇرىغا چىقىرالىغان ئىدىغۇ ......

« قارلىق تاغلارغا بۇغدايلارنى چېچىڭلار ! ئەگەر بىزنىڭ تەۋەلىكتىكى قۇشلار دان ئىزدەپ شەرقىي رىم تەۋەسىگە كىرسە ، رۇملار خەلقىگە * مانا كۆردۈڭلارمۇ !؟ مۇسۇلمانلار ئېلىدىكى قۇشلارمۇ دۆلىتىمىزگە كېلىپ ، جېنىنى باقىدۇ ..* دەپ تەتۈر تەشۋىقات قىلىپ ، خەلقىنى ھەق دىندىن سەسكەندۈرۈپ توسۇپ قويىدۇ . ( يەنى ھەر جەھەتتە خوشنا ئەللەرگە ناچار تەسىر بەرمەسلىك ۋە ئىسلامنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرۈش ۋە قارىلاشقا سەۋەپ بوپقالماسلىق ئۈچۈن شۇنچىلىك يىراقنى كۆرۈپ ئىنچىكە تەدبىر ئالغان ) .

تورۇس ۋە ھومۇس ۋالىيلىرىغا بۇيرۇق

ئۆمەر ئىبنى ئابدۇلئەزىز.   719 - يىل ئاخىرى ( قىش )

دەمەشىق

مەزكۇر خەلىپە ئۆمەر ئانا تەرەپتىن ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ « سۈت ساتقۇچى كېلىنى » دىن تۇغۇلغان لەيلا خانىمنىڭ ئوغلى بولۇپ ، لەيلا خانىم كېيىنچە ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتىدىكى ئابدۇلئەزىزگە ياتلىق بولغان . ئابدۇلئەزىز ئۇمەييەلەرنىڭ داڭلىق خەلىپىسى ئابدۇلمەلىكنىڭ ئەۋلادى بولۇپ ، پەۋقۇلئادە خەلقسۆيەر ۋە ئادالەتپەرۋەر كىشى ئىدى . شۇڭا سۇلايمان ئابدۇلمەلىك ( 715 - 718- يىللاردىكى خەلىپە)
( قۇتەيبەنى ۋە ھەججاج تەرەپدارلىرىنى يوقاتقان  ئادىل خەلىپە) ئۆلۈش ئالدىدا ، ھاكىمىيەتنى قېرىنداشلىرىغا ئەمەس ، بەلكى « ئىككىنچى ئادىل ئۆمەر فارۇق » دەپ ئاتالغان جىيەنى ئۆمەرگە ھاۋالە قىلغان . ئۆمەر 718 - يىلدىن 721 - يىلى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگىچە بولغان ئىككى يېرىم يىل ئىچىدىلا ئىسپانىيەدىن تۈركىستانغىچە سوزۇلغان غايەت زور دۆلەت تەۋەسىدە زاكات قوبۇل قىلىدىغان ئادەم قويمىغان . دۆلەت خەزىنىسى توشۇپ كەتكەندە ، بارلىق تويلۇق ۋە باشقا چىقىملارنى خەزىنىدىن چىقىرىپ ، بارلىق بويىغا يەتكەن ئوغۇل - قىزلارنى ئۆيلەپ قويۇپ ، تارىختا ئىككىنچى قېتىم كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۈلگە كۆرسىتىپ ۋاپات بولغانىدى .

ئەمما ئەرەب ئەللىرىدىن نېفىت بايقىلىپ ، قېزىلىۋاتقىلى يۈز يىل بولاي دېدى . خەلققۇ بىر يەردە تۇرسۇن ، يۇقىرىقىدەك لالما ئىتلارمۇ ئاچارچىلىقتىن ئۆلىدىغان ھالغا كېلىپ قالغان. ئەرەبلەر دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئاران 5% نى ئىگىلەيدۇ . ئەمما بۇلار سېتىۋالغان قوراللار دۇنيا قورال ياراق ئىمپورتىنىڭ 50 % نى ئىگىلەيدۇ . نەتىجىدە دۇنيادىكى ئۇرۇشلارنىڭ 70 % ئى ئوتتۇرا شەرقتە ، دۇنيادىكى مۇساپىرلارنىڭ 80 % ئىنى ئەرەبلەر ئىگىلەيدۇ . خەلىپە ئۆمەر ئىككى يىلدا ئەمەلگە ئاشۇرغان پاراۋانلىقنىڭ مىڭدىن بىرىنىمۇ  ئەرەبلەر يۈز يىلدىن بېرى ئەمەلىلەشتۈرەلمەي ، ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنى ئۆزلىرى پۇل خەجلەپ خاراپ قىلىپ ، ئارقىدىن يەنە ئۆزلىرىنىڭ پۇلى بىلەن قايتا قۇرۇپ ، « بىر ئىستاكان سۇنى ئىككى قۇرۇق ئىستاكانغا ئالماشتۇرۇپ يۈرۈپ ئۆزىنى خۇش قىلىدىغان ساراڭلارغا ئايلىنىپ قالماقتا » . بۇ ساراڭلار پەيدا قىلغان خاتا ئىدىيەلەرنىڭ بەدىلىنى خەلقىمىز ئۆتەۋاتماقتا.

ئارىدىن ساق 1300 يىل ئۆتتى . مانا بۈگۈن بىر ئامېرىكىلىق كىچىككىنە بىر ياخشىلىقى بىلەن مىليونېر بوپكېتىدىغان بولدى بۇ 15 مىڭ يىللىق ئىتنىڭ شاراپىتىدە ......

بۇ ئىت ۋەقەسى ئادەمنى چوڭقۇر ئويغا سالىدۇ . بۇ ئىتنىڭ ئەھۋالىنى خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىغا سېلىشتۇرۇپ باقساق ئادەمنى ئاچچىق يىغا تۇتىدۇ ...

نېمىشقا بىز ئادەم بولغاندىكىن مۇشۇ نۇقتىدىن بولسىمۇ ئۆزىمىزنىڭ « قىممەتلىك ئىنسانلار » ئىكەنلىكىنى دۇنياغا تەشۋىق قىلمايمىز !؟؟؟

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 27 - ئۆكتەبىر     قايغۇلۇق يەكشەنبە

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ 28 - كۈنى
18

ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ چوڭ مەنىۋىي بوشلۇق -
ئۆزىدىكى مەنىۋىي قۇدرەتنى ھېس مۇكەممەل قىلالماسلىق ۋە يېتەكچى داھىي بولماسلىق

ئۇيغۇرلار ئىپتىدائىي ۋاقىتتا ئوغۇزخاننىڭ خاس قوشۇنلىرى بولغان . كۈچەيگەندە لاياقىتىنى يوقاتقان ئوغۇزخان ئەۋلادلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تۇران قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان.
3800 يىل ئىچىدە ئۈچ قېتىم « قاراخانلىق » قۇرۇپ چىققان. ( تۇنجىسى ئوغۇزخان زامانىدا،
2 - قېتىم مىلادىدىن بۇرۇنقى 13 - ئەسىردە، ئاخىرقى قېتىم مىلادى 840 - يىلى تۇراندا  ) .

تارىختا ئۇيغۇر خەلقىنى ماماتلىق پەيتلەردە ساقلاپ قالغان « بوسات تېكىن » ، « ئاي ئوجرۇ» ، « كۆل بىلگە قادىرخان » ، « بارچۇق ئارت تېكىن » ، « قوچقار تېكىن » ، « ئارسلان تېكىن » ، « ئەرەتنا » ، « ئاتا - بالا يالۋاچلار» كەبى داھىيلار يېقىنقى 400 يىللىق تارىخىمىزدا قايتا ئوتتۇرىغا چىقمىدى . بۇ 400 يىلدا ئۇيغۇر خەلقى ئەجداتلىرىدىن مىراس قالغان يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە بۈيۈك قەھرىمانلىق داستانلىرىغا تايىنىپ تۇرۇپ « ئۆزىنى ساقلاپ كەلگەنىدى».

خوشنا ئەللەرنىڭ تارىخىغا نەزەر سالساق ، قىتان، جۇرجىت ۋە موڭغۇللارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرغان ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن ۋە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يول ئاچقان قابىل داھىيلىرى ( لىدېرلىرى) بولغان .

قىتانلاردىن يوللۇغ ئاپاگې ( ئاپوجى ) تارىختا قىتان دېگەن بىر قەۋمنى دۇنيا تارىخىغا قوشۇپ، 200 يىللىق سەلتەنەتكە ئۇل سالغان. ئەمما قىتانلارنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى ئاجىز بولغاچ ، ئۇلار تېزلا جۇرجىتلارغا ۋە سېپىل ئىچىدىكى خىتايلارغا سىڭىشىپ كەتتى .

جۇرجىتلاردىن ئاگۇدا چىقتى . ئۇنىڭ غەيرىتى بىلەن تارىختا « ئالتۇن خانلىقى » دەپ ئاتالغان جۇرجىت دۆلىتى پەيدا بولدى . ھەتتا بۇ خانلىق 1616 - يىلى قۇرۇلغان « كېيىنكى ئالتۇن خانلىقى » نىڭ ئاساسى بولۇپ قالدى . مەزلۇم جۇرجىتلار قىتانلارنى يوقىتىپلا ، ئۆزىلىرى ئەڭ چوڭ زالىمغا ئايلىنىپ ، 1114 - يىلى ئاگۇدا تىكلىگەن سەلتەنەتنى 1214 - يىلدىن باشلاپ، ئۆزلىرى قاتتىق ئېزىپ كەلگەن موڭغۇللارنىڭ قاغانى چىڭگىزخانغا تارتقۇزۇپ قويۇشقا باشلىدى. جۇرجىتلار 1236 - يىلى ئۆگەدەيخان زامانىدا مۇنقەرز بولۇپ ، سېپىل ئىچىدىكىلىرى خىتايلارغا سىڭىپ كەتتى . مانجۇرىيەدە قالغان قالدۇقلىرى كېيىنچە موڭغۇللاردىن قۇتۇلۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ قوللىشىدا كېيىنكى مانجۇلار نامىدا تارىخ سەھنىسىگە قايتا چىقتى .

نۇرخاچ ئاساس سالغان مانجۇرلار 1644 - يىلى سەددىچىندىن كىرگەندىن كېيىنلا تېز سۈرئەتتە خىتايلاشتى . 1916 - يىلى خىتايدىكى بەش مىللەتنىڭ بىرى ھېساپلانغان مانجۇرلار 1949 - يىلدىن باشلاپ 1959 - يىلغىچە تولۇق يوق قىلىندى. ھازىر ئۇلارنىڭ خىتايلاردىن ھېچبىر پەرقى قالمىدى .

مۇڭغۇللارمۇ چىڭگىزخاندىن كېيىن ، ئۆزلىرى تىزگىنلەپ تۇرغان خىتايلار ، ئەرەبلەر ، تۈركلەر ۋە قىپچاقلارغا سىڭىشىپ كەتتى . بولۇپمۇ مەدەنىيەتتە ئۇلارغا ئۇستاز بولغان ئۇيغۇرلار موڭغۇللارنىڭ ئاساسلىق قەبىلىرىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ ، 13 - 14 - ئەسىرلەردە بىر مەھەل ئۇيغۇر دەۋرى ياراتتى .

ئۇيغۇرلار ماماتلىق پەيتلەردە قالغاندا بىز يۇقىرىدا بايان قىلغان ئۇيغۇر سەركىلىرى دانا ۋە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن كەسكىن تەدبىر ۋە چارە قوللىنىپ ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىزنى قوغداپ كەلدى . ئۇلارنى بىرمۇ بىر سانىغىلى تۇرساق تېمىدىن يىراقلاپ كېتىمىز . ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىمىزنى قۇتقۇزۇشتىكى ئەڭ ھالقىلىق ئامىل قايسى !؟ باشقا ئۈلگىلىك ۋە تۈرتكىلىك ئامىللارچۇ !؟؟؟

شەك - شۈبھىسىز ئۇيغۇر مىللىي روھىنىڭ ئاساسى بولغان « كۈچلۈك روھىي قۇدرەت» كە تايىنىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇش يولىدىكى ئەڭ چوڭ ھالقىلىق ئامىلدۇر . ئۇنىڭ كۆتىكى « يادرولۇق ئىشىنىش سېستىمىسى» ،
غولى « ئۈلگىلىك ئەپسانىۋى لىدېرى » ، شاخ - پۇتاقلىرى « ھاياتلىق دەستۇرى » ۋە يېشىل يوپۇرماقلىرى « ئۆرپ - ئادەتلەر » بولۇپ ، بۇلار بىرلەشسە بۇ دەرەخ *شىرىن مېۋە بېرىپ، قايتىدىن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇيدۇ .

مەرھۇم ئىپارخان « جىگدە دەرىخى» نى مۇنداق سۈپەتلىگەن :« مېۋىسى ئالتۇندىن، يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتىن ، غولى تۆمۈردىن ، ھىدى ئىپاردىن بولغان خىسلەتلىك دەرەخ».

دەرۋەقە ئۇيغۇرلار دەل شۇ جىگدە دەرىخىگە ئوخشايدۇ . ئۇنىڭ يىلتىزى ھەم چوڭقۇر ھەم ھەر تەرەپنى قاماللاپ تۇرغان ، غولى تۆمۈردەك قاتتىق ۋە سۇنماس ، يوپۇرماقلىرى كۈمۈشتەك  قىلىچ كەبى يالتىراپ تۇرسا ، چېچەك ھىدى ئىپاردەك ، چىۋىقلىرى ئوقتەك، شاخلىرى ئوقيادەك ، مېۋىسى بولسا ئالتۇن رەڭلىك ۋە شىرىن تەملىك بولۇپ كىشىنى جەلپ قىلىدۇ . ھەتتا ئۇنىڭ « زەخمىلەنگەن جايلىرىدىن چىققان ئاھۇ - زارى بولغان يېلىمى» مۇ دۇنيادا ئاز ئۇچرايدىغان چاچ ئاسراش ۋە قۇۋۋەتلەش رېتسىپى بولۇپ ، ئانىلىرىمىز مىڭلارچە يىللاپ شۇ يېلىمنى چاچلىرىغا چاپقان . شۇ سۇمبۇل چاچلار تارىختا تالاي ئارسلانلارنى قاتارغا قوشقان .

بۇ ھەقتە دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا مۇنداق دەيدۇ:

ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىدىكى ھالقىلىق ئامىل بولغان كۈچلۈك روھى قۇدرەتكە تايىنىش ، تۆۋەندىكى ئامىللار بىلەن بىرلەشسە ئۈنۈمى تېخىمۇ زور بولىدۇ - ئۇيغۇرلارنىڭ  يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى .
 ئىشىنىش سىستېمىسى بىر كوللېكتىپنىڭ دۇنيانى قانداق كۆرۈشى ، چۈشىنىشى ۋە ئۆزگەرتىشىگە مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغان قاراشلارنىڭ بىرلەشمىسىدۇر.

 ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق ئىشىنىش سىستېمىسى ئارقىلىق ساقلىنىپ قېلىشىدا يەنە مۇنداق ئۈچ ئامىل مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ - ئۇيغۇرلارنىڭ ئەپسانىۋى لېدىرى ، ھاياتلىق دەستۇرى ۋە قائىدە-يوسۇن مۇراسىملىرى . مانا مۇشۇ ئامىللار ئۇيغۇرلارنىڭ زېھنىيتىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ، قاراشلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇش ۋە جامائەتلىشىشنى چىڭىتىشتا غايەت زور رول ئوينايدۇ . بولۇپمۇ مۇشۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىدۇ . ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىدراك قىلىشىنى ئوخشاش بىر يۈز ، ئوخشاش بىر ئوي ۋە ئوخشاش بىر سىمۋول بىلەن تەمىنلەيدۇ- ئۇيغۇر روھىيىتىنى ھەر ۋاقىت رېئاللاشتۇرۇپ تۇرىدۇ . شۇنىڭدەك ، بۇ ئامىللار ئۇلارنىڭ قەلبلىرىدىكى تۇيغۇلارنى ، ئىدراكنى ۋە ئوينى ماس قەدەملەشتۈرىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ۋە ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى ھېس قىلىشى ، ئاڭقىرىشى ۋە ئەمەلىيىتىگە ئېلىپ كىرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ .

 دۇنيا تارىخىغا نەزەر سالساق ، نۇرغۇن مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا ئۇلارنى قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلدۇرغان ، ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى خەۋپكە ئۇچرىغاندا ئۇلارغا ئۈمىد بەخش ئەتكەن ۋە يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشىشىگە يول ئاچقان لېدىرلىرى بولغان . مەسىلەن :  كونا گىرىكلەرگە ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ، موڭغۇللارغا چىڭگىزخان ، كونا رۇسلارغا ئىسكەندەر ياروسلاۋ ، چاررۇسلارغا ئۇلۇغ پېتېر ، گېرمانلارغا بىسمارك ، فرانسۇزلارغا ناپالېئون ، ئىنگلىزلارغا چېرچىل ئەنە شۇنداق لېدىرلەردىن ئىدى . شۇنىڭغا كۆرە ، مۇشۇنداق لېدىرلارنىڭ ئىش - ئىزلىرى ۋە ئىدىيىلىرى تىللاردا داستان بولۇپ ، خەلق تەرىپىدىن ئۇلۇغلىنىدۇ ۋە ھەتتا ئىدېئاللاشتۇرۇلىدۇ. ئۇلارنىڭ نامى مەڭگۈلۈك قىلىنىدۇ . بۇ بىر سىمۋوللۇق جەرياندۇر. خەلق بۇنداق لېدىر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىڭ مەنىسىنى قايتا - قايتا ئاكتىپلايدۇ ، كوللېكتىپلاشتۇرىدۇ .( تەۋەلىك تۇيغۇسىغا ئېرىشىدۇ ) ھەم ئۇ نامايان قىلغان قىممەتلەرنى ئىچكىيلەشتۈرىدۇ.  ئۆزىنى ئۇنىڭغا پەخىر ، ھۆرمەت ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن باغلايدۇ. تەبىئىي شەكىلدە ئۇنىڭ ھاياتىنى ئۆزىنىڭ ھاياتىغا بىئىختىيار تەققاسلايدۇ.  بەزىدە ئاشۇ لېدىرلارنىڭ ۋۇجۇدىدا ئەكس ئەتكەن ئۈمىدۋارلىقنى ھاياتنىڭ خىرىسلىرىدىن ھالقىشتىكى ئەڭ ئىدېئال ئۆلچەم ۋە يول كۆرسەتكۈچ قىلىدۇ .
 كۆپ ھاللاردا لېدىر خەلقنى ئەمەس ، بەلكى خەلق لېدىرنى تاللايدۇ ، چۈنكى مەيلى قانچىلىك دەرىجىدە ئۇلۇغ بولۇپ كەتسۇن ، فۇنكسىيە نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ، لېدىر خەلقنىڭ ئېھتىياجىنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە خىزمەت قىلغۇچىدۇر .

مەمىتىمىن ئەلانىڭ
* ئۇيغۇرلار پىسخولوگىيەلىك ئۇرۇشتا*
 ناملىق كىتابتىن ئېلىندى .

تولىمۇ ئەپسۇس ، يېقىنقى ئۈچ ئەسىردە رۇسلار ئىچىدە بۈيۈك پېتىر ( 1672 - 1724 ) ئوتتۇرىغا چىقىپ ، رۇسلارنىڭ كېيىنكى 300 يىلدا دۇنيا زومىگىرى بولۇشىغا ئۇل سالدى . **

گېرمانلاردىن 18 - ئەسىردە فېرىدېرىك چىقىپ، بارلىق تارقاق گېرمان قەبىلىرىنى « پىرۇسسىيە» نامىدا ئۇيۇشتۇرغان بولسا ، 19 - ئەسىردە چىققان بىسمارك چىقىپ ، بارلىق ئۇششاق گېرمان تائىپىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ ، ئىككىنچى ئىمپېرىيەنى قۇردى . ئاندىن گېتلىر ئۈچىنچى ئىمپېرىيەنى قۇردى . مانا بۈگۈن گېرمانلار ياۋروپانىڭ پاراۋۇزى ۋە سەركىسى .

رۇسلاردىن 18 - ئەسىردە بۈيۈك پېتىر چىقىپلا، كەلگۈسى 300 يىللىق رۇسلار سەلتەنىتىگە ئاساس سالغان بولسا ، فرانسۇزلار 19 - ئەسىردە بىر ناپولىئون چىقىرىپلا ، ياۋروپانىڭ زومىگىرىگە ئايلىنىپ قالدى . ئەنگلىيە بولسا بىر چېرچىل ئارقىلىقلا دۇنيادىكى يوقىلاي دېگەن تەسىرى ۋە كۈچىنى ساقلاپ قالدى .

ئەمما ئۇيغۇرلاردا 17 - ئەسىردە غالداننى باشلاپ كەلگەن ئافاق خوجا چىقتى . 18 - ئەسىردە كاڭشى ۋە چيەنلۇڭنى باشلاپ كەلگەن ئىمىن ۋە يۈسۈپ خوجا چىقتى . 19 - ئەسىردە ئافاق خوجا گۇناھىنى يۇيۇشقا ئۈلگۈرمىگەن ئەۋلادى جاھانگىر خوجىدىن كېيىن ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسىدىن مۇنار ياساپ جاللاتلىق قىلغان ۋەلىخان تۆرە چىقتى . 20 - ئەسىردە قان ئىچەر ئۈچ ھاجى چىقتى . ئاخىرىدا ئابباسوفتەك ۋەتەن خائىنلىرى چىقتى . ئۇلارغا قارشى ئادالەت ۋە ھەققانىيەت كۈچلىرى ھەر دائىم ئاجىز كەلدى . 300 يىللىق جاھالەتتىن ئويغىتىپ، يېڭى مۇستەملىكىدىن قۇتقۇزماقچى بولغان ئابدۇقادىر داموللامنى دۈشمەنلەر ئۆز ئىچىمىزدىن قاتىل ياللاپ ئۆزىمىزنىڭ قولى بىلەن يوق قىلىۋەتتى .

ئۇنداقتا يېقىنقى 300 يىلدا بىزدىن داھىي چىقمىغانمۇ !؟ چىققان بولسا قوغدىغانمۇ!؟

قانداق قىلىدىغان ئىشكىن !؟ ئالەم ئاپىرىدە بولغاندىن باشلاپ تاكى مىلادى 1619 - يىلغىچە ئەزىز خەلقىمىز ئىچىدىن سانسىزلىغان چوڭ ئاقساقاللار ، يولباشچىلار ۋە يېتەكچىلەر ئوتتۇرىغا چىققانىدى . ساددا بولسىمۇ ئىخلاسمەن خەلقىمىز ئۇلارنى ھىمايە قىلىپ قوللاپلا قالماي، ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەردىن قوغداش يولىدا ئىسسىق جانلىرىنى ئىككىلەنمەي پىدا قىلالىغاچقا ، ئاقساقاللارمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن شۇ سۈيۈملۈك خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ، گۈللىنىشى ۋە ئىستىقبالى ئۈچۈن كېچە - كۈندۈز بارلىقىنى بېغىشلاپ يۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ بۈگۈنگىچە داۋام قىلىشىغا سەۋەپچى بوپتىكەن . ئەمما كېيىنكى 100 يىللىق جاھالەت بىزنى ئۇنداق روھتىن تامامەن يىراقلاشتۇرغاچقا، ئۆز ئىچىمىزدىن چىققان مۆتىۋەرلەر ئەسەرلىرىدە پۈتۈنلەي خەلقىمىزنىڭ رېئاللىقىدىن قاتتىق قايغۇرۇپ ، كېلەچىكىدىن ئەندىشە قىلىپ ، كۆزى ئارقىدا قالغان ئىكەن . « بارنىڭ قەدرى يوق » دەپ ، ئۆزىمىزدىن چىققان يېتەكچىلەر چەتكە قېقىلىپ ، ئاققۇن ۋە شۇم نىيەت جاھالەت پىرلىرى ھەممىسى ھېچيەردە تۇرالماي، ۋەتىنىمىزنى ئۆزىنىڭ جەننىتى قىلىۋېلىش ئۈچۈن سەلدەك ئېقىپ كەلگەندىن كېيىن ، « پېشۋا خەختىن ، مۇرىت بىزدىن / پەتىۋا ياتتىن ، ئىجرا قىلىش بىزدىن / قان تۆكۈش بىزدىن ، ھۇزۇرىنى سۈرۈش يەنىلا شۇ ياتلاردىن ئاشمىدى ». نەتىجىدە 300 يىل ھەم ئىشغالچى دۈشمەنلەر ، ھەم ئەقىلنى ۋە تەپەككۇرنى بوغۇپ قويغان جاھالەت پىرلىرىگە قارشى ھەزرىتى مۇسادەك قۇتقۇزغۇچى داھىيلارنى ئاللاھ بىزگە چىقىرىپ بەردى. ئەمما ئۇلارغا دۈشمەنگە ئىتائەت قىلغانچىلىك ئىتائەت قىلمىدۇق. جاھالەت پىرلىرىگە جان پىدا قىلغاندەك سەمىمىي بولمىدۇق . ئۇلارنى ئىچكى - تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ خەتىرىدىن قوغداش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئەكسىچە ئۇلارنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەن قاتىللار بىلەن شېرىك بولدۇق . نەتىجىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس ۋە ئەڭ نىجىس باندىتلار تارىختا بارلىق تۈركىي خەلقلەرگە ئۇستاز ۋە خاقان بولغان كۈچلۈك مەدەنىيەتكە ئىگە خەلقىمىزنىڭ شىللىسىغا مىنىۋالدى . شۇ جەرياندا يەنە تالاي قەھرىمانلار ۋە سەركىلەر ئوتتۇرىغا چىقتى ۋە چىقماقتا . ئەمما تېخىچە جاھالەت ئىسكەنجىسىدىن قۇتۇلۇپ كېتەلمەيۋاتقان بىز ئۇلارنى « قارىلاپ ، سېسىتىپ ، ئابرۇيىنى تۆكۈپ ، پىتنە قىلىپ يۈرۈپ جىمىقتۇرغاچقا ، پۈتۈن زېھنى بىلەن دۈشمەنگە قارشى پىلان تۈزۈپ ، بىر ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالايدىغان ئاقساقاللىرىمىز ئازىيىپ كەتتى » . ئىزىنى باسىدىغانلارمۇ ئۇلارنىڭ تەقدىرىدىن تېنى شۈركىنىپ ، ئاستاغىنا ئومۇمىي توپلۇمدىن ئۆزىنى تارتتى . ھازىرمۇ دۈشمەندىن كېلىدىغان دەشنامدىن ، ئۆزىمىزدىن كېلىدىغان بەتنام ۋە دىل ئازارى ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتمەكتە .
« بىزدىن نېمىشقا نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشىدىغان ئادەم چىقمايدۇ ؟ دەپ سورىسا ، بىز چىققىلى قويمايمىز ! » دەپ جاۋاپ بەرگەنىكەن مەرھۇم زوردۇن سابىر ئەپەندى . ھازىرمۇ سوئالنىڭ جاۋابى ئوخشاش. قارىغاندا ، يۈز يىل چىرايلىق گەپ ئاڭلىمىغان ئاڭسىز ۋە نادانلارنى دۈشمەنگە ئوخشاش قاتتىق ۋاستىلەر بىلەن ئەدەپلەپ ، ئىبرەت قىلىپ تۇرمىساق ، بۇ قاتماللىقتىن ۋە كىرىزىستىن قۇتۇلغىلى بولمىغۇدەك . شۇنداق بىر ئاپپارات قۇرۇپ چىقايلىكى ، ھەر كىم ئويلاپ سۆزلەيدىغان ، بىراۋنىڭ ھەققىدە بەتنام ۋە تۆھمەت توقۇشنى خىيال قىلىشتىنمۇ قورقىدىغان بولسۇن ! ئەكسىچە ، مەۋھۇم دۇنيادىكى تور چىۋىنلىرى ، تور چوماقچىلىرى ۋە كاللىسى يۇيۇلغان ئاڭسىز نادانلار قالدۇق يېتەكچىلەر ۋە سەركىلەرنى گەپ بىلەن سېسىتىپ، تىلى بىلەن يوقىتىپ تاشلىغۇدەك . بىز خەلقى ئۈچۈن ، ۋەتەننىڭ ۋە ئەلنىڭ بەختى ئۈچۈن پۈتۈن زېھنىنى سەرپ قىلىۋاتقان ئاقساقاللارنىڭ زېھىنى چېچىۋەتسەك بولمايدۇ . ئۇلارنى يېنىدا  تۇرۇپ ياساۋۇل بولۇپ قوغدىيالمىساقمۇ ، ئالاقە ۋاستىلىرىدىكى بەتناملاردىن بولسىمۇ قوغدايلى ! چەتكە قاققۇدەك نە سانىمىز ، يەنە سۆرىلىپ يۈرگىدەك نە ۋاختىمىز ، سەۋر قىلىشقا ئەمدى چارىمىز قالمىدى . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مۇھاجىرەتتىكى ئاز ساندىكى پىتنىخور جاھىللارنى تازىلىۋېتىش تەخىرسىز مەجبۇرىيەت بولۇپ قالدى . ھەممەيلەن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەي! تاغ پۇتلاشمايدۇ ، تاش پۇتلىشىدۇ . ئاۋارىچىلىق كۆز ئالدىمىزدىلا تۇرۇپتۇ!

2019 - يىلى « خەلقىمىزنى نەس باسقان 17 - ئۆكتەبىر » پەيشەنبە كۈنىدىكى چاقىرىقلار

« ياتلار داھىيلىرىغا ئىتائەت قىلىپ ساداقەت كۆرسەتسە ، بىز داھىيلارغا گەدەنكەشلىك قىلىپ خىيانەت كۆرسەتتۇق ! ئاقىۋەت پۈتۈن دۇنيادىكى ئەڭ پەس باندىتلارنىڭ قولىغا قېلىپ ، كۆرۈۋاتقان كۈنىمىز بۇ !» .

بىزدە داھىيلارغا قارىتا ئىتائەت قىلىش، ئۇلارنى قوغداش ۋە ساداقەت كۆرسىتىش روھى بولۇشى كېرەك ! ھېچبولمىسا ، ئاشۇ باندىت خىتايلارغا ئىتائەت قىلغانچىلىك بولسىمۇ ئۆز داھىيلىرىمىزغا ئىتائەت قىلىشىمىز كېرەك !

قوشۇمچە ئۈلگىلىك شەخس :

كونا رۇسلارنىڭ « بارچۇق ئارت تېكىن » ئى
ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ھازىرقى رۇسلارغا قالدۇرۇپ كەتكەن تارىخىي تۆھپىسى:

يېقىندا رۇسىيە ئەسلىدە كالىنىنگرادتا ياۋروپاغا قارىتىپ قويغان ئەڭ چوڭ قەبىھ كوزىر قورالى « ئىسكەندەر » ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى قازاقىستاندىن قويۇپ بېرىپ سىناق قىلغان. بومبا نىشانغا دەل تەگكەن. بۇ خەتەرلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا ئىسمى قويۇلغان ئىسكەندەر زادى كىم !؟ نېمىشقا رۇسلار بۇ ئىسىمنى ئەڭ كۈچلۈك قورالىغا قويىدۇ!؟؟

ئىسكەندەر بولسا، ئاددىي رۇس كىنەزى ياروسلاۋنىڭ ئوغلى بولۇپ، مىلادى 1220 - يىلى 13 - ماي موسكۋادىن 140 كىلومېتىر شىمالدىكى « ياروسلاۋ زالىسكىي » رايونىدا تۇغۇلغان . 1263 - يىلى 14 - نويابىر « نوۋگورد ئوبلاستى» دا ۋاپات بولغان . ئۇ پۈتۈن ئۆمرى بويىچە ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان ۋە بەركە خانغا سادىق بولغان . ئۇ خۇددى ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش ئۆزلىكىدىن سادىق بولۇپ ، رۇسلارنى ساقلاپ قالغان . ئۇنىڭ شۇ تۆھپىسى بىلەن رۇسلار بۈيۈك پېتىرنىڭ دەۋرىگە ئۇلاشقان بولسا ، پېتىرنىڭ تەدبىرى بىلەن بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ئىككىنچى ئاتامانىغا ئايلاندى .

ئۇنىڭ دادىسى ياروسلاۋ 1191 - يىلى ئوغلى ئىسكەندەر تۇغۇلغان جايدا ئاپىرىدە بولغان بولۇپ ، 1201 - يىلدىن 1206 - يىلغىچە شۇ جايلارنىڭ كىنەزى بولغان . 1236 - 1238 - يىللىرى بۈيۈك كىيېۋ كېنەزى بولغان . ئاندىن كېيىن باتۇخان كۆپ ياردەم قىلغاچقا ، شۇ يىلدىن باشلاپ 1246 - يىلغىچە بۈيۈك ۋىلادىمىر كېنەزى بولغان . ئۇ 1245 - يىلدىكى قاغان سايلىمىغا باتۇخان بىلەن بىللە بارغان بولۇپ ، 1246 - يىلى كۈيۈكخان ئۆگەدەيخان ئورنىغا قاغان بولغان نەخ مەيداننى كۆرگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىلى 1246 - يىلى 30 - سېنتەبىر ئاغرىپ قېلىپ ، قاراقۇرۇمدا ۋاپات بولغان . شۇ ۋەجىدىن ئىسكەندەر ۋە ئۇنىڭ ۋارىسلىرى ئاتا - بوۋىسىنىڭ قەبرىسى بار جايلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز تىزگىنىگە ئېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ ، ئاخىرى 1912 - يىلى ، 1924 - يىلى ۋە 1947 - يىلى موڭغۇلىيەنى
تولۇق تىزگىنىگە ئالغان .

ئىسكەندەرنىڭ زەپەرلىرى سوۇبوتاينى چۆچۈتكەن
 1240 - يىلى شېۋىتسىيە ئەھلى سەلپ قوشۇنى ئۈستىدىن غەلىبە قازانغان . 1242 - يىلى مۇزلۇق كۆل ئۈستىدە گېرمانلار باش بولغان ياۋروپا ئەھلى سەلپ ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى رۇس دۆلىتىنى ساقلاپ قالغان تارىخىي شەخس بولۇپ، ئۇ خۇددى چىڭگىزخان بىلەن ھەمكارلاشقان ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇق ئارت تېكىنگە ئوخشاش موڭغۇللار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىپ، كېيىنچە ئۇلار ئاجىزلاشقاندا رۇسلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشى ئۈچۈن تۆھپە قوشقان .

ئەنە شۇ ئەقىللىق ئىسكەندەرنىڭ ۋاستىسىدە 1382 - يىلى ئورنىدىن تۇرۇۋالغان رۇسلار 1484 - يىلى پۈتۈنلەي ئالتۇن ئوردۇ خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقتى . 1501 - يىلى ئالتۇن ئوردۇ پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسلار 1547 - يىلى چار پادىشاھلىق قۇرۇپ، 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى، 1557 - يىلى ئېتىل بويىدىكى ئاستراخان خانلىقىنى، 1639 - يىلى سىبىرىيە خانلىقىنى ، 1689 - يىلى تاشقى مانجۇرىيەنى ، 1733 - يىلى قازاق دالاسىنى يۇتۇۋېلىپ، 1747 - يىلى ئىمپىرىيەگە ئايلاندى . 1783 - يىلى قىرىمنى ، 1789 - يىلى قارا دېڭىز ساھىللىرىنى ، 1828 - يىلى ئەزەربەيجان بىلەن ئەرمىنىيەنى،  1847 - يىلى كېنىسارى قوزغىلىڭىنى باستۇرۇپ، 1864 - يىلى كاۋكازنى، 1865 - يىلى قوقاننى بويسۇندۇرۇپ، 1867 - يىلى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىنى قۇرۇپ، 1868 - يىلى بۇخارانى، 1869 - يىلى خارەزىم خانلىقىنى، 1871 - يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋېلىپ، 1881 - يىلى مانجۇرلار بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانى قايتا بۆلۈشۈپ، 1895 - يىلى پامىرنى يۇتۇۋالغان . شەرقتە ياپونىيە باش كۆتۈرۈپ، 1904 - 1905 - يىللىرى چاررۇسىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن، رۇسلار ياپونغا قارشى ئىزچىل خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىپ كەلدى. بۇ خىل ئىتتىپاقداشلىق يۈز يىلدىن بېرى ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى . پەقەت 1969 - يىلى سوۋېتلەرگە قارشى خىتاي - ئامېرىكا ئىتتىپاقداشلىقى مەيدانغا كەلدى. ھازىر خىتاي يۈز يىل بۇرۇنقى ياپونىيەنىڭ ئورنىنى ئالدى. رۇسلارمۇ 1969 - يىلدىكى خىيانەتنى ئۇنتۇپ قالغىنى يوق.
« ئىسكەندەر » نى كالىنىنگرادتا ياكى شىمالىي قۇتۇپتا سىناق قىلماي، قازاقىستاندا سىناق قىلغىنى بەلكىم 1969 - يىلى ئىككى مىڭ يادرو قورالىنى تىكلەپ قويۇپ، خىتاينىڭ ھەر بىر چوڭ شەھىرىنى نىشانغا ئالغان قورقۇنچلۇق ۋاقىتلاردىكىدەك ئەھمىيەتكە ئىگە بوماسلىقى مۇمكىن . ئەمما ھەر ھالدا ئادەتتىكى ئىش ئەمەس . چۈنكى رۇسىيە ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن قىلچە ۋاسىتە تاللىمايدىغان بىر دۆلەت . پۇلىنى ئېلىپ تۇرۇپ ئالدىدىلا يۈزسىزلىك قىلالايدۇ .   

يېقىندا رۇسىيەدە ئېلىپ بېرىلغان ئەلرايى سىنىقىدا 500 كۈچلۈك تارىخىي شەخس ئىچىدە ئىسكەندەر تەخمىنەن 50 مىليون ئاۋاز بىلەن ( يەنى رۇسلارنىڭ يېرىمى ) بىرىنچى دەرىجىلىك مىللىي قەھرىمان بولۇپ باھالانغان .

بۇلاردىن رۇسلارنىڭ تارىخىي بىلىمى ، بولۇپمۇ
تارىخىي شەخسلىرىنى قانچىلىك ئېسىدە تۇتۇپ ، ئەسلەپ تۇرىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭلارمۇ نادان ۋە ھۇرۇن قېرىنداشلار ...
قاچانغىچە خەخنىڭ پالۋانلىرىغا چوقۇنۇپ ، ئاكىسىراپ ئۆتۈپ كېتەي دەۋاتىسىلەر !؟؟؟

ئىزاھاتلار : *****

1 - بۈيۈك پېتىر :

1672 - يىلى 9 - ئىيۇن داڭلىق چارپادىشاھ بۈيۈك پېتىر تۇغۇلغان.« پېتىر قالاق چاررۇسىيىنى رەسمىي كۈچلۈك جاھانگىر دۆلەتكە ئايلاندۇرۇپ، ھەممە يەردە كېڭەيمىچىلىك قىلغان » . 1683 - يىلى يىراق شەرقتە مانجۇر كاڭشى بىلەن ئۇرۇش باشلىغان.
1685 - يىلى تۇرغۇتلاردىن مەجبۇرىي ئەسكەر يىغىپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋە قىرىم قاغانىغا ئۇرۇش ئاچقان. بىراق 1689 - يىلى كاڭشى بىلەن ئۇرۇش توختىتىپ،رۇسىيىنى دېڭىزغا تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن قارا دېڭىزنى ئىگىلەپ ياتقان تۈرك - تاتارلار بىلەن ئۇزاق ئۇرۇشقان. بىراق 1711 - يىلى قىرىم قاغانىغا ئەسىرگە چۈشۈپ،غايەت زور سېلىق تۆلەپ قۇتۇلغان.
1711 - يىلدىن 1721 - يىلغىچە بۈيۈك شىمال ئۇرۇشىنى قوزغاپ، ئاخىرى بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشكەن. ئۈچ يىل ئۆتۈپ ئۆلگەن. قارا دېڭىزغا چىقىش ئۇنىڭ ۋارىسى يېكاتىرىنا تەرىپىدىن 1771 - يىلى ئەمەلگە ئاشقان. ھازىرمۇ رۇسلار پېتىرنىڭ 12 سىياسى ۋەسىيىتىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن تىرىشماقتا».

2 - ناپولىئون :

1799 ـ يىلى 6 - مارت ناپولىئون پەلەستىندىكى يافانى ئىشغال قىلغان
1799 - يىلى 19 - مارت ناپولىئون باشچىلىقىدىكى فرانسىيە ئارمىيىسى شامدىكى ئەككا شەھىرىنى قورشىۋالغان.« 1789 - يىلدىكى ئىنقىلاپ غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، فرانسىيە ئەنگلىيىنىڭ ھىندىستاندىكى مەۋجۇتلۇقىغا قارشى مىسىرنى ئىشغال قىلىش مەقسىتىدە ناپولىئوننى ئەۋەتىپ، 1798 - يىلى يازدا ( ئىيۇل ) مىسىرنى ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن تارتىۋالغانىدى». سادىر پالۋان دەل مۇشۇ يىلى ( نويابىر) غۇلجىدا دۇنياغا كەلگەن.
1809 - يىلى 20 - مارت ناپولىئون ھابسبۇرگدا ئاۋستىرىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. « 1769 - يىلى 15 - ئاۋغۇست تۇغۇلغان ناپولىئون 30 ياشقا كىرمەيلا يىراققا يۈرۈش قىلىپ، 1798 - يىلى مىسىرنى ئىشغال قىلغان. 1804 - يىلى ئۆزى ئىمپىراتور بولۇپ، ساق 10يىل ئۇرۇش قوزغاپ ياۋروپانىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلانغان. ئۇ 1812 - يىلى 12 - ئىيۇن چاررۇسىيەگە قارشى موسكۋاغا قاراپ يىراققا يۈرۈش قىلغان . ئەمما 1813 - يىلى قىشتا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ ، چېكىنىۋاتقاندا يولبويى پرۇسسىيەنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ ، 300 مىڭ ئەسكىرىدىن تولۇق ئايرىلىپ قالغان . ئاقىۋەت 1814 - يىلى تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.بىراق ئۇ 1815 - يىلى 100كۈن پادىشاھ بولۇپلا يەنە ئاغدۇرۇلغان. رەقىپلىرى ئۇنى ئوتتۇرا دېڭىزدىكى يېگانە ئارالغا سۈرگۈن قىلغان. ئەمما يەنىلا خاتىرجەم بولالماي، ئۇنى زەھەرلىگەن. ئۇ 1821 - يىلى 5 - ماي ئۆلۈپ كەتكەن».
گېتلىر 1940-يىلى فرانسىيەنى بېسىۋىلىپ، «فرانسىيەنىڭ داڭلىق ھۆكۈمدارى ناپولىئون»نىڭ قەبرىسىگە بېرىپ مۇنداق دەپتىكەن:« سېنىڭ ئەركەك ئەۋلاتلىرىڭ ئاياللارنىڭ ئىچ كىيىملىرىنى لايىھىلەپ، پىچىپ ئۆلچەۋاتقاندا،مېنىڭ ئەركەكلىرىم زەمبىرەك ۋە تانكىلارنىڭ كالبېرلىرىنى لايىھىلەپ  ئۆلچەۋاتاتتى».
غەلىتە يېرى گېتلىرمۇ 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن رۇسىيەگە قارشى موسكۋاغا قاراپ يۈرۈش قىلغان . ئەمما 1941 - يىلى موسكۋادا تارىختا كۆرۈلمىگەن سۇغۇق ھاۋارايى تۈپەيلى ، مەغلۇپ بولۇپ ، 1944 - يىلغىچە ئۈچ مىليون ئەسكىرىدىن ئايرىلىپ قالغان .

3 - بىسمارك :

1815 - يىلى 1 - ئاپرىل پرۇسسىيە گېنىرالى، گېرمانىيىنىڭ بىرلىككە كەلتۈرگۈچىسى مارشال فون بىسمارك تۇغۇلغان.« ئۇ 1871 - يىلىدىكى پرۇسسىيە - فرانسىيە ئۇرۇشى » دا غەلىبە قىلىپ، ئالزاس ۋە لوررىننى گېرمانىيە زېمىنىغا قوشۇۋالغان. داۋدېتنىڭ « ئەڭ ئاخىرقى دەرس » دېگەن ئەسىرى دەل مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن يېزىلغان.
بىسمارك 1866 - 1890 - يىللارغىچە ئاتا - بالا ۋېلھېلىملارنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ، گېرمانىيىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ياۋروپادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان. گېرمانىيە بارلىق جاھانگىر دۆلەتلەر مۇراجىئەت قىلىدىغان دۆلەتكە ئايلانغان. 1890 - يىلى ياش ئىمپراتور ئۇنى ئىشتىن بوشىتىپ، قاراملىق بىلەن تېخىمۇ كۈچەيگەچكە، نەتىجىدە بارلىق خوشنىلىرنىڭ ئورتاق دۈشمىنىگە ئايلىنىپ، 1918 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشىدا پارچىلىنىپ، ھالىدىن كەتكەن». باش ۋەزىر بىسمارك 1898 - يىلى 30 - ئىيۇل قازا قىلغان .

مىلادى 1018 - يىلى 24 - ئاۋغۇست بۈيۈك قاغان ئەھمەد توغانخان ( 998 - 1018 ) نىڭ
« قاراخان VS خىتاي » ئۇرۇشىدا قىتانلار خانى يوللۇغ لۇڭشۇنىڭ 200 مىڭ كىشىلىك سەرخىل قوشۇنىنى تارمار قىلىپ ، قىتان خانلىقىنى ئولپان تۆلەيدىغان بېقىندى( قارام )ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرتۈپ تەييارلاندى .

2018 - يىلى 24 - ئاۋغۇست   جۈمە

مەزكۇر تارىخىي ئەسەرنىڭ ئاساسلىق قىسمى، بولۇپمۇ رۇسلار ۋە گېرمانلارغا ئائىت قىسمى
ئاغام « كۆك ئەرۋاھ » قا تەۋە بولۇپ ، مەن ئۇنىڭ رۇخسىتى بىلەن بىر يىل ئاۋۋالقى بۇ يازمىنى ئازراق كېڭەيتىپ ، قايتا ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم . ( خۇدا ئۇنى ئۆز پاناھىدا ساقلىغاي)! چۈنكى بىز ئۇيغۇرلار ھازىر ھالقىلىق پەيتلەردە تۇرۇۋاتىمىز . ئەمدى بۇ سىياسىي ۋە مەنىۋىي بوشلۇقنى تولدۇرمىساق ، نەسلىمىز قۇرۇپلا قالماي ، بۇ دۇنيادا خۇددى قىتانلار ، مانجۇرلار كەبى ئۇنتۇلۇپ كەتكەننى ئاز دەپ ، ئۇ دۇنياغا بارغاندا « خۇدانىڭ بۇ دۇنيادىكى ئادالەت قامچىسى ۋە زالىملارنىڭ ئەزرائىلى بولغان ئۇيغۇر خەلقى » نى يوقاتقانلىق جىنايىتى بىلەن مەڭگۈ جەھەننەم ئازابىدا قېپقالىمىز !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر  تەپەككۇرلۇق دۈشەنبە    كېچە سائەت 00 : 00 دە تامام

1441 - يىلى ماھى سەپەرنىڭ ئاخىرقى كۈنى .
19

پولشا مىللىي مۇستەقىللىقىنىڭ 100 يىللىق ھارپىسىدا تۇغۇلغان جەڭگىۋار ۋە ئاچچىق ئويلار

كىرىش سۆز :

«  پولشالىقلار  دۈشمەننى زېمىنلىرىدىن تولۇق قوغلاپ چىقىرىدىغان بىر خاسىيەتلىك كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئۆزلىرىنى شۇ كۈنگە تەييارلىماقتا ئىدى. بۇ ئىشەنچ پەقەت بىر قاتلامدىلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورۇنلاشقانىدى » .
خوش ، ئۇنداقتا بۇ پولشالىقلارنىڭ 200 يىل بۇرۇنقى ئىمكانلىرى بىلەن بىزنىڭ ھازىرقى ئىمكانلىرىمىزنى ئوبدان سېلىشتۇرۇپ باقايلى ! شۇ چاغدىلا ھازىرقى بىزلەرنىڭ نەقەدەر ھۇرۇن ، بوشاڭ ، ئۈمىدسىز ۋە چۈشلۈنلۈككە پاتقىنىمىزنى ئېتىراپ قىلالماي تۇرۇۋاتىمىز .

قولىدا نە ھەربىي كۈچى ، نە ئىقتىسادىي كۈچ بولمىغان بىچارە پولشالىقلار ئۆزىنىڭ كۈچلۈك دىنىي ئىخلاسى ۋە مىللىي سۆيگۈسى ئارقىلىق
« ئانا تىل مائارىپى ۋە پولەكچە يېڭى تەپەككۇر » قورالى ئارقىلىق ھەر جەھەتتە ئۆزلىرىدىن كۆپ ئۈستۈن بولغان دۈشمەنلىرىنىڭ قاتمۇ - قات توزاقلىرىنى بىتچىت قىلىپ ، مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . ئەمما ئۇيغۇر خەلقى بۇ كوزىرنى ئىشقا سالاي دېگەندە ، تۈنۈگۈن ئۆز مىللىي كىملىك نامىنى ئىنكار قىلىپ، زادىلا ئەپلەشمەي قالغاندا تېنىۋالغان تەنتەك زاتلار تەييار تاۋاقتىكى ئاشقا توپا چاچماق قەستىدە.

ئەگەر قولىدا « مىللىي مائارىپى » دىن باشقا ھېچقانداق كوزىرى قالمىغان بىر مىللەت پەقەت شۇ « مائارىپ » ئارقىلىق مۆجىزە يارىتىپ ، ئۈچ ئاچكۆز ۋە كۈچلۈك خوشنىسى ئارىسىدا تۇرۇپ، بۇندىن 100 يىل بۇرۇن مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقالىدى دېيىلسە ، ئۇ ھالدا ئۇيغۇرلار بۇ يولنىڭ كۈچىنى سەل چاغلىماسلىقى كېرەك!

شۇنىسى ئېسىمىزدە بولسۇنكى ، پولشالىقلار ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشتا ھەرگىزمۇ بىر قىسىم ئەقلى گەجگىسىگە ئۆتۈپ قالغان ئۇيغۇرسىمان « تۈركپەرەس ۋە ئۆزبېكپەرەس زىيالىلىرى»غا ئوخشاش « ئانا تىلىنى قىرىققا يېرىپ ، يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئانا تىلىغا كىرىۋالغان رۇسچە سۆزلەر ۋە تاۋۇشلارنى تولۇق چىقىرىپ تاشلاشنى نىشان ۋە ئۆلچەم قىلغان » .

كىمدە - كىم ھازىر ئىشلىتىۋاتقان ئۇيغۇرچىدىن پۇتاق چىقىرىدىكەن ، ئۇنى ئاز دەپ 100 يىلدا ساناقسىز ئالىملىرىمىزنىڭ غەيرىتى بىلەن بىزگە يېتىپ كەلگەن ئانا تىلىمىزنى « خىتايغا نىسبەت بېرىپ، ئېتىۋارسىزلاشتۇرماقچى بولىدىكەن ، ئۇ ئۆزىنى ئۆزى پاش قىلغان ۋە رەسۋا قىلغان بىرى» . رېئاللىقتىن قېچىش ئۈچۈن ھەر خىل
« قاچان قىلسا بولىدىغان ئىشلار » نى ھازىرقى تەخىرسىز ئىشلارنىڭ ئورنىغا دەسسەتمەكچى بولغان ، ئاۋامنىڭ دىقىتىنى مىللىتىمىزنىڭ ئەڭ خەتەرلىك ئىشلارغا قارشى تەدبىر تۈزۈشىدىن ئۇششاق ئىشلارغا بۇرۇۋېتىدىغان چالا تېۋىپلار ئۆزىنى سورىسۇن ! ئەكسىچە ۋابالى ئۆزىگە !

1 - پولشالىقلارنىڭ مۇستەقىللىق ھاياتى

پولشالىقلار رۇسلارنىڭ ياۋۇز ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى چېغىدىلا،  جەم بولغان ھەرقانداق يەردە بىر نەرسىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆگىتىشنى بىر مىللىي ئالاھىدىلىككە ئايلاندۇرۇپ بولغان.  بارغان يېرىدىن كېلىپ - كېلەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەيدىغان،  ئۆگەنگەن نەرسىسىدىن پايدىلىنىپ - پايدىلىنالمايدىغانلىقىغا جەزم قىلالمايدىغان بۇ كىشىلەرنىڭ،  بارغانلا يېرىدە ۋە ھەرقانداق شارائىت ئاستىدا ئىمتىھانغا تەييارلىنىۋاتقاندەكلا دەرس ئۆگىنىشلىرى ،  ئۇلارنىك ناھايىتى كۈچلۈك مىللىي ئاڭغا ئىگە بولغانلىقلىرىنى كۆرسىتىپ بېرەتتى.
ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى بارغان يەرلىرىدىن قايتىپ كېلەلمەيتتى،  بۇنى ئۆزىمۇ،  باشقىلارمۇ بىلەتتى. بىراق ھايات قالغانلار دۈشمەن پۈتۈن كۈچى بىلەن يەر يۈزىدىن يوقۇتۇپ تاشلاشقا تىرىشىۋاتقان بىر مىللىي كۈلتۈرنى ۋە بۇ كۈلتۈر بىلەن بىرلىكتە ئىلىمغا،  ئىستىقبالغا،  سەنئەتكە ۋە ئېرپانغا خۇمار بىر روھنى ياشنىتاتتى ۋە كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بۇ روھنى جانلىق ھالەتتە يەتكۈزەتتى. ئۇلار يەنە نەزەرلىرىنى كېلەچەككە مەركەزلەشتۈرگەن ھالدا ھەردائىم ۋە ھەرقانداق ھالەتتە غايىلىرى ۋە كېلەچەكلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولغاچقا،  شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە دۇچار بولۇۋاتقان ئېغىرچىلىقلىرىنى ئۇنتۇپ قالاتتى.  تاشلانغان ھەر بىر قەدەم،  تۈزۈلگەن ھەر بىر پىلان،  ئۆگىنىلگەن ۋە ئۆگىتىلگەن ھەر بىر ئۇچۇر كېلەچەك ئۈچۈن ئىدى.  دۈشمەن كۈچلىرىنىڭ يەر ئۈستىدىكى ۋەھشىيانە قىلمىشلىرىنىڭ قانچىنچى قېتىم تەكرارلىنىۋاتقانلىقىنى ھىچكىم بىلەلمىسىمۇ، يەرنىڭ ئاستىدا ئەتىلەر گۈللەنمەكتە ئىدى ۋە بۇنى بىر مىللىي غايىگە كۆڭۈل بۆلگەن كىشىلەرلا كۆرەلەيتتى.

باشقىلار مۇستەقىللىق ئۈچۈن نىمىلەرنى قىپتىكەن؟؟ ئويلانمىغانلار قاتتىق ئويلانسۇن!!!

1849 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر پولشانىڭ « پېتوفى » سى ۋە « ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى » بولغان پولشا مىللىي مۇستەقىللىق سەركىلىرىدىن بىرى فىرىدېرىك شوبان (شابان ) پارىژدا ۋاپات بولغان . ۋەسىيىتى بويىچە يۈرىكى پولشاغا ئېلىپ بېرىلىپ دەپنە قىلىنغان . تەقدىردىشىمىز پولەكلەر « ئاجىز مىللەتنىڭ ھالاكەتلىك شۇم تەقدىردىن قۇتۇلۇشى »دا دۇنياغا ئۈلگە بولغان.

مۇستەقىللىق كۈرىشى دېيىلگەن ھامان ئىنسان ئەقلىگە ئۇرۇش مەيدانلىرى كېلىدۇ. دەرۋەقە، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىدا قان بىلەن يېزىلغان مۇستەقىللىق داستانلىرى بولىدۇ. لېكىن، ئىلىم - ئېرپان، كۈلتۈر ۋە سەنئەت ساھەلىرىدە مۇستەقىللىق كۈرىشىنى ئومۇميۈزلۈك ھالەتتە ئۇزۇن مۇددەت يەلكىسىگە ئالغان مىللەتلەر ئۇنچىۋالا كۆپ ئەمەس. پولشالىقلار، تارىخنىڭ ناھايىتى نادىر كۆرۈلىدىغان ئۇتۇقلىرىدىن بىرىنى قولغا كەلتۈرگەن بىر مىللەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
پولشالىقلار بارلىق مىللىي قىممەت - قاراشلىرى بىلەن بىرلىكتە يوقىلىپ كېتىش خەۋپىنى بىر ئەمەس، بىر قانچە قېتىم يەڭدى. ئۇلارنىڭ دۆلەتلىرىگە قەدەم باسقان ھەربىر مۇستەملىكىچى - تەبىئىتىنىڭ تەقەززاسى بويىچە - بىۋاسىتە ھالدا دىققىتىنى بۇ نىشانغا مەركەزلەشتۈرگەنىدى: ئۇدا بىر قانچە قېتىم پولشادا يېڭىدىن تۇغۇلۇش ئېلان قىلىندى. ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى ۋە ئۇنىڭ سىرتىدا قالغان بارلىق نەرسىلەر يوق ھېسابلاندى. تىل، ئەدەبىيات، سەنئەت، كۈلتۈر چەكلىمىلەر دائىرىسىگە كىرگۈزۈلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا مۇستەملىكىچىنىڭ ئۆز قىممەت - قاراشلىرى تېڭىلدى. بۇ قىممەت - قاراشلار بويىچە تەربىيەلەنگەن يېڭى ئەۋلادلار يېڭى بىر ئەۋلاد زىيالىيلار قاتلىمىنى شەكىللەندۈرەتتى ۋە بۇ قاتلام مۇستەملىكىچىلەرنىڭ شۇم پىلانلىرىنى ئۇلارغا ۋاكالىتەن ئىجرا قىلاتتى، شۇ يوسۇندا بىر قانچە ئەۋلاد ئۆتكەندە بولسا، پولشالىقلارنىڭ يەر يۈزىدە نە دۆلەت، نە مىللەت سۈپىتىدە ھېچقانداق ئىزى قالمايتتى.پولشالىقلار دۈشمەن بىلەن ئۇرۇش مەيدانلىرىدىمۇ ئېلىشتى. پولشا زېمىنلىرىدا قانچە قېتىملاپ قانلىق قوزغىلاڭلار يۈز بەردى. بىراق، پولشانىڭ ھەقىقىي مۇستەقىللىق كۈرىشى يەر ئاستىدا داۋاملاشتۇرۇلغان ئىلىم ۋە كۈلتۈر ئۇرۇشى ئىدى. بۇ ئۇرۇشتا پولشالىقلار ئىزچى تەشكىلاتلىرىدىن تارتىپ قانۇنسىز ئۇنىۋېرسىتېتلارغىچە، ئۆگزىلەردىكى لېكسىيەلەردىن تارتىپ يەر ئاستى نەشرىياتچىلىققىچە ئىنسان ئەقلىگە كېلىدىغان - كەلمەيدىغان ناھايىتى نۇرغۇن ئۇسۇللاردىن پايدىلاندى ۋە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى ياراتتى. شۇنداق چاغلارمۇ بولدىكى، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەمكارلىق ئورنىتىپ، رۇسىيەنىڭ دەرسلىك ماتېرىياللىرىنى تاشلاپ، رەسمىي مەكتەپلەردە غەيرىي رەسمىي دەرسلەرنى ئۆتتى؛ يەنە شۇنداق چاغلارمۇ بولدىكى، گېستاپونىڭ يېنىدىلا يۈز مىڭلارچە ئوقۇغۇچى مۇنتىزىم يەر ئاستى مەكتەپلەردە ئوقۇشلىرىنى داۋاملاشتۇردى، يۈز مىڭلارچە تەشۋىقات ۋەرەقىسى ئىشىكمۇ ئىشىك تارقىتىلدى. قانۇنسىز ئۇنىۋېرسىتېت سىنىپلىرى ئۆيمۇ-ئۆي ئايلاندى. تۈرمىلەردە، سۈرگۈنلەردە، يىغىۋېلىش لاگېرلىرىدا، بىر قانچە پولشالىق بار جايلارنىڭ ھەممىسىدە يەنە مەخپىي سىنىپلار ئېچىلدى، قۇلاقتىن قۇلاققا ئۇچۇرلار يەتكۈزۈلدى. بالىلار چەكلەنگەن شېئىرلارنى يادلاپ، مەنئى قىلىنغان رەسىملەرنى كۆرۈپ چوڭ بولدى. كونسېرتلار، سەنئەت پائالىيەتلىرى يەر ئۈستىدىكىسىگە پاراللېل ھالدا يەرنىڭ ئاستىدىمۇ داۋام قىلدى. ئادەملەر يىللار بويىچە كۈنلىرىنى ۋە كېچىلىرىنى ھەرتۈرلۈك خەۋپلەرنىڭ ئاستىدا فورمىلالارنى يادلاپ، تۈگۈنلەرنى يېشىپ، شېئىر ئوقۇپ، مۇزىكا ئاڭلاپ ئۆتكۈزدى. ئۇلار دۈشمەننى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىدىغان بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنەتتى ۋە ئۆزلىرىنى شۇ كۈنگە تەييارلىماقتا ئىدى. بۇ ئىشەنچ پەقەت بىر قاتلامدىلا ئەمەس، پۈتكۈل خەلقنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىغا ئورۇنلاشقانىدى.

پولشا دەسلەپتە  ئۈچ قوشنىسى تەرىپىدىن ئارقا - ئارقىدىن بىر قانچە قېتىم پارچىلىنىپ، زورلۇق بىلەن قوشۇۋېلىندى *** . ئارقىدىن ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ھەر ئىككىسىنى پۈتكۈل شىددىتى بىلەن باشتىن كەچۈردى. جازا لاگىرلىرى ئاساسەن پولشاغا قۇرۇلغان. ناتسىستلارنىڭ ئىشغالىدىن كېيىن سوۋېتلەر كەلدى. لېكىن، نەتىجىدە ئوتتۇرىدا نە پىرۇسسىيە، نە چاررۇسىيە ، نە ئاۋسترىيە ، نە فاشست ناتسىستلار، نە قانخور سوۋېتلەر قالمىدى. بەلكى ، قەيسەر پولشالىقلار ئۇرۇش مەيدانلىرىدا تۆكۈلگەن قانلار، بولۇپمۇ ئۇنىڭدىن بۇرۇن يەر ئاستىدا ( مائارىپ ئۈچۈن) تۆكۈلگەن تەرلەرنىڭ سايىسىدا، ئۆزلىرىنى دۇنياۋى تارىخ سەھنىسىدىن پۈتۈنلەي يوقىتىپ تاشلاشقا بەل باغلىغان دۈشمەنلىرىنى ئارقا - ئارقىدىن تارىخقا دەپنە قىلغان بىر خەلق بولۇش سۈپىتى بىلەن بۈگۈنمۇ مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرماقتا. بۇ كىشىمۇ 1810 - يىلى 1 - مارت ۋارشاۋادا پولشا ئەڭ قىيىن كۈنلەرنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان كۈنلەردە تۇغۇلغان . 6 يېشىدىلا پىئانىنو/ گارمون چالالايدىغان بولغان . 8 يېشىدا ئاشكارا ھالدا سەنئەت تالانتىنى جارى قىلدۇرۇشقا باشلىغان . 1824 - يىلى گېرمانىيەلىك داڭلىق مۇزىكانت ، ۋارشاۋا سەنئەت مەكتەپنىڭ مۇدىرى ئارسنادىن مۇزىكا نەزەرىيىسىنى ئۆگەنگەن . 1829 - يىلى مەزكۇر ئىنىستىتۇتنى پۈتتۈرگەن . ئەينى ۋاقىتتا پولشا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن بولۇپ ، ئەجنەبىلەرنى قوغلاپ چىقىرىپ، ئۆزى خوجا بولغان مۇستەقىل مىللىي دۆلەت بەرپا قىلىپ ، پولەك مىللىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۇلۇغ مەپكۇرىسى ياش شائىرنىڭ ئەسلىدە بار بولغان ۋەتەن ۋە مىللەت سۆيگۈسىنى كۈچەيتىۋەتكەن. شۇڭا ئېسىل تۇرمۇشنى رەت قىلىپ ، 1830 - يىلى چەتئەلگە چىقىپ ، جاھان كېزىپ ، 1832 - يىلى لوندونغا بېرىش پىلانىدىن ۋاز كېچىپ ، پارىژدا يەرلىشىپ ، ھەر قايسى پولشا مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتى خادىملىرى بىلەن بىللە مىللىتى ۋە دۆلىتىنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن كۆپ ئىزدەنگەن . 1835 - يىلى فرانسىيە پۇخرالىقىغا ئۆتۈپ ، پائالىيەتلىرىنى يۈرەكلىك ئېلىپ بارغان. بەختكە يارىشا ، 1848 - يىلى مارتتا ( باھاردا) فرانسىيەدىن باشلانغان « ياۋروپا باھارى» تېز سۈرئەتتە ئاۋسترىيە ، ۋېنگرىيە ۋە پولشاغىچە كېڭەيگەن.باشقا جايدىكى مىللىي مۇستەقىللىق  ھەرىكەتلىرىنى تېزلا باستۇرالىغان ياۋروپا ئىشغالچى خانلىرى چارپادىشاھ نىكولاينى تەكلىپ قىلىپ ، بۇ ئىككى جايدىكى ھۆرلۈك ئۈچۈن قوزغالغان ئىككى مىللەتنى باستۇرغان . پېتوفى 1849 - يىلى 31 - ئىيۇل چاررۇسىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن سېگىتۋاردا كۆمۈۋېتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بۇ ھەرىكەت پەسكويغا چۈشكەن. دۆلىتى ۋە مىللىتىنىڭ يەنە بىر قېتىم پىرۇسسىيە، چاررۇسىيە ۋە ئاۋسترىيە ئارىسىدا ئۇزۇن مەزگىل ئاسارەتتە قېلىشىنى كۆرۈپ يەتكەن شابان سەۋر قىلالماي ، دەرت يۇتۇپ ، 1849 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر پارىژدا ئارمانسىز ۋاپات بولغان . ۋاپات بولۇش ئالدىدا « يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ پولشاغا ئاپىرىپ دەپنە قىلىش » نى ۋەسىيەت قىلغان .
دوستلىرى 1850 - يىلى ئاخىرى بىر ئاماللارنى قىلىپ، ئۇنىڭ يۈرىكىنى پولشاغا ئېلىپ كەلگەن.
مېنىڭ بىلىشىمچە شوباننىڭ يۈرىكى ھازىرغىچە ۋارشاۋادىكى بۈيۈك « مۇقەددەس كېرىست چېركاۋى» دا ساقلانماقتا . پولشا مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ، شوباننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە
د ن ئا  تەكشۈرۈشى ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما فرانسىيە تەرىپىدىن رەت قىلىنغان . دېمەك ، ئەينى ۋاقىتتىكى فېئودال پادىشاھلىقلاردىن بىرى بولغان فرانسىيە « ياۋروپا باھارى » نىڭ غوللۇق كىشىلىرىدىن بىرى بولغان شوباننىڭ داۋاملىق ھايات يۈرۈشىدىن ئەندىشە قىلىپ قەستلىگەن ياكى چاررۇسىيەنىڭ بېسىمى بىلەن شوبانغا زىيانكەشلىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن .
بۈگۈن ئۆزىمىزنىڭ دەردى بىر تالاي بولغاچقا، مەرھۇمنىڭ ئىش - ئىزلىرى بەكلا قىسقارتىلدى.

*** ئىزاھاتلار :

1774 - يىلى 21 - ئىيۇل بۇلغارىيەدە كىچىك قاينارجا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، قىرىم خانلىقى، ئۇكرائىنا ۋە رومىنىيەدىكى ئىككى كىنەزلىك قولدىن كەتكەن. ئوسمانلى دۆلىتى تارىختا تۇنجى قېتىم رۇسلارغا ئېغىر ئۇرۇش چىقىمى تۆلىگەن. تۆلەم جەمئىي 15 مىڭ خالتا ئالتۇن بولغان.« ئەسلى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا 1768 - يىلغىچە قىسقا تېنچلىق بولغان بولۇپ، يېكاتېرىنا 1762 - يىلى كاۋكاز ، قىرىم ۋە ئۇكرائىناغا ئۇدا تاجاۋۇز قىلغاچقا، ئۇرۇش باشلانغان . بۇ پۇرسەتتە پرۇسسىيە، ئاۋسترىيە ۋە ئاچكۆز چاررۇسىيە بىرلىشىپ، پولشانى بۆلۈشۈۋېلىپ، ھەممىسى بىردەك رۇسلارنى قوللىغان. ئاخىرىدا تەختكە چىققىلى بىر يىل توشمىغان سۇلتان 1 - ئابدۇلھەمىد تەنھا قېلىپ ، بۇ چوڭ ئۇرۇشنى توختىتىپ، تەڭسىز سۈلھى تۈزۈشكە مەجبۇر بولغان ». نەتىجىدە ئوسمانىلارنىڭ ئوتتۇرا ياۋروپادىن چېكىنىشى بىلەنلا چاررۇسىيە ، پرۇسسىيە ۋە ئاۋسترىيەلەر
1787 - 1792 - يىللاردىكى چاررۇسىيە ۋە ئوسمانىيە ئارىسىدىكى ئۇرۇشلاردىن كېيىن ،
( بۇ ئۇرۇشلار رۇسلارنىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشقان. جۈملىدىن سۇلتان ئابدۇلھەمىت1 1789 - يىلى ئاپرىلدا « ئاناپا » قەلئەسىنىڭ رۇسلار قولىغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلاپ، غەزەپتىن مېڭىسىگە قان چۈشۈپ قازا قىلغان)
1792 - 1795 - يىللاردا پولشانى ئۈزۈل - كېسىل پارچىلاپ، يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغان.

170 يىلدىن كېيىنكى پولشا ۋە پولشا خەلقى :

1940 - يىلى 17 - ئىيۇن ئەنگلىيە ۋە فرانسىيە ئىتتىپاقداش ئارمىيە فرانسىيىدىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان.

1940 - يىلى 17 - ئىيۇن لاتۋىيە، ئىستونىيە ۋە لىتۋانىيە سىتالىننىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن. بۇ قارا نىيەت سىتالىننىڭ 1939 - يىلى گېتلىر بىلەن كېلىشكەندىن كېيىن پولشانى يۇتۇۋېلىپ، فىنلاندىيىدە تۇمشۇقىغا يېگەندىن كېيىنكى تۇنجى كېڭەيمىچىلىكى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.

1944 - يىلى 22 - ئىيۇل پولشا مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، جۇمھۇرىيەت قۇرغان. 1944 - يىلى 22 - ئىيۇل : پولشا ئاخىرى مۇستەقىل بولۇپ، جۇمھۇرىيەت جاكارلاندى. 1918 - يىلى  11 - نويابىر تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرغان. بىراق سىتالىن 1939 - يىلى سېنتەبىردە گېتلىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ ، پولشانى تەڭ يۇتۇۋالغان .
« پولشا تۇنجى قېتىم 966 - يىلى بەگلىك
بولۇپ شەكىللەنگەن. ( بۇ ۋاقىتتا ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ خوجىسى بولۇپ ، شەرقىنى ئۇيغۇر ئىدىقۇتلۇقى ، غەربىنى قاراخانىلار سورايتتى . ھەر ئىككى تەرەپنىڭ قاغانى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ كىچىك ئوغلى بۈيۈك سۇلايمان ئارسلانخان ئىدى ) . ئاندىن پولشا شاھلىقى 1025 - يىلى قۇرۇلۇپ، تاكى ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان 1241 - يىلى ئىشغال قىلغانغا قەدەر داۋام قىلغان. قايتا كۈچىيىش دەۋرى 1469 - 1769 - يىللار بولۇپ، مىلادى 1772 - 1815 - يىللىرىدا جاھانگىر، ئاچكۆز خوشنىلىرى بولغان رۇس،گېرمان،ئاۋستىرىيە ئارىسىدا ئولجا بولۇپ قالغان.1916 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدا گېرمانىيىنىڭ ياردىمىدە قايتا تىرىلگەن. لېنىنمۇ گېرمانىيە بىلەن ئۇرۇش توختاتقاندا پولشانى سوۋغا قىلىش بەدىلىگە كېلىشىم تۈزگەن. ئەمما گېرمانلار 1918 - يىلى 11 - نويابىردا مەغلۇپ بولغان. پولشا دەرھال 1919 - 12 - نويابىردا تۇنجى دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان. ئەمما سىتالىن 1939 - يىلى سېنتەبىردە گېتلىر بىلەن كېلىشىم تۈزۈپ قايتا يۇتۇۋالغان. ئاندىن گېرمانلار 1941 - يىلى ئىيۇلدا ئازات قىلغان.1944 - يىلى 23 - ئىيۇل مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەرگەن. ئەمما

سىتالىن 1945 -يىلى پولشانى يەنە يۇتۇۋالدى. بىراق يالتا روھى بويىچە، 21 - ئاپرىل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت قۇرۇپ بەردى. 28 - ئىيۇن قايتا جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلدى. ئامېرىكا 5 - ئىيۇل ئېتىراپ قىلدى. 16 - ئۆكتەبىر ب د ت غا كىردى. 1952 - يىلى يېڭى دەستۇر تۈزۈپ، خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان. 1955 - يىلى 14 - ماي ناتوغا قارشى ۋارشاۋا تەشكىلاتى پولشا پايتەختى ۋارشاۋادا قۇرۇلغان. 1991 - 1 - ئىيۇل بىكار قىلىنغان.1999 - 12 مارت ناتوغا كىرگەن. 2004 - 1 ماي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا
بولغان».

« 30 - ئۆكتەبىر » بولسا سابىق سوۋېتلەرگە قاراشلىق بارلىق جۇمھۇرىيەتلەردە « سىياسىي تەقىپلەر ۋە دۆلەت تېررورلۇقىنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان مەسۇملارنى خاتىرىلەش كۈنى » بولۇپ ، ھازىرغىچە ئەمەل قىلىنىپ كەلمەكتە.

تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇلار ھەسرەت بىلەن ئەسلەپ ، قايتا سادىر بولماسلىقىنى ئۈمۈد قىلىۋاتقان « سىتالىنچە سىياسىي تەقىپ ۋە گېتلىرچە ئىرقىي قىرغىنچىلىق » بۇ دۇنيادىكى جەھەننەمگە ئايلانغان ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ھەر جەھەتتە تېخىمۇ قورقۇنچلۇق ۋە ئومۇميۈزلۈك شەكىلدە خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كەلمەكتە.

پايدىلىق خەلقئارا ۋەزىيەتنى چىڭ تۇتساق، بىز پولشادىنمۇ ئەۋزەللىككە ئىگە بولىمىز. پولشانىڭ ئۈچ ئاچكۆز خوشنىسى چاررۇسىيە، پىرۇسسىيە ۋە ئاۋستىرىيە ئىدى.ئەمما ئادولف گېتلىرنىڭ ئاچكۆزلىكى پۇرسەت بەردى. بەلكىم «شى» نىڭ ئاچكۆزلىكى بىزگە شۇ پۇرسەتنى قايتا بېرىشى مۇمكىن. ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرايلى!

سايرام ئوغلانى                 ماھاچكالا

2019 - يىلى 30  - ئۆكتەبىر    چارشەنبە
ھىجىرىيە 1441 - يىلى مەۋلۇد ئېيى، 2 - كۈن.
20

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلۇشى

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ .

بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن .

 دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى: 

ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە  ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 - كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى .
ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.

ئىسيانچى ئەرەبلەرنىڭ ئاقىۋىتى :

ئەرەبلەر 1916 - يىلى 10 - ئىيۇن مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىن باشچىلىقىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1917 - يىلى كۈزگىچە ئوسمانلى ئارمىيىسىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن، 1918 - يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن « خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىش، بارلىق ئەرەبلەرنى بىر دۆلەت قىلىپ بېرىش » كۈچلۈك ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ھۈسەيىننى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ئابدۇلئەزىزنى نەجىتتىن ھىجازغا ھۇجۇم قىلغۇزۇپ، 1924 - يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۈسەيىننىڭ بارلىق قوشۇنىنى قىرغۇزۇۋېتىپ، شۇ يىلى يازدا ئىككى ھەرەمنى قالاق، بەدەۋى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن ھۈسەيىننى قۇتقۇزغان بولۇپ، سىپرۇسقا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پايسالنى سۈرىيە شاھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا 1916 - يىلى 16 - ماي تۈرۈلگەن « سايكس - پىكوت كېلىشىمى » نىڭ روھى بويىچە سۈرىيەنى فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىدۇ . فرانسىيە 1921 - يىلى پايسالنىڭ ** ئەرەب قوشۇنىنى يوقىتىپ، سۈرىيەنى ئىشغال قىلىدۇ. 1932 - يىلى ئەنگلىيە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىراق ۋە مىسىرغا قىسمەن شەكلى مۇستەقىللىق بېرىدۇ . ئابدۇلئەزىزمۇ شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە « سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى » نى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئىراق 1958 - يىلى، سۈرىيە 1960 - يىلى،  مىسىر 1952 - يىلى، كۇۋەيت 1966 - يىلى، قاتار 1968 - يىلى ، يەتتە ئەرەب بەگلىكى 1970 - يىلى ، ئالجىرىيە 1962 - يىلى ئاندىن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلىدۇ .

*** ( شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى فايسال)

1920 ـ يىلى شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى پايسال تاج كىيىپ سۈرىيە پادىشاھى بولغان.( پايسال بىلەن ئاتىسى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى نائىبى مېكماخۇن بىلەن كېلىشىپ، 1916 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى.ئەرەبلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەنگلىيە 1917 ـ يىلى 13 ـ مارتتا باغداتنى، 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئالدى.

1917 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتنى تولۇق تىزگىنلىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ھەممە جايدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆكۈپ تاشلاپ، ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېسىشقا باشلىغان.
« ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا رەقىپلەردىن بولۇپ،ئەنگلىيە 1914  - يىلى  نويابىردىلا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە  شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1916 - يىلى 29 - ئاپرىل ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنى  قۇتۇلئەمارەدە تۈركلەرگە تەسلىم بولۇپ،  ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى 10 - ئىيۇن  مەككە ئەمىرى شېرىپ ھۈسەيىن بىلەن ئوغلى پايسال ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئەرەب قوزغىلىڭىنى قوزغىغان.  نەتىجىدە ئەنگلىيە قايتا  پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاندىن يېڭى زاپاس قوشۇن تەشكىل قىلىپ، 1917 - يىلى  بىر قانچە غەلىبىلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق  11 -مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سەلتەنەت دەرۋازىسىدىن باغداتقا كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن  ئوسمانىلارنىڭ  باغداتتىكى 400يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1918 - يىلى 14 -
نويابىر ئەنگىلىيە كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا  موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوسمانىلارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن».

1918 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى دەمەشىقنى ئالدى. 1919 ـ يىلى يانۋاردىكى ۋېرسال شەرتنامىسى بويىچە بىر يىل تالاش ـ تارتىش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى پايسال سۈرىيە پادىشاھى، دادىسى ھۈسەيىن ھىجاز پادىشاھى بولغان. بىراق 1916 ـ يىلى 16ـ مايدا تۈزۈلگەن سايكس ـ پىكوت كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە گېنىرالى گورو 1921 ـ يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ،پايسالنى ئاغدۇرۋەتكەن. ئەنگلىيە ئۇنى ئىراققا پادىشاھ قىلغان. لېكىن ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى جەمەتىنى قوللاپ، 1924 ـ يىلى مەككە ـ مەدىنىنى ھۈسەيىندىن تارتىۋالغان. ئەنگلىيە ھۈسەيىننى قوغداش باھانىسىدە سىپرۇستا نەزەربەنت
قىلغان .

خۇلاسە قىلغاندا :

1908 - يىلى ئابدۇلھەمىدخانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستانبۇل مالىمانچىلىققا پاتقان. سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئاۋستىرىيە دەرھال بوسنىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قىلمىشقا سېربىيە قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى سېربلار بۇ جاينى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايتتى. ئەمما سېربىيە ئۇ ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. 1912 - 1913 - يىلدىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسى بالقاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. بوشناقلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيىگە كۆچتى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋستىرىيىنىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى بىر سېرب ئاشقۇن تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئاۋستىرىيە دەرھال سېربىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە شەرتلەرگە تولۇق كۆرمىگەچكە، ئاۋستىرىيە گېرمانىيىدىن مەسىلىھەت سورىدى. گېرمانلار ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئاۋستىرىيە 1914 - يىلى 28 - ئىيۇل سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە31 ئىيۇل - كۈنى ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. چاررۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئەنگلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن يۈرەكلىك گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914-4  - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە - فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گىرمانىيە - رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە - سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ 29 - ئۆكتەبىر ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن ئودېسسا پورتىنى توپقا تۇتۇپ، 2 - نويابىر رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - نويابىر رەسمىي ھالدا گېرمانىيە تەرەپكە قېتىلدى. نەتىجىدە بىراقلا سەككىز ئۇرۇش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش تۆت يىل سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بارچە ئېمپىرىيىلەرلەرنى يەر شارىدىن يوقاتتى.
1918 - يىلى 11 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:11 دە گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان « ۋېرسال كېلىشىمى» نى 1919 - يىلى يانۋاردىن تاكى ئىيۇلغىچە مۇزاكىرە قىلىپ ، 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ تارمىقى بولغان « سېۋىر كېلىشىمى » نى ئوسمانىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان.
ئەمما مۇستاپا كامال پاشا بۇ تەڭسىز كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماي ، لېنىنىڭ ياردىمىدە 1919 - يىلدا باشلىغان « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » داۋام قىلىپ ، 1922 - يىلى غالىپ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ،
1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىنى
« سېۋىر كېلىشىمى » نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان .

2 - ئافغانىستان ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ پوزىتيىسى

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى . ئەمما ئەنگلىيە « ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز !» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 - يىلى 11 - نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 - يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1919 - يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 - يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 - يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 - يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.  ئاقىۋەت 1925 - يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ . 1925 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى / 1796 - 1925/ ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ. 1935 - يىلى نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتىدۇ.
ئەمما رىزاخان ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ . بۇ بالا شاھ 1946 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 - يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 - يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . 1947 - يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان ، كەشمىر،  پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ . ئافغانىستاندا 1933 - يىلى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ياش ئوغلى مۇھەممەد زاھىر شاھ خان بولىدۇ.
2007 - يىلى 23 - ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى ئافغانىستان شاھى مۇھەممەد زاھىر شاھ ۋاپات بولغان. « ئۇ 1933 - يىلى 8  - نويابىر دادىسى مۇھەممەد نادىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. يەنى ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن 4 كۈن بۇرۇن تەختكە چىققان. 1973 - يىلى 17 - ئىيۇل تاغىسى داۋۇت قولىدا ئاغدۇرۇلغان.»    « مۇھەممەد زاھىر شاھ: 1914 - يىلى 16 -ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 23 - ئىيۇل 93 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن مەخپىيەتلىك بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ يەردىكى يارىماس قاچقۇنلار « خەخ ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولدىكى، بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش خىيالىغىمۇ كەلمىدى». ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلار بۇنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز !؟؟». زاھىر شاھ بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاز بولسىمۇ قوللىغان يېقىن خوشنىمىز ئىدى.

3 - مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

« كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش»

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان.
تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، كۇرد ۋە ئافغاندىكى باشقا مۇستەقىلچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم ئاقساقاللارنى، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت .

تۈركلەرنىڭ جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ، قايتا ھۆر ۋە ئەركىن ھالىتىنى ساقلاپ قالغان 96 يىللىق خاتىرە كۈنى قۇتلۇق بولسۇن !

2019 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر    نۇرلۇق سەيشەنبە

1441 - يىلى رەبىئۇل ئەۋۋەلنىڭ 1 - كۈنى .

مەۋلۇد ئېيىڭلارغا قۇتلۇق بولسۇن !

سايرام ئوغلانى          باقمىچىلىق مەيدانى
بەت 1 2 3 4 ... 10