2020/11/27 17:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 2 3 4 5 ... 10
21
جىددىي خەۋەرمىش تېخى .....

رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىنىڭ ھازىر ئېلان قىلىنغان « چاقماق » خەۋىرىدە
كالتەك توپ ماھىرى ئىمرانخان ماكروننى « ئىسلامغا ھۇجۇم قىلدى » دەپ ئەيىپلەپتۇ . ئەمما بۇ تۈلكىنىڭ مۇشاۋىرى ئون كۈن بۇرۇن « ئۇيغۇرلار ھىچنىمە ئەمەس ، شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەر يۈزىدە ئۇيغۇر مەۋجۇت بولمايدۇ » دېگەنىدى . تەپسىلاتى تۆۋەندە :

«خىتاي - پاكىستان دوستلۇقى ھىچ بىر دۆلەت ئارىسىدىكى دوستلۇققا ئوخشىمايدۇ. يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى، بىز ئۆز-ئارا ئورتاقلىشىمىز. ئۇيغۇرلار ھىچنىمە ئەمەس ، شۇڭلاشقا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇلارنى ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ ، ئۇزۇن ئۆتمەي يەر يۈزىدە ئۇيغۇر مەۋجۇت بولمايدۇ » دېدى، باكىستان باش مىنىستىرنىڭ مەسلىھەتچىسى دوكتور موئىد يۈسۈپ.

دوكتور يۈسۈف، بۇنىڭدىن باشقا ، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قارىتىلغان بارلىق مەسىلىلەردە، بېيجىڭ بىلەن ئىسلامئاباد ئوتتۇرىسىدىكى ئوچۇق-ئاشكارە سەۋىيىدە ئىكەنلىكىنى، پاكىستان ئەمەلدارلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە جازا لاگېرلىرىغا تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

«بىزگە نىسبەتەن ھەممە جەھەتتە ئوچۇق ئاشكارە بولغان خىتاي ھۆكۈمىتى بىزنى ئەڭ يېڭى ئۇيغۇر جازا لاگېرىنى ئېچىشقا تەكلىپ قىلدى. مەن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا چوشقا گۆشى يىگۈزىۋاتقانلىقىنى ، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم - بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىسلامنى تازىلاش (يوق قىلىش) نىڭ مۇھىم بىر قىسمى »دېدى دوكتور يۈسۈپ.

يۇقارقىلار تۆۋەندىكى خەۋەردىن تەرجىمە قىلىندى

مەن چۆچۈپ كەتتىم ۋە نېمە دېيىشنى بىلەلمەي قالدىم. مەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ھەرقانچە قىلسىمۇ بۇ قەدەر قىلار دەپ ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلغىنى مېنىڭ تەسەۋۋۇرۇمدىن ئېشىپ كەتتى.

"China and Pakistan are friends like none other. Virtually every human rights abuse under the sun we share with one another. Uyghurs are a non-issue, which is why the Chinese are killing them, and soon they'll be non-existent," Dr Moeed Yusuf, the advisor to the PM said.

Dr Yusuf further confirmed that such has been the level of transparency between Beijing and Islamabad on all issues, including human rights abuses, especially against the Uyghur Muslims, that Pakistani officials have actually been invited to the concentration camps themselves.

"The transparent Chinese government invited us to inaugurate the latest Uyghur concentration camp. I've personally seen Uyghur Muslims being force-fed pork, forced to drink alcohol--that is a crucial part of unlearning Islam that China is undertaking," Dr Yusuf said.

******************************

I was shocked and I don't know what to say. I did not expect this  from Pakistan government. It went beyond my imagination

بىچارە خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالى بىز خىيالىمىزدىمۇ تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە ئېچىنىشلىق ۋە قورقۇنچلۇق :

https://www.facebook.com/104571794283502/posts/129033451837336/?extid=0&d=n

ئەھۋال شۇنداق ئىكەن ، بىزنىڭ ئادەملەر نېمىشقا رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە ئىمرانخاندىن گەپ تالىشىدۇ . ماكرون ئۇلارغا ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىغان ئوبدان پۇرسەت چىقىرىپ بەردى. ئەمدى ئۇلار ماكروننى تازا تىللاپ ، شۇ باھانىدە ئىسلام دۇنياسىدىكى ئاللىبۇرۇن پۈرلىشىپ ۋە كۆكىرىپ كەتكەن ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنىدۇ . لېكىن خىتاينى ھېچكىم تىللىيالمايدۇ . چۈنكى خىتاينىڭ « سەۋزىسى بىلەن توقمىقى ھەر ۋاقىت تەييار ! » . ئۇنىڭ ئۈستىگە غەرپ خاتالىق سادىر قىلسىمۇ ئاشكارا سادىر قىلىدۇ . تىللىغانغا ئۆچ ئالمايدۇ . ئەمما ئىپلاس خىتاي ئەزىز خەلقىمىزگە قاراتقان بارلىق جىنايەتلىرىنى قاتتىق مەخپىي قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۆزىنى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھامىيسى دەپ ھېس قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرىدۇ . پەلەستىن خەلقىنىڭ قولىدا ئەقلىفونلار بار . ئۇلارنى پايلاپ تۇرغان مۇخبىرلارمۇ ساماندەك . شۇڭا ئۇلاردىن بىر ئادەم ئۆلسىلا ، جانابىي ئەردوغان بىلەن ئىمرانخان غەزەپ بىلەن بايانات ئېلان قىلىپ ، جاھاننى بىر ئالىدۇ . جانابىي  ئەردوغاندىن بايانات تالاشمىساڭمۇ ، ئۆزەڭ بايانات بەرگىدەك تالاي ۋەزىپىلەر سېنى كۈتۈپ تۇرمامدۇ ؟! رەجەپ تايىپ ئەردوغان گەپنى ئوچۇق قىلىپ بولدى . شۇنداق ئىكەن ، ماكرون ئەردوغانغا چىقارغان پاسقا بىللە پاس چىقىرىشقا ئۇرۇنغىدەك سەن كىمتىڭ ؟ ئۆزىنىڭ ئىشىغا پۇختا بولماي ، خەخنىڭ ئىشىغا كىرىشىۋالغاننىڭ ، ھەدېسىلا باشقىلارنىڭ چاپىنىدا تەرلەشكە خۇمار بوپقالغاننىڭ بەدىلىنى يەنە ئاشۇ خەلقىمىز ئۆتەۋاتىدىغۇ ؟!  ئەردوغان جۈرئەت قىلالمايدىغان خىتايغا قارشى باياناتنى سەن بەرمىسەڭ كىم بېرىدۇ ؟!؟ سەن دەۋاگەر تۇرۇپ ، ئۆزەڭنىڭ ئىشىدا ئۆزەڭ چوقان كۆتەرمىسەڭ ، ئەردوغان نېمىشقا چوقان كۆتۈرگىدەك بىكادىن !؟؟

يۇقىرىقى ئىمرانخاننىڭ غالچىسىنىڭ ئىنسان قېلىپىدىن چىققان شەرمەندە باياناتى ئەمەلىيەتتە ھازىرقى بارلىق تۈرك - ئىسلام ئەللىرى لېدىرلىرى چىن دىلىدىن ئارزۇ قىلىۋاتقان ، لېكىن ئاغزىدىن چىقىرىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ھەقىقىي يۈرىكىدىن چىققان گەپلەر . چۈنكى كىممۇ ئۆزىگە يۈك بولىدىغان، مۇسۇلماندارچىلىقتا ئۆزىدىن ئېشىپ كەتكەن ، شانلىق تارىخ ۋە مەدەنىيەتتە ئۆزىدىن يۈكسەك ئۈستۈن تۇرىدىغان ، باشقا مۇسۇلمانلاردەك ئېتقادىنى تۆت تەڭگىگە ساتمايدىغان ،  خىتايدىن كېلىدىغان مەنپەئەتكە توسالغۇ بولىدىغان مىللەتنى ياخشى كۆرسۇن ؟! ئۇنداق مىللەتنى ئۆزىگە ئوخشاش بۇلغاپ تاشلىيالمىغان ئىكەن ، ئۇنداقتا چوقۇم كۆزدىن يوقىتىش كېرەكتە ! بولمىسا ، ئۇلار تارىخنىڭ شانلىق بەتلىرىگە ، ماۋۇلار تارىخنىڭ لەنەتلىك سەھىپىلىرىگە پۈتۈلۈپ كەتمەمدۇ ؟! تەلىيىگە خىتايدەك بىر نامزات چىقىپ ، ئۇلارنىڭ بۇ چوڭ باش ئاغرىقىنى بىر ئوبدان ھەل قىلىپ بېرىۋاتسا ، ئۇلار نېمىشقا ئۆزىگە ، دۆلىتىگە ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە قارشى بايانات ئېلان قىلغۇدەك ؟!
ئۇلۇغ ئاللاھتىن ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ بېشىدىكى بارچە بالا - قازانى تېزراق كۆتۈرۈۋېتىپ ، نېسىي قالغاننى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ مۇھاجىرەتتىكى بەغەرەز ۋە كالۋا ، باغرى تاش ۋە نادان مەخلۇقلارغا ھەسسلەپ بېرىشنى تىلەيمەن !

نەچچە كۈندىن بۇيانقى تور دۇنياسىدىكى مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ ، ئاللاھقا قىلغان دۇئالىرىمغا مۇنۇ مەزمۇننى يېڭىدىن قوشتۇم : « ئەي قۇدرەتلىك ۋە ھېكمەتلىك رەببىم ، ئەگەر ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ شۇنچىۋالا ئاھۇ - زارى بەدىلىگە يېتىپ كېلەي دېگەن ياردەم ۋە نۇسرىتىڭ مۇھاجىرەتتىكى قاپاقباش ۋە ئۆلسىمۇ تۈزەلمەيدىغان جاھىللار تۈپەيلى كېچىكىپ ياكى توختاپ قالغان بولسا ، ۋەتەندىكى خەلقىمىز بىلەن مۇھاجىرەتتىكى تۇزكورلارنىڭ تەقدىرىنى  ئايرىۋەتكىن . بالا - قازانى چەتئەلگە سۈرۈۋېتىپ ، خەلقىمىزنى بىراقلا ئاپەتتىن خالاس قىلغىن ! بۇرچىنى ئۇنۇتقان ، مىللىتىگە پايدىسىدىن زىيىنى تۈمەن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن بەغەزەرلەرنى يا تېزراق باشقا مىللەتلەرگە قوشۇۋەتكىن ياكى دەرگاھىڭغا چىللاپ كەتكىن . ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسىدىن قېچىپ ، باشقىلارنىڭ ئىشلىرىغا چات كېرىشنى ئادەت قىلىۋالغان ئالدامچىلارنى ئۇ دۇنياغا تېزراق ئەكەتكىن . ياخشىلارنى ۋە مىللەتسۆيەر قېرىنداشلىرىمىزنى كۆپلەپ چىقىرىپ بەرگىن ! بەنى ئىسرائىلنى چۆلدە 40 يىل قالدۇردۇڭ ، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يارىماسلار ئۆلۈپ تۈگەپلا ، ئۇلار قەددىنى رۇسلىۋالدى . بىز 70 يىل چۆلدە قالساقمۇ ، نە روھىمىز ، نە جىسمىمىز تېخىچە دۈشمەن قورقۇنىچى ، تەسلىمچىلىك ۋە نەيرەڭۋازلىقتىن قۇتۇلالمىدى . ئۆز پەزلى - مەزھەمىتىڭ بىلەن بۇ جانغا زامىن ئىللەتلەردىن پاكلىغىن ! بۇزغۇنچىلار بىلەن نادانلارغا  ئۆزەڭ كۇپايە قىلغىن ! » ئامىن !

ئىشلار نائەھلىلەرنىڭ قولىغا قالغاندا قىيامەتنى كۈتسەڭ بولىدۇ.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام .

( خاتا يېرى بولسا ، پىكىر بېرەسىلەر. بولمىسا مۇشۇ دۇئانى ئوقۇشنى ئادەت قىلىمەن بۈگۈندىن باشلاپ .....).

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر.
22


دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز

  ئەركىنئاي ئابلىز 1976-يىلى بۈگۈر ناھىيىسىدە بىر ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1997-يىلى شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنى پۈتتۈرۈپ، باكلاۋۇر ئۇنۋانىنى ئالدى. ئۇ ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە ئۆزلۈكىدىن رۇس تىلى ئۆگەندى. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن بۈگۈر ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە فىزىكا ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئۇ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇشقا ئىرادە باغلاپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىز تىلىنى ئۆگەندى. شۇنداقال شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىرانت تەربىيىلەش مەركىزىدە«قوللانما ماتېماتىكا» كەسپىدە 2 يىل دەرس ئالدى.
ئامېرىكىدا ماگىستىرلىق ۋە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئۈچۈن ئوقۇيدىغان چەت ئەللىك ئوقۇغۇچىلار«توفىل» (TOEFL )دەپ ئاتىلىدىغان ئىنگلىز تىلى ئىمتىھانىسى بىلەن «GRE»دەپ ئاتىلىدىغان تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ كەسپىي دەرسلىرىنى مەزمۇن قىلغان يەنە بىر ئىمتىھاندا لاياقەتلىك بولمىسا بولمايدۇ.   ئەركىنئاي قاتتىق تىرىشىپ، ئۆزلۈكىدىن ئىنگلىزچە ئۆگىنىش نەتىجىسىدە TOEFL ۋە GRE ئىمتىھانلىرىدا ياخشى نەتىجە بىلەن لاياقەتلىك بولۇپ، 2001-يىلى نيۇ يورك شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ فىزىكا كەسپىنىڭ دوكتورلۇق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىندى. دوكتورلۇق ئوقۇشى جەريانىدا ئاپىسىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىنى ئاڭالپ، ئۇ بىر تەرەپتىن ئوقۇشىنى داۋامالشتۇرۇپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋاالش تېخنىكىلىرىغا ئائىت ماتېرىيالالرنى كۆرۈشكە باشلىدى. شۇ جەرياندا راك كېسەللىرىگە مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتقا قاتنىشىش ئىرادىسىگە كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ دوكتورلۇق ئوقۇشىدىن ۋاز كېچىپ، فىزىكا كەسپى بويىچە بىر ماگىستىرلىق ئۇنۋانىنى ئېلىپ بولۇپلا كەسىپ ئۆزگەرتتى.
  ئەركىنئاي جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىئومېدىتسىنا (Biomedicine ) ئىنژېنېرلىقى فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىردى. ئۇ جەرياندا راك كېسىلىنى دەسلەپكى مەزگىلدە كۆزىتەلەيدىغان تەننەرخى ئەرزان، رادىئاتسىيىدىن خالىي ئوپتىكىلىق ئەسۋاب لايىھىسى ئۈستىدە قاتتىق ئىزدەندى. دەسلەپكى 3 يىللىق ئىزدىنىش جەريانىدا ئۇنىڭ لايىھىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك  بولمىدى. ئەركىنئاي بۇ جەرياندا نۇرغۇن قىيىنچىلىقالارغا دۇچ كەلدى. بىر تەرەپتىن 3 ياشلىق قىزىغا يالغۇز ئانا بولۇپ، ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن رېستورانلاردا ئىشلەپ، يەنە بىر تەرەپتىن راك كېسەللىرىنى داۋاالشقا مۇناسىۋەتلىك يېڭى تەتقىقات تېمىسى ئۈستىدە قايتا ئىزدەندى، ھامان بىر كۈنى نەتىجە يارىتىشقا قەتئىي ئىرادە باغلىدى. ھەمدە ئىنگلىزچە«Photodynamic Therapy»دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۇسۇل بىلەن مېڭە راكىنى يۇقىرى ئۈنۈم بىلەن داۋاالش توغرىسىدا بىر يېڭى تەتقىقاتنى باشلىدى. ئادەتتە بۇ ئۇسۇل پەقەت تېرە راكى (cancer skin )نى داۋاالشقا ئىشلىتىلەتتى. چۈنكى ئۇ مەلۇم چاستوتىدىكى نۇر بىلەن دورىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋاالش تېخنىكىسى بولۇپ، نۇر بەدەننىڭ ئىچكى قىسمىغا تېشىپ كىرەلمەيدۇ. ئۆزى ئوقۇۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ تەجرىبە ئەسلىھەلىرى چەكلىك بولغاچقا، ئەركىنئاي ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى (FDA US )نىڭ تەبىئىي-پەن ۋە ئىنژېنېرلىق تەتقىقات مەركىزىدىكى تەتقىقاتچىلاربىلەن كۆرۈشۈپ، تەتقىقاتنى شۇ يەردىكى تەجرىبىخانىدا ئېلىپ بېرىش پۇرسىتىنى ياراتتى. ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى دۇنيادىكى ھەممە ساغالاملىق مەھسۇالتلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقاليدىغان ئورۇن بولغاچقا، ئۇلارنىڭ تەجرىبىخانىلىرى ئەڭ يېڭى ئەسۋابلار، دورىلار ۋە تېخنىكىلاربىلەن قورالالنغان. ئەركىنئاي شۇ يەردە ئىنگلىزچە «therapy Photodynamic assisted particle-Nano»دەپ ئاتىلىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق مېڭە راكىنى %90 داۋالاش ئۈنۈمىگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئۆز تەتقىقات نەتىجىسىنى بايان قىلىپ يازغان ئىلمىي ماقالىسى كەسىپداشلىرى ئارىسىدا ناھايىتى زور ئەتىۋارغا ۋە تەسىرگە ئېرىشتى. ئەركىنئاي ئەنە شۇ تەتقىقات نەتىجىلىرى بىلەن دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشتى.
ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇنىڭغا شۇ ئىدارىدە قېلىپ دوكتور ئاشتى بولۇپ ئىشلەشنى تەكلىپ قىلدى. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئۇ  تەكلىپنى قوبۇل قىلىپ، شۇندىن باشالپ ئاشۇ ئىدارىگە خىزمەتكە چۈشتى. ھەمدە مەرىلەند ئۇنىۋېرسىتېتى ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىرلىكتە ئورۇنالاشتۇرغان ئىنگلىزچە «Raliability Electrode Neural»دەپ ئاتىلىدىغان تېما ئۈستىدە ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ باردى. بۇ تەتقىقاتقا ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئەسى مىنىستىرلىقى مەبلەغ سالغان بولۇپ، ئەركىنئاي ئۇرۇشتا يارىلىنىپ پالەچ بولۇپ قالغانالرغا ئىشلىتىلىدىغان «Neural Electrode»نىڭ مېڭىگە كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىش سەۋەبى ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ باردى. ھەمدە ئەڭ يېڭى تىپلىق ئوپتىكىلىق دىئاگنوز قويۇش  ( Two Photon Microscopy, OpticalCoherenceTomography         
Electrode )
ئەسۋابلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى مېڭە ھۈجەيرىلىرى ۋە مېڭە قان تومۇرلىرىنىڭ توسالغۇغا ئۇچراش ئەھۋالىنى كۆزىتىدىغان لايىھە تۈزۈپ چىقىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازاندى.
ئەركىنئاي يەنە دوكتورلۇق ئوقۇشنىڭ ئاخىرقى يىللىرى ۋە دوكتور-ئاشتى بولۇپ ئىشلەۋاتقان مەزگىللىرىدە ئامېرىكىنىڭ ۋىرگىنىيە (Virginia )شتاتىدىكى ستراتفورد ئۇنىۋېرسىتېتى (University Stratford )تەرىپىدىن تەكلىپ قىلىنىپ فىزىكا، ماتېماتىكا، بىئولوگىيە دەرسلىرىنى ئۆتىدىغان قوشۇمچە پروفېسسور (Professor Adjunct )بولۇپ ئىشلىدى، ۋە ھەر مەۋسۇملۇق ئىلغار ئوقۇتقۇچىلارنى باھالاشتا ئوقۇغۇچىلار تەرىپىدىن يۇقىرى باھالارغا ئېرىشتى.
ھازىر دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ لازېر نۇرى ئارقىلىق كۆز ئوپېراتسىيىسى قىلىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش بۆلۈمىدە بىر ئانالىزچى مۇتەخەسسىس (Analyst )بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز مۇنداق دەيدۇ: »بىر تەرەپتىن ئوقۇپ، بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، ئىقتىسادىي بېسىمنى يېڭىش، ھەمدە قىزىمنى ساغلام پسىخىكا بىلەن تەربىيىلەپ چوڭ قىلىش جەريانىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقالارغا دۇچ كەلدىم. لېكىن، «ئاللاھ ھەرگىزمۇ ئادەمنى قۇدرىتى يەتمىگەن ئىشقا مەجبۇر قىلمايدۇ» دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. تەتقىقات جەريانىدا بولسا«ئاللاھ ھەممە كېسەلنى شىپاسى بىلەن يارىتىدۇ» دېگەن سۆزگە چەكسىز ئىشەندىم. باشقىلار
«ياق، بولمايدۇ» دېگەن جاۋابقا ئاسانلىقچە بولدى قىلمىدىم. ئەتراپىمدا ماڭا مەدەت بېرىدىغان، ۋە مېنى قولللايدىغان دوستلىرىمنىڭ بولغىنى ماڭا زور ئىشەنچ بېغىشلىدى.

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز ئۈرۈمچى ۋاختى  2020- يىلى 10- ئاينىڭ 25- كۈنى ( ۋاشىنگتون ۋاختى 24 - ئۆكتەبىر شەنبە كەچ ) تۈگەپ كەتتى.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن مەرھۇمەگە فىردەۋس جەننىتىنى تىلەيمىز . ئائىلىسىگە ۋە بارلىق ۋەتەنداشلارغا سەۋر تىلەيمىز . ئۆز ئارا مېھرى - مۇھەببەت بېرىشەيلى . ئۆز ئارا يار يۆلەك بولايلى ! ۋەتەنسىزلىكنىڭ ۋە غايەت زور ھەر خىل بېسىملارنىڭ نەتىجىسىدە ئۆز ئارا كۆڭۈل بۆلۈشۈپ بولالمايۋاتىمىز! ۋاختىدا رازىلىشىۋالايلى ! دىل ئازارى قىلىشمايلى ! ئاللاھ ھەممەيلەننىڭ تېنىنى سالامەت ، ئىشلىرىنى ئۇتۇقلۇق قىلسۇن ، ئائىلىسىنى ھەر خىل بالا - قازالاردىن قوغدىسۇن ! ئانا ۋەتىنىمىزدە ۋاپات بولۇشقا نېسىپ قىلسۇن ! ئامىن !

دوكتور ئەركىنئاي ئابلىز خەلقئارالىق ئىلمىي ژۇرنال ۋە ئىلمىي دوكىلاد يىغىنلىرىدا
ئېلان قىلغان ماقالىلەرنىڭ تىزىملىكى :
[1] Restaino S., Abliz E., Wachrathit K., Shah S.B, Krauthamer V., Biomechanical and
functional response of rat sciatic nerve to joint rotation following cuff electrode
implantation. Journal of Neuro Engineering and Rehabiitation. April, 2014
11
[2] Hammer D., Abliz E., Lozzi A., Agrawal A., Greenbaum N., Krauthamer V., and
Welle C.G., Longitudinal vascular changes from window preparation and electrode
implantation in mouse motor cortex measured with speckle variance optical
coherence angiography, Biomedical Optics Express, 2014
[3] Hammer D.X ,Lozzi A., Abliz E.,Agrawal A.,., Krauthamer V., and Welle C.G Daniel X.
Hammer, Andrea Lozzi, Erkinay Abliz, Noah Greenbaum, Kevin P. Turner, T. Joshua
Pfefer, Anant Agrawal, Victor Krauthamer, and Cristin G. Welle. Optical coherence
microscopy of mouse cortical vasculature surrounding implanted electrodes.
Photonics West conference Proceedings, February,2014
[4] Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Use of CT imaging to
evaluate effects of nerve stretch in rat sciatic nerve after cuff electrode implantation.
[5] Abliz E., Kim D., Zhang W., Agrawal A., Hammer D.X., Krauthamer V., and Welle
C.G., In vivo Two Photon Microscopy imaging of neural and vascular morphology near
an implanted neural electrode. IEEE EMBS Neural Engineering Conference, San Diego,
CA, November 7, 2013.
[6] Abliz E., Kim D., Welle C.G., Civillico E.F., Krauthamer V., Neurovascular Imaging
as Biomarker for Neural Implant Reliability. Uniformed Health Sciences University of
Health Sceinces NeuroScience Program 22nd Annual Open House and Poster Session.
Bethesda, MD, Oct 25, 2012.
[7] Abliz E., Restaino S., Wachrathit K., Shah S., Krauthamer V., Acute Functional and
Anatomical Changes Created by Increased Nerve Stretch after Nerve Cuff Implantation.
Uniformed Health Sciences University of Health Sciences Neuroscience Program 21nd
Annual Open House and Poster Session. Bethesda, MD, Dec 1st, 2011.
[8] Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A., Bell H, and Tata D.B., Novel
applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray induced
visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. August, 2011. Journal
of X-ray Technology).
[9] Abliz E., Collins, J.E., Friedberg J.S., Kumar A, Bell H, Waynant R.W., and Tata, D.B.
Novel applications of diagnostic X-rays in activating photo-agents through X-ray
induced visible luminescence from rare-earth particles: An in-vitro study. Bio
photonics and Immune Responses V. Conf. #7565, Feb.2011.
[10] Abliz E., Tata D., Waynant, R., Collins J., Friedberg J., Kumar A., Bell, H. Novel
Application of rare earth particles in activating photodynamic agents through X-Ray
Induced Visible Fluorescence: An In Vitro Study. Basic science section: The cuttingedge in optical diagnostic and therapeutic of tissues and cells at the annual ASLMS
conference, Phoenix , AZ , April 16, 2010.
سۈرەتتە: دوكتور ئەركىنئاي قىزى بىلەن بىللە

مەنبە :

كىتابخۇمارلار ئۇۋىسىدىن نەقىل قىلىندى .

2020 - يىلى 25 - ئۆكتەبىر.  قايغۇلۇق يەكشەنبە.
23
قاراخانىلار پارچىلانغاندىن كېيىن خەلىپە جىددىيلەشكەن:

يۈسۈپ قادىرخان 1032 - يىلى نويابىردا ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئون يىلدەك تىنچلىق ھۆكۈم سۈردى . بىراق 1037 - يىلدىن باشلاپ غەرپتە سالجۇقىلار ، شەرقتە قاراخىتايلار تەرىپىدىن كۈشكۈرتۈلگەن ياباقۇلار ۋە يەمەكلەرنىڭ بەزى ئىسيانلىرى چىقىشقا باشلىغان . 1040 - يىلغا كەلگەندە ئەھۋال ئېغىرلاپ كېتىپ ، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ جەسۇر ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخان ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن بىلەن ئالتايغا جازا يۈرۈشى قىلغان. ئۇلار زەپەر قۇچقان شۇ مىنۇتلاردا سالجۇقىلارمۇ غەزنەۋىلەرنى داندانقان ئۇرۇشىدا مەغلۇپ قىلغان . بۇ ئەھۋالدا قاراخانىلار غەزنەۋىلەرنى قوغداش ۋە تاشلاپ قويۇش مەسلىسىدە ئىختىلاپلىشىپ قالغان . سۇلايمان ئارسلانخان غەزنەۋىلەرنى ساقلاپ قېلىشقا مايىل ، ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان بۇرۇنقى مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلى ئۇلارنى تاشلاپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلغان . ئاقىۋەت بۇ كىرىزىس بىر پۈتۈن قاراخانىلارنىڭ ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىگەن. قاغانلىقنى پارچىلاش ئىشىنى يەنىلا غەربىي قىسىمدىكى ئەلى جەمەتى ( مۇسا بۇغراخاننىڭ نەۋرىلىرى) پەيدا قىلغان . ھەسەن جەمەتى ( ھارۇن بۇغراخاننىڭ ئەۋلادلىرى ) باغرى يۇمشاقلىق قىلىپ ، ئۇلارنىڭ غەربىي قىسىمنى مۇستەقىل سورىشىغا يول قويغان.

بۇ ئۆزگىرىش باغداتتىكى خەلىپىنى جىددىيلەشتۈرۈپ ۋە ھودۇقتۇرۇپ قويغان. چۈنكى بۇ چاغدا خەلىپە قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىلا ئېتىراپ قىلاتتى . سالجۇقىلارنى تېخى ئېتىراپ قىلمىغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە باغدات خەلىپىلىكى 945 - يىلدىن باشلاپ ئۇدا يۈز يىل ئىراننىڭ شىمالىدىن بېسىپ كەلگەن ئۈچ ئاكا - ئۇكا شىئەلەرنىڭ قورچىقىغا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ ، قاراخانىلار ، غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىلار ئۆز ئىشلىرى بىلەن بەنت بوپقالغان ھالقىلىق پەيتلەردە ، ئۇلاردىن ھامان زەربە يەيدىغانلىقىنى سېزىپ قالغان بۇھەيھىلەر خانلىقى 70 يىلدىن بۇيان مىسىرنى بازا قىلىپ ، غەربىي ئىسلام دۇنياسىنى تىزگىنلەپ بولغان فاتىمىيلار خانلىقى ( 909 - 1174 ) بىلەن يوشۇرۇن ئالاقىلىشىپ ، خەلىپىلىكنى ئابباس جەمەتىدىن ئەلى جەمەتىگە تاپشۇرۇپ بەرمەكچى بولغان. ئەينى چاغدا قاراخانىلار بىلەن خەلىپىنىڭ مۇناسىۋىتى ئالاھىدە ياخشى بولۇپ ، قاراخانىلار 999 - يىلى ھازىرقى ئۆزبىكىستاندا غەربىي ئىلىكخانلىق قۇرۇپ ، سامانىلارغا خاتىمە بەرگەندىن كېيىنلا ، باغداتتىكى خەلىپىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى . شۇندىن بېرى قاراخانىلار باغداتنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ كېلىۋاتقان ئىدى . ئەكسىچە غەزنەۋىلەر ھۆكۈمدارى سۇلتان مەھمۇد بىر نەچچە قېتىم خەلىپىنى قاراخانىلارغا ئوخشاش مەرتىۋە نامى بېرىشكە قىستاپ، خەلىپىنى رەنجىتىپ قويغانىدى . شۇڭا ئۆزىگە كۈچلۈك ئارقا تېرەك بولۇپ كېلىۋاتقان ، قورچاق خەلىپىگە سۈر - ھەيۋە بېرىۋاتقان قاراخانىلارنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىپ كېتىشى خەلىپىنى ھودۇقتۇرغان. بىراق ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ كەتمەي ئىناق ئۆتكەچكە ، خەلىپە 1042 - يىلى ئەلى تېكىن ئوغۇللىرىنى مەغلۇپ قىلىپ غەربىي ئىلىكخانلىقنى قولىغا ئالغان ئىبراھىم بۆرە تېكىنگە يۇقىرى مەرتىۋە نام ئىنئام قىلغان . سۇلايمان ئارسلانخانمۇ ئۇنىڭ « تاۋغاچ بۇغراخان » دېگەن نامىنى ئېتىراپ قىلغان . شۇڭا خەلىپىمۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ ،  غەربىي قىسىمدىكى « تاۋغاچ بۇغراخان » لارغا يېڭى مەرتىۋە نامى بېرىشكە مەجبۇر بولغان .

1044 - يىلى نويابىردا ئىبراھىم بۆرە تېكىننىڭ ئاكىسى مۇھەممەد تېكىن ( غەربىي ئىلىكخان ناسىر ئەلىنىڭ ئوغۇللىرى ) باغداتقا كېلىپ ، خەلىپىنى زىيارەت قىلغان. خەلىپە ئۇنىڭغا « دۆلەتنىڭ كۆزى » دېگەن مەرتىۋە نامىنى بېرىپ ، ئۇنىڭ پەرغانە ، ئەشرۇسىنە ۋە خوجەنتكە بولغان ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان . بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشنى ئىسلام تارىخچىلىرى يىل ۋە ئايلىرىغىچە تەپسىلىي پۈتۈپ قويغان .

1054 - يىلغا كەلگەندە ئەھۋالدا زور ئۆزگىرىشلەر بولدى. بۇۋەيھىلەر ( 932 - 1055 ) نىڭ ئۆزىنى ئاغدۇرۇش سۇيقەستىنى سەزگەن خەلىپە قائىم بىئەمرىللا ( 1030 - 1074 ) دەرھال سالجۇقىلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى . نەتىجىدە توغرۇلبەگ 1055 - يىلى باغداتقا كىرىپ ، بۇۋەيھىلەرنى يوقاتتى . بۇ ئارىدا قاراخانىلاردا ئىچكى نىزا يۈز بېرىپ ، سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن مۇھەممەد بۇغراخان ئارىسىدا ئۇرۇشلار بۇلۇپ ، مۇھەممەد بۇغراخان 1056 - يىلنىڭ ئاخىرى ئاكىسىنى يېڭىپ ، قەشقەردە قاغان بولدى. بىراق 15 ئايدىن كېيىنلا ئورنىنى ئەڭ ياراملىق ئوغلى ، 10 يىل بارسخان ھاكىمى بولغان ھۈسەيىن چاغرىتېكىنگە ئۆتۈنۈپ بەردى . ئەپسۇس ، ئۇنىڭ 1041 - يىلى غەزنەۋىلەر ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلگەندە تارتۇق قىلىنغان توقىلى زەينەپ خاتۇن ( مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى) بۇ ئىشقا نارازى بولۇپ ، 1058 - يىلى مايدىكى قاغان ئالمىشىش زىياپىتىدە مۇھەممەس بۇغراخان ۋە سۇلايمان ئارسلانخان باشلىق بارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ، ئوردا ئەمەلدارلىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، ئەمدىلا 17 ياشقا كىرگەن ئوغلى ئىبراھىمنى سۇلتان قىلدى. بۇ قېتىمقى سۇيقەستتىن شاھزادە مەھمۇد قەشقىرىلا مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالدى . مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ ئىنىسى مەھمۇد توغرۇلخان بىلەن جىيەنى ھەسەن بۇغراخان خوتەندە بولغاچقا ئامان قالدى . ئىبراھىم تەختكە چىقىپلا ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ كۈيئوغلى ئىنال تېكىنگە ھۇجۇم قىلغاندا ئۆلتۈرۈلدى . ئىنال تېكىن ياشتا چوڭ مەھمۇد توغرۇلخاننى تەكلىپ قىلىپ ، ھوقۇقنى تاپشۇرۇپ بەردى.
بۇ ۋەقەدىن كېيىن قاراخانىلار بىراقلا ئاجىزلاپ كەتتى. ئۇنىڭ ئورنىنى سالجۇقىلار ئېلىشقا باشلاپ ، خۇراساندىن كاۋكازغا، ھېراتتىن قۇددۇسقا ، پارس قولتۇقىدىن قىزىل دېڭىز ۋە ئاق دېڭىزغىچە بولغان جايلاردا ئاكتىپ كېڭىيىش ئېلىپ باردى.

گەرچە قاراخانىلار 15 يىلدەك مالىمان بولغان بولسىمۇ ، بىراق سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ھەسەن بۇغراخان كۆپ تىرىشىپ ، دۆلەت قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىغان.
« ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمدارلىق دەستۇرى - قۇتادغۇ بىلىگ» مۇ 1069 - يىلى بۇغراخانغا تەقدىم قىلىنغان . كېيىنچە ئۇنىڭ جىيەنى مەھمۇد قەشقىرىمۇ قايتىپ كەلگەن. بىراق مەھمۇد قەشقىرى تەخت دەۋاسى قىلماستىن ، ئەكسىچە داۋاملىق مەرىپەت بىلەن شۇغۇللانغان. قاغانلار يەنىلا سۇلايمان ئارسلانخان نەسلىدىن داۋاملاشقان . مەزكۇر ئۇنۋېرسال گۈللىنىش 1126 - يىلى ئالىمنىڭ ۋاپات بولۇشى ، 1128 - يىلى قاراخىتايلارنىڭ بېسىپ كىرىشى ، 1134 - يىلى شىمالىي ئىلىكخانلىقنىڭ قولدىن كېتىشى ، 1142 - يىلى ھەر ئىككى قاراخانىلارنىڭ قاراخىتايلارغا بېقىندى بولۇپ قېلىشىغىچە داۋام قىلدى . بىراق مەدەنىيەت گۈللىنىشى تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك قەشقەرنى خاراب قىلغۇچە داۋاملاشتى.

سۈرەتتە : ئىلىك ناسىرخاننىڭ ئوغلى مۇھەممەد بۆرە تېكىن خەلىپىگە مەكتۇپ يازماقتا. 

سايرام ئوغلانى

2020 - يىلى 17 - سېنتەبىر.
24

مۇھاجىرەتتىكىلەر كىملەر !؟ ئۇلارنىڭ بۇرچى نېمە !؟

نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى : ھازىر بىزگە ئۆزىمىزدىن بەكرەك ئۆزگىلەر يول كۆرسەتمەكتە:

نېتانىياخۇدىن تېڭىرقاۋاتقان ئۇيغۇرلارغا تەۋسىيە :

« بىز دۆلەت قۇرالىدۇق . ئەمما ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى . كۈچلۈك ھەربىي كۈچلا بىزنىڭ غەلىبە مېۋىمىزنى قوغداپ قالالايتتى . ئەمما كۈچلۈك ھەربىي كۈچ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچكە مۇھتاج . بىز بۇ كۈچنى كىشىلەردىن ئېغىر باج ئېلىش بىلەن ھەل قىلغان بولساق ، كۈچىيىش تۈگۈل تېزلا ۋەيران بولغان بولاتتۇق . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭلار . ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن شۇنچە قابىل ساناقسىز ئالىملىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا يىمىرىلىپ كەتتى . شۇڭا بىز توختىماي مەبلەغ جەلپ قىلدۇق . دۇنيادىكى بارلىق ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيە ۋە كەشپىياتلارغا بىز ئالدىن يۈرۈش قىلىپ ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق . نەتىجىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىزگە كۈچلۈك سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى . بىز مۇشۇ كۈچلۈك سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيادىكى 160 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆز ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق . خىتاي ، ھىندىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدۇ . مۇشۇ ئۈچ پۇتلۇق بىرىكمە كۈچ بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا . ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماددىي كۈچ ئۇزاققا پايلىمايدۇ . ئۇنى چىرىشتىن ۋە قولدىن كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر « مەنىۋىي كۈچ » بولۇشى كېرەك . شۇندىلا بۇ تۆت بىرىكمە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت ئۇزاققىچە سەلتەنەت سۈرۈپ گۈللىنەلەيدۇ» . (ئۇنىڭ سۆزى ئاخىرلاشتى) .

تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە ھەربىي كۈچ بەرپا قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان .

مىسىردىكى مىللىي ئويغىنىش پېشۋاسى ھەسەن بەننامۇ : « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ » دېگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىسىر مەنىۋىي داھىيسى مۇستاپا كامىل ( ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ) : « بىز يەيدىغىنىمىزنى، كىيىدىغىنىمىزنى ۋە باشقا بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ، بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن » . ئەڭ ئاخىرقى داڭلىق مىسىر مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غەززالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ : « بىر زاۋۇت ( فابرىكا ) قۇرۇش بىر مەسچىت قۇرغان بىلەن ئوخشاش ساۋاپ » دەپ تەكىتلىگەن .

ئۇنداقتا ئۇيغۇرنىڭ خارلىقى قاچان باشلانغان؟

ئۇيغۇرلار 1649 - يىلدىن 1949 -يىلغىچە موڭغۇللارنىڭ بېشىنى سىلاپ، مانجۇلارغا دۈشمەن بولۇپ قالدى. تاتار  ، قازاق ۋە قىرغىز قاتارلىق قىپچاقلارنىڭ بېشىنى سىلاپ، چاررۇسىيىگە دۈشمەن بولۇپ قالدى. بارلىق مەزلۇم مۇسۇلمانلارغا كەڭ قۇچاق ئېچىپ ئەنگلىيىنىڭ چىشىغا تېگىپ قويدى. ئوسمان ئىمپىرىيىسى جېنىدا ئەمەلگە ئاشۇرالمىغان پان ئىسلامىزىم ۋە پانتۈركىزىم يۈكى لەيلەپ يۈرۈپ ئۇيغۇرلارنىڭ دولىسىغا چۈشتى.
 
نەتىجىدە بۇ ئىككى ئىزىمدىن ئۆلگۈدەك قورقىدىغان چاررۇسىيە، ئەنگلىيە ۋە مەنچىڭ دۆلىتى قاتارلىق ئۈچ جاھانگىر خوشنىسىنىڭ قولىدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق ھالدا بوغۇلۇپ يۈرۈپ مۇنقەرز بوپكەتتى.

مېنى يىللارچە ئويغا سالغان بىر ھەدىس بار. بەلكىم بۇنى بىزنىڭ ئۆلىمالىرىمىز - ئالىملىرىمىز، سىياسىيونلىرىمىز تېخى كۆرمىگەندۇ!؟ كۆرسىمۇ تېخى مەنىسىگە يەتمىگەندۇ:
« مۇسۇلمانلارنىڭ قولىدىن تۇنجى بولۇپ چىقىپ كېتىدىغان ھالقا ھاكىمىيەتتۇر. ئەڭ ئاخىرىدا قولدىن چىقىپ كېتىدىغان  ھالقا نامازدۇر ».

دېمەك 1759 - يىلى 5 - ئىيۇل تۇنجى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغاندىن 1949 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ھاكىمىيەتتىن ئايرىلغانغا قەدەر سوزۇلغان 200 يىلدا ھەدىستىكى بىرىنچى مەزمۇن ئۇيغۇرلاردا ئۆز ئىپادىسىنى  تاپقان بولسا ، 1949 - يىلدىن 1989 - يىلغىچە قىسمەن كىشىلىرىمىز مەھرۇم قالدۇرۇلغان ئىبادەت ناماز 2017 - يىلدىن ئېتىبارەن تولۇق مەنئى قىلىنىشى بىلەن ئاخىرقى ھالقا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقانىدى.
ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى، ئۇيغۇرلار دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىدىن مەجبۇرىي كەچسىمۇ يەنىلا ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىپ قالالمىغانلىقى، ماڭا بۇ ھەدىسنى پەيغەمبىرىمىز خۇددى ئۇيغۇرلارغىلا نەسىھەت ، ۋەسىيەت ۋە ئاگاھلاندۇرۇش تەرىقىسىدە تەقدىم قىلغاندەك تۇيۇلىدۇ!» .
« يۇقىرىقى ھەدىس ماڭا بەئەينى 1759 -  يىلدىن 2019 - يىلغىچە بولغان ئۇيغۇر زور پاجىئەسىدىن  1100 يىللار ئالدىنئالا جىددىي ئاگاھلاندۇرۇۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرىدۇ».

دېمەك دۆلىتىڭ بولسا ھەممە نەرسەڭ بولىدۇ. ھازىرقى دەۋردە دۆلىتىڭ بولۇشى ئۈچۈن سەن باشقا مىللەتتىن پەرقلىق ئالاھىدىلىككە ئىگە بولۇشۇڭ كېرەك . ئۇيغۇرلار ھازىرغىچە دىنىي جەھەتتە تۇڭگان بىلەن بولغان پەرقىنى ، مىللىي جەھەتتە ئۆزبېك بىلەن بولغان پەرقىنى ئېنىق بىلمىگەچكە ، ھېلى خىتايلار تەرىپىدىن بۈيۈك جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەزاسى قىلىۋېلىنىش خەۋپىدە قالسا ، ھېلى نانقېپى تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولۇشتىن نېرىغا بارالمايۋاتىدۇ . ئاقىۋەت ، « تاياقنى ئۇيغۇرلار، ھالۋىنى يەنىلا خىتايلار ، تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر يەيدىغان ھالەت ئۆزگەرمىدى » .

1689 - يىلى غالدان قونتاجىنىڭ ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يېتىپ ، شەرقتە مانجۇرلارنى يۇتۇۋالماقچى بولغاندا ، قورچاق ئافاق خوجا خەلقىمىزنى دىن نامىدىن تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن : « ئۆرۈلدى پەلەكنىڭ چەرخى ، ئالەمنى ئالدى قونتاجى . خۇدانىڭ تەقدىرى شۇنداق ، ئاتام قالماق بىلەن ناجى» دېگەن « قۇللۇق شوئارى » نى تەقدىر دەپ ئىشەندۈرۈپ ، خەلقىمىزنىڭ مىللىي روھىنى ۋە قارشىلىق روھىنى ئۆلتۈرگەن بولسا ، 1789 - يىلى مەنچىڭ خانلىقى ۋەتىنىمىزنى ئىدارە قىلىۋاتقان بەگلەرنى « شىتاتلىق ۋاڭلار » غا ئۆزگەرتىپ ، دىنىي ئىناۋىتىنى سىياسىي مەنسەپ بىلەن يوق قىلغاننى ئاز دەپ ، ئىقتىسادىي ۋاستە بىلەن سىياسىي غەرىزىگە يەتكەن . كېيىنچە يەنىلا خاتىرجەم بولالماي ، قۇمۇل ۋاڭلىرىنى ئىلىغا ، تۇرپان ۋاڭلىرىنى قەشقەرگە يۆتكەپ ، تەسىر دائىرىسىدىن ئايرىپ تاشلىغان .

جاھالەتنىڭ ئوبدان بىر مىسالى ئوخشاشلا مىسىردىمۇ تەكرارلانغان بولۇپ ، 1798 - يىلى يازدا ناپولىئون بوناپارت مىسىرغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەندە ، مىسىر تەرەپ جەڭگاھقا « بۇخارى » دېگەن كىتاپنى بىللە ئېلىپ چىققان . ناپولىئون ئۇلارنى تەسلىمنامىسىنى ئېلىپ چىققان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ ، سوراپ كۆرسە ، تەرجىمانى ئۇنىڭغا : « مۇسۇلمانلار بۇ كىتاپ بار جايغا ئاپەت كەلمەيدۇ . تاجاۋۇز قىلغان دۈشمەن جاجىسىنى يەيدۇ » دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى يەتكۈزىدۇ . بۇ خىل چۈشىنىكسىز جاۋاپتىن قانائەت ھېس قىلمىغان ناپولىئون ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ ، مىسىرنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ، بۇ كىتاپنى تەرجىمە قىلدۇرۇپ كۆرۈپ ، بۇ كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ راسلا يۇقىرىدا دېيىلگەندەك خىسلەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ، ئەمما مۇسۇلمانلارنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى تەلىماتلارغا ئەمەل قىلماستىن، ئەكسىچە ئۇنى ئاسراپ تەكچىدە ساقلىغان شەكىلۋازلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ، فرانسۇزچە ھەربىي فورمىسىنى سېلىپ تاشلاپ، بېشىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ، ئەزھەر جامىسىنى رېمونت قىلىپ ، ئاۋامنىڭ كۆڭلىنى ئۇتۇش ئۈچۈن داۋاملىق : « مەن خۇدا سىلەرگە ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچى مەھدى . سىلەرنى تۈركلەرنىڭ زۇلۇمىدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن خۇدا مېنى ئەۋەتتى » دەپ ئالداپ ، ئۇدا ئىككى يىلغا يېقىن ئازغىنە ئەسكەر بىلەن مىسىرنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان . ماتىتەي 1914 - يىلى قەشقەر شەھىرىگە « تىتەي » بولۇپ كەلگەندىمۇ ئوخشاشلا ھەربىي فورما ئورنىغا سەللە يۆگەپ ، ئۇزۇن تون كىيىپ ئاۋامغا تەسىرلىك نۇتۇق سۆزلەپ ، تارىم ۋادىسىنى ساق ئون يىل ئازغىنە ئەپيۈنكەش ئەسكىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىغان.

ماتىتەي قەشقەرنىڭ ئۆز زامانىدىكى مۆتىۋەرلىرىنى تامامەن قىلتاققا ئىلىش ئۈچۈن، بۇ زىياپەت زالىدا سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە شۇنداق دەيدۇ:

- مەن ئۈچ خىل ئىشنى قىلماقچىمەن. بىرىنچى، مەسچىت ياسايمەن، ئىككىنچى، كۆۋرۈك سالىمەن، ئۈچىنچى، چۆل - باياۋان، بىنەم يەرلەرگە دەرەخ تىكىپ، پۇقرالارغا ئاسان بولۇش ئۈچۈن تۈگمەن - سوقىلارنى قۇرۇپ چىقىمەن.

بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغان يۇقىرى ئەمەللىك ئالۋان - ياساق چاپقۇچىلارنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچىلىپ: «بىزلەر ھەممىمىز ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئۇلۇغ دانا ھەرىكەتلىرىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەمدە بولىمىز» دەپ ۋەدە قىلىشىدۇ.

ئەسەردە بايان قىلىنىشىچە، ماتىتەينىڭ زىياپىتىگە داخىل بولغان قەشقەرنىڭ كاتتىلىرى زىياپەتتىن قايتقۇچە ئۆزئارا: «ماتىتەي ناھايىتى ياخشى مەنسەپدار ئىكەن. قەشقەر ۋىلايىتىگە مۇشۇنداق ئەمەلدارنىڭ كېلىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بولدى» دېيىشىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇزۇن ئۆتمەي، ما تىتەي ئۇلارغا كۆرگۈلۈكىنى كۆرسىتىدۇ.

زوزۇڭتاڭ دەۋرىدە يەرلىك بەگلەر بىكار قىلىنىپ ، ئاققۇن خىتايلار چوڭ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان . ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولماي قېلىپ ، 1900 - يىلدىن كېيىن يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ئۈنۈم قازانغان . چۈنكى تۇڭگانلار مۇسۇلمان بولغاچقا ، جاھالەت پىرلىرى نادان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا
 : « پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز » دېگەن قۇللۇق روھىنى يەنە دىن نامىدىن سىڭدۈرگەن.
خەلقىمىزنىڭ ئۇدا ئىككى ئەسىر توختىماي سىڭدۈرۈلگەن خاتا ۋە بۇرمىلانغان پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدە 1912 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە چوڭ ئاخۇن مافۇشىڭ ( تۇلۇم چاشقان ماتىتەي )نىڭ ، 1924 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە كىچىك ئاخۇن ماشاۋۋۇ ( ئورۇق چاشقان مادوتەي ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولۇپ ، ئەڭ ئالتۇن تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان . چۈنكى بۇ چاغدا سىتالىن تېخى 1921 - يىلى قوزغالغان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئەنگلىيەمۇ 1924 - يىلى قوزغالغان زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ھېچقايسىسى قول تىقىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئەمما دەل ئەنە شۇ ھالقىلىق 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى، سەئىدىيە سەلتەنەتى گۇمران بولۇپ، جاھالەت ۋە ئاسارەت ئاستىدا 300 يىل خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ ، يېڭى ئەسىردىكى ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەرىكىتىنى خېلىلا ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتۈك مەنىۋىي داھىي سوۋېت ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ، شاپتۇل داموللىدەك ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلارنىڭ قوللىشى ، ئۆمەر بايدەك ئاچكۆز بايلارنىڭ قاتىل ياللىشى ۋە نادان بىر تەلۋىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا قەستلەپ يوق قىلىنغان . نەتىجىدە توققۇز يىل كېچىكىپ كەتكەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەمدىلا غەلىبە قىلىپ ، قەشقەردە 1933 - يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن قەددىنى رۇسلىۋالغان سىتالىن تۇڭگان باندىت ماجوڭيىڭنىڭ قولى بىلەن 84 كۈندىن كېيىن قەشقەردىكى ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان .

ئۇنىڭدىن كېيىن خورلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1930 - يىللىرى سۇنجۇڭسەننىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلانغان خەلقىمىز ، 1937 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن بىلەن شېڭ شىسەي جاللاتنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1949 - يىلغىچە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭغا ساداقەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ، 1949 - يىلدىن كېيىن ماۋ نىڭ سۈرىتىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاننى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇرلاندى . بولۇپمۇ يېقىنقى 70 يىلدا تارتقان خورلۇق تارىختىن بۇيانقى بارلىق خورلۇقلاردىن ئېشىپ كەتتى .

يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولغان تاتار نۇشىرۋان يائوشېفمۇ بۇ ھەقتە قاتتىق كايىغان .
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ، يا نەپسانىيەتچى قارا قورساقلار ( بۇرۇن تالاي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ ، ھازىر خىتايغا يەم بوپكەتكەن بىر قىسىم قاشتاشچىلارغا ئوخشاش ) ، يا ئىشغالچى ھاكىمىيەتكە سادىق غالچىلار (  ھەر خىل ۋاڭلار ۋە ئۆمەربايغا ئوخشاش مىللىي مۇناپىقلار) ، ۋە ياكى دۈشمەن بىر قوللۇق سەمرىتكەن ساداقەتمەنلەر
( قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە بىۋاستە جەمەتلىرى ) نىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ كەلگەچكە،
ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىمىزگە قىلچە پايدىسى تەگمىگەن . 1830 - يىللاردا يەكەندىكى ئاچكۆز باي رۇستەم ئامباللىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ، خەلقىمىزنى قان يىغلىتىپ يۈرۈپ، خەجلىگەن پۇلىنى ھەسسە قاتلىۋالغان . 1900 - يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن شوراپ تاپقان ھارام پۇللارنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى شۆھرەت تاپقان . 
1920 - يىللىرى ئۆمەر باي ، قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ باجلىرىنى ياڭ زېڭشىڭغا بىراقلا تۆلەپ، ئارقىدىن ئۆزى خەلقتىن ھەسسىلەپ يىغىپ تىقىلىپ كەتكەن . ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە سورىسا بەش تىللامۇ بەرمىگەن . تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ، رەھبەرلەر چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن پۇللارغا. شېڭ شىسەي 1937 - يىلى ئۆمەر باينى ئۆلتۈرۈپ ، مۇسادىرە قىلىنغان ھېساپسىز بايلىقلار بىلەن سىتالىندىن قەرز ئالغان بەش مىليون رۇبلى ئالتۇننى تۆلىگەن . 1949 - يىلدىن كېيىنكى ئىپلاسلارنى دېمەيلا قويايلى !

يېتىم مىللىتىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبەدىي خارلىتا قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەتكەن : « زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10]. سۈرە نىسا 10 - ئايەت.

ھەر ھالدا خەلقىمىز ئىچىدە خوتەن شاھى ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجىغا ئوخشاش، مۇسابايلارغا ئوخشاش ئاز ساندىكى خەلقىدىن شۈلۈپ ئالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە چاڭ سالمايدىغان ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ خەلقىنىڭ قېنىنى شورىمايدىغان ، بەلكى خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاز ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر بايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى بىلەن خەلقىمىز ھەر ھالدا يېڭى ئەسىرگە ئۇلىشالىغان . ئەمما كېيىنكى بايلار مىللەتنىڭ غېمىدىن كۆپرەك شەخسىي غېمىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەننى ئاز دەپ ، بارا - بارا ئۆزىنى خەلقىدىن ئايرىپ قارايدىغان خاھىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئاقىۋەت « پۇلنى تېپىشنى بىلگەن بىلەن ، قانداق خەجلەشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بايلار » پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەۋېتىلدى . باندىتلار خەلقنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىۋاستە شورىماي ، ئەنە شۇلارغا شوراتقۇزۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى . كېيىنچە ئۇلارنى يوقىتىش شۇنچە ئاسان بولدى . چۈنكى
« ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى » نەتىجىسىدە خەلق ۋە بايلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولدى . بۇمۇ قاراقچىلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بولسا كېرەك .

ئىسلام دىنىدا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساپتا ئەڭ بۇرۇن ئېغىر سوراققا تارتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم يۇقىرىدا نېتانىياخۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان تۆت خىل يىمىرىلمەس كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر . دىنىي ئالىملار ۋە مەنىۋىي داھىيلار شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياۋى پەنلەردە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە پىشقان ئالىملار شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بايلار شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، جەڭچىلەر شۇ مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

ئەمدى قاراپ باقايلى ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى تۆت خىل كۈچىگە ۋەكىللىك قىلغۇچىلار ھازىر زادى قەيەردە !؟ نېمىش قىلىۋاتىدۇ !؟

دىنىي زاتلىرى ھالاكەت ئالدىدىكى ئۈمۈدسىز خەلقىنى ئۆزىگە خاس ئۇسۇلدا يېتەكلىمەستىن، ئەكسىچە ، ئەرەبلەر ئۆزىنىڭ رېئاللىقى ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان يول خەرىتىسىنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپلا خەلقىمىزگە سۇنۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتىدۇ . نەتىجىدە سەئۇدىنى دورىغانلار بىلەن مىسىرنى دورىغانلار ، ئەرەبچە ئەنئەنىۋى يولنى دورىغانلار بىلەن يېڭىلىقچىلار ئارىسىدا بىر مەيدان « كاپىرغا چىقىرىش » ئېغىز ئۇرۇشى پارتلاپ ، ئازاپلىرى يېتىپ ئاشقان خەلقىمىزنى تېخىمۇ قايمۇقتۇرۇپ يۈرۈۋاتىدۇ .

دىنىي زات دەپ ئاتىلىۋېلىپ ، نە ئۆزىگە نە خەلقىگە پايدىسى يەتمىگەنلەرگە قارىتا قۇرئان كەرىم شۇنداق باھا بەرگەن ۋە ھۆكۈم قىلغان :
« شەك ـ شۈبھىسىزكى، جىن ۋە ئىنسانلاردىن نۇرغۇنلىرىنى دوزاخقا (يېقىلغۇ بولۇش ئۈچۈن) ياراتتۇق. ئۇلار دىللىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق ھەقنى چۈشەنمەيدۇ. ئۇلار كۆزلىرى بولغان بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ دەلىللىرىنى) كۆرمەيدۇ. ئۇلار قۇلاقلىرى بولغىنى بىلەنمۇ، ئۇ ئارقىلىق (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىبرەت ئىلىپ) تىڭشىمايدۇ. ئۇلار گويا ھايۋانغا ئوخشايدۇ، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر گۇمراھتۇر، ئەنە شۇلار غاپىلدۇر » . سۈرە ئەئراف 179 - ئايەت.

بايلارغا كەلسەك ، ئەڭ ئېھتىياجلىق زامانلاردا يەنىلا خەلقتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ يۈرۈۋاتقاننى ئاز دەپ ، تېخىچە ئېسىل ماشىنىسى بىلەن ئاشخانىغا كۈندە كېلىپ ، تەييار تاماق يەپ قايتىشتىن باشقا ئىشقا يارىمايۋاتىدۇ . ( ھەر ھالدا ئاز ساندىكى مىللەت ئۈچۈن يەڭ تۈرۈپ، داغدۇغا چىقارماي ئىش باشلىغانلاردىن سىرت). بۇنداق مەلئۇنلاردىن قوتاندىكى قوي - كالا ياخشى ئەمەسمۇ !؟ نېمىلا دېگەن بىلەن بورداپ باققان قوينى باشقا كۈن چۈشكەندە يا سويۇپ يېگىلى بولىدۇ ، يا سېتىپ خەجلىگىلى بولىدۇ . ئەمما بۇنداق زېمىنغا يۈك ، خەلققە ئاپەت ئېشەكلەرنى يا يېگىلى ، يا ساتقىلى بولمايدۇ . بەلكىم بۇلارنىڭ ئۆلۈكىمۇ مەڭگۈ چەتئەلدە قېلىپ توزۇپ تۈگەيدۇ . چۈنكى خەلقىمىز كېيىنچە كىمنىڭ ھەقىقىي مىللەت ئۈچۈن خىزمەت قىلغىنىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ . باش كۆتۈرگەن ھامان ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى ۋەتىنىگە ئاپىرىپ دەپنە قىلىدۇ .

ھالقىلىق پەيتتە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن پۇل سەرپ قىلمىغان بېخىل كىشىلەرگە ئاللاھ تائالاھ تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چىقارغان :

« ...... ئالتۇن ـ كۈمۈش يىغىپ، ئۇنى ئاللاھنىڭ يولىدا سەرپ قىلمايدىغانلارغا (دوزاختا بولىدىغان) قاتتىق ئازاب بىلەن بېشارەت بەرگىن. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئۇ ئالتۇن ـ كۈمۈشلەر جەھەننەمنىڭ ئوتىدا قىزىتىلىپ، ئۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ پېشانىلىرى ، يانلىرى ۋە دۈمبىلىرى داغلىنىدۇ. ئۇلارغا: «بۇ سىلەرنىڭ ئۆزەڭلار ئۈچۈن يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلار (سىلەر بۇ دۇنيالىرىڭلاردىكى ئاللاھنىڭ ھەققىنى ئادا قىلمىدىڭلار). يىغقان ئالتۇن ـ كۈمۈشۈڭلارنىڭ ۋابالىنى تېتىڭلار» دېيىلىدۇ[35]. سۈرە تەۋبە 34 - 35 - ئايەت.

مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش يولىدا پۇل چىقارغان كىشىلەر بىلەن ئازات بولغاندىن كېيىن ئاندىن پۇل چىقارغانلارنىڭ پەرقى ھەققىدىمۇ ئوچۇق ئايەت بار :

« نېمىشقا سىلەر ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلمايسىلەر، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ مىراسى ئاللاھقا خاستۇر، سىلەردىن مەككە پەتھى قىلىنىشتىن ئىلگىرى پۇل ـ مال سەرپ قىلغانلار ۋە (رەسۇلۇللاھ بىلەن بىرلىكتە تۇرۇپ دۈشمەنلەر بىلەن) ئۇرۇشقانلار، (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن كېيىن پۇل ـ مال) نەپىقە قىلغانلار ۋە ئۇرۇشقانلار (بىر ـ بىرى بىلەن) باراۋەر ئەمەس، ئەنە شۇلارنىڭ دەرىجىسى (مەككە پەتھى قىلىنغاندىن) كېيىن نەپىقە قىلىنغان ۋە ئۇرۇشقانلارنىڭ (دەرىجىسىدىن) چوڭدۇر، (ئۇلارنىڭ) ھەر بىرىگە ئاللاھ جەننەتنى ۋەدە قىلدى. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر[10]. سۈرە ھەدىد 10 - ئايەت.
كىمكى ئاللاھقا قەرزى ھەسەنە بېرىدىكەن (يەنى ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تىلەپ، ئۇنىڭ يولىدا پۇل ـ مال سەرپ قىلىدىكەن)، ئاللاھ ئۇنىڭغا ھەسسىلەپ قايتۇرىدۇ، ئۇنىڭغا چوڭ ساۋاب بېرىدۇ » . سۈرە ھەدىد 11 - ئايەت.

ئەمدى جەڭچىلەرگە كەلسەك ، ئۇلارنى ئەرەبچە « مۇجاھىد » دېگەن ھامان كاللىغا ئاپتوماتىك ھالدا ئەرەب جاڭگاللىرىدىكى قوراللىقلار كېلىدۇ . ئەمما بىزدەك ماماتلىق پەيتتە تۇرۇۋاتقان بىر مىللەت ئۈچۈن ، ئەر ياكى ئايال دېمەستىن ، يېشىغا يەتكەن ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى بىر « ئەركىنلىك جەڭچىسى » بولۇپ ھېساپلىنىدۇ . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا ، مۇھاجىرەتتىكى بارلىق كىندىك قېنى ۋەتەنگە تۆكۈلگەن ياكى چەتئەلگە تۆكۈلگەن بولسىمۇ ئانا ۋەتىنىگە بولغان مۇھەببىتى يوقالمىغان بارلىق شەخسلەر جەڭچىلەرنىڭ ئۆزىدۇر .( مەيلى ئۇ قايسى مىللەتتىن بولغان بولسۇن ، قايسى دىنغا ئېتىقاد قىلسۇن ) . يېتەكچىسى يوق پادىلارغا ئايلىنىپ قالغانلارنىغۇ زېرەك قاسساپلار باغۇ - بوستان مەنزىرىلىك ئادەم قاسساپخانىلىرىدا سويۇپ تۈگىتەي دېدى . ئەمما باشقا پىدائىيلار ۋە بولغۇسى جەڭچىلەر نېمىش قىلىۋاتىدۇ  !؟ ئۇرۇش ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىش زۆرۈرتىغۇ !؟ تەييارلىق يالغۇز قورال بىلەن بولمايدىغۇ !؟ قولغا قورال ئېلىشتىن بۇرۇن تالاي سالاھىيەتلەرنى ھازىرلاش كېرەك. بىزدە ھەر ئىشنى دەل ۋاختىدا قىلىش روھى يوق دېيەرلىك . ھازىر « ئوقۇ ، بىلىم ئال ، ئويلان، تەپەككۇر قىل ، روھىڭنى كۈچەيت » دېسە گەپ ئاڭلىماي « چوڭ ئىش بولسا قىلىمەن ، كىچىك ئىشنى ياراتمايمەن » دەپ ئولتۇرۇپ ، ۋاختى كەلگەندە سەپەرۋەرلىك قىلسا ، قانچىلىك شەخس شۇ ھامان ئاۋاز قوشۇپ ھەرىكەتكە ئۆتەلەيدۇ ......!؟؟؟

ئويلىنايلى ، ئۆزىمىزنى ئوبدان دەڭسەپ باقايلى، كىچىككىنە خىتاي ۋىرۇسى تۈپەيلى قانچىلىك ئالاقزادە بوپكەتتۇق !؟ جان تاتلىقمىكەن !؟ ئەجەبا بىزنىڭ جېنىمىز ۋەتەندىكى بىھۇدە بەدەل تۆلەۋاتقان خەلقىمىزنىڭ جېنىدىنمۇ تاتلىقمىكەن !؟ ھازىرقى ئۆيگە سولىنىش مەزگىلى يا تەسلىم بولۇش يا ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئالدىدىكى بىر كىچىك پىسخىك سىنىقى ئېلىپ بارىدىغان ياخشى پۇرسەت . ئۆزىڭىزنى دەڭسەپ بېقىڭ . ھەر ھالدا ئۆزىڭىزنى ئېتىراپ قىلغىنىڭىز ، كېيىنچە نۇرغۇن ئىشلارنى ئىشلارنى بۇزۇپ قويماسلىقىڭىز ۋە ئاقساتماسلىقىڭىز ئۈچۈن پايدىلىق . مىللەتكە بىرەر پايدىلىق ئىش قىلىپ بېرەلمىسىمۇ ، زىيان سالمىسىلا مەيلى دەيدىغان تۆۋەن سەۋىيىدىكى ئاڭدا ياشاۋاتىمىز . ئەمما ھېچقىسى يوق . « تۆمۈرنى تاۋلىمىغىچە پولاتقا ئايلانماس » دېگەندەك ، ئۆمۈرنى ۋە ئۆزىنى تاۋلىمىغۇچە بۇ مىللەتنىڭ لاياقەتلىك ئەزاسى بولۇش تەس . بۇلۇۋاتقان ئاپەتلەر ۋە قىيىنچىلىقلار بىزنى تېخىمۇ قەيسەر قىلغاندىن سىرت ، بۇنداق ئىشلارنى ھەل قىلىش يولىنى تېپىپ چىقىشقا تۈرتكە بولىدۇ . بىز ھازىر بارلىق ھەل قىلىش چارىلىرىنىڭ ئاقمايدىغانلىقىنى ، پەقەت خۇدا بەرگەن ۋاز كېچىلمەس ھەققىمىز بولغان مىللىي مۇستەقىللىق ۋە ئەبەدىي ھۆرلۈك چارىسىلا بىزنى ساقلاپ قالىدىغان بىردىنبىر يول ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يەتتۇق . ئەمدى ئاشۇ تونۇش بويىچە ھەرىكەت قىلىشلا قېپقالدى .

ھەدېسىلا دىن سۆزلەيدىغان ، ئۆزىنى موللا ، ئۆزگىنى چولتا سانايدىغان ئەۋلىيالار ، ئۆزىنى ھەقىقىي مۇسۇلمان دەپ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەر قانداق سەپداش ۋە قېرىنداش بۇ ھەقتە ئوبدان ئويلىنىپ بېقىشى لازىم . چۈنكى ئىسلام تەلىماتلىرىغا قارىغاندا ، يۇقىرىقى ئۈچ مۇھىم ساھە كىشىلىرى بولغان ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر قاتلىمى مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالالايدىغان بولۇپ ، قىيامەتتىكى تۇنجى قېتىملىق ئەڭ قاتتىق ھېساپ - كىتاپ شۇلار ھەققىدە بولىدىكەن . ئەلۋەتتە ، بۇ دۇنيادىمۇ ئەڭ قاتتىق ۋە ئىنچىكە سوئال - سوراق شۇلار ھەققىدە بولۇشى كېرەك.
بۇنداق بولغاندا ، ئۆزىنى ۋەتىنى ۋە خەلقىگە قەرزداز ، ئۇلار ئالدىدا گۇناھكار سۈپىتىدە قاراپ ھەرىكەت قىلماي، ئەكسىچە ئۆزىنى تۆھپىكار، نىجاتكار ، كېلەچەكتىكى ھاكىمىيەتنىڭ باش سېكرىتارلىرى دەپ قارىۋالغان نومۇسسىز ئىنسانلار ئەقلىنى تېپىشى كېرەك . ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك ! « سەن ۋارقىراپ تۇرۇپ كۈندە ئېلان بەرمىسەڭمۇ خەلقىمىز ھەقىقىي ۋەتەن ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلاۋاتقانلارنى ئوبدان بىلىدۇ . ئالدامچىلارنى تېخىمۇ ئوبدان بىلىدۇ » . بۇ بىر قېتىملىق ئاخىرقى تېپىلماس ئالتۇن پۇرسەت . بۇ پۇرسەتتتىمۇ نىيىتىنى ، ئۆزىنى ، سۆزىنى ۋە ھەرىكىتىنى پاكىزلىيالمىغانلار بۇ دۇنيادا ۋە ئۇ دۇنيادا تېگىشلىك جازاسىنى تارتىدۇ .

نېتانىياخۇ راس دەپتۇ . ئالىملار ، بايلار ۋە ئەركىنلىك جەڭچىلىرى ئۇيقۇمىزنى ئاچايلى ! ئىش ئىگىسىنى تاپسۇن ! ۋەتەن ئۈچۈن پۇل تاپايلى ، تاپالمىساق تاپقانلارنى قوللايلى ! ۋەتەن ئۈچۈن بىلىم ئالايلى ! قولىمىزدىكى بارچە ماددىي ۋە مەنىۋىي كۈچىمىزنى خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن دەسمايە قىلايلى !
« ئەرگە بىر نۆۋەت ، يەرگە بىر نۆۋەت » . نۆۋەت بىزگە كەلگەندە چارچاپ يىقىلماي، تېخىمۇ چىڭ تۇرايلى ! غەلىبە پەقەت ئاخىرىغا قەدەر چىدىيالىغانلارغا مەنسۇپ !

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 3 - ئاپرىل. جۈمەسىز جۈمە.
25
موسكۋا ۋە قەشقەرنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش

كىرىش سۆز ئورنىدا :

2020 - يىلى 5 - 6 - سېنتەبىر كۈنلىرى رۇسىيە ئاھالىسى موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقىنى تەبرىكلىدى . گەرچە خىتاي ۋىرۇسىنىڭ خەتىرى تېخى تولۇق دېگىدەك ئاخىرلاشمىغان بولسىمۇ ، بىراق ۋىلادىمىر پۇتىن ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىپ ، بۇ يىل موسكۋا شەھىرىنىڭ 873 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ، نۇتۇق سۆزلەپ ، پايتەخت ئاھالىسىگە سالام ئېيتتى.

ئۇنداقتا ئورۇس تارىخچىلىرى ئورۇسلار ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ، جۈملىدىن قەشقەر ۋە موسكۋا ھەققىدە نېمىلەرنى ئېيتقان ؟ ھازىرقى موسكۋا بۇرۇن قانداق ئىدى ؟ ھازىر قانداق بولۇپ قالدى ؟ ئورۇسلار بۇرۇن كىم ئىدى ؟ ھازىر كىم بولدى ؟ ئۇيغۇرلار بۇرۇن كىم ئىدى ؟ كېيىن كىمگە ئايلىنىپ قالدى ؟ ئەمدى كىم بولۇشى كېرەك ؟

« ئورۇسلار ئەمدىلا ئىپتىدائىي ئورمان ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ، موسكۋا شەھىرىنى قۇرغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ قەشقەر شەھىرى مەدەنىيەتنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئىدى ». ۋاسىلىيېۋ. 

بۇ يىل 6 - سېنتەبىر ئەسلىدە سازلىق بولغان موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقى بولۇپ ، 1147 - يىلى كېنەز يورى دولگوروكى تەرىپىدىن قۇرۇلغان . دېمەك موسكۋا شەھىرى قۇرۇلماستا ، قەشقەر شەھىرى ھازىرقى ئوتتۇرا شەرقتىكى تۈگىمەس نىزالار ۋە چۈشكۈنلۈك سەۋەپلىك ئاللىبۇرۇن توپا - چاڭ بېسىپ ، خارابلىشىپ كەتكەن باغدات ، دەمەشىق ، قاھىرە ، ئىسپاھان، سەمەرقەند ۋە بۇخارالاردىن شۆھرىتى ئېشىپ كەتكەن تەۋەررۈك شەھەر ئىدى . چۈنكى بۇ ۋاقىتتا قەشقەر شەھىرى تۇنجى تۈرك - ئىسلام ئىمپىرىيىسى بولغان بۈيۈك قاراخانىلارنىڭ پايتەختى ئىدى . ئىسلام ۋە تۈرك - ئىسلام مەدەنيىتى مۇشۇ شەھەر ئارقىلىق بارچە تۈرك يۇرتلىرىغا يېيىلىپ ، ئىران ۋە خۇراساندا سالجۇقىلار سەلتەنىتى ، غەزنىنى مەركەز قىلىپ ، جەنۇبىي ئاسىياغا توختىماي كېڭىيىۋاتقان غەزنەۋىلەر سەلتەنىتىنى مەنىۋى جەھەتتىن ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇراتتى.

1 . قەشقەرنىڭ قىسقىچە جۇغراپىيىسى، مىللىي مەدەنىيىتى ۋە تارىخى ھەققىدە :

قەشقەر شەھىرى ئانا ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇبى قىسىمىغا جايلاشقان بولۇپ ، بۈگۈنكى ئاتالمىش قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ مەمۇرىي مەركىزى. قەشقەرنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى شىمالىي كەڭلىك 39° 24' 26؛ شەرقىي ئۇزۇنلۇق 76° 6' 47، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىگى 1290 مىتىر. قەشقەر شەھرىنىڭ 1999-يىلى ئېلان قىلىنغان نوپۇسى 205،000. قەشقەردە ھازىرقى بار بولغان قەدىمى شەھەر كوچىلىرىدىن ھېيتگاھ جامىئەسىنى مەركەز قىلغان چاسا كوچا، ئوردا ئالدى، بۇلاق بېشى، ئوردا مەسچىتى، دۈڭمەسچىت، جانقۇرغان، تۆريارباغ، كونا دەرۋازا يولى، يار بېشى كولالىچىلار مەھەللىسى قاتارلىق جايلار ئۆستەڭ بويى ئەتراپلىرىغا مەركەزلەشكەن. ئوردا بېشى يولى، كونا دەرۋازا يولى، يارباغ يولى، ئارىيا يولى ئوتتۇرىسىدىكى قەدىمىي تۇرالغۇ- كوچىلار قەشقەر شەھىرىنىڭ يارباغ ئىش باشقارمىسى تەۋەسىدە بۇلۇپ، جانقۇرغان كوچىسى بىلەن بۇلاق بېشى كوچىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا يەنە 20 نەچچە تار كوچىلارغا ئايرىلغان. ئومۇمىي دائىرىسى 2 كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئون نەچچە مىڭ ئاھالە ئولتۇراقلاشقان. بۇ كوچىلارنىڭ بەرپا قىلىنىش تارىخىنى مىلادى 10- ئەسىرلەرگىچە سۈرۈشكە بولىدۇ. چۈنكى قەشقەر شەھىرى مىلادى 893 - يىلدىن تاكى 932 - يىلى ئوغۇلچاق بۇغراخان ئاغدۇرۇلغىچە قاراخانىلارنىڭ تالاستىن كېيىنكى قوشۇمچە پايتەختى بولغان . 932 - يىلدىن 1041 - يىلى قاغانلىقنىڭ ئاساسلىق پايتەختى بولغان . 1042 - يىلدىن 1141 - يىلغىچە شەرقىي قىسىم قاراخانىلارنىڭ پايتەختى بولغان . 1141 - يىلدىكى قەتۋان ئۇرۇشىدىن كېيىن ھەر ئىككى قاراخانىلار قاراخىتايلارغا بېقىندى بوپقالغاندىن تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك قەشقەرنى خاراب قىلغۇچە داۋاملىق پايتەخت بولغان .

جۇغراپىيەلىك ئورنى ۋە كىلىماتى :

قەشقەر شەھىرى قەشقەر دەرياسى دېلتىسىنىڭ ئوتتۇرا، يۇقىرى قىسمىغا جايلاشقان. ئۇنىڭ شەرق، شىمال، غەرب تەرىپى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. جەنۇب تەرىپى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىسى بىلەن تۇتىشىدۇ. شەرقتىن غەربكىچە بولغان كەڭلىكى 13 كىلومېتىر، جەنۇبتىن شىمالغىچە بولغان ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر، شەھەر رايونى كۆلىمى 15.5 كۋادرات كىلومېتىر.

يەر تۈزۈلۈشى: شىمالىي تەرىپى ئېگىز، جەنۇبىي تەرىپى پەس، تارىختىن بۇيان دەريا ئېقىنلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ تۇرۇشى، تىنىشى بىلە، يەر تۈزۈلۈشى مۇرەككەپ بولۇپ كەتكەن. تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى ۋە تۈمەن دەرياسى بار. ئونىڭ يىللىق ئېقىن مىقدارى 2 مىليارد 185 مىليون كۇب مېتىر. تۈزلەڭلىك يەر ئاستى زاپاس سۇ مىقدارى 67 مىليون كۇب مېتىر.

قەشقەر شەھىرى ئىللىق مۆتىدىل بەلۋاغ قۇرغاق ئىقلىم رايونىغا كىرىدۇ. يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.7. ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40.1، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى-24.4. كۈننىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ۋاقتى 2874 سائەت. 10 جۇغلانما تېمپېراتۇرىسى 4250.5. قىروسىز مەزگىلى 218 كۈن. يىللىق ئوتتۇرىچە ھۆل-يېغىن مىقدارى 61.5 مىللىمېتىر. سۇنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە پارغا ئايللىنىش مىقدارى 2487.1 مىللىمېتىر.

قەشقەر شەھىرى ئىقتىسادىي جەھەتتە سانائەتنى ئاساس قىلىدۇ. سانائىتى توقۇمىچىلىق سانائىتى، بۇياقچىلىق، ئېلېكتر قۇۋۋىتى، خىمىيە سانائىتى، خۇرۇمچىلىق، يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ماشىنسازلىق ۋە رېمونتچىلىق، مەتبۇئات ۋە ئەنئەنىۋى قول ھۆنەرۋەنچىلىكى قاتارلىق 20 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، توقۇمىچىلىق، مىللىي، ئالاھىدە سانائەت ۋە ساياھەتچىلىك بۇ شەھەردىكى تۆت چوڭ تۈۋرۈك كەسىپ ھېسابلىنىدۇ. شەھەر ئەتراپى رايونى يېزا ئىگىلىكىدە شەھەر ئاھالىسىنى «كۆك تاق» بىلەن تەمىنلەش ئاساس قىلىنىدۇ. دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن بۇغداي، كۆممىقوناق، شال، كېۋەز، مېۋە-چېۋە، كۆكتات قاتارلىقلار بار.

قەشقەر شەھىرىدىكى بۇ قەدىمى كوچا- تۇرالغۇلار، بۇ يەردە ياشاۋاتقان ئاھالىلەرنىڭ قول- ھۈنەر سەنئىتى، ئۆرپ- ئادىتى، بىناكارلىق مەدەنىيىتى ئۇزۇن تارىخىنىڭ ئەينى سىماسىدۇر. بۇ جاي بىزگە يىراق قەدىمى دۇنيانىڭ تەسىراتىنى بېرىدۇ. قەشقەر شەھىرىنىڭ بۇ قەدىمى كوچا تۇرالغۇلىرىنى ئايلانغاندا، ھەر بىر دۇقمۇشتىن قايرىلىپ، خىلمۇ خىل مەدەنىيەت ئىزنالىرىنى بايقىغاندا، نەچچە يۈز يىل، ھەتتا مىڭ يىل ئالدىدىكى دەۋردە تۇرىۋاتقاندەك، قىسقىغىنا ھاياتتا نەچچە دەۋىرنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگەندەك بىلىنىدۇ.

قەشقەر شەھىرى مىلادىدىن بۇرۇنقى 7 - ئەسىردە تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا قاغاننىڭ پايتەختى بولغان بولسا ، مىلادى 10 - ئەسىردىن باشلاپ قاراخانىلارنىڭ ئاساسلىق پايتەختى بولغان . بۇ ھەشەمەتلىك شەھەر 1212 - يىلى قاراخىتايلار ( 1142 - 1212 ) تەختىنى تارتىۋالغان نايمان خانزادىسى كۈچلۈك تەرىپىدىن تولۇق خاراپ قىلىدىغاندىن كېيىن ، خارەزملىك ئۇيغۇر سودىگەر مەھمۇد يالۋاچ ۋە ئوغلى مەسئۇد چاغاتايخاندىن رۇخسەت ئېلىپ ، شەھەرنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، بۇرۇنقى ساچىيە كۇتۇپخانىسى ئورنىغا داڭلىق مەسئۇدىيە كۇتۇپخانىسىنى قۇرۇپ چىققان . بىراق قەشقەر شەھىرى 1388 - يىلى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى جاھانگىر مىرزىنىڭ قولىدا يەنە بىر قېتىم خاراپ بولغان . ھەتتا مىرزا ئۇلۇغبەگ بىر مەزگىل ئىشغال قىلىپ تۇرۇپ ، ئامالسىز چېكىنىدىغان چاغدا خاراپ قىلىۋەتكەن . ئۇزاق ئۆتمەي مىرزا ئابابەكرى قولىدا يەنە بىر قېتىم ۋەيران بولغان . ئاخىرى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ چىقىپ ، قەشقەر شەھىرىنى قايتىدىن مەركىزىي ئاسىيانىڭ مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلاندۇرغان. شۇنىڭ بىلەن قەشقەر شەھىرى تاكى غالدان ئىستىلاسىغىچە گۈللەپ - ياشنىغان. ئۇندىن كېيىنكى 350 يىللىق تارىخى ھەممىگە مەلۇم.

2 . موسكۋا شەھىرى ھەققىدە قىسقا بايان :

شەرقىي ياۋروپا تۈزلەڭلىكىدىكى موسكۋا دەرياسى بويىغا جايلاشقان موسكۋا ئەسلىدە ئادەم ياشىمايدىغان سازلىق بولۇپ ، مىلادى 914 - يىلدىن 1090 - يىللىرىغىچە داۋام قىلغان ھازارلار ، قىپچاقلار ۋە پېچەنەكلەرنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇملىرى ۋە غەرپكە كۆچۈشى سەۋەپلىك ئورۇس قەبىلىلىرى جان ساقلاش ئۈچۈن بۇ سازلىق رايونغا ماكانلىشىپ قالغان . مىلادى1147 - يىلى موسكۋا شەھىرىنىڭ ئۇلى قوپۇرۇلۇپ ، ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئۆيلەر ئىنشا قىلىنىشقا باشلىغان . بىراق 1221 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى تولۇق ئىستىلا قىلغان چىڭگىزخاننىڭ قىپچاقلارنى قوغلاپ كەلگەن ئوغلى جۇچىغا قارشى 1223 - يىلى يازدا ئۇرۇش ئاچقان ئورۇسلار كالكا دەرياسى بويىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، موڭغۇل قاغانلىقىنىڭ خارەزمشاھلاردىن كېيىنكى دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالغان . موڭغۇل قوشۇنى 1224 - يىلى غەرپتىن ۋاقىتلىق چېكىنىپ چىقىپ ، تاڭغۇت خانلىقىنى يوقىتىپ ، شىمالىي خىتاينى بېسىپ ياتقان ئالتۇن خانلىقىنى يوقاتماقچى بولغاندا چىڭگىزخان ئۆلۈپ كېتىپ ، 1229 - يىلى ئوغلى ئۆگەدەي قاغان بولغاندا قايتىدىن تەشكىللىنىپ ، ئالدىن بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ، قايتا تىرىلگەن خارازمشاھ جالالىددىنغا قوغلاپ زەربە بېرىپ ، 1231 - يىلى ئۆكتەبىردە ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ، ئاندىن ئاساسلىق قوشۇننى قايتۇرۇپ كېتىپ ، 1232 - يىلى سەددىچىندىن كىرىپ، ئۇدا تۆت يىل ئۇرۇش قىلىش ئارقىلىق جۇرجىتلارنىڭ ئالتۇن خانلىقى ( 1124 - 1236 ) نى يوقاتقان. ئاندىن چاقماق تېزلىكىدە غەرپكە يۈرۈش قىلىش كېڭىشى ئاچقان . كېڭەشتە قاراخانىلار ۋە خارەزمشاھلار تەۋەسىدىن ئەل بولغان مۇسۇلمان قوماندانلار ئىسلام دۇنياسىغا يۈرۈش قىلىش پىكرىگە نارازى بولغان . ئۆگەدەيخان ئۇلارنىڭ پىكرىگە ھۆرمەت قىلىپ ، تۇنجى قېتىملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىشنى ئۇرال ۋە قىرىمدىن باشلىماقچى بولغان .

غەرپكە يۈرۈش قىلىشقا چىڭگىزخاننىڭ ئەڭ چوڭ نەۋرىسى باتۇخان مەسئۇل قىلىنغان. باتۇخان 1237 - يىلى ھازىرقى ئېتىل( ۋولگا ) دەرياسى بويىدا پايتەختى « ساراي » نى قۇرۇپ ، كېيىنكى يىلى غەربىي شىمالدىكى بەيئەت قىلمىغان ئورۇس كېنەزلىرىگە ھۇجۇم قىلغان . شۇنداق قىلىپ يېڭى قۇرۇلغان موسكۋا
1238 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانى باتۇخان تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان . ئورۇسلاردىن پەقەت ۋىلادىمىر كىنەزى ياروسلاۋ بىلەن ئوغلى ئىسكەندەرلا باتۇخانغا بەيئەت. قىلىپ ، ئۆمۈر بويى سادىق بولغان . شۇڭلاشقا ئەڭ ئاخىرقى ئورۇس سەلتەنىتىنى ساقلاپ قالغان ئىسكەندەر ھازىر رۇسىيەدىكى 1 - دەرىجىلىك مىللىي قەھرىمان دەپ ئاتىلىدۇ .

1312 - يىلى تەختكە چىققان ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبىكخان ئورۇسلارغا ، بولۇپمۇ موسكۋا كىنەزلىكىگە زور ئىمتىياز بەرگەچكە ، 1341 - يىلى ئۆزبىكخان  ئۆلگەندىن كېيىن ، موسكۋا كىنەزلىكى ئايرىلىپ چىقىش قەستىدە بولغان . 1380 - يىلى سېنتەبىردە كېنەز دېمىترى ئالتۇن ئوردىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئۇلارنى مەغلۇپ قىلغان . بىراق توختامىشخان 1382 - يىلى 24 - ئاۋغۇست موسكۋانى خاراب قىلىپ ، دېمىترىنى تىرىك تۇتۇپ ، بۇ جايدا قايتا تەرتىپ ئورناتقان. شۇ قېتىم ۋەيران بولغان موسكۋا 1427 - يىلغا كەلگەندە ئاندىن تەدرىجىي ئەسلىگە كېلىشكە باشلىغان . شۇنىڭ بىلەن موسكۋا تاكى 1480 - يىلغىچە ئالتۇن ئوردا قولىدا قالغان . بىراق شۇ يىللىرى ئەسلىدىكى ئالتۇن ئوردا ئۇلۇسى ئۈچ خانلىققا پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن ، موسكۋا كىنەزى ئىۋان ئىسيان كۆتۈرۈپ ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان . ئۇنىڭ ئەۋلادى قەھىرلىك ئىۋان 1547 - يىلى تۇنجى چارپادىشاھلىقنى قۇرغاندىن كېيىن ، ئورۇسلار چاررۇسىيە نامىدا كۈچىيىشكە باشلىغان . بۇنىڭغا دىققەت قىلىۋاتقان سۇلتان سۇلايمان ئورۇسلارنى تىنجىتماقچى بولغان. بىراق ئۇنىڭ ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم سۇلتان بارلىق كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ ، سۇلتاننى شەرقتىكى سافاۋىلار ۋە غەرپتىكى ئەھلى سەلپ ئەللىرى بىلەن ئۇرۇشۇشقا قايىل قىلغان . بۇنى پۇرسەت بىلگەن ئىۋان 1552 - يىلى قازان خانلىقىنى ، 1558 - يىلى ئاستراخاننى يۇتۇۋالغان . بىراق بۇ چاغدا ياۋروپادىكى ئالدىنقى سەپتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان سۇلتان سۇلايمان 1566 - يىلى 6 - سېنتەبىر ۋېنگىرىيەدىكى سېگىتۋاردا قازا قىلغان. ئوسمانىلار 1571 - يىلى قىرىم قاغانلىقىنىڭ يول باشلىشى بىلەن موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، شۇ يىلى 24 - ماي موسكۋانى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتكەن . ئىۋان قېچىپ قۇتۇلغان . ئۇلار موسكۋادىن يۈزمىڭ قۇلنى تۇتۇپ كېلىپ، قىرىمدا ساتقان . ئورۇسلار شۇ پەسكويغا چۈشكەنچە ، 1685 - يىلغا كەلگەندىلا ئاندىن ماغدۇرىغا كېلىپ ، بۈيۈك پېتىرنىڭ يېتەكچىلىكىدە 1711 - يىلىغىچە ئۇدا ئۇرۇشۇپ ، ئاخىرى قارا دېڭىزغا چىقىش يولىغا ئېرىشكەن. بىراق شۇ يىلى پېتىر ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىپ ، قايتىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالغان. پېتىر يەنە موسكۋانى تاشلاپ ، 1712 - يىلى پايتەختنى ھازىرقى سانكت پېتىربۇرگقا يۆتكەپ كەتكەن . پېتىر تارتقان زىياننى يىراق شىمالدىكى خوشنىسى شېۋىتسىيەگە بۈيۈك شىمال ئۇرۇشى قوزغاپ ، ئاخىرى بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىپ تولۇقلىۋالغان . ئاندىن ئۇدا يۈز يىل كېڭىيمىچىلىك قىلغان چاررۇسىيە 1812 - يىلى ناپولىئوننىڭ 680 مىڭ مۇنتىزىم قوشۇنىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان . بىراق ناپولىئونمۇ قۇرۇق موسكۋا شەھىرىنى تاشلاپ چېكىنىپ كەتكەن . يەنە يۈز يىلدىن كېيىن ، گېرمانىيە يۈرۈش قىلىپ ، پېتىربۇرگقا ئاز قالغاندا ، دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان . 1917 - يىلى چاررۇسىيە غۇلاپ چۈشۈپ ، 1918 - يىلى بولشېۋىكلار پايتەختنى قايتىدىن موسكۋاغا يۆتكىگەن. 1941 - يىلى گېتلىر موسكۋانى ئاخىرقى قېتىم خاراپ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا چېكىنىشكە مەجبۇر بولغان. شۇندىن بېرى ھېچكىم موسكۋانى قايتا خاراپ قىلىپ بويسۇندۇرۇپ باقمىغان. ئەكسىچە مۇشۇ موسكۋا ۋە ئۇنىڭ قىزىل يۈرىكى كېرمىل سارىيىدا تالاي ئەللەرنىڭ تەقدىرى پىچىلىپ ، كېلەچىكى بېكىتىلىدىغان ھالەتكە كەلگەن . ئەنە شۇ كېرمىل سارىيى يېقىنقى 150 يىلدىن بېرى ئۇدا بەش قېتىم قەشقەرنىڭ ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقىدەك ئېچىنىشلىق تەقدىرىنى بېكىتىپ قويغان .

خاتىمە ئورنىدا :

كېرمىل تېمىغا بىرلىكتە سوئال قويۇش :

« موسكۋا خىياللىرى » نىڭ ئاپتورى دوكتۇر نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندى « موسكۋا خىياللىرىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۇيغۇر » ناملىق ماقالىسىدە ،« ئۇيغۇرلارنىڭ موسكۋادىكى كونسۇلى» دەپ ئاتالغان مەرھۇم شەرىپ ئاكا بىلەن ئۆزىنىڭ قىزىل مەيداندىكى كېرمىل تېمىغا بىرلىكتە سوئال قويغانلىقى ھەققىدە مۇنداق ئەسلىمىلىك ئۇچۇرلارنى بەرگەن :

1990-يىلى، 21-مارت، دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك ئىككى دۆلەتنىڭ بىرى، يەنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىكى قۇدرەتلىك رەقىبى سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ پايتەختى موسكۋاغا قەدەم بېسىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپادىكى 8 يىللىق ئوقۇش ۋە تەتقىقات ھاياتىمنى باشلىدىم. قىزىل مەيداندىكى كرېمل سارىيىنىڭ ئېگىز تاملىرىغا قاراپ سانسىز قېتىملاپ ئاچچىق سوئاللارنى قويدۇم. چۈنكى بۇ تامنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرى تالاي قېتىم مۇزاكىرە قىلىنىپ پىچىلغانىدى. ئەگەر بۇ تام قەتئىي قارار بەرگەن بولسا، 1921-يىلىدىن، ياكى 1933-يىلى ۋەياكى 1944-يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىكى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ ئىگىسى بولغىنىغا ئازغىنا كەم بىر ئەسىر بولۇپ قالار ئىدى. ھېچ بولمىسا، بۇ تام خۇددى پۈتۈن ئوتتۇرا ئاسىيا، يىراق شەرق ۋە باشقا زېمىنلارنى قوشۇۋېلىپ دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەگە ئايلىنىش جەريانىدا ئۇيغۇرلار زېمىنىمۇ قوشۇۋالغان بولسا، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيىتى بولۇپ ئاخىرقى ھېسابتا خۇددى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىزلاردەك مۇستەقىل دۆلەت بولغىنىغا 20 نەچچە يىللار بولغان بولار ئىدى. مىڭ ئەپسۇس! تەلەي كاج بولسا، ئىمپېرىيەلەر، مېنى بېسىۋال، قوشۇۋال، ساڭا تەۋە بولاي دېسەڭمۇ ئالمايدىكەن، ئەمما ئۇنىڭغا زۆرۈر بولسا، مىڭلىغان ئادىمىنى چىقىم قىلىپ بېسىۋالىدۇ ياكى قوشۇۋالىدىكەن. ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئەگەر تارىخىي ھۆججىتى ئاشكارىلىنىپ دەلىللەنسە، خۇددى شاھىتلار ئېيتىشقاندەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ستالىندىن ئەگەر مۇستەقىللىقنى قوللىمىسا، ھېچ بولمىغاندا شەرقىي تۈركىستاننى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، ئۇنىڭ بىر ئىتتىپاقداش جۇمھۇريىتى بولۇشنى تەلەپ قىلىشىمۇ بۈگۈنكى نۇقتىدىن قارىغاندا خاتا ئەمەستەك كۆرىنىدۇ.
ماڭا ئوخشاش ئەنە شۇنداق ئاچچىق سوئال قويغۇچىلارنىڭ بىرى، ھەتتا مەندىن خېلى بۇرۇن كرېمىلغا قاراپ بۇ خىل سوئال قويۇشنى باشلىغان موسكۋالىق ئۇيغۇر، موسكۋادىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئاخىرقى ۋەكىلى قەشقەر بەشكېرەملىك شەرىپجان ئاكا، يەنى شەرىپ ئەخمىدى ئەپەندىمۇ بار ئىدى. بىز ھەر دائىم بۇ تامنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەلىك قىسمەتلىرى ھەققىدە سۆزلىشەتتۇق. غەزەپلىنەتتۇق، ئېچىناتتۇق. بۇنداق سۆھبەتلىمىز يېقىنقى يىللاردا تېلېفون ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇرغاندىمۇ داۋاملاشتى. بىراق، 2019-يىلى،16-ئاۋغۇست كۈنى مانا شۇ شەرىپ ئاكا بۇ دۇنيادىن ئەبەدىي خوشلاشتى! ئۇنىڭ كرېمل تېمىغا توختىماي سوئال قويۇپ، ئۆز خەلقىنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىپ چارچىغان يۈرىكى ئەبەدىي توختىغانىدى!
مەن شەرىپجان ئاكا بىلەن 1991-يىلى ئەتىيازدا تونۇشقان ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدە موسكۋادىكى تۇنجى لەغمەننى يېگەن ئىدىم. بۇ دەل ئۇنىڭ موسكۋا ھاياتىغا 36 يىل بولغان چاغلار ئىدى. ئۇ كىشى بىلەن تونۇشۇپلا ئۇنىڭ كەڭ بىلىمگە ۋە چوڭقۇر ئانالىز قىلىش ھەم توختىماي مۇنازىرە قىلىش ئادىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ مېنىڭ ئەينى ۋاقىتتا دۇنيادىكى ئەڭ ئالدىنقى ئورۇندىكى ئىلىم-پەن تەتقىقات ئورگىنى بولغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيەسى قارمىقىدىكى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى بويىچە ئاسپىرانتى ئىكەنلىكىمنى بىلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن ئىككىمىز ئارىسىدىكى مۇنازىرە تېمىلىرى كۆپەيدى ۋە دوستلۇقىمىز كۈچەيدى، ئەسلى كان ئىنجېنېرى بولغان بۇ كىشى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، سىياسىي ھاياتى ۋە قىسمەتلىرىگە ناھايىتى كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە كۆپ بىلىمگە ئىگە ئىدى. بولۇپمۇ، موسكۋانىڭ 1960-1980-يىللىرىدىكى خىتاي-سوۋېت رەقىبلىك دەۋرىدىكى «ئۇيغۇر قەرتى»نى قانداق ئوينىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ئائىت ئەھۋاللاردىن خېلى ئەتراپلىق خەۋەردار ئىدى. قىسقىسى، ئۇ قەرت سورۇنىدىكى ئىشلارنىڭ شاھىتلىرىدىن بىرى ئىدى. بۇ مېنى تېخىمۇ قىزىقتۇردى.
شەرىپ ئاكا 1995-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنىم مېنىڭ موسكۋادىكى رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىدا دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، تارىخ بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەندە ئۆتكۈزۈلگەن داغدۇغىلىق مۇراسىم ۋە زىياپەت سورۇنىغا قاتنىشىپ، رۇسىيەنىڭ ئاتاقلىق تۈركولوگلىرى، تارىخشۇناس ئاكادېمىك، پروفېسسورلىرى ئالدىدا سۆز قىلىپ، رۇسىيە پەنلەر ئاكادېمىيەسى شەرقشۇناسلىق ئىنىستىتۇتىنىڭ 200 يىلغا يېقىن تارىخىدا تۇنجى قېتىم قەشقەرىيە ياكى شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ دوكتورلۇق ئۈچۈن دىسسېرتاتسىيە ياقىلاپ، دوكتور بولغانلىقى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئالىملارغا رەخمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، رۇسلارنىڭ ئۇيغۇر قىسمەتلىرىدىكى ئورنىنى ئەسلىتىپ ئاچچىقراق تەلەپپۇزدا ئېيتقان سۆزلىرى مۇراسىم قاتناشقۇچىلىرىنى سۈكۈتكە چۆمدۈرگەنىدى.

قەشقەر بىلەن موسكۋانىڭ ھېكايىسى بىزگە نېمىنى ئۆگەتتى ؟!؟

ھازىرغىچە خەلقىمىز ئىشلارنىڭ تاشقى پوستىدىنلا خەۋەردار بولۇپ كەلدى  . ئادەملەرنىڭمۇ سىرتقى قىياپىتىنى كۆرۈپلا قارىسىغا باھالاپ كەلدى . ئەمما ئىشلارنىڭ ھەقىقىي يۈزى بىز ئۇنتۇپ كەتكەن تارىخلار بىلەن دۈشمەننىڭ قولىدىكى مەخپىي ئارخىپلاردا . ھەر ھالدا تارىخىمىزنى توغرا ئۆگىنىش ئارقىلىق دۈشمەنلەرنىڭ قولىدىكى ئارخىپلارنى پەرەز قىلىپ بولسىمۇ ئىستراتېگىيە بېكىتىپ ، يولىمىزنى داۋام قىلالايمىز ! 
تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ « 12 توملۇق ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى » نىڭ يورۇق كۆرۈشكە باشلىغانلىقى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرغۇسى . بۇ ھازىرقى ماماتلىق پەيتتىكى نىمجان ئۇيغۇرلارغا قايتا تىرىلىش ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇشتىكى غايەت زور مەنىۋىي ئېنىرگىيە بوپقالغۇسى.
تارىختىن پەقەت روھىي كۈچ - قۇۋۋەت  ياكى ئىبرەت ئالىمىز . بىراق بىز ئۆتكەن تارىختا ئەمەس ،  بەلكى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز . سوۋېت ئىتتىپاقى تارقىلىپ كەتكەندىن قارا كۈچنىڭ ئورنىنى ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئىگىلىدى. ھازىر دۇنيانى چۆرگىلىتىدىغان كۈچ - بىلىم  ، ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە بولۇپ قالدى. شۇڭا مەنىۋىيىتىمىزنى ئۇرغۇتقاندىن كېيىنلا ، بۇ ساھەلەردىمۇ يېتەرلىك كۈچ ھاسىل قىلمىساق ، « يىرتقۇچلار  داستىخىنىدىكى سېمىز پاخلان » بولۇپ قېلىۋېرىمىز .

« كۈچلۈك مۆمىن ئاجىز مۆمىندىن ياخشى » مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام .

بىز ئەقلىمىزدىن ۋە ئەسلىمىزدىن شۇنچىلىك ئاداشتۇقكى ، ئەلەم بىلەن مۇنداق دەيدىغان ھالغا چۈشۈپ قالدۇق : « نادان دوستتىن ئەقىللىق دۈشمەن ياخشى » . دېمىسىمۇ
 ھازىر بىزگە ھەر جەھەتتە ئۆزىمىزدىن بەكرەك ئۆزگىلەر ئىجابىي يول كۆرسەتمەكتە. بىرلا مىسال ئالساق :

نېتانىياخۇ ئىسرائىلىيەنىڭ يېرىم ئەسىر ئىچىدىلا بارلىققا كەلتۈرگەن « مۆجىزىلىك ئىشلىرى» تۆۋەندىكى جۈملىگە يىغىنچاقلاپ بەرگەن :
« بىز دۆلەت قۇرالىدۇق . ئەمما ئۇنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بولمىسا بولمايتتى . كۈچلۈك ھەربىي كۈچلا بىزنىڭ غەلىبە مېۋىمىزنى قوغداپ قالالايتتى . ئەمما كۈچلۈك ھەربىي كۈچ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچكە مۇھتاج . بىز بۇ كۈچنى كىشىلەردىن ئېغىر باج ئېلىش بىلەن ھەل قىلغان بولساق ، كۈچىيىش تۈگۈل تېزلا ۋەيران بولغان بولاتتۇق . سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراپ بېقىڭلار . ئىقتىسادنى ئەركىن قويۇپ بەرمىگىنى ئۈچۈن شۇنچە قابىل ساناقسىز ئالىملىرى تۇرۇپمۇ يەنىلا يىمىرىلىپ كەتتى . شۇڭا بىز توختىماي مەبلەغ جەلپ قىلدۇق . دۇنيادىكى بارلىق ئېھتىياجلىق تېخنولوگىيە ۋە كەشپىياتلارغا بىز ئالدىن يۈرۈش قىلىپ ، ئىقتىسادىي قىممەت ياراتتۇق . نەتىجىدە كۈچلۈك ئىقتىساد ۋە كۈچلۈك ھەربىي كۈچ بىزگە كۈچلۈك سىياسىي كۈچنى بارلىققا كەلتۈرۈپ بەردى . بىز مۇشۇ كۈچلۈك سىياسىي نوپۇز بىلەن دۇنيادىكى 160 دىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن ئۆز ئارا يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتتۇق . خىتاي ، ھىندىستان، قازاقىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرمۇ ئىسرائىلىيەگە كېلىپ - كېتىپ يۈرىدۇ . مۇشۇ ئۈچ پۇتلۇق بىرىكمە كۈچ بىزنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلماقتا . ئەمما يۇقىرىقى ئۈچ ماددىي كۈچ ئۇزاققا پايلىمايدۇ . ئۇنى چىرىشتىن ۋە قولدىن كېتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن بىر « مەنىۋىي كۈچ » بولۇشى كېرەك . شۇندىلا بۇ تۆت بىرىكمە كۈچكە ئىگە بولغان دۆلەت ئۇزاققىچە سەلتەنەت سۈرۈپ گۈللىنەلەيدۇ» . (ئۇنىڭ سۆزى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى) .

تارىخقا قاراپ باقىدىغان بولساق ، كۆپىنچە دۆلەتلەر ئالدى بىلەن ئىقتىسادىي كۈچ ئارقىلىق سىياسىي كۈچ ھاسىل قىلىپ، ئاخىرىدا يەنە ھەربىي كۈچ بەرپا قىلىپ مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان .

مىسىردىكى مىللىي ئويغىنىش پېشۋاسى ھەسەن بەننامۇ : « ئىقتىسادىي مۇستەقىللىق بولماي تۇرۇپ ، سىياسىي مۇستەقىللىق بولمايدۇ » دېگەن . ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى مىسىر مەنىۋىي داھىيسى مۇستاپا كامىل ( ئابدۇقادىر داموللامنىڭ يېقىن دوستى ۋە مەسلەكدىشى ) : « بىز يەيدىغىنىمىزنى، كىيىدىغىنىمىزنى ۋە باشقا بارلىق ئېھتىياجلىرىمىزنى ئۆزىمىز ئىشلىيەلمەي تۇرۇپ، بېقىندىلىقتىن قۇتۇلالمايمىز دېگەن » . ئەڭ ئاخىرقى داڭلىق مىسىر مۇتەپەككۇرى مۇھەممەد غەززالىمۇ دەل مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ : « بىر زاۋۇت ( فابرىكا ) قۇرۇش بىر مەسچىت قۇرغان بىلەن ئوخشاش ساۋاپ » دەپ تەكىتلىگەن .

شۇڭلاشقا ئۇيغۇرلارمۇ بىر مەيدان مەرىپەت ۋە سانائەت ئىنقىلابى قوزغاپ ، زامانىمىزدىكى دۇنياغا لايىق بىلىملەر بىلەن قوراللىنايلى . ئورۇسلار ۋە موسكۋانىڭ بۈگۈنكىدەك ئۇرۇش مىللىتى ۋە رەھىمسىز خەلق دەپ ئاتىلىپ قېلىشى ، شۇنداقلا دۇنيادىكى تەسىرى كۈچلۈك ئەنئەنىۋى جاھانگىر دۆلەت بولۇشى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭمۇ بۇرۇنقى چاغلاردا بىزدەك بوزەك قىلىنغان ۋە ئېزىلگەن قاراڭغۇ دەۋرلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن بولغان. بىراق ئورۇسلار تىز پۈكمىدى . ھۈنەرۋەنلىرى ئۆلۈم ئالدىدا باتۇخانغا دادىل يۈزلىنىپ تۇرۇپ ،
« بىز دۈشمەنلىرىمىزگە ھۈنەر - كەسپلىرىمىزنى ئۆگىتىپ قويمايمىز ! » دېيەلىدى . ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئۇدا ئۈچ ئەسىر قاتتىق ئېزىلگەن تۇرۇپمۇ 21 - ئەسىرگە ئۇلىشالىغان ئىكەن ، ئەمدى ئورنىدىن دەس تۇرۇپ كېتىشنىمۇ قاملاشتۇرالايدۇ .

« سېنى ئۆلتۈرۈپ قويمىغان قىيىنچىلىق سېنى تېخىمۇ كۈچلۈك قىلىدۇ » .

موسكۋا شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 873 يىللىقى ، قەشقەر شەھىرى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 2666 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەسلەندى.

2020 - يىلى 6 - سېنتەبىر. يەكشەنبە.
26
ئۇيغۇرلار موڭغۇل ئىگىزلىكىدىمۇ شەھەرلەرنى قۇرغان

بۇ ماقالا ئامرىكىدا چىقىدىغان ئىلىم -پەن(Science ) ئىلمى ژورنىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىنىڭ «يىڭى فوكۇس»(NEWS FOCUS) سەھىپىسىدە خەۋەر تەرىقىسىدە بىرىلگەن.تەتقىقات نەتىجىسى بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ 76-قېتىملىق يىللىق يىغىلىشىدا جامائەتكە سۇنۇلغان. ماقالا شۇ پېتى تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا مەركىزى موڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن جىلغىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلار بايقالغانلىغى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ مىلادى 8-9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى (Uigher empire) دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ يىراق رايۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلىشىش بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى 8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا.

رادار نوقتىسىدىن بەك يىراقلىغى ۋە يەر يۈزى شەكلىنىڭ كەمتۈكلىگى تۈپەيلىدىن بۇ چاققىچە موڭغۇلىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان يەرلىرى رادارنىڭ تەكشۇرۇشىدىن چۈشۈپ قالاتتى. لېكىن ئارخىلوگ جەن بېممان ۋە يىڭى بىر ئەۋلاد تەكشۈرگۈچىلەر يىراق، ئادەملەر ئاز ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىڭى ئىلغار تېخنىكا ئىشلەتكەن. بۇ گېرمان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈمىكى بىر سەككىز قانات (octocopter) ، يەنى ئىچى نۇرغۇنلىغان ئەسۋاپلارغا لىق تولغان كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچارنى قويۇپ بىرىپ ئۇ ئارقىلىپ يەر يۈزىنىڭ رەقەملىك مودىلىنى قۇرغان. تۈۋەندە بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچلۈك كۇۋانتۇم كاشىلا ئەسۋابى (superconducting quantum interference devices) ئارقىلىق يەر يۈزىنىڭ، تىز، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ماگىنىت مەيدانىغا رەسىمىگە ئىرىشكەن. بۇ ئىرىشكەن مەلۇماتلار بولسا يەر يۈزىنىڭ ئاستىدىكى قۇرۇلمىنىڭ تەپسىلى خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چۇنكى چىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىلار ئاەتتىكى تۇپراققا نىسبەتەن مانا مەن دەپلا كۈرۈنۇپ تۇرىدۇ. «مۇڭغۇللار بىزنى مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى»، دەيدۇ جەن بېممان ، « ئۇلار بۇ يەردە ھىچنىمە يوق دىيىشىتى».
لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر دائىرىسىدا بولغان ئولتۇراق رايۇن جايلاشقان بولۇپ ئىسمى قارابالغاش( Kharbalgas)، بۇ ئورۇننىڭ يەر مەيدانى موڭغول پايتەختى قاراقۇرۇمدىن 10 ھەسسە چوڭ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان توخۇمىسمان تاملار بولۇپ بۇ بەلكىم ئات-ئۇلاق قوتىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ ئورۇننىڭ ئىنىق ۋاقىت دەۋرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، لېكىن بەزى قىزىپ چىقىلغان چىنە ۋە باشقا ئاسارە ئەتىقىلەر بۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئۇيغۇر ئىمپيرېيسى ( Uigher empire)دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تۈركى خەلىقلەر بولۇپ ئۇلار شۇ دەۋىردە موڭغۇلىيەنى كونتىرول قىلغان ۋە خىتايغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقى، تىلى ۋە مەدىنىيتى كىيىنكى دەۋىردىكى موڭغۇللارغا كۆچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن ھىچكىم ئۇلارنى بۇ رايۇندا شەھەرلەرنى قۇرغان دەپ ئويلاپ باقمىغان.
باشقا تەكشۈرۈشلەر يەنە شۇ جىلغىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايۇن نوقتىلىرىنى كۆرسەتتى. «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يىڭى ئۇچۇر ئىكەن » دەيدۇ ئۇيغۇر ئېمپىرييسى دەۋرى تارىخى مۇتەخەسسىسى، ۋاشىڭتوندىكى سىمىسونىيان ئىنستىتوتى تەبىئەت تارىخى دۆلەتلىك مۇزىيى (the Smithsonian Institution National Museum of Natural History in Washington, D.C) دىن ئارخىلوگ دەن روجىرز ( Dan Rogers) «موڭغۇللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان سىتىراتىگىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنى قورۇپ چىقىپتىكەن. موڭغۇللار يايلاق تۇرمۇشىنىڭ تەلىۋى بىلەن شەھەرلەردىن يىراق ياشايدۇ». موڭغۇلىيەدە جىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، كالىفورنىيەنىڭ پالو ئالتودىكى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئارخلوگى جۇشۇۋا رايت ( Joshua Wright) يەنە بۇ يىڭى بايقاشلار يىراق يايلاقلاردا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ قىممىتنى بىلدۈردى دىدى.
جەن بېممان يەنە بون ئۇنۋېرسىتىدىن Hans-Georg Hüttel ۋە ئۆزىنىڭ موڭغۇل كەسىپدىشى Ulambayar Erdeneba قاتارلىقلارنىڭ يەنە بۇ شەھەرنىڭ پىلان قىلىنىشى ۋە بىنالىرىنىڭ رولى توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تېپىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قىزىۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى.

2020 - يىلى 15 - سېنتەبىر. 

مەنبە : ئۇيغۇر  ئاكادېمىيىسى تور بېتى - تارىختىن تامچە سەھىپىسى.

قوشۇمچە ئەسلەتمە :

ئۇيغۇر تارىخىدىكى مەزكۇر لاي قەلئەنىڭ تارىخى قايتا يېزىلىدىغان بولدى : ( ئەڭ يېڭى ۋە ئەڭ توغرا بايقاش)

ھازىرغىچە يېزىلىپ كەلگەن ئىلمىي ئەسەرلەرلەر ياكى تارىخىي ئەسلەتمىلەردە بۇ قەلئەنىڭ مىلادى 757 - يىلى ئۇيغۇر قاغانى مويۇنچۇر ( بايانچۇر ) قاغان يېڭىدىن توقاللىققا ئالغان نىڭگو مەلىكە ( تاڭ شۇەنزۇڭنىڭ قىزى ، تاڭ سۇزۇڭنىڭ سىڭلىسى ) ئۈچۈن ھازىرقى ئورۇندا ئىنشا قىلغان يازلىق ھەرەم ئوردىسى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ كەلگەن ئىدى . مانا ئەمدى كاربون 14 تېخنىكىسى ئارقىلىق 777 - يىلى ئىنشا قىلىنغانلىقى ئېنىق بوپتۇ . بۇنداق بولغاندا مەزكۇر ئۇيغۇر قەلئەسى ( پورباجىن ) بايانچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ قاغان دەۋرىدە سېلىنغان بولىدۇ . 756 - يىلى سانغۇن ئۆڭلۈك  تاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز قىلاي دېگەندە ، تاڭ شۇەنزۇڭ سىچۇەنگە قېچىپ كېتىپ ، تەختنى ئوغلى تاڭ سۇزۇڭغا تاشلاپ بەرگەن . تاڭ سۇزۇڭ ھەربىي قوماندان گوزىيىنى قارابالغاسۇنغا ئەۋەتىپ ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۆرە باشلىق ھەربىي بايرىقىغا توققۇز تازىم قىلىپ ، قاغان بايانچۇردىن ئۆزىنى يۆلەپ تەختكە چىقىرىش ۋە ئۆڭلۈككە قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان . شۇ قاتاردا تاڭ سۇزۇڭنىڭ سىڭلىسى نىڭگو مەلىكىنى قاغانغا تارتۇق قىلغان . قاغان 757 - يىلى ئوغلى بۆگۈ تېكىننى ئەۋەتىپ ، ئۆڭلۈكنى يوقىتىپ ، چاڭئەن بىلەن لوياڭنى ئىشغال قىلىپلا ، تاڭ سۇزۇڭنى تەختكە چىقىرىپ تاڭ سۇلالىسىنى ساقلاپ قالغان. شۇندىن كېيىن تاكى 825  - يىلغىچە تاڭ سۇلالىسى 55 يىلدەك ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قارام سۇلالە بوپقالغان . بايانچۇر قاغان 759 - يىلى ۋاپات بولۇپ ، ئىقتىدارلىق ئوغلى بۆگۈ ( بۇقا ) تېكىن قاغان بولغان . ئۇ ھاياتىدا ئىككى ياكى ئۈچ نەپەر تاڭ مەلىكىسى بىلەن ئۆيلەنگەن . بۇلاردىن بىرى 762 - يىلى بۆگۈ قاغان ئۆڭلۈكنىڭ شېرىكى سۆيگۈننى يوقاتقاندىن كېيىن ، تاڭ سۇلالىسىدا 764 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، تاڭنى ئاغدۇرۋېتەي دەپقالغان ئۇيغۇر سەركەردە بۇقا قېيىننىڭ قىزى بولۇپ ، بۇقا قېيىن بۆگۈ قاغاننىڭ قوللىشىدا تاڭ سۇلالىسىنى تۈپتىن يوقاتماقچى بولۇپ قوشۇن تارتىپ ، يول ئۈستىدە 766 - يىلى ئاغرىپ قازا قىلغان . تاڭ سۇزۇڭ دەرھال قاغاننى رازى قىلىش ئۈچۈن ، ئۇنىڭ قىزىنى مەلىكە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ ، چوڭدې مەلىكە دەپ ئاتاپ قاغانغا ياتلىق قىلغان . كېيىنكى 14 يىلدا قاغانغا يەنە مەلىكە ياتلىق قىلغان . دېمەك ، 777 - يىلى ياسالغان پورباجىن قەلئەسى بەلكىم بۆگۈ قاغان ئالغان چوڭدې مەلىكە ( ئۇيغۇر سەركەردە بۇقا قېيىننىڭ قىزى ) ، ياكى شاۋنىڭگو مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرغان ھەرەمخانا بولۇشى مۇمكىن .

نېمىشقا بۇنداق يىراق ۋە سوغۇق جايدا ھەرەمخانا سېلىنىدۇ دەپ سورالسا ، ئۇيغۇر قاغانلىقىدا 70 يىلغا سوزۇلغان قۇرغاقچىلىق ئاپىتى سەۋەبىدىن موڭغۇل دالاسى يازدا تۇرپاندەك قىزىپ كەتكەچكە ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تاڭ مەلىكىلىرى بۇ يەرنىڭ تىنجىق ۋە قۇرغاق ھاۋاسىغا كۆنەلمىگەچكە ، شۇڭا سالقىن سىبىرىيەگە ھەرەمخانا سېلىنغان بولۇشى مۇمكىن . ئۇندىن باشقا يېنسەي قىرغىزلىرى ۋە تۇۋا ئۇيغۇرلىرى 758 - يىلى بايانچۇر قاغان تەرىپىدىن بىۋاستە بويسۇندۇرۇلغان . بايانچۇر قاغان 759 - يىلى ۋاپات بولغان . شۇڭا ئۇنىڭ بۇ ئارىدا پورباجىننى ئىنشا قىلىشى ئىمكانسىز . شۇڭا 777 - يىلى ئىنشا قىلىنغان بولۇشى ھەم توغرا ھەم تارىخىي تەرتىپكە ئۇيغۇن بوپتۇ .

ئەمدى ئالىملارنىڭ بۇ قەلئەنىڭ نېمىشقا ئىشلىتىلمىگەنلىكى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا يەنىلا ئۇيغۇر تارىخى جاۋاپ بېرىشى مۇمكىن .
ھەممىگە مەلۇمكى ، 777 - يىلى ، يەنى بۇ قەلئە ئەمدىلا پۈتكەن چاغدا تىبەت خانلىقى ئۇيغۇر قاغانلىقىغا قاراشلىق جۇڭغارىيەگە ھۇجۇم قىلغان . بۇ ئۇرۇش تاكى 789 - يىلغىچە سوزۇلۇپ كەتكەن . بۇنىڭ سەۋەبى بۆگۈ قاغاننىڭ 762 - يىلدىكى دۆلەت بويىچە مانى دىنىغا كۆچكەنلىكىگە ئۆچمەنلىك قىلىدىغان شامانلار بىلەن ، 764 - يىلدىكى بۇقا قېيىن توپىلىڭىغا ۋە قاغاننىڭ تاڭ سۇلالىسىغا ئۇدا ھۇجۇم قىلىشىغا قارشى ھەربىي گۇرۇھنىڭ بىرلەشمە سۇيقەستىدە بۆگۈ قاغان 780 - يىلى تاغىسى باغا تارقان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن . شۇندىن باشلاپ ، ئىچكى جەھەتتىكى بۆلۈنۈش، تاشقى جەھەتتىكى خورىتىش ئۇرۇشلىرى ئۇيغۇر قاغانلىقىنى تەدرىجىي ئاجىزلاشتۇرغان. 12 يىللىق ئۇيغۇر - تىبەت ئۇرۇشلىرىنى پۇرسەت بىلگەن قارلۇقلار چۇ ۋە تالاس ۋادىلىرىدا 786 - يىلى قارلۇق خانلىقىنى قۇرۇۋالغان . گەرچە ئۇيغۇر قاغانلىقى 823 - يىلى غەرپكە يۈرۈش قىلىپ ، ئىسسىقكۆل بويىدا مۇنتىزىم قوشۇن تۇرغۇزۇپ ، چۇ ۋە تالاس ۋادىسىدىكى قارلۇق خانلىقىنى قايتا بېقىندرۇپ ، ئۇلارنىڭ قەبىلە ئاقساقىلىغا « يابغۇ » ئۇنۋانىنى بەرگەن بولسىمۇ ، بىراق 825 - يىلدىن باشلانغان ياغلاقار ۋە ئادېز ئۇرۇقىنىڭ قاغانلىق تالىشىش كۈرەشلىرى قاغانلىقنى چاك - چېكىدىن بۆلۈپ تاشلىغان . شۇڭلاشقا مەزكۇر قەلئەنىڭ شۇ پېتى ئىشلىتىلمەي تۇرۇپ قالغانلىقى دەل 777 - يىلدىن باشلانغان ئۇرۇشلار ، 790 - يىلدىن باشلانغان داۋالغۇشلار ، 825 - يىلدىن باشلانغان يىمىرىلىشلەر سەۋەبىدىن بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى يازلىق ئارامگاھ ياكى ئاسايىش زامانلار ئۈچۈن سېلىنغان بۇ قۇرۇلۇش پۈتۈشى بىلەنلا قاغانلىقنىڭ ئارامى بۇزۇلۇپ ، مەزكۇر جاي شۇ پېتى چۆلدەرەپ قالغان بولۇش ئېھتىمالى كۈچلۈك .

ئۇيغۇر تارىخىدىكى زور ئىشلار خاتىرىسى

ئۆڭلۈك - سۆيگۈن ۋە بۇقا قېيىن توپىلىڭى ھەققىدە

ئۇيغۇر يىلنامىسى

ئىزاھات :

1 . قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغان ( 742 - 747 ) توققۇز ئوغۇز -- ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى.

2 . باھادىر بايانچۇر قاغان ( 747 - 759 ) . قۇتلۇق كۆل بىلگە قاغاننىڭ ئوغلى .

3 . بۆكە ( بۇقا ) قاغان ( 759 - 780 ) . بايانچۇر قاغاننىڭ ئوغلى .

2020 - يىلى 9 - ئىيۇن. چارشەنبە.

قوشۇمچە : يۇقىرىقى بايقاش ھەققىدە :

رادىئاكتىپ كاربون تېخنىكىسى : ئۇيغۇرلار قەلئەسىنىڭ سېلىنغان ۋاقتى 777-يىلغىچە

گوللاندىيەنىڭ خىرونىڭىن ئۇنىۋىرسىتى (University of Groningen) دىكى ئالىملار بىلەن رۇسىيەلىك ئالىملار بىرلىكتە، رادىيوئاكتىپلىق كاربون تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ  جەنۇبىي سىبىرىيەگە جايلاشقان ئۇيغۇر قەلئەسى (Uyghur complex) نىڭ مىلادىيە 777 - يىلى سىلىنغانلىقىنى ئىنىقلاپ چىققان. ئەمما ئالىملار ھازىرغا قەدەر بۇ قەلئەنىڭ نىمە مەخسەتتە سېلىنغانلىقىنى بىلەلمىگەن. بۇ بايقاش ۋە خۇلاسە 8 - ئىيۇن دۆلەتلىك پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئەسەرلەر ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان .

ئەسەردە مۇنۇلار دېيىلگەن : « روسىيە فېدېراتسىيەسى ۋە موڭغۇلىيە چېگرىسىدىكى پور-باجىن بىناسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 215 * 162 مېتىر ، سىرتقى تاملىرى 12 مېتىر.  تاملارنىڭ ھەممىسى ياغاچتىن ياسالغان (پور-باجىن «لاي قەلئە » دەپ تەرجىمە قىلىنغان) ياغاچتىن ياسالغان.  بۇ ساراينى 8-ئەسىرنىڭ مەلۇم ۋاقىتلىرىدا كۆچمەن ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان.  ئەمما ئارخېئولوگلار بۇ مۇرەككەپ قەلئەنىڭ  مەقسىتى ۋە نېمە ئۈچۈن ئەزەلدىن ئىشلىتىلمىگەنلىكىنى بىلمەيدۇ.

بۇ خىل ئۇسۇل پور-باجىن بىناسىنىڭ ئۇلىدىن ئېلىنغان نۇرنى تەھلىل قىلىشقا ئىشلىتىلگەن.  ئۇلار ئىشلەتكەن ئەۋرىشكىنىڭ 45 ھالقىسى بار ، كەينىدىن پوستى بار.  ئۆلچەشتە كۆرسىتىلىشچە ، 775-يىلغا تۇتىشىدىغان تاياق 43-ئۈزۈكتە بار.  «شۇڭا ، بىز دەرەخنىڭ 777-يىلى كېسىلگەنلىكىنى بىلەتتۇق. دەرەخ ھالقىسى مۇتەخەسسىسى ۋە قوشۇمچە يازغۇچى پېترا دوۋې ئاخىرقى ، قىسمەن ئۈزۈكنىڭ ئەتىيازدا بارلىققا كەلگەنلىكىنى بەلگىلىدى».  سىبىرىيەنىڭ جەنۇبىدا ياز بىلەن قىشلىق ياغاچ ئوتتۇرىسىدا روشەن پەرق بار.

 روسىيە ئارخېئولوگلىرى ئىلگىرى بۇ مۇرەككەپ قۇرۇلۇشنىڭ ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ، تەخمىنەن ئىككى يىل ئىچىدە تاماملانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.  پور-باجىن كۆلدىكى بىر ئارالغا جايلاشقان بولۇپ ، دەرەخلەرنىڭ ئەتراپتىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان.  «بىز ئۇلارنىڭ بۇ بىنانىڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كېسىۋېتىلگەنلىكىگە خېلى ئىشىنىمىز ، شۇڭا قەلئە قۇرۇلۇشى 777 ئەتراپىدا يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن».

 ئىلگىرى ، بۇ تور بېكەتتە ، مەزكۇر قەلئەنىڭ  750-يىلى سېلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن  بولۇپ ، «سېلېنگا تېشى» دەپ ئاتىلىدىغان ئابىدىگە تۈرك - رۇنك يېزىقى يېزىلىپ ، چوڭ بىنانىڭ قۇرۇلۇشى تەسۋىرلەنگەن.  750-يىلى بايانچۇر قاغان ئۇيغۇرلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلدى.  ئۇ بىر خىتاي ( تاڭ )  مەلىكىسى بىلەن توي قىلغان بولۇپ ، بۇ نېمە ئۈچۈن پور-باجىن بىناسىدا بەزى خىتاي تەسىرلىرىنىڭ تېپىلغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.  «قانداقلا بولمىسۇن ، ئىلگىرىكى رادىئو كاربون بىلەن ئۇچرىشىش سىناقلىرى ئاللىبۇرۇن بىنالارنىڭ سەل ئىلگىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى».

ئەسلى ئۇلىنىشى :

https://phys.org/news/2020-06-radiocarbon-dating-pins-date-uyghur.html

سۈرەتتە :

غەربتىن پور-باجىننىڭ ھاۋا مەنزىرىسى.  بۇ قەلئەكۆلدىكى بىر ئارالغا جايلاشقان.  ئالىملار كاربون -14 قويۇقلۇقىدىكى تۇيۇقسىز تاياقنى ئاساس قىلغان ئالاھىدە كاربون -14 ئۇچرىشىش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ قەلئەنىڭ مىلادىيە 777-يىلى سېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىغان .
ئاندرېي پانىن .
27

تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر نەسلىنىڭ مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى ئۈچ ئەسىرلىك سەلتەنىتى :

مۇقەددىمە :

چىڭگىزخاننىڭ 1221 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا بوستانلىقلىرىنى تولۇق ئىستىلا قىلىشى بىلەن مەزكۇر رايوندا ئۈچ ئەسىر داۋام قىلغان تۈرك - ئىسلام مەدەنىيىتى ئاجىزلىشىپ ، ئۈچ ئەسىرگە سوزۇلغان چىڭگىز ئەۋلادلىرىنىڭ تىنىمسىز ئۇرۇشلىرى يۈز بەردى . ئاقىۋەت چىڭگىزخان نەسلىدىن مۇسۇلمان بولۇپ ، تۈركلەشكەن ۋە ئۇيغۇرلاشقان ئەۋلادىلىرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن ئۇنىڭ نەۋكىرى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى بىرلىشىپ ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيادا ئۈچ ئەسىر داۋام قىلغان ئاخىرقى قېتىملىق مىللىي مەدەنىيەت ۋە شانلىق سەلتەنەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى. بىراق يىراق غەرپتىن دېڭىز ۋە قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ھەدەپ شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلىۋاتقان ئەنگلىيە ۋە چاررۇسىيە تاجاۋۇزچىلىرى بۇ ئىككى شانلىق تارىخ ياراتقان ئىككى دۆلەتنىڭ تەۋەسىنى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈپ ، كۈچى يەتمىگەن ئەڭ چوڭ پارچىسى بولغان ھازىرقى قالدۇق ۋەتىنىمىزنى نىمجان ۋە خىتايلىشىۋاتقان مەنچىڭ خانلىقىغا بېقىندۇرۇپ بەردى. خەلقىمىز ھازىرغىچە بۇ خاتالىقنىڭ بەدىلىنى 150 يىللاپ ئېغىر ئۆتىمەكتە.

ھەيران قالارلىقى ، مەيلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ، مەيلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ، مەيلى تارىختىكى ئۇيغۇر - ئۆزبېك قاغانلىرى بولسۇن، مەيلى تۈرك - تاتار ، ئاۋار - ھازار قاغانلىرى بولسۇن ، مەيلى قالماق - قازاق قاغانلىرى بولسۇن، ھەتتا ئۇيغۇر نەسىللىك قاراخانىيلار جەمەتى بىلەن ھازار نەسىللىك سالجۇقىلار جەمەتى بولسۇن ، مەيلى قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن بەگزادىلىرى غەزنەۋىلەر ۋە بۇلغار خانلىرى بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ يا ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، يا ئوغۇز قاغان ، يا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان قاراخاننىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا .

خۇلاسە قىلغاندا ، قارا قويچىلارنى ئوسمانىلار بىلەن سافاۋىلار يوقاتتى . ئۇ ئىككى تۈرك ئېلى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزىلىرى يوقاتتى . 150 يىللىق ئوسمانلى - سافاۋى ئۇرۇشى چاررۇسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ كۈچىيىپ ، تاتارلارنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ، ئوسمانىلارنىڭ كېسەل كۆرپىسى بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى .

مەركىزىي ئاسىيادا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ھەم ئۆز ئارا ھەم قالماقلار بىلەن ئۇدا سۇقۇشۇپ يۈرۈپ تەڭ ھالاك بولدى . ئۇلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار بىرلىكتە قالماقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتى.
ئەمما يېقىنقى 300 يىلدا يامرىغان جاھالەت ۋە تۇرغۇنلۇق قالماقلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆچۈپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ قويدى . ئاقىۋەت قالماققا تۇتۇلۇپ ، مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ تۇرغاندا مانجۇر ئالۋاستىلىرى كەلدى . شۇنداق قىلىپ خەلقىمىز قايتا بۇرۇنقى ئەسلىگە كېلەلمىدى . 1820 - 1830 - 1840 - 1850 - يىللىرى تەكرار قوپۇپ يۈرۈپ ، 1878 - يىلى يەنە چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۇتلاپ يىقىتىلدى . 1912 - يىلى يەنە قوپتى . ئەمما تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئالداپ كەتتى . 1933 - يىلى قايتا قوپقاندا يەنە پۇتلاپ يىقىتىلدى .
1944 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇۋېدى ، يەنىلا تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويدۇق . 70 يىللىق خىتاي ئىنساپىنى كۆرۈپمۇ يەنە ھوشىنى تاپمىغان
« تىرىك جەسەتلەر » نىڭ قايتا مىللەتنىڭ شىللىسىغا مىنىۋېلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك !

1 . تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان ھەققىدە

سۇلتان يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1415 - يىلى تۇغۇلغان . 1428 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندا ، ئىنىسى ئېسەن بۇقا يۇنۇسخاننى قوغلاپ چىقىرىپ سۇلتان بولغان .
يۇنۇسخان ھەم سەئىدخان ، ھەم بابۇر شاھنىڭ بوۋىسىدۇر . چۈنكى سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان بىلەن قىزى قۇتلۇقنىگار خېنىم ئوخشاشلا يۇنۇسخاننىڭ ئۆز بالىلىرى ئىدى.

11 ياشلىق ئۇكىسى تەرىپىدىن قوغلانغان 13 ياشلىق يۇنۇسخان دادىسىنىڭ سادىق ئەمىر لەشكەرلىرىدىن ئىرازان بايرىن ۋە مىرەك تۈركمەنلەرنىڭ ھىمايىسىدە 30 مىڭ ئائىلە بىلەن سەمەرقەندكە يولغا چىققان . ئەمما ئەمىر تۆمۈر نەۋرىسى ياش مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇلاردىن 30 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلارنى يۇنۇسخان بىلەن قوشۇپ غەنىمەت سۈپىتىدە ئاتىسى شاھرۇخ مىرزىغا ئەۋەتكەن.
ئەمىر تۆمۈر ئوغلى شاھرۇخ مىرزا ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەللامىسى مەۋلانە شەرەپىدىن ئەلى ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەن . يۇنۇسخان 1440 - يىلغىچە ساق 12 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىراققا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئالدى . ئەمما مەركىزىي ئاسىيادا كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ، 1449 - يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابدۇلېتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى . نەتىجىدە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى يەنە تەخت تالىشىپ ،
ماۋرائۇننەھر مالىمانچىلىققا پاتتى . ئېسەن بۇقا خانمۇ تۆمۈر ئەۋلادلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، غەرپكە كېڭەيدى . 1452 - يىلى سەمەرقەندنى قولغا ئالغان تۆمۈرزادە ئەبۇ سەئىد مىرزا تېزدىن ئىراقتىكى سۇلتان يۇنۇسخاننى چاقىرىپ كېلىپ،
1453 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن شەرقىي چاغاتاي ( موغۇلىستان ) سۇلتانى قىلدى .
نەتىجىدە ئېسەن بۇقاخان خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى . 1454 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا تەپرىقىچىلىك چىقتى . قازاق سۇلتانلىرى زالىم ئوبۇلخەيرىخان بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ شەرققە قېچىپ كەلدى . ئېسەن بۇقاخان ئۇلارغا 1455 - يىلى يەتتە سۇنى كېسىپ بەردى . ئۇلار 1456 - يىلى تۇنجى قازاق خانلىقىنى بۇ يەردە قۇرۇپ چىققان . ئوبۇلخەيرىخان جازا يۈرۈشى قىلىپ يول ئۈستىدە قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك ئۇلۇسى مالىمان بولغان . 1462 - يىلى ئېسەن بۇقاخان ۋاپات بولغان . يۇنۇسخان ۋارىسلىق قىلغان . 1465 - يىلى قازاقلار يۇنۇسخاننىڭ قوللىشىدا قوشۇن تارتىپ دەشتى قىپچاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنى قولىغا ئالغان . يۇنۇسخان ئۇكىسى ئېسەن بۇقا خاننىڭ ھۆرمىتىنى ئۈچۈن ، ھازىرقى تۇرپان - قۇمۇل ، بەشبالىق ، ئىلى - ئالتاي ۋە كورلىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان جىيەنى دوست مۇھەممەدخان ۋە ئۇنىڭ ئوغلى كېپەك سۇلتان قاتارلىقلارنى يوقاتماستىن ، ئەكسىچە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش ، مىرزا ئابابەكرىدىن تارىم ۋادىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ۋە شەرقتە قالماقلارنى موڭغۇل دالاسىغا قوغلاپ چىقىرىش بىلەن مەشغۇل بولغان.

ئەبۇ سەئىدخانمۇ 1466 - يىلى ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلىپ ، قاراباغدا ئۇزۇن ھەسەن بىلەن تىركىشىپ تۇرۇپ قېلىپ ، يا چېكىنەلمەي يا ئىلگىرىلىيەلمەي قىيىن ئەھۋالدا قالغان . بىراق يۇنۇسخان بۇ قېتىم ياردەمگە كېلەلمىگەن . چۈنكى شۇ يىلى دۇغلات ئەمىرلىرىدىن ئەمىر خۇدايداتنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئابابەكرى تارىم ۋادىسىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن ۋە ئاقسۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ سەئىدخان يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ يۇنۇسخاندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلمىغان .

ئاقىۋەت ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخان 1469 - يىلى قاراباغدا ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) بېگى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ 5 - فېۋرال ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ 1424 - يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد مىرزا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى مىرانشاھنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇسەيت سۇلتان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇنۇسخان ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىپ، ئۈچ قىزى خۇبنىگار خېنىم ، مېھرىنىگار خېنىم ۋە قۇتلۇقنىگار خېنىمنى ياتلىق قىلىپ ، ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەم ئەمىر تۆمۈر تەرەپنىڭ ئورتاق سۇلتانىغا ئايلىنىپ ، شەرقتە ئالتايدىن غەرپتە كاۋكازغىچە ، شىمالدا بالقاشتىن جەنۇپتا ئىران ۋە ئافغانىستانغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەيخ مىرزا بىلەن قۇتلۇقنىگار خېنىمدىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان . ئۇلار 1475 - يىلى نىكاھلانغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان سادىق ئۇلۇسبەگ كەبىر ئەمىر بولاجى ئەۋلادى ، ئەمىر خۇدايداتنىڭ نەۋرىسى سانىز مىرزا ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .

مىرزا ئابابەكرى تاكى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەدتىن تۇغۇلغان ئوغلى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرغىچە ساق ئەللىك يىل تارىم ۋادىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن .

ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقىي ئاناتولىيەنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇ 1432 - يىلى سۇلتان مۇراد 2 نىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1453 - يىلى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ ، ئىسلامبۇلغا ئۆزگەرتكەن . 1476 - 1477 - يىللىرى شەرقتىكى قۇدرەتلىك رەقىبى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، 1481 - يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدە گەبزەدە ۋاپات بولغان . مىسىرنى ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان 1517 - يىلى فېۋرالدا ئېلىپ ، 255 يىللىق مەملۇكىلار سەلتەنىتىنى يوقاتقان .

1481 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانلى سۇلتانى ۋاپات بولۇشتىن سەل ئىلگىرى ، ئالتۇن ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تاتارلار ( خانلىقنىڭ شەرقى قازاقلارغا، غەربى تاتارلارغا تەۋە بولغان ) پايتەختنى ئېتىل ( ۋولگا) بويلىرىدىن قىرىمدىكى باغچەسارايغا يۆتكىگەن .

شۇنىڭ بىلەن ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىدا ، غەربىي قىسمى تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان .

ئۇزۇن ھەسەن 1425 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ،
يۇنۇسخاندىن ئون ياش كىچىك ، مۇھەممەد فاتىھتىن يەتتە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ ئاۋۋال ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) دۆلىتىنى يىقىتىپ ، قارا قويچىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . تىزگىنىدە ئەزەربەيجان ، ئەرمەنىيە ، گرۇزىيە ، شەرقىي ئاناتولىيە ۋە ئىراق بىلەن ئىران قاتارلىق جايلار بولغان . ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانىلار تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ قىلىنىپ ، 1478 - يىلى 6 - يانۋار
53 يېشىدا ۋاپات بولغان .

1487 - يىلى 8 - ئىيۇن شەرقىي چاغاتاي خاقانى سۇلتان يۇنۇسخان ۋاپات بولغان. « يۇنۇسخان سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن 1453 - يىلى تۇنجى قېتىم تەختكە چىقىرىلغان . 1462  - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىردىنبىر ئەمەلىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇۋاشراق چوڭ ئوغلى مەھمۇدخان تاشكەنتتە چوڭ پادىشاھ، يولۋاس سۈپەت كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخان تۇرپاندا نائىپخان بولغان».

يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر شاھ 1483 - يىلى 14 - فېۋرال ئەنجاندا تۇغۇلۇپ ، 1526 - يىلى موغۇل ئىمپىرىيىسنى قۇرۇپ ، 1530 - يىلى 26 - دېكابىر ئەگرەدە ۋاپات بولغان . يۇنۇسخاننىڭ يەنە بىر نەۋرىسى سۇلتان سەئىدخان بولۇپ ، ئۇ يۇنۇسخاننىڭ ئامراق ۋە ئارزۇلۇق قەھرىمان ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخاننىڭ ئوغلى ئىدى .

تارىخشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىچە
« سۇلتان يۇنۇسخان 12 يىل داۋامىدا مەۋلانا يەزدىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇپ، تەڭدىشى يوق ئالىم بولغان بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغ بەگدىن كېيىن سۇلتان يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىمدە ھەم سەلتەنەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن ئىكەن » .

2 . شاھرۇخبەگ ۋە ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگ :

شاھرۇخبەگ ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى بولۇپ ، 1377 - يىلى 20 - ئاۋغۇست سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان . 1447 - يىلى 13 - مارت ئىراندىكى رەي شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇ ئىزچىل ھازىرقى ئىران ۋە خۇراساننى مەركەز قىلىپ، ھازىرقى ئۆزبىكىستانغا ئوغلى مۇھەممەد تاراغاينى « ئۇلۇغبەگ » مەرتىۋىسى بىلەن سەمەرقەند ھۆكۈمرانى قىلىپ تىكلىگەن.

مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغ بەگ 1394 - يىلى 22 - مارت ئىراندىكى سۇلتانىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان . تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى ،مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى،15-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر كىشى. ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى،شاخرۇخ مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي .ئۇنىڭ ئاپىسى گۆھەر شاد بىگىم .مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىچىكىدىن باشلاپ ئوردا ئىچىدىكى خاننىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشكەن سارايمۈلۈك خانىمنىڭ تەربىيسىدە بولغان.3-4ياش ۋاقىتلىرىدا شەيخ ئورىف ئوزارىي ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا قۇرئاننى ياتقا ئېلىپ بولغان. مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا ئىلىم ئۆگەنگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كىيىن شاخرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسىنىڭ پايتەختىنى ھىراتقا يۆتكەپ ، 1410 - يىلى 16ياشلىق مىرزا ئۇلۇغ بەگنى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى قىلغان. 1411-يىلى پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر ھۈكۈمدارى بولغان. كىچىكىدىن ئوردىدا ياخشى بولغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەربىيسى ئالغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى،پارىس يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىغا پىششىق بۇلۇپ شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن .كىينچە ئاستىرونومىيەگە يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان.مىرزا ئۇلۇغ بەگ سەمەرقەنتكە ھۈكۈمدارلىق قىلغان 30نەچچە يىلدا سەمەرقەنت يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ ئىقتىساد گۈللىنىپ ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ ،دۆلەت غەزىنىسى تۇلۇپ تېشىپ كەتكەن.ئىلىم مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەن.ئۇ 1420-يىلى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سەمەرقەنتتە ئۇلۇغ بەگ رەسەتخانىسىنى سالدۇرغان.ئەبۇ قاسىمنى رەسەتخانا باشلىقى قىلغان.غايەت چوڭ كىۋادرانتورنى ئورناتقۇزغان.30يىلغا يېقىن كۈزىتىش ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە 1000دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى ئۆلچەپ چىقىلغان.نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانتىلارنىڭ ھەركىتىگە ئائىت ئۆلچەش ماتىرىياللىرىنى توپلىغان.مۇشۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا 1446-يىلى "ئۇلۇغ بەگ يېڭى ئاستىرونومىيە جەدۋىلى"نى تۈزۈپ چىققان.بۇكىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان جەدۋەل 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى بىرقەدەر توغرا بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.بۇكىتاپ قۇياش بىلەن پىلانتىلارنىڭ ھەركەت جەدۋىلى ۋە 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ تولومىدىن كىيىنكى تۇنجى مۇستەقىل تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ توغرا دەرىجىگە يەتكەن يۇلتۇز جەدۋىلىدۇر.مىرزا ئۇلۇغ بەگ يەنە ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم كىشىلەر قوللىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر قسىم كىشىلەر بۇنى بىدئەتلىك دەپ قاراپ قارشى چىققان.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىلىپ زىندانغا تاشلانغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ1449-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلى ئابدۇللېتىپ خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخشۇناسلار مىرزا ئۇلۇغ بەگنى "خانلىق تەختىدىكى ئالىم"دەپ ئاتايدۇ.ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.سەمەرقەنتتە نۇرغۇن مەدرىسلەرنى ئاچقۇزغان. بۇ مەدرىسلەردە دىنىي ئىلىم ۋە تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشتىن باشقا يەنە ماتىماتىكا، ئاستىرونومىيە، ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىلىم ئەھللىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.سەمەرقەنتمۇ تەدرىجى ھالدا شۇ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ ئالىمنى ھۆرمەتلەپ 1830-يىلى گېرمانىيەلىك ئاستىرونومىيە ئالىمى يوھان مىدلى ئاي شارىدىكى بوران دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى بىرھالقىسىمان تاغنىڭ نامىنى مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

3 . يۇنۇسخاننىڭ ئىتتىپاقدىشى ئەبۇ سەئىدخان ھەققىدە :

ئەبۇ سەئىد ئەمىر تۆمۈرنىڭ قابىل نەۋرىلىرىدىن بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، تەخت دەۋاسىغا كىرىشكەن . بىراق ئۇلۇغبەگنىڭ ئوغلى ئابلىتىپ ئۇنى تۇتقۇن قىلىشقا ئەسكەر ئەۋەتكەن . بەختكە يارىشا ئەبۇ سەئىد دارغا ئېسىلىش ئالدىدا ئابلىتىپنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى كەلگەن. ئۇنى تۇتقۇن قىلغان كۈچلەر دەرھال ئۇنى ئازات قىلىپ خان بولۇشقا تەكلىپ قىلغان .

ئەبۇ سەئىدخان باشقا تۆمۈرزادىلەرنى باستۇرۇشتا دەشتى قىپچاق ئۆزبىكلىرىدىن پايدىلانغان بولسا ، شەرقتىكى تارىم، جۇڭغارىيە ، يەتتە سۇ ۋە ئىسسىق كۆل بويلىرىنى سوراۋاتقان كۈچلۈك خوشنىسى ئىسەن بۇقاخاندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن ئۇنىڭ قېرىندىشى يۇنۇسخاننى ئىراقتىن چاقىرىپ كېلىپ ، چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىگە خان قىلغان . شۇندىلا ئۇنىڭ ئىران ، ئافغانىستان ، ئەزەربەيجان ۋە ئەرەبىستانلارغا يۈرۈش قىلىشىغا ئىمكانىيەت تۇغۇلغان .

ئەپسۇس ، ئۇ 1466 - يىلدىكى قاراباغ ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولۇپ ، 1467 - يىلى قارا قويچىلار شاھى ئۇزۇن ھەسەننىڭ قولىدا ئۆلتۈرۈلگەن. تۆمۈرىلەر خاندانلىقى يەنە بىر قېتىم پارچىلىنىپ كەتكەن. سۇلتان يۇنۇسخان 1466 - يىلى يەكەندە مىرزا ئابابەكرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاچقا ، ئىتتىپاقدىشىغا ياردەم بېرەلمىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىۋالغان . چوڭ كۈيئوغلى سەمەرقەندنى مەركەز قىلغان ئۆزبىكىستاننى ، ئوتتۇرانچىسى ھېراتنى مەركەز قىلغان خۇراساننى ، كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەيىخ مىرزا پەرغانىنى باشقۇرغان. ئەنە شۇ ئۆمەر شەيختىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان .

4 . مەركىزىي ئاسىيا ، جەنۇبىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيانى سوراۋاتقان ئۈچ تۈرك - ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسىنىڭ زەئىپلىشىشى :

يۇنۇسخان ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا چوڭ ئوغلى مەھمۇدخاننى تاشكەنتتە چوڭ خان ، كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەد ( سەئىدخاننىڭ دادىسى)نى تۇرپاندا كىچىك خان قىلىپ تەيىنلىگەن . يۇنۇسخان 1487 - يىلى ۋاپات بولۇپ ، تاشكەنتكە دەپنە قىلىنغان .

سۇلتان ئەھمەدخان ئالدى بىلەن ئىشغالچى مىڭ سۇلالىسىنى قۇمۇل ۋە دەشتئاتادىن سۈرۈپ ، بىراقلا سەددىچىننىڭ ئىچىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ، بوۋىسى ۋە دادىسىنى كۆپ پاراكەندە قىلغان قالماقلارغا قارشى ئۇزۇن ئۇرۇشلارنى قوزغاپ، ئاخىرى 125 يىل داۋاملاشقان تۇنجى قالماق خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان . ئاخىرىدا مىرزا ئابابەكرىنى يەكەن سېپىلى ئىچىگە قاماپ ، قورشاپ تۇرغاندا ، ئاكىسىنىڭ ئۆزبەك خانزادىسى شايبانىخان تەرىپىدىن بوزەك قىلىنغانلىقىنى ئاڭلاپلا ، ئاكىسىغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن تاشكەنتكە كەلگەن. بىراق ئۇلار شايبانىخان قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، سۇلتان ئەھمەدخان 1502 - يىلى ئاقسۇدا ۋاپات بولغان. مىرزا ئابابەكرى قوشۇن باشلاپ كېلىپ، ئاقسۇ خەلقىنى قىرىپ ، ئاۋات ئاقسۇنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋەتكەن .

يۇنۇسخاننىڭ شايبانىخاندىن ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، تاكى كابۇلغىچە قېچىپ بارغان ئىككى نەۋرىسى ئون نەچچە يىللىق جاپا - مۇشەققەتلىك ئۇرۇشلاردىن كېيىن ، بىرى يەكەندە ، يەنە بىرى دېھلىدا قوشماق سەلتەنەتلىك ئىككى قۇدرەتلىك دۆلەتنى قۇرۇپ ، ئەسلىدىكى بوۋىسى تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر سەلتەنىتىدىنمۇ ئۇزۇن داۋام قىلغان قۇتلۇق خانلىقلارنى قۇرۇپ چىققان.

سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى 24 - ئاۋغۇست سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارمۇ موڭغۇل ئىستىلاسىدىن بۇيانقى ئومۇميۈزلۈك مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . قاببلىيەتلىك سۇلتان ئابدۇرەشىدخان تەخىتتە ئولتۇرغان 1533 - 1560 - يىللاردا خەلقىمىز ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرگە قەدەم قويدى .

سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر شاھ 1526 - يىلى 14 - ماي موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ھىندىستاندىمۇ گۈللەپ - ياشناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ تەخىتتە ئولتۇرغان 1540 - 1570 - يىللاردا پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەڭ يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە بەدەخشان ۋە پامىر ئېتەكلىرىدىن تاكى سەددىچىن سېپىلىغىچە، ئالتايدىن كەشمىرگىچە سوزۇلغان بىپايان ۋەتىنىمىزدە قۇدرەتلىك سەئىدىيە خانلىقى ، جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇنىڭ قوشمىقى كۈچلۈك موغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە غەرپتە ياش ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت غەربىي ياۋروپا ۋە خىتايدىن باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن 16 - ئەسىر دۇنيا تارىخىدا « تۈرك ئەسىرى » دەپ ئاتالدى .

تولىمۇ ئەپسۇس مىلادى 1678 - يىلى ئافاق خوجا غالداننى چاقىرىپ كېلىپ، 35 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق ، 1713 - يىلى سېۋان ئاراپتان ۋەتىنىمىزنى بىۋاستە ئىشغال قىلىۋالدى. 1735 - يىلى ئىچكى جەھەتتە قايتا مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 1757 - يىلى تولۇق مۇستەقىل بولدى. ئەمما 1759 - يىلى قالماقلارنى قىرىپ تاشلىغان مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. يۈز يىللىق ئۇدا قارشىلىق ئارقىلىق، 1862 - يىلىدىن 1878 - يىلغىچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ قۇربانى بولۇپ، قايتا خىتايلىشىپ كەتكەن مانجۇرلارغا سېتىۋېتىلدى. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق .

موغۇل ئىمپىرىيىسىمۇ داڭلىق پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرنىڭ 1709 - يىلى ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاستا - ئاستا چۈشكۈنلەشتى.
1758 - يىلى ئەنگىلىيە كەلدى . 1858 - يىلى بابۇر شاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى باھادىر شاھ ئاغدۇرۇلۇپ، ۋېكتورىيە « ھىندىستان ئايال پادىشاھى » بولدى. 1947 - يىلى ھاكىمىيەت مۇسۇلمان تۈركلەر قولىدىن بۇددىست ھىندىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
1949 - يىلى بىزگە تەۋە كەشمىر ھىندىلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى بىز شۇ يىلى ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتكە دۇچار بولغانىدۇق. 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ،
« ئېچىۋېتىش ۋە پارچىلاش ئاساسىدا ئۈچ شىتات تەسىس قىلىپ، يېڭى دېھلىغا بىۋاستە باغلىماقچى بولدى » .

ئوسمانىلارمۇ 1571 - يىلى دېڭىزدا مەغلۇپ بولدى. 1688 - يىلى ۋېنادا مەغلۇپ بولدى.
1699 - يىلى چېكىنىشكە باشلاپ، تاكى 1912 - يىلغىچە ئۇدا چېكىنىپ ئىستانبۇلغا قايتىپ كەتتى. 1918 - يىلى دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ھېساپتا ئىشغال قىلىندى . 1919 - يىلدىن باشلاپ مۇستاپا كامال باشچىلىقىدا ئۈچ يىلغا سوزۇلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئېلىپ بېرىلدى .
1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇستتىكى دۇملۇپىنار زەپىرىدىن كېيىن، مۇستاپا كامال پاشا غەلىبەسېرى ئىلگىرىلەپ، 9 - سېنتەبىر ئىزمىرنى قايتۇرۇۋېلىپ، يۇنان ئارمىيىسىنى ئاناتولىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر ئوسمانىلار 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغۇچىغا ئايلىنىپ قالغاچقا، 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغالىيەتكە ئۇچرىغان. شۇ قاتاردا يۇنانمۇ ئەنگلىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيە بىلەن بىرلىكتە 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن 1919 - يىلى 19 - ماي ئىزمىردا قۇرۇقلۇققا چىقىپ، ئىككى يىل ئىچىدىلا ئوتتۇرا ئاناتولىيەگە قەدەر ئىشغالىيەت يۈرگۈزگەنىدى . ئوسمانلى سۇلتانى قورچاققا ئايلىنىپ قالغان بولۇپ، تۈرك خەلقى پەقەتلا مۇستاپا كامالنىڭ قوشۇنىغا ئىشەنچ قىلغانىدى.
1922 - يىلى 9 - سېنتەبىر غەرپتىكى ئىزمىر قايتۇرۇۋېلىندى. شۇنىڭ بىلەن تۈركلەرنىڭ ئۈچ يىلغا سوزۇلغان مۇستەقىللىق ئۇرۇشى ئاساسەن غەلىبە قىلدى. بىر ئايدىن كېيىن ئىستانبۇلمۇ قولغا كېلىپ ، سۇلتان 17 - نويابىر سۈرگۈن قىلىندى. ئاندىن ساق ئالتە ئايغا سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەت ئارقىلىق ھازىرقى تۈركىيە تەۋەسى قانۇنلۇق ئېتىراپ قىلىنىپ ، 1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمى ئىمزالاندى. ئاندىن كېلىشىمگە ئاساسەن شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر جۇمھۇرىيەت تۈزۈمىدىكى تۇنجى مىللىي دۆلەت « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى » قۇرۇلدى. شۇنداق قىلىپ 1923 - يىلى داھىي مۇستاپا كامال پاشا ئىمپىرىيە خارابىسى ئۈستىدە ھازىرقى تۈركىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . ئۇ بۇ تۆھپىسى ئۈچۈن 1935 - يىلى 1 - يانۋار ئۇنىڭغا « ئاتا تۈرك » نامى بېرىلدى.

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان ئۇلۇغ داھىيسى ئابدۇقادىر داموللامنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1932 - يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئاكىسىراپ قالغان خەلقىمىزگە يىراق تۈركىيەدىن خاقان ئىمپورت قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلىشقا تەييارلانغان. 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات ۋە قانخور ساموراي شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . تارىخىمىزدا تۆھپە كۆرسەتكەن « تۆھپىكارلار » نى ئەسلا
« قەھرىمان » دەپ قارىۋالماسلىق لازىم. بولمىسا ئۈلگە قىلغۇدەك ئادەم قالمايدۇ.

5 . ھىندىستاندىكى سەلتەنەتىمىزنىڭ ئاخىرلىشىشى :

1526 - يىلى مايدا سۇلتان سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى ، مەشھۇر يۇنۇسخاننىڭ قىز تەرەپ نەۋرىسى بابۇرشاھ ئاگرادا قۇرۇپ چىققان غايەت زور ئىمپىرىيە 333 يىلدىن كېيىن مۇنقەرز بولدى.

بابۇر شاھنىڭ 1542 - يىلى 14 - ئۆكتەبىر تۇغۇلغان نەۋرىسى ئەكبەر شاھ 1605 - يىلى 13 - ئۆكتەبىر ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ، ئاتىسىنىڭ دىنىي ئېتىقاد سىياسىتى جەھەتتىكى خاتالىقىنى تۈزەتكەن جاھانگىر شاھ تېخىمۇ ئەجەللىك تارىخىي خاتالىق ئۆتكۈزۈپ ، 1600 - يىلى 31 - دېكابىر ئايال پادىشاھ ئېلزابىت بىۋاستە ئارقا تېرەك بولغان ئەنگلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىگە بابۇرىلار ئىگىلىكىدىكى جەنۇبىي ئاسىيادا ئالاھىدە ئىمتىياز بېرىدۇ . 1627 - يىلى 8 - ئۆكتەبىر جاھانگىر شاھ 58 يېشىدا ۋاپات بولىدۇ . ئۇ  1569 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تۇغۇلغانىدى. گەرچە مەزكۇر شىركەت دەسلەپتە پەقەت سودا ئىمتىيازىغا قانائەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى كۈچلۈك  ھۆكۈمدار ئالەمگىر ئەۋرەڭزېپ 1709 - يىلى ۋاپات بولغاندىن يۈزەكلىك ھالدا سىڭىپ كىرىشنى كۈچەيتىپ ، 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە ھىندىستاننى يۇتۇۋالىدۇ . 19 - ئەسىردە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىمتىيازى بۈيۈك بېرىتانىيەنىمۇ قاتلاپ تاشلاپ ، مەنچىڭ خانلىقىغا ئەپيۇن ئۇرۇشى قوزغاش ، ھىندىستاندىكى بابۇرىلار ئىمپىرىيىسىنى يىقىتىش قاتارلىق سەۋىيەگە يېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيە 1874 - يىلى مەزكۇر شىركەتنى تارقىتىۋېتىپ، 1876 - يىلى ھىندىستانغا ئۆزى بىۋاستە ئىمپىراتور بولىدۇ . 1858 - يىلدىكى خەلق قوزغىلىڭى ئايال پادىشاھنىڭ ھىندىستان خانىشى بولۇش ئىستىكىنى 18 يىل چەكلەپ قويىدۇ.

1837 - يىلدىن 1857 - يىلىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ئاخىرقى بابۇرشاھ سىراجىددىن باھادىر شاھ شۇ يىلى 14 - سېنتەبىر ئەنگلىيە ئارمىيىسى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، چىدىغۇسىز ھاقارەتلەرگە ۋە خورلۇقلارغا ئۇچىرىغاندىن كېيىن ، 1858 - يىلى ھىندىستاننىڭ رەسمىي ھالدا ئەنگلىيەنىڭ زېمىنى بولغانلىقى جاكارلاندى. باھادىر شاھ ھازىرقى بېرما پايتەختى رانگۇندا 1862 - يىلى 7 - نويابىر ھەسرەت ئىچىدە قازا قىلدى.
14 - سېنتەبىر مەزكۇر پادىشاھ تۇتقۇن قىلىنىپ ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى قاراڭغۇدا قالغان قايغۇلۇق كۈن بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتا بۇ دۆلەت ھازىرقى پاكىستان ، كەشمىر ، ھىندىستان، بېنگال ۋە بېرمىلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى .

شۇنداق قىلىپ ، قاراخانىلار يۆلەپ چىقىپ، غەرپكە سۈرگەن سالجۇقىلار بىلەن ئەسلىدە قاراخانىلاردىن كېلىپ چىققان غەزنەۋىلەر دەۋرىدىن باشلاپ ئەجداتلىرىمىز سوراپ كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى 1858 - يىلى قولىمىزدىن چىقىپ كەتتى . ئېنگلىزلار ھاكىمىيەتنى 1947 - يىلى ھىندىلارغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ چىقىپ ئاندىن كەتتى.
ئىران ۋە خۇراساندىكى سەلتەتىمىزمۇ 1921 - يىلى مۇستەقىل بولغان ئافغانىستان ۋە 1925 - يىلى ھاكىيەتنى قاچار تۈركلىرىدىن ئېلىۋالغان پارس گېنىرال رىزاخان پەھلىۋىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى . پېرسىيە نامى « ئىران » غا ئۆزگەردى. خۇراسان نامى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ ، تۆت دۆلەت ئارىسىدا تەقسىم قىلىۋېتىلدى. پەقەت كىچىك ئاسىيادىكى ئاناتولىيە تۈركلىرىلا بەختكە يارىشا مۇستاپا كامالنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئۇرۇش قىلىپ ، ئەڭ ئاخىرقى تۈرك يۇرتىنى ساقلاپ قېلىپ ، بۇ جايدا تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. ئۈچ ئەسىرلىك تارىخىمىزدىن كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى ، بۈيۈك بېرىتانىيە بىلەن چاررۇسىيە، ئىران ۋە خىتاي ئۇيغۇرلار ۋە باشقا بەش قان - قېرىندىشىنىڭ دۆلەت قۇرۇشىنى كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئۇتۇقلۇق توسۇپ قالغان . 

ئاخىرقى سۈرەتتە : بېرما پايتەختى رانگوندا ئېنگلىز مۇستەملىكىچىلىرى تەرىپىدىن
خورلىنىۋاتقان ۋە خاتىرە سۈرەتكە زورلاپ چۈشۈرۈلگەن ئاخىرقى بابۇرشاھ - باھادىرخان.

تارىخىي مەنبەلەر :

1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .
2 . ئوسمانلى سۇلتانلىرى شەجەرىسى .
3 . ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى .
4 . تارىخىي رەشىدى .
5. تارىخىي ھەمىدى .
6. تەلفىقۇل ئەخبار .
7. شەرقىي چاغاتاي خانلىرى .
8. ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ماۋرائۇننەھر.
9. ئەزەربەيجان تارىخى .
10. ئاق قويۇنلار ۋە قارا قويۇنلار سۇلالىسى.
11. ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى.
12. بابۇرنامە .
13. تارىختىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز.
28
بېشى ۋە مۇقەددىمىسى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=536.0

داۋامى ۋە خاتىمىسى :

4 . سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئېلىپ كەلگەن ئەڭ ئاخىرقى پۇرسەتنى قولدى بېرىش:

ھەممىمىزگە مەلۇم بولغاندەك 2 - دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ۋېنستون چېرچىل  دۇنياغا مەشھۇر ‹‹ تۆمۈر پەردە »  ( ئىرون كۇرتائىن ) دېگەن نۇتۇقنى سۆزلىگەن.  نەتىجىدە مۇشۇ نۇتۇق يېرىم ئەسىردىن ئارتۇق داۋاملاشقان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ پەردىسىنى ئاچقان ئىدى . 1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ ، سوتسيالىزىم لاگىرى يىمىرىلدى . شۇنداق قىلىپ ، مەزكۇر سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئامېرىكا باشلىق غەرپ كاپىتالىزىم لاگىرىنىڭ تولۇق غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.

ئەسلىدە « گېتلىر + موسسۇلىن + خېدىكى » قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى « بېرلىن + رىم + توكيو » ئوق مەركىزى دۆلەتلىرىگە قارشى
« ئىتتىپاقداشلار » ئۇرۇشتىن كېيىن بىردىنلا
« ئەشەددىي رەقىپلەر » گە ئايلاندى . شۇ قاتاردا خىتايلار ۋە ئۇيغۇرلارمۇ بۇ پالاكەت ئۇرۇشنىڭ ئېغىر تەسىرىگە ئۇچرىدى . ئەمما ھىلىگەر خىتايلار ھەم ئامېرىكا ، ھەم سوۋېت ئىتتىپاقىغا تايىنىپ ۋە خۇشامەت قىلىپ يۈرۈپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى . بىز پەس خىتايچىلىكمۇ بولالماي ، قولىمىزدىكى نېنىمىزنى تارتقۇزۇپ قويدۇق . مانا ئەمدى مىللەت سۈپىتىدە جېنىمىزنىمۇ تارتقۇزۇپ قويۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز .

يۇقىرىدا دېيىلگەندەك ، 1945 - يىلنىڭ ئاخىرىدىن 1946 - يىلى يازغىچە سوزۇلغان يارىشىش مۇساپىسى « گومىنداڭ بىلەن گۇڭسەنداڭ ، ئۇيغۇرلار بىلەن خىتايلار ئارىسىدا قىسقا مەزگىل ۋاقىتلىق يالغان تىنچلىق پەيدا قىلدى». ئارقىدىنلا ھەممە ئىش بۇزۇلدى.
1946 - يىلى يازدا تاماملانغان بۇ بىرلىشىش 1947 - يىلى مايدا يىمىرىلدى . سوۋېت بىلەن غەرپ ئوتتۇرىسىدا  سوغۇق ئۇرۇش باشلاندى . ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت يىمىرىلدى . سىتالىن قايتا ئىلىدىكى مىللىي ئارمىيەنى كۈچەيتىپ ،يېڭى رەقىبى ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ غالچىسى گومىنداڭنىڭ ئامېرىكىچە قوراللانغان 100 مىڭ سەرخىل ئەسكىرىگە قارشى قويدى . ئەمما 1947 - 1949 - يىللىرىدىكى بىردىنبىر
ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەت خەلقىمىزنىڭ
« ئۇلۇسچى » ۋە « مىللىي جۇمھۇرىيەتچى»
ئىدىيىۋى تالاش - تارتىشى بىلەن بەربات بولدى.

1949 - يىلى ماۋنىڭ جاڭنى يوقىتىشى ئېنىق بوپقالغان ۋەزىيەتتە، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى داۋاملىق قوللىشى ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشىنىڭ  ھاجىتى قالمىدى . يانۋارنىڭ ئاخىرىدىن فېۋرال باشلىرىغىچە مىكويان خىتايغا كەلدى . ئىيۇلدا لىيۇشاۋچى موسكۋاغا باردى . ئاۋغۇستتا خىتاي جاسۇسى دېڭ لىچۈن  موسكۋادىن ئالمائاتا ئارقىلىق غۇلجىغا  كەلدى .  سۇيقەستلەر باشلىنىپ كەتتى .

25 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر غايىپ بوپكەتتى .
26 - سېنتەبىر قارا خىتايلار قىزىل خىتايلارغا تەسلىم بولدى . 17 - ئۆكتەبىر تاجاۋۇزچىلار كەلدى . شۇنداق قىلىپ ، سوغۇق ئۇرۇش پارتلاپ تېخى ئۈچ يىل توشمايلا ، ۋەتىنىمىز ۋە خەلقىمىز مۇستەملىكە ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. ئەسلىدە مانجۇرلار ۋە ياپونلارنىڭ ھەربىي مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى خىتايلار بىردىنلا مۇستەملىكە قىلغۇچى كۈچكە ئايلاندى. بۇ تارىخىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ھاقارەت بوپقالدى.

5 . ئۈرۈمچى سۆھبىتىدىن ئىشغالىيەتكىچە بولغان تۆت يىلدىكى بىر قىسىم زور ئىشلار :

1945 - يىلى 4 - فېۋرال باشلانغان يالتا يىغىنىدا، سالامەتلىكى بەكلا ناچارلىشىپ كەتكەن روزۋېلت، چارچاپ كەتكەن چېرچىل، ھەيۋىسى يۇقىرى پەللىگە يەتكەن سىتالىنغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . 12 - فېۋرال يالتا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ ، سىتالىن ئەڭ چوڭ ئۇتقۇچى بوپقالغان. سىتالىننىڭ تەلىيىگە ، يالتا يىغىنىدىن كېيىن ئۇزۇن ئۆتمەي روزۋېلت ئاپرىلدا ئۆلۈپ كەتكەن . چېرچىلمۇ 16 - ئىيۇل موللاق ئاتقان . نەتىجىدە 1945 - يىلى 17 - ئىيۇل ئېچىلغان پوتسدام يىغىنىدا ترۇمېن ۋە يېڭى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى سىتالىن بىلەن قايتا كېڭەش ئۆتكۈزگەن.
سىتالىن بىر ئاي ئىچىدە مانجۇرىيەگە قوشۇن چىقىرىشقا ۋەدە بەرگەن . بۇنىڭدىن بىر ئاي بۇرۇن ( 8 - ئىيۇن ) جاڭ كەيشى يالتا كېلىشىمىدىن خېلىلا كېچىكىپ خەۋەر تاپقان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىننىڭ بارلىق تەلەپلىرىگە ماقۇل بولمىغاچقا ، سىتالىن شۇ يىلى ئاپرىلدا توختىتىپ قويغان جۇمھۇرىيەت قۇرۇقلۇق ئارمىيىمىزنى كەڭ كۆلەمدە ئۈچ سەپ بويىچە خىتايغا قارشى ئاتلاندۇرغان ۋە قوراللاندۇرغان. ئەسكەرلىرىمىز ئىيۇلدا جەنۇبىي سەپتە سوپاخۇن باشچىلىقىدا تەڭرىتاغدىن ئېشىپ ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان . ئوتتۇرا سەپتە جىڭ ۋە شىخونى ئېلىپ ئۈرۈمچىگە كىرىشكە تەييارلانغان . شىمالىي سەپتە ئوسمان باتۇر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالتايدىكى بارلىق خىتاي ئەسكىرىنى يوقاتقان . گەرچە ياپونىيە مۇددەتتىن بۇرۇن تەسلىم بولۇپ ، « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » 14 - ئاۋغۇستتىلا ئىمزالانغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن خىتاينى تېخىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيىمىزنى 14 - سېنتەبىرگىچە يەنە بىر ئاي ئۇرۇشتىن توسماي ، « ئىككى سائەتتىلا ئۈرۈمچى ئازات بولىدىغان ، يىل ئاخىرىغىچە پۈتۈن ۋەتىنىمىز ئازات بولىدىغان » ۋەزىيەتنى پەيدا قىلغان . ئەمما 15 - سېنتەبىر خىتاينىڭ يالۋۇرۇشى بىلەن ئارمىيىمىزنى ماناس دەرياسى بويىدا رەسمىي توختىتىپ قويغان .

ئەسلىدە 1945 - يىلى ئۆكتەبىردە سۆھبەتكە مەجبۇرلانغان ئۇيغۇرلاردا 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن سىتالىننىڭ بېسىمى بىلەن مۇستەقىللىق ئەمەلدىن قېلىپ ، 11 ماددىلىق بىتىم تۈزۈلۈپ، 28 - ئىيۇن غۇلجا شەھىرىدە 2 - جۇمھۇرىيەت تارقىتىۋېتىلىپ ، 1 - ئىيۇل ئاتالمىش بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغانىدى. بىراق گومىنداڭ شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تېز سۈرئەتتە 1946 - يىلى نويابىرغىچە بولغان بىر يىل ئىچىدىلا ئىشغالچى قوشۇنىنى 100 مىڭغا يەتكۈزدى.
سابىق شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى  بولسا دەل ئەكسىچە 10مىڭغا قىسقارتىلدى.

چېرچىلنىڭ ئامېرىكىدىكى « تۆمۈر پەردە نۇتقى » دىن كېيىن ، خىتاي ، كورىيە ، مانجۇرىيە ، موڭغۇلىيە ھەمدە قۇتلۇق ۋەتىنىمىز غەرپ بىلەن سوۋېتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىش ئورنىغا ئايلىنىپ قالدى . ئامېرىكا قوللاۋاتقان گومىنداڭ 1946 - يىلى ئۆكتەبىردىكى كېلىشىمنى يىرتىپ تاشلاپ ، ئەسلىدە سىتالىن جاڭ كەيشىگە سېتىۋەتكەن خىتاي كومپارتىيىسىگە قارشى 1947 - يىلى مايدا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن . بۇنىڭ تەسىرى موڭغۇلىيە بىلەن ۋەتىنىمىزدىمۇ ئوچۇق كۆرۈنگەن بولۇپ ،
1947 - يىلى 12- ماي موڭغۇلىيىنىڭ مۇستەقىللىقى قايتا جاكارلانغان. ( 1912 - يىلى 12 - فېۋرال مەنچىڭ خانلىقى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، تاشقى موڭغۇل گېگەنى چاررۇسىيىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلىلا مىللىي مۇستەقىللىق جاكارلىغان. بىراق قوللىغۇچىسى چاررۇسىيە 1917 - يىلى يوقالغاچقا، ئارقا تېرىكى يوق پۇرسەت كۈتۈپ، 1924 - يىلى ئىيۇلدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ قوللىشىدا قايتا مۇستەقىللىق ئېلان قىلغان. 1945 - يىلى سىتالىن ئۇيغۇرىستاننى قۇربان قىلىپ، جاڭ كەيشىگە موڭغۇلىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغۇزغان). 1947 - يىلى سىتالىن، كۈنسىرى گومىنداڭدىن يېڭىلىپ شىمالغا قېچىۋاتقان ماۋزېدوڭنى موڭغۇلىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى يەنە بىر قېتىم ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ۋەتىنىمىزدە بولسا، گومىنداڭ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، موڭغۇلىيە مۇستەقىل بولۇپ 10 كۈن ئۆتۈپلا مەسئۇت بايقۇزىنى باشلىق قىلىپ، سوۋېت ۋە ئىلى تەرەپكە پانتۈركىزىم قارتى بىلەن قارشى تۇرغان. نەتىجىدە بۇ ئويۇننىڭ خەتەرلىك ئاقىۋىتىنى ھېس قىلالمىغان رەھبەرلىرىمىز ئىككى يىل ئۆز ئارا « قىزىل پاچاق كوممۇنستلار، ئەشەددىي سوۋېتپەرەسلەر»، « ئاپتونومىيەچىلەر، سادىق خىتايپەرەسلەر» دەپ قالپاق ئىجاد قىلىپ، تارىخىي پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويدى. ئەينى ۋاقىتتا ماۋنىڭ ئىستىقبالى ئېنىق ئەمەس ئىدى. بىراق 1949 - يىلى كىرىشى بىلەن ماۋ مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ سىتالىننىڭ خاھىشى بويىچە مەسئۇتنى ئېلىپ تاشلاپ، سىتالىنچى ۋە ماۋچى بۇرھان شەھىدىنى باشلىق قىلدى. دەل شۇ مىنۇتلاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. كېيىنكى ئايدا سۇيقەست باشلىنىپ، ئەخماتجان قاسىمى قاتارلىق ئىلى تەرەپ ئېچىنىشلىق يوقىتىلدى. ئۈچ ئەپەندى باشلىق مىللەتچىلەر لاداق يولى ئارقىلىق كەشمىرگە قاچتى. خەلقىمىز 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى».

1947 - يىلى 28 - ماي بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق يىغىنىنى ئاچتى. شۇندىن كېيىنلا مەزكۇر ھۆكۈمەت سوغۇق ئۇرۇشنىڭ تەسىرىدە نەچچە ئاي ئىچىدىلا يىمىرىلدى .
1947 - يىلى 12 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا قايتىپ كەتتى.
ئۇزاققا قالماي، باشقا يەتتە ۋىلايەتنىڭ ئۇيغۇر ۋەكىللىرىمۇ غۇلجىغا كېلىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارغا يەنە بىر قېتىم تارىخىي پۇرسەت كەلدى . شۇنىڭ بىلەن 1947 - يىلى سېنتەبىردىن 1949 - يىلى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تۇرۇۋاتقان 100 مىڭ كىشىلىك گومىنداڭ ئارمىيىسى كومپارتىيىگە تەسلىم بولغىچە ساق ئىككى يىل ئىلى تەرەپ بىلەن گومىنداڭ تەرەپ قايتىدىن ئۇرۇش ھالىتىگە ئۆتتى. سىتالىننىڭ ئەخمەتجان قاسىمىغا بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىشى بىلەن مىللىي ئارمىيىمۇ قايتىدىن كۈچەيتىلىپ، سانى تولۇقلاندى. ئەمما بۇ ئالتۇن پۇرسەت كەلگەن ئىككى يىلدا خەلقىمىز « گومىنداڭچى ئۈچ ئەپەندى تەرەپ » ، « سوۋېتچى ئىلى تەرەپ » ، « بىتەرەپ تەرەپ » ۋە « خىتاي كومپارتىيسى تەرەپ » تىن ئىبارەت تۆت قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، ئۆز ئارا كۈرەش قىلىپ ، سىتالىننى بەكلا ئۈمۈدسىزلەندۈرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە سىتالىن ساقلاپ قالماقچى بولغان جۇمھۇرىيىتىمىز ۋە قوراللىق قىسىملار خەلقىمىزنى ھۆرلۈككە چىقىرىدىغان كۈچ بولۇشتىن مەھرۇم بولۇپ ، گومىنداڭنىڭ ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋزېدوڭنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن كوزىر ۋە پېشكىغا ئايلىنىپ قالغان . ھىلىگەر ماۋمۇ شۇ پۇرسەتتە سىتالىننىڭ قايتىدىن ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋالغان.

ئەڭ ئاخىرىدا 1948 - يىل ئاخىرىدا كومپارتىيە مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ، سىتالىننىڭ ۋەتىنىمىزنى مۇستەقىل ساقلاپ  قېلىش ياكى ئۆزىگە قوشۇۋېلىشنىڭ ھاجىتى قالمىدى . بۇ ئەھۋالدا سىتالىن كەسكىن ۋەزىيەتتە كەسكىن قارار چىقاردى  . 1949 - يىلى يانۋاردا مىكويان شىبەيپودا زىيارەتتە بولدى. ئايدا مولوتۇف زىيارەتكە كەلدى. ئىيۇلدا ليۇشاۋچى موسكۋادا زىيارەتتە بولدى. 14 - ئاۋغۇست دېڭ لىچۈننىڭ غۇلجىغا كىرىشى بىلەن ئويۇن باشلاندى. 17 - ئاۋغۇست سۆھبەتلەشتى. 19 - ئاۋغۇست « ساختا چاقىرىق» كەلدى. 23 - ئاۋغۇست ئە. قاسىمى باشلىق رەھبەرلەر ئالمۇتىغا كەتتى. 24 - ئاۋغۇستتىكى سىرلىق سۆھبەتتىن كېيىن، سوۋېت تەرەپ، ئۇلارنىڭ 25 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى، خىتايلار 27 - ئاۋغۇست ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.
11 - سىنتەبىر سەيپىدىن ئەزىزى بېيجىنگە باردى. 26 - سىنتەبىر گومىنداڭ تەسلىم بولدى. 1 - ئۆكتەبىر ۋەتەن مۇنقەرز بولدى.
ۋاڭ جىن ئۈچ مىڭ ئاقساق - چولاق ئەسكەر بىلەن 30 مىڭ ئەسكىرىمىز بار ۋەتىنىمىزگە بەھۇزۇر كىردى. قىزىل ئارمىيە ئۈرۈمچىگە كىرىپ ساق ئىككى ئايدىن كېيىن، ئاندىن مىللىي ئارمىيە 25- دېكابىر ئۈرۈمچىگە كىردى.

1949 - يىلى دېكابىردىن 1950 - يىلى فېۋرالغىچە موسكۋادا ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلدى. مارتتا ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى غۇلجىغا ئېلىپ كېلىندى.

5 . 30 يىللىق مەخپىي كېلىشىمدىكى ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنىڭ قولدىن كېتىشى:

ئۇيغۇر دىيارى ماۋ زېدوڭنىڭ 1949-يىلى، 12-ئايدىن 2-ئايغىچە داۋاملاشقان ئىككى ئايلىق موسكۋا زىيارىتىدە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەسىر كۈچى تولۇق كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان رايونغا ئايلىنىپ، ئىككى تەرەپ شەرتنامىسى ۋە كېلىشىملىرىدىن ئورۇن ئالدى. مانا شۇ كېلىشىملەرنى ئىمزالاشقا ئۇيغۇر ۋەكىلى سەيپىدىن ئەزىز موسكۋاغا ئېلىپ بېرىلىپ قاتناشتۇرۇلدى. سەيپىدىن ئەزىز باش بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاندرېي گرومىكو بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىدا سوۋېت-خىتاي ھەمكارلىقىدىكى رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش كېلىشىمى ئىمزالاپ، شەرقىي تۈركىستان،يەنى خىتاينىڭ ئاتىشى بويىچە ««شىنجاڭ»نىڭ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت كونتروللۇقى ۋە تەسىرى ئاستىدىكى ئۆلكىگە ئايلاندۇرۇلۇشى كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. 1950-يىلى، 14-فېۋرال كۈنى كرېمىل سارىيىدا ستالىن سەيپىدىن ئەزىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، سوۋېت ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، يەنى موسكۋانىڭ 1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇريىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىغا بىۋاسىتە قول تىققان رەھبەرلىرىدىن بىرى ئاندرېي ۋىشىنسكىي ستالىنغا: « بۇ كىشى سەيپىدىن ئەزىزوف بولىدۇ» دەپ تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ستالىن سەيپىدىن ئەزىزگە : « مەن سىزنى بىلىمەن»دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتتى. ئەلۋەتتە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلار ھاياتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ستالىننىڭ سەيپىدىن ئەزىزنى بىلىشى تەبىئىي بولۇپ، ئۇنىڭغا « سىزنى بىلىمەن» دېيىشى ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابى ، ئۇيغۇر خەلقى ۋە ئۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن مەن خەۋەردار دېمەكچى بولغانلىقىدىن دېرەك بەرسە كېرەك؟!

ئېھتىمال، ئەخمەتجان قاسىمى ھايات قېلىپ،بېيجىڭدىكى سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىپ، خۇددى سەيپىدىن ئەزىزگە ئوخشاش خىتاي كومپارتىيەسىنى شەرتسىز ھىمايە قىلغان ۋە ئۇنىڭغا ئەزا بولغان بولسا، موسكۋادىكى كرېمىل سارىيىدا  سەيپىدىن ئەزىز ئەمەس، بەلكى ئەخمەتجان قاسىمى بولۇپ، ستالىن ئۇنىڭغا نېمە دېگەن بولار ئىدى؟. دېمەك پەلەكنىڭ چاقى ئۇنىڭ بۇ سوئالغا دۇچ كېلىشىگە نېسىپ قىلمىدى. يەنى ، ئەخمەتجان قاسىمىلار 20-ئەسىردىكى مەشھۇر سىرلىق قازالار تىزىملىكىگە كىرگەن «ئايروپىلان قازاسى»غا ئۇچرىدى. قىزىق نۇقتا شۇكى، ئەنە شۇ 2-ئاينىڭ 14-كۈنى «سوۋېت-خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە ئۆزارا ياردەم بېرىش شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ بولۇپلا سوۋېتلىكلەر سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمىلارنىڭ جەسەتلىرى تېپىلغانلىقىنى ۋە خالىسا ئېلىپ كەتسە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 1950-يىلى، 27-مارت كۈنى سەيپىدىن ئەزىز سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ ھەمكارلىقى ئاساسىدا «شىنجاڭدا رەڭلىك مېتال شىركىتى ۋە نېفىت شىركىتى قۇرۇش»تىن ئىبارەت ئىككى كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ بولغاندىن كېيىنلا، سوۋېت تەرەپ سەيپىدىن ئەزىزگە ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ جەسەتلىرىنى ئەينەك ساندۇققا سېلىپ تەييارلاپ، 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا تاپشۇرۇپ بەردى ۋە مەخسۇس ئايروپلان بىلەن غۇلجىغا ئەكېلىپ بەردى. بۇ ۋاقىتتا ھەممە ئىشلار ئاخىرلاشقان شۇنىڭدەك ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ غۇلجىدىن ئايرىلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقانىدى.
دېمەك، رۇسلارنىڭ يېڭىدىن ئاشكارىلىشىچە، ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىقلارنىڭ ئولتۇرغان ئايروپىلانى 1949-يىلى، 25-ئاۋغۇست كۈنى بايقال كۆلى بويىدىكى بۇرياتىيە جۇمھۇريىتى تەۋەسىدىكى قابان تېغىنىڭ خابار داۋان دېگەن يېرىگە چۈشۈپ كېتىپ، كۆيگەندىن كېيىنمۇ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى شۇ تاغىدىكى ئادەم ئالدىراپ بارالمايدىغان، يىرتقۇچ ھايۋانلارغا تولغان ئورمانلىق داۋاندا ھەپتىلەر ياتقاندىن كېيىن، سوۋېت دۆلەت خەۋپسىزلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ چۈشۈلۈپ، ئالتە ئاي ساقلىنىپ، پەقەت يېڭىچە سوۋېت-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى رەسمىي شەكىللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىنلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىغا-زارە، نالە -پەريادلار بىلەن دەپنە قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.

سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى باسقۇچى بولغان 1945 - 1955 - يىللىرىدا دەسلەپكى بەش يىلدا مۇستەقىللىقىدىن ۋە ھۆرلۈكىدىن مەھرۇم قېلىش بىلەن ئەڭ ئېغىر زىيان تارتقان مىللەت بىز بولغان بولساق، كېيىنكى بەش يىلدا بارلىق ھەق - ھوقۇقلاردىن مەھرۇم قالغان مىللەتمۇ بىز بولۇپ قالدۇق .

مانا ئەمدى خىتاي ۋىرۇسى سەۋەپلىك پۈتۈن دۇنيا يەنە ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈنۈپ ، يېڭى سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ھىدلىرى كېلىۋاتىدۇ . ئەينى چاغدىكى سوغۇق ئۇرۇشتا خىتايلار بىزنى ۋاستە تاللىماي قانداق باپلىيالىغان بولسا مانا ئەمدى
بۇ خىتايلار خەلقئارا ۋەزىيەتتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ بىزنى 70 يىلدىن بېرى قانداق قانۇنلۇق ۋە ئۇتۇقلۇق باستۇرۇۋالغان بولسا ، بۈگۈنمۇ يەنە شۇنداق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ھەر خىل ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى قانۇنلۇق ۋە ئاشكارا ھالدا تېز سۈرئەتتە ئېلىپ بېرىپ، بىزنى يىلتىزىمىزدىن قۇرۇتۇپ تاشلاش ئۈچۈن تىنىمسىز ھەرىكەت قىلماقتا . بولۇپمۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان « خىتاي ۋىرۇسى قورقۇنچى » سەۋەبىدىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كاللىسى توختاپ قالغان شۇ مىنۇتلاردا ھىلىگەر دۈشمەننىڭ كاللىسى تېخىمۇ تېز ئىشلىمەكتە. ھەرىكىتىمۇ تېزلىشىپ بارماقتا . نىشانغا يېتىشمۇ كۆزىگە كۆرۈنۈپ قالماقتا . ھالقىلىق چاغدا ، ۋاختىدا
« بىھوشلۇق دەۋرى » بىلەن خوشلاشمىساق، بىزدىن پايدا ئېلىشىغا كۆزى يەتمىگەن ھازىرقى زامانىمىزنىڭ سىتالىنلىرى « يەنىلا مەنپەئەت بېرىدىغان خىتاي ياخشى » دەپ قاراپ ، قايتىدىن ئەپلىشىپ ، ئورتاق مەنپەئەتى ئاساسىدا ئالدىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ . بىزمۇ چوڭدىن كىچىكككىچە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ قولىدىكى قىممەتلىك تاۋار سۈپىتىدە قولدىن قولغا سېتىلىپ مېڭىۋېرىمىز ......

1945 - يىلى 11 - ئاۋغۇست ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر ياپونىيەنىڭ شەرتسىز تەسلىم بولۇشىغا رەسمىي قوشۇلدى . 14 - ئاۋغۇست ياپونىيە تەكلىپنى ( شەرتسىز تەسلىم بولۇش ) قوبۇل قىلدى . شۇ كۈنى موسكۋادا سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى تۈزۈلدى . 15 - ئاۋغۇست ياپونىيە رەسمىي تەسلىم بولدى. بىراق ياپونىيە 1 - سېنتەبىرگە كەلگەندىلا ئاندىن گومىنداڭ بىلەن كېلىشىم تۈزدى . دەل شۇ كېچىسى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدا ھەيۋەتلىك تاشقورغان ئىنقىلابى باشلاندى. ياپوننى يەڭدۇق دەپ تەنتەنە قىلىۋاتقان گومىنداڭچىلارغا چاشقان تۆشۈكى ساراي بولدى.

خۇلاسە قىلغاندا :

1789 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ئىمپىرىيالىزىم دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويدى . ناپولىئون 1798 - يىلى مىسىرغا قوزغىغان ئۇرۇش بىلەن 1812 - يىلى چاررۇسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە ئىرقنى ئاساس قىلغان ئورتاق « ۋەتەن » ئۇقۇمى يىمىرىلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر تارراق « ۋەتەن » ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى . نەتىجىدە كىچىككىنە ياۋروپادا بۇرۇنقى بەش چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئورنىغا يىگىرمىدىن ئارتۇق مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى . 19 - ئەسىردە ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە ئاخىرى بىپايان شەرق دۇنياسى ( ئىسلام دۇنياسى ) ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى ياپونىيەدىن باشقا بارچە كۈن چىقىش ئەللىرىنى بويسۇندۇردى .  شەرقىي ئاسىيادا
« شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان خىتايلار ( مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ) بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى « غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان تۈركلەر ( ئوسمان ئىمپىرىيىسى ) باشلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى « مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدىكى ئۈممەت دۆلەتلىرى » يىمىرىلىپ ، ئۇلارنىڭ خارابىسىدە كۆپلىگەن مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلدى . جاھاننىڭ رەپتارىغا توغرا باقالىغان خىتاي سۈن ۋېن يېڭى خىتايلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، 1912 - يىلى تۇنجى خىتاي مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى .
مۇستاپا كامالمۇ ئون يىلدىن كېيىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، 1923 - يىلى يېڭى تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . گەرچە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ ، ئەمما 1921 - يىلى 4 - ئىيۇن موسكۋادا يېڭى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سوۋېتلەرنىڭ غەرپكە ۋە ياپونغا قارشى تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەپلىك رەت قىلىندى . ئاقىۋەت بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلىغان ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، قالدۇق ئوسمانىلار پاشالىرى ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇندى . ئاخىرقى تەھدىت سەۋەپلىك تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقان سىتالىن ، 1937 - يىلى ياپون تەھدىتى سەۋەپلىك بارلىق مىللىي مۇستەقىلچى كۈچلىرىمىزنى يوقاتتى . ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى باشتىنلا قىزغىن قوللىغان سىتالىن 1945 - يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بەرگەن . 1949 - يىلى سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ، پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا سوۋغا قىلغان . بىراق شۇ يىلى دېكابىردا ماۋ خىتاينىڭمۇ شېڭ شىسەيگە ئوخشاش ۋاپاسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرال مەجبۇرىي كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ  1955 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇشنى بەلگىلىگەن . ئەپسۇس ، سىتالىن
1953 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، خىتايلار ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ  ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قۇرۇپ خەلقىمىزنى ئالدىغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ » ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم بىزلەرنى ، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمان ۋە ئەبەدىي ھەسرەت - نادامەتتە قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 15 - ئاۋغۇست. شەنبە.
29
يالتا روھى ۋە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى

يالتا يىغىدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىمىز :

« 1938 - 1945 - يىللاردىكى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن يىراق مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى»:

1910 - يىلى ياپونىيە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ،
1928 - يىلى جاڭ كەيشى نەنجىڭدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ،« جۇڭخا مىنگو»نى قۇردى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى قوللىدى. بىراق خىتايلار زادىلا قەددىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، چاققان چىققان ياپونىيە 1931 - يىلى كورىيەدىن مانجۇرىيىگە بېسىپ كىردى. سىتالىننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. 1932 - يىلى 3 - مارتتا مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ياپونىيە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1938 - يىلى گېرمانىيە چاقماق تېزلىكىدە ئاۋستىرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىگىلەپ، پولشا بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. سىتالىن ھەم شەرقتىن ھەم غەرپتىن پۇراۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى ھىدىنى سېزىپ قالغاچقا، ئۇرۇش ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەرھال پۈتۈن سوۋېت دائىرىسىدە 1936 - يىلدىن 1939 - يىلغىچە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئارمىيىدىن پارتىيىگىچە، كادىرلاردىن ئاۋامغىچە مىليونلىغان سەرخىللارنى ئۆلتۈرۋەتتى. 1938 - يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ سىتالىن فىنلاندىيىگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ كېلىشىم تۈزمەكچى بولدى. بىراق نەتىجە چىقىرالمىدى. 1939 - يىلى 23 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. گېرمانىيە كېلىشىم بويىچە 1939 - يىلى 1 - سىنتەبىر پولشاغا غەرپتىن ھۇجۇم قىلدى. سىتالىن 17 - سىنتەبىر شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ پولشانى مۇنقەرز قىلدى. 1939 - يىلى 9 - ئۆكتەبىر 1938 - يىلى ئاپرىلدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغاتتى. بىراق يەنىلا نەتىجە چىقمىدى.
14 - ئۆكتەبىر سىتالىن فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھانكو پورتىنى ئىجارە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق بولغاندا گېرمانىيىنىڭ سوۋېتنى فىنلاندىيە قولتۇقىدا قورشاۋغا ئېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئۇندىن باشقا سىتالىن 2750 كۋادرات كىلومېتىر فىنلاندىيە زېمىنىنى 5527 كۇۋادرات كېلومېتىر سوۋېت زېمىنىغا تېگىشىپ، لېنىنگراتقا 30 كىلومېتىرلا كېلىدىغان كارىلىيە رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، گېرمانىيىدىن مۇداپىئەلەنمەكچى بولغان. بىراق فىنلاندىيە يەنە رەت قىلغاچقا،
سىتالىن 28 - نويابىر ئەسلىدىكى 1932 - يىلى ئىمزالانغان « سوۋېت - فىنلاندىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى » نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، 30 - نويابىر ھېچبىر تەييارلىقسىز ھالدا « قىشلىق ئۇرۇش» نى باشلىغان. نەتىجىدە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەكس تەسىرى تېزلا كۆرۈلگەن. 1940 - يىلى 13 - مارتقىچە داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا سىتالىن 320 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان. 5570 ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. 3543 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلانغان. 515 ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. فىنلاندىيىدىن بولسا 26 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان. مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن. 43 مىڭ ئەسكەر يارىلانغان. 30 تانكا ۋە 62 ئايروپىلان زىيان تارتقان. مىڭدەك ئاۋام بومباردىماندا قازا قىلغان . خەلقئارا ئىتتىپاق سىتالىننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلەپ، 1939 - يىلى 14 - دېكابىر سوۋېتنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، فىنلاندىيىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ماننېرھېيىمنىڭ قوماندانلىقىدا فىنلاندىيە خەلقى ئاز كۈچ بىلەنلا سىتالىغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن./ شۇڭلاشقا ۋەتەندە خىتايلار ئىزچىل بۇ قىشلىق ئۇرۇشنى يوشۇرۇپ كەلدى. ۋەتەندىكى خىتايلار تۈزگەن دۇنيا تارىخىغا بۇ ئۇرۇش كىرگۈزۈلمىگەنىدى/. بەزى مەنبەلەردە بۇ ۋاقىتتا موسكۋا ئەمگەكچىلەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىمۇ بۇ قېتىمقى قىشلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر يارىلىنىپ، 1940 - يىلى ئەتىيازدا كاۋكازدا داۋالىنىپ ساقايغان. ئوق تېگىپ كەتكەن كۆزى سەل قىسىق دېيىلىدۇ/.

1940 - يىلى 13 - مارت ئۇرۇش توختاپ، سىتالىن فىنلاندىيىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى 11% زېمىنىغىلا ئېرىشكەن. ئەمما خەلقئاردىكى ئابرۇيى ۋە ھەيۋىسى يەر بىلەن يەكسان بولغان.

« قىشلىق ئۇرۇشتىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت قىزىل ئارمىيىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

سىتالىن ئەمدى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ياپونىيە بىلەنمۇ تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىدى. نەتىجىدە 1941 - يىلى 13- ئاپرىل موسكۋادا « سوۋېت ياپونىيە بىتەرەپلىك ۋە تېنچلىق كېلىشىمى » ئىمزالاندى.

سىتالىن 1931 - يىلى ياپونلار مانجۇرىيىگە كىرگەندىلا يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىغانىدى.
ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغاندا 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن يېرىم كېچىدە گېتلىر 3 مىليون قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئۈچ سەپ بويىچە سوۋېتقا بېسىپ كىردى. ھەر قايسى سەپ قوشۇنلىرى يىل ئاخىرىغىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا لېنىنگراد، موسكۋا ۋە كېيىۋغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە 1941 - يىلى 7 - دېكابىر ھاۋايدىكى پئورل - خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنى دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى.
شۇنىڭ بىلەن سىتالىنغا پۇرسەت كەلدى.

1942 - يىلدىن 1945- يىلى 9 - ماي گېرمانىيە مەغلۇپ بولغىچە، روزۋېلىت، چېرچىل ۋە سىتالىن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۈزۈپ، دۇنيانى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشتى.

ۋەتىنىمىز گەرچە ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق بولسىمۇ ، بىراق 1941 - 1943 - يىللاردىكى ئامېرىكا - سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ، سىتالىننىڭ رازىلىقى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى، جاللات شېڭنىڭ ئارتىسلىقى بىلەن گومىنداڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 1944 - 1945 - يىللىرى جاڭ كەيشىدىن مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرالمىغان سىتالىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 1944 - يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا 2 - جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشىغا يول قويدى.

1945 - يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىنىڭ روھى بويىچە سىتالىن « گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەردى. بىراق جاڭ كەيشى، 9 - ماي بېرلىن ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ سىتالىننىڭ موڭغۇلىيە ، يىراق شەرق ۋەمانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتى توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، 2 - ئايدىن بېرى جەڭگە كىرگىلى قويمىغان ئۇيغۇرلارغا  6 - ئايدا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئىككى
ئاي ئىچىدىلا شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئازات قىلدى. جەنۇپتا ئاقسۇ ئازات بولاي دېدى.

1945 - يىلى 12 - ئاپرىل روزۋېلىت ۋاپات بولۇپ، ترۇمېن ئورنىغا چىققان. 9 - ماي سىتالىن بېرلىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،
ترۇمېن 22 - ماي « كوممۇنىزىم خەتىرىگە قارشى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن روزۋېلىت ۋاختىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئىتتىپاقلىقى يىمىرىلىشكە باشلىغان. ئىيۇلدا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يىراق شەرققە ئەسكەر توپلاۋاتقان سىتالىننى ئاگاھلاندۇرغان. 6 - ئاۋغۇست خروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان.
سىتالىن 7 - ئاۋغۇست « 1941 - يىلى 13 - ئاپرىلدىكى سوۋېت - ياپون تېنچلىق كېلىشمى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8 - ئاۋغۇست يەنە بىر ئاتوم بومبىسى ناگاساكىغا چۈشكەن. سىتالىن ترۇمېننىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، « يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن، شۇ كۈنىلا مانجۇرىيىنى قورشاۋغا ئالغان ئىككى يېرىم مىليون ئەسكىرىگە بۇيرۇق بەرگەن. قىزىل ئارمىيە 9 - ئاۋغۇستتىن 14 - ئاۋغۇستقىچە بولغان ئالتە كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل مانجۇرىيىنى ئىشغال قىلىپ، بىر يېرىم مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 14 - ئاۋغۇست ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سىتالىن شۇ كۈنىلا موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » نى ئىمزالاپ، جاڭ كەيشىنى تېزرەك ئىپادە بىلدرۈشكە زورلاش ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيىنى تاكى 9 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىشىغا سۈكۈت قىلغان.
ئۈرۈمچىدىكى جۇشاۋلىياڭ 11 - سېنتەبىر چۇڭچىڭغا ئۇدا ئۈچ قېتىم جىددىي مەكتۇپ يوللاپ :« ئەھۋال بەكلا خەتەرلىك ! ئۇلار 120 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرلىسىلا ئۈرۈمچى قولدىن كېتىدۇ! ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشقا 120 كىلومېتىرلا قالدى. مەن ئاز ساندىكى ئەسكەرلىرىم بىلەن دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش يولىنى تۇتتۇم! ئالىيلىرى تېزدىن چارىسىنى قىلىپ، ياردەم قىلغايلا !» دېگەن.
ئاخىرى جاڭ كەيشى سىتالىندىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىتالىن پالىنوف ئارقىلىق مىللىي ئارمىيەنى ماناس دەريا بويىدا توختىتپ قويغان. 15 - ئۆكتەبىردىن 1946 - يىلى ئىيۇنغىچە سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1 - ئىيۇل « بىرلەشمە ھۆكۈمەت » قۇرۇلغان. ئون كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھەتتا ئەلىخان تۆرەمگە مېدال ئېلان قىلىنغان. بىراق غۇلجىدا،
ئەلىخان تۆرەم 13 - ئىيۇل مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە زىس ماشىنا بىلەن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى./ بۇ ئىشلارنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللەر تېخى بىلمەيتتى/. 1947 - يىلى 25 - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى بىتچىت بولدى. بىراق ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.
چۈنكى جاڭ كەيشى ترۇمېننىڭ قوللىشىدا 1946 - يىلى 6 - ئايدا كومپارتىيىگە ھۇجۇم باشلىغانىدى.

ترۇمېننىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە كوممۇنىزىمغا، سوۋېتقا قارشى ھەرىكەتلىرى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تېخىمۇ تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى.

1946 - يىلغىچە نىسبەتەن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيىتىمىز 1948 - يىلى ئەسلىدە سىتالىن مانجۇرىيەدە قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللار ئارقىلىق گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، كۈنسىرى جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ سەۋەبىدىن 1949  - يىلى سېنتەبىردە قايتا قۇربانلىق قىلىنىپ، 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى.

« فرانكىلىن روزۋېلىتنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاررىي ترۇمېننىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»
توغرىلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك « دەۋاگەر يۇۋاش بولسا، قازى مۇتەھەم بولىدۇ» ! « بىزمۇ قۇياش ئاستىدىكى زېمىندىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئادەمدەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!»

1 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە    تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن قاتتىق يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

2 . ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تەقدىرى:

ئەجەبا ھازىر سوغۇق ئۇرۇش ئورنىغا قىزىق ئۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش بوپقالدىمۇ ؟! بىز بۇ چاغدا نېمە قىلماقچى؟

ئەسلىدە گېرمانىيە ، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە فاشستلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى بېكىتىشتە كېلىشەلمەي ، يېڭى رەقىپلەرگە ئايلىنىپ قالغان . روزۋېلتنىڭ 1945 - يىلى ئاپرىلدا ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن سوغۇق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن .

1945 - يىلى 17 - ئىيۇل پوتسىدام يىغىنىدا ياپونلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ سىتالىنغا يالۋۇرغان تىرۇمېن بىر ئاي ئۆتمەيلا ياپونىيەگە تاشلىغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۈنۈم بەرگىنىنى كۆرۈپ ، سىتالىننى يىراق شەرققە ئەسكەر يۆتكەشتىن تۇسۇشقا باشلىغان . بىراق سىتالىن پەرۋا قىلماي، يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈنىلا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ، يىراق شەرققە ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ ، 9 - ئاۋغۇستتىن 18 - ئاۋغۇستقىچىلا مانجۇرىيە ( 1932 - 1945) دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ بولغان . ياپونىيەمۇ 14 - ئاۋغۇست ئامېرىكا بىلەن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان . ئەسلى پىلاندا 1950 - يىلغىچە مەغلۇپ قىلىش مۆلچەرلەنگەن ياپونىيەنىڭ بۇنداق تېزلا تەسلىم بولۇشى ھەم سىتالىن ھەم تىرۇمېننىڭ پىلانلىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن . ئەڭ چوڭ پايدىنى خىتاي فاشست دۆلىتى ( 1928 - 1949 ) ئالغان . چۈنكى خىتايمۇ ياپونغا قارشى ئىتتىپاقداش ئەللەر قاتارىدا بولۇپ ، ياپونىيە تەسلىم بولغان كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان .

سىتالىن يىراق شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەم قىزىل خىتاي باندىتلىرىنى ھەم بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلىپ ، جاڭ كەيشىنى ئېتىراپ قىلغان . ئەمما خىتاينى يەنىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ، مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ساق بىر ئاي ئۇرۇش قىلىپ ، ماناس دەرياسى بويىغىچە ئازات قىلىشىغا يول قويغان . ئەينى ۋاقىتتا جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن تىرۇمېنغا يالۋۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 12 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ، سىتالىنغا ئۇدا يالۋۇرۇپ ، ئۇنىڭ مانجۇرىيە ، لۇشۈن پورتى ۋە سېرىق دېڭىزدىكى تەلەپلىرىگە تولۇق قوشۇلغان. شۇندىلا سىتالىن 15 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىدا ئارمىيىمىزنى توختىتىپ قويغان .

بىراق 1946 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا سوۋېت تەرەپنى مانجۇرىيە، ۋەتىنىمىز ۋە ئىراندىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ بېسىم قىلغان . سىتالىن كاۋكازدىكى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە يىراق شەرقتىكى تەسىرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن يول قويۇپ ، 1946 - يىلى ئىيۇلدا بارلىق ئالاھىدە خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، ئەلىخان تۆرىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن . ئاۋغۇستتا مانجۇرىيەنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . يەنە شۇ يىلى كۈزدە ئىراننىڭ غەربىدە قۇرغان « بۈيۈك غەربىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى ئىرانغا تاشلاپ بەرگەن . ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى 11 - نويابىر تەبرىزنى ئىشغال قىلىپ بۇ دۆلەتنى يوقاتقان . ھازىرمۇ ئىراندا ئەزەربەيجان مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى پارسلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ . سىتالىن يىراق شەرقتە، ۋەتىنىمىزدە ۋە ئىراندا ئامېرىكا بىلەن خىتايغا يول قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان . ئامېرىكا دەرھال غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، گېرمانىيەنى پاسىل قىلىپ سىتالىن بىلەن تىركەشكەن .

ياۋروپادىكى سۈركىلىش ئاسىيادىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىپ ، 1947 - يىلى باھاردا جاڭ كەيشى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا قىزىل خىتايلارغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان . ماۋ دەرھال شىمالغا قېچىپ بېرىپ ، موڭغۇللارنى ئالداپ،
تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا شۇ يىلى مايدا
« ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » نى قۇرۇپ بەرگەن . سىتالىن گەرچە 1946 - يىلغىچە بېسىپ ياتقان مانجۇرىيەنى جاڭ كەيشىگە تاشلاپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما شۇ چاغدا ئېلىپ كەلگەن قورال - ياراقلارنى موڭغۇللارنىڭ قولى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . بىراق پۈتۈنلەي ئامېرىكىچە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسى 1947 - 1948 - يىللىرى ماۋنى ئاساسەن تارمار قىلىش نىشانىغا يېقىنلاشقان . سىتالىن 1947 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ ، ئاتالمىش « بىرلەشمە ھۆكۈمەت» يىمىرىلگەندىن كېيىن ، قايتىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە بۇيرۇپ، بىزنى قايتىدىن قوراللاندۇرغان . ئۇ چاغدا سىتالىن ئۆزىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا قوللىغان گومىنداڭغا قارشى غەلىبە قىلىشىغا تازا ئىشەنمىگەچ ، ھەر ھالدا پۈتۈن خىتاينى تارتقۇزۇپ قويغاندىن ، ئارقا ھويلىسى بولغان ۋەتىنىمىزنى بولسىمۇ قولىدا ساقلاپ قېلىپ ، ۋەتىنىمىزنى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇتماقچى بولغان .

ئەڭ ئەجەللىك خاتالىق دەل شۇ چاغدا سادىر بولغان . ئالتۇن پۇرسەتمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قولدىن كەتكەن . ھىلىگەر ماۋ ئۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭنى يېڭىشكە كۆزى يەتمەي ، ھىلە - مىكىر ئارقىلىق « دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىرلىشەيلى ! » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1946 - 1948 - يىللاردىكى ھالاكەت خەۋپىنى يوق قىلغان . تۇنجى بولۇپ 1949 - يىلى يانۋاردا تۈلكە جاڭ جىجۇڭ تەسلىم بولغان . ئۇنىڭ ۋاستىسىدە پېكىننى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ گېنىرالى فۇزويى بىر پاي ئوق ئاتمايلا، ئامېرىكىچە قوراللانغان نەچچە يۈز مىڭ سەر خىل خىتاي ئەسكىرىنى ماۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان. ماۋ سىتالىندىن مانجۇرىيە ئارقىلىق بىۋاستە ھەربىي ياردەم ئالالايدىغان بولغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، يۇقىرىقى ئۈچ يىلدا بىز ۋەتىنىمىزدە ئىككى قۇتۇپ بولۇپ ئىدىيە كۈرىشىگە پېتىپ قالغان بولۇپ ، ئەسلىدە بىر پۈتۈن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى بولغان خەلقىمىز بىردىنلا تېڭىرقاپ ، ھەم سوۋېتقا ھەم خىتايغا قارشى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىشەلىگەنيۇ ، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز « ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ » ، « يەتتە ۋىلايەت تەرەپ » بولۇشۇپ ئۆز ئارا ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن . ھەتتا موسكۋامۇ بۇ ھەقتە
« پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى » دەپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، بىزدىن سوۋۇپ كېتىشكە باشلىغان . ۋەتىنىمىزدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدىلوگىيىلىك پىكىرنىڭ يامراپ كېتىشى سىتالىننىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن .

1949 - يىلى يانۋاردا ماۋ پېكىننى ئىشغال قىلغان ھامان ، سىتالىن ئەڭ يېقىن ئادىمى ئاناستاس مىكوياننى مەخپىي زىيارەتكە ئەۋەتكەن . ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ ئەنە شۇ زىيارەت بىلەن بېكىتىلىشكە باشلىغان . مىكويان ھەتتا ماۋغا ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى قوللىغانلىقىنى يوشۇرغان . بۇمۇ سىتالىننىڭ ماۋدىن بەكرەك بىز بىلەن يېقىنلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى . ھەم ماۋنىڭ ئالاقىسىدىن بىزنىڭ ئالاقىمىزنىڭ بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى . ماۋ بۇ قېتىم سىتالىننى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بايان قىلغان . ئەمما سىتالىن رەت قىلغان.ئۇ ماۋغا تېزدىن يىل ئاخىرىغىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇش، ئاندىن زىيارەتكە كېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن . شۇڭا ماۋ شۇ بويىچە بىر قاتار ھىلە - مىكىرلەر ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ۋە مەنسەپپەرەس خىتايلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش يولى ئارقىلىق ، مۇنتىزىم ئىككى مىليون ئەسكىرى بار گومىنداڭنى 36 تەدبىر بىلەنلا پارچىلاپ تارمار قىلغان .

1949 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر گەرچە قىزىل خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ھەم ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىسى، ھەم جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت ئاممىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتىنىمىز تېخىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ خەرىتىسىدە يوق ئىدى . نامدا تەسلىم بولغان گومىنداڭمۇ ئالدىراپ بۇ جاينى قىزىل خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەيتتى . ئىلىدىكى تەرەپمۇ بۇ قىزىل خىتاينى ئېتىراپ قىلمايتتى . چۈنكى ئۇلار تېخىچە ئەخمەتجان قاسىمىنى رەھبىرىمىز دەپ بىلەتتى .  پېكىندىكى سەيپىدىنمۇ ئۇ چاغدا پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلاتتى . ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى . ئەمما سىتالىن ئويۇننى شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ئوينىغان ، خىتايلارمۇ شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن رول ئالغانكى ، ھازىرغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى خىتايلارنىڭ گومىنداڭنى ئۆرۈش ھەرىكىتى بىلەن بىر قاتاردا ساناش كاللىمىزغا قەدەر سىڭدۈرۈلگەن .

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى بەش ما فامىلىلىك مىلىتارست تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە توپلاپ ، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ، بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنلا ، ھەم ماۋنى تېزدىن دۆلەت قۇرۇشقا قىستىغان ، ھەم رەھبەرلىرىمىزنى چاقىرىپ ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىستىغان . ئۇلارنىڭ سىرلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىلا ئۇلارنىڭ سىتالىنغا قارشى چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتى . ماۋ دۆلەت قۇرۇپ، ئەسلىدە 1950 - يىلى ئىشغال قىلىش پىلانىنى سىتالىنغا يەتكۈزۈپ ، ھازىرچە ھەم قاتناش قورالى ھەم ھەربىي قورال - ياراقلار كەمچىل دېگەن باھانىنى كۆرسەتكەن . شۇڭا سىتالىن ئالاھىدە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇغان . شۇنداق قىلىپ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن خىتايلار شۇ يىلى 10 - ئۆكتەبىر ھەم قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن تەڭلا سەددىچىندىن چۈمۈلىدەك چىقىشقا باشلىغان . خەلقىمىز نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ، ئۇلار ئىككى ئاي ئىچىدىلا بىياپان ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ بولغان . گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قورالسىزلاندۇرۇلۇپ ، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامىلىپ ئەمگەككە سېلىنغان . مىللىي ئارمىيەنى 1949 - يىلى 25 - دېكابىرغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۈرۈمچىگە كىرگىلى قويغان . بۇ دېگەنلىك « مەن ئۈرۈمچىنى گومىنداڭدىن 17 - ئۆكتەبىر تارتىۋېلىپ ئازات قىلدىم. سەن تەييارغا ھەييار بولۇپ 25 - دېكابىر كىردىڭ» دېگەنلىك ئىدى. خەلقئارا سىياسەت مانا مۇشۇنداق رەزىل ۋە مەينەت ئىدى . بۇندىن بۇرۇن 1946 - يىلى 28 - ئاۋغۇست غۇلجىغا كەلگەن تۈلكە جاڭ جىجۇڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چۈشۈرگۈزۈپ ، ئاندىن ئايروپىلاندىن چۈشۈشتە ئۇتۇق قازانغان ئىدى.

3 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

داۋامى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=537.0
30

سېۋىر كېلىشىمىگە 100 يىل توشقاندا :
 ( يۈز يىلدىن بۇيانقى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان بۈگۈنى ۋە يېقىنقى 100 يىللىق پەرقلىق ئۆتمۈشى )

كىرىش سۆز :

1878 - 1908 - يىللار ئوسمانىلار تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق يىللار بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاسىيا ، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى زېمىنلىرى غەرپ ئەللىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخىرقى كۈچلۈك سۇلتان پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلىتىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغان ئىدى . سۇلتان ئىسلامىزىم ئارقىلىق ئوسمانىلارنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن ياش ئوسمانىلار غەرپچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلاتتى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇتۇق قازىنالمىغاچقا ، ياشلار ئىچىدە ، بولۇپمۇ ھەربىيلەر ئارىسىدا تۇرانچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇلار ئادرىئاتىكدىن خىتاي سېپىللىرىغىچە ، سىبىرىيەدىن پېرسىيەگىچە سوزۇلغان تېخىمۇ جەڭگىۋار تۈركىي دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولدى . دەرۋەقە ئۇلار 1908 - يىلى سۇلتاننى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ ، 1909 - يىلى ئۇنى تەختتىن چۈشۈرەلىدى . بىراق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئون يىل توشمايلا يىمىرىلىپ كەتتى . ئۈچ پاشا قېچىپ كەتتى . يەنە نۇرغۇن پاشالار ئۆز ۋەتىنىدە ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قىلىپ ، 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر پەقەت قارا دېڭىز رايونىلا قولىدا قېپقالغان ئوسمانىلار ئىمپىرىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تۇنجى مىللىي دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى .

1 . ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلۇشى

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار 1862 - يىلدىن 1868 - يىلغىچە كۆپ قان تۆكۈپ مىڭبىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەجەللىك سىياسىي خاتالىق سادىر قىلىپ ، يىمىرىلىش باسقۇچىدىكى لىڭشىپ قالغان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلىشى 150 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىستىقبالىنىمۇ ئېنگىلىزلار ۋە ئورۇسلار ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇننىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان . زوزۇڭتاڭ ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغان ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندا ئوسمانىلارنىڭ ئازراقمۇ ئاغزاكى نارازىلىقمۇ بىلدۈرۈپ قويماسلىقى مۇشۇ سەۋەپتىن ئىدى : ( تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا):

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=534.0

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ .

2 . بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن . ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە ئىككى كۈچ ھاكىمىيەت تالاشتى . ئۇنىڭ بىرى دەل ھازىرقى باندىت خەلىپە ھەفتەر بولۇپ ، ئۇنى تۈركىيەگە قارشى بارچە ئەرەب ئەللىرى ۋە رۇسىيە قوللايتتى . يەنە بىرى تىرىپولىدىكى فايىز سەرراج ھۆكۈمىتى بولۇپ ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغاندىن سىرت ، تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتتى . ھەفتەر 2019 - يىلى ئاپرىلدا بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، شۇ يىلى دېكابىردا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن . تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا ئۆز ئارا دېڭىز تەۋەلىكىنى تەقسىملىگەن تۈركىيە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ، 2020 - يىلى 5 - يانۋار لىۋىيەگە ئەسكەر چىقاردى . كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەفتەر ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، سەرراج تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى . بۇ يىل ئىيۇلدىن بېرى ئەرەب ئەللىرى مىسىرنى لىۋىيەگە مۇداخىلە قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ ، يەنىلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا . ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق  .

 3 . دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى:  ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە  ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 - كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى .
ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

4 . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل باشلانغان دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئوسمان ئىمپىرىيىسى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئودېسسا ۋە سېۋاستوپولنى بومبىلاش بىلەن قاتنىشىپ ، 12 - نويابىر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇشنى تاللايدۇ. ئاقىۋەت تۈركىيەنىڭ ماماتلىق قۇتلۇق ئۇرۇشى،
1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.

5 . ئىسيانچى ئەرەبلەرنىڭ ئاقىۋىتى :

ئەرەبلەر 1916 - يىلى 10 - ئىيۇن مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىن باشچىلىقىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1917 - يىلى كۈزگىچە ئوسمانلى ئارمىيىسىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن، 1918 - يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن « خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىش، بارلىق ئەرەبلەرنى بىر دۆلەت قىلىپ بېرىش » كۈچلۈك ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ھۈسەيىننى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ئابدۇلئەزىزنى نەجىتتىن ھىجازغا ھۇجۇم قىلغۇزۇپ، 1924 - يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۈسەيىننىڭ بارلىق قوشۇنىنى قىرغۇزۇۋېتىپ، شۇ يىلى يازدا ئىككى ھەرەمنى قالاق، بەدەۋى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن ھۈسەيىننى قۇتقۇزغان بولۇپ، سىپرۇسقا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پايسالنى سۈرىيە شاھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا 1916 - يىلى 16 - ماي تۈرۈلگەن
 « سايكس - پىكوت كېلىشىمى » نىڭ روھى بويىچە سۈرىيەنى فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىدۇ . فرانسىيە 1921 - يىلى پايسالنىڭ ** ئەرەب قوشۇنىنى يوقىتىپ، سۈرىيەنى ئىشغال قىلىدۇ. 1932 - يىلى ئەنگلىيە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىراق ۋە مىسىرغا قىسمەن يۈزەكى  مۇستەقىللىق بېرىدۇ . ئابدۇلئەزىزمۇ شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە « سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى » نى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئىراق 1958 - يىلى، سۈرىيە 1960 - يىلى،  مىسىر 1952 - يىلى، كۇۋەيت 1966 - يىلى، قاتار 1968 - يىلى ، يەتتە ئەرەب بەگلىكى 1970 - يىلى ، ئالجىرىيە 1962 - يىلى ئاندىن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلىدۇ .

*** ( شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى فايسال)

1920 ـ يىلى شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى پايسال تاج كىيىپ سۈرىيە پادىشاھى بولغان.( پايسال بىلەن ئاتىسى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى نائىبى مېكماخۇن بىلەن كېلىشىپ، 1916 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى.ئەرەبلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەنگلىيە 1917 ـ يىلى 13 ـ مارتتا باغداتنى، 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئالدى.

1917 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتنى تولۇق تىزگىنلىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ھەممە جايدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆكۈپ تاشلاپ، ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېسىشقا باشلىغان.
« ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا رەقىپلەردىن بولۇپ،ئەنگلىيە 1914  - يىلى  نويابىردىلا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە  شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1916 - يىلى 29 - ئاپرىل ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنى  قۇتۇلئەمارەدە تۈركلەرگە تەسلىم بولۇپ،  ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى 10 - ئىيۇن  مەككە ئەمىرى شېرىپ ھۈسەيىن بىلەن ئوغلى پايسال ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئەرەب قوزغىلىڭىنى قوزغىغان.  نەتىجىدە ئەنگلىيە قايتا  پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاندىن يېڭى زاپاس قوشۇن تەشكىل قىلىپ، 1917 - يىلى  بىر قانچە غەلىبىلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق  11 -مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سەلتەنەت دەرۋازىسىدىن باغداتقا كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن  ئوسمانىلارنىڭ  باغداتتىكى 400يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1918 - يىلى 14 -
نويابىر ئەنگىلىيە كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا  موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوسمانىلارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن».

1918 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى دەمەشىقنى ئالدى. 1919 ـ يىلى يانۋاردىكى ۋېرسال شەرتنامىسى بويىچە بىر يىل تالاش ـ تارتىش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى پايسال سۈرىيە پادىشاھى، دادىسى ھۈسەيىن ھىجاز پادىشاھى بولغان. بىراق 1916 ـ يىلى 16ـ مايدا تۈزۈلگەن سايكس ـ پىكوت كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە گېنىرالى گورو 1921 ـ يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ،پايسالنى ئاغدۇرۋەتكەن. ئەنگلىيە ئۇنى ئىراققا پادىشاھ قىلغان. لېكىن ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى جەمەتىنى قوللاپ، 1924 ـ يىلى مەككە ـ مەدىنىنى ھۈسەيىندىن تارتىۋالغان. ئەنگلىيە ھۈسەيىننى قوغداش باھانىسىدە سىپرۇستا نەزەربەنت
قىلغان .

6 . دۇنياۋى ئۇرۇشتىكى زور مەغلۇبىيەت ۋە مودورۇس كېلىشىمىدىن سېۋىر كېلىشىمىگىچە:

1908 - يىلى ئابدۇلھەمىدخانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستانبۇل مالىمانچىلىققا پاتقان. سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئاۋستىرىيە دەرھال بوسنىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قىلمىشقا سېربىيە قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى سېربلار بۇ جاينى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايتتى. ئەمما سېربىيە ئۇ ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. 1912 - 1913 - يىلدىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسى بالقاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. بوشناقلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيىگە كۆچتى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋستىرىيىنىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى بىر سېرب ئاشقۇن تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئاۋستىرىيە دەرھال سېربىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە شەرتلەرگە تولۇق كۆرمىگەچكە، ئاۋستىرىيە گېرمانىيىدىن مەسىلىھەت سورىدى. گېرمانلار ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئاۋستىرىيە 1914 - يىلى 28 - ئىيۇل سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە31 ئىيۇل - كۈنى ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. چاررۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئەنگلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن يۈرەكلىك گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914-4  - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە - فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گىرمانىيە - رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە - سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ 29 - ئۆكتەبىر ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن ئودېسسا پورتىنى توپقا تۇتۇپ، 2 - نويابىر رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - نويابىر رەسمىي ھالدا گېرمانىيە تەرەپكە قېتىلدى. نەتىجىدە بىراقلا سەككىز ئۇرۇش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش تۆت يىل سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بارچە ئېمپىرىيىلەرلەرنى يەر شارىدىن يوقاتتى.
1918 - يىلى 11 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:11 دە گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان « ۋېرسال كېلىشىمى» نى 1919 - يىلى يانۋاردىن تاكى ئىيۇلغىچە مۇزاكىرە قىلىپ ، 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ تارمىقى بولغان « سېۋىر كېلىشىمى » نى ئوسمانىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان.
ئەمما مۇستاپا كامال پاشا بۇ تەڭسىز كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماي ، لېنىنىڭ ياردىمىدە 1919 - يىلدا باشلىغان « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » داۋام قىلىپ ، 1922 - يىلى غالىپ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ،
1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىنى
« سېۋىر كېلىشىمى » نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان .

7 . ئافغانىستان ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ پوزىتيىسى

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى . ئەمما ئەنگلىيە « ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز !» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 - يىلى 11 - نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 - يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1919 - يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 - يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 - يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 - يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.  ئاقىۋەت 1925 - يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ . 1925 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى / 1796 - 1925/ ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ. 1935 - يىلى نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتىدۇ.
ئەمما رىزاخان ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ . بۇ بالا شاھ 1946 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 - يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 - يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . 1947 - يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان ، كەشمىر،  پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ . ئافغانىستاندا 1933 - يىلى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ياش ئوغلى مۇھەممەد زاھىر شاھ خان بولىدۇ.
2007 - يىلى 23 - ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى ئافغانىستان شاھى مۇھەممەد زاھىر شاھ ۋاپات بولغان. « ئۇ 1933 - يىلى 8  - نويابىر دادىسى مۇھەممەد نادىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. يەنى ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن 4 كۈن بۇرۇن تەختكە چىققان. 1973 - يىلى 17 - ئىيۇل تاغىسى داۋۇت قولىدا ئاغدۇرۇلغان.»    « مۇھەممەد زاھىر شاھ: 1914 - يىلى 16 -ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 23 - ئىيۇل 93 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن مەخپىيەتلىك بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ يەردىكى يارىماس قاچقۇنلار « خەخ ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولدىكى، بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش خىيالىغىمۇ كەلمىدى». ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلار بۇنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز !؟؟». زاھىر شاھ بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاز بولسىمۇ قوللىغان يېقىن خوشنىمىز ئىدى.

8 . مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى :

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

9 . « كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» :

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان. تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، كۇرد ۋە ئافغاندىكى باشقا مۇستەقىلچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان .

10 . ئۇيغۇرلاردىكى يۈز يىللىق قوشماق ئىدىئولوگىيەلەر ۋە ئورتاق قىسمەتلەر :

20 - ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھەمدە ئۆز مىللىي كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى داۋامىدا تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۇرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم دىنىي سەرخىللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە قايتا گۈللىنىشى داۋامىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقىنىڭ كوممۇنىزم سىستېمىسى ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇ بۇ مەپكۇرىنى قوبۇل قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشتە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ياكى غايىسىنىڭ مۇھىم بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، يەتتە سۇدا ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ۋە بۇلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف ئۇيغۇرىزىم ئارقىلىق 300 يىل ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، نىمجان بولغان مىللەتنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزماقچى بولغان.

قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار تۈرك ۋە ئىسلام كىملىكى يۇغۇرۇلغان جەدىتىزىم ئارقىلىق 400 يىلدىن بېرى جاھالەت تۈتەكلىرى ئارىسىدا بوغۇلۇپ قالغان ئاڭسىز مىللەتنى قايتا ئاپىرىدە قىلماقچى بولغان. ئەمما ئىسلام دۇنياسىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام « ھازىر ئىسلام دۇنياسىدىن پەقەتلا ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ » غانلىقىنى خۇلاسىلەپ، « ئۆزىمىزگە تايىنىشتىن ئۆزگە يول يوق!» دەپ قاراپ، ئۆز ئۆزىگە تايىنىپ ئىش باشلىغان. نەتىجىدە بىر يېرىم يىل تۈركىيەدەك ھەجىمدىكى جايلارنى سورىغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن،ئۆمرى قىسقا - تەسىرى زور تۇنجى جۇمھۇرىيەت مەيدانغا كەلگەن.

بىراق ھەر ئىككى پىكىر ئېقىمى غەلىبە مېۋىسىنى قوغداپ قالالمىغاچقا،ئون يىلدىن كېيىن، ئىلىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرىزىم بىلەن ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۈركىزىم قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككى ئېقىمنىڭ ئاتامانلىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشتىن - ئاخىرى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھىلىگەر خىتايلار ھوقۇق ھىلىسى ئىشلىتىپ، ئەسلىدە ئۆزلىرىگە قارشى بولغان ئىككى تەرەپنى
« بىر -بىرىگە قارشى ئىككى تاغلىق» قا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۈچ ئەپەندى تۈركچىلىككە كۈچىگەنسىرى سىتالىننىڭ بىزدىن ئۈمۈد ئۈزۈشى شۇنچە كۈچلۈك بولغان. نەتىجىدە « ئىككى يولۋاس ئۇرۇشۇپ، مەينەت قاۋانلارغا يەم بولغان» . ئە . قاسىمى ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان سۇيقەستتە يوق قىلىنغان بولسا، م .بۇغرا ۋەتەندىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قاچقان.
1914 - يىلى ئاقسۇغا كېلىپ، مىللىتىنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالدا قالغانلىقىنى كۆرگەن نەزەر خوجا « قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام بارغۇ، ھەر ھالدا قەشقەر خەلقى شۇلار سايىسىدە بەختلىك بولسا كېرەك !» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ، ئۆزىنى « ئۇيغۇر بالىسى» دەپ ئاتىغان بولسا، ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، قوشكېزەك ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئىدىئولوگىيىسى
ھەر خىل سىياسىي ۋە پىكرىي مۇھىت تۈپەيلى « گۆش بىلەن قاندەك ھالەتتىن ، ئوت بىلەن سۇدەك قارشى ھالەتكە كېلىپ قالغان» .
نەتىجىدە بىر -بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئېلىمېنت خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىپ، ھەر ئىككىسى تۈگىشىپ كەتكەن. 1949 - يىلى « ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق !» بولۇپ، ھەم ۋەتەن، ھەم خەلق قايتا قۇللۇققا مەھكۇم بولغان.

شۇ قېتىمقى پاجىئەلىك تەقدىر بىزگە ئىبرەت بولۇشى كېرەك ! بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتا خاتالىشىپ، يەنە 50 يىل كۈتكىدەك ئەھۋالىمىز ۋە شارائىتىمىز يوق. شۇڭلاشقا يۇغۇرۇلسا پولاتتىنمۇ قاتتىق ھالغا كېلىدىغان، سوقۇشتۇرسا بىر - بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان بۇ ئىككى ئىدىئولوگىيىنى قەستەن سوقۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەجداتلاردىن قالغان ئىلغار پىكىرلەر ۋە ئىدىيەلەرنى يۇغۇرۇپ، بىر ئانا مەپكۇرە يارىتىشنىڭ ئورنىغا ئەسلىدە بار بولغان پارچە ئىدىيەلەرنى سوقۇشتۇرۇپ خورىتىۋەتسەك، يەتمىش يىل ئاۋۋالقى ھاقارەتلىك تارىخ يەنە قايتىلىنىدۇ دېگەن گەپ .

شۇڭا سۈنزى دەيدۇكى :« ئۆزۈڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ مەڭگۈ يېڭىلمەيسەن !».

ئاتىلىرىمىزمۇ دۈشمەننى سەل چاغلىماسلىق ھەققىدە :« ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا !» دەپ نەسىھەت قىلىپ، « ھەر ۋاقىت بىز تاش ساناۋاتقاندا دۈشمەننىڭ قۇم ساناپ ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھازىر كۆتۈرۈپ چىققان كونا ئىدىئولوگىيىلەرگە قارشى دۈشمەننىڭ تەدبىرى يېتەرلىك. شۇڭلاشقا بىز دۈشمەن ھېچ مۆلچەرلىمىگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە مۇكەممەل بولغان يېڭى بىر ئانا مەپكۇرىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش يولى قانداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي مۇھىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن «ئۇيغۇرىزم» غايىسىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمما تۈركىيەنى مەركەز قىلغان باشقا بىر بۆلۈك سەرخىللار « تۈركىزىم » غايىسىنى كۈچەپ تەكىتلىمەكتە. ئاز ساندىكى بىر قىسىملار بۇ پۇرسەتتە « ئۇيغۇر » نامىنى چەتكە قاقماقتا.

يۇقىرىقىلار ئۆتكەن بىر ئەسىر ئىچىدىكى ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلىرىمىزنىڭ يىغما خۇلاسىسى بولۇپ، بۇندىن كېيىن قانداق يول تۇتۇشنى شۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغان ئاساستا قارار قىلىش كېرەك !

ئاخىرىدا ھەممەيلەنگە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مۇنۇ كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمىز  :

9 ئادەمنىڭ ئۇيغۇرىستان غايىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە

https://elkitab.org/wp-content/uploads/2018/12/9-Ademning-Uyghuristan-Ghayisidin-Sherqy-Turkistanghiche.pdf

11 . « ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىز ۋە كىملىكسىز قېلىشى » :

1789 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ئىمپىرىيالىزىم دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويدى . ناپولىئون 1798 - يىلى مىسىرغا قوزغىغان ئۇرۇش بىلەن 1812 - يىلى چاررۇسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە ئىرقنى ئاساس قىلغان ئورتاق « ۋەتەن » ئۇقۇمى يىمىرىلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر تارراق « ۋەتەن » ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى . نەتىجىدە كىچىككىنە ياۋروپادا بۇرۇنقى بەش چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئورنىغا يىگىرمىدىن ئارتۇق مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى . 19 - ئەسىردە ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە ئاخىرى بىپايان شەرق دۇنياسى ( ئىسلام دۇنياسى ) ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى ياپونىيەدىن باشقا بارچە كۈن چىقىش ئەللىرىنى بويسۇندۇردى .  شەرقىي ئاسىيادا
« شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان خىتايلار ( مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ) بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى « غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان تۈركلەر ( ئوسمان ئىمپىرىيىسى ) باشلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى « مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدىكى ئۈممەت دۆلەتلىرى » يىمىرىلىپ ، ئۇلارنىڭ خارابىسىدە كۆپلىگەن مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلدى . جاھاننىڭ رەپتارىغا توغرا باقالىغان خىتاي سۈن ۋېن يېڭى خىتايلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، 1912 - يىلى تۇنجى خىتاي مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى .
مۇستاپا كامالمۇ ئون يىلدىن كېيىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، 1923 - يىلى يېڭى تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . گەرچە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ ، ئەمما 1921 - يىلى 4 - ئىيۇن موسكۋادا يېڭى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سوۋېتلەرنىڭ غەرپكە ۋە ياپونغا قارشى تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەپلىك رەت قىلىندى . ئاقىۋەت بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلىغان ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، قالدۇق ئوسمانىلار پاشالىرى ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇندى . ئاخىرقى تەھدىت سەۋەپلىك تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقان سىتالىن ، 1937 - يىلى ياپون تەھدىتى سەۋەپلىك بارلىق مىللىي مۇستەقىلچى كۈچلىرىمىزنى يوقاتتى . ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى باشتىنلا قىزغىن قوللىغان سىتالىن 1945 - يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بەرگەن . 1949 - يىلى سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ، پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا سوۋغا قىلغان . بىراق شۇ يىلى دېكابىردا ماۋ خىتاينىڭمۇ شېڭ شىسەيگە ئوخشاش ۋاپاسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرال مەجبۇرىي كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ  1955 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇشنى بەلگىلىگەن . ئەپسۇس ، سىتالىن
1953 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، خىتايلار ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ  ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قۇرۇپ خەلقىمىزنى ئالدىغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ » ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم بىزلەرنى ، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمان ۋە ئەبەدىي ھەسرەت - نادامەتتە قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

يۇقىرىقى مەزمۇنلار 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىدىن كېيىنكى يۈز يىللىق تۈركىيە سىياسىي تارىخىنى بىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت .

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە خاتىمە بەرگەن سېۋىر كېلىشىمىگە يۈز يىل توشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى . سېۋىر كېلىشىمى 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان بولۇپ ، شۇ كۈنى ئوسمانىلار پەلەستىدىن ۋاز كەچكەن . ھەتتا شەرقىي ئاناتولىيەدە كۇردىستان قۇرۇش پىلانىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ، بۇ كېلىشىم بىلەن ئوسمانىلار قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى تولۇق يوقىتىپ قويغان . بۈگۈن بۇ ئاچچىق تارىخقا توپتوغرا 100 يىل توشتى.   

سايرام ئوغلانى .

پايدىلانغان ماتېرىياللار :

1 . تۈرك ئېنىسكلوپىدىيىسى.

2 . تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخى .

3 . ئۈچ پاشا ۋە ئوسمانىلارنىڭ ھالاكىتى. 

4 . ئاخىرقى ئىمپىرىيە.

5 . نەبىجان تۇرسۇننىڭ 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى يېتۈك ئەسەرلىرى. 

2020 - يىلى 10 - ئاۋغۇست.  دۈشەنبە.
بەت 1 2 3 4 5 ... 10