2021/01/16 13:02

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 2 3 4 5 6 ... 10
31
يالتا روھى ۋە ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن كېيىنكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى

يالتا يىغىدىن بۇرۇنقى ئومۇمىي ۋەزىيىتىمىز :

« 1938 - 1945 - يىللاردىكى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئۇرۇشتىن يىراق مەركىزى ئاسىيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرى»:

1910 - يىلى ياپونىيە كورىيە يېرىم ئارىلىنى ئىگىلەپ،
1928 - يىلى جاڭ كەيشى نەنجىڭدا ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ،« جۇڭخا مىنگو»نى قۇردى. ئامېرىكا بۇ دۆلەتنى قوللىدى. بىراق خىتايلار زادىلا قەددىنى كۆتۈرەلمىگەچكە، چاققان چىققان ياپونىيە 1931 - يىلى كورىيەدىن مانجۇرىيىگە بېسىپ كىردى. سىتالىننىڭ يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىدى. 1932 - يىلى 3 - مارتتا مانجۇرىيە دۆلىتى قۇرۇلدى. 1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ياپونىيە گومىنداڭ ھاكىمىيىتىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىدى. 1938 - يىلى گېرمانىيە چاقماق تېزلىكىدە ئاۋستىرىيە ۋە چېخوسلوۋاكىيىنى ئىگىلەپ، پولشا بىلەن فرانسىيىگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلاندى. سىتالىن ھەم شەرقتىن ھەم غەرپتىن پۇراۋاتقان دۇنيا ئۇرۇشى ھىدىنى سېزىپ قالغاچقا، ئۇرۇش ئۆزىگە تۇتىشىپ كېتىشتىن ئىلگىرى دەرھال پۈتۈن سوۋېت دائىرىسىدە 1936 - يىلدىن 1939 - يىلغىچە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى قوزغاپ، ئارمىيىدىن پارتىيىگىچە، كادىرلاردىن ئاۋامغىچە مىليونلىغان سەرخىللارنى ئۆلتۈرۋەتتى. 1938 - يىلى ئاپرىلدىن باشلاپ سىتالىن فىنلاندىيىگە ئېغىر شەرتلەرنى قويۇپ كېلىشىم تۈزمەكچى بولدى. بىراق نەتىجە چىقىرالمىدى. 1939 - يىلى 23 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - گېرمانىيە ئۆزئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى» نى ئىمزالىدى. گېرمانىيە كېلىشىم بويىچە 1939 - يىلى 1 - سىنتەبىر پولشاغا غەرپتىن ھۇجۇم قىلدى. سىتالىن 17 - سىنتەبىر شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ پولشانى مۇنقەرز قىلدى. 1939 - يىلى 9 - ئۆكتەبىر 1938 - يىلى ئاپرىلدىكى سۆھبەتنى قايتا قوزغاتتى. بىراق يەنىلا نەتىجە چىقمىدى.
14 - ئۆكتەبىر سىتالىن فىنلاندىيە قولتۇقىنىڭ ئاچقۇچى بولغان ھانكو پورتىنى ئىجارە ئېلىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنداق بولغاندا گېرمانىيىنىڭ سوۋېتنى فىنلاندىيە قولتۇقىدا قورشاۋغا ئېلىشى مۇمكىن بولمايتتى. ئۇندىن باشقا سىتالىن 2750 كۋادرات كىلومېتىر فىنلاندىيە زېمىنىنى 5527 كۇۋادرات كېلومېتىر سوۋېت زېمىنىغا تېگىشىپ، لېنىنگراتقا 30 كىلومېتىرلا كېلىدىغان كارىلىيە رايونىنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ، گېرمانىيىدىن مۇداپىئەلەنمەكچى بولغان. بىراق فىنلاندىيە يەنە رەت قىلغاچقا،
سىتالىن 28 - نويابىر ئەسلىدىكى 1932 - يىلى ئىمزالانغان « سوۋېت - فىنلاندىيە ئۆز ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق كېلىشىمى » نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلاپ، 30 - نويابىر ھېچبىر تەييارلىقسىز ھالدا « قىشلىق ئۇرۇش» نى باشلىغان. نەتىجىدە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتىنىڭ ئەكس تەسىرى تېزلا كۆرۈلگەن. 1940 - يىلى 13 - مارتقىچە داۋام قىلغان بۇ ئۇرۇشتا سىتالىن 320 مىڭ ئەسكىرىدىن ئايرىلغان. 5570 ئەسكىرى ئەسىرگە چۈشكەن. 3543 تانكىسى پاچاقلاپ تاشلانغان. 515 ئايروپىلانى ئېتىپ چۈشۈرۈلگەن. فىنلاندىيىدىن بولسا 26 مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان. مىڭ ئەسكەر ئەسىرگە چۈشكەن. 43 مىڭ ئەسكەر يارىلانغان. 30 تانكا ۋە 62 ئايروپىلان زىيان تارتقان. مىڭدەك ئاۋام بومباردىماندا قازا قىلغان . خەلقئارا ئىتتىپاق سىتالىننىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىپلەپ، 1939 - يىلى 14 - دېكابىر سوۋېتنى ئىتتىپاقتىن قوغلاپ چىقىرىپ، فىنلاندىيىگە ياردەم بېرىشكە چاقىرغان.

ماننېرھېيىمنىڭ قوماندانلىقىدا فىنلاندىيە خەلقى ئاز كۈچ بىلەنلا سىتالىغا يۇقىرىقىدەك ئېغىر تالاپەت يەتكۈزگەن./ شۇڭلاشقا ۋەتەندە خىتايلار ئىزچىل بۇ قىشلىق ئۇرۇشنى يوشۇرۇپ كەلدى. ۋەتەندىكى خىتايلار تۈزگەن دۇنيا تارىخىغا بۇ ئۇرۇش كىرگۈزۈلمىگەنىدى/. بەزى مەنبەلەردە بۇ ۋاقىتتا موسكۋا ئەمگەكچىلەر ئۇنۋېرسىتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتقان مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمىمۇ بۇ قېتىمقى قىشلىق ئۇرۇشقا قاتنىشىپ، ئېغىر يارىلىنىپ، 1940 - يىلى ئەتىيازدا كاۋكازدا داۋالىنىپ ساقايغان. ئوق تېگىپ كەتكەن كۆزى سەل قىسىق دېيىلىدۇ/.

1940 - يىلى 13 - مارت ئۇرۇش توختاپ، سىتالىن فىنلاندىيىنىڭ ئۇرۇشتىن ئىلگىرىكى 11% زېمىنىغىلا ئېرىشكەن. ئەمما خەلقئاردىكى ئابرۇيى ۋە ھەيۋىسى يەر بىلەن يەكسان بولغان.

« قىشلىق ئۇرۇشتىكى قاتتىق مەغلۇبىيەت قىزىل ئارمىيىنىڭ نەقەدەر ئېچىنىشلىق ھالغا چۈشۈپ قالغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

سىتالىن ئەمدى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىپ، ياپونىيە بىلەنمۇ تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە ئالدىرىدى. نەتىجىدە 1941 - يىلى 13- ئاپرىل موسكۋادا « سوۋېت ياپونىيە بىتەرەپلىك ۋە تېنچلىق كېلىشىمى » ئىمزالاندى.

سىتالىن 1931 - يىلى ياپونلار مانجۇرىيىگە كىرگەندىلا يۈرىكى دۈپۈلدەشكە باشلىغانىدى.
ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرغاندا 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن يېرىم كېچىدە گېتلىر 3 مىليون قۇدرەتلىك ئەسكىرى كۈچى بىلەن ئۈچ سەپ بويىچە سوۋېتقا بېسىپ كىردى. ھەر قايسى سەپ قوشۇنلىرى يىل ئاخىرىغىچە ئايرىم - ئايرىم ھالدا لېنىنگراد، موسكۋا ۋە كېيىۋغا يېتىپ كەلدى.

ياپونىيە 1941 - يىلى 7 - دېكابىر ھاۋايدىكى پئورل - خاربور پورتىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئامېرىكىنى دۇنيا ئۇرۇشىغا سۆرەپ كىردى.
شۇنىڭ بىلەن سىتالىنغا پۇرسەت كەلدى.

1942 - يىلدىن 1945- يىلى 9 - ماي گېرمانىيە مەغلۇپ بولغىچە، روزۋېلىت، چېرچىل ۋە سىتالىن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپىنى تۈزۈپ، دۇنيانى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشتى.

ۋەتىنىمىز گەرچە ئۇرۇش مەيدانىدىن يىراق بولسىمۇ ، بىراق 1941 - 1943 - يىللاردىكى ئامېرىكا - سوۋېت ئىتتىپاقداشلىقىنىڭ قۇربانى بولۇپ، سىتالىننىڭ رازىلىقى، ئامېرىكىنىڭ قوللىشى، جاللات شېڭنىڭ ئارتىسلىقى بىلەن گومىنداڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. 1944 - 1945 - يىللىرى جاڭ كەيشىدىن مانجۇرىيە ۋە موڭغۇلىيىدىكى مەنپەئەتلىرىنى ئېتىراپ قىلدۇرالمىغان سىتالىن ئۇيغۇرلارنى قوللاپ، 1944 - يىلى 12- نويابىر غۇلجىدا 2 - جۇمھۇرىيەتنى قۇرۇشىغا يول قويدى.

1945 - يىلى فېۋرالدىكى يالتا يىغىنىنىڭ روھى بويىچە سىتالىن « گېرمانىيە مەغلۇپ بولۇپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونىيىگە قارشى ئۇرۇشقا كىرىدىغانلىقى» توغرىلىق ۋەدە بەردى. بىراق جاڭ كەيشى، 9 - ماي بېرلىن ئېلىنغاندىن كېيىنمۇ سىتالىننىڭ موڭغۇلىيە ، يىراق شەرق ۋەمانجۇرىيىدىكى مەنپەئەتى توغرىلىق ئىپادە بىلدۈرمىگەچكە، 2 - ئايدىن بېرى جەڭگە كىرگىلى قويمىغان ئۇيغۇرلارغا  6 - ئايدا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتۈش رۇخسىتى بەردى. نەتىجىدە ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مىللىي ئازاتلىق ئارمىيىسى ئىككى
ئاي ئىچىدىلا شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىنى ئازات قىلدى. جەنۇپتا ئاقسۇ ئازات بولاي دېدى.

1945 - يىلى 12 - ئاپرىل روزۋېلىت ۋاپات بولۇپ، ترۇمېن ئورنىغا چىققان. 9 - ماي سىتالىن بېرلىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن،
ترۇمېن 22 - ماي « كوممۇنىزىم خەتىرىگە قارشى پىلانى» نى ئوتتۇرىغا قويغان. شۇنىڭ بىلەن روزۋېلىت ۋاختىدىكى ئىككى قۇتۇپ ئىتتىپاقلىقى يىمىرىلىشكە باشلىغان. ئىيۇلدا ئامېرىكا ئاتوم بومبىسىنى ئۇتۇقلۇق سىناق قىلغاندىن كېيىن، ترۇمېن يىراق شەرققە ئەسكەر توپلاۋاتقان سىتالىننى ئاگاھلاندۇرغان. 6 - ئاۋغۇست خروشىماغا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان.
سىتالىن 7 - ئاۋغۇست « 1941 - يىلى 13 - ئاپرىلدىكى سوۋېت - ياپون تېنچلىق كېلىشمى» نى بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىغان. 8 - ئاۋغۇست يەنە بىر ئاتوم بومبىسى ناگاساكىغا چۈشكەن. سىتالىن ترۇمېننىڭ تەكرار ئاگاھلاندۇرىشىغا پەرۋا قىلماي، « يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش» ئۈچۈن، شۇ كۈنىلا مانجۇرىيىنى قورشاۋغا ئالغان ئىككى يېرىم مىليون ئەسكىرىگە بۇيرۇق بەرگەن. قىزىل ئارمىيە 9 - ئاۋغۇستتىن 14 - ئاۋغۇستقىچە بولغان ئالتە كۈن ئىچىدىلا پۈتكۈل مانجۇرىيىنى ئىشغال قىلىپ، بىر يېرىم مىليون كىشىلىك كانتون ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. 14 - ئاۋغۇست ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولغانلىقىنى جاكارلىغان. سىتالىن شۇ كۈنىلا موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » نى ئىمزالاپ، جاڭ كەيشىنى تېزرەك ئىپادە بىلدرۈشكە زورلاش ئۈچۈن، مىللىي ئارمىيىنى تاكى 9 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە بېرىشىغا سۈكۈت قىلغان.
ئۈرۈمچىدىكى جۇشاۋلىياڭ 11 - سېنتەبىر چۇڭچىڭغا ئۇدا ئۈچ قېتىم جىددىي مەكتۇپ يوللاپ :« ئەھۋال بەكلا خەتەرلىك ! ئۇلار 120 كىلومېتىر ئالغا ئىلگىرلىسىلا ئۈرۈمچى قولدىن كېتىدۇ! ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولۇشقا 120 كىلومېتىرلا قالدى. مەن ئاز ساندىكى ئەسكەرلىرىم بىلەن دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بولۇش يولىنى تۇتتۇم! ئالىيلىرى تېزدىن چارىسىنى قىلىپ، ياردەم قىلغايلا !» دېگەن.
ئاخىرى جاڭ كەيشى سىتالىندىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە سىتالىن پالىنوف ئارقىلىق مىللىي ئارمىيەنى ماناس دەريا بويىدا توختىتپ قويغان. 15 - ئۆكتەبىردىن 1946 - يىلى ئىيۇنغىچە سوزۇلغان سۆھبەتلەر ئارقىلىق، 1 - ئىيۇل « بىرلەشمە ھۆكۈمەت » قۇرۇلغان. ئون كۈندىن كېيىن ئۈرۈمچىدە مېدال تارقىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن. ھەتتا ئەلىخان تۆرەمگە مېدال ئېلان قىلىنغان. بىراق غۇلجىدا،
ئەلىخان تۆرەم 13 - ئىيۇل مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈش باھانىسىدە زىس ماشىنا بىلەن ئالمۇتىغا ئېلىپ كېتىلگەنىدى./ بۇ ئىشلارنى ئۈرۈمچىدىكى ۋەكىللەر تېخى بىلمەيتتى/. 1947 - يىلى 25 - فېۋرال ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئەخمەتجان قاسىمىنى ئۆلتۈرۈش سۇيقەستى بىتچىت بولدى. بىراق ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ كەتتى.
چۈنكى جاڭ كەيشى ترۇمېننىڭ قوللىشىدا 1946 - يىلى 6 - ئايدا كومپارتىيىگە ھۇجۇم باشلىغانىدى.

ترۇمېننىڭ قاتتىق قوللۇقى ۋە كوممۇنىزىمغا، سوۋېتقا قارشى ھەرىكەتلىرى ئاخىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىنى تېخىمۇ تۇيۇق يولغا باشلاپ قويدى.

1946 - يىلغىچە نىسبەتەن سىتالىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن جۇمھۇرىيىتىمىز 1948 - يىلى ئەسلىدە سىتالىن مانجۇرىيەدە قالدۇرۇپ كەتكەن قوراللار ئارقىلىق گومىنداڭنى مەغلۇپ قىلىپ، كۈنسىرى جەنۇپقا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان كوممۇنىستلارنىڭ سەۋەبىدىن 1949  - يىلى سېنتەبىردە قايتا قۇربانلىق قىلىنىپ، 70 يىللىق قىزىل قىيامەتنى باشلىدى.

« فرانكىلىن روزۋېلىتنىڭ ۋاپاتى ۋە ھاررىي ترۇمېننىڭ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تەقدىرىگە كۆرسەتكەن تەسىرى»
توغرىلىق يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىشىمىز كېرەك « دەۋاگەر يۇۋاش بولسا، قازى مۇتەھەم بولىدۇ» ! « بىزمۇ قۇياش ئاستىدىكى زېمىندىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، ئادەمدەك ياشاشنى تەلەپ قىلىمىز! شۇنىڭ ئۈچۈن كۈرەش قىلىمىز!»

1 . « يالتا يىغىنى روھى ۋە سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » :

« يالتا يىغىنى » روھىغا ئاساسەن سىتالىن ئۈچ ئاي ئىچىدە ياپونلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىدىغان بولغان . بۇنىڭ مۇھىم شەرتى خىتاينىڭ سىتالىن ئوتتۇرىغا قويغان بارلىق تەلەپلىرىگە شەرتسىز قوشۇلۇشى ئىدى . ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئىككى ئاتوم بومبىسى ، ھەمدە سىتالىننىڭ 8 - ئاۋغۇست ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرىپ، 19 - ئاۋغۇستقىچە مانجۇرىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىشى ، ئەسلىدە بەش يىلدا مەغلۇپ قىلىش بەلگىلەنگەن ياپونىيە ئارمىيىسىنى 14 - ئاۋغۇست تەسلىم بولۇشقا مەجبۇرلىغان .
ياپونلارنىڭ بالدۇر تەسلىم بولۇشى مىللىي مۇستەقىللىقىمىز ئۈچۈن ئەڭ چوڭ پالاكەت بولغان . خىتاي تارىخچىلىرىمۇ بۇنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان . شۇ  كۈنى موسكۋادا
« سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى كېلىشىمى » تۈزۈلگەن . ئەمما سىتالىن ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىغىچە ئىلگىرلىشىنى توسمىغان . پەقەت 11 - 12 - 13 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدىكى ئىشغالچى خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن ئۈچ قېتىم جىددىي قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغاندىن كېيىنلا،جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچىگە تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى ئەۋەتىپ سوۋېت كونسۇلى ئارقىلىق سىتالىنغا يالۋۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئامېرىكىنىڭ ۋاستىسىدا سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتلىرىگە ماقۇل بولغان . نەتىجىدە
15 - سېنتەبىر موسكۋادا مۇھىم يىغىن ئېچىلىپ، « ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » قارارى ماقۇللانغان . لېكىن سىتالىن جاڭ كەيشىنى تېخىمۇ تېزراق تىز پۈكتۈرۈش ئۈچۈن شىمالدىكى ئارمىيەنى توختىتىپ قويۇپ، جەنۇپتىكى پامىر تاغلىرىدا يېڭى ئىنقىلاپ چىقارغان . ئۇلار 111 كۈن ئىچىدىلا قەشقەر ۋە يەكەن شەھىرىدىن باشقا ئاساسلىق قەشقەر تەۋەسىنى قولغا ئېلىپ بولغان .

جاڭ كەيشى ئاخىرى موڭغۇلىيەنى سىتالىندىن تالاشماي، تاشقى مانجۇرىيەنى ئېتىراپ قىلىپ ، ( 1860 - يىلى ئىشغال قىلىنغان . 1922 - يىلى سۇنجۇڭشەن تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان )، سىتالىننىڭ يىراق شەرق ۋە لۇشۈن پورتىدىكى ئىمتىيازىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغاندىن كېيىن ، سىتالىن ھەم ماۋ باشلىق خىتاي كامىنىسلىرىنى ھەم ئىلىدىكى مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىمىزنى قوللىمايدىغان بولغان . ( دېمەك سىتالىن يالغۇز بىزنىلا ئەمەس، خىتاي كومپارتىيىسىنىمۇ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي گومىنداڭغا سېتىۋەتكەن . بۇ قىلمىش ماۋنىڭ سىتالىندىن يۈز ئۆرۈشىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تۆت سەۋەپنىڭ بىرى ئىدى ) . تىرومىن باشلىق
ئامېرىكىمۇ جاڭ بىلەن ماۋنى ياراشتۇرغان.

1945 يىلى - 12 - ئاۋغۇست ، سىتالىن شىمالى كورىيەنى ئىشغال قىلغان. ئەمما ياپونىيە 14 - چېسلا تەسلىم بولغاچقا، جەنۇبى كورىيەنى ئىشغال قىلىشقا ئۈلگۈرەلمىگەن. سىتالىن 9 - چېسلا مانجۇرىيەگە باستۇرۇپ كىرگەن ئىدى.
14 - ئاۋغۇست موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان . بىراق سىتالىن مەنپەئەتىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن مىللىي ئارمىيەنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگىچە ئىلگىرىلىشىنى ، يەنە كېلىپ جىڭ بىلەن شىخۇنى ئېلىپ، ماناس دەرياسى بويىغىچە بېسىپ كېلىشنى توسمىغان . 11 - سېنتەبىر داڭلىق خىتاي گېنىرالى جۇشاۋلىياڭ جاڭ كەيشىدىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلغان. 12 - سېنتەبىر جاڭ كەيشى سىتالىنغا يالۋۇرۇپ، تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 13 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتكەن . سىتالىن ئىلى كونسۇلى ئارقىلىق گومىنداڭنى خاتىرجەم قىلغان . 14 - سېنتەبىر گومىنداڭ سىتالىننىڭ بارلىق مەنپەئەتىگە    تولۇق كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى قايتا - قايتا تەكىتلىگەندىن كېيىن ، 15 - سېنتەبىر موسكۋادا يىغىن ئېچىلىپ **،« ماناس دەرياسى بويىدا توختاپ قېلىش » توغرىلىق قارار چىقىرىلغان . 15 - ئۆكتەبىر سۆھبەت باشلانغان . 1946 - يىلى 6 - ئىيۇن بىتىم تۈزۈلگەن. 28 - ئىيۇن جۇمھۇرىيەت نامى ئەمەلدىن قالغان. ئارقىدىنلا ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئارىسىدا سوغۇق ئۇرۇش ئەۋجىگە چىققان . بۇ ۋەزىيەت 1947 - يىلى يازدا گومىنداڭنىڭ خىتاي كومپارتىيىسىگە ئومۇمىي ھۇجۇم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان . ھىلىگەر ماۋ بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، سىتالىننىڭ قايتىدىن ئېتىۋارىغا ئېرىشكەن. ( ئەمما بىزنىڭ لېدىرلار سىتالىنغا ياخشىچاق بولۇش تۈگۈل ، ئۇ چىن قەلبىدىن قاتتىق يامان كۆرىدىغان تۈركچىلىكنى كەڭ تارقىتىپ ، سىتالىننىڭ غەزىپىنى كۈچەيتكەن ) . ھىلىگەر ماۋ يەنە بىر تەرەپتىن تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا، 1947 - يىلى مايدا « ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » قۇرۇپ بېرىپ، ئىچكى موڭغۇلنى بازا قىلىپ، سىتالىن مانجۇرىيەدە تاشلاپ بەرگەن قوراللار بىلەن ئۇرۇش قىلغان . سىتالىنمۇ ئۇنى 12 - ماي تاشقى موڭغۇلنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلىغان. ماۋ غىڭ قىلماستىن سىتالىننىڭ ئارزۇسى بويىچە ئىش قىلغان . شۇڭلاشقا سىتالىن قايتىدىن ئۇيغۇر مىللىي ئارمىيىنى قوزغاپ، گومىنداڭنىڭ ۋەتىنىمىزدىكى ئامېرىكىچە قوراللانغان ئەڭ سەرخىل 100 مىڭ ئەسكىرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىپ، تۇتۇپ تۇرۇپ، ماۋنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس يارىتىپ بەرگەن .

دېمەك ، بىز سىياسەت ئويناشتا شېڭ شىسەي بىلەن ماۋ زېدوڭچىلىك بولالمىغان . شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سايىسىدە دۇنيادىكى ئەڭ پەس بىر قەۋم پۈتۈن دۇنيانى يۇتقۇدەك ھالغا كەلدى. ئەمما بىزنىڭ خەلقىمىز « ئۆز ۋەتىنىدە تۇتقۇن، چەتئەللەردە قاچقۇنغا ئايلاندى » .

2 . ياپونىيەنىڭ تەسلىم بولۇشىدىن بۈگۈنگىچە ئۇيغۇر تەقدىرى:

ئەجەبا ھازىر سوغۇق ئۇرۇش ئورنىغا قىزىق ئۇرۇش ئەڭ ياخشى تاللاش بوپقالدىمۇ ؟! بىز بۇ چاغدا نېمە قىلماقچى؟

ئەسلىدە گېرمانىيە ، ئىتالىيە ۋە ياپونىيە فاشستلىرىغا قارشى ئىتتىپاقداش بولغان ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ئۇرۇشتىن كېيىنكى دۇنيا تەرتىپىنى بېكىتىشتە كېلىشەلمەي ، يېڭى رەقىپلەرگە ئايلىنىپ قالغان . روزۋېلتنىڭ 1945 - يىلى ئاپرىلدا ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن سوغۇق ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن .

1945 - يىلى 17 - ئىيۇل پوتسىدام يىغىنىدا ياپونلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ سىتالىنغا يالۋۇرغان تىرۇمېن بىر ئاي ئۆتمەيلا ياپونىيەگە تاشلىغان ئىككى ئاتوم بومبىسىنىڭ ئۈنۈم بەرگىنىنى كۆرۈپ ، سىتالىننى يىراق شەرققە ئەسكەر يۆتكەشتىن تۇسۇشقا باشلىغان . بىراق سىتالىن پەرۋا قىلماي، يالتا يىغىنىدىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئاتوم بومبىسى تاشلىغان كۈنىلا ياپونىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ ، يىراق شەرققە ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن باستۇرۇپ كېلىپ ، 9 - ئاۋغۇستتىن 18 - ئاۋغۇستقىچىلا مانجۇرىيە ( 1932 - 1945) دۆلىتىنى ئىشغال قىلىپ بولغان . ياپونىيەمۇ 14 - ئاۋغۇست ئامېرىكا بىلەن تەسلىم بولۇش كېلىشىمىگە ئىمزا قويغان . ئەسلى پىلاندا 1950 - يىلغىچە مەغلۇپ قىلىش مۆلچەرلەنگەن ياپونىيەنىڭ بۇنداق تېزلا تەسلىم بولۇشى ھەم سىتالىن ھەم تىرۇمېننىڭ پىلانلىرىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىۋەتكەن . ئەڭ چوڭ پايدىنى خىتاي فاشست دۆلىتى ( 1928 - 1949 ) ئالغان . چۈنكى خىتايمۇ ياپونغا قارشى ئىتتىپاقداش ئەللەر قاتارىدا بولۇپ ، ياپونىيە تەسلىم بولغان كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق كېلىشىمى » ئىمزالانغان .

سىتالىن يىراق شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىگە تولۇق كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەم قىزىل خىتاي باندىتلىرىنى ھەم بىزنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇربان قىلىپ ، جاڭ كەيشىنى ئېتىراپ قىلغان . ئەمما خىتاينى يەنىمۇ يول قويۇشقا مەجبۇرلاش ئۈچۈن ، مىللىي ئارمىيىمىزنىڭ تاكى 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ساق بىر ئاي ئۇرۇش قىلىپ ، ماناس دەرياسى بويىغىچە ئازات قىلىشىغا يول قويغان . ئەينى ۋاقىتتا جاڭ كەيشى بىر تەرەپتىن تىرۇمېنغا يالۋۇرسا ، يەنە بىر تەرەپتىن تۈلكە جاڭ جىجۇڭنى 12 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىگە ئەۋەتىپ ، سىتالىنغا ئۇدا يالۋۇرۇپ ، ئۇنىڭ مانجۇرىيە ، لۇشۈن پورتى ۋە سېرىق دېڭىزدىكى تەلەپلىرىگە تولۇق قوشۇلغان. شۇندىلا سىتالىن 15 - سېنتەبىر ماناس دەرياسى بويىدا ئارمىيىمىزنى توختىتىپ قويغان .

بىراق 1946 - يىلدىن باشلاپ ئامېرىكا سوۋېت تەرەپنى مانجۇرىيە، ۋەتىنىمىز ۋە ئىراندىن سىقىپ چىقىرىش ئۈچۈن كۆپ بېسىم قىلغان . سىتالىن كاۋكازدىكى ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ۋە يىراق شەرقتىكى تەسىرىنىڭ نىسبەتەن ئاجىز بولۇشى سەۋەبىدىن يول قويۇپ ، 1946 - يىلى ئىيۇلدا بارلىق ئالاھىدە خادىملىرىنى ئېلىپ چىقىپ كېتىش بىلەن بىرگە ، ئەلىخان تۆرىنى بىللە ئېلىپ كەتكەن . ئاۋغۇستتا مانجۇرىيەنى خىتايغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . يەنە شۇ يىلى كۈزدە ئىراننىڭ غەربىدە قۇرغان « بۈيۈك غەربىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى ئىرانغا تاشلاپ بەرگەن . ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى ئامېرىكىنىڭ قوللىشى بىلەن شۇ يىلى 11 - نويابىر تەبرىزنى ئىشغال قىلىپ بۇ دۆلەتنى يوقاتقان . ھازىرمۇ ئىراندا ئەزەربەيجان مىللىتى ئومۇمىي نوپۇسنىڭ 40% نى ئىگىلەيدىغان بولۇپ ، ئۇلارنىڭ سانى پارسلارنىڭ سانىدىنمۇ كۆپ . سىتالىن يىراق شەرقتە، ۋەتىنىمىزدە ۋە ئىراندا ئامېرىكا بىلەن خىتايغا يول قويغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە شەرقىي ياۋروپا ئەللىرىنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان . ئامېرىكا دەرھال غەربىي ياۋروپا ئەللىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، گېرمانىيەنى پاسىل قىلىپ سىتالىن بىلەن تىركەشكەن .

ياۋروپادىكى سۈركىلىش ئاسىيادىمۇ تەسىرىنى كۆرسىتىپ ، 1947 - يىلى باھاردا جاڭ كەيشى ئامېرىكىنىڭ قوللىشىدا قىزىل خىتايلارغا ئومۇمىي ھۇجۇم قوزغىغان . ماۋ دەرھال شىمالغا قېچىپ بېرىپ ، موڭغۇللارنى ئالداپ،
تېخى دۆلەت قۇرماي تۇرۇپلا شۇ يىلى مايدا
« ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونى » نى قۇرۇپ بەرگەن . سىتالىن گەرچە 1946 - يىلغىچە بېسىپ ياتقان مانجۇرىيەنى جاڭ كەيشىگە تاشلاپ بەرگەن بولسىمۇ ، ئەمما شۇ چاغدا ئېلىپ كەلگەن قورال - ياراقلارنى موڭغۇللارنىڭ قولى بىلەن خىتاي كوممۇنىستلىرىغا يەتكۈزۈپ بەرگەن . بىراق پۈتۈنلەي ئامېرىكىچە زامانىۋى قوراللار بىلەن قوراللانغان گومىنداڭ ئارمىيىسى 1947 - 1948 - يىللىرى ماۋنى ئاساسەن تارمار قىلىش نىشانىغا يېقىنلاشقان . سىتالىن 1947 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى غۇلجىغا قايتىپ كېتىپ ، ئاتالمىش « بىرلەشمە ھۆكۈمەت» يىمىرىلگەندىن كېيىن ، قايتىدىن مىللىي ئارمىيەنىڭ سانىنى كۆپەيتىشكە بۇيرۇپ، بىزنى قايتىدىن قوراللاندۇرغان . ئۇ چاغدا سىتالىن ئۆزىمۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئامېرىكا قوللىغان گومىنداڭغا قارشى غەلىبە قىلىشىغا تازا ئىشەنمىگەچ ، ھەر ھالدا پۈتۈن خىتاينى تارتقۇزۇپ قويغاندىن ، ئارقا ھويلىسى بولغان ۋەتىنىمىزنى بولسىمۇ قولىدا ساقلاپ قېلىپ ، ۋەتىنىمىزنى ئامېرىكىنىڭ تەسىرىدىن يىراق تۇتماقچى بولغان .

ئەڭ ئەجەللىك خاتالىق دەل شۇ چاغدا سادىر بولغان . ئالتۇن پۇرسەتمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قولدىن كەتكەن . ھىلىگەر ماۋ ئۇرۇش ئارقىلىق گومىنداڭنى يېڭىشكە كۆزى يەتمەي ، ھىلە - مىكىر ئارقىلىق « دۆلەتنىڭ بىرلىكى ئۈچۈن بىرلىشەيلى ! » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، 1946 - 1948 - يىللاردىكى ھالاكەت خەۋپىنى يوق قىلغان . تۇنجى بولۇپ 1949 - يىلى يانۋاردا تۈلكە جاڭ جىجۇڭ تەسلىم بولغان . ئۇنىڭ ۋاستىسىدە پېكىننى ساقلاپ تۇرۇۋاتقان گومىنداڭ گېنىرالى فۇزويى بىر پاي ئوق ئاتمايلا، ئامېرىكىچە قوراللانغان نەچچە يۈز مىڭ سەر خىل خىتاي ئەسكىرىنى ماۋغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . شۇنىڭ بىلەن ئارىدىكى تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇلغان. ماۋ سىتالىندىن مانجۇرىيە ئارقىلىق بىۋاستە ھەربىي ياردەم ئالالايدىغان بولغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، يۇقىرىقى ئۈچ يىلدا بىز ۋەتىنىمىزدە ئىككى قۇتۇپ بولۇپ ئىدىيە كۈرىشىگە پېتىپ قالغان بولۇپ ، ئەسلىدە بىر پۈتۈن تاجاۋۇزچى خىتايغا قارشى بولغان خەلقىمىز بىردىنلا تېڭىرقاپ ، ھەم سوۋېتقا ھەم خىتايغا قارشى ئىككى بۆلەككە بۆلۈنۈپ كەتكەن. قارا خىتاي بىلەن قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن بىرلىشەلىگەنيۇ ، بىزنىڭ رەھبەرلىرىمىز « ئۈچ ۋىلايەت تەرەپ » ، « يەتتە ۋىلايەت تەرەپ » بولۇشۇپ ئۆز ئارا ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن پايدىلىنىپ كەتكەن . ھەتتا موسكۋامۇ بۇ ھەقتە
« پانتۈركىزىم ئەنقەرەدىن ئۈرۈمچىگە يۆتكەلدى » دەپ ئوچۇق بايانات ئېلان قىلىپ ، بىزدىن سوۋۇپ كېتىشكە باشلىغان . ۋەتىنىمىزدىكى سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى ئىدىلوگىيىلىك پىكىرنىڭ يامراپ كېتىشى سىتالىننىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنى قوللاش سالمىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن .

1949 - يىلى يانۋاردا ماۋ پېكىننى ئىشغال قىلغان ھامان ، سىتالىن ئەڭ يېقىن ئادىمى ئاناستاس مىكوياننى مەخپىي زىيارەتكە ئەۋەتكەن . ۋەتىنىمىزنىڭ تەقدىرىمۇ ئەنە شۇ زىيارەت بىلەن بېكىتىلىشكە باشلىغان . مىكويان ھەتتا ماۋغا ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى قوللىغانلىقىنى يوشۇرغان . بۇمۇ سىتالىننىڭ ماۋدىن بەكرەك بىز بىلەن يېقىنلىقىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى . ھەم ماۋنىڭ ئالاقىسىدىن بىزنىڭ ئالاقىمىزنىڭ بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنىڭ پاكىتى . ماۋ بۇ قېتىم سىتالىننى زىيارەت قىلىش ئىستىكىنى بايان قىلغان . ئەمما سىتالىن رەت قىلغان.ئۇ ماۋغا تېزدىن يىل ئاخىرىغىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنى قۇرۇش، ئاندىن زىيارەتكە كېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە كۆرسەتمە بەرگەن . شۇڭا ماۋ شۇ بويىچە بىر قاتار ھىلە - مىكىرلەر ئارقىلىق گومىنداڭنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ۋە مەنسەپپەرەس خىتايلارنى ئىندەككە كەلتۈرۈش يولى ئارقىلىق ، مۇنتىزىم ئىككى مىليون ئەسكىرى بار گومىنداڭنى 36 تەدبىر بىلەنلا پارچىلاپ تارمار قىلغان .

1949 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر گەرچە قىزىل خىتاي دۆلىتى قۇرۇلغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ھەم ئىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىسى، ھەم جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت ئاممىسى بۇ ئىشلاردىن خەۋەرسىز ئىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ۋەتىنىمىز تېخىچە قىزىل خىتاي دۆلىتىنىڭ خەرىتىسىدە يوق ئىدى . نامدا تەسلىم بولغان گومىنداڭمۇ ئالدىراپ بۇ جاينى قىزىل خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەيتتى . ئىلىدىكى تەرەپمۇ بۇ قىزىل خىتاينى ئېتىراپ قىلمايتتى . چۈنكى ئۇلار تېخىچە ئەخمەتجان قاسىمىنى رەھبىرىمىز دەپ بىلەتتى .  پېكىندىكى سەيپىدىنمۇ ئۇ چاغدا پەقەت ئۆزىگىلا ۋەكىللىك قىلاتتى . ھەرگىزمۇ خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالمايتتى . ئەمما سىتالىن ئويۇننى شۇنچىلىك ماھىرلىق بىلەن ئوينىغان ، خىتايلارمۇ شۇنچىلىك ئۇستىلىق بىلەن رول ئالغانكى ، ھازىرغىچە مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى خىتايلارنىڭ گومىنداڭنى ئۆرۈش ھەرىكىتى بىلەن بىر قاتاردا ساناش كاللىمىزغا قەدەر سىڭدۈرۈلگەن .

ئۇنىڭ ئۈستىگە سىتالىن ئامېرىكا تەرەپنىڭ خىتاينىڭ غەربىدىكى بەش ما فامىلىلىك مىلىتارست تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە توپلاپ ، خەلقىمىز بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ، بىر ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىنلا ، ھەم ماۋنى تېزدىن دۆلەت قۇرۇشقا قىستىغان ، ھەم رەھبەرلىرىمىزنى چاقىرىپ ، ئۇلارنى خىتاي كومپارتىيسى بىلەن ھەمكارلىشىشقا قىستىغان . ئۇلارنىڭ سىرلىق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىلا ئۇلارنىڭ سىتالىنغا قارشى چىققانلىقىنىڭ ئىسپاتى . ماۋ دۆلەت قۇرۇپ، ئەسلىدە 1950 - يىلى ئىشغال قىلىش پىلانىنى سىتالىنغا يەتكۈزۈپ ، ھازىرچە ھەم قاتناش قورالى ھەم ھەربىي قورال - ياراقلار كەمچىل دېگەن باھانىنى كۆرسەتكەن . شۇڭا سىتالىن ئالاھىدە ھەربىي ئايروپىلان ئەۋەتىپ خىتاي ئەسكەرلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇغان . شۇنداق قىلىپ تەلىيى ئوڭدىن كەلگەن خىتايلار شۇ يىلى 10 - ئۆكتەبىر ھەم قۇرۇقلۇق ھەم ھاۋادىن تەڭلا سەددىچىندىن چۈمۈلىدەك چىقىشقا باشلىغان . خەلقىمىز نېمە بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولغۇچە ، ئۇلار ئىككى ئاي ئىچىدىلا بىياپان ۋەتىنىمىزگە ئورۇنلىشىپ بولغان . گومىنداڭ ئەسكەرلىرى قورالسىزلاندۇرۇلۇپ ، يىغىۋېلىش لاگىرلىرىغا قامىلىپ ئەمگەككە سېلىنغان . مىللىي ئارمىيەنى 1949 - يىلى 25 - دېكابىرغا كەلگەندىلا ئاندىن ئۈرۈمچىگە كىرگىلى قويغان . بۇ دېگەنلىك « مەن ئۈرۈمچىنى گومىنداڭدىن 17 - ئۆكتەبىر تارتىۋېلىپ ئازات قىلدىم. سەن تەييارغا ھەييار بولۇپ 25 - دېكابىر كىردىڭ» دېگەنلىك ئىدى. خەلقئارا سىياسەت مانا مۇشۇنداق رەزىل ۋە مەينەت ئىدى . بۇندىن بۇرۇن 1946 - يىلى 28 - ئاۋغۇست غۇلجىغا كەلگەن تۈلكە جاڭ جىجۇڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى چۈشۈرگۈزۈپ ، ئاندىن ئايروپىلاندىن چۈشۈشتە ئۇتۇق قازانغان ئىدى.

3 . « گومىنداڭنىڭ پانتۈركىزىم قارتىنى ئوينىشى ۋە چوڭ قىماردىكى پاجىئەلىك ئۇتتۇرۇش » :

قۇۋ ۋە ھىلىگەر گومىنداڭمۇ بىزنىڭ سىتالىننىڭ نەزىرىدىكى ئورنىمىزنى ۋە ئېتىبارىمىزنى يوق قىلىش ئۈچۈن پانتۈركىزىمچى ئۈچ ئەپەندىنى ۋەتىنىمىزنىڭ ئەمەلدارلىرى قىلىپ سايلاپ، 1947 - يىلى 28 - مايدىن ئېتىبارەن سىياسىي جەھەتتە خەلقىمىزنىڭ ئىككىگە پارچىلىنىشى ۋە سىتالىننىڭ ئۇيغۇرلاردىن بىئارام بولۇپ، ئىلىدىن يەنئەنگە مايىل بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . 1949 - يىلى ئامېرىكا ئۆزىنىڭ ئىتتىپاقدىشى بولغان گومىنداڭنىڭ گۇمران بولىدىغانلىقىنى سېزىپ، غەربىي شىمالدىكى بەش ما فامىلىلىك تۇڭگاننى ۋەتىنىمىزگە چېكىندۈرۈپ، ئىسلام دۆلىتى قۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنى تەسىرى ئاستىدا تۇتماقچى بولغان. بۇ خەۋەردىن چۆچىگەن سىتالىن ئامېرىكىنىڭ ئارقا ھويلىسىدا پەيدا بولۇشىنى توسۇش ئۈچۈن دەرھال ماۋنى شۇ يىلى ئۆكتەبىرگىچە دۆلەت قۇرۇپ بولۇشقا قىستاپ،  بىر تەرەپتىن ئايروپىلان چىقىرىپ، لاتا خەيلىك، شۇم نىيەتلىك خىتاي باندىتلىرىنى ۋەتىنىمىزگە توشۇسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىگە سادىق بولغان رەھبەرلىرىمىزنى كۆزىنى مىت قىلمايلا بىر تەرەپ قىلىۋەتكەن . نەتىجىدە 70 يىللىق پالاكەت باشلانغان.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى رۇسلارنى يۈز يىلدىن بېرى خىتاي بىلەن دوست بولۇشقا مەجبۇرلىسا، غەرپتە گېرمانىيەنىڭ قايتا كۈچىيىشى رۇسلارنىڭ ئەنگلىيە بىلەن قايتىدىن يارىشىپ، ئىتتىپاقداش بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە، ۋەتىنىمىز 1870 - يىللىرى
« چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇن » نىڭ قۇربانلىقى بولۇپ، مانجۇرلارغا بېرىۋېتىلگەن بولسا، 1921 - يىلى ياپونىيەگە قارشى ئىتتىپاقداشتىن مەھرۇم قالماسلىق ئۈچۈن لېنىن ۋەتىنىمىزدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىنى ئەمەلدى قالدۇردى. 1934 - يىلى ئارقا ھويلىسىدىلا دۈشمەنلىرىنى قوينىغا ئالغان ، كوممۇنىزىمغا ۋە جاھانگىرلىككە قارشى بولغان تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى سىتالىن « ياپون تەھدىتى ۋە مانجۇرىيە دۆلىتى تەجرىبىسى »نىڭ قايتىلىنىشىدىن قورقۇپ خائىن تۇڭگانلارنىڭ قورال كۈچى بىلەن يوقاتقان بولسا، 1944 - يىلى ئۆزى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەن 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنى يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئالىي دۆلەت مەنپەئەتى ئۈچۈن قۇربان قىلىپ يوقىتىۋەتتى .

قىسقىسى ، يىراقتىكى ياپونىيەنىڭ كۈچىيىشى، تېخىمۇ يىراقتىكى گېرمانىيەنىڭ قايتا تىرىلىشى، ئۇنىڭدىنمۇ يىراق ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيە بىلەن تاسادىپىي ھالدا بىردىنلا مەنپەئەتىمىزنىڭ بىر يەرگە كېلىپ قېلىشى سىتالىننى كەسكىنلىك بىلەن ئىش كۆرۈشكە مەجبۇرلىدى. ئۇ ھەتتا ئۆزىگە ئەڭ سادىق بولغان جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرىنى سىرلىق ھالدا يوق قىلىۋەتتى. پۈتۈن ئىشلار بىر ئاي ئىچىدىلا تاماملاندى. 25 - ئاۋغۇست ئايروپىلان ۋەقەسى خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ دەل بىر ئاي بولغاندا، يەنى 26 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى يەتتە ۋىلايەتنى ئىشغال قىلىپ تۇرغان گومىنداڭ تاجاۋۇزچىلىرى گۇڭسەنداڭغا تەسلىم بولدى. 17 - ئۆكتەبىر ئىلى ئاسمىنىدا لەپىلدىگەن ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقمۇ چۈشۈرۈلدى . مانا بۇ يىل بۇ پالاكەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزغا دەل 71 يىل توشۇپ قاپتۇ .

داۋامى :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=537.0
32

سېۋىر كېلىشىمىگە 100 يىل توشقاندا :
 ( يۈز يىلدىن بۇيانقى تۈركلەر ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئوخشىمىغان بۈگۈنى ۋە يېقىنقى 100 يىللىق پەرقلىق ئۆتمۈشى )

كىرىش سۆز :

1878 - 1908 - يىللار ئوسمانىلار تارىخىدىكى ئەڭ ھالقىلىق يىللار بولۇپ ، بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئاسىيا ، ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى زېمىنلىرى غەرپ ئەللىرى تەرىپىدىن يۇتۇۋېلىنىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن ئاخىرقى كۈچلۈك سۇلتان پۈتۈن كۈچى بىلەن دۆلىتىنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن كۈچەۋاتقان پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك ۋەزىيەتتە قالغان ئىدى . سۇلتان ئىسلامىزىم ئارقىلىق ئوسمانىلارنى ساقلاپ قالماقچى بولسا، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئەھۋالىدىن ئۈمۈدى ئۈزۈلگەن ياش ئوسمانىلار غەرپچە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى تەشەببۇس قىلاتتى . ھەر ئىككى تەرەپ ئۇتۇق قازىنالمىغاچقا ، ياشلار ئىچىدە ، بولۇپمۇ ھەربىيلەر ئارىسىدا تۇرانچىلار باش كۆتۈرۈپ چىقتى . ئۇلار ئادرىئاتىكدىن خىتاي سېپىللىرىغىچە ، سىبىرىيەدىن پېرسىيەگىچە سوزۇلغان تېخىمۇ جەڭگىۋار تۈركىي دۆلەت قۇرۇپ چىقماقچى بولدى . دەرۋەقە ئۇلار 1908 - يىلى سۇلتاننى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇرلاپ ، 1909 - يىلى ئۇنى تەختتىن چۈشۈرەلىدى . بىراق ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىمۇ ئون يىل توشمايلا يىمىرىلىپ كەتتى . ئۈچ پاشا قېچىپ كەتتى . يەنە نۇرغۇن پاشالار ئۆز ۋەتىنىدە ئىشغالىيەتچى كۈچلەرگە قارشى مۇستەقىللىق ئۇرۇشى قىلىپ ، 1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر پەقەت قارا دېڭىز رايونىلا قولىدا قېپقالغان ئوسمانىلار ئىمپىرىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، تۇنجى مىللىي دۆلەت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى .

1 . ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۇغۇلۇشى

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن.

ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرلار 1862 - يىلدىن 1868 - يىلغىچە كۆپ قان تۆكۈپ مىڭبىر مۇشەققەتتە قۇرۇپ چىققان قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ ئەجەللىك سىياسىي خاتالىق سادىر قىلىپ ، يىمىرىلىش باسقۇچىدىكى لىڭشىپ قالغان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلىشى 150 يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىستىقبالىنىمۇ ئېنگىلىزلار ۋە ئورۇسلار ئارىسىدىكى يۈز يىللىق بۈيۈك ئويۇننىڭ قۇربانلىقىغا ئايلاندۇرۇپ قويغان . زوزۇڭتاڭ ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغان ۋەتىنىمىزنى ئىشغال قىلىۋالغاندا ئوسمانىلارنىڭ ئازراقمۇ ئاغزاكى نارازىلىقمۇ بىلدۈرۈپ قويماسلىقى مۇشۇ سەۋەپتىن ئىدى : ( تەپسىلاتى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتا):

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=534.0

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ .

2 . بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن . ئۈچ يىللىق ئىچكى ئۇرۇشتىن كېيىن لىۋىيەدە ئىككى كۈچ ھاكىمىيەت تالاشتى . ئۇنىڭ بىرى دەل ھازىرقى باندىت خەلىپە ھەفتەر بولۇپ ، ئۇنى تۈركىيەگە قارشى بارچە ئەرەب ئەللىرى ۋە رۇسىيە قوللايتتى . يەنە بىرى تىرىپولىدىكى فايىز سەرراج ھۆكۈمىتى بولۇپ ، ئۇنى خەلقئارا جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغاندىن سىرت ، تۈركىيە پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايتتى . ھەفتەر 2019 - يىلى ئاپرىلدا بىر قېتىم ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ ، شۇ يىلى دېكابىردا قايتا ھۇجۇمغا ئۆتكەن . تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا ئۆز ئارا دېڭىز تەۋەلىكىنى تەقسىملىگەن تۈركىيە دەرھال تەدبىر قوللىنىپ ، 2020 - يىلى 5 - يانۋار لىۋىيەگە ئەسكەر چىقاردى . كېيىنكى يېرىم يىلدا ھەفتەر ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، سەرراج تەرەپ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى . بۇ يىل ئىيۇلدىن بېرى ئەرەب ئەللىرى مىسىرنى لىۋىيەگە مۇداخىلە قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ ، يەنىلا ئەنسىزلىك پەيدا قىلماقتا . ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشقىنى يوق  .

 3 . دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى:  ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى

1912-يىلىدىن 1913-يىلىغىچە ئوسمانىلارنىڭ بالقاندىكى تەۋەلىكى مەسىلىسىنى چۆرىدەپ ئۇدا ئىككى قېتىم بالقان ئۇرۇشى يۈز بەردى، بۇ ئىككى قېتىملىق ئۇرۇش 1-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى دەپ ئاتالدى.
بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بالقان ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئاجىزلاشقان ئوسمانىيە تۈرك ئىمپېرىيەسى 20 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدىمۇ بالقاندىكى ھەر قايسى ئەللەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتاتتى. بالقاندىكى ھەر مىللەت خەلقى مىللىي مۇستەقىللىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، بىرلىككە كەلگەن مىللىي مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشقا تەشنا ئىدى. 1911- يىلى ئىتالىيە بىلەن تۈركىيە ئارىسىدا ئۇرۇشنىڭ پارتلىشى بالقان ئەللىرىدىكى تۈركىيەگە قارشى كۈچلەرنىڭ بىرلىشىشىگە تۈرتكە بولدى. 1912- يىلى 3- ئايدا سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە تۈركىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى. ئارقىدىنلا گىرېتسىيە بىلەن مونتېنېگرومۇ بۇ ئىتتىپاققا كەينى-كەينىدىن كېرىپ، بالقان ئىتتىپاقىنى شەكىللەندۈردى. 1912- يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى تۈركىيە ماكېدونىيە بىلەن فراكىيىگە ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىشنى رەت قىلغانلىقتىن ئالدى بىلەن مونتېنېگرو تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇش قىلدى. 10- ئاينىڭ 17- كۈنىدىن 19- كۈنىگىچە سېربىيە ، بۇلغارىيە ۋە گرېتسىيىلەرمۇ ئارقا-ئارقىدىن تۈركىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. ئۇرۇش تەييارلىقى كەمچىل تۈركىيە قوشۇنى ئۈچ تەرەپتىن دۈشمەننىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇلغارىيە قوشۇنى ئاساسىي كۈچ قىلىنغان ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئادەم سانى ۋە قورال-ياراغلار جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇرۇش جەريانىدا كەينى-كەينىدىن مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. 10- ئاينىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە بۇلغارىيە قوشۇنى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئىستانبۇل ئەتىراپىغىچە ئىلگىرىلەپ باردى. تۈركىيە دەرھال كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ مۇرەسسەلەشتۈرۈپ قويۇشىنى سورىدى. 12- ئاينىڭ 3- كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرودىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كىلىشىمى ھاسىل قىلدى. كېيىن تۈركىيە ھۆكۈمىتى ئىتتىپاقداش ئەللەر ئوتتۇرىغا قويغان تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈش شەرتىنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن 1913- يىلى 2- ئاينىڭ 3- كۈنى ئۇرۇش ئوتى قايتىدىن ياندى. ئىتتىپاقداشلار ئارمىيەسى ئانىنا، ئەدىرنە  ۋە شكودېرنى كەينى-كەينىدىن ئالدى. تۈركىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. شۇ يىلى 5- ئاينىڭ 30- كۈنى ياۋرۇپادىكى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ ئارىغا كىرىپ ھەر ئىككى دۈشمەن مۇرەسسەلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا تۈركىيە بىلەن بالقان ئىتتىپاقىدىكى تۆت دۆلەت لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنى ئىمزالىدى. تۈركىيە بۇ شەرتنامىگە ئاساسەن ئىستانبۇل بىلەن فراكىيىدىن ئىبارەت ئازغىنە تەۋەلىكىدىن باشقا ياۋروپادىكى ئۆزىگە قاراشلىق بارلىق تەۋەلىكلىرىدىن مەھرۇم بولدى. ئالبانىيە مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى تۈركىيەنىڭ بالقان يېرىم ئارىلىدىكى 500 يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بەردى.
لوندون تىنچلىق شەرتنامىسىنىڭ سىياھى قۇرىماي تۇرۇپلا 2-قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى پارتلىدى. بۇ بالقان ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسىسى ئەللەرنىڭ زېمىن تالىشىش يولىدىكى سۇلالىلەر ئۇرۇشى ئىدى. بىرىنچى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى ئاياغلاشقاندىن كېيىن بالقان ئەللىرىنىڭ ھۆكۈمرانلار گۇرۇھى ئوتتۇرىسىدا غەلىبە مىۋىلىرىنى تەقسىملەش تۈپەيلىدىن تالاش-تارتىش يۈز بەردى. سېربىيە ئادرىئاتىك دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئەڭ كۆپ نەپكە ئېرىشكەن بۇلغارىيىدىن ماكىدونىيە زېمىنىنىڭ بىر قىسىمىنى كېسىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. گىرېتسىيە ماكىدونىيىنىڭ جەنۇبىي قىسىمى ۋە فراكىيىگە ئىگە بولۇشنى تەلەپ قىلدى. رومىنىيىمۇ جەنۇبىي دوبروجانى ئىگىلەش ئارزۇسىدا ئىدى. ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر گۇرۇھىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گۇرۇھىمۇ ئارىغا چاتكىردى. 1912- يىلى 6- ئاينىڭ 1- كۈنى سېربىيە بىلەن گىرېتسىيە بۇلغارىيەگە قارشى ئىتتىپاق تۈزدى، ئارقىدىنلا رومىنىيىمۇ بۇ ئىتتىپاققا كىردى. شۇ يىل 6- ئاينىڭ 29- كۈنى بۇلغارىيە ئارمىيەسى ماكىدونىيەدە تۇرۇشلۇق سېربىيە، گىرېتسىيە قوشۇنلىرىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، ئۇرۇشنى باشلىۋەتتى. ئۇزاق ئۆتمەي مونتېنگورۇ بىلەن تۈركىيەمۇ سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە تەرەپتە تۇرۇپ، بۇلغارىيەگە قارشى ئۇرۇشقا قاتناشتى. بۇلغارىيە ئارمىيەسى تۆت تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئارقا-ئارقىدىن مەغلۇپ بولدى.
7-ئاينىڭ ئاخىرىدا سېربىيە، گىرېتسىيە ، رومىنىيە قوشۇنلىرى بۇلغارىيەنىڭ پايتەختى سوفىيىگە يېقىنلاپ باردى. بۇنىڭ بىلەن بۇلغارىيە سۈلھى تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولدى. 1913-يىلى 8- ئاينىڭ 12 - كۈنى بۇلغارىيە، سېربىيە، مونتېنېگرو، گىرېتسىيە رومىنىيىدىن ئىبارەت بەش دۆلەت بۇخارىستتا تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىدى. شەرتنامىگە بىنائەن، بۇلغارىيە ئۆزىنىڭ ماكىدونىيە ۋە فراكىيىدىكى كۆپ قىسىم زېمىنىدىن، شۇنداقلا جەنۇبىي دوبروجادىن مەھرۇم قالدى، تۈركىيەمۇ بۇ ئارىدا بۇلغارىيە-تۈركىيە شەرتنامىسىگە ئاساسەن ئەنۋەر پاشا قوماندانلىقىدا ئەدرىنەنى قايتۇرۇۋالغانىدى.
ئەنۋەر پاشا بۇ زەپىرى ئارقىلىق شۇ يىلى ئۆكتەبىردە ئۇرۇش ۋەزىرى بولۇپ ئۆستى .
ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى بوسنىيىلىكلەر بىلەن گرېتسېگوۋىنالارنىڭ مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولدى. بوسنىيەدىكى سېربلار ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ، سېربىيەگە قوشۇلۇپ، بۈيۈك سېربىيە دۆلىتى قۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. رۇسىيە تاجاۋۇز قىلىش مەقسىتىدە ئۇلارنى قوللىدى. ئاۋسترىيە-ۋېنگرىيە ئىمپېريىسى بولسا سېربىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكىگە قەتئىي قارشى تۇردى. تېخى سېربىيەنى يۇتۇۋېلىشقىمۇ ئۇرۇنۇپ، گېرمانىيەنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ئاۋسترىيە-سېربىيە قوشۇنى مۇقەررەر يوسۇندا ئاۋسترىيە-رۇسىيە توقۇنۇشىنى، شۇنداقلا ئىتتىپاق تۈزۈشكەن دۆلەتلەر بىلەن ئەھدىلەشكەن دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇشنى پەيدا قىلدى. ئىككى چوڭ ئىمپېرىيە گورۇھىنىڭ بالقاندىكى كۈچ سىنىشىش كۈرىشى بالقاننى ياۋرۇپانىڭ پۇرۇق (پارتلاتقۇچى دورا) ئىسكىلاتىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇخارېست تىنچلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ بىر يىل ئۆتە-ئۆتمەيلا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور كۆلەمدىكى بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى بالقان مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ئۇشتۇمتۇتلا پارتلىدى.

4 . بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ۋە ئوسمانىلار :

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل باشلانغان دۇنياۋى ئۇرۇشقا ئوسمان ئىمپىرىيىسى شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئودېسسا ۋە سېۋاستوپولنى بومبىلاش بىلەن قاتنىشىپ ، 12 - نويابىر ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن بىر سەپتە بولۇشنى تاللايدۇ. ئاقىۋەت تۈركىيەنىڭ ماماتلىق قۇتلۇق ئۇرۇشى،
1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1915 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئارىسىدا مەشھۇر گاللىپولى ئۇرۇشى، يەنى « چاناققەلئە ئۇرۇشى» يۈز بەرگەن. بۇ پىلاننى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەنگلىيە دېڭىز ئارمىيە ۋەزىرى چېرچىل تۈزگەن بولۇپ، ئەگەر ئۇتۇقلۇق بولغان بولسا، ئوسمان ئىمپىرىيىسى 1916 - يىلغىچە مۇنقەرز بولۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ئىككى يىل بۇرۇنلا ئاخىرلاشقان بولاتتى. بىراق تۈركلەر ئۈچ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ بەدىلىگە بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىپ، تۈركىيەنىڭ مۇستەقىللىقىغا ئاساس سالدى . تۈركىيە ھەر يىلى 18 -  مارت كۈنى بۇ ئۇرۇشنى ۋە شېھىتلىرىنى ئەسلەپ كەلمەكتە.

1918 - يىلى 4 - ئىيۇل سۇلتان مۇھەممەد رەشادخان ( 1909 - 1918) قازا قىلىپ،
ئورنىغا سۇلتان 6 - مۇھەممەدخان 5 - ئىيۇل ئاكىسىنىڭ ئورنىغا خەلىپە بولغان. بىراق بىچارە خەلىپىنىڭ تەقدىرى دۆلىتى بىلەن ئوخشاش بولغان. 1918 - يىلى 30 - ئۆكتەبىر كۈنى مودورۇس كېلىشىمىگە قول قويۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن چېكىنىپ چىققان. 12 - نويابىردىن باشلاپ ئىشغال قىلىنغان. 1919 - يىلى يۇنان ۋە ئىتالىيە بېسىپ كىرگەن. ئاندىن فرانسىيەمۇ بېسىپ كىرگەن. 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىنى مۇستاپا كامال ئېتىراپ قىلماي، چەتئەل ئىشغالچىلىرىغا قارشى ئۇرۇش ئاچقان. 1922 - يىلى نويابىر سۇلتان ئىتالىيىگە پالانغان. 1923 - يىلى يېڭى تۈركىيە قۇرۇلۇپ، پايتەخت ئەنقەرەگە كۆچۈرۈلگەن. 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك تۈزۈم پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان .

1923 - يىلى ئاناتولىيە قوزغىلاڭچىلىرى بىلەن غالىپ ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا مەشھۇر لوزان كېلىشىمى ئىمزالانغان. بۇ كېلىشىم 1920 - يىلدىكى ئوسمانىلار ۋە ئانتانتا دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سېۋىر كېلىشىمىنىڭ ئورنىنى باسقان بولۇپ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ غول ئۇمۇرتقىسى بولغان ئاناتولىيە ۋە شەرقىي تىراكىيا ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ، شۇ يىلى
29 - ئۆكتەبىردە « تۈركىيە » ئىسىملىك يېڭى بىر دۆلەت قۇرۇلغان. ئىمپىرىيىنىڭ باشقا جايلىرى ئەنگلىيە - فرانسىيە، ئىتالىيە، يۇنان ، سوۋېت ۋە بۇلغارىيە تەرىپىدىن بۆلۈشۈۋېلىنغان.

5 . ئىسيانچى ئەرەبلەرنىڭ ئاقىۋىتى :

ئەرەبلەر 1916 - يىلى 10 - ئىيۇن مەككە ھاكىمى شېرىپ ھۈسەيىن باشچىلىقىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ، 1917 - يىلى كۈزگىچە ئوسمانلى ئارمىيىسىنى ئەرەب يېرىم ئارىلىدىن، 1918 - يىلى ئىراق ۋە سۈرىيەدىن قوغلاپ چىقارغان. ئەمما ئەنگلىيە ئۇرۇشتىن كېيىن « خەلىپىلىكنى تۈركلەردىن ئەرەبلەرگە ئېلىپ بېرىش، بارلىق ئەرەبلەرنى بىر دۆلەت قىلىپ بېرىش » كۈچلۈك ۋەدىسىنى بۇزۇپ، ھۈسەيىننى يوقىتىۋېتىش ئۈچۈن ھازىرقى سەئۇدى شاھلىقىنى قۇرغان ئابدۇلئەزىزنى نەجىتتىن ھىجازغا ھۇجۇم قىلغۇزۇپ، 1924 - يىلى بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا ھۈسەيىننىڭ بارلىق قوشۇنىنى قىرغۇزۇۋېتىپ، شۇ يىلى يازدا ئىككى ھەرەمنى قالاق، بەدەۋى سەئۇدى جەمەتىنىڭ قولىغا تاپشۇرىدۇ . ئاندىن ھۈسەيىننى قۇتقۇزغان بولۇپ، سىپرۇسقا ئاپىرىپ نەزەربەنت قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئوغلى پايسالنى سۈرىيە شاھى قىلىپ قويۇپ، ئارقىدىنلا 1916 - يىلى 16 - ماي تۈرۈلگەن
 « سايكس - پىكوت كېلىشىمى » نىڭ روھى بويىچە سۈرىيەنى فرانسىيەگە بۆلۈپ بېرىدۇ . فرانسىيە 1921 - يىلى پايسالنىڭ ** ئەرەب قوشۇنىنى يوقىتىپ، سۈرىيەنى ئىشغال قىلىدۇ. 1932 - يىلى ئەنگلىيە ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە ئىراق ۋە مىسىرغا قىسمەن يۈزەكى  مۇستەقىللىق بېرىدۇ . ئابدۇلئەزىزمۇ شۇ يىلى 21 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ ھىمايىسىدە « سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى » نى قۇرۇپ چىقىدۇ.
ئىراق 1958 - يىلى، سۈرىيە 1960 - يىلى،  مىسىر 1952 - يىلى، كۇۋەيت 1966 - يىلى، قاتار 1968 - يىلى ، يەتتە ئەرەب بەگلىكى 1970 - يىلى ، ئالجىرىيە 1962 - يىلى ئاندىن ئىشغالىيەتتىن قۇتۇلىدۇ .

*** ( شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى فايسال)

1920 ـ يىلى شېرىپ ھۈسەيىن ئوغلى پايسال تاج كىيىپ سۈرىيە پادىشاھى بولغان.( پايسال بىلەن ئاتىسى ئەنگلىيىنىڭ مىسىردىكى نائىبى مېكماخۇن بىلەن كېلىشىپ، 1916 ـ يىلى 10 ـ ئىيۇن ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەنىدى.ئەرەبلەرنىڭ ھەمكارلىشىشى نەتىجىسىدە ئەنگلىيە 1917 ـ يىلى 13 ـ مارتتا باغداتنى، 19 ـ دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئالدى.

1917 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى باغداتنى تولۇق تىزگىنلىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ھەممە جايدىكى ئاي يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى سۆكۈپ تاشلاپ، ئەنگلىيە بايرىقىنى ئېسىشقا باشلىغان.
« ئەنگلىيە بىلەن ئوسمانلى 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا رەقىپلەردىن بولۇپ،ئەنگلىيە 1914  - يىلى  نويابىردىلا ئىراقنىڭ جەنۇبىدىكى بەسرە  شەھىرىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بىراق 1916 - يىلى 29 - ئاپرىل ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنى  قۇتۇلئەمارەدە تۈركلەرگە تەسلىم بولۇپ،  ئەنگلىيە ئارمىيىسى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇلارنىڭ تەلىيىگە شۇ يىلى 10 - ئىيۇن  مەككە ئەمىرى شېرىپ ھۈسەيىن بىلەن ئوغلى پايسال ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قارشى ئەرەب قوزغىلىڭىنى قوزغىغان.  نەتىجىدە ئەنگلىيە قايتا  پىلان تۈزۈپ، ھىندىستاندىن يېڭى زاپاس قوشۇن تەشكىل قىلىپ، 1917 - يىلى  بىر قانچە غەلىبىلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق  11 -مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 4 تە سەلتەنەت دەرۋازىسىدىن باغداتقا كىرگەن.شۇنىڭ بىلەن  ئوسمانىلارنىڭ  باغداتتىكى 400يىللىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان. 1918 - يىلى 14 -
نويابىر ئەنگىلىيە كېلىشىمگە خىلاپ ھالدا  موسۇلنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن ئوسمانىلارنىڭ ئىراقتىكى ھۆكۈمرانلىقى پۈتۈنلەي يىمىرىلگەن».

1918 ـ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىدا ئەنگلىيە ـ ئەرەب بىرلەشمە ئارمىيىسى دەمەشىقنى ئالدى. 1919 ـ يىلى يانۋاردىكى ۋېرسال شەرتنامىسى بويىچە بىر يىل تالاش ـ تارتىش قىلىش ئارقىلىق،ئاخىرى پايسال سۈرىيە پادىشاھى، دادىسى ھۈسەيىن ھىجاز پادىشاھى بولغان. بىراق 1916 ـ يىلى 16ـ مايدا تۈزۈلگەن سايكس ـ پىكوت كېلىشىمى بويىچە فرانسىيە گېنىرالى گورو 1921 ـ يىلى دەمەشىقنى ئىشغال قىلىپ،پايسالنى ئاغدۇرۋەتكەن. ئەنگلىيە ئۇنى ئىراققا پادىشاھ قىلغان. لېكىن ئەنگلىيە يەنە بىر تەرەپتىن سەئۇدى جەمەتىنى قوللاپ، 1924 ـ يىلى مەككە ـ مەدىنىنى ھۈسەيىندىن تارتىۋالغان. ئەنگلىيە ھۈسەيىننى قوغداش باھانىسىدە سىپرۇستا نەزەربەنت
قىلغان .

6 . دۇنياۋى ئۇرۇشتىكى زور مەغلۇبىيەت ۋە مودورۇس كېلىشىمىدىن سېۋىر كېلىشىمىگىچە:

1908 - يىلى ئابدۇلھەمىدخانغا قارشى ھەربىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ئىستانبۇل مالىمانچىلىققا پاتقان. سېربىيە بىلەن بۇلغارىيە پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تولۇق مۇستەقىللىق جاكارلىغان. ئاۋستىرىيە دەرھال بوسنىيەنى تولۇق ئىشغال قىلىۋالغان. بۇ قىلمىشقا سېربىيە قاتتىق نارازى بولغان. چۈنكى سېربلار بۇ جاينى ئۆزىگە تەۋە دەپ قارايتتى. ئەمما سېربىيە ئۇ ۋاقىتتا ئاۋستىرىيە ئىمپىرىيىسى بىلەن ئۇرۇش قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەمەس ئىدى. 1912 - 1913 - يىلدىكى ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسى بالقاندىن تولۇق چېكىنىپ چىقتى. بوشناقلار كەڭ كۆلەمدە ئاناتولىيىگە كۆچتى. 1914 - يىلى 28 - ئىيۇن بوسنىيە پايتەختى سارايېۋودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان ئاۋستىرىيىنىڭ بىردىنبىر تەخت ۋارىسى بىر سېرب ئاشقۇن تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلاندى. ئاۋستىرىيە دەرھال سېربىيەگە ئۇلتىماتوم تاپشۇردى. سېربىيە شەرتلەرگە تولۇق كۆرمىگەچكە، ئاۋستىرىيە گېرمانىيىدىن مەسىلىھەت سورىدى. گېرمانلار ھەر ۋاقىت قوللايدىغانلىقىنى ئېيتتى . شۇڭا ئاۋستىرىيە 1914 - يىلى 28 - ئىيۇل سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. شۇ كۈنى بېلگىراتنى بومباردىمان قىلىش بىلەن سېربىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئەھۋالدىن كېيىن رۇسىيە31 ئىيۇل - كۈنى ئۇمۇميۈزلۈك سەپەرۋەرلىك ھەركىتى قوزغىدى. چاررۇسىيەنىڭ سەپەرۋەرلىكىنى ئۇرۇش ئېلان قىلغانلىق دەپ چۈشۈنىدىغانلىغىنى جاكارلىغان گىرمانىيە 8- ئاينىڭ 1- كۈنى رۇسىيەگە، 3- كۈنى بولسا فىرانسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. گىرمانىيە ئالدى بىلەن فىرانسىيەنى ئىشغال قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن پۈتۈن كۈچى بىلەن رۇسىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولدى. گىرمانىيە فىرانسىيەنى تىزرەك ئىشغال قىلىش ئۈچۈن ئەڭ ياخشى يول بولغان Flander تۈزلەڭلىكىدىن ئەسكەرلىرىنى ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۈچۈن بىلگىيەدىن ياردەم سورىدى. بىتەرەپ دۆلەت بولغان بىلگىيە قانداق قىلىش توغرۇلۇق ئەنگلىيە بىلەن كۈرۈشكەندىن كېيىن يۈرەكلىك گىرمانىيەنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلدى. شۇنىڭ بىلەن گىرمانىيە 1914- 8- 4- كۈنى بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلدى. ئەنگلىيە بولسا گىرمانىيەگە ھۇجۇم قىلدى. شۇنداق قىلىپ، 1914-4  - ئاۋغۇست كۈنى گېرمانىيە - فىرانسىيە ئۇرۇش مەيدانى، گىرمانىيە - رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانى ۋە ئاۋۇستىريە - سېربىيە ئۇرۇش مەيدانى قاتارلىق ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ئۇرۇش باشلاندى.
ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ 29 - ئۆكتەبىر ئىككى ھەربىي پاراخوت بىلەن ئودېسسا پورتىنى توپقا تۇتۇپ، 2 - نويابىر رۇسىيەگە ئۇرۇش ئېلان قىلدى. 12 - نويابىر رەسمىي ھالدا گېرمانىيە تەرەپكە قېتىلدى. نەتىجىدە بىراقلا سەككىز ئۇرۇش سېپىدا ئۇرۇش قىلىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇرۇش تۆت يىل سوزۇلۇپ كەتتى. بۇ ئۇرۇش بارچە ئېمپىرىيىلەرلەرنى يەر شارىدىن يوقاتتى.
1918 - يىلى 11 - نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:11 دە گېرمانىيە ۋە ئىتتىپاقداشلار كېلىشىمگە ئىمزا قويۇپ ، دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ غالىپلىرى بولغان ئەنگلىيە ، فرانسىيە قاتارلىق ئانتانتا دۆلەتلىرى مەغلۇپ دۆلەتلەرنىڭ تەقدىرىنى بېكىتىدىغان « ۋېرسال كېلىشىمى» نى 1919 - يىلى يانۋاردىن تاكى ئىيۇلغىچە مۇزاكىرە قىلىپ ، 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ تارمىقى بولغان « سېۋىر كېلىشىمى » نى ئوسمانىلارغا مەجبۇرىي ئېتىراپ قىلدۇرغان.
ئەمما مۇستاپا كامال پاشا بۇ تەڭسىز كېلىشىمنى ئېتىراپ قىلماي ، لېنىنىڭ ياردىمىدە 1919 - يىلدا باشلىغان « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » داۋام قىلىپ ، 1922 - يىلى غالىپ دۆلەتلەرنى سۆھبەت ئۈستىلىگە كېلىشكە مەجبۇر قىلىپ ،
1923 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان كېلىشىمىنى
« سېۋىر كېلىشىمى » نىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر ئەنقەرەدە « تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى» نى قۇرۇپ چىققان .

7 . ئافغانىستان ئىران ۋە ھىندىستاننىڭ پوزىتيىسى

1914 - يىلى 28 - ئىيۇل 1 - دۇنيا ئۇرۇشى پارتلىدى. كۈزدە ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ گېرمانىيە بىلەن بىر سەپتە ئۇرۇشقا كىرگىنىدىن ئەپسۇسلانغىنىنى بىلدۈردى . گېرمانىيە ئافغانىستانغا ئىران ئارقىلىق 50 مىڭ تال مىلتىق، نەچچە مىڭ پېلىموت ئەۋەتىپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى تۇتۇپ تۇرۇشىنى ئۈمۈد قىلدى. ئوسمانلى سۇلتانىمۇ تەلەپ ئەۋەتتى . ئەمما ئەنگلىيە « ئۇرۇشتىن كېيىن سىلەرگە مۇستەقىللىق بېرىمىز !» دەپ ئالداپ، ئافغان ھۆكۈمىتىنى بىتەرەپ تۇرغۇزۇپ، ھىندىستاندا تۇرۇشلۇق قىسىمنى ئوتتۇرا شەرققە ئوسمانلىغا قارشى ئۇرۇشقا يۆتكەپ كەتتى. 1918 - يىلى 11 - نويابىر ئۇرۇش ئىتتىپاقداشلارنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن ئاخىرلاشتى . پايتەخت ئىستانبۇل ئىشغال قىلىندى. ھىندىستاندا كەڭ كۆلەملىك ئازاتلىق قوزغىلىڭى پارتلىدى. ھەبىبۇللاخان ئەنگلىيەنىڭ گېپىدە تۇرمىغىنىدىن نارازى بولۇپ، ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بولۇشقا ھازىرلىنىۋاتقاندا، 1919 - يىلى شىكارغا چىققان يېرىدە ئۆلتۈرۈلىدۇ.
1919 - يىلى ۋېرسال شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇلۇپ، يېڭى دۇنيا تەرتىپى بېكىتىلىدۇ. 1921 - يىلى ئافغانىستان ئاخىرى مۇستەقىل بولىدۇ. 1923 - يىلى ئۇنىڭ بىر قىسمى بولغان لوزان كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۈركىيەنىڭ ئازاتلىقى ئېتىراپ قىلىنىدۇ. تۈركىيەمۇ كېلىشىم بويىچە 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىكنى ئەمەلدىن قالدۇرىدۇ . نەتىجىدە ھىندىستاندا 1924 - يىلى تارىختىكى ئەڭ كۈچلۈك مۇستەقىللىق ۋە قارشىلىق قوزغىلىڭى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ھال ئەنگلىيە بىلەن سوۋېتنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرىدۇ.  ئاقىۋەت 1925 - يىلى ئەنگلىيە مىڭ يىلدىن بېرى ئەجداتلىرىمىز ھۆكۈمران بولۇپ كەلگەن تۇراننىڭ قوشمىقى ئىراننى قايتىدىن پارسلارغا تۇتقۇزىدۇ . 1925 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى تۈركىي خانلىق قاچار ئىمپىرىيىسى / 1796 - 1925/ ئاغدۇرۇلۇپ، رىزاخان پەھلىۋى شاھ بولىدۇ. 1935 - يىلى نامىنى « ئىران »غا ئۆزگەرتىدۇ.
ئەمما رىزاخان ئەنگلىيە ۋە سوۋېتنىڭ بوزەك قىلىشىغا چىدىماي، 1941 - يىلى گېتلىر بىلەن ھەمكارلىشىپ، سىتالىن بىلەن چېرچىلدىن بىر قىسىم زېمىنىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولىدۇ. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇنى سېزىپ قالغان سىتالىن بىلەن چېرچىل گېتلىر قوشۇنى كاۋكازغا يېتىپ كېلىشتىن ئىلگىرى دەرھال يوشۇرۇن ھالدا تېھرانغا كېلىپ، قورال كۈچى بىلەن رىزاخاننى ئاغدۇرۇپ،ئۇنىڭ غەرپپەرەس قابىل ئوغلى مۇھەممەد رىزاخاننى شاھ قىلىپ تىكلەيدۇ . بۇ بالا شاھ 1946 - يىلدىن 1979 - يىلغىچە ئامېرىكىنىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ. 1979 - يىلى ھازىرقى قارا سەللىلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلىدۇ.
ئەنگلىيەمۇ ھىندىستاننى 962 - يىلدىن بېرى ئىدارە قىلىپ كېلىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قولىدىن ھىندىلارنىڭ قولىغا تۇتقۇزىدۇ . 1947 - يىلى جەنۇبىي ئاسىيادا ھىندىستان ، كەشمىر،  پاكىستان، بېرما ۋە بېنگالدىن ئىبارەت نەچچە دۆلەت شەكىللىنىدۇ . ئافغانىستاندا 1933 - يىلى نادىر شاھ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئورنىغا ياش ئوغلى مۇھەممەد زاھىر شاھ خان بولىدۇ.
2007 - يىلى 23 - ئىيۇل ئەڭ ئاخىرقى ئافغانىستان شاھى مۇھەممەد زاھىر شاھ ۋاپات بولغان. « ئۇ 1933 - يىلى 8  - نويابىر دادىسى مۇھەممەد نادىر شاھ ئورنىغا پادىشاھ بولغان. يەنى ئۇ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلۇشتىن 4 كۈن بۇرۇن تەختكە چىققان. 1973 - يىلى 17 - ئىيۇل تاغىسى داۋۇت قولىدا ئاغدۇرۇلغان.»    « مۇھەممەد زاھىر شاھ: 1914 - يىلى 16 -ئۆكتەبىر تۇغۇلغان. 2007 - يىلى 23 - ئىيۇل 93 يېشىدا ۋاپات بولغان. بۇ كىشىدىن سورايدىغان نۇرغۇن مەخپىيەتلىك بار ئىدى. ئەپسۇس ئۇ يەردىكى يارىماس قاچقۇنلار « خەخ ئۈچۈن ئۆلۈپ بېرىشكە رازى بولدىكى، بۇ كىشى بىلەن بىر قېتىم ئۇچرىشىش خىيالىغىمۇ كەلمىدى». ئۆزىنىڭ كىملىكىنى بىلمەيدىغانلار بۇنى نەدىن بىلسۇن دەيسىز !؟؟». زاھىر شاھ بىرىنچى جۇمھۇرىيەتنى ئاز بولسىمۇ قوللىغان يېقىن خوشنىمىز ئىدى.

8 . مۇستاپا كامالنىڭ قۇتۇلۇش ئۇرۇشى ۋە تۈركىيە مىللىي جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى :

ئوسمانلى سۇلتانلىقى 1918 - يىلى 12 - نويابىر كۈنىدىن باشلاپ ئىشغال قىلىنىشقا باشلىدى.
1914 - يىلى 12 - نويابىر ئۇرۇشقا كىرگەنىدى.
1919 - يىلى ئەنگلىيە، فرانسىيە ، ئىتالىيە، ھەتتا يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئاناتولىيەنى بۆلۈشۈش ئۈچۈن قوشۇن چىقىرىدۇ . 1919 - 19 - ماي مۇستاپا كامال ئىستانبۇلدىن قۇتۇلۇپ چىقىپ، 19 - ئاۋغۇستتىن باشلاپ، تاكى 1922 - يىلى 30 - ئاۋغۇست دۇملۇپىنار زەپىرى قازانغۇچە ساق ئۈچ يىل « قۇتۇلۇش ئۇرۇشى » قىلىپ، شۇ يىلى نويابىردا سۇلتاننى ئىتالىيەگە پالايدۇ.لېكىن  يېڭى خەلىپىنىڭ دىنىي ھوقۇقىغا چېقىلمايدۇ. 1923 - يىلى 23 - ئىيۇل «  لوزان كېلىشىمى » گ ئىمزا قويۇپ، شۇ يىلى 29 - ئۆكتەبىر « تۈركىيە » ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇپ چىقىدۇ . 1924 - يىلى 3 - مارت خەلىپىلىك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. 5 - ئىيۇل سىتالىن « تۈركىستان »  نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلىدۇ .

9 . « كۇرد مەسىلىسىنى ھەل قىلىش» :

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان. تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلىپ، كۇرد ۋە ئافغاندىكى باشقا مۇستەقىلچى يەرلىك مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىۋالغان .

10 . ئۇيغۇرلاردىكى يۈز يىللىق قوشماق ئىدىئولوگىيەلەر ۋە ئورتاق قىسمەتلەر :

20 - ئەسىردىن بۇيانقى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرەشلىرى ھەمدە ئۆز مىللىي كېلەچىكىنى يارىتىش يولىدىكى ئىزدىنىشلىرى داۋامىدا تۈرلۈك ئىدېئولوگىيە ۋە مەپكۇرىلەر ئوتتۇرىغا چىققان.

ئۆز دەۋرىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان بىر قىسىم دىنىي سەرخىللار ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىياسىي تەقدىرىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئويغىنىشى ۋە قايتا گۈللىنىشى داۋامىدا ھەل بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىكلار ئىنقىلابىدىن كېيىن يېتىشىپ چىققان بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سىياسىي سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئازادلىقىنىڭ كوممۇنىزم سىستېمىسى ئىچىدە ئىشقا ئاشىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن ھەمدە بۇ بۇ مەپكۇرىنى قوبۇل قىلغان.

20-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يەنە بىر بۆلۈك ئۇيغۇر سەرخىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغان كۈرەشتە تۈركچىلىك ئىدېئولوگىيەسى ياكى غايىسىنىڭ مۇھىم بىر تاللاش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۇرپاندا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، يەتتە سۇدا ئابدۇللا روزىباقىيېۋ ۋە بۇلارنىڭ مەنىۋى ئۇستازى نەزەر خوجا ئابدۇسەمەتوف ئۇيغۇرىزىم ئارقىلىق 300 يىل ئۆزىنى ئۇنتۇپ كېتىپ، نىمجان بولغان مىللەتنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزماقچى بولغان.

قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام، سابىت داموللام، خوتەندە مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا قاتارلىقلار تۈرك ۋە ئىسلام كىملىكى يۇغۇرۇلغان جەدىتىزىم ئارقىلىق 400 يىلدىن بېرى جاھالەت تۈتەكلىرى ئارىسىدا بوغۇلۇپ قالغان ئاڭسىز مىللەتنى قايتا ئاپىرىدە قىلماقچى بولغان. ئەمما ئىسلام دۇنياسىنى ئوبدان تەتقىق قىلىپ قايتىپ كەلگەن سابىت داموللام « ھازىر ئىسلام دۇنياسىدىن پەقەتلا ئۈمۈد كۈتكىلى بولمايدۇ » غانلىقىنى خۇلاسىلەپ، « ئۆزىمىزگە تايىنىشتىن ئۆزگە يول يوق!» دەپ قاراپ، ئۆز ئۆزىگە تايىنىپ ئىش باشلىغان. نەتىجىدە بىر يېرىم يىل تۈركىيەدەك ھەجىمدىكى جايلارنى سورىغان خوتەن ئىسلام ھۆكۈمىتى بىلەن،ئۆمرى قىسقا - تەسىرى زور تۇنجى جۇمھۇرىيەت مەيدانغا كەلگەن.

بىراق ھەر ئىككى پىكىر ئېقىمى غەلىبە مېۋىسىنى قوغداپ قالالمىغاچقا،ئون يىلدىن كېيىن، ئىلىنى مەركەز قىلغان ئۇيغۇرىزىم بىلەن ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان تۈركىزىم قايتا ئوتتۇرىغا چىققان. ئىككى ئېقىمنىڭ ئاتامانلىرى بولغان ئەخمەتجان قاسىمى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشتىن - ئاخىرى ياخشى مۇناسىۋەتنى ساقلاپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ھىلىگەر خىتايلار ھوقۇق ھىلىسى ئىشلىتىپ، ئەسلىدە ئۆزلىرىگە قارشى بولغان ئىككى تەرەپنى
« بىر -بىرىگە قارشى ئىككى تاغلىق» قا ئايلاندۇرۇپ قويغان. ئۈچ ئەپەندى تۈركچىلىككە كۈچىگەنسىرى سىتالىننىڭ بىزدىن ئۈمۈد ئۈزۈشى شۇنچە كۈچلۈك بولغان. نەتىجىدە « ئىككى يولۋاس ئۇرۇشۇپ، مەينەت قاۋانلارغا يەم بولغان» . ئە . قاسىمى ھازىرغىچە سىرى ئېچىلمىغان سۇيقەستتە يوق قىلىنغان بولسا، م .بۇغرا ۋەتەندىن ئەبەدىي ئايرىلىپ قاچقان.
1914 - يىلى ئاقسۇغا كېلىپ، مىللىتىنىڭ تولىمۇ بىچارە ھالدا قالغانلىقىنى كۆرگەن نەزەر خوجا « قەشقەردە ئابدۇقادىر داموللام بارغۇ، ھەر ھالدا قەشقەر خەلقى شۇلار سايىسىدە بەختلىك بولسا كېرەك !» دەپ ئۆزىگە تەسەللىي بېرىپ، ئۆزىنى « ئۇيغۇر بالىسى» دەپ ئاتىغان بولسا، ئارىدىن 30 يىل ئۆتۈپ، قوشكېزەك ئۇيغۇر ۋە تۈرك ئىدىئولوگىيىسى
ھەر خىل سىياسىي ۋە پىكرىي مۇھىت تۈپەيلى « گۆش بىلەن قاندەك ھالەتتىن ، ئوت بىلەن سۇدەك قارشى ھالەتكە كېلىپ قالغان» .
نەتىجىدە بىر -بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى ئېلىمېنت خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىپ، ھەر ئىككىسى تۈگىشىپ كەتكەن. 1949 - يىلى « ساڭىمۇ يوق، ماڭىمۇ يوق !» بولۇپ، ھەم ۋەتەن، ھەم خەلق قايتا قۇللۇققا مەھكۇم بولغان.

شۇ قېتىمقى پاجىئەلىك تەقدىر بىزگە ئىبرەت بولۇشى كېرەك ! بىزنىڭ يەنە بىر قېتىم قايتا خاتالىشىپ، يەنە 50 يىل كۈتكىدەك ئەھۋالىمىز ۋە شارائىتىمىز يوق. شۇڭلاشقا يۇغۇرۇلسا پولاتتىنمۇ قاتتىق ھالغا كېلىدىغان، سوقۇشتۇرسا بىر - بىرىنىڭ جېنىغا زامىن بولىدىغان بۇ ئىككى ئىدىئولوگىيىنى قەستەن سوقۇشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئەجداتلاردىن قالغان ئىلغار پىكىرلەر ۋە ئىدىيەلەرنى يۇغۇرۇپ، بىر ئانا مەپكۇرە يارىتىشنىڭ ئورنىغا ئەسلىدە بار بولغان پارچە ئىدىيەلەرنى سوقۇشتۇرۇپ خورىتىۋەتسەك، يەتمىش يىل ئاۋۋالقى ھاقارەتلىك تارىخ يەنە قايتىلىنىدۇ دېگەن گەپ .

شۇڭا سۈنزى دەيدۇكى :« ئۆزۈڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ بىلسەڭ مەڭگۈ يېڭىلمەيسەن !».

ئاتىلىرىمىزمۇ دۈشمەننى سەل چاغلىماسلىق ھەققىدە :« ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ، ئۆزگىنى شىر چاغلا !» دەپ نەسىھەت قىلىپ، « ھەر ۋاقىت بىز تاش ساناۋاتقاندا دۈشمەننىڭ قۇم ساناپ ئۈلگۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. ھازىر كۆتۈرۈپ چىققان كونا ئىدىئولوگىيىلەرگە قارشى دۈشمەننىڭ تەدبىرى يېتەرلىك. شۇڭلاشقا بىز دۈشمەن ھېچ مۆلچەرلىمىگەن ۋە تەسەۋۋۇر قىلالمىغۇدەك دەرىجىدە مۇكەممەل بولغان يېڭى بىر ئانا مەپكۇرىگە بەكمۇ ئېھتىياجلىق.

بۈگۈنكى كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كۈرەش يولى قانداق بىر ئىدېئولوگىيەنى تەلەپ قىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلغان تارىخچى ۋە سىياسەتشۇناس قەھرىمان غوجامبەردى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ نۆۋەتتىكى گېئو-سىياسىي مۇھىتى ۋە دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ يۈزلىنىشىدىن «ئۇيغۇرىزم» غايىسىنى تەكىتلەيدۇ.

ئەمما تۈركىيەنى مەركەز قىلغان باشقا بىر بۆلۈك سەرخىللار « تۈركىزىم » غايىسىنى كۈچەپ تەكىتلىمەكتە. ئاز ساندىكى بىر قىسىملار بۇ پۇرسەتتە « ئۇيغۇر » نامىنى چەتكە قاقماقتا.

يۇقىرىقىلار ئۆتكەن بىر ئەسىر ئىچىدىكى ئاچچىق تەجرىبە - ساۋاقلىرىمىزنىڭ يىغما خۇلاسىسى بولۇپ، بۇندىن كېيىن قانداق يول تۇتۇشنى شۇلارنىڭ قىسمەتلىرىدىن ئىبرەت ئالغان ئاساستا قارار قىلىش كېرەك !

ئاخىرىدا ھەممەيلەنگە تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ مۇنۇ كىتابىنى تەۋسىيە قىلىمىز  :

9 ئادەمنىڭ ئۇيغۇرىستان غايىسىدىن شەرقىي تۈركىستانغىچە

https://elkitab.org/wp-content/uploads/2018/12/9-Ademning-Uyghuristan-Ghayisidin-Sherqy-Turkistanghiche.pdf

11 . « ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلەتسىز ۋە كىملىكسىز قېلىشى » :

1789 - يىلدىكى فرانسىيە ئىنقىلابى ئەينى ۋاقىتتىكى پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى ئىمپىرىيالىزىم دۇنياسىنىڭ ئۇلىنى لىڭشىتىپ قويدى . ناپولىئون 1798 - يىلى مىسىرغا قوزغىغان ئۇرۇش بىلەن 1812 - يىلى چاررۇسىيەگە قوزغىغان ئۇرۇش نەتىجىسىدە ياۋروپانىڭ سىياسىي خەرىتىسى ئۆزگىرىپ ، بۇرۇنقى دىن ۋە ئىرقنى ئاساس قىلغان ئورتاق « ۋەتەن » ئۇقۇمى يىمىرىلىپ ، ئۇنىڭدىن بىر قەدەر تارراق « ۋەتەن » ئۇقۇمى ئوتتۇرىغا چىقتى . نەتىجىدە كىچىككىنە ياۋروپادا بۇرۇنقى بەش چوڭ ئىمپىرىيەنىڭ ئورنىغا يىگىرمىدىن ئارتۇق مىللىي دۆلەتلەر بارلىققا كەلدى . 19 - ئەسىردە ياۋروپا ۋە چاررۇسىيە ئاخىرى بىپايان شەرق دۇنياسى ( ئىسلام دۇنياسى ) ۋە تېخىمۇ يىراقتىكى ياپونىيەدىن باشقا بارچە كۈن چىقىش ئەللىرىنى بويسۇندۇردى .  شەرقىي ئاسىيادا
« شەرقنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان خىتايلار ( مەنچىڭ ئىمپىرىيىسى ) بىلەن غەربىي ئاسىيادىكى « غەرپنىڭ كېسەل كۆرپىسى » دەپ ئاتالغان تۈركلەر ( ئوسمان ئىمپىرىيىسى ) باشلىق پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى « مەدەنىيەت بىرلىكى ئاساسىدىكى ئۈممەت دۆلەتلىرى » يىمىرىلىپ ، ئۇلارنىڭ خارابىسىدە كۆپلىگەن مىللىي دۆلەتلەر قۇرۇلدى . جاھاننىڭ رەپتارىغا توغرا باقالىغان خىتاي سۈن ۋېن يېڭى خىتايلارنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، 1912 - يىلى تۇنجى خىتاي مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى .
مۇستاپا كامالمۇ ئون يىلدىن كېيىن ۋەزىيەتنى توغرا مۆلچەرلەپ ، 1923 - يىلى يېڭى تۈرك مىللىتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ ، تۇنجى تۈرك مىللىي دۆلىتىنى قۇرۇپ چىقتى . گەرچە ئۇيغۇرلار ئوخشاش ۋاقىتتا خېلى كۈچىگەن بولسىمۇ ، ئەمما 1921 - يىلى 4 - ئىيۇن موسكۋادا يېڭى ئۇيغۇر مىللىتى ۋە ئۇيغۇر مىللىي دۆلىتى قۇرۇش پىلانى سوۋېتلەرنىڭ غەرپكە ۋە ياپونغا قارشى تۈپ دۆلەت مەنپەئەتى سەۋەپلىك رەت قىلىندى . ئاقىۋەت بۇ بوشلۇقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئويلىغان ياپونىيە ، ئەنگىلىيە ، قالدۇق ئوسمانىلار پاشالىرى ، ھەتتا ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىي مۇستەقىلچىلىرى ۋەتىنىمىزنى ئارقا سەپ بازىسى قىلىشقا ئۇرۇندى . ئاخىرقى تەھدىت سەۋەپلىك تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىزنى يىقىتقان سىتالىن ، 1937 - يىلى ياپون تەھدىتى سەۋەپلىك بارلىق مىللىي مۇستەقىلچى كۈچلىرىمىزنى يوقاتتى . ئىككىنچى جۇمھۇرىيىتىمىزنى باشتىنلا قىزغىن قوللىغان سىتالىن 1945 - يىلدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ بېسىمىدا ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىنى گومىنداڭغا تاشلاپ بەرگەن . 1949 - يىلى سوغۇق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئارقا ھويلىسىدا مەۋجۇت بولۇشىنى چەكلەش ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ، پۈتۈن ۋەتىنىمىزنى قىزىل خىتايغا سوۋغا قىلغان . بىراق شۇ يىلى دېكابىردا ماۋ خىتاينىڭمۇ شېڭ شىسەيگە ئوخشاش ۋاپاسىز ئىكەنلىكىنى سېزىپ، 1950 - يىلى 14 - فېۋرال مەجبۇرىي كېلىشىم تۈزۈپ ، ئەڭ كېچىككەندىمۇ  1955 - يىلى ۋەتىنىمىزدە مۇستەقىل ئىتتىپاقداش دۆلەت قۇرۇشنى بەلگىلىگەن . ئەپسۇس ، سىتالىن
1953 - يىلى ئۆلۈپ كېتىپ، خىتايلار ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ  ، 1955 - يىلى ھازىرقى ئاتالمىش ئاپتونۇم رايوننى قۇرۇپ خەلقىمىزنى ئالدىغان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتتى . دۇنيا يەنىلا « شەرق مەسىلىسى » شوئارىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ ، ئوتتۇرا شەرق خەرىتىسىنى قايتا سىزىپ چىقىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكىلى ئاللىبۇرۇن 20 يىل بولاي دېدى . ئەمما بەزى ئاچكۆزلەر نۆۋەتتىكى ئۇرۇش مەيدانىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئوتتۇرا ئاسىياغا يۆتكەش غەرىزىدە بولماقتا . بۇ ئەھۋاللارنى ياخشى تەھلىل قىلىپ ، ئىدىيە جەھەتتىن ئالدىن تەييارلىق قىلىۋالمىغاندا خۇددى بۇرۇنقىدەك « خاتا ۋاقىتتا ، خاتا مەيداندا ، خاتا ئىتتىپاقداشلار بىلەن بىر قولۋاققا چىقىپ قېلىپ » ، قايتىدىن ئەڭ ئاخىرقى تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدىغان ئىش چىقىدۇ . ئۇلۇغ ئاللاھ بۇ قېتىم بىزلەرنى ، جۈملىدىن پۈتكۈل خەلقىمىزنى قايتا ئالدىنىپ مەڭگۈلۈك پۇشايمان ۋە ئەبەدىي ھەسرەت - نادامەتتە قېلىشتىن ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن !

يۇقىرىقى مەزمۇنلار 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان سېۋىر كېلىشىمىدىن كېيىنكى يۈز يىللىق تۈركىيە سىياسىي تارىخىنى بىلىۋېلىشىڭىز ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينايدۇ .
1923 - يىلى 29 - ئۆكتەبىر قۇرۇلغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرۇلىشىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى يۇقىرىقىلاردىن ئىبارەت .

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق سالاھىيىتىگە خاتىمە بەرگەن سېۋىر كېلىشىمىگە يۈز يىل توشقانلىق مۇناسىۋىتى بىلەن ئالاھىدە تەييارلاندى . سېۋىر كېلىشىمى 1920 - يىلى 10 - ئاۋغۇست ئىمزالانغان بولۇپ ، شۇ كۈنى ئوسمانىلار پەلەستىدىن ۋاز كەچكەن . ھەتتا شەرقىي ئاناتولىيەدە كۇردىستان قۇرۇش پىلانىمۇ ئوتتۇرىغا چىققان بولۇپ ، بۇ كېلىشىم بىلەن ئوسمانىلار قانۇنلۇق سالاھىيىتىنى تولۇق يوقىتىپ قويغان . بۈگۈن بۇ ئاچچىق تارىخقا توپتوغرا 100 يىل توشتى.   

سايرام ئوغلانى .

پايدىلانغان ماتېرىياللار :

1 . تۈرك ئېنىسكلوپىدىيىسى.

2 . تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخى .

3 . ئۈچ پاشا ۋە ئوسمانىلارنىڭ ھالاكىتى. 

4 . ئاخىرقى ئىمپىرىيە.

5 . نەبىجان تۇرسۇننىڭ 20 - ئەسىر ئۇيغۇر تارىخى ھەققىدىكى يېتۈك ئەسەرلىرى. 

2020 - يىلى 10 - ئاۋغۇست.  دۈشەنبە.
33

قەشقەرىيە ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاننىڭ بەدىلىنى يوقىلىش بىلەن تۆلىگەن :

كىرىش سۆز ئورنىدا : 

رۇسلارنىڭ تارىخىي قارىشى ۋە تارىخنى بۈگۈنى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش روھى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار ۋازارىتى ئۈلۈشكۈن 3 - مارت تارقاتقان 1877 - 1878 - يىلدىكى چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشى ھەققىدىكى بايانلار تۈركلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى  قوزغىغان بولۇپ ، مەزكۇر ئۇرۇشقا « بەختسىز قەشقەرىيە » نىڭ يىمىرىلىش سىرلىرىمۇ يوشۇرۇنغان . ئورۇسلارنىڭ 1877 - يىلى 22 - ئاپرىل كاۋكاز ۋە بالقان ئارقىلىق  ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلىشى ، زوزۇڭتاڭنىڭ تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىشىنى تارىخىي پۇرسەت بىلەن تەمىنلىگەن . چۈنكى زورۇڭتاڭ گەرچە 1876 - يىلىدىن باشلاپ قۇمۇلدا پۇرسەت كۈتكەن بولسىمۇ ، ئەمما تارىم ۋادىسىغا كىرىشتە چوقۇم رۇسىيە بىلەن ئەنگلىيە رۇخسەت قىلمىسا بولمايتتى . بەدۆلەت نىمجان ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغاچقا، چاررۇسىيە ئۇنىڭ ئارقا تەرەپتىن پاراكەندە قىلىشىدىن ئەنسىرەپ زورۇڭتاڭغا يېشىل چىراق يېقىپ بەرگەننى ئاز دەپ، يەنە ئاشلىق بىلەن تەمىنلىگەن . بىردىنلا پاسسىپ ئورۇنغا چۈشكەن ئەنگلىيەمۇ ئوخشاشلا يۈز ئۆرۈپ ، زوزۇڭتاڭنى قوللاشقا ئۆتكەن . بۇ قېتىمقى ئۇرۇش 1877 - يىلى ئاپرىلدىن 1878 - يىلى 1 - مارتقىچە داۋام قىلغان. ئوسمانىلار كاۋكاز ۋە بالقاندا تەڭلا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولغان. بەختكە يارىشا غازى ئوسمان پاشا ئورۇسلارنى ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر يېقىن جايدا 40 نەچچە كۈن توسۇپ قېلىپ دۆلەتنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالغان . ئوسمانىلار ئامالسىز « سان سېتېفانو كېلىشىمى » قوبۇل قىلغان. ئەمما باشقا جاھانگىرلار ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرنى ئوڭچە يۇتۇۋېلىشىغا چىداپ تۇرالماي بىسماركنى ئارىغا سېلىپ « بېرلىن يىغىنى » ئارقىلىق ئوسمانىلارنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان.

ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى 1878 - يىلدىكى « سان - سېتېفانو كېلىشىمى» بىلەن باشلانغان بولۇپ ، بىسماركنىڭ تەشەببۇسى ** بىلەن شۇ يىلى قايتا ئېچىلغان« بېرلىن يىغىنى» سەۋەپلىك ساقلىنىپ قالغان . شۇنىڭدىن كېيىن
1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست تەختكە چىققان
سۇلتان ئابدۇلھەمىتخان 2 ئۇدا 30 يىللىق سون نىسپىي تىنچلىق ۋە گۈللىنىش دەۋرى ياراتقان.

** چاررۇسىيە 1877 - يىلى 22 - ئاپرىلدا يەنە ئۇرۇش قوزغىغان. شەرقتە قارس ۋە ئەرزۇرۇمنى، غەرپتە بۇلغارىيەنى ئېلىپ، ئىستانبۇلغا 40 كىلومېتىر قالغىچە قىستاپ كەلگەن. نەتىجىدە 1878 - يىلى 1 - مارت ئىككى دۆلەت تەڭسىز كېلىشىم تۈزگەن. بىراق چوڭ دۆلەتلەر قارشى چىققان. شۇڭا بىسمارك شۇ يىلى يازدا « بېرلىن يىغىنى» ئېچىپ، بوسنىيەنىڭ غەربىي شىمالىنى ئاۋستىرىيەگە كېسىپ بەرگەن. سېربلار، بۇلغارلار ۋە ئالبانلارغا ئاپتونومىيە ھوقۇقى بېرىلگەن. ئەنگلىيە سىپرۇس ئارىلىنى ئىشغال قىلىۋالغان .

مەزكۇر مەغلۇبىيەت ئوسمانىلار ئىچىدە تۈرك مىللەتچىلىك ئېقىمىنى پەيدا قىلغان . ئۇلار ، پەقە تۈرك مىللەتچىلىكىلا غەربىي ئاسىيانىڭ كېسەل كۆرپىسىگە ئايلىنىپ قالغان نىمجان ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قايتىدىن قۇدرەتلىك ھالغا كەلتۈرەلەيدۇ دەپ قاتتىق ئىشىنەتتى.

بىراق 1908 - يىلى ھەربىي تەرەپ ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 24 - ئىيۇل سۇلتاننى قايتىدىن 1876 - يىلى ئېلان قىلغان مەشرۇتىيەتنى ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان . ئۇلار بۇنىڭ بىلەنلا قالماي ، 1909 - يىلى 31 - مارت ۋەقەسىنى باھانە قىلىپ ، شۇ يىلى 27 - ئاپرىل سۇلتاننى تەختتىن چۈشۈرۈپ ، ئىنىسى مۇھەممەد رەشادنى تەختكە چىقىرىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇ دۆلەت ، تالات پاشا ، ئەنۋەر پاشا ۋە جامال پاشالارنىڭ قولىغا ئۆتىدۇ .

بۇ ئۈچ پاشانىڭ توققۇز يىللىق سەلتەنەت دەۋرىدە « تەرابۇلۇس غەرب ( لىۋىيە) ئۇرۇشى » دا ئىتالىيە تەرىپىدىن ، « ئىككى قېتىملىق بالقان ئۇرۇشى » بۇلغارىيە ، يۇنان ، سېربىيە ۋە ماكېدونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۇجۇملىرىدا كۆپ چىقىمغا ئۇچراپ ، ئۆزىنى ئوڭشاشقا ئۈلگۈرمەيلا 1 - دۇنيا ئۇرۇشىغا كىرىپ كېتىدۇ.

نەتىجىدە ئابدۇلھەمىتخان تىكلىگەن 30 يىللىق كۈچلۈك سەلتەنەت بىراقلا تارىخقا ئايلىنىدۇ. دۇنيا ئۇرۇشىدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلارنى ئانتانتا دۆلەتلىرى ئېغىر جازالايدۇ . ئۇنىڭ ياۋروپا ، ئافرىقا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى بارلىق زېمىنلىرى ئەنگلىيە ، فرانسىيە ، ئىتالىيە ۋە يۇناننىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىدۇ

2020 - يىلى 5 - مارت ( سىتالىن ئۆلگەن كۈن)

مۇقەددىمە :

ئورۇس - تۈرك ئۇرۇشلىرى بىزگە نېمىنى ئۆگىتىدۇ ؟؟؟

1380 - يىللاردىكى ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئالتۇن ئوردا بىلەن ۋەتىنىمىزدىكى چاغاتاي خانلىقىغا قاراتقان خورىتىش ئۇرۇشلىرى شەرقتە خىتاي مىڭ خانلىقى بىلەن غەرپتە ئورۇس خانلىقىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىغا سەۋەپچى بولدى . ئوسمانىلارنىڭ ياش ھەم ھاكاۋۇر سۇلتانىمۇ ئەمىر تۆمۈر بىلەن ئۇرۇشۇپ ئەسىرگە چۈشۈپ ، دۆلىتى مۇنقەرز بولدى . ياۋروپا ئەللىرى ئارام ئېلىۋېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. 1450 - يىللىرى تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئەبۇ سەئىدخان قۇدرەت تاپتى . 1460 - يىللىرى تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادلىرىدىن يۇنۇسخان قۇدرەت تاپتى . 1470 - يىللىرى ئوسمان بەگ ئەۋلادىدىن مۇھەممەدخان ( فاتىھ ) قۇدرەت تاپتى . يامان يېرى بۇ چاغلاردا ئالتۇن ئوردا خاراپلاشتى . 1482 - يىلى ئورۇسلار ئاخىرى ئالتۇن ئوردىنىڭ ئىز باسارى بولغان قازان تاتار خانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ باش كۆتۈرۈۋالدى. 1547 - يىلى تۇنجى چار پادىشاھلىقىنى قۇرۇۋالدى . 1552 - يىلى ئۆكتەبىردە قازاننى ، 1558 - يىلى يازدا ئاستراخاننى يۇتۇۋالدى . ئوسمانىلار سۇلتانى سۇلايمانخان ئورۇسلارنى تارمار قىلماقچى بولغاندا ، ئۇنىڭ ئامراق ئورۇس خوتۇنى ھۈررەم خاتۇن سۇلتاننى سافاۋىلار ۋە بالقان ئەللىرىگە ئەسكەر تارتىشقا كۆندۈرۈپ ، ئورۇسلار ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە كۆرسەتتى . نەتىجىدە سۇلتان سۇلايمان تۈركلەر ئۈچۈن ئەڭ خەتەرلىك رەقىپكە ئايلانغان ئورۇسلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئۈلگۈرمەيلا 1566 - يىلى 7 - سېنتەبىر ۋېنگرىيەدە قازا قىلدى . ئوسمانىلار ئاستراخاننى قولغا ئېلىش ئۈچۈن 1568 - يىلدىن 1570 - يىلغىچە ئىككى يىل ئۇرۇش قىلدى . بىراق ناچار ھاۋارايى تۈپەيلى ئوسمانىلار قوشۇنى چېكىنىشكە مەجبۇر بولدى . بۇ زىياننى تولدۇرۇش ئۈچۈن، قىرىم قاغانلىقى بىلەن ھەمكارلىشىپ ، ئۇدۇل موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، 1571 - يىلى مايدا چارپادىشاھ پايتەختىنى ۋە كېرمىل سارىيىنى كۆيدۈرۈپ ، يۈز مىڭ قۇل تۇتۇپ قايتىپ كەتكەن . ئورۇسلارنى تۈپتىن يوقاتماي پەقەت پۇل ۋە قۇل بىلەن قانائەت قىلىپ بولدى قىلغان تۈركلەر ۋە تاتارلار كېيىنكى 333 يىلدا غايەت زور ئېغىر بەدەل تۆلىدى. ئورۇسلار پۇرسەت كۈتۈپ ، 1681 - يىلى ئوسمانىلارغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى . ئەمما بۇ ئۇرۇش تېخى ئاخىرلاشماي تۇرۇپلا ، ئوسمانىلار 1683 - ۋېناغا يۈرۈش قىلىش ئۇرۇشى قوزغاپ ، تاكى 1688 - يىلغىچە پاتقاققا پېتىپ قالدى . بۇ جەرياندا 1686 - يىلى پۈتۈن ياۋروپا ئەللىرى ئوسمانىلارغا قارشى مۇقەددەس ئىتتىپاق بەرپا قىلدى . چارپادىشاھ پېتىرمۇ بۇ ئىتتىپاققا قاتنىشىپ ، قارا دېڭىزغا چىقىشتىكى ئازاق ۋە قىرىمنى يۇتۇۋېلىش ئۈچۈن ئۇرۇش قوزغىدى . ئۇ ھەتتا 1662 - يىلى باتۇر قونتاجىنىڭ ( غالداننىڭ دادىسى ) زۇلۇملىرىغا چىدىماي ۋولگا دەرياسى ۋادىسىغا قېچىپ كەلگەن تۇرغۇت موڭغۇللىرىنى ئوسمانىلارغا قارشى ئۇرۇشتا سالدى . بۇ ئۇرۇش 1710 - يىلى پېتىرنىڭ ئەسىرگە چۈشۈپ قېلىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . تاتارلار پېتىرنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇدۇل موسكۋاغا يۈرۈش قىلىپ ، ئورۇسلارنى خەرىتىدىن يوق قىلىۋېتىشنى كۈچەپ تۇرسىمۇ ، بىراق تۈركلەر تاتارلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماي يەنىلا نۇرغۇن پۇل تۆلەش بەدىلىگە پېتىرنى قويۇپ بەرگەن . پۇلغا ئامراق تۈركلەر بۇنىڭ بەدىلىنىمۇ 222 يىل ئۇدا تۆلەپ كەلدى . پېتىرمۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ ، بۈيۈك شىمال ئۇرۇشى قوزغاپ ، بالتىق دېڭىزىغا چىقىش ئېغىزىغا ئېرىشىپ ، ئۆز نامى بىلەن پېتىربۇرگ شەھىرىنى قۇرۇپ چىقتى . بىراق ئۇ 12 سىياسىي ۋەسىيەت قالدۇرۇپ، ئوسمانىلارنى چوقۇم يوق قىلىپ ، ئافرىقا ، ھىندىستان ۋە ھىندى ئوكيانغىچە ئىشغال قىلىشنى ۋەسىيەت قىلىپ ئۆلدى . 1772 - يىلى ئۇرۇش قايتا باشلاندى . 1774 - يىلى ئۇدا مەغلۇپ بولغان ئوسمانىلار ئاخىرى قىرىمنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدى . 1783 - يىلى ئايال پادىشاھ يېكاتېرىنا قىرىمنى يۇتۇۋالدى . ئۇرۇش يەنە باشلىنىپ كەتتى . ئورۇسلار يەنە غەلىبە قىلدى . 1784 - 6 - يانۋار كېلىشىم تۈزۈلدى . بىراق 1787 - 1789 - يىللىرى يەنە ئۇرۇش باشلىنىپ ، ئورۇسلار ئۇدا غەلىبە قىلىپ ، ئوسمانىلارنى قارا دېڭىزنىڭ شىمالى ۋە كاۋكاز تاغلىرىنىڭ شىمالىدىن قوغلاپ چىقاردى . 1810 - يىلى ئورۇسلار كاۋكاز تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، باكۇ ۋە تىبلىسنى ئىشغال قىلدى . 1828 - يىلى قاچارلارنى مەغلۇپ قىلىپ ، پۈتۈن تاشقى كاۋكازنى يۇتۇۋالدى . ئاندىن 1848 - يىلغىچە ئورۇسلار قازاقلارنى باستۇرۇش بىلەن بەنت بولۇپ يېڭى ئۇرۇش قوزغىيالمىدى . 1849 - 1851 - يىللىرى ياۋروپا باھارىنى باستۇرۇپ بەردى . 1853 - يىلى قىرىم ئۇرۇشى باشلىنىپ ، تەلىيى كاج كەلگەن ئورۇسلار 1856 - يىلى تەسلىم بولدى . بىراق بۇنىڭ بەدىلىگە كاۋكاز خەلقلىرىنى ۋە مەركىزىي ئاسىيانى ئىشغال قىلىۋالدى . 1864 - يىلى يۈز يىللىق كاۋكاز ئۇرۇشى ئاخىرلاشتى . دەل شۇ يىلى سادىر پالۋان باشچىلىقىدا ئىلىدىكى خەلقىمىز قوزغىلىپ مەنچىڭ خانلىقىنىڭ 102 يىللىق مۇستەملىكە ئاپپاراتىنى يوق قىلدى . چاررۇسىيە دەرھال 1865 - يىلى تاشكەنتنى ، 1866 - يىلى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى زېمىنىمىزنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ، 1867 - يىلى ئىيۇندا تۈركىستان گوبېرناتۇرلىقىنى قۇرۇۋالدى . 1877 - يىلغىچە قوقان ، بۇخارا ، خىۋە ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى يۇتۇۋالدى . زوزۇڭتاڭمۇ 1878 - يىلى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىنى بېسىۋالدى . ئورۇسلارمۇ 1877 - 1878 - يىلدىكى ئۇرۇشتا ئوسمانىلارنىڭ شەرقىدىكى ئەرزۇرۇم ۋە قارس ۋىلايەتلىرىنى يۇتۇۋالدى . ئاخىرىدا 1915 - يىلى سارىقامىش ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىپ ، تاكى 1916 - يىلى يازغىچە يەنىمۇ قىستاپ كېلىپ ، پۈتۈن ئاناتولىيەنى ئىشغال قىلىش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، قىرغىزىستان خەلقى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئارمىيە باستۇرۇش ئۈچۈن قايتۇرۇلغان . ئۇندىن باشقا گېرمانلاردىن ئەجەللىك زەربە يەپ لىڭشىپ قالغان چاررۇسىيە 1917 - يىلى فېۋرالدا ھەربىيلەر تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان . ئەمما ئۇلارنى شۇ يىلى 7 - نويابىر قىزىل بولشېۋىكلار ئاغدۇرغان . 1918 - يىلى قوقان مۇختارىياتى قانلىق ئۇجۇقتۇرۇلغان . 1919 - يىلى كاۋكاز رايونى قانلىق بويسۇندۇرۇلغان . 1920 - يىلى پامىر بىلەن بۇخارا خانلىقى يۇتۇۋېلىنىپ، ئورۇس چېگرىسى ئافغانىستانغا تۇتاشقان . 1920 - يىلدىن 2020 - يىلغىچە ئورۇسلارنىڭ تۈركلەرنى قانداق ھاقارەت قىلىپ كەمسىتىپ كەلگەنلىكى تارىخىي ئارخىپلاردا ساماندەك كۆپ .

خۇلاسە : رەھىم قىلمايدىغانلارغا رەھىم قىلغاننىڭ ، پۇلغا ۋە قۇلغا تويمىغاننىڭ ، ئۆزىنى چوڭ چاغلىغاننىڭ ۋە ھاكاۋۇرلۇق قىلغاننىڭ بەدىلى مۇشۇنداق ئېغىر بولىدۇ .

دودايېفمۇ تۈركلەرنىڭ سەلتەنەت دەۋرى بىلەن ئاسارەت دەۋرىنى سېلىشتۇرغاندا دەل مۇشۇ ئىللەتلەر بىلەن بىللە يەنە ئۇلاردىكى تەپرىقىچىلىك ۋە شەخسىيەتچىلىكنىڭمۇ ئۇلارنى يۈز يىللاپ خار قىلغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالىدۇ.

ئىككى ئەشەددىي رەقىپ ۋە ئۆز ئارا دۈشمەن بولغان تۈرك ۋە ئورۇسلارغا قاراپ ئىبرەت ئېلىشىمىز كېرەك . ناۋادا بىزمۇ تۈركلەردەك خاتالىق سادىر قىلساق ، بەدىلىنى يەنىلا خەلقىمىز ئۆتەيدۇ . تۈركىي مىللەتلەردىكى جانغا زامىن خۇي ھەممىگە ئورتاق بولۇپ ، ئۇلار تارىخىي خاتالىقلارنى داۋاملىق سادىر قىلىپ كەلمەكتە .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 7 - ماي.  پەيشەنبە.

1 . پاجىئەنىڭ باشلىنىشى : سۇلتان ئابدۇلئەزىزنىڭ ئۆلۈمىدىن ياقۇپبەگنىڭ ئۆلۈمىگىچە بولغان ئېچىنىشلىق قىسمەتلەر

1876 - يىلى ئوسمانىلار تارىخىدا ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا بەيئەت قىلغان قەشقەرىيە خانلىقى تارىخىدا ھالقىلىق بىر يىل ئىدى. شەرقتە مەنچىڭ ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ ياپونغا قارشى تۇرۇش كېرەكمۇ ياكى ئۇيغۇرىستاننى قايتا يۇتۇۋېلىش كېرەكمۇ ؟! مۇنازىرىسىدە باش ۋەزىر لى خۇڭجاڭنى يېڭىپ ، كەڭسۇدا قورال زاۋۇتى قۇرۇپ ، ئالدىنقى سەپ قوشۇنى 1876 - يىلى قۇمۇلغا قىستاپ كېلىۋاتقان ، بەدۆلەت ئۇلارغا قارشى ئەسكەر تارتىپ ، كورلىغا كەلگەن ، چاررۇسىيەمۇ شۇ يىلى 5 - فېۋرال قوقان خانلىقىنى تولۇق يۇتۇۋېلىپ ، قەشقەرىيەگە چىشىنى بىلەۋاتقان مۇرەككەپ ئەھۋالدا ئىدى . مەنچىڭ، چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيە ھەممىسىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قارىتا ئايرىم چوتى بار ئىدى . زوزۇڭتاڭ گەرچە مەنچىڭ خانىنى غەرپكە ئەسكەر تارتىشتا قايىل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما بەدۆلەتنى ئېتىراپ قىلغان چاررۇسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ تولۇق رازىلىقىغا ئېرىشمىگەن ئىدى . ئېيىق بىلەن شىرمۇ زوزۇڭتاڭنىڭ زادى قانچىلىك ئىستىقبالى بارلىقىنى بىلمەيتتى . شۇڭا ئۇلار ئالدى بىلەن سۈكۈت قىلىپ ، بەدۆلەت ۋە زوزۇڭتاڭنىڭ قايسىسىنىڭ يېڭىدىغانلىقىغا قاراپ ئىش كۆرمەكچى بولدى . بۇنى سېزىپ قالغان زوزۇڭتاڭ بەدۆلەت بىلەن سوقۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىپ ، « ئاۋۋال شىمالنى ، ئاندىن جەنۇپنى يۇتۇۋېلىش ، ئاستا ئىلگىرىلەپ تېز جەڭ قىلىش » دېگەن تاكتىكىنى ئىشلىتىپ ،  ئالدى بىلەن قۇمۇل ، بارىكۆل ، مورى ، جىمىسار ، ئالتاي ، تارباغاتاي قاتارلىق جايلارنى تىنىچ يۇتۇۋېلىپلا جىم تۇرۇۋېلىپ ، بەش يىلدىن بېرى چاررۇسىيە ئىشغال قىلىپ تۇرغان ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن بىۋاستە ئالاقە يولى ئاچتى . دەل شۇ مىنۇتلاردا ئوسمان ئىمپىرىيىسىدە زور ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ، بەدۆلەتنى ئەمەلىي قوللىغان سۇلتان ئۆلتۈرۈلدى . 1876 - يىلى 30 - ماي ھەربىي نازىر ھۈسسەيىن ئاۋنى پاشا بىلەن ئۇنىڭ شېرىكلىرى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىپ ، تولما باغچە ساراينى قورشاۋغا ئالدى . سۇلتان بىھۇدە قان تۆكۈلۈشنى خالىماي ، مۇھاپىزەتچىلىرىنى ئوق چىقارغىلى قويماي تەسلىم بولدى . ئىككى كۈندىن كېيىن ئىسيانچىلار سۇلتاننى دېڭىز يولى ئارقىلىق توپقاپى سارىيىغا يوشۇرۇن ئەكىلىپ ، 4 - ئىيۇن تۆت نەپەر نىقاپلىق قاتىل ياللاپ ، بىلەكلىرىنى قايچا بىلەن كېسىپ ، قانسىرىتىپ ئۆلتۈردى . شۇ ھامان ئوسمانىلار ۋەزىيىتى قاتتىق داۋالغۇپ كەتتى . يېڭى سۇلتان مۇراد 5 پالەچ بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئىنىسى ئابدۇلھەمىد2 شۇ يىلى 31 - ئاۋغۇست سۇلتان بولدى . ئۇ تاغىسىنىڭ قاتىللىرى ۋە ئىسلاھات تەرەپدارى مىتخات پاشا بىلەن مۇرەسسە قىلىشقا مەجبۇر بولدى . سۇلتان ئالمىشىپ ، تاشقى ئىشلار سىياسىتىمۇ ئۆزگەردى . بۇرۇنقى ئەنگلىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ئىناق ئۆتۈش دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، گېرمان - ئوسمان ئىتتىپاقى پەيدا بولدى . ئورۇسلار دەرھال چاتاق چىقىرىپ ، شۇ باھانىدە ئۇرۇش ئېلان قىلدى . 1877 - يىلى 22 - ئاپرىل ئۇرۇش كاۋكاز ۋە بالقان سېپىدە تەڭلا باشلاندى . ئايال پادىشاھنىڭ تەكرار قارشى تۇرۇشىغا قارىماي ، مۇسۇلمانلارغا قاتتىق ئۆچ ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ئورۇسلارنى ئاكتىپ قوللىدى . قەشقەرىيەنى قوللايدىغان ئىككى جاھانگىر بىردىنلا قەشقەرىيەنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىپ قالدى . بىر يىلدىن بېرى بەدۆلەتكە ئۇرۇش ئاچالماي يا ئالدىغا يا كەينىگە يانالمىغان زوزۇڭتاڭنىڭ پەۋقۇلئاددە تەلىيى كەلدى . ئورۇسلار بۇ قېتىم ئۇنىڭغا ئىلىدىن نۇرغۇن ئاشلىق سېتىپ بېرىشكە قوشۇلدى . ئەنگلىيەمۇ رۇسىيەنى چەكلەشتە مانجۇرلار ياخشى نامزات دەپ قاراپ ئۇلارنى قورال ۋە پۇل بىلەن قوللىدى . شۇڭا زوزۇڭتاڭ يۈرەكلىك ھالدا 1877 - يىلى 14 - ماي *** بەدۆلەتنىڭ ئالدىنقى سەپ ئىستىھكامى تۇرپانغا قورشاپ ھۇجۇم قىلدى . بەدۆلەت بىردىنلا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغانىدى. چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشى باشلىنىپلا ، قەشقەر شەھىرى خەۋپتە قالدى . چۈنكى چاررۇسىيە بىر بۆلۈك قوشۇننى قوقاندىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ئاجراتقان ئىدى . بەدۆلەت بۇ چاغدا كورلىدا ئىدى . شەرقتە زوزۇڭتاڭ ، غەرپتە ئورۇسلار ئۇنى تەڭلا ئىسكەنجىگە ئېلىۋالغان ئىدى . تەلىيىگە بۇ قېتىم قوقاندا ئىسيان چىقىپ، چاررۇسىيە ئوسمانىلارغا بەيئەت قىلغان بەدۆلەتكە ئۆزى ھۇجۇم قىلالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما زوزۇڭتاڭنى كۈشكۈرتۈپ ئۇتۇق قازاندى . ھالقىلىق پەيتتە 1877 - يىلى 29 - ماي بەدۆلەت تۇيۇقسىز ئۆلدى . ئۇنىڭ ئۆلۈمى كېيىنكى ئىشلارنى بەلگىلىۋەتتى . ئەسلىدە بەش يىلدا ئىشغال قىلىشنى پىلان قىلغان زوزۇڭتاڭ شۇ يىل ئاخىرىغىچە قەشقەرگىچە ئىشغال قىلىپ بولدى . گەرچە 1877 - يىلى سېنتەبىردە ، بەدۆلەتنىڭ ئارغۇبۇلاقتا پوستتا تۇرغان چېگرا قاراۋۇلى قاسىم پولگان زادىلا چېكىنىشكە ئۇنىماي ، ئەنگلىيەچە پاسوندا  ئىشلەنگەن ئىككى تال زامانىۋى بەش ئاتار قورالى بىلەنلا زوزۇڭتاڭ ئارمىيىسىنى ئۆزى يالغۇز ئۇدا ئىككى ھەپتە توسۇپ قالغان بولسىمۇ ، بىراق ئۆزى يالغۇزلۇق قىلدى . شۇنداقتىمۇ ئۇ ئەپلىك جايدا تۇرۇۋېلىپ ، بېشىنى كۆتۈرگەن ھەر قانداق مەنچىڭ ئەسكىرىنى شۇ ھامان ئېتىۋەتكەن .
« چېرىك ئاتىدۇ تاشقا ، سادىر ئاتىدۇ باشقا » تاكتىكىسى تەكرارلانغان . زوزۇڭتاڭ ئاخىرى قاسىم پولگاننى يوق قىلىش ئۈچۈن ئىلغار مىنامىيوت ئېلىپ كېلىپ ، قەيەردىن ئوق ئېتىلسا شۇ تەرەپنى ئوققا تۇتقان . ئەمما قاسىم پولگان يەنىلا قۇتۇلۇپ قالغان . ئوقى تۈگىگەندە ئۇدا ئۇخلىماي چارچاپ ھالى قالمىغان پولگان خۇداغا ئىلتىجا قىلىپ، جەسىتىنىڭمۇ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن دۇئا قىلغان . نەتىجىدە قاتتىق يامغۇر يېغىپ ، سەلگە ئايلىنىپ ، پالۋاننى ئۆز ۋەتىنى قوينىغا ئالغان . مىڭ تەستە قاراشەھەرگە يېتىپ كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنى ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قايدۇ دەرياسىنىڭ سۈيىگە غەرق قىلىنغان . غالجىرلاشقان مانجۇرلار شۇ ئەلپازى بىلەن تارىم ۋادىسىدا زور قىرغىن قىلىپ ، ئاقسۇدىلا دەريالاردىن ئۈچ يىل سۇ ئىچەلمەس قىلىۋەتكەن . ئۈچ يىل سۇ ئورنىدا قان ۋە تاپ ئاققان .

ئوسمانىلارمۇ ئۇدا مەغلۇپ بولۇپ ، ئورۇسلار ئىستانبۇلغا 40 نەچچە كىلومېتىر قالغۇچە قىستاپ كېلىپ يوقىلاي دېگەندە ، گېرمانىيە ئارىلىشىپ ، بېرلىن يىغىنى بىلەن ئۇنى مۇنقەرزلىكتىن ساقلاپ قالدى . بەلكىم ئۇنىڭ ئاران ئۆزىنى ساقلاپ قېلىشى ۋە زوزۇڭتاڭنى قوللاپ تۇرغان ئىككى كۈشەندىسىنىڭ سەۋەبىدىنمىكىن ئەيتاۋۇر ، شۇ يىلدىن باشلاپ ئۇيغۇرلار ۋە قەشقەرىيەنى ئوسمانىلار ئۇنتۇپ كەتكەن . ھەتتا ئاغزاكى بايانات بېرىپ بولسىمۇ ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئۆزىگە بەيئەت قىلغان زېمىنننى ئىشغال قىلىۋالغانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپمۇ قويمىغان . بۇمۇ ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرسە كېرەك . ھەر ھالدا 1876 - يىلى 4 - ئىيۇن ئۆلتۈرۈلگەن سۇلتان ئىنتايىن پەرھىزكار ۋە سىياسىيون سۇلتان بولۇپ ، ئاجىز دۆلىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تەختكە چىققان 1861 - يىلدىن تاكى 1876 - يىلغىچە ھېچكىم بىلەن ئۇرۇشمىغان . 1867 - يىلى يارۋوپا ئەللىرىنى زىيارەت قىلغان تۇنجى سۇلتان بولۇپ قالغان . بۇ جەرياندا نۇرغۇن پادىشاھلارنى گەپ بىلەنلا ئۇرۇشماسلىققا قايىل قىلغان . شۇڭا ئۇنىڭ ھەيۋىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا كۈچلۈك بولغان . بەلكىم سۇلتان ئابدۇلئەزىز ئۆلتۈرۈلمىگەن بولسا ، يېڭى ھاكىمىيەت چاررۇسىيە بىلەن ئەنگلىيەگە سوغۇق باقمىغان ، زوزۇڭتاڭمۇ چارىسىز تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرەلمىگەن ، يۇتۇۋالغان تەقدىردىمۇ ئوسمانىلارنىڭ دىپلوماتىيە قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن بولار ئىدى . ئەمما 1877 - 1878 - يىللاردىكى ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەت ، 1884 - يىلغىچە ئەمەلىي ھوقۇقى تولۇق ئەمەس قورچاق سۇلتانغا ئايلانغان جىيەنى قەشقەرىيە ئۈچۈن ئەمەس ، ھەتتا ئۆزىنىڭ زېمىنلىرى ئۈچۈنمۇ بايانات بېرەلمەس ھالدا ئىدى . تەقدىرنىڭ مۇشۇنداق ئۇدۇل كېلىپ قېلىشى ، شور پېشانىلىقىمىزنىڭ دەستىدىن 1881 - يىلى 14 - فېۋرال پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، بىپايان مەركىزىي ئاسىيانى ئورۇسلار بىلەن خىتايلاشقان مەنجۇرلار بۆلۈشۈۋالدى . 140 يىللىق پالاكەت باشلاندى . بەزى مەنبەلەردە خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى 1689 - يىلى بۈيۈك پېتىر بىلەن كاڭشى ئارىسىدا تۈزۈلگەن ، 1738 - يىلى چيەنلۇڭ بىلەن ئورۇسلار ئارىسىدا تۈزۈلگەن كېلىشىملەردىلا بەلگىلىنىپ بولغان . يەنى ھەر ئىككى تەرەپ قالماق خانلىقىنى ، غالدان قونتاجى ، سېۋان ئاراپتان ، غالدان سېرىن قاتارلىق كۈچلۈك تۆرىلەرنى يوق قىلىش ئارقىلىق ، 1740 - يىلى مانجۇرلار قالماقلارنىڭ تەڭ يېرىم زېمىنىنى كېلىشىم ئارقىلىق يۇتۇۋالغان . 1745 - يىلى غالدان سېرىن ( سېۋان ئاراپتاننىڭ ئوغلى ) ئۆلۈپلا قالماقلار ئاجىزلىشىپ كەتكەن . 1755 - يىلى چىيەنلۇڭ ئىلىنى ئىشغال قىلىپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى قۇمۇل، تۇرپان ، بەشبالىق ، ئالتاي ۋە ئىلىنى ئىگىلەپ ، 1759 - يىلى تارىم ۋادىسىنى يۇتۇۋالغان . ئىككى دۈشمەننىڭ ئالدى بىلەن قالماقلارنى ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بېقىندىلىرىنى بۆلۈشۈۋېلىش ھەرىكىتى 1881 - يىلى ئاخىرلاشقان . 1884 - يىلى ۋەتىنىمىز مەنچىڭ خانلىقىنىڭ ئۆلكىسى قىلىۋېتىلگەن .

1888 - يىلى ئاۋغۇستتا، پېكىنگە بارغان بىر چارپادىشاھ مۇھاپىزەتچى ئەسكىرى بۇ يەرگە قايتا دەپنە قىلىنغان بەدۆلەت ياقۇپبەگنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغىلى كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە مەنچىڭ خانلىقى بۇ قەبرىگە ھېچقانداق قەبرە تېشى ئورنىتىش ياكى تەرجىمىھالىنى يېزىپ ئابىدە تىكلەشنى
قەتئىي مەنئىي قىلغان !
بەدۆلەت 1877 - يىلى 29 - ماي كورلىدا زەھەرلىنىپ قازا قىلغاندىن كېيىن، كىچىك ئوغلى مېيتىنى قەشقەرگە ئېلىپ كەلگەن. ئارزۇسى بويىچە قەشقەر ھەزرەت مازىرىغا دەپنە قىلىنغان. 1877 - يىلى 17 - دېكابىر زوزۇڭتاڭ ئارمىيىسى قەشقەرگە كىردى. قوماندانى دۇڭفۇشياڭ قەشقەردىكى خەلقنى قىيناپ يۈرۈپ، بەدۆلەتنىڭ قەيەرگە دەپنە قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىپ، ھېيتگاھ مەيدانىدا ئاۋامنى توپلاپ، ئالدى بىلەن جەسەتنىڭ كاللىسى چاپتۇرۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرۋەتكەنىدى. ئاخىرىدا جەسەت كۈللىرى توپلىنىپ، پېكىنگە ئەۋەتىلگەن ئىكەن.

« يېقىندا مەلۇم بولغان ئاخباراتلارغا قارىغاندا ، خىتايلار ئەمدى قەشقەرىيە ئاھالىسىغا يۇمشاق قوللۇق قىلىشنى توختاتقان.بۇنىڭ ئورنىغا ھەددى - ھېساپسىز ئالۋاڭ - ياساق، ھاشار - سەيسە، تۈرلۈك تۈمەن باج ، غەللە - پاراقلارنى خەلققە يۈكلىگەن . ئۆلۈم جازاسى بېرىش يەنە يېڭىۋاشتىن يولغا قويۇلغان. خەلق ئىچىدە خىتايلارغا قارشى نارازىلىق سادالىرى كۈندىن كۈنگە ئۇلغىيىشقا باشلىغان. نۇرغۇن كىشىلەر ياقۇپبەگنى ھەسرەت بىلەن ئەسلىگەن».
كروپاتكىننىڭ « قەشقەرىيە » ناملىق كىتابىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قۇرلىرى

2 . قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ تەقدىرى :

بەدۆلەت 1867 - يىلى ئىيۇلدا راشىدىن خوجىنى يوقاتقاندىن كېيىن، پۈتكۈل تارىم ۋادىسىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلىنىپ، قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن.
1870 - يىلى ئۆزى بىۋاستە قوشۇن تارتىپ، ئاچكۆز ۋە ھىلىگەر داۋۇت خەلىپىنى يوقىتىپ، 1871 - يىلى تۇرپان ۋە ئۈرۈمچىنى قولغا ئالغان. ماناس ئىلى سۇلتانلىقى بىلەن قەشقەرىيە دۆلىتىنىڭ چېگراسى بولۇپ قالغان.
1873 - يىلى ماناسنى زوزۇڭتاڭدىن قېچىپ كەلگەن بەيياڭخۇغا تاپشۇرغان. يەرلىك تۇڭگانلار نارازى بولۇپ، 1876 - يىلى زوزۇڭتاڭغا تەسلىم بولغان. بەيياڭخۇ مانجۇرلارغا قارشى تۇڭگانلارنى باشلاپ، قاراشەھەرگە چېكىنىپ، بەدۆلەتنىڭ چېگرا مۇداپىئە كوماندىرى بولغان. 1877 - يىلى ماي ئاخىرىدا بەدۆلەت قازا قىلغاندىن كېيىن، زوزۇڭتاڭ بىلەن سوقۇشقاچ چېكىنىپ، شۇ يىلى دېكابىردا بەدۆلەتنىڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ بىلەن قوقانغا قېچىپ كەتكەن. زوزۇڭتاڭ قەشقەرىيە دۆلىتىنى يىقىتىپ بولۇپ، رۇسلارغا تەھدىت سېلىشقا باشلىغاندا، تۈركىستان ھەربىي ۋالىيسى كاۋفمان چارپادىشاھقا تەكلىپ بېرىپ، قەشقەردە بەگقۇلىبەگ باشچىلىقىدا قەشقەرىيە ئۇيغۇر دۆلىتى، ماناستا بەيياڭخۇنى خان قىلىپ، جۇڭغارىيە دۆلىتى قۇرۇش پىلانىنى ئېيتقان . بىراق بۇ پىلاننى بىلىۋالغان مانجۇرلار دەرھال ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ھازىرقى ئۆزبېكىستان چوڭلۇقىدىكى ئۇيغۇر زېمىنىنى چاررۇسىيەگە بېرىۋېتىش ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تۆلەش شەرتى بىلەن ئىلىنى سېتىۋالغان. ئاخىرىدا 1881 - يىلى 24 - فېۋرال تۈركىستاننى بۆلۈشۈش نىشان قىلىنغان پېتىربۇرگ كېلىشىمى ئىمزالىنىپ، تۆت مىليون كۋادرات كېلومېتىر بىپايان زېمىن چاررۇسىيەگە ، ئىككى مىليون كىۋادرات كلومېتىر بىپايان زېمىن مانجۇرلارغا تەۋە بولغان. شۇنداق قىلىپ، بېرىتانىيە ۋە چاررۇسىيىنىڭ ياردىمىدە، پۇرسەتپەرەس مانجۇرلار ۋەتىنىمىزنى قايتا ئىشغال قىلىپ، خىتاي گېنىرالى زوزۇڭتاڭنىڭ ۋاستىسى بىلەن ۋەتىنىمىزگە خىتايلارنى جەلپ قىلىشقا باشلىغان. 1884 - يىلى نويابىردا زوزۇڭتاڭ ۋەتىنىمىزنى شىنجاڭ دەپ ئاتاپ رەسمىي مۇستەملىكە ھۆكۈمرانلىقىنى باشلىغان.

3 .  زوزۇڭتاڭ ئىستىلاسىدىن كېيىنكى 70 يىل ئەڭ ئاخىرقى 70 يىلىق قىزىل قىيامەتكە يول ئاچقان :

زوزۇڭتاڭ دەۋرىدە يەرلىك بەگلەر بىكار قىلىنىپ ، ئاققۇن خىتايلار چوڭ ھوقۇق تۇتۇشقا باشلىغان . ئەمما ئۈنۈمى ياخشى بولماي قېلىپ ، 1900 - يىلدىن كېيىن يۈننەن قاتارلىق جايلاردىن تۇڭگان مىلىتارىستلىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ ئۈنۈم قازانغان . چۈنكى تۇڭگانلار مۇسۇلمان بولغاچقا ، جاھالەت پىرلىرى نادان خەلقىمىزنىڭ ئېڭىغا
 : « پادىشاھقا ئىتائەت قىلىش پەرز » دېگەن قۇللۇق روھىنى يەنە دىن نامىدىن سىڭدۈرگەن.
خەلقىمىزنىڭ ئۇدا ئىككى ئەسىر توختىماي سىڭدۈرۈلگەن خاتا ۋە بۇرمىلانغان پىكىرلەرنىڭ تەسىرىدە 1912 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە چوڭ ئاخۇن مافۇشىڭ ( تۇلۇم چاشقان ماتىتەي )نىڭ ، 1924 - يىلدىن 1933 - يىلغىچە كىچىك ئاخۇن ماشاۋۋۇ ( ئورۇق چاشقان مادوتەي ) نىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا رازى بولۇپ ، ئەڭ ئالتۇن تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويغان . چۈنكى بۇ چاغدا سىتالىن تېخى 1921 - يىلى قوزغالغان باسمىچىلار ھەرىكىتىنى باستۇرۇپ بولالمىغان ئىدى . ئەنگلىيەمۇ 1924 - يىلى قوزغالغان زور قوزغىلاڭنى باستۇرۇش بىلەن ئالدىراش ئىدى . ھېچقايسىسى قول تىقىشقا ئۈلگۈرەلمەيتتى . ئەمما دەل ئەنە شۇ ھالقىلىق 1924 - يىلى 14 - ئاۋغۇست كۈنى، سەئىدىيە سەلتەنەتى گۇمران بولۇپ، جاھالەت ۋە ئاسارەت ئاستىدا 300 يىل خورلانغان خەلقنى ئويغىتىپ ، يېڭى ئەسىردىكى ئىلغار مىللەتلەرگە يېتىشىۋېلىش ھەرىكىتىنى خېلىلا ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىۋاتقان يېتۈك مەنىۋىي داھىي سوۋېت ۋە ئېنگىلىز كونسۇللىرىنىڭ كۈشكۈرتىشى ، شاپتۇل داموللىدەك ئىچى قوتۇر ھەسەتخورلارنىڭ قوللىشى ، ئۆمەر بايدەك ئاچكۆز بايلارنىڭ قاتىل ياللىشى ۋە نادان بىر تەلۋىنىڭ ئىجرا قىلىشىدا قەستلەپ يوق قىلىنغان . نەتىجىدە توققۇز يىل كېچىكىپ كەتكەن مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابى ئەمدىلا غەلىبە قىلىپ ، قەشقەردە 1933 - يىلى تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندا ، ئاللىبۇرۇن قەددىنى رۇسلىۋالغان سىتالىن تۇڭگان باندىت ماجوڭيىڭنىڭ قولى بىلەن 84 كۈندىن كېيىن قەشقەردىكى ھاكىمىيەتنى مۇنقەرز قىلغان .

ئۇنىڭدىن كېيىن خورلۇق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
1930 - يىللىرى سۇنجۇڭسەننىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇرلانغان خەلقىمىز ، 1937 - يىلدىن باشلاپ سىتالىن بىلەن شېڭ شىسەي جاللاتنىڭ سۈرىتىگە تازىم قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1949 - يىلغىچە جەنۇپتىكى يەتتە ۋىلايەت خەلقى گومىنداڭغا ساداقەت كۆرسىتىشكە مەجبۇرلانغان بولسا ، 1949 - يىلدىن كېيىن ماۋ نىڭ سۈرىتىگە چوقۇنۇشقا مەجبۇرلانغاننى ئاز دەپ ، ئۆزىنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ۋە مۆتىۋەرلىرىنى ئۆزلىرى دەپسەندە قىلىشقا مەجبۇرلاندى . بولۇپمۇ يېقىنقى 70 يىلدا تارتقان خورلۇق تارىختىن بۇيانقى بارلىق خورلۇقلاردىن ئېشىپ كەتتى .

يۈز يىل بۇرۇن ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولغان تاتار نۇشىرۋان يائوشېفمۇ بۇ ھەقتە قاتتىق كايىغان .
ئەمما ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىقتىسادىي كۈچى يېقىنقى ئۈچ ئەسىردىن بېرى ، يا نەپسانىيەتچى قارا قورساقلار ( بۇرۇن تالاي بۇزۇقچىلىقلارنى قىلىپ ، ھازىر خىتايغا يەم بوپكەتكەن بىر قىسىم قاشتاشچىلارغا ئوخشاش ) ، يا ئىشغالچى ھاكىمىيەتكە سادىق غالچىلار (  ھەر خىل ۋاڭلار ۋە ئۆمەربايغا ئوخشاش مىللىي مۇناپىقلار) ، ۋە ياكى دۈشمەن بىر قوللۇق سەمرىتكەن ساداقەتمەنلەر( قورچاق ئەمەلدارلارنىڭ يېقىنلىرى ۋە بىۋاستە جەمەتلىرى ) نىڭ چاڭگىلىدا بولۇپ كەلگەچكە، ئۇلارنىڭ پۇلىنىڭ خەلقىمىزگە قىلچە پايدىسى تەگمىگەن . 1830 - يىللاردا يەكەندىكى ئاچكۆز باي رۇستەم ئامباللىقنى پۇلغا سېتىۋېلىپ ، خەلقىمىزنى قان يىغلىتىپ يۈرۈپ، خەجلىگەن پۇلىنى ھەسسە قاتلىۋالغان . 1900 - يىللىرى قۇمۇل ۋاڭى شامەخسۇت قۇمۇلدىكى ئۇيغۇر خەلقىدىن شوراپ تاپقان ھارام پۇللارنى تارتۇق قىلىش ئارقىلىق مەنچىڭ ئوردىسىدا يۇقىرى شۆھرەت تاپقان . 
1920 - يىللىرى ئۆمەر باي ، قەشقەر ،خوتەن ۋە ئاقسۇنىڭ باجلىرىنى ياڭ زېڭشىڭغا بىراقلا تۆلەپ، ئارقىدىن ئۆزى خەلقتىن ھەسسىلەپ يىغىپ تىقىلىپ كەتكەن . ئابدۇقادىر داموللام مائارىپ ئۈچۈن ئىئانە سورىسا بەش تىللامۇ بەرمىگەن . تۇنجى جۇمھۇرىيەت قۇرۇلغاندا ، رەھبەرلەر چىرايلىق گەپ قىلىپ ئېرىشەلمىگەن پۇللارغا. شېڭ شىسەي 1937 - يىلى ئۆمەر باينى ئۆلتۈرۈپ ، مۇسادىرە قىلىنغان ھېساپسىز بايلىقلار بىلەن سىتالىندىن قەرز ئالغان بەش مىليون رۇبلى ئالتۇننى تۆلىگەن . 1949 - يىلدىن كېيىنكى ئىپلاسلارنى دېمەيلا قويايلى !

يېتىم مىللىتىنىڭ ھەققىنى يەۋېلىپ، ئۇلارنى ئەبەدىي خارلىتا قالدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشقانلارغا قۇرئان كەرىم مۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەتكەن : « زۇلۇم قىلىپ يېتىملەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى (ناھەق) يەۋالىدىغانلار، شۈبھىسىزكى، قورسىقىغا (قىيامەت كۈنى يېنىپ تۇرىدىغان) ئوتنى يەۋالغان بولىدۇ، ئۇلار يېنىپ تۇرغان ئوتقا (يەنى دوزاخقا) كىرىدۇ[10]. سۈرە نىسا 10 - ئايەت.

ھەر ھالدا خەلقىمىز ئىچىدە خوتەن شاھى ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجىغا ئوخشاش، مۇسابايلارغا ئوخشاش ئاز ساندىكى خەلقىدىن شۈلۈپ ئالمايدىغان ، ئۇلارنىڭ ھەققىگە قىلچە چاڭ سالمايدىغان ، ئىشغالچى ھاكىمىيەت بىلەن بىرلىشىپ خەلقىنىڭ قېنىنى شورىمايدىغان ، بەلكى خەلقىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلغان ئاز ساندىكى ۋەتەنپەرۋەر بايلارنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشى بىلەن خەلقىمىز ھەر ھالدا يېڭى ئەسىرگە ئۇلىشالىغان . ئەمما كېيىنكى بايلار مىللەتنىڭ غېمىدىن كۆپرەك شەخسىي غېمىغا بەكرەك ئەھمىيەت بەرگەننى ئاز دەپ ، بارا - بارا ئۆزىنى خەلقىدىن ئايرىپ قارايدىغان خاھىش ئەۋج ئېلىپ كەتكەچكە ، ئاقىۋەت « پۇلنى تېپىشنى بىلگەن بىلەن ، قانداق خەجلەشنى بىلمەيدىغان قارا قورساق بايلار » پۇللىرى بىلەن قوشۇلۇپ يەۋېتىلدى . باندىتلار خەلقنىڭ قېنىنى ئۆزلىرى بىۋاستە شورىماي ، ئەنە شۇلارغا شوراتقۇزۇپ، بىر چالمىدا نەچچە پاختەك سوقتى . كېيىنچە ئۇلارنى يوقىتىش شۇنچە ئاسان بولدى . چۈنكى
« ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى » نەتىجىسىدە خەلق ۋە بايلارنىڭ ئارىسىدىكى ھاڭ چوڭىيىپ كەتكەن ئىدى . شۇڭا ئۇلارنىڭ يوقىلىشىمۇ شۇنچە ئاسان بولدى . بۇمۇ قاراقچىلىقنىڭ يېڭى ئۇسۇلى بولسا كېرەك .

ئىسلام دىنىدا قىيامەت كۈنىدىكى ھېساپتا ئەڭ بۇرۇن ئېغىر سوراققا تارتىلىدىغان ئۈچ تۈرلۈك كىشىلەر ، ئالىملار ، بايلار ۋە جەڭچىلەر بولۇپ ، بۇ ئۈچ خىل ئادەم يۇقىرىدا نېتانىياخۇ كۈچەپ تەشۋىق قىلغان تۆت خىل يىمىرىلمەس كۈچكە ۋەكىللىك قىلىدىغان كىشىلەردۇر . دىنىي ئالىملار ۋە مەنىۋىي داھىيلار شۇ مىللەتنىڭ مەنىۋىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى دۇنياۋى پەنلەردە ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتتە پىشقان ئالىملار شۇ مىللەتنىڭ سىياسىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . بايلار شۇ مىللەتنىڭ ئىقتىسادىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلسا ، جەڭچىلەر شۇ مىللەتنىڭ ھەربىي كۈچىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ .

تارىخىي شەخسلەرگە ئىچكى - تاشقى دۇنيا ۋەزىيىتى ۋە ئەينى ۋاقىتتىكى تارىخىي شارائىتنى چىقىش قىلماي تۇرۇپ باھا بەرگەندە ئاسانلا خاتالىق يۈز بېرىدۇ . ئۇندىن باشقا چوڭ مەسئۇلىيەتنى بىر ئادەمگە ئارتىپ قويىدىغان خاھىش پەيدا بولىدۇ . شۇ دەۋرە ھەققىدە بىر ئاكادېمىك ئەسەر يېزىلسا بەلكىم ئون توملۇق ئىبرەتلىك دىۋان پۈتۈپ چىقىشى مۇمكىن .

ئىزاھات :

*** 1877 - يىلى 14 - ماي زوزۇڭتاڭ قوشۇنى تۇرپاننى يۈرەكلىك قورشىۋالغان.  ئەمما بەدۆلەت نېمە ئۈچۈندۇر ئوغلى ھەققۇلىبەگ بىلەن ھېكىمخان تۆرىنى تۇرپاندىن قاراشەھەرگە   چېكىنىشكە بۇيرىغان . ئۇلارمۇ نائىلاج 30 يىلغا يەتكىدەك  ئاشلىق ۋە ئوتۇن - سامانغا ئوت قويۇپ بېرىپ چېكىنگەن . بىراق بەدۆلەتنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ ، كورلىغا بارغىلى جۈرئەت قىلالمىغان. بەدۆلەتمۇ تۇيۇقسىزلا 29 - ماي قازا قىلغان . نەتىجىدە 6 - ئىيۇن كورلىدىكى قەشقەرىيە قوشۇنى ھېكىمخان تۆرەمنى پادىشاھ قىلىپ تىكلىگەن . قەشقەردىكى بەدۆلەتنىڭ چوڭ ئوغلى بەگقۇلىبەگ تۆرەمنى ئېتىراپ قىلماي، ئاقسۇغا يۈرۈش قىلغان. ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ ئۇرۇشۇپ، ئېغىر چىقىم يەپ، بىر قىسمى ئۇچتۇرپان ئارقىلىق قوقانغا كەتكەن. بۇ چاغدا نىياز ھېكىمبەگمۇ توپىلاڭ كۆتۈرۈپ ، خوتەندە مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شۇنداق قىلىپ ، ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئاچچىق ۋە قانلىق سەھىپىلىرى قايتىدىن باشلانغان.

سايرام ئوغلانى. 

سۇلتان ئابدۇلئەزخاننىڭ ئۆلتۈرۈلگىنىگە 144 يىل توشقان كۈن . 1876 - 4 - ئىيۇن + 2020 - 4 - ئىيۇن = 144يىل.

1864 - يىلدىكى بۈيۈك ئىنقىلاپنىڭ 156 يىللىق خاتىرە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن يېزىلدى.
( 1864 - يىلى 4 - 6 - ئىيۇن كۈنلىرى تارىم ۋادىسىدا باشلانغان مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرى 1867 - يىلى قەشقەرىيە خانلىقى ۋە ئىلى سۇلتانلىقىنى ۋۇجۇتقا كەلتۈردى )

سايرام ئوغلانى 

پايدىلانغان ماتېرياللار :

چاررۇسىيە - ئوسمانىيە ئۇرۇشلىرى قامۇسى

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى تور بېتى

ئوسمانىلار سۇلتانلىرىنىڭ تەرجىمىھالى

تۈرك تارىخى

ئوسمانىلاردا مەشرۇتىيەت ئېلان قىلىش

ياش ئوسمانىلار ۋە ياش تۈركلەر

سۇلتان ئابدۇلھەمىدخان

ماۋرائۇننەھىر ( بۇخارا ) تارىخى

ۋېكىپىدىيا

تىنجىماس ئۇيغۇر دىيارى

ئۇيغۇرلار تارىخىدا ئۆتكەن دۆلەتلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ قانۇنى ئاساسلىرى.

تۈركىستان ھەربىي گوبېرناتورلۇقى تارىخى.

زوزۇڭتاڭ ھەققىدە قىسسە.

بەيياڭخۇنىڭ تەرجىمىھالى 

چىڭ خاندانلىقىنىڭ تۇڭگانلارنى تىنجىتىشى.

ئىلى سانغۇن مەھكىمىسى يىلنامىسى.

2020 - يىلى 4 - ئىيۇن. پەيشەنبە.
34
ھىندىستان ۋە ئۇيغۇرلار :

مودى لاداقتا نېمىلەرنى دېدى ؟!؟ ئۇنىڭ خىتاي ھەققىدىكى باياناتى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك يېشىل چىراق يېقىپ بېرەلەيدۇ ؟!؟

2020 - يىلى 3 - ئىيۇل جۈمە : يېڭى دېھلى

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى بۈگۈن ، جۈمە كۈنى ، ھىمالايا تېغىدىكى چېگرا رايونىدا ، يېقىندا ھىندىستان بىلەن خىتاي  ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونغا بېرىپ بېيجىڭنى نىشان قىلغان تۆۋەندىكى سۆزنى قىلدى.

لاداخ رايونىدا خىتاي بىلەن ھىندىستان ئارمىيىسى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان توقۇنۇش 15-ئىيۇن قانلىق توقۇنۇشقا ئايلىنىپ ، 20 ھىندىستان ئەسكىرى قازا قىلدى.

مودى لاداختىكى بىر چېگرا پونكىتىدا ھىندىستان ئارمىيىسىگە خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «كېڭەيمىچىلىك سىياسىتى دەۋرى ئاخىرلاشتى».  تارىخ كېڭەيمىچى كۈچلەرنىڭ مەغلۇبىيىتىگە ياكى ئۇنىڭ چىققان كامىرىغا قايتا كىرىپ كەتكىنىگە گۇۋاھلىق بېرىدۇ. » . بۇ گەپنى خىتاينى تىلغا ئالماي تۇرۇپ ئېيتقان بولسىمۇ ، بىراق ھەممەيلەن پەرەز قىلىپ بولدى.

ئۇ يەنە: «ئۆتكەن ئەسىرلەر كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنىڭ ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلغانلىقىنى كۆرسەتتى.  بۇ خىل كېڭىيىش تەپەككۇرى دۇنيانىڭ تىنچلىقىغا ئىزچىل ئېغىر تەھدىد ئېلىپ كەلدى ».

«دۆلەتنىڭ چېگرىسى ھەمىشە ھىندىستان ئارمىيە (قوغداش) ئاستىدا بىخەتەر بولدى,«. 
ئەلۋەتتە ، باش مىنىستىر نارېندرا مودىنىڭ لاداخ رايونىدىكى زىيارىتى ئارمىيەنىڭ روھىنى ئۇرغۇتىدۇ ». دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى Rajnath Singh

يېڭى دېھلى بىلەن بېيجىڭ 15-ئىيۇن لاداخنىڭ گالۋان ۋادىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر-بىرىنى ئەيىبلىدى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا ، مۇدىنىڭ زىيارىتى گەرچە يەرلىكنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، ئەمما ۋەزىيەت خىتاينىڭ  ھىندىستان زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشىغا جاۋاب قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى . مودى بۈگۈن خىتايغا شۇنداق كۈچلۈك ئۇچۇر يەتكۈزدى .

ئۇنىڭغا ھىندىستان ئارمىيىسىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى گېنېرال بىپىن راۋات ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مانوج مۇكۇند ناراۋانى ھەمراھ بولدى.   

ھىندىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بۇ ئۇلىنىشنى چېكىپ بىلىۋېلىڭ :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=531.0

  كۆك ئەرۋاھ. 

2020 - يىلى 3 - ئىيۇل  جۈمە.
35
ھىندىستان ۋە بىز

كۆك ئەرۋاھ

« ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى ۋە مىللىي ئارمىيەنىڭ تارقىلىپ كېتىشىگە سەۋەپ بولغان ھىندىستان ئۇرۇشى »

« 1962 - 1964 - يىللاردىكى ئىلى - چۆچەك ۋەقەسى»

ئاچارچىلىق بۇ ۋەقەنىڭ تاشقى كۆرۈنىشى. ئەمدى بۇنىڭ مەخپىي يۈزىگە كەلسەك، بۇ ۋەقەدە1881- يىلدىكى يەنە بىر تارىخىي ۋەقە قايتا تەكرارلانغان. يەنى تارىخ تەكرارلانغان .
1881 - يىلى 24 - فېۋرال پېتىربۇرگتا «  ئىلى شەرتنامىسى» ئىمزالىنىپ،  چاررۇسىيە ئىلى تارانچىلىرى ئارقىلىق يەتتىسۇدىكى نۇرغۇن بوز يەرلەرنى ئېچىشنى پىلانلىغان. شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئىلى تۇپرىقى مانجۇلارغا قالىدىغان، ئادەم ۋە چارۋىلار ئىككى دۆلەتنىڭ بىرىنى تاللىسا بولىدىغان بولغاچقا، رۇسلار ھەدەپ، خەلقنى مانجۇلارنىڭ قىرغىن قىلىشىدىن قورقۇتۇپ دېگۈدەك ئالماتا تەرەپلەرگە جەلپ قىلىپ« كۆچ - كۆچ» پەيدا قىلغان. شۇنىڭ بىلەن چاررۇسىيە ھېچبىر ئوتتۇرا ئاسىيا مىللىتنى ئىشلىتىپ ،  ئۆزلەشتۈرەلمىگەن يەرلەرنى ئۇيغۇرلار بوستانلىقلارغا ئايلاندۇرغان. داڭلىق شائىرىمىز بىلال نازىمىمۇ بۇ كۆچ - كۆچتە كۆچۈپ كەتكەن.

ئارىدىن 80 يىل  ئۆتۈپ، بۇ ئويۇن يەنە ئوينالغان. ئىلى ۋادىسى 1944 - يىلى ئاخىرقى دۆلىتىمىز قۇرۇلغان جاي بولغاچ « ئازاتلىقنىڭ، ھۆرلۈكنىڭ تەمىنى تېتىغانلار» ھەر ۋاقىت خىتايلارنىڭ ئوۋ نىشانىغا ئايلانغان. بولۇپمۇ 1953 - يىلى سىتالىن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن  سوۋېت تەرەپ قوللىغان ئىلى ئەرباپلىرى ۋە سابىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى ئارقا - ئارقىدىن ھالاك قىلىنغان.

1959 - يىلى مارتتا دالاي لامانى ئۇتۇقلۇق قاچۇرۋەتكەن كومپارتىيە،« يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىلىسىنى ئىلىدا قايتا قوللاندى». چۈنكى ئەينى ۋاقىتتا سوۋېتتىمۇ ئاشلىق كەمچىل بولۇپ، ئۇلارنىڭ دېھقانلارغا بەكلا ئېھتىياجى باتتى. خىتايلار بولسا ئىلىدىكى بارلىق خەلقنىڭ مىللىي مەۋجۇتلىقىدىن بىئارام ئىدى. لېكىن ئۇلارنى بىراقلا يوق قىلالمايتتى. مۇشۇ ئورتاق مەنپەئەت بۇ ئىككى دۆلەت ئىستىخباراتىنى « ئادەم قاچۇرۇش» پىلانىنى تۈزۈشكە تۈرتكە بولدى. نەتىجىدە 1962 - يىلى ۋەتىنىمىزدە ئاچارچىلىق باشلىنىپ، نۇرغۇن ئادەملەر قىرىلىپ كەتتى. لېكىن ئىلى ھەر ھالدا مۇنبەت زېمىن بولغاچ، باشقا جايلاردىكىدەك كۈندە ئون مىڭلاپ ئادەم ئۆلىدىغان ئىش يۈز بەرمىدى. بۇ يىلى چېگرىدىن چىقىپ كەتكەنلەرمۇ تاز ا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىدى. خىتاينىڭ تەلىيىگە 1962 - يىلى كۈزدە خىتاي - ھىندىستان ئۇرۇشى پارتلىدى.
بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، نىمشېھىت قاتارلىق ئويغاق ئۇيغۇر سەرخىللىرىنى ۋە سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنى ئۇرۇشتا يوق بولسۇن دەپ، خەتەرلىك ئالى تاغلىرىدىن ئاقسايچىن ئارقىلىق كەشمىرگە ئەۋەتتى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن خىتاي ئازاتلىق ئارمىيىسى تىبەتتە ئېغىر مەغلۇپ بولۇپ، دالا لاما تۇغۇلغان « جەنۇبىي تىبەت» قولدىن كەتكەن. قىزىق يېرى قالاق قوراللار بىلەن ئۆلسۇن دەپ مۇنداقلا ئەۋەتىلگەن  ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ھىندىستاننىڭ يېڭىلمەس قوشۇنى « بېتى دېۋىزىيىسى» ( ھىندىستاننىڭ ئەڭ كوزىر قىسمى بولۇپ ، پۈتۈن شىمالىي چېگرالارنى تاشقى ھۇجۇمدىن قوغداش ئۈچۈن يۆتكەپ كېلىنگەن . ھازىرقى باش قوماندانى گېنىرال لېيتنات رانبېر سېڭ ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولماقتا . بۇ ھىندىستان ھەربىي تەرەپنىڭ تۇنجى قېتىم يۇقىرى سەۋىيىدە ۋەتىنىمىزدە ئاشكارا زىيارەتتە بولۇشى ھېساپلىنىدۇ . ئۇ 7 - نويابىر ۋەتىنىمزىدىكى بارلىق ئالاھىدە قوراللىق قىسىملارنى باشقۇرۇدىغان « ئوۋ يىلپىزى » قىسمى جايلاشقان چېڭدۇدا زىيارەتتە بولغان. 9 - يانۋار پەيشەنبە ۋەتىنىمىزگە يېتىپ كەلگەن) نى بىتچىت قىلىپ، كەشمىرنى ئازات قىلغان. ئاندىن يەرلىك خەلقنىڭ قوللىشىدا پايتەخت يېڭى دېھلىگە 200 كىلومېتىر كېلىدىغان جايغىچە قىستاپ كەلگەن. نېھرۇ ئامېرىكىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان. كېننىدى دەرھال ھىندى ئوكياندىكى بېنگال قولتۇقىغا  « بۈركۈت چۈجىسى » ناملىق ئاۋىئاماتكىنى ئەۋەتكەن.
تۇيۇقسىز جۇئىنلەي بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، غەلىبەسېرى ئىلگىرلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان شىمالىي يۆنىلىش قوشۇنىنى دەرھال چېكىنىشكە  بۇيرۇق قىلغان.
نەتىجىدە  ئۇيغۇرلار خۇددى 1945 - يىلى ماناس دەرياسىدىن چېكىنگەندەك، شىمالىي ھىندىستاندىن چېكىنىپ چىققان. ئاز ساندىكى سەزگۈر ئەسكەرلەر  كەشمىردە قېپقالغان.

ئاقسايچىن قانداقسىگە ھىندىستاننىڭ بوپقالغان !؟

شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتىن كېيىن ، ئامېرىكىنىڭ تەشەببۇسى بويىچە دۇنيا خەرىتىسى قايتا سىزىلغان . چۈنكى ئامېرىكا ئۇرۇشتىن ئىلگىرىلا مەيلى ھىندىستان غەلىبە قىلسۇن ياكى مەغلۇپ بولسۇن ، ئۇيغۇرىستاننىڭ خوتەن ۋىلايىتىگە قاراشلىق ئالاھىدە ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي ئورۇن « ئاقسايچىن » رايونىنى ھىندىستانغا قوشۇپ بېرىشكە ۋەدە قىلغان . نەتىجىدە بۇ جاي نامدا ھىندىستانغا تەۋە بولۇپ قالغان . ئەمما سابىق مىللىي ئارمىيەنىڭ قانلىرى بەدىلىگە ئەمەلىي كونتروللۇقى يەنىلا خىتاينىڭ قولىدا ساقلىنىپ قالغان . 2001 - يىلدىكى ۋەقەلىكمۇ ئالاھىدە بىر ۋەقەلىك ! يەنى ھىندىستان بۇ جاينىڭ ئۇيغۇر زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئۆزىلىرى ئېتىراپ قىلىدۇ . يېقىن كېلەچەكتە ئامېرىكىمۇ كېننىدى زامانىدىكى ئارخىپلارنى ئاشكارىلىسا ، كۆلىمى داغىستان جۇمھۇرىيىتىدەك كېلىدىغان مۇھىم ھەربىي ئورۇن ، مىرزا ئابابەكرىنىڭ مىراسى ۋە سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئامانىتى بولغان ئاقسايچىن ، يەنى ( قەشقەرنىڭ ئاقسايى ، چىن دېمەك قەشقەر دېمەك ، ماچىن دېمەك ئۇلۇغ چىن ، يەنى خوتەن دېمەكتۇر ! قۇتادغۇبىلىكتىكى مۇقەددىمىدە تىلغا ئېلىنغان مەنە دەل شۇ .
ھازىر خىتاينى كۆرسەتمەكتە . ئەمما سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى بۇندىن 8 مىڭ يىللارغىچە سوزۇلىدۇ . ما ساگېت : ئۇلۇغ ساكلار ، يەنى مەلىقە تۇمارسنىڭ قەۋمى شۇنداق ئاتالغان)
ئاقسايچىن رايونى قانۇنلۇق قولىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ .

ھىندىستان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى ۋەزىيەت :

1963 - يىلى ئاچارچىلىق تېخىمۇ كۈچەيگەن.
نەتىجىدە 1964- يىلى مارتتىن ئىيۇنغىچە ئىلى خەلقى توپ - توپ ھالدا سوۋېتقا چىقىپ كەتكەن. ھەر ئىككى تەرەپ قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن 1964 - يىلى 28 - ماي خىتاي تەرەپ ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم مۇھاجىرنى ئوققا تۇتۇپ،قورغاس چېگرىسىنى تاقىغان. ئارقىدىنلا بوش قالغان قورۇلارغا ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ، نارازى بولغانلارنى قاماققا ئالغان. ھىندىستان ئۇرۇشىدا  زەپەر قۇچۇپ، « ئاقسايچىن»نى قايتۇرۇۋالغان مىللىي ئارمىيىنى 1965 - يىلى « دالا ئارمىيىسى ئالاھىدە كورپۇسى » دېگەن قۇرۇق نام بىلەن يوق قىلىۋەتكەن. ئاندىن خاتىرجەم ھالدا 1966 - يىلى 16 - مايدا ئاتالمىش
مەينەت « مەدەنىيەت ئىنقىلابى» نى باشلىغان.

2019 - 28 - مارت.        سايرام ئوغلانى

تۇمشۇقىغا يېگەن خىتاينىڭ تەدبىرى :

« قارا قۇرۇم خەنجىرى » ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئىستراتېگيىلىك مۇھىم ھەربىي تۈگۈن بولغان « تىبەت - تارىم ، كەشمىر - خوتەن » تەرەپلەرنىڭ ھەممىسىگە قولاي بېسىپ كىرگىلى بولىدىغان ، ھۇجۇم قىلىش قىيىن ، مۇداپىئەلىنىش ئاسان ئەپلىك ئىستراتېگىيىلىك ھەربىي ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ ، تارىختا
مىرزا ئابابەكرى مۇشۇ جايدا ھەربىي مەھكىمە تەسىس قىلىپ ، 1469 - يىلدىن 1499 - يىلغىچە تىبەت ۋە كەشمىرنى تۇتۇپ تۇرغان .
سۇلتان سەئىدخان 1533 - يىلى 9 - ئىيۇل
مۇشۇ تەۋەلىكتىكى شەيدۇللا ( خۇدانىڭ شېھىتى مەنىسىدە . سەئىدخاننىڭ غازات يولىدا شېھىت بولغانلىقىنىڭ مەڭگۈلۈك يالدامىسى سۈپىتىدە سۇلتان جان تەسلىم قىلغان جاي شۇنداق ئاتىلىپ كەلمەكتە . قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدا ) دا قازا قىلغانىدى . ئاخىرقى قېتىم بۇجاينى 1962 - يىلدىكى ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغان سابىق شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىمىز قانلىرى ئارقىلىق قايتا ۋەتىنىمىز خەرىتىسىدە ساقلاپ قالغانىدى . 
ھىندىستان 2001 - يىلى بۇ جايغا قاراشلىق ئاقسايچىن رايونىغا ئاھالە كۆچۈرگەندە قۇۋ باندىتلار يەر نامى بولغان « ئاق + ساي + چىن » قاتارلىق سۆز تومۇرلىرىنىڭ ساپ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇ ئىكەنلىكىنى چىقىش قىلىپ « يەر ناملىرى تارىخنىڭ ئۆتمۈشتىكى تامغىسى » پەلسەپىسى بويىچە بۇ يەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى دەۋا قىلغان . ئەمما ھىندىستان تەرەپ تېخىمۇ دانالىق بىلەن « ئۇنداقتا بۇ يەرنىڭ ئىگىلىرى ئۇيغۇرلار ئۆزى تەلەپ قىلسۇن ، شۇ چاغدا قايتۇرۇپ بېرەيلى !» دەپ رەددىيە بەرگەن .

58 يىلدىن كېيىن ھىندىستاندىن سادا : ( گېنىرال رانبېر سېڭ ئۇيغۇرىستاندا ):

گېنىرال لېيتنات رانبېر سېڭ 1980 - يىلى 13 - دېكابىر بىر يۇلتۇزلۇق( سىتاشى لېيتنات)،
1982 - 13 - دېكابىر ( لېيتنات )، 1985 - 13 - دېكابىر ( كاپىتان ) ، 1991 - 13 - دېكابىر ( مايور)، 2002 - 31 - دېكابىر ( پود پولكوۋنىك)، 2005  - 1 - فېۋرال ( پولكوۋنىك)، 2008 - 1 - نويابىر ( بېرىگادا كوماندىرى ) 2013 - 26 -  ئىيۇن ( گېنىرال مايور )، 2015 - 2 - دېكابىر ( گېنىرال لېيتنات ) لىققا ئۆستۈرۈلگەن قابىل ھەربىي قوماندان.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى لېتىنانت گېنېرال رانبىر سىڭ 9-يانۋار پەيشەنبە كۈنى رەسمىي زىيارەت ئۈچۈن ئۇيغۇر رايونىغا يېتىپ كەلگەن. ئۇنىڭ جۈمە كۈنى خىتاي خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق قىسىملىرى قوماندانى بىلەن كۆرۈشۈپ، ھەربىي بازىلارنى زىيارەت قىلىدىغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتىكەن.
«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قارىتىلغان زىيارەتلەرنى ناھايىتى قاتتىق قامال قىلىدىغانلىقى، بۇ جەھەتتىن ئالغاندا ھىندىستان گېنىرالىنىڭ بۇ زىيارىتىنىڭ ناھايىتى ئاز ئۇچرايدىغان بىر زىيارەت ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى گېنېرال لېتىنانت رانبىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى زىيارىتىنىڭ مەقسىتى ئېنىق ئەمەس ئىكەن. بۇ ھەقتە تېخى بىر بايانات بېرىلمىگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ھىندىستانلىق گېنېرال ئۇيغۇر ئېلىگە يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن چېڭدۇدىكى خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ غەربىي-شىمال قوماندانلىق مەركىزىنى زىيارەت قىلغان ۋە ئۇ يەردە قوماندان گېنېرال جاۋزوڭچى بىلەن ئۇچراشقان بولۇپ، خەۋەردە «بۇ قوماندانلىق مەركىزىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتتىكى قوماندانلىق قىسىملىرىنى باشقۇرىدىغانلىقى» ئالاھىدە ئەسكەرتىلگەن.

ھىندىستان ئارمىيەسى شىمالىي قوماندانلىق قىسمىنىڭ قوماندانى لېتىنانت گېنېرال رانبىر سىڭ خىتاي قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ قوماندانى گېنېرال خەن ۋېيگو بىلەنمۇ ئۇچراشقان. ھىندىستان تەرەپ ئۇچرىشىشتىن كېيىنكى رەسمىي باياناتىدا «ئىككى دۆلەت گېنېراللىرى رايون تېنچلىقى، چېگرا بىخەتەرلىكى، ئورتاق ھەربىي مانېۋىر قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك تەسىرگە ئىگە مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەتلەشتى. بۇ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ۋە شۇنداقلا ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن سەزگۈر بولغان چىگرانىڭ مۇقىملىقى ئۈچۈن پايدىلىق،» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بىراق يۇقىرىقى ھىندىستان گېنىرالىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەتكە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقى دىققەت قوزغىماقتا.

«ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى» نىڭ خەۋىرىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ پاكىستان تەۋەسىدىكى كەشمىر ئارقىلىق پاكىستانغا چىگرالىنىدىغانلىقىنى، ھىندىستانغا تەۋە بولغان ئەمما خىتاي تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدىغان ئاقساي چىن رايونىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى خوتەن ۋىلايىتى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.  ( مەزكۇر خەۋەر ئەركىن ئاسىيا تەرەپتىن تەمىنلەنگەن ) .

مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۇيغۇر - ھىندى مۇناسىۋىتى:

ئىلاۋە :

ھىندىستان ھۆكۈمەت تەرەپ ، بولۇپمۇ ھەربىي تەرەپ بىلەن ئالاقە ئورنىتىش كېرەك

ھىندىستان ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدۇ . ئۇمۇ بىزنىڭ كۆڭلىمىزنى ئۇتۇپ ، كېلەچەكتە بىزنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا ، ئافغانىستان ۋە پاكىستان بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ ، خۇددى ئەينى چاغدا يۈسۈپ قادىرخان بىلەن مەھمۇد غەزنەۋى
ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ ، مەھمۇد قادىرخانغا
:« جاناپلىرى بۇددىست تۈركلەرگە ۋە قاراخانغا ئىتائەت قىلمىغان قارا خىتايلارغا قارشى شىمال ۋە شەرق تەرەپكە قوشۇن تارتقاي ،كەمىنە ھىندىستانغا يۈرۈش قىلاي . مەندىن سىلىگە زەررىچە خەۋپ كەلمەيدۇ ! » دېگەن ۋەدىسى بويىچە 1001 - يىلدىن 1027 - يىلغىچە ئۇدا ئون يەتتە قېتىم ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغان . ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن زېمىنى ھەتتا خەلىپە ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ فەتھى قىلغان جايلىرىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن . مەھمۇدنىڭ قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ ئەكىتىلگەن ئوغلى ئىكەنلىكى ھەممىگە مەلۇم . شۇڭلاشقا ھىندىستان خىتايدەك ئەشەددىي رەقىبىگە قارشى يەنىلا بىزدەك تومۇرىدا مىڭ يىل بۇرۇنقى خىتاي ھۆكۈمرانى قاراخىتاي خانلىقى ۋە ھىندىستاننى بېقىندى ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويغان ئۇيغۇرلارنى مۇھىم ئىتتىپاقداش قاتارىدا مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر.

تارىخشۇناسلار دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ مەلىكىسى رازىيەنى تارىختىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ دەپ قارىسىمۇ، بىراق شەجەرىددۇر  پەۋقۇلئاددە خەتەرلىك شارائىتتا ئوتتۇرىغا چىقىپ، ئىسلام تارىخىنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكەن تارىخىي شەخس بولۇشى سەۋەپلىك ھەقىقىي مەنىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ بولۇشقا تېگىشلىك. رازىيە 1236 - يىلدىن 1240- يىلغىچە ھىندىستان ھۆكۈمدارى بولغان ئۇيغۇر نەسىللىك ھىندىستان ھۆكۈمدارىدۇر .

مەھمۇدنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈش قىلغانلىقىنىڭ مىڭ يىللىقىدا ، يەنى 2001 - يىلى ئاقسايچىن توغرىسىدا دېگەن باياناتى بۇنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ھازىر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار تېگىگە زادىلا يېتەلمەيۋاتقان ھەقىقەتنى ۋە ئۇيغۇرنىڭ كەلگۈسى يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق بىلىدۇ . شۇڭا بىزدىن سادا چىقمىغاچقا ، ھەم شۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ، كەلگۈسىدىكى ئەڭ ئەشەددىي رەقىبى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى خىتاينىڭ قولى بىلەن تولۇق يوقىتىشقا رازى بولغاندەك ، ھەم خىتاينىڭ كېيىنكى نىشانى بولۇشتىن ئەندىشىگە چۈشكەندەك ئىككىلىنىش كەيپىياتىدا داۋام قىلماقتا . ئىسرائىلدىنمۇ پايدىلىنىشنى بىلمەي خىتايغا تارتقۇزۇپ قويدۇق . ئەمدى مۇنۇ ھىندىستاننىمۇ تارتقۇزۇپ قويمايلى ! دۇنيانىڭ ھەر يېرىگە بارالايدىغان ئۇيغۇر سىياسەتچىلەر ھىندىستان بۆلۈمى تەسىس قىلىپ ، دارامسالا رايونىدا تۇرۇۋاتقان دالاينىڭ ۋاستىسى بىلەن بولسىمۇ ھىندىستان تەرەپ بىلەن بىر ئالاقە كۆزنىكى ئېچىشى لازىم . چۈنكى ئامېرىك راسلا خىتاينى ئەڭ چوڭ تەھدىت ۋە تەخىرسىز ئاپەت دەپ قارىسا چوقۇم ھىندىستاننى تۇنجى بولۇپ كۈشكۈرتىدۇ . ئۇنتۇپ قالمايلى ، ھازىر
ھەربىي ئەشيالارنى يۆتكەش ئۇنچە قىيىن ئەمەس . 1962 - يىلى شۇنچە قالاق قوراللار بىلەن ئۆلۈم يولى قاراقۇرۇم تاغلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، كەشمىرنى ئازات قىلىپ ، ھىندىستاننى مۇنقەرز قىلغىلى تاس قالغان مىللىي ئارمىيە جەڭچىلىرىنىڭ تومۇرىدا ئاققان قانلار بىزنىڭمۇ تومۇرىمىزدا ئاقماقتا .

ھىندىستان 1001 - يىلدىن تاكى 1758 - يىلغىچە بىزنىڭ قولىمىزدا ئىدى . ئېنگىلىزلار كېلىپ ، 1758 - يىلدىن 1858 - يىلغىچە ئىشغال قىلىپ ، 1876 - يىلى رەسمىي ھالدا بارلىق ھىندىستان زېمىنىنى ئىلكىگە ئېلىپ ،
ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيەنى « ھىندىستان مەلىكىسى » دەپ ئاتىغان .

سەئىدخاننىڭ نەۋرە ئاكىسى بابۇر شاھ 1526 - يىلى 14 - ماي موغۇل ئىمپىرىيىسىنى قۇرغاندىن كېيىن، خەلقىمىزنىڭ مەدەنىيىتى ھىندىستاندىمۇ گۈللەپ - ياشناشقا باشلىدى. ئۇنىڭ نەۋرىسى جالالىددىن مۇھەمممەد ئەكبەر شاھ تەخىتتە ئولتۇرغان 1540 - 1570 - يىللاردا پۈتۈن جەنۇبىي ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى ئەڭ يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى ياراتتى.

شۇنداق قىلىپ، شەرقتە بەدەخشان ۋە پامىر ئېتەكلىرىدىن تاكى سەددىچىن سېپىلىغىچە، ئالتايدىن كەشمىرگىچە سوزۇلغان بىپايان ۋەتىنىمىزدە قۇدرەتلىك سەئىدىيە خانلىقى ، جەنۇبىي ئاسىيادا ئۇنىڭ قوشمىقى كۈچلۈك موغۇل ئىمپىرىيىسى ۋە غەرپتە ياش ئوسمان ئىمپىرىيىسىدىن ئىبارەت ئۈچ سەلتەنەتلىك ھاكىمىيەت غەربىي ياۋروپا ۋە خىتايدىن باشقا قەدىمكى مەدەنىيەتلىك جايلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا ئالدى. شۇنىڭ بىلەن 16 - ئەسىر دۇنيا تارىخىدا « تۈرك ئەسىرى » دەپ ئاتالدى .

تولىمۇ ئەپسۇس مىلادى 1678 - يىلى ئافاق خوجا غالداننى چاقىرىپ كېلىپ، 35 يىللىق ئۇرۇش ئارقىلىق ، 1713 - يىلى سېۋان ئاراپتان ۋەتىنىمىزنى بىۋاستە ئىشغال قىلىۋالدى. 1735 - يىلى ئىچكى جەھەتتە قايتا مۇستەقىللىققا ئېرىشتى. 1757 - يىلى تولۇق مۇستەقىل بولدى. ئەمما 1759 - يىلى قالماقلارنى قىرىپ تاشلىغان مەنچىڭ تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىشغالى ئاستىغا چۈشۈپ قالدى. يۈز يىللىق ئۇدا قارشىلىق ئارقىلىق، 1862 - يىلىدىن 1878 - يىلغىچە ھۆرلۈككە چىققان بولسىمۇ، ئەينى ۋاقىتتىكى خەلقئارالىق تەرتىپنىڭ قۇربانى بولۇپ، قايتا مانجۇرلارغا سېتىۋېتىلدى. ئۇندىن كېيىنكى ئىشلار ھەممىگە مەلۇملۇق .

موغۇل ئىمپىرىيىسىمۇ داڭلىق پادىشاھ ئەۋرەڭزېپ ئالەمگىرنىڭ 1709 - يىلى ۋاپات بولۇشى بىلەن ئاستا - ئاستا چۈشكۈنلەشتى.
1758 - يىلى ئەنگىلىيە كەلدى . 1858 - يىلى بابۇر شاھنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى باھادىر شاھ ئاغدۇرۇلۇپ، ۋېكتورىيە « ھىندىستان ئايال پادىشاھى » بولدى. 1947 - يىلى ھاكىمىيەت مۇسۇلمان تۈركلەر قولىدىن بۇددىست ھىندىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
1949 - يىلى بىزگە تەۋە كەشمىر ھىندىلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى بىز شۇ يىلى ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتكە دۇچار بولغانىدۇق. 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ،
« ئېچىۋېتىش ۋە پارچىلاش ئاساسىدا ئۈچ شىتات تەسىس قىلىپ، يېڭى دېھلىغا بىۋاستە باغلىماقچى بولدى » .

مودې ھۆكۈمىتىنىڭ سولچىل مەيدانى :

ئىچكى ئىشلار سىياسىتىدىكى ئۈچ مىسال :

1. بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى.

2 . كەشمىر مەسىلىسى :

كەشمىر مەھمۇد غەزنەۋى زامانىسىدىن باشلاپ ئەجداتلارنىڭ قولىغا ئۆتۈشكە باشلاپ،
1541 - يىلى كىندىك قېنى ۋەتىنىمىزگە تۆكۈلگەن مىرزا مۇھەممەد ھەيدەر كۆرەگان
( مىرزا ئابابەكرىنىڭ جىيەنى ، سەئىدخاننىڭ سادىق ئەمىر لەشكىرى ۋە بابۇر شاھنىڭ ئاسراندى ئوغلى ) كەشمىرنى ئىلكىگە ئېلىپ ، 1551 - يىلغىچە مۇستەقىل سورىغان . 1556 - يىلى بابۇر شاھ ئوغلى ھۇمايۇن ۋاپات بولۇپ، يەنە بىر ئوغلى كامران مىرزا كەشمىرگە ھاكىم بولغان . 1579 - يىلى بابۇر شاھنىڭ نەۋرىسى ئەكبەر شاھ بارلىق ھىندى زېمىنىنى قايتا بىرلىككە كەلتۈرۈپ ، كەشمىرنى يازلىق ئوردا قىلغان . ئۇندىن كېيىن تاكى 1858 - يىلغىچە كەشمىر ئۇلۇغ موغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ ئەنجانى بولۇپ كەلگەن . 1876 - يىلى ھىندىستاننى تولۇق ئۆتكۈزۈۋالغان ئەنگلىيە ، 1946 - يىلى دىنىي ئېتىقاد بويىچە ھىندىستاننى ئىككىگە پارچىلاپ ، بېنگال بىلەن پاكىستاننى ئىسلام دىنى كىشىلىرىگە ، ھازىرقى ھىندىستاننى ھىندى دىنى مۇرىتلىرىغا ، كەشمىرنى بولسا ھەر ئىككىسى تالىشىدىغان لوق گۆش قىلىپ تاشلاپ چىقىپ كەتكەن . ( سىرى ھەممىگە مەلۇم ) .
1949 - يىلى بىزگە تەۋە كەشمىر ھىندىلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىغا ئايلىنىپ قالدى. چۈنكى بىز شۇ يىلى ئاخىرقى قېتىم ئاسارەتكە دۇچار بولغانىدۇق. 2019 - يىلى 5 - ئاۋغۇست كەشمىرنىڭ ئاپتونۇم ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ،
« ئېچىۋېتىش ۋە پارچىلاش ئاساسىدا ئۈچ شىتات تەسىس قىلىپ، يېڭى دېھلىغا بىۋاستە باغلىماقچى بولدى » .

3 . مۇسۇلمان بولمىغان خوشنا دۆلەت كۆچمەنلىرىگە ۋەتەنداشلىق بېرىش :

بۇنىڭ تەپسىلاتى ھەممىگە پۇر كەتتىغۇ .

مودى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە پاس :

ھىندىستان باش مىنىستىرى نارېندرا مودى 2015 - يىلى 7 - ئىيۇل سەيشەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئاستانا ( نۇر سۇلتان)نەزەربايېف ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلەپ، نۇتقىدا ئاتاقلىق ئۇيغۇر شائىرى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىدىن بەزى مىسرالارنى ئوقۇدى.

مودى، «ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئوتتۇرا ئاسىيادىن چىققان شائىر، ئۇ مۇنداق يازغان» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ «ئىز» ناملىق شېئىرىنىڭ «قالدى ئىز، قالدى مەنزىل، قالدى ئۇزاقتا ھەممىسى، چىقسا بوران، كۆچسە قۇملار ھەم كۆمۈلمەس ئىزىمىز، توختىماس كارۋان ئىزىدىن گەرچە ئاتلار بەك ئورۇق، تاپقۇسى ھېچ بولمىسا بۇ ئىزنى بىر كۈن نەۋرىمىز، يا ئەۋرىمىز» دېگەن ئاخىرقى 4 مىسراسىنى نەقىل كەلتۈردى.

مودى، رۇسىيەنىڭ ئۇفا شەھىرىدە ئېچىلغان «ئالتۇن كېسەك دۆلەتلىرى» نىڭ باشلىقلار يىغىنى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5جۇمھۇرىيەتنى زىيارەت قىلغان.

قازاقىستان ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى ئىدى. ئۇ چارشەنبە كۈنى قازاقىستان پرېزىدېنتى نەزەربايېف بىلەن مۇداپىئە، تۆمۈريول قۇرۇلۇشى، ھىندىستاننى ئۇران بىلەن تەمىنلەش، تەنتەربىيە ۋە ئۆز ئارا مەھبۇس ئالماشتۇرۇش قاتارلىق 5 خىل ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان.

مودى بۇ مىسرالار ئارقىلىق ئېنىقلا قىلىپ ،
« ئۆتمۈشتىكى بەزى سەلبىي ئىشلار تارىخقا كۆمۈلدى . بىز ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇنقى قەدىمىي ئالاقىمىزنى تىرىلدۈرۈپ ، مەركىزىي ئاسىيا ۋە جەنۇبىي ئاسىيا خەلقىنىڭ پارلاق كېلەچىكى ئۈچۈن ئورتاق قىلىشىمىز كېرەك . ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئېيتقان ئىزنى تاپقان ئەۋلادلار دەل بىز» دېگەن ئىشارەتنى بەردى . ئەلۋەتتە بۇ بايانات باندىتلارنى خۇرسەن قىلمايدۇ . ئەكچىسە بۇ باياناتنىڭ فاشست خىتايلارنىڭ 1937 - يىلى
7 - ئىيۇل ياپونىيەنىڭ ئومۇمىي ئىشغالىيەت ئۇرۇشىدا بۇرنىغا يېگەن كۈنى بىلەن 1937 - يىلى 7 - ئىيۇل ئابدۇنىياز ئۇيغۇر ئارمىيىسىنىڭ باندىت شېڭ شىسەينى تارىم ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان كۈنى ، شۇنداقلا 1945 - يىلى 7 - ئىيۇل شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيسى ئۈچ سەپتە بىراقلا ئاتلىنىپ ، پەس تاجاۋۇزچى خىتاي ئارمىيىسىنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇشقا ئاتلانغان كۈنىگە ئۇدۇللاپ ئېلان قىلىشى ، شۇ يىلى ياپونلار ئۈستىدىن تارىخىي غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق داغدۇغىسى ئۈچۈن قاتتىق تەييارلىق قىلىپ ، « فاشىزىم ئۈستىدىن تارىخىي غەلىبە قىلدۇق ! » دەپ ئۆزىنىڭ زامانىۋى فاشستلىقىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن 1 - سېنتەبىر كۈنىگە جىددىي ھازىرلىق قىلىۋاتقان باندىتلارنىڭ يېغىرىغا تۇز سەپكەن).

ئەمما ئۇيغۇرلار بىر مىنۇت ، بەزىلىرى بىر ھەپتە ھاياجانلىنىپ قويۇپلا بۇنى ئۇنتۇپ كەتكەن . نەتىجىدە خوشنا ئەللەرنىڭ قوللىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ ئۆزىدىن ھېساپ سورايدىغان بىر يېڭى ئەۋلاد ئۇيغۇرلارنىڭ باش كۆتۈرىشىنى خالىمىغان باندىتلار 2016 - يىلدىن باشلاپ جىددىي ئارخىپ تۇرغۇزۇپ ، تۈرمە سېلىپ ،
2017 - يىلدىن باشلاپ ئازراق ھەق - ناھەقنى ئايرىيالايدىغان ، قولىدا قورال تۇتالايدىغان بارلىق ئۇيغۇر ئەرلىرىنى تولۇق تۇتقۇن قىلدى .
1980 - 1990 - يىللىرى تۇغۇلغانلىق ئەڭ چوڭ جىنايەتكە ئايلاندى . چۈنكى مودىنىڭ گېپى بويىچە بولغاندا ، شۇ. ئىزنى تاپقۇسى ئەۋلادلار دەل شۇلار ئىدى . بىز ھەممە نەرسىنى كېچىكىپ ھېس قىلدۇق، ئېتىراپ قىلدۇق ! ئەمدى خەلقىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى راستىنلا تۈپتىن يوقىتىلىش باسقۇچىنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە كېلىپ قالغاندىمۇ ، چەتئەلدە يەنىلا « داپ - بىلەن دۇتار ، ئۇسسۇل ئوينار قوتار ! » ، « مېنى چاقمىغان يىلان مىڭ يىل ياشىسۇن ! » ، « 2020 - يىلى
ئارتىسلىق يىلى !» دەپ كاكىراپ ئولتۇرساق، ئەمدىكى كېچىكىپ ھېس قىلىش ۋە كېچىكىپ ئېتىراپ قىلىش ئۆزىمىزنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ خالاس .

ئادەمنى كلونلىغىلى بولىدىغان تېخنىكا مەيدانغا كەلدى . شۇڭا ئەڭ قابىل ئۇيغۇردىن بىرنى كلونلاپ بولسىمۇ ، بىراقلا بەش - ئالتە مۇھىم دۆلەت بىلەن ئالاقە ئورنىتىشقا باشلىمىساق، باندىتلارغا تارتقۇزۇپ قويساق ، تېخى « قوڭامدا ئىشتان يوق ئېتىم بۈۋى مەريەم !» دەپ كىبىرلىنىپ ئوپتاساق ، خۇددى ئۆزىنى ئامېرىكا رەھبەرلىرىدەك ھېس قىلىپ « خەخ ھاجىتى چۈشكەندە ئۆزى ئىزدەيدۇ ! » دەپ تولىمۇ تېتىقسىز ۋە كالۋالارچە تەپەككۇر بىلەن ياشاۋەرسەك ، خەخ بىزنى ئەمەس ، بەلكى مەنپەئەت بېرىپ ئىندەككە كەلتۈرۈۋالغان باندىتلارنى ئىزدەيدىغان بولىدۇ .

مودى 1950 - يىلى 17 - سېنتەبىر تۇغۇلغان بولۇپ ، سادىق ھىندى دىنى مۇخلىسى ۋە دېھلى ئۇنىۋېرىستېتىنىڭ سىياسەت بىلىملىرى بويىچە ئاكادېمىك مۇتەخەسسىسى .( بۇ جەھەتتىن مەن ئۇنىڭ بىلەن خەلقئارا ۋە ئورتاق مەسىلىلەرنى كېڭىشىشتە تەڭ تۇرالايمەن ) .
ئۇ ياش ۋاختىدا ھىندى مىللىي ئىدىئولوگىيىسى بىلەن ئۇچرىشىپ ، پىدائىي مىللەتچىلەر گۇرۇھى ( راشتيا ساڭ ) غا ئەزا بولغان . ئۇ تەشكىلات يېرىم ھەربىي تەشكىلات بولۇپ ، ھىندى خەلقىنىڭ ئەڭ ئالىي مەنپەئەتى ئۈچۈن دۆلەت ئەلباشلىرىنىمۇ ساق قويمايدۇ.
شۇڭا ئۇ سىياسەتكە كىرىشىشىتىن بۇرۇنلا ھىمالايا تاغلىرىدا چېنىقىپ ، چارلاش ۋە ئويلىنىش بىلەن روھىنى تاۋلاپ چىققان .
ئۇ 2001 - يىلى 7 - ئۆكتەبىردىن 2014 - يىلى 22 - مايغىچە گوجارات شىتاتىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان . ئۇنىڭ دەۋرىدە بۇ جاينىڭ ئىقتىسادى 2005 - يىلدىن 2012 - يىلغىچە ئۇدا 10.13 لىك. ئېشىشنى ساقلاپ ، تېز ئېشىشتا ئىككىنچىلىكنى ساقلاپ كەلگەن . بۇ تەرىپى ئۇنىڭ 2014 - يىلى 26 - ماي باش مىنىستىر بولۇشىدا زور رول ئوينىغان . ئەمما ئۇ ئاشقۇن ھىندى دىنى مۇرىتى ھەمدە يۇقىرىقى ھىندى مىللەتچى ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن
13 يىل جەرياندا كېلىپ چىققان مىڭدەك ھىندى مۇسۇلماننىڭ بېشىغا چىققان دىنىي زوراۋانلىق ۋەقەلىرىگە قارشى تەدبىر ئالمىغان. ئەكسىچە ھىندى مۇرىتلىرىغا داۋاملىق يۆلەك بولغان . شۇڭا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرى بىر مەزگىل ئۇنىڭغا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن .

مودى 2014 - يىلى 26 - مايدىن ھازىرغىچە ھىندىستان باش مىنىستىرى بولماقتا . ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرۇپتىكى، باندىتلار مودىنىڭ مەن يۇقىرىدا ساناپ ئۆتكەن ، كەشمىرنىڭ ئالىي ئاپتونومىيىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىش ، 500 يىللىق بابۇر مەسچىتىنى چېقىۋېتىپ ، ئورنىغا ھىندى ئىلاھى ئىبادەتخانىسى سېلىش
( خۇددى مەسچىت ئەقسانى چېقىۋېتىپ سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىشقا ئوخشاش)،
ھەمدە يېقىنقى خوشنا دۆلەت كۆچمەنلىرىدىن مۇسۇلمان ئەمەسلەرگە ۋەتەنداشلىق بېرىش سىياسىتى سەۋەبىدىن دەرھال مودىنىڭ ئىسلام دىنىنى يامان كۆرۈش تەبىئىتىدىن ۋە ئاشقۇن ئىدىيىسىدىن پايدىلىنىپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىختا ھىندىستاننى قانداق ئىشغال قىلىپ مىڭ يىل باشقۇرغانلىقىنى ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر ئەشەددىي خەتەرلىك ئىسلام ئاشقۇن كۈچلىرى ئىكەنلىكى قاتارلىق يالغان - ياۋىداقلىرىنى بازارغا سېلىپ ، ھىندىستاننى ھېچبولمىسا ئۇيغۇر خەلقىنى تولۇق يوقىتىپ تۈگەتكىچە ئالداپ تۇرۇشى ئېنىق كۆزگە كۆرۈنمەكتە.

9 - 10 - يانۋار ( پەيشەنبە ، جۈمە ) كۈنلىرى ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان رانبېر سېڭ چوقۇم بۇنداق ئېزىقتۇرۇشقا ئۇچرايدۇ . بىز بەك ساددا ۋە ھاماقەت كىشىلەر چەتئەلگە جۇغلىشىپ قالدۇق . ئىنسانلارنى خۇددى ئۆزىمىزدەك ئاقكۆڭۈل ۋە پەرشتە سۈپەت دەپ ئويلىۋالىمىز ! 21 - ئەسىرگىچە كەلگىنىمىز خۇدانىڭ مۆجىزىسى ۋە تومۇرىمىزدىكى ساپ ئۇيغۇر قېنى ۋە ئۇنىڭدىكى ئون مىڭ يىللىق سىر يوشۇرۇنغان ئۇيغۇرلۇق گېنىدۇر ! ئەمما چەتئەلدە ھەم خۇدادىن ھەم قېنىمىزنىڭ ۋە روھىمىزنىڭ ساپلىقىدىن ۋە يېشىل مىللىي ئۆزلۈكىمىزدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىدە تۇرۇۋاتىمىز ! كىندىك قېنى ۋەتەنگە تۆكۈلگەن ئۇيغۇر بىلەن چەتئەلدە تۆكۈلگەن ئۇيغۇرنىڭ ئاسمان - زېمىن پەرقى بار . ئالدىنقىسىنى ئازراقلا يېتەكلىسەك يېتەر ۋە قېنىغا تېپەر! ئەمما چەتئەلدە تۇغۇلغان بىر بالىنى ھەقىقىي ئۇيغۇر قىلىش ئۈچۈن ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆمرى خورايدۇ.
( ئاتا - ئانىسى ۋە ئەمەلىي ئۈلگە ئۇستازى).

ئىسرائىلىيەنى تارتقۇزۇپ قويدۇق . تولىمۇ ئەپسۇس ، ئۇنىڭ تارىخىي كەچمىشى بىز بىلەن ئورتاق ئىدى . ئاقىۋەت باندىتلار يوق يەردىن سەپسەتە توقۇپ يۈرۈپ ، 941 - يىلى سوڭ خانلىقى زامانىدىلا يەھۇدىلارنى قوينىمىزغا ئالدۇق !، سۇن ۋېننىڭ « يەھۇدىلارمۇ بىزمۇ ئوخشاشلا ئاق تەنلىك ئالۋاستىلارنىڭ ئۇزۇن يىل بوزەك قىلىشىغا ئۇچرىغان ! دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق يوق يەردىن بىر مۇنچە ئورتاقلىقلارنى تىزىپ چىقىپ يۈرۈپ ، ئاخىرى 2018 - يىلى ئىسرائىلىيەنىمۇ « پەلەستىدە جازا لاگىرى قۇرۇپ ، ئەرەبلەرنى سولاشقا قايىلمۇ قىلدى».
سېنىڭ ئىسرائىلىيە مۆتىدىل گۇرۇھلىرى ۋە تارىختا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچرىغان يەھۇدىلارنىڭ ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بايلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ خەلقىڭنى قۇتقۇزۇشقا ئاتلىنىشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئەرەب - ئىسلام دۇنياسىنى زور بالا - قازادىن ساقلاپ قالغىنىڭ.
خىتاي بىلەن دوست بولغان ئىسرائىلنىڭ زىيىنى ئۇيغۇر بىلەن دوست بولغان ئىسرائىلدىن مىليون ھەسسە ئېغىر . سەن ئۇنى تارتقۇزۇپ قويغاچقا، ئەمدى ئۇلارمۇ پەلەستىنملىكلەرنى جازا لاگىرىغا سولاش ھەققىدە غۇلغۇلا قىلىشقا باشلىدى .
دېمەك سەن ئۆزەڭچە :« ئەرەبلەرگە يالغان ياخشىچاق بولماقچى بولۇپ ، ئۇنى خىتايغا تارتقۇزۇپ قويغاچقا ، ئەرەبلەرگە زىيان سېلىشتا سەنمۇ شېرىك بولدۇڭ ! بۇ تارىخىي جىنايەت!» .

ناۋادا ھىندىستاننىمۇ تارتقۇزۇپ قويساق ، بۈگۈن خىتاي بىزنى تۈگىتىدۇ . ئەتە ھىندىلار كەشمىر مۇسۇلمانلىرىنى ، ئۆگۈنلۈككە پاسكىنا ھۆكۈمەت باشقۇرۇپ كەلگەن پاكىستان مۇسۇلمانلىرىنى قىرىپ تۈگىتىدۇ . شۇڭا كالىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھىندىستاننىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن دوست بولغىنى ئەمەلىيەتتە يۇقىرىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ساقلىنىپ قالغىنىدۇر ! دېمەك
خىتاي بىلەن دوست بولغان ھىندىستاننىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ۋە مەركىزىي مۇسۇلمانلىرىغا بولغان زىيىنى ( پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلانلىرىنىڭ
60% ئىنى ئىگىلەيدۇ ) ئۇيغۇر بىلەن دوست بولغان ھىندىستاننىڭ زىيىنىدىن نەچچە ئون مىليون ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ . شۇڭا ئەمدى ھىندىستاننىمۇ دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويۇشقا قەتئىي بولمايدۇ . بۇنداق قىلىش ھەم ئەزىز خەلقىمىزگە خىيانەت ۋە ھەم پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىغا ئالدىن زىيانكەشلىك قىلغانلىق .

خۇلاسە قىلغاندا ، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىپىسى ھەم بەك شەرەپلىك ھەم بەك قىيىن ۋە ئازاپلىق ۋەزىپىدۇر ! ئۇيغۇرلار باندىتلارنى تارمار قىلىش ئارقىلىب يالغۇز ئۆزىنى قۇتقۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى قازاقلار ، موڭغۇللار ، تىبەتلەر ، قىرغىزلار، تاجىكلار ، ئۆزبېكلەر ، تۈركمەنلەر ، ئافغانلار ، پاكىستان ، بېنگال ۋە ھىندىستان مۇسۇلمانلىرى، بەلكى پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسى، ھەتتا ئورۇسلار ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ، ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئامېرىكىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن زور بالا - قازادىن قۇتقۇزۇپ قالىدۇ . ئۇيغۇر خەلقى يوقالسا ، بۈگۈن كېرىيە ھېيتگاھ يوقىلىدۇ ، ئەتە مەسچىت ئەقسا يوقىلىدۇ . ئورنىغا كۇڭزى ئىبادەتخانىسى ۋە سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىنىدۇ . بۈگۈن قاغىلىق جامە يوقالسا ، ئەتە بابۇر ھېيتگاھ جامەسى بىلەن مەدىنە پەيغەمبەر جامەسى يوقىلىدۇ . بۈگۈن سۇتۇق بۇغراخان ئۇل سالغان قەشقەر ھېيتگاھ يوقالسا ، ئەتە مەككىدىكى  ھەزرىتى ئىبراھىم سالغان ھەرەم مەسچىتى يوقىلىدۇ . يىغىپ ئېيتقاندا ئۇيغۇر خەلقى قىيامەتنىڭ ئۆلچىمى ! ئىنسانىيەت يا بىزنى قوللاپ يەر شارىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىپ ، ئەجىلىنى كەينىگە سۈرىدۇ ! ياكى بىزنى ئەڭ ئەشەددىي ئىنسانىيەت دۈشمىنى ، يەر يۈزىدىكى شەيتاننىڭ تەنھا رولچىسى ۋە ئادەم سىياقىغا كىرىۋالغان ئازازۇل ۋە ئىبلىس خىتايلارغا تاشلاپ بېرىپلا قالماي ، بەلكى ئەرەب - تۈرك ھۆكۈمرانلىرىغا ئوخشاش سېتىو - خەجلىگەننى ئاز دەپ ، خۇدانىڭ ئادالەت قامچىسى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قېنىغا شېرىك بولۇشن داۋام قىلىدۇ ، شۇندىلا بۇ ناھەقچىلىققا قارشى ئىلاھىي قەھىر - غەزەپ ساختا مۇسۇلمانلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسانىيەت دۇنياسىدا غايەت زور ۋەھىمىلىك بولغان چوڭ قىيامەتنى قوزغىتىدۇ ! ئۇ كۈنگە قېپقالغان چەتئەلدىكى ھاماقەت ئۇيغۇرلار ۋە باشقا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ ھالىغا ۋاي !!!

ھىندىستان شىمالىي چېگرا قورۇقچى بېگى
گېنىرال لېيتنات رانبېر سېڭنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئاشكارا زىيارەتتە بولغانلىقىغا قارىتا بارلىق ئۇيغۇرلارغا ئاگاھلاندۇرۇش ۋە ئۇيغۇر سىياسەتچىلىرىگە جىددىي چاقىرىق !

كۆك ئەرۋاھ  . 

« تەخىرسىز ئىستراتېگىيە » : كۆك ئەرۋاھ. 

يۇقىرىقى ئەسەردىن تەمىنلەپ بەرگەن غوللۇق مەلۇماتلار ئاساسىدا تەييارلاندى .
 

2020 - يىلى 10 - يانۋار.  سائەت 22:22 ئەندىشىلىك جۈمە كەچ  قاغانبالىق.
36
ئايالىمنى تەنقىد قىلىش يېغىنى
(ھېكايە)
تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

كۈز ئايلىرى  ئۇرۇمچى ھاۋاسنىڭ ئەڭ ياخشى چاغلىرى بولسا كىرەك.
ئەتراپى ئىگىز تاغلار بىلەن قورشالغان تەڭرىتاغ رايونىنى مەركەز قىلغان ھايات چەمبىرىمىز -بىز بىر ئائىلە كىشلىرىنى بۇ تۇپراققا ئۆلمەس مېھىر بىلەن باغلاپ تۇراتتى.بىر تال قىزىمىز ھاياتىمىزنىڭ ئالاھىدە مەناسى ئىدى.
مەسئۇلىيەتچان ۋە مىھىرىبان ئەمما كەسكىن خاراكتىرلىك خانىمىم ھەمىشە ئالدىراش يۇرۇيدىغان مىنى تەنقىد قىلىپلا تۇراتتى.ھەپتە ئاخىرى بولسمۇ  ئۆيگە بۇرۇن قايتىشمنى، ئۇچىمىزنىڭ كۆپرەك بىللە بولۇشىنى دەپ بىشىمنى يەپلا كىتەتتى.مەن ئۆزۇمنىڭ شركەت ئ‍شلىرىنىڭ ئالدىراشلىقى،ئىجتمائى پائالىيەتلىرىمنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ،ئۇنىڭ دىگەنلىرىنى رەت قىلاتتىم.ئۆزۇمنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قەتئى ئىشنەتتىم.مەن دىگەن ئەركەك، ھايات قايناملىرىدا قاينايمەن،كۆرەش قىلىمەن،پۇل تاپىمەن،ئاممىۋى مۇناسۋەت ئورنىتىمەن،ئۇنداق بولمىسا جەمىيەتتىمۇ ئۆيدىمۇ ئىككى پۇللۇقۇم بولمايدۇ دەپ قەتئى يول قويمايتتىم.كىينكى كۇنلەردە ئۇ قەتئى ھالدا «:بىزگە سزنىڭ نامىڭىز كىرەك ئەمەس، پۇلىڭىز كىرەك ئەمەس، مېھرىڭىز كىرەك،ھەمراھلىقىڭىز كىرەك» دەپ كەسكىنلا تۇرىدىغان بولۇۋالدى.بىر كۇنى ئەر-ئايال ئىككىمىز يەنە ئوخشاش تېمىدا تالىشپ، ۋاقىرىشىپ، ئۆينى بېشمىزغا كەيدۇق. ئايالىم مەن ئاڭلاشنى خالىمايدىغان ئىغىر گەپلەرنى قىلدى، مەنمۇ ئۆزۇمنى تۇتالماي قاتتىق ۋاقىراپ كەتتىم. قېزىم قورقۇپ كەتكەن بولسا كىرەك، قولۇمغا ئېسلىپ يىغلاپ كەتتى:«دادا،ئۆتۇنۇپ قالاي،بولدى قىلغىن ».قېزىمنىڭ ئۇ ھالىتىنى كۆرۇپ يۇرىكىم ئېچىشتى، توختىدىم.
شۇ ئاچچىقىمدا ئۆيدىن چىققانچە نازۇكلۇقۇم ۋە مەغرۇرلۇقۇم بىلەن ئۆيگە قايتمىدىم.ئەتىسى قېزىم «قايتىپ كەل دادا،بىزگە سەن بولمىساڭ بولمايدۇ،ئاپام نىمە دىسەڭ ماقۇل دەيدىغان بولدى ،ئاپام ساڭا دىگەن سۆزىگە پۇشايمان قىلدى،ئەمدى سنى تىللىمايدىغان بولدى »دىدى.تىلفۇننى قويۇپ ئۇزۇن ئولتۇرۇپ ئويلىنىپ كەتتىم.دىمىسمۇ ئۇنىڭ دىگەنلىرى توغرىغۇ،مەن ھەم شركەت، ھەم ئىجتىمائى پائالىيەت ھەم ئاغىندارچىلىق دەپ، ئۇلارغا ھەقىقەتەن ۋاقىت ئاجراتمىدىم. ئۇ مەندىن ئارتۇق نەرسە تەلەپ قىلمىدىغۇ؟ پۇل تاپىدىغان ئ‍شقۇ مەيلى، ئەمما باشقا يېغىن ۋە سورۇن ھەممىسى ئائىلىنىڭ ، تاتلىق قىزىمنىڭ، مىھىرىبان ئايالىمنىڭ ماڭا بولغان تەلپۇنۇشى ئالدىدا نىمە ئىدى؟- دىگەنلەر خيالىمدىن كەچتى. ئۇچۇۋاتقان ئۆزۇمنى توختىتىشىم كىرەك ئىدى. ئۆيگە قايتپ كەلدىم، قسقىچە ئەھۋال سوراشتۇق، قېزىم چۇقىراپ بوينۇمغا ئېسلدى.قىزىم بىلەن بىردەم ئوينىغاندىن كىين قىزىمنى سنىماقچى بولۇپ دىدىم:
-«قېزىم،ئاپىڭىز ماڭا بەك قاتتىق گەپلەرنى قىلدى،مەن سلەرنى دەپ جاپا چېكىۋاتسام،مىنى ئۇنداق دىسە بولمايدۇ »،
-قىزىم :توغرا دادا.سنى تىللىسا مىنىڭ كۆڭلۇم بەك يىرىم بولىدۇ.
-ئەمىسە بىز ئۆيدە ئاپىڭىزنى تەنقىدلەش يېغىنى ئاچىمىز،ھەر ئىككىمىز ئۇنى تەنقىد قىلىمىز؟قوشۇلامسز ؟
-ئاپامنى تەنقىدلىسەڭ ئۇۋال بولىدۇ ،دادا!
-بىلىمەن قېزىم ،ئاپىڭىزنى چاقىرىڭ دىدىم ،مەن.
قېزىم ئاشخانا ئۆيدە تاماق قىلىۋاتقان ئاپىسنى مىھمانخانا ئۆيگە چاقىرىپ كەلدى.ئايالىم بېشغا ياغلىق چىگىۋالغان،پەشتامان ئارتىۋالغان بولۇپ،داۋامقىدەك مۇلايىم ۋە كۆيۇمچان ھالەتتە تۇراتتى.چىرايىدىن بىر ئاز جىددى ھەم راھەتسز كۆرۇنەتتى.
مەن گەپ باشلىدىم:
-بۇگۇن قىزىم ئىككىمىز سزنى تەنقىد قىلماقچى. مەيلىمۇ؟
-مەيلى،نىمە دىگۇڭلار بولسا دەۋىلىڭلار بولدى،
-خوش، ئۇنداقتا مەن بىر جۈملە، بانۇ بىر جۈملە تەنقىدلەيدۇ. مەن ئاۋال باشلايمەن.باشلىدىم ئەمىسە :سز ناھايتى كۆيۇمچان ئايال.
ئايالىم بىر ئاز ھەيران قالدى. چىرايىغا دەرھال خوشاللىق يۇگۇردى.
قېزىممۇ مەن  باشلىغان «تەنقىد»ئۇدارىغا ئەگەشتى: ئاپا،سەن بەك ياخشى.
نۆۋەت مەندە ئىدى: سز بەك مەسئۇلىيەتچان، بەك جاپاكەش دىدىم مەن ئاۋازىم بىر ئاز تىترەك ئارىلاش.
ئۇنىڭ كۆزلىرى بىر ئاز خىرەلەشتى. ئايالىم ئەمدى بۇنىڭ تەنقىد يېغىنى ئەمەسلىكىنى چۇشەندى.
قېزىم: ئاپا،سەن تاماققا بەك ئۇستا.
مەن:«جاپا چەكتىڭىز،سزنىڭ دىگەنلىرىڭىز توغرا، مىنى كەچۇرۇڭ» ئاۋازىم بوغۇلۇپ قالدى.
ئايالىم يۇزىنى توسۇۋالدى، ئۇ يىغلاۋاتقان ئىدى.مەن دەرھال قولۇمدىكى سومكىدىن ئۇنىڭ ئۇچۇن ئالغان بىر شارپا ۋە قېزىل كۆڭلەكنى ئالدىمدە، شارپىنى ئۇنىڭ بوينىغا ئارتىپ قويدۇم.ئۇ شارپىغىمۇ قارىماستىن يېغلاپ تۇرۇپ ماڭا ئېسلدى. قېزىم ئتتىكلا يېنىمىزغا كەلدى، ئۇمۇ يىغلاۋاتقان ئىدى، مەن نەپىسم بوغۇلۇپ،ئۆپكەم ئۆرۇلدى،بۇرنۇم ئىچشىپ،كۆزلىرىم نەملەشتى،ئاۋازىمنى  تۇتۇۋىلىپ، ئۇلارنى باغرىمغا باستم.

















37
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇلۇسچى دوستلار،

مەن ئۇلۇس تالاش تارتىشىشىغا ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بېرى ئارلاشمىدىم ۋە ئارىلاشمايمەن. چۈنكى مەن ئايىقى چىقماس تالاش تارتىشىش قىلىشتىن ئەمەلىي خىزمەت قىلىشنى ئەلا دەپ بىلىمەن. ھەم بۇنداق ئايىقى چىقمايدىغان تالاش تارتىشىشلار تارىختىن بېرى كۆپ بولغان ۋە بۇنىڭدىن كىيىن بولىدىغانلىقىغا ھېچ ھەيران قالمايمەن. ئەمەلىي خىزمەت قىلىش مىنىڭ پىرىنسپدۇر.

بۈگۈن #ئۇيغۇرلار تارىختىكى ئەڭ ئېغىر بىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتىدۇ. مەن ھازىرىنىڭ ئۆزىدە قانداق قىلغاندا مىللىتمنىڭ دەردىگە دەرمان بولىمەن، پەرزەنتلىك قەرزىمنى ۋە ئىمانىي مەسئۇلىيىتىمنى ئادا قىلالايمەن دېگەندىن باشقىسىنى ئويلىيالمايمەن.

بەزى دوستلارنىڭ ئۇلۇس پىكىرىگە ئاۋاز قوشمىغانلىقىم ئۈچۈن، ماڭا ۋاكالىتەن پىكىر قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرگەندىن كىيىن ئازراق ئىزاھات بىرشنى توغرا كۆردۈم.

قاراڭ دوستۇم، سىزلەر خىتاي ئىشغالىيىتىدىكى شىنجاڭغا ( ئەينى دەۋرىدە شۇنداق ئاتايتىڭلار ھەم شۇنداق ئاتشىغا ماقۇل بولمىساڭلار يۇرتىمىزغا بېرىپ كىلەلمەيتىڭلار) شەخسىي مەنپەئىتىڭىزلار ئۈچۈن قوغۇنلۇقنىڭ يولىدەك قاتراپ يۈرگىنىڭىزدە، مەن تاجاۋۇزچى خىتاي ئانا ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالدى دەپ چەتئەل تىلىدا ماقالىلەر يازدىم ۋە تور بىكەتلەرنى ئاچتىم. شەرقىي تۈركىستان ۋە #ئۇيغۇر ئىسىملىرىنىڭ خەلقئارادا تونۇلۇشىغا كۆپ خىزمەتلەرنى قىلدىم. چەتئەل تىلى بىلمەيدىغانلار، داۋانى ئۇيغۇرلارغىلا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان دوستلار ۋە ياكى مىللى داۋايىمىزغا ئىككى يىلىدىن بېرى قېتىلغانلار بىلەلمەيسىلەر، شۇڭا ماڭا ماس كەلمەيدىغان قالپىقىڭلارنى كەيدۈرۈپ ئاۋارە بولماڭلار.

دۆلەت ئىسمى #ئۇيغۇرىستان بولامدۇ ۋە ياكى شەرقىي #تۈركىستان بولامدۇ، بۇ بۈگۈن مەن تالاش تارتىشىش قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۈگۈن قەلبىمنى يىغلىتىۋاتقان مەسىلە يوقۇلۇپ كېتىش گېراداۋىغا قاراپ كېتىۋاتقان مۇسۇلمان ئۇيغۇر مەسىلىسىدۇر. غەربىي تۈركىستاندىكى مىللىي دۆلىتىنى قۇرغان تۈركىي خەلقلەر ئنشائاللاھ ساقلىنىپ قالىدۇ.

شەرقىي تۈركىستاندىكى / ئۇيغۇرىستاندىكى ئاساسىي مىللەت ئۇيغۇرلاردۇر. ئۇيغۇرلار ئەڭ ئىلگىرى شەھەرلەشكەن ۋە دۆلەت قۇرغان بىر مىللەتتۇر.شۇ تۇپراقنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھەققىي ئىگىسدۇر. ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي تارىخ لوغىتىدە ئىرقچىلىق دىگەن بىر سۆز مەۋجۇت بولغان ئەمەس.

ئۇيغۇرلارنىڭ نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى شەرقىي تۈركىستاندىكى / ئۇيغۇرسىتاندىكى باشقا تۈركىي خەلقلەرنى قوينىغا ئېلىپ ياشىغانلىقى بىر تارىخي ئىسپاتتۇر. ھەتتاكى بۇ مىللەت كەڭ قورساقلىقىدىن مەنچىڭ مانجۇ خانىدانلىقىدىن قېچىپ كەلگەن كەلگۈندى خىتايلارغا ياشاش ھوقۇقى بىرىپ ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكىدەك بىزنى مۇستەملىكە قىلىپ ياشاشقا يول ئېچىپ بەرگەندۇر.

ئۇيغۇرلۇق ۋە ياكى تۈركىي خەلقلەر كىملىكى ئىسلامغا زىت ئەمەستۇر. كىمكى بۇ ئىككى ئاساسىي ئامىلنى بىر - بىردىن ئايرىشقا ھەرىكەت قىلىدىكەن توغرا قىلمىغان بولىدۇ ۋە خەلقىمىزنىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ.

خۇلاسە : مەسىلىلەرگە بولغان كۆز - قارىشىمىزنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى تەبئىي. باشقىلارغا سەنمۇ مەندەك ئويلىشىڭ ۋە پىكىر قىلىشىڭ كېرەك دېيىش دىكتاتورلۇقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. مەن بۇ يولدا ئەمەلىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقان قېرىنداشلار ۋە دوستلار ھەققىدە ياخشى گۇمان قىلىمەن. شۇڭا دوستلىرىم مىنى تەگلىك قىلىپ ئاۋارە قىلماڭلار. مەن نۆۋەتتە ئۆزۈم زۆرۈر دەپ قارىغان ئىشىمنى قىلىۋىرەي ، سىزلەرمۇ قىلىۋېرىڭلار. بۈگۈن قەلەم كۆرىشى قىلغان بولساق ، كەلگۈسىدە ئاللاھ خالىسا ھاياتلا بولساق تاجاۋۇزچى جىنايەتچى خىتايلارنى سوتلايدىغان جەڭ مەيدانىدا ئۇچرىشايلى.
38
ئۇقۇملاردا قايمۇقۇش ۋە مىتافىزىك سىياسەت

ئۇمۇن

ئىتنىك، ئۇلۇس،  مۇستەقىللىق... دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ دەبدەبىسى كىشىلەرنىڭ سىياسىي ئارزۇسىنى قاندۇرۇپ، سىياسىي چۈشكۈنلۈكتىن كىلىپ چىققان روھى ئاچلىقىغا تەسەللى بۇلۇشتىن باشقىغا يارىمايۋاتقانلىقى كىشىنى ئىچىندۈرىدۇ.
تاياقنى بولىشىغىچە يەپ، يۈزى ـ كۆزى قانغا مىلىنىپ ياتقان ئايالنىڭ ئۆيىدە لىبرال فەمىنىزىم بىلەن رادىكال فەمىنىزىمنىڭ پەرقىنى چۈشۈنۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشىدىن ئۆتە ھەجىۋى ھالەت بولمىسا كىرەك.
ئەلۋەتتە، ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي ئاتالغۇلارنى چۈشۈنۈش ۋە ئۈگۈنۈش موھىم. لىكىن تاياق يەۋاتقان چىغىڭىزدا دەبدەبىلىك ئۇقۇملارنى تالاش ـ تارتىش قىلىشنىڭ تاياقتىن قۇتىلىشىڭىزغا پايدىسى يوق. تاياقتىن كىيىنكى ئەھۋالىڭىزنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ، تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇلىرىڭىز بىلەن باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇر ۋە ئارزۇلىرىنى جەڭگە سىلىشىڭىز سىزنى كىلىۋاتقان پەشۋادىن قوغداپ قالالمايدۇ.
مۇستەقىللىق، ئاپتونومىيە، فىدراتسىيە دىگەندەك ئۇقۇملار تاياق توختاپ سىزگە تاللاش پۇرسىتى بىرىلگەندە تالىشىدىغان ئۇقۇملار، ئىتنىك ياكى ئۇلۇس دىگەندەك تىرمىنلار دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدا تارتىشىدىغان تىمىلار.
مۇش ـ پەشۋادا ئۆلۈپ كىتىش ئىھتىماللىقىڭىز يوق ئەمەس. ئۆلۈپ كەتسىڭىز مۇستەقىللىقنىڭمۇ، فىدراتسىيە ياكى ئۇلۇس ئۇقۇملىرىڭىزنىڭمۇ ئەھمىيىتى قالمايدۇ.
ھازىر تاياق يەۋاتقىنىمىزنى قۇبۇل قىلىپ تاياق يەۋاتقان رىئاللىقىمىزنى ئاشكارلاپ، تاياقنى توختۇتۇش ئەڭ موھىم خىزمەت نىشانىمىز بولىشى كىرەك. شۇڭا ئۇقۇم تالىشىشنىڭ، سىياسىي ئىرادىلەردە مۇسابىقىلىشىشنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيىتى يوق.
مۇستەقىللىق، فىدىراتسىيە، ئاپتونومىيە دىگەندەك سىياسىي ئىرادىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئىچىنىشلىق ۋەزىيىتى خەلقارا جەمئىيەت تەرىپىدىن تەستىقلىنىپ، خەلقارا سىياسىي سىستىما تەرىپىدىن ئۇيغۇر رايونىنىڭ سىياسىي ئورنى تالاش تارتىشقا ئىچىلمىغۇچى چەتئەلدىكى تۆت ئۇيغۇر، بەش-ئالتە تەشكىلاتىنىڭ يۇقارقىدەك سىياسىي ئارزۇلىرى ھىچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتمايدۇ، ھىچقانداق ئەھمىيەت تەشكىللىمەيدۇ.
ئۇلۇس،ئىتنىك دىگەندەك ئۇقۇملارنى (شەرقى تۈركىستان,ئۇيغۇرىيە ياكى ياكى ئۇيغۇر رايونى)دىكى جەمىيەتنىڭ ئىدولوگىيىلىك بىرلىكىنى ئىنشاھ قىلىشتا ئۆلچەم قىلىش مەسىلىسى سىياسىي جەھەتتىن ئۆز_ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان سىياسىي كۈچ(دۆلەت) تەلەپ قىلمىغۇچە ياكى دۆلەتنىڭ تەشكىللىشى بولماي تۇرۇپ «ئۇلۇسمۇ،ئىتنىكمۇ» دەپ ئويلىشىڭىزنىڭ ياكى تالاش تارتىش قىلىشنىڭ مەنىسى يوق. دۆلەتنىڭ سىياسىي ھاكىممۇتلەقلىقى بولماي تۇرۇپ،ئۇلۇس ئىتنىك، دىگەندەك ئۇقۇملارنىڭ رىئال قىممىتىمۇ يوق.
بىر تەشكىلاتىنىڭ ياكى سىياسىي داۋانىڭ ئۇلۇس ياكى ئىتنىك دىگەندەك جەمئىيەتنىڭ سىياسىي كاتوگورىيىسىنى تاللاش مەجبۇرىيىتى يوق. چۈنكى سىياسىي داۋا ياكى تەشكىلات دۆلەت ئەمەس، سىياسىي داۋا سىياسىي پائالىيىتىنى، تەشكىلات پائالىيەت تەشكىللەش فۇنكىسىيىسىنى تولۇق جارى قىلدۇرىشى ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى.

سىياسى ئىرادە مىتافىزىك تونغا ئورالغاندا، سياسىي تەدبىرىڭىز دوگمىلاشقان بولىدۇ. ھەرخىل سىياسىي ئاتالغۇلار، سىياسىي نەزىرىيىلەر بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس. بىز سىياسىي نەزىرىيىلەرگە ياكى سىياسىي ئاتالغۇلارغا چوقۇنۇش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەت قىلمايمىز. ئەكسىچە سىياسىي پائالىيىتىمىزنى ئۈنۈملۈك قىلىش ئۈچۈن ئاتالغۇلاردىن، سىياسىي نەزىرىيەلەردىن پايدىلىنىمىز.
 سىياسىي نىشانغا يىتىش ئۈچۈن سىياسىي پائالىيەتنىڭ سىستىمىلىشى ۋە كەسپىيلىشىشى شەرت. سىياسىي ئاتالغۇ ۋە سىياسىي نەزىرىيىلەر نىشان ياكى نەتىجە ئەمەس، سىياسىي نىشانىمىزغا يىتىشتىكى ۋاستە.
ھەرقانداق سىياسىي ۋەقە ياكى ئىجدىمائىي مەسىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەل قىلىش ئۇسۇلى ۋە ئۆز ئىچىدە لوگىكىسى بولىدۇ. بىر سىياسىي ۋەقەنى ياكى ئىجدىمائىي مەسىلىنى باشقا ئىجدىمائىي ۋە سىياسىي مەسىلە بىلەن سىلىشتۇرۇپ ئوخشىماسلىقلارنى پەرىقلەندۈرۈش كىرەك، لىكىن ھەرقانداق سىياسىي ۋەقە ياكى ئىجدىمائىي مەسىلە، ئۆزىدىن باشقا ھەرقانداق مەسىلىدىن پەرىقلىق. تارىخنىڭ تەكرارلانمايدىغانلىقىنى، ھەرقانداق سىياسىي ۋە ئىجدىمائىي مەسىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ھەل قىلىش ئۇسۇلى ياكى لوگىكىلىق جەريانى بولىدىغانلىقىنى ئاڭقىرىش لازىم.
شۇڭا سىياسىي ۋەزىيىتىمىزنى كۈزەتكەندە ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدىگەندە سىياسىي نەزىرىيە ۋە سىياسىي ئاتالغۇلارنى خۇدالاشتۇرىۋىلىشتىن ساقلىنىش لازىم.

مۇستەقىللىق،  ئاپتونومىيە دىگەندەك سىياسىي ئىرادە ياكى ئىتنىك، ئۇلۇس دىگەندەك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئىجدىمائىي مودىلىنى تەشكىللەش جەريانى ھازىرقى ئۇيغۇر سىياسىي كىلىماتىنىڭ رىئاللىقىدىن ئىنتايىن ئۇزاق.
ئۆزىنىڭ تاياق يەۋاتقىنىنى دۇنياغا تولۇق ئاڭلىتالمىغان بىر گۇرۇپنىڭ سىياسىي ئىرادىسىگە تاللاش سۇنغان بىر سىياسىي كۈچ مەۋجۇت ئەمەس، قۇرۇلمىغان دۆلەتنىڭ ئىجدىمائىي مودىلىنى تەشكىللەش ئۇرىنىشى رىئاللىقتىن چەتنىگەنلىك. سىياسىي ئاتالغۇلارنىڭ سىياسى قىلىقلىرىمىزنى مىتافىزىك ۋە دوگما خارەكتىرگە نىقتاپ قويىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق، رىئال ۋەقەلەرگە، رىئال مەسىلىلەرگە رىئال مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش لازىم.
رىئال ئەھمىيىتى ياكى رىئال نەتىجىسى بولمىغان ھەرقانداق سىياسىي ئاتالغۇ ۋە سىياسىي ھەركەت ئەھمىيەتسىزدۇر.
ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ خىتاينىڭ توتالىتەر سىستىمىسى تەرىپىدىن ئىتنىك قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى خەلقاراغا ئاڭلىتىش ۋە خەلقارادا كۈچلۈك جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىش بىردىن بىر رىئال خىزمىتىمىزدۇر.
رىئال ئۈنۈم ۋە رىئال نەتىجىنى قوغلاشماي، دەبدەبىلىك ئۇقۇملار ئارىسىدا ئۆزىنى بوغۇش ئەقىل بىلەن كۈرەش قىلىۋاتقان مىڭىنىڭ ئىنكاسى.
مۇستەقىللىق سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز، ئاپتونومىيە ياكى فىدراتسىيەمۇ سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز لىكىن مەۋجۇت ۋەزىيەتنىڭ سىزدىن تەلەپ قىلىدىغىنى سىزنىڭ سىياسىي ئىرادىڭىز ئەمەس. بەكى سىز ئۇچراۋاتقان سىياسىي زۇلۇمنىڭ رىئاللىقىنى قانچىلىك ئاشكارلىيالىغىنىڭىزدا.
خىتاي دۆلەت سىستىمىسىنىڭ خارەكتىرى ئۇيغۇر قاتارلىق ئىتنىك گۇرۇپلارنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىنكار قىلىدۇ. سىز مىليارتتىن كۆپ خىتاينى دۈشمەن ھالىغا ئورنىتىۋىلىش ئارقىلىق ھىچقانداق نەتىجىگە ئىرىشەلمەيسىز. لىكىن خىتاينىڭ كۈلتۈرى، خىتاينىڭ قانۇنى، خىتاي جەمىيىتىنىڭ كومىنىستىك دۆلەت دىكتاتورلىقى ئاستىدىكى رىئاللىقى، خىتاينىڭ دۆلەت سىستىمىسى، خىتاينىڭ ئاخباراتى، خىتاي دىكتاتورلىقىدىكى تارىخ پەلسەپەسىنىڭ سىياسىي تەرەپبازلىقى قاتارلىق تەرەپلەرنى تەنقىت قىلسىڭىز بولىدۇ. شەخىسنى ياكى مىللەتنى ئەمەس، شەخىس ۋە مىللەتنىڭ پۈتۈن تەنقىت قىلىنىدىغان تەرەپلىرىنى رىئال ۋە ئىلمىي نۇقتىنەزەردە تەنقىت قىلسىڭىز تامامەن بولىدۇ.
دىمۇكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرى مودا دەۋىردە دىمۇكراتىيەنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئۇقۇملىرىنىڭ رىئاللىقىمىزنى ئاشكارلاش پوتانسىيالىدىن تولۇق پايدىلىنىشىمىز لازىم.
يىغىنچالىغاندا سىياسىي مۇساپىمىزدە بىزگە مۇستەقىللىق ياكى ئاپتونومىيە دىگەندەك چىگرالىرى ئىنىق بەلگىلەنگەن تاللاش سۇنىلىشى ئىھتىماللىقتىن ئىنتايىن يىراق. تىخىمۇ مۇرەككەپ سىياسىي جەرياندا تىخىمۇ پىراتىك تاللاشلارغا دۇچ كىلىمىز ياكى مەجبۇرلىنىمىز. باسىدىغان مۇساپىنى ۋاقتى كەلمىگۈچە بىلگىنى بولمايدۇ. ئىتنىك ياكى ئۇلۇسقا ئوخشاش دۆلەتنىڭ ئىدولوگىيىلىك بىرلىكىنى ئىنشاھ قىلىش جەريانىنى ئانالىز قىلىشمۇ ھازىرقى رىئاللىقىمىزغا نىسبەتەن ئىنتايىن فانتاستىك. ئالدىمىزدا ئەمەلىيلەشمىگەن بىرمۇنچە ۋەقە بار، ئۆچرەتنىڭ ئالدىدىكى ۋەقەلەرگە دىققىتىمىزنى يىغماي پارالىل رىئاللىقتىكى خىيالىي مەزمۇنلارغا كۆڭۈل بۆلۈپ نەتىجىگە ئىرىشكەن بولمايدۇ.
سىياسىي پائالىيەتلەردە دەبدەبىلىك ئۇقۇملارنى تەكرارلاپ مۇتىخەسىستەك كۆرۈنگىنى بولۇش ئەلۋەتتە مۇمكىن. ھەقىقى مۇتىخەسىس، ھەقىقى زىيالىيلارنىڭ ئوبرازىنى ئوغۇرلاش ئارقىلىق غەلبە قازانغاندەك تۇيغۇغا چۆمۈلۈپ، دۆتلىكى سەۋەپلىك پارچىلانغان ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىگە  تەسەللى بىرىش ئارقىلىق ھاياتىنى مەنىلىك قىلىشقا تىرىشىدىغان كىشىلەر مەۋجۇت. بۇ خىل پىسخىك دىۋەڭلەرنىڭ چۈشەنمىسىمۇ ياتلىۋالغان ئۇقۇملىرىغا ھەيرانلىق بىلەن مۆلدۈرلەپ، ھاياجانلىنىدىغان كىشىلەرمۇ كۆپ.
مۇھىم بولغىنى رىئاللىقنىڭ ئىچىدە ياشاش. ئەلۋەتتە ئىلمىي نۇقتىنەزەردە ئىشلەتكەن ئۇقۇملارنىڭ ئاساسى خاراكتىرىنى چۈشۈنۈش،توغرا ئىزاھات بىرىش لازىم. بۇنۇڭلۇق بىلەن بىرلىكتە ئۇقۇملارنىڭ جەمىيەتنىڭ رىئاللىقى بىلەن توغرا كوردىنات قىلىنغانلىقىنى تەستىقلىغۇدەك بىلىم بولۇشى كىرەك.
39
مۇشۇنداق مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغان،ئۇيغۇر مىللى مەنپەئىتىنى ئەڭ ئۇستۇن ئورۇنغا قويىدىغان كىشلەر لازىم.بىزنىڭ باشقا دۆلەت،باشقا رەھبەر،باشقا پارتىيەلەرنى ئاقلاش ۋەزىپىمىز يوق،ئىزىلىش،خورلاش،قىرغىنچىلىققا ئۇچراتقان مىللىتىمىزنى قۇتقۇزۇش مەسئۇلىيتىمىز بار.
40
ئاقسارايدا:  ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇش بولغاندەك قىلىدۇ
        نۇرى مۇساباي
پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويۇشى ۋە بولتوننىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرغا ئائىت جۈملىلەرنىڭ تارقىلىشىدىن بولىۋاتقان مۇنازىرلەردىن ھەس قىلغانلىرىم

6-ئاينىڭ 17-كۇنى پىرىزدېنت ترۇمپ ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا قول قويدى. بۇنىڭ بىلەن 3 يىلدىن بەرى ئامېرىكا كوڭگىرىستا لوبىيچىلىق قىلىپ يۈرگەن، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ۋە پۈتۈن تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغىن قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇرلار  ئۇچۇن خوشاللىق بىر كۇن بولدى.

پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن خوش بولدى.  ئۇئائا نىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى بىلەن ۋاشىڭتون شەھرى ئەتراپىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار يامغۇرغا قارىماي، ئاق ساراي ئالدىغا يىغىلىپ، پىرىزدېنت  ترۇمقا، ئامېرىكا كوڭرەسىغا، ئامېرىكا خەلقىگە رەخمىتىنى بىلدۇرۇپ نامايىش قىلدى.

ئۇئائا 6-ئاينىڭ 17-كۇنىنى ئۇيغۇر-ئامېرىكا دوستلۇق كۇنى قىلىپ بېكىتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

پۇتۇن ئۇيغۇرلار بۇ غەلىبىنى ناھايىت خوشاللىق بىلەن ھەرخىل ئۇسۇلدا تەنتەنە قىلىشتى.  ھەتتا بۇ غەلىبىدىن كىملەرنىڭ نەسىۋىسى بارلىقى ھەققىدە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تالاش-تارتىشلارمۇ بولدى . غەلىبىنى تالىشىشقا ئوتتى.

بەك تەسلىكتە ئېرىشىلگەن بۇ ئازغىنا  نەتىجىدىن  دۇنيادىكى ھەتتا ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارمۇ خوش بولۇپ تەنتەنە قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،  ئاقساراينىڭ سابىق مەسلىھەتچىسى بولتوننىڭ  "ئاقسارايدا ئوتكۇزگەن كۇنلەر" دىگەن كىتابىنىڭ نەشىردىن  چىققانلىق خەۋىرى تارقالدى.  بولۇپمۇ  كىتابتىكى ئۇيغۇرلاغا مۇناسىۋەتلىك بىر جۇملىنىڭ  ئامېرىكا مەدىيالىرىدا كەڭ تارقىلىشى  ترۇمپنىڭ  ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويشىدىن ھوزۇرلىنىپ ئىچىۋاتقان قەھۋەلىرىمىزگە تۇز سەلىۋەتكەندەك بولدى.  ئىچىمىز ئاچچىق بولۇپ كەتتى.  سىياسەتنىڭ ئىككى يۇزىنى كورۇپ، ئامېرىكا ھوكۇمىتىنىڭ توغرا يۇزىنى ئىزدىگىلى تۇردۇق. كىمنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى سۇرۇشتۇرمەيلا، ئەلەملىك ئاچچىققا چىدىماي  شىرىن خىياللىرىمىزنى بۇزىۋەتكەن  بولتوننى خائىن دەپ تىللىغانلارمۇ بولدى.

بۇ خەۋەر دۇنياۋى خەۋەر بولدى.  ئۇيغۇرنى بىلمىگەنلەر بىلدى. ئۇيغۇرنىڭ بېشىدا تراگىدىيەلەر ئويلىنىۋاتقانلىقىمۇ ئوتتۇرىغا چىقتى.

بىر ھەپتە بولدى ئامېرىكىدىكى رادىئو، تېلىۋىزور، گەزىتلەردە بۇ تېما ھەققىدە نۇرغۇن مۇلاھىزە، ئانالىزلار بولۇۋاتىدۇ.

بۇ ئانالىزلارنى  ئانالىز قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىغا پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئىمزا قويىشى بىز ئۇچۇن بىر غەلبىمۇ؟  دىگەننى ئويلۇشۇپ باقايلى.

مەنچە بۇ غەلىبە ئەمەس، بىز تېخى ھىچ بىر  غەلىبىگە ئەرىشمىدۇق.  ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىڭ رەسمىي بىر قانۇن بولغىنى  ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بىر ناھەقچىلىكنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى،  گەرچە مىللىي قىرغىنچىلىق دىمىگەن بولسىمۇ، ئۇ يەردە بىر قىرغىننىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ئامەرىكىنىڭ ئەتىراب قىلغانلىقى بولىدۇ.  زۇلۇمنڭ ئەتىراب قىلىنىشى بولدى.  ۋەتەندىكى خەلىقنىڭ ھالىدا ھىچ بىر  ياخشىلىنىش كورۇنمىدى. غەلىبىدىن  تېخى بىشارەت يوق.  ئەگەر قانۇن ئىجرا قىلىنسا  غەلىبىنى  ئالدىمىزدا كۆرۇشۇشىمىز مۇمكىن .  شۇڭا بۇ قانۇننى ھازىرچە  بىر نەتىجە دىگىنىمىز ياخشى.

بۇ نەتىجىنىڭ بارلىققا كەلىشىدە يالغۇز بىر- ئىككى كىشى ياكى بىر- ئىككى تەشكىلاتنىڭ خىزمىتىلا سەۋەب بولغان ئەمەس.

نەتىجىنىڭ بارلىققا كەلىشىدە:

ئاتا-ئانىسى، باللىرى ياكى قەرىنداشلىرى لاگىرلارغا، دارىلتاملارغا قامىلىپ، ئەركىن دۇنيادا تۇرۇپمۇ سۆز قىلىشتىن قورقۇپ، قەلىبلىرىدىن ئەلەملىك يىغلاپ، ئاللاھقا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلغانلار؛

تۈرمە ، لاگىرلاردىكى ئۇرۇق -تۇققانلىرىنىڭ رەسىملىرىنى كۆتۇرۇپ، پۇتۇن ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا سۆزلەپ يۈرۈپ  تارقاتقانلار؛

رادىئو، تېلىۋىزور، گەزىتلەرگە سوزلىگەنلەر؛  ئامېرىكنىڭ كوڭگىرىسگە كىرى، ئىشىكمۇ-ئىشىك چېكىپ، ئۇيغۇرنىڭ دەردىنى ئاڭلاتقانلار؛ ئىسسىق-سوغۇق دىمەي دۇنيانىڭ ھەممە يەرىدە  نامايىش قىلغانلار؛  ئىمزا توپلىغانلار، تېلىۋىزورلاردا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ  بەس مۇنازىرە قىلغانلار؛  ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى ھەر تۈرلۈك تىللارغا تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقان ئۇن-تىنسىز نامسىز تەرجىمان، ئاخباراتچىلارنىڭ تىنىمسىز ئەمگەكلىرى؛  ئۇنىۋېرسىتلەرگە بېرىپ نۇتۇق سوزلىگەنلەر؛  لاگىردىن ئامان چىققان تىرىك شاھىتلارنىڭ گۇۋاھلىرى قاتارلىق نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تۆھپىسى، ھەسسىسى بار.

بولۇپمۇ ۋەتەندە قۇربان بولغان، غايىپ بولغان، تېخىچە لاگىرلاردا قامىلىپ ئازاب چەكىۋاتقان مىللىيونلارچە خەلقىمىزنىڭ قۇربانلىرى ئاساسلىق پاكىت، دەلىل بولۇپ، بۇ نەتىجىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدە ئاساسلىق رول ئوينىغان.  شۇڭا نەتىجىنى تالىشىش ئەمەس، ئۆز ئارا بىر -بىرىگە ئۆتۈنۇش ئۇچۇن ھەركەت قىلغان ياخشى.

پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ 6-ئاينىڭ 17-كۇنى ئۇيغۇر قانۇنىغا ئىمزا قويۇپ، ئۇنى رەسمىي قانۇن دەپ ئېلان قىلغان كۇنى، بولتوننىڭ كىتابىدىكى ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك يەرلىرىدىن ئۇزۇندىلەرمۇ تەڭ تارقالدى.

ترۇمپ بولتوننىڭ كىتابىدا دىگەنلىرىنى يالغان، ئۇنىڭ كىتابىدا نۇرغۇن مەخپىي مەزمۇنلار بار، بۇلار  دۆلەت بىخەتەرلىكىگە مۇناسىۋەتلىك مەخپىي ماتىرياللار،  شۇڭا بۇ كىتاب نەشىر قىلىنماسلىقى كېرەك دەپ، 6-ئاينىڭ 23-كىنى تارقىلىش ئالدىدا تۇرغان كىتابنى تارقاتماسلىق ئۇچۇن سوتقا ئەرز قىلدى. ئەمما سوت ترۇمپنىڭ ئەرزىنى رەت قىلىپ، كىتابنىڭ تارقىلىشىغا رۇخسەت قىلدى.

بىر ھەپتىدىن بۇيان ئامېرىكا رادىئو، تېلىۋىزور، گېزىتلەردە بۇ ئىككى مۇھىم شەخسنىڭ سۆزلىرى ھەققىدە مۇنازىرلەر داۋام قىلىۋاتىدۇ.

بولتون يالغان سۆزلەۋاتامدۇ؟

ياكى تىرۇمپمۇ؟

نىمە ئۇچۇن دېگەن سوئاللار ئاساسىدا مۇلاھىزىلەر بولدى.

مۇلاھىزە قىلغانلار ئامېرىكا ھۆكۇمىتىدە خىزمەت قىلغان سابىق  دىپلوماتلار، ئۇنىۋەرسىتلارنىڭ پروففسسورلىرى، بولتوننىڭ دېموكىراتلار پارتىيەسىدىن  سابىق  خىزمەتدىشى قاتارلىق سابىق سىياسىئون، دېپلوماتلار بار.

ئۇلارنىڭ ئانالىزىچە بولتون يالغانچى ئەمەس.  ترۇمپ خىتتاي بىلەن سودا ئويىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەققلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئانچە ئېتىبار بەرمىگەن دەيدۇ.

ئۇلار بۇ ئىككى شەخسنىڭ خارەكتىرى، ئۆتمۇشىگە قاراپ يەكۇن چىقىرىۋاتىدۇ.

ترۇمپنىڭ خاراكتىرىدىن:

تۇرمپ بىر سودىگەر، ئۇ ئوزىنىڭ دەۋاتقان گەپىنىڭ سىياسىي ئارقا كورۇنۇشىنى دەرھال پەرەز قىلالمايدۇ، ياكى پەرز قىلمايدۇ.  ئۈستەلدە مۇزاكىرە بولىۋاتقان  سودا، تىجارەت  توختاملىرىدىن  ئىگە بولىدىغان نەتىجىنىلا ئويلايدۇ. ئۇ بىر سوزنى قىلىشتىن بۇرۇن، شۇ سوزىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردىن مەسلىھەتچىلىرىدىن بىلگە ئالمايدۇ.  بەك ئويلاشمايلا  ئىتتىك جاۋاب بەرىش خاراكتىرى بار.  خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا سولاش ئىشىدا خىتتاي بىلەن ئېلىپ بەرىۋاتقان سودا كېلىشىمىدە خىتتاينى ئۆزەمنىڭ دېگىنىگە ماقۇل كەلتۈرىمەن دەپ، شىجىنپىڭنىڭ تەكلىپىگە ئويلىمايلا ماقۇل دەپ قويغان ۋە كېيىن بۇ ئىشنىڭ  قانچىلىك راست-يالغانلىقى ھەققىدە ئىزدىنىش ۋە سۈرۈشتە ئېلىپ بارمىغان  دەيدۇ.

يەنە  تۇرامپ پىرىزدېنت بولۇش ئۇچۇن سايلام كومپانىيەسى باشلاتقاندىن تارتىپ، مۇسۇلمانلارغا قارىتا ياخشى سۆز قىلمىغان. ئامېرىكا مەنپەئەتى بىرىنجى دېگەننى كۆپ تەشۋىق قىلدى.  ئىسلاموفوبىيە، كۆچمەنلەرنى ياخشى كۆرمەيدىغاندەك سوزلەرنى  قىلغان.

ترۇمپنىڭ سابىق تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىك تەللەرسون  ئاسىيادىكى بىر يىغىندا ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىدە ئىنسان ھەقلىرىنى باھانە قىلىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئانچە ئارلاشمايدىغانلىقىنى، سودىنى جانلاندۇرۇش، دۆلەتلەر ئارا تىجارەتنى ئاشۇرۇش قاتارلىق سوزلەرنى قىلىش ئارقىلىق، جۇمھۇرىيەتچىلەر يىتەكچىلىكىدىكى ئامېرىكا ھوكۇمىتىنىڭ تاشقى سىياسىتىدىكى يۆنۇلۇشىنى ئىپادىلەپ قويدى.  بۇ خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۇستىدىن ئېلىپ بارماقچى بولغان يوشۇرۇن باستۇرۇش  پىلانلىرىنى  بىمالال  ئوچۇق ئېلىپ بېرىشى ئۇچۇن مەدەت بولدى.  ئۇنىڭ ئۇستىگە  خىتتاي رەئىسى شى جىنپىڭ پىرىزدېنت ترۇمپتىن  سورىغاندىمۇ ، خىتتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا يىغىپ تەربىيىلىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپتۇ.

6-ئاينىڭ 21-كۇنى يەكشەنبە ئاقسارايدا ئوتكۇزۇلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۇۋېلىش يىغىنىدا پىرىزدېنت ترۇمپ خىتتاي بىلەن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ ھەجىمدىكى سودا كەلىشىمى  مۇزاكىرىسىنىڭ نەتىجىلىك چىقىشى ئۇچۇن،ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشىدا جىم تۇرغانلىقىنى ئېتىراب قىلدى.

بولتوننى: كۇچلۈك بىر جۇمھۇرىيەتچى،  تەجىربىلىك بىخەتەرلىك ساھاسىدىكى مەسلىھەتچى، ئۇزاق يىللىق خىزمەت تەجىربىسىگە ئىگە بىر سىياسەتچى دەيدۇ.

ئەگەر ترۇمپنىڭ ئۇيغۇرلارغا  قىلغان بۇ خۇپىيانە ئادالەتسىزلىكى بىرەر  مۇخبىرلار تەرەپتىن پاش قىلىنغان بولسا، ياكى دېموكىراتچى بىر سىياسىئون ئوتتۇرىغا قويغان بولسا بۇنى ترۇمپنى سايلامدا ئاجىزلىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ھەركەت دېسەك  بولاتتى.  ترۇمپ  شۇنداق دەپ، بۇلارنى  يالغانغا چىقىرىشتا چىڭ  تۇرىۋالسا بولاتتى دەيدۇ.

لېكىن، بولتون ترۇمپنىڭ پارتىيەسىدىن، ترۇمپ ھوكۇمىتىنى قوللىغۇچى، ئاقسارايدا ترۇمپ بىلەن بىۋاستە كۆرۆشكەن، ئامېرىكا دۆلىتىنىڭ تاشقى سىياسەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك يىغىنلىرىدا پىرىزدېنت تۇرامپ بىلەن بىر ئۇستەلدە ئولتۇرۇپ مۇزاكىرىلەر قىلىشقان، ئامېرىكىنىڭ تاشقى سىياسىتىنى بىرلىكتە مەسلەھەت قىلغان، بېكىتكەن بىر شەخس.  پىرىزدېنت تۇررمپ بىلەن بىۋاستە كۆرۈشكەن بىر كىشى. شۇڭا بولتوننىڭ  دىگەنلىرى  يالغان ئەمەس،  دەيدۇ.

دىمەك، 2017- يىلى باشلانغان خىتتاي-ئامېرىكا سودا ئۇرۇشى بىلەن  2017-يىلى  ئوچۇق شەكىلدە باشلانغان ئۇيغۇرلارنى لاگىرلارغا قاماش  بىر بىرىگە باغلىق بولۇپ قالدى. ئىككىسى پاراللىل مېڭىپتۇ. خىتتاي لاگىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرنى باستۇرۇشتا غەلىبە قىلدى. لېكىن ترۇمپ ھۆكۇمىتىنىڭ سودا ئۇرۇشىدا نەتىجە تېخى كورۇلمىدى.

نۇرغۇن ئۇيغۇر قۇربان بولدى.

بىر شەخىسنىڭ، ياكى بىر ھۆكۈمەت مەسئۇللىرىنىڭ  مەسىلىگە  ئاددىي قارىشى، ياكى بىخەستەلىك قىلىشى بىلەن بىر مىللەت كوللىكتىپ جازالاندى. قىرغىن قىلىندى، مىللىيونلارچە خەلق ئۆلتۈرۈلدى، غايىب بولدى.

ترۇمپ ھۆكۈمىتىنىڭ پورتىرىكوغا ئاپەتتىن كېيىن ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلىقى ئۇچۇن نۇرغۇن تەنقىدلەر يېغىپ كەتتى. ترۇمپقا  ئاۋام خەلىقتىن ۋە ئىككى پارتىيەنڭ سىياسونلىرىدىن خېلى كۆپ تەنقىدلەر كەلدى.

بەلكىم ترۇمپنىڭ شى جىنپىڭغا دىگەن  شۇ بىر ئېغىز سۆزى خىتتايغا مەدەت بولغاندۇ ياكى بولمىغاندۇ،  بۇنى بىز بىلەلمەيمىز،  ئەمما ترۇمپ  شۇ ۋاقىتتا ئاشۇنداق يۇمشاق  گەپنى قىلمىغان بولسا، ئۇنىڭ ئەكسىنچە قاتتىق بىر پوسىتسىيە بىلدۇرۇپ قويغان بولسا، سودا كېلىشىمى بۇزۇلۇپ كەتمەس بولغىيتى ؟، ئەڭ بولمىغاندا بۈگۈنكى ھالدا قالاتتى.

  ئەمما يوقاپ كەتكەن مىللىيونلىغان  ئۇيغۇرلاردىن ئاز دىگەندە  بىرەريۇزمىڭى ساقلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى.  ئەڭ بولمىغاندا  خىتتاينڭ ئۇيغۇرلارنى قىرغن قىلىشى  بۇ قەدەر جاسەرەت بىلەن، ئوچۇق ئاشكارە بولماس ئىدى.  شۇڭا ترۇمپنى ئاز تولا تەنقىدلەپ قويساق، ئامەرىكىلىقلار توغرا چۇشۇنىدۇ.  ئەمما  بىزنىڭ ئۇيغۇر سىياسونلىرىمىزنىڭ ئاچچىغى كەلمىسۇن.
ئىمزا قويۇپ، تارىختا بولۇپ باقمىغان بىر قانۇننى ئوتتۇرىغا چىقاردى، يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولاتتى ؟ دەپ مېنى تەنقىدلەشتىن ئاۋۋال، شۇ  بىر ئېغىز سۆز بىزگە قانچىلىك  قۇربان بەردۇرگەندۇ ؟ شۇ بىر ئېغىز سۆز مىللىتىمگە قانچىلىك ئاپەت بولغاندۇ ؟  دېگەننى بىر ئويلىنىپ بېقىڭ.

يېقىندا  كۆرگىنىڭلاردەك  بىر ساقچىنىڭ خاتالىقى بىلەن بىر  ئافرىقىلىقنىڭ ئۆلۇپ كەتكىنىگە پۇتۇن ئامېرىكا، دۇنيا قايناپ كەتتى.  ساقچىلارنى  تەرتىپكە سېلىش ئۇچۇن ھەر قايسى شىتاتلارنىڭ پارلامەنتلىرىدا لاھىيەلەر ئوتتۇرىغا قويىلىۋاتىدۇ.  ئامېرىكا تارىخىدىكى نۇرغۇن مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ھەيكەللىرى چېقىۋېتىلدى.

ئەمما ترۇمپنىڭ شۇ بىر جۇملە سۆزى بىلەن بەلكىم ئاز دىگەندە نەچچە  يۈزمىڭ ئۇيغۇر غايىب بولغاندۇ، شۇنداقتىمۇ بىز ترۇمپنىڭ بىر قەغەزگە ئىمزا قويغىنىغا رەھمەت دەپ، شادىيانە ئوقۇۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئامېرىكىدىن يەنە ئۈمۈد كۇتىدىغانلىقىمىز.  ئامەرىكىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلارغا سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدۇ دىگەنلىكىمىز.

بىزنىڭ ترۇمپقا رەھمەتلىرىمىزنى بىلدۇرگەنلىكىمىز  خۇددى داداڭنى ئۆلتۈرگەڭ، ئاناڭنى بەر دىگەندەك  بولدى.  مىسكىن بىر خەلىق بولغانلىقىمىز، ئاللاھدىن باشقا دۇنيادا يۆلەنچۇكىمىز يوق بولغانلىقى  ئۇچۇن شۇنداق بولدى.

پىرىزدېنت ترۇمپنىڭ ئىمزا ئېتىشى بىلەن ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى قانۇنىنىڭ رەسمىي قانۇن بولغىنىدىن خوش بولغان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بولتوننىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلالماي، ئېنىق قوبۇل قىلماي، ئۇنى خائىن دەپ تىللاۋاتقانلار بار. چۇنكى ئاران ئېرىشكەن بىر نەتىجە بار ئىدى.  بۇ نەتىجىنىڭ  بۇنداق ساختىلىق بىلەن، ئىككى يۈزلىمىلىك سىياسەت بىلەن كەلگەنلىكىنى ھەزىم قىلماق تەس كېلىۋاتاتتى.

بولتون كىمنىڭ خائىنى ؟

ترۇمپنىڭمۇ ؟

خىتتاينىڭمۇ؟

رېئاللىق شۇكى  بولتون  ترۇمپنىڭ ئىككى يۈزلىمە سىياسەت ئوينىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.

پىرىزدېنت تۇرامپ بىر خەلىقنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشقا سەل قاراپ، شىجىڭپىڭنىڭ  لاگىر قۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنى  سولىشىنى  قوللاپ، خىتتاينىڭ  قىلىۋاتقان رەزىللىكىگە ئىلھام بەردى.

خىتتاينى سودا كېلىشىمىدە ئۇتىمەن دەپ خام چوت سوقۇپ،  خىتتاينى ئالدايمەن دەپ،  ئۆزى ئالدانغان،  مىللىيونلىغان ئۇيغۇر  نەتىجىسى بولمىغان بۇ سودا كېلىشىمىنىڭ قۇربانى بولغان.
سودا كېلىشىمىدىمۇ ئۇتالماي، ئىككى پارلامېنتتىن يۇقىرى ئاۋازدا ئۆتكەن،  ئىمزا قويمىسىمۇ  قانۇن بولىدىغان قانۇنغا ئىمزا قويۇش ئارقىلىق،  ئاقسارايدا  ئۆلگەندىن كېيىن ياسىن ئوقۇغاندەك ئىشنى  قىلغان.
بەت 1 2 3 4 5 6 ... 10