2021/01/23 08:12

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 ... 6 7 8 9 10
71

يىمىرىلىش ۋە قايتا تىرىلىش قانۇنىيىتى

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 1 »

ئاۋارلار،كۆكتۈركلەر،خازارلار، ئۇيغۇرلار, مۇسۇلمانلار ۋە فرانكلار ئارىسىدىكى 500يىللىق بىر قىسىم مۇرەككەپ سىياسىي مۇناسىۋەتلەردىن ئۈزۈندە

چارلىمان(چوڭ چارلىز) 742 ـ يىلى 2 ـ ئاپرىل تۇغۇلغان.768 ـ يىلى 9ـ ئۆكتەبىر چارلىز 17 يىل ھۆكۈم سۈرگەن دادىسىنىڭ ئورنىغا چىقىپ «فرانىك پادىشاھى بولغان».

ئۇنىڭ بوۋىسى كارل مارتېل فرانكلاردىن كېلىپ چىققاچقا ئۇنىڭ خانلىقى«فرانىك پادىشاھلىقى»دەپ ئاتالغان. كارل مارتېل 688 ـ يىلى تۇغۇلۇپ،
718 ـ يىلى فرانىك پادىشاھى بولغان.ئۇ
گېرمان قەبىلىلىرىنى خىرىستىئان دىنىغا كىرگۈزگەن.بۇ چاغدا مۇسۇلمانلار تارىق ۋە مۇسا قومانداننىڭ يېتەكچىلىكىدە 711 ـ يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىشقا باشلىغان.

كارل مارتېل 718 ـ يىلى  فرانكلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپلا،شۇ يىلى قىشتا گېرمانلارنىڭ بىر
تۈرق بولغان ساكسونلارغا ھۇجۇم قىلغان.
كېيىنكى 12 يىلدا ئۇ غەربىي ياۋروپادىكى
ئاساسلىق قەبىلىلەر ۋە ئۇششاق كېنەزلىكلەرنى
بويسۇندۇرۇپ،730 ـ يىلى ئىچكى تېنچلىقنى
قولغا كەلتۈرۈپ،كېيىنكى ئىككى يىل ئۇدا تەييارلىق قىلىپ،ئىسپانىيىدىن فرانسىيگە بېسىپ كەلگەن مۇسۇلمانلارغا ئۇرۇش ئاچماقچى بولغان.

ئۇمەييەلەر قوشۇنى 732 ـ يىلى ئىسپانىيىدىن ھالقىپ،فرانسىيىگە يۈرۈش قىلغان.پارىژغا يېقىنلاپ قالغاندا،كارل مارتېل زور قوشۇن بىلەن يېتىپ كېلىپ،شىددەتلىك جەڭ بولۇپ،
مۇسۇلمانلار قوماندانى ئابدۇراھمان شېھىت بولۇپ،قوشۇن مەغلۇپ بولغان.بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا شېھىت بوپكەتكەن مۇسۇلمانلار كۆپ بولغاچقا بۇ جەڭگاھ«شېھىتلەر بوستانلىقى» دەپ ئاتالغان.بۇ جەڭ 732 ـ يىلى 10 ـ ئۆكتەبىر يۈزبەرگەن.مۇسۇلمانلاردىن 20مىڭ ، فرانكلاردىن 15مىڭ ئەسكەر چىقىم بولغان.
غەرپ تارىخشۇناسلىرى بۇ ئۇرۇشنى ياۋروپادا خرىستىئان دىنىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىغا سەۋەپ بولغان مۇھىم ئۇرۇش دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بۇ يۈرۈش مۇسۇلمانلارنىڭ غەربىي ياۋروپاغا قىلغان ئەڭ ئاخىرقى يۈرۈشى بوپقالغان.بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن
فرانسىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى چېگرا بولۇپ قالغان. كارل مارتېلمۇ غەنىمەت ئېلىپلا، دۆلىتىگە چېكىنىپ كەتكەن.

بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇنىڭ داڭقى چىقىپ،
كۆپلىگەن ئۇششاق دۆلەتلەر ۋە قەبىلىلەر ئۇنىڭغا بويسۇنغان.شۇنىڭ بىلەن فرانك پادىشاھلىقى فرانك ئىمپىرىيىسىگە ئايلانغان.
كارل مارتېل 741 ـ يىلى 22 ـ ئۆكتەبىر ئۆلۈپ،
چوڭ ئوغلى ساق 10 يىل ئىمپراتور بولغان.

751 ـ يىلى كارلنىڭ يەنە بىر ئوغلى بېبىن
ئىمپىراتور بولغان.بىراق ئۇ ئاۋار ئىمپىرىيىسىگە قارشى تۇرالمىغان.ئەمما غەرپتە 759 ـ يىلى مۇسۇلمانلارنى فرانسىيىنىڭ جەنۇبىدىن سۈرۈپ چىقارغان.شۇنىڭ بىلەن ھازىرقى فرانسىيە بىلەن ئىسپانىيىنى ئايرىپ تۇرىدىغان برانس تاغلىرى ئىككى تەرەپنىڭ چېگرىسى بوپقالغان.

768 ـ يىلى ئۇنىڭ ئوغلى چارلىمان(چوڭ چارلىز)تەختكە چىقىپ،قىسقا ۋاقىت ئىچىدە زور قوشۇن توپلاپ،771 ـ يىلدىن باشلاپ
ياۋروپانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى دىنسىز خەلقلەرگە ھۇجۇم قىلىپ،خرىستىئان دىنىنى ئومۇملاشتۇرغان.774 ـ يىلى ئىتالىيىنىڭ جەنۇبىنى يۇتۇۋالغان.ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى ئابباسىيلار(750 ـ 1258)خەلىپىسى مەنسۇر بىلەن بىرلىشىپ،مەنسۇرنىڭ رەقىبى يېڭىدىن
ئىسپانىيە ھۆكۈمرانى بولغان ئۇمەييەلەر شاھزادىسى ئابدۇراھمانغا زەربە بېرىش باھانىسىدە مۇسۇلمانلارنى ئىسپانىيىدىن سىقىپ چىقارماقچى بولغان.بىراق 778 ـ يىلى مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىپ كېتىپ،ئىسيان كۆتۈرگەن ساكسونلارنى قىرىپ،باۋارىيەنى ئىشغال قىلغان.

ئۇنىڭ دادىسى پاپانىڭ ئىتالىيىدىكى دىنىي
ھۆكۈمرانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان تۇنجى پەرەڭ شاھى بولۇپ،چارلىمان پاپانى تېخىمۇ قوللاپ،
ئۆزىنىڭ خرىستىئان دۇنياسىدىكى نوپۇزىنى كۈچەيتتى.نەتىجىدە 30 يىلغا يېقىن پاپا ئىزچىل چارلىماننى قوللاپ كەلدى. پاپانىڭ
تەكلىپى بويىچە 784 ـ يىلى قوشۇن تارتىپ،
ئاۋارلاردىن قېچىپ،ئىتالىيىنىڭ شىمالىنى ئىگىلەپ،پاپاغا تەھدىت سالغان لومباردىلارنى يوقىتىپ،تەسىرىنى داۋاملىق كېڭەيتتى.785 ـ يىلى ساكسونلارنى پۈتۈنلەي بويسۇندۇردى.
789 ـ يىلى ئاۋارلاردىن قېچىپ كەلگەن سىلاۋىيان قەبىلىلىرىنى توسۇپ زەربە بېرىپ،
دۆلىتىنى پارچىلىنىپ كېتىشتىن ساقلاپ قالدى.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 2 »

چارلىزنىڭ ئەڭ چوڭ باش ئاغرىقى ئاۋارلار ئىدى. ئاۋارلار مىلادى 389 ـ يىلى شىمالىي ئاسىيادا ئاسىيا ئاۋارى ئىمپىرىيىسى(389 ـ 552)نى قۇرۇپ چىققان.430 ـ يىلى موڭغۇل ۋادىسىدىكى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرى بىلەن مىسلىسىز كۈچىيىپ،432 ـ يىلى ئالتايدىكى
كۆك تۈركلەرنى قوشۇۋېلىپ قۇدرەت تاپقان.
552 ـ يىلى ئىمپىرىيىسى مۇنقەرز بولۇپ،
كۆكتۈركلەرگە بويسۇنماستىن شەرقىي ياۋروپا تەرەپكە كۆچۈپ كەتكەن. كۆكتۈركلەرنىڭ
نائىپ خاقانى ئېستەمى قاغان(552 ـ 577)
ئۇلارنى بويسۇندۇرۇش ھەمدە شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى جازالاش ئۈچۈن 563 ـ يىلى
قارا دېڭىز ۋە كاۋكاز تەرەپكە زور قوشۇن
ئەۋەتكەن. ئاۋارلار داۋاملىق غەرپكە يۈرۈش قىلىپ،564 ـ يىلى دوناي دەرياسىدىن ئۆتۈپ بالقانغا ماكانلاشقان.

565 ـ يىلى ئاۋارلار يولباشچىسى بايان قاغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە ياۋروپا ئاۋار ئىمپىرىيىسى(565 ـ 810)نى قۇرۇپ چىققان.
كېيىنكى ئون يىلدا ئاۋارلار بالقاندىكى ھەر قايسى خەلقلەرنى بېقىندۇرۇپ،ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلانغان.ئاجىز شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئاۋارلارنى شىمالدىكى گېرمان قەبىلىلىرى ۋە غەربىي ياۋروپادىكى ئۇششاق خانلىقلارغا ھۇجۇم قىلىشقا كۈشكۈرتۈپ،ياتلار ئارقىلىق ياتلارنى يوقىتىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولغان.بىراق ئاۋارلار تېخىمۇ كۈچىيىپ كەتكەچكە،شەرقىي رىم ئاۋارلارغا
ئولپان تۆلەشكە مەجبۇر بولۇپ قالغان.بىرلا
ۋاقىتتا شەرقتە ساسانىيلار(226 ـ 644)غا،
غەرپتە ئاۋارلارغا ئولپان تۆلەش شەرقىي رىم
ئىمپىرىيىسى(395 ـ 1453)نىڭ خەزىنىسىنى قۇرۇقداپ قويغان.نەتىجىدە ۋاختىدا ئولپان تۆلىيەلمەي ھەر ئىككى ئىمپىرىيىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان.

ئاخىرى شەرقىي رىم يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ،
ئاسىيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىمپىرىيىگە ئايلانغان،ھەم ساسانىلارغا ھەم ئاۋارلارغا ياخشى نەزەردە قارىمايدىغان كۆكتۈرك ئىمپىرىيىسى(552 ـ 744)بىلەن ھەمكارلىشىپ،
ساسانىلارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلانغان.بىراق كېيىنچە ئاۋارلار مەسىلىسى تۈپەيلى مۇناسىۋەت بۇزۇلۇپ،ئىستەمى قاغان ھەيۋەتلىك بىر زور قوشۇننى شەرقىي رىمنى جازالاشقا ئەۋەتكەن.
بۇ قوشۇن 576 ـ يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلغان.
قاغان بۇ قوشۇننى شەرقىي ياۋروپادا قالدۇرۇپ
ھەر ۋاقىت ئاۋارلار ۋە شەرقىي رىمغا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن«خازار»نامىدا قەبىلىلەر ئىتتىپاقى قۇرغان.(كېيىنچە كۆكتۈركلەر 582 ـ يىلى پارچىلىنىپ،شەرقىي قىسمى 630 ـ يىلى،
غەربىي قىسمى 649 ـ يىلى مۇنقەرز بولغاچقا،
650 ـ يىلى خازار ئىمپىرىيىسى(650 ـ 966)
قۇرۇلدى.كېيىنچە رۇسلار قولىدا يىقىلدى).

مىلادى 614 ـ يىلى ساسانىلار ئاۋارلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلدى.
616 ـ يىلى يازدا پارسلار ئاسىيا تەرەپتىن،
ئاۋارلار ياۋروپا تەرەپتىن كونستانتىنوپولغا قىستاپ كېلىپ،شەھەرنى مۇھاسىرىگە ئالدى.
شەرقىي رىم مۇنقەرز بولاي دەپقالدى.ھەتتا
پارسلار 617 ـ يىلى شامنى رىملىقلاردىن تارتىۋېلىپ،ئۇدۇل مىسىرنى ئىشغال قىلىپ،
رىملىقلارنىڭ ئاشلىق مەنبەسىنى ئۈزۈۋەتتى.

بۇ چاغدا ئەڭ ئاخىرقى پەيغەمبەرگە قۇرئان كەرىم نازىل بولۇۋاتقىلى 7يىل بولۇۋاتقان بولۇپ،617 ـ يىلى ھازىرقى ئۈلۈك دېڭىز
بويىدا يۈز بەرگەن پارس VS رىم ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشى توغرىلىق « رۇم سۈرىسى»نىڭ بىر قىسىم ئايەتلىرى نازىل بولغان.مىلادى 618 ـ يىلى ھېچكىم شەرقىي رىمنىڭ ھالاكىتىدىن شەك قىلمايتتى.

لېكىن قۇرئاندىكى بىشارەت بويىچە« رىملىقلار پەلەستندە يېڭىلىپ،ئون يىلدىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە پارسلارنى قايتا مەغلۇپ قىلىدىغان»
ھۆكۈم ئاللىبۇرۇن چىقىرىلىپ بولغاچقا،ئەينى
ۋاقىتتىكى ئەرەپ بۇددستلىرى پەيغەمبىرىمىز ۋە ئۇنىڭ ساھابىلىرىنى مازاق قىلغان. ھەتتا ئەۋزەيلەپ«مانا ئەمەسمۇ،ساماۋى دىنى ۋە پەيغەمبىرى بار رىملىقلار،بىزدەك ئېتىقادتىكى
پارسلارنىڭ قولىدا ھالاك بولاي دەپقالدى.بىزمۇ سىلەرنى خۇددى پارسلار رىملىقلارنى يوق قىلغاندەك يوق قىلىۋېتىمىز»دەپ تەھدىت سالغان.

ئەمما كېيىنكى ئون يىلدا ھەقىقەتەن مۆجىزە يۈز بەرگەن.ئالدى بىلەن 622ـ يىلدىن ئېتىبارەن شەرقىي رىم تەختىگە ئولتۇرغان
ھىراكليۇس(622 - 641)پايتەختى ئىستانبۇلنى بىر قوماندانىغا ھاۋالە قىلىپ،ئۆزى قوشۇن باشلاپ،قارا دېڭىزئارقىلىق ئەرمىنىيىگە كىرىپ
شىمالىي كاۋكازدىكى خازارلار ۋە غەربىي تۈرك قاغانى تون يابغۇ بىلەن بىرلىشىپ،شەرق ۋە شىمالدىن بىرلا ۋاقىتتا ساسانىلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسى ئەزەربەيجانغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۇ يەردىكى قەدىمىي ئاتەشگاھنى ۋەيران قىلىپ،
617 ـ يىلى پارسلارنىڭ پەلەستىندىكى قىيامەت چېركاۋىنى چېقىپ،مۇقەددەس كېرستنى بۇلاپ كەتكىنىدىن ئۆچ ئالغان.624 ـ يىلدىن باشلاپ پارسلار ئۇدا مەغلۇبىيەتكە يۈزلەنگەن. خازارلار كاۋكازدىن،غەربىي تۈركلەر خۇراساندىن ھۇجۇم قىلىپ،ساسانىلار شاھى 2 ـ خۇسرەۋ شاھ(591 ـ 628)قىيىن ئەھۋالدا قالغان.

627 ـ يىلدىكى ھازىرقى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى نىناۋا ئۇرۇشىدا ھىراكلىيۇس ساسانىلارنى يەنە مەغلۇپ قىلغان.خازار ۋە غەربىي تۈركلەرمۇ خۇسرەۋ پايتەختى مەدائىنغا يېقىنلاپ كەلگەن.

ھىراكليۇسنىڭ غەلىبە خەۋىرى ئەمدىلا مەككىدىكى قۇرەيش بىلەن سۈلھى تۈزۈپ كەلگەن پەيغەمبىرىمىزگە يېتىپ كەلگەن.
پەيغەمبىرىمىز ھەر ئىككى ھۆكۈمرانغا مەكتۇپ ئەۋەتىپ،ئۇلارنى ئىسلامغا دەۋەت قىلغان.

پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپى خۇسرەۋشاھقا يېتىپ كەلگەندە،ئۇ ئاللىبۇرۇن ئارقا ـ ئارقىدىن كېلىۋاتقان مەغلۇبىيەت خەۋەرلىرىدىن ئەس ـ ھوشىنى يوقاتقان، خالىغانچە ئۆلۈمگە بۇيرۇپ قوماندانلىرىنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن.ھەتتا ئالدىنقى سەپتىكى باش قوماندانلار خۇسرەۋنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ،ئالدىنقى سەپتىن قايتماي تۇرۇۋالغان.
نەخ شۇ ۋەزىيەتتە ئۇنىڭغا پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەكتۇپى ئوقۇپ بېرىلگەن.ئۇ پەقەت بېشىدىكى
:«ئاللاھنىڭ ئەلچىسى مۇھەممەدتىن پارس شاھى خۇسرەۋگە...»دېگەن قۇرنى ئوقۇتۇپلا،
غەزىپىنى باسالماي:«ئۇ مېنىڭ قۇلۇم تۇرۇپ،
ئىسمىنى مېنىڭ ئىسمىمنىڭ ئالدىغا يازسا قانداق بولىدۇ!؟ نەدىن كەلگەن جۈرئەت بۇ؟»
دېگىنىچە مەكتۇپنىڭ ئاخىرىنى ئوقۇمايلا يىرتىپ تاشلىغان.ئەلچى بۇ خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەندىن كېيىن،پەيغەمبىرىمىز خۇسرەۋگە
:« ئاللاھ ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى خانىۋەيران قىلىۋەتسۇن» دەپ بەددۇئا قىلغان.(دەرۋەقە
خۇسرەۋ 628 ـ يىلى يازدا ئۆلتۈرۈلگەن.ئۇنىڭ
ئىمپىرىيىسىمۇ 644 ـ يىلى تارىخقا ئايلانغان).

خۇسرەۋ شاھ ئاچچىقىنى زادىلا باسالماي، تېزدىن يەمەندىكى ۋالىيسى بازانغا پەرمان چۈشۈرۈپ،ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ جاكارلاپ
مەكتۇپ يازغان مۇھەممەد دېگەن كىشىنى ئادەم ئەۋەتىپ قولغا ئېلىپ،پايتەختكە ئەۋەتىشىنى تەلەپ قىلغان.(571 ـ يىلى فېۋرالدىكى پىل ئۇرۇشى سەۋەپلىك،ھەبەشلەرنىڭ يەمەندىكى
ھۆكۈمرانلىق تەختى بوش قېلىپ،نۇشىرۋان
شۇ پۇرسەتتە بۇ جاينى ئىشغال قىلىۋالغانىدى)

بازان ئىككى قاۋۇل پالۋاننى پەيغەمبىرىمىزنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن.بۇ ئىككەيلەن
كېلىپ،مۇددىئاسىنى ئېيتقاندىن كېيىن پەيغەمبىرىمىز ئۇلارنى ئارام ئېلىشقا بۇيرۇپ،
ئەتىسى سەھەر كۆرۈشۈشنى ئېيتقان.ئۇلار ئەتىسى كۆرۈشكەندە پەيغەمبىرىمىزدىن
خۇسرەۋ شاھنىڭ بۇ كېچە ئوغلى شىرۋەيھ
تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى،ئۇلارنىڭ بۇ خەۋەرنى يەمەن ۋالىيسى بازانغا يەتكۈزۈپ قويۇشىنى ئېيتىپ ئۇزىتىپ قويغان.

بازان بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ،قول ئاستىدىكى كىشىلەرگە :« ئەگەر ئۇ راس پەيغەمبەر بولسا دېگىنى توغرا چىقىدۇ.ناۋادا دېگىنى يالغان چىقسا شۇ چاغدا ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىمىز» دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن.

ئۇزۇن ئۆتمەي بازانغا پايتەختتىن جىددىي مەكتۇپ كەلگەن.مەكتۇپتا:«شىرۋەيھنىڭ دادىسىنى ئۆلتۈرۈپ تەختكە چىققانلىقى،
دادىسىنىڭ مەكتۇپ يوللىغان پەيغەمبەرنى تۇتۇش ئۈچۈن چۈشۈرگەن پەرمانىنى بىكار قىلغانلىقى،بۇ توغرىدا ئۆزىدىن بۇيرۇق كۈتۈشى ۋە يەمەننى ئوبدان مۇھاپىزىت قىلىشى توغرىلىق » پەرمان چۈشۈرۈلگەنىدى.بازان بۇنى كۆرۈپ،قول ئاستىدىكىلىرى بىلەن ئوپچە ئىسلامغا كىرىپ،مەدىنىگە مەكتۇپ ئەۋەتتى.
پەيغەمبىرىمىز بازاننى داۋاملىق يەمەن ۋالىيسى قىلىپ ئىشلەتتى.ئالتە ئايدىن كېيىن شىرۋەيھ خۇسرەۋ شاھنىڭ يېقىنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلۈپ،ساسانىلار باشسىز قالدى.

ئەسلىدە خۇسرەۋ شاھ مەكتۇپنى يىرتىۋەتكەن چاغدا خازار/غەربىي تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى پايتەخت بوسۇغىسىغىلا كېلىپ قالغانىدى.ئۇلار خۇسرەۋ تەختتىن چۈشمىسە ساسانىلارنى يوقىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېسىم قىلغان.ئاقىۋەت 628 ـ يىلى ئاۋغۇستتا خۇسرەۋشاھ تەختتىن چۈشۈرۈلگەن.بىراق ئوغلى شىرۋەيھ ئۇنى پۈتۈن خان جەمەتى ئەزالىرى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۈرۈپ،تەختنى تارتىۋالغان.پەقەتشەھرىيارلا قېچىپ قۇتۇلغان.(ئەڭ ئاخىرقى خۇسرەۋ شاھ 3 ـ يەزدېگرد دەل مۇشۇنىڭ ئوغلىدۇر).

شىرۋەيھ ئۆزىنىڭ ئورنىنى پۇختىلاپ بولۇپلا،
ئالدى بىلەن خازار/تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى بىلەن سۈلھى تۈزۈپ،خانلىقىنى ساقلاپ قالغان.ئاندىن ھراكليۇس بىلەن سۈلھى تۈزۈپ،609 ـ يىلدىن 622 ـ يىلغىچە ئىشغال قىلىۋالغان بارلىق شەرقىي رىم زېمىنلىرىدىن قوشۇن چېكىندۈرۈپ،مۇقەددەس كرېستنى قايتۇرۇپ بەرگەن.

ھىراكليۇس 623 ـ يىلدىن 628 ـ يىلغىچە بولغان غەلىبىسى ئۈچۈن خۇداغا شۈكرى قىلىش نىيىتىدە ھازىرقى ئەنتاكىيىدىن پىيادە يول يۈرۈپ پەلەستىنگە كېلىپ،مۇقەددەس كېرستنى ئۆز قولى بىلەن چېركاۋغا تىكلىگەن.
دەل شۇ چاغدا ئۇمۇ پەيغەمبىرىمىزدىن بىر مەكتۇپ تاپشۇرۋالغان. لېكىن ئۇ مۇسۇلمان بولمىغان بولسىمۇ ئەلچىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىپ،مەكتۇپتىكى مەزمۇنلارنى سارىيىدا مۇنازىرە قىلغان.نەتىجىدە پوپلارنىڭ ۋە قوماندانلارنىڭ قاتتىق قارشىلىقى بىلەن توختاپ قالغان.پايتەختكە زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھىراكليۇسنىڭ شۆھرىتى ئېشىپ،ياۋروپادىكى نوپۇزى كۆپ ئاشقان.

ئەمما ئۇنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي ئافرىقا رايونلىرىدىكى ھۆكۈمرانلىقى 10يىلغا بارمايلا ئاخىرلاشقان.يېڭىدىن باش كۆتۈرۈپ چىققان
مۇسۇلمانلار ئىمپىرىيىسى ھازىرقى سۈرىيە،
ئىئوردانىيە،پەلەستىن ۋە لىۋانلارنى 634 ـ يىلدىن 638 ـ يىلغىچە شەرقىي رىمدىن تارتىپ ئالغان.641 ـ يىلى ئېرۇسالىم ۋە مىسىرنى قولغا ئالغان.ھىراكليۇس«ئەلۋىدا شام،ئەلۋىدا مىسىر »دېگىنىچە 641 ـ يىلى ۋاپات بولغان.

بۇندىن كېيىنكى 100 يىلدا مۇسۇلمانلار داۋاملىق قۇدرەت تېپىپ،غەرپتە فرانسىيىگە،
شىمالدا ئاناتولىيە ۋە كاۋكاز رايونىغا،شەرقتە
ماۋارائۇننەھر ۋە ھىندىستانغا يېتىپ كەلگەن.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر 3 »

مىلادى 650 ـ يىلدىن باشلاپ 750 ـ يىلغىچە شەرققە كېڭەيگەن ئەرەپ ئىسلام ئىمپىرىيىسى خۇراساندىن كەشمىرگىچە،ئامۇ دەرياسى بويىدىن تاكى ئالتاي تاغلىرىغىچە جايلاشقان تۈركىي قەۋملەرنىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا دۇچ كەلگەن.پەقەت 840 ـ يىلدىن باشلاپلا سامانى ئوغۇللىرىنىڭ كۈچىشىدە ئىسلام دىنى ئاندىن ماۋائۇننەھردە يىلتىز تارتىشقا باشلىغان.

ئەڭ بۇرۇن كۆكتۈرك قاغانى بىلگە قاغان
ئىنىسى كۆلتېگىننى غەربىي تۈرك قەبىلىلىرىگە باش قىلىپ،تاخارىستان،ئافغانىستان ۋە خۇراسان تەرەپلەردە زالىم ھەججاجنىڭ ئەڭ قابىل سەركەردىسى قۇتەيبەنىڭ زالىملىقىغا قارشى ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن.قۇتەيبەنىڭ خاتا ۋە قانخورلۇق سىياسىتى سەۋەپلىك تۈركىي خەلقلەرنىڭ قارشىلىقى كۈچىيىپ كەتكەن.
نەتىجىدە ئەرەپ ئىمپىرىيىسىنىڭ 670 ـ يىلدىن 870 ـ يىلىغىچە بولغان قوراللىق ئۇرۇشلىرى كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن.
ئەكسىچە ھەر ئىككى تەرەپ ئېغىر چىقىم تارتىپ،بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تاڭ سۇلالىسى ۋە تىبەت خانلىقىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.

744 ـ يىلى شەرقىي ئۇيغۇرلار كۆكتۈركلەرنى ئاغدۇرۇپ،«ئورخۇن ئۇيغۇر قاغانلىقى(744 ـ 840)»نى قۇرۇپ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋملەرنىڭ ئىستىلاچىلارغا قارشى كۈرىشىنى قوللاپ تۇرغان.نەتىجىدە 751 ـ يىلى ھازىرقى تالاستا ئەرەپ/تۈرك بىرلەشمە ئارمىيىسى تاڭ سۇلالىسىنى ئېغىر مەغلۇپ قىلىپ،ئۇلارنى تاكى سەددىچىنگىچە قوغلىۋەتكەن.755 ـ يىلى تۈرك نەسىللىك سانغۇنلاردىن ئۆڭلۈك ۋە سۆيگۈن
تاڭ سۇلالىسىگە قارشى ئىنقىلاپ قوزغاپ،تاڭ
سۇلالىسىنى يوقىتىۋېتەي دېگەندە،خىتتايلار
ئۇيغۇر خاقانلىقىدىن ياردەم تەلەپ قىلغان.
بايانچۇر قاغان(748 ـ 759)756 ـ يىلى ئەسكەر چىقىرىپ،تاڭ سۇلالىسىنى قۇتقۇزۇۋالغان.
بىراق كېيىنكى بەش يىلدا يۇقىرىقى ئىككى سانغۇننىڭ ھۇجۇملىرى سەۋەپلىك ئاچارچىلىق يۈز بېرىپ 40مىليونغا يەتكەن خىتتاي نوپۇسى
بىراقلا 17 مىليونغا چۈشۈپ قالغان.نەتىجىدە
تاڭ سۇلالىسى يەنە بىر قېتىم ئورخۇن ئۇيغۇر خاقانلىقىدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان.

762 ـ يىلى بايانچۇر قاغاننىڭ ئوغلى بۆكۈ تېكىن ئەسكەر باشلاپ سەددىچىندىن كىرىپ،
خىتتايلارنى ھالالەتتىن،تاڭ سۇلالىسىنى مۇنقەرز بولۇشتىن قۇتقۇزۇپ قالغان.شۇنىڭ بىلەن تۈركىي قەۋملەرنىڭ شەرقتىكى رەقىبى
ئۇيغۇر خاقانلىقىنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالغان.ئۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار 50يىلغا يېقىن ئۇرۇش قىلىپ،تىبەتلەرنى ھازىرقى تارىم ۋە جۇڭغار ۋادىسىدىن قوغلاپ چىقارغان.820 ـ يىللىرى ئۇيغۇرلارنىڭ تەسىر دائىرىسى سىر دەرياسىغا يېتىپ كەلگەن.(840 ـ يىلى قاراخانىيلار دەل مۇشۇ مۇنبەت سىر ۋە تالاس ۋادىسىدا 2 ـ ئۇيغۇر خاقانلىقىنى قۇرۇپ چىققانىدى. قاراخانىلار ئەرەپ ئىستىلاسىغا قارشى بىرلىكسەپنىڭ ئالدىنقى سېپى بولۇپ قالغان.932 ـ يىلىدىن باشلاپ بىردىنلا پۈتكۈل شەرق ئىسلام دۇنياسى ۋە مۇسۇلمان تۈركىي  خەلقلەرنىڭ ھامىيسىغا ئايلانغان).

840 ـ يىلى قۇرۇلغان قاراخانىلار
قاغانلىقى ئابباسىلارنىڭ خەتەرلىك رەقىبى بولۇپ مەيدانغا چىققان.بىراق 932 ـ يىلى قاغان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مۇسۇلمان بولۇپ،قاغان نامىغا «سۇلتان»نامىنى قوشۇپ،ساتۇق ئېتىغا  «ئابدۇكېرىم»دەپ مۇسۇلمانچە ئات قوشۇشى بىلەن قاراخانىلار،ئابباسىلار ئەرەپ ـ ئىسلام ئىمپىرىيىسىگە قارشى خەتەرلىك رەقىپتىن
ئىسلام دۇنياسىنىڭ شەرقتىكى ھامىيسىغا ئايلىنىپ قالغان.(چۈنكى ئابباسىيلار 842 ـ يىلدىن باشلاپ ئاجىزلىشىپ،945 ـ يىلدىن ئېتىبارەن قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى).

ئابباسىيلارنىڭ شىمالىدا قۇدرەتلىك خازار خانلىقى بار بولۇپ،خازار خانلىقى ئەرەپ ئىمپىرىيىسى بىلەن 639 ـ يىلدىن تاكى 839 ـ يىلغىچە 200 يىل كاۋكازدا ئۇرۇش قىلغان.
بۇ ئارىدا ئىككى تەرەپ قۇدىلىشىپ تېنچ ئۆتكەن چاغلار ئۇزاق داۋاملاشقان.ئالايلۇق
ئەرەپلەر ھازىرغىچە ماختىنىدىغان داڭلىق
خەلىپىسى ھارۇن رەشىد خازارلارنىڭ مەلىكىسىدىن تۇغۇلغان.ئۇنىڭ مەئمۇن ۋە
مۇئتەسىم دېگەن ئوغۇللىرىمۇ تۈركىي ئاياللاردىن تۇغۇلغان بالىلىرى ئىدى.ئىككى
مىللەتنىڭ گېنىنى جەملىگەن بۇ ئۈچ خەلىپە
تارىختا نام قالدۇرۇپ كەتكەن.

شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى بولسا ئاۋارلارنىڭ ۋە
مۇسۇلمانلارنىڭ ئۈزلۈكسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ،
بەزىدە خازارلاردىنمۇ زەربە يەپ،634 ـ يىلدىن
تاكى 945 ـ يىلغىچە داۋاملىق ئاجىزلاپ كەتكەن.(چۈنكى ئۇلارنىڭ شەرق ۋە جەنۇپتىكى رەقىبى ئابباسىيلار  945 ـ يىلى بۇۋيھىلەر(945 ـ 1055)قولىدا قورچاق ھاكىمىيەتكە ئايلىنىپ،رىمغا تەھدىت سالالمايدىغان ھالغا كېلىپ قالغان.شىمالدىكى رەقىبى خازارلار 940 ـ يىلدىن باشلاپ،كيېۋ رۇسلىرى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ،تەسىرى قارا دېڭىزنىڭ ئەتراپىدىلا چەكلىنىپ قالغان.غەرپتىكى رەقىبى ئاۋارلار 805 ـ يىلى چارلىمان تەرىپىدىن ئاخىرقى قېتىم مەغلۇپ قىلىنىپ،810 ـ يىللاردا ئاۋار ئىمپىرىيىسى ھالاك بولغانىدى.

ھونلارنىڭ 375 ـ يىلدىن 467 ـ يىلغىچە ئېلىپ بېرىلغان قورقۇنچلۇق ئىستىلاسىدىن كېيىن ياۋروپا شەرقتە 565 ـ يىلىدىن باشلاپ تاكى 790 ـ يىلغىچە داۋاملاشقان ئاۋارلارنىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى.غەرپتە كۈنسىرى قۇدرەت تېپىۋاتقان ئەرەپ ئۇمەييەلەر ئىمپىرىيىسى(661 ـ 750)نىڭ ئىستىلاسىغا دۇچ كەلدى.

ئاۋارلار ئوتتۇرا ياۋروپادىكى كارپات تاغلىرىنى مەركەز قىلىپ،جەنۇپتا رىم ئىمپىرىيىسىنىڭ غەربىي پاسىلىنى ھازىرقى ئىستانبۇلغا ئەكىلىپ قويدى.شىمالدا ھازىرقى ئۇكرائىنا،بىلارۇسىيە،
پولشا ،گېرمانىيە،ئاۋستىرىيە،ۋېنگرىيە،ھەمدە
ئىتالىيىنىڭ ۋېنتسىيە رايونىغىچە كونترول قىلدى.غەرپتە ئىتالىيە،رىم پاپاسى ۋە فرانك خانلىقىغا تەھدىت سېلىپ تۇردى.بۇ خىل ئەھۋال تېخى ئاۋارلار ئىشغال قىلمىغان غەربىي ياۋروپادىكى قەبىلىلەر ۋە ئۇششاق فېئودال بەگلىكلەرنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى ئاساس بىلەن تەمىنلىدى. 711ـ يىلدىن باشلاپ ئىسپانىيىگە يۈرۈش قىلىپ،721 ـ يىلى فرانسىيىگە يېتىپ كەلگەن ئۇمەييەلەر قوشۇنى ياۋروپا خەلقلىرىنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى ۋە تېزلەشتۈردى.ياۋروپا
720 ـ يىلى ھونلاردىن كېيىنكى تارىختىكى
ئەڭ كىچىك ھالەتكە كەلدى.

يۇقىرىقى دۇنياۋى ئۆزگىرىشلەر سەۋەپلىك
فرانكلاردىن كېلىپ چىققان 30 ياشلىق كارل
مارتېل 718 ـ يىلى فرانكلارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ،«فرانك پادىشاھلىقى»نى قۇرۇپ چىقتى.ئۇ مۇسۇلمانلارنىڭ فرانسىيىگە كېڭىيىۋاتقان تەسىرىگە قارشى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ،732 ـ يىلى غەلىبە قىلىپ،ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى پۇختىلاپ
741 ـ يىلى ئۆلۈپ كەتتى.ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە كىچىك ئوغلى بېبىن دەۋرىدە(741 ـ 768)
شەرقتە ئاۋارلار،غەرپتە مۇسۇلمانلار يەنىلا ئەڭ كۈچلۈك رەقىپ ھېساپلىنىپ،بېبىن 759 ـ يىلى
مۇسۇلمانلارنى فرانسىيىدىن چېكىندۈرۈشتە مۇۋەپىقىيەت قازاندى.ئۇنىڭ ئوغلى چارلىمان
(بۈيۈك چارلىز) 768 ـ يىلى 9 ـ ئۆكتەبىر تەختكە چىقىپ ئۆزىنى«فرانك (پەرەڭ/ياۋروپا)
ئىمپىرىيىسى» ئىمپراتورى دەپ ئاتىدى.

پاپانىڭ قوللىشىدا چارلىز شىمالىي ياۋروپا ۋە غەربىي ياۋروپادىكى خەلقلەرنى قورال كۈچى بىلەن بويسۇندۇرۇپ،ساق 20 يىلدا ئىچكى ھۆكۈمرانلىقىنى پۇختىلاپ،789 ـ يىلى ئاۋارلاردىن قېچىپ كەلگەن بالقانلىق سلاۋىيان قەبىلىلىرىنى مۇۋەپىقىيەتلىك توسۇپ قېلىپ،
ئىمپىرىيىسىنىڭ يىمىرىلىپ كېتىشىنى قوغداپ قالدى.ئاندىن كېيىن ئەڭ كۈچلۈك رەقىبى ئاۋارلارغا قارىتا«ئاۋۋال بىرلىكىنى پارچىلاپ،
ئاندىن بىر ـ بىرلەپ يوقىتىش تاكتىكىسى» قوللىنىپ،790 ـ يىلدىن 805 ـ يىلغىچە ئاۋار ئىمپىرىيىسى دائىرىسىدىكى قەبىلىلەرنى ئۇدا 15 يىل زىددىيەتكە سېلىپ پارچىلاپ،ئاخىرقى
5 يىلدا ئاۋارلارنى ئاخىرى يوقاتتى.شۇنىڭ بىلەن چارلىز ئاخىرقى 4 يىلىنى خاتىرجەم ئۆتكۈزۈپ،814 ـ يىلى 28 ـ يانۋار ئۆلدى.

چارلىمان(چارلىز)ئاۋارلارنى يوقاتقاندىن كېيىن ئىمپىرىيىسىنى ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن.
بىراق چوڭ ئوغلى بېبىن 810 ـ يىلى،كەنجى ئوغلى كارل 811 ـ يىلى ئۆلۈپ كېتىپ،پەقەت توخۇ يۈرەك كىچىك ئوغلى لۇئىسلا قالغان.
گەرچە لۇئىس ھۆكۈمدار بولۇشقا زادىلا لاياقىتى بولمىسىمۇ،بىراق چارلىمان ھەيۋەتلىك مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ،لۇئىسنىڭ «خان»دېگەن مەنسەپ نامىنى «ئىمپراتور»غا ئۆستۈرۈپ،تەختنى ئۆتۈنۈپ بەردى.چارلىمان ھاياجان بىلەن :
«ئىلاھىم  ساڭا شۈكۈر بولسۇنكى،ھايات ۋاختىمدا ئۆز ئوغلۇمنىڭ تەختكە ئولتۇرغىنىنى كۆرۈشكە نېسىپ قىلدىڭ » دەپ تاشلىغان.

چارلىمان 814 ـ يىلى ئۆلگەندىن كېيىن پاپا
816 ـ يىلى لۇئىسقا تاج كىيگۈزۈپ،بۇرۇنقى
ئىتتىپاقداشلىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتكەن.لۇئىسمۇ پاپاغا يېڭىدىن زېمىن بۆلۈپ بەرگەن.817 ـ يىلى لۇئىس يارلىق چۈشۈرۈپ،ئىمپىرىيىنى چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن ئىمپىرىيە ئىچىدە كەڭ كۆلەمدىكى ئىچكى ئۇرۇش باشلىنىپ كەتكەن.
ھەتتا لۇئىس 833 ـ 834 ـ يىللىرى تەختتىن چۈشۈرۋېتىلگەن.ئۇندىن ئۇ كېيىن تاكى 840  ـ يىلى 20 ـ ئىيۇن ئۆلۈپ كەتكىچە پەقەت قورچاق ئىمپىراتور بوپقالغان.ھەر قايسى
شاھزادىلەر ئۆزى خان،ئۆزى بەگ بولۇۋالغان.

لۇئىسنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن ساق ئۈچ يىل تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرى ئۈزۈلمىگەن.
ئاقىۋەت مىلادى 843 ـ يىلى چارلىماننىڭ
نەۋرىلىرى مەشھۇر «ۋېردىن كېلىشىمى»نى
تۈزۈپ،ئىمپىرىيىنى ئۈچكە پارچىلاپ ئۆزئارا بۆلۈشىۋالغان.كېيىنچە بۇ ئۈچ دۆلەتتىن ئىتالىيە،گېرمانىيە ۋە فرانسىيىلەر ۋۇجۇتقا كەلگەن.

« ئۆتمۈشتىن كېلەچەككە نەزەر4 »
خۇلاسە ئورنىدا :
ياۋروپا 830 ـ يىلدىن باشلاپ ساق 600يىل ئوتتۇرا ئەسىر قاراڭغۇلۇقى قاپلىغان زۇلمەتلىك ۋە قىيىن بىر دەۋرگە قەدەم قويغان.ئەڭ ئاخىرى توپتوغرا 630 يىلدىن كېيىن مىلادى
1453 ـ يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى شەرقىي
رىمنى يوقىتىپ،ئىستانبۇلنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ياۋروپا چۆچۈپ ئويغىنىپ،ئالدى
بىلەن 15 ـ ئەسىردە ئىتالىيىدە ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرى باشلانغان.
ئاندىن كېيىن 16 ـ ئەسىردە گېرمانىيىدە مارتىن لۇتېر دىنىي ئىسلاھات ئېلىپ بارغان.
نەتىجىدە«روھىيەتتىكى قاتماللىق، تەپەككۇردىكى دوگمىلىق ۋە بوغۇقلۇق،ئېغىر چۈشكۈنلۈك ۋە بېكىنمىچىلىك ئېڭىدىن قۇتۇلغان ياۋروپا»17  ـ ئەسىردە سانائەت
ئىنقىلابىنى باشلاپ،دۇنيانىڭ باشقا جايلىرى،
جۈملىدىن ئۆزلىرىنى تارىختىن بۇيان قورقۇتۇپ كەلگەن شەرق ئەللىرىنى مۇستەملىكە قىلىشقا باشلىدى.

شەرقتە قاراخىتاي ۋە موڭغۇل ئىستىلاسى ( 1134 ـ 1333)،غەرپتە ئەھلى سەلىپ ئىستىلاسى(1097 ـ 1192)سەۋەپلىك ئەرەپلەر تۈگەشتى.ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تۈرك ـ ئىسلام ئەللىرى خۇددى يۇقىرىقى چارلىز
ئەۋلاتلىرىدەك ئىچكى نىزاغا پېتىپ،1212 ـ يىلدىن باشلاپ تاكى 1514 ـ يىللىرىغىچە خارەزمشاھلار،چاغاتايلار ،ئالتۇن ئوردا ،
ئىلخانىيلار،تۆمۈرىيلەر،سافاۋىلار،بابۇرىلار،
تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلاتلىرى،ئۆزبېكلەر،
قالماقلار،قازاقلار،ۋە تىبەتلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا
تۆر تالىشىپ ئۆز ئارا كۈچىنى كۆپلەپ خوراتتى.

ئۇيغۇرلار ئەينى ۋاقىتتا ئاسىيانىڭ كىندىكى ھېساپلانغان تارىم ۋە جۇڭغار ئويمانلىقى، ئاسىيادىكى بەش چوڭ تاغ تىزمىسىنىڭ ئۈچىنى،ئالتايدىن كەشمىرگىچە،ئالمائاتادىن
دەشتئاتاغىچە بولغان بىپايان زېمىننى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاچقا،ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى
خوشنىلىرىنىڭ،ئارقىدىن يىراقتىن  كەلگەن ئۈچ چوڭ تاجاۋۇزچى كۈچلەرنىڭ قاتتىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ كەلگەن.

1514 ـ يىلدىن 1616 ـ يىلغىچە ئاسىيادا تەرتىپ بويىچە،شەرقىي شىمالدا مانجۇلار باش كۆتۈرۈشكە باشلىغان،سىبىرىيەدە ۋە موڭغۇل دالىسىدا قالماقلار كۈچىيىشكە باشلىغان.
ئوتتۇرا ئاسىيانى سوراۋاتقان ئۇيغۇر سەئىدىيە خانلىقى ئالتۇن دەۋرىدە گۈللىنىۋاتقان بولۇپ،
ھىندىستاندا قۇدرەتلىك بابۇرىلار ئىمپىرىيىسى قۇرۇلۇپ كېڭىيىۋاتقان،دەشتى قىپچاقتا قازاقلار دەۋران سۈرۈۋاتقان،ئىراندا شىئە سافاۋىلار خاندانلىقى ھەدەپ بىر تەرەپتىن خۇراسان ۋە ماۋارائۇننەھردىكى ئۆزبېكلەر بىلەن،يەنە بىر تەرەپتىن ئوسمان ئىمپىرىيىسى بىلەن تۆر تالىشىپ سۇقۇشۇۋاتقان،غەرپتە ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئۈچ قىتئەگە كېڭىيىپ،ياۋروپاغا ۋەھىمە سېلىۋاتقان بولۇپ، تارىختا 16 ـ ئەسىر تۈرك ئەسىرى دەپ ئاتالغان.

تارىخ 1617ـ يىلغا كەلگەندە ئۇيغۇرلارنىڭ بەختسىز تارىخى باشلاندى.1638 ـ يىلغىچە داۋاملاشقان 20 يىللىق تەخت تالىشىش ئۇرۇشلىرى سەئىدىيە خانلىقىنى ئاجىزلاتتى.
1639 ـ يىلى چاررۇسىيە سىبىرىيىنى ئىشغال قىلىپ بايقال كۆلىگە يېتىپ كەلدى. 1644 ـ يىلى مانجۇلار سەددىچىندىن كىرىپ خىتتاينى ئىشغال قىلدى. رۇسلار ۋە مانجۇلار ئارىسىدا قىسىلىپ قالغان قالماقلار ئالتايدىن ھالقىپ،
ئىلى ۋادىسىغا كېلىپ سەئىدىيە خانلىقىغا بېقىندى.بىراق قازاقلارنى مەغلۇپ قىلىپ كۈچىيىپ كەتتى.نەتىجىدە 1640 ـ يىلى   
تارباغاتايدا قۇرۇلتاي ئېچىپ« قالماق ـ قالقا
ئىتتىپاقى»نى قۇرۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئىلىدىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلدى.

ئەمەلىيەتتە قالماقلار سەئىدىيە خانلىقىدىكى ئىچكى ماجىرالاردىن پايدىلىنىپ،1634 ـ يىلىلا تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۇيغۇر شەھەر ـ بازارلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇلاڭچىلىق قىلىپ تۇردى.ئەينى ۋاقىتتا بۇ قالماقلارنى سەئىدخان ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان(1487 ـ 1503)
ئالتايدىن تاكى موڭغۇل ۋادىسىغىچە سۈرۈپ قوغلىۋەتكەن.قالماقلار ئۇنى «ئالاچە خان»
دەپ ئاتايتتى. ئارىدىن 100 يىل ئۆتۈپلا بۇ
جاھىل قالماقلار قايتا پاراكەندىچىلىك سېلىپ،
ئۇيغۇرلارغا ئېغىر بالا ـ قازالارنى كەلتۈردى.

گەرچە ئابدۇللاخان(1638 ـ 1668)سەئىدىيە
خانلىقىنىڭ ھەيۋىسىنى ئاشۇرۇپ بىر مەزگىل قالماقلارنى بېقىندۇرغان بولسىمۇ،بىراق دۆلەت ئىچىدىكى«جاھالەت پىرلىرى بولغان نادان خوجىلارنىڭ زىيانكەشلىكى تۈپەيلى سەئىدىيە
سەلتەنىتى چاك ـ چېكىدىن بۆسۈلۈپ كەتتى».
قالماقلارنىڭ سەردارى باتۇر قۇنتەيجى بۇنى
پۇرسەت بىلىپ،داۋاملىق تارىم ۋادىسىغا ھۇجۇم قىلىپ،بۇلاڭچىلىق قىلىپ يۈردى. 1665 ـ يىلى قۇنتەيجى ئۆلۈپ،ئوغلى سېنگى سەردار بولدى.

1668 ـ يىلى ئابدۇللاخان ئۆز ئوغلى يولۋاس تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلدى.بۇنى غەنىمەت بىلگەن بىلگەن قالماقلار سەئىدىيە خانلىقىدىن ئايرىلىپ چىقىپ،ئىلى ۋادىسىنى بېسىۋالدى.
بىراق سېنگىنىڭ قالماق تۇنجى خانى بولۇشىغا چىدىمىغان ئاتا بىر ئانا باشقا ئاكىلىرى
ساچىمخان ۋە باتۇر تەرىپىدىن 1671 ـ يىلى ئۆلتۈرۈلدى.بىراق بۇ ئىككىسىنىڭ قالماق خانى بولۇشىغا قالماق لامالىرى(دىنىي زاتلار)ۋە زايسانلار(ئەمەلدارلار)قاتتىق قارشى تۇرغاچقا،
ھەر ئىككىسى ئۆلتۈرۈلدى.

ئاكىسى سېنگىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىغان غالدان دالاي لامادىن رۇخسەت ئېلىپ،دەرھال قوبۇقسارغا قايتىپ كەلگەن. غالدان ئەسلى
قالماق سەردارى باتۇر قۇنتەيجىنىڭ 7 ـ ئوغلى بولۇپ،1645 ـ يىلى قوبۇقساردا تۇغۇلغان.ئۇ
ئۆسمۈر چېغىدىلا دادىسى ئۇنى دالاي لاماغا لامالىقنى ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ بېرىلگەن.بىراق
ماتەم تۇتقىلى ئىجازەت سوراپ،قايتىپ كېلىپلا لامالار ۋە زايسانلارنىڭ قوللىشىدا قالماق قەبىلىلىرىنىڭ ئاقساقاللىقىغا كۆتۈرۈلدى.

غالدان ئۆزىنى كۈچەيتىپلا ئەڭ ئاۋۋال تاغىسى ۋە قېيناتىسىغا ھۇجۇم باشلىدى.ئۇرۇش 1673 ـ يىلى باشلىنىپ،1676 ـ يىلى غالداننىڭ غەلىبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئۇ غەلىبىسىرى ئىلگىرلەپ،1677 ـ يىلى تۇرپان ۋە قۇمۇلنى سەئىدىيە خانلىقىدىن تارتىۋالدى.ياندۇرقى يىلى دالاي لامانىڭ تەلىپى،ئاپاق خوجىنىڭ يول باشلىشىدا سەئىدىيە خانلىقىغا ھۇجۇم قىلىپ،نەچچە قېتىملىق يۈرۈش ئارقىلىق
ئاخىرى 1683 ـ يىلى سەئىدىيە خانلىقىنى پۈتۈنلەي مۇنقەرز قىلىپ،ئاپاق خوجىنى قورچاق خان قىلىپ تىكلىدى.شۇنداق قىلىپ
1755  ـ يىلغىچە داۋاملاشقان قالماقلارنىڭ ھىمايىسىدىكى «خوجىلار دەۋرى»ئۇيغۇرلارنى تارىختىن بۇيانقى ئەڭ خار ۋە بىچارە مىللەتكە ئايلاندۇرۇپ قويدى.

گەرچە ئاپاق خوجىنىڭ ئىككى ئەۋلادى ئەجدادىنىڭ خاتالىقىنى يۇيماقچى بولغان بولسىمۇ بىراق،تەقدىر قىسمەت ئۇيغۇرلارغا قالماقلاردىنمۇ بەتتەر ياۋۇز بىر دۈشمەننى چىللاپ كەلدى.

260  يىلدىن بېرى تارىخ تەكرارلانماقتا.
تارىخنىڭ قاراڭغۇ سەھىپىلىرى ئاساسەن پۈتۈنلەي تەكرارلىنىپ بولدى.ئەمدى تارىخنىڭ ئۆتمۈشتىكى شانلىق سەھىپىسىنى تەكرارلاش
بۈگۈنكى ۋەتەنپەرۋەرلەرنىڭ باش تارتماس بۇرچى بوپقالدى.« ئات ئايلىنىپ ئوقۇرىنى تاپار،ئۇيغۇر ئايلىنىپ سەلتەنىتىنى تاپار»!

دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر !   
نەبىجان تۇرسۇن

قۇدرەتلىك رەببىم مىللىتىمىزنى،خەلقىمىزنى
بۇ ھالاكەتلىك تەقدىردىن قوغدىسۇن!
ۋەتىنىمىز ۋە ئەركىمىزنى قايتا قولىمىزغا ئېلىشىمىزغا مەدەت بەرسۇن !

سايرام ئوغلانى

2019 / 1 / 29 ـ يانۋار سەيشەنبە

2020 - يىلى 29 - يانۋار چارشەنبە ( قايتا ئەسلەتمە )
72
دۈشمەننىڭ ئەسىرلىك قىيامىتى  يېقىنلاشتى . بىز قانچىلىك تەييار !؟؟

كۈلپەت قانچە قورقۇنچلۇق بولسا ، پۇرسەتمۇ شۇنچە سەلتەنەتلىك بولىدۇ .

كېچىنىڭ ئەڭ قاتتىق قاراڭغۇلۇق ۋاختى دەل تاڭ ئېتىشقا ئەڭ يېقىن قالغان ۋاختىدۇر. 

« مەن ئۆمرۈمدە بۇ قەدەر قورساققا ۋە ئۇيقۇغا ئامراق ئەسكەرلەرنى كۆرمىگەن ئىدىم » . ئامېرىكا گېنىرالى. 1944 - يىلى چۇڭچىڭ.

چوڭ قالايمىقانچىلىق چىقىش ئالدىدا . باندىتلار ئىككى نەرسىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىدۇ . بىر نەرسە ئۈچۈن ئاتا - ئانىسىنىمۇ يەۋېتەلەيدۇ .
ئۇلار ئەھمىيەت بېرىدىغان ئىككى نەرسە دەل قورساق بېقىش بىلەن شىرىن ئۇيقۇ . مۇشۇ ئىككى نەرسىنى تارتىۋالغاندا ئۇلار دەرھال قارشىلىق كۆرسىتىدۇ . مانا ھازىر كورۇنا ۋىرۇسى ئۇلارنى ھەم قورساق بېقىش ھەم شىرىن ئۇخلاشتىن مەھرۇم قىلدى . باندىتلار پەقەت بىر نەرسىنى ساقلاش ئۈچۈن ھەر قانداق نەرسىلىرىدىن ۋاز كېچىدۇ. ھەتتا ئادەم گۆشى يېيىشتىن نومۇس ھېس قىلمايدۇ . ئۇ دەل « تاتلىق جان» نى ساقلاس . باندىتلارغا جان شۇنچىلىك تاتلىقكى ، ھايات ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر تېپىلماس پۇرسەت . ئۇنىڭ نە ئاخىرەتكە ، نە باشقا بىر دۇنياغا ئىمانى يوق . بۇ دۇنيادا ئەتكىنىم ئەتكەن ۋە قىلىۋالغىنىم قىلىۋالغان دەپلا ياشايدۇ. شۇڭا ئۇنىڭدا ئىنسانلىقتىن ھېچقانداق نېسىۋە قالمىغان. بۇنداق مەخلۇقلار يۈز يىلمۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي مۇنقەرز بولىدۇ . چۈنكى پۈتۈن دۇنيا ئۇلارنىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى بىلىشكە باشلىدى . ھېساپتا خەلقىمىز پۈتۈن دۇنيانى ئېغىر بەدەل تۆلەپ قۇتقۇزۇپ قالدى . 
« مەن ئۆمرۈمدە بۇ قەدەر قورساققا ۋە ئۇيقۇغا ئامراق ئەسكەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدىم » .
باندىتلارنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇرغان مەشقاۋۇل ئامېرىكا گېنىرالى  ، 1944 - يىلى چوڭچىڭ .

باندىتلارنىڭ كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن چوشقا قاتارلىق قۇرۇقلۇقتا ياشايدىغان ھايۋانلار ۋە ئۇچار قۇشلار سودىسىنى چەكلىشى قورساق ئۈچۈن ھەممىدىن ۋاز كېچىدىغان ، جان بېقىش ئۈچۈن ئادەم گۆشى يېيىشتىن يالتايمايدىغان يەجۈج - مەجۈجلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . بۇلار تېخى نەچچە ھەپتە بۇرۇن چوشقا گۆشى قىممەت ۋە قىس بولۇپ كەتتى دەپ ئۆيلىرىدە بېقىۋاتقان چوشقىلارنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، ئېتىزلارغا بىللە يۈدۈپ ئاپارغان ۋە ئاپتوبۇسلارغا بىللە ئېلىپ چىقىپ سەپەر قىلىپ يۈرگەنىدى . ئەگەر باندىتلار ئالدىن ئويلاپ قويغان توققۇز تەدبىرگە قارشى خۇدا ئوتتۇز تەدبىرنى ئوتتۇرىغا تاشلىسا ، ئۇ چاغدا ئىشلار بىردىنلا بىزنىڭ پايدىمىزغا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلايدۇ . يېڭى يىلنىڭ تۇنجى ئېيىدىلا بىر يىللىق ئۆزگىرىشلەرگە شاھىت بولدۇق . ئەمدى رېتىم تېخىمۇ تېزلىشىپ كېتىپ بارىدۇ . ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزمۇ قىيامەتكە ئاز قالغاندا ۋاقىتنىڭ رېتىمى تېزلىشىپ ، بىر ئەسىر بىر يىلدەك ، بىر يىل بىر كۈندەك چاققان ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلدۈرۈپ قويغان . ھەممىگە مەلۇمكى قىيامەت ئۈچ تۈرلۈك بولىدۇ . بىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ شەخسىي قىيامىتى بولۇپ ، ئۆلگەن ھامان ئۇنىڭ قىيامىتى قايىم بولغان بولىدۇ . يەنە بىرى بىر مىللەتنىڭ قىيامىتى بولۇپ « ئەسىرلىك قىيامەت » دەپ ئاتىلىدۇ . مۇددىتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 100 يىل بولىدۇ . كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدۇ . كونا ئەسىرنىڭ زومىگەرلىرى غۇلاپ ، يېڭى ئەسىرنىڭ لاياقەتلىك قەۋملىرى مەيدانغا چىقىدۇ. 20 - ئەسىرنىڭ ئەڭ رەزىل ۋە شەپقەتسىز ئىمپىرىيىسى سوۋېت ئىتتىپاقى
74 يېشىدا غۇلاپ چۈشتى . مانا ئەمدى يېڭى ئەسىرنىڭ ئەڭ چوڭ « تېررورلۇق دۆلىتى» 71 ياشقا كىرىپ قالدى . ئۇنىڭ خەلقىمىزگە قىلغان ھەر خىل جىنايەتلىرىمۇ سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەر قايسى مىللەتلەرگە قاراتقان بارلىق رەزىل ياۋۇزلۇقلىرىدىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتتى . سوۋېتلەر ئون نەچچە يىل سالغان زۇلۇمنى باندىتلار 70 يىل توختىماي داۋام قىلدى . دېمەك ئالدىمىزدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يېشىغا بارماي تۇرۇپ غۇلاپ چۈشىدىغان بىر پور كۆتەك ۋە قەغەز يولۋاس تۇرۇپتۇ . ئاخىرقى بىرى پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ قىيامىتى بولۇپ ، ھەر ھالدا خەلقىمىز يەنە بىر قېتىم دەۋران سۈرگىدەك ۋاختىمىز بار . يەھۇدىلار ئوتتۇرا شەرقنىڭ خوجىسى بولغان مۇددەتچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . بەلكىم ھېكمەتلىك رەببىمىز ئەرەبلەرنىڭ ۋە تۈركلەرنىڭ خەلقىمىزگە قاراتقان تارىخىي جىنايەتلىرىگە سۈكۈت قىلغانلىقى ، ھەتتا باندىتلارنى ئوچۇق قوللاپ - قۇۋۋەتلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇلارغىمۇ ئازراق خورلۇقنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويسۇن ، ئۇيغۇر بەندىلىرىم ئورنىدىن تۇرۇپ ، پۇخادىن چىققۇچە تارىختىن بۇيانقى ھەممە ئىنتىقامىنى بىراقلا ئېلىۋالسۇن دەپ قىيامەتنى ئارقىغا سۈرۈپ قويغان بولۇشى تامامەن مۇمكىن . شۇڭا ھەر بىر ئۇيغۇر خۇدادىن ئۈمۈدسىزلىنىشكە بولمايدۇ . كىم بىلىدۇ ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ - زارلىرى ئۈچۈنلا قىيامەتنى خېلىلا ئارقىغا سۈرۈۋەتتىمۇ تېخى !؟ چۈنكى قىيامەتنىڭ ۋاختى يېگانە ئاللاھنىڭ قولىدا بولۇپ ، ئۇنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ تۇرىدۇ . يەر يۈزىدە ھەقىقىي لاياقەتلىك بىر ئۇيغۇر ۋە باشقا ئېتىقادىغا ، قىممەت قاراشلىرىغا سادىق بىر مۇسۇلمان قالغان مۇددەتچە قىيامەت قايىم بولمايدۇ . شۇڭا بۇ دۇنيالىقىمىزدىن تامامەن ئۈمۈد ئۈزۈپ ، تېزرەك قىيامەتنىڭ قايىم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىش ۋەتەندىكىلەر ئۈچۈن ھەقلىق بولسىمۇ ، ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نومۇسلۇق بىر ئىش . تەدبىر تۈزمەي ، ئەمەلىي ھەرىكەت قىلماي دۇئا قىلدۇق دەپلا تۈگۈلۈۋېلىش ياكى يېتىۋېلىش بۇ دىننى مەسخىرە قىلغانلىق . ئوخشاشلا ئۆزىگە تېگىشلىك ئىشلار ۋە ئېغىر مەسئۇليىتى ھەققىدە كاللا قاتۇرۇپ چارە ئىزدىمەي ، خۇدانىڭ ئىشلىرىنى باھالاپ ، تۈرگە ئايرىپ ئولتۇرۇش ، ئورۇنسىز تالاش - تارتىش قورغاپ، خەلقنىڭ دىققىتىنى ئەرزىمەس ئىشلارغا چېچىۋېتىش ئۇچىغا چىققان ھاماقەتلىك ۋە زامانىۋى جاھالەتنىڭ يۇقىرى پەللىسى . شۇڭا
خۇدا ۋەدە قىلغان سەلتەنەتكە ۋە دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىمىز ئۈچۈن بەرگەن كاپالەتكە يارىشا لاياقەتنى ۋە سالاھىيەتنى تېزدىن پەيدا قىلايلى ، مۇكەممەللەشتۈرەيلى!

خەلقىمىز يۈز يىللىق خورلۇق، جاھالەت ۋە ئاسارەتنى بېشىدىن كەچۈرگەن بولسىمۇ ، تۇزدەك ئېرىپ كەتمەستىن ئەكسىچە يېڭى ئەسىرگە لايىق ھالدا ئۆزىنى قايتا ياساپ چىقىپ ، ئورنىدىن تۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت ئۈزلۈكسىز قىلىۋاتىدۇ .  ئەشەددىي دۈشمىنىمىز بولغان باندىتلار گەرچە ئاسارەتتىن جىسمى قۇتۇلغىلى  111 يىل بولغان بولسىمۇ، ئەمما تېخىچە روھىي جەھەتتىكى قۇللۇقتىن ئازراقمۇ قۇتۇلغىنى يوق . شۇڭلاشقا ئۇلار نىيىتىنى بۇزۇپ پۈتۈن دۇنيانى ئۆزىگە قۇل قىلماقچى بولۇپ ، خەلقىمىزنى تۇنجى سىناق قىلىپ تاللىۋېدى ، « چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە مۈشۈكنىڭ قۇيرۇقىنى » چىشلەپتۇ دېگەندەك تۇلۇم چاشقان باندىتلار مەركىزىي ئاسىيادىكى يېگانە نىمجان يولۋاسنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ قويدى.
ئەسلىدە ئۆزلىكىدىن ئۆلۈپ كېتىدىغان يولۋاس قۇيرۇقىنىڭ ئاغرىقى بىلەن بىراقلا جانلاندى . پۇت - قولىغا ماغدۇر كىردى . ئەمدى بىرلا ھۆركىرىسە يېتەرلىك . مەينەت چاشقاننى چايناپ ئاغزىنى بۇلغىمىسىمۇ يولۋاسقا لايىق بىرلا نەرە تارتسا ، تۇلۇم چاشقان گازىر كۆز باندىتلار يۈرىكى يېرىلىپ دۈم چۈشىدۇ . ئەمما مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ۋە تەشكىلاتلار ئاللىبۇرۇن ئەرمەك مۈشۈككە ئوخشاپ قالغان.

ئاددىي بىر مىسال بىلەن ئىپادىلىسەك :

نەچچە كۈن بۇرۇن بىر ئورۇسنىڭ سىبىرىيەدە بىر بۆرىگە يەم بەرگەنلىك ۋىدىئوسى تارقىلىپ، ھەممە ئورۇسلار ئۇنى باتۇر ۋە جۈرئەتلىك ئىكەنسە دەپ ماختاپ كەتكەن . ئېيىق مىجەز ئورۇسلارنىڭ ئاچكۆزلىكىدىن ئاچارچىلىققا دۇچ كەلگەن بۆرە گەرچە ئامالسىز ئاشۇ ئورۇس بەرگەن يېمەكلىكنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ئۇنىڭدىن ھەر ۋاقىت ھەزەر ئەيلەشنى ئۇنۇتمىغان . بۇ ئورۇسمۇ مۇشۇنچىلىك ئۆزىنى كۆرسىتىۋالغىنىنى پەش قىلىپ ، تاراتقۇلاردا بۆرىگە يەم بېرەلىگەن دەپ ماختىنىۋالغان .
ھېچبولمىسا مۇشۇ بۆرىدىكى سەزگۈرلۈكلا بولىدىكەن ھامان باش كۆتۈرەلەيمىز ! ئەمما مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا شۇنىڭ ئەرمەك ھايۋىنىغا ئايلىنىپ قالساق ، ئۇ چاغدا ھەممىسى بىزنى ئويناپ بولۇپ پەس قاۋان توڭگۇزغا پۇت - قولىمىزنى باغلاپ بېرىدۇ . ھازىر ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تۈركپەرەس ، ئەرەبپەرەس، غەربپەرەس ۋە خىتايپەرەس « مۈشۈك خاھىشى ( ئاكىسىراش خاھىشى)» مەۋجۇت . ھەممەيلەن گەرچە شەكىلدە شۇنداق بولۇشقا مەجبۇر بولسىمۇ ، بىراق ئەمەلىيەتتە چوقۇم ئۇچىغا چىققان ئۇيغۇرپەرەس ۋە مىللىي مەنپەئەتنى مەركەز قىلىپ ، ئۇنى ئوي - پىكىر ، گەپ - سۆز ۋە ھەرىكەت قىلىدىغان « بۆرە مىجەز خاھىش » نى بارلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالىي مىزانى قىلىشى كېرەك! بولۇپمۇ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەرنىڭ تىزگىنى ئاستىغا چۈشۈپ قالغان ( توغرىسى شۇلارنىڭ چاپانچىسىغا ئايلىنىپ قالغان ) ياكى ھەر خىل چەكلىمىسىگە ئۇچراپ تومۇرىنى تۇتقۇزۇپ قويغان ھەر قايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى « بېشىڭنى كىم سىلىسا ماشايىخىڭ شۇ ، ئاكاڭ كىمنى ئالسا يەڭگەڭ شۇ » دېگەن پەلسەپىدىن ئۈزۈل - كېسىل ۋاز كېچىشى كېرەك ! بولمىسا ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلغۇدەك سالاھىيىتى قالمايدۇ . پەقەت بىز ئەرمەك مۈشۈككە ئوخشاش كىم بېشىمىزنى سىلىسا ، شۇنىڭ ئۈچۈن ھەممە نەرسىمىزنى ، ھەتتا نومۇسىمىزنى ۋە غۇرۇرىمىزنى قوش قوللاپ بېرىۋېتىشكە خاتىمە بەرسەكلا ، شۇندىلا ھېچكىم بىزنى قايتا ئويناپ، سېتىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئەگەر ئۆزىمىز كەتكۈزۈپ قويساق ئۇ چاغدا « ياتلارنىڭ مۇزدەك ساغرىسىغا چوغدەك يۈزىمىزنى يېقىشقا مەجبۇر بولۇپ قالىمىزدە ، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز رەسۋا قىلىمىز ».
« بىز ئۆزىمىز خالاپ خەخنى گەدىنىمىزگە مىندۈرۈپ قويمىساقلا ، ئۇلار زورلۇق بىلەن بىزنى ئېشەك قىلىپ مىنىشكە پېتىنالمايدۇ » .  سايرام ئوغلانى.

تېخىچە ھازىرقى خىتايدىن بەك قورقۇپ كەتكەنلەر ، ياكى قەلبىدىكى خىتاي قورقۇنچى يۈرىكىنى ۋە مېڭىسىنى چىرمىۋالغانلار ۋە ياكى ئۇنى يىمىرىلمەس ئىمپىرىيە دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا يەنىلا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇنۇ خۇلاسىسى ۋە يەكۈنىنى تەۋسىيە قىلىمىز :
« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.  نەبىجان تۇرسۇن

خۇلاسە :

ئۇنداقتا باندىتلارنىڭ قىيامىتى باشلىنىش ئالدىدا ئىكەن ، بىز قانچىلىك تەييار !!؟ بىردىنلا ۋەتەندە ۋەزىيەت يامانلىشىپ ، لاگىرلارغا سولاپ قويۇلغان خەلقىمىز ئاچارچىلىققا دۇچ كەلسە ، كىم ناتونىڭ ئىشكىنى چېكىپ تىنچلىق ساقلاش قىسمى ( كۆك قالپاقلىق ئەسكەر ) تەلەپ قىلالايدۇ !؟ ناتو ۋىرۇسنى باھانە قىلىپ ئەسكەر تەمىنلەپ بەرمىسە ، قايسى جايدىكى ئون مىڭ قورقماس يىگىت ۋىرۇسقا قارىماي خەلقىنى قوغداش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللانما ئەسكەر قىلىپ تىزىملاپ ۋەتەنگە كىرىشكە تەييار تۇرالايدۇ !؟ قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەنگە قايتقۇدەك جاسارىتى بار !؟ قانچىلىك ئۇيغۇر ۋەتەنگە قايتىشتىن ئۈمۈد ئۈزۈپ سىڭىشىپ كېتىش يولىنى تاللاپ بولدى !؟ پات ئارىدا چوڭ مالىمانچىلىق چىقىپ قالسا نېمە قىلىشىمىز كېرەك دەپ ئويلاپ باققان ئۇيغۇرلار قانچىلىك !؟؟ ئۇندىن باشقا يەنە يۈزلىگەن سوئاللار بار . ئەمما يۇقىرىقى سوئاللار سىزنىڭ كېيىنكى سوئاللارغا لايىق ياكى ئەمەسلىكىڭىزنى ئايرىپ بېرىدۇ . بۇنىڭ ئاخىرىنى كاللىدىن كەتمىگەن ، ئۈمۈدىنى يوقاتمىغان ، ۋەدىسىدە راستچىل بولغان ، خەلقىنى ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ھەر بىر ئۇيغۇر پەرزەنتى چوڭقۇر ئويلىنىپ جاۋاپ تېپىشى ياكى ھازىرىدىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق ھالىتىگە كېلىشى كېرەك ! قورساق بېقىش بىلەن شىرىن ئۇيقۇغا ئامراقلىقتا ، سېسىق جېنىنى دەپ خەلقىنىڭ ۋە مىللىي ئىستىقبالىنىڭ بەختىگە ئولتۇرىدىغان قىلمىشلارنى تاللاپ كەلگەن ، تاللاۋاتقان ۋە تاللىماقچى بولغانلارنىڭ باندىتلاردىن پەرقى يوق ! باندىتلاردىن پەرقى بولمىغانلارنىڭ نە بۇ مىللەتكە يولباشچى بولۇش ، نە بۇ مىللەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سالاھىيىتى يوق . ئۇنداق پەرقسىز مەخلۇقلارمۇ خۇدانىڭ ياردىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ . بىزنىڭ غەلىبە قىلىدىغان كۈنىمىز دەل باندىتلار بىلەن بولغان بارلىق ئوخشاش پەسكەشلىكلەردىن ئادا - جۇدا بولۇپ، باندىتلار بىلەن بولغان پەرقىمىزنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ئىسپاتلىيالىغان كۈنىمىز شۇدۇر .

خەلقىمىزنىڭ ئاھۇ - زارى ھامان تەسىرىنى كۆرسىتىدۇ . بىر ئايدا بىر يىللىق ئىشلارغا شاھىت بولدۇق . ئەمدى بىزمۇ تەڭ رېتىمنى تېزلەتمىسەك ، ۋاختىدا تەدبىر تۈزۈپ قويمىساق ، ئاكىسىراش خاھىشىدىن ۋاز كەچمىسەك ، دۇنيا بىزگە يەنە يېڭى بىر خوجايىن تەييارلاپ قويىدۇ . چۈنكى بۇنداق
« ئۆزىنى كەمسىتكەن ، ئۆزگىنى ئاكا تۇتۇشقا ھېرىسمەن قەۋمنى ھەممە ياتلارنىڭ ئېشەك قىلىپ مىنگۈسى كېلىدۇ » .

ئوخشاش سېنارىيە ۋە ئوخشاش تراگېدىيە :

« پەيغەمبەرلەر قىسسىسى » دېگەن كىتاپتا بىر توقۇلما بار . ھەر ئوقۇساق ئادەمگە شى جىن پىڭنى ئەسلىتىدۇ :

يىراق قەدىمقى زاماندىكى زالىم ھۆكۈمدارلار ئىچىدە « شەدداد » ئىسىملىك بىرى بولۇپ، ئۇ ھەر قايسى جەھەتلەردىن شى غا ئوخشايتتى . ئۇ بوۋاق ۋاختىدا كېمە چۆكۈپ كېتىپ ، ھەممە ئادەم غەرق بولغان . ئەمما ئەزرائىل ئۇنىڭ جېنىنى ئېلىشقا كۆزى قىيماي ، خۇدادىن ئۇنى تىلىۋالغان . ئۇنى بىر تاختايغا چىقىرىپ قىرغاققا ساق ئەكىلىپ قويغان . ئۇنى شۇ يەردىكى يەرلىك ئاھالە بالا قىلىپ بېقىۋالغان . ئەمما بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇ ئاش بەرگەن بۇ خەلققە مۇشت بېرىپ ، ئۇلارنى خۇددى پىرئەۋن بەنى ئىسرائىلنى ئەزگەندەك قاتتىق ئېزىپ ، ئۇلارنى بۇنداق مەلئۇننى باققىنىغا قاتتىق پۇشايمان قىلدۇرغان. ئۇنىڭ پادىشاھلىقى شۇنداق كاتتا بولغانكى ، ھېچكىم ئۇ دەۋردە سەلتەنەتتە ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشەلمىگەن . ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا تولىمۇ ھەشەمەت بىر چاھارباغ ياساتقان بولۇپ ، 80 يىلدا پۈتكەن باغى ئېرەمنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئۈچۈن ماڭغان . ئەمما يول ئۈستىدە ئەزرائىل ئۇنى توسقان . ئۇ يالۋۇرۇپ ، پۈتۈن ئۆمرۈمدە خىيال قىلىپ چىققان شۇ جەننىتىمنى بىر كۆرۈۋالاي دەپ يىغلاپ يالۋۇرغان . ئەزرائىل يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتىپ قالغان . شۇندىلا خۇدا ئەزرائىلغا « ئەي ئەزرائىل ، بىر ئادەمگە ئىككى قېتىم ئارىچى بولامسەن !؟ ئەينى ۋاقىتتا سەن تىلىۋالغان بوۋاق دەل مۇشۇ قانخور شادداد ئىدى » دەپ ئەيىپلىگەن . شۇندىلا ئەزرائىل ئەينى ۋاقىتتا خاتا قىلغانلىقىغا پۇشايمان قىلىپ ئۇنىڭ جېنىنى شۇ زامان جەھەننەمگە يوللىغان .

گەرچە بۇ توقۇلما ۋەقەلىك بولسىمۇ ، ئەمما بوۋاقلىق دەۋرىنى دادىسى بىلەن بىللە ئەزىز ۋەتىنىمىزدە ئۆتكۈزگەن ، ماينۇر قاسىمىنىڭ قولىدا قاتارغا قوشۇلغان ، ۋەتىنىمىزنىڭ ساپ ھاۋاسىدا ، يېشىل يېمەكلىكلىرى بىلەن ئوزۇقلىنىپ ، خىتايدىكى ئاچارچىلىقتىن ساق قالغان شى جاللاتنىڭ ئارىدىن ئاتمىش يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئۆزىنى بېقىپ چوڭ قىلغان خەلقىمىزگە ئاسىيلىق قىلىپ ، قىرىپ يوق قىلماقچى بولۇشى كىشىنىڭ غەزىپىنى قوزغايدۇ . ئۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتتا ئىچ ئاغرىتىپ بېقىپ قويغان خەلقىمىز خۇدانىڭ ھېكمىتىنى بىلمىگەن ئەزرائىلغا ئوخشىسا ، « خىتتاي چۈشىنىڭ ئەمەلگە ئاشقىنىنى كۆرەلمەي ئارمان بىلەن جەھەننەمگە كېتىش ئالدىدا تۇرغان شى قانخور تارىختىكى شەددادقا ئوخشايدۇ . شۇڭا بىز ئۇنىڭغا قايتا ئىچ ئاغرىتىپ قالىدىغان
« ئۇيغۇر ئەزرائىللار » غا تەنبىھ بېرىپ خاتالىقىنى تونۇشقا ياردەم قىلىشىمىز كېرەك!


سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 29 - يانۋار  ئۈمۈدلۈك چارشەنبە
73
نېمە قىلىشىمىز كېرەك !؟ نېمىلەرنى قىلالايمىز !؟؟

ھەر قانداق بىر مىللەتنىڭ « سىر ساقلىغۇچى » ۋە « ئەڭ ئىشەنچىلىك » ئادىمى بولۇشى كېرەك . تارىختا ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنىڭ سىر ساقلىغۇچىسى ئىز باسار تۆت خەلىپىنىڭ بىرى ئەمەس ، بەلكى ئەمەلىي سىناقتىن ئۆتكەن ساھابە ھۈزەيفە ئىكەن . ئەڭ ئىشەنچىلىك كىشىمۇ ئوخشاشلا ئىز باسار تۆت خەلىپىنىڭ بىرى بولماستىن ، ئەكسىچە ئوھۇد كۈنىدە ئۇنتۇلماس ئەسلىمە قالدۇرغان ئەبۇ ئۇبەيدە ئىكەن . ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئۆز خەلقى ئەڭ قىيىن ئەھۋاللاردا قالغاندا ۋەزىيەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ، كېيىنكىلەرگە ئۈلگە بولغۇدەك ئىش - ئىزلىرىنى كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇپ كەتتى .

ھەزرىتى ھۈزەيفە ئۆزى مۇنداق ئۇچۇر بېرىدۇ :
« باشقىلار پەيغەمبىرىمىزدىن داۋاملىق ياخشىلىق ھەققىدە سورايتتى . ئەمما مەن ھە دېسىلا يامانلىق توغرىلىق سورايتتىم » .
ئۇنىڭ ئالاھىدە يىراقنى كۆرەرلىكى ، ھەر دائىم ئىشلارنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى چىقىش قىلىپ ، بىر پۈتۈن دۆلەتنى يىمىرىپ تاشلايدىغان ۋە دىنىي كىملىك بىلەن ئۇيۇشقان يۈزلەرچە مىللەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن تارىخقا يېزىلغۇدەك تۆھپىسىنى قالدۇرۇپ كەتكەن. ئەگەر ھازىر
مىلادى 650 - يىلى خەتەرنىڭ ئالدىنى ئالغان بۇ كىشىدەك بىرى بولغان بولسا ، بۈگۈنكى ئىسلام دۇنياسى بۇنچىۋالا رەسۋالىشىپ كەتمەس ئىدى .

ھەزرىتى ھۈزەيفە ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەتنىڭ ئىستىقبالىغا خەۋپلىك بولغان ئامىللارنى ئالدىن بايقاپ تۇرغاچقا ، مىلادى 650 - يىلى ئىسلام قوشۇنلىرى ئەزەربەيجان ۋە ئەرمەنىيە ئالدىنقى سېپىدە نامازدا ئايەتلەرنى پەرقلىق ئوقۇش تۈپەيلى كېلىپ چىققان قوراللىق توقۇنۇشنى شۇ ھامان ۋاختىدا توسۇپ ، شۇ يەردىن ئۇدۇل پايتەخت مەدىنىگە يېتىپ كېلىپ ، خەلىپە ھەزرىتى ئوسمانغا ۋەقەنى بايان قىلىپ ، ھەر كىم ئۆز ئالدىغا يېزىۋالغان ئوخشىمىغان پارچە قۇرئانلارنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ ، بىرلىككە كەلگەن مۇكەممەل قۇرئاندىن بىرنى تۈپلەپ چىقىپ ، شۇنى ئومۇملاشتۇرۇش تەكلىپى بەرگەن . ئۇنىڭ خەلىپىگە : « خەلقىڭنى بىر - بىرىنى قىرىپ تۈگىتىشتىن ئىلگىرى توسۇۋال!» دېگەن چاقىرىقى قۇرئان كەرىمنىڭ بىرلىككە كەلتۈرۈلۈشى ئارقىلىق ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ
650 - يىلدىن 1650 - يىللىرىغىچە ساق مىڭ يىل بىرلىكنى بۇزماي ، ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قالماي داۋام قىلىشى ئۈچۈن تۆھپە بولۇپ قالدى .

ھازىرقى ئۇيغۇر خەلقىگە دەل مۇشۇنداق خەتەرنى ئالدىن سېزەلەيدىغان ، مىللەتنىڭ سىرلىرىنى ساقلىيالايدىغان ، ئۇنى ھەر قانداق خەۋپ - خەتەردىن سالامەت قۇتقۇزۇپ چىقالايدىغان ، يول كۆرسىتەلەيدىغان قابىل ۋە زېرەك كىشىلەر كۆپلەپ لازىم بولۇۋاتىدۇ .
ھازىر گەرچە كۆپىنچىمىزنىڭ نىيەتلىرى توغرا بولسىمۇ ، ئەمما قىلىۋاتقان ئىشلىرىمىز ۋە تاللىغان ئۇسۇللىرىمىز خاتا بوپقېلىۋاتىدۇ . خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ خەلقىمىزگە سۇنغاندا ، ياكى خىتاينى چۈشەنمەيدىغان ماددىزىمچىلارنىڭ ھەر خىل قاراشلىرىنى شۇ پېتى نەقىل قىلىپ ، نىمجان خەلقىمىزنىڭ ئاخىرقى ئۈمۈدىنى ئۆلتۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ . « ئۈمۈدنىڭ قوۋۇرغىسى سۇنسا ، كېلەچەكنىڭ ئۇمۇرتقىسى سۇنىدۇ !».
بولۇپمۇ ، خىتايچە مۇھىتتا ئۆسكەن ، خىتايچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، خىتايچە مائارىپتا ئوقۇغان كىشىلەر بارلىق ئۇچۇرلارنى خىتايچىدىن قوبۇل قىلىدۇ . خىتايدىن باشقا بارلىق نەرسىلەرنى خىتايچە ئارقىلىق چۈشىنىشكە قەتئىي بولمايدۇ . بولۇپمۇ ئىسلامغا ، ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەر قايسى ئېقىملارغا ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى تېخىمۇ ئېتىراپ قىلغىلى بولمايدۇ . جاھاننى ئېنگىلىز تەپەككۇرى بىلەن ، ئەرەب دۇنياسىنى ئەرەبچە تەپەككۇر بىلەن ، تۈرك دۇنياسىنى تۈركچە تەپەككۇر بىلەن ، ئۆزىمىزنى ئۇيغۇرچە تەپەككۇر بىلەن ، خىتاينى چوقۇم خىتايچە مەينەت تەپەككۇر بىلەن تەھلىل قىلىش كېرەك! ئۇنى خۇددى ئۆزىمىزدەك نورمال ئادەم دەپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىش باشقا بالا بولىدۇ .

بىز يۇقىرىقى كىشىنى ئۈلگە قىلىپ ماڭغاچقا، يېقىندىن بېرى خەلقىمىزنى ئىلھاملاندۇرىدىغان يازمىلارنىڭ ئورنىنى بىراقلا چۈشكۈنلىشىپ قېلىش ۋە ئۈمۈدسىزلىنىپ قېلىشقا سەۋەپ بولۇپ قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولغان قورقۇنچلۇق يازمىلار ئىگىلىدى . بۇنىڭ سەۋەبى تولىمۇ ئوچۇق . بىز راستنلا بەك غەپلەتتە . خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىنىڭ نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى بىلگىنىمىزدە ، بىزدە بۇنداق بوشاڭلىق ۋە ئورۇنسىز قۇرۇق گەپلەرنى تالاشقۇدەك رىغبەت قالمىغان بولاتتى . يەنە بىر تەرەپتىن سەۋەپنىڭ ئالىمىدە ياشاۋاتقاچقا ، دۈشمەنمۇ بىزگە سەۋەپنى بولۇشىغا قوللىنىپ زەربە بېرىۋاتقاچقا ، بىزمۇ « زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماسلىق»، قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىپ كەلدۇق . دۈشمەندە نە ئېتىقاد نە ئەخلاق ، نە مەرھەمەت ، نە ئىنسانلىقتىن نېسىۋە بولمىغاچقا ، ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى تەھلىل قىلغاندا ئۆزىمىزنى ئۇنىڭ ئورنىدا قويۇپ تۇرۇپ تەھلىل قىلدۇق . ھەرگىزمۇ ئۇيغۇرچە ياكى ئەرەبچە تەپەككۇر بىلەن خىتاينىڭ ئىشلىرىنى پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار قىلىۋاتقان رەزىللىكلەر تېخى بىزنىڭ خىيالىمىزغا كېلىپ باققىنىمۇ يوق . ئۇندىن باشقا خىتايدىن ئاگاھلاندۇرۇلغان يازمىلاردا ئاللاھنىڭ قۇدرىتى ۋە دۇئانىڭ تەسىرى قاتارلىق ئىلاھىي ئامىللار نەزەردىن ساقىت قىلىنىپ ، پەقەت ماددىي كۈچلەر ۋە ئىنسانچە پەرەزلەر ئاساس قىلىنغاچقا ، بەزى ئالدىراقسان ۋە تەجرىبىسىز قېرىنداشلار بۇنى ئورۇنسىز تالاش قىلىدىغان مۇنازىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويۇشقا ئۇرۇنغان .

شۇڭا ئەمدى بۇ ھەقتە ئاخىرقى چۈشەنچىنى بېرىۋېتىپ ، تېزدىن نېمە قىلىش ھەققىدە چاقىرىق قىلىشنى توغرا كۆردۇق . بولۇپمۇ تۈنۈگۈنكى ، 2014 - يىلدىن بېرى خەلقىمىزنى نۇقتىلىق باستۇرۇۋاتقان ، 2017 - يىلدىن باشلاپ ئون مىليوندىن ئوشۇق مۇسۇلمان خەلقىمىزنى جازا لاگىرلىرىغا قاماپ ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلىۋاتقان ، سىرتتىكى يەنە شۇنچىلىك خەلقىمىزنى قاتتىق نازارەت قىلىپ ، دىنغا ئالاقىدار ھەر قانداق گەپتىن چەكلىگەن پىرئەۋن شى جىن پىڭ جاللاتنىڭ نەيرەڭۋازلىق ۋە يۈزى قېلىنلىق بىلەن ئىسلام دۇنياسىدىن ۋە مۇسۇلمانلاردىن دۇئا تەلەپ قىلىشى بۇنىڭغا تۈرتكە بولدى .

ھازىر دۇنياۋى سىياسەتتە مۇنتىزىم قېلىپ بولمىغاچقا ، ئاپەتكە ھېسداشلىق قىلىش ، ئۆلۈككە تەزىيە بىلدۈرۈش ، تويغا كېلىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىشلار باھانىسىدە دۆلەتلەر ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاپ ، ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىۋېلىش ئىشلىرى كۆپلەپ كۆرۈنىدۇ . سالمانخان تۈنۈگۈن « ئاللاھ ئەردوغان ۋە تۈرك خەلقىنى ئاللاھ بارلىق يامانلىقلاردىن قوغداپ قالسۇن ! » دېگەن دۇئاسى تۈركىيە تەرەپنىڭ ئىجابىي باھاسىغا ئېرىشتى . جۈمە كەچتىكى يەر تەۋرەش تۈركىيە بىلەن مۇناسىۋىتى بىر قەدەر ناچار بولغان دۆلەتلەرگە توڭنى ئېرىتىش پۇرسىتى بەردى . شى قانخورمۇ دەرھال ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن، ھەمدە خەلقىمىزگە قىلغان جىنايەتلىرىدىن كېيىن يوقاتقان ئىناۋىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى شەرمەندە قىلىدىغان باياناتتىن بىرنى بەرگەن . بۇ ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرى ، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى ئۆلىمالار بىرلىكى ۋە ھەر قايسى دىنىي ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت . ئەگەر بۇ مەسىلىدە قاتتىق يېغىرىنى كوچىلىماي سەل قارىساق ، باندىتلار مەقسىتىگە يېتىۋالىدۇ . شۇڭا بىز تۆۋەندە ھەر قايسى جايلاردىكى ئۇيغۇر خەلقىنى ، ئۆزىنىڭ ۋە ياشاۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىغا ئۇيغۇن بولغان بىر نەچچە ئۈنۈملۈك ئىشلارغا تەۋسىيە قىلىمىز :

1 . ئون كۈنلۈك ۋاقىتلىق ئەمما تەخىرسىز ئىشلار :

1 . تۈركىيە : ئۆلىمالار بىرلىكى ، ھەر قايسى شەرقىي تۈركسىتان تەشكىلاتلىرى شى جىن پىڭنىڭ دۇئا تەلەپ قىلىش نەيرەڭۋازلىقىغا قارشى پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ ، كەڭ كۆلەمدە ئەرەب تاراتقۇلىرىدا تارقىتىش . ئەلخەزىرە ۋە باشقا نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا سۆھبەت قىلىش .
قەلەمكەش دىنىي زاتلار ھەر قايسى ئەرەب گېزىت - ژۇرناللىرىدا كۆپلەپ ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلىپ ، خىتاينىڭ ۋىرۇس سۇيقەستى ۋە خەلقىمىزنى قىرىپ تاشلاشتىكى بارلىق ياۋۇزلۇقلىرىنى پاكىتلىق يورۇتۇپ بېرىش . باشقا ئەرەبچە بىلىدىغان بارلىق بالىلار ھەر كۈنى ئۆزىگە ۋەزىپە قويۇپ ، ئەرەبلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدىغان يالغان ۋە ساختا خەۋەرلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈش . شەخسىي ھېكايىسىنى بايان قىلىپ ، ئەرەبلەرگە كەڭ تارقىتىش . ھەر قايسى تۈرك تەشكىلاتلىرىنى ، ھەتتا كامالچى ئېقىملارنى سۆرەپ كىرىپ ، 5 - فېۋرالغىچە
« خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى كۆپلەپ تارقىتىپ ، ھەممە تۈرك خەلقىنى بۇنىڭدىن خەۋەردار قىلىۋېتىش .

2 . ياۋروپا ئىتتىپاقى : بۇ جايدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ، بولۇپمۇ د ئۇ ق قاتارلىقلار تېزدىن ناتو ، ياۋروپا ئىتتىپاقى ، جەنۋە ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاپپاراتلارغا خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمى قوزغاش سۇيقەستى ھەققىدە خەت يېزىشى ، بارلىق دۆلەت ئەرباپلىرىنى بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقۇزۇشى . ۋەتىنىمىزگە تېزدىن ئۆتكۈر بىئولوگىيىىلىك ۋە خىمىيىلىك بۇلغىنىشنى تەكشۈرۈش ئۆمىكى ئەۋەتىش ، ئۇندىن باشقا يادرو قوراللىرىنىڭ كېڭىيىپ كېتىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئەللەرگە « ۋىرۇسنىڭ يادرو تەھدىتىدىنمۇ ئېغىر تەھدىت » لىكىنى بىلدۈرۈش . خەلقىمىزنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپمىغان بىرمۇ دۆلەت ئەربابى قويماسلىق . 5 - فېۋرالغا قەدەر ئون كۈن ئۇدا ھەر قايسى ئەللەر ھۆكۈمەت ۋە پارلامېنت ئورگانلىرى ئالدىدا نامايىش قىلىش . ھەممە ئۇيغۇر كوچىلارغا تۆكۈلۈپ « خىتاي ۋىرۇسنى لاگىردىكى خەلقىمىزگە يۇقتۇرۇپ تۈگەتمەكچى ! ئۇلار چاغاننى ئۆتكۈزمىدى . كىنوخانىلارنى تاقىدى . ئەمما لاگىرلارنى تاقىمىدى . سەۋەبى بىرلا : بىزنىڭ خەلقىمىزنى ۋىرۇس ئارقىلىق تۈپتىن يوق قىلىۋېتىش !» دەپ شوئارلارنى ھەر خىل تىللاردا يېزىپ چىقىپ ئاگاھلاندۇرۇش . بولۇپمۇ گېرمانىيەدە نەچچە كۈن بۇرۇن پۈتۈن دۇنيا ئىسرائىلىيەدە خاتىرىلىگەن قورقۇنچلۇق جاز لاگىرى بىلەن خىتاي ئۆلۈم لاگىرلىرىنى پەم بىلەن كىرىشتۈرۈپ ، نېمىسلارنى قوزغىتىش كېرەك . باشقا بىر كىشىلىك شەخسلەرمۇ ئۆزى بىلىدىغان تىللاردا ھەر خىل ئۈنۈملۈك تەشۋىقات ھەرىكىتنى كۈچەيتىش . 10 كۈن ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈپ ، ئۆزىنىڭ شەخسىي خىزمەتلىرىنى ۋاقىتلىق قايرىپ قويۇپ ، رەزىل دۈشمەننىڭ 5 - فېۋرال ۋەتىنىمىزدە كەڭ كۆلەمدە ۋىرۇس تارقىتىشىنى توسۇشقا ھەرىكەت قىلىش . بولۇپمۇ خىتاينى ۋە خىتايچىنى ياخشى بىلىدىغان كىشىلەر دادىللىق بىلەن نوپۇزلۇق تاراتقۇلاردا بىلىدىغانلىرىنى ۋە ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك . ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېللاندىيەدىكى ئۇيغۇرلارمۇ يۇقىرىقى چاقىرىق بويىچە ئىش قىلسا بولىدۇ . بولۇپمۇ ئادېلايت شەھىرىدىكى غۇلجىلىق ۋە قەشقەرلىكلەر ئاكتىپلىق بىلەن 10 كۈن ھەربىي ھالەت جاكارلاپ ، 26 - يانۋار غۇلجىدىكى بىڭتۈەننىڭ غۇلجىنى قامال قىلىپ ، كىرىش ۋەچىقىشنى چەكلىگەنلىكى ، 5 - فېۋرال بۇ خىل ئەھۋالنىڭ 1997 - 5 - فېۋرال تەكرارلىنىپ قەلبىدە مەڭگۈ تاتۇق قالدۇرغانلىقىنى ، قەشقەردە يېڭىدىن لاگىرلارغا ئادەم سولاشنى باشلىغانلىقى ، ھەتتا كىنوخانىلارنىمۇ تاقاپ ، ئادەم توپلىشىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولۇۋېلىپ، ئەكسىچە لاگىرلاردىكى خەلقىمىزنى قويۇۋېتىش تۈگۈل تېخىمۇ كۆپلەپ يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغىنىنى ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەتكۈزۈشى كېرەك ! كەلگۈسى 10 كۈن بىز ئۈچۈن بەك مۇھىم !

3 . ئامېرىكا ۋە كانادا : بۇ ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى مىكائىل پومپيو ( پولاتبەگ ) ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە زىيارەتكە كېلىدۇ . بۇ بىز ئۈچۈن تېپىلماس پۇرسەت . ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ئاللىبۇرۇن ۋىرۇس ھەققىدە سەزگۈر ھالەتكە ئۆتۈپ بولدى . ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ، د ئۇ ق نىڭ خادىملىرى ۋە باشقا بارلىق تەشكىلاتلار ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىغا دەرھال مۇكەممەل تەلەپ ۋە ئىلتىماس سۇنۇپ ، ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىنى تەلەپ قىلىشى كېرەك . ئۇلار ئامېرىكىغا 1969 - يىلى خىتاينى سوۋېتنىڭ يادرو ھۇجۇمىدىن قانداق ساقلاپ قالغان بولسا ، بۈگۈن خەلقىمىزنى خىتاينىڭ ۋىرۇس ھۇجۇمىدىن شۇنداق ساقلاپ قېلىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىشى كېرەك ! تارىختىكى ئامېرىكا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ خىتاينى يۆلەپ ۋە قوللاپ بىزگە قىلغان زىيانكەشلىكلىرىنى سىلىق يۈزىگە سېلىپ ، خاتالىقىدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ ، بۇ خەۋپنى توسۇشقا چاقىرىق قىلىش . بەھرام سىنتاش بىر دوكلات تەييارلىسۇن ! دوكتۇر ۋە دوختۇر مەمەت ئىمىن ئاكا تىببىي نۇقتىدىن بىر ئىلمىي دوكلات تەييارلاپ بەرسۇن . سىياسەتتە قابىل بىرەيلەن ئۇنى سىياسىي نۇقتىدىن شەرھىلەپ ، بۇ ۋىرۇسنى خىتاينىڭ قانداق قىلىپ خەلقىمىزنى باستۇرۇشقا قورال قىلىۋالغانلىقى ، ئۇلارنىڭ
ھەمىشە شەرقتىن شەوە بېرىپ ، غەرپتىن ھۇجۇم قىلىدىغان ھىلىگەرلىكىنى پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويۇپ مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى ، دۆلەت مەجلىسى ۋە پولاتبەگ قولىغا تەككۈزۈش . بولۇپمۇ پولاتبەگ ئوتتۇرا ئاسىياغا سەپەر قىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭغا بارلىق ئەندىشىلىرىمىزنى بىۋاستە بىلدۈرۈش. ئۇندىن باشقا شارائىت يار بەرگەن ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ ئۆزى قىلالايدىغان دائىرىدە ئالدىنى ئېلىشقا سەۋەپ قىلىشى . تۈگۈلۈۋالغان تەبىئىي پەن زىيالىلىرى ، بولۇپمۇ بىئولوگىيە ۋە گېن كەسپىدىكى كىشىلەر چوقان كۆتۈرۈشى كېرەك ! 5 - فېۋرالغا قەدەر مارافونچە نامايىش قىلساڭلار تېخىمۇ ياخشى بولغىنى .

4 . ئوتتۇرا ئاسىيا :  بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلار قازاقىستان ۋە قىرغىزىستاندىكى ھەر خىل ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە خوشنا خەلقلەرنى قوزغىتىپ ، ھەر تەرەپتىن خىتتايغا بېسىم چۈشۈرۈشى كېرەك . قالغان تەۋسىيەلەر يۇقىرىقى تەۋسىيەلەر بىلەن ئوخشاش .

ھازىرغىچە ئىشلارنى ئىلاھىي ئادالەت ، ئىلاھىي تەقدىر ۋە ئىسلامچە قىممەت قاراشتى خالىي ھالدا تەھلىل قىلدۇق . بۇنى كۆرۈپ خەلقىمىز ئۈمۈدسىزلىنىپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن . شۇڭا ئەمدى بۈگۈن بۇ ئىشنى ئۇيغۇرچە قىممەت قاراش ۋە كېلەچەككە بولغان ئۈمۈدۋارلىق ئامىللىرى ئارقىلىق بايان قىلىپ ، خەلقىمىزنىڭ سۇنۇق دىللىرىگە مەلھەم قىلىمىز !

ئىنسانىيەت يارىتىلغاندىن بېرى بۈگۈنگىچە ھەق بىلەن ناھەق ، مەرىپەت بىلەن جاھالەت ئۆز ئارا توقۇنۇشۇپ كەلدى . ئەمما ھەيران قالارلىقى ھەر قېتىمدا ھەقىقەت تەرەپدارلىرى ماددىي جەھەتتە دۈشمەنلىرىدىن ئاسمان زېمىن كۈچ پەرقىگە قارىماي داۋاملىق يېڭىپ كەلدى . يىراق قەدىمقى تارىخلارغا نەزەر سالساق :

مىلادىدىن بۇرۇنقى 2860 - يىللىرى، يەنى ئوغۇزخان دەۋرىدە ئىراق پادىشاھى نەمرۇد ھەزىرىتى ئىبراھىمنى بىر ئاي ئۇدا توشۇپ كەلگەن ئوتۇن دۆۋىسىگە ئوت يېقىپ ، ئۇنى يىراقتىن مەنچاناق ئارقىلىق ئوت مەركىزىگە ئاتقان . ئەمما ئوت ئۇنى كۆيدۈرمىگەن . ( بۇ مەلۇمات قۇرئاندا بار ). ئەكسىچە جېنىنى ئەزرائىلدىن قوغداپ قېلىش ئۈچۈن تۆمۈر قەسىر - ساراي ياسىتىپ ئىچىگەكىرىۋالغان نەمرۇدنى بىر پاشا ئۆلتۈرۈپ قويغان.( ئىلاھىم بۇ ۋىرۇس باندىتلارنى شۇنداكق ھالاك قىلغاي)!
دېيىلىشىچە قارلىغاچ ئوت ئۈستىگە سۇ چاچسا ، باشقا جانلىقلار مازاق قىلىپ ، بۇنچىلىك سۇغا ئوت ئۆچەمدۇ !؟ دېسە ، ئۇ ، مەن قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلدىم ! دېگەن . ( بىزدىمۇ شۇ قارلىغاچ روھى  بولسۇن ! قولىمىزدىن كەلگىنىنى قىلىپ ، ئاندىن تەۋەككۈل دەيلى).

2  . ھەزرىتى مۇسا مىلادىدىن 13 ئەسىر بۇرۇن مىسىردا جازا لاگىرلىرىغا سولانغان مىللىتىنى قۇتقۇزۇپ چىقىش يولىدا پىرئەۋننىڭ بىر مىليون ئاتلىق قوشۇنىنىڭ قوغلاپ زەربە بېرىشى ۋە قىرىلىپ كېتىش خەۋپىدە قالغاندا ، خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە قولىدىكى ھاسىسىنى قىزىل دېڭىزغا ئىشارەت قىلغان . دېڭىز يېرىلىپ ئۇلار قۇتۇلغان. پىرئەۋن بالرىق ھەربىي كۈچى بىلەن غەرق بولغان . ئىنسانچە ئويلىغاندا ، مۇسانىڭ شۇ قەدەر قۇل مىجەز ۋە ئۇزۇن يىللىق قۇللۇقتا ئەبگالىشىپ كەتكەن خەلقنى ھەر جەھەتتىن تەربىيىلەپ ، تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، پىرئەۋن بىلەن ماددىي كۈچتە تەڭلەشمەكچى بولسا يۈز يىلمۇ يەتمەيتتى . ئەمما مەسىلە ئاسانلا ھەل بولدى . چۈنكى ئۇلار مۇساغا ۋە ئۇنى ئەۋەتكەن خۇداغا ئىشەنگەنىدى . بۇ يەردىكى بىر مەسىلە بەك مۇھىم . يەنى خۇدانىڭ بىراقلا دېڭىزنى بۆلمەستىن ، بەلكى مۇسانى ھاسىسىنى شىلتىغۇزۇش ئارقىلىق ئىككىگە بۆلگەنلىكىدە چوڭقۇر مەنە يوشۇرۇنغان . ئەمما گەپ ئۇزىراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك بايان قىلايلى.

3 . مىلادى بىرىنچى ئەسىردە ئەجداتلىرىمىز خىتاي بىلەن بولغان بىر قېتىملىق ئۇرۇشتا قىرىلىپ كېتىپ يالغۇز بىر بوۋاقلا ئامان قالغان . كېيىن دۈشمەن ئۇنىمۇ يوقاتقىلى ئادەم ئەۋەتكەندە ، ئۇ بۇ بالىغا ئىچى ئاغرىپ ، پۇت - قولىنى كېسىپ تاشلىۋەتكەن . خۇدا ئۇ بالىنى بىر بۆرە ۋە ئۇچار قۇشلار ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇپ تۇرغان . كېيىن ئۇ بالا چوڭ بولۇپ ، كۆپ ئەۋلادلىق بولۇپ ، دۈشمەننى ھالاك قىلغان .

3 . مىلادى 622 - يىلى 11 - سېننتەبىر مەككە باندىتلىرى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىزنى ھىرا غارىدا تۇتۇپ ئۆلتۈرۈش خەۋپى تۇغۇلغاندا ، بىر ئۆمۈچۈك غار ئاغزىغا تور توقۇۋەتكەن . بىر كەپتەر غار ئۈستىگە قونۇپ ئۇلارنى قايمۇقتۇرغان . ئۇلار قۇتۇلۇپ قالغان. شۇنداق قىلىپ ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پارلاق دەۋى باشلانغان .

4 . چاناققەلئە مۆجىزىسى :
1915- يىلى 18- مارت كۇنى 18 چوڭ ئۇرۇش پاراخوتى، 109 ھۇجۇمچى پاراخوت، 308 ئەسكەر توشۇش كېمىسى ۋە يۇزلەرچە ئايرۇپىلان بىلەن نەچچە يۇزمىڭلىغان ئەسكەر دېڭىزدىن، قۇرۇقلۇقتىن ۋە ھاۋادىن چاناق قەلئە بوغۇزىغا ھۇجۇم قىلدى. بۇ چاغدا ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ ئاساسلىق قوشۇنلىرى بالقان يېرىم ئاراللىرىدا، كافكاسىيەدە ۋە ئوتتۇرا شەرىقتە ئۇرۇش قىلىۋاتقان بولۇپ، دۆلەتنىڭ ھەربى، ئىقتىسادى كۇچى ئىنتايىن ئاجىزلىغان ئىدى. بۇ كۆرۇلۇپ باقمىغان غايەت زور ھۇجۇمغا تاقابىل تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. پۇتۇن دۇنيا تۇركلەر تۇگەشتى دەپ ئويلىغان ئىدى ۋە ھىساپ - كىتاپ، پىلانلىرىنى بۇنىڭغا ئاساسەن تۇزۇپ بولغان ئىدى. چاناق قەلئەنى قوغداش ئۇچۇن مۇستافا كامال قوماندانلىقىدىكى 19- تۇمەن مۇداپىئەگە ئۆتتى. ياۋروپا ئارمىيەسى باشتا دېڭىزدىن ھۇجۇم باشلىدى، ئەمما ئىنتايىن شىددەتلىك بىر قارشىلىققا دۇچ كەلدى، نەچچە ئونلىغان پاراخوتلىرى ۋە مىڭلىغان ئەسكەرلىرى ئۆلدى. شۇنىڭ بىلەن قۇرۇقلۇق، دېڭىز ۋە ھاۋادىن تەڭ ھۇجۇم باشلىدى. قىرغاقلارنى قورقۇنۇچلۇق بىر بومباردىمانغا تۇتتى، پۇتۇن چاناق قەلئە شەھىرى تۇپتۇز بولۇپ كەتتى. قىرغاقتىكى تۇرك زەمبىرەكلىرى ئېتىشتىن توختىغان ئىدى. دۇشمەنلەر ھىچكىم ساق قالمىدى دەپ ئويلاپ پۇتۇن كۇچى بىلەن چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە ئىلگىرلەشكە باشلىدى. ئەمما مۆجىزە يۇز بەردى .  ياۋروپا بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيىسى ئوسمانىلارنىڭ ئىستانبۇل ئالدىنقى سەپ لىنىيىسىنى يىمىرىپ ، پايتەختنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن كېلىۋاتتى . ئەمما بىردىنلا بىر پۇتى سۇنغان ئون بېشى سېيت نوچى ھوشىغا كېلىپلا ، دۈشمەن پاراخوتلىرىنىڭ يېقىنلاپ كەلگىنىنى كۆرۈپ ، دەرھال 275 كىلوگراملىق زەمبىرەك ئوقىنى ئۆزى يالغۇز شوتىسى سۇنغان زەمبىرەككە تەستە ئوقلاپ ، ئەڭ چوڭ بايراقدار پاراخوتنى نىشانلاپ ، بىسمىللاھ دەپ ئاتقان. ئوق دەل ئۇنىڭ تۇرخۇنى ئارقىلىق قورال - ياراق ئامبىرىغا چۈشۈپ پارتلىغان . نەتىجىدە ئۇ پاراخوت چۆرگىلەپ يېنىدىكى نەچچە پاراخوتنى چۆكتۈرۈپ تاشلىغان . ئۇلار ياردەمچى قوشۇن كەپتۇ دەپ قاراپ چېكىنگەن . شۇنىڭ بىلەن ئوسمانىلار ئىشغالىيەتتىن ساقلىنىپ قالغان. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈن ئاساس سېلىنغان.

بۇ ھېكايىنىڭ ئەڭ ھالقىلىق يېرى  « ھەربىي ئىشلار تورى » دا مۇنداق بايان قىلىنىدۇ :

 بىر تۆپىلىكتە 3 تۇرك ئەسكىرى قالغان ئىدى. ئىككىسى ئېغىر يارىدار ئىدى. قالغان تۇرك ئەسكەرلىرى تامامەن قىرىلىپ تۇگىگەن ئىدى. دۇشمەنلەر ئاخىرقى قېتىم پۇتۇن كۇچىنى توپلاپ چاناق قەلئە بوغۇزىنىڭ ئىچىگە كىرىشكە باشلىدى. ئۇلارغا تاقابىل تۇرىدىغان بىر نەرسە قالمىغاندەك قىلاتتى. دۇشمەن قوشۇنلىرىنىڭ ئەڭ ئالدىدا ئەنگىلىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ پاراخوتى بولغان << يېرىم دۇنيا >> ئىسىملىك پاراخوتى بار ئىدى. ساق قالغان 3 ئەسكەرنىڭ بىرى بولغان سەئىد ئونبېشى دۇشمەنلەرنىڭ تېز سۇرئەت بىلەن ئىستانبۇلغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنى كۆردى، ياردەمچى قوشۇن تېخى كېلىپ بولالمىغان ئىدى. يېنىدا بىر زەمبىرەك بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىر زەمبىرەك ئوقى قالغان ئىدى. ئەمما زەمبىرەكنىڭ ئوقنى قويۇش ئۇچۇن كۆتۇرىدىغان پۇتى سۇنغان ئىدى. ئوقنى قويۇش ئۇچۇن پەقەت قول بىلەن كۆتۇرۇپ زەمبىرەكنىڭ ئىچىگە قويۇش كېرەك ئىدى. ئەمما ئوقنىڭ ئېغىرلىقى 275 كىلوگىرام ئىدى !!! قانداق قىلىش كېرەك؟ ۋاقىت ئىنتايىن ئاز ئىدى. تۇيۇقسىز << ئاللاھۇ ئەكبەر >> دىگەن بىر نارە ئاڭلاندى ۋە سەئىد ئونبېشى 275 كىلولۇق زەمبىرەك ئوقىنى كۆتۇرۇپ تۇققۇز بالداقلىق پەلەمپەيدىن زەمبىرەكنىڭ يېنىغا چىقىپ، ئوقنى ئىچىگە قويدى ۋە << ئى اللە! بۇ مۇقەددەس تۇپراقلارنى، ئالەمى ئىسلامنى، سەن ئەزىز قىلغان تۇرك مىللىتىنى كاپىرلارنىڭ ئالدىدا مەغلۇبىيەتكە ئۇچراتما، مۇسۇلمانلارنى بۇ كاپىرلارنىڭ قولىغا چۇشۇرمە، يا ئاللاھۇ ئەكبەر >> دەپ زەمبىرەكنى ئەڭ چوڭ كىمىگە قارىتىپ ئاتتى. ۋە بۇ ئەڭ ئاخىرقى ئوق ئۇ ئەڭ چوڭ كىمىنىڭ دەل ئوتتۇرىدىكى تۇرخۇنىدىن ئىچىگە كىرىپ شۇنداق شىددەت بىلەن پارتىلىدىكى، پۇتۇن چاناق قەلئە ئاسمىنى زىلزىلىگە كەلدى. ئېغىر دەرىجىدە ۋەيران بولغان كىمە، سۇنىڭ ئىچىدە ئەتراپىدا پېقىراشقا باشلىدى، ۋە باشقا كىمىلەرگە سوقۇلۇشقا باشلىدى. بۇنى كۆرگەن دۇشمەن قوماندانلىرى يېڭى تۇرك تۇمەنى ياردەمگە كەلدى دەپ ئويلاپ دەرھال چېكىنىشكە بۇيرۇق قىلدى، ۋە ئوسمان ئىمپىرىيەسى بىلەن سۇلھى قىلىشقا مەجبۇر بولدى. چۇنكى بۇ ئۇرۇشقا ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرى قاتناشقان ئىدى ۋە ياۋروپادىكى ئۇرۇش مەيدانلىرىغا جىددى ئەسكەر لازىم ئىدى. چاناق قەلئە ئۇرۇشى، بىرىنجى دۇنيا ئۇرۇشىنى 2 يىل ئۇزاتتى، ۋە ئىتتىپاقداشلارنىڭ 1 مىليونغا يېقىن ئەسكىرىنىڭ ياۋروپا ۋە ئافرىقىدىكى جەڭ مەيدانلىرىدىن يىراق قېلىشىغا سەۋەپچى بولدى.بۇ پىلاننى تۈزگەن چېرچىل ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىپ ئارمىيەدىن قوغلانغان . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇرۇش ئاخىرلاشقۇچە چېرچىل رەسىم سىزىش بىلەن شۇغۇللانغان . ئۇرۇشتىن كېيىن مۇخبىر خەۋەر ئىشلىمەكچى بولۇپ ، سەئىد ئونبېشىنى ھېلىقى ئوقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما بۇ قېتىم ئونبېشى ئوقنى ئورنىدىنمۇ مىدىرلىتالمىغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ يالغان بىر ئوقنى كۆتۈرۈپ تۇرۇپ رەسىمگە چۈشۈپ بەرگەن .

يۇقىرىقى ۋەقەلەردىكى بىر ئورتاقلىق شۇكى ، ھەقىقەت تەرەپدارلىرى ئەڭ ئاخىرقى بىر پاي ئوقنىمۇ ئۈمۈد بىلەن ئاتقان . ھېچكىم قىياس قىلمىغان غەلىبە ئۇلارغا يۈزلەنگەن . مانا بۇ قۇرئان كەرىمدىكى بەش ئاساسلىق تېمىنىڭ بىرى بولغان تارىخ ۋە ئۇنىڭدىن چىققان يەكۈن . مانا بۇ ئاللاھنىڭ دۇنيادىكى قانۇنىيىتى . بۇنى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز 23 يىللىق سىياسىي كۈرەش ھاياتىدا بىزگە ئەمەلىي كۆرسىتىپ بەردى .
لېكىن مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى ئاخىرقى ئوقنى تېخى ئاتمىدى . ئەكسىچە « بەرىبىر نەتىجە ئوخشاش بولىدۇ » دەپ ئۆزىگە ئىشەنمەي سەل قاراۋاتىدۇ . زادى ئوقى قالمىغانلار دۇئا ئوقىنى ئاتسۇن !
دۇئا دەل بىزدەك ئىنسانىيەت تارىخىدا كۆرۈلۈپ باقمىغان پاجىئەگە دۇچار بولغان خەلقنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئاخىرقى ۋە دائىمىي قورالى ! نامازلاردىلا ئەمەس ، ھەر ۋاقىت دۇئا قىلايلى ! ئەمما قۇرۇق تالاش قىلمايلى !

جەنۇپتىكى قۇرغاق ۋىلايەتلەردە ئەجداتلىرىمىز يازكۈنلىرى يامغۇر تىلەش ئۈچۈن سەھرالارغا چىققاندا ، ھەر تۈرلۈك ھايۋانلار بىلەن يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرى ۋە بوۋاقلىق ئاياللارنى بىللە ئېلىپ چىقىپ ، بالىلارنى ئانىسىدىن ئايرىپ تاشلايدىكەنتۇق . موزايلار ، قوزىلار ، تايلار ۋە بوۋاقلار پەرياد كۆتۈرسە ئانىلىرى چىدىماي مۆرەپ ، مەرەپ ، ۋاي بالام دەپ نالە قىلار ئىكەنتۇق . شۇئان قاتتىق يامغۇر ياغىدىكەنتۇق. پەقەت يامغۇر ياغمىسا مۇشۇ ئۇسۇلنى تاللىسا چوقۇم يامغۇر ياغاتتىكەن . بۇ ھەرگىزمۇ خۇراپىيلىق ياكى تاسادىپىيلىق ئەمەس . بەلكى زۇلۇم ۋە مەزلۇمنىڭ پەريادى خۇدانىڭ ئەرشىنى تىترىتىشى ھەقىقەت بولۇپ ،تېخى يېقىندىلا ئاۋسترالىيەدە تاتلىق سۇ يېتىشمەي ئون مىڭ تۆگىدىن بەش مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن زامان قاتتىق يامغۇر يېغىپ ، ھەتتا تاس قالدى سۇغا غەرق قىلىۋەتكىلى . بەلكىم بۇ بىر تاسادىپىيلىقتۇ . ئەمما ئەجداتلارنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتىنىڭ چوڭقۇر دىنىي ۋە پەلسەپىۋىي ئاساسى بار . ئۇنى ھازىرقى مەنىۋىيەتتىن خالىي ماددىنى مەكەز قىلىدىغان بىلىملەر بىلەن ئىزاھلىغىلى بولمايدۇ .

ئەمدى قاراپ باقساق ، رەزىل خىتايلار ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان 40 مىليوندەك ھەر مىللەت خەلقىمىزنى بىر - بىرىدىن ، ئانىنى بالىدىن ، دادىنى ئوغلىدىن ئايرىۋەتتى . ئۇندىن باشقا مىليونلىغان جانىقلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇپ تاشلىدى . بىزنى 70 يىل قانلىق يىغلاتتى ، دەپسەندە قىلدى ، خورلىدى ، قىممەت قاراشلىرىمىزنى پايخان قىلدى ، قۇرئانلارنى كۆيدۈردى . مەسچىتلەرنى چاقتى، ئۆلىمالار ، ئالىملار ، زىيالىلار ۋە بارلىق سەر خىللىرىمىزنى يوقاتتى . ئەمدى ۋىرۇس ئارقىلىق پۈتۈن خەلقىمىزنى يوقاتماقچى بولۇۋاتىدۇ . ئەجەبا ئىشلار مۇشۇ دەرىجىگە يەتكەن يەردە ئۇلۇغ ئاللاھ بىزنى تاشلاپ قويارمۇ !؟ ئەسلى بىزنى پۈتۈن دۇنيانىڭ تاشلاپ قويۇشى ۋە ئالداپ يۈرۈشى نەتىجىسىدە يەر شارىدىكى شىكايىتىمىز ئاللىبۇرۇن ئاسمانغا ئۆرلەپ بولدى . ۋەتەندىكى خەلقىمىزمۇ ئاللىبۇرۇن مۆجىزىگە ۋە غەلىبىنىڭ شەرتلىرىگە لايىق بولۇپ بولدى . ئەمما ھەر قايسى ساھەلەردىكى بارلىق مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۇنداق ئەمەس . نەچچە كۈندىن بېرى قوزغالغان
« خىتاي ۋىرۇسى خۇدانىڭ جازاسىمۇ ئەمەسمۇ !؟ ئاق خىتاي قىزىل خىتايدىن ياخشىمۇ ئەمەسمۇ !؟ ئاۋسترالىيە دۆلەت بايرىمىنى تەبرىكلەش توغرىمۇ خاتا !؟ » دېگەندەك ئىنتايىن تېتىقسىز ۋە ئورۇنسىز تالاشلارنى كۆتۈرۈپ چىققان ۋە ئۇلغايتىۋاتقان كىشىلەر دەل ھەر قايسى ئېقىملارغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ پېشۋالىرى ۋە بىر قەدەر ئۈلگىلىك شەخسلىرى بولۇپ ، گېلىغا پىچاق تەڭلەنگەن بىر مىللەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن تاللانغان ۋاختى قىس ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلىدە بۇنداق ۋاقىت ئىسراپ قىلىشى ئىلاھىي غەلىبىنىڭ تېزدىن يېتىپ كېلىشىنى توسىدۇ . ھازىرقى ئۆز ئارا ئۆچمەنلىكلەر پەقەت رەزىل ۋە رەھىمسىز دۈشمەنگە قارىتىلمىغۇچە ، بىزدىكى ئىچكى نەپرەت تاشقى دۈشمەنگە قارىتىلىپ، ئورنىنى رەھىم - شەپقەت ، مېھرى - مۇھەببەت ۋە كەڭ قورساقلىق ئىگىلىمىگىچە بىزگە خۇدانىڭ ياردىمى كەلمەيدۇ .

ھەربىر ئادەمنىڭ ئالدى ـ كەينىدە ئاللاھنىڭ ئەمرى بويىچە ئۇنى قوغدايدىغان نۆۋەتچى پەرىشتىلەر بار. ھەر قانداق بىر قەۋم ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمىگۈچە (يەنى ئاللاھنىڭ بەرگەن نېمەتلىرىگە تۇزكورلۇق قىلىپ گۇناھلارغا چۆممىگۈچە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئۆزگەرتمەيدۇ (يەنى ئاللاھ ئۇلارغا بەرگەن نېمەت، خاتىرجەملىك ۋە ئىززەت ـ ھۆرمەتنى ئېلىپ تاشلىمايدۇ)، ئاللاھ بىرەر قەۋمنى ھالاك قىلماقچى (ياكى ئازابلىماقچى) بولسا، ئۇنىڭغا قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ، ئۇلارغا ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ئاللاھتىن باشقا ئىگىمۇ بولمايدۇ[11].  سۈرە رەئىد 11 - ئايەت .

سۈرە ئىنشىراھ 5 - ئايەت
ئەلۋەتتە ھەر بىر مۈشكۈللۈك بىلەن بىر ئاسانلىق بار[5].
سۈرە ئىنشىراھ 6 - ئايەت
ئەلۋەتتە شۇ مۈشكۈللۈك بىلەن يەنە بىر ئاسانلىق بار[6].
سۈرە ئىنشىراھ 7 - ئايەت
(ئى مۇھەممەد! دەۋەتتىن) بوشىغان چېغىڭدا (ئاللاھقا) ئىبادەت قىلىشقا تىرىشقىن[7].
سۈرە ئىنشىراھ 8 - ئايەت
پەرۋەردىگارىڭغا يۈزلەنگىن[8].

شۇڭا قىلچە ئۈمۈدسىزلىنىشكە بولمايدۇ . بىز خۇدايىم بۇيرۇسا 100% غەلىبە قىلىمىز . ئەمما خەلقىمىزگە كېلىدىغان تالاپەتنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ئۈچۈن بارلىق سەۋەپلەرنى قىلىشمىز ، ۋاستە تاللىماسلىقىمىز كېرەك !

خىتايغا كەلگەندە ئىش ئاسان ! ھازىرقى خىتايدىن بەك قورقۇپ كەتكەنلەر ياكى ئۇنى يىمىرىلمەس دەپ ئېتىقاد قىلىدىغانلارغا تارىخ پەنلىرى دوكتۇرى نەبىجان تۇرسۇننىڭ مۇنۇ خۇلاسىسى ۋە يەكۈنىنى تەۋسىيە قىلىمىز :

« موسكۋا خىياللىرى»نىڭ دۇنياغا كېلىشىدە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئىبارەت دۇنياۋى قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بىر پاي ئوقسىز، بىر كېچىدە قانداق غۇلىغانلىقىغا شاھىت بولۇشۇم سەۋەب بولغانىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، مەن دۇنيادا ئەبەدىيلىك ئىمپېرىيە بولمايدىغانلىقىغا قەتىي ئىشەنگەنىدىم. بۇنىڭ بىلەن مەن « دۇنيادا شۇنچە قۇدرەتلىك، ئۆزىنى بىر چاغلىغان قىزىل ئىمپېرىيە-سوۋېت ئىتتىپاقى  بىر پاي ئوقسىز تارىخ سەھنىسىدىن چۈشتى، بۇ ئىنسانىيەت تارىختىن ئىبارەت ئادىل سوتچىنىڭ ھۆكۈمىدۇر ! دېمەك دۇنيادا مەڭگۈلۈك بىر ئىمپېرىيە بولمايدۇ، قېنى تارىختىكى ئالېكساندىر ماكېدونسكىينىڭ ئىمپېرىيەسى ؟، قېنى چىڭگىزخاننىڭ قۇدرەتلىك بىپايان ئىمپېرىيەسى؟، قېنى تارىختىكى تاڭ سۇلالىسى،؟ قېنى ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپېرىيەسى؟، دېمەك، ئىمپېرىيەلەر ئۆز نۆۋىتى بىلەن يوقىلىدۇ، تارىخ سەھىنىسىدىن چۈشىدۇ، چۈنكى  تارىخ ئەڭ ئادىل سوتچىدۇر ! » دەپ خۇلاسە چىقارغانىدىم.

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 27 - يانۋار.  ھەربىي ھالەتلىك دۈشەنبە.
74
شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ غەرپتىن ھۇجۇم قىلىشمۇ !؟؟

كۆك ئەرۋاھ

« ئۆزۈڭنى ئەر چاغلىساڭ ئۆزىگىنى شىر چاغلا » ئۇيغۇر ئەجدات ئۆگۈتلىرى .

« ئۆزۈڭنىمۇ ئۆزگىنىمۇ ياخشى بىلسەڭ جەڭدە ئەسلا يېڭىلمەيسەن » سۈنزى .

« شەرقتىن شەپە بېرىپ قويۇپ غەرپتىن ھۇجۇم قىلىش ھىلىسى » ئىككى مىڭ يىلدىن بۇيان نەچچە مىڭ قېتىم ئۇتۇقلۇق سىناقتىن ئۆتكەن ھەربىي مىكىر بولۇپ ، باندىتلارمۇ بۇ ھىلى - مىكىرنىڭ تارىختىكى بارلىق ئۇتۇقلۇق سىناقتىن ئۆتكەن ئۆرنەكلىرىگە تولۇق ۋارىسلىق قىلىپ ، ئەشەددىي رەقىبى قارا خىتاينى تېز سۈرئەتتە مەغلۇپ قىلىپ ، خىتاينى ئىگىلىگەن.

ئەڭ ئاخىرقى مىسالى ، باندىتلار قاراخىتايلار پايتەختى نەنجىڭگە ھۇجۇم قىلغاندا ئالدى بىلەن ياشىل ئۆگۈز ( چاڭجياڭ )نىڭ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان شەرق تەرىپىدىن تۈمەنلىگەن ھەربىي قالپاقلارنىڭ ئىچىگە چوشقا قاتارلىق ھايۋانلارنىڭ قانلىرىنى تولدۇرۇپ ، چىڭ چىگىپ نەنجىڭ يۆنىلىشگە قويۇپ بەرگەن . يىراقتىن دەريادىكى تۈمەنلىگەن « كومپارتىيە سۇ ئاستى قوشۇنى » نى بايقاپ قالغان مۇھاپىزەتچى قوشۇن تېزلىك بىلەن ئاساسلىق كۈچىنىڭ ھەممىنى دەريا بويىغا يىغىپ نەچچە سائەت قالپاقلارنى ئوققا تۇتقان . دەريا سۈيى قىپقىزىل بويالغاندىن كېيىن ئۇلار تېخىمۇ روھلىنىپ تاكى ئوقلىرى تۈگىگىچە دەرياغا ئوق چىقىرىۋەرگەن.
ئويلىمىغان يەردىن شەرقتىكى بۇ گومىنداڭ ئەسكەرلىرى بىردىنلا شەھەرنىڭ غەربىدىن شەھەرگە تىنچ سوقۇنۇپ كىرگەن باندىتلارنىڭ قورشاۋىدا قالغانلىقىنى ھېس قىلىپ ، ئۇرۇش قىلمايلا تەسلىم بولغان . شۇنداق قىلىپ كونا پايتەخت پېكىننى قانداق ھىلە بىلەن ئالغان بولسا ، نەنجىڭنىمۇ يېڭىچە ھىلە بىلەن ئالغان.

ئارىدىن 54 يىل ئۆتكەندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئارمىيسىمۇ دەل مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللىنىپ ، ئىراقنىڭ شەرقىدىن ھۇجۇم قىلىدىغاندەك ساختا مەنزىرە پەيدا قىلىپ ، سادامنىڭ بارلىق ھەربىي كۈچىنى كۇۋەيت چېگرىسىغا توپلاپ قويۇپ، ئاسترتتىن بىر كېچىدىلا غەرپتىكى سۈرىيە چېگرىسىدىن بېسىپ كىرىپ نەچچە كۈندىلا چاقماق تېزلىكىدە بوش قالغان باغدات شەھىرىنى بىر پاي ئوق چىقارمايلا ئىگىلىگەن .

بۇ تاكتىكا يالغۇز مەيدان ئۇرۇشلىرى ۋە چىن مەنىدىكى ھەقىقىي ئۇرۇشلاردا ئىشلىتىلىپلا قالماستىن بەلكى ، خەلقئارا دىپلوماتىيە ۋە دۇنيانىڭ دىققىتىنى بىر يەردىن باشقا يەرگە بۇرۇۋېتىش ئۈچۈنمۇ ئىشلىتىلىدۇ . 2008 - يىلى تېخىچە كاۋكازنىڭ شەرقىدە چېچىنىيە ئۇرۇشىنى قىلىۋاتقان ئورۇسلارنى ھېچكىم گىرۇزىيەگە بېسىپ كىرىدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى . 2013 - يىلى ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس قاپلىغاننى ئاز دەپ شەرقتە ياپونلار بىلەن تىركىشىۋاتقان ئورۇسلارنىڭ 2014 - يىلى بىردىنلا غەرپتىكى قىرىمنىچاقماق تېزلىكىدە ئىشغال قىلىۋالىدىغانلىقىنى دۇنيا ئالدىن مۆلچەرلىيەلمىگەن ئىدى . دۇنيانىڭ قىرىمدىكى دىققىتىنى باشقا تەرەپكە بۇرۇۋېتىش ۋە غەرپ ئەللىرىنىڭ قورشاۋىنى بۇزۇش ئۈچۈن 2015 - يىلى سۈرىيەگە بېسىپ كىرىدىغانلىقى ۋە شەرقىي ئۇكرائىنادا ئىككى قارانچۇق دۆلەت پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ھېچكىم ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلالمىغان ئىدى .

ئەمدى كونۇرا ۋىرۇسى مەسىلىسىدە بىز تېخى يېڭى بايقىغان ، ئەمما نەزەردىن ساقىت قىلغان ئەڭ قورقۇنچلۇق يامان ئېھتىماللىق دەل مۇشۇ
« شەرقتىن شەپە بېرىپ ، غەرپتىن زەربە بېرىش تاكتىكىسى » غا تامامەن چۈشىدىغان نۇقتا شۇ .
يەنى ، بۇ كونۇرا ۋىرۇسى ئەسلىدە خەلقىمىزنى نىشان قىلغان بولماستىن ، ئەكسىچە ئالدى بىلەن خىتايلارغىلا ماس كېلىدىغان ۋىرۇس بولۇشى ، بۇ ئارقىلىق ھەم باندىتلارغا يۈك بولۇپ قالغان 500 مىليوندەك قېرى - چۆرە ۋە ئاغرىق سىلاقلاردىن قۇتۇلغاچ ، ئۇتۇقلۇق سىناق قىلىنغىنىغا قانائەت ھاسىل قىلغاندىن كېيىن، ئالدىرىماي ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانغاچ
پۈتۈن تاراتقۇلاردا كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ دىقىتىنى خەلقىمىزنىڭ قىل ئۈستىدىكى تەقدىرىدىن خىتايدىكى مەزكۇر ۋىرۇسقا قارىتىپ قويۇپ ، ئاسترتتىن باشقا بىر ۋىرۇس ئارقىلىق ، يەنە كېلىپ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان خەلقىمىزنىڭ DNA ئۇچۇرلىرى ئاساسىدا يېتىشتۈرۈپ چىققان ئەجەللىك ۋىرۇسنى كەڭ كۆلەمدە نەچچە يىلدىن بۇيان سىرلىق دورىلار تەسىرىدە ئاللىبۇرۇن تېنى ئاجىزلاپ كەتكەن لاگىردىكى ئون مىليوندەك خەلقىمىزگە يامرىتىپ ، خەۋەرلەرنى قاتتىق كونترول قىلىپ ، بەك بولمىسا ئۇ ۋىرۇسنىمۇ كونۇرا ۋىرۇسى دەپ ئاتاپ تۇرۇپ تولۇق يۇقتۇرۇپ ، ئاندىن كېيىن « كەڭچىلىك قىلىپ» لاگىرلاردىكى خەلقىمىزنى قويۇپ بەرسە ، ئاخىرىدا ئۇلار ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بۇ ۋىرۇس ھەر بىر ئائىلىدىكى قالدۇق ئۇيغۇرلارغا يامراپ غايەت زور ئۆلۈم - يېتىم ۋەقەسى يۈز بەرسە ، باندىتلار جىنايەتلىرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن
« ۋىرۇسنىڭ يامرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش » باھانىسىدە جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋەتسە ھېچكىممۇ ئۇنى توختا دېيەلمەيدۇ . چۈنكى باندىتلار بۇ ئىشلارنى تولۇق تۈگەتكىچە خىتايدىكى كونۇرا ۋىرۇسىنى تۈپتىن يوقىتىش ئىشىنى تۈرلۈك باھانىلەر ئارقىغا سۆرىشى مۇمكىن . ئەڭ ئاخىرىدا بارلىق رەزىل پىلانلىرى تولۇق ئەمەلىلەشكەندىن كېيىن ، بىراقلا ئالدىن تەييارلانغان ۋاكسىنا ئارقىلىق ھەممە ۋىرۇسنى بىراقلا يوقىتىپ ، « ئىنسانىيەتنى يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلگەن زور بالا - قازادىن قۇتقۇزۇپ قالغان قەھرىمان خىتاي » دېگەن شەرەپلىك نامغا ئېرىشىۋالسا ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇپلا قالماستىن ، مۇھاجىرەتتىكى قالدۇق ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قىيامىتى قايىم بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى ئىشلار ئۇ دەرىجىگە بارغاندا بىز پۈتۈنلەي چارىسىز قالغان بولىمىز !

جىنايەتنىڭ ئىزىنى يوقىتىش تارىختا كۆپ كۆرۈلگەن ئىش . ئالايلۇق : ياپونلار 1896 - يىلى مانجۇرىيەدىكى لۇشۈن پورتىدا قۇرۇقلۇققا چىقىپ خىتاي ئاھالىسىنى قىرغىن قىلىپ، بۇ جىنايىتىنىڭ سۈرۈشتىسىدىن قورقۇپ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىنى كۆيدۈرۈپ ، بىر قەبرە تىكلەپ، ئۈستىگە :« بۈيۈك مەنچىڭنىڭ ئۇرۇشتا قازا قىلغان ئەسكەرلىرى » دەپ يېزىپ ، قىرغىن قىلغانلارنى دۈشمەن ئەسكىرى دېگەن خاتا ئويغا كەلتۈرۈپ قويغان .

سىتالىن 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا مانجۇرىيەدە بىر مىليون كانتون ئارمىيىسىنى ئەسىر ئېلىپ ، سىبىرىيەدە نەچچە يىل ئېغىر ئەمگەككە سېلىپ، ئاخىرىدا « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانىدە تۈرلۈك - قىيىن قىستاقلار بىلەن قىيناپ ۋە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ تۈگەتكەن . ياپون تەرەپ ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى ۋە سۆڭەكلىرىنى تەلەپ قىلغاندا ، سىتالىن جىنايى قىلمىشىنىڭ ئىسپاتى بوپقېلىشىنى خالىماي ، ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدە سوپۇن ياساپ ، قالدۇقلىرىنى كۆيدۈرۈپ تاشلاپ ، پەقەت بىر كېمە جەسەت كۈلىنى قايتۇرۇپ بەرگەن . ئەسكەرلىرىنىڭ قانداق ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى بىلەلمىگەن ياپونىيە ئۇلارغا مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، روھىنى تاۋاپ قىلىش ئارقىلىق ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ كەلمەكتە.

ئەمدى سەل يىراقتىن بىر مىسال ئالساق ، مەنچىڭ خانلىقى زوزوڭتاڭ ئىستىلاسىدىن كېيىن ئاتۇشتا غايەت زور ۋابا ئاپىتىگە دۇچ كەلگەن . بۇنىڭ سەۋەبى : بىر كېچىسى بىر قىرغىز مالچى يايلاقتا كېتىۋېتىپ ، ئايدىڭدا يېقىن ئەتراپتا پارقىراپ تۇرغان بىر سۇغۇرنى كۆرگەن . ئۇ بېرىپ قارىسا بىر ئۆلۈك سۇغۇر تۇرغۇدەك ، مالچى ئۇنىڭ تېرىسىنى شىلىپ ئېلىپ ، قوينىغا تىقىپ ئۆيىگە يېنىپ كېلىدۇ.
ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇنىڭ ئاغزى - ئۇرنىدىن ئوقتەك قان ئېتىلىپ چىقىدۇ . ھەتتا قۇلاقلىرىدىنمۇ قان چىقىپ ئۆلۈپ كېتىدۇ . خوتۇنى دەرھال مېيت يۇيغۇچىلارنى چاقىرىدۇ. ئۇلار بۇنى ئادەتتىكى ئۆلۈم دەپ قاراپ ئۇنى يۇيۇپ كېپەنلەپ نامىزىنى چۈشۈرۈپ دەپنە قىلىدۇ . ئەتىسى تۆت غاسسالمۇ ئوخشاش سەۋەپ بىلەن ئۆلۈپ كېتىدۇ . ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى يەنە تۆت ئادەم يۇيۇپ كېپەنلەيدۇ . ئاخىرى مۇشۇ تەرىقىدە ھەپتە ئىچىدە كىچىك بىر تاغلىق مەھەللىدىكى بۇ ۋابا ۋىرۇسى تېز سۈرئەتتە ئاتۇش ۋە قەشقەرگە قاراپ يامراشقا باشلىغاندا ، مەنچىڭ ھۆكۈمدارى گۇاڭشۈ چارپادىشاھتىن بۇ ۋابانى تىزگىنلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ . بۇنىڭ بەدىلىگە ئورۇسلارغا كۆپلەپ پۇل ۋە سودا ئىمتىيازى ۋەدە قىلىدۇ.
ئاڭغىچە ئاتۇشنىڭ چېگرا جايلىرىدىكى بىر قىسىم قىرغىز ياشلار ۋابادىن قېچىپ چاررۇسىيە تەۋەلىكىدىكى تۈركىستان ھەربىي ۋالىيلىقىغا يېتىپ كېلىدۇ . چارپادىشاھنىڭ ئاللىبۇرۇن چۈشۈرگەن بۇيرۇقى بويىچە كازاك ئەسكەرلەر ئۇلارغا قىلچە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيلا يىراقتىن ئوق چىقىرىپ ئۆلتۈرۈپ ، ئاندىن يۈزلىرىنى نەچچە قات داكىدا تېڭىپ ، ئۇلارنىڭ جانسىز جەسەتلىرىگە كىرسىن چېچىپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ .
باشقا يۇقۇملانغان كىشىلەرمۇ چېگرىغا ئالداپ ئاپىرىلىپ ئوخشاش ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىنىدۇ . بۇ ۋەھشىيلىكلەرنى خەلقىمىز ئۇنتۇپ كەتكەچكە بىلمەيدۇ . ئەمما باندىتلار بۇنى ياخشى بىلىدۇ . ئۇيغۇرلارغا يۇقتۇرۇش شەكلىمۇ دەل مۇشۇنداق « ئالدى بىلەن لاگىردىكىلەرگە، ئاندىن بارلىق ئائىلىلەرگە يۇقتۇرۇش ، ئاخىرىدا ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش باھانىسىدە جىنايى قىلمىشلىرىنىڭ ئىزىنى يوقىتىش ئۈچۈن بارلىق جەسەتلەرنى ياكى يۇقۇملانغان ئۇيغۇرلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ كۆيدۈرۈپ تۈگىتىشتۇر» .
ئەڭ ئاخىرىدا ياپونلاردەك بىر ساختا ئابىدە تىكلەپ :« ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جانغا زامىن ۋىرۇستا قۇربان بولغان ئەزىمەتلىرى » دەپ كۆز بويامچىلىق قىلىشتىن يانمايدۇ .

بىز ھەتتا ئۆزىمىزنىمۇ دۈشمىنىمىز بىزنى چۈشەنگەنچىلىك چۈشەنمەيدىغان تۇرساق قانداقمۇ ئۇلارنىڭ بۇ قەدەر ياۋۇز ۋە رەزىل ئالۋاستىلار ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتەيلى !؟؟

ۋۇخەندىكى تۆتيۈزمىڭ يۇقۇملانغان خىتاينىڭ سىرلىق غايىپ بولۇشى ، خىتايلار ھەتتا چاغاننىمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، كىشلەرنىڭ توپلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۈچەۋاتىدۇيۇ ، ۋەتىنىمىزنىڭ غۇلجا ۋە قەشقەردە كۆپلەپ يېڭىدىن لاگىرلارغا يىغىۋېلىشقا باشلىغانلىقى ،
ھەپتىدە بىر قېتىم ئۆيىگە قايتتلايدىغانلارنىڭ دەم ئېلىشىنىڭ بىكار قىلىنىشى ئەجەبا « لۇشۈن ۋە ئاتۇش پاجىئەسىنىڭ قايتىلىنىشى » ئۈچۈن ئالدىن ھازىرلىق بولماي نېمە !؟؟؟

قېرىنداشلار ، بارلىق قۇرۇق تالاش ۋە شەخسىي زىدىدىەتلەرنى قايرىپ قويۇپ ، ئاتا - ئانا ، ئاچا - سىڭىللىرىمىزدىن تەركىپ تاپقان خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇۋالايلى ! ھەقىقىي ئەھۋال بەلكىم بىز پەرەز قىلغاندىن ئۆتەر قورقۇنچلۇق بولۇشى
مۇمكىن .

كۆك  ئەرۋاھ.   2020 / 24 - يانۋار. جۈمە

مەن يۇقىرىقى ئېھتىماللىقنى پەقەت كاللامغا كەلتۈرۈپ باقماپتىمەن . ھەقىقىي ئەھۋال راسلا تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ قورقۇنچلۇق ئىكەن . جېنىم قېرىنداشلىرىم ، باشقىلارنى ئويلىمىساڭلارمۇ ئاتا - ئاناڭلار ، ئاچا - سىڭىل ۋە ئۇرۇق - تۇققانلىرىڭلارنىڭ ھاياتلىقى ۋە سالامەتلىكى ئۈچۈن بارلىق قۇرۇق تالاش - تارتىش ۋە شەخسىي ئۆچمەنلىكلەرنى قايرىپ قويۇپ ، بار كۈچىمىز بىلەن ئاخبارات ئۇرۇشى قوزغاپ، باندىتلارنىڭ تېخى ئىجرا قىلىشقا باشلىمىغان بۇ رەزىل پىلانىنى بىتچىت قىلايلى !

سايرام ئوغلانى.
2020 - يىلى 26 - يانۋار. لەنەتلىك يەكشەنبە .

قوشۇمچە ئاگاھلاندۇرۇش :

 ئورۇسلارنىڭ تەدبىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى : ( DNA نىڭ مۇھىملىقى ) :

رۇسلارنىڭ گېن مەلۇماتلىرى دۆلەت سىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولدى

رۇسىيەدە خەلقنىڭ گېن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىش خەۋپىگە قارشى قانۇن ئۆزگەرتىش تەكلىپى سۇنۇلدى.
رۇسىيە سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغداش ئىدارىسى باشلىقى ئاننا پوپوۋا رۇسىيەلىكلەرنىڭ گېن مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدىلىدىغان دۆلەت سىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاننا پوپوۋا ئىلگىرى خۇسۇسىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسىم ‫- ‬فامىلە، دادىسىنىڭ ئىسمى ۋە بارماق ئىزلىرىدىن ئىبارەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ گېنىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭمۇ مېنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتىمىز. ئۇنداقتا بۇ مەلۇماتلارنى قان ھۈجەيرىلىم ئارقىلىق گېن شىپرىسىنى چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئۈچىنچى كىشىگە ئەمەس، ماڭا بېرىشىڭىز لازىم» دېدى. 
بۇ ھەقتە سىپۇتنىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئاننا پوپوۋا يەنە، قانۇن ئۆزگەرتىش تەكلىپىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. 
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدىكى باياناتىدا، بەزى چەت ئەللىكلەرنىڭ چۈشۈنىكسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنى توپلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ مەسىلە رۇسىيە خەلقى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى فىرانتىس كلىنتسېۋىچمۇ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا تۇرۇشلۇق رۇسلارنىڭ بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنىڭ غەرب كۈچلىرى تەرىپىدىن تەسىرى ئۆتكۈز بىئولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە توپلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 
« رۇسىيە سىپۇتنىك تاراتقۇسى » .
2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر

قاراڭلار!رۇسلار چېغىدا گېنلىرىنى
دۆلەت سىرى دەپ قانۇن  چىقىرىپتۇ.
ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ DNA
گېن ئەۋرىشكىلىرى ئاللىبۇرۇن
ئالۋاستىلار تەرىپىدىن تولۇق يىغىلىپ
ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى .بىئولوگىيلىك
«ھالاكەت گېن قورالى»مىللىتىمىزنى تۈپ
يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتىن ئىلگىرى
ئۇلارنى قۇتقۇزىشىمىز كېرەك!شۇندىلا
ھازىرغىچە ياشىغىنىمىزنىڭ ئەھمىيىتى
بولىدۇ!«ئاتا ـ ئانا،قەۋمۇ ـ قېرىندىشى
كۆز ئالدىدا ۋەھشىيانە قەتلىئام
قىلىنىۋاتسىمۇ غىڭ قىلالمىغان بىچارە ئۇيغۇر
ئۇيغۇر بولۇش تۈگۈل نورمال ئادەم ئەمەس !
بۇنى ئوقۇپ بېقىڭلار ! شۇنچە كۈچلۈك رۇس مىللىتى گېنلىرىنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇپ،قانۇن چىقاردى.بىزنىڭ گېنلىرىمىز 2016 - يىلدىن بېرى دۈشمەن قولىدا ! «كىم بۇرۇن قول سالسا شۇ تىرىك قالىدىغان بىر مەيدان ماماتلىق جەڭ بىزنى كۈتمەكتە»! ئەمما بىز تېخىچە سەپ تۈزۈپ بولالماي ئاۋارە! دۈشمەن تولۇق ھەربىي ھالەتتە.بىز بولساق تولۇق راھەت ھالەتتە .
2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر پەيشەنبە . غەلىتە يېرى دەل بەش كۈندىن كېيىن موسكۋادا زىيارەتتە بولغان قورچاق نۇر بەكرى 20 - سېنتەبىر پەيشەنبە پېكىنگە قونۇشىغىلا تۇتقۇن قىلىندى . ( سۇيقەستلەردىن كىچىك بىر كارتىنا).

ۋىلادىمىر پۇتىن 2018 - يىلى 9 - ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،رۇسلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىغا كىرگۈزدى. دېمەك پۇتىن زامانىۋى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتايلار 2016 - يىلى سېنتەبىردىن 2018 - يىلى سېنتەبىرگىچە « سالامەتلىك تەكشۈرۈش » باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بارلىق ئەسلى مىللەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يىغىۋالغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسى، كۆز قارىچۇقى، بارماق ئىزلىرى ۋە باشقا پۈتۈن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋېلىپ، « سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى» دىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىمىزدىكى 50 مىليونغا يېقىن كىشىنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىپ تۇرۇش سەۋىيىسىگە يەتتى. يەنە قارشى تەدبىر قوللانمىساق 10 يىلغا قالماي « گېن قورالى » ياسىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا يۈز بېرىدىغان قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ!  2019 - 3 - ئاپرىل سايرام ئوغلانى.


يېڭى خىتاي ۋىرۇسى ئاشكارىلىنىش بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان غەلىتىلىك :

باندىتلارنىڭ ئادەم قانۇنسىز كىلون بوۋاق پەيدا قىلغان شايكىسى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن . بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچ يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققان . شۇنىسى ئېنىقكى ، باندىتلار ئۇنى ئاللىبۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى مەخپىي خىزمەتكە مەسئۇل قىلىپ بولدى .
پەن - تېخنىكا ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغان باندىتلارنىڭ قولىغا چۈشسە قانداق بولىدىغىنىنى بىزدەك ياخشى بىلىدىغان خەخ بولمىسا كېرەك ! ئۇخلايلى ، ياكى داۋاملىق يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالايلى ! خەلقىمىزدىن زورلاپ ئالغان د ن ئا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنى « تاشقى پېلانت ئادەملىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندا ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ ياشايدىغان گەپ . بۇندىن كېيىن بىر مىنۇتلۇق بىخۇتلۇقنىڭ بەدىلى ھەر سىكۇنت پىچاقسىز بوغۇزلىنىش بولىدۇ » .
سايرام ئوغلانى 2019 - يىلى 30 - دېكابىر .
رويتۇرس ئاگېنتلىقى شىنخۇادىن نەقىل قىلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ‏16-سېنتەبىر يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئېمبارگو قويۇشقا چاقىردى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقى ۋە تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئۆرنەكلىرىنىڭ ئېلىنىپ، د ن ئا ئۇچۇرىنىڭ توپلانغانلىقى، بالىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى، ھەممىدىن يامىنى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 2019 - 17 - سېنتەبىر .

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسلارنىڭ « د ن ئا » ئۇچۇرلىرىنى 2018 - يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەت سىرلىرى قاتارىغا قوشۇپ ، بۇنى يىغقان ھەر قانداق دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمما ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن « د ن ئا » ئۇچۇرلىرى « سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسى » دە يىغىۋېلىندى . بۇنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ، بىئولوگىيەلىك ۋە ۋىرۇسلۇق تەھدىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ . « بىر مىللەتنى تۈپتىن يوق قىلىشنىڭ بۇنداق رەزىل تەدبىرى نە ناتسىست گېتلىر نە قانخور سىتالىننىڭ خىيالىغىمۇ كېلىپ باقمىغان » .
2019 - يىلى 14 - نويابىر سايرام ئوغلانى .

مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ! چۈنكى ئۆزىمۇ د ن ئا ساھەسىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان ئالىم بولغاچقا، نۆۋەتتە باندىتلارنىڭ زورلۇق بىلەن بىچارە خەلقىمىزنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى قولغا چۈشۈرۈشىنىڭ قانداق قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغىنىنى بىزدىن مىڭ ھەسسە ئوبدان بىلىدۇ . شۇڭا ئىزچىل بىز تەرەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . داۋۇت ئوغلى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق . ئەزىز سەنجەر ئاكا نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاز ئۇچرايدىغان ئىختىساس ئىگىسىدۇر ، تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بىزنىڭمۇ ئىپتىخارىمىزدۇر!
2019 - يىلى 21 - دېكابىر سايرام ئوغلانى .

 سېسىق نامى پۇر كەتكەن 731 - قىسىم ۋە ئۇيغۇرنى يوقاتماقچى بولغان 2017 - قىسىم:

ﻳﺎﭘﻮنلارنىڭ « ھۈنەرلىرى» نى  ، ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . خىتاي ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﻴﺎ ﯞﯗ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ 731 - ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك . <<ﻗﯩﺴﯩﻢ  - 731 >> ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ  ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .....
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ 3 ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺟﺎﻟﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﯩﻨﯩﯔ خىتاي  ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ :

 << 18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ >>  ۋەقەسىدىن ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﯞە ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ . كانتون ئارمىيىسىگە قاراشلىق ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ، ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﯟﺍﺋﻰ ﺷﯩﺮﯗ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . << 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﯘﻣﺎ ، ﺧﻮﻟﯧﺮﺍ ، ﮔﺎﻧﮕﯧﻨﺎ ، ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪ  ، ﻛﯧﺰﯨﻚ ، ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭغانلىقى تېخىچە بىر سىر . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .
ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﺎﻻھىدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﻗﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻫﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ، ﻓﺎﺭ - ﻓﻮﺭ ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ  ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ  ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەكلەرمۇ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
<< 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎدەمنى ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺩەمگە ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .... ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻢ 1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ خىتاينىڭ ﭼﺎﯓ ﺩﯤ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯘﻣﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ . 1942 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ خىتاينىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ~ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺟﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﻲ - ﻫﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ  ، ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .....

1935 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە بولغان ئون يىلدا ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى 731 - قىسىم خىتايلارغا تەتبىقلىغان ۋەھشىي تەجرىبىلەرنى ئارىدىن 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە ئىنسانىيەت ئەقلى يېقىنقى 300 يىل ئىچىدە كەشىپ قىلغان ھەر تۈردىكى بارلىق كەشپىياتلارنى 30 يىلدا ئوغرىلاپ بولغان قۇۋ باندىتلار بىزنىڭ خەلقىمىزگە مىليون ھەسسە ئارتۇقى بىلەن ۋاستە تاللىماي تەتبىقلاپ يەر يۈزىدىن ئۇيغۇرلارنى تولۇق يوقىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ . بەلكىم ھازىر ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
1939 - يىلى ياپونلار ساغلام خىتاي ئاياللىرىنى باغلاپ ، سۈتلىرىنى سېغىپ ئەكەتكەن بولسا،
2019 - يىلى باندىتلارمۇ قەشقەردىكى ساغلام ئاياللارنىڭ سۈتلىرىنى ئەنە شۇنداق ھايۋاننى ساغقاندەك سېغىپ، « تەتقىقات ئۈچۈن» ئېلىپ كېتىۋاتقانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى.
ئىشقىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق پەسلىك ۋە مەينەتلىكلەرنى ، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا « ئەمدى قايتىلانمايدۇ ! » دەپ قارىغان
« ئىرقىي قىرغىنچىلىق » نى خىتايلار بىزگە ئاشۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ . ئورۇسلار كاۋكازلارغا ، سېربلار بالقانلارغا ، ياپونلار خىتتايلارغا ، ئېنگلىزلار ھىندىلارغا ، فرانسۇزلار ئەرەبلەرگە،
پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىغا قىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى خىتايلار مىڭ ھەسسە مەينەتلىك بىلەن ئاشۇرۇپ خەلقىمىزگە قىلدى .

« شەپەرەڭنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان بىر خىل ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىپ ، خىتايدا يېڭى سارس تارقالدى . ئەڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكىنى قورال قىلىۋالغان ئەشەددىي ۋە قەبىھ ئىنسانىيەت دۈشمىنى بولغان باندىتلار شەپەرەڭ تېنىدىن ئايرىپ چىققان ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىپ ، ۋۇخەننى مەركەز قىلىپ يېڭى سارس ۋاباسى تارقىلىپ كەتكەنمىش.
ئەگەر بۇ گەپ راس بولسا ، « شەپەرەڭنىڭ تېنىدىن ئالغان ۋىرۇس بىلەن يېڭى سارس ۋاباسى تارقىلىپ كەتكەن بولسا»،
بىز يەنە ئوتتۇرا ئەسىر پەدىسىدە ياشاپ بىپەرۋا يۈرسەك، خەلقىمىزنىڭ DNA سىدىن ئېرىشكەن مەخپىيەتلىكلەر ئارقىلىق ، پەقەت ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھالاك بولىدىغان گېن قورالىنى ياساپ چىقسا ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ! يۈزى قېلىن، نىيىتى يامان ، قىلمىشى رەزىل باندىتلار ۋاختى كەلگەندە بارلىق جىنايەتلىرىنى كىچىكلىتىپ « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» قا ئارتىلىپ قۇتۇلۇش چوتىنى سوقۇپ قويغان . ئەمما مەيلى قانداقلا كەچۈرۈم سورىمىسۇن ، خەلقىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . ئەڭ يارىماس قورقۇنچاق ئۇيغۇرمۇ كاللىسى جايىدا ۋاقىتتا ۋەتەندىكى ئۆزى تونۇيدىغان بارلىق ياخشى - يامان ھەممە كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى ئازدۇر - كۆپتۇر خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك ! ھەممەيلەنگە ئومۇمىي تەۋسىيە ، ئېكرانغا چىقىشتىن قورۇنۇپ قالساڭلار ياكى قورقساڭلار ، قولۇڭلارغا دەرھال قەلەم ئېلىڭلار !
ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا ھەر قانداق يېقىن قېرىندىشىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلار ئۇلارنىڭ قان - قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ روھىنى كۈچەيتىشى، يەككە ۋە تەشكىللىك تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشى ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا نامازدا سەپراس بولالىغاندەك چاققان ۋە چاقماق تېزلىكىدە چاقىرىق قىلىنغان ھەر تۈرلۈك جەڭگە بىمالال كىرەلىشى ئۈچۈن ھازىر تۇرۇشى كېرەك ! ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، ئىنساننىڭ بۇنداق ھالەتكە كېلىشى ۋە ئىچىدىن قىزىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن ئاۋانگارتلارنىڭ سانى بەكلا چەكلىك ھەممە ئادەمنى قىزىتىش ئىمكانىيىتى يوق . شۇڭلاشقا ھەر كىم ئۆزىنى ئىچىدىن قىزىتىشى ۋە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا پارتىزانلارچە ئىشلەپ تۇرۇشى زۆرۈر ! « كۆڭۈلدىن تارتمىسا ، قولىدىن تارتقان بىكا» . باندىتلار گېن قورالى ياساپ چىقىشتىن ئىلگىرى ۋاستە تاللىماي پوكىنىنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇش چارىسىنى تېپىپ چىقالمىساق ، مەينەت ئالۋاستىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قۇربانلىقى يەنىلا ئەزىز خەلقىمىز بوپقالىدۇ . ئەھۋالىمىز بۇنچىلىك شەرمەندە ئىكەن ، بىز قانداقمۇ ئاشۇ ۋاستە تاللىمايدىغان باندىتلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خەلقىمىزنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمىز !؟؟

ئىشلار ھەمىشە بىز ئەڭ خالىمايدىغان ئېھتىماللىق بىلەن ئاخىرلىشامدۇ !؟  زادى قاچانغىچە كۆزىمىز كور بىزنىڭ!؟

ئۇيغۇرلار كالتە پەملىك قىلىپ 48 سائەت « خۇدانىڭ جازاسىمۇ ئەمەسمۇ !؟ » دەپ تالىشىپ يۈرگەندە ماۋۇ قۇۋ باندىتلار سۇيقەستلىك پىلانىنىڭ ئىككىنچى قىسمىنى باشلىۋەتكەن . بۈگۈن ئېلان قىلىنغان جىددىي خەۋەردە خىتاي سەھىيە ۋەزىرى كورۇنا ۋىرۇسىغا قارشى دورىنى ياساپ چىققانلىقىنى ، پات ئارىدا ھەقسىز تەمىنلەشكە باشلاپ ئۇنى تىزگىنلەپ يوقىتىدىغانلىقى ھەققىدە دۇنياغا ئۇچۇر تارقاتتى . يېرىم سائەت بولمىغان بۇ خەۋەرنىڭ ئەرەبچە نۇسخىسى نەچچە مىڭ ئەرەبنىڭ خىتايلارنى تازا ماختاپ كۆككە كۆتۈرۈشى بىلەن تېخىمۇ كەڭ تارقالدى .

خىتايلار ئەجەبا  ئۆزىنىڭ شەيتانچە رەزىل سۇيقەستنىڭ يېڭى باسقۇچىنى باشلاپ كەتتىمۇ !؟

خىتايلار بۇ ۋىرۇسنى يوقىتىش ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى قايتا تىكلىۋالسا ، ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ ئاققان قانلىرى ، مۇھاجىرەتتىكى ئاز ساندىكى ئۈنسىز بەدەل تۆلەۋاتقانلارنىڭ تىرىشچانلىقى نۆلگە ئايلىنىدۇ . چۈنكى ئەمدى خىتاي ھەرگىزمۇ بىزگە قايتا ئۆزىنى رەسۋا قىلىش پۇرسىتى بەرمەيدۇ . ئۆتكەن ئۈچ يىلدا خىتاي كالۋالىقنىڭ بەدىلىنى خېلى تۆلەپ تەجرىبىلىك بولۇۋالغان بولسا ، بىز تېخىمۇ ئالجىپ كاللىدىن كەتتۇق . باندىتلار ۋەتەندىغۇ بىزنى ئەخمەق قىلسۇن، ئەركىن دۇنيادىمۇ قايتا ئالداپ كەتسە بولماس !؟؟

چاقماق خەۋەر : خىتاي ئويۇننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنى باشلىدى : « بىز كورۇنا ۋىرۇسىغا قارشى چارىنى تاپتۇق».

مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئاستىغا چۈشكەن ئەرەبچە
« ئۇلۇغ خىتاي » ، « يەر شارىنىڭ گۈللىنىشىنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئىستىقبالىنى ساقلاپ قالغان ھەيۋەت خىتاي» ، « خىتاي قالتىس » ، « خىتاي يارايدۇ » ، « خىتاي ھەر قانداق نەرسىنى ياسىيالايدۇ » ، « خىتاي ھەر قانداق قىيىنچىلىقنى يېڭەلەيدۇ » ، « خىتاي ئاپەتنى يوقىتىپ تارىخقا يېزىلغۇدەك ئىش قىلدى » دەپ ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتكەن ئىنكاسلارغا قارشى ئىككى ئېغىز ئۆلچەملىك ۋە پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ قويۇشىمىز كېرەك !!

ۋۇخەن بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى قانچىلىك خەتەرلىك  !؟؟

ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا كانادادىكى بىردىنبىر 4-دەرىجىلىك ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي تەتقىقاتچى چيۇ شاڭگو، ئېرى چېن كېدىڭ ۋە ئۇلارنىڭ خىتاي ئوقۇغۇچىلىرى تەجرىبىخانىدىن ھايدىلىپ، خىتايغا قايتۇرۇلغان. سەۋەبى بولسا بۇ ئەر-خوتۇن مەزكۇر تەجرىبىخانىدىكى ۋىرۇس ئەۋرىشكىلىرىنى ئوغرىلىقچە ۋۇخەندىكى مەلۇم بىر ئورۇنغا ئەۋەتكەن.

4-دەرىجىلىك ۋىرۇس تەجرىبىخانىسى ئىنسانلار ۋە ھايۋانلاردا بولىدىغان ئەڭ جانغا زامىن بولارلىق خەتەرلىك كېسەللىكلەر تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەجرىبىخانا بولۇپ، پۈتۈن شىمالىي ئامېرىكىدا ئاشۇ بىرى بار ئىكەن. ھايدالغان چېن كېدىڭ بولسا مەخسۇس ھازىر ۋۇخەندە تارقالغان تاجىسىمان ۋىرۇس تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تەتقىقاتچى ئىكەن.

4 - دەرىجىلىك ۋىرۇس تەجرىبىخانىلىرىدىن ھازىر پۈتۈن دۇنيادا 54 تەجرىبىخانىلا بار بولۇپ ، كانادادىمۇ بىرسىلا بار ئىكەن . خىتايدىمۇ بىرسىلا بار بولۇپ ، ئۇ دەل ۋەتىنىمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق باشلانغان 2017 - يىلى 24 - يانۋار ئىشقا كىرىشكەن ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىدۇر . كانادادىكى بۇ خىتايلار يەنىلا خىتايلىقىنى قىلىپ ، مەخپىيەتلىكلەرنى ۋۇخەنگە يوللاپ تۇرغان . كېچىكىپ بايقىلىپ قوغلىنىپتۇ.
ۋۇخەن تەجرىبىخانىسىنى فرانسىيە تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگەن بولۇپ 2020 - يىلى 24 - يانۋار باندىتلار مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ بىر ۋىرۇس تەتەينى فرانسىيەگە سوۋغا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن بۇ ۋىرۇس پۈتۈن ياۋروپانى قاپلىغان.

« سۇ ئۇخلىسا ئۇخلايدۇكى دۈشمەن ئۇخلىمايدۇ » .

« ئۇيغۇرغا پالاكەت كەلسە ھەر دائىم تاتلىق ئۇخلاۋاتقاندا كېلىدۇ» .

« شەيتاننىڭ سۇيقەستىنى دەل ۋاختىدا ئالدىن سېزەلمىسەكمۇ رەزىل نىيىتىگە يەتكۈزمەيلى».

سايرام ئوغلانى.   

2020 - يىلى 26 - يانۋار.     لەنەتلىك يەكشەنبە.
75
ئىسىل تىما ئىكەن
76
( داۋامى ۋە خاتىمىسى ) :

3 . ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى 16 يىللىق مۇساپىرلىق ھاياتىدا

1058 - يىلى يەنىمۇ كۆپ ناھەق قان تۆكۈلۈشنى خالىمىغان تەخت ۋارىسى ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى تەختتىن ۋاز كېچىپ ، بىر ئاماللار بىلەن قاراخانىيلار تەۋەسىدىن چىقىپ كېتىپ ، ئالدى بىلەن 1040 - يىلى بوۋىسى ۋە دادىسى بىلەن يەمەكلەر ۋە ياباقۇلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان يول بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ بۆشۈكى ئالتاي تاغلىرىغا سەپەر قىلدى . ئۇ يەردىكى قەبىلىلەرنىڭ تىللىرى ۋە ئۆرپ - ئادەتلىرىنى خاتىرىلەپ ، جۇغراپىيەلىك ئورنىنى خەرىتىگە ئالغاندىن كېيىن ، تەدرىجىي غەرپكە قاراپ سىلجىغاچ تەتقىقاتلىرىنى داۋام قىلدى . ئۇ 1049 - 1052 - يىللىرىلا ئىدىقۇت ئۇيغۇر ئېلى تەۋەسىدە بۇ تەتقىقاتنى تۈگىتىپ بولغان ئىدى . شۇنداق قىلىپ بۇ ئۈچ يىلغا 1058 - يىلدىن 1071 - يىلغىچە بولغان 13 يىل قوشۇلۇپ ، قۇتلۇق دىۋاننىڭ خام ماتېرىيالى ساق 16 يىلدا تەييار بولغان . ئالىمنىڭ بۇ 16 يىلدا تارتقان جاپاسىنى بىر خۇدا ، بىر ئۆزىلا بىلىدىغان بولۇپ ، ھەر ھالدا تارتقان جاپاسىنى
دىۋاندا « بۇ ئەسەر ئۆمرۈمنى ئاخىرىغا يەتكۈزدى » دېيىش ئارقىلىق ئىپادىلىگەن . قارايدىغان بولساق ، بۇ 16 يىل دەل ئالىمنىڭ تازا قىران ياشلىرى بولۇپ ، 1058 - يىلدىن 1074 - يىلى دىۋاننى قايتا تۈزىتىپ يېڭى خەلىپە بولغان ئەبۇلقاسىم قائىم بىئەمرىللاغا ئارماغان قىلغۇچە بولغان 16 يىل ۋە باغداتتىكى نىزامۈلمۈلك بىلەن بولغان 20 يىللىق سىياسىي ھاياتى ۋە ئىمام غەززالى بىلەن بولغان 22 يىللىق ئىلمىي ھاياتى ئالىمنىڭ ھەر جەھەتتىن كۆتۈرۈشلۈك ۋە پىشقان ۋاقىتلىرى بولۇپ، ئۇلۇغ دىۋان راسلا ئالىمنىڭ ئەڭ ئالتۇن دەۋرىنى خوراتقان . 1092 - يىلى ئۆكتەبىردە نىزامۈلمۈلكنىڭ قەستلەپ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە نويابىردا مەلىكشاھنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، سالجۇقىيلار ۋەزىيىتى داۋالغۇپ كەتكەن . ئەسلىدە تاغىسىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن تۈركان خاتۇن يەنىلا ئالىمنىڭ بىر مەزگىل تۇرۇپ قېلىپ ، خانلىقنىڭ ئىشىنى تەرتىپكە سېلىشتا ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان . شۇڭلاشقا قەشقەرگە قايتىش 1094 - يىلغا كېچىكىپ كەتكەن . ئەمما ئالىمنىڭ 1071 - يىلنىڭ ئاخىرى تۈركان خاتۇننىڭ تەكلىپى بىلەن بۇخارادىن يولغا چىققىنى ، ياكى كاۋكاز ئارقىلىق باغداتقا يېتىپ كەلگەنلىكى ئېنىق ئەمەس .

1*  مۇھەممەد بۇغراخان :

يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 2 - ئوغلى بولۇپ، ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ خاقان ھەمراھى ئىدى. بالاساغۇندا تۇراتتى. شاھزادە ۋاختىدا ياغان تېكىن دەپ ئاتالغان. مەھمۇد غەزنەۋىگە بەكلا ئۆچ ئىدى. مىجەزى چۇس ۋە تۈز كىشى ئىدى. بۇ كىشى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بوۋىسى ئىدى.

2* ھۈسەيىن چاغرى تېكىن :

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئاتىسى. 1048 - 1058 - يىللاردا بارسغان ھاكىمى بولغان. 1058 - يىلدىكى تەختكە چىقىش مۇراسىمىدا دادىسى بىلەن بىللە زەھەرلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

3* زەينەپ خاتۇن :

مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى، مەسئۇت غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى. 1026 - يىلدىكى سەمەرقەند كېلىشىمى بويىچە ئەسلىدە ياغان تېكىنگە ياتلىق قىلىنماقچى ئىدى. بىراق كېيىن مەھمۇد غەزنەۋى ۋەدىسىدىن يېنىۋېلىپ، ياغان تېكىننىڭ غەزىپىنى قوزغىغان. 1040 - يىلى غەزنەۋىلەر سالجۇقىيلارنىڭ قولىدا « داندانقان» ئۇرۇشىدا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىيلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان. مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى بىلەن بۇ مەسىلىدە يىرىكلىشىپ قالغان. زەينەپ شۇ قېتىمقى ئەلچىلەر بىلەن ئەۋەتىلىپ، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقىلى بولغان. ئۇنىڭدىن ئىبراھىم ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇلغان. بۇ خوتۇنمۇ 1059 - يىلى ئۆلتۈرۈلگەن.

2019 - يىلى 5 - 14 - ماي سەيشەنبە


دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك ۋە قۇتادغۇ بىلىگ نىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى ھەققىدە:

بۇ يىل مىللىتىمىز ئۈچۈن تارىخىي بىر يىل بولغۇدەك . ئەينى ۋاقىتتا قەشقەرگە دوتەي بولغان جۇخەيلۈن يەرلىك ئۇيغۇر كادىرلارغا « قۇتادغۇ  بىلىگ » ھەققىدە مۇنداق دېگەنىكەن :
« سىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ مۇشۇنداق كاتتا سىياسىي پەلسەپە كىتابىڭلار بار تۇرۇپ بۈگۈنكى كۈنگە قالغىنىڭلارغا ھەيران قالدىم . بۇ كىتاپنى ھەر بىرىڭلار ئوقۇپ چىقىڭلار ! ... » .  بەلكىم ئۇ بۇ كىتاپنىڭ خىتايچىسى يېڭى نەشىردىن چىققان چاغدا ئوقۇغان بولۇشى مۇمكىن . بۇ خىتاي ئۇيغۇرلارنى شۇنچىلىك پىششىق بىلىۋەتكەنكى ، قەشقەر - خوتەندە ئۇنى بىلمىگەن ئۇيغۇر قالمىغان . بارلىق ئەسەرلەرنى بىر قۇر ئوقۇپ چىققان . كېيىنچە 2017 - يىلى ئۇ جازا لاگىرلىرىنىڭ باش سېكرىتارى بولغان. 2019 - يىلى يازدا ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ بولغاندىن كېيىن ، بارلىق مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلىۋەتمىسۇن دېدىمۇ تاڭ « نەچچە مىليونلۇق قاشتېشى پارا يېگەن » دېگەن باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىنغان.

قۇتادغۇ بىلىگنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى مۇنداق :« مىلادى 1032 - يىلى بۈيۈك قاغان يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، 1037 - يىلى سالجۇقىيلار باش كۆتۈرۈپ، غەزنەۋىلەرنى 1040 - يىلى داندانقان ئۇرۇشىدا يېڭىۋېتىپ، شەرقىي ئىران ، ئافغانىستان ۋە غەربىي ئىلىكخانلىق تەۋەلىرىدە جىددىيچىلىك پەيدا قىلغان . غەزنەۋىلەر ۋە سالجۇقىيلار ئارىسىدىكى سۈركىلىشتە قايسى تەرەپتە تۇرۇش شۇنداقلا ئىچكى جەھەتتىكى « ھەسەن جەمەتى » بىلەن « ئەلى جەمەتى » ئارىسىدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ۋە تاشقى دىپلوماتىيە جەھەتتىكى پىكىر ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن ، 1041 - يىلى بىر پۈتۈن ھەيۋەتلىك قاراخانىلار خاقانلىقى ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ . بۇ ھادىسىلەر ئەمدىلا 22 ياشقا كىرگەن يۈسۈپ خاس ھاجىپقا قاتتىق تەسىر قىلىدۇ . بۇ ۋاقىتتا ئۇ قەشقەردە ئالىي بىلىم يۇرتىدا تەلىم ئېلىۋاتقانىدى . بۇ بۆلۈنۈش ئاز كەلگەندەك 1056 - 1057 - يىللىرى شەرقىي قاراخانىلارنىڭ قاغانى سۇلايمان ئارسلانخان بىلەن ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىدۇ . ئاخىرىدا ئىنىسى غالىپ كېلىپ، پايتەختنى قەشقەرگە قايتىدىن كۆچۈرۈپ، 15 ئاي ھۆكۈم سۈرۈپ ، 1058 - يىلى مايدا سەلتەنەتنى دانىشمەن چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىنگە ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ . بىراق بۇ قارارغا نارازى بولغان توقىلى زەينەپ خاتۇن ** تەختكە چىقىش زىياپىتى كۈنى قاراخانىلارنىڭ بارلىق خان جەمەتى ئەزالىرى ۋە دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋېتىدۇ . نەتىجىدە باغداتنى بېسىپ ياتقان سالجۇقىيلار جانلىنىپ كېتىپ، بارا - بارا تۈرك - ئىسلام دۇنياسىدا قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. بۇ قالايمىقانچىلىقنىڭ تەسىرى تاكى 1069 - يىلى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى ھەسەن بۇغراخان تاغىسى مەھمۇد توغرۇل قاراخان بىلەن قاغانلىقتا قايتا تەرتىپ ئورناتقۇچە داۋام قىلىدۇ . 16 يىللىق سىياسىي مالىمانچىلىق تەخت ۋارىسى مەھمۇد كاشغەرىينىمۇ ئۆز ئېلىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇرلايدۇ . بوۋىمىز مەھمۇد تەختنى دەپ داۋاملىق قان تۆكۈپ ، ئىچكى ئۇرۇش قىلىشنى خوپ كۆرمەستىن ھەققىدىن ۋاز كېچىپ ، مۇساپىرلىق، بىلىم ئىگىلەش ۋە دۆلىتىنىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن كاللا قاتۇرۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل يولنى تاللايدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ قەشقەردە 1069 - يىلى ساقىلىغا ئاق كىرگەن 50 يېشىدا يېزىشقا باشلاپ، 1072 - يىلى دەسلەپكى نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈۋاتقان ۋاقىتتا ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ مەنىۋى مەركىزى باغداتتا شاھزادە مەھمۇدمۇ تۈرك تىللىرى دىۋانىنى يېزىشقا باشلايدۇ . يۈسۈپ خاس ھاجىپ شاھانە پەلسەپىۋى ئەسەر قۇتادغۇبىلىگنى ھەسەن بۇغراخانغا تەقدىم قىلىۋاتقان شۇ دەقىقىلەردە ** بوۋىمىز مەھمۇد يەنە بىر شاھانە يېتۈك ئەسەر دىۋانۇ لۇغاتىت تۈركنى ئابباسىيلار خەلىپىسىنىڭ ئىزباسارى بولغان ۋەلىئەھدىسىگە تەقدىم قىلىدۇ .

قۇتادغۇبىلىگ مانا مۇشۇنداق قىيىن تارىخىي شارائىت ئاستىدا يورۇق كۆرگەن بولۇپ ، يۈسۈپ خاس ھاجىپ بىر پۈتۈن خاقانلىقنىڭ بۆلۈنۈشى ، ھۆكۈمدارلارنىڭ رولى ، ئاۋامنىڭ تەقدىرى ، دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى قاتارلىق كۆپلىگەن سىياسىي ،  ھەربىي ، ئىجتىمائىي ، ئىقتىسادىي ۋە باشقا مۇھىم ساھەلەردە قانداق قىلغاندا دۆلەت ۋە خەلقنىڭ ئىستىقبالىنى قوغداپ قالغىلى ، ھەر ۋاقىت كۈچلۈك ۋە ئادالەتپەرۋەر بولۇپ ، ئۇزۇن مەزگىل سەلتەنەت سۈرۈپ ئۆتكىلى بولىدىغانلىقى قاتارلىقلار توغرىلىق چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ، 50 يىللىق ھاياتىدا ھېس قىلغان تۇيغۇلىرى ، يېڭىچە تەپەككۇرلىرى ، ئۈمۈدلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنى بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن .

خۇلاسە قىلغان چاغدا ئاشۇ خىتاينىڭ دېگىنىدەك :« بىز ئۇيغۇرلار شۇنداق مەشھۇر سىياسىي پەلسەپە دەستۇرىغا ئىگە بولغان تۇرۇقلۇق بۈگۈنكى كۈنگە چۈشۈپ قالغىنىمىز راسلا ھەيران قالارلىق ئىش » . ئىشەنمىسىڭىز ئۆزىڭىزنى لىللا بىر باھالاپ بېقىڭ ! ئۆمرىڭىزدە قۇتادغۇ بىلىگنى بىر قېتىم ئوقۇپ باقتىڭىزمۇ !؟ ئاڭلاپ باقتىڭىزمۇ !؟ ھېچبولمىغاندا بۇ يىلدىن قالدۇرماي ئاۋازلىق نۇسخىسىنى بولسىمۇ ئاڭلاپ چىقايلى ! 

** زەينەپ خاتۇن : مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى ، سالجۇقىيلاردىن يېڭىلگەن مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ سىڭلىسى . ئۇنى ئەسلىدە 1026 - يىلدىكى مەشھۇر سەمەرقەند كېلىشىمىدە مەھمۇد كاشغەرىينىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخانغا ياتلىق قىلىش  قارار قىلىنغان . بىراق مەھمۇد غەزنەۋى بىلەن ئوغلى ۋەدىسىگە ۋاپا قىلماي، 14 يىل ئۇدا ساقلاتقان.  ئاقىۋەت، 1040 - يىلى سالجۇقىيلار تەرىپىدىن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، قاراخانىلاردىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغاندا ئامالسىز ئەۋەتىپ بەرگەن. مۇھەممەد بۇغراخان ھەربىي ياردەم ۋە    بۇ خوتۇننىمۇ رەت قىلغان. ئەمما يەنىلا ئاكىسى چوڭ قاغان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ يۈزىنى قىلىپ *** زەينەپنى توقاللىققا ئالغان . بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ چوڭ خوتۇنىدىن بولغان ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننىڭ ئارزۇلۇق پەرزەنتى مەھمۇد كاشغەرىيمۇ 10ياشلاردىن ئاشقانىدى. زەينەپ خاتۇن كېيىنكى يىلى ئىبراھىم ئاتلىق بىر ئوغۇل تۇغقان. 1058 - يىلى مايدا غەزنەۋىلەرگە ياردەم بەرمىگەن ،ئۆز ئوغلى ئىبراھىمنى قاغان قىلمىغىنىغا ئاداۋەت ساقلاپ يۈرگەن بۇ خوتۇن پۈتۈن دۆلەت ئەركانلىرى ۋە  خان جەمەتىنى شاھانە زىياپەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈپ، 17 ياشلىق ئىبراھىمنى قاراخان قىلىپ تىكلىگەن. بۇ خوتۇننىڭ پەسلىكىدىن ئۇنىڭ تومۇرىدا ئېقىۋاتقان قانلىرىغا دىققەت قىلغاندا،مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ خاراكتېرى، قۇۋ مىجەزى ۋە مەقسەتكە يېتىش يولىدا ۋاستە تاللىماسلىقتىن ئىبارەت سەلبىي ئوبرازىنى تېخىمۇ ئېنىق بىلگىلى بولىدۇ .

*** مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ يۈزىنى قىلىپ زەينەپنى ئالغان.
ئاكىسى بەك ئاقكۆڭۈل ۋە ئالىيجاناپ كىشى. مەسئۇد غەزنەۋىنىڭ ئۇنچىۋالا بىچارە ھالەتكە چۈشۈپ قالغىنىغا ئىچ ئاغرىتىپ تەڭقىسلىقتا قالغان . تارىخ مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توغرا قىلغىنىنى كۆرسەتتى . ئەگەر شۇ ۋاقىتتا سالجۇقىيلارغا جازا يۈرۈشى قىلغان بولسا، سالجۇقىيلار تارمار بولاتتىدە، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربىنى 160 يىل قوغدىغان تۈركلەر ۋە ھازىرقى تۈركىيە مەۋجۇت بولماس ئىدى. يۈسۈپ قادىرخان توغرۇل بەگ بىلەن چاغرى بەگنى قويۇپ بەردى. ئەمما مەھمۇد غەزنەۋى سالجۇقىلار بېگى ئىسرائىلنى تۇتقۇن قىلىپ، ئۆلگىچە نەزەربەند قىلدى. يۈسۈپ قادىرخاننىڭ شاپائىتىدىن بۇ ئىككى ئاكا - ئۇكا 1037 - يىلى سالجۇق خانلىقىنى قۇرۇۋالغان بولسا، مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توغرا قارارى نەتىجىسىدە 1055 - يىلى باغداتقا سۈرۈلۈپ، ئىسلام دۇنياسىنىڭ غەربىنى ئىدارە قىلدى . ئەمما زەينەپ خاتۇننىڭ سۇيقەستىدىن كېيىن، قايتا ئوتتۇرا ئاسىيا تەرەپكە تولا يۈرۈش قىلىپ، 1067 - يىلى غەربىي قاراخانىيلارنى ئېغىر چىقىمدار قىلدى. كېيىن تولۇق بويسۇندۇرىمە دەپ كەلگەن چاغرى بەگ ئوغلى ئالپ ئارسلانخان 1072 - يىلى غەربىي قاراخانىلار چېگرا مۇداپىئە ئەمەلدارى يۈسۈپبەگ تەرىپىدىن پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلدى. نەتىجىدە سەلتەنەتلىك ھاياتتا ياشىغان بىر سۇلتان شۇنداق تراگېدىيىلىك شەكىلدە ئۆلۈپ كەتتى . بۇ تارىخنى بىلمىگەنلەر ھازىرقى تۈركىيەنىڭ بىزگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنى ئوچۇق چۈشىنەلمەيلا قالماستىن بەلكى، كەلگۈسىدىكى تۈرك - ئۇيغۇر دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىدە ئەجەللىك خاتالىق سادىر قىلىدۇ .

**  بوۋىمىز مەھمۇد دىۋاننى 1072 - يىلى 25 - يانۋار باشلاپ، 1074 - يىلى 12 - فېۋرال پۈتتۈرگەن . كېيىن يەنىمۇ تۈزىتىپ، تولۇقلاپ ۋە پىششىقلاپ ئىشلەپ 1075 - يىلى خەلىپە مۇقتەدى بىللاھنىڭ  ئوغلى ئوبۇلقاسىم ئابدۇللاھقا تەقدىم قىلغان .

قۇتادغۇبىلىگ يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 950 يىللىقى ، تامام بولغانلىقىنىڭ 952 يىللىقى ، ئاپتورى ھەزرىتى يۈسۈپ خاس ھاجىپ تەۋەللۇتىنىڭ 1000 يىللىقى قۇتلۇق بولسۇن!
سايرام ئوغلانى
2019 - يىلى 25  - سېنتەبىر  چارشەنبە

« مىڭ يىل بۇرۇن ۋە مىڭ يىل كېيىنكى بىز» :

ھەزرىتى مەھمۇد بىلىم ئالغان ساچىيە خانلىق مەدرىسىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى :

مىلادى 939 - يىلى تۇنجى تۈركۈم ياراملىق ئىزباسارلارنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلىشنى باشلاپ، 1019 - يىلدىن تاكى 1212 - يىلى كۈچلۈك تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغۇچە بولغان 200 يۈز يىلدا قاراخانىيلار دەۋرىدىكى داڭلىق ئالىم - ئۆلىمالار ، ئاكابىر - ئەشرەپلەر، ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار، ھەر ساھەدىكى ھۈنەر ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىقىپ، بىپايان مەركىزىي ئاسىيا خەلقىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى شانلىق دەۋرىنى ياراتقان، شۇنداقلا، ئىسلامىيەت تارىخىدىكى تۇنجى ئۇنۋېرسال ئالىي مەكتەپ بولغان ساچىيە مەدرىسىسى بۈگۈن خۇددى خەلقىمىزدەك قىل ئۈستىدە تۇرماقتا . ھەممە ئادەم ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ دەپ قاراۋاتقان « ئەزھەر مەدرىسىسى» ئەسلىدە 971 - يىلى سېلىنغاندا بىر مەسچىت ئىدى. پەقەت 1055 - يىلدىن بېرى « شىئە مەزھىپىنى تەشۋىق قىلىدىغان مەكتەپكە ئايلىنىپ، شۇندىن بېرى مەكتەپلىك ھالىتىنى ساقلاپ كەلمەكتە». ئۇ چاغدا ساچىيە مەدرىسىسى ئىش باشلىغىلى يۈز يىلدىن ئېشىپ كەتكەنىدى. تۈرك تارىخچىلار ئىسلامدىكى تۇنجى ئالىي بىلىم يۇرتى دەپ قاراۋاتقان باغدات « نىزامىيە مەدرىسىسى » 1063 - يىلى سېلىنغان بولۇپ، ئۇ چاغدا ساچىيە مەدرىسىسى كەلگۈسى مىڭ يىل پەخىرلەنگىدەك ئالىملاردىن يۈسۈپ خاس ھاجىپ، مەھمۇد كاشغەرىي، ئابدۇغۇپۇر داموللا قاتارلىق نامى ئۆچمەس بۈيۈك ئالىملارنى چىقىرىپ بولغانىدى. مانا بۈگۈن ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئىسلام دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى قانداق بولغان بولسا، ئۇلار قۇرۇپ چىققان ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئالىي مەكتەپ بولغان « ساچىيە مەدرىسىسى » مۇ ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولماقتا!

2019 - يىلى 18 - ئىيۇل    ماتەملىك پەيشەنبە

4 . بىر قىسىم مەشھۇر شەخسلەرنىڭ قىسقىچە تەرجىمىھاللىرى :

1 . مەھمۇد غەزنەۋى :

971 - يىلى 2 - نويابىر ئەسلىدە سامانىلارنىڭ قوشۇنلىرى  تەرىپىدىن بۇلاپ كېتىلگەن قاراخانىلار ئەۋلادلىرىدىن سۇبۇق تېكىننىڭ ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى تۇغۇلغان . سامانىلار قوشۇنلىرىنىڭ باش قوماندانى ئالپ تېكىن، سۇبۇق تېكىننىڭ قاراخانىلار نەسلىدىن ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ ، ئۇنى ياخشى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگەن . ئۇ 997 - يىلى دادىسى سۇبۇق تېكىن قازا قىلغاندىن كېيىن ، ئاكىسى بىلەن تەخت تالىشىپ ، 998 - يىلى غەزنەۋى شاھى بولغان. 999 - يىلى قاراخانىلار سامانىلارنى يوقاتقاندا مەھمۇد سامانىلارنىڭ ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ ، قاراخانىلار بىلەن تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ خوجىلىقىنى تالاشقان . 1007 - يىلدىن 1025 - يىللارغىچە پات - پات داۋام قىلغان ئۇرۇشلاردىن كېيىن ، 1026 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن « مەڭگۈ ئىناق ئۆتۈش كېلىشىمى» ئىمزالىغان . 1030 - يىلى 30 - ئاپرىل ئالتە ئاي ئېغىر كېسەل تارتىپ قازا قىلغان . ئۆلۈش ئالدىدا دۆلىتىنى بالىلىرىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەن . شۇڭلاشقا بالىلار نەچچە يىل ئۇرۇش قىلىپ ، ئاخىرى قاراخانىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان ئوغلى مەسئۇد ئۇتۇپ چىققان . ئۇ 1040 - يىلدىكى ئۇرۇشتا يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن سالجۇقىلاردىن مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن ، قاراخانىلار بىلەن قۇدا بولۇشۇپ ، دۆلىتىنى تولۇق مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان . ئەمما ئۇنىڭ 1040 - يىلى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئوتتۇرانچى ئوغلى مۇھەممەد بۇغراخانغا ياتلىق قىلىنغان سىڭلىسى زەينەپ خاتۇن مىلادى 1058 - يىلى مايدا پۈتۈن دۆلەت ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن سالجۇقىلار تەدرىجىي تۈرك - ئىسلام دۇنياسىنىڭ يېتەكچىلىك ئورنىغا چىقىپ قالغان .

2 . «توغرۇلبەگ ،چاغرىبەگ ۋە ئوغلى ئالپ ئارسلان » :

«چاغرىبەگ ۋە ئوغلى ئالپ ئارسلان
توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات »
چاغرى بەگ سالجۇق ئوغۇللىرى
ئىچىدىكى يېشى چوڭ،دانىشمەن
كىشى بولۇپ،ئۇ مىلادى 1028ـ يىلى
بۈيۈك قاراخان «يۈسۈپ قادىرخان» (مەلىكۇل مەشرىق /1032قازا قىلغان)قولىدىن ئىنىسى توغرۇلبەگنى پەم بىلەن قۇتۇلدۇرۇپ، مىلادى1040ـ يىلدىكى «دەندانقان ئۇرۇشى»دىن كېيىن«سالجۇق  دۆلىتى»نى قۇرۇپ،ئىنىسى توغرۇلبەگنى «خاقان»
قىلىپ سايلىغان.مىلادى1055 ـ يىلى باغدات قولغا كەلگەن.چاغرىبەگ تۈركلەرنىڭ يايلاقتا ياشاش ئەنئەنىسى ئاساسىدا قەۋمنى باشلاپ ئاناتولىيەتەرەپكە كۆچۈش يولىدا مىلادى1060
ـ يىلى 16ـ ئىيۇل ۋاپات بولغان.ئىنىسى توغرۇل خان 1063ـ يىلى پايتەخت  مەرۋىدە قازا قىلغان. سالجۇق تەختىگە دەل مۇشۇ چاغرىبەگ ئوغلى ئالپ ئارسلان 1063 ـ يىلى 27ـ ئاپرىل
ۋارىسلىق قىلغان.ئالپ ئارسلان مىلادى 1071 ـ يىلى 26ـ ئاۋغۇست جۈمە «مالازگرت ئۇرۇشى»دا شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ پۈتكۈل ئاناتولىيەگە ئىگە بولغان! 1072ـيىلى سەمەرقەند  يۈرۈشىدە
20 ـ نويابىر «غەربىي قاراخانىيلار چېگرا ئەمەلدارى يۈسۈپبەگ » تەرىپىدىن پىچاقلىنىپ ،24ـ نويابىر قاراخانىيلار زېمىنىدا جان بەرگەن!سالجۇقىيلار قوشۇنى  قاراخانىيلار تەۋەسىدىن چېكىنگەن .شۇ يىلى ئۇنىڭ ئوغلى مەلىكشاھ سۇلتان بولغان .1076 ـ يىلى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ نىزامۈلـمۈلككە نەرگەن مەسلىھەتى  بويىچە«ئاناتولىيە سالجۇقىي  بەگلىكى»تەسىس قىلىنغان.ئاندىن قۇددۇسنى پاتىمىيلار قولىدىن تارتىپ ئېلىپ،1089 ـ يىلى
«غەربىي قاراخانىيلار»بى بېقىندى
خانلىققا ئايلاندۇرۇپ قويغان.1092
يىلى مەلىكشاھ بىلەن نىزامۇلـمۇلك تەڭ ۋاپات بولغان .غەربىي قاراخانىيلار قايتا مۇستەقىل ھالەتكە كەلگەن. مەھمۇد قەشقىرى تۇققىنى «تۈركان خاتۇن»غا ۋەزىيەتنى تىزگىنلىشىپ
بېرىپ 1094 - يىلى ۋەتىنى «شەرقىي قاراخانىيلار سۇلالىسى»غا قايتىپ كەلگەن.
مەھمۇد قەشقىرى باغداتتىن ئايرىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تۈركان خاتۇن ۋە ئوغلى مەھمۇد ئارقا - ئارقىدىن ۋاپات بولۇپ ، سالجۇقىيلار تەختى مەلىكشاھنىڭ زىنداندىكى چوڭ ئوغلى بەركيارۇققا تەگكەن . ئۇ تاغىسى تۇتۇش بىلەن ئۇزاق جەڭلەرنى قىلىپ، مىڭ تەستە خانلىق تەۋەسىنىڭ يېرىمىنى قولىدا ساقلاپ قالغان.

ئاخىرىدا بىر بىشارەتنى دەپ قويايلى :
مىلادى 1212 ـ يىلدىن 1218 ـ يىلغىچە  قاراخىتاي خانى كۈچلۈكنىڭ زۇلۇمى دەل ھازىرقىدەك  ۋەھشىي ئىدى.1218 ـ يىلى ھېچكىم كۈچلۈكنى يوقىلىدۇ دەپ
قارىمايتتى.كىم بىلسۇن 1219 ـ يىلى
چىڭگىزخاننىڭ ئاتاق ئوغلى «ئىدىقۇت
ئۇيغۇر خانى بارچۇق ئارت تېكىن»
نىڭ يول باشلىشىدا ئۇيغۇر/موڭغۇل
بىرلەشمە قوشۇنى يىل ئاخىرىغىچە
كۈچلۈكنى يوقىتىپ،خاقانىيە پۇقراسى
بولغان ئۇيغۇرلارنى ئازات قىلدى.
1220 ـ يىللاردا چىڭگىز ئىستىلاسىدا
بۇخارادىن قاچقان شەيخ جامالىددىن
خوتەنگە قېچىپ كېلىپ چەرچەندە ،
ئاندىن ئاقسۇ ئايكۆلدە ماكانلىشىپ،
ئۇنىڭ ئوغلى ئەرشىدىن خوجا قولىدا
چىڭگىزخاننىڭ ئەۋلادى شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇق تۆمۈرخان 1353 ـ يىلى مۇسۇلـمان بولدى.1216 ـ يىلى كۈچلۈك خوتەندە 3مىڭ ئالىمنى قىرىپ تاشلىغاندا
تىببىي ئالىم«جامالىدىن ئاقسارايى»
ھىندىستانغا قېچىپ كېتىپ،داڭلىق
تىببىي كىتابىنى يېزىپ چىققان.تاكى
يېقىنقى دەۋرگىچە لېكنۇ ئۇنۋېرسىتىدا
دەرسلىك قىلىنغان ! 1930 - يىللىرى ۋەتەندىن ئوقۇشقا چىققانلارغا ئالىملار بۇ تارىخنى سۆزلەپ بەرگەن . مانا بۇ ۋەقەلەرگىمۇ
بۇ يىل ساق 800 يىل بوپقاپتۇ.
بىزمۇ تارىختىن ،بايراقتىن ۋە ئەجداتلاردىن كۈچ ئالايلى!بولۇپمۇ تۈركىيەدىكىلەر تۈركلەرنىڭ بۇ روھىدىن ئۆگىنىڭلار!(ئۆزۈڭلارنى كەمسىتىشنى
ئەمەس،بەلكى ئەجدادىڭلاردىن
پەخىرلىنىپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئۆگىنىڭلار)!
«خاقانىيە VSخىتاي ئۇرۇشى»نىڭ
1002 يىللىقىغا،كۈچلۈكنىڭ زۇلۇمى
ئاخىرلاشقانلىقىنىڭ  802 يىللىقىغا ،
مالازگىرت ئۇرۇشىنىڭ 949 يىللىقىغا ، دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك يېزىلىشقا باشلىغانلىقىنىڭ 948 يىللىقىغا ، قۇتادغۇبىلىگ يېزىلغانلىقىنىڭ 951 يىللىقىغا قۇتلۇق بولسۇن ! ئەجدات روھى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھى تىرىلسۇن !

مەنبەلەر :
1 . بۇغراخانلار تەزكىرىسى .

2 . سالجۇقىيلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ قاراخانىيلار بىلەن بولغان تۇققانچىلىق ۋە قۇدىلىق مۇناسىۋەتلىرى.

3 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .

4 . ئۇيغۇر يىلنامىسى .

5 . قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار

6 . ئىسلام ئىنىسكلوپىدىيىسى .

7 . ئەلبىدايە ۋەننىھايە .

8 . ئەلكامىل فىي تارىخ .

9 . تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز .

10 . قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى .

11 . مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھاياتى ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى .

12 . سىياسەتنامە .

13 . بىرۇنىنىڭ قاراخانىيلار ، سالجۇقىيلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى ھەققىدىكى كۈچلۈك قارىشى .

14 . قاراخانىلارنىڭ ھازىرغىچە بايقالغان ھەر خىل پۇللىرىدىكى قىممەتلىك تارىخىي ئۇچۇرلار .

15 . ئوتتۇرا ئەسىر تۈرك خانلىرىنىڭ نەسەپ شەجەرىسى . 

سايرام ئوغلانى




2020 - يىلى 25 - يانۋار.    شەنبە.
77
مەھمۇد قەشقىرى زادى كىم !؟؟

مۇقەددىمە :
ھەزرىتى موللام - مەھمۇد قەشقىرىنىڭ قىسقىچە سىياسىي تەرجىمىھالى :

مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىلارنىڭ تۇنجى بولۇپ ئىسلام دىنىغا ئېتىقات قىلىپ،قاراخانىلار خانلىقىنى ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندۇرغان،مەشھۇر تارىخچى ئىبنى ئەسىر تەرىپىدىن 943 ـ يىلىدا « بۇ خاقان بىلەن ئۇرۇشۇشقا ھېچكىم جۈرئەت قىلالمايدۇ»
دەپ تەرىپلەنگەن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاننىڭ 6 ـ ئەۋلادى ئىدى.ئۇنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن(1048 ـ 1058)بارسخان ھاكىمى ئىدى.ئۇنىڭ ئاتىسى مۇھەممەد بۇغراخان ( 1032 ـ 1058)ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخان(1032 ـ 1056)نىڭ خاقان ھەمراھى بولۇپ،
ھازىرقى تاجىكىستان،ئەنجان،قىرغىزىستان ۋە قازاقىستانلارنىڭ ھۆكۈمرانى ئىدى.ئۇنىڭ ئاتىسى مەلىكۇل مەشرىق ـ خوتەن فاتىھى
يۈسۈپ قادىرخان( 998 ـ 1032) قاراخانىلارنىڭ ئەڭ ئىستىداتلىق ھۆكۈمرانى بولۇپ،مەھمۇد غەزنەۋىمۇ 1026 ـ يىلى قادىرخان بىلەن كېلىشىم ئىمزالاپ،ئەبەدىي ئۇرۇشماس بولغان.
ئۇنىڭ ئاتىسى ھارۇن ( 1 ـ ھەسەن) بۇغراخان (980 ـ 993)بولۇپ،سامانىلارغا تۇنجى قېتىم 993 ـ يىلى خاتىمە بەرگەنىدى.ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلايمان ئارسلانخان(958 ـ 970 )بولۇپ،ئۇ ئاكىسى مۇسا ( بايتاش)بۇغراخان(956 ـ 958 )نىڭ خاقان ھەمراھى بولۇپ،بالاساغۇندا تۇرۇپ،شىمالىي ئۆلكىلەرگە ھۆكۈمران ئىدى.( شىمالىي ئىلىكخانلىق دەل مۇشۇ ئارسلانخان تەرىپىدىن 970 - يىلى قۇرۇپ چىقىلغانىدى . غەربىي ئىلىكخانلىق بولسا ، 970 - يىلى ئارسلانخان ۋاپات بولغاندا ئورنىغا چىققان جىيەنى ، يەنى مۇسا بۇغراخاننىڭ ئوغلى سەئىد ئەلى ئارسلانخاننىڭ كىچىك ئوغلى ئەلى تېكىن تەرىپىدىن 999 - يىلى سامانىلارنى يوقىتىپ، ماۋرائۇننەھردە تەسىس قىلىنغان ئىدى).ئۇلارنىڭ ئاتىسى دەل سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان(920 ـ 956)ئىدى.ئۇلۇغ ئالىم ئىلىم ـ مەرىپەت ۋە ئادالەتنىڭ ھامىيلىرى بولۇپ تونۇلغان 5 ئەۋلاد بۈيۈك خاقانلارنىڭ ئارزۇلۇق ئەۋلادى ئىدى.

مەھمۇد قەشقەرى ئۇلۇغ بوۋىسى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئاخىرقى يىللىرىدا ، يەنى 1029 - يىلى نويابىردا ھازىرقى ئوپال يېزا ئازىغ كەنتىدە تۇغۇلغان. ( ئۇنىڭ تەڭتۇشى ئالپ ئارسلانخان 1029 - يىلى يانۋاردا تۇغۇلغان بولۇپ، ھەر ئىككىسى يۈسۈپ قادىرخان ئالپ ئارسلاننىڭ دادىسى ۋە تاغىسىنى قويۇپ بەرگەندىن كېيىن تۇغۇلغان. ئەمما سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغاندىن كېيىن نۇرغۇن ئۇيغۇر ئالىملىرى خوشنا ئەللەر تەرىپىدىن بېقىۋېلىنغان. ھەتتا ئەتلەس بىلەن پولۇمۇ ئۆزبېك بىلەن تاجىكنىڭ بوپكەتكەن. شۇڭلاشقا ئالىملىرىمىز ئالدىراپلا قىياسەن ئالىمنىڭ يېشىنى 1008 - يىلدىن 1105 - يىلغىچە مۆلچەرلىگەن . ئەمما بىزنىڭ سېلىشتۇرما تارىخشۇناسلىق بويىچە بارلىق مەنبەلەرنى ھەر تەرەپلىمە سېلىشتۇرۇش ۋە قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسىگە ئاساسلىنىپ تۇرۇپ، ئالىمنىڭ 1029 - يىلى نويابىردىن 1126 - يىلغىچە ياشىغانلىقى بىر قەدەر مۇقۇملاشتى . باغداتتا خۇددى ئەبۇ نەسىر فارابىدەك ساق 22 يىل تۇرۇپ قالغان). ئانىسى بۈۋى رابىيە خېنىم ئوقۇمۇشلۇق ئايال ئىدى.
ئۇنىڭ دادىسى خوجا سەيپىدىن ئەپەندى بولسا ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن ئالىم كىشى ئىدى.
ئاتا تەرەپ ئەجداتلىرى ئەلەمدە كامالەتكە يەتكەن بولسا،ئانا تەرەپ ئەجداتلىرى ئىلىمدا كامالەتكە يەتكەن.نەتىجىدە ئالىم ھەم ئەلەمدە ھەم ئىلىمدە كامالەتكە يەتكەن.( بۇنى ئالىم دىۋاندا ئوچۇق ئېيتقان.تولىمۇ ئەپسۇس تا ھازىرغىچە يېزىلغان ئەسەرلەردە ھەر خىل توسالغۇلار تۈپەيلى ئالىمىمىز پەقەتلا ئىلىمدە توشقان ئۆلىما ۋە مۇدەررىس ئوبرازىلا يورۇتۇلۇپ،ھەربىي ئىستراتېگىيىچى،ئۇستا نەيزىۋاز ۋە ئەلەم ماھارىتى يۇقىرى ھەربىي ئوبرازى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىندى).

** ئىزاھات : يۇقىرىقى يىلنامىلەر خاقانلار تەختكە چىققان ۋاقىتتىن باشلاپ ئېلىندى، تۇغۇلغان يىلىدىن باشلاپ ئەمەس.

2019 / 2 / 10 ـ فېۋرال يەكشەنبە

1 . قاراخانىيلار تارىخىدىكى ھالقىلىق 50 يىل :

مىلادى 993 ـ يىلىدىن 1043 ـ يىلىغىچە بولغان ۋاقىت قاراخانىيلار تارىخىدىكى ئېغىر ئىچكى ـ تاشقى خىرىسقا تولغان قىيىن بىر دەۋر بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.
993 - يىلى ھارۇن بۇغراخان سەمەرقەند ۋە بۇخارانى ئېلىپ ، سامانىلارغا خاتىمە بەردى.
997 ـ يىلى ھارۇن بۇغراخان(1ـ ھەسەن)نىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئوغلى يۈسۈپ قادىرخان
«ۋەلى ئەھدى بولۇپ قەشقەردە ھۆكۈم سۈردى».تاغىسى «توغانخان»بالاساغۇندا
«ئارسلانخان(چوڭ خاقان)»بولۇپ تۇردى.
بۇئارىدا سامانىيلار قايتا تىرىلىپ،مۇستەقىل بولۇۋالدى.توغانخان ئوغلى ئەلى تېكىن ۋە جىيەنى يۈسۈپ قادىرخان بىلەن يۈرۈش قىلىپ سامانىيلارنى قايتا بويسۇندۇردى.
بىراق«قاراخانىيلار قوشۇنلىرى كۆكئارتنىڭ غەربىدە ئۇرۇش قىلىۋاتقانلىقتىن پايتەخت  قەشقەر بوش قالغاچقا،بۇنى پۇرسەت بىلگەن  ئۇدۇن خانلىقى (751 ـ 1006) قوشۇن تارتتى».نەتىجىدە ھازىرقى «ئوردام مازىرى»دائىككى تەرەپ ھەل  قىلغۇچ ئۇرۇش قىلدى.قەشقەردە نائىپلىق قىلىۋاتقان «سەئىد ئەلى ئارسلانخان»جەڭدە شېھىت بولدى.998ـ  يىلىدىكى بۇ ئۇرۇشتا  ئۇدۇن قوشۇنلىرى ھازىرقى قەشقەر تەۋەسىنى ئاساسەن ئىشغال
قىلىۋالدى.سۇلتان سۇتۇق بۇغراخان ئۇدۇن خانلىقىنى بېقىندۇرغاندىن بېرى ئۇلار ئىچكى جەھەتتە ئۆزىگەخوجا،تاشقى جەھەتتە قاراخانىيلارغا بېقىندى بولۇپ تۇرۇۋاتاتتى.بۇ دەھشەتلىك خەۋەر سامانىيلارنى بېقىندۇراي
دەپقالغان يۈسۈپ قادىرخانغا يەتكەندە،ئۇ تېزدىن سەمەرقەنتتە پىدائىي ئەسكەرلەرنى توپلاپ،جىددىي تەييارلىق قىلىپ،سوغۇق ھاۋاغا قارىماي قەشقەرگە يۈرۈش قىلدى.ئەلى تېكىن بۇخاراغا قۇربان ھېيت كۈنى زەپەر قۇچۇپ كىرگەن شۇ دەقىقىلەردە يۈسۈپ قادىرخانمۇ قەشقەرنىقايتۇرۇۋېلىپ،بىر
يىلدەك ھازىرلىق كۆرۈپلا،ئۇدۇن خانلىقىغا 1001 ـ يىلى 1 ـ قېتىم قوشۇن تارتتى.ئىككى تەرەپ ھازىرقى قاراقاش ناھىيەسىتەۋەسىدىكى«قۇمرابات پاشايىم»دا ئېلىشتى.بىراق ئۇدۇن تەرەپ قاراقاش دەرياسىنى
توساق قىلىپ تىركىشىپ،قۇتۇلۇپ قالدى.1003 ـ يىلى 2ـ قېتىم يۈرۈش قىلىپ ھازىرقى چىرا تاغلىرىغا چېكىنگەن ئۇدۇن قوشۇنىنى
قوغلاپ ئىچكىرىلەپ كىرگەندە بۆكتۈرمىگە ئۇچراپ،زور قۇربانلىق بېرىپ چېكىنگەن.
1006ـ يىلى 3ـ قېتىم كەڭ كۆلەمدە يۈرۈش
قىلىپ ھازىرقى«ئىمام ئاسىم مازىرى(لوپتا)»
ئۇرۇش قىلىپ،ئۇدۇن خانلىرى «چوختۇرۇشت
ۋە نوختۇرۇشت»ئاكاـ ئۇكىنى،باش قوماندان
«سەنسىۋىل»نى چېپىپ تاشلىغان.شۇنىڭ
بىلەن1008ـ يىلدىن باشلاپ،ھازىرقى يېڭىسار قىزىلدىن تاكى چەرچەن/چاقىلىققىچە بولغان جايلار بۇددىزىمدىن ئىسلامىيەتكە كۆچكەن.
قاراخانىيلار بىر تەرەپتە سامانىيلارنى ئىستىلا قىلىۋاتقان،يەنە بىر تەرەپتە ئۇدۇننى ئىستىلا قىلىۋاتقان ۋاقىتتا،ئەسلىدە سامانىيلارغا قاراشلىق بولغان ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى چېگرا بېگى«سۇبۇق تېكىن(977 ـ997)»
پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ،سامانىيلارنىڭ ئامۇنىڭ
جەنۇبىدىكى زېمىنلىرىنى ئىگىلەپ،غەزنىنى
بازا قىلىپ«غەزنەۋى خانلىقى»نى قۇردى.
خوتەن ئىستىلا قىلىنغاندىن كېيىن،قاراخان
قوشۇنى«غەزنەۋىلەر(997ـ 1186)»گە قارشى
1007ـ يىلى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ھۇجۇم قىلدى.لېكىن جەڭ سەپلىرى قالايمىقانلىشىپ
كېتىپ،چېكىندى.غەزنەۋى خانى سۇبۇق تېكىن ئوغلى مەھمۇد(998 ـ 1030)ئەلچى ئەۋەتىپ
سۈلھى تەلەپ قىلدى.«جاناپلىرى شىمال ۋە
شەرقتىكى جايلارنى فەتھى قىلغاي،كەمىنىلىرى
ھىندىستاننى بويسۇندۇراي ! ئۆز ئارا ئۇرۇش قىلمايلى!»دەپ چاقىرىق قىلغان.يۈسۈپ
قادىرخان قوشۇلۇپ كېلىشىم تۈزۈلدى.
مەھمۇت شۇ يىلى ھىندىستانغا يۈرۈش قىلدى.
يۈسۈپ قادىرخان«مەلىكۇل مەشرىق/شەرىق
پادىشاھى»نامى بىلەن قەشقەر/خوتەننى
گۈللەندۈرۈشكە باشلىدى.ئەمما 10يىل ئۆتمەيلا
مىلادى 907ـ يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ غەيرىتىدە
قۇرۇلغان«قىتان خانلىقى(907 ـ1125)»تازا
كۈچىيىپ،1018 ـ يىلى ئالتاي ۋە ئېرتىشتىن
ھالقىپ،200مىڭ ئاتلىق ئەسكەر بىلەن قاراخانىيلار تەۋەسىگە تاجاۋۇز قىلىپ كىردى.
«توغانخان»كېسەل بولغاچقا توسۇشقا قوشۇن چىقاردى.بىراق تېزلا مەغلۇبىيەت خەۋىرى كەلدى.توغانخان تېزدىن بالاساغۇندىن قوشۇن
تارتىپ،ئۇچتۇرپاندىن كەلگەن قىدىرخان
قوشۇنى بىلەن بىرلىشىپ،بالاساغۇنغا ساق
14كۈنلۈك جايغىچە قىستاپ كەلگەن قىتان
قوشۇنىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،ئۇلارنى
ئۈزۈل ـ كېسىل مەغلۇپ قىلغان.توغانخان
قىتانلارنىڭ 100مىڭدەك ئەسكىرىنى قىرىپ،
50مىڭدەك ئەسكەر،نۇرغۇن ئات ۋە ساناقسىز
چارۋىلارنى غەنىمەت ئالغان.قالدۇق دۈشمەننى
تاكى ئالتاي تاغلىرىغىچە قوغلاپ ھەيدىۋېتىپ،
زەپەر بىلەن قايتىپ كەلگەن.بۇ ئارىدا مەھمۇد
غەزنەۋى خارەزمنى ئۆزىگە قوشۇۋالغان.
ئاقىۋەت ئىككى تەرەپ يەنە يىرىكلىشىپ قالغان.ئەلى تېكىننىڭ غەزنەۋى چېگرا بېگى
ئالتۇنتاشنى چېپىپ تاشلىشى بىلەن ئۇرۇش
قايتا باشلانغان.بىراق قاراخانىيلار سەركىلىرى
بىر ئاقساقالنىڭ بۇيرۇقى بويىچە ھەرىكەت
قىلمىغاچقا،كۆپىنچە غەزنەۋىلەر زەپەر قۇچتى.
1019ـ يىلىدىن(يۈسۈپ خاس ھاجىپ مۇشۇ
يىلى يازلىق ئاستانە بالاساغۇندا تۇغۇلغان)
تاكى 1024ـ يىلىغىچە 5يىل ئىككى تەرەپ
ئۇرۇش ھالىتىدە تۇرغان.يۈسۈپ قادىرخان
كەسكىنلىك بىلەن بىلەن قاراخانىيلارنىڭ
تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ،مىلادى 1025ـ
يىلى شىمالىي ۋە غەربىي ئىلىكخانلارنىڭ
مەركەزگە باغلىنىشىنى كۈچەيتتى.(قازاق دالاسى،بالقاش ۋە ئىلى ۋادىسىنى مۇداپىئە قىلىش ئۈچۈن 970ـ يىللاردا شىمالىي ئىلىك خانلىق،999 ـ يىلى ماۋرائۇننەھردە غەربىي ئىلىك خانلىق تەسىس قىلىنغانىدى).1026ـ يىلى ۋەزىيەتنى تىزگىنلىيەلمىگەن ئاغىسى
«2ـ توغانخان خاقان»نى تەختتىن چۈشۈرۈپ،
ئۆزى قاراخانىيلارنىڭ بۈيۈك خاقانى بولدى.
«قەشقەر»ئاساسلىق پايتەخت بولدى.
ئەلى تېكىن بۇنىڭغا قارشى چىقىپ،غەربىي
ئىلىكخانلىقنى ئىگىلەپ ئۆزىنى خاقان دەپ
جاكارلىدى. نەتىجىدە قاراخانىيلار ئارىسىدا
تۇنجى كەڭ كۆلەملىك ئىچكى ئۇرۇش چىقتى.
«ھىيلىگەر مەھمۇد غەزنەۋى»قاراخان يۈسۈپ
قادىرخاننىڭ«ھەيۋە قىلىپ،قان تۆكمەي ئەل
قىلىش توغرىسىدىكى ھەربىي ياردەم تەلەپ
قىلىپ يازغان مەكتۇبىغا باھانە كۆرسىتىپ،
بىر يىلدەك كەينىگە سۆرەپ،كۈچلۈك رەقىبى
قاراخانىلارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىنى كۈتتى».
بىراق مەھمۇد بىردىنلا يېڭى بىر ئەشەددىي
رەقىپكە دۇچ كەلدى.ئۇلار دەل 965ـ يىلدىن
بېرى قاراخانىيلارغا بەيئەت قىلىپ ياشاپ
كەلگەن كۆچمەن قوراللىق سالجۇق ئوغۇللىرى
ئىدى.ئۇلار توختىماي خارەزم ۋە خۇراسانغا
تېگىش قىلاتتى.مەھمۇد قوغلاپ كەلسە،ئۇلار
قاراخانىيلارغا قاراشلىق«جۇند»ۋە«نۇرئاتا»
يايلاقلىرىغا قېچىپ كېتەتتى.
مەھمۇد غەزنەۋى قاراخانىيلارغا دۈشمەن
بوپقېلىشتىن ھەزەر ئەيلەيتتى.ئۇلارنىڭ
كاپالىتى بولمىسا مەھمۇد ھىندىستانغا
خاتىرجەم يۈرۈش قىلالمايتتى.سالجۇقىيلار
مەھمۇدنىڭ نەزىرىدە «كۆچمەن چاتاقچىلار»
ئىدى.قاراخانىيلار بولسا مەدەنىيلەشكەن،
مۇكەممەل قانۇنى ۋە قوشۇنى بار ئاڭلىق ۋە
ئىناق بولغان ئېسىل خوشنا دۆلەت ئىدى.
(مەھمۇدنىڭ سىياسەتتە قانچىلىك قانچىلىك ھىيلىگەر ۋە قۇۋلۇقىنى نىزامۇلمۈلكنىڭ سىياسەتنامە ناملىق ئەسىرىدىن ئوقۇۋېلىڭ).
شۇڭا مەھمۇد دەرھاللا پايدا ـ زىياننى دەڭسەپ
يۈسۈپ قادىرخانغا بىۋاستە ياردەمگە كەلدى.

بۇ چاغدا سالجۇق ئوغۇللىرىمۇ ئەلى تېكىننى
يالغۇز تاشلاپ قويدى.نەتىجىدە ئەلى تېكىن
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئالدىغا كېلىپ گۇناھىنى
تونۇپ ئەپۇ تىلىدى.مەھمۇد غەزنەۋىمۇ ئۇنى
ئاقلاپ گەپ قىلدى.خاقان ئاخىرى ئەپۇ قىلدى.

كەينىدىنلا ئىككى ھۆكۈمران«ئەبەدىي تېنچ،
دوستانە ئۆتۈش ئۈچۈن» 1026 - يىلى باھاردا غەربىي ئىلىكخانلىق پايتەختى سەمەرقەنتتە تولىمۇ ھەشەمەت بىر يىغىلىش قىلىپ،قۇدىلاشتى ۋە سالجۇق ئوغۇللىرىنى تارقىتىۋېتىش ھەققىدە بىرلىككە كەلدى.
بىردىنلا ئىككى چوڭ دۆلەتنىڭ ئاچچىقىنى
كەلتۈرۈپ قويغان سالجۇقىيلارنى غەم باستى.
مەھمۇد غەزنەۋى سالجۇقىيلارنىڭ پاسىبانى
ۋە لىدېرى ئىسرائىل يابغۇنى شىرىن ۋەدىلەر بىلەن ئالداپ ئەكىلىپ،«كالانجىر»قەلئەسىدە
ئۆلگىچە 25يىل نەزەربەنت قىلدى.

بۇنى بىلگەن سالجۇقىيلارنىڭ يېڭى بەگلىرى
«توغرۇلبەگ(1040 ـ 1063)»ۋە ئاكىسى
«چاغرىبەگ(1037 ـ 1060)»لەر ئامالسىز
قەشقەرگە قېچىپ يۈسۈپ قادىرخان يېنىدا
پاناھلىنىپ،خاقانغا خىزمەت قىلدى.
مىلادى 1028 ـ يىلى قادىرخان بۇ ئىككى
يىگىتنىڭ ئىستىداتىغا قايىل بولۇپ،ئۇلاردىن
«قاراخانىيلار تەۋەسىدە چاتاق چىقارماسلىق
شەرتى بىلەن قويۇپ بەردى.»..
1030 ـ يىلى مەھمۇد غەزنەۋى قازا قىلدى.
ئوغلى مەسئۇت قېرىندىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ
يېڭىپ تەختكە چىقتى.
1032 ـ يىلى يۈسۈپ قىدىرخان ۋاپات بولدى.
ئورنىغا چوڭ ئوغلى سۇلايمانخان«ئارسلانخان
(1032 ـ1056)»نامى بىلەن چوڭ خان بولدى.
ئىنىسى مۇھەممەد«بۇغراخان(1032 ـ1057)»(مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى دەل بۇ كىشى) نامى بىلەن كىچىك خان بولۇپ، بالاساغۇندا تۇردى.
سالجۇقىيلار 1040 ـ يىلى غەزنەۋىلەرنى
«دەندانقان ئۇرۇشى»دا يەڭدى.
قاراخانىيلار 1040 ـ يىلى ئېرتىش ۋادىسىدىكى
ياباقۇلارنىڭ ئىسيانىنى باستۇردى.
«دەندانقان ئۇرۇشى»ۋە«ياباقۇلار توپىلىڭى»
غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ ئايرىلىپ چىقىش
ئىستىكىنى كۈچەيتتى.سالجۇقىيلار دەندانقان
ئۇرۇشىدىن كېيىن غەربىي ئىلىكخانلىققا ھەربىي مۇداخىلە قىلىشقا باشلىدى.غەربىي
ئىلىكخاننىڭ ئوغلى ئىبراھىم بۆرە تېكىن
ئۆز ئالدىغا تەدبىر قوللىنىپ قارشى تۇردى.

بۇ ۋاقىتتا قاراخانىيلارنىڭ ئاساسلىق قوشۇنى
مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى مۇھەممەد بۇغراخان ۋە ئوغلى ھۈسەيىن تېكىن قوماندانلىقىدا ئالتاي/ئېرتىش ۋادىسىدىكى
كۆچمەن تۈركىي قەۋملەردىن يەمەكلەر ۋە
ياباقۇلار باشلىق ئالتاي قەبىلىلىرىنىڭ دۆلەتكە
قارشى ئىسيانىنى بېسىقتۇرۇش ئىلى،چۆچەك
تەرەپلەرگە يۈرۈش قىلىپ كەتكەنىدى.دېمەك
سالجۇقىيلار غەزنەۋىلەرنىڭ يالغۇز قالغان
ۋاختىنى پۇرسەت بىلىپ،«يالغان سۈلھى قىلغان بولۇۋېلىپ،خاتىرجەم غەزنىگە قايتىۋاتقان مەسئۇتنى كەينىدىن تۇيۇقسىز
ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى».

«دەندانقان ئۇرۇشى»دىن كېيىنلا سالجۇقىيلار
خۇراسان،ئىران،غەربىي ئافغانىستان،خارەزم
قاتارلىق جايلارنى ئىگىلەپ،غەربىي ئىلىكخان
تەۋەلىكىگە پات ـ پات تېگىش قىلىپ تۇردى.
قاراخانىيلارنىڭ غول قوشۇنى ئىلى تەرەپتە
بولغاچقا ماۋرائۇنەھرگە يېتەرلىك ھەربىي ياردەم بېرەلمىدى.

يۇقىرىقى ئامىللار ئىلىكخان ئوغلى ئىبراھىمدا
سۇلايمان ئارسلانخانغا قارشى كەيپىياتنى
پەيدا قىلىپ قويدى.سالجۇقىيلارمۇ خاتىرجەم
ئامۇ دەرياسىنىڭ جەنۇبىدىكى«مەرۋە شاھ جاھان» نى پايتەخت قىلىپ،قاراخانىيلارغا
تەھدىت بولۇپ قالدى.

1041 ـ يىلى سۇلتان مەسئۇتنىڭ ئەلچىلىرى
قەشقەرگە كېلىپ،سۇلايمان ئارسلانخاندىن
سالجۇقىيلارغا قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىپ كەلدى. ئارسلانخان كېڭەش چاقىردى.
مۇھەممەد بۇغراخان ۋە غەربىي ئىلىكخانلار قارشى تۇردى.(چۈنكى مۇھەممەد بۇغراخان
مەسئۇتنىڭ دادىسى مەھمۇد غەزنەۋىنى
قاراخانىيلارغا زىيانلىق رەقىپ دەپ قارايتتى.
مەھمۇد غەزنەۋى قارخانىيلارنىڭ باغدات خەلىپىسى بىەن بىۋاستە ئالاقە قىلىشىنى
زادىلا خالىمايتتى.ئىلىكخانلار چېغىدا باغدات
خەلىپىسىدىن 3 نامغا ئېرىشىكەن چاغدا
مەھمۇدنىڭ بىرەر نامىمۇ يوق ئىدى.بىراق
مەھمۇد مەينەت ھىيلە ئىشلىتىپ،قاراخان
ئىلىكخانىنىڭ خەلىپىنىڭ ئالدىدىكى ئوبرازىنى يەرگە ئۇرۇپ،نامغا ئېرىشكەنىدى* نزام الملك سىياسەتنامە).ئارسلانخان قىين ئەھۋالدا قالدى.ئەلچىلەر3يىل ساقلىدى.بۇ ئارىدا غەربىي ئىلىكخان ئوغلى ئىبراھىم بۆرە تېكىن ئۆزىنى «تاۋغاچخان»دەپ ئاتىدى.بۇ ئېنىقلا ئۇنىڭ مۇستەقىللىق جاكارلىغىنى ئىدى.ئەمما قاراخان سۇلايمان ئارسلانخان بۇنىڭغا ئىنكاس بىلدۈرمىدى.(بەلكىم ئۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئومۇمىي ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ئىچكى ئۇرۇش قىلىشنى خالىمىغان بولۇشى مۇمكىن.چۈنكى ئىككى يولۋاس سوقۇشسا پايدىنى سالجۇقىيلار ئالاتتى.بەلكىم ئارسلانخان سەل رەھىمدىللىك قىلغان بولۇشى مۇمكىن ).

1041 ـ يىلدىن باشلاپ غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ
ئالاھىدە بولۇۋېلىشى،كەنجى خاقان ـ قوشۇمچە
شىمالىي ئىلىكخان مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ.ئۇ ئاكىسىغا يارلىق چۈشۈرۈپ غەربىي ئىلىكخانغا ۋاختىدا تەنبىھ بېرىپ قويۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بۇ ئىشقا
سۈكۈت قىلسا خاقانلىقنىڭ ھەيۋىسى يوقىلىپ،
رەقىپلەر ئالدىكى نوپۇزى ئاجىزلايدۇ دەپ
نەسىھەت قىلىدۇ.بىراق غەربىي ئىلىكخانلىق
مەركەزگە قارشى بىرەر ئىش ھەرىكەتتە
بولمىغاچقا ئارسلانخان بۇنىڭغا سەل قارايدۇ.

ئاقىۋەت 1043 ـ يىلى قايتا قۇرۇلتاي ئېچىلىپ،
غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ مۇستەقىللىقى ئېتىراپ
قىلىنىدۇ.شىمالىي ئىلىكخانلىق بىلەن غەربىي ئىلىكخانلىقنىڭ چېگرىسى ئېنىق بېكىتىلىپ،
«غەربىي ئىلىكخانغا كۆپ ئىمتىياز بېرىلىدۇ».
ئەمما غەربىي ئىلىكخان يەنىلا قارا خان سۇلايمان ئارسلانخانغا ھۆرمەت قىلىدۇ.شۇڭا
«خاقان نامى»ئىشلەتمەي دۆلەتنى باشقۇرىدۇ.

1041ـ يىلدىن ئېتىبارەن ئەمەلىي ھالدا،1043ـ يىلدىن ئېتىبارەن بىر پۈتۈن قاراخانىيلار
رەسمىي ھالدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ.
«شەرقىي قاراخانىيلار(1041 ـ 1212)»يەنىلا
«قەشقەر»نى ئاساسلىق پايتەخت،بالاساغۇننى
قوشۇمچە پايتەخت قىلىپ،شەرقتە ئالتاي ۋە
ئىدىقۇت خانلىقىدىن،غەرپتە پامىر ۋە چۇ دەرياسى ۋادىسىغىچە،شىمالدا قازاق دالىسى ۋەبالقاش بويلىرىدىن،جەنۇپتا خوتەندىكى قاراقۇرۇم تاغلىرىغىچە بولغان جايلارغا
ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
«غەربىي قاراخانىيلار(1041 ـ1212)»بولسا
سەمەرقەندنى پايتەخت قىلىپ،ئاساسلىقى
ماۋرائۇننەھرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.

1056 ـ يىلى «كەڭ قورساق،رەھىمدىل ۋە يۇمشاق قول سۇلايمان ئارسلانخان»بىلەن
ئىنىسى«چۇس مىجەز،كەسكىن ۋە قاتتىققول
سەركەردە مۇھەممەد بۇغراخان»ئارىسىدا
ئۇرۇش پارتلايدۇ.(بۇ ئۇرۇشقا سەۋەپچى بولغان ئامىلنىڭ سالجۇقىيلارنىڭ ئارىنى بۇزۇش ھىيلىسى ياكى غەربىي قاراخانىيلارنىڭ  كۈشكۈرتىشى ۋە ياكى ئاكا ـ ئۇكىلار ئارىسىغا
سوغۇقچىلىق سالغان ھەسەتخور،يامان نىيەتلىك ئوردا ئەركانلىرى ئىكەنلىكىنى 
تېخىمۇ چوڭقۇر تەتقىق قىلىش كېرەك ).
1056 ـ يىلدىكى ئۇرۇشتا سۇلايمان ئارسلانخان
غەلىبە قىلىپ ئىنىسىنىڭ زېمىنلىرىنى ئىشغال قىلىدۇ.بىراق 1057 ـ يىلدىكى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشتا مۇھەممەد بۇغراخان ئاكىسى سۇلايمان ئارسلانخاننى ئەسىر ئېلىپ،قەشقەرنى قولىغا
ئېلىپ،قاراخانىيلارنىڭ چوڭ خاقانى بولىدۇ.

1058 ـ يىلى ئەمدىلا بىر يىلدىن كۆپرەك(15
ئاي)ھۆكۈم سۈرگەن مۇھەممەد بۇغراخان
تەختنى چوڭ ئوغلى،ئەينى ۋاقىتتىكى بارسخان
ھاكىمى«ھۈسەيىن تېكىن(1044 ـ 1058)»گە
ئۆتۈنۈپ بېرىدۇ.بىراق بۇغراخاننىڭ توقىلى
زەينەپ(مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى،مەسئۇتنىڭ
سىڭلىسى بولۇپ،يۈسۈپ قادىرخان بىلەن
مەھمۇد سەمەرقەنتتە ئۇچراشقاندا چاي ئىچۈرۈپ قويۇلغان.بىراق توي ئىشى تاكى
مەسئۇت دەندانقاندا قاتتىق مەغلۇپ بولۇپ، قاراخانىيلاردىن ياردەم تەلەپ قىلغۇچە ساق
15يىل كېچىكىپ كەتكەن.).دەل مۇشۇ قارا
نىيەت خوتۇن«تەختكە ئولتۇرۇش كۈنىدىكى
شاھانە زىياپەتتە،مەھمۇد قەشقەرىنىڭ بوۋىسى
مۇھەممەد بۇغراخان،ئاتىسى ھۈسەيىن تېكىن،
ئۆز تەرەپدارى بولمىغان بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۋەتكەن.
(مۇشۇ خوتۇندىنلا مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش مۇمكىن.

1058 ـ يىلدىكى بۇ سۇيقەست قاراخانىيلارنى
ئەڭ سەرخىل خاقانلار،دانىشمەنلەر،ھەربىي ئالىملار،جەسۇر سەركەردىلەر ھەمدە باشقا دۆلەت ئەركانلىرىدىن بىراقلا ئايرىۋەتتى.

نەتىجىدە شەرقىي قاراخانىيلار 1058ـ يىلدىن تاكى 1066ـ يىلغىچە ئېغىر داۋالغۇش ئىچىدە قالدى.تەخت ماجىرالىرى دۆلەتنىڭ ئەسلىدىكى
گۈللەنگەن باي ھالىتىنى يوق قىلىۋەتتى.كۆپ قان تۆكۈلۈپ،ئەل ـ يۇرت خاراپ بولدى.

بۇ قالايمىقانچىلىق ۋە يېغىلىق باسقان 10 6يىلدا سالجۇقىيلار تېز سۈرئەتتە نوپۇزىنى كۈچەيتىپ،ھازىرقى پالۇجىستان،ئافغانىستان،
خۇراسان،خارەزم،پۈتكۈل ئىران،ئەزەربەيجان،
كۇردىستان،ھەتتا ئىراقتىكى ئابباسىيە خەلىپىسىنىمۇ كونترول قىلىپ،ئىسلام دۇنياسىنىڭ ھامىيسىغا ئايلىنىپ،بۇجەھەتتە
قاراخانىيلارنىڭ ئورنىنى ئېلىۋالدى.بۇنىڭ بىلەنلا بولدى قىلماستىن،شەرقىي قاراخانىيلار داۋالغۇشتا تۇرۇۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ
ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىرىپ،غەربىي قاراخانىيلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالماقچى بولدى.
(چۈنكى ئىككى قاراخانىيلار بۇندىن بۇرۇن ھەرقانداق تاشقى تەھدىتكە بىرلىشىپ قارشى تۇرۇپ كەلگەچكە،ئۇلارنىڭ ئۇنۋېرسال كۈچى
سالجۇقىيلاردىن كۆپ كۈچلۈك بولغاچقا،
توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەر 1041ـ يىلدىن تاكى1055ـ يىلغىچە غەربىي قاراخانىيلارغا
يۈرەكلىك كەڭ كۆلەمدە تىگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغانىدى.ئۇلار ھەممىدىن بەك
يۈسۈپ قادىرخاننىڭ ئەڭ ئىستىداتلىق چۇس مىجەز،كەسكىن ئوغلى ياغان تېكىن(دەل
مۇھەممەد بۇغراخان)دىن ئېھتىيات قىلاتتى.
غەزنەۋىلەرگە قارشى ئۇرۇشلاردا،دىپلوماتىك
سۆھبەتلەردە ئۇ قاراخانىيلاردا سەركە ئىدى.
1057ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان خاقان بولغاندا سالجۇقىيلار باغداتتىن باشقا جايلارغا يۈرۈش قىلماي،ئورنىنى پۇختىلاپ پۇرسەت كۈتتى.(مۇھەممەد بۇغراخانلا بولىدىكەن ئامۇ
دەرياسىدىن ئۆتۈش بەسىي مۈشكۈل ئىدى).

1058ـ يىلى مۇھەممەد بۇغراخان باشلىق بارلىق ئىستىداتلىق قاراخانىيلار سەرخىللىرى بىراقلا زەھەرلىنىپ ئۆلۈپ كەتتى.سالجۇقىيلار بۇ تېپىلغۇسىز پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ،تېزدىن
غەربىي قاراخانىلارغا ھۇجۇم قوزغىدى.بىراق
ھېچكىم غالىپ بولالماي،ئاكا ـ ئۇكا سالجۇق
ئوغۇللىرى كەينى ـ كەينىدىن ۋاپات بولدى.

توغرۇلبەگ ۋە چاغرىبەگلەرنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئۇرۇش توختىدى.توغرۇلبەگنىڭ ئورنىغا سۇلتان بولغان جىيەنى ئالپ ئارسلان(1029 ـ1072)(1063 ـ1072تەختتىكى ۋاختى)3يىل
باشقا سالجۇق ئوغۇللىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ،قايتا قوشۇن باشلاپ ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىردى. 1068ـ يىلى تۇنجى غەربىي
قاراخانىيلار ھۆكۈمدارى «تاۋغاچ ئىبراھىم بۇغراخان(1041 ـ1068)»ئالپ ئارسلان بىلەن بولغان ئۇرۇشلاردا ھالاك بولدى.ئۆلىمالارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئۇرۇش توختاپ،ئىبراھىم
بۇغراخاننىڭ ئوغلى ئالپ ئارسلانغا كۈيئوغۇل بولۇپ،ئالپ ئارسلان قايتىپ كەتتى.

1071 ـ يىلى ئالپ ئارسلان مالازگىرت ئۇرۇشىدا زەپەر قۇچۇپ،بىر يىلغا يېقىن تەييارلىق قىلىپقايتا ماۋرائۇننەھرگە بېسىپ كىردى.بىراق ئۇ
خارەزم ۋالىيسى يۈسۈپبەگە تەرىپىدىن خەنجەر تىقىلىپ ئۆلتۈرۈلدى.«1071ـ يىلى زور زەپەر قۇچقان بۇ سۇلتان،ئۆز قېرىندىشىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ پاجىئەلىك ئۆلۈپ كەتتى».

ئوغلى مەلىكشاھ(1072 ـ1092) ۋەسىيەت بويىچە سۇلتان بولدى.ئۇمۇ ساق 3 يىل باشقا ئىسيانچى سالجۇق ئوغۇللىرىنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇپ،1076ـ يىلى«ئاناتولىيە»،1078ـ يىلى شام ،ئاندىن پەلەستىننى قوغا كىرگۈزدى.

1074ـ يىلىدىن باشلاپ شەرقىي قاراخانىيلار ئاخىرقى قېتىم گۈللەپ ياشناشقا باشلىدى.(1066ـ يىللىرى يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كىچىك ئوغلى مەھمۇدخان*توغرۇل قاراخان*)قايتادۆلەتنى تەرتىپكە سېلىپ،بىرلىككە كەلتۈرۈپ،جىيەنى 2ـ ھەسەن بۇغراخان بىلەن بىللە ھوقۇق يۈرگۈزگەنىدى.1069ـ يىلدىن باشلاپ ھەسەن بۇغراخان يۈسۈپ خاس ھاجىپ قاتارلىق«دۆلەتننىڭ ئىستىقبالى ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان دانىشمەنلەرنىڭ ياردىمىدە ئىسلاھات يۈرگۈزۈپ،ئاخىرى 1074ـ يىلى ئۆزى چوڭ خاقان بولۇپ تارىختا «2ـ ھارۇن بۇغراخان (1074ـ 1102)» دەپ ئاتالدى.مەھمۇد قەشقەرىمۇ  دەل مۇشۇ خاقاننىڭ ئاخىرقى مەزگىللىدە قەشقەرگە قايتىپ كەلگەن.(ھەسەن بۇغراخان سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى،مەھمۇد قەشقەرى بولسا ھەسەن بۇغراخاننىڭ جىيەنى*يەنى ھەسەن بۇغراخاننىڭ تاغىسى مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ
ئوغلى ھۈسەيىن تېكىننىڭ ئوغلى ئىدى).

1074ـ يىلدىن كېيىن قاراخانىيلار سۇلتان ھەسەن بۇغراخاننىڭ ھىممىتى،يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ«قۇتادغۇبىلىگ»ئەسىرى ئاساسىدا
مۇتەپەككۇر،دانىشمەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدا قايتىدىن گۈللەپ ياشناشقا باشلىدى.

1075ـ يىلدىن كېيىن سالجۇقىيلارمۇ مەشھۇر ۋەزىر نىزامۇلمۈلك،مەشھۇر قاراخانىيلار شاھزادىسى،ئۇلۇغ تىلشۇناس ۋە ھەربىي ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ھىممەتلىرى بىلەن تۈپ يىلتىزى چوڭقۇر بولغان بىر مەدەنىيلەشكەن دۆلەت بولۇپ گۈللىنىشكە باشلىدى.

ئەمما غەربىي قاراخانىلاردا خان بىلەن دىنىي
قاتلام ئارىسىدا زىددىيەت كەسكىنلەشتى.
نەتىجىدە مەلىكشاھ بۇنى باھانە قىلىپ،1089ـ يىلى قايتا غەربىي قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قوزغىدى.بۇخارادىكى دىنىي زاتلار دۆلىتىگە خائىنلىق قىلىپ ئىچىدىن ماسلىشىپ يۈرۈپ،دۆلىتىنى مۇنقەرز قىلدى. مەلىكشاھ غەلىبە پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ،داۋاملىق يۈرۈش قىلىپ،ئۆزكەنتكە يېتىپ كەلدى.مەھمۇد قەشقەرىنىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ۋەزىر نىزامۈلمۈلك ئارىغا چۈشۈپ،كېلىشىم ئارقىلىق ئۇرۇش قىلىشتىن ساقلاندى.ھەسەن بۇغراخان
ئۆزكەنتكەيېتىپ كېلىپ،مەلىكشاھ بىلەن جەم بولۇپ،«سالجۇقىيلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى نوپۇزى،ماۋرائۇننەھردىكى نوپۇزىغا تەھدىت بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ،سۈلھى تۈزدى».

تارىخ سالجۇقىيلارنىڭ ھەدەپ قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ،ئۆز ئارا كۈچىنى خورىتىش ئۇرۇشىنىڭ قانچىلىك زىيان كەلتۈرگىنىنى ئېنىق ئىسپاتلىدى. مىلادى 1092ـ ئۆكتەبىردەنىزامۇلمۈلك،نويابىردا مەلىكشاھ قازا  قىلدى.
بۈيۈك سالجۇقىيلار تېزدىن«كىرمان،ئىراق، سۇرىيە،ئاناتولىيە،خۇراسان سالجۇقلىرى»دىن ئىبارەت 5 كىچىك خانلىققا پارچىلىنىپ كەتتى.بۇلاردىن پەقەت ئاناتولىيە سالجۇق خانلىقىلا 1242ـ يىلغىچە مۇستەقىل،ئاندىن
تاكى 1308ـ يىلغىچە موڭغۇللارغا بېقىندى خانلىق بولۇپ قالدى.

مىلادى 1102 ـ يىلى بۈيۈك ئىستىداتلىق ھۆكۈمران ۋاپات بولدى. ئوغلى ئەھمەد قاراخانىيلار سۇلتانى بولدى.1126 - يىلى
مەھمۇد قەشقەرى ۋاپات بولدى. ئەھمەد بۇغراخاندىن كېيىن،ئۇنىڭ ئوغلىنىڭ دەۋرىدە مىلادى 1125ـ يىلى جۇرجىتلار تەرىپىدىن ئاغدۇرۇلغان قىتان خانلىقىنىڭ قالدۇق قەبىلىلىرى تاشقى موڭغۇل ۋادىسىدا باشقا كۆچمەن خەلقلەر بىلەن بىرلىشىپ،قىتان خانلىقىنى قايتا تىرىلدۈرمەكچى بولىدۇ.

مىلادى 1128 ـ يىلى ئالتاي ۋە ئېرتىش ۋادىسىدا يەنە ئىسيان چىقىپ،قاراخانىيلار سۇلتانى مۇھەممەد شىمالىي ئىلىكخانغا
باستۇرۇش  توغرىلىق بۇيرۇق بېرىدۇ.

1132 ـ يىلى قىتان شاھزادىسى يوللىغ تاشىن جۇرجىتلاردىن قېچىپ قاراخانىيلار تەۋەسىگە بېسىپ كىرىدۇ.بىر بۆلىكىنى چېگرا مۇداپىئە قىسمى قىرىپ،قوغلىۋېتىدۇ.

1134 ـ يىلى بۇ ئالدامچى قىتانلار شىمالىي ئىلىكخانلىقنى ئىشغال قىلىپ،1141 ـ يىلغىچە پۈتكۈل قاراخانىيلارنى بېقىندى قىلىپ قويىدۇ.

1141ـ يىلىدىكى قەتۋان چۆلى ئۇرۇشىدا سالجۇقىيلارنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ،ماۋرائۇننەھر رايونىنى يۇتۇۋالىدۇ.كېيىنچە 1218ـ يىلى قاراقىتانلار يوقىتىلىپ،ئۇيغۇرلار موڭغۇللار بىلەن بىرلىشىپ جاھان سورايدۇ.

غەرپتە 1071ـ  يىلدىكى مەغلۇبىيەتتىن غەزەپلەنگەن غەربىي ياۋروپا پاپانىڭ چاقىرىقى بىلەن 1096ـ يىلدىن باشلاپ تاكى 1196ـ يىلغىچە ئىسلام دۇنياسىغا قارىتا«ئەھلىسەلىپ ئۇرۇشى »قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن شەرقتە قاراخانىيلارنىڭ چۆكۈشى بىلەن قاراخىتايلار، موڭغۇللار،قالماقلار، مانجۇلار،ئاخىرىدا پەس خىتتايلار ۋەتىنىمىزنى ئارقا ـ ئارقىدىن ئىشغال قىلىۋالدى.غەرپتە سالجۇقىيلارنىڭ زاۋال تېپىشى بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئاۋۋال 40 يىللىق يېغىلىپ،ئىچكى ئۇرۇش،ئاندىن 200يىللىق تۇرغۇنلۇق،ئاخىرىدا 400يىللىق كىرزىسقا پېتىپ ئارقىدا قالدى.مانا ئەمدى ھەممىسى 3ـ دۇنيا ئەخلەتخانىلىرىغا ئايلىنىپ «مەنپەئەتى ئۈچۈن بىزنى سېتىپ خەجلەپ جان ساقلاۋاتىدۇ».«ئەرگە بىر نۆۋەت،يەرگە بىر نۆۋەت»!بىز ھامان باش كۆتۈرىمىز !

1460ـ يىللاردىن تاكى 1618ـ يىلغىچە ئەزىز مىللىتىمىز مۇستەقىل ھالدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق گۈللىنىش مەزگىلىنى باشتىن كەچۈرىدۇ.ئۇندىن كېيىنلق ئەھۋال مەلۇملۇق!

2 . ھەزرىتى مەھمۇدنىڭ ۋەتەننى تەرك ئېتىپ ھىجرەت قىلىشىغا سەۋەپ بولغان پاجىئە :

( قاراخانىلارنىڭ چۆكىشى، سالجۇقىيلارنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەپ بولغان پاجىئەلىك ۋەقە)

مىلادى 1058 - يىلى 14 - ماي جۈمە كۈنى،
ھىجىرىيە 450 - يىلى ھەزرىتى مۇھەممەد پەيغەمبىرىمىزنىڭ مەۋلۇد كۈنى قۇتلۇق جۈمە ئىدى.  « ئوردۇ كەنت» - قەشقەر شەھىرىدىكى خاقان قەسىرىدە قاراخانىلارنىڭ ئۈچ ئەۋلاد خاقانلىرى، شاھزادىلەر، بارلىق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار، ھەر قايسى ۋىلايەت - ئايماقلارنىڭ مۆتىۋەرلىرى، ھەر قايسى قەبىلە ئاقساقاللىرى تارىخىي بىر قۇرۇلتاي ئۈچۈن توپلانغانىدى.
15 ئايدىن بېرى قاراخانىلارنىڭ بۈيۈك قاغانى بولۇپ كېلىۋاتقان مۇھەممەد بۇغراخان * بۈگۈن ئۆز ئورنىنى دانىشمەن چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى * تېكىنگە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى ئىدى.

بۈگۈنكى قۇرۇلتاي كۈنتەرتىپى ، ئالدى بىلەن قاغان مۇھەممەد بۇغراخان ھەزرىتى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مەۋلۇد كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن پەيغەمبىرىمىز، ئىزباسار خەلىپىلەر، ئاندىن سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن بۈيۈك مەشرىق پادىشاھى يۈسۈپ قادىرخانغىچە ئۆتكەن قاغانلارنىڭ روھىغا دۇئا قىلىپ، چوڭ ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننى ئۆزىنىڭ ئورنىغا قاغان قىلىپ تەيىنلەيدىغان، ئاندىن كېيىن زىياپەت بېرىلىپ، پايتەختتە ھېيت داغدۇغىسى قوزغاپ،  مۇراسىم ئۆتكۈزىلىدىغان، ئاخىرىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن، ئاۋامغا پەرمان چۈشۈرۈپ، قۇرۇلتايدىكى قارارلارنى خەلققە جاكارلاپ، يېڭى تەرتىپ ئورنىتىش بىلەن تۈگىتىش ئىدى.

مۇھەممەد بۇغراخان رەسمىي قائىدىلەرنى بەجا كەلتۈرۈپ، ئوغلى ھۈسەيىننى قاراخانىلار قاغانى دەپ ئېلان قىلغاندىن كېيىن، ئوردا بايرام تەنتەنىسىگە چۆمگەن. سارايدا چوڭ زىياپەت باشلانغان.

دەل مۇشۇ زىياپەت ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئەڭ پاجىئەلىك ۋەقەنىڭ چۈمپەردىسىنى ئاچقان.
ئەسلىدە مۇھەممەد بۇغراخاننىڭ توقىلى زەينەپ * ئۆز ئوغلى 17 ياشلىق ئىبراھىمنىڭ تەخت ۋارىسى قىلىپ تاللانمىغىنىغا ئىچى قايناپ، ئالدىن سۇيقەست ھازىرلىغان ئىدى.

تائاملار بىر قۇر يېيىلىپ، شەربەتلەر تارتىلغاندا كىشىنى چۆچىتىدىغان مەنزىرە نامايەن بولدى. مۇھەممەد بۇغراخان، يېڭى قاغان ھۈسەيىن بۇغراخان، باشقا شاھزادىلەر، جۈملىدىن زەينەپ خاتۇننىڭ تەرەپدارى بولمىغان بارلىق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار داستىخان ئۈستىدىلا قان قۇسۇپ، ئارقا - ئارقىدىن جان بەرگەن.
ھايات قالغانلىرىنى زەينەپنىڭ ئاللىبۇرۇن ساراي ئىچىگە مۇھاپىزەتچى سۈپىتىدە كىرگۈزگەن ئادەملىرى تەرىپىدىن قىلىچتىن ئۆتكۈزۈلگەن.
زىنداندا ئاخىرقى ئۆمرىنى ئۆتكۈزۈۋاتقان سابىق قاغان سۇلايمان ئارسلان * خانمۇ بۇ قېتىمقى قانلىق ۋەقەنىڭ قۇربانىغا ئايلانغان. جاللاتلار بۇ پېشقەدەم قاغاننى زىنداندىلا قىلىچتىن ئۆتكۈزۈپ، زەينەپكە قارشى بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنى قەستلەپ يوقاتقان.

بۇ قېتىمقى قىرغىندىن شاھزادە مەھمۇد قەشقىرى، مەھمۇد توغرۇلخان بىلەن ئۇنىڭ جىيەنى ( ئالىمنىڭ تاغىسى ، يەنى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئوغلى) ھەسەن بۇغراخانلار خوتەن ۋە يەكەندە بولغاچقا ساقلىنىپ قالغان.

شۇنداق قىلىپ، قۇتلۇق جۈمە كۈنى قەشقەر شەھىرى ماتەمگە چۆمگەن. قاراخانىلار ئوردىسى قان بىلەن بويالغان. زەينەپ خاتۇن ئوغلى ئىبراھىمنى قاراخانىلار قاغانى دەپ جاكارلىغان.

بۇ قورقۇنچلۇق سۇيقەستتىن خەۋەر تاپقان ھەر قايسى ھاكىملار ئىبراھىمغا ئىتائەت قىلمىغان. بولۇپمۇ خوتەندە تۇرۇۋاتقان يۈسۈپ قادىرخاننىڭ كەنجى ئوغلى مەھمۇد توغرۇلخان بىلەن جىيەنى ھەسەن بۇغراخان بىلەن، بارسغان ھاكىمى ئىنال تېكىن ئىبراھىمغا قارشى ئۇرۇشقا تەييارلانغان.

زەينەپ خاتۇن ھۈسەيىن بۇغراخاننىڭ كۈيئوغلى ئىنال تېكىننى ھەممىدىن خەۋپلىك ھېساپلاپ، ئالدى بىلەن بارسغانغا ھۇجۇم قىلغان. ئاقىۋەت ئىبراھىم بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ، 1059  - يىلى ئىنال تېكىن تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.

1059 - يىلدىن تاكى 1064 - يىلغىچە شەرقىي قاراخانىلار ۋەزىيىتى داۋالغۇپ تۇرغان. ئاخىرىدا مەھمۇدخان بىلەن جىيەنى ھەسەن بۇغراخان قايتىدىن ۋەزىيەتنى تىزگىنلەپ، قايتا قۇدرەت تېپىش ئۈچۈن بارلىقىنى سەرپ قىلغان.

بۇ پاجىئە يىراق باغداتتا بېكىنىپ ياتقان سالجۇق ئوغۇللىرىغا نوپۇزىنى كۈچەيتىپ، قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىش پۇرسىتى ئاتا قىلغان. توغرۇل بەگ 1059 - يىلدىن 1063 - يىلغىچە، جىيەنى ئالپ ئارسلان 1063 - يىلدىن 1066 - يىلغىچە ئۈزلۈكسىز خۇراسان، كاۋكاز ، ئەرەب يېرىم ئارىلى ۋە ئاناتولىيەگە كېڭىيىپ، 1067 - يىلى غەربىي قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلغان. قاغان ئىبراھىم بۆرە تېكىن قازا قىلغان.

1071 - يىلى ئاۋغۇستتىكى مالازگىرت ئۇرۇشى زەپىرى نەتىجىسىدە ئىشەنچىسى ئاشقان ئالپ ئارسلانخان  1072 - يىلى يەنە بىر  قېتىم غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىغا ھۇجۇم قىلغان. بىراق ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپلا، خارەزم چېگرا ئەمەلدارى يۈسۈپبەگ تەرىپىدىن 24 -نويابىر پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1089 - يىلى ئالپ ئارسلانخاننىڭ ئوغلى مەلىكشاھ تېخىمۇ زور قوشۇن بىلەن غەربىي قاراخانىيلار خانلىقىنى بۇخارا ئۆلىمالىرىنىڭ خائىنلىقى بىلەن بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، غەلىبەسىرى ئىلگىرىلەپ، شەرقىي قاراخانىيلار قاغانلىقىغا تاجاۋۇز قىلغان.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ تەۋسىيەسى بويىچە باش ۋەزىر نىزامۇلمۇلك * مەلىكشاھ بىلەن سۇلتان ھەسەن بۇغراخاننى « ئۆزكەنت شەھىرى » دە ئۇچراشتۇرۇپ، ئۇرۇشمايلا تېنچلىق كېلىشىمى تۈزۈشكە قايىل قىلغان. نەتىجىدە قاراخانىلار
« سالجۇقىيلارنىڭ ئىسلام دۇنياسىدىكى مۇتلەق نوپۇزى ۋە يېتەكچىلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغان». مەلىكشاھ قايتىپ كەتكەن.

1092 - يىلى ئۆكتەبىردە نىزامۇلمۇلك ئالامۇت قەلئەسىدىن ئەۋەتىلگەن نەشىكەش ئىسمائىلىيە قاتىللىرىنىڭ قولىدا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلدى. بىر ئايدىن كېيىن مەلىكشاھ ئۆلۈپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك سالجۇقىيلار پارچىلىنىپ كەتتى.

1093 - يىلى تۇققىنى، مەلىكشاھنىڭ خانىشى تۈركان خاتۇننىڭ سالجۇقىيلارنىڭ سەلتەنەت تىرگىنىنى ئۆز ئوغلى گۆدەك مەھمۇدقا تۇتقۇزۇپ، نائىپلىق قىلىشىغا ھەمدەمدە بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەتنى ھەل قىلغان قاراخانىيلار شاھزادىسى مەھمۇد قەشقەرى 1094 - يىلى ئانا يۇرتى قەشقەرگە قايتىپ كەتكەن.

شۇنداق قىلىپ، مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى زەينەپنىڭ پىلانلىغان سۇيقەستى قاراخانىلارنى تەدبىرلىك ۋە قابىلىيەتلىك خاقانلىرىدىن، دانا ۋە تەجرىبىلىك دۆلەت ئەركانلىرى، باتۇر ۋە جاسارەتلىك ھەربىي قوماندانلىرىدىن ئايرىپ تاشلاپ، سالجۇقىيلارنىڭ قاراخانىلارنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى مۇھىم ئاساس بىلەن تەمىنلىدى.

( داۋامى بار ) .
78
ئاتاقلىق ئالىم، بۈيۈك تىلشۇناس ، سىياسىيون ۋە ھەربىي ئالىم ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى:

ئۇلۇغ ئالىم، قاراخانىيلار شاھزادىسى مەھمۇد قەشقىرى مىلادى 1029 - يىلى قاراخانىيلار خان جەمەتىگە تەئەللۇق ئوپالدىكى ئازىغ كەنتىدە دۇنياغا كەلگەن. ( مەھمۇد قەشقەرى تۇغۇلۇش ھارپىسىدا يۈسۈپ قادىرخانغا غەزنەۋىلەر تەرەپدىن مۇھىم ئاخبارات كېلىپ، مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ ، دۆلىتىنى ئۈچ ئوغلىغا بۆلۈپ بېرىپ، ئۆزى سەكراتقا چۈشۈپ قالغانلىقى ئايان بولغان . ئۇنىڭ ھەربىي تالانتىغا قايىل، ئەمما سىياسەتتىكى ھىلە - مىكرىنى يامان كۆرىدىغان يۈسۈپ قادىرخان بۇ ئوغۇل ئەۋرىسى تۇغۇلغان زامان ئىسمىنى « مەھمۇد » دەپ قويۇپ ، ھەم پەيغەمبىرىدەك دانىشمەن يېتەكچى ھەم مەھمۇد غەزنەۋىدەك قابىل قوماندان بولۇشى ئۈچۈن تىلەكلەر تىلىگەن . يۈسۈپ قادىرخان ئەڭ ئىستىداتلىق ئوغلى ياغان تېكىننى « مۇھەممەد »، نەۋرىسى چاغرى تېكىننى « ھۈسەيىن » ، ئەۋرىسى ئالپ تېكىننى « مەھمۇد » دەپ ئاتىغان . دەرۋەقە مەھمۇد غەزنەۋى
ئالتە ئاي بولمايلا 1030 - يىلى 29 - ئاپرىل ۋاپات بولغان . يۈسۈپ قادىرخانمۇ 1032 - يىلى 27 - نويابىر ۋاپات بولغان . قاغانلىق تۆرىسى بويىچە چوڭ ئوغلى سۇلايمان ئارسلانخان قەشقەردە چوڭ قاغان ، ئىنىسى
مۇھەممەد بۇغراخان بالاساغۇندا نائىب قاغان بولۇپ ئون يىل ھۆكۈمدار بولغان . ئارسلانخان 1040 - يىلى ئىنىسى ۋە جىيەنى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننى ئالتايغا جازا يۈرۈشى قىلىشقا ئەۋەتكەن . بۇغراخان ئامراق نەۋرىسىنى بىللە ئېلىپ بارغان . دىۋاندىكى شېئىرلاردىن ئالىم
يەمەكلەر ۋە ياباقۇلار ئاقساقىلى بۇدراچنى قانداق تىز پۈكتۈرگەنلىكىنى ئوچۇق بايان قىلىدۇ.

بۇ ۋاقىتتا قاراخانىيلار گۈللىنىش دەۋرىگە كىرگەن بولۇپ، مەھمۇد قەشقىرىنىڭ ئۇلۇغ بوۋىسى « مەلىكۇلمەشرىق يۈسۈپ قادىرخان / 999 - 1032/» قاراخانىيلارنىڭ قۇدرەتلىك خاقانىغا ئايلانغان. شەرقتىكى رەقىبى قىتانلار / 907 - 1125/ ئۇنىڭغا ئولپان تۆلەپ تۇراتتى. غەرپتىكى رەقىبى « قاراخانىيلارنىڭ ئۆگەي ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى / 998 - 1030/» 1026 - يىلى قادىرخان بىلەن مەڭگۈ ئىناق  ئۆتۈش كېلىشىمى ئىمزالىغانىدى.

مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلۇش ھارپىسىدا يۈسۈپ قادىرخان ئۆزىگە نەۋكەرلىك قىلىۋاتقان سالجۇق ئوغۇللىرىدىن « چاغرىبەگ / مەشھۇر ئالپ ئارسلاننىڭ ئاتىسى / 1037 - 1058/» بىلەن ئىنىسى « توغرۇلبەگ / 1040- 1063/» نى قاماققا ئالماقچى بولىدۇ. بىراق چاغرىبەگ تەدبىر قوللىنىپ، ئىنىسى توغرۇلبەگنى قويۇپ بېرىشنى، سالجۇقىيلارنىڭ مەڭگۈ قاراخانىيلارنى پاراكەندە قىلمايدىغانلىقى توغرىلىق ۋەدە بېرىدۇ. يۈسۈپ قادىرخان كەڭ قورساقلىق بىلەن ئاكا - ئۇكا سالجۇقلارنى يولغا سېلىپ قويىدۇ.
كېيىنچە بۇ ئاكا - ئۇكىلار 110 يىلدىن بېرى قورچاققا ئايلىنىپ قالغان باغدات خەلىپىسىنى ئازات قىلىپ، ئوغلى ئالپ ئارسلان 1071 - يىلى مالازگرت ئۇرۇشىدا شەرقىي رىمنى مەغلۇپ قىلىپ، ھازىرقى تۈركىيەنى تۈرك يۇرتى قىلىدۇ.
« تارىخ ئىسپاتلىدىكى، يۈسۈپ قادىرخاننىڭ مەھمۇد غەزنەۋىدەك سالجۇق ئوغۇللىرىنى ئۆلتۈرمەي يولغا سېلىپ قويۇشى نەتىجىسىدە
ئۇزاق ئۆتمەي 1029 - يىلى ئۇلۇغ نامى ئالپ ئارسلان ۋە توغرۇلبەگلەردىن ئېشىپ كەتكەن ئالىم ئەۋرىسى مەھمۇد قەشقىرى تۇغۇلىدۇ.

مەھمۇد قەشقىرىنىڭ دادىسى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن/ 1048 - 1058/» ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد بۇغراخان/ 1032 - 1058/» دەل يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 2 - ئوغلى ئىدى. مەھمۇد ساق تۆت يىل ئۇلۇغ بوۋىسىنىڭ ئەركىلىتىشى، ئانىسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ تەربىيلىشى بىلەن چوڭ بولدى. مىلادى
1032 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان ۋاپات بولۇپ،
چوڭ ئوغلى « سۇلايمان ئارسلانخان / 1032 - 1056/» قاغان بولىدۇ. ئىنىسى مۇھەممەد بۇغراخان ئوغلى ۋە نەۋرىسى مەھمۇدنى ئېلىپ، بالاسۇندا تۇرۇپ، ھازىرقى قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ۋە تاجىكىستانلارنى ئىدارە قىلىدۇ. ئوغلى ھۈسەيىن چاغرى تېكىن 1048 - يىلدىن 1058 - يىلغىچە بارسخان ھاكىمى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتەيدۇ. بوۋىسى مەھمۇدنى قەشقەردىكى خانلىق مەدرىسىلەر ۋە مەشھۇر ئالىم ھۈسەيىن ئىبنى خەلەف قولىدا ئوبدان ئوقۇتۇپ، تەتىل كۈنلىرى ئۇنىڭغا ھەر تۈرلۈك ھەربىي بىلىملەرنى ئۆگىتىدۇ.

مەھمۇد قەشقىرى ئۆزىدىكى ئەۋزەللىكلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، خانلىقنىڭ بېقىندى دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان قۇچۇ ئىدىقۇتلۇقى ۋە خوتەن ئۆلكىسىدە ئىلمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

1058 - يىلى قاراخانىيلار خانلىقىدا ئېغىر پاجىئە يۈز بېرىدۇ. مەھمۇدنىڭ ئاتىسى ھۈسەيىن چاغرى تېكىننى قاغانلىق تەختىگە چىقىرىشىغا نارازى بولغان توقال زەينەپ ئېرى مۇھەممەد بۇغراخان، ھۈسەيىن چاغرى تېكىن، ھەتتا سۇلايمان ئارسلانخاندىن باشلاپ بارلىق ئوردا ئەركانلىرىنى زىياپەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرىدۇ. بۇ ۋەقە قاراخانىيلارنىڭ بىراقلا ئاجىزلىشىپ، سالجۇقىيلارنىڭ ئىسلام ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ سەركىسى بولۇشىغا ئالتۇن پۇرسەت يارىتىپ بېرىدۇ.

بۇ پاجىئەدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قالغان، ئەلەم ۋە قەلەمدە ئاتىلىرىدىن قېلىشمايدىغان ئالىم، قىساسى ۋە ھەققى ئۈچۈن قوشۇن توپلاپ قان تۆكمەستىن، ھەققىدىن ۋاز كېچىپ، يۇرتنى تاشلاپ چىقىپ كېتىدۇ. 14 يىللىق سەرگەردانلىق ھاياتىدىن كېيىن، 1072 - يىلى يانۋاردا سالجۇقىيلار ھامىيلىقىدىكى باغداتقا يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتىنى ئالىمنىڭ بىر جەمەت تۇغقىنى، ئالپ ئارسلاننىڭ كېلىنى، مەلىكشاھنىڭ خاتۇنى تۈركان خاتۇن ئاشكارىلىغان بولسا كېرەك!

دادىلىرىدىن يۈسۈپ قادىرخاننىڭ 1028 - يىلىدىكى ياخشىلىقىنى تولا ئاڭلاپ چوڭ بولغان سۇلتان ئالپ ئارسلان / 1029 - 1072/» تەڭ دېمەتلىك ئالىمغا، توغرىسى، 1058 - يىلدىكى پاجىئەدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ قېلىپ، 14 يىل ئۈن - تىنىسز جاھان كېزىپ پىشقان ئالىمغا ھۆرمەت بىلدۈرىدۇ. ئالىمنىڭ تەتقىقاتلىرى يالغۇز سالجۇق،سۇلتانلىرىنىلا ئەمەس بەلكى،  26 - باغدات خەلىپىسى « ئەبۇ جەئپەر قائىم بىئەمرىللاھ / 1031 - 1075/»نىڭ ئالاھىدە قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. خەلىپە يۈسۈپ قادىرخاننىڭ داڭقىنى كۆپ ئاڭلىغانىدى. قاراخانىيلارمۇ يۈز يىللاردىن بېرى باغداتنى ئاشلىق بىلەن تەمىنلەپ تۇرغانىدى.

ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ قىزغىن قوللىشى بىلەن ئالىم 1072 - يىلى 25 - يانۋار دىۋاننى يېزىشقا باشلاپ، 1074 - يىلى 10 - فېۋرال تاماملايدۇ.
بۇ ئارىدا سۇلتان ئالپ ئارسلان نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي، غەربىي قاراخانىيلارغا ھۇجۇم قىلىپ، 1072 -يىلى 24 - نويابىر ئامۇ بويىدا قاراخانىيلارنىڭ چېگرا مۇداپىئە سانغۇنى خارەزملىك يۈسۈپبەگە تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ.
« 1071 - يىلى شەرقىي رىمنى تارمار قىلغان سەلتەنەتلىك سۇلتان، ئۆز قېرىنداشلىرىغا تىغ كۆتۈرۈپ سەلتەنەتلىك ھاياتى تولىمۇ پاجىئەلىك بىر شەكىلدە ئاخىرلىشىدۇ».

يېڭى سۇلتان بولغان مەلىكشاھ، باغدات خەلىپىسى،ۋەزىرى نىزامۇلمۇلك، تۇركان خاتۇن ۋە ئىمام غەززالىلار ئالىمغا تېخىمۇ مەدەت بېرىدۇ. ئالىم دىۋاننى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇنى يەنە ئىككى يىلغا يېقىن، تەھرىرلەپ، بېيىتىپ، تۈزىتىپ ۋە پىششىقلاپ، 27 - باغدات ئەرەب ئابباسىلار / 750- 1258/ خەلىپىسى بولغان
« ئەبۇلقاسىم مۇقتەدى بىئەمرىللا / 1075 - 1094/» غا تەقدىم قىلغان.

يەنە بىر كۈچلۈك قاراشتا، ئالىم 1074 - يىلى دىۋاننى ئەمدى پۈتتۈرگەندە خەۋەرچىلەر ئارقىلىق، نەۋرە ئاكىسى، يەنى سۇلايمان ئارسلانخاننىڭ ئىلىم سۆيەر ئوغلى 2 - ھارۇن
« ھەسەن بۇغراخان  / 1074 - 1102/» نىڭ قاراخانىيلار ھاكىمىيىتىنى قولىغا ئېلىپ، خانلىقنى يېڭىدىن قۇدرەت تاپقۇزۇشقا باشلىغانلىقىنى، بۇغراخاننىڭ تېزرەك ۋەتىنىگە قاراپ يولغا چىقىشىنى تەلەپ قىلغان مەكتۇپنى تاپشۇرۋالىدۇ. لېكىن تۇركان خاتۇن ئالىمنى زادىلا كەتكۈزمەيدۇ. 1075 - يىلى قاراخانىيلار ئەۋەتكەن ئالاھىدە ئۆمەك باغداتقا يېتىپ كېلىپ، دادىسىنىڭ ئورنىغا تەختكە چىققان باغدات خەلىپىسىنى قۇتلۇقلاش ۋە ھەسەن بۇغراخاننىڭ قاراخانىيلارنىڭ يېگانە ھۆكۈمرانى بولغانلىقىنى جاكارلاش ئۈچۈن يېتىپ كەلگەن.
ئالىم ئۆمەك بېزى بولۇپ كەلگەن مەلۇم تاغىسى « توغرۇلخان مەھمۇد بولسا كېرەك» بىلەن بىللە ئوردىغا سالامغا كىرىپ، دىۋاننى مۇشۇ خۇشاللىقلار مۇناسىۋىتى بىلەن قاراخانىيلار ئۆمىكىگە ۋاكالىتەن خەلىپىگە ھەدىيە قىلغان.

ئالىمنىڭ يۇرتىغا قايتىش پىكرى سۇلتاندىن خەلىپىگىچە، تۈركان خاتۇندىن ئالىملارغىچە ھەممە ساھەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سالجۇقىيلار قاتمۇ - قات قىيىنچىلىقلار ئىچىدە بولغاچقا، بۇنداق بۈيۈك ئالىمنى قولدىن چىقىرىپ قويۇش، يەنە كېلىپ قاراخانىيلار دۆلىتىگە قايتقىلى رۇخسەت قىلىش سالجۇقىيلارنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن پايدىسىز ئىدى.شۇنداق قىلىپ ئالىم ساق 22 يىل باغداتتا قالىدۇ. ئاخىرقى ئىككى يىلدا سالجۇقىيلار چاك - چېكىدىن يىمىرىلىپ كېتىدۇ.
1092 - يىلى ئۆكتەبىردە نىزامۇلمۇلكنىڭ قەستكە ئۇچرىشى، 35 كۈندىن كېيىن مەلىكشاھنىڭ ۋاقىتسىز ۋاپاتى سالجۇق ئوغۇللىرىنى ھاكىمىيەت كۈرىشىگە باشلايدۇ.
ئاخىرى تۈركان خاتۇن ئەمدىلا 4 ياشقا كىرگەن ئوغلى مەھمۇدنى سالجۇقىيلار سۇلتانى دەپ جاكارلاپ، مەلىكشاھنىڭ چوڭ ئوغلى بەركيارۇق بىلەن كېلىشىم تۈزىدۇ. ئىران تەۋەسى بەركيارۇققا، ئىراق ۋە باغدات تۈركان خاتۇنغا تەۋە بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ سالجۇقىيلار ھاكىمىيىتى قىسقا مەزگىل قاراخانىيلار جەمەتى قولىغا ئۆتۈپ كېتىدۇ.

ئالىم 1094 - يىلى ئاخىرى ئانا يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ ھەسەن بۇغراخان باشلىق قاراخانىيلار ئەركانلىرى تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىدۇ.
بۇغراخان دۆلەتنى قايتا قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالىملارنى سەپەرۋەر قىلغانىدى.
يۈسۈپ خاس ھاجىپمۇ ئۆلمەس شاھانە ئەسىرى « قۇتادغۇ بىلىگ» نى دەل مۇشۇ سۇلتانغا تەقدىم قىلغانىدى. ئاغا - ئىنى ئىككەيلەن ساق 8 يىل دۆلىتى ئۈچۈن تىرىشىپ،
1102 - يىلى سۇلتان ھەسەن بۇغراخان ۋاپات بولدى. ئالىم تاغىسىنىڭ ئارزۇسىغا ئاساسەن ياش سۇلتان ئەھمەدكە ئاتا بولۇپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىدا چېنىقتۇرىدۇ. ياش سۇلتان « ئەھمەد بۇغراخان / 1102 - 1128/» مۇ دادىسىنىڭ ۋەسىيىتى بويىچە ئالىمنى ئاتا تۇتۇپ، پېشىگە چىڭ ئېسىلىدۇ.

بىراق بۇ ۋاقىتلاردا يىراق شەرقىي شىمالدا توڭگۇس خەلقلىرىدىن كېلىپ چىققان، جۇرجانلاردىن راۋاجلانغان جۇرجىت ناملىق بىر مىللەت باش كۆتۈرۈپ، ئەسلىدە قاراخانىيلارغا دوستلۇق ئىزھار قىلىۋاتقان قىتان خانلىقىغا پاراكەندە سېلىشقا باشلايدۇ. نەتىجىدە ئالىم يەنە بىر مەزگىل شەرقتىن قېچىپ كەلگەن قەۋملەرنى ئورۇنلاشتۇرۇش، قوشۇننى كۆپەيتىش  ۋە چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئىشلاردا پىلان تۈزۈپ، دۆلەتنىڭ نىسپىي مۇقۇملۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

ئاخىرىدا ئالىم تۇغۇلغان يۇرتى ئوپالغا چىقىپ كېتىپ، شۇ جايدا « مەھمۇدىيە مەدرىسىسى» دەپ ئاتالغان مەكتىپىنى قۇرۇپ، ئۆزى ساق سەككىز يىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلىپ، خانلىقنىڭ كېلەچەك ئىز باسارلىرىنى تەربىيلەپ چىقىدۇ.

مىلادى 1124 - يىلى جۇرجىتلار قىتان(خىتاي) خانلىقىنى يوقىتىپ، يىراق شەرقنىڭ خوجىسىغا ئايلىنىدۇ. قىتان قەبىلىرى تارقىلىپ كېتىدۇ.
1125 - يىلى قىتانلارنىڭ شاھزادىسى يوللۇغ تاشىن ئورخۇن دەرياسى بويىدىكى خاتۇنبالىق شەھىرىگە قېچىپ كەلدى. كېيىن ئۇ يەردىمۇ تۇرالماي، ئەسلىدە ئۇيغۇرلارغا قاراشلىق بەشبالىق چېگرىسى ئىچىدە پاناھلاندى. ئۇ شۇ جايدا 18 قەبىلە قۇرۇلتىيى چاقىرىپ، ئىلگىرى قىتانلار بىلەن ياخشى ئۆتكەن ئايماقلاردىن قىتان خانلىقىنى قايتۇرۋېلىپ، جۇرجىتلارنى قوغلىۋېتىش ئۈچۈن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى. نەتىجىدە ھەر قايسى قەبىلىلەر ئىچ ئاغرىتىپ، ھەر بىرى ئون مىڭدىن ئەسكەر چىقىرىپ بەردى. ئەپسۇس ئۇ شەرققە يۈرۈش قىلىپ بولغىچە، جۇرجىتلارنىڭ كېلىۋاتقان خەۋىرى كېلىپ، تېزدىن بەشبالىقنى تاشلاپ، ئالتايدىكى ئېمىلغا كەتمەكچى بولدى. ئۇ بىخەتەر چېكىنىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بىلگە خانغا :« ئەرەبلەر تەرەپكە ئۆتۈپ كېتىشكە يول بەرسىڭىز. كەمىنە بىر قاچقۇن شاھزادە. ھېچقانداق يامان نىيىتىم يوق!» دەپ خەت يازىدۇ. بىلگە خان ئۇنى مېھمان قىلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن تاكى چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكىچە « ئۆزى بىۋاستە ئۇزىتىپ قويدى».

بۇ ئارىدا ھەزرىتى مەھمۇد قەشقەرى 1126 - يىلنىڭ ئاخىرى ۋاپات بولۇپ كەتكەن. جىيەنى سۇلتان ئەھمەدخانمۇ 1128 - يىلى ۋاپات بولغان. شۇ يىلى قارلۇقلار كەڭ كۆلەمدە ئىسيان كۆتۈرگەن . ئۇلارنى تىنجىتالمىغان شىمالىي ئىلىكخان ئاخىرى قاراخىتيلارنىڭ دامىغا چۈشكەن.

ئۇ شۇجايدا قاراخانىيلارغا ئەل بولغان 50 مىڭدىن ئارتۇق قىتانلار بىلەن كۈچىيىپ كەتتى. نەتىجىدە 1133 - يىلى شەرققە يۈرۈش قىلىپ، جۇرجىتلارنى يوقاتماقچى بولدى. بىراق يېرىم يولدا ئات - ئۇلاغلىرى كۆپلەپ قىرىلىپ كېتىپ، ئۈمۈدى پۈتۈنلەي ئۈزۈلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئەل بولغان سىياقتا 1134 - يىلى قوشۇنىنى ئىككىگە بۆلۈپ، رۇخسەتسىزلا قاراخانىيلار تەۋەسىگە بۆسۈپ كىردى. قەشقەرگە قاراپ ماڭغان قوشۇنىنى قاراخانىيلار چېگرا مۇداپىئە قوشۇنلىرى بىتچىت قىلىۋەتتى. بىراق بالاساغۇن تەرەپكە كىرگەن قوشۇنى شىمالىي ئىلىكخان تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىپ، قارلۇقلارنىڭ ئىسيانىنى تىنجىتىشقا ئەۋەتىلدى. مانا مۇشۇ خاتا قارار قاراخانىيلارنىڭ بېشىغا چىقتى. يوللۇغ تاشىن ھەر قايسى قەبىلىلەرنى ئىسيانغا كۈشكۈرتۈپ، ئىلىكخاننى قېچىشقا مەجبۇر قىلدى. نەتىجىدە تەڭرىتاغنىڭ شىمالى قىسمى قاراخىتايلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى.

1141 - يىلدىكى قەتۋان چۆلى ئۇرۇشىدا سالجۇقىيلار ۋە قاراخانىيلارنىڭ بىرلەشمە قوشۇنى قاراخىتايلارغا يېڭىلىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار قاراخىتايلارنىڭ بېقىندىسىغا ئايلىنىپ قالدى. قوچۇ ئىدىقۇتلۇقىمۇ ئۇنىڭ بېقىندىسى بولۇپ قالدى.

1146 - يىلى جۇرجىتلار موڭغۇللارنىڭ تۇنجى قاغانى ئامباغاينى ئالداپ ئۆلتۈرۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن « جۇرجىت - موڭغۇل زىددىيىتى» باشلاندى. 1206 - يىلى تۆمۈرچىن بارلىق موڭغۇللارنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ « چىڭگىزخان » دەپ ئاتالدى. قۇچۇ ئۇيغۇر خانلىقى 1209 - يىلى قاراخىتايلاردىن ئادا - جۇدا بولۇپ، چىڭگىزخان بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ يەنە بىر پارلاق دەۋرى باشلاندى.

بۈيۈك ئالىم مەھمۇد قەشقىرى 1126 - يىلى كۈزدە 97 يىللىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ. قاراخانىيلار خەلقى بۇ زاتنى ھۆرمەتلەپ « ھەزرىتى موللام» ،« ئىلىمگە ھۆددىگەر پىرىم » دېگەندەك سۈپەتلەر بىلەن ھۆرمەتلەيدۇ. ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەر ھازىرمۇ ئالىمنى شۇنداق ياد ئېتىپ ئۇلۇغلاپ كەلمەكتە. ھەتتا ئالىمنىڭ مىللىي كىملىكىنى تالىشىپ، ئاز بولمىغان سەلبىي تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

مەنبەلەر :
1 . بۇغراخانلار تەزكىرىسى .

2 . سالجۇقىيلار ۋە غەزنەۋىلەرنىڭ قاراخانىيلار بىلەن بولغان تۇققانچىلىق ۋە قۇدىلىق مۇناسىۋەتلىرى.

3 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .

4 . ئۇيغۇر يىلنامىسى .

5 . قەدىمقى ئۇيغۇرلار ۋە قاراخانىلار

6 . ئىسلام ئىنىسكلوپىدىيىسى .

7 . ئەلبىدايە ۋەننىھايە .

8 . ئەلكامىل فىي تارىخ .

9 . تارىخىمىزدىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز .

10 . قۇتلۇق ھاجى شەۋقىنىڭ نەسەپنامىسى .

سايرام ئوغلانى

2020- يىلى 25 - يانۋار   شەنبە.
79

يېقىندا ئاشكارىلانغان قاراقاش ھۆججەتلىرىدىن ،لاگېرغا ئەۋەتىلىشى سەۋەپلىرىنى رەتلەپ چىقتىم.667كىشىنىڭ لاگېرغا ئەۋەتىلىشىگە تۆۋەندىكى 74 ئىش سەۋەپ بولۇپتۇ.

ئەمەلىيەتتە بىزنىڭ ئۇيغۇر بولغانلىقىمىزنىڭ ئۆزىلا خىتاينىڭ نەزەرىدە بىر جىنايەت.تۆۋەندىكىلەر بولسا پەقەتلا باھانە.
ئەمدى شۇنى سوراپ باقسام،چەتئەلدىكى قايسىبىر ئۇيغۇرنىڭ ۋەتەندىكى ئۇرۇق تۇققانلىرى تۆۋەندىكى شەرتلەرنىڭ بىر-ئىككىسىگە چۈشمەيدۇ ؟!ھەتتا ئون شەرتكە چۈشىدىغانلارمۇ بار دەپ كېسىپ‌ ئېيتالايمەن.
يەنە كېلىپ ئۆزىنىڭ چەتئەلدە بولغانلىقىلا ئائىلىسىدىن بىرقانچە كىشىنىڭ لاگېرغا كىرىشىگە يېتىپ ئاشىدۇ .شۇنداق بولىشىغا قارىماي ،ئۆز ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بېرىپ ،خىتايغا قارشى جىنايەت ئارخىبى تۇرغۇزۇشقا ئاۋاز قوشقانلارنىڭ سانى يوقنىڭ ئورنىدا . توپلانغان ۋىدىئولار ئاران 500گە يېتىدىكەن.

1_چەتئەلدە ئۇرۇق-تۇققىنى بار.
2_1980،1990-يىللىرى تۇغۇلغان خەتەرلىك شەخىس.
3_26نۇقتىلىق دۆلەتكە ۋەياكى باشقا دۆلەتلەرگە ساياھەتكە بارغان.
4_پاسپورت بىجىرگەن،ئەمما چەتئەلگە چىقمىغان.
5_پىلاندىن ئارتۇق پەرزەنت كۆرگەن.
6_بۇرۇن جازا مۇددىتى توشۇپ قويۇپ بېرىلگەنلەر.
7_قاتتىق زەربە بېرىلگەن كىشىنىڭ تۇققىنى.

بۇ يەتتە تۈرلۈك سەۋەپ بىلەن لاگېرغا ئەۋەتىلگەنلەر ئەڭ كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن.

8_تارقاق ھەجگە بارغان.
9_تەبلىغ سورۇنىغا قاتناشقان.
10_ئوغلىنى قۇرئان ئۆگۈنۈشكە بەرگەن.
11_دىنى پائالىيەت ئۈچۈن سورۇن تەمىنلىگەن.
12_ئىككى يۈزلىمىچى كادىر .
13_قاتتىق زەربە بېرىشتىن بۇرۇن ساقال قويغان.
14_قاتتىق زەربە بېرىشتىن بۇرۇن ئابايى كىيىپ ،روپاش بولغان‌.
15_باشقىلارغا قۇرئان ئۆگەتكەن.
16_لاگېردىكى جىنايەتچىنىڭ تۇققىنى.
17_ئائىلىسىدە دىنى مۇھىت قۇيۇق.
18_تېلېپۇنىدا ئېھتىياتسىزلىقتىن چەتئەل تور بېتىگە كىرىپ قالغان.
19_تۇنجى بالىسى ئۈچ ياشقا كىرمەي تۇرۇپ ئىككىنچى بالىسى تۇغۇلغان.
20_ئاتالمىش ئاشقۇن ئىدىيەنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
21_سىياسى ئىدىيەسى تۇراقسىز.
22_چەتئەل بىلەن ئالاقە قىلغان.
23_سەۋەپسىز بايراق چىقىرىشقا قاتناشمىغان.
24_چارلاش خىزمىتىدە ئاكتىپ بولمىغان.
25_قوش نۇپۇسلۇق.
26_ئاتالمىش ۋاھابى ئىدىيىسىدە بولغان.
27_دۇكاندا شاگىرتىغا ناماز ئوقۇغىلى قويغان.
28_توردىن دىنى مەزمۇنلارنى كۆرگەن ۋە ساقلىغان.
29_ساختا توي خېتى بىلەن نىكاھلانغان.
30_دۆلەت كادىرى تۇرۇپ ئۆيىدە ناماز ئوقىغان.
31_بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسى گۇماندارى.
32_ئۆز بالىسىغا قۇرئان ئۆگەتكەن.
33_ئىش ھەرىكىتى بىنورمال،ئىدىيەسىنى بىلمەك تەس.
34_مەسچىت قۇرۇلۇشىغا پۇل بەرگەن.
35_مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا كىنىشكە ئالمىغان.
36_تىجارەت كېنىشكىسى بىجىرمىگەن.
37_تەشكىلنىڭ پائالىيىتىگە سەۋەپسىز قاتناشمىغان.
38_باردى كەلدى قىلغان كىشىلىرى مۇرەككەپ.
39_تاماقتىن كېيىن دۇئا قىلغان.
40_ياۋا ئاخۇنلۇق قىلغان.
41_تۆت خىل دىنى پائالىيەتكە قاتناشقان(ئىسىم قويۇش،سۈننەت قىلىش،توي ،مىيت نامىزى)
42_نوپۇسىنى ئۈرۈمچىگە ياكى ئىچكىرىگە يۆتكىگەن.
43_2000_يىلىدىن كېيىن تۇغۇلغان گۇمانلىق كىشى.
44_18ياشقا توشماستا توي قىلىۋالغان.
45_ئىشتاننىڭ پۇچقىقىنى ئوشۇقنىڭ ئۈستىدە قىلىپ كىيگەن.
46_ئاشخانىسىنى رامىزاندا ئاچمىغان.
47_تۇرۇشلۇق ئورنىدىن سورىماي ئۈرۈمچىگە بارغان.
48_دىنى ئاشقۇنلۇق ئىدىيەسى بىلەن يۇقۇملانغان.
49_بەشىنچى ئىيۇل ۋەقەسىدىكى بۆلگۈنچى ئۇنسۇر.
50_مەھەللە باشقۇرۇش كومىتىتىغا بويسۇنمىغان.
51_زەھەرلىك بۇيۇم ساتقان.
52_ئادەم تۇتقىلى كەلگەن كادىرنى ئۇرغان.
53_ئادەم تۇتۇشقا مەسئۇل كادىرنىڭ تۇققىنى بىلەن ئۇرۇشقان.
54_كۆپ قېتىم چەتئەلگە چىققان.
55_قانۇنسىز نىكاھ ئوقىغان.
56_ئۈرۈمچىدە ئۇزۇن تۇتىۋېلىپ يۇرتىغا ئاز قايتقان.
57_ھىزبۇتتەھرىر ئەزاسى.
58_خوتۇنىنى ئۇرغان
59_قانۇنسىز چېگرادىن چىقىشقا ئۇرۇنغان.
60_قانۇنسىز كىتاپلارنى ساقلىغان.
61_دىنى ئاشقۇن
62_باج تاپشۇرمىغان.
63_قانۇنسىز تىجارەت قىلغان.
64_قۇرئان ئۆگەتكەن.
65_ئائىلىدە زوراۋانلىق قىلغان.
66_يالغان ھامىلە چۈشۈپ كېتىش ھۆججىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
67_جىنايەت گۇماندارى بىلەن مۇناسىۋىتى بار.
68_دۇبەيگە ساياھەتكە بارغان.
69_سەۋەپسىز مەسىلە پەيدا قىلغۇچى
70_قايتۇرۇپ‌ كېلىنگەن خەتەرلىك كىشى.
71_رادىكال ئىدىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز كىشى.
72_16ياشتىن كىچىك ۋاقتىدا قۇرئان ئۆگۈنۈپ جىلباب كىيگەن .
73_ئالدامچىلىق دىلوسىدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ گۇۋاھچىسى.
74_جەمىئەتتە قاتىراپ يۈرۈيدىغان خەتەرلىك كىشى ،تۇنۇشلىرى كۆپ،مۇرەككەپ.

ئابدۇۋەلى قاراقاش. 

2020 - يىلى 24 - يانۋار جۈمە.
80
ئاللاھنىڭ غەزىپىمۇ ياكى شەيتاننىڭ سۇيقەستىمۇ !؟

كۆك ئەرۋاھ

2019 - يىلى 30 - دېكابىر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆزگە چېلىقىشقا باشلىغان « خىتاي ۋىرۇسى » خۇددى باغلاقتىن ئەمدىلا قويۇپ بېرىلگەن غالجىر ئىتتەك 2020 - يىلى 15 - يانۋار ئامېرىكا - خىتاي سودا سۆھبىتى ئىمزالىنىشى بىلەنلا ۋۇخەن شەھىرىدىن تېز سۈرئەتتە خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تارقىلىشقا باشلىدى . 22 - يانۋارغا كەلگەندە بۇ ۋىرۇسنىڭ قاپلىنىش دائىرىسى كورىيە - ياپونىيە،
ۋېيتنام - تايلاند ، بېرما - ھىندىستان ، تىبەت - ئۇيغۇرىستان ، ئىراق - سەئۇدى ، سۈرىيە - تۈركىيە ، ئاۋسترالىيە - يېڭى زېللاندىيە ، ھەتتا بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى بىلەن ئامېرىكىغىچە يەتتى . شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل دۇنياۋى تاراتقۇلار بىردىنلا مۇشۇ خەۋەرنىلا تارقىتىپ ، خەلقئارادا ھەممىنىڭ دىققىتىنى سودا ئۇرۇشى ۋە خىتاي جازا لاگىرلىرى بىلەن ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىدىن بۇرىۋېتىش ئەھۋالىنى پەيدا قىلدى. مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىمۇ بىلىپ - بىلمەي بۇ قىزىق نۇقتا ئىچىگە كىرىپ قېلىپ،
بەزىلىرى ھاياجانلىنىپ بۇنى « ئاللاھنىڭ زالىم باندىتلارغا بەرگەن جازاسى » دەپ جاكارلىسا، بەزىلەرنىڭ« ئۇنداق چاۋاك چالساق بولمايدۇ » دېيىشى بىلەنلا ، ئەسلى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار باشقا بىر يەردە قېلىپ ، ۋىرۇس ھەققىدە ھەر خىل پەرەزلەرنى قىلىپ تور دۇنياسى قىزىپ كەتتى . ئەمما بىز ھېچكىم بۇنىڭ خەلقىمىزگە كۆرسىتىدىغان قورقۇنچلۇق تەسىرى ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ھەققىدە ئاكادېمىك ۋە چاققان بىرەر كۆرسەتمە بېرەلمىدى .

ئۇنداقتا « 16 كۈن ساقلاپ تۇرۇپ، باندىتلار ئامېرىكا بىلەن ياراشقان زامان تۇيۇقسىزلا باغلاقتىن بوشاتقان غالجىر ئىتتەك ھەر تەرەپكە يامرىغان بۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس » زادى راسلا « ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ قەھرى - غەزىپىمۇ ، ياكى پەس شەيتاننىڭ ئەپلىك سۇيقەستىمۇ !؟»

بۇنىڭغا جاۋاپ بېرىشتىن ئاۋۋال ، ئالدى بىلەن دۇنيادا بۇندىن بۇرۇن بولۇۋاتقان ساقلىق ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى ئۇچۇرلارغا قاراپ باقايلى :

1 . ۋابانىڭ ئالدىدىكى دۇنياۋى كەيپىيات :

2019 - يىلى 1 - سېنتەبىر ئەنگلىيەنىڭ داڭلىق Imperial College ئۇنۋېرسىتېتى ( لوندون)
ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى كۈچەيتىدىغان پايدىلىق باكتېرىيەلەرنى يەۋېتىدىغان ( خىتاي ئۇيغۇرنى يەۋەتكىنىگە ئوخشاش ) بىر خىل pneumoniae Klebsiella ناملىق باكتېرىيەنى تەتقىق قىلغان بولۇپ ، بۇ خىل باكتېرىيە ئادەمنىڭ ھەر خىل ئۆپكە ياللۇغى بوپقېلىشىغا سەۋەپ بولىدىغان، بولۇپمۇ كېسەلگە قارشى كۈچى ( ئېمۇنېتىت) ئاجىز كىشىلەردە كۆپ كۆرىلدىغان باكتېرىيە ئىكەن . ( تەپسىلاتىنى Nature Communications ژۇرنىلىدىن ئوقۇۋېلىڭ) .

2019 - يىلى 18 - سېنتەبىر كېچىدە كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر شۇم خەۋەر تارقالغان :
« يۈز يىل بۇرۇنقى ئىنفلونزا ۋىرۇسىغا ئوخشاپ قالىدىغان نامەلۇم بىر ۋىرۇس 36 سائەت ئىچىدە پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ ، 80 مىليون ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولۇشى مۇمكىن ».
مەزكۇر ۋىرۇس 1918 - يىلى ئىسپانىيەدىن تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 50 مىليون ئادەمنىڭ بېشىغا چىققانىدى . GPMB ( خەلقئارا ۋىرۇسقا قارشى ھەربىي ھالەتتە كۆزىتىش كومىتېتى) ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى خۇلاسىدە :« ئەگەر بۇنىڭدەك ۋىرۇس ھازىرقى زامانىۋى دۇنيادا قايتا تارقىلىپ كەتسە، 36 سائەت ئىچىدىلا پۈتۈن دۇنيانى قاپلىيالايدۇ . ئەڭ خەتەرلىك بولغىنى تالاپەت يۈز يىل بۇرۇنقىدىن كۆپ ئېغىر بولىدۇ » دەپ قارىغان . بۇ ئورگان دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سابىق باشلىقىنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى ئالىي دەرىجىلىك مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى بولۇپ ، ھازىرقى يەر شارىنى ئېكۋاتور سىزىقى 40 مىڭ كىلومېتىر كېلىدۇ . ئايروپىلاندا بۇنداق ۋىرۇسنى يەر شارىغا يامرىتىش ئۈچۈن پەقەت 36 سائەت يېتەرلىك.

مەزكۇر كىشىلەرنىڭ دۇنيا ئەللىرى رەھبەرلىرىگە قىلغان مۇراجىئەت مەكتۇپىدا :« يەر شارىنى ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان ۋابانىڭ ھەقىقىي خەتەر ئىكەنلىكى ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشى كېرەك ! » دەپ چاقىرىق قىلغان . ئۇلار يەنە بۇ مەكتۇپتا « ھازىرقى يۇقۇملۇق ۋىرۇسلارنىڭ تېز يۇقۇپ يامراپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا نەچچە مىليون ئادەمنى ئۆلتۈرۈپ ، دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىسادىنى ۋەيران قىلىپ ، مىللىي بىخەتەرلىك ۋە دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىغانلىقى » نى ئالاھىدە تەكىتلىگەن . ( يەنى ھاكىمىيەتنى ساقلاپ قالاي دېسەڭلار ، بۇ ئىشقا سەل قارىماڭلار ! ) .
‏ A World At Risk ( دۇنيا خەتەردە ) دەپ نام قويۇلغان بۇ ئانالىزدا يەنە ، ئىبولا ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىشى ھازىرقى يۇقۇملۇق ۋىرۇسلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنىڭ يوقنىڭ ئورنىدا ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى دېيىلگەن . بۇ ئورگاننىڭ باشلىقى بۇرۇنقى نورۋېگىيە باش ۋەزىرى ۋە كېيىنكى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۇدىرى بولغان خانىم بولۇپ ، ئۇنىڭ مۇئاۋىنى پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق قىزىل كېرست ۋە قىزىل ھىلال ئاي جەمئىيەتلىرىنىڭ دۇنياۋى بىرلەشمىسىگە باش مۇدىر بولۇۋاتقان ھاجى ئەسسى دۇر .
ئۇلار دۇنيانىڭ بۇ خىل ئاگاھلاندۇرۇشلارغا سەل قاراۋاتقانلىقىدىن ، بېشىغا كەلمىگىچە پەقەت كارى بولماي ، بېشىغا كەلگەندە ئاندىن ئازراق جىددىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ ، كېسەل خەۋپى يوقالغان زامان يەنىلا بىپەرۋالىقىنى داۋام قىلىدىغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان . ئۇلار يەنە يۇقىرىقى خەتەرلىك يۇقۇملۇق ۋىرۇس كەڭ كۆلەمدە تارقىلىدىغان ئورۇنلارنىڭ خەرىتىسىنى سىزغاندا ، خىتاينىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىي دېڭىز ساھىللىرى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكىنى ۋە ئامېرىكىنىڭ شەرقىي ۋە جەنۇبىدىكى شىتاتلىرىنى قىزىل چېكىتلەر بىلەن بوياپ كۆرسەتكەن.( 1 - خەرىتىگە قاراڭ ! ).
مەزكۇر دوكلاتتا يەنە ، ھازىرقى زامانىۋى قاتناش قوراللىرىنىڭ يۇقۇملىنىشنى دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارقىتىشتا سەلبىي رولى چوڭلۇقىنى تەكىتلىگەن . ( خىتاي ۋۇخەندىن باشقا جايغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلارنى چەكلەپ، پەقەت ۋەتىنىمىزگە قېچىش يولىنى توسمىغان . بۇ ئېنىقلا يا ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇش، يا شۇ باھانىدە كۆپرەك ئاققۇننى قېچىپ چىقىشقا زورلاپ ، ئىككى يىلدىن بېرى ئازلاپ كەتكەن خىتتاي نوپۇسىنى ئاشۇرۇپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ قولدىن كېتىش ئېھتىماللىقىنى تۈپتىن يوق قىلىش ).
ئۇلار يەنە ، بۇنداق قولايلىق ۋە ئەپلىك ئامىللار ۋىرۇسنىڭ 36 سائەت ئىچىدە ھاۋا ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىلىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 50 مىليوندىن 80 مىليونغىچە ئادەمنىڭ جېنىنى ئالغاندىن باشقا پۈتۈن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 5% نى يوق قىلىدىغانلىقىنى ، ئەگەر راس شۇنداق تارقالسا ، دۇنيادا نە مۇقۇملۇق نە بىخەتەرلىك بولمايدىغانلىقىنى، دۇنيانىڭ بۇنىڭغا قارشى تەييارلىقى يوقلىقىنى ئېيتقان . ( ئەڭ تەييارلىقى يوقلار يەنىلا بىزدەك مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ) . « دېلى مىل » .

2019 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر CEPI ( ۋاباغا قارشى تەدبىر تۈزۈش ئاۋانگارتلار ئىتتىپاقى)مۇ
بايانات ئېلان قىلىپ ، مەزكۇر ۋەيران قىلغۇچ ۋىرۇسقا « ئېكىس ۋىرۇس ( يەنى نامەلۇم ۋىرۇس )» دەپ نام قويۇپ ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ۋە قارشى ئەملەيدىغان ۋاكسىنا ياساپ چىقىش ئۈچۈن تەتقىقاتنى باشلىغان.
« زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش پىرىنسىپى» بويىچە ، ھازىرقى نامەلۇم يۇقۇملۇق كېسەللەر ۋە باكتېرىيە - ۋىرۇسلارغا قارشى تۇرالايدىغان باكتېرىيەلەرنى چاڭلاشتۇرۇپ ۋاكسىنا ئىجات قىلىش ئۈچۈن ئىزدىنىشكە كىرىشىپ كەتكەن.
مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىجرائىيە باشلىقى رېچارد
« بىز تەييالىقنى تەل قىلىپ ھازىر بولۇشىمىز كېرەك ، ۋاباغا قارشى ۋىرۇس تېخنىكىسىغا ۋە رېتسىپ ياساپ چىقىش ئىشلىرىغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۆپلەپ مەبلەغ سېلىشىمىز كېرەك.
شۇندىلا تۇيۇقسىز تارقالغان دۇنياۋى ۋابالارغا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ ، بۆشۈكىدىلا تۈپتىن ئۇجۇقتۇرالايمىز » دېگەن . ئۇ يەنە بۇ خىل ۋىرۇسلارغا قارشى ئەمچىلىك ۋە چاڭلاشتۇرۇش تېخنىكىسىغا كۆپلەپ پۇل ئاجرىتىپ ، ئۇنىڭغا قارشى بارلىق رېتسىپلارنى ئالدىن تەييارلاپ، ئېمۇنېتىت كۈچىنى كۈچەيتىدىغان دورىلارنى نەچچە يىلدا ئەمەس ، بەلكى نەچچە ھەپتە ۋە نەچچە ئاي ئىچىدە كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىش
ئۈچۈن زور خىراجەت ئاجراتقانلىقىنى ئېيتقان.
ئۇلار ھەقىقەتەنمۇ شۇ كۈنگىچە يۇقىرىقى ۋابا ۋىرۇسلىرىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن 54 مىليون دوللار چىقىم قىلىپ بولغان .
1980 - يىلدىن بۇيان يۇقۇملۇق ئەيدىز كېسىلى تارقالغاندىن بۇيان 2010 - يىلغىچە يۇقۇش نىسبىتى 1000 ئادەمدىن 3000 ئادەمگىچە بولغان بولسا ، يېقىنقى ئون يىللىق سانائەت ۋە باشقا تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە ، بولۇپمۇ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان مەخپىي ۋىرۇس يېتىشتۈرۈش ۋە كۆپەيتىش قىلمىشلىرى نەتىجىسىدە ( بۇ قېتىمقى خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ئەسلىدە ۋەتىنىمىزدىكى ئاتوم بومبىسى تەتقىقات ئورنى مالەندىكى ئازاتلىق ئارمىيەنىڭ قارمىقىدىكى بىر تەجرىبىخانىدا
شەپەرەڭنىڭ تېنىدىكى ۋىرۇسنى ئادەمنىڭ تېنىدە ياشايدىغان قىلىپ ئايرىپ چىقىشى نەتىجىسىدە تارقىلىپ كەتكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقتى ) ئۇنداق يۇقۇملۇق ۋىرۇسلار قايتا يامراپ كېتىپ قالسا ، 36 سائەت ئىچىدە پۈتۈن دۇنيانى قاپلاپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا 80 مىليون ئادەمنىڭ بېشىغا چىقىدىغانلىقى پەرەز قىلىنماقتا .
ئەسلىدە 12 ئايلىق مۆھلەت ئىچىدە ئالدىن تەدبىر تۈزۈپ بولۇشنى تەشەببۇس قىلغان بۇ ئورگان چاقىرىقىنىڭ ئاخىرىنى:« ئەگەر بىز بۇ قېتىم ئۇتۇقلۇق ھالدا بۇنداق ۋىرۇسلار كەڭ كۆلەمدە تارقىلىپ كەتمەستە ئالدىن تەدبىر تۈزۈپ چىقىشتا غەلىبە قىلالىساق ، ئۇ ھالدا بىز ئىنسانلارنى كېرەكلىك دورىلار بىلەن تەمىنلەپ، ئىنسانىيەتنى قايتا ۋابا خەۋپىدىن ساقلاپ قالالايمىز » دەپ تۈگەتكەن . ( تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ چاقىرىق ئېلان قىلىنىپ تېخى 77 كۈن ئۆتمەيلا ئۇلار ئەڭ قورققان ئېھتىماللىق خىتايدا ئوتتۇرىغا چىقتى .

2019 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر ، يەنى يۇقىرىقى ئىككى ئورگاننىڭ ئىككى قېتىملىق دوكلاتىدىن 10 كۈن كېيىن ، ئۇلار ھازىر قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان ۋابا ۋىرۇسىغا قارشى تەدبىرلىرى ۋە دورا - دەرمەكلىرى تولۇق بولغان دۆلەتنىڭ ئاران 13 ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان . بۇلارنىڭ ئەڭ ئالدىدا تۇرىدىغانلىرى تەرتىپ بويىچە ، ئەنگلىيە ، ئامېرىكا ، ئاۋسترالىيە ، كانادا ، فرانسىيە ۋە گوللاندىيە ئىكەن . ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىن كېيىنلا قالسا ياۋروپا ئىتتىپاقى دۆلەتلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ، بولۇپمۇ ، ئىسپانىيە، گېرمانىيە ، ئىتالىيە ، ئاۋسترىيە ۋە نورۋېگىيەلەر
« ۋاباغا قارشى تەييارلىقى تەل كۈچلۈك ھەربىي ھالەتتىكى ئەللەر »دەپ قارىلىدىكەن.
« جونز ھوبگنز سەھىيە ئۇنۋېرسىتېتى » نىڭ ئالىملىرى بىردەك، NTI ( يادرو تەھدىتى )گە قارشى تەدبىر بىلەن GHS ( دۇنيا سەھىيە بىخەتەرلىكى كۆرسەتكۈچى ) نامى بىلەن ئاتالغان بۇ دوكلاتنى بىرلەشتۈرۈپ ھەمكارلىق ئورنىتىش ھەققىدە تەكلىپ بەردى . ئۇلار بىردەك ، ھازىرقى ۋابا ۋىرۇسى تەھدىتى يادرو تەھدىتىدىن قېلىشمايدۇ دەپ كۆرسەتتى .
ئۇلار يەنە ، بارلىق دۆلەتلەرنى ۋە تەتقىقات ئورۇنلىرىنى ۋاباغا قارشى كۆپلەپ ئىقتىساد ئاجرىتىشقا ، ب د ت نىمۇ چېگرا ھالقىغان ھالدا دۆلەتلەر ئارا ماسلاشتۇرۇش رولىنى ئويناشقا تەشەببۇس قىلدى . ئەمما ئۇلارنىڭ سىتاتىسكا قىلىشىچە ، ھازىرغىچە دۇنيانىڭ بۇ جەھەتتىكى ئوتتۇرىچە كۆرسەتكۈچى 40% تىن ئاشمىغان . ھەتتا يىللىق كىرىمى دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيىسىدىن يۇقىرى تۇرىدىغان 60 دۆلەتنىڭ كۆرسەتكۈچىمۇ ئاران 50% ئەتراپىدا بولغان.
بۇ دوكلات يۇقىرىقى چوڭ دۇنياۋى ئورگاننىڭ دوكلاتىدىن ساق بىر ئاي كېيىن ئېلان قىلىنغان.
مەزكۇر دوكلات ئاخىرىدا 1918 - يىلى غەربىي ياۋروپادا تارقالغان ۋابانىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى پۈتۈن دۇنيا نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرىگە يۇقۇپ،
50 مىليون كىشى قازا قىلغانلىقىنى ، ھازىرقى خەلقئارالىق ئىلغار قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ بۇ خىل ۋىرۇسلارنى يەر شارى مىقياسىدا تارقىلىپ كېتىشكە سەۋەپچى بولىدىغانلىقىنى ، 2003 - يىلى خىتايدا پەيدا بولغان سارس ۋاباسىدا نۇرغۇن خىتاينىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، يېقىنقى يىللاردا غەربىي ئافرىقىدا تارقالغان ئىبولا ۋىرۇسىدا 11 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆلگەن بولسا ، كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە تارقالغان جان ئالار ۋىرۇسنىڭ 2100 ئادەمنى ئۆلتۈرگەنلىكى ، ئۆلگەنلەر ھېلىھەم كۆپىيىپ مېڭىۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن .
« دېلى مىل » .

2 . غەلىتە باشلىنىش ۋە سىرلىق يامراش :

2019 - يىلى 30 - دېكابىر تۇنجى خىتاي ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بىمار بايقالغان.
ئىككى ھەپتە داغدۇغىسى كونترول قىلىنغان بۇ ۋىرۇس 15 - يانۋار سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىپ بولۇشى بىلەنلا بىراقلا داغدۇغا قوزغاپ، 24 سائەت ئىچىدىلا دۇنيادىكى ھەممە چوڭ - كىچىك تاراتقۇلارنى قاپلىدى . مانا ئون كۈندىن بېرى ۋەتەندىكى خەلقىمىز ھەققىدىكى ھەر خىل خەۋەرلەر ۋە ئۇچۇرلارنىڭ ئورنىنى مۇشۇ نىجىس خىتاي ۋىرۇسى تارتىۋالدى .

2020 - يىلى 22 - يانۋار پېكىن ئۇنۋېرسىتېتى باندىتلىرى « 2019 -nCoV  » دەپ سىلىق ئاتىۋالغان خىتاي ۋىرۇسى ۋۇخەندىكى دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنى ساتىدىغان بازاردىكى يىلانلار ۋە شەپەرەڭلەردىن تارقالغان . Medical Virology ژۇرنىلىدا دېيىلىشچە بۇ خىل ۋىرۇس
يىلاننىڭ تېنىدە ئەڭ كۆپ ئىكەن . شەپەرەڭنىڭ تېنىدىمۇ بار ئىكەن . ھازىرغىچە باندىتلار بۇنىڭدەك ۋىرۇستىن 272 نى تەتقىق قىلىپ باققان بولۇپ ، ھازىر يامراپ كەتكىنى شۇلار ئىچىدىكى پىششىقلاپ ئىشلەنگەن 7 - نۇسخىسى ئىكەن . ئەڭ غەلىتە يېرى مەزكۇر ۋىرۇس شەپەرەڭ تېنىدە بار بولغان RNA ناملىق ۋىرۇس بىلەن ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئوخشاش چىققان . « دېلى مىل » .

‏ CDC ( ئامېرىكا يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ۋە ئالدىنى ئېلىش مەركەزلىرى) نىڭ ئىلگىرى سۈرىشىچە مەزكۇر ۋىرۇس يۇققان ئادەمدە ، 1 - ماڭقا ئېقىش ، 2 - باش ئاغرىش ،
3 - يۆتەل ، 4 - كاناي ياللۇغى ، 5 - قىزىش ۋە 6 - بەزگەكتەك تىترەش ئالامەتلىرى بولىدىكەن.
‏MERS-CoV ۋە SARS-CoV نىڭ چوڭ پەرقى يوق ئىكەن . ئەمما ھەر ئىككىسى مەينەت خىتايدا پەيدا بولغان.  « ئېكىسپىرىس ».

2020 - يىلى 23 - يانۋار WHO ( دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ) بايانات ئېلان قىلىپ،
خىتايدا پەيدا بولۇپ ، كورىيە ، ياپونىيە ۋە تايلانلارغا تارقالغان خىتاي ۋىرۇسىنىڭ دەل ئۇلار تۆت ئاي ئىلگىرى ئاگاھلاندۇرغان ئېكىس ناملىق قورقۇنچلۇق ۋىرۇسنىڭ سۈپەتلىرى ۋە ئالامەتلىرى بىلەن بىردەك ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى . ئۇلارنىڭ ئېلان
قىلىشىچە خىتاي ۋابا تارقالغان ئورۇنغا يېقىن ئۈچچ شەھەردىكى ئۈچ مىليون ئادەمنى قامال قىلغان . ( غەلىتە يېرى ھەممە يەرگە قېچىشى چەكلەنگەن كېسەل كۆرپىلىرىنىڭ ۋەتىنىمىزگە قېچىشى چەكلەنمىگەن . شەھەر قامال قىلىنىپ ئۈچ كۈن ئىچىدىلا ۋۇخەندىن ئۈرۈمچىگە 13 مىڭ كىشى / قېتىم ئايروپىلان بىمالال ئۇچقان).
‏ WHO بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا جەنۋەدە بۇ ۋىرۇس توغرىلىق جىددىي يىغىن ئاچقان.
ئۇلار 24 - يانۋار جۈمە يەنە بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ ، بۇ ۋابانىڭ پۈتۈن دۇنياغا يامراپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا چاقىرغان.

ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە ، يېڭى خىتاي ۋىرۇسى ئامېرىكا ، جەنۇبىي كورىيە ، ياپونىيە ، تايلاند، سېنگاپور ، ۋېيتنام ۋە تەيۋەنگە كۆپرەك تارقالغان بولۇپ ، ئامېرىكىدىكى نيويۇرك ، لوس ئانجىلس، ۋە سان فرانسىسكودىكى 5 ئايروپورت ۋۇخەن تەۋەسىدىن كەلگەن خىتايلارنى تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزۈپ ئاندىن چېگرادىن كىرگۈزگەن . ئۇندىن باشقا ئېدىنبۇرگ ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسورى ئاگاھلاندۇرۇپ ، خىتاي ۋىرۇسىغا ئوخشايدىغان ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقى كۈچلۈك بولغان تۆت كىشىنىڭ ئىسلاندىيەدە كۆزىتىش ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان .
« ئېكىسپىرىس » .

3 . ئامېرىكا ئىككى يىل كېچىكىپ ئاشكارىلىغان سىر :

« ئامېرىكا ئىككى يىل بۇرۇنلا خىتاينىڭ سىرلىق بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسىدىن ئاتالمىش خىتاي ۋىرۇسىنىڭ ھامان« قاچىدىغانلىقى» نى بايقاپ دۇنيانى ئالدىن ئاگاھلاندۇرغان ». 
« ئېكىسپىرىس ».

بەش يىل بۇرۇن خىتايدا بايقالغان جان ئالغۇچ ۋىرۇس 25 خىتاينى ئۆلتۈرگەندىن كېيىن، پەس خىتايلار پۈتۈن دۇنيادىكى بارلىق خەتەرلىك ۋىرۇسلارنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان . ھەتتا ئۇلار تەتقىق قىلغان قورقۇنچلۇق ۋىرۇسلار 272 گە يەتكەن . ئۇلار بۇ خەتەرلىك تەجرىبىخانىنى دەل ھازىرغىچە ئون نەچچە دۆلەتتە 800 نەچچە كىشىگە يۇقۇپ بولغان خىتاي ۋىرۇسى پەيدا بولغان ۋۇخەن شەھىرىدە قۇرۇپ چىققان.

بۇ ۋىرۇس پەيدا بولغان بازار بىلەن مەزكۇر ۋۇخەن دۆلەتلىك بىئولوگىيە تەجرىبىخانىسى ئارىسىدا پەقەت 20 مىللا ( بىر مىل 1.6 كىلومېتىر ) كېلىدىغان بولۇپ، بەك يېقىن . بۇ يەردە بېقىلىۋاتقان ۋىرۇسلار ئىچىدە ھەتتا سارس ۋە ئىبولا ۋىرۇسىمۇ بار ئىكەن .

غەلىتە يېرى بۇ تەجرىبىخانا گەرچە 2015 - يىلى 31 - يانۋار پۈتتۈرۈلگەن بولسىمۇ ، ئەمما
2017 - يىلى ئەتىيازدا ئاندىن رەسمىي ئېچىلغان . ( دىققەت : 2017 - يىلى 1 - ئاپرىلدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە جازا لاگىرلىرىغا قاماش ۋە تۈرمىگە قاماش مىللەت سۈپىتىدە ئومۇميۈزلۈك باشلانغان ئىدى). قۇرۇلۇش 2005 - يىلىلا باشلانغان . ئەمما ئۇلار دۇنياغا خەلقنىڭ ۋە ئىنسانىيەتنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ۋىرۇسلارنى ئالدىن تەتقىق قىلىشنى توغرا كۆردۇق دەپ سەپسەتە تارقاتقان . بۇ تەجرىبىخانا خىتايدىكى يۇقۇملۇق ۋە ئەڭ خەتەرلىك ۋىرۇسلارنى تەتقىق قىلىدىغان بىردىنبىر چوڭ ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك تەنھا ئورگان ئىكەن . BSL-4 ( دەرىجىسى ) . بۇ ئورۇن 2003 - يىلدىكى سارس ۋاباسىدىن كېيىنلا CAS ( خىتاي پەنلەر ئاكادېمىيىسى) بىلەن ۋۇخەن ھۆكۈمىتى ھەمكارلىشىپ قۇرۇپ چىققان ئورۇن بولۇپ ، ئۇنىڭدىكى زامانىۋى تېخنولوگىيە ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى فرانسىيەدىن ئىمپورت قىلغان . ( بۇ دەل ماكرون دەۋرى بولۇپ ، بۇ جاي يېڭى قۇرۇلغاندا ماكرون خىتايدا زىيارەتتە بولۇپ ، شىئەندىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنى زىيارەت قىلىپ، بىزنىڭ جازا لاگىرىدا خورلىنىۋاتقان خەلقىمىزنى كۆرمەسكە سالغانىدى . ماكرون ياۋروپادىكى ئەڭ قاتتىق تۈرك ۋە ئىسلام دۈشمىنى بولۇپ، بىچارە خەلقىمىزنى ئورتاق دۈشمەن قىلىشتا خىتاي دەل مۇشۇ كىملىكنى كۆتۈرۈپ چىققان. چۈنكى خىتاي ھەر قانداق دۆلەت بىلەن ئورتاقلىق تېپىپ چىقىشقا ماھىر ، ئەمما بىزنىڭ قاپاق كاللىلار دۆلەتلەر ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۆزى ئىچىدىنمۇ دۈشمەن ئىزدەپ يۈرۈشىدۇ ).
شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ جاي ئارقىلىق خىتاي بىر سەكرەپلا دۇنيانىڭ ئالدىنقى سەۋىيسىدىكى تەرەققىي قىلغان ئەللەر قاتارىغا كىرىۋالغان. چۈنكى ھازىرغىچە دۇنيادا بۇنداق جايدىن پەقەت 54 تەجرىبىخانىلا بار .

بۇ ئورۇن يېڭى قۇرۇلغاندا پەقەت BSL-3 ( ئۈچىنچى دەرىجىدىكى ۋىرۇس ) لارغا قارشى تەدبىر تۈزۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ ، ئادەتتە
يۇقسا 10% - 40% ئادەمنى ئۆلتۈرەلەيدىغان
« قىرىم زۇكىمى ، كونگو ماڭقىسى » قاتارلىق يېنىك ۋىرۇسلارنى ئاساسلىق تەتقىق قىلغان.
2004 - يىلى خىتاي تەرەپ مەلۇم بىر ۋىرۇس تەجرىبىخانىسىدىن سارس ۋىرۇسى « قېچىپ» كەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان. ئەمما زادى قەيەردىن قاچقىنىنى مەخپىي تۇتقان . 2018 - يىلى يانۋاردا خىتاي ئاشكارا ھالدا  BSL-4 ( 4 - دەرىجىلىك خەتەرلىك ۋىرۇسلار ) نى نىشان قىلغان تەتقىقاتلىرىنى باشلىغانلىقىنى ئېيتتى .
بۇلار سارس ، كورۇنا ۋە ئېنفلونزا ۋىرۇسلىرىغا ئوخشاش تارىختا مىليونلىغان جانغا زامىن بولغان قورقۇنچلۇق ۋابا ۋىرۇسلىرى ئىدى .

گەرچە بۇ خىتايدىكى بىردىنبىر سارس ۋە ئېبولاغا ئوخشاش خەتەرلىك ۋىرۇسلارنى تەتقىق قىلىدىغان ئالىي ئورۇن بولسىمۇ ، بىراق ئامېرىكا ئالىملىرى، بولۇپمۇ بىئولوگىيە ۋە گېن مۇتەخەسسىسلىرى 2017 - يىلدىن باشلاپلا ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ، بۇ خىل ۋىرۇسلار ئىچىدىكى ئەڭ خەتەرلىكى بولغان كورۇنا ۋىرۇسىنىڭ ھامان تەجرىبىخانىدىن قېچىپ كېتىدىغانلىقىنى ، ياكى تەجرىبە قىلىنغان ھايۋاناتلار ئارقىلىق ئادەملەرگە يۇقۇپ، ئاندىن يامراپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۇ چاغدا ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تەكرار ئاگاھلاندۇرغانىدى . دەرۋەقە مەينەت خىتايلار ۋەتىنىمىزنىڭ كورلا تەۋەسىگە جايلاشقان ئاتوم بازىسى ئىچىدىكى ئارمىيەگە قاراشلىق تەجرىبىخانىدا شەپەرەڭ تېنىدىن ئايرىپ چىققان ئۆتكۈر خىتاي ۋىرۇسى بىلەن ۋۇخەندىكى قوش ماكانلىق - سەكسەنپۇتلۇق جانىۋارلار بازىرىدىكى يىلانلارنىڭ تېنىدىكى كورۇنا ۋىرۇسى تەجرىبىخاندىن قېچىپ چىققان ۋابا ۋىرۇسى بىلەن چاڭلىشىپ ، تېخىمۇ خەتەر ۋە قورقۇنچلۇق بولغان « خىتاي ۋىرۇسى» غا ئايلىنىپ ۋۇخەندىن يامراشقا باشلىغان .
« ئېكىسپىرىس » .

4 . ئورۇسلارنىڭ تەدبىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى :

رۇسلارنىڭ گېن مەلۇماتلىرى دۆلەت سىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغان بولدى

رۇسىيەدە خەلقنىڭ گېن مەلۇماتلىرى ئاساسىدا دۈشمەن كۈچلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىش خەۋپىگە قارشى قانۇن ئۆزگەرتىش تەكلىپى سۇنۇلدى.
رۇسىيە سالامەتلىكنى ئاسراش ۋە ئىستېمالچىلارنى قوغداش ئىدارىسى باشلىقى ئاننا پوپوۋا رۇسىيەلىكلەرنىڭ گېن مەلۇماتلىرىنىڭ قوغدىلىدىغان دۆلەت سىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
ئاننا پوپوۋا ئىلگىرى خۇسۇسىي مەلۇماتلارنىڭ ئىسىم ‫- ‬فامىلە، دادىسىنىڭ ئىسمى ۋە بارماق ئىزلىرىدىن ئىبارەت بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈگۈنكى كۈندە مېنىڭ گېنىم ھەققىدىكى مەلۇماتلارنىڭمۇ مېنىڭ خۇسۇسىي مەلۇماتىم ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالماقتىمىز. ئۇنداقتا بۇ مەلۇماتلارنى قان ھۈجەيرىلىم ئارقىلىق گېن شىپرىسىنى چىقىرىشى مۇمكىن بولغان ئۈچىنچى كىشىگە ئەمەس، ماڭا بېرىشىڭىز لازىم» دېدى.
بۇ ھەقتە سىپۇتنىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان خەۋەردە، ئاننا پوپوۋا يەنە، قانۇن ئۆزگەرتىش تەكلىپىنىڭ ئالاقىدار ئورگانلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدە پارلامېنتقا سۇنۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىدىكى باياناتىدا، بەزى چەت ئەللىكلەرنىڭ چۈشۈنىكسىز سەۋەبلەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان ئېتنىك گۇرۇپپىلارغا تەۋە رۇسىيە پۇقرالىرىنىڭ بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنى توپلىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ۋە بۇ مەسىلە رۇسىيە خەلقى ئارىسىدا قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.
رۇسىيە فېدېراتسىيەسى كېڭىشى، دۆلەت مۇداپىئە ۋە خەۋپسىزلىك كومىتېتى مۇئاۋىن باشلىقى فىرانتىس كلىنتسېۋىچمۇ ئوخشاش بولمىغان رايونلاردا تۇرۇشلۇق رۇسلارنىڭ بىئولوگىيەلىك مەلۇماتلىرىنىڭ غەرب كۈچلىرى تەرىپىدىن تەسىرى ئۆتكۈز بىئولوگىيەلىك قورال ئىشلەپچىقىرىش مەقسىتىدە توپلانغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. 
« رۇسىيە سىپۇتنىك تاراتقۇسى » .

مەزكۇر خەۋەرگە پەقەت مىللەتسۆيەر ئىنىم سايرام ئوغلانىلا جىددىي مۇئامىلە قىلغان . ئۇ بۇ ھەقتە 2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر :

قاراڭلار!رۇسلار چېغىدا گېنلىرىنى
دۆلەت سىرى دەپ قانۇن  چىقىرىپتۇ.
ئەمما پۈتكۈل ئۇيغۇرلارنىڭ DNA
گېن ئەۋرىشكىلىرى ئاللىبۇرۇن
ئالۋاستىلار تەرىپىدىن تولۇق يىغىلىپ
ئارخىپلاشتۇرۇلۇپ بولۇندى .بىئولوگىيلىك
«ھالاكەت گېن قورالى»مىللىتىمىزنى تۈپ
يىلتىزىدىن قۇرۇتۇشتىن ئىلگىرى
ئۇلارنى قۇتقۇزىشىمىز كېرەك!شۇندىلا
ھازىرغىچە ياشىغىنىمىزنىڭ ئەھمىيىتى
بولىدۇ!«ئاتا ـ ئانا،قەۋمۇ ـ قېرىندىشى
كۆز ئالدىدا ۋەھشىيانە قەتلىئام
قىلىنىۋاتسىمۇ غىڭ قىلالمىغان بىچارە ئۇيغۇر
ئۇيغۇر بولۇش تۈگۈل نورمال ئادەم ئەمەس !
بۇنى ئوقۇپ بېقىڭلار ! شۇنچە كۈچلۈك رۇس مىللىتى گېنلىرىنىڭ دۈشمەن قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنى توسۇپ،قانۇن چىقاردى.بىزنىڭ گېنلىرىمىز 2016 - يىلدىن بېرى دۈشمەن قولىدا ! «كىم بۇرۇن قول سالسا شۇ تىرىك قالىدىغان بىر مەيدان ماماتلىق جەڭ بىزنى كۈتمەكتە»! ئەمما بىز تېخىچە سەپ تۈزۈپ بولالماي ئاۋارە! دۈشمەن تولۇق ھەربىي ھالەتتە.بىز بولساق تولۇق راھەت ھالەتتە .
2018 - يىلى 13 - سېنتەبىر پەيشەنبە . غەلىتە يېرى دەل بەش كۈندىن كېيىن موسكۋادا زىيارەتتە بولغان قورچاق نۇر بەكرى 20 - سېنتەبىر پەيشەنبە پېكىنگە قونۇشىغىلا تۇتقۇن قىلىندى . ( سۇيقەستلەردىن كىچىك بىر كارتىنا).

ۋىلادىمىر پۇتىن 2018 - يىلى 9 - ئايدا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ،رۇسلارنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى دۆلەت مەخپىيەتلىكى قاتارىغا كىرگۈزدى. دېمەك پۇتىن زامانىۋى پەن - تېخنىكا ئارقىلىق بىر مىللەتنى تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇتىۋەتكىلى بولىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى. خىتايلار 2016 - يىلى سېنتەبىردىن 2018 - يىلى سېنتەبىرگىچە « سالامەتلىك تەكشۈرۈش » باھانىسى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان بارلىق ئەسلى مىللەتلەرنىڭ DNA ئۇچۇرلىرىنى تولۇق يىغىۋالغاندىن سىرت، ئۇلارنىڭ ئاۋاز ئەۋرىشكىسى، كۆز قارىچۇقى، بارماق ئىزلىرى ۋە باشقا پۈتۈن خۇسۇسىي ئۇچۇرلىرىنى يىغىۋېلىپ، « سۈنئىي ئىدراك تېخنىكىسى» دىن پايدىلىنىپ، ۋەتىنىمىزدىكى 50 مىليونغا يېقىن كىشىنى كېچە - كۈندۈز نازارەت قىلىپ تۇرۇش سەۋىيىسىگە يەتتى. يەنە قارشى تەدبىر قوللانمىساق 10 يىلغا قالماي « گېن قورالى » ياسىلىپ قالسا، ئۇ چاغدا يۈز بېرىدىغان قورقۇنچلۇق پاجىئەلەرنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ!  2019 - 3 - ئاپرىل سايرام ئوغلانى.

5 . يېڭى خىتاي ۋىرۇسى ئاشكارىلىنىش بىلەن تەڭ ئوتتۇرىغا چىققان غەلىتىلىك :

باندىتلارنىڭ ئادەم قانۇنسىز كىلون بوۋاق پەيدا قىلغان شايكىسى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن . بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچ يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققان . شۇنىسى ئېنىقكى ، باندىتلار ئۇنى ئاللىبۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى مەخپىي خىزمەتكە مەسئۇل قىلىپ بولدى .
پەن - تېخنىكا ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغان باندىتلارنىڭ قولىغا چۈشسە قانداق بولىدىغىنىنى بىزدەك ياخشى بىلىدىغان خەخ بولمىسا كېرەك ! ئۇخلايلى ، ياكى داۋاملىق يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالايلى ! خەلقىمىزدىن زورلاپ ئالغان د ن ئا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنى « تاشقى پېلانت ئادەملىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندا ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ ياشايدىغان گەپ . بۇندىن كېيىن بىر مىنۇتلۇق بىخۇتلۇقنىڭ بەدىلى ھەر سىكۇنت پىچاقسىز بوغۇزلىنىش بولىدۇ » .
سايرام ئوغلانى 2019 - يىلى 30 - دېكابىر .
رويتۇرس ئاگېنتلىقى شىنخۇادىن نەقىل قىلغان.

ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتى ‏16-سېنتەبىر يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا دىنىي ئەركىنلىكنى دەپسەندە قىلىۋاتقان چېن چۈەنگو باشچىلىقىدىكى خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا ئېمبارگو قويۇشقا چاقىردى. دوكلاتتا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى نازارەت ئاستىغا ئېلىپ، تېلېفونلىرىنى مۇسادىرە قىلىۋاتقانلىقى ۋە تەكشۈرۈۋاتقانلىقى، ئۇيغۇرلارنىڭ قان ئۆرنەكلىرىنىڭ ئېلىنىپ، د ن ئا ئۇچۇرىنىڭ توپلانغانلىقى، بالىلارنىڭ ئىبادەت قىلىشى چەكلەنگەنلىكى، ھەممىدىن يامىنى 800 مىڭدىن 2 مىليونغىچە كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىپ، ئائىلىلەرنىڭ خانىۋەيران بولغانلىقى ۋە بالىلارنىڭ يېتىمخانىلارغا ئەۋەتىلگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. 2019 - 17 - سېنتەبىر .

ۋىلادىمىر پۇتىن رۇسلارنىڭ « د ن ئا » ئۇچۇرلىرىنى 2018 - يىلى ئۆكتەبىردە دۆلەت سىرلىرى قاتارىغا قوشۇپ ، بۇنى يىغقان ھەر قانداق دوختۇرغا ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمما ۋەتىنىمىزدە خەلقىمىزنىڭ پۈتۈن « د ن ئا » ئۇچۇرلىرى « سالامەتلىك تەكشۈرۈش باھانىسى » دە يىغىۋېلىندى . بۇنىڭ ھەربىي جەھەتتىكى ، بىئولوگىيەلىك ۋە ۋىرۇسلۇق تەھدىتىنى مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ . « بىر مىللەتنى تۈپتىن يوق قىلىشنىڭ بۇنداق رەزىل تەدبىرى نە ناتسىست گېتلىر نە قانخور سىتالىننىڭ خىيالىغىمۇ كېلىپ باقمىغان » .
2019 - يىلى 14 - نويابىر سايرام ئوغلانى .

مۇشۇ كىشىنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن ! چۈنكى ئۆزىمۇ د ن ئا ساھەسىدە تەتقىقات قىلىۋاتقان ئالىم بولغاچقا، نۆۋەتتە باندىتلارنىڭ زورلۇق بىلەن بىچارە خەلقىمىزنىڭ د ن ئا ئەۋرىشكىسىنى قولغا چۈشۈرۈشىنىڭ قانداق قورقۇنچلۇق ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغىنىنى بىزدىن مىڭ ھەسسە ئوبدان بىلىدۇ . شۇڭا ئىزچىل بىز تەرەپتە تۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ . داۋۇت ئوغلى بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق . ئەزىز سەنجەر ئاكا نوبىل خىمىيە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ئاز ئۇچرايدىغان ئىختىساس ئىگىسىدۇر ، تۈركىيەنىڭلا ئەمەس، بىزنىڭمۇ ئىپتىخارىمىزدۇر!
2019 - يىلى 21 - دېكابىر سايرام ئوغلانى .

6 . سېسىق نامى پۇر كەتكەن 731 - قىسىم ۋە ئۇيغۇرنى يوقاتماقچى بولغان 2017 - قىسىم:

ﻳﺎﭘﻮنلارنىڭ « ھۈنەرلىرى» نى  ، ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯞﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺴﺎﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ . خىتاي ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﻴﺎ ﯞﯗ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ 731 - ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك . <<ﻗﯩﺴﯩﻢ  - 731 >> ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻤﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ  ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯗ .....
    ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ 3 ﭼﻮﯓ ﻗﺎﻧﺨﻮﺭ ﺟﺎﻟﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﯩﻨﯩﯔ خىتاي  ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﻯ :

<< 18 - ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ >>  ۋەقەسىدىن ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻕ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﯞﺍﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ﯞە ﺑﺎﺵ ﺷﯩﺘﺎﺑﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ . كانتون ئارمىيىسىگە قاراشلىق ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻫﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ، ﮔﯧﻨﯩﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﺕ ﺋﯩﯟﺍﺋﻰ ﺷﯩﺮﯗ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ . << 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭼﯘﻣﺎ ، ﺧﻮﻟﯧﺮﺍ ، ﮔﺎﻧﮕﯧﻨﺎ ، ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﮔﻪ  ، ﻛﯧﺰﯨﻚ ، ﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻒ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﺎﺭغانلىقى تېخىچە بىر سىر . ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻤﯩﺪﯗﻕ .
ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺋﺎﻻھىدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ . ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ : ﻗﻪﻟﻪﻡ ﯞﻩ ﻫﺎﺳﺎ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ، ﻓﺎﺭ - ﻓﻮﺭ ﺑﻮﻳﯘﻣﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ  ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻣﺒﺎ  ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەكلەرمۇ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .
<< 731 - ﻗﯩﺴﯩﻢ >> ﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎدەمنى ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎﺏ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ  ﺗﻮﺟﻮ ﺧﯧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻠﯩﻐﺎﻥ . ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎﺩەمگە ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ .... ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻢ 1943 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ خىتاينىڭ ﭼﺎﯓ ﺩﯤ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯘﻣﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯜﺭﮔﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﭼﻘﺎﻥ . 1942 - ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ خىتاينىڭ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﯓ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ~ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﻪ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺟﯧﯖﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ . ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻛﺘﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﻫﻪﺩﺩﯨﻲ - ﻫﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭖ  ، ﺯﯨﻴﺎﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﯚﭖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ .....

1935 - يىلدىن 1945 - يىلغىچە بولغان ئون يىلدا ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى 731 - قىسىم خىتايلارغا تەتبىقلىغان ۋەھشىي تەجرىبىلەرنى ئارىدىن 80 يىل ئۆتكەندىن كېيىن زامانىۋى پەن - تېخنىكا ۋە ئىنسانىيەت ئەقلى يېقىنقى 300 يىل ئىچىدە كەشىپ قىلغان ھەر تۈردىكى بارلىق كەشپىياتلارنى 30 يىلدا ئوغرىلاپ بولغان قۇۋ باندىتلار بىزنىڭ خەلقىمىزگە مىليون ھەسسە ئارتۇقى بىلەن ۋاستە تاللىماي تەتبىقلاپ يەر يۈزىدىن ئۇيغۇرلارنى تولۇق يوقىتىۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ . بەلكىم ھازىر ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى ئىجرا قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.
1939 - يىلى ياپونلار ساغلام خىتاي ئاياللىرىنى باغلاپ ، سۈتلىرىنى سېغىپ ئەكەتكەن بولسا،
2019 - يىلى باندىتلارمۇ قەشقەردىكى ساغلام ئاياللارنىڭ سۈتلىرىنى ئەنە شۇنداق ھايۋاننى ساغقاندەك سېغىپ، « تەتقىقات ئۈچۈن» ئېلىپ كېتىۋاتقانلىق خەۋىرى ئاشكارىلاندى.
ئىشقىلىپ، پۈتۈن دۇنيادا يۈز بەرگەن بارلىق پەسلىك ۋە مەينەتلىكلەرنى ، جۈملىدىن پۈتۈن دۇنيا « ئەمدى قايتىلانمايدۇ ! » دەپ قارىغان
« ئىرقىي قىرغىنچىلىق » نى خىتايلار بىزگە ئاشۇرۇپ قىلىۋاتىدۇ . ئورۇسلار كاۋكازلارغا ، سېربلار بالقانلارغا ، ياپونلار خىتتايلارغا ، ئېنگلىزلار ھىندىلارغا ، فرانسۇزلار ئەرەبلەرگە،
پىرئەۋن ئىسرائىل ئەۋلادىغا قىلغان بارلىق جىنايەتلەرنى خىتايلار مىڭ ھەسسە مەينەتلىك بىلەن ئاشۇرۇپ خەلقىمىزگە قىلدى .

7  . بەزى ئويغاق تورداشلارنىڭ ئىنكاسى :

« شەپەرەڭنىڭ تېنىدىن ئېلىنغان بىر خىل ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىپ ، خىتايدا يېڭى سارس تارقالدى .
ئەڭ زامانىۋى پەن - تېخنىكىنى قورال قىلىۋالغان ئەشەددىي ۋە قەبىھ ئىنسانىيەت دۈشمىنى بولغان باندىتلار شەپەرەڭ تېنىدىن ئايرىپ چىققان ۋىرۇس تارقىلىپ كېتىپ ، ۋۇخەننى مەركەز قىلىپ يېڭى سارس ۋاباسى تارقىلىپ كەتكەنمىش.
ئەگەر بۇ گەپ راس بولسا ، « شەپەرەڭنىڭ تېنىدىن ئالغان ۋىرۇس بىلەن يېڭى سارس ۋاباسى تارقىلىپ كەتكەن بولسا»،
بىز يەنە ئوتتۇرا ئەسىر پەدىسىدە ياشاپ بىپەرۋا يۈرسەك، خەلقىمىزنىڭ DNA سىدىن ئېرىشكەن مەخپىيەتلىكلەر ئارقىلىق ، پەقەت ئۇيغۇر ۋە قازاقلارغا ئوخشاش خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ھالاك بولىدىغان گېن قورالىنى ياساپ چىقسا ، ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش تەس ! يۈزى قېلىن، نىيىتى يامان ، قىلمىشى رەزىل باندىتلار ۋاختى كەلگەندە
بارلىق جىنايەتلىرىنى كىچىكلىتىپ « تۆت كىشىلىك گۇرۇھ» قا ئارتىلىپ قۇتۇلۇش چوتىنى سوقۇپ قويغان . ئەمما مەيلى قانداقلا كەچۈرۈم سورىمىسۇن ، خەلقىمىزنى تىرىلدۈرۈپ بېرەلمەيدۇ . ئەڭ يارىماس قورقۇنچاق ئۇيغۇرمۇ كاللىسى جايىدا ۋاقىتتا ۋەتەندىكى ئۆزى تونۇيدىغان بارلىق ياخشى - يامان ھەممە كىشىنىڭ ئۇچۇرىنى ئازدۇر - كۆپتۇر خاتىرىلەپ قويۇشى كېرەك ! ھەممەيلەنگە ئومۇمىي تەۋسىيە ، ئېكرانغا چىقىشتىن قورۇنۇپ قالساڭلار ياكى قورقساڭلار ، قولۇڭلارغا دەرھال قەلەم ئېلىڭلار !
ئاتا - ئانىسى ۋە باشقا ھەر قانداق يېقىن قېرىندىشىدىن ۋاقىتسىز ئايرىلىپ قالغانلار ئۇلارنىڭ قان - قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ روھىنى كۈچەيتىشى، يەككە ۋە تەشكىللىك تەييارلىق ھالىتىدە تۇرۇشى ، بىر بۇيرۇق بىلەنلا نامازدا سەپراس بولالىغاندەك چاققان ۋە چاقماق تېزلىكىدە چاقىرىق قىلىنغان ھەر تۈرلۈك جەڭگە بىمالال كىرەلىشى ئۈچۈن ھازىر تۇرۇشى كېرەك ! ئەمما مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، ئىنساننىڭ بۇنداق ھالەتكە كېلىشى ۋە ئىچىدىن قىزىشى ئۈچۈن كۆپ كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ . لېكىن ئاۋانگارتلارنىڭ سانى بەكلا چەكلىك ھەممە ئادەمنى قىزىتىش ئىمكانىيىتى يوق . شۇڭلاشقا ھەر كىم ئۆزىنى ئىچىدىن قىزىتىشى ۋە قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆز ئالدىغا پارتىزانلارچە ئىشلەپ تۇرۇشى زۆرۈر ! « كۆڭۈلدىن تارتمىسا ، قولىدىن تارتقان بىكا» . باندىتلار گېن قورالى ياساپ چىقىشتىن ئىلگىرى ۋاستە تاللىماي پوكىنىنى سىقىپ تۇنجۇقتۇرۇش چارىسىنى تېپىپ چىقالمىساق ، مەينەت ئالۋاستىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن زامانىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ تۇنجى ۋە ئاخىرقى قۇربانلىقى يەنىلا ئەزىز خەلقىمىز بوپقالىدۇ . ئەھۋالىمىز بۇنچىلىك شەرمەندە ئىكەن ، بىز قانداقمۇ ئاشۇ ۋاستە تاللىمايدىغان باندىتلاردىن ئىنتىقام ئېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، خەلقىمىزنى قانداقمۇ قۇتقۇزالايمىز !؟؟

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 19 - يانۋار.  دەرغەزەپلىك يەكشەنبە.

خىتاي دۇنيانى يەنە بىر قىتىم ئالدىماقچى . نەدە قالدى خوڭكوڭ مەسلىسى ، تەيۋەن مەسىلىسى ، ئۇيغۇر كىشلىك ھوقوق قانونى، تىبەت مەسلىسى ۋەھاكازالار.
پۈتۈن بىر ۋۇخەن شەھرىدە 11 مىليون نوپوس بار، ئەگەر خىتاي شۇ 11 مىليون نوپوسنى يوق قىلىش يەنى بۇ كىسەلنى ۋەتەندىكىلەرگە تارقىتىپ ( 2015-يىلدىن بويان خىتاي ھەر تۈرلۈك سالامەتلىكنى تەكشۈرۈش ۋە ياكى مەجبورى د ن ئا  ئۇچۇرى يىغىش ئارقىلىق پۇتۈن ئۇيغۇر نوپوسىنىڭ  د ن ئا ئۇچۇر ئامبىرىنى قۇرۇپ بولدى) شۇ نوقتىدىن ئىلىپ ئىيتساق قاتتىق كونتىرول قىلىش ۋە بۇ كىسەللىكنى ئۆزىنىڭ خىتاي شەھرىدىن باشلىشى ۋە ئۇ يەردىكى خىتايلارنىڭمۇ ۋەتىنىنىزنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بىمالال بارالىشىدىن بىر چوڭ سۈيقەست ياكى شۇملۇقنى سىزىۋالغىنى بولىدۇ. مەلوم بىر  يۇقۇملۇق ۋىروسنى مەلوم بىر توپقا يەنى ئۇيغۇرلارغىلا ماس كىلدىغان قىلىپ ئىشلەش ھازىرقى مىدىسىنا ساھەسىدە ئانچە قىيىن مەسىلە ئەمەس.
خىتاينىڭ مەقسىتى ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۆزىنىڭ ئىچىكى مۇقۇملىقىغا تەسىر يەتكۈزدىغان مەسىلىلەردىن باشقا تەرەپكە بۇرۋىتىشتىن باشقا ۋاقتى كەلگەندە ئۆزلىرنىڭمۇ بۇ كىسەللىكنىڭ زور زىيىنىغا ئۇچۇرغۇچى قىلىپ كۆرسۈتۈش ئۈچۈن پۈتۈن ۋۇخەن خەلقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى مۇشۇ ئۇسسۇل بىلەن يوق قىلىش.
بىر مىليارت تۆت يۈز مىليون نوپوسقا نىسپەتەن 10 مىليون دىگەن ھىچ گەپ ئەمەس .

خۇلاسە :

ئەگەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەقىللىق بولسا، ۋەتەن خائىنى بولۇشتىن قورقسا ، ئەڭ مۇھىمى ئازراق ۋىجدانى تىرىك بولسا ، بۇ ۋىرۇسنىڭ
« ئاللاھنىڭ غەزىپى ياكى شەيتاننىڭ لەنىتى » ئىكەنلىكىنى تالىشىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلماي، ھەم كىم ئۆزى تۇرۇشلۇق دۆلەت ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ، ئاتوم ئېنىرگىيسى ئورگىنى ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى، ئۇندىن باشقا بارلىق چوڭ تاراتقۇلارغا بۇ ۋىرۇسنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان تۆۋەندىكى يامان ئېھتىماللىقلارنى بىلدۈرۈش كېرەك :

1 . خىتاي بۇ ۋىرۇسنى مەقسەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىقىپ مەقسەتلىك تارقاتتى . بۇ ئارقىلىق ۋۇخەننى قامال قىلىپ ، ۋەتىنىمىزگىلا قاچقىلى بولىدىغان يول ئېچىپ قويۇپ، ھەم خەلقىمىزنى ھەم ساداقەتسىز خىتايلارنى يوق قىلىپ ، ئاندىن ئاققۇن خىتايلارنى قايتا كۆپەيتىپ ، مەڭگۈ ئىشغال قىلىپ تۇرماقچى.

2 . ۋىرۇس دىققەتسىزلىكتىن تارقىلىپ كەتتى. ئەمما خىتايلار بۇنى بەزى سىياسەتلىرى ئۈچۈن قورال قىلىۋالدى . ئالايلۇق ، خوڭكوڭدىكى نامايىشچىلارنى بۇنى تارقىتىپ تارقىتىۋېتىش. بۇ ۋىرۇسنى ۋەتىنىمىزگە تارقىتىپ، نەچچە يىلدىن بېرى قىرىۋەتكەن ۋە يەنە قىرماقچى بولغان خەلقىمىزنىڭ سانى ئۈچۈن باھانە قىلىش .

3 . ۋىرۇس تاسادىپىي پەيدا بولغان . ئەمما خىتايلار بۇنىڭدىن پايدىلىنىپ خەلقئارادىكى ئىناۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈۋالماقچى بولغان. چۈنكى ئۇلار بۇ ۋىرۇسنىڭ ۋاكسىنىسىنى بۇرۇنلا ياساپ بولغان . ھېچقانداق خىتاينى بىپايان ۋەتىنىمىزگە زورلاپ ئېلىپ چىقالمىغان خىتاي بۇ ۋىرۇس ئارقىلىق ئۈچ مىليون ئادەمنى قورشاپ، پەقەت ۋەتىنىمىزگە ئۇچىدىغان ئايروپىلارغىلا يېشىل چىراق يېقىپ بەردى. يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە ئازلاپ كەتكەن ئاققۇق خىتايلارنىڭ ئورنىنى بۇ ۋابادىن قاچقان خىتايلار تولدۇرىدۇ . ئۇلار يېتەرلىك كۆچكەندىن كېيىن ، دۇنيا چارىسىز قالغاندىن كېيىن خىتاي ھېلىقى ۋاكسىنىنى چىقىرىپلا ھەممىنى داۋالاپ ساقايتىپ، خەلقئارادا ئىنسانىيەتنى ۋە خەلقىنى قوغدىغان قەھرىمانغا ئايلىنىدۇ . بۇنداق بولغاندا بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ ناھەق تۆكۈلگەن قانلىرى ، مۇھاجىرەتتىكىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى نۆل بولىدۇ .

بۇنىڭدىن باشقا ئىزاھى يوق . ئەگەر راسلا
« ئاللاھنىڭ غەزىپى » بولسا ، بىزنىڭ ئۇنى جاكارلاپ يۈرىشىمىزنىڭ نېمە ھاجىتى !؟؟ بىز نېمىشقا ھەممە ئىشتا ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىلماي ھەدېسىلا قەتئىي مۇناسىۋەتسىز ئىشلارغا چات كېرىۋالىمىز . خېلى نامى بار موللا ئاتالغانلارمۇ مۇشۇنداق گەپلەر بىلەن ئۆزىنى بەزلەپ ئولتۇرسا، راس شۇنداق بولسىغۇ چاتاق يوق . ناۋادا بۇنىڭ خىتاي سۇيقەستى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇ چاغدا ھەم خۇداغا ھاقارەت قىلغان ، ھەم دىنىنى بۇلغىغان بولمامدۇ !؟ ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ ، خەلقىمىزنىڭ بۇ بالا - قازا ياكى سۇيقەستنىڭ قۇربانى بولماسلىقى ئۈچۈن ئالدىنى ئېلىشقا ئاتلىنىش كېرەك!
بارلىق قۇرۇق تالاش - تارتىشلار توختىسۇن !
ھەممەيلەن ئۆز كەسپىگە يارىشا ھەر تەرەپكە قاتراپ دۈشمەننىڭ يامان نىيىتىنى ۋە پەس قىلمىشلىرىنى ئېچىپ تاشلاشقا ئاتلانسۇن !
بۇنى « سۇيقەست نەزىرىيىسى » دەپ پىتنە قىلىدىغان بەتبەخلەتلەرنى ئوبدان تونۇپ قويۇڭلار ! خىتايدىن باشقىلارغا خاس ئاتالغۇنى خىتاينى ئاقلاش ئۈچۈن ئىشلىتىمەن دەپ ئاۋارە بولمىسۇن ! چۈنكى خىتاي ئاللىبۇرۇن بۇنداق نەزەرىيەلەرنى ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇپ بولغان!

ئۇنتۇپ قالمايلى : ئەجداتلىرىمىز ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى يۇقۇملانغان ئاتلارنى سەددىچىن ئەتراپىغا تاشلاپ قويۇپ يالغاندىن چېكىنگەندە خىتايلار خۇشاللىقىدىن ئولجا ئاتلارنى ئەكىرىپ ھەربىي گازارمىلىرىغا تارقىتىۋەتكەن. نەتىجىدە ۋابا تارقىلىپ، ئات ۋە ئەسكەرلەردىن سىرت ، خەلقمۇ قىرىلىپ كېتىپ ، ئامالسىز يۈز يىلدەك ئولپان تۆلەپ ياشىغان .

بۇندىن 1260 يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇر قاغانلىقى يەنە بىر قېتىم خىتاينى شۇنداق باپلىغان.

1347 - يىلى موڭغۇللار ( ئالتۇن ئوردا قوشۇنلىرى ) قىرىمدىكى كاپپا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغاندا ، يۇقۇملانغان ئەسكەرلەرنى مەنچاناق بىلەن شەھەرگە ئاتقان . نەتىجىدە شۇلار ئارقىلىق سودىگەرلەر بۇ ۋابانى قۇللار ۋە ئۆزلىرى ئارقىلىق ياۋروپاغا تارقىتىپ ئېغىر ۋابا ئاپىتى پەيدا قىلغان . ئۈچتىن بىر قىسىم ياۋروپالىق قىرىلىپ كەتكەن . مانا ئەمدى خىتايلار تارىختىن ئۆرنەك ئېلىپ پۈتۈن ئىنسانىيەتتىن ئىنتىقام ئېلىۋاتىدۇ .

« كۆك ئەرۋاھ » نىڭ ئەسەرلىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىندى ۋە رۇخسىتى بىلەن يوللاندى .

كېلەر ھەپتە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى پولاتبەگ ( مىكائىل پومپيۇ ) ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىگە زىيارەتكە بارىدىغان بوپتۇ. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى ، د ئۇ ق ۋە باشقا ھەر خىل تەشكىلات ۋە شەخسلەر بۇ زىيارەتتىن بۇرۇن چوقۇم ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ھەر قايسى ۋازارەتلىرىگە دوكلات سۇنۇپ ، قىل ئۈستىدە قالغان خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇپ قېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلۇق قەرزىنى ئادا قىلىشى كېرەك. بۇ ۋىرۇس ھەققىدە دوكتۇر ۋە دوختۇر مەمەت ئىمىن ئەپەندىدىن ئىپادە كۈتىمىز . شۇنداقلا بارلىق تەبىئىي پەن ئالىملىرى، بولۇپمۇ گېن ۋە بىئولوگىيە ساھەسىدە ئوقۇۋاتقانلاردىن تېخىمۇ جاۋاپ كۈتىمىز ! مۆلچەرلىگۈسىز بىر خەتەر خەلقىمىزنىڭ بېشىدا ئەگىپ يۈرمەكتە !

سايرام ئوغلانى.

مەنبەلەر : 

1 . « ئۇيغۇرلارنى مىللەت سۈپىتىدە يوق قىلىشنىڭ مۇقەددىمىسى : د ن ئا ئۇچۇرلىرىنى ئومۇميۈزلۈك توپلاش » 2016 « كۆك ئەرۋاھ»

2 . « ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن يوق قىلىشنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى : ۋىرۇس ، بىئولوگىيىلىك قورال ۋە گېن قورالى ئارقىلىق قىرىۋېتىش»
2019 « كۆك ئەرۋاھ » .

3 . « ۋىلادىمىر پۇتىن ۋە ئۇنىڭ رۇس مىللىتىنى ئەبەدىي ساقلاپ قېلىشتىكى چارىلىرى »
2018 « كۆك ئەرۋاھ » .

4 . « ياپونىيە ۋە خىتاي : 50 يىللىق ئۇرۇش»
2015 كۆك ئەرۋاھ .

5 . « ياپونلارنىڭ 731 - قىسىمى ۋە خىتاينىڭ 2017 - قىسمى : تەجرىبە نىشانى ئۇيغۇرلار»
2017 كۆك ئەرۋاھ .

2020  - يىلى 24 - يانۋار. قۇتلۇق جۈمە
بەت 1 ... 6 7 8 9 10