2021/01/23 08:33

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 ... 7 8 9 10
81

سودا ئۇرۇشى ۋە پۇل ئۇرۇشى ( يېڭى سوغۇق ئۇرۇش )ھەققىدە

بۈگۈن 15 - يانۋار چارشەنبە . يەنى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمى ئىمزالىنىدىغان كۈن . بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىزگە سودا ئۇرۇشى شەكلىدە كۆرۈنۈپ كەلگەن « پۇل ئۇرۇشى » ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىشنى خوپ كۆردۇق .   كۆك ئەرۋاھ. 

ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىسقىچە تارىخى :

1778 - 1785 - 1792 - يىللىرى قايتا - قايتا سىناق تەرىقىسىدە تارقىتىلىپ ، ئومۇملىشىپ كېتەلمىگەن ئامېرىكا دوللىرى 1861 - يىلىدا ئامېرىكا جەنۇپ - شىمال ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئاخىرى دۆلەتنىڭ بىردىنبىر پۇلىغا ئايلاندى . ئەمما بۇ پۇل شۇندىن كېيىن ئابراھام لىنكولن، جون كېننىدى قاتارلىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولدى . چۈنكى بىرى دوللارنىڭ دۆلەت ئىلكىدە بولۇشىنى تەشەببۇس قىلاتتى ، يەنە بىرى پۇلنى ھۆكۈمەت بېسىشى كېرەك دەپ چىڭ تۇرغان ئىدى .
ئامېرىكا دوللىرى 1919 - يىلى رەسمىي ھالدا روسچېلد جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ، ئامېرىكىدا فېدىراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى نامىدا بىر بانكا قۇرۇلۇپ ، ئامېرىكا دوللىرىنى شۇ بانكا ھۆكۈمەتكە ۋاكالىتەن بېسىپ بېرىشكە باشلىغان.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلغاننى ئاز دەپ ، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ياۋروپادىكى باي دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىقتىسادى ۋەيران بولغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا
1944 - يىلى 44 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ، ئۇلارنى ئاسانلا ھەر قانداق ھېساۋاتنى مۇقۇم ۋە ئىشەنچىلىك بولغان ئامېرىكا دوللىرى بىلەن قىلىشقا قايىل قىلغان. شۇندىن بېرى ئامېرىكا دوللىرى ئالتۇن بىلەن باغلانغان بىردىنبىر پۇلغا ئايلىنىپ ، ھەر 35$ دولار بىر ئۇنسىيە ئالتۇنغا باراۋەر بولغان .يەنى ئامېرىكا ھەر 35$ دوللارنى بېسىپ چىقىرىش ئۈچۈن چوقۇم بىر ئۇنسىيە ئالتۇن پەيدا قىلىشى كېرەك ئىدى . ئامېرىكا تاكى 1964 - يىلغىچە بۇ ۋەدىسىگە ئەمەل قىلغاچقا دوللارنىڭ مۇقۇم بولۇشى ھەر ھالدا يىگىرمە يىلدەك داۋام قىلىپ، نوپۇزى كۈچەيگەن .
1965 - يىلغا كەلگەندە ئامېرىكا ۋېيتنام ئۇرۇشى باشلاپ ، غايەت زور ھەربىي چىقىمنى قامداش ئۈچۈن دوللارنى قالايمىقان بېسىپ تارقىتىپ، پۇل پاخاللىقى كەلتۈرۈپ چىقارغان. چۈنكى بۇنچىۋالا زور ئالتۇننى بۇلاپ كېلىشنىڭ ئورنى بولمىغاچقا ، ئامېرىكا كېچە - كۈندۈز دوللار بېسىش ئارقىلىق چىقىمنى قامدىغان . بۇ خاتا قارار شۇ يىلىلا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتىنىڭ تىك سىزىق بويىچە تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان . ئاقىۋەت دېگول تۇنجى بولۇپ ئامېرىكىنىڭ گېلىنى سىققان . ئۇ 1966 - يىلى ئامېرىكىدىن فرانسىيە بانكىلىرىدىكى بارلىق دوللارنى قولغا ئېلىپ ، ئالتۇن قايتۇرۇش تەلىپى قويغان . ئەمما ئامېرىكا تاكى 1971 - يىلغىچە سۈكۈت قىلىپ تۇرۇۋالغان . شۇ يىلى پۈتۈن دۇنيانىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئامېرىكا « ئالتۇن دوللار» دەۋرىنىڭ تۈپتىن ئاخىرلاشقانلىقىنى جاكارلىغان . نەتىجىدە پۈتۈن دۇنيادا داۋالغۇش بولۇپ ، ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كەتكەن . ھەتتا نېكسون سايلىنىش ئالدىدا سايلام خىراجىتى تەلەپ قىلىپ تەيۋەندە جاڭ كەيشىدىن پۇل ئالالماي، قىزىل خىتايدىن پۇل ئېلىپ سايلىنىپ ، 1969 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى يادرو ھۇجۇمى قىلىپ يوقىتىشقا ئاز قالغان خىتاينى قۇتقۇزۇۋالغان . بۇ تەدبىرنى ئىشقا ئاشۇرغىنى دەل روسچېلد جەمەتىنىڭ غالچىسى ۋە ھازىرقى سەمرىگەن خىتاينىڭ نىجاتكارى ھېنرى كېسسىنگىر ئىدى. ئۇ ئەينى چاغدىكى « جون بولتۇن » بولۇپ ، خىتاينىڭ تاكتىكىسى بويىچە ئاجىز ئامېرىكىنى ئاجىز خىتاي بىلەن بىرلىشىپ ، كۈچلۈك سوۋېت ئىتتىپاقىغا قارشى بىرلىكسەپ قۇرۇشقا قايىل قىلغان .
ئامېرىكىنىڭ تەلىيىگە 1973 - يىلى 3 - قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى پارتلاپ ، مىسىر ئىسرائىلىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ ، 1967 - يىلى قولدىن بېرىپ قويغان سىنا يېرىم ئارىلىنى قايتۇرۇۋېلىپ ، داۋاملىق پەلەستىنگە قاراپ يۈرۈش قىلغان . دەل شۇ چاغدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى قاھىرە ئاسمىنىدا ئاگاھلاندۇرۇپ يۈرۈپ ، مىسىرنى ئۇرۇش توختاتقۇزغان . بۇ جەرياندا سەئۇدى پادىشاھى فايسال ئىزچىل بارلىق ئەرەب ئەللىرىنى ئىسرائىلىيەنى قوللىغان غەرپ ئەللىرىگە نېفىت ساتماسلىق چاقىرىقى بىلەن مىسىرنىڭ غەلىبە قىلىشىغا ئاساس سالغان . مانا شۇ كېسسىنگىر 1973 - يىلى شۇ سەۋەپ بىلەن سەئۇدىنى زىيارەت قىلغاندا ئامېرىكا دوللىرىنى قايتا پۈتۈن دۇنيانىڭ پۇلى قىلىش ئۈچۈن تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشكەن.
شۇ قېتىمقى ئۇتۇقلۇق سۆھبەت ئارقىلىق ، تەلەپلىرى قاندۇرۇلغان سەئۇدى ئەرەبىستان بارلىق نېفىت ساتقۇچى دۆلەتلەر ( ئوپىك) نى نېفىتنى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېساپلاپ سېتىشقا قايىل قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئالتۇندىن ئايرىلىپ قالغان دوللار نېفىت بىلەن باغلىنىپ، « نېفىت دوللىرى » دەۋرى باشلانغان .
1985 - يىلى ئامېرىكا تەرەپ سەئۇدى شاھىغا بېسىم قىلىپ ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئۇدا ئون ھەسسە قاتلاپ زورايتىپ ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نېفىت بىلەن پۇل تېپىش يولىنى ئۈزۈپ تاشلاپلا 1991 - يىلى ئۇنىڭ پارچىلىنىپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولغان .

« نېفىت دوللار ئۇچرىغان ھەر خىل خىرىسلار » :

1990 - يىلى سادام كۇۋەيتنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئىراق دىنارىنىڭ قىممىتى ئېشىپ ، 2002 - يىلغا كەلگەندە بىر دىنار ئىككى ئامېرىكا دوللىرى بىلەن تەڭلەشكەن . شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا باھانە تېپىپ ، 2003 - يىلى ئىراققا ھۇجۇم قىلىپ ، ئىراقنىڭ نېفىتى ۋە بارلىق ئالتۇنلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ، « نېفىت دوللار» نىڭ داۋاملىق دۇنيانى تىزگىنلەپ تۇرۇشى ئۈچۈن شارائىت ياراتقان .
ئەمما 2001 - يىلى باشلانغان ئافغانىستان ئۇرۇشى بىلەن 2003 - يىلى باشلانغان ئىراق ئۇرۇشى سوزۇلۇپ كېتىپ ، ئامېرىكا يەنە بىر قېتىم دوللارنى تازىلىق قەغىزى ئورنىدا كېچە - كۈندۈز بېسىپ چىقىرىپ يۈرۈپ ، 2008 - يىلى پۈتۈن دۇنيادا يەر شارى خارەكتېرلىق ئېغىر ئىقتىسادىي كىرىزىس كەلتۈرۈپ چىقارغان .
شۇ يىلقى ئىقتىسادىي كىرىزىس ۋەيران قىلمىغان ۋە تەسىر قىلمىغان بىرمۇ دۆلەت قالمىغان . ھەيران قالارلىقى ، پەقەت خىتايلا ئىشىكنى چىڭ تاقاپ ، ئۆز ئىچىدىكى بىر مىليارد ئادەم بازىرىغا تايىنىپ ، ئىقتىسادنى ئۆز ئىچىدە ئايلاندۇرۇپ يۈرۈپ ، بۇ قېتىمقى دۇنياۋى كىرىزىسنىڭ ئانچە چوڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. 2005 - يىلدىكى ئەنجان قىرغىنچىلىقى ،
2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقى ، 2010 - يىلدىكى ئوش قىرغىنچىلىقى قاتارلىق ئۈچ قېتىملىق ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇر نەسىللىك ئۆزبېكلەرنى قىرىش ۋەقەسىدىن كېيىن ، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ، رۇسىيە ۋە بەش ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلىشىشقا باشلاپ ،
خىتايلار 2011 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى ھەم ئىسلام تېررورلۇقىغا قارشى ئۇرۇشنىڭ ئون يىللىقىدا ئامېرىكىنىڭ تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ ، ئاساسلىق ھەربىي كۈچىنى ئاسىياغا ، يەنى غەربىي تىنچ ئوكيانغا قايتۇرۇپ كېلىدىغانلىقىنى سېزىپ قالغاندىن كېيىن ، قاقۋاش ئوباماغا تەكلىپ بېرىپ ، ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق ياردەمنى قىلىشقا ھازىر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ ، ئۇنى ئىندەككە كەلتۈرۈۋالغان .

خىتاينىڭ ئامېرىكىنى ئاخىرقى قېتىم ئالداپ كېتىشى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن يوقىتىش سۇيقەستىنىڭ تەييارلىقىنى باشلىشى :

ئامېرىكا 2011 - يىلى 11 - ماي بىن لادېننى ئۆلتۈرۈپ ، ئافغانىستان ۋە ئوتتۇرا شەرقتىن چېكىنىپ چىقماقچى بولغاندا ، خىتاي بىلەن رۇسىيە دەرھال شۇ يىلى باھاردا ھەر قايسى ئەرەب ئەللىرىدە پارتلىغان « ئەرەب باھارى » پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ ، ھەممە يەردە قورال تارقىتىپ ، ئوتتۇرا شەرقنى يۈز يىلدىن بېرى كۆرۈلمىگەن مالىمانچىلىققا دۇچار قىلىپ ، « نېفىت دوللىرى » نى سىقىپ چىقارماقچى بولغان . بۇ ئارقىلىق ھەم ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى داۋاملىق ئوتتۇرا شەرقتە تۇتۇپ تۇرۇش، ھەم ئۇنىڭ ئىقتىسادىغا ئېغىر زەربە بېرىپ ، بىراقلا ئۇنى ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن سىقىپ چىقىرىپ ، ئېنىرگىيە مەنبەسى بولغان ئوتتۇرا شەرقنى بۆلۈشمەكچى بولغان . لېكىن ئەرەبلەر تازا كۆڭۈلدىكىدەك ماسلىشىپ بولالمىغاچقا ، پۇتىن باشقىچە پىلان تۈزۈپ بۇ مەقسەتكە ئاساس سالغان . پۇتىن ئۆزى بىر قوللۇق ئويۇن ئويناش ئارقىلىق،2011 - يىلدىن بېرى پەسىيىپ قالغان شىمالىي كاۋكازدا بىردىنلا « جىھاد ۋە ھىجرەت » تەشۋىقاتى قوزغاپ ، ئەسلىدە دۆلىتىدىن ئايرىلىشى مەڭگۈلۈك چەكلەنگەن گۇمانلىق ياشلارغىمۇ پاسپورت بېجىرىپ بېرىپ ، ھەر قايسى رايونلاردىكى كاۋكاز ياشلىرىنى ئۆزىلىرى ئاللىبۇرۇن تەييارلاپ قويغان سۈرىيەدىكى بىر قىسىم سەھنىگە بىر قوللۇق جايلاشتۇرغان . بۇنى كۆرگەن نادان ياشلار كېيىنچە ئۆزلىكىدىن بۇ جايلارغا سەلدەك ئاققان .
خۇجىنتاۋنىڭ دەۋرىدە بۇنداق ئويۇننى تازا قاملاشتۇرۇپ ئوينىيالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما 2011 - يىلدىن بېرى تۇيۇقسىزلا تاشقى دۇنيا بىلەن ۋەتىنىمىزنى توسالغۇسىز ئېنتىرنېت تورى بىلەن تەمىنلەپ بېرىپ ، ئۈرۈمچى قەتلىئام پاجىئەسىدىن بۇيان روھىي دۇنياسى ئېغىر زەخمىلەنگەن خەلقىمىزنىڭ بەس - بەستە « ئىنتېرنېت بىلەن كۆپلەپ ئۇچۇر ئىگىلەش» ، « ئەقلىفون بىلەن ئىسلاملىشىش » دولقۇنى قوزغىلىشتا ئىجابىي رول ئوينىغان . ھەتتا گوگۇلدىن باشلاپ ، ئافغانىستاندىكى بىر قىسىم قوراللىق ئۇيغۇرلارنىڭ تەشۋىقاتى بىلەن ھەر خىل بومبا ياساش ۋە ھەر خىل قورال چۇۋۇش ، ئىشلىتىش ۋىدىئولىرىمۇ كەڭ تارقالغان .
شۇ يىلى 18 - ئىيۇل خوتەن شەھىرىدە بىر ساقچىخانىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ۋە 31 - ئىيۇل قەشقەر شەھىرىدە زەنجرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن .
نەتىجىدە 2013 - يىلى ئەتىيازدا تەختكە چىققان شى جىن پىڭ نېمە سەۋەپتىن پۇتىن ئوينىغان ئويۇننىڭ كاۋكاز ياشلىرىدەك تولۇق ئۇتۇق قازانماي ، ئەكسىچە ۋەتىنىمىزدىكى قارشىلىقنىڭ كۈچىيىپ كېتىپ ، تەتۈر تەسىر قوزغىغىنىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ ، تۆۋەندىكىدەك ئىككى نۇقتىدىن يىغىنچاق خۇلاسىلەپ چىقىدۇ .
بىرى ، تورنى ئېچىۋەتكەن بىلەن ئۇيغۇر ياشلىرىنى ھەر خىل ھىلە - مىكىرلەردىن توسۇپ تۇرىدىغان دىنىي ئۆلىمالارنىڭ ۋە جامائەت ئەرباپلىرىنىڭ نوپۇزىنىڭ غالىپ كېلىشى ۋە ھىجرەت بىلەن جىھاد تەشۋىقاتى ئېلىپ بېرىشقا سەل قارالغانلىقى ، يەنە بىرى ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىدا ئەزەلدىن ئۇيغۇر مىللىتىگە پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنىڭ قىيىن بولۇشى .
دوكلاتنى ئاڭلاپ چىققان شى جىن پىڭ ئۆزى بىۋاستە كۆرسەتمە بېرىپ ، ئالدى بىلەن خىتاي ھامان كارغا كېلىدۇ دەپ تۈرمىدە ساقلاپ كەلگەن بىر قىسىم دىنىي ۋەزچىلەرنى ھەم كېلىپ چىقىشى نامەلۇم بولغان ناتونۇش ئۇيغۇر سەييارە دەۋەتچىلەرنى ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇپ - شىمالىدا توسالغۇسىز ھەرىكەت قىلىشى ئۈچۈن شارائىت يارىتىپ بېرىش ۋە كۆز يۇمۇۋېلىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ . نەتىجىدە بۇ تەدبىر ئاخىرى ئۈنۈم بېرىدۇ . زور تۈركۈمدىكى ياشلار ئارىسىدا ، ھەتتا خىتايدا ئوقۇۋاتقان ئىلغار پەننىي بىلىمخۇمار ياشلار ئارىسىدىمۇ ھىجرەت ۋە جىھاد تەشۋىقاتى زور تەسىر قوزغايدۇ . بۇ داغدۇغا مەلۇم سەۋىيىگە يەتكەندىن كېيىن ، خىتاي شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا چېگرىسى ، بولۇپمۇ يۈننەن بىلەن ۋېيتنام چېگرىسىنى سىناق تەرىقىسىدە ئېچىۋېتىدۇ . بەزىدە ئارىلاپ - ئارىلاپ ئادەم تۇتۇپ ، رەزىل قىلمىشىنىڭ پاش بوپقېلىشىدىن ساقلىنىدۇ . چېگرادىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ بۇنى خۇدانىڭ مۆجىزىسى دەپ قاراپ ، ۋەتەندىكى تونۇش بىلىشلىرىگە خەۋەر قىلىپ تۇرىدۇ . شۇنىڭ بىلەن تۇنجى تۈركۈمدە خىتايغا نوپۇس يۆتكەپ، پاسپورت بېجىرىپ چەتئەلگە ھىجرەت قىلىش دولقۇنى كۈچىيىپ كېتىدۇ . ئەمما بۇ سۇيقەستنى سېزىپ قالغان ھوشيار ئۆلىمالار يەنىلا ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ، بىر مەزگىل بۇ داغدۇغىنى پەسكويغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەمما خىتايلار 2013 - يىلى 26 - ئىيۇن لۈكچۈندە ، 2013 - يىلى 28 - ئىيۇن خوتەندە بىر مەسچىت ئۇيغۇر ئاھالىسىنى قېرى - ياش دېمەي ئېتىپ قىرىپ تاشلىغان خىتايلار ئاخىرى خەلقىمىز ئىچىدە ياشلارنىڭ قايتىدىن ھىجرەت قىلش ۋە جىھاد قىلىش ئارزۇسىنى كۈچەيتىپ ، خىتايغا قارشى ھېسسىياتىنى يۇقىرى پەللىگە چىقىرىشتا غەلىبە قىلىدۇ . شۇندىن كېيىنلا ھىجرەتتىن ۋە جىھادتىن توسقان ئۆلىمالارنىڭ كەينىدىن « خائىن ، مۇناپىق ، خىتايلارنىڭ غالچىسى ، ۋەتەنپەرۋەر موللىلار » دېگەندەك ھاقارەتلەر كەڭ تارقىلىپ ، ياشلارنىڭ بىردەك ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىماسلىققا ئېلىپ بارىدۇ .
2013 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر تيەنئەنمېندىكى راۋاققا ھۇجۇم قىلغان ئۇيغۇرلار ۋە دىنىي بايراقلار ياشلارغا تېخىمۇ مەدەت بولىدۇ .
2014 - يىلى 3 - مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىنىمۇ چېگرا سىرتىدىكى قوراللىقلار دەرھال ئۆزىنىڭ قىلغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ . بۇ خەۋەرلەر يەنىلا بىمالال تور ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئۇيغۇر ياشلارنى غىدىقلايدۇ . بىر ئايدىن كېيىن ئاپرىلدا شى جىن پىڭ قەشقەردە « قاتتىق زەربە بېرىش » دېگەن گەپنى تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېيتىپ ، ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىشىگىلا ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا بومبا پارتلايدۇ . بۇنىڭدىن ئۇيغۇر ياشلار ھاياجانلىنىپ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ .
2014 - يىلى 14 - ماي ئۈرۈمچىدە ئىسلام دىنى ئوتتۇرا يول تۇرۇش خەلقئارالىق چوڭ يىغىنى ئېچىلىدۇ . 20 - ماي خىتاي ئىسلام جەمئىيىتى رەئىسى ئادىل ھاجى كېرەك ، بۇ توغرىلىق « بۈگۈنكى سۆھبەت » پروگراممىدا ئۇزۇن ۋەز ئېيتىدۇ . ئەمەلىيەتتە بۇلار زور بالا - قازانىڭ ئالدىدىكى شەپىسى ئىدى خالاس .
2014 - يىلى 22 - ماي ئۈرۈمچى قىزىلتاغ ئەتىگەنلىك بازىرىدا ماشىنا بومبا پارتلايدۇ . بالا - قازا ئەنە شۇ كۈندىن باشلىنىدۇ . 27 - ماي خىتاي كومپارتىيىسى جىددىي يىغىن ئېچىپ ، 28 - مايدىن باشلاپ ۋەتىنىمىزدە ئىككى يىللىق « قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى » قوزغايدۇ .
ياشلار تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنىدۇ . تېلفون ۋە باشقا بارماق دېسكىلاردىكى مەزمۇنلاردىن بىر - بىرلەپ ھېساپ ئېلىنىشقا باشلايدۇ . شۇنىڭ بىلەن ئىختىيارى ھىجرەت قىلمىغانلار قورقۇپ، مەجبۇرىىي ھىجرەت قىلىدۇ . ھەتتا پاسپورت يوق تۇرۇپمۇ خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىدۇ . تۇنجى بولۇپ ، يۇقىرىقى سىياسىي سۇيقەست ۋە رەزىل ئويۇننى بايقاپ قالغان ، ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچىگەن بىر قىسىم ئۇيغۇر دىنىي ئالىملىرى تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلايدۇ .
يەنە بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر خەلقىنى ئىسيان كۆتۈرۈشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ھەر خىل پەس ۋە يولسىز قىلمىشلارنى كۆپلەپ سادىر قىلىدۇ . خەلقىمىزنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە مىللىي قىممەت قارىشىنى قەستەن دەپسەندە قىلىپ، قارشىلىق كۆرسىتىشكە زورلايدۇ . شۇ ئارقىلىق 2013 - يىلى ئوتتۇرىغا قويغان « يىپەك يولى دوللار بەلۋېغى » پىلانى ئۈچۈن « ئۇيغۇرسىز شىنجياڭ بەرپا قىلىش قەدىمى» نى تېزلىتىدۇ .
ئويلىمىغان يەردىن ھېچقانداق بىر كۈچ ئالدىن قوماندانلىق قىلمىغان شارائىت ئاستىدا ئۆز پاراسىتى بىلەن بىرلا ۋاقىتتا قوزغىلىپ، چېكىدىن ئاشقا ئۆكتەملىكىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن كونا ئاستانە يەكەن خەلقى خۇددى 1684 - 1759 - يىللىرى غالدان ۋە چيەنلۇڭ قولىدا قاتتىق قىرىلغاندىنمۇ بەتتەر ھالدا 2014 - يىلى 28 - ئىيۇل زامانىۋى قوراللار زەربىسىدە ئۈچ كەنت بىلەن قوشۇلۇپ ئون نەچچە مىڭ ئۇيغۇر خەلقى دۇنيادىن غايىپ بولدى . ۋەقەدىن ئاران بىر ھەپتە ئىلگىرى گېرمانىيەدىكى بىز گېزىت باش ماقالە ئېلان قىلىپ : « ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات ئۇرۇشىدا خىتاي تەرەپ غەلىبە قىلدى » دەپ ئاخىرقى خۇاسىنى چىقارغانىدى . ئۇ چاغدا چەتئەلدە پەقەت - يېگەن ئىچكەننىڭ ، ساياھەتلەر ۋە ئەرزىمەس ئىشلار ، ھەتتا پەرداز ۋە گىرىم قىلىش ھەققىدىكى ئېلانلار قاپلاپ كەتكەن بولۇپ ، خىتاينىڭ قارىلىشىغا قارشى ئاخبارات ۋە تەشۋىقات قارشىلىقى خىتاينىڭ قارىلاشلىرى ئالدىدا 0.9% كىمۇ يەتمەي قالغان . مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا شۇ كۈنى يەكەن ئېلىشقۇدا قىرىلغان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ناھەق ئاققان بىر تامچە قېنىدا مۇھاجىرەتتىكى ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ھەسسىسى بار ئىدى . ھازىرمۇ « ۋەتەندىكى ئېقىۋاتقان قانلىرىمىزغا كىم ئىگە بولىدۇ !؟» .
جاۋابى ئوخشاش ، يەنىلا مۇھاجىرەتتىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ئىگە بولىدۇ . بىز تۆھپىكار بولۇش ئۈچۈن ئەمەس ، ئەكسىچە گۇناھىمىزنى يۇيۇش تۇيغۇسى بىلەن ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك! ئۆتكەن 33 يىلدا ، بولۇپمۇ يېقىنقى 3 يىلدا خەلقىمىزنى پانىي ئالەمدىكى دوزاخقا مەھكۇم قىلىپ قويۇپ ، يەنىلا مۇغەمبەرلىك بىلەن كەلگۈسىدە قۇرۇلغۇسى قان پۇراپ تۇرىدىغان ھاكىمىيەت تەختىگە چىقىشنى نىشان قىلغان ۋە ھەرىكەت قىلغان ئۇيغۇرلارنى خەلقىمىز قانۇن چىقىرىپ ، ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قالدۇرۇش كېرەك! چۈنكى بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدا ئۆزىنىڭ گۇناھىنى يۇيۇش تۇيغۇسى بىلەن خەلقىمىزنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي ۋەتىنىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئىزدەنمەي ، تېخىچە « توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ ، ئۆچكە جاڭگال چۈشەيدۇ » دەپ نومۇسسىزلىق بىلەن خىجىل بولماستىن ، يەنە تالاي خەلقىمىزنىڭ قانلىرىنىڭ بىھۇدە ئېقىشىغا قاراپ تۇرۇپ ، كېيىنچە پۇرسەتپەرەسلىك ۋە نەيرەڭۋازلىق بىلەن تەييارغا ھەييار بولۇش قەستىدە بولغان ۋاپاسىز ۋە ئىپلاس كىشىدىن خەلقىمىزگە ھەرگىز ۋاپا ۋە ياخشىلىق كەلمەس! ھازىر ھەر كىمنىڭ سالاھىيىتى ۋە ئەسلى ئەپتى - بەشىرىسى بىلەن ئوتتۇرىغا چىقىدىغان كۈنى. ھازىر يوق بولغان قۇرۇق مەنسەپلەر ، پۇللار ۋە نام - ئاتاقلارنى تالىشىپ ئالەمنى بېشىغا كىيىپ شەرمەندە بولغان بىچارىلەرنىڭ كېلەچەكتە قولىغا ھوقۇق، پۇل ۋە قورال چىققاندا نېمىلەرنى قىلىشتىن يانمايدىغانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ !؟؟

مانا يۇقىرىقىلار خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ « نېفىت دوللار » دەۋرىگە خاتىمە بېرىپ ، « نېفىت يۈەن » دەۋرى يارىتىش ئۈچۈن ۋاستە تاللىماي تەتبىقلاشقا باشلىغان ئىستراتېگىيىلىك پىلانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەددىمىسىنىڭ دەسلەپكى باسقۇچى ئىدى . ئۇنداقتا مەزكۇر مۇقەددىمىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى قانداق بولغان !؟
ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىختىيارىي ھىجرەت قىلدۇرۇش ئۇرۇنۇشى تازا كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغاچقا ، ئالدى بىلەن ئىشىكنى تاقاپ قاتتىق ئۇرۇپ - سوقۇپ ، ئارقىدىن ئىشىكنى بىراقلا ئېچىۋەتمەكچى بولغان . شۇندىلا ھېچكىم ئالدى - كەينگىگە قارىمايلا ئۇدۇل چەتئەلگە قاراپ قاچاتتى . بۇ پىلان ئويلىغاندىن بەكرەك ئۈنۈم بەرگەن . 2014 - يىلى 28 - مايدىن تاكى 2015 - يىلى 22 - مايغىچە ئۇدا بىر يىل داۋام قىلغان قاتتىق زەربە بېرىشلەر ۋە قالايمىقان تۇتقۇن قىلىشلار يالغۇز دىنىي زاتلار ۋە دىنىي ياشلارنى قورقۇتۇپلا قالماستىن ، بەلكى بارلىق ئۇيغۇرلارنى قاتتىق ئەندىشىگە سالغان . خىتايغا ئوڭ كەلگەن يېرى، پۇتىن 2011 - يىلدىن 2013 - يىلغىچە سۈرىيەگە جايلاشتۇرۇپ بولغان كاۋكازىيە قوراللىقلىرى، ياۋروپا قوراللىقلىرى ۋە ئەرەب - ئىسلام جۇغراپىيىسىدىن يىغىلغان قوراللىقلار قوشۇلۇپ ، موساد ۋە مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسى تۈرمىدىن بوشاتقان ئەبۇ بەكىر باغدادى باشچىلىقىدا 2014 - يىلى 6 - ئىيۇن جۈمە ئىراقنىڭ شىمالىدىكى موسۇل جامەسىدە « ئىسلام دۆلىتى خەلىپىلىكى » قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان . بۇ چاغدا ۋەتىنىمىزدە قاتتىق زەربە بېرىش باشلانغىلى تېخى ئەمدىلا ئون كۈن بولغان بولسىمۇ تور شۇ قەدەر قويۇۋېتىلگەن ئىدى . ھەتتا ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ قوللانغان « نۇر تورى » مۇ بۇ خەۋەرنى شۇ كۈنىلا قورقماي تارقىتىپ ئۈلگۈرگەن . شۇنداق قىلىپ ھەم ئىختىيارى ھەم مەجبۇرىي ھىجرەت قىلىش ئىستىكى بىراقلا پۈتۈن ۋەتەندە ئەۋج ئالغان . نەتىجىدە 2015 - يىلى مايدا ، ئىلى ، قاراماي ۋە چۆچەكتە پاسپورت بېجىرىش چەكلىمىسىنى يوق قىلغاندىن كېيىن ، ئۇنى ئاكتىپ بېجىرىش قىزغىنلىقى ئەسلى مۆلچەرلەنگەن ئۈنۈمدىن ئېشىپ كەتكەن . 2015 - يىلى ئىيۇن ئېيىدىن تاكى ئاۋغۇست ئېيىغىچە ئۈچ ئاي تارىم ۋادىسىدىكى ئاقسۇ ، قەشقەر ۋە خوتەندىمۇ پاسپورت بېجىرىش چەكلىمىسى بىراقلا ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان . خەلقىمىز بەئەينى تۈرمىدىن چىقققاندەك خۇشال كەيپىياتتا سەلدەك ساقچىخانلارغا ئېقىپ ، نەچچە كۈن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ پاسپورت بېجىرىۋالغان . گەرچە ساقچىلار بۇ سىياسەتنىڭ كەم دېگەندە بىر يىل داۋام قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ، ئاۋامغا نەسىھەت قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما « بۈگۈن بىلەن ئەتىسىگە ئىشەنچ قىلالماس ھالغا چۈشۈپ قالغان خەلقىمىز » بۈگۈن ئېلىۋالغان ئەۋزەپ دەپ قاراپ ، ئائىلە بويىچە تولۇق پاسپورت ئالغان . دەرۋەقە بۇ خىل كۆرۈلۈپ باقىغان سىياسەت دەل بىر يىل داۋام قىلغان . ئەڭ ئاخىرقى پاسپورتلار 2016 - يىلى 8 - ئاينىڭ ئاخىرى خەلقىمىزنىڭ قوللىرىغا تېگىپ بولغان . ئەڭ ئاخىرقى تۈركۈم چەتئەلگە كۆچۈش دولقۇنىمۇ شۇ يىلى سېنتەبىرنىڭ ئاخىرىغىچە داۋام قىلغان . بۇ قېتىمقى سىناقتا بىر قىسىم مىللىتىمىز ئىچىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان ئىختىساس ئىگىلىرىمۇ ، پايدىسىدىن زىيىنى تولا بولغان تالاي بۇزغۇنچىلارمۇ تەڭ قۇتۇلۇپ قالغان. يامان بولغىنى بۇ قېتىمقى پاسپورتتا چەتكە چىققانلاردا ئاساسلىقى « كەتمەننى تاشلاپلا ئەركىن دۇنياغا چىقىپ قالغانلار» مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگىگەچكە ئۇلار يىغىلىپ قالغان جايلاردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيسى ۋە ئوبرازىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن . ياخشى يېرى خىتايلار ئارزۇ قىلغاندەك ھەممە ئادەم ئۇدۇل سۈرىيەگە بارماستىن ئەكسىچە كۆڭلىگە پۈككىنى بويىچە يا ئەرەب دۆلەتلىرىدە دىن ئوقۇغىلى يا ياۋروپا ئەللىرىدە پەن ئوقۇغىلى يېتىپ كەلگەن . قالغان ئوقۇش يېشىدىن ئۆتۈپ كەتكەنلەرمۇ لايىقىدا تىرىكچىلىكىنى قىلغان . ھەر ھالدا « يولۋاسنى تاغدىن ئايرىش ھىلىسى » نى كۈچىمەيلا ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بولغان خىتايلار شۇ يىلى سېنتەبىردە ۋەتىنىمىزگە يۆتكەپ كەلگەن غالجىر ئىتى چېن چۇەنگو ئارقىلىق پاسپورتلارنى تېز سۈرئەتتە يىغىۋېلىشنى باشلىسا ، يەنە بىر تەرەپتىن چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارغا 30 - ئۆكتەبىر كۈنىدىن بۇرۇن قايتىپ كېلىش ، ئۇنداق قىلمىسا ، ھەم پاسپورتى ئىناۋەتسىز ھەم قارا نوپۇس قىۋېتىدىغانلىقى ھەققىدە گەپ تارقاتقان. بىر تۈركۈم ساددا خەلق دەل ۋاختىدا قايتىپ كەتكەن . مىسىردىكى خىتاي تەرەپمۇ 10 - ئۆكتەبىر مىسىردا ئوقۇۋاتقانلارغا ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى توختاتقان . بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر ئەمەلىيەتتە 2016 - يىلى 15- ئىيۇل تۈركىيەدىكى ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىش ۋە بىر ئاي كېيىنكى رۇس - تۈرك مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك ئىدى . چۈنكى ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قوراللىقلارنى سالامەت مەنزىلگە يەتكۈزۈش ئىشى ۋە « قوغۇنلۇقنىڭ يولى » دەل تۈركىيەدە ئىدى . ئالدى بىلەن ئورۇسلار تورنى يىغىشقا باشلاپ ، 2011 - يىلدىن 2015 - يىلغىچە سۈرىيەگە توپلىغان كاۋكازلىقلارغا 2015 - يىلى 30 - سېنتەبىردىن باشلاپ ئوت ئاچقان . خىتايمۇ ساق بىر يىل ئۆتۈپ 2016 - يىلى 30 - ئاۋغۇست جاڭ چۈنشەننى يۆتكەپ كېتىپ ، 30 - سېنتەبىر ۋەتىنىمىزدە تورنى يىغىشقا باشلىغان . ئەمما تۈركىيەدىكى سېسىق نامى پۇر كەتكەن « قوغۇنلۇق يولى » تاكى 2018 - يىلى سايلامغىچە ئوچۇق پېتى تۇرغان. گەرچە 2018 - يىلى يانۋاردىكى « ئافرىن ھەرىكىتى » دىن كېيىن چېگرالار قاتتىق چىڭىتىلغان بولسىمۇ ، ئەمما ھازىرغىچە يەنىلا بىر ئاماللار بىلەن ئادەم ئەتكەسچىلىكى قىلىدىغان ئىشلار ئۈزۈلۈپ قالمىغان . شۇنداق قىلىپ خىتاينىڭ « يىپەك يولى بەلۋېغى » نىڭ بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدىغان تۇنجى باسقۇچلۇق پىلان ئۇتۇقلۇق تاماملانغان .

خىتاي بۇ باسقۇچتا كۆزلىگەن نىشان نېمە !؟؟

ئەقىللىق پۇتىن گەرچە 1999 - يىلى ئاۋغۇستتا باشلىغان 2 - چېچېن ئۇرۇشىنى 2009 - يىلى ئۈرۈمچى قەتلىئامىدىن سەل بۇرۇن ( ئاپرىلدا ) ئاخىرلاشتۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما شىمالىي كاۋكازدىكى يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان قىساسچىلار ۋە يوشۇرۇنۇۋالغان مىللىي - دىنىي مۇستەقىلچىلەر ئۇنىڭ ئارامىنى قاچۇرغانىدى . ئۇلارنى ئۆز ۋەتىنىدە يوقاتسا، يەنە كېيىنچە بېشىغا بالا بولىدىغان يېڭى ئىنتىقامچىلار تېخىمۇ كۆپىيىپ كېتەتتى . ئۇنداقتا ئۇلارنى قەيەردە قىرىپ تۈگىتىش كېرەك !؟؟ چوقۇم رۇسىيە سىرتىدا قىرىش كېرەك . بۇنداق پۇرسەت ئەپسۇس ئۇ چاغلاردا ھېچيەردە يوق ئىدى . پۇتىن 2010 - يىلى مانا شۇلارنى قانۇنلۇق يوقىتىشقا باھانە تاپالماي جىلە بولۇپ تۇرغاندا، 2011 - يىلى ئوتتۇرا شەرقتە بىردىنلا « ئەرەب باھارى » پارتلىدى . پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشقا ماھىر پۇتىن « ئەرەب باھارىنى ئەرەب زاۋالى » غا ئايلاندۇرۇپ قويدى . پۇتىننىڭ بىۋاستە يول قويۇشى ۋە كۆز يۇمۇشى بىلەن شىمالىي كاۋكازدا جىھاتقا تەرغىپ قىلىش ساداسى 2012 - يىلى بىردىنلا يۇقىرى سەۋىيىگە يەتتى . شۇ يىلدىن تاكى 2015 - يىلى ئاۋغۇستقىچە ساق ئۈچ يىل ئۆمۈر بويى يۇرتىدىن ئايرىلىش چەكلەنگەن كىشىلەرمۇ پاسپورت بېجىرىپلا ئۇدۇل سۈرىيەگە كەلدى.ھەتتا ئاز ساندىكى رۇسىيە ئىستىخبارات كۈچلىرى سۈرىيەگە بېرىپ كېلىپ ، كاۋكازدا داۋاملىق چاقىرىق ئېلىپ باردى . نەتىجىدە 2015 - يىلى 30 - سېنتەبىر پۈتۈن دۇنيانى ھاڭ - تاڭ قالدۇرغان بىر ھادىسە يۈز بەردى . ئۇ دەل شۇ كۈنى پۇتىننىڭ سۈرىيەگە تەكلىپ بويىچە كىرىپ ، تېررورچىلارنى يىغىشتۇرۇپ بېرىدىغانلىق بايانى ئىدى . شۇ كۈنى رۇسىيە ھاۋا ئارمىيىسى كاۋكازلىقلار زىچ ئورۇنلاشقان ئورۇنلارنى بومباردىمان قىلىشقا باشلىدى .

ئەزەلدىن بىزنى قەستلەشتە رۇسلاردىن ئۆگىنىپ كەلگەن باندىتلار دەل شۇ 2015 - يىلى ئاۋغۇستتا ، يەنى رۇسلار پاسپورت بېجىرىپ بېرىشنى توختاتقان زامانلا ۋەتەندە پاسپورت بېجىرىشنى ئومۇميۈزلۈك قويۇپ بەردى . ئۇنىڭدىن بۇرۇن بارلىق تاراتقۇلار ۋە ئالاقە ۋاستىلىرى 2011 - يىلدىن باشلاپ كەڭ قويۇپ بېرىلگەن . 2012 - 2013 - يىللار بولسا جىھات تەرغىباتى ھەر قايسى ۋىلايەتلەردە يۇقىرى پەللىگە يەتكەن . گەرچە ۋەتىنىمىزدە 2014 - يىلى قاتتىق زەربە بېرىش باشلانغان بولسىمۇ ، ئەمما كېيىنكى ئاچچىق ھەقىقەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى بۇ بىر قېتىملىق « قەستەن چەتئەلگە قوغلاش ھەرىكىتى ئىدى »  . بۇ قوغلاش ئارقىلىق كەم دېگەندە بىر چالما بىلەن بەش سېمىز پاختەك سوققىلى بولاتتى . مەنچە ئۇلار ھازىرغىچە ئۈچ پاختەك سوقۇپ بولدى . قالغان ئىككى پاختەكنىمۇ سوقۇپ بولاي دېدى.

پاسپورت قويۇپ بېرىلىشى بىلەنلا يۈرىكى سۇ بولۇپ كەتكەن خەلقىمىز ئەركىن دۇنياغا سەلدەك يامرىدى . خۇددى چىۋىن نىجاسەتكە، ھەسەل ھەرىسى گۈلگە قونغاندەك ھەر كىم ئۆزى نىشانلىغان جايلارغا باردى . بۇ ئارقىلىق مىللىتىمىزنىڭ ئاڭ - سەۋىيىسى ۋە دۇنيا قارىشىنىڭ نەگىچە تەرەققىي قىلالىغانلىقىنى بىلگەن باندىتلار ھەر خىل چارىلەر ئارقىلىق بىر تۈركۈم ئىش كۆرمىگەن ياشلارنى تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە رىغبەتلەندۈرۈپ ، مۇسۇلمان سىياقلىق سىرلىق ئادەملەرنىڭ ۋاستىسىدە ھەر بىر ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە توغرىلاپ بەش مىڭ دوللارغا ئېرىشسە ، چېگراغا ئاپىرىپ قويغانلار ھەم مەلۇم مىقداردا ھارام پۇلغا ئېرىشكەن . شۇنداق قىلىپ « ئادەم سودىسى » تازا قىزىپ كەتكەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ، يەنى 2016 - يىلى ئاۋغۇستتا ۋەتىنىمىزدە جىددىي ئۆزگىرىش باشلىنىپ ، سېنتەبىردىن باشلاپ پاسپورتلار يىغىلىشقا باشلىغان . بېجىرىپ قويۇپ چەتئەلگە چىقمىغانلارنى « نېمىشقا چىقمىدىڭ ؟ نېمىگە بېجىردىڭ ؟». دەپ قىينىسا ، بېجىرمىگەنلەرنى « نېمىشقا بېجىرمىدىڭ ؟ نېمە مەقسىتىڭ بار ؟ » دەپ قىستاققا ئېلىشنى باشلىغان . 2017 - يىلى لاگىرلار ئىشقا كىرىشىپ ، ئالدى بىلەن ساھەلەر بويىچە ، ئارقىدىن ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىشلار باشلانغان . سۈرىيەگە جەلپ قىلىش ئويۇنىغا كىرمەي ئوتتۇرا شەرقتە دىن ئوقۇۋاتقان بالىلارنى ئۈچ ئاي پىتنە - پاسات ۋە تەھدىتلەر بىلەنمۇ قاچۇرالمىغان باندىتلار قاتتىق ئۇسۇل ئىشلىتىپ ، مىسىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمىنىڭ قولى بىلەن مەلۇم ساندىكى ئۇيغۇرلارنى تۇتقۇن قىلىپ ، باشقا نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى تۈركىيەگە ئۇتۇقلۇق قاچۇرغان . بىچارە ئۇيغۇرلار خۇددى خىتاي ئالدىن مۆلچەرلىگەندەك پەرەز بىلەن ھەر تەرەپتىن تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن . ئەپسۇس، ئۇ يەردە ئويۇننىڭ ئىككىنچى بۆلۈمىنىڭ ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرغانلىقىنى ئۇلار زادىلا بىلمەيتتى.

بۇ قاچۇرۇش خۇددى 1949 - يىلى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ كارۋىنىنى قاچۇرۇش بىلەن 1959 - يىلى دالاي لامانى قاچۇرۇۋېتىش ھەرىكىتى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە بولغان . يەنى شۇ ۋاقىتتا ھەر ئىككى سەركىنى قورشاپ بولغان باندىتلار ماۋنىڭ بىۋاستە بۇيرۇقى بىلەن ئۇلار چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكىچە يوشۇرۇنۇپ سۈكۈتتە تۇرغان . مەلۇم ساندىكى غوللۇق كىشىلەر چېگرىدىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ، يالغاندىن ئازراق قوغلاپ ، بەزى كىشىلەرنى قولغا ئېلىپ ، ئارقىدىن پۇشايمان قىلغان ساختا كۆرۈنۈش پەيدا قىلىپ قايتىپ كېتىشكەن .

سەيپىدىن ئەسلىمىسىدە يازغان ماۋنىڭ مۇنۇ دانا سۆزى بۇ نۇقتىنى تېخىمۇ ئىسپاتلاپ بېرىدۇ

:« قاچسا قاچسۇن ، توسماسلىق كېرەك ». ماۋ
1949 - يىلى 19 - سېنتەبىر
كېيىن ماۋ سەيپىدىننىڭ ئۆزىگە مۇنداق دەيدۇ :« قاچىدىغانلار كەتسە كەتسۇن ، كېيىن سىلەرگە سالىدىغان ئاۋارىچىلىق ئازىيىدۇ . چەتتە بىزنى تىللىغانلار بىر نەچچە مىڭ بولسا، يەنە بىر نەچچە يۈزى قوشۇلىدۇ خالاس . ھېچ گەپ يوق » .   1949 - يىلى 20 - سېنتەبىر
مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالار 18 - سېتەبىر ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىپ ، 20 - سېنتەبىر بۈگۈر يېڭىساردا ئىككى كۈن ئارام ئېلىپ ، 22 - سېنتەبىر داۋاملىق يولغا چىققان . ئەمما 26 - سېنتەبىر كومپارتىيەگە تەسلىم بولغان گومىنداڭ باندىتلىرى ئۇلارنى كۇچاردىن باشلاپلا تولۇق نازارەت قىلىشقا باشلىغان. بىراق ماۋ ئۇلارنىڭ تۇرۇپ قالغىنىدىن قېچىپ كەتكىنى ئەۋزەل دەپ قارىغان . ئارىدىن 66 يىل ئۆتۈپ ، چەتئەلگە چىقىۋالغىنىدىن قەۋەتچە خۇش بولۇپ ئولتۇرغان ئەڭ كالۋا ئۇيغۇرغا قارىغاندا ، ئۇلارنى ئۇستىلىق بىلەن قاچۇرۋېتىپ ئۇتۇق قازانغان قۇۋ باندىتلارنىڭ خۇشاللىقى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى .
سەيپىدىن ئەسلەپ يەنە مۇنداق دەيدۇ :
« مەن شۇ كۈنى ماۋغا تون ۋە تۇماق  كىيدۈردۈم » . چىنى تۈركىستانچىلار  1949 - يىلى 22 - سېنتەبىر بۈگۈردە بىر كۈن قونۇپ ، چىڭگىزخان داموللامنى ئېلىپ ، چېگراغا قاراپ يۈرۈپ كېتىدۇ .
چېگرادا جاۋشىگۇاڭنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تۇتقۇن قىلىنىدۇ . ئەمما تاۋسىيۆنىڭ بۇيرۇقى بىلەن قويۇپ بېرىلىدۇ . لېكىن بىرىنچى تۈركۈم ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن ، ئىككىنچى تۈركۈمدىكىلەرنى باندىتلار تۇتۇپ قالىدۇ . نەتىجىدە چىڭگىزخان داموللام باشلىق بۇ مۇھاجىرلار 1950 - يىلى باش ئەتىيازدا ئوسمان باتۇرلار بىلەن بىللە ۋەھشىيلەرچە ئېتىپ تاشلىنىدۇ .

خىتاينىڭ « نېفىت يۈەن » ئارقىلىق دۇنيا ئىقتىسادىنى تىزگىنلەش ئىستىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ سودا ئۇرۇشى قوزغىشى :

قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى قۇرۇلغاندىن بېرى ئامېرىكىنى ئۇدا ئالتە قېتىم ئالدىيالىدى . ( تېخى دۆلەت قۇرماستىلا بىر قېتىم قاتتىق ئالدىۋەتكەن ئىدى ). شۇڭلاشقا خىتايلار ئۈلۈشكۈن « ئامېرىكىلىقلار خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى . ماۋ سىتالىننى گۇمران قىلدى » دەپ ماختانغان بولسا ، تۈنۈگۈن « ئامېرىكىلىقلار سوۋېتنى پارچىلاپ خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى» دەپ ماختاندى . بۈگۈن « ئامېرىكىلىقلار خىتاينى قۇتقۇزۇپ قالدى . شى جىن پىڭ ئۇيغۇرلارنى مەركەز قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى گۇمران قىلدى ! » دەپ ماختانماقتا . ئەمدى ئەتىكى شوئارى « ئامېرىكىلىقلار يوقىلىشقا مەھكۇم ! ئۇلار تارىختىكى ئەڭ ئەشەددىي ئۆكتەم ۋە زوراۋان دۆلەت ! » بولغاندىلا ئاندىن ئامېرىكا چۆچۈپ ھوشىنى تاپتى .
2016 - يىلى نويابىردا لىڭتاسما كۆسەي بىراك ئوبامانىڭ ئورنىغا چىققان سودىگەر دوللار تۇراپ، ئىنچىگە ھېساپ قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ ھەر يىلى خىتاي بىلەن بولغان سودىدا ئۇدا 323 مىليارد زىيان تارتىپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ، 2017 - يىلى 5 - ئاپرىلدىن 2017 - يىلى 11 - نويابىرغىچە بارلىق رەزىل جىنايەتلىرىگە كۆز يۇمغان خىتايغا تۇتقان بىپەرۋا ھالىتىنى بىردىنلا ئۆزگەرتىپ 2018 - يىلى مارتتا سودا ئۇرۇشى باشلىدى . ئاندىن تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ، شۇ يىلى 12 - ئىيۇن خانويدا كىم بودەك بىلەن بىۋاستە كۆرۈشۈپ ، خىتاينىڭ ۋاستىچىلىق رولىغا خاتىمە بەردى . ئاندىن كېيىن 16 - ئىيۇل كېسسىنگىرنى بىللە ئېلىپ، بىزگە خوشنا ھېلىنىسكىدە ( فىنلاندىيە پايتەختى ) گورباچېۋنى باشلاپ كەلگەن پۇتىن بىلەن يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، خىتايغا قارشى سودا ئۇرۇشىدا ئورۇسلارنىڭ بىتەرەپ مەيدانىنى قولغا كەلتۈردى .  ھەتتا 2019 - يىلى 8 - ئىيۇن بىر قېتىمدىلا خىتايدىن 60 مىليارد دوللار يۇلۇپ ئالغان ۋىلادىمىر پۇتىن شى جىن پىڭ نىڭ كۆز ئالدىدىلا قىلچە يۈز قىلماستىن مۇخبىرنىڭ سودا ئۇرۇشى ھەققىدە سورىغان سوئالىغا مۇنداق جاۋاپ بەردى :« ئىككى يولۋاس سوقۇشسا ، ئەقىللىق مايمۇن بىر ياندا بانان يېگەچ تاماشا كۆرىدۇ ! » . خىتايلارمۇ بوش كەلمەي ، تالىبان ، كىم بودەك ، ئىران ۋە باشقا ئۇششاق تېررورچى غالچىلىرىنى ئىشقا سېلىپ ئامېرىكىنى داۋاملىق ئوتتۇرا شەرق ۋە شىمالىي كورىيە پاتقىقىدا تۇتۇپ تۇرماقچى بولدى . ئەمما دوللار تۇراپ دوللارغا كەلگەندە قىلچە ۋاستە تاللىماستىن 2018 - يىلدىكى قاتتىق قول مەيدانىنى ساقلاپ قالغاچ ، خىتاي باندىتلىرىنىڭ يارىسىنى تاتىلاشقا باشلىدى .
2018 - يىلى ئاۋغۇستتا ۋەتىنىمىزدىكى جازا لاگىرلىرى مەسىلىسى تۇنجى قېتىم ب د ت دا كۈچلۈك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ ، خىتاي ھەر ھالدا شەرمەندە بولدى . 2019 - يىلى خىتاي بار كۈچى ئويۇن ئوينىغانتى ، ئىيۇندا خوڭكوڭ خەلقى قوزغىلىپ كەتتى . مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارمۇ جانلىنىپ كەتتى . دوللار تۇراپ 14 - ئاۋغۇست بىردىنلا ئۇيغۇر قىزى ئەلنىگار ئېلتەبىرنى « خىتاي ئىشلىرى دېرىكتورى » قىلىپ تەيىنلەپ خىتايغا بىر تەستەك سالدى .
سېنتەبىردە كىم بودەكنى قايتا ئىندەككە كەلتۈرۈپ ، ئۆكتەبىردە باغدادىنى ئۆلتۈرۈپ، سۈرىيەدىكى ۋەزىيەتنى پەسكويغا چۈشۈردى .
نويابىردا باندىت ھەفتەرنى چېكىندۈرۈپ ، لىۋىيەدىكى كەسكىن ۋەزىيەتنى پەسكويغا چۈشۈردى . دېكابىرنىڭ بېشىدا ناتو ئەللىرى يىغىنىدا خىتاينى تۇنجى قېتىم ئوچۇق ھالدا ئەڭ چوڭ خەۋپ قاتارىغا كىرگۈزۈپ، مۇداپىئە چىقىمىنى ئىككى قاتلاشنى تەشەببۇس قىلدى.
دېكابىرنىڭ ئاخىرى سودا سۆھبىتىنى توڭلىتىپ قويدى . 2020 - يىلى 3 - يانۋار گېنىرال قاسىم سۇلايمانىنى ئۆلتۈرۈپ ، ھەم ئىراننىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرۇپ ، ھەم خىتاينىڭ يۈرىكىنى مۇجۇپ قويدى . ئاخىرى خىتاي تەسلىم بولدى . نەچچە كۈن ئۆتۈپ ، خىتاي سودا ۋازارىتى بايانات بېرىپ ، 2018 - يىلى سودىدا ئامېرىكىدىن 323 مىليارد پۇل ئۇتۇۋالغانلىقى ، ئەمما سودا ئۇرۇشى سەۋەپلىك 2019 - يىلى 296 مىليارد زىيان تارتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى . شۇندىلا ئامېرىكا خىتاينى « پۇلىنىڭ قىممىتىنى سۈنئىي كونترول قىلىدىغان ئەللەر تىزىملىكى » دىن چىقىرىپ تاشلىدى . دوللار تۇراپنىڭ ئاغزى پېچەتلەنگەن بولسىمۇ، مۇئاۋىن پىرىزىدېنت بىلەن تاشقى ئىشلار ۋەزىرى داۋاملىق خىتايغا قارشى باياناتلارنى بېرىپ تۇرماقتا . بۈگۈن 15 - يانۋار دوللار تۇراپ تۇنجى باسقۇچلۇق سودا كېلىشىمىگە ئىمزا قويىدىغان كۈن . ئەمما بۇ سېرىق سودىگەرنىڭ گېپىنىڭ تۇتامى يوق ، يەنىلا ئەمەلىيىتىگە قاراش كېرەك !

ئىككىنچى سوۋېت بوپقالماسلىق ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى قىرىۋېتىپ خاتىرجەم ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشقا ھازىرلىق قىلىش ئىستراتېگىيىسى :

خۇلاسە قىلغاندا ، ئەينى ۋاقىتتا دەل مۇشۇ ئامېرىكا قوزغىغان تۇنجى سوغۇق ئۇرۇش سوۋېت بىلەن خىتاينىڭ بىرلىشىپ خەلقىمىزنى قۇل قىلىشى مۇستەقىل دۆلىتىمىزنى يوقىتىشى بىلەن باشلانغان بولسا ، ھازىرمۇ يەنە شۇ ئامېرىكا قوزغىغان ئىككىنچى قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇش خەلقىمىزنىڭ تۈپتىن قىرىپ تاشلىنىش خەۋپىنى كۈچەيتىپ قويۇۋاتىدۇ . چۈنكى سوغۇق ئۇرۇش دېگەن خەخنىڭ يۇرتلىرىدا ئۇزۇن داۋام قىلىدۇ . بىۋاستە ئۇرۇشۇش يۈز بەرمەيدۇ . ئەمما بۇنداق ئۇرۇش ئاخىرىغا چىققۇچە خەلقىمىزنىڭ نەسلى قۇرۇپ بولىدۇ. خىتايلارمۇ شۇڭا سوغۇق ئۇرۇشنى تاللايدۇكى، ھەرگىزمۇ بىۋاستە ئۇرۇشنى تاللىمايدۇ. ئەمما بۇ ئېھتىماللىق مەۋجۇت بولغىنى ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقىنى تۈپتىن يوقىتىپ، ھەم ئارقا سەپتىن چاتاق چىقىشىدىن ، ھەم غەرپتىكى بىردىنبىر ھاياتلىق ئېنىرگىيە يولىدىن مەھرۇم قېلىپ بىراقلا ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈندۇر.
( يەنى خىتاي باندىتلىرى ئۆزىنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىمپىرىيە مەۋجۇتلۇقىنى قوغداپ قېلىشنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مىللىي ۋەسىياسىي مەۋجۇتلۇقىنى تۈپتىن يوقىتىش بەدىلىگە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى . تولىمۇ ئەپسۇس، نادان يېتەكچىلەر ۋە كالۋا كىشىلەر بۇنى يېقىنقى بەش يىل ئىچىدە تاسادىپىي ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان ئىش ، « ئۆزىمىزنىڭ شورى » دەپ خەلقىمىزنى ئالدىماقتا ۋە بۇ پاجىئەنى ئۇلۇغ خۇداغا ئىتتىرىپ قويماقتا ).
شۇڭا ئامېرىكا ئوت بىلەن ئويناشماسلىقى ، ئۆز ئىستىقبالى ئۈچۈن بولسىمۇ خىتايغا قايتا ئالدىنىپ قالماسلىقى ، شۇنداقلا ھەر  ئىككى قېتىملىق سوغۇق ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىقى ، يۈز يىللىق كوممۇنىزىم ۋاباسىنىڭ ئەڭ قاتتىق ھەم ئەڭ ئۇزاق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىسىغا ئايلىنىپ قالغان خەلقىمىزدىن ئەپۇ سوراش ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئۇيغۇرىستان مۇستەقىللىقىنى ھەربىي جەھەتتىن بىۋاستە قوللىشى ، ئەڭ بولمىغاندىمۇ ۋەتىنىمىزدىكى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن « مىللىي چوڭ قىرغىنچىلىق » ، « ئىرقىي قىرغىنچىلىق » ، « مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى » ۋە باشقا ئاتالغۇمۇ تېپىلمايدىغان « پىچاقسىز قان چىقارماي بوغۇزلاش جىنايەتلىرى » تۈپتىن توختىتىشى كېرەك ! ( ھازىر ۋاشنگتوندا تېخى ئەمدى 15 - يانۋار سەھەر سائەت 5:33 بولدى. ھەممەيلەننىڭ دىققىتى ئاقسارايدىكى سودىگەر دوللار تۇراپتا بولسۇن ! ) .

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئەمدى ئاخىرقى چېكى ئېنىق بولمىغان ئۇزۇن مەزگىللىك ھەربىي ھالەتكە ئۆتۈشى ، ھەر قانداق بىز ئۈچۈن پايدىلىق قانۇنلۇق ھەربىي ھەرىكەتلەر ئۈچۈن ھەر ۋاقىت ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك جىددىي ھالىتىدە تۇرۇشى كېرەك ! دېگەن گەپنى قايتا دەۋەرگەننىڭ پايدىسى يوق ! بىرلا ئېغىز گەپ « ئاۋۇ خەلق بىزنىڭ ! ئاۋۇ ۋەتەن بىزنىڭ ! ئەمدى نۆۋەتمۇ بىزنىڭ ! يوقالسۇن جاھالەت ۋە جاھىللار گۇرۇھى ! ياشىسۇن ئەزىز ئۇيغۇرىستان خەلقى ۋە ئادالەت گۇرۇھى !» .
گەپ تامام ۋەسسالام ! كۆك ئەرۋاھ. 

كۆك ئەرۋاھنىڭ « يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋېغى پىلانى خىتاينىڭ مارشال پىلانى، ئەزىز ئۇيغۇر ۋەتىنى ۋە بىچارە خەلقى ئۇنىڭ تۇنجى قۇربانى » ناملىق چوڭ ھەجىملىك ئەسىرىدىن ئۈزۈپ ئېلىنىپ ، رۇخسىتى بىلەن يوللاندى.

سايرام ئوغلانى .               ئۇرال

2020 - يىلى 15 - يانۋار كەچ  سائەت 14:14
82

ئاكىسىراۋاتقان خەلقىمىز ئۈچۈن ياپونىيەنىڭ خاقان ئىمپورت قىلىپ بېرىشى

بىز ئۆتكەن ئەسىردە شۇنچىلىك ئاكىسىراپ ھەم گاڭگىراپ يۈرۈپ ، تۇڭگان مادوتەي بىلەن ماتىتەيگە مۇسۇلمان پادىشاھ دەپ تولۇق بويسۇندۇق . ئەمما ئۇنىڭ ئۈستىدە خىتاي ياڭ زېڭشىڭ بار ئىدى . 19 - ئەسىردە بولسا خوجا ۋەلىخان تۆرە قەشقەردە خەلقىمىزنىڭ بېشىدا كاللا مۇنارى ياسىسا ، يەنە مەيلى دېدۇق . ئۇ مانجۇرلار كەلگەندە قوقانغا قېچىپ كەتتى . ئەمما كەلگۈلۈك يەنىلا خەلقىمىزگە كەلدى . بىزنىڭ 1830 - يىلدىن 1930 - يىلغىچە بولغان تارىخىمىز ۋە مىللىي پىسخىكىمىزدىكى ئۆزىنى كەمسىتىپ ئۆزگىنى چوڭ ۋە ئۇلۇغ بىلىدىغان « يىراقتىكى موللام چوڭ موللام ، يېقىندىكى موللام يوق موللام » دەيدىغان ئاكىسىراش خاھىشىنى توغرا خۇلاسىلەپ چىقىپ ياپونلار مەركىزىي ئاسىيادىكى خەلقىمىز ئۈچۈن يىراق غەربىي ئاسىيادىن خاقان ئىمپورت قىلىپ بەرگەن . ئەمما پىلان ئەمەلگە ئاشمىغان .

قانداقلا بولمىسۇن ياپونىيە ۋەتىنىمىز ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەمەلىي چوڭ پىلان تۈزگەن. ئەقىللىق ياپونلار ئوسمانلى خان جەمەتى بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شاھزادە مۇھەممەد ئابدۇكېرەمنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىپ، خۇددى ئاخىرقى مەنچىڭ بالا پادىشاھى ئەيسىنگورۇ پۇيىنى 1932 - يىلى مارتتا مانجۇرىيەگە پادىشاھ قىلغاندەك، بۇ ئاخىرقى ئوسمانلى شاھزادىسىنى شەرقىي تۈركىستان سۇلتانى قىلماقچى بولغان.  شاھزادە 1933 - يىلى ئەتىيازدىن يازغىچە نەچچە ئاي يىراق شەرقتە تۇرۇپ قالغان. ئەمما تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە باشقا ئۇرۇق - تۇققانلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئابدۇكېرەم ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن. 1933 - يىلى 15 - ئاۋغۇست سابىت داموللام قەشقەرنى قايتا قولىغا ئېلىپ، 10 - سېنتەبىردىن 10 - نويابىرغىچە ئوبدان تەييارلىق قىلىپ، شۇ يىلى 12 - نويابىر يەكشەنبە كۈنى جۇمھۇرىيەت ئېلان قىلىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. شاھزادە بولسا ئۇزۇن ئۆتمەي، 1935 - يىلى 3 - ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى مېھمانخانىسىدا سىرلىق ھالدا ئېتىپ تاشلانغان. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ياپونىيە خادىملىرى تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغىنى ئېقىپ يۈرسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھايات نەۋرىسى بوۋىسىنىڭ سوۋېت ئىستىخباراتى قولىدا قەستلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

شاھزادە ئابدۇكېرەم سابىق ئوسمانلى سۇلتانى 2 - ئابدۇلھەمىتخاننىڭ نەۋرىسى بولۇپ، ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد سېلىم سۇلتاننىڭ چوڭ ئوغلى ئىدى . دادىسى 1870 - يىلى 11 - يانۋار خان سارىيىدا تۇغۇلغان . 1876 - يىلى 31 - ئاۋغۇست ئۇنىڭ دادىسى ئابدۇلھەمىتخان تەختكە چىققان . 1922 - يىلى سۈرگۈن قىلىنىپ ، 1937 - يىلى 4 - ماي بېيرۇتتا قازا قىلغان. ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى ئابدۇكېرەم  1906 - يىلى 26 - ئىيۇن بېشىكتاشتىكى خان سارىيىدا تۇغۇلغان. بوۋىسى 1918 - يىلى 10 - فېۋرال قازا قىلغان. 1922 - يىلى نويابىردا خان جەمەتى چەتئەللەرگە سۈرگۈن قىلىنغان. تاغىسى سۇلتان 6 - مۇھەممەد ئىتالىيەگە ، ئابدۇكېرەم ۋە دادىسى بېيرۇتقا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ يالغۇز ئوغۇل ئىدى. كېيىنچە ياپونىيە 1933 - يىلى ئەتىيازدا ئۇنى توكيوغا تەكلىپ قىلىپ ئەكەلگەن. ئەمما ئۇ شۇ يىل ئاخىرىدا تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋە تۇققانلىرىنىڭ نەسىھىتى بىلەن ئامېرىكىغا قېچىپ كەتكەن . ياپونلار قاتتىق غەزەپلەنگەن. ئەمما سوۋېت ك گ ب خادىملىرى ئۇنىڭ ئىزىغا چۈشۈپ ، 1935 - يىلى 3 - ئاۋغۇست نيۇيوركتىكى مېھمانخانىسىدا ئۇنى ئېتىپ تاشلىغان . ۋەقە تېخىچە سىر پېتى تۇرماقتا .

ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى دۈندار ئوسمان ئوغلى 1930 - يىلى 30 - دېكابىر شامدا تۇغۇلغان بولۇپ ، ئۇ 2017 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانىلار جەمەتىنىڭ ئاقساقىلى بولغان . ھازىر 90 ياشتا.دەمەشىقتە ياشايدۇ.

يۇقىرىقى مەزمۇنلار سىتالىننىڭ نېمە ئۈچۈن 1933 - يىلدىكى جۇمھۇرىيەتتىن شۇنچە چۆچۈپ كەتكىنىنى، 1934 - 1937 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنى باستۇرغانلىقىنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشىدۇر . دەل مۇشۇ سەۋەپ شېڭ شىسەينىڭ « ياپونىيە شىنجاڭدا سوۋېتقا قارشى 2 - مانجۇرىيە قۇرۇپ چىقماقچى » دەپ سىتالىنغا چېقىمچىلىق قىلىشىغا تۈرتكە بولسا ، سىتالىننىڭ ئارقا ھويلىسىدا يېڭى ئوسمانلىنىڭ تىرىلىشىنى خالىمىغانلىقى تۈپەيلى، شېڭ شىسەينى قوللىشىغا تۈرتكە بولغان.

سۈرەتتە : شاھزادە ئابدۇكېرەم توكيودا ياپون قوغدىغۇچىلىرى بىلەن بىللە . 1933 - يىلى .


ياپونىيەنى ۋەتىنىمىزگە قىزىقتۇرغان ئىشلارنىڭ بىر قىسىم تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى :

1 . « بۇخارا خانلىقى » نىڭ يوقىلىشى ۋە باسمىچىلار ھەرىكىتى :

بۇخارا خانلىقىنىڭ ئەمىر لەشكىرى ئىبراھىم پاشا : ئۇ 1889 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئاخىرقى بۇخارا ئەمىرى ئالىمخانغا خىزمەت قىلغان . 1920 - يىلى 1 - سېنتەبىر بۇخارا قىزىل ئارمىيە تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇ قالدۇق قوشۇن بىلەن ئافغانىستانغا چېكىنگەن. 1921 - يىلى باھاردا ئۇ جانلىق تاكتىكا قوللىنىپ، شەرقىي بۇخارانى قايتۇرۇپ ئالغان. ئەمما شۇ يىلى كۈزدە ئۆزىدىن كۆپ كۈچلۈك بولغان فېرۇنزى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ، ئافغانىستانغا قايتا چېكىنىشكە مەغلۇپ بولغان. ئافغان شاھى ھەبىبۇللاخان 1919 - يىلى ئوۋغا چىققاندا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئافغان ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ، بارلىق چېگرالارنى قوغدىغۇدەك ھالى قالمىغان. سوۋېتنىڭ بېسىپ كىرىشىدىن ئەنسىرىگەن ئەنگلىيە 1921 - يىلى ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىپلا قالماي، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرۇشتا لېنىن بىلەن ھەمكارلاشقان . بۇ ھال ئۇزۇندىن بېرى ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقان ئەنۋەر پاشانىڭ بۇخارا تەۋەسىگە كېلىپ، سوۋېتقا قارشى ئۇرۇش ئېچىشىغا سەۋەپ بولغان . ئەنگلىيە ئەشەددىي رەقىبى ئەنۋەر پاشانىڭ ھىندىستان - ئافغانىستان پاسىلىدا تىرىلىشىنى پەقەتلا خالىمىغان. نەتىجىدە بۇخارا ئەمىرى بىلەن ئەنۋەر پاشا ئوتتۇرىسىغا گۇمان سېلىپ يۈرۈپ، ئىككى قوشۇننى پارچىلاپ، ئىبراھىم پاشانى 1921 - يىلى كۈزدە تارمار قىلىپ، ئافغانىستانغا قوغلىغان. ئەنۋەر پاشانى 1922 - يىلى 4 - ئاۋغۇست قۇربان ھېيت كۈنى پامىر ئېتەكلىرىدە ئېتىۋەتكەن. ئالدانغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىبراھىم پاشا 1924 - 1926 - يىللىرى تەكرار ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئانا ۋەتىنىنى قايتا قولغا ئېلىش ئۈچۈن كۈچىگەن. ئەمما سوۋېت ھۆكۈمىتى يېڭى ئافغان شاھى ئامانۇللاھنى سېتىۋېلىپ، بۇخارالىقلارنى مىدىرلىيالماس قىلىۋەتكەن. شۇڭلاشقا ئامانۇللاھنىڭ غەرپچە ئىسلاھاتى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن، ئافغانىستان 1929 - يىلى ئىچكى ئۇرۇش قاينىمىغا كىرىپ قالغان. ئىبراھىم پاشا ئۆكتىچىلەر قاتارىدا ساتقۇن ھاكىمىيەتكە قارشى تۇرغان. 1931 - يىلى ئەسلىدە كونا شاھنى ئاغدۇرۇپ تەختكە چىققان نادىر شاھ سوۋېتنىڭ بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلمەي ، شۇ يىلى ئىيۇندا سەردار ئىبراھىمنى تاشكەنتكە ئەۋەتىپ بەرگەن . سىتالىن ئۇنى 31 - ئاۋغۇست دارغا ئاسقان .

2 . ئەنۋەر پاشا ۋە تۇنجى جۇمھۇرىيىتىمىز :

شۇنداق قىلىپ 1932 - يىلىغا كەلگەندە ئاتالمىش « باسمىچىلار ھەرىكىتى » باستۇرۇلۇپ، 1921 - يىلدىن 1931 - يىلغىچە داۋالغۇپ تۇرغان ئوتتۇرا ئاسىيا تەلتۆكۈس رۇسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن.
ئەمما سىتالىن ئەمدى ئۇھ دەپ تۇرسا ، 1932 - يىلى مارتتا ياپونىيە چاقماق تېزلىكىدە مانجۇرىيەنى ئىشغال قىلىپ، مۇستەقىل مانجۇرىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . سىتالىن جاسۇسلىرى ئارقىلىق ياپونىيەنىڭ « پانموڭغۇلىزىم ۋە پانتۈركىزىم پىلانى» بارلىقىنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتكەن. ياپونىيەمۇ ئوسمانلى شاھى ئابدۇلھەمىتخاننىڭ نەۋرىسى شاھزادە ئابدۇكېرەمنى تەكلىپ قىلىپ، ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلماقچى بولغان. دەل شۇ ۋاقىتتا ياپون مۇشاۋىرنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان قاراقچى ماجۇڭيىڭ ۋەتىنىمىزگە بېسىپ كىرگەن. 1933 - يىلى ما بىلەن شېڭ ماماتلىق جەڭ قىلغان . جاللات شېڭ شىسەي ماجۇڭيىڭنىڭ ياپون مۇشاۋىرىنى تۇتۇۋېلىپ، سىتالىنغا ھەدەپ « ياپونىيە ئۇيغۇرىستاندا ئىككىنچى مانجۇرىيەنى قۇرۇپ چىقماقچى !» دەپ يالغان ئېيتىپ، يېڭىلا ئېرىشكەن تەختىنى ساقلاپ قالماقچى بولغان. ئەمما سىتالىن سالماق ھالدا ۋەزىيەتنى داۋاملىق كۆزەتكەن. 1933 - يىلى 12 - نويابىر قەشقەردە شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلۇشى بىلەنلا سىتالىن تېخىمۇ چۆچۈپ كەتكەن. چۈنكى، جۇمھۇرىيەت تەركىبىدىكى غوللۇق شەخسلەر ۋە دۆلەت ئارمىيىسى دەل سىتالىن قاچۇرۇپ قويغان باسمىچىلارنىڭ سەركىلىرى ۋە پىشقانلىرىدىن تەركىپ تاپقانىدى. سىتالىن بۇ ئەھۋالدىن بەكلا بىئارام بولغان . گەرچە ئۇنىڭ موڭغۇلىيەدە ئاساسى كۈچلۈك بولسىمۇ ، ئەمما ۋەتىنىمىزدە ئۆزىگە سادىق بىر گۇماشتا تاللاش ئۈچۈن « خوجىنىياز ھاجى »،« ماجۇڭيىڭ » ، « شېڭ شىسەي » ، « يولۋاس » ، « مامۇت سىجاڭ » ، « سابىت دامولام » ۋە « خوتەنى مەمتىمىن ھەزرەت » لەرنى كۆزەتكەن. ئاخىرىدا پەقەت ئۈچلا نامزات قېپقالغان. ئەمما شېڭ شىسەي بارلىق مىكىرلىرىنى ئىشقا سېلىپ، ماجۇڭيىڭنى ياپونغا باغلاپ سىتالىننىڭ ئۆزىگە ياردەم قىلىشىنى ئارزۇ قىلغان . خوجىنىياز ھاجى بولسا، ھەم بۇ جاينىڭ خوجايىنى ۋە خوجايىن مىللەتنىڭ ئاقساقىلى بولغاچقا، ئۇنىڭ ئەمەلىي كۈچى ۋە ئىمكانىيىتى زور ئىدى. ئەمما ئاققۇن شېڭ شىسەي بىلەن قالدۇق مانجۇر - خىتاي باندىتلىرى بولسا كەلگۈندىلەر ۋە باسقۇنچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ نە ئەمەلىي ئاساسى نە ئارقا سەپ تەمىناتى يوق ئىدى . شۇڭا سىتالىن ئالدىراپ شېڭ شىسەيگە مايىل بولماي، ھەر تەرەپنى ساقلاپ قېلىش يولىنى تۇتۇپ يەنە بىر مەزگىل كۆزىتىپ باقتى . بۇ ۋاقىتتا ۋەتىنىمىزگە كۆز تىكىپ تۇرغان گومىنداڭنىڭ ئالاھىدە ئەلچىسى ئۈرۈمچىگە كەلدى. شېڭ شىسەي سىتالىنغا « ئەگەر مېنى قوبۇل قىلمىساڭ، مەن ئامالسىز بۇلارنىڭ قوينىغا كىرىمە » دېگەندەك شەپىنى بەردى . ھەمدە قۇۋلۇق بىلەن ئويۇن ئويناپ، گومىنداڭ ئەلچىسىنى تۇتقۇن قىلىپ، ياپونىيەنىڭ بۈيۈك ئاسىيا پىلانىنىڭ سوۋېتقا بەك زىيانلىق ئىكەنلىكىنى كۈچەپ پەش قىلىپ يۈرۈۋاتقاندا، تۇيۇقسىز قەشقەردە قۇرۇلغان جۇمھۇرىيەت سىتالىننى كەسكىن قارار بېرىشكە قىستىدى . ئەمما سىتالىن نە ئۆزى باستۇرۇپ كىرىپ، بۇ دۆلەتنى يوقىتىشقا ئامالسىز ئىدى. نە شېڭ شىسەينىڭ كۈچى بىلەن ئۇنى يوقىتىشقا تېخىمۇ ئىمكان يوق ئىدى . بىردىنبىر ھەل قىلىش چارىسى « خىتايلارنىڭ ئۆز يېغىدا ئۆز گۆشىنى قورۇش تەدبىرى ئىدى » . يەنى ئىسلام دىنىغا ئىخلاس قىلىدىغان ئۇيغۇرلارغا ئىسلامنى قورال قىلىۋالغان تۇڭگانلارنى سالدى. بۇندىن بۇرۇنقى مانجۇرلار، ياڭ زېڭشىنلارمۇ شۇ ئۇسۇل بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنى قولدا تۇتۇپ تۇرغانىدى. ھەتتا تۇڭگان لى شۇفۇ « قۇرئان تۇتۇپ قەسەم قىلىپ » ساددا تۆمۈر خەلىپىنى ئالداپ تاغدىن چۈشۈرۈپ، ئۆلتۈرگەنىدى . سېيت نوچى ئۆزى مۇسۇلمان دەپ ئىشەنچ قىلغان مادوتەيدىن ئۆلۈم خېتىنى ئېلىپ، ماتىتەيگە ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى. تارىخ يەنە تەكرارلاندى. يەنە كېلىپ، تېخىمۇ پاجىئەلىك بىر شەكىلدە تەكرارلاندى.

ھازىرقى خىتاي تۈزگەن ساختا كىتاپلاردا ئىزچىل « سىتالىن تۇڭگانلارنىڭ كەڭسۇغا چېكىنىش يولىنى توسۇپ، ئۇلارنى بىپايان تارىم ۋادىسىغا چېكىنىشكە مەجبۇر قىلغان » دەپ جار سالىدۇ. ئەمما يېقىندا ياپونىيەدىكى بىر ئۇيغۇر قىزى ئاشكارىلىغان مەخپىي ھۆججەتتە ماجۇڭيىڭنىڭ
خىتاي ھاكىمىيىتى بىلەن كېلىشىم تۈزگەنلىكى، « قارا خىتايلار پەقەت تۇڭگانلارغا ئۆز يۇرتلىرىدا ئەركىن ياشاش ھوقۇقىنىلا بەرسە، ئۆزىنىڭ ھەر ۋاقىت پىرقە دۆلەت ئۈچۈن قان كېچىپ ئۇرۇش قىلىدىغىنىنى ئىپادىلىگەن » . نەتىجىدە جاڭ كەيشى ئۇنى تەكلىپ قىلىپ، ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇتۇپ، 36 - دېۋىزىيە قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىپ، قورال - ياراق بىلەن تەمىنلىگەن. تۈلكە ماجۇڭيىڭ جاڭ كەيشىنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن شۇ ئەتراپتىكى كومپارتىيە كۈچلىرىگە زەربە بەرگەن. جاڭ كەيشىمۇ كەلگۈسىدە ئۇنى كوممۇنستلار بىلەن غەربىي شىمالنى بېسىپ ياتقان تاغىسى ۋە رەقىبى مابۇفاڭغا قارشى ئۇرۇشقا سېلىشنى پىلانلىغان. ماجۇڭيىڭ يەنە قىزىل خىتاي كومپارتىيە بىلەنمۇ ئوخشاش مەخپىي كېلىشىم تۈزگەن. چۈنكى ئۇ قاراخىتاي گومىنداڭنىڭ ئىستىقبالىغا باشتىن - ئاخىرى گۇمان بىلەن قارىغان.

ھىلىگەر ماجۇڭيىڭ جاللات شېڭ شىسەيدىن قېلىشمىغۇدەك دەرىجىدە كارامىتىنى ئىشقا سېلىپ، سىتالىنغا شېڭ شىسەينىڭ ياپونىيەدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ھەربىي مەكتىپىدە ئوقۇغان ھەقىقىي ياپونپەرەست بىرى ئىكەنلىكىنى دەپ سىتالىننى ئارىسالدى قىلغان. شۇنىڭ بىلەن سىتالىن ھەم ماجۇڭيىڭنى ، ھەم شېڭ شىسەينى ساقلاپ قېلىپ، ئوبدان تەكشۈرۈپ، ئاندىن ئىككىسىنىڭ بىرىنى تاللىۋالماقچى بولغان. شۇڭا ئالدى بىلەن ماجۇڭيىڭ بىلەن خوجىنىياز ھاجىنىڭ ئارىسىنى بۇزۇپ، ئىككى مۇسۇلمان مىللەتنىڭ بىرلىشىۋېلىپ، تارىم ۋادىسىنى مەركەز قىلغان مۇستەقىل ھاكىمىيەت قۇرۇپ چىقىشىدىن ساقلانغان. چۈنكى ئىككىسى راس بىرلىشىۋالسا، شېڭ شىسەينى بىردەمدىلا ئۇجۇقتۇراتتى. سىتالىن چارىسىز قالاتتى. ئەمما سىتالىن شۇ قەدەر ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇردىكى، ئارىنى بۇزۇش ھىلىسى ئۆزى ئويلىغاندىنمۇ زور ئۈنۈمگە ئېرىشتى . 1933 - يىلى 4 - ئىيۇن شېڭ شىسەي « خوجىنىياز ھاجىنىڭ جىمىسار ۋەقەسى تۈپەيلى ماجۇڭيىڭ بىلەن يىرىكلىشىپ قالغانلىقىدىن پايدىلىنىپ، سوۋېت كونسۇلىنى ئىشقا سېلىپ جىمىسار كېلىشىمىنى تۈزدى ».
شۇنىڭ بىلەن ئىتتىپاقداشلار ئايرىلىپ، تۇڭگانلار داۋاملىق ئۈرۈمچىگە يۈرۈش قىلدى. ئۇيغۇرلار قوشۇننى باشلاپ، توقسۇن ۋە قاراشەھەر بىلەن كورلىغا كەتتى. كېلىشىم بويىچە شېڭ شىسەي شىمالنى، خوجىنىياز ھاجى جەنۇپنى سورايدىغان بولغان ئىدى.

تۇڭگان 36 - دېۋىزىيىسىنىڭ ئاقىۋىتى :

1931 - يىلى قۇمۇل تاغلىرىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىنقىلابى پارتلاپ، ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭ ئوت - يالقۇنى پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىگە تۇتۇشىدۇ. ئىنقىلابنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە قوزغىلاڭچىلارنىڭ ئوق - دورا ۋە ھەربىي تاكتىكا جەھەتلەردىكى قىيىنچىلىقلىرى تۈپەيلى ئۆزلىرى بىلەن دىنداش بولغان ما جۇڭيىڭنىڭ تۇڭگان قوشۇنىدىن ياردەم سوراشقا مەجبۇر بولىدۇ. بۇ ئىش چىقىش يولى ئىزدەپ يۈرگەن ما جۇڭيىڭغا يېڭى پۇرسەت ئاتا قىلىدۇ. شۇندىن باشلاپ قەلبىگە سىياسىي قارا نىيەت پۈككەن ما جۇڭيىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدا قۇيۇندەك قۇتراپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابلىرىغا مۆلچەرلىگۈسىز زىيانلارنى سالدى. ئۇ خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىرىگە ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىشىپ جىن شۇرېن، شېڭ شىسەي قاتارلىق خىتاي مىلىتارىستلىرىنى يوقۇتىدىغانلىقىنى، ئاندىن ئۇيغۇر ئېلىنى بازا قىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى ئاخىرىدا چېگراسىنى تاكى ھەرەمگىچە تۇتاشتۇرۇپ بۈيۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە پو ئاتسا، خىتاي دائىرىلىرىگە ئۆزىنىڭ گومىنداڭ ھۆكۈمىتى ئېتىراپ قىلغان 36 - دىۋىزىيەنىڭ قوماندانى ئىكەنلىكىنى، بۆلگۈنچى كۈچلەرنى يوقۇتۇپ ھەرۋاقىت خىتاينىڭ بىرلىكىنى قوغدايدىغانلىقى ھەققىدە لاپ ئۇرىدۇ.

ما جۇڭيىڭنىڭ قارا نىيىتى ۋە قۇۋلۇق - شۇملۇقلىرىنى يەتكىچە ھېس قىلغان ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرى ئۇزاق ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ. 1934 - يىلى يانۋاردا ما جۇڭيڭنىڭ ئۈرۈمچىگە قىلغان شىددەتلىك ھۇجۇمى چېگرىدىن يوشۇرۇن كىرگەن سوۋېت قىزىل ئارمىيەسىنىڭ كۈچى بىلەن تارمار قىلىنىدۇ. مەغلۇبىيەتلىك تەقدىرگە يۈز تۇتقان ماجۇڭيىڭ قالدۇق قوشۇنىنى باشلاپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا چېكىنىدۇ ھەمدە بارغانلا يېرىدە ئۇيغۇر قوزغىلاڭچى قوشۇنلىرىغا ئوت ئېچىپ، بىگۇناھ خەلقنى قىرغىن قىلىدۇ. سوۋېت قىزىل ئارمىيەسى بىلەن شېڭ شىسەي قوشۇنلىرىنىڭ تاپ بېسىپ قىلغان ھۇجۇملىرىدا جەنۇبتىمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمىغان ماجۇڭيىڭ ئامالسىز 1934 - يىلىنىڭ ئىيۇن ئايلىرىدا بىرقانچە يېقىن ئادەملىرى بىلەن قەشقەردىن يوشۇرۇنچە ئايرىلىپ سوۋېت ئىتتىپاقىغا چىقىپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق قوشۇنلىرى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا خوتەنگە يۆتكىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قاغىلىقنى پاسىل قىلغان ھالدا شەرقتە تاكى چارقىلىققىچە سوزۇلغان خوتەن رايونى ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ كونترۇللىقىغا، جەنۇبتا يەركەن، قەشقەردىن تارتىپ پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرى شېڭ شىسەينىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتىدۇ.

ما جۇڭيىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆزىنى تارمار كەلتۈرگەن سوۋېت ئىتتىپاقىغا كېتىشنى تاللىۋالدى؟ ئايرۇپىلان ۋە تانكىلارنىڭ ھىمايىسى بىلەن نەچچە مىڭ ئادەمدىن تەشكىللەنگەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ موتورلاشقان قىزىل ئارمىيىسى قەشقەرگىچە قوغلاپ كەلگەن تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن تۇڭگان قوشۇنلىرىنى تولۇق يوقاتماي ئۇلارنى خوتەن بوستانلىقىغا يېڭى خوجايىن قىلپ قويىدۇ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي ئىنقىلابى ۋە دۆلەت قۇرۇش ئارزۇسىغا قارشى چىقىپ شېڭ شىسەيدەك مىلىتارىستنى يۆلەپ تۇرغۇزغان سوۋېتلەر ئىتتىپاقى يەنە نېمە ئۈچۈن خوتەندە ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قوشۇنلىرىنى ساقلاپ قالدى؟

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ 1930 - يىللاردىكى مۇرەككەپ سىياسىي ۋەزىيىتىگە چېتىلىدىغان يۇقىرىقى بىر قاتار سىرلار تارىخنىڭ جاۋاب بېرىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

1934 - يىلى ياز بىلەن كۈزنىڭ ئارىلىقىدا سىرلىق كېلىشىملەر بويىچە خوتەنگە سۈرۈلگەن تۇڭگان 36 - دىۋىزىيەسى ما خۇسەننىڭ قوماندانلىقىدا تەكلىماكاننىڭ جەنۇبىي گىرۋىكىدىكى بىر پارچە زېمىندا ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي دىكتاتۇرلۇق تۈزۈمىدىكى رېجىمىنى تۇرغۇزدى. 1934 - يىلى كۈزدىن 1937 - يىلى كۈزگىچە تۇڭگان قوشۇنلىرىنىڭ ھەربىي كۈچىگە تايىنىپ خوتەن بوستانلىقىدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ماخۇسەننىڭ ھەربىي ھاكىمىيىتى غەرب مەنبەلىرىدە «تۇڭگانىستان»، «تۇڭگانىيە» ۋە «تۇڭگان جۇمھۇرىيىتى» دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتالدى. ئۆز دەۋرىدە ما خۇسەن ھۆكۈمرانلىقىدىكى خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەردىن ئەنگىلىيەلىك گىللېت، فىلچنېر، مايلارت، پېتېر فلېمىڭ، گېرمانيىەلىك ھېسسىگ ۋە ئامېرىكىلىق ئەھمەد كامال قاتارلىقلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى بۇ پەۋقۇلئاددە ھەربىي رېجىم ھەققىدە خاتىرىلەر قالدۇردى. ۋاھالەنكى، خىتاي مەنبەلىرى بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەخپىي ئارخىپلىرى تېخى ئاشكارا بولمىغاچقا ئاتالمىش «تۇڭگانىستان»نىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدىكى سىرلار يەنىلا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە قاراڭغۇ ھالەتتە تۇرماقتا.

ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھازىرقى زامان تارىخىغا دائىر بەزى تارىخىي ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە ستالىن ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ما خۇسەن قوماندانلىقىدىكى تۇڭگان قوشۇنلىرىنى خوتەندە ساقلاپ قېلىشىدا مۇنداق ئۈچ خىل سەۋەبنىڭ بولۇشى پەرەز قىلىنماقتا. بىرىنچىدىن، ستالىن گەرچە شېڭ شىسەينى يۆلەپ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تەختىگە چىقارغان ۋە سوۋېتكە مايىل ۋەزىيەتنى ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۆز دەۋرىدە ياپونىيەدە ھەربىي ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەن شېڭ شىسەيدىن يەنىلا خاتىرجەم بولالمىغان. ناۋادا شىڭ شېسەي ستالىندىن يۈز ئۆرۈپ گومىنداڭ تەرەپكە مايىل بولۇش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى تۇڭگان ئارمىيەسىنى ئىشقا سېلىپ تاقابىل تۇرۇش پىلانى بولغان. ئىككىنچىدىن، خوجانىياز ھاجىنىڭ ئۇيغۇر قوشۇنلىرى مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قوماندانلىقىدا «ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر 6 - دىۋىزىيەسى»نامى بىلەن قايتا رەتلىنىپ قەشقەردە تۇرۇۋاتقان بولغاچقا بۇنىڭدىن شېڭ شىسەيمۇ، سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ خاتىرجەم ئەمەس ئىدى. شۇ سەۋەپتىن ئەگەر مەھمۇت مۇھىتى قايتا قوزغىلاڭ قىلىپ قالسا خوتەندىكى ما خۇسەن قىسىملىرى ئارقىلىق تاقابىل تۇرماقچى بولغان. ئۈچىنچىدىن، ئەگەر ياپونىيە ئارمىيىسى لەنجۇدىن ئۆتۈپ ئۇيغۇر ئېلىگە كىرىش ئېھتېمالى كۆرۈلسە ما خۇسەن قوشۇنلىرىنى ياپونغا قارشى ئۇرۇشقا سالماقچى بولغان.

مەيلى قانداقلا نۇقتىدىن بولمىسۇن، سوۋېتلەر ئىتتىپاقى ئۆزىنىڭ ئارقا ھويلىسى بولغان ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆزىنىڭ تەسىر دائىرىسىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ۋاسىتە تاللىماي تەدبىر ئالغان. ئۆز دەۋرىدە «دۇنيادىكى ئېزىلگەن مىللەتلەرنىڭ مىللىي ئازاتلىق كۈرۈشلىرىگە ياردەم قىلىمىز» دەپ جار سالغان سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ شېڭ شىسەيدەك جاللاتنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يۆلەپ تۇرغۇزۇشى، قەشقەردە قۇرۇلغان «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» نى پىلان بىلەن يوقۇتۇشى، خوجانىياز ھاجى باشلىق ئۇيغۇر قوزغىلاڭچىلىرىغا چىرايلىق ۋەدىلەرنى بېرىپ ئالدىشى ئاخىرىدا ئۇلارنى شېڭ شىسەينىڭ قولى بىلەن بىر - بىرلەپ ئۆلتۈرۈشى شۇنىڭدەك ما خۇسەندەك بىر باندىتنى خوتەن خەلقىنىڭ شىللىسىغا نەچچە يىللاپ مىندۈرۈپ قويۇشتەك بىر قاتار تارىخىي رېئاللىقلار يوقۇرىقى پەرەزلەرنىڭ ئاساسسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەكتە.

ماخۇسەننىڭ خوتەندىكى ھەربىي ھاكىمىيىتى قانداق ھاكىمىيەت؟ ئۇ قانداق قىلىپ ئاھالىسىنىڭ 99 پىرسەنتتىن كۆپرەكىنى يەرلىك ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغان خوتەن بوستانلىقىنى بىر دىۋىزىيە تۇڭگان ئەسكەرلىرى بىلەن تۇتۇپ تۇرالىدى؟

ئۆز دەۋرىدە خوتەننى زىيارەت قىلغان چەتئەللىكلەرنىڭ مەلۇماتلىرىغا قارىغاندا، ما خۇسەننىڭ خوتەندىكى ھاكىمىيىتى تىپىك ھەربىي دىكتاتۇرلۇق خاراكتېرىنى ئالغان. ئۇنىڭ قول ئاستىدا 10 مىڭدىن 15 مىڭغىچە ئەسكەر بار بولۇپ ئاساسلىق قىسمى تۇڭگانلاردىن، قالغان قىسمى يەرلىك ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي ئەسكەرلىككە تۇتۇش بىلەن تەشكىللەنگەن. تەخمىنەن 80 پىرسەت ئەسكەرلىرى قۇراللىق، قالغانلىرى يەرلىك ئاددىي قۇراللار بىلەن قۇراللانغان ئىكەن. ھەربىي تەمىناتىنى پۈتۈنلەي خوتەن خەلقىنى بۇلاش - تالاش ھەمدە مەجبۇرىي ئالۋاڭ - سېلىق سېلىش ئارقىلىق ھەل قىلغان. ما خۇسەن دەسلەپكى يىللاردا سوۋېت ئىتتىپاقىدا «گۆرۈ» ھېسابىدا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ما جۇڭيىڭدىن كۆرسەتمە ئېلىپ تۇرغان. كېيىنچە ما جۇڭيىڭنىڭ خەت ۋە تېلېگرامما ئارقىلىق ئەۋەتكەن پەرمانلىرىغا پىسەنت قىلماي ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرگەن. تۇڭگانلارنىڭ ھەربىي كۈچكە تايىنىپ خوتەندە تىكلىگەن بۇ ھاكىمىيىتىنى قانداق نامدا ئاتىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتلار كەمچىل. ئامما ما خۇسەننىڭ يوشۇرۇن ھالدا نەنجىڭدىكى گومىنداڭ ھۆكۈمىتى بىلەنمۇ ئالاقىلاردا بولغانلىقى، ئۆز ئەسكەرلىرىنى يەنىلا «36 - دىۋىزىيە» نامى بىلەن ئاتىغانلىقى مەلۇم. ئەمما ئۆز دەۋرىدە ما جۇڭيىڭ كۆڭلىگە پۈككەن سىياسىي قارانىيەتنىڭ يوشۇرۇن ھالدا ما خۇسەندىمۇ كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم. ئەھمەد كامال ئۆزىنىڭ «تەبەسسۈم يۈتكەن زېمىن» ناملىق كىتابىدا 1935 - يىلىنىڭ ياز پەسلىدە ما خۇسەننىڭ ئۆزىنى ئەسلىدىكى خوتەن ۋالىي مەھكىمىسىنىڭ يەر ئاستىغا جايلاشقان خەزىنىسىگە باشلاپ كىرگەنلىكىنى، ئۇ يەردە بىرنەچچە ھارۋا توشقۇدەك ئالتۇن - كۆمۈش ۋە قىممەت باھالىق جاۋاھىراتلارنىڭ بارلىقىنى، ما خۇسەننىڭ بۇ بايلىقلارغا ئامېرىكىدىن ئىلغار قۇراللار سېتىۋېلىپ، ئاۋۋال ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلماقچى بولغانلىقىنى، ئاندىن سوۋېت ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ ھەرەمگىچە سوزۇلغان كۈچلۈك بىر مۇسۇلمانلار دۆلىتى قۇرۇش پىلانى بارلىقى ھەققىدە مەلۇماتلار بېرىدۇ.

1937 - يىلنىڭ ئاپرېل ئېيىدا مەھمۇت مۇھىتىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ كېتىشى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى ۋەزىيەتنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەن ما خۇسەن مەھمۇت مۇھىتىنىڭ قالدۇق قىسىملىرى بىلەن بىرلىشىپ شېڭ شىسەيگە قارشى جازا يۈرۈشى قوزغايدۇ. سوۋېت ئىتتىپاقى بۇنىڭغا تاقەت قىلىپ تۇرالماي تورغات ئېغىزى ئارقىلىق پۈتۈنلەي ماشىنىلاشقان قىزىل ئارمىيە ئەسكەرلىرىنى كىرگۈزىدۇ. ئايرۇپىلان، تانكا ۋە زەمبىرەكلەر بىلەن قۇراللانغان سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ما خۇسەننىڭ تۇڭگان قىسىملىرىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تولۇق تارمار قىلىدۇ. شۇ يىلى كۈزدە ما خۇسەن خوتەن خەلقىدىن بۇلاپ - تالىغان ئالتۇن - كۈمۈشلىرىنى ئېلىپ ھىندىستانغا قاچىدۇ. ئۇنىڭ قالدۇق ئەسكەرلىرى سوۋېت ئارمىيىسىنىڭ ئىز بېسىپ قىلغان ھۇجۇملىرىدا بىتچىت بولۇپ تولۇق يوقۇتىلىدۇ. شۇنداق قىلىپ خوتەن خەلقىنى ئۈچ يىللاپ قان يىغلاتقان ما خۇسەننىڭ ھەربىي ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلىشىدۇ. 1934 - يىلىدىن 1937 - يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىي بۆلىكىدە سىرلىق يوسۇندا ئوتتۇرىغا چىققان ئاتالمىش «تۇڭگانىستان» مۇ شۇنىڭ بىلەن بەربات بولىدۇ.

ماجۇڭيىڭ رىزاخان ئىران قۇرغاندەك، تۇران قۇرماقچى بولغان :

خىتايلار، تۇڭگانلار ۋە يەرلىك تۈركلەردىن (ئۇيغۇرلاردىن ) ئاڭلىغىنىمىزغا ئاساسەن ئېيتقاندا، ماجۇڭيىڭنىڭ پىلانلىرى گۈلدۈرمامىدەك جاھاننى ئاستىن -ئۈستۈن قىلىۋېتەتتى. ئۇ چىڭگىزخاندەك قۇدرەتلىك جاھانكەش بولۇشقا ئىنتىلىدۇكى، ھەرگىزمۇ تېمۇرلەڭدەك بىتەلەي ئات بولۇپ قېلىشنى خالىمايتتى. ئاقساق تېمۇر پۈتكۈل غەربىي ئاسىيانى بوي سۇندۇرۇپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پادىشاھى يوڭلېغا جەڭ ئېلان قىلغان ۋاقتىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانىدى. شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىدە ۋە دۇنخۇاڭدىن سۇجۇغىچە بولغان جايلاردا ئۇنىڭ ئىشپىيونلىرى ۋە خەۋەرچىلىرى بارىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ ئەگەشكۈچىسى ماجۇڭيىڭنىڭ ئىشتىھاسى چوڭ بولۇپ، ئاۋۋال شەرقىي تۈركىستاننى ۋە كەڭسۇنى ئىگىلەشنى ئاندىن كاسپىي دېڭىزىغىچە بولغان ئىراننىڭ چېگرىسىگىچە بولغان ئارىلىقتىكى جايلارنى مۇستەملىكە قىلىشنى كۆڭلىگە پۈككەنىدى. ئۇ ئۆزى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ مەقسىدى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈرك دۇنياسىنى ئۆز ئالقىنىغا ئېلىش، بۇنىڭ بىلەن ئۆزى ئىران پادىشاھى رىزا شاھقا ئوخشاش تۇران بولماقچى ئىدى. ***

***( 1878 - يىلى 15 - مارت رىزاخان پەھلىۋى مازانداراندا تۇغۇلغان . كېيىنچە ھەربىيلىك مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ ، 1923 - يىلى 28 - ئۆكتەبىردىن 1925 - يىلى 1 - نويابىرغىچە قاچار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان . ئاندىن شۇ يىلى 12 - دېكابىر ئەھمەد شاھ قاچارنى ئاغدۇرۇپ ، 15 - دېكابىردىن 1941 - يىلى 16 - سېنتەبىر چېرچىل بىلەن سىتالىن قولىدا ئاغدۇرۇلغىچە ئىراندا سەلتەنەت سۈرگەن . ئىككى جاھانگىر 25 - ئاۋغۇست تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ، ئۇنى ئاغدۇرغانىدى . شۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتە تۇتقۇن قىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا سۈرگۈن قىلىنغان ، 1926 - يىلى 24 - ئاپرىل تاج كىيگەن بۇ سەلتەنەتلىك شاھ يىراق ئافرىقىدا 1944 - يىلى 26 - ئىيۇل 66 يېشىدا قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئوغلىمۇ 61 يېشىدا يىراق قاھىرەدە 1980 - يىلى 27 - ئىيۇل قازا قىلدى . ئۇ 1934 - يىلى 27 - دېكابىر پېرسىيە نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ئىران نامىنى رەسمىي تىرىلدۈرگەن . باندىت ماجۇڭيىڭ شۇنى كۆزدە تۇتقان . شۇڭا ئەمەل - مەنسەپ ۋە قۇرۇق نام - شۆھرەت قوغلىشىۋاتقان نادان ئۇيغۇرلار بۇ ئاتا - بالىدىن ئىبرەت ئالسۇن ! ).

ماجۇڭيىڭنىڭ دۈشمەنلىرى، خىتايلار، روسلار، تۈركلەر( ئۇيغۇرلار) تۈرگۈتلەر ۋە تۇڭگان ئاسىيلىرى بىردەك ئۇنى بىزنىڭ يۈك ماشىنىمىز بىلەن كۇچاغا كەلگەندە مەغلۇپ بولىدۇ دەپ ئويلاشقانىدى. كەينى تەرەپتىن شىمالىي ئارمىيە قىسمى قاراشەر ۋە كورلىنى بېسىپ كېلىۋاتاتتى. ئالدى تەرەپتىن ئىلى قوشۇنلىرى تەڭرى تېغىنى بويلاپ، ئاقسۇ ۋە بايغا قاراپ كېلىۋاتاتتى. بۇ فىرونتتا يەنە خوجا نىياز ھاجىنىڭ قوشۇنلىرىمۇ بارىدى، بۇ خىل ۋەزىيەت ئۇرۇش سەنئىتىنىڭ بىر كارتىنىسى ئىدى. ماجۇڭيىڭنىڭ تاغدىن ئارتىلىپ شىمالغا قېچىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىردىن -بىر قاچىدىغان يول جەنۇپقا قاراپ يول ئېلىش ئىدى. ماجۇڭيىڭنىڭ ئۆتمۈشىنى بىلگەنلەر ئۇنىڭ بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا چوقۇم يەنە جېنىنى ئېلىپ قاچالايدىغانلىغا ئىشىنەتتى. ئۇ، بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا بىردىن غايىپ بولۇپ، نىقاپلىنىپ يوشۇرىنىۋالىدۇ، تاكى ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ ئەھۋال ياخشىلانغانغا قەدەر. قىسقىچە قىلىپ ئېيتقاندا ماجۇڭيىڭ ھاياتلا بولسا، ئوتتۇرا ئاسىيادا تېنچلىق بولمايتتى.
شىۋېتسىيىلىك ئېكىسپىدىتسىيىچى سۋېن ھېدىن يازغان، 1935-يىلى نەشر قىلىنغان شىۋېت تىلىدىكى
«ماجۇڭيىڭنىڭ قېچىشى» ناملىق كىتاپتىن ئاپتورنىڭ ماجۇڭيىڭ ھەققىدىكى بايانى
شىۋېتچىدىن زۇلھايات ئۆتكۈر تەرجىمىسى

ئۇيغۇر تارىخ تەتىقاتچىسى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە ماجۇڭيىڭنىڭ بۇ خىل چۇس خاراكتېرىنى ياپونىيىلىك ھەربىي گېنېرال ئودا نوبۇناگاغا ئوخشايدۇ دەپ تەسۋىرلىگەن.

تارىخچى ھىدېيۇكى ماقالىسىدە خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ھەققىدە توختىلىپ بۇ ھەقتە مۇنداق بايان قىلغان:تارىخىي مەلۇماتلاردا دېيىلىشىچە،يىپەك يولىدىكى بوستانلىق ئىچىدىكى خوتەندە مۇدەررىس ئۆلۈما مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا باشچىلىقىدا قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلۈپ،قوزغىلاڭ غەلبىگە ئېرىشىپ،مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا خوتەندە خوتەن ئىسلام خانلىقى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.ۋە ئۆزى شۇ خانلىقنىڭ ئەمىرى دەپ تونۇلغان. خوتەن ئىسلام خانلىقى ھىلال ئاي،يۇلتۇزلار چۈشۈرۈلگەن يېشىل بايراقنى دۆلەت بايرىقى قىلغان.مۇسۇلمانلار كالېندارىنى قوللانغان.ئۇلار خوتەن چەرچەن،چاقىلىق قاتارلىق جايلارنى ئۆزىگە تەۋە قىلغان. ئۇيغۇرلارنىڭ نامى ياپونىيىدە ئانچە تونۇش بولمىغان.لېكىن خوتەن ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بولسا ياپونلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىغان كىشى بولۇپ،ئۇ ئەڭ دەسلەپ ياپونلار بىلەن چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان كىشى.شۇڭا ئۇنى ياپون - ئۇيغۇر دوستلۇق تارىخىدا ھەرگىز ئۇنتۇشقا بولمايدۇ.ئۇنى چوقۇم ئەسلەشكە تېگىشلىك شەخس.


ئۇنداقتا بىزنى ئورۇسلارلا ساتتىمۇ ياكى بىز ئۇلارنى سېتىشقا مەجبۇرلىدۇقمۇ !؟ ( تارىخ مانا ):

1944 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 14 - نويابىرغىچە سىتالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يەرلىك گېرمانلار ، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى،ھەمدە شىمالىي كاۋكازدىكى چېچېن ، ئاۋار ، قۇمۇق ، قالماق، بالقار ، قارا چاي ، چېركەس ، ئادېگا ، ۋە بىر قىسىم ئەزەرى قاتارلىق خەلقلەرنى ئانا يۇرتىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاق دالىسى ، ھەتتا ساخالىنغا قەدەر سۈرگۈن قىلىپ ، يۇقىرىقى مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرىم ، ئۇرال ۋە كاۋكازلارغا كۆپلەپ رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، مەزكۇر جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى . سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە قەھرىتان سوغۇقتا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يۈك پويىزلىرىدا توشۇلۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇلار سىبىرىيەدە قاتتىق ۋە ھەقسىز ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا سىتالىن ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر ئەۋەتىپ ، مانجۇرىيە( 1932 - 1945)نى ئاغدۇرۇپ، مانجۇرىيەنى تاكى 1946 - يىل ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان . ئۇ يەردە ئەسىرگە چۈشكەن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرىنى سىتالىن زورلاپ سىبىرىيەگە ئېلىپ كەتكەن . نەتىجىدە يۇقىرىقى بىچارە خەلقلەر سوۋېت ئەسكەرلىرى يىراق شەرقتىن قايتىپ كەتكىچە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلغان . 600 مىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانە بىلەن قىرىۋېتىلگەن. ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن ياپونلارنىڭ ئۆلۈك جەسەتلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن . رۇسلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن « سوپۇن » ياساپ ئىشلەتكەن . پەقەت ئاز ساندىكى كونا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ، بىر كېمە جەسەت كۈلىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . ياپونلار بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن . مانا يۇقىرىقى 1944 - 1945 - 1946 - يىللىرى قاتتىققول ۋە رەھىمسىز سىتالىن كاۋكازىيە، قىرىم - ئۇرال ۋە سىبىرىيەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، يەنە 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇ كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە ساق بىر ئاي پۇرسەت بېرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ئىلىدىن باشقا ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 120 كىلومېتىر ( ئىككى سائەتلىك يول ) كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قىستاپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان . كېيىنچە ئامېرىكا ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمى بىلەن گەرچە شىمالىي سەپتە ئارمىيەنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما تاشقورغاندا قايتا يېڭى ئىنقىلاپ قوزغاپ ، 1 - سېنتەبىردىن تاكى 1946 - يىلى يانۋارغىچە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنى ئازات قىلىپ ، خوتەننى ئازات قىلىشقا كۈچى يەتكىدەك ھالەتتە كەلگىچە قوللاپ تۇرغان . ئەمما سوۋېت تەرەپ خۇددى 1933 - يىلدىكىدەك ئۆزى كۈتكەن پوزىتسىيەگە ئېرىشىپ بولالماي ، يەنە بىر قېتىم بىزدىن ۋاز كەچكەن . گەرچە 1946 - يىلى باشلانغان « سوغۇق ئۇرۇش » سەۋەبىدىن 1947 - 1948 - يىللىرى قايتا تارىخىي پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلىرىمىز ئۆز ئىچىدە ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان .
ئەسلىدە بۇنداق ئىدىيە ئۇرۇشىنى ئامېرىكىغا ئوخشاش تولۇق مۇستەقىل بولۇپ ، ئاندىن تالاشسىمۇ كېچىكمەيتتى . بىراق ئۇلار ئىككى قۇتۇپ ، ھەتتا ئۈچ قۇتۇپ بولۇپ تالىشىپ ، بىر پۈتۈن خىتايغا قارشى خەلقىمىزنى، ھەم خىتايغا ، ھەم سوۋېتقا ھەم مۇستەقىللىققا ھەم ئاپتونۇمىيەچىلىككە قارشى بۆلۈپ تاشلىغان . نەتىجىدە خىتايلار ئاخىرى غەلىبە قىلغان .
نەبىجان تۇرسۇن ئاكىنىڭ « چوڭ شاھمات تاختىسىدىكى قىسمەتلەر » ناملىق تارىخىي ئەسىرىنىڭ بىرىنچى قىسمىدا بۇنى ئېچىنىپ تۇرۇپ پاكىتلىق ئوتتۇرىغا قويغان . ھەتتا تۈلكە جاڭ جىجۇڭمۇ بۇنىڭدىن قانداق پايدىلىنىپ ، ۋەتىنىمىزنىڭ قولدىن چىقىپ كېتىشىنى توسۇپ قالغانلىقىنى ماختىنىپ تۇرۇپ ئېتىراپ قىلغان .

يۈز يىللىق ئاكىسىراش يەتمىدىمۇ !؟ يەنە كىمنى ئاكا تۇتىمەن دەپ مىللەتنى قايتا پالەچ قىلىپ قۇربان قىلماقچى !؟

( كۆك ئەرۋاھ )

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا
 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان ئۇلۇغ داھىيسى ئابدۇقادىر داموللامنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1932 - يىلى بۈيۈك ياپونىيە ئاكىسىراپ قالغان خەلقىمىزگە يىراق تۈركىيەدىن خاقان ئىمپورت قىلىپ، ئەزىز ۋەتىنىمىزگە سۇلتان قىلىشقا تەييارلانغان. 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . ئازات قاسىم ئاكا توغرا ئېيتىدۇ . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئازاتكامنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرىدىن ئوقۇۋېلىڭ!   

شۇنداق بولغاندا خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز يۇقىرىقى ئابدۇقادىر داموللام ، مۇستاپا كامال پاشا ۋە رىزاخان پەھلىۋىدەك يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان داھىيلاردىن  مەھرۇم ھالدا يۈز يىلدەك تېڭىرقاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە يېڭى ئەسىرگە ئۇلاشتى . ئەمدى بىزدىنمۇ « ئاتا ئۇيغۇر » نامىغا لايىق بىر سىياسىي داھىي  ئوتتۇرىغا  چىقىشى كېرەك  ! ئەمدى ئاكىسىراش خاھىشىغا قەتئىي ھالدا خاتىمە بەرمىسەك ، كېلەچەك تەقدىرىمىز يەنىلا ھازىرقىدەك ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ئاقمىغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قولىدىكى قىممەت باھالىق تاۋار بولۇپ كېتىۋېرىدۇ .

مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ بىر مەشھۇر گېپىنى ئاڭلىدىم : « ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا سەۋەپ بوپقالسا ، بىز تۈركىيەنىڭ بەقاسى ( ساقلىنىپ قېلىشى ) ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن ۋاز كېچىمىز ! » . بۇ گەپ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولسا ، بۈگۈن ئۇ گەپنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كالتە پەم ۋە تەپەككۇرسىز تەقلىدچىلەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ . مەرھۇمغا ياغقان تاپا تەنىلەرنىڭ گۇناھىمۇ دەل مۇشۇ كالتەپەملەرگە بولىدۇ . بۇ گەپنىڭ ھەم ۋاختى ھەم قىممىتى ئۆتتى . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەر قانداق پىكىردىن كەسكىن ۋاز كېچىپ ، تېزدىن ئۆزىمىزگە خاس يولىمىزنى ۋە پىرىنسىپلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك !

ئۇنۇتمايلى ، داھىي خەلقنى ئەمەس ، خەلق داھىينى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلىشىپ ، دوست - دۈشمەن ئېنىق بولغانسىرى ھەر كىمنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز يېڭى ئەسىردىكى ھەقىقىي داھىيمىزنى بايقاپ چىقايلى ! يېڭى يىلدا يېڭىچە پىلان بىلەن ئىشنى باشلاپ كېتەيلى !

يۈز يىللىق ئاكىسىراشتىن خۇلاسە شۇ بولدىكى ، « ئۆزىنى كەمسىتكەننى خەخ تېزەك قىلىپ تېپىدۇ  . ئاكىسىراپ قالغاننى خەخ ئېشەك قىلىپ مىنىدۇ ».  سايرام ئوغلانى   .

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 14 - كۈنى كېچە 01:01:01 دە تاماملاندى . ( سەيشەنبە ).
83



ئاكىسىراش خاھىشىنىڭ تارىخ قارىشىمىزدىكى تىپىك بىر ئۈلگىلىك مىسال


ئەمىر تۆمۈر ۋە ئەمىر قەمەرىدىنگە بولغان خاتا تارىخىي قاراش ۋە زىيالىلاردىكى ئاكىسىراش :

1372 - يىلى 5 - يانۋار خارەزم ھۆكۈمرانى ھۈسەيىن سوپى ئەمىر تۆمۈرنىڭ قورشاۋىغا بەرداشلىق بېرەلمەي قازا قىلغان . ئۇ ئەسلىدە ئالتۇن ئوردا خانى ئۆزبەكخان( 1312 - 1341 ) نىڭ كۈيئوغلى بولۇپ ، ئۆزبەكخان ئۆلۈپ ئۇنىڭ ئۆزبەك ئۇلۇسى پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن قوڭغرات نەسىللىك ھۈسەيىن سوپىمۇ مۇستەقىللىق جاكارلاپ ، خارەزمگە خان بولغان . تۇغلۇق تۆمۈرخان ماۋرائۇننەھىرگە قوشۇن تارتقاندا ئۇ دەرھال بەيئەت قىلغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان قازا قىلغاندىن كېيىن ئۇ ئىسيانچى ئاقساق تۆمۈرگە قارشى تۇرۇپ ، خارەزمنى مۇستەقىل ئىدارە قىلغان.

سۇلتان يۇنۇسخان ( سەئىدخان ۋە بابۇر شاھنىڭ بوۋىسى) نىڭ ئۇستازى مەۋلانا شەرەپىدىن ئەلى يەزدى « زەپەرنامە» ناملىق ئەسىرىدە ، ئاقساق تۆمۈرنىڭ 1364 - يىلى ئىسيان كۆتۈرۈپ ئافغانىستانغا قېچىپ كېتىپ ، شۇ يەرنى بازا قىلىپ تۇرۇپ ، ئەمىر قەمەرىدىن تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئۇنىڭ جەمەتىنى قىرغىن قىلىپ ، ئالمالىقنى ۋەيران قىلغاندا بۇنى پۇرسەت دەپ بىلگەن ئاقساق تۆمۈرنىڭ چاغاتاي خانلىقى تەۋەسىدە « خانغا ئاسىيلىق قىلغان ئەمىر قەمەرىدىن دۇغلاتنى جازالاش تەشۋىقاتى » ئېلىپ بېرىپ، ئۇتۇقلۇق ھالدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ غەربىنى 1370 - يىلى قولىغا ئالغاندىن كېيىن ، ھەر تەرەپكە كېڭەيمىچىلىك قىلغان. گەرچە ئۇ ھۈسەيىن سوپىنى جېنىغا زامىن بولۇپ، خارەزمنى قانلىق بويسۇندۇرغان بولسىمۇ ، بىراق خارەزم خانلىقى ۋە قوڭغراتلار تاكى 1388 - يىلغىچە ئاقساق تۆمۈرگە قارشى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان . 1383 - يىلى تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭ ئەڭ كىچىك بىردىنبىر ئوغلى خىزىرخوجا ئوغلان تەختكە چىقىپ، 1386 - يىلغىچە ئەمەلىي كۈچى ئەمىر قەمەرىدىندىن ئېشىپ كەتكەندىن كېيىن ، ئورتاق كۈچلۈك دۈشمەن ئاقساق تۆمۈرگە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن 1366 - يىلدىن بېرى ئاقساق تۆمۈرگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان ئەمىر قەمەرىدىننى ئەپۇ قىلىپ ، خانلىقنىڭ چوڭ ھەربىي ھوقۇقىنى تاپشۇرغان . ئەمىر قەمەرىدىنمۇ قىلمىشىغا ئۆكۈنۈپ ، ۋاپادارلىقىنى كۆرسەتكەن . 1387 - يىلدىكى چەۋلەك ئۇرۇشىدا ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشخان چاغاتاي خانلىقى بىلەن ھەربىي ئىتتىپاق تۈزۈپ ، خارەزمگە ئەسكەر چىقارغان . ئەمىر قەمەرىدىنمۇ قەشقەر ۋە ئالمالىقتىن ساناقسىز قوشۇنلار بىلەن ئاتلىنىپ تۆمۈر بىلەن چەۋلەك ئۇرۇشى قىلغان . ئەپسۇس ، تۆمۈر غەلىبە قىلىپ ، توختامىشخان ئورۇسلارنى تىنجىتىش ئۈچۈن كېتىپ قالغان . ئەمىر قەمەرىدىن ئۆزى يالغۇز تۆمۈر بىلەن جەڭ قىلغاچ چېكىنىپ ، تاكى كۈنەس يايلاقلىرىغىچە تىركەشكەن . تۆمۈرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن يۈرۈش قىلىپ ، تاكى ھازىرقى يۇلتۇز يايلاقلىرى ( كۈنەس ۋە كورلا پاسىلىدا ، بايىنبۇلاق ) غىچە بېسىپ كىرىپ ، ئۇلۇغ تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىكى بارلىق شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىپ خەرىتىدىن ئۆچۈرۈۋەتكەننى ئاز دەپ پايتەخت ئالمالىقنى پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىپ كۆيدۈرۈۋەتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئىلى ۋە يەتتە سۇ ۋادىسىدىكى مەدەنىيىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇپ يوقالغان . تۆمۈر شۇ يەردىن تارىم ۋادىسىغا بېسىپ كىرمەكچى بولغاندا ئالتۇن ئوردا خانى توختامىشنىڭ ئەسكەر يىغىۋاتقان خەۋىرى كېلىپ قېلىپ ، دەرھال سەمەرقەندكە قايتقان . ئۇ يولدا كېتىۋېتىپ ، قەشقەرنى ئىشغال قىلىپ ، دادىسى بىلەن بىللە تارىم ۋادىسىنى ئىگىلىمەكچى بولغان ئوغلى جاھانگىر مىرزىغا قايتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . ئوغلى بۇيرۇق بويىچە قەشقەر شەھىرىنى بۇلاپ ، ئاندىن كۆيدۈرۈۋېتىپ قايتقان .
بۇ ۋەقەدىن كېيىن ، خىزىر خوجا ئالمالىقنى پايتەخت قىلىشنىڭ ئەمدى پايدىسى يوقلىقىنى ھېس قىلىپ ، تۆت ئەتراپى تاغلار بىلەن قورشالغان قارا شەھەرنى پايتەخت قىلغان .

1756 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى قايتا تىرىلگەندىن كېيىن ، بولۇپمۇ بۇخارا ئەمىرى مۇھەممەد ئىمىن ( 1730 - 1790) دەۋرىدە خارەزمدىكى قوڭغراتلار يەنىلا تارىختىكى پاجىئەلەرنىڭ قايتىلىنىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىشقا باشلىغان . دەرۋەقە خىۋەخانى ئەبۇلغازى باھادىرغان ( 1603 - 1661) قازا قىلغاندىن كېيىن ، خارەزم بۇخاراغا قارىغاندا ئاجىزلاپ كەتكەن ئىدى .

ئەمىر قەمەرىدىن 1388 - يىلى ، خىزىر خوجا 1398 - يىلى ، سۇلتان بايەزىد يىلدىرىم 1402 - يىلى ، ئەمىر تۆمۈر 1405 - يىلى قازا قىلغان . ئەمىر تۆمۈرنى 22 يىل توسۇپ تۇرۇپ ، ئاسىيا قىتئەسىدىكى تۆمۈر يۇتالمىغان بىردىنبىر دۆلەت چاغاتاي خانلىقىنى قوغداپ قالغان ئەمىر قەمەرىدىن راسلا بىر مىللىي قەھرىمان بولۇشقا مۇناسىپ . تارىخىي رومانلاردا بىزدىكى ئېغىر دەرىجىدە ئاكىسىراش خاھىشى تۈپەيلىدىن ، يازغۇچى - زىيالىلار ھەدېسىلا ئەمىر تۆمۈرنى ئۇلۇغلاپ ، ئەمىر قەمەرىدىننى چۆكۈرىدۇ . ھەتتا ئۇنى تارىختىكى ئەڭ ئىپلاس ئادەم قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدۇ. ئەمما تارىخىي كىتاپلاردىكى ھەقىقەت تولىمۇ ئېنىقتۇر . ئەگەر ئوسمانىلارنىڭ ، مەملۇكىلارنىڭ ، ئىلخانىلارنىڭ ، ئەزەربەيجانلارنىڭ ، ئىرانلىقلارنىڭ ، ھىندىلارنىڭ ۋە باشقا ئەمىر تۆمۈر يۇتۇۋالغان بارلىق تۈرك - ئىسلام ئەللىرىنىڭ ئەمىر قەمەرىدىنچىلىك بىرەر غالىپ سەركەردىسى ، يەنە كېلىپ تۆمۈرنى 22 يىل ھالسىراتقان باشقا بىرى بولسا ئىدى ، ئۇلار ئاللىبۇرۇن ئۇنى بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرۈپ ، خاتىرىلەپ كەلگەن بولاتتى . بىزنىڭ تارىخچىلىرىمىزدىن موللا مۇسا سايرامىغىچە بۇ تارىخنى لىللا بايان قىلىپ كەلگەن بولسا ، ئۆتكەن ئەسىردە ، بولۇپمۇ 1949 - يىلدىن كېيىنكى تارىخىمىز ھازىرغىچە يېزىلمىغان بولغاچقا ، يازغۇچى - زىيالى كىشىلەر يازغان تارىخىي رومانلار تارىخ سۈپىتىدە قوبۇل قىلىندى . ئۆتكەن ئەسىردە پەقەت مۇھەممەد ئىمىن بۇغرالا ئەمىر قەمەرىدىن ( 1318 - 1388) بىلەن مىرزا ئابابەكرى ( 1444 - 1514) بىر قەدەر ئىجابىي باھا بەرگەن .

خۇلاسە ئەمىر قەمەرىدىنگە باندىتلارچە نەزەردە ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇرچە نەزەردە قاراپ ، تارىخىمىزدىكى دۈشمەنچە زەھەرلىرىنى تازىلىۋېتىش كېرەك ! ئەمىر قەمەرىدىن ئوبرازىنى ئەمىر تۆمۈر ئوبرازىغا ئالماشتۇرۇش كېرەك !

تۇغلۇق تۆمۈرخان بىلەن ئەمىر تۆمۈرنى تېخىچە بىر ئادەم دەپ ئويلايدىغان نادانلارغا تەۋسىيە:

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=451.0

سايرام ئوغلانى

سۈرەتتە : تارىخىي تەرتىپ بويىچە ، چاغاتاي خانلىقى ، ئالتۇن ئوردا ، تۆمۈرىلەر ، بابۇرىلار ۋە خىۋە ، بۇخارا ، قوقان ، غەربىي تۈركىستان ۋە شەرقىي تۈركىستان بايراقلىرى . ئەڭ ئاخىرقى بايراق خىۋە ( خارەزم )خانلىقىنىڭ 1917 - يىلدىن بۇرۇن ئىشلەتكەن بايرىقى .

2020 - يىلى 13 - يانۋار دۈشەنبە.   
84

ПЕРЕТРАНСЛИРОВАЛ КАК ЕСТЬ.

Тунҗи сәлтәнәтлик туран һөкүмдари вә дуня тарихидики тунҗи аял падишаһ тумарс

Тумарс вә  Кәйхусрав һәққидә чүшәнчә :

Һәр икки тәрәпниң әҗдади һәққидә :

Алп : йигит , җәсур , қәһриман мәнисидә.
Урушта әң батур йигитләр ( алп ) дейилиду.
Туңа : пилни йәңгүчи күчтүңгүр шир . Парсчә исми афрасияп , юқириқи мәниләр шу .
Тумарс ( томерис ) : полат - төмүрдәк қаттиқ вә сунмас . Парсчә ( батур ) мәнисидә .   ( дивандин ) .

Бүйүк қаған Алп Әртуңахан :

Мәрһум әҗдадимиз вә қағанимиз , истидатлиқ туран - иран , чин вә бабилниң һөкүмрани мәрһум алп әртуңа қаған , тәхминән миладидин бурунқи 690 - йиллири туғулған . 653 - йили иранни туран билән бирләштүргән . 652 - йили туран қағани болған . Иран вә ғәрбий асияға 28 йил һөкүмран болған . Миладидин бурунқи 625 - йили нәвриси , йәни қизи қаз хатун билән иран шаһзадиси сиявуштин туғулған шалғут нәвриси кәйхусрав 1 тәрипидин зәһәрлинип қаза қилған . Бу дәһшәтлик суйқәст бүгүнки күнимиздин сақ 2644 йил илгири йүз бәргән .  Бу җәрянда характери мушу вәқәгә охшап кетидиған талай вәқәләр тәкрарлинип кәлди. Әмма биз тарихимизни билмигәчкә, ибрәт алалмай 21 - әсиргә аран киргән киргән вақитта милләт сүпитидә қәстлиниш пилани башлинип кәтти .
« өтмүши ғува болғанларниң нуранә кәлгүси болуши мумкин әмәс . Йәни , өтмүши ғува болған җайларда нуранә келәчәк болмайду ».

« көк бөрә өз тарихини өзи язмиғучә , қизил әҗдәрһаниң һекайисини аңлашқа мәҗбур болиду».

« көк бөрә билән қизил әҗдәрһа мәңгү биллә яшиялмайду . Бири әркин вә азадә муһитта яшиса, йәнә бири түгүлүп йетип өзини бағлап яшайду».   Көк әрваһ тәминлигән  .
2019 - йили 1 - өктәбир   һақарәтлик сәйшәнбә .    Сайрам оғлани .

Иран шаһи кәйхусрав 2 :

Ахманилар җәмәтидин келип чиққан иран һөкүмдари кәйхусрав 2 әслидә миладидин бурунқи 584 - йили өлгән иран һөкүмдари кәйхусрав 1 ниң қиз тәрәп әвриси иди .
( миладидин бурунқи 624 - йили һилигәр иран шаһи кәйхусрав 1 ( 642 - 584 ) бовиси туран қағани алп әртуңа хақан ( әпрасияп
М . Б 690 - м . Б 624 ) ни зияпәткә чақирип , дөләт әрканлири билән қошуп зәһәрләп өлтүрүвәткән . ( бу шалғут шаһ сиявуш билән қаз хатундин туғулғаниди ).
( кәйхусрав 1 ана тәрәп бовиси алп әртуңани миладидин бурунқи 624 - йили 17 - өктәбир зияпәттә зәһәрләп өлтүрүвәткән.  Униң оғли астаг қизини ахманилар беги камбиз 1 гә ятлиқ қилған . Улардин мушу кәйхусрав 2 туғулған ) . У 559 - йили бовиси астагқа қарши исян көтүрүп , 550 - йили уни ағдуруп , ахманилар сулалисини қурған . У нәччә йил қаттиқ уруш тәййарлиқи қилип , туранға атланған.

Кәйхусрав вә тумарс арисидики җәңләр:

Миладидин бурунқи546-йили туран земиниға бесип киргән иран падишаһи кәйхисрав2 туран ләшкәрлириниң шиддәтлик зәрбә бериши билән мәғлуп болуп чекиниду. Туран ләшкәрлири җәңдә ғәлибә қилип таҗавузчиларни туран земинидин қоғлап чиқарған болсиму, еғир яриланған баш қомандани тәртиваруни көтүрүп қайтиду. Тәртиваруниң яриси барғансери еғирлишип өз қараргаһида җан үзиду.
Кәйхусрав 2 бу мәғлубийәттин кейин туранға қайта таҗавуз қилишқа җүрәт қилалмайду . У миладидин бурунқи 539 - йили 17 - өктәбир ахманилар шаһи кәйхисрав 2 бабилни ишғал қилип , 50 йилдин бери қуллуқта туруватқан йәһуди хәлқини ана вәтинигә йолға селип қойған. ( мәзкур йәһудилар пәйғәмбирини қәстләп өлтүргәндин кейин , 587 - йили бабилон шаһи бохтунассар ( набуқун ашур) тәрипидин пәләстиндин бабилға әкитилгән. 2017 - йили исраилийә бу киши билән доллар трампни тарихий характерлиқ тәңгигә бесип чиқарди . бизму дост билән дүшмәнни мушундақ унутмаслиқимиз керәк). 559 - йилдин бери « персийә шаһи », 549 - йилдин бери « мидийә шаһи » , 547 - йилдин бери 
« лидийә шаһи » дәп шөһрәт тапқан бу ачкөз иран шаһи 546 - йили ечинишлиқ мәғлуп болуп , турандин қоғланғандин кейин нәччә қетим қайта бесип киришкә урунупму қорал күчи билән туранни бойсундуралмиған.
Йилларчә таҗавузчилиқ уруши қозғап туран зиминигә еришәлмигән кәйхисрав ахири һелә-микир йолиға кириду, тәртиваруниң аяли тумарисқа өйлүнүш тәлипи қоюп, совға саламлар билән әлчи әвәтиду.кәйхисравниң бу һилисигә қаттиқ ғәзәпләнгән тумарис униң тәлипини кәскин рәт қилиду вә җәңгә тәййарлиқ қилиду. Бирақ һелигәр кәйхисрав  гүзәл қизлар вә һарақ-шараб тозиқи қуруп тумарисниң бирдинбир оғли сипаргапирис сәркәрдилири билән йәп , ичишип көңүл ечишиватқанда туюқсиз һуҗум қилип әсиргә еливалиду, бу арқилиқ тумарисқа бесим ишлитип мәқсәткә йәтмәкчи болиду.
Тумарс әлчиләр арқилиқ кәйхисравға:‹‹әй һийлигәр алдамчи,қанхор,залим падишаһ кәйхисрав...қилған ишлириң билән махтанмайла қой.сән мениң оғлумни җәң билән йәңгиниң йоқ,у сини йеңип ғәлибини тәбрикләп бәзмә қиливатқанда һийлә-микир ишлитип туюқсиз тутқун қилдиң. Әмди миниң мәслиһәтимгә кир,өз маканиңға зиян-зәхмәтсиз кетәй десәң оғлумни қайтуруп бәр!чүнки мән қан түкүшни халимаймән! әгәр унимисаң массагит,сакларниң тәңриси күнтәңри нами билән қәсәмки , мән сәндәк ачкөз юһани қан билән суғуримән!!!›› дәйду. Кәйхисрав ,- тумарис ханиш қилишимға қошулмиса, туран земинини ишғал қилип, хәлқини өзүмгә қул қилимән,- дәп көрәңләйду. Кәйхисравниң ләшкирий күчи селиштурғусиз дәриҗидә көп вә күчлүк иди.тумарис өзини көзгә илмиған ,миллитиниң һөрлүкигә , вәтининиң мустәқиллиқиға қәст қилған бу таҗавузчи қанхорға қарши уруш қилишни қарар қилиду.
Миладидин бурунқи 529 - йили 17 - өктәбир иран ахманилар ( м . Б 550 - м . Б 330 ) импирийисиниң қурғучиси кәйхусрав 2 ( 559 - 529 ) зор һәрбий күч билән аму дәрясидин өтүп туранни қанға бойиғандин кейин , ноябирниң ахирлири сир дәря бойиға йетип келиду . тумарс мәликә униңға я туранлиқлар қарши қирғаққа өтүп уруш қилиш , я иранлиқлар сир дәрядин өтүп уруш қилиш , қарши тәрәп үч күнлүк йирақлиққичә чекиниш тәклипини бериду . Мәғрур кәйхусрав дәрядин өтүшни өзи таллайду . Декабирниң дәсләпки күни дәһшәтлик уруш башлиниду . 4 - декабир декабирда тумарс хатун қолида өлтүрүлиду . 
Туранлиқлар батурларчә урушуп,шунчә күчлүк дүшмән үстидин ғалиб келиду . Мәликә тумарс кәйхисравниң каллисини елип, қанға толдурулған тулумға патуруп қәһри билән:‹‹башқиларниң әл юртиға зораванлиқ билән таҗавуз қилип бастуруп киргәнләрниң җазаси мана мушундақ болиду!››дәйду. 

Тасадипийлиқму яки қәстәнликму   !??

1878 - йили 15 - март ризахан пәһливи мазандаранда туғулған . Кейинчә һәрбийлик мәнсипи үзлүксиз өсүп , 1923 - йили 28 - өктәбирдин 1925 - йили 1 - ноябирғичә қачар ханлиқиниң баш вәзири болған . Андин шу йили 12 - декабир әһмәд шаһ қачарни ағдуруп , 15 - декабирдин 1941 - йили 16 - сентәбир черчил билән ситалин қолида ағдурулғичә иранда сәлтәнәт сүргән .
Икки җаһангир 25 - авғуст туюқсиз бесип кирип , уни ағдурғаниди . Шу қетимлиқ һәрбий өзгириштә тутқун қилинип җәнубий африқиға сүргүн қилинған , 1926 - йили 24 - април таҗ кийгән бу сәлтәнәтлик шаһ йирақ африқида 1944 - йили 26 - июл 66 йешида қаза қилди . униң оғлиму 61 йешида йирақ қаһирәдә 1980 - йили 27 - июл қаза қилди . Шуңа әмәл - мәнсәп вә қуруқ нам - шөһрәт қоғлишиватқан надан уйғурлар бу ата - балидин ибрәт алсун !

1919 - йили 26 - өктәбир иран шаһи муһәммәд ризахан пәһливи туғулған. Униң дадиси 1925 - йили персийәни түркләрдин тартивелип, намини иранға өзгәрткән.1967 - йили 26 - өктәбир шаһиншаһ болған.

1980 - йили 27 - июл: ахирқи иран шаһи муһәммәд риза пәһливи мисирда қаза қилған. У 1919 - 26 - өктәбир туғулуп, 1941 - 16 - сентәбир шаһ болуп, 1967 - йили 26 - өктәбир шаһиншаһ болған . 1979 - 16 - январ қачқан. Ахирқи бир йил харлиқта яшап тәнһалиқ дәрдидә дәрт ютуп өлгән . Шундақ қилип теһранда туғулған падишаһ қаһирәдә өлүп , шу йәргә дәпнә қилинған.

1925 - йили 25 - май риза паша таҗ кийип, қачарларни ағдуруп, пәһливи ханлиқини қурған. Шуниң билән 921 - йили қараханилар хурасанни тинҗитқандин бери, сақ миң йил бизниң болған иран қолдин кәтти ***. Қараханилар билән саманиларниң йеқинчилиқи күчийиши билән әслидики саманиларда вәзипә өтәватқан түрк ( уйғур ) ларниң инавити вә мәнсипи техиму өсүп сани көпәйди . Тинҗимас хурасан вә иранни шаһ исмаил 905 - йилдин башлапла түркләрниң һәрбий күчи арқилиқ идарә қилип кәлгәниди . Шуниңдин башлап түркләр иранниң йеқинқи миң йилдики һөкүмранлириға айлинип қалди.
962 - йили оғузлар қараханиларға бәйәт қилғанда алптекин хурасанни башқурди. 977 - йили қараханиларниң өгәй балиси субуқ текин иранни башқурди. Оғли мәһмуд ғәзнәви кейинчә пүтүн иранни сориди.
1028 - йили йүсүп қадирхан қоюп бәргән ака - ука салҗуқлар 1040- йили иранни алғандин кейин, таки 1194 -йилғичә әвладлири идарә қилди. 1212 -йили қараханиларниң мәликиси түркан хатундин туғулған харәзмшаһ султан муһәммәд иранни алди. 1236 - йили идиқут уйғур ханлиқиниң сәрхил  қошуни өгәдәйхан қошуниға йол башлап , иранни алди. 
Илханилар мунқәрз болғандин кейин , һазирқи түркийәни уйғур султан алаиддин әратна алди . иранни әмир төмүр қолиға алди . Төмүриләрдин шайбанихан алди. Униңдин түрк шаһ исмаил алди.униңдин афшарлар алди. Униңдин қачарлар алди. Юқириқиларниң һәммиси әслидә бизниң туранлиқ бир җәмәт қериндашлар иди. Әң ахирида мушу парс адаш әнгилийиниң ярдимидә қачарларни ағдуруп , ирандики ахирқи миң йиллиқ сәлтәнитимизгә түптин хатимә бәрди .

1971 - йили өктәбирдә ризахан пәһливи ахманилар ханлиқиниң 2500 йилллиқи вә кәйхусравни хатириләп, пүтүн дуня шаһлирини чиллиған. Әмма мениң инчикә һесаплап байқишимчә, бу дәл тумарс мәликиниң уни өлтүргән йили икән . Униң сәлтәнитиму шу өлгән йили әң йүксәк вә юқири пәллигә йәткәчкә , һәм пүтүн санға тоғра кәлгәчкә әқиллиқ иран шаһи шу йилни тәбрикләш үчүн таллиған .
1971 - йили 12 - өктәбирдин 17 - өктәбиргә қәдәр давам қилған бу һәшәмәтлик дуняви мурасимға 500 милйон доллар хәҗләнгән . Уйғур хәлқиму әҗдатлиридин пәхирлинишни, уйғур болғанлиқидин иптихарлинишни билиши вә уни әмәлий ипадилиши керәк !

1971 - йили өктәбир ризахан ахманилар шаһи кәйхусрав2 ниң тунҗи парс импирийисини қурғанлиқиниң 2500 йиллиқини дағдуғилиқ тәбриклигән. Биз уйғур хәлқи 2021 - йили  ноябирда тумарс мәликиниң уни тәндин вә җандин җуда қилғанлиқиниң 2550 йиллиқини дағдуғилиқ тәбриклишимиз керәк .

2538 йил илгирики вә кейинки ханим - қизлиримиз .
1 - сүрәттә : миладидин бурунқи 529 - йили 4 - декабир  алп әртуңа ( афрасияп) ниң чәвриси, туран мәликиси тумарс хатун сир дәряси вадисида, туранға таҗавуз қилип, дәря - дәря қанларни төкүп, наһәқ қирғинчилиқ йүргүзгән иран ахманийлар сулалисиниң қурғучиси кәйхусрәв / м. Б 559 - м .б 529/  ни өлтүрүп, каллисини кесивалған. Андин қанға тоймас һөкүмдар кәйхусрәвниң каллисини лиқ қан билән толдурулған тулумға селип, қанға тойғузған.

2 - сүрәттә : милади 2009 - йили 6 - июлда үрүмчи шәһиридә қолида төмүрниң сунуқиму йоқ уйғур қизи, чиш - тирниқиғичә толуқ қоралланған таҗавузчи бандитларға 2538 йил бурунқи тумарс хатун роһини әсләтмәктә!
« тарих тәкрарлиниду. Бу кәмгичә қабаһәтлик вә һақарәтлик тарихимизла тола тәкрарлинип кәлди. әмди сәлтәнәтлик вә җасарәтлик тарихимизму  тәкрарланғуси. Биз қанчә көп тиришчанлиқ көрсәтсәк, шунчә тез рояпқа чиққуси .
2019 - йили 15 - июл  дүшәнбә .

2548 йилдин кейинки аяллар киризиси вә уйғур аилилириниң вәйран болуш хәвпи :

Буниңдин топтоғра 2548 йил илгири йүз бәргән бу ибрәтлик вәқә һәр вақит бизни агаһландуруп турмақта . Ханим - қизлиримиз һакимийәт тутқанда, әркәкләр бешида көтүрүп һөрмәт қилғанда  әнә шундақ арслан кәби әркәкләр көпләп туғулғаниди. Аридин 2250 йил өткәндин кейин, йәни милади 1619 - йилдин кейин хәлқимиз 300 йиллиқ « әсһабулкәһпи уйқуси » ға ғәрқ болди. пүтүн ислам дунясидин сүпүрүлүп кәлгән әхләтләр вә каззаплар вәтинимиздә иззәт тепип, әң һалқилиқ йүз йилда бизни көзимизни оңшиялмас қилип қойди. Кейинки йүз йилда қанчә қилсақму, җаһаләт вә асарәттин толуқ қутулалмидуқ . Ахирқи йүз йилда һәтта дүшмән һеч күчимәйла, өз қоллиримиз билән өз сәркилиримизни йоқитип кәлди .
Аилидин башланған җиддий вә кәскин бир ислаһат елип бармисақ, тарихтики реал үлгилик шәхсләр болған тумарс хатун,  түркан хатун, ипархан , йәттә қизлирим вә нузугумлар барғансири әпсаниви шәхсләргә айлинип қалиду. Томуримиздики қан ашуларниң қени шу болғаникән, биз қайтидин шундақ җәсур қизлар вә қәһриман аниларни қайтидин йетиштүрүп чиқишимиз керәк . Һазирқи әвладлар мукәммәл әмәс. Биз бир әвлад юқири сапалиқ аяллар, ихтисаслиқ қизларни йетиштүрмәй туруп, һазирқи еғир дәриҗидә һәр қайси җәһәтләрдә қаттиқ роһийити зәхмиләнгән илләтлик бир әвлад билән келәчәктики хирисларға тақабил туралмаймиз! 

Филим һәққидә тоғра чүшәнчә :

Қазақистан 15 миң намзат ичидин типик уйғур вә сак чирай алмирә турсунни таллап чиқип , 2017 - йили декабирда ишләшкә башлиған « тумарс » филими 2019 - йили язда пүтүп , йил ахириғичә қазақистанда қоюлуп зор алқишқа еришти . 2020 - йили 10 - април җүмә түркийәдә қоюлмақчи .

Кичиккинә шүбһиләргә силиқ рәддийә :

Худди чиңғиз айтматоф ейтқандәк :   
« исламийәттин илгирики вә кейинки бир қисим алимлар вә мәшһур шәхсләрниң кимлики улар туғулуп өскән яки вапат болған җайларға бағлинип, бүгүн шу җай кимниң қолида болса, у адәмму шуниң болуп кетидиған әһвал шәкилләнгән » . Бүйүк 16 импирийә байриқини муһәммәд имин буғра китабиниң муқәддимисидә кәлтүргән иди . Бизниң һалимиз харап болғачқа, 2015 - йили январда буни әрдоған ақ сарийиға есип һәйвисини ашурди . Алп әртуңаға өзбекистан игә болуп, йеңи тез пойизини
« афрасияп » дәп атап, әмди филим ишләшкә һазирлиниватиду . Қазақистанму бош кәлмәй тумарс хатунни ишлиди.
Булар бундин 2550 йил илгири яшиғанлар болуп, сак дегән нам билән тонулмақта . Һазирғичә қазақ далисида көплигән сак асар - әтиқилири байқалди. Даңлиқ сакямуниму дәл шу сакларниң шаһзадиси иди . У будда динини яратти . Кумараҗива 800 йилдин кейин вәтинимиздә омумлаштурди . Қәшқәр вә хотәндә әң ахирқи саклар сақлинип қалған . Шуңа хотәнликләрни диванда қош тиллиқ иди дәп сүпәтләйду.
Саклар шәрқтә тәңритағлиридин ғәрпкә қарап памирдин айлинип қара қурум тағлириғичә һилал ай шәкилдә сақлинип қалған . Йәни қумул, бәшбалиқ, юлтуз яйлақлири, күнәс, кучар, атуш тағлири, қәшқәр тағлири вә хотән тағлири бу даириниң ичигә кирип кетиду . Қәшқәр балдур шәһәрләшкән вә милләтләр қошулидиған җай болғачқа , тезрәк сакларни ақ һонларға сиңдүрүвәткән болуши мумкин . йәр намлири расла тарихниң йәр йүзидики тамғиси . « кучардики сақсақ, атуштики бәйсақ , хотәндики сапсақ , қәшқәрдики самсақ , тоққузсақ вә оғуз сақ билән қәдимий йәкәнниң сакараул дәп атилиши . Хуласә калам биз шу дәл шу сақларниң германийәдәк бәш һәссә чоң вәтәнни қоралсиз сақлап қалған әң җәңгивар қалдуқлири !».
Қараханилар бивастә алп әртуңадин келип чиққан . Мәһмуд кашғәридин қутлуқ шәвқигичә миң йиллиқ нәсәпнамә сақлинип қалған . Буларни мулаһизә қилғанда уйғурлар вә қазақларниң қенида охшашла сак қени ақмақта . Қазақлар уйғурларниң әң йеқин қан - қериндиши болуш сүпити билән, шундақла һазирқи сир дәрясиниң шәрқи вә талас бойлирини қолида тутуп турғачқа , биздин қалсила шу җайларда яшап өткән йирақ қәдимқи заман шәхсләргә игә чиқишқа әң һәқлиқ . чүнки бизниң әһвалимиз харап . Һазир шәхсләрғу туруп турсун , һәтта полу билән әтләсму өзбек билән таҗикниң бопкәтти .  Әгәр дуня мушундақ тар милләтчилик билән давам қилип  қалса, бизму бу талашлиқ риқабәттин қачалмаймиз . Әмма туққанлар бирлишишкә башлиса , у чағда уни талашқанниң һечбир әһмийити болмайду . Һәр һалда қазақларниң җим туруп башқиларға тартқузуп қойғинидин вахтида игә чиққини яхши бопту . Немила дегән қазақлар қазанған һәр бир утуқ тегидин вә маһийәттин елип ейтқанда йәнила уйғурниң утуқи , һәр қайси тәрәпләрниң надан -  тәнтәклири мәйли етирап қилсун , қилмисун бәрибир  шундақ болиду !

Хатимә : алп әртуңа вә тумарс роһини тирилдүрүш керәк :

Йүз йиллиқ акисираш йәтмидиму !? Йәнә кимни ака тутимән дәп милләтни қайта паләч қилип қурбан қилмақчи !?
( көк әрваһ )

1934 - йили 27 - декабир ризахан пәһливи буйруқ чүшүрүп, персийә намини « иран » ға өзгәрткән. өзини шаһиншаһ дәп атиған .  Төт күндин кейин 1935   йили  1  январ түркийә даһийси мустапа камалға түркийә бүйүк милләт мәҗлисидин « түркийәдики түркләрниң атиси» мәнисидики« ата түрк»нами берилгән . Мустапа камал паша 1 - дуня уруши вә миллий мустәқиллиқ урушида түркийәни мунқәрз болуштин сақлап қалған төһпикар болса, ризахан пәһливи түркләрниң ирандики аз болғанда миң йиллиқ һөкүмранлиқиға хатимә берип , өзини иранниң хоҗайини дәп қарайдиған парс миллитини вә ариан намини тирилдүрүп, түркий хәлқләрниң оттурида бир парс сәлтәнитини тикләп чиққан иран парс қәһримани иди .
Демәк парслар билән түркләр 1935 - йилила миллий иптихарлиқ роһиниң юқири пәллисигә йәткән.

Әмма әзизанә қәшқәрдә хәлқимиз 1924 -йили 300 йиллиқ җаһаләт уйқусидин ойғатқан даһийсини қоғдап қалалмиған . Нәтиҗидә җаһаләт қайтидин шу қәдәр күчийип кәткәнки , 1931 - йили қәшқәргә кәлгән муса җаруллаһ « ислам бу йәргә кәйничә кирипту !» дәп яқисини чишләп қалған . 1933 - йили июлда төмүр сиҗаң қәшқәрдә мадотәйниң тамғисини тартивелип шәһәрдә үч күн көз - көз қилип , өзини силиң яки сиҗаң дәп атиған . 1933 - йили июнда хоҗинияз һаҗи маҗуңйиңниң начар қилмишиға қаттиқ ғәзәплинипла , « шең шисәй билән бирләшкиним бирләшкән!» дәп чиң туруп 4 - июн « өлүмнамисигә қол қоювәткән » . 1934 - йили бизниң һәммә атаманларни бир - бириниң қоли билән җайлап тәхткә чиққан қув җаллат шең шисәй
1937 - йилдин 1944 - йилғичә бизниң әйни вақиттики сәркиләрниң һәммисини йоқатқан .

Демәк акисираш хаһиши мустәқил дөләтниң пиризидентлиқини дүшмәнниң қорчақ мәнсипигә тигишиветиштәк паҗиәләрни кәлтүрүп чиқирип хәлқимизниң йеқинқи йүз йиллиқ қорқунчлуқ тәқдиригә йол ечип қойған . Бу  мәнидин 20 - әсир тарихида һәм җаһаләт пирлири һәм чәтәл җаһангирлири билән мурәссә қилмай , 300 йил нимҗан болуп җаһаләткә патқан хәлқни һаяти арқилиқ силкип , қени арқилиқ ойғитип чиққан мәрһум абдуқадир дамолламдин кейинки һечбир йолбашчимизни « даһий » дәп атиғили болмайду . Бәлки улар « диний йолбашчи » , « җамаәт әрбаби» ,« юрт ақсақили» , « қозғилаң пешваси » вә « хәлқ рәһбири » болушқа лайиқ . азат қасим ака тоғра ейтиду . Бу һәқтики тәпсилатни азаткамниң шу мәзмундики әсиридин оқувелиң!   

Шундақ болғанда хәлқимиз вә миллитимиз юқириқи абдуқадир дамоллам , мустапа камал паша вә ризахан пәһливидәк йүз йилда бир чиқидиған даһийлардин  мәһрум һалда йүз йилдәк теңирқап йүрүп миң тәстә йеңи әсиргә улашти . Әмди биздинму
« ата уйғур » намиға лайиқ бир сиясий даһий  оттуриға  чиқиши керәк  ! әмди акисираш хаһишиға қәтий һалда хатимә бәрмисәк , келәчәк тәқдиримиз йәнила һазирқидәк маматлиқ пәйтләрдиму ақмиған дөләт һакимийәтлириниң қолидики қиммәт баһалиқ тавар болуп кетивериду .

Мәрһум муһәммәд имин буғра әпәндиниң бир мәшһур гепини аңлидим : « әгәр шәрқий түркистан дәваси түркийәниң мәвҗутлуқини йоқитишқа сәвәп бопқалса , биз түркийәниң бәқаси ( сақлинип қелиши ) үчүн шәрқий түркистан дәвасидин ваз кечимиз ! » . Бу гәп әйни вақиттики муһаҗирларни қойниға алған түркийә һөкүмитини һаяҗанландуруш үчүн ейтилған болса , бүгүн у гәпни түп пиринсип қилип көтүрүп чиқидиған калтә пәм вә тәпәккурсиз тәқлидчиләр пәйда болуватиду . Мәрһумға яғқан тапа тәниләрниң гунаһиму дәл мушу калтәпәмләргә болиду . Бу гәпниң һәм вахти һәм қиммити өтти . Шуңа өзимизниң миллий мәвҗутлуқи вә миллий мәнпәәтигә зиянлиқ һәр қандақ пикирдин кәскин ваз кечип , тездин өзимизгә хас йолимизни вә пиринсиплиримизни омумлаштуруш керәк !

Унутмайли , даһий хәлқни әмәс , хәлқ даһийни мәйданға кәлтүриду . Вәзийәт қаттиқ кәскинлишип , дост - дүшмән ениқ болғансири һәр кимниң әсли қияпити оттуриға чиқиватиду . Қени әмисә , һәммимиз йеңи әсирдики һәқиқий даһиймизни байқап чиқайли ! Йеңи йилда йеңичә пилан билән ишни башлап кетәйли !

Көк Әрваһ

2020 - йили 1 - айниң 1 - күни кечә 01:01:01 дә тамамланди .
Тәлипимни йәрдә қоймиғанлиқи үчүн « көк әрваһқа » рәһмәт!

Юқириқи барлиқ тарихий архиплар көк әрваһниң « уйғурларни йоқитишниң тарихий вә сиясий сәвәплири » намлиқ әсиридин тәминләп бәргән парчә мәлуматларни бир йәргә топлаш арқилиқ тарихий тәртип бойичә тизип чиқилди .

Сайрам оғлани .      ( Бағчә сарай ) .

2020 - йили 11 - январ        шекәр шәнбә
85

تۇنجى سەلتەنەتلىك تۇران ھۆكۈمدارى ۋە دۇنيا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ تۇمارس

تۇمارس ۋە كەيخۇسراۋ ھەققىدە چۈشەنچە :

ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەجدادى ھەققىدە :

ئالپ : يىگىت ، جەسۇر ، قەھرىمان مەنىسىدە.
ئۇرۇشتا ئەڭ باتۇر يىگىتلەر ( ئالپ ) دېيىلىدۇ.
تۇڭا : پىلنى يەڭگۈچى كۈچتۈڭگۈر شىر . پارسچە ئىسمى ئافراسىياپ ، يۇقىرىقى مەنىلەر شۇ .
تۇمارس ( تومېرىس ) : پولات - تۆمۈردەك قاتتىق ۋە سۇنماس . پارسچە ( باتۇر ) مەنىسىدە .   ( دىۋاندىن ) .

بۈيۈك قاغان ئالپ ئەرتۇڭاخان :

مەرھۇم ئەجدادىمىز ۋە قاغانىمىز ، ئىستىداتلىق تۇران - ئىران ، چىن ۋە بابىلنىڭ ھۆكۈمرانى مەرھۇم ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، تەخمىنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 690 - يىللىرى تۇغۇلغان . 653 - يىلى ئىراننى تۇران بىلەن بىرلەشتۈرگەن . 652 - يىلى تۇران قاغانى بولغان . ئىران ۋە غەربىي ئاسىياغا 28 يىل ھۆكۈمران بولغان . مىلادىدىن بۇرۇنقى 625 - يىلى نەۋرىسى ، يەنى قىزى قاز خاتۇن بىلەن ئىران شاھزادىسى سىياۋۇشتىن تۇغۇلغان شالغۇت نەۋرىسى كەيخۇسراۋ 1 تەرىپىدىن زەھەرلىنىپ قازا قىلغان . بۇ دەھشەتلىك سۇيقەست بۈگۈنكى كۈنىمىزدىن ساق 2644 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن .  بۇ جەرياندا خاراكتېرى مۇشۇ ۋەقەگە ئوخشاپ كېتىدىغان تالاي ۋەقەلەر تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمما بىز تارىخىمىزنى بىلمىگەچكە، ئىبرەت ئالالماي 21 - ئەسىرگە ئاران كىرگەن كىرگەن ۋاقىتتا مىللەت سۈپىتىدە قەستلىنىش پىلانى باشلىنىپ كەتتى .
« ئۆتمۈشى غۇۋا بولغانلارنىڭ نۇرانە كەلگۈسى بولۇشى مۇمكىن ئەمەس . يەنى ، ئۆتمۈشى غۇۋا بولغان جايلاردا نۇرانە كېلەچەك بولمايدۇ ».

« كۆك بۆرە ئۆز تارىخىنى ئۆزى يازمىغۇچە ، قىزىل ئەجدەرھانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ».

« كۆك بۆرە بىلەن قىزىل ئەجدەرھا مەڭگۈ بىللە ياشىيالمايدۇ . بىرى ئەركىن ۋە ئازادە مۇھىتتا ياشىسا، يەنە بىرى تۈگۈلۈپ يېتىپ ئۆزىنى باغلاپ ياشايدۇ».   كۆك ئەرۋاھ تەمىنلىگەن  .
2019 - يىلى 1 - ئۆكتەبىر   ھاقارەتلىك سەيشەنبە .    سايرام ئوغلانى .

ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 2 :

ئاخمانىلار جەمەتىدىن كېلىپ چىققان ئىران ھۆكۈمدارى كەيخۇسراۋ 2 ئەسلىدە مىلادىدىن بۇرۇنقى 584 - يىلى ئۆلگەن ئىران ھۆكۈمدارى كەيخۇسراۋ 1 نىڭ قىز تەرەپ ئەۋرىسى ئىدى .
( مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى ھىلىگەر ئىران شاھى كەيخۇسراۋ 1 ( 642 - 584 ) بوۋىسى تۇران قاغانى ئالپ ئەرتۇڭا خاقان ( ئەپراسىياپ
م . ب 690 - م . ب 624 ) نى زىياپەتكە چاقىرىپ ، دۆلەت ئەركانلىرى بىلەن قوشۇپ زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن . ( بۇ شالغۇت شاھ سىياۋۇش بىلەن قاز خاتۇندىن تۇغۇلغانىدى ).
( كەيخۇسراۋ 1 ئانا تەرەپ بوۋىسى ئالپ ئەرتۇڭانى مىلادىدىن بۇرۇنقى 624 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر زىياپەتتە زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈۋەتكەن.  ئۇنىڭ ئوغلى ئاستئاگ قىزىنى ئاخمانىلار بېگى كامبىز 1 گە ياتلىق قىلغان . ئۇلاردىن مۇشۇ كەيخۇسراۋ 2 تۇغۇلغان ) . ئۇ 559 - يىلى بوۋىسى ئاستئاگقا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ ، 550 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرۇپ ، ئاخمانىلار سۇلالىسىنى قۇرغان . ئۇ نەچچە يىل قاتتىق ئۇرۇش تەييارلىقى قىلىپ ، تۇرانغا ئاتلانغان.

كەيخۇسراۋ ۋە تۇمارس ئارىسىدىكى جەڭلەر:

مىلادىدىن بۇرۇنقى546-يىلى تۇران زېمىنىغا بېسىپ كىرگەن ئىران پادىشاھى كەيخىسراۋ2 تۇران لەشكەرلىرىنىڭ شىددەتلىك زەربە بېرىشى بىلەن مەغلۇپ بولۇپ چېكىنىدۇ. تۇران لەشكەرلىرى جەڭدە غەلىبە قىلىپ تاجاۋۇزچىلارنى تۇران زېمىنىدىن قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئېغىر يارىلانغان باش قوماندانى تەرتىۋارۇنى كۆتۈرۈپ قايتىدۇ. تەرتىۋارۇنىڭ يارىسى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ ئۆز قارارگاھىدا جان ئۈزىدۇ.
كەيخۇسراۋ 2 بۇ مەغلۇبىيەتتىن كېيىن تۇرانغا قايتا تاجاۋۇز قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ . ئۇ مىلادىدىن بۇرۇنقى 539 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئاخمانىلار شاھى كەيخىسراۋ 2 بابىلنى ئىشغال قىلىپ ، 50 يىلدىن بېرى قۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان يەھۇدى خەلقىنى ئانا ۋەتىنىگە يولغا سېلىپ قويغان. ( مەزكۇر يەھۇدىلار پەيغەمبىرىنى قەستلەپ ئۆلتۈرگەندىن كېيىن ، 587 - يىلى بابىلون شاھى بوختۇناسسار ( نابۇقۇن ئاشۇر) تەرىپىدىن پەلەستىندىن بابىلغا ئەكىتىلگەن. 2017 - يىلى ئىسرائىلىيە بۇ كىشى بىلەن دوللار ترامپنى تارىخىي خاراكتېرلىق تەڭگىگە بېسىپ چىقاردى . بىزمۇ دوست بىلەن دۈشمەننى مۇشۇنداق ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك). 559 - يىلدىن بېرى « پېرسىيە شاھى »، 549 - يىلدىن بېرى « مىدىيە شاھى » ، 547 - يىلدىن بېرى 
« لىدىيە شاھى » دەپ شۆھرەت تاپقان بۇ ئاچكۆز ئىران شاھى 546 - يىلى ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولۇپ ، تۇراندىن قوغلانغاندىن كېيىن نەچچە قېتىم قايتا بېسىپ كىرىشكە ئۇرۇنۇپمۇ قورال كۈچى بىلەن تۇراننى بويسۇندۇرالمىغان.
يىللارچە تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغاپ تۇران زىمىنىگە ئېرىشەلمىگەن كەيخىسراۋ ئاخىرى ھېلە-مىكىر يولىغا كىرىدۇ، تەرتىۋارۇنىڭ ئايالى تۇمارىسقا ئۆيلۈنۈش تەلىپى قويۇپ، سوۋغا سالاملار بىلەن ئەلچى ئەۋەتىدۇ.كەيخىسراۋنىڭ بۇ ھىلىسىگە قاتتىق غەزەپلەنگەن تۇمارىس ئۇنىڭ تەلىپىنى كەسكىن رەت قىلىدۇ ۋە جەڭگە تەييارلىق قىلىدۇ. بىراق ھېلىگەر كەيخىسراۋ  گۈزەل قىزلار ۋە ھاراق-شاراب توزىقى قۇرۇپ تۇمارىسنىڭ بىردىنبىر ئوغلى سىپارگاپىرىس سەركەردىلىرى بىلەن يەپ ، ئىچىشىپ كۆڭۈل ئېچىشىۋاتقاندا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ ئەسىرگە ئېلىۋالىدۇ، بۇ ئارقىلىق تۇمارىسقا بېسىم ئىشلىتىپ مەقسەتكە يەتمەكچى بولىدۇ.
تۇمارس ئەلچىلەر ئارقىلىق كەيخىسراۋغا:‹‹ئەي ھىيلىگەر ئالدامچى،قانخور،زالىم پادىشاھ كەيخىسراۋ...قىلغان ئىشلىرىڭ بىلەن ماختانمايلا قوي.سەن مېنىڭ ئوغلۇمنى جەڭ بىلەن يەڭگىنىڭ يوق،ئۇ سىنى يېڭىپ غەلىبىنى تەبرىكلەپ بەزمە قىلىۋاتقاندا ھىيلە-مىكىر ئىشلىتىپ تۇيۇقسىز تۇتقۇن قىلدىڭ. ئەمدى مىنىڭ مەسلىھەتىمگە كىر،ئۆز ماكانىڭغا زىيان-زەخمەتسىز كېتەي دېسەڭ ئوغلۇمنى قايتۇرۇپ بەر!چۈنكى مەن قان تۈكۈشنى خالىمايمەن! ئەگەر ئۇنىمىساڭ ماسساگىت،ساكلارنىڭ تەڭرىسى كۈنتەڭرى نامى بىلەن قەسەمكى ، مەن سەندەك ئاچكۆز يۇھانى قان بىلەن سۇغۇرىمەن!!!›› دەيدۇ. كەيخىسراۋ ،- تۇمارىس خانىش قىلىشىمغا قوشۇلمىسا، تۇران زېمىنىنى ئىشغال قىلىپ، خەلقىنى ئۆزۈمگە قۇل قىلىمەن،- دەپ كۆرەڭلەيدۇ. كەيخىسراۋنىڭ لەشكىرىي كۈچى سېلىشتۇرغۇسىز دەرىجىدە كۆپ ۋە كۈچلۈك ئىدى.تۇمارىس ئۆزىنى كۆزگە ئىلمىغان ،مىللىتىنىڭ ھۆرلۈكىگە ، ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىغا قەست قىلغان بۇ تاجاۋۇزچى قانخورغا قارشى ئۇرۇش قىلىشنى قارار قىلىدۇ.
مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى 17 - ئۆكتەبىر ئىران ئاخمانىلار ( م . ب 550 - م . ب 330 ) ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسراۋ 2 ( 559 - 529 ) زور ھەربىي كۈچ بىلەن ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ تۇراننى قانغا بويىغاندىن كېيىن ، نويابىرنىڭ ئاخىرلىرى سىر دەريا بويىغا يېتىپ كېلىدۇ . تۇمارس مەلىكە ئۇنىڭغا يا تۇرانلىقلار قارشى قىرغاققا ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىش ، يا ئىرانلىقلار سىر دەريادىن ئۆتۈپ ئۇرۇش قىلىش ، قارشى تەرەپ ئۈچ كۈنلۈك يىراقلىققىچە چېكىنىش تەكلىپىنى بېرىدۇ . مەغرۇر كەيخۇسراۋ دەريادىن ئۆتۈشنى ئۆزى تاللايدۇ . دېكابىرنىڭ دەسلەپكى كۈنى دەھشەتلىك ئۇرۇش باشلىنىدۇ . 4 - دېكابىر دېكابىردا تۇمارس خاتۇن قولىدا ئۆلتۈرۈلىدۇ . 
تۇرانلىقلار باتۇرلارچە ئۇرۇشۇپ،شۇنچە كۈچلۈك دۈشمەن ئۈستىدىن غالىب كېلىدۇ . مەلىكە تۇمارس كەيخىسراۋنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، قانغا تولدۇرۇلغان تۇلۇمغا پاتۇرۇپ قەھرى بىلەن:‹‹باشقىلارنىڭ ئەل يۇرتىغا زوراۋانلىق بىلەن تاجاۋۇز قىلىپ باستۇرۇپ كىرگەنلەرنىڭ جازاسى مانا مۇشۇنداق بولىدۇ!››دەيدۇ. 

تاسادىپىيلىقمۇ ياكى قەستەنلىكمۇ   !؟؟

1878 - يىلى 15 - مارت رىزاخان پەھلىۋى مازانداراندا تۇغۇلغان . كېيىنچە ھەربىيلىك مەنسىپى ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ ، 1923 - يىلى 28 - ئۆكتەبىردىن 1925 - يىلى 1 - نويابىرغىچە قاچار خانلىقىنىڭ باش ۋەزىرى بولغان . ئاندىن شۇ يىلى 12 - دېكابىر ئەھمەد شاھ قاچارنى ئاغدۇرۇپ ، 15 - دېكابىردىن 1941 - يىلى 16 - سېنتەبىر چېرچىل بىلەن سىتالىن قولىدا ئاغدۇرۇلغىچە ئىراندا سەلتەنەت سۈرگەن .
ئىككى جاھانگىر 25 - ئاۋغۇست تۇيۇقسىز بېسىپ كىرىپ ، ئۇنى ئاغدۇرغانىدى . شۇ قېتىملىق ھەربىي ئۆزگىرىشتە تۇتقۇن قىلىنىپ جەنۇبىي ئافرىقىغا سۈرگۈن قىلىنغان ، 1926 - يىلى 24 - ئاپرىل تاج كىيگەن بۇ سەلتەنەتلىك شاھ يىراق ئافرىقىدا 1944 - يىلى 26 - ئىيۇل 66 يېشىدا قازا قىلدى . ئۇنىڭ ئوغلىمۇ 61 يېشىدا يىراق قاھىرەدە 1980 - يىلى 27 - ئىيۇل قازا قىلدى . شۇڭا ئەمەل - مەنسەپ ۋە قۇرۇق نام - شۆھرەت قوغلىشىۋاتقان نادان ئۇيغۇرلار بۇ ئاتا - بالىدىن ئىبرەت ئالسۇن !

1919 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر ئىران شاھى مۇھەممەد رىزاخان پەھلىۋى تۇغۇلغان. ئۇنىڭ دادىسى 1925 - يىلى پېرسىيەنى تۈركلەردىن تارتىۋېلىپ، نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن.1967 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر شاھىنشاھ بولغان.

1980 - يىلى 27 - ئىيۇل: ئاخىرقى ئىران شاھى مۇھەممەد رىزا پەھلىۋى مىسىردا قازا قىلغان. ئۇ 1919 - 26 - ئۆكتەبىر تۇغۇلۇپ، 1941 - 16 - سېنتەبىر شاھ بولۇپ، 1967 - يىلى 26 - ئۆكتەبىر شاھىنشاھ بولغان . 1979 - 16 - يانۋار قاچقان. ئاخىرقى بىر يىل خارلىقتا ياشاپ تەنھالىق دەردىدە دەرت يۇتۇپ ئۆلگەن . شۇنداق قىلىپ تېھراندا تۇغۇلغان پادىشاھ قاھىرەدە ئۆلۈپ ، شۇ يەرگە دەپنە قىلىنغان.

1925 - يىلى 25 - ماي رىزا پاشا تاج كىيىپ، قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ، پەھلىۋى خانلىقىنى قۇرغان. شۇنىڭ بىلەن 921 - يىلى قاراخانىلار خۇراساننى تىنجىتقاندىن بېرى، ساق مىڭ يىل بىزنىڭ بولغان ئىران قولدىن كەتتى ***. قاراخانىلار بىلەن سامانىلارنىڭ يېقىنچىلىقى كۈچىيىشى بىلەن ئەسلىدىكى سامانىلاردا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان تۈرك ( ئۇيغۇر ) لارنىڭ ئىناۋىتى ۋە مەنسىپى تېخىمۇ ئۆسۈپ سانى كۆپەيدى . تىنجىماس خۇراسان ۋە ئىراننى شاھ ئىسمائىل 905 - يىلدىن باشلاپلا تۈركلەرنىڭ ھەربىي كۈچى ئارقىلىق ئىدارە قىلىپ كەلگەنىدى . شۇنىڭدىن باشلاپ تۈركلەر ئىراننىڭ يېقىنقى مىڭ يىلدىكى ھۆكۈمرانلىرىغا ئايلىنىپ قالدى.
962 - يىلى ئوغۇزلار قاراخانىلارغا بەيئەت قىلغاندا ئالپتېكىن خۇراساننى باشقۇردى. 977 - يىلى قاراخانىلارنىڭ ئۆگەي بالىسى سۇبۇق تېكىن ئىراننى باشقۇردى. ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى كېيىنچە پۈتۈن ئىراننى سورىدى.
1028 - يىلى يۈسۈپ قادىرخان قويۇپ بەرگەن ئاكا - ئۇكا سالجۇقلار 1040- يىلى ئىراننى ئالغاندىن كېيىن، تاكى 1194 -يىلغىچە ئەۋلادلىرى ئىدارە قىلدى. 1212 -يىلى قاراخانىلارنىڭ مەلىكىسى تۈركان خاتۇندىن تۇغۇلغان خارەزمشاھ سۇلتان مۇھەممەد ئىراننى ئالدى. 1236 - يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ سەرخىل  قوشۇنى ئۆگەدەيخان قوشۇنىغا يول باشلاپ ، ئىراننى ئالدى. 
ئىلخانىلار مۇنقەرز بولغاندىن كېيىن ، ھازىرقى تۈركىيەنى ئۇيغۇر سۇلتان ئالائىددىن ئەراتنا ئالدى . ئىراننى ئەمىر تۆمۈر قولىغا ئالدى . تۆمۈرىلەردىن شايبانىخان ئالدى. ئۇنىڭدىن تۈرك شاھ ئىسمائىل ئالدى.ئۇنىڭدىن ئافشارلار ئالدى. ئۇنىڭدىن قاچارلار ئالدى. يۇقىرىقىلارنىڭ ھەممىسى ئەسلىدە بىزنىڭ تۇرانلىق بىر جەمەت قېرىنداشلار ئىدى. ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ پارس ئاداش ئەنگىلىيىنىڭ ياردىمىدە قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ ، ئىراندىكى ئاخىرقى مىڭ يىللىق سەلتەنىتىمىزگە تۈپتىن خاتىمە بەردى .

1971 - يىلى ئۆكتەبىردە رىزاخان پەھلىۋى ئاخمانىلار خانلىقىنىڭ 2500 يىلللىقى ۋە كەيخۇسراۋنى خاتىرىلەپ، پۈتۈن دۇنيا شاھلىرىنى چىللىغان. ئەمما مېنىڭ ئىنچىكە ھېساپلاپ بايقىشىمچە، بۇ دەل تۇمارس مەلىكىنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرگەن يىلى ئىكەن . ئۇنىڭ سەلتەنىتىمۇ شۇ ئۆلگەن يىلى ئەڭ يۈكسەك ۋە يۇقىرى پەللىگە يەتكەچكە ، ھەم پۈتۈن سانغا توغرا كەلگەچكە ئەقىللىق ئىران شاھى شۇ يىلنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تاللىغان .
1971 - يىلى 12 - ئۆكتەبىردىن 17 - ئۆكتەبىرگە قەدەر داۋام قىلغان بۇ ھەشەمەتلىك دۇنياۋى مۇراسىمغا 500 مىليون دوللار خەجلەنگەن . ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەجداتلىرىدىن پەخىرلىنىشنى، ئۇيغۇر بولغانلىقىدىن ئىپتىخارلىنىشنى بىلىشى ۋە ئۇنى ئەمەلىي ئىپادىلىشى كېرەك !

1971 - يىلى ئۆكتەبىر رىزاخان ئاخمانىلار شاھى كەيخۇسراۋ2 نىڭ تۇنجى پارس ئىمپىرىيىسىنى قۇرغانلىقىنىڭ 2500 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىگەن. بىز ئۇيغۇر خەلقى 2021 - يىلى  نويابىردا تۇمارس مەلىكىنىڭ ئۇنى تەندىن ۋە جاندىن جۇدا قىلغانلىقىنىڭ 2550 يىللىقىنى داغدۇغىلىق تەبرىكلىشىمىز كېرەك .

2538 يىل ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خانىم - قىزلىرىمىز .
1 - سۈرەتتە : مىلادىدىن بۇرۇنقى 529 - يىلى 4 - دېكابىر  ئالپ ئەرتۇڭا ( ئافراسىياپ) نىڭ چەۋرىسى، تۇران مەلىكىسى تۇمارس خاتۇن سىر دەرياسى ۋادىسىدا، تۇرانغا تاجاۋۇز قىلىپ، دەريا - دەريا قانلارنى تۆكۈپ، ناھەق قىرغىنچىلىق يۈرگۈزگەن ئىران ئاخمانىيلار سۇلالىسىنىڭ قۇرغۇچىسى كەيخۇسرەۋ / م. ب 559 - م .ب 529/  نى ئۆلتۈرۈپ، كاللىسىنى كېسىۋالغان. ئاندىن قانغا تويماس ھۆكۈمدار كەيخۇسرەۋنىڭ كاللىسىنى لىق قان بىلەن تولدۇرۇلغان تۇلۇمغا سېلىپ، قانغا تويغۇزغان.

2 - سۈرەتتە : مىلادى 2009 - يىلى 6 - ئىيۇلدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئۇيغۇر قىزى، چىش - تىرنىقىغىچە تولۇق قوراللانغان تاجاۋۇزچى باندىتلارغا 2538 يىل بۇرۇنقى تۇمارس خاتۇن روھىنى ئەسلەتمەكتە!
« تارىخ تەكرارلىنىدۇ. بۇ كەمگىچە قاباھەتلىك ۋە ھاقارەتلىك تارىخىمىزلا تولا تەكرارلىنىپ كەلدى. ئەمدى سەلتەنەتلىك ۋە جاسارەتلىك تارىخىمىزمۇ  تەكرارلانغۇسى. بىز قانچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك، شۇنچە تېز روياپقا چىققۇسى .
2019 - يىلى 15 - ئىيۇل  دۈشەنبە .

2548 يىلدىن كېيىنكى ئاياللار كىرىزىسى ۋە ئۇيغۇر ئائىلىلىرىنىڭ ۋەيران بولۇش خەۋپى :

بۇنىڭدىن توپتوغرا 2548 يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن بۇ ئىبرەتلىك ۋەقە ھەر ۋاقىت بىزنى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرماقتا . خانىم - قىزلىرىمىز ھاكىمىيەت تۇتقاندا، ئەركەكلەر بېشىدا كۆتۈرۈپ ھۆرمەت قىلغاندا  ئەنە شۇنداق ئارسلان كەبى ئەركەكلەر كۆپلەپ تۇغۇلغانىدى. ئارىدىن 2250 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى مىلادى 1619 - يىلدىن كېيىن خەلقىمىز 300 يىللىق « ئەسھابۇلكەھپى ئۇيقۇسى » غا غەرق بولدى. پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىدىن سۈپۈرۈلۈپ كەلگەن ئەخلەتلەر ۋە كاززاپلار ۋەتىنىمىزدە ئىززەت تېپىپ، ئەڭ ھالقىلىق يۈز يىلدا بىزنى كۆزىمىزنى ئوڭشىيالماس قىلىپ قويدى. كېيىنكى يۈز يىلدا قانچە قىلساقمۇ، جاھالەت ۋە ئاسارەتتىن تولۇق قۇتۇلالمىدۇق . ئاخىرقى يۈز يىلدا ھەتتا دۈشمەن ھېچ كۈچىمەيلا، ئۆز قوللىرىمىز بىلەن ئۆز سەركىلىرىمىزنى يوقىتىپ كەلدى .
ئائىلىدىن باشلانغان جىددىي ۋە كەسكىن بىر ئىسلاھات ئېلىپ بارمىساق، تارىختىكى رېئال ئۈلگىلىك شەخسلەر بولغان تۇمارس خاتۇن،  تۈركان خاتۇن، ئىپارخان ، يەتتە قىزلىرىم ۋە نۇزۇگۇملار بارغانسىرى ئەپسانىۋى شەخسلەرگە ئايلىنىپ قالىدۇ. تومۇرىمىزدىكى قان ئاشۇلارنىڭ قېنى شۇ بولغانىكەن، بىز قايتىدىن شۇنداق جەسۇر قىزلار ۋە قەھرىمان ئانىلارنى قايتىدىن يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك . ھازىرقى ئەۋلادلار مۇكەممەل ئەمەس. بىز بىر ئەۋلاد يۇقىرى ساپالىق ئاياللار، ئىختىساسلىق قىزلارنى يېتىشتۈرمەي تۇرۇپ، ھازىرقى ئېغىر دەرىجىدە ھەر قايسى جەھەتلەردە قاتتىق روھىيىتى زەخمىلەنگەن ئىللەتلىك بىر ئەۋلاد بىلەن كېلەچەكتىكى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرالمايمىز! 

فىلىم ھەققىدە توغرا چۈشەنچە :

قازاقىستان 15 مىڭ نامزات ئىچىدىن تىپىك ئۇيغۇر ۋە ساك چىراي ئالمىرە تۇرسۇننى تاللاپ چىقىپ ، 2017 - يىلى دېكابىردا ئىشلەشكە باشلىغان « تۇمارس » فىلىمى 2019 - يىلى يازدا پۈتۈپ ، يىل ئاخىرىغىچە قازاقىستاندا قويۇلۇپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 2020 - يىلى 10 - ئاپرىل جۈمە تۈركىيەدە قويۇلماقچى .

كىچىككىنە شۈبھىلەرگە سىلىق رەددىيە :

خۇددى چىڭغىز ئايتماتوف ئېيتقاندەك :   
« ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى بىر قىسىم ئالىملار ۋە مەشھۇر شەخسلەرنىڭ كىملىكى ئۇلار تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ياكى ۋاپات بولغان جايلارغا باغلىنىپ، بۈگۈن شۇ جاي كىمنىڭ قولىدا بولسا، ئۇ ئادەممۇ شۇنىڭ بولۇپ كېتىدىغان ئەھۋال شەكىللەنگەن » . بۈيۈك 16 ئىمپىرىيە بايرىقىنى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە كەلتۈرگەن ئىدى . بىزنىڭ ھالىمىز خاراپ بولغاچقا، 2015 - يىلى يانۋاردا بۇنى ئەردوغان ئاق سارىيىغا ئېسىپ ھەيۋىسىنى ئاشۇردى . ئالپ ئەرتۇڭاغا ئۆزبېكىستان ئىگە بولۇپ، يېڭى تېز پويىزىنى
« ئافراسىياپ » دەپ ئاتاپ، ئەمدى فىلىم ئىشلەشكە ھازىرلىنىۋاتىدۇ . قازاقىستانمۇ بوش كەلمەي تۇمارس خاتۇننى ئىشلىدى.
بۇلار بۇندىن 2550 يىل ئىلگىرى ياشىغانلار بولۇپ، ساك دېگەن نام بىلەن تونۇلماقتا . ھازىرغىچە قازاق دالىسىدا كۆپلىگەن ساك ئاسار - ئەتىقىلىرى بايقالدى. داڭلىق ساكيامۇنىمۇ دەل شۇ ساكلارنىڭ شاھزادىسى ئىدى . ئۇ بۇددا دىنىنى ياراتتى . كۇماراجىۋا 800 يىلدىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە ئومۇملاشتۇردى . قەشقەر ۋە خوتەندە ئەڭ ئاخىرقى ساكلار ساقلىنىپ قالغان . شۇڭا خوتەنلىكلەرنى دىۋاندا قوش تىللىق ئىدى دەپ سۈپەتلەيدۇ.
ساكلار شەرقتە تەڭرىتاغلىرىدىن غەرپكە قاراپ پامىردىن ئايلىنىپ قارا قۇرۇم تاغلىرىغىچە ھىلال ئاي شەكىلدە ساقلىنىپ قالغان . يەنى قۇمۇل، بەشبالىق، يۇلتۇز يايلاقلىرى، كۈنەس، كۇچار، ئاتۇش تاغلىرى، قەشقەر تاغلىرى ۋە خوتەن تاغلىرى بۇ دائىرىنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىدۇ . قەشقەر بالدۇر شەھەرلەشكەن ۋە مىللەتلەر قوشۇلىدىغان جاي بولغاچقا ، تېزرەك ساكلارنى ئاق ھونلارغا سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن . يەر ناملىرى راسلا تارىخنىڭ يەر يۈزىدىكى تامغىسى . « كۇچاردىكى ساقساق، ئاتۇشتىكى بەيساق ، خوتەندىكى ساپساق ، قەشقەردىكى سامساق ، توققۇزساق ۋە ئوغۇز ساق بىلەن قەدىمىي يەكەننىڭ ساكارائۇل دەپ ئاتىلىشى . خۇلاسە كالام بىز شۇ دەل شۇ ساقلارنىڭ گېرمانىيەدەك بەش ھەسسە چوڭ ۋەتەننى قورالسىز ساقلاپ قالغان ئەڭ جەڭگىۋار قالدۇقلىرى !».
قاراخانىلار بىۋاستە ئالپ ئەرتۇڭادىن كېلىپ چىققان . مەھمۇد كاشغەرىدىن قۇتلۇق شەۋقىگىچە مىڭ يىللىق نەسەپنامە ساقلىنىپ قالغان . بۇلارنى مۇلاھىزە قىلغاندا ئۇيغۇرلار ۋە قازاقلارنىڭ قېنىدا ئوخشاشلا ساك قېنى ئاقماقتا . قازاقلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ يېقىن قان - قېرىندىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شۇنداقلا ھازىرقى سىر دەرياسىنىڭ شەرقى ۋە تالاس بويلىرىنى قولىدا تۇتۇپ تۇرغاچقا ، بىزدىن قالسىلا شۇ جايلاردا ياشاپ ئۆتكەن يىراق قەدىمقى زامان شەخسلەرگە ئىگە چىقىشقا ئەڭ ھەقلىق . چۈنكى بىزنىڭ ئەھۋالىمىز خاراپ . ھازىر شەخسلەرغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن ، ھەتتا پولۇ بىلەن ئەتلەسمۇ ئۆزبېك بىلەن تاجىكنىڭ بوپكەتتى .  ئەگەر دۇنيا مۇشۇنداق تار مىللەتچىلىك بىلەن داۋام قىلىپ  قالسا، بىزمۇ بۇ تالاشلىق رىقابەتتىن قاچالمايمىز . ئەمما تۇققانلار بىرلىشىشكە باشلىسا ، ئۇ چاغدا ئۇنى تالاشقاننىڭ ھېچبىر ئەھمىيىتى بولمايدۇ . ھەر ھالدا قازاقلارنىڭ جىم تۇرۇپ باشقىلارغا تارتقۇزۇپ قويغىنىدىن ۋاختىدا ئىگە چىققىنى ياخشى بوپتۇ . نېمىلا دېگەن قازاقلار قازانغان ھەر بىر ئۇتۇق تېگىدىن ۋە ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا يەنىلا ئۇيغۇرنىڭ ئۇتۇقى ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ نادان -  تەنتەكلىرى مەيلى ئېتىراپ قىلسۇن ، قىلمىسۇن بەرىبىر  شۇنداق بولىدۇ !

خاتىمە : ئالپ ئەرتۇڭا ۋە تۇمارس روھىنى تىرىلدۈرۈش كېرەك :

يۈز يىللىق ئاكىسىراش يەتمىدىمۇ !؟ يەنە كىمنى ئاكا تۇتىمەن دەپ مىللەتنى قايتا پالەچ قىلىپ قۇربان قىلماقچى !؟
( كۆك ئەرۋاھ )

1934 - يىلى 27 - دېكابىر رىزاخان پەھلىۋى بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، پېرسىيە نامىنى « ئىران » غا ئۆزگەرتكەن. ئۆزىنى شاھىنشاھ دەپ ئاتىغان .  تۆت كۈندىن كېيىن 1935  ـ يىلى  1 ـ يانۋار تۈركىيە داھىيسى مۇستاپا كامالغا تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدىن « تۈركىيەدىكى تۈركلەرنىڭ ئاتىسى» مەنىسىدىكى« ئاتا تۈرك»نامى بېرىلگەن . مۇستاپا كامال پاشا 1 - دۇنيا ئۇرۇشى ۋە مىللىي مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا تۈركىيەنى مۇنقەرز بولۇشتىن ساقلاپ قالغان تۆھپىكار بولسا، رىزاخان پەھلىۋى تۈركلەرنىڭ ئىراندىكى ئاز بولغاندا مىڭ يىللىق ھۆكۈمرانلىقىغا خاتىمە بېرىپ ، ئۆزىنى ئىراننىڭ خوجايىنى دەپ قارايدىغان پارس مىللىتىنى ۋە ئارىئان نامىنى تىرىلدۈرۈپ، تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئوتتۇرىدا بىر پارس سەلتەنىتىنى تىكلەپ چىققان ئىران پارس قەھرىمانى ئىدى .
دېمەك پارسلار بىلەن تۈركلەر 1935 - يىلىلا مىللىي ئىپتىخارلىق روھىنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە يەتكەن.

ئەمما ئەزىزانە قەشقەردە خەلقىمىز 1924 -يىلى 300 يىللىق جاھالەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقان داھىيسىنى قوغداپ قالالمىغان . نەتىجىدە جاھالەت قايتىدىن شۇ قەدەر كۈچىيىپ كەتكەنكى ، 1931 - يىلى قەشقەرگە كەلگەن مۇسا جارۇللاھ « ئىسلام بۇ يەرگە كەينىچە كىرىپتۇ !» دەپ ياقىسىنى چىشلەپ قالغان . 1933 - يىلى ئىيۇلدا تۆمۈر سىجاڭ قەشقەردە مادوتەينىڭ تامغىسىنى تارتىۋېلىپ شەھەردە ئۈچ كۈن كۆز - كۆز قىلىپ ، ئۆزىنى سىلىڭ ياكى سىجاڭ دەپ ئاتىغان . 1933 - يىلى ئىيۇندا خوجىنىياز ھاجى ماجۇڭيىڭنىڭ ناچار قىلمىشىغا قاتتىق غەزەپلىنىپلا ، « شېڭ شىسەي بىلەن بىرلەشكىنىم بىرلەشكەن!» دەپ چىڭ تۇرۇپ 4 - ئىيۇن « ئۆلۈمنامىسىگە قول قويۇۋەتكەن » . 1934 - يىلى بىزنىڭ ھەممە ئاتامانلارنى بىر - بىرىنىڭ قولى بىلەن جايلاپ تەختكە چىققان قۇۋ جاللات شېڭ شىسەي
1937 - يىلدىن 1944 - يىلغىچە بىزنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى سەركىلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقاتقان .

دېمەك ئاكىسىراش خاھىشى مۇستەقىل دۆلەتنىڭ پىرىزىدېنتلىقىنى دۈشمەننىڭ قورچاق مەنسىپىگە تىگىشىۋېتىشتەك پاجىئەلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ خەلقىمىزنىڭ يېقىنقى يۈز يىللىق قورقۇنچلۇق تەقدىرىگە يول ئېچىپ قويغان . بۇ  مەنىدىن 20 - ئەسىر تارىخىدا ھەم جاھالەت پىرلىرى ھەم چەتئەل جاھانگىرلىرى بىلەن مۇرەسسە قىلماي ، 300 يىل نىمجان بولۇپ جاھالەتكە پاتقان خەلقنى ھاياتى ئارقىلىق سىلكىپ ، قېنى ئارقىلىق ئويغىتىپ چىققان مەرھۇم ئابدۇقادىر داموللامدىن كېيىنكى ھېچبىر يولباشچىمىزنى « داھىي » دەپ ئاتىغىلى بولمايدۇ . بەلكى ئۇلار « دىنىي يولباشچى » ، « جامائەت ئەربابى» ،« يۇرت ئاقساقىلى» ، « قوزغىلاڭ پېشۋاسى » ۋە « خەلق رەھبىرى » بولۇشقا لايىق . ئازات قاسىم ئاكا توغرا ئېيتىدۇ . بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتنى ئازاتكامنىڭ شۇ مەزمۇندىكى ئەسىرىدىن ئوقۇۋېلىڭ!   

شۇنداق بولغاندا خەلقىمىز ۋە مىللىتىمىز يۇقىرىقى ئابدۇقادىر داموللام ، مۇستاپا كامال پاشا ۋە رىزاخان پەھلىۋىدەك يۈز يىلدا بىر چىقىدىغان داھىيلاردىن  مەھرۇم ھالدا يۈز يىلدەك تېڭىرقاپ يۈرۈپ مىڭ تەستە يېڭى ئەسىرگە ئۇلاشتى . ئەمدى بىزدىنمۇ
« ئاتا ئۇيغۇر » نامىغا لايىق بىر سىياسىي داھىي  ئوتتۇرىغا  چىقىشى كېرەك  ! ئەمدى ئاكىسىراش خاھىشىغا قەتئىي ھالدا خاتىمە بەرمىسەك ، كېلەچەك تەقدىرىمىز يەنىلا ھازىرقىدەك ماماتلىق پەيتلەردىمۇ ئاقمىغان دۆلەت ھاكىمىيەتلىرىنىڭ قولىدىكى قىممەت باھالىق تاۋار بولۇپ كېتىۋېرىدۇ .

مەرھۇم مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئەپەندىنىڭ بىر مەشھۇر گېپىنى ئاڭلىدىم : « ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى تۈركىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىشقا سەۋەپ بوپقالسا ، بىز تۈركىيەنىڭ بەقاسى ( ساقلىنىپ قېلىشى ) ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىدىن ۋاز كېچىمىز ! » . بۇ گەپ ئەينى ۋاقىتتىكى مۇھاجىرلارنى قوينىغا ئالغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ھاياجانلاندۇرۇش ئۈچۈن ئېيتىلغان بولسا ، بۈگۈن ئۇ گەپنى تۈپ پىرىنسىپ قىلىپ كۆتۈرۈپ چىقىدىغان كالتە پەم ۋە تەپەككۇرسىز تەقلىدچىلەر پەيدا بولۇۋاتىدۇ . مەرھۇمغا ياغقان تاپا تەنىلەرنىڭ گۇناھىمۇ دەل مۇشۇ كالتەپەملەرگە بولىدۇ . بۇ گەپنىڭ ھەم ۋاختى ھەم قىممىتى ئۆتتى . شۇڭا ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ۋە مىللىي مەنپەئەتىگە زىيانلىق ھەر قانداق پىكىردىن كەسكىن ۋاز كېچىپ ، تېزدىن ئۆزىمىزگە خاس يولىمىزنى ۋە پىرىنسىپلىرىمىزنى ئومۇملاشتۇرۇش كېرەك !

ئۇنۇتمايلى ، داھىي خەلقنى ئەمەس ، خەلق داھىينى مەيدانغا كەلتۈرىدۇ . ۋەزىيەت قاتتىق كەسكىنلىشىپ ، دوست - دۈشمەن ئېنىق بولغانسىرى ھەر كىمنىڭ ئەسلى قىياپىتى ئوتتۇرىغا چىقىۋاتىدۇ . قېنى ئەمىسە ، ھەممىمىز يېڭى ئەسىردىكى ھەقىقىي داھىيمىزنى بايقاپ چىقايلى ! يېڭى يىلدا يېڭىچە پىلان بىلەن ئىشنى باشلاپ كېتەيلى !

كۆك ئەرۋاھ

2020 - يىلى 1 - ئاينىڭ 1 - كۈنى كېچە 01:01:01 دە تاماملاندى .
تەلىپىمنى يەردە قويمىغانلىقى ئۈچۈن « كۆك ئەرۋاھقا » رەھمەت!

يۇقىرىقى بارلىق تارىخىي ئارخىپلار كۆك ئەرۋاھنىڭ « ئۇيغۇرلارنى يوقىتىشنىڭ تارىخىي ۋە سىياسىي سەۋەپلىرى » ناملىق ئەسىرىدىن تەمىنلەپ بەرگەن پارچە مەلۇماتلارنى بىر يەرگە توپلاش ئارقىلىق تارىخىي تەرتىپ بويىچە تىزىپ چىقىلدى .

سايرام ئوغلانى .      ( باغچە ساراي ) .

2020 - يىلى 11 - يانۋار        شېكەر شەنبە
86


ئۆزۈڭنى كەمسىتمە ئۇيغۇر خەلقى !!!!!

« ئۆزىنى كەمسىتكەننى دۇنيا كەمسىتىدۇ . ئۆزىنى ئىززەت قىلغاننى دۇنيا ھۆرمەت قىلىدۇ » .

« ئىت ئۇرغۇچىسىغا ئامراق » .( ھازىرغىچە خورلۇقتىن قۇتۇلالمىغىنىمىزنىڭ سىرى دەل شۇ ) .

1920 - يىلى ئەنگلىيەگە قاراشلىق مۇستەملىكە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ بايۋەتچىسى ماھاراجا ( پېتۋې سىڭجىنىڭ نەسلى ) لوندونغا بارغان . ئۇ بەك ئاددىي - ساددا ئەمما مىللىي ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى كۈچلۈك كىشى ئىدى . شۇڭلاشقا ھىندىستانچە كىيىنىپ، ھەم ھېچقانداق قوغدىغۇچى ئالمايلا ئۆزىچە كوچا ئايلىنىپ ، داڭلىق ماشىنا شىركىتى لويىز رولس   ئاچقان يەرمەنكە ئالدىغا كېلىپ قالىدۇ . ئۇ كىرىپلا ئەڭ قىممەت بىر ماشىنىنىڭ باھاسىنى سورايدۇ. ئەمما خىزمەتچى خادىم ئۇنىڭ تۇرقىغا قاراپ، ھەم ھىندىستانلىق ئىكەنلىكىنى بىلىپلا ، بۇ يالاڭتۆش قايسى جۈرئەت بىلەن بى يەرگە كىردى دەپ غەزەپلىنىپ ، ئالدى بىلەن ئۇنى ئاۋام ئالدىدا ھاقارەتلەپ ۋە رەسۋا قىلىپ، ئاندىن قوغلاپ چىقىرىدۇ .

ماھاراجا قاتتىق غەزەپلىنىپ ، مېھمانخانىغا قايتىپ كېلىپلا كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر ئۆچ ئېلىش پىلانى تۈزۈپ چىقىدۇ . ئالدى بىلەن ئۇ ھېلىقى شىركەتكە « ماھاراجا ئەڭ قىممەت ماشىنىلاردىن سېتىۋالماقچى » دەپ خەۋەر ئەۋەتىدۇ . بۇنى ئاڭلىغان شىركەتنىڭ خوجايىنى ئۆزى بىۋاستە يەرمەنكە مەيدانىغا پايانداز سېلىپ ، ئۆزى بىۋاستە ئالدىغا چىقىپ كۈتۈۋالىدۇ . ماھاراجا بۇ قېتىم بارلىق خادىملىرى ۋە ماشىنا ئەترىتى بىلەن داغدۇغىلىق ھالدا يېتىپ كېلىدۇ . ئۇ بۇ يەردىكى ئەڭ قىممەت ماشىنىدىن ئالتىنى نەخ مەيداندا نەخ پۇلغا سېتىۋالغاننى ئاز دەپ ، يەنە ھىندىستانغا توشۇش كىراسىنىمۇ نەخ بېرىدۇ . شىركەت خادىملىرى بۇ ئەھۋالدىن ھاڭ - تاڭ قالىدۇ . 

ماھاراجا ھىندىستانغا قايتىپ كېلىپ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى رەسمىي باشلايدۇ . ئۇ تېخى ھىندىستانغا كىرىپ باقمىغان بۇ داڭلىق ۋە نەپىس ماشىنىلارنى ئەخلەت توشۇش ۋە كوچىدىكى مەينەت نەرسىلەرنى ئەخلەتخانىغا توشۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ . نەتىجىدە بۇ خەۋەر ھىدىستاندىن ھالقىپ ، پۈتۈن دۇنيا بايلىرىغا پۇر كېتىدۇ . گەرچە بەك دەڭلىق ۋە قىممەت بولسىمۇ ھېچكىم بۇ ئەخلەت تۇشۇشقا ئىشلىتىلگەن ماركىدىكى ماشىنىلارنى ھەيدەشكە جۈرئەت قىلالمايدۇ . نەتىجىدە شىركەتنىڭ تاپاۋىتى تىك سىزىق بويىچە ئۇدا چۈشۈپ كېتىپ ، ۋەيران  بولۇش گىرداۋىغا بېرىپ قالىدۇ . 

ئاخىرى بۇنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىغان شىركەت دەرھال ماھاراجاغا مەكتۇپ يوللاپ بۇرۇنقى قىلمىشىدىن قاتتىق ئەپۇ سورايدۇ . ماھاراجامۇ
« ئەدەپلەش يېتەرلىك بولدى » دەپ قاراپ كەچۈرىدۇ . شىركەت خۇشاللىقىدىن ئۇنىڭغا   بۇرۇنقى ماشىنىدىنمۇ قىممەت بولغان ئالتە ماشىنىنى بىكارلىق ھەدىيە قىلىدۇ . ماھاراجا شۇندىلا ھېلىقى ماشىنىلارنى ئەخلەت توشۇشتىن توختىتىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن شىركەت ۋەيران بولۇشتىن قۇتۇلۇپ  قالىدۇ  . ماھاراجانىڭ داڭقى پۈتۈن ئەنگلىيە  مۇستەملىكىلىرى ۋە دۇنياغا پۇر كېتىدۇ .

دېمەك سەن ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ كەمسىتسەڭ ، خەقلەر سېنى كۆزىگە  ئىلىپمۇ قويمايدۇ . سەن ئۆزۈڭنى ھۆرمەتلىسەڭ ، دۇنيا ساڭا قول قويىدۇ !

ئۇنۇتمىغىن ئۇيغۇر ، سېنى ھەرگىزمۇ سەندىن يۇقىرى خەلق كەمسىتمەيدۇ . بەلكى ، سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتكەنلىك سەۋەبىدىن سېنىڭدىنمۇ پەس مىللەتلەرلا سېنى كەمسىتىدۇ .

ئەگەر بىر تۈرك سېنى كەمسىتكەن بولسا ، دېمەك سەن ئۆزۈڭنى كەمسىتىپ ئاكىسىراپ قالغانلىقىڭ ئۈچۈنلا سېنى كەمسىتىشكە جۈرئەت قىلالىغان.
( خىتاينى مىسال قىلىش ھاجەتسىز بۇ تېمىدا).

بېشىڭنى تىك تۇت ، ئۆرپ - ئادىتىڭ ۋە قىممەت قارىشىڭغا سادىق بول ! دۇنيا ساڭا تازىم قىلىدۇ!

ئۇيغۇردىكى ئۆزىنى كەمسىتىش نەدىن كەلدى !؟

ئالدى بىلەن دۈشمەنلەردىن كەلدى . ئاندىن كېيىن بىزنىڭ گەجگىمىزگە مىنىۋالغان جاھالەت پىرلىرىدىن كەلدى . 1616 - يىلدىن 1916 - يىلغىچە جاھالەت پىرلىرى چەتئەلدىن كەلگەن بولسا ، 1916 - يىلدىن 2016 - يىلغىچە ئۆز ئىچىمىزدە يېتىشىپ چىقتى . دۈشمەنلەر ئۆزى بىر قوللۇق يېتىشتۈرمىسىمۇ، خەلقىمىزگە پايدىسىدىن زىيىنى ئېغىر بولۇشىغا ئىشەنچ قىلغان بولسىلا ئۇلارغا چېقىلمىدى . ھەتتا چەتئەللەرگە چىقىپ كېتىشىگە كۆز يۇمدى . چۈنكى 2017 - يىلدىن باشلاپ ئۈنۈمىنى كۆرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىسى بار ئىدى .

شۇڭلاشقا ھەر بىر ئۇيغۇر مەيلى دۈشمەن پەننىي مائارىپ ئارقىلىق زېھنىگە چوقۇر ئورنىتىۋەتكەن بارلىق ئۆزىنى كەمسىتىش خاھىشلىرىنى ، شۇنداقلا ۋەتىنىمىزدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلارنى « خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن جازاسى » دەپ بىلجىرلاپ خۇداغا ئەڭ چوڭ تۆھمەت قىلغان جاھالەت پىرلىرىنىڭ زەھەرلىك تەلىماتلىرىنى كاللىدىن يۇيۇپ چىقىرىپ تاشلىشى كېرەك ! زىيالىلار ۋە ئۇنۋانلىق كىشىلەرمۇ بىزدىن چىقسۇن ، بىزنىڭ مەنپەئەتىمىز ئۈچۈن كۈرەش قىلسۇن ! دىنىي موللاممۇ بىزدىن چىقسۇن ، ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەنپەئەتى ئۈچۈن سۆزلىسۇن ! ئەمما داھىي خەختىن ، خەلق بىزدىن ، قوماندان خەختىن ئەسكەر بىزدىن ، موللا خەختىن ، ئىخلاسمەن بىزدىن ، ئىدىيە ۋە پىكىر چەتتىن ، ئىجرا قىلىش بىزدىن بولىدىغان ئەھۋالغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىشىمىز كېرەك !

ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ، قىممىتىنى ، قەدرىنى ۋە ھەقىقىي قىممەت قاراشلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئەخلاقىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئېتىقادىنى ، ئۇيغۇرلۇق ئۆرپ - ئادەتلىرىنى ، ئۇيغۇرلۇق مىللىي ئىپتىخارلىقىنى يوقاتقان كۈندىن باشلاپ ھالاكەتكە يول ئالغان بولىدۇ . يۇقىرىقى مەنىۋىي بايلىقلار بىلەن قوراللىنىپ ، مىللىي روھنى كۈچەيتمەي ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھىغا تويۇنماي تۇرۇپ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشقۇ ئۇياقتا تۇرسۇن ، جېنىمىزنىمۇ ساقلاپ قالغىلى بولمايدۇ .

13 ياسلىق رۇمەيسە قىز :« بىز مىللىي كىملىكىمىز ئارقىلىق ئۆزىمىزنى تونۇتامدۇق ياكى دىنىي كىملىكىمىز بىلەنمۇ !؟ » دەپ سوئال قويغان بىر تېمىغا قارىسام ، ئىنتايىن بىچارە ئادەملەرنىڭ ئىنكاسى توشۇپ كېتىپتۇ .
بىراق يېڭىلىق يوق . يەنىلا ئىككى كىملىكنى بىر - بىرىگە قارمۇ - قارشى قويۇۋېلىش كېسىلى قايتا قوزغىلىپتۇ خالاس !

بىرلا ئېغىز گەپ ! بۇ تالاشقۇدەك ياكى ھەل قىلغىلى بولمىغۇدەك مەسىلە ئەمەس . بەلكى ، بۇندىن 55 يىل ئىلگىرى ھەل بولۇپ بولغان مەسىلە . مەرھۇم ئەلىخان تۆرە « تۈركىستان قايغۇسى » دېگەن كىتابىدا شۇنداق دەيدۇ :
« دۈشمەنلەر ( دىنسىز سوۋېت ) ئەگەر دىنىي كىملىك بىلەن مىللىي كىملىكنىڭ ئارىسىدىن بىرنى تاللىۋېلىش پۇرسىتى بەرسە ، ھودۇقماي مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش كېرەك . چۈنكى مىللىي كىملىك دىنىي كىملىكنى ۋە ئۇنىڭ روھىنى قېنىغا سىڭدۈرگەن بولىدۇ . قاچان مۇۋاپىق شارائىت تېپىلسا ، دىنىي كىملىك شۇ ھامان مىللىي كىملىكنىڭ سايىسىدە قايتا تىرىلىپ گۈللىنەلەيدۇ . ئەمما دىنىي كىملىكنى ساقلاپ قالىمەن دېسە دىن دۈشمەنلىرى يا شۇ مىللەتنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىدۇ ، ياكى ئۇنداق قىلمىغان تەقدىردىمۇ مىللىي كىملىك يوقالسا ، ئاتا - بوۋىسى ۋە كېلىپ چىقىشى ئۇنتۇلىدۇ . نەتىجىدە ئۇنداق مۇستەقىل مىللەتلىك ئورنىنى يوقىتىپ قويغان خەلقنىڭ دۆلىتىمۇ بولمايدۇ . تارىخى ئۇنتۇلىدۇ» دەپ نەسىھەت قىلغان . ئۆزبېك مىللىتى سىتالىن دەۋرىدە مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ، 1991 - يىلغا كەلگەندە مۆجىزىلەرچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ تېز ۋە ئومۇميۈزلۈك دىنىي ئويغىنىش دەۋرىنى كۈتۈۋالدى . بۇنىڭدىن ساراسىمىگە چۈشكەن ئىسلام كەرىموف 2005 - يىلى ئەنجاندا تالاي ئۇيغۇر نەسىللىك ئۆزبېكلەرنى قىرىۋەتكەن بولسا ، 2010 - يىلى ئوشتا ساپ قەشقەر قانلىق ئۆزبېكتىن يۈز مىڭدەكىنى قىرىۋەتتى .

سوۋېتلەرمۇ دىنسىز ياكى دىنىي ئېتىقادى سۇس ئۇيغۇر نەسىللىك ۋە قالماق نەسىللىق موڭغۇللارغا تۆت ئاپتونۇم جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ بەردى . قالماقىستان ، چۇۋاشىستان ، خاككاسىيە ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيىتى كەبى .

 3 - دۇنيا ئەللىرى ئاتىسى مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋمۇ بۇ مەسىلىگە دۇچ كەلگەن . ئۇ كېلەچەكتە دىندىن ۋاز كەچمەي تۇرۇپ ، ئورۇسلاردىن قۇتۇلۇشنىڭ مۇمكىن ئەمەس ئىكەنلىكىنى سەزگەن . شۇڭا موللا ئوغلى مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ ئۈچ كېچە - كۈندۈز خۇداغا مۇناجات قىلغاندىن كېيىن ، قەتئىي قارارغا كېلىپ ، « مۇسۇلمان كوممۇنستلىرى» دېگەن نامدا تاتار ، قازاق ، ئۇيغۇر ۋە باشقا كاۋكاز ، ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرى ئىچىدىن زور بىر تۈركۈم ۋەتەنپەرۋەرلەرنى ئەگەشتۈرۈپ ، ھازىرقى تاتارىستان ، قازاقىستان ۋە قالغان تۆت دۆلەتنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئاساس سالغان . ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىچىدىن چىققان تۇنجى مۇسۇلمان كوممۇنست رەھبىرى ئابدۇللا روزىباقىمۇ بىر دىنىي ئۆلىمانىڭ ئوغلى ئىدى . ئەپسۇس ، تاتارلار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختىكى قورقۇنچلۇق تارىخى ۋە يوشۇرۇن مەنىۋىي كۈچىدىن چۆچۈپ كەتكەن سىتالىن ئاخىرىغىچە قاتتىق قوللۇق بىلەن بۇ ئىككى مىللەتنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۈرۈشىنى توسقان .

ئارىدىن يۈز يىل ئۆتكەندىن كېيىن كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر سىرنى سىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكچىمەن :
بۇندىن ساق بەش ئاي ئىلگىرى ئايروپىلاننى قاراملىق بىلەن قوناقلىققا قوندۇرۇپ ، يولۇچىلارنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغان« ئۇرال ھاۋا يوللىرى » كاپىتانى« تۆمۈر يوسوپۇف »
دۆلەت تەرىپىدىن « رۇسىيە قەھرىمانى » ئوردېنى بىلەن تارتۇقلانغان . تۆۋەندە ئۇ قۇرئان كەرىمنى تىلاۋەت قىلماقتا .
28 مىليون ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان رۇسىيە فېدراتسىيە مۇسۇلمانلىرى ھەر قايسى ساھەلەردە، ھەتتا ھەربىي ساھەدە مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلماقتا .
بىر پىشقان ئاۋار جەمئىيەتشۇناسنىڭ ماڭا ئېيتىپ بېرىشىچە، ھازىر ۋىلادىمىر پۇتىن ئىسلام دىنىغا ئالاھىدە كەڭ قول بولۇشنى تەشەببۇس قىلىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما ھەر خىل باھانىلەر بىلەن مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مىللىي كىملىكىنى ئەڭ يۇقىرى چەكتە ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاكتىپ ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن . چۈنكى رۇسلار تاتارلارغا قاراتقان 500 يىللىق ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىدە خۇلاسىلەپ چىققان نەتىجە شۇ بوپتۇكى ، تاتارلىقىنى ساقلاپ قالغانلار بۈگۈنمۇ ئېتىقادىنى ساقلاپ كەلمەكتە ئىكەن . ئەمما تاتارلىقىدىن مەھرۇم قالغان تاتارلاردىن نە مۇسۇلمانلىقتىن نە تاتارلىقتىن ئەسەر قالمىغان . ھازىرمۇ تېز سۈرئەتتە رۇسلىشىپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولغانلار ئاساسلىقى مىللىي كىملىكى ئاجىزلاپ كەتكەن ، ھەتتا ئانا تىلىدا سۆزلىيەلمەيدىغان تاتارلار ئىكەن . شۇنداق تۇرۇقلۇق تاتارىستاندىكى ئانا تىل مەكتەپلىرى ھەر خىل توسقۇنلۇقلارغا ئۇچراپ ئازىيىپ كەتكەن .
بۇنداق بولغاندا تاتار ئالىملىرىنىڭ مۆلچىرى بويىچە 2050 - يىلغا بارغاندا تاتارلار پۈتۈنلەي رۇسلىشىپ كېتىدۇ .
باندىتلار دەل ئەكسىچە بىزنىڭ دىنىي كىملىكىمىزدىن بەكراق مىللىي كىملىكىمىزنى يوقىتىشقا قاتتىق ئۇرۇنۇپ كەلدى . ئەمما بىزگە خۇددى دىنىي كىملىكىمىزنى ۋە دىنىي ئېتىقادىمىزنى يوقىتىۋېتىدىغاندەك تۇيغۇ بەردى . بىز ئالداندۇق . چۈنكى مىللىتىمىز ھەم مىللىي كىملىكىگە ھەم دىنىي ئېتىقادىغا سادىق بىر ئەۋلادنى يېتىشتۈرۈپ چىققاندىن كېيىن باندىتلار تىنچ يوقىتىش پىلانىنىڭ سۇغا چىلاشقانلىقىنى كۆرۈپ ، قاتتىق كۈچ بىلەن بىزنى يوقىتىۋەتمەكچى بولدى . ئۇنداقتا باندىتلار نېمە ئۈچۈن پۇتىندەك دىنىي ئەركىنلىك بېرىپ ، مىللىي مائارىپنى چەكلەش يولىنى تۇتمىدى !؟ چۈنكى تاتارلار ھازىرمۇ يېرىم رۇسلىشىپ بولدى . مىللىي كىملىكى ۋە مىللىي ئىپتىخارلىق روھى ئاجىزلاپ كەتسە ، دىنىي كىملىكى ساقلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ
ئىسلام دىنىدا رۇسنى ( ئەھلى كىتاپ)نىكاھلاپ ئېلىش چەكلەنمىگەچكە ، مۇشۇ يول ئارقىلىقلا سىڭىشىپ تۈگەيدۇ . ئەمما ئۇيغۇرلار بۇنداق قىلمايدۇ . چۈنكى بىز تاتارلار ئورۇسنى چوڭ بىلگەندەك خىتاينى چوڭ بىلمەيمىز . ئەكسىچە ئۇنىڭدىن سەسكىنىمىز ، شۇڭا خىتاي بىزگە دىنىي ئەركىنلىك بەرسىمۇ يەنىلا مىللىي كىملىكىمىز بىللە كۈچىيىپ ماڭىدۇ . چۈنكى ئۇيغۇرلۇق بىلەن مۇسۇلمانلىق مىڭ يىل بۇرۇنلا يۇغۇرۇلۇپ ، بىرىكىپ ، تۈركىي خەقلەر ئارىسىدا ئالاھىدە بىر خىل مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۇيغۇر ئىسلام مەدەنىيىتىنى بىز ياراتقان .
ئۇنىڭدىن سىرت ئەلىخان تۆرىنىڭ كىتابىدىكى مەزمۇنلار ، شۇنداقلا ئورۇسلارنىڭ بارلىق مەغلۇپ بولغان تەجرىبىلىرى ۋە سىياسەتلىرىنى بىزدىن بالدۇر ، بىزدىن پۇختا ، بىزدىن چوڭقۇر خەۋەر تېپىپ ، چۈشىنىپ ، خۇلاسىلەپ بولغان خىتايلار ئەلۋەتتە بىزگە پايدىلىق ھېچقانداق سىياسەتنى يولغا قويمايتتى . ئۇنداقتا ھەم قىرغىن قىلىپ ، ھەم ئاياللارنى تۇغماس قىلىپ ، ھەم بالىلارنى خىتايلاشتۇرۇپ يۈرۈپ نېمىگە ئېرىشمەكچى !؟ نېمىشقا دۇنيادىكى ئەڭ ئاجىز ۋە ئاقكۆڭۈل ئۇيغۇر خەلقى بۇنچىۋالا ئېغىر تەقدىرگە دۇچار بولىدۇ!؟.  بۇ سوئالنىڭ جاۋابىدىمۇ بىر سىر ياتىدۇ ، ئۇنىمۇ دەۋېتەي :

« خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىشتىكى ئەسلى ھەقىقىي مەقسەت » : ( ئېنگىلىزلارنىڭ « ئاي » گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىدىن ئۈزۈندە : ):

مەيلى خىتايلار بولسۇن ، مەيلى ھىندىلار بولسۇن ، ياكى ئورۇسلار بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار قەۋملەرنىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار ( قازاقلار )، كەشمىرلىكلەر ۋە كاۋكازلىقلارنى كېلەچەكتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي كۈچلۈك ۋە ئەشەددىي رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . چۈنكى
« ھېچكىم ئۆلۈككە دەررە ئۇرمايدۇ !».

دوكتۇر ياسىر زائاترا يازغان « يېڭى ئەسىردىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى .... بەلگىلىرى ۋە سەۋەپلىرى » ناملىق ماقالە.

قېرىنداشلار ، سىلەر يا بىلىسىلەر يا بىلمەيسىلەر ،
خەلقىمىزنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈنلەر ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ناچارلىقىمىز سەۋەبىدىن ئەمەس، بەلكى دۈشمەننىڭ بىزنىڭ يوشۇرۇن كۈچىمىزنى بىزدىن بالدۇر بايقىۋالغانلىقى ئۈچۈن . مەن مۇشۇ دىئاگنوزنى بىرەر نوپۇزلۇق ئەرباپتىن چىقىپ قالسىكەن دەپ ساقلاۋاتقىلى خېلى بولغان . بۈگۈن ئاكادېمىك شەكىلدە ئېتىراپ قىلىندى . ئەمدى بىز پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن قايتۇرما زەربە بېرىش تەييارلىقىنى باشلايلى ! باندىتلار بىزنى ھالا تېررورلۇق بىلەن ئەيىپلەۋاتىدۇ . شۇڭا ھەم تېررورلۇقتىن ئادا- جۇدا ئىكەنلىكىمىزنى ئىسپاتلاش بىلەن بىرگە ، خەلقئارا تەرىپىدىن تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورچى شەخسلەر دەپ قارالغان بارچە تەشكىلات، شەخس ۋە بەلگىلەردىن يىراق تۇرۇش بىلەن بىرگە، ئەمەلىي پاكىتلار بىلەن ھەقىقىي تېررورچىلارنىڭ دەل پەس باندىتلار ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىمىز كېرەك! قولغا قانۇنلۇق قورال چىقىدىغانغا پەقەت مۇشۇ باسقۇچلا قېپقالدى .

شۇڭا تارىختا ھەل بولۇپ بولغان ، مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ بىلەن ئابدۇللا روزىباقى 1920 - يىلىلا ھەل قىلىپ بولغان . ئەلىخان تۆرىمۇ
1966 - 1969 - يىللىرى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان « ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكنىڭ دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن بەكرەك ئۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش قارارى » نى بىزنىڭ يەنە قايتا تالىشىپ ، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇھاجىرەتتە تېخى بۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگىنىمىز يوق . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ تېخى ئۇنىڭ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . پەقەت دۇنياغا زادى قايسى كىملىكىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز دەيدىغان سوئاللا بۇ تېتىقسىز تالاشقا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . ئۇنداقتا مەن سىلەرگە 100% توغرا ۋە لىللاھ جاۋاپ بېرەي :

1. « ئۇيغۇر تۈركلىرى » تۈركىيەدە تۈرك كىملىكىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ بارلىق ( دىنسىز ۋە دىنلىق )تۈركلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار .
2 . ئەرەبچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئەرەب ئەللىرىدە دىن ئوقۇغان ، ئەرەبكە ھەۋەس قىلىدىغان ، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زات ، موللا - ئۆلىما ، تالىپلار ئىسلام دۇنياسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي كىملىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ قوللاشنى تەلەپ قىلسۇن !
3 . ياۋروپا ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللىي كىملىكنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! ياپوندىكىلەر ئۇ ياۋا ھونلارغا بىزنىڭ ئەسلى ھونلىقىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! موڭغۇللارغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسۇن !
مانا شۇنداق بولغاندا ھەم بىھۇدە تالاش چىقمايدۇ ، ھەم باندىتلار ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالمايدۇ . ئەمما قەستەن بۇ ئىككى كىملىكنى زورلاپ قارمۇ - قارشى قىلىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ جېدەلگە سالىدىغان  قانداق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دىپلوملۇق زىيالى بولسۇن ، ياكى يوغان سەللىلىك موللام بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا  پەقەت ئۈچلا  باھا بېرىشكە بولىدۇ .
يا « جاھالەت » يا « خىيانەت »
يا « تارىخىي جىنايەت » . بۇنىڭ باشقا ئىزاھى يوق ! جاھالەتتىن بولسا ئۇنىڭ جەبرائىلى بىز ! خىيانەتتىن بولسا ئۇنىڭ ئەزرائىلى بىز ! تارىخىي جىنايەتكە يەتسە ئۇنىڭ سىتالىنى بىز !

ئېسىت ، ھەر قېتىملىق سۇيقەستلەرنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز . چۈنكى بىزنىڭ تېخىچە باندىتلارنىڭ يامان نىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئومۇميۈزلۈك قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىدا پۇتىننىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئارزۇسى خىتايلار تەرىپىدىن 10 يىلغا قالمايلا ئەمەلىلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ .

ئۇنداقتا بىزنى ئورۇسلارلا ساتتىمۇ ياكى سېتىشقا مەجبۇرلىدۇقمۇ !؟ ( تارىخ مانا ):

1944 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 14 - نويابىرغىچە سىتالىن ۋە مولوتوف باشچىلىقىدىكى سوۋېت ھۆكۈمىتى ۋولگا دەرياسى بويىدىكى يەرلىك گېرمانلار ، قىرىم ۋە قازان تاتارلىرى،ھەمدە شىمالىي كاۋكازدىكى چېچېن ، ئاۋار ، قۇمۇق ، قالماق، بالقار ، قارا چاي ، چېركەس ، ئادېگا ، ۋە بىر قىسىم ئەزەرى قاتارلىق خەلقلەرنى ئانا يۇرتىدىن يىراق سىبىرىيە ۋە قازاق دالىسى ، ھەتتا ساخالىنغا قەدەر سۈرگۈن قىلىپ ، يۇقىرىقى مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئىنتايىن مۇھىم بولغان قىرىم ، ئۇرال ۋە كاۋكازلارغا كۆپلەپ رۇس ۋە ئۇكرائىنالىق ئاققۇنلارنى كۆچۈرۈپ كېلىپ ، مەزكۇر جايلارنىڭ نوپۇس تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ تاشلىغانىدى . سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىنتايىن ناچار شارائىت ۋە قەھرىتان سوغۇقتا ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن يۈك پويىزلىرىدا توشۇلۇش جەريانىدا كۆپ ساندىكى ياشانغان كىشىلەر ۋە بالىلار ئۆلۈپ كەتكەن . ئۇلار سىبىرىيەدە قاتتىق ۋە ھەقسىز ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇر بولغان . 1945 - يىلى ئاۋغۇستتا سىتالىن ئىككى يېرىم مىليون ئەسكەر ئەۋەتىپ ، مانجۇرىيە( 1932 - 1945)نى ئاغدۇرۇپ، مانجۇرىيەنى تاكى 1946 - يىل ئاخىرىغىچە ئىشغال قىلىپ تۇرغان . ئۇ يەردە ئەسىرگە چۈشكەن ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىنىڭ 600 مىڭ ئەسكىرىنى سىتالىن زورلاپ سىبىرىيەگە ئېلىپ كەتكەن . نەتىجىدە يۇقىرىقى بىچارە خەلقلەر سوۋېت ئەسكەرلىرى يىراق شەرقتىن قايتىپ كەتكىچە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلغان . 600 مىڭ ياپونىيە كانتون ئارمىيىسىمۇ قاتتىق ئەمگەككە سېلىنغاندىن كېيىن، « ئاشلىق يېتىشمىدى » دېگەن باھانە بىلەن قىرىۋېتىلگەن. ياپون ھۆكۈمىتى ئۇلارنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، ئەمما سىتالىن ياپونلارنىڭ ئۆلۈك جەسەتلىرىنىمۇ بوش قويۇۋەتمىگەن . رۇسلار ئۇلارنىڭ جەسەتلىرىدىن « سوپۇن » ياساپ ئىشلەتكەن . پەقەت ئاز ساندىكى كونا جەسەتلەرنى كۆيدۈرۈپ ، بىر كېمە جەسەت كۈلىنى ياپونىيەگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن . ياپونلار بۇ ئەسكەرلەر ئۈچۈن مەخسۇس ئىبادەتخانا ياسىتىپ ، ئۇلارنى ياد ئېتىپ كەلگەن . مانا يۇقىرىقى 1944 - 1945 - 1946 - يىللىرى قاتتىققول ۋە رەھىمسىز سىتالىن كاۋكازىيە، قىرىم - ئۇرال ۋە سىبىرىيەدىكى ۋەھشىيلىكلىرىنىڭ ئەكسىچە ئىككىنچى قېتىملىق جۇمھۇرىيىتىمىزنى قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەم بېرىپلا قالماي ، يەنە 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ قالغان بولسىمۇ ، شۇ كۈنى موسكۋادا « سوۋېت - خىتاي دوستلۇقى » كېلىشىمى تۈزۈلگەن بولسىمۇ ، يەنە ساق بىر ئاي پۇرسەت بېرىپ، ئارمىيىمىزنىڭ 14 - سېنتەبىرگە قەدەر ئىلىدىن باشقا ئالتاي ۋە تارباغاتاي قاتارلىق بىپايان زېمىنلارنى ئازات قىلىپ، ئۈرۈمچىگە 120 كىلومېتىر ( ئىككى سائەتلىك يول ) كېلىدىغان ماناس دەرياسى بويىغىچە قىستاپ كېلىشىگە رۇخسەت قىلغان . كېيىنچە ئامېرىكا ۋە گومىنداڭنىڭ بېسىمى بىلەن گەرچە شىمالىي سەپتە ئارمىيەنى ماناس دەرياسى بويىدا توختىتىپ قويغان بولسىمۇ ، ئەمما تاشقورغاندا قايتا يېڭى ئىنقىلاپ قوزغاپ ، 1 - سېنتەبىردىن تاكى 1946 - يىلى يانۋارغىچە قەشقەر شەھىرىدىن باشقا پۈتۈن قەشقەر ۋىلايىتىنى ئازات قىلىپ ، خوتەننى ئازات قىلىشقا كۈچى يەتكىدەك ھالەتتە كەلگىچە قوللاپ تۇرغان . ئەمما سوۋېت تەرەپ خۇددى 1933 - يىلدىكىدەك ئۆزى كۈتكەن پوزىتسىيەگە ئېرىشىپ بولالماي ، يەنە بىر قېتىم بىزدىن ۋاز كەچكەن . گەرچە 1946 - يىلى باشلانغان « سوغۇق ئۇرۇش » سەۋەبىدىن 1947 - 1948 - يىللىرى قايتا تارىخىي پۇرسەت كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما رەھبەرلىرىمىز ئۆز ئىچىدە ئىدىيە ئۇرۇشى قىلىپ ، خەلقنى قايمۇقتۇرۇپ پۇرسەتنى قاچۇرۇپ قويغان .

1989 - يىلى 14 - نويابىر ( يەنى چوڭ كاۋكاز سۈرگۈنى بولغان 45 يىللىق خاتىرە كۈنى ) سوۋېت كومپارتىيىسى « 1944 - يىلدىكى مەجبۇرىي سۈرگۈن ۋە چوڭ تازىلاش ھەرىكىتى » نىڭ قانۇنسىز قىلمىش ئىكەنلىكىنى جاكارلاپ، ئىلگىرىكى بارلىق تەڭسىز ۋە ھەقسىز سىياسەتلەرنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، ئەڭ ئاخىرقى قالدۇق سۈرگۈنلەرنى ئانا ۋەتىنىگە قايتۇرۇپ ئەكەلگەن . ئۆزلىكىدىن قايتىپ كېلىش 1954 - يىلى باشلانغان ئىدى . بىراق ئۇلار قايتىپ كەلگەندە ۋەتىنىدە ئاللىبۇرۇن كۆپىيىپ كەتكەن رۇسلار ئالدىدا ئاز سانلىق مىللەتكە ئايلىنىپ قالغان . 1991 - يىلى 26 - ئاپرىل سوۋېت ھۆكۈمىتى يەنە مەخسۇس قانۇن چىقىرىپ، ۋەتىنىگە قايتىپ كەلگەنلەر ئۈچۈن يەنە بىر مۇھىم ياردەم قىلغان . ئەمما بۇ قانۇن تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپلا ، سوۋېت ئىتتىپاقى 26 - دېكابىر بىردىنلا پارچىلىنىپ،« ئورغاق - بولقا قىزىل بايراق » كرېملىن سارايدىن غايىپ بولۇپ ، رۇسىيە فېدىراتسىيىسىنىڭ ئۈچ خىل رەڭلىك بايرىقى ئېسىلغان .

ھەم ئاكىسىراشقا ھەم ئۆزىمىزنى قەتئىي كەمسىتىشىمىزگە بولمايدۇ :

ياتلارغا چوقۇنۇش ئاتالغۇسى ئەدەبىي  تىلىمىزدا «  ئاكىسىراش » دەپ ئاتىلىدۇ .
مىللىي ئېتىقادىمىزنى ۋە تارىخ ئېتىقادىنى مۇكەممەل ۋە ئومۇميۈزلۈك ئۆزىمىزگە تەتبىقلىغاندىلا ئاندىن بۇ خاھىشتىن قۇتۇلغىلى بولىدۇ . ئەمما خىتاي باندىتلىرى يەتمىگەندەك قايتىدىن كۈچىگە كېلىۋاتقان ئورۇسلارنى دۈشمەن كۆرۈش 150 يىللىق پاجىئەنى يەنە چىللاپ كېلىدۇ خالاس . شۇڭا ئەڭ ئاخىرىدا زىيانكەشلىك قىلغان دۈشمەننى ئەڭ ئاخىرىغا تىزىپ قويۇش كېرەك . باندىتلار چېغىدا 50 يىللىق ئۇرۇش پىلانىدا ئەڭ ئاخىردا ئورۇسلار بىلەن تۇتۇشماقچىيۇ ، بىز بۇ ھالىمىزدا مۇمكىنمۇ !؟ ئەلۋەتتە ك گ ب دىن يىراق تۇرۇش كېرەك . ئەمما ھېچبولمىغاندا كېلەچەكتىكى چېكىنىش يولىنى ئۈزۈپ قويماسلىق كېرەك ! ئورۇسلار ئاجىزلاشسا ئېنىقلا ئۇيغۇر ، قازاق ۋەتاتارلار ئۇنىڭ زېمىنلىرى بەدىلىگە كۈچىيىپ كېتىدۇ . تۈركىيە بەك بولغاندا شۇ قىرىمنى ۋە كاۋكازنىڭ بىز قىسمىغىلا ۋارىسلىق قىلالىشى مۇمكىن . بۇنى ياخشى بىلىدىغان ئورۇسلار ئەلۋەتتە شۇنداق ئېھتىماللىققا قارشى بىزنى قوللىمايدۇ . ئەمما ئۇنتۇپ قالمايلى، خىتاي دۆلەت ئاتىسى غەرپتىن ياردەم كۈتۈپ ئولتۇرغاندا ، بىردىنلا سوۋېتتىن زور ياردەم كېلىپ ، يۈەن شىكەي ۋەيران قىلغان ھاكىمىيىتىنى قايتا تىرىلدۈرۈۋالدى . ماۋ خىتايمۇ « نامدا كوممۇنىزىم بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ ، ئورۇسنىڭ كېمىسىگە چىقىپ دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى » . ئورۇسلار بىز بىلەن بىۋاستە چېگرىداش . 150 يىللىق تارىخ ئىسپاتلىدىكى ، ئورۇسلارنى دۈشمەن دەپ قارىساق ، ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك ئۇيغۇر دۈشمىنى( ھەتتا خىتايدىنمۇ خەتەرلىك دۈشمەن)، ئەگەر ئۇنى پەم بىلەن دوست قىلىۋالالىساق ( ھېچبولمىدى دېگەندىمۇ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى ۋاستە تاللىماي ئېتىراپ قىلدۇرالىساق ) قۇتۇلغىنىمىز شۇ . ئەمما ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش سالاھىيىتى نىسبەتەن تولۇق بىرى كەم بىزدە . ھەمكارلىق چوقۇم ئەڭ چوڭ يەر بىلەن بولمىسا ، كىچىك ئورۇنلار ئويۇنچۇق قىلىپ ئوينايدۇ.
ئورۇسلار بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقاندا چوقۇم ئۇنىڭ مەلۇم بىر ئاجىزلىقى بىزنىڭ قولىمىزدا بولمىسا ، ھەر ۋاقىت يۈزسىزلىك قىلىشىدىن ئەمىن بولغىلى بولمايدۇ . شۇڭا مەخسۇس تەتقىقات گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ ، ئورۇسلارنىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنى تېپىپ چىقىش كېرەك !

خۇلاسە قىلغاندا ، ئورۇسلار دۈشمەن تۇتسا ، دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەن ، دوست تۇتسا ، دۇنيادىكى ئەڭ سادىق دوست بولالايدىغان خەق . بالقاندىكى سېربلارنى قانداق قوللىغان بولسا ، كاۋكازدىكى قادىروفنىمۇ قوللاشقا مەجبۇر بولغان ئورۇسلار بىزنىمۇ شۇنداق خالىمىسىمۇ ئامالسىز قوللاپ قېلىش ئېھتىمالى زور ( خىتاي بىلەن ئارىسى بۇزۇلغان ھامان ئەڭ چوڭ كوزىرى يەنىلا بىز ئورۇسلارنىڭ).
ئورۇسلارنىڭ تاتارلار ، كاۋكازلار ۋە قۇمۇقلارغا ھازىرغىچە مۇستەقىللىق بەرمەستىن ، قالماقىيە ، خاككاسىيە ، تۇۋا ، چۇۋاشىيە ۋە ياقۇتىيەدىن ئىبارەت 5 موڭغۇل ( تۈرك ) دۆلىتى قۇرۇپ بەرگىنىگە كەلسەك ، تارىخقا مۇراجىئەت قىلىپ باققانلار سەۋەبىنى ئوبدان بىلەلەيدۇ . سىتالىننى قاتتىق ئەندىشىگە سالغىنىمۇ شۇ چاغدىكى ئۇيغۇرلار بولماستىن ، بەلكى ئۇنىڭ ئۇلىنىڭ پۇختىلىقى ، تارىخىنىڭ قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىدىن بولغان . شۇڭا ئۇيغۇرلار خۇددى 1991 - يىلى خىرىستىئان پاپاسى بىلەن يەھۇدى ھاخامنىڭ بىر ھۆججەتكە قول قويۇشى بىلەن « خىرىستىئانلار ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قىساسىنى ئالمايدىغان ، يەھۇدىلارمۇ خىرىستىئانلاردىن ئۆچ ئالمايدىغان بولۇپ كېلىشكەندەك» بىزمۇ  « ئورۇسلاردىن ئىنتىقام ئالمايدىغان ، ئورۇسلارمۇ خاتالىقىنىڭ بەدىلى ئۈچۈن مۇستەقىللىقىمىزگە ياردەم بېرىدىغان ھۆججەت » تۈزۈشكە تەييارلىق قىلىش كېرەك !
يۇقىرىقى ئىشلار ئۈچۈن پەۋقۇلئاددە پىشقان ئۇنۋېرسال بىر سىياسىيونغا ئېھتىياجىمىز كۈچلۈك ! شۇنداق تولۇق ھوقۇقلۇق بىرىلا بۇنداق ئىشنى ئاخىرىغا ئېلىپ چىقالايدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا تارىختا ھەل بولۇپ بولغان ، مىر سەئىد سۇلتانغالىيېۋ بىلەن ئابدۇللا روزىباقى 1920 - يىلىلا ھەل قىلىپ بولغان . ئەلىخان تۆرىمۇ 80 يىللىق تەجرىبىسىنى خۇلاسىلەپ،
1966 - 1969 - يىللىرى ئوچۇق ئېتىراپ قىلغان « ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېكنىڭ دىنىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىشتىن بەكرەك ئۇنى تولۇق ئۆز ئىچىگە ئالغان مىللىي كىملىكنى ساقلاپ قېلىش قارارى » نى بىزنىڭ يەنە قايتا تالىشىپ ، بىھۇدە ۋاقىت ئىسراپ قىلىشىمىز ھاجەتسىز . ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز مۇھاجىرەتتە تېخى بۇنداق تاللاشقا دۇچ كەلگىنىمىز يوق . ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ تېخى ئۇنىڭ بىرىنى تاللاش ئىمكانىيىتىمۇ يوق . پەقەت دۇنياغا زادى قايسى كىملىكىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىمىز دەيدىغان سوئاللا بۇ تېتىقسىز تالاشقا سەۋەپ بولۇۋاتىدۇ . ئۇنداقتا مەن سىلەرگە 100% توغرا ۋە لىللاھ جاۋاپ بېرەي :

1. « ئۇيغۇر تۈركلىرى » تۈركىيەدە تۈرك كىملىكىنى داۋاملىق بازارغا سېلىپ بارلىق ( دىنسىز ۋە دىنلىق )تۈركلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈڭلار .
2 . ئەرەبچە تەپەككۇر قىلىدىغان ، ئەرەب ئەللىرىدە دىن ئوقۇغان ، ئەرەبكە ھەۋەس قىلىدىغان ، جۈملىدىن بارلىق دىنىي زات ، موللا - ئۆلىما ، تالىپلار ئىسلام دۇنياسىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن دىنىي كىملىكنى تەكىتلەپ تۇرۇپ قوللاشنى تەلەپ قىلسۇن !
3 . ياۋروپا ۋە غەرپ ئەللىرىدىكى ئۇيغۇرلار تۈركلۈك ۋە مۇسۇلمانلىق كىملىكىنى تەكىتلىمەي، نوقۇل مىللىي كىملىكنىلا كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! ياپوندىكىلەر ئۇ ياۋا ھونلارغا بىزنىڭ ئەسلى ھونلىقىمىزنى كۈچەپ تەشۋىق قىلسۇن ! موڭغۇللارغا ئۇيغۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەجدادى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىسۇن !
مانا شۇنداق بولغاندا ھەم بىھۇدە تالاش چىقمايدۇ ، ھەم باندىتلار ۋاقىتتىن ئۇتۇۋالالمايدۇ . ئەمما قەستەن بۇ ئىككى كىملىكنى زورلاپ قارمۇ - قارشى قىلىپ خەلقىمىزنى قايمۇقتۇرۇپ جېدەلگە سالىدىغان  قانداق بىرى ئوتتۇرىغا چىقىپ قالسا ، مەيلى ئۇ يۇقىرى دىپلوملۇق زىيالى بولسۇن ، ياكى يوغان سەللىلىك موللام بولسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىشىغا  پەقەت ئۈچلا  باھا بېرىشكە بولىدۇ .
يا « جاھالەت » يا « خىيانەت »
يا « تارىخىي جىنايەت » . بۇنىڭ باشقا ئىزاھى يوق ! جاھالەتتىن بولسا ئۇنىڭ جەبرائىلى بىز ! خىيانەتتىن بولسا ئۇنىڭ ئەزرائىلى بىز ! تارىخىي جىنايەتكە يەتسە ئۇنىڭ سىتالىنى بىز !

ئېسىت ، ھەر قېتىملىق سۇيقەستلەرنىڭ تېگىگە يەتكەندە ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانلىقىمىزنى ھېس قىلماقتىمىز . چۈنكى بىزنىڭ تېخىچە باندىتلارنىڭ يامان نىيىتىنى توغرا چۈشىنىپ ئومۇميۈزلۈك قارشى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ بولالمىغانلىقىمىز ئۈچۈن يۇقىرىدا پۇتىننىڭ كەلگۈسى يۈز يىلدا تەسەۋۋۇر قىلىۋاتقان ئارزۇسى خىتايلار تەرىپىدىن 10 يىلغا قالمايلا ئەمەلىلىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ .

سۈرەتتە : « سەن ئۆزۈڭ ئېڭىشىپ بەرمىسەڭ ھېچكىم گەجگەڭگە مىنەلمەيدۇ » .
مارتېن لۇتېر كىڭ  .

سايرام ئوغلانى.

2020 - يىلى 7 - يانۋار.   سەيشەنبە
87
لىۋىيە مەسىلىسى ھەققىدە ئازراق چۈشەنچە :

تارىختىكى تۈركىيە - لىۋىيە مۇناسىۋىتى :

لىۋىيە ئەسلىدە مەملۇكىلار ( 1250 - 1517) نىڭ زېمىنى بولۇپ ، ياۋۇز سۇلتان سېلىمخان 1517 - يىلى مىسىرنى قوشۇۋالغاندا بىللە قوشۇلغان . شۇندىن بېرى لىۋىيە تاكى 1912 - يىلغىچە 400 يىلدەك ئوسمانىلارغا تەۋە بولۇپ كەلگەن . لىۋىيە ئوسمانىلارنىڭ ئافرىقا قىتئەسىدىكى ئەڭ بۇرۇن قولغا ئالغان، ھەمدە ئەڭ كېيىن قولدىن بېرىپ قويغان ۋىلايىتىدۇر.

بالقان ئۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى : لىۋىيە ئۇرۇشى

مەزكۇر ئۇرۇش تارىختا « تەرابۇلۇس غەرب ئۇرۇشى » دەپ ئاتالغان بولۇپ ، 1911 - يىلى 29 - سېنتەبىردىن 1912 - يىلى 18 - ئۆكتەبىر كۈنىگىچە داۋام قىلغان . مۇستاپا كامال پاشا 1911 - يىلى 22 - نويابىر « تابراق ئۇرۇشى » دا ئىتالىيەنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغاندىن كېيىن ، ئىتالىيە تەرەپ قوشۇنلىرىنىڭ سانىنى يۈز مىڭغا يەتكۈزگەن . ئەمما لىۋىيەدە ئاران سەككىز مىڭ ئوسمانلى ئارمىيىسى ۋە يىگىرمە مىڭ لىۋىيە پىدائىيلىرىلا بار ئىدى . ئوسمانلى دۆلىتى ئىتالىيە بىلەن 3 - ئۆكتەبىر لوزاندا كېلىشىم تۈزۈپ ، 18 - ئۆكتەبىر ئۇرۇش توختىتىپ ، 30 - ئۆكتەبىر چېكىنىپ چىققان . لىۋىيە خەلقى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ قارشىلىقنى داۋاملاشتۇرغان. 1931 - يىلى 15 - سېنتەبىر ئۇلارنىڭ داھىيسى ئۆمەر مۇختار دارغا ئېسىلغاندىن كېيىن ، لىۋىيە تاكى 1947 - يىلى 10 - فېۋرالدا ئىتالىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغانغا قەدەر ئىشغال ئاستىدا قالغان . ئىتالىيە 1934 - يىلى بۇ جاينىڭ « تەرابۇلۇس غەرب » نامىنى ، گېرىكچە قەدىمكى نامى « لىۋىيە » گە ئۆزگەرتكەن . لىۋىيە 1951 - يىلى 24 - دېكابىر پادىشاھلىق تۈزۈم بىلەن بىرلىككە كەلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1953 - يىلى 28 - مارت ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا بولغان . 1969 - يىلى 1 - سېنتەبىر 27 ياشلىق كازاپى ھەربىي ئىسيان كۆتۈرۈپ ، ئىدرىس خاننى ئاغدۇرۇپ ، تاكى 2011 - يىلى « ئەرەب باھارى » غىچە ھۆكۈم سۈرۈپ ، شۇ يىلى 20 - ئۆكتەبىر يۇرتى سۇرتىدا ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ 1970 - يىلى 28 - مارت 2 - دۇنيا ئۇرۇشىدا كىرىۋالغان ئەنگلىيە قوشۇنىنى قوغلاپ چىقارغان . ئۇ ھەتتا خىتايغا نەچچە چامدان دوللار ئېلىپ بېرىپ ، ئاتوم بومبىسى سېتىۋېلىپ ، ئىسرائىلىيەگە ئاتماقچى بولغان . ماۋ سېتىپ بەرمىگەن . سوۋېتمۇ رەت قىلغان.
2008 - يىلى ئىتالىيە باش ۋەزىرى بېرلۇسكونى لىۋىيەگە كېلىپ كازاپى ۋە ئۆمەر مۇختارنىڭ ئوغلىدىن تارىخىي خاتالىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سوراپ ، ئاندىن مۇناسىۋەت ياخشىلانشان ئۆمەر مۇختارنىڭ ئوغلى،  مۇھەممەد ئۆمەر 2018 - يىلى 14 - ئىيۇل ۋاپات بولغان .
غەرپ ئەللىرى ۋە خوشنا ئەللەر لىۋىيەنىڭ نېفىتىگە كۆز قىزارتىپ كەلگەن . چۈنكى بۇ دۆلەتتىن چىققان نېفىت تولىمۇ ساپلىقى يۇقىرى ۋە مىقدارى مول بولغان نېفىت . باندىت ھەفتەرنىڭ 2011 - يىلى 11 - ئايدا :« مىسىر ، تۇنىس ۋە ئالجىرىيەلەر لىۋىيەلىكلەرنىڭ دۈشمىنى . ئۇلار ھەممىسى نامرات. شۇڭا بۇ جايدىكى بايلىقنى كۆزلەيدۇ . ئەمما دۈشمەن بولسىمۇ مەيلى، كۈچىدىن پايدىلىنىپ ، ئەڭ كۈچلۈك ئارمىيە قۇرۇۋالساق ئۇلار ھېچنىمىگە ئېرىشەلمەيدۇ » دېگەن باياناتى بۇنى تولۇق ئىسپاتلايدۇ .

كازاپى 2011 - يىلى 20 - ئۆكتەبىر ئۆلتۈرۈلگەن بولۇپ ، لىۋىيە ھازىرغىچە تىنچلانمايۋاتىدۇ. بۇرۇن ئىراقلىقلار سادامنى قانداق ئەسلەپ قالغان بولسا، بۈگۈن لىۋىيەلىكلەر كازاپىنى شۇنداق ئەسلىمەكتە.

ئۇرۇش ھارپىسىدىكى ئىدىيىۋى تەييارلىقلار:

ئېيىق تېخى نەچچە كۈن بۇرۇن مەينەت توڭگۇز بىلەن مانتا تۈگۈپ يەپ « بىر ئىشلارنى كېلىشىپ قايتقانىدى». ئۇ يەردىن ئۇدۇل قىرغىزىستانغا قونۇپ،« قۇلاقنى - قۇلاققا يېقىپ، بىر ئىشلارنى توغرىلىۋېتىپ» دەررۇ سۈرىيەگە كېلىپ، « يېڭىلا 50 يىللىق سوۋغات قىلىنغان تارتۇس پورتىنى زىيارەت قىلىپ، ئەسكەرلىرىگە بىر ئىشلارنى ھاۋالە قىلىپلا قايتىپ»، موسكۋادا بىر كۈن دەم ئېلىپلا،24 - ئاپرىل كەچ ۋىلادىۋوستوكقا يېتىپ كېلىپ، 25 - ئاپرىل « تۇنجى قېتىم ئۆزىنى زىيارەت قىلغىلى كەلگەن كىم جەمەتىنىڭ پۇشتى كىم بودەك بىلەن كۆرۈشۈپ، بىر ئىشلارنى كېلىشىپلا، مانا ھازىر 26 - ئاپرىل كېچىلەپ يەنە توڭگۇزلار ئاستانىسىگە كەلدى. « ئىقتىسادىي يىغىنغا قاتناشقىلى كەپتىمىش» .....  بىر شۇملۇق پۇراۋاتىدۇ ! سۇدان ، لىۋىيە ۋە ئالجىرىيە قايتا كىرىزىسقا پاتتى. ئىران ئامېرىكىغا ھەيۋە قىلىۋاتىدۇ! ئەمدى تۈركىيە قايسى سەپتىن ئورۇن ئالار !؟؟. 2019 - يىلى 25 - ئاپرىل .

تۈركىيە ئىراننى قوللاپ، ئامېرىكىنى قىيىن ئەھۋالدا قويدى!
قارىغاندا، پۇتىننىڭ يېقىنقى بىر ھەپتىلىك دىپلوماتىك گۇمپىلىرى تەسىرىنى كۆرسەتكەندەك تۇرىدۇ ! كىم بودەك شەرقتە « تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى » جاكارلىدى. ئىران تېخىمۇ تەھدىت سېلىپ « يەر شارىدا دۈشمەنلىرىمىزگە خاتىرجەملىك بەرمەيمىز !» دەۋاتىدۇ !
ئامېرىكا - ياۋروپا بىر تەرەپ، خىتاي - رۇسىيە يەنە بىر تەرەپ بولۇپ، شەرقتە كورىيە يېرىم ئارىلى، جەنۇبىي دېڭىز ، تېنچ ئوكيان ، ھىندى ئوكيان ، ئىران ، سۈرىيە ، لىۋىيە ، ئالجىرىيە ، سۇدان ۋە ئۇكرائىنادا تىركەشمەكتە. ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى قىلماقتا ! يا كىچىك ئەمەس، يا چوڭ ئەمەس مەھەللىۋى لۈكچەك دۆلەتلەر بۇ ئىككى قۇتۇپنىڭ بىرىنى قوللاش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مىللىي ۋە دۆلەت مەنپەئەتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش يولىنى تۇتماقتا ! جۈملىدىن تۈركىيە ئۆزىنىڭ ئىراقتىكى، سۈرىيەدىكى، سۇداندىكى، لىۋىيەدىكى ۋە ئالجىرىيەدىكى مەنپەئەتى تۈپەيلى مەجبۇرىي ھالدا ئىككى قۇتۇپنىڭ بىرىگە قوشۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا !  2019 - يىلى 27 - ئاپرىل .

نيۇيوركتىكى ئىجارىدىن 113 دوللار كىرىم قىلىشتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن مىلياردلاپ پۇل ئېلىش كۆپ ئاسان!  دوللار ترامپ .
« قارىغاندا لىۋىيە مۇپتىسىنىڭ نەپلە ھەجگە خەجلەيدىغان پۇلنى، مىللىي مەۋجۇتلۇق، مائارىپ ۋە سانائەتكە خەجلەش كېرەكلىكى ھەققىدىكى چاقىرىقنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش كېرەك ئوخشايدۇ!» . نېفىت زاپىسى 2028 - يىلى تۈگىمەكچى. دېمەك سەئۇدى بۇندىن كېيىن ھەج - تاۋاپ ئارقىلىق پۇل تېپىپ، ئۈممەتنىڭ پۇلىنى ترامپقا 2017 - يىلدىكىدەك 500 مىلياردلاپ تۇتقىلى تۇرسا، قانداقمۇ خەزىنە قۇرۇقدالمىسۇن!؟. سايرام ئوغلانى .

ئەردوغان ئاخىرى ناتونىڭ پولشا ۋە بالتىق ئەللىرىنى رۇس خەتىرىدىن قوغداش پىلانىنى قوللىغان . گەرچە ناتو ئەزالىرى كۇرد قوراللىقلىرىنى تېرررورچى دەپ ئېتىراپ قىلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلغان بولسا كېرەك ! شۇنداق قىلىپ ، ئورۇسلارنىڭ ناتونى پارچىلاش ئۈمۈدى يەنە بىر قېتىم سۇغا چىلاشقان بوپتۇ .
5 - دېكابىر ( ئەمدى غەرپمۇ سۈكۈت قىلىدۇ).

ئەردوغان 9 - دېكابىر دۈشەنبە لىۋىيە ھۆكۈمىتى تەلەپ قىلسا ، ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، تابراقتىكى مىلىتارستلار مەجلىسى ئەرەب ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە باندىت ھەفتەرنىڭ قوللىشىدا بۈگۈن نارازىلىق باياناتى ئېلان قىلىپ « لىۋىيە يېڭى ئوسمانلىنىڭ كېڭىيىش دەرۋازىسى بولۇشنى خالىمايدۇ !» دېگەن .

جىددىي خەۋەر  :
لىۋىيەدىكى باندىت ھەفتەر 12 - دېكابىر كەچ ( پەيشەنبە )پايتەخت تىرىپولىغا يۈرۈش قىلىش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى . تۈركىيە يەنە بىر قېتىم ئېغىر بېسىمغا ئۇچرايدىغان بولدى . تېخى يېقىندىلا تۈركىيە بىلەن لىۋىيە شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزنى ئىككىگە بۆلۈشۈپ ، ياۋروپانىڭ ئېنىرگىيە يولىنى تىزگىنلەش ھوقۇقىغا ئېرىشكەنىدى . تۈركىيەنىڭ بۇ ئىشىغا نارازى بولغان بىر قىسىم ياۋروپا ئەللىرى ۋە ئەرەب قورچاقلىرى دەرھال باندىت ھەفتەرنى تىرىپولىدىكى ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا كۈشكۈرتۈپ قورال - ياراق يوللىغان.  ھازىر لىۋىيەدە ئىككى ھۆكۈمەت بار بولۇپ ، بىر پايتەخت تىرىپولىدىكى سىراج ھۆكۈمىتى بولۇپ ، خەلقئارانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن . يەنە بىرى شەرقىي لىۋىيەگە جايلاشقان ئابدۇللا ھۆكۈمىتى بولۇپ ، مىسىر ۋە باشقا ئەرەب غالچىلىرىنىڭ قوللىشىدىكى ھەربىي باندىت خەلىفە ھەفتەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن . باندىت ھەفتەر بۇ يىل 4 - ئاپرىل « پايتەختنى تېررورچىلاردىن قۇتقۇزۇش » شوئارى بىلەن قىستاپ كەلگەن . ئەمما ئۇنىڭ ئەسلىدە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇش قارا نىيىتى پاش بولۇپ قالغاچقا ، تۈركىيەنىڭ ھەربىي ياردىمىگە ئېرىشكەن سىراج ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قوغلىۋەتكەن . ھەفتەر بۇ قېتىم كۆپ قىسىم تۈركىيەگە قارشى ياۋروپا ھاكىميىتىنىڭ ( بولۇپمۇ ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئېنىرگىيە توشۇيدىغان غەرپ ئەللىرى ) ۋە تۈركىيەگە قارشى ئەرەب غالچىلىرىنىڭ ئىقتىساد ۋە قورال - ياراق ياردىمىگە ئېرىشكەن ھەفتەر بۈگۈن قايتا پايتەخت تىرىپولىغا ھۇجۇم باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى . ئەمدى تۈركىيەگە قارايمىز ! تۈركىيە سۈرىيەگە ئەسكەر چىقارغاندەك لىۋىيەگىمۇ ئەسكەر چىقىرامدۇ !؟ لىۋىيە ھۆكۈمىتى ناۋادا تۈركىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلسا ، سىسى بىلەن ھەفتەر قانداق تاقابىل تۇرىدۇ !؟
2019 - يىلى 12 - دېكابىر      پەيشەنبە كەچ  تابراق

مېنىڭ تۇنجى ئىنكاسىم ۋە پوزىتسىيەم  :

27 - نويابىر ئىستانبۇلدا تۈركىيە ۋە لىۋىيە تەرەپ دېڭىز كېلىشىمى تۈزۈپ ، سۇ خوشنىسى بولغاندىن بىر ھەپتە كېيىن ، ناتو تۈركىيەدىن بۇ كېلىشىمنىڭ مەزمۇنىدىن خەۋەر بېرىشىنى تەلەپ قىلغان . تۈركىيە 10 - دېكابىر چارشەنبە ب د ت غا بۇ كېلىشىمنى سۇنغاندىن كېيىن ، مىسىر ، سىپرۇس، يۇنان قاتارلىق دۆلەتلەر ئورتاق نارازىلىق بىلدۈرگەن . سىسى دېڭىزدا ھەيۋە قىلىشقا باشلىغان . باندىت ھەفتەرمۇ بۈگۈن لىۋىيە ھۆۈكۈمىتىنى ئاغدۇرۇش ئۈچۈن تىرىپولىغا ئەسكەر تارتتى . تۈركىيە ئەگەر بۇ قېتىم ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ، ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن . شۇڭا خۇددى سۈرىيەگە ئەسكەر چىقارغاندەك ھەفتەرنى تارمار قىلىشى كېرەك ! شۇندىلا تۈركىيە خىتايلارنى قىيىن ئەھۋالدا قويۇپ ، ئاپتوماتىك ھالدا ئامېرىكا بىلەن تېخىمۇ يېقىنلىشىدۇ . ئەمما بەرىبىر ياۋروپاغا ياخشى بولالمايدۇ .  سايرام ئوغلانى .

لىۋىيە سىياسىي تەھلىلچىسى رۇس تاراتقۇسىغا : « تۈركىيە بىلەن لىۋىيە ھۆكۈمىتى ئىمزالىغان كېلىشىمدىن كېيىن دۇنيا ھەفتەرنىڭ ھەرىكىتىگە سۈكۈت قىلىدىغان ھالغا كەلدى . ئەمما نىشان يالغۇز پايتەختلا ئەمەس، باشقا ئۈچ چوڭ شەھەرمۇ بار . تېز سۈرئەتتە سەرراج ھۆكۈمىتى ئەزالىرىنى قولغا ئېلىپ ، ئۇلارنى « لىۋىيەنى يېڭى ئوسمانلى تەسىرىگە كىرگۈزۈپ قويغان ۋەتەن خائىنلىرى » دەپ يوق قىلىش بۇ قېتىمقى ھەربىي ھەرىكەتنىڭ نىشانى » دېگەن .
تۈركىيە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىناۋىتىنى تۆكۈۋالامدۇ ياكى جان تىكىپ ئىتتىپاقدىشىنى قوغداپ قېلىپ ، ئوتتۇرا دېڭىزدىكى مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلامدۇ !؟ بۇنى جۈمە كېچىسىدىكى ئەنقەرە  - ۋاشنگتون ، قاھىرە - موسكۋا ، تېھران - پېكىن، رىياد - لوندون ، دۇبەي - پارىژ ۋە باغدات - بېرلىن ئارىسىدا قىزىپ كەتكەن رادىئو سىگناللىرى ۋە ئالاقىلەر بەلگىلەيدۇ ...  13 - دېكابىر .  ئەنسىز جۈمە .

شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىزدا تۈركىيە بىلەن مىسىر ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرەمدۇ !؟

تۈركىيە پارلامېنتى لىۋىيە بىلەن ئىمزالىغان دېڭىز تەۋەسىنى بۆلۈشۈش كېلىشىمىگە تەستىق سالغاندىن كېيىن ، تۈركىيە بۇ كېلىشىمنى ب د ت غا سۇندى. نەچچچە سائەت ئۆتمەيلا باندىت ھەفتەر لىۋىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى ئۇرۇش باشلىغانلىقىنى جاكارلىدى .
2019 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى

پۇتىن ۋە سىسى قوللاۋاتقان باندىت ھەفتەر ئەسكەرلىرىنىڭ پايتەخت تىرىپولى ئەتراپىدىكى سالاھىددىن ھەربىي مەكتىپىنى ئىشغال قىلىپ ، خوشنا رايوندىكى غول تاشيولنى قامال قىلغانلىقىنى جاكارلىغان . ئۇ تېخى ئىككى سائەت ئالدىدا يەنىلا كونا باھانىسىنى ئىشقا سېلىپ « تىرىپولىنى تېررورچىلاردىن تازىلاش ! » شوئارى بىلەن ئۇرۇش ئېلان قىلغان ئىدى . ئەمما تۈركىيەدىن ھازىرچە سادا يوق .. 13 - دېكابىر .

باندىت ھەفتەر ئۆزىنى ئورۇسلارنىڭ قوينىغا ئاتقاچقا ئامېرىكا  بۇ يىل 14 - نويابىر تىرىپولى ھۆكۈمىتى بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ، ھەفتەرنى پايتەختكە قوزغىغان 7 ئايلىق ھۇجۇمىنى توختىتىشقا مەجبۇر قىلغان ئىدى . باندىت ھەفتەر ئاپرىلدىن بېرى پايتەختكە ھۇجۇم قىلىۋاتقان ئىدى . ئارقىدىنلا تۈركىيە بىلەن لىۋىيە 27 - نويابىر دېڭىز تەۋەسىنى قايتا بېكىتىپ ، ئۆز ئارا سۇ خوشنىسىغا ئايلانغان ئىدى . قارىغاندا ئامېرىكا ھىلىگەر رۇسلارنىڭ لىۋىيەنىمۇ مىسىردەك ۋە سۈرىيەدەك كونتىرول قىلىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ تۈركىيەنى قوللايدىغان ، ھېچبولمىسا سۈكۈت قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ . ئامېرىكا قوللىسىلا تۈركىيە ئىناۋىتىنى ساقلاپ قالالايدۇ . ئەمما تۈركىيە خاتالىق سادىر قىلىپ ، ئورۇسلار ۋە خىتايلارغا مايىل بولسا ، ئوتتۇرا شەرقتىكى يېتىم كۈچكە ئايلىنىدۇ . ئاقىۋەت ، يىراق شەرقىي ئاسىيادىكى يېتىم كۈچ خىتايلار ۋە شىمالىي ئاسىيادىكى يېتىم كۈچ رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە تەڭ يوقىلىش تەقدىرىگە دۇچار بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ..... 
2019 - يىلى 13 - دېكابىر.  سايرام ئوغلانى.

سەرراج 14 - دېكابىر چاۋۇش ئوغلى بىلەن قاتاردا كۆرۈشكەن، بۈگۈن ئەردوغان بىلەن تۈركىيەدە كۆرۈشۈپ كېڭىشىپتۇ . ئىلاھىم تۈركىيە پاتقاققا پېتىپ قالماي بۇ ئۇرۇشتا ئۇتقاي!

بۈگۈن 15 - دېكابىر سەرراج  ئىستانبۇلغا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلگەن بولۇپ ، ئەردوغاننىڭ مىجەزىدىن قارىغاندا بۇ قېتىم لىۋىيەگە ئەسكەر چىقارمىسىمۇ تۈرلۈك قوللاش ئارقىلىق ھەفتەرنى تارمار قىلماقچى ئىكەنلىكى كۆرۈنۈپ تۇرماقتا .

ھالقىلىق پەيتتە پۇتىن ئەردوغانغا « لىۋىيە مەسىلىسىنى بىللە ھەل قىلايلى!» دەپ تەكلىپ بەرگەن ، ئەردوغان دەررۇ قوشۇلغان . دېمەك سىسى بىلەن ھەفتەرنىڭ يېلى چىقىپ كەتكىنى بىكا ئەمەسكەن .  15 - دېكابىر.

تۈركىيە پارلامېنتى بۈگۈن « ئەنقەرە - تىرىپولى بىخەتەرلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى » نى تەستىقلىدى . ئەمدى لىۋىيە تەرەپ ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلسىلا ، ئەردوغان بىر بۇيرۇق بىلەنلا ئەسكەر يۆتكىيەلەيدۇ .  16 - دېكابىر .

« لىۋىيە ئۇرۇشىنىڭ بىزگە سەلبىي تەسىرى»

قاتار پۇل چىقارسا ، تۈركىيە قورال ۋە ئەسكەر چىقارسا باندىت ھەفتەر چوقۇم ئەسەدنىڭ يولىنى تۇتىدۇ  ! شۇنداق قىلىپ 2 - قېتىملىق « ئەرەب باھارى » باشلانسا، ھەممە ئىسلام دۆلىتى ئۆزىنىڭ دەردى بىلەن بولۇپ قالىدۇ . خۇلاسە قىلغاندا ئوتتۇرا شەرقتە پارتلىغان  ھەر قانداق ئۇرۇش ۋە ئامېرىكا بىلەن تۈركىيەنىڭ ئۇرۇش پاتىقىقىغا پېتىشى بىزگە زىيانلىق، باندىتلار ئۇنداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدۇ . سەگەك تۇرايلى ، دىققىتىمىز ۋەتەندە بولسۇن ، دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىكى ئۆزگىرىشلەرگىمۇ قۇلىقىمىز دىڭ بولسۇن !  16 - دېكابىر .

لىۋىيەدىكى ئىككى تەرەپنىڭ قوللىغۇچىلىرى :

لىۋىيەنىڭ غەربىدىكى يەتتە شەھەر ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك ھەرىكىتى قوزغاپ ، باندىت ھەفتەرگە قارشى پايتەختنى قوغداشقا قەسەمياد قىلدى . ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى .
ھازىر لىۋىيەدە رۇسىيە ، فرانسىيە ، مىسىر ۋە ئەرەب بەگلىكلىرى قوللاۋاتقان باندىت ھەفتەر بىلەن ، خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغان ۋە تۈركىيەنىڭ ھەر جەھەتتىن قوللىشىغا ئېرىشكەن تىرىپولى ھۆكۈمىتى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ . ئەگەر ئىككى تەرەپ  تىركىشىپ قېلىپ ، ئۇرۇش سوزۇلۇپ كەتسە ، ئۇ چاغدا كەڭ كۆلەملىك ۋاكالەتچىلەر ئۇرۇشى باشلىنىپ كېتىدۇ . ھازىر ئەردوغان بىلەن پۇتىن ، پۇتىن بىلەن مېركىل ئارىسىدا جىددىي مۇزاكىرىلەر داۋام قىلماقتا . ئۇلار ئۈستەلدە كېلىشەلمىسە، مەسىلە جەڭگاھتا ھەل قىلىنىدۇ.
2019 - يىلى 17 - دېكابىر.  قۇتلۇق جۈمە. 

ئەردوغان لىۋىيەدە قارشىلاشماقچى بولغان سىرلىق كۈچ پۇتىننىڭ سۈرىيە ۋە ئۇكرائىنادا بىرەسمىي شەكىلدە ھەرىكەت قىلىۋاتقان پىدائىي قوشۇنى چىقىپ قالدى . پۇتىن ئۆزىمۇ ئېتىراپ قىلىپ« ئەگەر دۇنيا ئۇلارنى پۇتىننىڭ ئاشپەزلىرى دەپ ئاتاپ ئۆزىنى خۇش قىلسا ھېچ ۋەقەسى يوق . مېنىڭ ئۇلاردىن باشقا زاپاس ئاشپەزلىرىم يوق.  ئەمما ئۇلار چەتئەلدە ئۇرۇشقا قاتناشماي ھەرىكەت قىلىدۇ» دېگەن .
21 - دېكابىر .

ئەردوغان بۈگۈن لىۋىيە ۋە ئالجىرىيە بىلەن بىۋاستە چېگرىداش تۇنىسقا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلدى  . ئورۇسلار سەۋەبىنى لىۋىيە ۋەزىيىتى دەپ قارىماقتا.  25 - دېكابىر چارشەنبە .

ئەردوغان : « 9 - يانۋارغىچە پارلامېنتتىن لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش رۇخسىتى ئېلىشقا تىرىشىپ ، لىۋىيە تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قىسىم ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز . تۇنىس ، ئالجىرىيە ۋە قاتار « بېرلىن يىغىنى » غا قاتنىشىپ ، لىۋىيە مەسىلىسىدە رول ئوينىشى كېرەك . باندىت ھەفتەرنى قوللاۋاتقانلار ئىلگىرى مىسىر خەلقى سايلىغان قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ دەل ئۆزى ئىدى » .  26 - دېكابىر. پەيشەنبە .

26 - دېكابىردىكى ئىشلار، 1530 بابۇرشاھ قازا قىلغان. 1893 جاللات ماۋ يەرگە چۈشكەن. 1972 ترۇمېن ئۆلگەن. 1979 سوۋېت ئافغانغا تاجاۋۇز قىلغان. 1991 سوۋېت ئىتتىپاقى يوقالغان.2019 لىۋىيە تۈركىيەدىن ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلغان . شۇ كۈنى باندىتلار قۇرئان كەرىم قاتارلىق ساماۋى كىتاپلارنى كوممۇنىزىمغا ئۇيغۇن قىلىپ يېزىپ چىقماقچى بولغان .

جۈمە كەچ باندىت ھەفتەر پايتەخت تىرىپولىغا 300 مېتىر قالغۇچە قىستاپ كەلگەچكە ، تۈركىيە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن 8 - يانۋاردىكى پارلامېنت تەستىق ئىشىنى بۈگۈن  2 - يانۋارغا سۈرگەن . بۇ ئىش رۇسىيەنى بىئارام قىلماقتا .    28 - دېكابىر. 

تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جۈمە كەچ ئىتالىيە ، گېرمانىيە ، ئەنگلىيە ۋە باندىت ھەفتەرنى ئوچۇق قوللاۋاتقان فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىرى 7 - يانۋار لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان .  28 - دېكابىر.

ئەردوغان لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھەققىدىكى تەلەپكە ھازىر ناماز شامدىن كېيىنلا تەستىق سالدى . ئەمدى بۇنى پارلامېنت ئۆگۈنلۈككە ماقۇللىسىلا ئۇرۇش باشلىنىدۇ .
30 - دېكابىر  دۈشەنبە كەچ .

چاقماق خەۋەر : « بۈگۈن تۈركىيە پارلامېنتى 184 كە قارشى 325 ئاۋاز بىلەن لىۋىيەگە ئەسكەر چىقىرىش ھوقۇقى قارار لايىھىسىنى ماقۇللىدى . ئەمدى ئەردوغان بىر يىل ئىچىدە خالىغانچە ئارمىيەنى يۆتكەپ ئىشلىتەلەيدۇ . كېيىنچە بۇ مۆھلەتنى يەنە ئۇزارتقىلى بولىدىكەن » . ئەمدىكى ئىشلار ئەردوغانغا باغلىق بوپقالدى .  2 - نويابىر پەيشەنبە .

تۈركىيە پارلامېنتى 2019 - يىلى 7 - ئۆكتەبىر رەئىس ئەردوغاننىڭ ئارمىيەنى سۈرىيەدە ئۇرۇشقا بۇيرۇش ھوقۇقىنى 2020 - يىلى 30 - ئۆكتەبىرگىچە ئۇزارتقان ئىدى . مانا ئەمدى ئەردوغان لىۋىيەدىمۇ 2021 - يىلى يانۋارغىچە ھەربىي ھەرىكەت قوزغاش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

3 - يانۋار قاسىم سۇلايمانى ئۆلتۈرۈلگەچكە ئەرەب ئەللىرى گاڭگىراپ قېلىپ يىغىلالماي،
4 - يانۋار قاھىرەدە جىددىي يىغىن ئېچىپ تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىغا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈردى . شۇ كۈنى تۈركىيەمۇ لىۋىيەگە ئەۋەتىدىغان تۇنجى تۈركۈم قىسىمنى ئاشكارىلاپ ، ھەربىي مانىۋېر ئۆتكۈزدى .
لىۋىيەگە يولغا چىقىش ئالدىدىكى تۈرك ئەترىتى بولسا لىۋىيە بايرىقىدا يۈزى بويالغان زەربىدار قىسىم بولۇپ ، ئەردوغان ئاساسلىق قىسىممۇ پات ئارىدا ماڭىدۇ دېدى .

5 - يانۋار ئەردوغان سەئۇدى جەمەتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ : « سىلەر ئىسيانچىلارنى قوللاپ كەلدىڭلار ، گەپ قىلمىدۇق . باندىتلارنى قوللاپ مىليونلىغان جانلارغا زامىن بولدۇڭلار، مىليونغان ئۆز خەلقىڭلارنى كۆچمەن بولۇشقا مەجبۇرلىدىڭلار يەنە گەپ قىممىدۇق . بىز تۆت مىليون ئەرەب مىللىتىڭنى ۋە دىندىشىڭقا قۇچاق ئاچتۇق . سەنلەرچۇ !؟ يەنە قايسى يۈزۈڭ بىلەن بىزنى ئەيىپلەيسە .!؟ ئەسلى باندىلارنى قوللىغىنىڭ ئۈچۈن بىز سېنى قاتتىق ئەيىپلەيمىز !» دېيىش ئارقىلىق قورچاق ئەرەب ئىتتىپاقى ئەللىرگە بىر كاچات سالدى .

باندىت ھەفتەر 4 - 5 - يانۋار كۈنلىرى ئۇدا ئەردوغاننى ئەيىپلەپ ، تۈرك خەلقىنى ئۇنىڭغا قارشى كۈشكۈرتتى . ئەمما يەنىلا مەقسىتىگە يېتەلمەي جىمىپ قالدى .

6 - يانۋار ئەردوغان بۈگۈن قوشۇنلارنىڭ يولغا چىقىشقا باشلىغانلىقىنى ،ئۇلارنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى پايتەخت تىرىپولىنىڭ ئەنسىز ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى . ئەمما تەنتەك ھەفتەر ئالدىن قول سېلىپ قويسا ، ئاندىن قايتۇرما ھۇجۇم قىلىشى رەسمىي يوللۇق بولىدۇ . ئۇتۇقلۇق بولغاي !

خۇلاسە : تۈركىيەنىڭ ئامېرىكىغا قارشى ئۇرۇشتىن باشقا ھەر قانداق ئۇرۇشى ھەم خىتاينىڭ ھەم رۇسىيەنىڭ مەنپەئەتىگە زىيانلىق . بۇمۇ تۈركىيەنىڭ ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشنى داۋام قىلىشىغا پايدىلىق . ئۇندىن باشقا تۈركىيەمۇ ھازىر خىتايغا ئوخشاش ھالقىلىق تاللاش باسقۇچىدا ! « يا ئۇرۇش قىلىپ يېڭىپ ، ئۆزىنىڭ رايون چوڭ دۆلىتى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ ، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ ئىتتىپاقداشلىرىنى كۆپەيتەلەيدۇ . ياكى ئۇرۇش قىلىشتىن قورقۇپ رەسۋا بولۇپ ئىناۋىتى بىراقلا يەر بىلەن يەكسان بولىدۇ. بۇندىن كېيىن ئوتتۇرا شەرقتە ھېچكىم ئۇنى كۆزگە ئىلمايدۇ ! » . خىتايمۇ شۇنداق !!

شۇڭا بۇنداق ھالەتتە تۈركىيە چوقۇم بۇ ئۇرۇشقا كىرىشى شۇنداقلا غەلىبە قىلىشى كېرەك !
ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى ئۇرۇش ھېچقاچان بىزگە چوڭراق پايدا ئېلىپ كەلمەيدۇ ، ئەكسىچە ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرقتە تېخىمۇ چوڭقۇر پاتقاققا پاتىدۇ . چۈنكى ئۇ 1979 - 1989 - يىللىرى ئافغانىستاندا پاتقاققا پاتۇرۇپ قويغان رۇسلار « خەپ ! » دەپ تۇرۇۋاتىدۇ . ئىرانغا ھۇجۇم قىلسىلا رۇسلارمۇ ئۆچىنى ئېلىۋالىدۇ ، خىتايلار يەنە 20 - 30 يىل ئۆمرىنى ئۇزارتىۋالالايدۇ . تارىخ ئىسپاتلىدىكى ئىراننى ئۆز ئىچىدىكى ئىنقىلاپ يىقىتمىسا تاشقى كۈچلەرنىڭ يىقىتىشى تەس . چۈنكى ئۇلار تاشقى دۈشمەنگە قارشى پەۋقۇلئاددە بىرلىك روھىغا ئىگە . ئەڭ يامان بولغىنى ،
قاسىم سۇلايمانىنىڭ 3 - يانۋار ئۆلتۈرۈلۈشى ئىران ھۆكۈمىتىگە « ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرۇش پۇرسىتى ئاتا قىلدى » . ئەسلىدە ئىران خەلقى مۇستەبىت ھۆكۈمەتكە قارشى كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ ھېچ بېسىقمىغانىدى . مانا ئەمدى ھەممىسى نارازىلىقنى بىراقلا ئامېرىكا تەرەپكە قاراتتى . ئالىي داھىي ئەلى خامىنىي دوستىنىڭ ئۆلۈمىدىنمۇ ھېچكىم ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە پايدىلىنىپ ، ئىران خەلقىنىڭ ھاكىمىيەتكە بولغان ئاچچىقىنى ئۇستىلىق بىلەن ئامېرىكىغا قارىتىپ قويالىدى.
6 - يانۋار ( بۈگۈن ) قاسىم سۇلايمانىنىڭ جەسىتى قۇم شەھىرىگە ئېلىپ كېلىنىپ ، ئالىي داھىي نامىزىنى چۈشۈردى . پۈتۈن ئىراندا تۆت مىليون ئادەم كوچىلارغا چىقىپ قوشۇلدى . ئىرانلىقلار ( پارسلار ) ئەرەبلەرگە ئوخشاش ساددا خەلق ئەمەس . ئەرەبلەر بىزگە ئوخشاش 500 يىللىق سىياسىي مالىمانچىلىقنى باشتىن كەچۈرگەن بىچارە خەلق ، بۇ تەرىپى بىزگە ئوخشايدۇ . ئەمما پارسلار بىزنىڭ 500 يىل بۇرۇنقى ئەڭ سەلتەنەتلىك ۋاختىمىزغا ئوخشايدۇ . خاتا بولسىمۇ ئېتىقادىغا بەك سادىق ، ئالىملىرى ۋە موللاملىرىغا بەك ھۆرمەت قىلىدۇ ، گېپىدىن چىقمايدۇ . ئەگەر ئىران ھاكىمىيىتى پىداكار قىسىملىرىنى پارتىزانچە زەربە بېرىشكە بۇيرۇق قىلسا ، ئامېرىكىنى پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقتە ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ . ئەڭ يامىنى بىز ئۇيغۇرلار ، بولۇپمۇ ۋەتەندىكى ھەر مىللەت خەلقىمىز بۇ ئۇرۇشنىڭ ئەڭ چوڭ قۇربانلىرى بوپقېلىشىشى مۇقەررەر . شۇڭا ئامېرىك بىلەن ئىران ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىشىنى ئارزۇ قىلماڭلار ! بەلكى ئاۋۇ تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىنى قوللاڭلار ! يالاڭتۆش تۈركىيەنىڭ بىزگە قاتتىق زىيىنى بار . ئەمما يانچۇقى توم تۈركىيەنىڭ ئۇنداق ئەمەس . شۇڭلاشقا ئۇنىڭ خەلقىمىز مەسىلىسىدە رەسۋا بولۇشقا رازى بولۇشىمۇ شۇ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنىڭ ناچارلىقى .

شۇڭا تۈركىيەنىڭ لىۋىيەدىكى ئۇرۇشىنى پائال قوللاڭلار ! تۈركىيەنىڭ قورسىقى تويسۇن ، يانچۇقى تومپايسۇن ! خىتايغا دوڭغايمىسۇن!
ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئۇرۇش چىقىشىنى ئارزۇ قىلماڭلار ! ئەگەر ئامېرىكا راسلا پۈتۈن دىققىتى بىلەن باندىتلارغا قارشى ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش قىلماقچى بولۇپ ، باشقا كاشىلىلارغا يولۇقۇشنى خالىمىسا ، يەنى ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خوپ كۆرمىسە، ئۇنداقتا مەن ئىران بىلەن ئامېرىكىنى قايتا ياراشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاستىچى بولۇپ موللا ئەلى خامىنىي بىلەن سۆھبەتلىشىپ بېقىشقا تەييار ! ئەسلى بىزدىن ئامېرىكا بىلەن ئىسلام دۆلەتلىرى ئارىسىدا ياراشتۇرغۇچى رول ئوينايدىغان شەخسلەر ئاللىبۇرۇن مەيدانغا چىقىشى كېرەك ئىدى ! تولىمۇ ئەپسۇس ، كەڭ دائىرىلىك دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا بەكلا كەينىدە قالدۇق !

قاسىم سۇلايمانى ۋەقەسى ۋە ئىران - ئامېرىكا ئۇرۇشىنىڭ بىزگە كۆرسىتىدىغان زىيىنى ھەققىدە تەھلىل :

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=469.0

مەن لىۋىيەنىڭ كەم دېگەندە مىڭ يىللىق تارىخىنى تەتقىق قىلىپ ، ھەمدە يېقىنقى يۈز يىلدىن بېرى بولغان ئىشلار ھەققىدە مۇلاھىزە قىلغاچ، ئون يىلدىن بېرى بۇ يەردىكى مەسىلىنى ئوبدان بىلىپ يەتتىم . شۇڭا ئۆزەمنى ئەردوغان دەپ ئويلاپ ، بىر دۆلەتنىڭ مىللىي مەنپەئەتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىشى زۆرۈرلۈكى نۇقتىسىدىن شۇنداق كەسكىن خۇلاسە چىقىرالىدىم . ئەردوغانمۇ مەن باشتا تۇنجى بىلدۈرگەن پوزىتىسيە بويىچە قىلىۋاتىدۇ ئىشلارنى . ئەردوغان ھازىر خۇددى 1212 - يىلى چىڭگىزخان ئالتۇن خانلىقى بىلەن ئۇرۇش قىلغان چاغدىكى ھالقىلىق تاللاش پەيتىدە تۇرۇۋاتىدۇ . ئەگەر چىڭگىزخان شۇ چاغدا قورقۇپ چېكىنىپ كەتكەن بولسا ، ئۇنىڭ چىڭگىزخان دېگەن نامىمۇ بىللە يوق بولاتتى . ئەمما كەسكىن ۋە توزرا قارار بىلەن ئۇرۇشقا كىردى . نەتىجىدە كېيىنكى سەلتەنەتىگە ئۇل سالالىدى . تۈركىيە ئۇتۇپ چىقسىۇن ! ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق قانچە ئاز بولسا ، ئەرەب خەلقىمۇ ئاندىن بىزگە بەكرەك كۆڭۈل بۆلەلەيدۇ . باندىت ھەفتەرنى كازاپىدىنمۇ بەتتەر ھالدا ئۆلتۈرۈش كېرەك ! ئۆز دۆلىتىنى ئۆزى ۋەيران قىلىپ ، ئۆز خەلقىنى قىرغان ۋەتەن ساتقۇچ خائىن ۋە ياتلارنىڭ چاكىرى بولۇشنى تاللىغان باندىتنى قانچە تېز يوقىتالىسا شۇنچە ياخشى .
ئەمىسە تۈركىيەگە ئۇتۇق تىلەيمە ، سىلەرمۇ ئۇتۇق تىلەڭلار ! ئەمما ئامېرىكا بىلەن ئىران ئارىسىدا ئۇرۇش چىقىشىنى ئارزۇ قىلماڭلار ھە !

شۇنچىلىك توختالسام بولار ھە ئەقىللىقلەر !؟

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 7 - يانۋار  .  سەيشەنبە
03:03 يېرىم كېچە .        روستوۋ.
88
1414 - 1515 - يىللاردىكى مەركىزىي ئاسىيا ۋە غەربىي ئاسىيا ۋەزىيىتىدىن ئەتىمىزگە نەزەر

سۇلتان يۇنۇسخان ، قارا قويچى سۇلتان ئۇزۇن ھەسەن ، سۇلتان ئەبۇ سەئىد مىرزا ۋە سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ ھەققىدە ئورتاق تارىخلار :

سۇلتان يۇنۇسخان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، 1415 - يىلى تۇغۇلغان . 1428 - يىلى دادىسى ۋاپات بولغاندا ، ئىنىسى ئېسەن بۇقا يۇنۇسخاننى قوغلاپ چىقىرىپ سۇلتان بولغان .

11 ياشلىق ئۇكىسى تەرىپىدىن قوغلانغان 13 ياشلىق يۇنۇسخان دادىسىنىڭ سادىق ئەمىر لەشكەرلىرىدىن ئىرازان بايرىن ۋە مىرەك تۈركمەنلەرنىڭ ھىمايىسىدە 30 مىڭ ئائىلە بىلەن سەمەرقەندكە يولغا چىققان . ئەمما ئەمىر تۆمۈر نەۋرىسى ياش مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغبەگ ئۇلاردىن 30 مىڭ كىشىنى ئۆلتۈرۈپ، قالغانلارنى يۇنۇسخان بىلەن قوشۇپ غەنىمەت سۈپىتىدە ئاتىسى شاھرۇخ مىرزىغا ئەۋەتكەن.
ئەمىر تۆمۈر ئوغلى شاھرۇخ مىرزا ئوغلى مىرزا ئۇلۇغبەگنى قاتتىق ئەيىپلەپ ، تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخاننى ئىززەت - ئىكرام بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەللامىسى مەۋلانە شەرەپىدىن ئەلى ھۇزۇرىغا ئەۋەتكەن . يۇنۇسخان 1440 - يىلغىچە ساق 12 يىل ئىلىم تەھسىل قىلىپ ، ئۇستازى ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئىراققا بېرىپ داۋاملىق بىلىم ئالدى . ئەمما مەركىزىي ئاسىيادا كەسكىن ئۆزگىرىشلەر بولۇپ ، 1449 - يىلى ئۇلۇغبەگ ئۆز ئوغلى ئابدۇلېتىپ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئۇمۇ ئالتە ئايدىن كېيىن ئۆلتۈرۈلدى . نەتىجىدە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى يەنە تەخت تالىشىپ ،
ماۋرائۇننەھر مالىمانچىلىققا پاتتى . ئېسەن بۇقا خانمۇ تۆمۈر ئەۋلادلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ، غەرپكە كېڭەيدى . 1452 - يىلى سەمەرقەندنى قولغا ئالغان تۆمۈرزادە ئەبۇ سەئىد مىرزا تېزدىن ئىراقتىكى سۇلتان يۇنۇسخاننى چاقىرىپ كېلىپ،
1453 - يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىشتىن بىر ھەپتە بۇرۇن شەرقىي چاغاتاي ( موغۇلىستان ) سۇلتانى قىلدى .
نەتىجىدە ئېسەن بۇقاخان خانلىقنىڭ غەربىي قىسمىدىن مەھرۇم بولۇپ قالدى . 1454 - يىلى ئالتۇن ئوردا خانلىقىدا تەپرىقىچىلىك چىقتى . قازاق سۇلتانلىرى زالىم ئوبۇلخەيرىخان بىلەن ئادا - جۇدا بولۇپ شەرققە قېچىپ كەلدى . ئېسەن بۇقاخان ئۇلارغا 1455 - يىلى يەتتە سۇنى كېسىپ بەردى . ئۇلار 1456 - يىلى تۇنجى قازاق خانلىقىنى بۇ يەردە قۇرۇپ چىققان . ئوبۇلخەيرىخان جازا يۈرۈشى قىلىپ يول ئۈستىدە قازا قىلغان . شۇنىڭ بىلەن ئۆزبېك ئۇلۇسى مالىمان بولغان . 1462 - يىلى ئېسەن بۇقاخان ۋاپات بولغان . يۇنۇسخان ۋارىسلىق قىلغان . 1465 - يىلى قازاقلار يۇنۇسخاننىڭ قوللىشىدا قوشۇن تارتىپ دەشتى قىپچاقتىن ھالقىپ ئۆتۈپ ، ئالتۇن ئوردا ھاكىميىتىنى قولىغا ئالغان .

ئەبۇ سەئىدخانمۇ 1466 - يىلى ئەزەربەيجانغا يۈرۈش قىلىپ ، قاراباغدا ئۇزۇن ھەسەن بىلەن تىركىشىپ تۇرۇپ قېلىپ ، يا چېكىنەلمەي يا ئىلگىرىلىيەلمەي قىيىن ئەھۋالدا قالغان . بىراق يۇنۇسخان بۇ قېتىم ياردەمگە كېلەلمىگەن . چۈنكى شۇ يىلى دۇغلات ئەمىرلىرىدىن ئەمىر خۇدايداتنىڭ ئەۋلادى مىرزا ئابابەكرى تارىم ۋادىسىدا ئىسيان كۆتۈرۈپ ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا يەكەن ، قەشقەر ، خوتەن ۋە ئاقسۇنى ئىلكىگە ئېلىۋالغانىدى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەبۇ سەئىدخان يۈزى چۈشۈپ كېتىشتىن قورقۇپ يۇنۇسخاندىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلمىغان .

ئاقىۋەت ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىدخان 1469 - يىلى قاراباغدا ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) بېگى ئۇزۇن ھەسەن تەرىپىدىن قاتتىق مەغلۇپ قىلىنىپ ، ئەسىرگە چۈشۈپ 5 - فېۋرال ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ 1424 - يىلى تۇغۇلغان. دادىسى مۇھەممەد مىرزا ئەمىر تۆمۈرنىڭ ئوغلى مىرانشاھنىڭ ئوغلى ئىدى . بۇسەيت سۇلتان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن يۇنۇسخان ئۇنىڭ ئۈچ ئوغلىنى كۈيئوغۇل قىلىپ، ئۈچ قىزى خۇبنىگار خېنىم ، مېھرىنىگار خېنىم ۋە قۇتلۇقنىگار خېنىمنى ياتلىق قىلىپ ، ھەم تۇغلۇق تۆمۈرخان ھەم ئەمىر تۆمۈر تەرەپنىڭ ئورتاق سۇلتانىغا ئايلىنىپ ، شەرقتە ئالتايدىن غەرپتە كاۋكازغىچە ، شىمالدا بالقاشتىن جەنۇپتا ئىران ۋە ئافغانىستانغىچە سوزۇلغان بىپايان زېمىننىڭ ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان . كىچىك كۈيئوغلى ئۆمەر شەي مىرزا بىلەن قۇتلۇق نىگار خېنىمدىن بابۇر شاھ تۇغۇلغان . ئۇلار 1475 - يىلى نىكاھلانغان . ئەمما تۇغلۇق تۆمۈرخان ئەۋلادى يۇنۇسخان سادىق ئۇلۇسبەگ كەبىر ئەمىر بولاجى ئەۋلادى ، ئەمىر خۇدايداتنىڭ نەۋرىسى سانىز مىرزا ئوغلى مىرزا ئابابەكرى قولىدا مەغلۇپ بولۇپ ، تارىم ۋادىسىدىن ئايرىلىپ قالغان .

مىرزا ئابابەكرى تاكى يۇنۇسخاننىڭ ئوغلى سۇلتان ئەھمەدتىن تۇغۇلغان ئوغلى سۇلتان سەئىدخان 1514 - يىلى ئۇنى ئاغدۇرغىچە ساق ئەللىك يىل تارىم ۋادىسىدا ھۆكۈم سۈرگەن .

ئۇزۇن ئۆتمەي ئوسمانىلار سۇلتانى مۇھەممەد فاتىھ ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، شەرقىي ئاناتولىيەنى قايتۇرۇۋالغان . ئۇ 1432 - يىلى سۇلتان مۇراد 2 نىڭ ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . 1453 - يىلى ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ ، ئىسلامبۇلغا ئۆزگەرتكەن . 1476 - 1477 - يىللىرى شەرقتىكى قۇدرەتلىك رەقىبى ئۇزۇن ھەسەننى مەغلۇپ قىلىپ ، 1481 - يىلى مىسىرغا يۈرۈش قىلغاندا يول ئۈستىدە گەبزەدە ۋاپات بولغان . مىسىرنى ئۇنىڭ نەۋرىسى ياۋۇز سېلىمخان 1517 - يىلى فېۋرالدا ئېلىپ ، 255 يىللىق مەملۇكىلار سەلتەنىتىنى يوقاتقان .

1481 - يىلى 6 - يانۋار ئوسمانلى سۇلتانى ۋاپات بولۇشتىن سەل ئىلگىرى ، ئالتۇن ئوردىدىن بۆلۈنۈپ چىققان تاتارلار ( خانلىقنىڭ شەرقى قازاقلارغا، غەربى تاتارلارغا تەۋە بولغان ) پايتەختنى ئېتىل ( ۋولگا) بويلىرىدىن قىرىمدىكى باغچەسارايغا يۆتكىگەن .

شۇنىڭ بىلەن ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قورۇقلۇقىنىڭ شەرقىي قىسمى ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلارنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقىدا ، غەربىي قىسمى تاتارلار بىلەن ئوسمان تۈركلىرىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدا بولغان .

ئۇزۇن ھەسەن 1425 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ ،
يۇنۇسخاندىن ئون ياش كىچىك ، مۇھەممەد فاتىھتىن يەتتە ياش چوڭ ئىدى . ئۇ ئاۋۋال ئۆزىدىن بۇرۇنقى ئاق قويچىلار ( ئاق قويۇنلۇ ) دۆلىتىنى يىقىتىپ ، قارا قويچىلار دۆلىتىنى قۇرۇپ چىققان . تىزگىنىدە ئەزەربەيجان ، ئەرمەنىيە ، گرۇزىيە ، شەرقىي ئاناتولىيە ۋە ئىراق بىلەن ئىران قاتارلىق جايلار بولغان . ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا ئوسمانىلار تەرىپىدىن ئۇدا مەغلۇپ قىلىنىپ ، 1478 - يىلى 6 - يانۋار
53 يېشىدا ۋاپات بولغان .

1487 - يىلى 8 - ئىيۇن شەرقىي چاغاتاي خاقانى سۇلتان يۇنۇسخان ۋاپات بولغان. « يۇنۇسخان سۇلتان ئۇۋەيسخاننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادى ئەبۇ سەئىد مىرزا تەرىپىدىن 1453 - يىلى تۇنجى قېتىم تەختكە چىقىرىلغان . 1462  - يىلى شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ بىردىنبىر ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن يۇۋاشراق چوڭ ئوغلى مەھمۇدخان تاشكەنتتە چوڭ پادىشاھ، يولۋاس سۈپەت كىچىك ئوغلى سۇلتان ئەھمەدخان تۇرپاندا نائىپخان بولغان».

تارىخشۇناسلارنىڭ ئورتاق ئېتىراپ قىلىشىچە
« سۇلتان يۇنۇسخان 12 يىل داۋامىدا مەۋلانا يەزدىنىڭ ھۇزۇرىدا ئوقۇپ، تەڭدىشى يوق ئالىم بولغان بولۇپ ، مىرزا ئۇلۇغ بەگدىن كېيىن سۇلتان يۇنۇسخاندەك ھەم ئىلىمدە ھەم سەلتەنەتتە كامالەتكە يەتكەن ئالىم پادىشاھ ئۆتمىگەن ئىكەن » .

شاھرۇخبەگ 1377 - يىلى 20 - ئاۋغۇست سەمەرقەنتتە تۇغۇلغان . 1447 - يىلى 13 - مارت ئىراندىكى رەي شەھىرىدە ۋاپات بولغان.

مۇھەممەد تاراغاي مىرزا ئۇلۇغ بەگ 1394 - يىلى 22 - مارت ئىراندىكى سۇلتانىيە شەھىرىدە تۇغۇلغان . تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى ،مەشھۇر ئاستىرونومىيە ئالىمى،15-ئەسىردىكى ئەڭ مەشھۇر كىشى. ئۇ ئەمىر تۆمۈرنىڭ نەۋرىسى،شاخرۇخ مىرزىنىڭ چوڭ ئوغلى.ئۇنىڭ ئۆيدىكىلەر كىچىكىدىن باشلاپ ئۇنى ئۇلۇغ بەگ دەپ ئاتايدىغان بۇلۇپ ئەسلى ئىسمى مۇھەممەد تاراغاي .ئۇنىڭ ئاپىسى گۆھەر شاد بىگىم .مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىچىكىدىن باشلاپ ئوردا ئىچىدىكى خاننىڭ قۇبۇلىغا ئىرىشكەن سارايمۈلۈك خانىمنىڭ تەربىيسىدە بولغان.3-4ياش ۋاقىتلىرىدا شەيخ ئورىف ئوزارىي ئۇنىڭ ئۇقۇتقۇچىسى بولغان. كىچىك ۋاقتىدىلا قۇرئاننى ياتقا ئېلىپ بولغان. مىرزا ئۇلۇغ بەگ كىيىن ئوتتۇرا شەرق ۋە ھىندىستاندا ئىلىم ئۆگەنگەن. ئەمىر تۆمۈر ۋاپات بولغاندىن كىيىن شاخرۇخ مىرزا تەختكە چىقىپ تۆمۈرىيلەر ئېمپىرىيسىنىڭ پايتەختىنى ھىراتقا يۆتكەپ ، 1410 - يىلى 16ياشلىق مىرزا ئۇلۇغ بەگنى سەمەرقەنت ھۈكۈمدارى قىلغان. 1411-يىلى پۈتكۈل ماۋارەئۇننەھىر ھۈكۈمدارى بولغان. كىچىكىدىن ئوردىدا ياخشى بولغان دىنىي ۋە مەدەنىيەت تەربىيسى ئالغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقى،پارىس يېزىقى ۋە ئەرەپ يېزىقىغا پىششىق بۇلۇپ شېئىرنى ناھايىتى ياخشى كۆرگەن .كىينچە ئاستىرونومىيەگە يۈكسەك ئىشتىياق باغلىغان.مىرزا ئۇلۇغ بەگ سەمەرقەنتكە ھۈكۈمدارلىق قىلغان 30نەچچە يىلدا سەمەرقەنت يۈكسەك گۈللىنىش دەۋرىنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ ئىقتىساد گۈللىنىپ ،ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئۈزۈلمەي كىلىپ ،دۆلەت غەزىنىسى تۇلۇپ تېشىپ كەتكەن.ئىلىم مەدەنىيەت ئىشلىرى گۈللەنگەن.ئۇ 1420-يىلى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ سەمەرقەنتتە ئۇلۇغ بەگ رەسەتخانىسىنى سالدۇرغان.ئەبۇ قاسىمنى رەسەتخانا باشلىقى قىلغان.غايەت چوڭ كىۋادرانتورنى ئورناتقۇزغان.30يىلغا يېقىن كۈزىتىش ئۆلچەش ئارقىلىق ئۇنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسدە 1000دىن ئارتۇق تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورنى ئۆلچەپ چىقىلغان.نۇرغۇن تۇرغۇن يۇلتۇز ۋە پىلانتىلارنىڭ ھەركىتىگە ئائىت ئۆلچەش ماتىرىياللىرىنى توپلىغان.مۇشۇ ماتىرىياللار ئاساسىدا 1446-يىلى "ئۇلۇغ بەگ يېڭى ئاستىرونومىيە جەدۋىلى"نى تۈزۈپ چىققان.بۇكىتاپتا ئوتتۇرغا قۇيۇلغان جەدۋەل 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى بىرقەدەر توغرا بولغان ئاستىرونومىيە جەدۋىلىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.بۇكىتاپ قۇياش بىلەن پىلانتىلارنىڭ ھەركەت جەدۋىلى ۋە 1018 تۇرغۇن يۇلتۇزنىڭ ئورۇن جەدۋىلى بىلەن تەمىنلىگەن.بۇ تولومىدىن كىيىنكى تۇنجى مۇستەقىل تۈزۈلگەن يۇلتۇزلار جەدۋىلى ھېساپلىنىدۇ. ھەمدە 16-ئەسىردىن بۇرۇنقى ئەڭ توغرا دەرىجىگە يەتكەن يۇلتۇز جەدۋىلىدۇر.مىرزا ئۇلۇغ بەگ يەنە ماتىماتىكا ۋە ئىلمىي نۇجۇم ھەققىدىمۇ تەتقىقات ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىللىرىگە ئەينى ۋاقىتتا بىرقىسىم كىشىلەر قوللىغان بولسىمۇ لىكىن يەنە بىر قسىم كىشىلەر بۇنى بىدئەتلىك دەپ قاراپ قارشى چىققان.شۇنىڭ بىلەن مۇشۇ سەۋەبلىك خانلىق ھۇقۇق تالىشىش كۈرىشىدە يېڭىلىپ زىندانغا تاشلانغان مىرزا ئۇلۇغ بەگ1449-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۈنى ئوغلى ئابدۇللېتىپ خان تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن.
تارىخشۇناسلار مىرزا ئۇلۇغ بەگنى "خانلىق تەختىدىكى ئالىم"دەپ ئاتايدۇ.ئۇ ئىسلام مەدەنىيەت مائارىپىنى تەرەققى قىلدۇرۇشقا زور تۆھپە قوشقان.سەمەرقەنتتە نۇرغۇن مەدرىسلەرنى ئاچقۇزغان. بۇ مەدرىسلەردە دىنىي ئىلىم ۋە تىل دەرسلىكى تەسىس قىلىشتىن باشقا يەنە ماتىماتىكا، ئاستىرونومىيە، ئەدەبىيات ۋە تارىخ دەرسلىكلىرىنى تەسىس قىلدۇرغان. نۇرغۇن مۇسۇلمان ئىلىم ئەھللىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ چىققان.سەمەرقەنتمۇ تەدرىجى ھالدا شۇ دەۋرىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىگە ئايلانغان. بۇ ئالىمنى ھۆرمەتلەپ 1830-يىلى گېرمانىيەلىك ئاستىرونومىيە ئالىمى يوھان مىدلى ئاي شارىدىكى بوران دېڭىزىنىڭ غەربىدىكى بىرھالقىسىمان تاغنىڭ نامىنى مىرزا ئۇلۇغ بەگنىڭ نامى بىلەن ئاتىغان. بۇ ئۇنىڭ نەتىجىللىرىنى دۇنيا ئالىملىرى ئېتراپ قىلغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ .

يۇنۇسخاننىڭ نەۋرىسى زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر شاھ 1483 - يىلى 14 - فېۋرال ئەنجاندا تۇغۇلۇپ ، 1526 - يىلى موغۇل ئىمپىرىيىسنى قۇرۇپ ، 1530 - يىلى 26 - دېكابىر ئەگرەدە ۋاپات بولغان .

يۇنۇسخاننىڭ يەنە بىر نەۋرىسى سۇلتان سەئىدخاندۇر .

سۇلتان سەئىدخاننىڭ قىسقىچە تارىخى
يەكەن خانلىقىنىڭ ئاساسچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ خاقانى ئەھمەدنىڭ ئۈچىنچى ئوغلى بولۇپ، 1490- يىلى تۇرپاندا تۇغۇلغان. ئۇ 12 ياش ۋاقتىدا دادىسى بىلەن بىللە ئۆزبېك خانى شايبانىخانغا قارشى جەڭ قىلغان ھەمدە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇپ ئەسىرگە چۈشكەن. بىر يىلدىن كېيىن شايبانىخان ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئۆزى بىلەن بىللە بىر قاتار ئۇرۇشلارغا قاتناشتۇرغان. كېيىن ئۇ شايبانىخاننىڭ خارەزىمگە كەتكەنلىك پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، تاغىسى مەھمۇدخاننىڭ يېنىغا قېچىپ بارغان. لېكىن، تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرسا بىرەر ئىشنى ۋۇجۇتقا چىقارغىلى بولمايدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، ئاخىر يەنە قىرغىزلار رايونىغا كېتىپ، ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىپ، قىرغىزلارنىڭ چوڭ سەردارىغا ئايلانغان. 1508- يىلى سەئىدخان زور قوشۇن بىلەن تاغىسى مەھمۇدخانغا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچراتقان. دەل شۇ پەيتتە، سەئىدخاننىڭ چوڭ ئاكىسى مەنسۇرخان لەشكەر تارتىپ كېلىپ، سەئىدخانغا قارشى ئومۇميۈزلۈك جەڭگە ئاتلانغان. نەتىجىدە ئاكا - ئۇكا ئوتتۇرىسىدا ئالمائاتا دالاسىدا قاتتىق جەڭ بولۇپ، سەئىدخان مەغلۇب بولغان ھەمدە ئازغىنە ئادىمى بىلەن كابۇلدىكى تاغىسى زاھىردىن بابۇر شاھنڭ يېنىغا مىڭ تەسلىكتە قېچىپ كەلگەن. بابۇر شاھ ئۇنى ئىززەت - ئېكراملار بىلەن كۈتۈۋالغان. بۇنىڭ بىلەن سەئىدخان بىر مەزگىل تاغىسىنىڭ يېنىدا تۇرۇپ قېلىپ، ئۇنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىكى ئۆزبېكلەرگە قارشى بىر قاتار ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە قاتناشقان. كېيىنكى مەزگىللەرگە كەلگەندە، ئۆزبېكلەرنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ چىقىشى ھەمدە قەشقەر، يەكەن ۋە خوتەن ھۆكۈمرانى مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا قارىتا كەڭ كۆلەملىك ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بېرىشى سەۋەبىدىن سەئىدخان ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھەمدە مىرزا ئەبۇبەكرىنى يوقىتىپ، قەشقەر، يەكەن، خوتەننى قولغا كىرگۈزۈپ، ئەجدادلىرى ھۆكۈمرانلىق قىلغان موغۇلىستان خانلىقىنىڭ زېمىنىغا ئىگىدارچىلىق قىلماقچى بولغان. دەرۋەقە، 1514- يىلى 6- ئايدا سەئىدخان 4 مىڭ 700 كىشىلىك قوشۇن بىلەن تورغات يولى ئارقىلىق ئاتۇشقا يېتىپ كەلگەن. بۇنى ئاڭلىغان مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ قەشقەر ۋە يېڭىساردا كۈچلۈك ئىستىھكاملارنى ياساتقان. لېكىن، سەئىدخان مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ شەپقەتسىز ھۆكۈمرانلىقىغا ئۇچرىغان كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن ئىلگىرى - ئاخىر بولۇپ يېڭىسار، قەشقەر ۋە يەكەنلەرنى ئىشغال قىلغان. مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ بۇ جايلارنى ساقلاۋاتقان قوشۇنلىرى ئاساسەن قارشىلىق كۆرسەتمەيلا تەسلىم بولغان. نەتىجىدە مىرزا ئەبۇبەكرى ئۆزىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلىپ قاراقۇرۇم تاغلىرى ئارقىلىق لاداق رايونىغا قاراپ قاچقان. ئەمما، ئۇزاق ئۆتمەيلا سەئىدخاننىڭ قوشۇنلىرى مىرزا ئەبۇبەكرىنى ئىز قوغلاپ تۇتۇپ، لاداقتا قەتلى قىلغان. بۇنىڭ بىلەن 1514- يىلى 8 -  ئاينىڭ  24 - كۈنى سەئىدخان دوغلات ئەمىرلىرىنىڭ ھىمايىسى بىلەن يەكەندە رەسمىي خانلىق تەختىگە چىققان.

سەئىدخان تەختكە چىققاندىن كېيىن خانلىقنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن تۆۋەندىكىدەك سىياسەتلەرنى يولغا قويغان. بىرىنچىدىن، جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ئالدىن بىلەن مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنىڭ يوقاتقان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئوغرى - بۇلاڭچى ۋە باشقا ھەرخىل جىنايەتچىلەرنى تازىلاپ، جەمئىيەتتە خاتىرجەم ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرگەن. ئىككىنچىدىن، مىرزا ئەبۇبەكرىنىڭ تاشلاپ كەتكەن دۆلەت خەزىنىسىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى يەكەن خانلىقىنى قۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن ھەربىي ۋە مەمۇرىي ئەمەلدارلارغا بۆلۈپ بەرگەن. يەنە بىر قىسمىنى خانلىق خەزىنىگە ئۆتكۈزۈپ، مۇشۇ ئىقتىساد ئارقىلىق خانلىقنى 10 يىلغىچە قامدىغان ھەمدە بۇنىڭ بەدىلىگە خەلقتىن 10 يىلغىچە ئالۋاڭ - ياساق ئالمىغان. ئۈچىنچىدىن، ئەينى زاماندىكى مەشھۇر سوپى خوجا تاجىدىننىڭ تەشەببۇسى ئارقىلىق، 1516- يىلى 2- ئايدا ئاقسۇ بىلەن كۇچار ئارىلىقىدىكى ئارابات دېگەن تۈزلەڭلىكتە ئاكىسى مەنسۇرخان بىلەن كۆرۈشۈپ، سۈلھى تۈزىگەن. نەتىجىدە مەنسۇرخان ئۇنىڭ خاقانلىق ئورنىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇر بولغان. تۆتىنچىدىن، ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستەھكەملەش ۋە كېڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. مەسىلەن، 1519- يىلى ۋە 1530- يىلى بەدەخشانغا ئىككى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ، بۇ رايوننىڭ يېرىمىنى يەكەن خانلىقى زېمىنغا قوشۇۋالغان. 1522- يىلىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىياسىدىكى قازاق ۋە قىرغىزلار رايونىغا قارىتا نەچچە رەت ھەربىي يۈرۈش ئېلىپ بارغان. 1532- يىلى 7- ئايدا 5 مىڭ كىشىلىك قوشۇن بىلەن تىبەت، لاداق، بالتىستان ۋە كەشمىر قاتارلىق جايلارغا ھۇجۇم قىلغان. نەتىجىدە، يەكەن خانلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقى كۈندىن - كۈنگە مۇستەھكەملىنىپ، خانلىقنىڭ زېمىنى شەرقتە جيايۈگۈەنگىچە، غەربتە پامىر، خىۋە ۋە ۋاخان رايونلىرىغىچە، شىمالدا تەڭرىتېغىنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇبتا قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە ئالتۇن تاغلىرىغىچە يەتكەن.
سەئىدخان يۇقىرىقىدەك ئىچكى - تاشقى سىياسەتلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، خانلىقنىڭ دەسلەپكى گۈللىنىش - مەمۇرىچىلىق ۋەزىيىتىنى بارلىققا كەلتۈرگەن. بىر قىسىم مۇسۇلمان تارىخچىلارنىڭ خاتىرىلىشىچە، سەئىدخان خانلىقنى تۈزەپ، مۇئمىنچىلىك قىلىۋەتكەن. يۇقىرىسى بەگ - بېگات ئېسىلزادىلەردىن تۆۋىنى پۇقرايى - بەقىرلەرگىچە ھەممە كىشى ئەدەب - سۈلكەتلىك بولغان. ئۇ تەرەققىيپەرۋەر ۋە ئىستېدارلىق ھۆكۈمران بولۇپ، ئەلنى ئىدارە قىلىش سەنئىتىدە يۇقىرى كامالەتكە يەتكەن. ئۇ يەنە ئومۇمىيلىقنى ئەلا بىلىپ، خانلىقنى تىنچ يول بىلەن بىرلىككە كەلتۈرگەن. ھالىدىن كەتكەن خەلقنىڭ ئارام ئېلىپ دەرمان توپلىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن. ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۇرۇش پاراكەندىچىلىكىنى تىنچىتىپ، خارابلاشقان ئىگىلىك ۋە مەدەنىيەتنىڭ قايتىدىن جانلىنىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن. لېكىن، سەئىدخان ئىسلام دىنىنىڭ سادىق مۇخلىسى بولغاچقا، غەيرىي دىندىكىلەرگە قارىتا بىر قاتار غازات ئۇرۇشلىرىنى ئېلىپ بارغان. كەشمىر، لاداق، ھەتتا ئالدى تىبەت ۋە ئارقا تىبەتلەرمۇ ئۇنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. 1533- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى 47 يېشىدا لاداققا قارشى ئېلىپ بارغان غازات ئۇرۇشى جەريانىدا تۈتەكتە قېلىپ قاراقاش دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىمىدىكى شەيدۇللا ( خۇدانىڭ شېھىتى دېگەن مەنىسىدە ) دا ۋاپات بولغان. جەسىتى يەكەن خانلىق ئوردىسىغا يۆتكەپ كېلىنگەن.

ھەيران قالارلىقى ، مەيلى تۇغلۇق تۆمۈرخان ، مەيلى ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ، مەيلى تارىختىكى ئۇيغۇر - قازاق قاغانلىرى بولسۇن، مەيلى تۈرك - تاتار ، ئاۋار - ھازار قاغانلىرى بولسۇن ، ھەتتا ئۇيغۇر نەسىللىك قاراخانىيلار جەمەتى بىلەن ھازار نەسىللىك سالجۇقىلار جەمەتى بولسۇن ، مەيلى قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن بەگزادىلىرى غەزنەۋىلەر ۋە بۇلغار خانلىرى بولسۇن ، ھەممىسىنىڭ يا ئالپ ئەرتۇڭا قاغان ، يا ئوغۇز قاغان ، يا ئۇنىڭدىنمۇ بۇرۇن ئۇيغۇر قاغانلىقىنى قۇرغان قاراخاننىڭ نەسلىدىن ئىكەنلىكى ئاشكارا بولماقتا .

خۇلاسە قىلغاندا ، قارا قويچىلارنى ئوسمانىلار بىلەن سافاۋىلار يوقاتتى . ئۇ ئىككى تۈرك ئېلى بىر - بىرى بىلەن ئۇرۇشۇپ ئۆزلىرىنى ئۆزىلىرى يوقاتتى . 150 يىللىق ئوسمانلى - سافاۋى ئۇرۇشى چاررۇسىيە بىلەن غەربىي ياۋروپانىڭ كۈچىيىپ ، تاتارلارنىڭ مۇنقەرز بولۇشى ، ئوسمانىلارنىڭ كېسەل كۆرپىسى بولۇشى بىلەن ئاخىرلاشتى .

مەركىزىي ئاسىيادا تۇغلۇق تۆمۈرخان ۋە ئەمىر تۆمۈر ئەۋلادلىرى ھەم ئۆز ئارا ھەم قالماقلار بىلەن ئۇدا سۇقۇشۇپ يۈرۈپ تەڭ ھالاك بولدى . ئۇلاردىن كېيىن ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار بىرلىكتە قالماقلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىشتى.
ئەمما يېقىنقى 300 يىلدا يامرىغان جاھالەت ۋە تۇرغۇنلۇق قالماقلارنىڭ ۋەتىنىمىزگە كۆچۈپ كېلىشىگە شارائىت يارىتىپ قويدى . ئاقىۋەت قالماققا تۇتۇلۇپ ، مىڭ تەستە قۇتۇلۇپ تۇرغاندا مانجۇر ئالۋاستىلىرى كەلدى . شۇنداق قىلىپ خەلقىمىز قايتا بۇرۇنقى ئەسلىگە كېلەلمىدى . 1820 - 1830 - 1840 - 1850 - يىللىرى تەكرار قوپۇپ يۈرۈپ ، 1878 - يىلى يەنە چاررۇسىيە ، ئەنگلىيە تەرىپىدىن پۇتلاپ يىقىتىلدى . 1912 - يىلى يەنە قوپتى . ئەمما تۇڭگان مۇسۇلمانلىرى ئالداپ كەتتى . 1933 - يىلى قايتا قوپقاندا يەنە پۇتلاپ يىقىتىلدى .
1944 - يىلى ئاخىرقى قېتىم ئورنىدىن دەس تۇرۇۋېدى ، يەنىلا تارىخىي پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇپ ، ئەڭ ئەشەددىي دۈشمىنى قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ، ئۆزىمىزنى شۇلارنىڭ ئىنساپىغا تاشلاپ قويدۇق . 70 يىللىق خىتاي ئىنساپىنى كۆرۈپمۇ يەنە ھوشىنى تاپمىغان
« تىرىك جەسەتلەر » نىڭ قايتا مىللەتنىڭ شىللىسىغا مىنىۋېلىشىگە يول قويماسلىق كېرەك !

سىياسەت ۋە خىيانەت :

« باندىتلار خىتايدا ئامېرىكىنى ھاقارەتلەش ، خەلقئارادا ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىنى بارلىق يۇمشاق ساھەلەردە كۈچەيتتى . ئەمما بىز ئالجىپ قالغاندەك « ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۈچ  قىلىش» ئورنىغا ، ئۆزىمىزنى ئاتالمىش ( خىتايچە دېموكراتىك) خىتايلارغا چىرايلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن ئۇپرىتىۋاتىمىز . ئۆز ئارا ئاشۇ ئالۋاستى باندىت خىتايلار بىلەن مۇرىتلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىنى ئايرىش ئۈچۈن بىھۇدە ئازار بېرىپ كېلىۋاتىمىز .  ئەڭ ياخشىسى بىز ئۆزىمىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلىشىمىز كېرەك ! ھازىر قارىسا ساپلا باشقىلاردىن شەكىلگە ياتىدىغان ۋەزىپە ۋە مەنسەپ تالىشىپ ، ئەسلىدىكى رېئال قىيىن ۋەزىپىمىزدىن قېچىش خاھىشى كۈچەيمەكتە .  باندىتلار قوزغىغان ھەرىكەتنىڭ بىز قايتۇرما زەربە بېرىشكە تېگىشلىك يېرى ھەرگىزمۇ خىتاي قېنى تومۇرىدا ئېقىۋاتقانلارغا ياخشىچاق بولۇش تەخسىكەشلىكى ئەمەس ، بەلكى باندىتلار خەلقئارادا قوزغىغان ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىگە قارشى دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇرنى ئاقلاپ، باندىتلارنىڭ دۇنياغا مەخپىي بارلىق جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتىن ئىبارەت . ( خىتاي قوزغىغان ئۇيغۇرنى قارىلاش ھەرىكىتىگە قارشى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى يالغۇز تاقابىل تۇرۇۋاتىدۇ .
2020 - يىلى باندىتلار ئالتە مىليارد دوللار ئاجرىتىپ 170 تەك دۆلەتتە ئومۇميۈزلۈك قارىلاش ھەرىكىتى قوزغىدى . شۇڭلاشقا بىر قېتىملىق قاتار چاينىڭ مېھرىدىن كېچىپ ، ئۆز يەرلىك تاراتقۇمىزنى قوللاپ تۇرايلى ! ) شۇنداقلا باندىتلارنىڭ ۋەتەندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى قانۇنلۇق قىلىشقا  ۋە ئاقلاشقا سەۋەپ بولىدىغان ھەر قانداق قالپاقتىن قاتتىق ساقلىنىش كېرەك !  ۋەتەندىكى خەلق مۇھاجىرەتتىكى كالۋالىقنىڭ بەدىلىنى يەنە تۆلەۋەرسە بولمايدۇ . بىزنىڭ ھەممىمىز بىرلىشىپ خىتايلارغا ياخشىچاق بولغىنىمىزدىن، مايك پومپيونىڭ بىر ئېغىز لىللا باياناتىنىڭ ۋەزنى ئېغىر توختايدۇ . قىيىن ئىشتىن قېچىپ ، ئاسان ئىشنى قوغلىشىپ، باندىتلارنىڭ ئۆز ئىچىدىن غۇلاپ چۈشۈشىنى ساقلاپ ئولتۇرۇپ قالساق ، پات ئارىدا كىيىم ئالماشتۇرغان يېڭى باندىتلارنىڭ ئولجىسىغا ئايلىنىپ قالىمىز ! شۇنچە بەدەللەرنى تۆلىگەن ئىكەنمىز، ھېسابىنى سوراش ھوقۇقىغا ئېرىشىش ئۈچۈن بولسىمۇ ، ئالدىنقى سەپلەردە ئورۇن  ئېلىشىمىز كېرەك !

ئاتلىرىنى ھەر كۈنى سېرىق دەريادا ( خۇاڭخې ) سۇغۇرۇش نىشانى ، يېشىل دەريا بويىدا يىمىرىلمەس مۇداپىئە سېپى قۇرۇش نىشانى بولمىغان ھەر قانداق ئۇيغۇرنىڭ قېنى تارىم دەرياسىدا سۇ ئورنىدا ئاقىدۇ . ( ئارزۇ قانچە بۈيۈك بولسا ، يېتىدىغان نىشانمۇ شۇنچە چوڭ بولىدۇ . ئەمما كۆپىنچە ئادەم ئارزۇسىنىڭ تەڭ يېرىمىغا يېتەلەيدۇ . شۇڭا كەڭسۇغىچە قوغداش نىيىتىمىز بولسا، كۆزلىرىمىز ھەر ۋاقىت يېشىل دەرياغا 24 سائەت تىكىلىپ تۇرۇشى كېرەك!).

« قىلىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىشىمىزنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ قىلايلى ! باشقىلار قىلىدىغان ئاسان ئىشنى تالىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ قىيىن ئىشىنى تاشلاپ قويمايلى ! » . باندىتلارنىڭ يېقىندا قوزغىغان دۇنياۋىي قارىلاش ھەرىكىتىگە بىزمۇ ئومۇميۈزلۈك قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتەيلى !
( شەخسلەر گۇۋاھلىق ، تەشكىلاتلار ھۆججەت ، سىياسەتچىلەر پاكىتلىك سېلىشتۇرما دەلىللەر بىلەن باندىتلارنى پاش قىلىشى كېرەك ! ) .

مىللىتىمىز ئىدىئولوگىيە كۈرىشى ( قەلەم جېڭى، ئاخبارات كۈرىشى ) دىن قوراللىق كۈرەشكە ئۆتۈشتىكى ئەڭ قىيىن ئۆتكۈنچى باسقۇچنى باشتىن كەچۈرمەكتە . نۆۋەتتىكى قاتتىق قىيىن باسقۇچ ئەمەلىيەتتە داھىي بىلەن ئاسىينى  ، سادىق بىلەن ساتقۇننى ، ھەقىقىي دىيانەتچى بىلەن قۇۋ خىيانەتچىنى، ئادالەت بىلەن زالالەتنى ، مەرىپەت بىلەن جاھالەتنى ، قاسساپ بىلەن ئاشپەزنى ۋە دانا بىلەن ئاخماقنى ئاپتوماتىك ئايرىپ چىقىدىغان تېپىلغۇسىز ئالتۇن پۇرسەت . « ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرۇش بولسا سىياسەتتىكى ئەڭ يۇقىرى ماھارەتتۇر ! » .

ھەقىقەت ۋە مىللىي مەنپەئەت قۇياشتەك روشەن تۇرسىمۇ ، يەنىلا خاتالىقىدا جاھىللارچە چىڭ تۇرغانلار « سىياسەتچى » ئەمەس ، بەلكى ئەسىر ئاتلىغان « خىيانەتچى » بولۇپ قالىدۇ . شۇڭا « سىياسەت » ۋە « خىيانەت » ئارىسىدىكى نازۇك قىزىل سىزىقتىن چەتنەپ كەتمەسلىك كېرەك !

2019 - يىلى 8 - دېكابىر    سائەت 16 : 16

    ( جۇدۇنلۇق قارلىقتاغ ) ئالتايىسكىي

بۇرۇتلۇق خىتاينى ياخشى دېدۇق، نەتىجىدە چوتكا بۇرۇت يۈەن شىكەينىڭ چاكىرى بەكە بۇرۇت  ياڭ زېڭشىن 17 يىل قېنىمىزنى ئىچتى . شاپ بۇرۇت سۈن جۇڭشەننىڭ چاكىرى چاشقان بۇرۇت جىڭ شۇرېن ئۈچ يىلدىلا يىلىكىمىزنى قۇرۇتتى . ساقاللىق خىتاينى ياخشى دېدۇق ، ئاقىۋەت جاللاڭ شېڭ شىسەي ساقاللىق مانجۇرىيە ئەسكەرلىرى بىلەن ئون يىل قىرغىنچىلىق قىلدى . مۇسۇلمان خىتاينى ( تۇڭگانمۇ شۇ ) ياخشى دېدۇق ، ئاخىرىدا ماتىتەي ، مادوتەي لى شۇفۇ قاتارلىق دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان مۇناپىقلار ۋە ماجۇڭيىڭدەك ئىسلام تونىغا ئورۇنۇۋالغان باندىتلارنىڭ قولىدا ياش دۆلىتىمىز ھالاك بولدى . قارا خىتاينى ياخشى دېدۇق . 1944 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە قان يىغلاتتى . قىزىل خىتاينى ياخشى دېدۇق، ساق 70 يىل قان قۇستۇردى. مانا ئەمدى ئاق  ( دېموكراتچى) خىتاي ياخشى دەيدىغان غاپىللار بىلجىرلاۋېتىپتۇ !
« قاغا بالام ئاپئاق ، كىرپە بالام يۇمشاق ! ئەمما ماۋۇ نومۇسسىز باندىتلار ئادەمغۇ ئەمەس، ھايۋاندىنمۇ بەتتەر مەخلۇقلار ! » . لۇشۈن ئەپەندى راس ئېيتقان :« باندىتلارنى ئىلغار مىللەتلەر يەنە 200 يىل مۇستەملىكە قىلىپ ئادەم بولۇشنى ئۆگەتسە ئاندىن ئىنسانلىق ھالىتىگە قايتىپ كېلەلىشى مۇمكىن » .
ئەگەر دۇنيامۇ شۇنداق دەپ قارىسا ، ئۇنداقتا باندىتلارغا ئادەم بولۇشنى كىملەر ئۆگىتىشى مۇمكىن !؟؟؟

تارىخىي مەنبەلەر :

1 . تۈرك ئىنىسكلوپىدىيىسى .
2 . ئوسمانلى سۇلتانلىرى شەجەرىسى .
3 . ئىستانبۇلنىڭ فەتھى قىلىنىشى .
4 . تارىخىي رەشىدى .
5. تارىخىي ھەمىدى .
6. تەلفىقۇل ئەخبار .
7. شەرقىي چاغاتاي خانلىرى .
8. ئەمىر تۆمۈردىن كېيىنكى ماۋرائۇننەھر.
9. ئەزەربەيجان تارىخى .
10. ئاق قويۇنلار ۋە قارا قويۇنلار سۇلالىسى.
11. ئوتتۇرا ئاسىيا تېزىسلىرى.
12. بابۇرنامە .
13. تارىختىكى سىرلار ۋە ئۇنتۇلغان ئۇلۇغلىرىمىز.

2020 - يىلى 6 - يانۋار.  جۇدۇنلۇق دۈشەنبە

سايرام ئوغلانى.      20:20            قاراغاندا
89
قاسىم سۇلايمانىنىڭ قىسقىچە ھاياتى

قاسىم سۇلايمانى زادى قانچىلىك خەتەرلىك بىرى؟

قاسىم سۇلايمانى 1957 - يىلى 11 - مارت ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى كېرماندا تۇغۇلغان . 1979 - يىلى ھازىرقى ھاكىمىيەت پادىشاھنى ئاغدۇرۇۋەتكەندىن كېيىن 1980  - يىلى ئىران ئىنقىلابىنى قوغداش ئەترىتىگە كىرىپ ، 1980 - يىلدىن 1988 - يىلغىچە ئىران - ئىراق ئۇرۇشىدا 10 چوڭ گېنىرالنىڭ بىرى بولۇپ ، قەھرىمانغا ئايلانغان سۇلايمانى شۇ ۋاقىتتا قۇرۇلغان قۇددۇس بېرىگادىسىغا 1998 - يىلى باش قوماندان بولغان . 2001 - يىلى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە ھوقۇقلۇق ۋەكىلى كىروكېر جەنۋەدە قاسىم سۇلايمانى باشچىلىقىدىكى ئۆمەك بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ ، شىئەلەرنى قىرغان تالىبانغا قارشى ئىتتىپاق تۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا زور ئۈنۈم قازانغان . ئەمما بۇش 2002 - يىلى يانۋاردا ئىراننىمۇ « قارا كۈچلەرنىڭ بىر قىسمى » دەپ سۈپەتلىگەن ھامان ، ھەمكارلىق ئاخىرلاشقان. ئۇ دەل ئون يىل بولغاندا ئىراقتا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ ، 2008 - يىلى ئىراقتىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى باش قوماندانى داۋىد پېتراۋۇسقا قىسقا ئۇچۇر يوللاپ « قەدىرلىك گېنىرال دوستۇم، مېنىڭ كىملىكىمنى بىلىۋال، مەن قاسىم سۇلايمانى. ئىراننىڭ ئىراق ، سۈرىيە ، لىۋان ، يەمەن ، غەززە ، ئافغانىستان ۋە پاكىستاندىكى ھەرىكەتلىرىنىڭ لىدېرى » دېگەن. ئارقىدىنلا ئۇ شۇ يىلى مارتتا ئىراق ئارمىيسى بىلەن سادىرنىڭ مەھدى ئارمىيىسىنى ئۇرۇش توختىتىشقا قايىل قىلىپ ئۆز كۈچىنى ۋە ئىراقتىكى تەسىرىنى كۆز - كۆز قىلغان . 2011 - يىلى 24 - يانۋار گېنىرال لېيتناتلىققا ئۆستۈرۈلگەن . ئالىي داھىي خامىنىي ئۇنى ھەتتا « تىرىك شېھىت » دەپ سۈپەتلەپ ، ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن پەۋقۇلئاددە يېقىنلىقىنى بىلدۈرگەن. دېيىلىشىچە سۇلايمانى « ئوتتۇرا شەرقتىكى ھەقىقىي 1 - نومۇرلۇق نوپۇزدار ، ئىراننىڭ  ئوتتۇرا شەرقتىكى غەرپنىڭ نوپۇزىغا قارشى تەجرىبىلىك ۋە پېشقەدەم تاكتىكا ۋە ھەربىي ئىشلار  ئىستراتېگىيەچىسى ، شۇنداقلا ئىراننىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ يۇقىرى بىخەتەرلىك مەسئۇلى » ئىكەن . بەزى مەنبەلەردە ئۇنىڭ 1998 - يىلى قۇددۇس بېرىگادىسىغا ئاتامان بولغاندىن كېيىن ، لىۋاندىكى ھىزبۇللاھنىڭ ھەربىي شىتاپ باشلىقى ۋەزىپىسىنىمۇ قوشۇمچە ئۆتىگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە .

سۇلايمانى ۋە تېررورلۇق قىلمىشلىرى :

2011 - يىلى 11 - ماي بىن لادىن ئۆلتۈرۈلۈپلا سۇلايمانى ئامېرىكا تەرىپىدىن تېررورچىلارنى قوللىغۇچى شەخس سۈپىتىدە قارا تىزىملىككە كىرگەن. ب د ت مۇ 1747 - نومۇرلۇق قارار ماقۇللاپ، ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي ئىمبارگو يۈرگۈزگەن . 18 - ماي ئامېرىكا ئۇنىڭ ئەسەدنى قوللاپ سۈرىيەنى مالىمان قىلغىنى ئۈچۈن ئەسەد بىلەن قوشۇپ تېخىمۇ ئېغىر جازا يۈرگۈزگەن . 24 - ئىيۇن ياۋروپا ئىمبارگو يۈرگۈزگەن ئۈچ ئىران ھەربىي كاتتىۋېشىنىڭ بىرى دەل شۇ ئىدى . ھەممىسى گېنىراللار ئىدى .
( قالغان ئىككىسى جەفەرى ۋە ھۈسەيىن تائىب). كېيىنچە ئۇنىڭ ئىراق ، سۈرىيە ، لىۋان ، ھەتتا يىراقتىكى يەمەندە قارا قولى بارلىقى ، ئۇندىن باشقا ئامېرىكىنىڭ تايلاند قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىكى مەنپەئەتلىرىگە زەربە بەرگەنلىكى پاش بولغاندىن كېيىن ، ئامېرىكا ئۇنى رەسمىي تېررورچى قاتارىغا كىرگۈزۈپ ئىزىغا چۈشكەن . سۇلايمانىمۇ شۇندىن بېرى ئىران ئارمىيىسىدىكى ئاشكارا ۋەزىپىسى ۋە سالاھىيىتىنى تاشلاپ ، مەخپىي سالاھىيەت بىلەن قۇددۇس بېرىگادىسىگە داۋاملىق قوماندانلىق قىلغان . شۇنداق بولغاندىلا ئىران ھۆكۈمىتى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بېسىمى ۋە ھەر خىل تۈردىكى جازالىرىدىن ساقلىنىپ قالاتتى .

قاسىم سۇلايمانى قانچىلىك مۇھىم شەخس ؟ تەسىرىچۇ !؟

2013 - يىلى ئەسەد ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىدە قېلىپ ئورۇسلارمۇ ئۇنى تاشلىۋەتكەن چاغدا سۇلايمانى ئۆزى قوشۇن باشلاپ سۈرىيەگە كىرىپ ، خەلقنى باستۇرغان . 2014 - يىلى دائىش دۆلەت قۇرغاندا  زەربە بېرىش باھانىسىدە قوراللىق قىسمىنى 20 مىڭدىن ئاشۇرۇپ ئۇتۇقلۇق ھالدا ئىراق ئارقىلىق سۈرىيە ۋە لىۋاندا نوپۇزىنى كۈچەيتكەن . ئۇ يەنە  ئەسەد دۆلەت ئارمىيىسىنى « ئاقماس ئارمىيە » دەپ مەسخىرىلىك سۈپەتلىگەن.
ئۇ مەخپىي ھالدا خالىغانچە پۇل ۋە قورال يۆتكەپ  9 يىللىق ئەرەب باھارىدا  تۆت ئەرەب دۆلىتىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن . 2019 - يىلى 25 - فېۋرال ئەسەد تېھراندا مەخپىي زىيارەتتە بولغاندا ھەتتا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى جاۋاد زەرىفمۇ بۇ زىيارەتتىن خەۋەرسىز قالغان . ئەسەد شۇ كۈنى روھانى بىلەن سۆھبەتلەشكەن. ئۇلارغا پەقەت سۇلايمانىلا ھەمراھ بولغان . بۇنى بىلگەن زەرىف قاتتىق رەنجىپ ، ئىستىپا بەرگەن. ئەمما ئەلى خامىنىي تەسەللىي بېرىپ توختىتىپ قويغان . بۇنىڭدىن سۇلايمانىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىراندا ئالىي رەھبەر خامىنىيدىن كېيىنلا قالسا 2 - نومۇرلۇق نوپۇزلۇق شەخس ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئۇنى دۆلەت باشقۇرالمايدۇ . ئۇ ئۇ پەقەت خامىنىغىلا بويسۇنىدۇ . شۇڭا خامىنىيمۇ ئۇنىڭغا پۇل ۋە قورالنى ساماندەك تەمىنلەپ تۇرغان .  شۇڭلاشقا سۇلايمانى ، باغدادى ۋە بىن لادېندىنمۇ خەتەرلىك بىر باندىت . چۈنكى ئۇنىڭ كەينىدە غايەت زور بىر تېررورچى ھاكىمىيەت بار . يەنە كېلىپ بۇ باندىتلار ھاكىمىيىتى خەلقئارادا ئېتىراپ قىلىنغاندىن سىرت ، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ يېقىن ۋە ئالاھىدە ئىتتىپاقدىشى ھالىغا كەلگەن رايون خاراكتېرلىق چوڭ كۈچتۇر .

سۇلايمانى قانداق ئۆلتۈرۈلدى !؟

ئامېرىكا ئارمىيىسى 2019 - يىلى 29 - دېكابىر ئىراق شىئە قوراللىقلىرىغا ھاۋا ھۇجۇمى قىلغاندىن كېيىن ، ۋەزىيەت كەسكىنلىشىپ ، 30 - 31 - دېكابىر ، 1 - يانۋار كۈنلىرى سالاھىيىتى نامەلۇم كىشىلەر باغداتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىنى قورشىۋېلىپ ھۇجۇم قىلغان . ئامېرىكا دەرھال ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىپ ، 2 - يانۋار ئىسيانچىلارنى تارقىتىۋەتكەن ئىدى . شۇ كۈنى تۈگەپ ، 3 - يانۋار باغدات ۋاختى كېچە سائەت 01:01 دە ئۈچ تال راكېتا ئوقى باغدات ئايروپورتى يېنىغا چۈشۈپ پارتلىغان . دەسلەپ ئىراق تەرەپ « ئادەم ئۆلمىدى !» دەپ بالدۇر بايانات ئېلان قىلىۋەتكەن . 2:22 دىن باشلاپ 3:33 كىچە ھەر قايسى تاراتقۇلار ھۇجۇمدا ئادەملەر ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشقا باشلىغان. شۇ ھامان ئىراق بىخەتەرلىك مەسئۇلى ھۇجۇمدا يەتتە ئادەمنىڭ قازا قىلغىنىنى ، ئۇنىڭ ئىككىسىنىڭ « نامەلۇم مېھمانلار » ئىكەنلىكىنى ئېيتقان . دەل سائەت 4:04 تە سىرلىق شەخسنىڭ بىرىنىڭ قاسىم سۇلايمانى ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا چىققان . 4:44 تە ئىراق تېلېۋىزىيىسى بۇنى دەلىللىگەن . 5:05 تە ئىراق شىئە قوراللىقلىرى باياناتچىسى رېيتېر ئاگېنتلىقىغا « قوماندانى مۇھەندىس ۋە قۇددۇس بېرىگادا ئاتامانى قاسىم سۇلايمانىنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە قەستلىدى » دېگەن . 5:22 دە ئامېرىكا ئىران بىلەن باغلىنىشلىق ئىككى نىشانغا ھۇجۇم قىلغانلىقىنى ئېيتقان .5:33 تە بەشبۇرجەكلىك بىنا ئىككى جەسەتنىڭ د ن ئا ئارقىلىق دەلىللىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان . 5:44 ( ھەممىسى باغدات ۋاختى) تە ئىران ئىسلام ئىننقىلابىنى قوغداش ئەترىتى رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ ، قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان . 5:55 تە ئامېرىكا رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، دوللار ترامپنىڭ بۇيرۇقى بويىچە يۈزلىگەن ئامېرىكا ئەسكىرىنى قەستلىگەن ، ۋە يېڭىدىن ئامېرىكا ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قىلىش پىلانى تۈزگەن قۇددۇس بېرىگادىسى قوماندانى قاسىم سۇلايمانىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھەر تەرەپنىڭ ھەر خىل باياناتلىرىنى بىز تاڭ سەھەردىلا ئاللىبۇرۇن دەل ۋاختىدا سىلەرگە تەقدىم قىلىپ سۇنۇپ بولدۇق .

شۇنداق قىلىپ ، ئەرەبلەر ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئەمىنلىكى ئۈچۈن ئەڭ چوڭ تەھدىت بولغان قاسىم سۇلايمانى ئىرانغا قايتماقچى بولغاندا ئىراقتا ئۆلدى . 3 - يانۋار ئىراندا ئۈچ كۈن ماتەم جاكارلاندى . ئەرەب ئەللىرىدە خەلق خۇشاللىقىدىن يەتتە كېچە - كۈندۈز تاماشا چاقىرىقى قىلدى .

بۇ ۋەقەدىن كېلىپ چىقىدىغان ئەڭ ئوسال ئاقىۋەت ھەققىدە پەرەز :

ئەلى خامىنى جۈمە سەھەردىلا بايانات ئېلان قىلىپ :« ھەسسىلەپ ئاشۇرۇپ ئىنتىقام ئالىمىز !». دەپ ئامېرىكىغا تەھدىت سالدى .
خامىنىنىڭ قۇددۇس بېرىگادىسىدىكى ئالاھىدە ۋەكىلى :« قاتتىق ئىنتىقام ئېلىپلا قالماي ، ئامېرىكىلىقلارنى كېچىسى ئۇخلىيالماس قىلىۋېتىمىز ! » دەپ تەھدىت سالدى .

ئۇنداقتا بالا - قازا ئەمدى رەسمىي باشلاندىمۇ !؟

خىتاي باندىتلىرىنى ئارام  تاپغۇزىدىغان ۋەقە ئاخىرى يۈز بەردى :

ۋاقىتنى 72 سائەت ئالدىغا سۈرۈپ باقساق، ئاجايىپ ھەيران قالىمىز . 
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋەزىرى پولاتبەگ 31 - دېكابىر ئوچۇق قىلىپ ، يانۋاردىكى ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىدە ئۇيغۇرىستان جازا لاگىرلىرى ۋە خەلقىمىز مەسىلىسىنى قايتىدىن ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تىلغا ئالغاندىن كېيىن ، 2020 - يىلنىڭ تۇنجى كۈنىلا خوڭكوڭ ۋەزىيىتى قىزىپ كەتتى . ئىرانمۇ بۇيرۇق بويىچە ( يەنى باندىتلارنىڭ مەدەت ۋە بۇيرۇقى بىلەن ) باغداتتىكى ئامېرىكا باش ئەلچىخانىسىغا پۇقراچە كىيىنگەن باندىتلار بىلەن ھۇجۇم قىلدى . كىم بودەكمۇ بىردىنلا ئامېرىكىغا تەھدىت سېلىپ ، ئەڭ يېڭى خەتەرلىك ۋە ئىستراتېگىيىلىك قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالدى . بۇنى ئاڭلىغان پولاتبەگ شۇھامان بۇنىڭدىن ناھايىتى ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇندىن باشقا قانخور ئەسەدمۇ ئىدلىپقا ھاۋا ھۇجۇمى باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن ھەر كۈنى دېگىدەك خەلقىمىز ھەققىدە خەۋەر چىقىرىپ تۇرۇۋاتقان ئەرەبچە ۋە تۈركچە تاراتقۇلارنى ئىدلىپتىكى ۋەزىيەت بىلەن تۈركىيەنىڭ لىۋىيەگە ئەسكەر چىقىرىش خەۋەرلىرى قاپلاپ كەتتى . ئۇندىن باشقا باندىتلارنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى بىر قىسىم ئۇششاق دۆلەتلەر ۋە جەنۇبىي ئاسىيادىكى غالچىلىرىمۇ ئامېرىكىغا قەستەن قىيىنچلىق پەيدا قىلىدىغان ئىشلارنى تەڭلا باشلاشتى .

كۆردۈڭلارمۇ خەلقىم !؟ باندىتلارنىڭ قولى مانا شۇنچىۋالا ئۇزۇن بوپكېتىپتۇ . ئۇستىلىق بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى بىزدىن باشقا يەرلەرگە بۇرىۋېتىپ بارىدۇ . ئۆتكەن 48 سائەتلىك ئەھۋال بۇنى تولۇقى بىلەن ئىسپاتلىدى . يەنە نېمىگە چۇۋالچاق ھالىتىمىزنى ئوڭشاپ تەل تۇرمايمىز . خەخ يۆلىسە تەڭ ھەرىكەت قىلماي يۆلىنىۋالساق ئۇلارمۇ چىدىماي ، بىزدىن ئۈمۈد ئۈزۈپ چۆرۈپ، ئىرغىتىپ تاشلىۋىتىدۇ ھامىنى . ھۇرۇنلۇقنى ۋە چېچىلاڭغۇلۇقنى تاشلاپ ، يۆلىگەنلەرگە ئوبدان ماسلىشىپ قىيىنچىلىقتىن تەڭ ئۆتۈپ كېتەيلى !

سايرام ئوغلانى.      2020 - يىلى 2 - يانۋار.  پەيشەنبە

يۇقىرىقى تەھلىلنىڭ ئەڭ يامان پەرەز قىلىنغان بىر قىسمى بۈگۈن تۇيۇقسىزلا ئوتتۇرىغا چىقتى :

ئىران ئىسلام ئىنقىلابىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئەترىتى قاسىم سۇلايمانى بىلەن بىللە ئىراق شىئە خەلق ھەرىكىتى نائىبى ئەبۇ مەھدى مۇھەندىسنىڭمۇ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. سۇلايمانى ئىراننىڭ چەتئەلدىكى بارلىق كېڭىيىش ھەرىكىتى ۋە ھەربىي ھەرىكەتلىرىگە مەسئۇل بىردىنبىر غوللۇق گېنىرال . مۇھەندىس گەرچە نامدا نائىپ بولسىمۇ ، ئەمما ئىراق شىئە قوراللىقلىرىنىڭ ھەقىقىي كاتتىۋېشى . بۇ ئىران ئۈچۈن زور يوقىتىش . ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىدىن ئەڭ سۆيۈنگەنلەر يەنىلا باندىتلار . ئۇلار ئەمدى بۇ يېڭى كوزۇر ئارقىلىق ھەم دوللار ترامپنى سودا ئۇرۇشىنى تېزراق تۈگىتىشكە ۋە ئاخىرقى كېلىشىم تۈزۈشكە قىستىيالايدۇ . ھەم ئىراننى پۈتۈن كۈچى بىلەن يوشۇرۇن قوللاپ، ھەتتا بىكالىق پۇل ۋە قورال ياردىمى بېرىپ ، ئىران - ئامېرىكا ئۇرۇشى چىقىرىش ئۈچۈن كۈچەيدۇ . ئەمما ئامېرىكا دېڭىز ۋە ھاۋا يولىنى چىڭ تۇتقانلىقى ئۈچۈن باندىتلار ئىرانغا ماددىي ئەشيا ۋە ھەربىي قوراللارنى تەمىنلەپ بېرەلەيدىغان بىردىنبىر بىخەتەر ۋە قولايلىق يول دەل قەشقەر ئارقىلىق پاكىستاننىڭ گۋاردېر پورتىغا يېتىپ بارىدىغان تاشيول بىلەن تۆمۈر يول . بۇ يەر ھورمۇز بوغۇزىغا ئاران ئىككى يۈز كىلومېتىرلا كېلىدۇ . ئەگەر ئامېرىكا ھورمۇز بوغۇزىنى تاقىۋالسىمۇ باندىتلارغا يەنىلا زىيىنى يوق . ئۇ داۋاملىق قەشقەر - پېشاۋۇر تاشيولى ئارقىلىق ياردەم ئەۋەتەلەيدۇ . پاكىستان ئاقماي قالسا ئافغانىستاندىكى ھېرات يولى بىلەن قۇرۇقلۇق ئارقىلىق ئۈزۈلدۈرمەي قورال ۋە پۇل ئەۋەتىپ تۇرالايدۇ . ھاۋا يولى تېخىمۇ قولايلىق ۋاختى كەلسە. ئەمما بۇ ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ باندىتلار ئۈچۈن قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكى يەنە بىر قېتىم قايتا ئىسپاتلىنىدۇ . نەتىجىدە سەكراتقا چۈشكەن خەلقىمىزنىڭ يوقتىلىش سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىشىدۇ . چۈنكى نۆۋەتنىڭ ھامان ئۆزىگە كېلىدىغىنىنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ.

شۇڭا مەن بۇ قېرى قاسىم سۇلايمانىنىڭ  ئۆلتۈرۈلىشىدىن پەقەتلا خۇشال بولالمىدىم . چۈنكى ھەر قانداق چوڭ بالا - قازا مۇشۇنداق تاسادىپىي ۋەقەلەر ئارقىلىق پەيدا بولىدۇ . قارىماققا ئۆلگىنى بىر باندىت بولسىمۇ ، ئەمما مۇشۇ باندىتنىڭ ئۆلۈمى بەلكىم خەلقىمىزگە ھالاكەت سېگنالىنى چېلىشى مۇمكىن . ئۇنتۇپ قالمايلى ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشى بىر ئاشقۇن سېرب ياشنىڭ ئاۋستىرىيە شاھزادىسىنى ئېتىپ تاشلىشى بىلەن باشلىنىپ كەتكەن . بەزىدە شۇنداق كىچىك ۋەقەلەر مىليونلىغان مەسۇم جانلارنىڭ ئەجەل بۇرغىسىنى چېلىشى مۇمكىن.

ئەلۋەتتە ، ھەممىلا ئىشنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. ئىشلارمۇ بىز پەرەز قىلغاندەك ئۇنچىۋالا يامان تەرەپكىمۇ تەرەققىي قىلماسلىقى مىمكىن . ئەمما ھودۇقۇپ كەتمەسلىك ۋە تېخىمۇ زور تالاپەت تارتماسلىق ئۈچۈن بىز ھەر ۋاقىت ئەڭ ئوسال ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئەڭ يامان ئېھتىماللىقلارنى نەزەردىن قەتئىي ساقىت قىلماسلىقىمىز كېرەك !ھەر خىل ئېھتىماللىقلارغا قارىتا ئىدىيە جەھەتتىن تەييارلىق بولغاندىلا « ئاپەتنى ئامەتكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ ! » . ئۇلۇغ ۋە ھېكمەتلىك  ئاللاھ بۇ ئىشنى خەلقىمىز ئۈچۈن خەيرلىك قىلىپ بەرسۇن ، بۇ ئىش تۈپەيلى خەلقىمىزنى تېخىمۇ تالاپەت تارتىدىغان يامان ئاقىۋەتتىن ساقلىسۇن ! باندىتلارنىڭ تۈرلۈك ھىلە - مىكىرلەر بىلەن دۇنيانىڭ دىققىتىنى بىزدىن بۇرىۋېتىپ ، خەلقىمىزنىنىڭ نەسلىنى قۇرۇتۇش رەزىل نىيىتىنى بىتچىت قىلىۋەتسۇن ! بىزگە باندىتلارنى تارمار قىلىپ ، يەر يۈزىدىن يوقىتىۋەتكىدەك كۈچ ، شارائىت ، ھىممەت - جاسارەت ۋە پۇرسەت - ئىمكانىيەت بەرسۇن!

سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 3 - يانۋار.      زور ئەندىشىلىك جۈمە

يۇقىرىدا ئىشلارنىڭ يامان تەرىپىنى چىقىش قىلىپ تەھلىل قىلدۇق . ئەمدى ئىجابىي تەرەپتىن تەھلىل قىلىمىز :

پولاتبەگ بۈگۈن ( جۈمە ) سەھەر بايانات ئېلان قىلىپ : « ئىراقلىقلار كوچىغا چىقىپ داغدۇغا بىلەن قاسىم سۇلايمانى ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تەبرىكلەشكە باشلىدى » دېدى .

دەرۋەقە ئىراننىڭ ھەدېسىلا « ئىسلام » ۋە « ئىمام ھۈسەيىن » نىڭ نامىنى سۈيئىستىمال قىلىپ ، دىننى قالقان قىلىۋېلىپ ، بىچارە ئەرەب ئەللىرىنى يۇتۇۋېلىشتىكى مۇددىئاسىنى ئاخىرى ئەرەب خەلقى بىلىۋالدى . ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئەلبېشى سادامنى ئاغدۇرۇپ خۇشال بولغانلار بۈگۈن پۇشايمان قىلغاندەك ، تۈنۈگۈن ئىراننىڭ ئويۇنىغا كىرىپ كەتكەن ئىراقلىقلار ۋە ئەرەب خەلقى بۈگۈن ئىراننىڭ ئەسلى ماھىيىتىنى ئەرەب باھارى مەزگىلىدە تولۇق تونۇپ يەتتى . 30 يىلدىن بېرى ئوتتۇرا شەرقتە ھەرىكەت قىلىپ ، ئاخىرقى ئون يىلدا ئىراق، سۈرىيە ۋە يەمەننى خانىۋەيران قىلىۋەتكەن،
لىۋاندا ۋە باشقا ئۇششاق ئەرەب دۆلەتلىرىدە سىياسىي قالايمىقانچىلىق تېرىپ يۈرۈپ ، ئالتە مىليوندەك خەلقنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئون مىليوندىن ئارتۇق خەلقنىڭ ۋەتىنىدىن ئايرىلىشىغا سەۋەپ بولغان قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئۆلۈمى ھەممە ئويغاق ئەرەبلەرنى قاتتىق خۇشال قىلىۋېتىشى ئېنىق!

ئەزەربەيجان تۇنجى قېتىم ئىراننىڭ شىئە مەزھىپى ئاساسىدا بىرلىشىش تەلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن ، ئەرەبلەرمۇ قوشۇلۇپ ، ئىراننىڭ ئەرەب ئەللىرىنى دىننى قالقان قىلىپ تۇرۇپ يۇتۇۋېلىپ ، بۈيۈك پارس ئىمپىرىيىسى قۇرۇش غەرىزىنى سۇغا چىلاشتۇردى . ئەرەبلەر ئۇنىڭغا قول سېلىشقا جۈرئەت قىلالماي تۇرغاندا ، ئامېرىكا ئۇنى ئۆلتۈرۈپ بېرىپ، ئىناۋىتىنى قىسمەن ئەسلىگە كەلتۈرگەن بولدى .

ئەمدى ئىرانغا قاراپ باقايلى ! پارسلار مەزكۇر دۆلەتتە ھەتتا 50% نىمۇ ئىگىلىمەيدۇ . ئۇلار ئاران 39% چىقىدۇ . 38% ئەزەرلەر ، قالغانلىرى يەنىلا باشقا تۈركىي خەلقلەر بولۇپ ، ئاز ساندا ئەرەبلەر ياشايدۇ . پارسلار ئىچىدىمۇ ، بولۇپمۇ ياشلار ئىچىدە مۇستەبىت ھاكىمىيەتكە قارشى خاھىش ئېغىر . پارسلار باشقا مىللەتلەرنى زورلاپ پارسلارشتۇرۇش ئۈچۈن خىتايدەك قەبىھ ۋاستىلارنى قوللانماقتا . شۇڭلاشقا ئازراق چاتاق چىقسىلا ، بولۇپمۇ ئىران ئامېرىكا بىلەن ئۇرۇشقا كىرىپ قالسا پارسلار ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى كىچىككىنە جايغىلا قاپسىلىپ قالىدۇ . سىتالىن خۇددى بىزنى تاشلاپ قويۇشقا مەجبۇر بولغاندەك تاشلاپ قويغان جەنۇبىي ئەزەربەيجان دۆلىتى تۈركىيە ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ياردىمىدە مۇستەقىل بولىدۇ . ئىراننىڭ شىمالىدىكى مازاندەران ۋە خۇراسان تەرەپتىمۇ ئىسيان چىقىپ ، مەركىزىي ئاسىيا بىلەن غەربىي ئاسىيا ، مۇنداقچە ئېيتقاندا تۈرك دۇنياسى يۈز يىلدىن بۇيان قايتا بىۋاستە تۇتاشقان بولىدۇ . بۇنداق ھالەتنى ئىران ، ئورۇسلار ، ھەتتا خىتايلار ۋە غەرپ ئەللىرىمۇ كۆرۈشنى پەقەت خالىمايدۇ . شۇڭا ، ئۇلار چوقۇم ھەر چارە بىلەن بۇ ئۇرۇشنى توسىدۇ .

ئىران ھازىر ئۆز ئىچىدىمۇ كۆپ ئىش تېرىپ قويدى . شۇڭا ئۆزىنى بېسىۋالمىسا بىردىنلا غۇلاپ كېتىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ . بەلكىم بېسىقىپ قالغان ئىران خەلقى ھۆكۈمەتنىڭ بىرەر خاتا سىياسىتى سەۋەپلىك قايتا كۆتۈرۈلۈپ قالسا ، غەرپ ئەللىرى ئوبدان قوللاپ بەرسە ، ئوتتۇرا شەرقتىكى شەيتان ئىران ھاكىمىيىتى يوقىلىپ ، ئوتتۇرا شەرق بىردىنلا تىنجىپ قېلىشى مۇمكىن . ئۇ چاغدا ئامېرىكا پۈتۈن قوشۇنلىرىنى ئارامخۇدا ئاسىيا تېنچ ئوكيان رايونىغا يۆتكەپ كېلىشى مۇمكىن .

بىز ھەر قانداق ۋاقىتتا دۇنيادىكى ھەر قانداق ئىشنى خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن باغلاپ ، مىللىي مەۋجۇتلۇقىمىز ۋە مىللىي مەنپەئەتىمىزنى چىقىش قىلىپ تەھلىل قىلىشىمىز كېرەك ! بىز ئەندىشە قىلىشقا ھەقلىق ، چۈنكى بىزنىڭ خەلقىمىز باندىتلار قولىدا گۆرۈگە ئېلىنغان . خەلقىمىزنى يەنىمۇ زور تالاپەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مىڭ ئۆلچەپ بىر كېسىپ ، « بېلىق تۇتقاندەك سەۋرچانلىق ۋە ئەستايىدىل قارار چىقىرىپ ، نىشانغا ئوق ئاتقاندەك كەسكىن ۋە تېز ئىجرا قىلىشقا مەجبۇرمىز !» . شۇڭا غەمسىز ، بىپەرۋا ، ساختا تەمكىن ۋە بىلەرمەن قىياپىتىگە كىرىۋالغانلار ئىنكاس يازغان ۋاختىڭلارنى باشقا پايدىلىق ئىشلارغا سەرپ قىلىڭلار !
« بالىنىڭ دەردىنى ئۆزى ئاتا - ئانا بولمىغۇچە بىلمىگەندەك، خەلقىمىزنىڭ دەردىنىمۇ ئۆزىنى خەلقنىڭ خەلقىمىزنىڭ ئاتىسى ۋە قوغدىغۇچى مەسئۇل قاراۋۇلى دەپ ئېتىقاد قىلالمىغان ئادەملەر زادىلا بىلمەيدۇ ، ھېس قىلالمايدۇ » .

خۇلاسە قىلغاندا ، بىزنىڭ خەلقىمىز باندىتلارنىڭ قولىدا گۆرۈگە ئېلىنغان . شۇڭلاشقا ، ئاتا - ئانىسى ۋە ياكى بارلىق تۇققانلىرى بىلەن چەتئەلگە چىقىۋېلىپ ، ئۆزىنى ۋەتەندىكى خەلقىمىزدىن ئايرىپ قارايدىغان ، ئۆزىنى بىرەر دۆلەتنىڭ رەھبىرىدەك چاغلاپ ، خەلقىمىزنىڭ تەقدىرى بىلەن كارى يوقلار قالايمىقان جۆيلۈپ دىققەتنى چاچماي ، ئىشىڭلارنى قىلىڭلار ! بىز ئەندىشە قىلىشقا تېگىشلىك ! ئەندىشە قىلمىغان ئادەمنى نېمە دەپ ئاتىساق بولا ! !؟؟ شۇڭلاشقا دۇنيانى باشقۇرۇۋاتقاندەك خاتىرجەم ھالدا ئەللەي ناخشىسى ئېيتىپ يۈرىدىغان ئىشى بارلار ئاتلاپ ئۆتۈپ كەتسۇن ! بىزمۇ داۋاملىق غەم تارتىپ ، يولىمىزدا مېڭىپ ، ئىشىمىزنى قىلايلى!
« ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە ! »

خۇلاسە قىلغاندا :

ئەگەر بۇ ۋەقەلەردە راسلا باندىتلارنىڭمۇ قولى بولسا ، ئۇنداقتا بۇ ۋەقەلەر شۇنى كۆرسەتتىكى، كىم بودەك تەھدىت سالدى، ئامېرىكا كورىيە يېرىم ئارىلىدا ھەربىي ھالەتكە ئۆتتى . ئاندىن ئىران تەھدىت سالدى . باغداتتىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسى خۇددى 1979 - 1980 - يىللىرىدىكى تېھراندىكى ئەلچىخانىسىدەكلا زور خەتەردە قالدى . پولاتبەگمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا زىيارىتىنى ۋاقىتلىق كېچىكتۈردى . دېمەك 1990 - يىللاردا ئوتتۇرا ئاسىيادا، 2000 - يىللاردا ئاسىيادا ، 2010 - يىللاردا ياۋرو - ئاسىيادا ئۇيغۇرلارنى قورشاۋغا ئېلىپ ، مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزنىڭ ھەر بىر ئۇتۇقلۇق قەدىمىنى چەكلەپ كەلگەن باندىتلار 2020 - يىلى بىزنى پۈتۈن دۇنيادا قورشاۋغا ئېلىپ، ھەر تۈرلۈك چارىلەرنى ئىشلىتىپ ، مىللىي ئىستىقبالىمىز ئۈچۈن ئالغان ھەر بىر توغرا قەدەمنى ۋاستە تاللىماي چەكلەۋاتىدۇ. ھەر بىر ئىشىمىزغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە يەر شارى خاراكتېرلىق توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ بار كۈچى بىلەن چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتىدۇ ۋە چەكلەۋاتىدۇ .

بۇندىن كېيىنكى خىرىسلار تېخىمۇ زور بولغۇسى. ياخشى يېرى خىرىس قانچە زور بولسا پۇرسەت ھەم شۇنچە چوڭ بولىدۇ . ئۇنتۇپ قالمايلى، كېچىنىڭ ئەڭ زۇلمەتلىك قىسمى تاڭ ئېتىشقا ئەڭ يېقىن قالغان قىسمىدۇر . تولغاقنىڭ ئەڭ قاتتىق ۋاختىمۇ دەل بوۋاق ئۇتۇقلۇق يەرگە چۈشۈش ئالدىدىكى ئاخىرقى باسقۇچتۇر .

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 3 - يانۋار .  قۇتلۇق جۈمە.

ئەڭ يېڭى بايقاش :

قاسىم سۇلايمانىنىڭ ئىراقتىن ئىرانغا ماڭغاندا ئەمەس ، بەلكى سۈرىيەدىن ئىراققا كەلگەنلىكى ئىسپاتلاندى . ئۇ ئولتۇرغان ئايروپىلان ئەسلىدە باغداتقا 2 - يانۋار كەچ سائەت 11:30 دا قوناتتىكەن . ئەمما ئايروپىلان سۈرىيەدە بىر سائەت كېچىكىپ ئۇچقاچقا ، باغداتقا كېچە 12:30 دا قونغان. ھەتتا ئىراق ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنىڭ ئىراققا كەلگىنىنى بىلەلمىگەن . ئۇمۇ يولۇچىلار چىقىدىغان كۆزنەكتىن ئەمەس ، بەلكى ئايروپىلاندىن ھەممىدىن بۇرۇن چۈشۈپلا ئاللىبۇرۇن ئايروپىلان يېنىدا ئۆزىنى ساقلاپ تۇرغان ئىككى ئىلغار ماشىنىنىڭ بىرىگە ئولتۇرۇپلا بىۋاستە ئايروپورتتىن چىقىپ كەتكەن . ئەمما يول قىستاڭچىلىق بولغاچقا ، يېرىم سائەت بولمايلا 3 - يانۋار كېچە 01:01 دە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئۇنىڭغا ئۈچ تال راكېتا بومبا ئاتقان . بۇ چاغدا مەزكۇر ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار تېخى كۆزنەكتىن ئۆتۈپ بولالمىغان بولۇپ ، ئىراق ھۆكۈمىتى دەرھال كامېرالار ئارقىلىق غەلىتە ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ، يولۇچىلاردىن بىرەر ئالاھىدە مېھماننى كۆرگەن - كۆرمىگەنلىكىنى سورىغان . نەتىجىدە بىر قىسىم يولۇچىلار ئايروپىلاندا قاسىم سۇلايمانىنىڭ بىللە كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ قويغان . ئىراق ھۆكۈمىتى شۇندىلا قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن .  چۈنكى ئۇلارغىمۇ سەزدۈرمەي پادىشاھلارچە ئىراققا كىرگەن كىشى دەل ئىراقنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ھەقىقىي ھۆكۈمرانى ۋە ئەلى خامىنىنىڭ ئوڭ قولى ، شۇنداقلا ئىراننىڭ چەتئەللەردىكى بارلىق تاشقى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ باش قوماندانى سۇلايمانى ئىدى .

رۇسىيە دۆلەت تېلىۋىزىيىسى  .      سايرام ئوغلانى. 

2020 - يىلى 5 - يانۋار.   يەكشەنبە.
90

ئارتۇر ئاسېلبېكوۋىچ بېتىربايېف كىم !؟

بېتىربايېف داغىستانلىق داڭلىق ياش بوكس ماھىرلىرىدىن بىرى بولۇپ ، ئېغىر دەرىجىلىكلەر چىمپىيونىدۇر . ئۇ نەچچە قېتىملىق چوڭ مۇسابىقىلەردە ئۇدا چىمپىيون بولۇپ ئالتۇن كۆپلىگەن مېداللارغا ئېرىشكەن .

ئۇ 1985 - يىلى 21 - يانۋار داغىستاننىڭ غەربىدىكى ھاساۋيۇرتتا ( پايتەخت ماخاچقەلئە بىلەن چېچىنىيە پايتەختى گىروزنى ئارىسىدا ، خۇددى قەشقەر ۋە خوتەن ئارىسىدىكى قاغىلىققا ئوخشاش ) تۇغۇلغان بولۇپ ،
2006 - يىلى ئىيۇلدا بۇلغارىيەنىڭ پىلوۋدىۋدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولۇپ ئالتۇن مېدال ئالغان . 2010 - يىلى موسكۋادا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋروپا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىپ چىمپىيون بولغان ۋە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشكەن . 2007 - يىلى چىكاگودا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن . 2009 - يىلى مىلاندا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا چىمپىيونلۇقى مۇسابىقىسىدە يەنە ئالتۇن مېدال ئېلىپ چىمپىيون بولغان . ئۇ گەرچە ھەبىب نۇرمۇھەممەدوفقا ئوخشاش بەك تونۇلمىغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇش ، خەير - ساخاۋەت ۋە ئالىيجاناپلىقى بىلەن رۇس تىللىق مۇسۇلمانلار ئارىسىدا ، بولۇپمۇ ۋەتىنى داغىستاندا يۈكسەك ھۆرمەتكە سازاۋەر بىرىدۇر .

ئۇ ئاۋار مىللىتىن بولۇپ ، ۋىزانتىيە تارىخچىلىرى ئاۋارلارنىڭ كاۋكازغا ۋە بالقانغا كۆچۈپ كېلىش سەۋەبى ھەققىدە مۇنداق خاتىرە قالدۇرغان :
« كۆكتۈركلەر باش كۆتۈرگەندە ئاسىيانىڭ شەرقى ، شىمالىي ۋە مەركىزىي قىسمىنى ئۇيغۇر ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئاساس قىلغان ئاۋارلار سورايتتى . كۆكتۈركلەر ئاۋارلارنى مۇنقەرز قىلغاندا ، ئۇلار قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ ، 300 مىڭدىن كۆپرەكى قىرىلىپ كەتكەن . ئەمما قالغانلىرى يەنىلا كۆكتۈركلەرگە بويسۇنۇشنى خالىماي شەرقىي ياۋروپا ۋە شىمالىي كاۋكازغا سۈرۈلگەن . ئۇلار ئەسلىدە ئۇيغۇرلاردىن كېلىپ چىققان » .
تارىخىي مەنبەلەردە ئۇلارنىڭ بايان ( ساپ ئۇيغۇرچە ئىسىم ) قاغاننىڭ يېتەكچىلىكىدە 555 - يىلى ئۇرالدىن ئۆتۈپ ، 558 - يىلى كاۋكاز ئارقىلىق شەرقىي رىم بىلەن ئالاقە ئورناتقانلىقى قەيت قىلىنىدۇ . كېيىن كۆكتۈركلەر ھۇجۇم قىلغاندا ، بايان قاغان ئۇرال ۋە كاۋكازنى تاشلاپ ، ئۇكرائىنا ئارقىلىق دوناي دەرياسىدىن كېچىپ ، 564 - يىلى بالقانغا كىرگەن . 565 - يىلى ياۋروپا ئاۋار ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغان . دەرۋەقە ئاشۇ ئاۋارلار توغرىسىدا ئېستەمى قاغان بىلەن ئىمپىراتور جۇستنىياننىڭ ئارىسى بۇزۇلۇپ ئېستەمى قاغانىڭ قوشۇنى 576 - يىلى قىرىمنى ئىشغال قىلىپ ، بالقانغا يۈرۈش قىلىش ھارپىسىدا ئېستەمى قاغان ۋاپات بولغان . نەتىجىدە يېڭى قولغا كەلگەن زېمىندا يەنىلا مۇقۇم شەھەرلەشكەن ئۇيغۇر قەۋمى باش بولۇپ ، ھازار قاغانلىقىنى قۇرۇپ چىققان . بايانخان ۋاپات بولغاندىن كېيىن ، ئاۋارلار بەكلا كۈچىيىپ كەتكەن . شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسى ئۇلارغا كۆپ قېتىم سۇيقەست ئىشلەتكەچكە ، ئاۋارلار شەرقىي رىمغا ھۇجۇم قىلغان . 614 - يىلى ساسانىلار ۋىزانتىيەنى شامدا مەغلۇپ قىلىپ ، 616 - يىلى پۈتۈن ئاناتولىيەنى تارتىۋېلىپ ، ئىستانبۇلغا قىستاپ كەلگەن . ئاۋارلارمۇ ھەمكارلىشىپ 616 - يىلى ئاۋغۇستتا ئىستانبۇلنى قاتمۇ - قات قورشاۋغا ئالغان . تولىمۇ ئەپسۇس ، دەل شۇ مىنۇتلاردا قۇرئاندىكى سۈرە رۇمنىڭ بېشىدىكى بەش مۆجىزىلىك ئايەت نازىل بولغان . ئاقىۋەت سىرلىق ئىلاھىي كۈچ مەككىدىكى يۈز نەچچە مۇسۇلماننىڭ ئىمان - ئىشەنچىسىنى قاتتىق كۈچەيتىش ۋە ئۇلارنىڭ ئۈمۈدۋارلىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋارلار بىلەن پارسلارنىڭ قولىدا تاۋاقتىكى ئاشتەك تەييار بوپقالغان ئىستانبۇلنى ساقلاپ قالغان .( كېيىنچە بۇ شەرەپ ئوسمانىلارغا 1453 نېسىپ بولغان ).

ئاۋارلار گەرچە ئىستانبۇلغا كىرەلمىگەن بولسىمۇ ئەمما شەرقىي ياۋروپا ۋە ئوتتۇرا ياۋروپانىڭ خوجىسىغا ئايلىنىپ ، تاكى 795 - يىلغىچە پۈتۈن ياۋروپانى دىر - دىر تىترىتىپ ياۋروپادىكى بارلىق كېنەز - خانلىقلارنى ئولپان تۆلەشكە مەجبۇرلىغان . ھەتتا داڭلىق كارل مارتېلمۇ ئاۋارلارغا سېلىق تۆلەپ ئۇرۇشتىن ساقلىنىپ ، 732 - يىلى پارىژغا يېقىن جايدا بىر مەيدان كەسكىن جەڭ قىلىپ ، مۇسۇلمانلارنى فرانسىيەدىن چېكىندۈرگەن .

ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئاۋارلارمۇ ئاخىرىدا ئاجىزلىشىپ ، يېڭىدىن باش كۆتۈرگەن فرانك ( پەرەڭ ) پادىشاھى چارلىمان تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ، 805 - يىلى ياۋروپادىن چېكىنىپ چىقىپ كاۋكازىيەگە، بولۇپمۇ داغىستانغا كۆچۈپ كېلىپ يەرلەشكەن.
ھازىرمۇ ئاۋارلار داغىستاننىڭ ئەڭ ئاساسلىق يەرلىك ئاھالىسىدۇر . خۇلاسە قىلغاندا ئۇلارمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يىراق تۇققانلىرىدۇر . مەشھۇر ئىمام شامىلمۇ ئاۋارلاردىن كېلىپ چىققان بولۇپ، چېچېن خەلقىنىڭ پۈتۈنلەي ئىسلام دىنىغا كىرىپ ، كاۋكازلىقلارنىڭ چاررۇسىيەگە قارشى ئاخىرىغىچە باش ئەگمەي كۈرەش قىلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغان .

بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا خەلقىمىزنى سۆيۈندۈرگىدەك ، تارىخقا ئالتۇن بىلەن يېزىلغۇدەك تارىخىي قاراردىن بىرنى چىقارغان . ئۇ بولسىمۇ 2020 - يىلى فېۋرالدا خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان مۇسابىقىنى بايقۇت قىلىشىدۇر .

خۇلاسە قىلغاندا ، رۇسىيەنىڭ داغىستان جۇمھۇرىيىتىلىك ئاۋار مۇسۇلمان بوكسچى ئارتۇر بېتېربايېف، خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى لاگېرلارغا قامىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىشى سەۋەبلىك خىتايدا بوكس مۇسابىقىگە چۈشۈشنى رەت قىلغان.

«بەدلېفت خۇك» ناملىق تەنتەربىيە تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئېغىر دەرىجىلىكلەر بوكس چىمپىيونى ئەسلى 2020  يىلى 1‏-فېۋرال كۈنى خىتاي بوكسچىسى مېڭ فەنلوڭ بىلەن مۇسابىقىگە چۈشۈشى ئويلاشقان ئىدى. لېكىن، ئاقىۋەتتە ئارتۇر بېتېربايېف خىتايدا مۇسابىقىغە چۈشۈشنى خالىمىغان. خەۋەردە ئامېرىكىلىق  بوكس مۇلاھىزىچىسى گەبى ئوپېنھېيىمنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلىشىچە، ئارتۇر بېتېربايېف ئۆزىنىڭ «خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىنداشلىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىنى بىر مۇسۇلمان بولۇش سۈپىتىدە ئېغىر جىنايەت » دەپ ھېسابلىغان.

ئارتۇر بېتېربايېف گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل، يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىسدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشىنى ئەيىبلىگەن يەنە بىر ئاتاغلىق تەنتەربىيە چولپىنىدۇر. خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلگىرى مەسئۇت ئۆزىل بىلەن سونىي ۋىللىئامىسنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزلىرىگە قاتتىق ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ «ساختا خەۋەرلەر» نىڭ ئازدۇرۇشىغا ئۇچراپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئاۋار يىگىت بۇ ھەرىكىتىدىن قانچىلىك زىيان تارتتى !؟؟

مەن بۈگۈن قالماقىستاندىكى ( داغىستاننىڭ شىمالىدا )ۋەكىلىم ئارقىلىق داغىستاندىكى مەزكۇر شەھەرنىڭ مۇپتىسىنى تاپتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىن بېتېربايېفنىڭ بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىنى ئىگىلىدىم . ئۇلارنىڭ يەتكۈزۈشىچە
بېتېربايېف بۇ قېتىم 70 مىليون رۇبلى پۇلدىن ۋاز كەچكەن . يەنى بۇ ھەققانىي پوزىتسىيىسى ئۇنى 1 مىليون 133 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى زىيان تارتقۇزغان . ئەمما مەن ۋە مۇھاجىرەتتىكى بارلىق خەلقىم شاھىدكى ، ماماتلىق پەيتلەردە قىلچە پايدا - مەنپەئەتى بىلەن ھېساپلاشماي، يەر شارىنىڭ ئىستىقبالى ۋە خەۋپسىزلىكى ئۈچۈن ، ئادالەت ۋە ھەققانىيەت ئۈچۈن غايەت زور بەدەل تۆلەۋاتقان ئەزىز خەلقىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلار مەڭگۈ ھۆرمەت بىلەن ئەسلىنىپ تۇرىدۇ . ماماتلىق پەيتلەردە بىزنى دۈشمەنگە ساتقان ، قېنىمىزغا شېرىك بولغان ، سۈكۈتتە تۇرغان كاززاپ ئەلباشلار ۋە خائىن سىياسەتچىلەر ئەبەدىي لەنەت بىلەن تارىخنىڭ ئەڭ مەينەت بەتلىرىگە يېزىلىدۇ . ۋاختى كەلگەندە بۇ دۇنيادىمۇ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنىڭ ھېسابى سورىلىدۇ .

« ئەڭ چوڭ جىھاد زالىم پادىشاھ ئالدىدا ھەقىقەتنى قورقماي سۆزلەشتۇر » .
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسالام

قىزىق يېرى ، ئۇيغۇرغا يەنە شۇ تومۇرىدا ئازدۇر - كۆپتۇر ئۇيغۇر قېنى ، ئارىئان قېنى ئېقىۋاتقان ئەزىمەتلەر ھېسداشلىق قىلىۋاتىدۇ . تومۇرىدا خىتايلار بىلەن ئوخشاش قان ئېقىۋاتقان ساختا تۈركلەر ۋە ئەرەبلەر ، تۈرك ۋە ئەرەب تونىغا ياكى مۇسۇلمانچە تونغا ئورۇنۇۋالغان تۈمەنلىگەن ئەلباش ، سىياسەتچى، دەۋەتچى ، ئۆلىمالار ۋە چولپانلاردىن مۇنۇ ئۈچ كىشى ئېشىپ كەتتى . ھەر ھالدا مۇشۇلار ۋاستىسىدە خىجىل بولۇپ بولسىمۇ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلار كۆپىيىۋاتىدۇ .

گېرمانىيەلىك پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىل، يېڭى زېللاندىيەلىك زەيتۇن توپ چولپىنى سونىي بىل ۋىللىئامىس ۋە داغىستانلىق ئاۋار بوكس چىمپىيونى ئارتۇر ئاسىلبېكوۋىچ بېتىربايېف 2019 - يىلنىڭ شانلىق سەھىپىلىرىگە ، شۇنداقلا ئۇيغۇر تارىخىنىڭ ئەڭ قاراڭغۇ مەزگىلىنى يورۇتۇپ تۇرغان زۇلمەتلىك سەھىپىلىرىگە ھىلال ئايدەك پۈتۈلىدۇ .

« پاجىئەلەر ئاخىرلاشقاندا ئەسلەيدىغىنىمىز  دۈشمەننىڭ قىلمىشلىرى ئەمەس ، بەلكى دوستلىرىمىزنىڭ سۈكۈتىدۇر ! »

ئەلى ئىززەت بىگوۋېچ   ( بوشناق ).

« كۆكبۆرە ئۆز كەچمىشىنى ئۆزى يازمىغۇچە قىزىل ئەجدەرھانىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاشقا مەجبۇر بولىدۇ » .   سايرام ئوغلانى .

2020 - يىلى 3 - يانۋار    قۇتلۇق جۈمە     

روستوۋ
بەت 1 ... 7 8 9 10