2020/11/27 18:00

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


يېڭى يازمىلار

بەت 1 ... 8 9 10
91


تارىختىكى بۈگۈن ( 30 ـ دېكابىر ) :

1066 ـ يىلى غارناتا(ھازىرقى ئىسپانىيىدە)مۇسۇلمانلىرى خان ئوردىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، يەھۇدى ۋەزىر يۈسۈپنى دارغا ئېسىپ،غارناتا شەھىرىدىكى كۆپلىگەن يەھۇدى پۇقراسىنى ئۆلتۈرۋەتكەن.بۇ دەل «غارناتا قەتلىئامى»دۇر.

1673 ـ يىلى ئوسمانلى سۇلتانى ئەھمەد 3 ـ چى تۇغۇلغان.

1862 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ داڭلىق ئۇرۇش پاراخوتى كۈچلۈك بوراندا چۆكۈپ كەتكەن.

1922 ـ يىلى 30 ـ دېكابىر لېنىننىڭ كۈچلۈك تەشەببۇسى بىلەن سوۋېت سوتسيالستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى دۇنياغا كەلگەن.
(1923 ـ يىلى 29 ـ ئۆكتەبىر ئەسلىدىكى كونا ئوسمان ئىمپىرىيىسى ئىسمىنى تۈركىيە دەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن،سوۋېت دائىرىلىرى دەرھال تۈركىستان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنى پارچىلاپ،5مىللىي رېسپۇبلىكىغا بۆلۈپ تاشلاپ،1924 ـ يىلى 6 ـ ئىيۇلدىن باشلاپ، تۈركىستان نامىنى قەتئىي مەنئىي قىلغان).

1963 - يىلى 30 - دېكابىر پولاتبەگ تۇغۇلغان. بۈگۈن پولاتبەگنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئىدى راس . ئالدىراشچىلىقتا ئۇنتۇپ قاپتۇق . ( 1963 - 30 - دېكابىر). ئەمدى 2020 - يىلى 26 - ئاپرىل تاشقى ئىشلار ۋەزىرى بولغانلىقىنىڭ 4 يىللىق كۈنىدە قۇتلۇقلاپ قويايلى .

1972  ـ يىلى ئامېرىكا ئارمىيىسى شىمالىي ۋېيتنامنى قاتتىق بومباردىمان قىلىشنى توختاتقان.(ۋېيتام ئۇرۇشى 1965باشلانغان).

1993 ـ يىلى ئىسرائىلىيە بىلەن ۋاتىكان ئارىسىدا رەسمىي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان.( بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى رىم پاپاسى پەتىۋا چىقىرىپ « بارلىق خىرىستىئانلارنىڭ مەسىھ ئەيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قېنىدىن كېچىپ،يەھۇدىلارنى ئەپۇ قىلىشى،يەھۇدى مىللىتىنىڭمۇ خىرىستىئانلاردىن ئۆچ ئالماسلىقى توغرىلىق كېلىشىم تۈزۈپ،ئاز كەم ئىككى مىڭ داۋام قىلغان يەھۇدى VS خىرىستىئان دۈشمەنلىكىگە خاتىمە بەرگەنىدى 1993»).

2006 ـ يىلى 30 ـ دېكابىر ئىراق سابىق رەئىس جۇمھۇرى سادام ھۈسەيىن دارغا ئېسىلغان.(2016 ـ يىلى ئامېرىكا پېرزدېنتى دونالد ترامپ،12يىللىق ھارپىسىدا ئىراقنى خۇپيانە زىيارەت قىلدى.تۈنۈگۈن بىر تۈركۈم ئامېرىكا ئەسكىرى تەڭلا ئىراق ۋە سۈرىيەدىن چېكىنىشكە باشلىدى).

2009 ـ يىلى ھېندونېزىيە پېرزدېنتى ئابدۇراخمان ۋاپات بولغان.

2010 ـ يىلى ئىسرائىلىيە تەپتىش مەھكىمىسى سابىق پېرىزدېنت موشىي كاتساپنى ئىلگىرى بىللە ئىشلىگەن ئاياللارغا جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالغان دەپ ئەيىپلىگەن.

سايرام ئوغلانى

2018/12/30 ـ دېكابىر  مۇزلىغان شەھەر

2019 - يىلى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى شىئە قوراللىقلىرىنىڭ راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر ئوفېتسىر قازا قىلغاندىن كېيىن ئاخشام كەچ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئۇلارنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەرگەن . بۈگۈن باندىتلار بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان . ئوتتۇرا شەرقتە باندىتلارغا قارشى كەيپىيات كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا باندىتلارمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى قورچاقلىرىنى مۇشۇنداق يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، ئوبرازىنى ياخشىلاش كويىدا بولماقتا .

موسكۋا تەرەپ  «ئامېرىكا ئاخشامقى ھۇجۇمىنى ئالدىن بىزگە دېمىدى » دەپ خاپا بولغان . بەلكىم بۇ ئاجىز باياناتمۇ باندىتلارنىڭ بىر سەكرەپلا رۇسىيەنىڭ ئالدىغا ئۆتۈۋېلىپ ، ئەرەب قورچاقلىرىغا تەسەللىي بېرىشىنىڭ سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن .

2019 - يىلى موللا ئەلى خامىنىي سادام دارغا ئېسىلغانلىقىنىڭ 13 يىللىق خاتىرە كۈنىدە :« ئۆزىنى مەڭگۈ قۇدرەتلىك دەپ قارايدىغان ، ئۆزىنى ئەبەدىي كۈچلۈك چاغدايدىغانلار سادام ھۈسەيىنگە ، مۇھەممەد رىزا پەھلىۋىگە ۋە سوۋېتلەر ئىتتىپاقىغا قارىسۇن ! » دەپ بايانات ئېلان قىلغان .
سادام 2006 - يىلى 30 - دېكابىر سەھەر ، يەنى قۇربان ھېيت نامىزىدىن ئازراق بۇرۇن دارغا ئېسىلىپ ، شىئەلەر ئۈچۈن قۇربانلىق كالا بولغان ئىدى . بۈگۈن خامىنىي يۇقىرىقى ئۈچ دۈشمىنىنى ئۇستىلىق بىلەن شېپى كەلتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇلار ئۈستىدىكى غەلبىسىنى كۆز - كۆز قىلىۋالغان .
بۇ قېرىنىڭ سىياسەت ئويناش ماھارىتى خېلى يۇقىرى . ئەمدى بىزدىكى ئۈمۈدسىزلەر ( تاپ پۇرايدىغانلار ) دىققەت. « ئۆزىنى تەڭداشسىز ۋە يىقىلماس چاغلايدىغان باندىتلار شېڭ شىسەيگە ، سىتالىنغا ۋە باشقا تەقدىرداش كومپارتىيە گۇرۇھلىرىغا قارىسۇن ! » .

2019 - يىلى مىسىر ئەمدى دىنىي ئورگانلىرى ئارقىلىق ھۇجۇمغا ئۆتتى. مىسىر پەتىۋا ئورگىنى :« تۈركىيەنىڭ تېررورچىلارنى يۆتكىشى لىۋىيەنى ئىككىنچى سۈرىيەگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ » .

ئەردوغان لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش ھەققىدىكى تەلەپكە ھازىر ناماز شامدىن كېيىنلا تەستىق سالدى . ئەمدى بۇنى پارلامېنت ئۆگۈنلۈككە ماقۇللىسىلا ئۇرۇش باشلىنىدۇ .

ئەردوغاننىڭ نامىغا تەققاسلانغان « راكېتا بوزدوغان » ئۇتۇقلۇق سىناق قىلىنغان . بۇ تۈركىيە ئۆزى ياساپ چىققان راكېتا بولۇپ ، كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلىشقا باشلايدىكەن .

2019 - يىلى تۇنىس نەچچە كۈن بۇرۇن پىرىزىدېنتى ئوچۇق - ئاشكارا خەلقىمىزگە ھېسداشلىق قىلغاندىن كېيىن ۋە ئەردوغاننىڭ تۇنىس زىيارىتىدىن كېيىنلا باندىتلار تۇنىسقا زور مىقداردا مەبلەغ سالماقچى بولغان . ئۇلار يەنىلا پۇل ئارقىلىق بۇ ئەلنى ئۆزىگە تارتماقچى بولسا كېرەك . ئەمما تۇنىس تەرەپ ھازىرچە بۇ تەكلىپكە جاۋاپ قايتۇرمىغان .

2019 - يىلى باندىتلارنىڭ ئادەم قانۇنسىز كىلون بوۋاق پەيدا قىلغان شايكىسى سىرلىق ھالدا يوقاپ كەتكەن . بۈگۈن ئۇنىڭ ئۈچ يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان خەۋىرى ئوتتۇرىغا چىققان . شۇنىسى ئېنىقكى ، باندىتلار ئۇنى ئاللىبۇرۇن مۇشۇ تۈردىكى مەخپىي خىزمەتكە مەسئۇل قىلىپ بولدى .
پەن - تېخنىكا ۋە زامانىۋى تېخنولوگىيە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولمىغان باندىتلارنىڭ قولىغا چۈشسە قانداق بولىدىغىنىنى بىزدەك ياخشى بىلىدىغان خەخ بولمىسا كېرەك ! ئۇخلايلى ، ياكى داۋاملىق يالغاندىن ئۇخلىغان بولۇۋالايلى ! خەلقىمىزدىن زورلاپ ئالغان د ن ئا ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق خەلقىمىزنى « تاشقى پېلانت ئادەملىرىگە ئايلاندۇرۇپ قويغاندا ھەر كۈنى مىڭ ئۆلۈپ ياشايدىغان گەپ . بۇندىن كېيىن بىر مىنۇتلۇق بىخۇتلۇقنىڭ بەدىلى ھەر سىكۇنت پىچاقسىز بوغۇزلىنىش بولىدۇ » .

2019 - يىلى كىم بودەك : « ئاچ قالدۇق . دوللار ترامپ گۆش شورپا بەرمىسە، خىتاينىڭ قوينىغا كىرىپ شوۋىگۈرۈچ ئىچىمىز » دەيدۇ مانا .

نەنسى پىلوسىنىڭ ئوغلىنىڭمۇ ئۇكرائىنادىكى چىرىكلىك سەتچىلىكىدە نېسىۋىسى بارلىقى ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن دوللار ترامپ مەغرۇر ھالدا : « ھە نەنسى ئەمدى قىلىڭە گېپىڭىزنى !؟» دەپ مازاق قىلغان .

نەيرەڭۋاز خۇاۋېي ئوپپو بىلەن بىرلىشىپ ، ھىندىستاندىكى 150 كە يېقىن مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ گوگل چەكلەپ قويغان تېخنىكىنىڭ ئورنىنى باسىدىغان يېڭى تېخنىكىغا ئېرىشىپ ، ئاسىيادا ئاندرويد دەۋرىنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولغان . ئورۇس تېخنولوگىيە مۇتەخەسسىسى بۇنى پۈتۈن دۇنياغا نىسبەتەن خەتەرلىك يۈزلىنىش دېگەن . ئەگەر ئۇلار ئۇتۇق قازانسا يالغۇز ئاسىيا قىتئەسىلا ئەمەس ، پۈتۈن دۇنياغا يامرايدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان . بۇ ھالەتتە ھېچقانداق دۆلەت بۇنىڭغا قارشى ھېچ ئىش قىلالمايدىكەن .
خۇاۋېي 2019 - يىلنىڭ ئالدىنقى ئۈچ چارىكىدە دۇنيا ئەقلىفون بازىرىنىڭ 20% نى كونترول قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا باشلىق تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ جازاسى ئارقىلىق پەسكويغا چۈشكەنىدى .

ساراي - ئۆيلەرنى چېقىشمۇ ئۇرۇش جىنايىتى ئىكەنغۇ مانا !؟
ئۆيى چېقىلغانلار ئۆيۈڭلارنىڭ تەپسىلىي ئۇچۇرلىرىنى تەق قىلىپ قوياسىلەر . خەلقئارا قانۇندا ئېغىر سانىلىدىغان جىنايەتلەرنىڭ بىرى دەپتۇ . بۇنىمۇ قىلالمايدىغان نانقېپى ئادەملەر بولسا ياخشىسى ئۆلۈۋالسۇن بۇنداق ياشىغۇچە .
باندىتلارنىڭ ھەممە جىنايەتلىرىنى تولۇق پاش قىلىش كېرەك! بىرلا تېمىغا كىرىشىۋالساق دۈشمەنلەر ئاسانلا باھانە كۆرسىتەلەيدۇ . ھەممە جىنايىتىنى بىر - بىرلەپ كۆرسەتسەك ھەممىگە ئورۇنلۇق باھانە كۆرسىتەلىشى ناتايىن .

2019 - يىلى مېكسىكىنىڭ داڭلىق تېلېۋىزىيە چولپىنى سىباستىيان فايرات چوشقا گۆشى يېگەندىن كېيىن ئۆتكۈر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملىنىپ بۈگۈن ئۆلۈپ كەتكەن . سەھىيە ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە ئۇ يېگەن چوشقا گۆشى بۇزۇلغان ياكى سۈپىتى ناچار بولۇشى مۇمكىن ئىكەن . ئۇلار ھەتتا چولپىنىمىزمۇ يۇقۇملىنىپ ئۆلدى ، شۇڭا بۇ ۋىرۇس ھەممىگە يۇقۇشى ئېنىق دېيىش ئارقىلىق ئاۋامنى ناچار چوشقا گۆشىدىن ئاگاھلاندۇرغان . ئوخشاش ئەھۋال ۋەتىنىمىزدە سادىر بولغان بولۇپ ، باندىتلار بۇزۇلغان چوشقا گۆشلىرىنى مەجبۇرىي يېگۈزگەن خەلقىمىزدە يۈزى ۋە بوينىدىن يامان سۈپەتلىك ئۆسمە تېشىپ چىقىپ ، ئۇزۇن ئۆتمەي ۋاپات بولغانىدى .
چۈنكى مەينەت باندىتلار ھەتتا پاكىز ۋە يېڭى چوشقا گۆشىنى ئۆزى يەپ ، ۋىرۇسلۇقلىرىنى خەلقىمىزگە زورلاپ يېگۈزمەكتە . خەلقىمىزنى ئىمكان بار قانۇنلۇق ۋە سىلىق ئۇسۇل بىلەن يوقىتىش ئۈچۈن باندىتلار ۋاستە تاللاپ ئولتۇرمايدۇ . ئەھۋال شۇنداق تۇرسا ، بىزگە ۋاستە تاللاپ نېمە كەپتۇ !؟

2020 - يىلدىكى كەسكىن ۋەزىيەت ھەققىدە :

دۇنياۋى مەشھۇر ژۇرنال 2020 - يىلى دۇنيادىكى بەش ئورۇندا تاسادىپىي ھالدا 3 - دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىپ قېلىش ئېھتىماللىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى . ئۇلار تۆۋەندىكىچە

1 . ئىران - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشى : كۆلىمى پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى قاپلايدۇ . بۇ ئۇرۇشتىن ئەڭ چوڭ پايدىنى ئورۇسلار بىلەن خىتايلار ئالىدۇ .

2 . تۈركىيە : تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۇزۇلسا، ياكى تۈركىيە بىرەر دۆلەتتە ئۇرۇش پاتقىقىغا پېتىپ قالسا پۈتۈن ئوتتۇرا شەرقنى قاپلىغان ئۇرۇش پارتلىشى مۇمكىن .ئورۇسلار ، ئىران ۋە سەئۇدى جەمەتىگە بايرام بولىدۇ .

3 . كەشمىر : كەشمىر خەلقى ھەل قىلالمىغان ئىشلارغا پاكىستاندىكى قوراللىقلار قول تىقسا ، ھىندىستان بىلەن پاكىستان ئۇرۇشقا كىرىدۇ . خىتاي پاكىستاننىڭ بەدىلىگە ھىندىستاننى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىدۇ .
بۇلار ئارىسىدا يادرو ئۇرۇشى پارتلاپ قېلىشى مۇمكىن .

4 .  كورىيە يېرىم ئارىلى : كىم بودەكنىڭ چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرى ئۈچ دۆلەت ئىچىدىن بىرىنىڭ چىدىماي ئوق چىقىرىپ قېلىشى بىلەن شەرقىي ئاسىيانى قاپلىغان كەڭ كۆلەمدىكى ئۇرۇشنى پەيدا قىلىدۇ . خىتايلار 1950 - يىلدىكى تاكتىكىسىنى قايتا ئىشلىتىشى مۇمكىن . بۇ يەردىكى ئۇرۇشنىڭ ئاقىۋىتىنى مۆلچەرلەش قىيىن .

5 . جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى : بۇ جايدىكى ئۇرۇش پارتلاش ئېھتىماللىقى سەل تۆۋەنرەك . چۈنكى ئامېرىكا كېلەر يىلى سايلام بىلەن ئالدىراش . ئەمما خىتايلار مەجبۇر قىلسا بۇ ئۇرۇش پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيانى قاپلىغان كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشقا ئايلىنىپ كېتىشى مۇمكىن .

خۇلاسە قىلغاندا ، ئىسرائىلىيە بىلەن ئىران ئەقىللىق دۆلەت. ھەرگىزمۇ ئىككى ئورتاق مەنپەئەتلىك دۆلەت تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەرنى قويۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ئۇرۇشىنى قىلمايدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىراننىڭ يوقىلىشى ئوتتۇرا شەرقنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ ، ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ تېز بىرلىشىۋېلىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋېتىدۇ . شۇڭا چوڭ كۈچلەر بۇ ئۇرۇشقا توسالغۇ بولالايدۇ .

تۈركىيەمۇ يامان ئەمەس قۇۋ دۆلەت . ئالدىراپ ئۆزىنى پاتقاققا تاشلىمايدۇ . ئامېرىكا بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىش ئېھتىمالىمۇ تۆۋەن . چۈنكى ئۇنىڭ ھەيۋىسى ئامېرىكا بىلەن بىر سەپتە ناتو دۆلىتى بولغانلىقىدا . شۇڭا تۈركىيە تۇنجى بولۇپ دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىشى مەنتىقىگە ئۇيغۇن ئەمەس.

ئەمدى كېيىنكى ئۈچ ئورۇن بولغان « كەشمىر » ، « كورىيە يېرىم ئارىلى » ، « جەنۇبىي خىتاي دېڭىزى » غا كەلسەك، بۇ يەردىكى ئۇرۇشتىن قېچىپ قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس . چۈنكى ئۇزۇن مەزگىللىك زىددىيەت ياراشتۇرغىلى بولماس ھالغا كەلدى . باندىتلار بۇنى بىزدىن ياخشى بىلىدۇ . شۇڭا بۇ ئۇرۇشقا زورلىنىپ قېلىشتىن ئىلگىرى قوپىدا بار ئىمكانلار بىلەن خەلقىمىزنى ئاساس قىلغان ئەڭ چوڭ كېلەچەك دۈشمەنلىرىنى ھەر خىل باھانىلەر بىلەن يوق قىلىپ ، ئاندىن تەۋەككۈلچىلىك بىلەن كۆزى يەتمەيدىغان بىر مەيدان ۋاقىتسىز ئۇرۇشقا كىرمەكچى بولۇۋاتىدۇ .

شۇڭا ئۇخلاپ ياتماسلىق لازىم . باندىتلارنىڭ ئىچىدىن چۇۋۇلماسلىقى خەلقىمىزنىڭ تالاپىتىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ . شۇڭلاشقا ئەگەر تاسادىپىي ئۇرۇش باشلىنىپ قالسا ، ھەممە تەرەپتىن تەڭلا ھۇجۇم قىلىپ ، ئۇنى مىدىرلىيالماس ھالغا چۈشۈرۈپ قويۇش كېرەك . ئورۇسلار پۈتۈن يەر شارىنىڭ توكىنى توختىتىپ قويۇش تەجرىبىسىدە ئۇتۇق قازاندى . بىزدىن يەر شارىنىڭ ئەمەس ، باندىتلارنىڭ تورىنى توختاتقۇچىلىك بىرى چىقامدۇ !؟

ۋەتىنىمىزدىكى ئەڭ داڭقى مەشھۇر ۋە كۈچلۈك تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى بولغان خوتەن قاراقاش خەلقىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلار تىزىملىكى ئاشكارىلىنىپ ئۇدا 33 كۈنگىچە يۇرتداشلىرى ، ئۆلىمالىرى ، زىيالىلىرى ، ۋە باشقا جامائەت ئەرباپلىرى تۈگۈل ، ئۆزىنىڭ قېرىنداشلىرى ۋە ئاتا - ئانىلىرىغا ئىگە چىقىپ ئون مىڭ چاقىرىم يىراقلىقتىن باندىتلارنىڭ يولسىزلىقىغا چوقان كۆتۈرۈشكە جۈرئەت قىلالمىغان ، ئادەتتە پونى ئاسماندا ئاتىدىغان توخۇ يۈرەك ئىنسانلار كۆپ سانلىق بولغان مۇھاجىرەتتە يۇقىرىقى ئىشلاردا قانچىلىك ئورنىمىز بولماقچى ئىدى . دۇنيا ئەللىرى ھەر جەھەتتىن قوراللىنىش سالمىقىنى كۈچەيتتى . چۈنكى ئۇرۇش دېگەن قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان تەقدىرگە ئايلاندى . ئەسىر ھالقىغان ناھەق كېلىشىملەر پەقەت ئۇرۇش ئارقىلىقلا ئەمەلدىن قېلىشى مۇمكىن . ئۇخلايلى قېنى ، قاچانغىچە تاشپاقىدەك تۈگۈلۈپ ، توشقاندەك يۈز يىل ياشاپ قالالايدىكەنمىز !؟ كۆرۈپ باقايلى !

«قىممەت قارىشى» دېگەن نېمە؟

ئەركىن سىدىق

2018-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى

يېقىندا بىر قېرىندىشىمىز ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك (يۈز دەپتىرى) تېمىغا «شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ مۇھىم قىممەت قاراشلىرى قايسىلار؟» دېگەن سوئالنى تاشلىدى.  كېيىن باشقىلارنىڭ تەكلىپى بىلەن ھېلىقى سوئالنى «سىياسىي قىممەت قاراشلىرى» ۋە «ئىجتىمائىي قىممەت قاراشلىرى» دەپ ئىككىگە بۆلدى. مېنىڭچە بۇ سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئانچە ئاسان ئەمەس بولۇپ، ئۇنى ئوخشىمىغان كاتېگورىيەگە ئايرىغانغا قارىغاندا ئوخشىمىغان دەۋرگە ئايرىش ئىشنى بىر ئاز ئاسانلاشتۇرىدۇ.  مەن بۇ يازمامدا ئالدى بىلەن «قىممەت قارىشى» نىڭ نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ، ئاندىن ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى قايسى دەۋرلەرگە بۆلسە ئەڭ مۇۋاپىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىمەن. 

ئادەتتە «قىممەت قارىشى» ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان نەرسىلەر ناھايىتى كۆپ بولۇپ، پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئاساسلىقلىرى ئۈستىدە گەپ بولۇنغاندا ئۇلارنى «يادرولۇق قىممەت قارىشى» دەپ ئاتىسا مۇۋاپىق بولىدۇ.  ئادەتتە بىر ئادەم، بىر گۇرۇپپا ئادەم، بىر تەشكىلات، بىر خەلق ياكى بىر مىللەت، ھەمدە بىر دۆلەتنىڭ ئۆز ئالدىغا ئايرىم-ئايرىم يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى بار بولىدۇ. 

يادرولۇق قىممەت قارىشى دېگىنىمىز بىر ئادەم ياكى بىر تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي ئەقىدىلىرى ياكى يېتەكچى پرىنسىپلىرىدىن ئىبارەت.  بۇنداق يېتەكچى پرىنسىپلار كىشىلەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىنى كونترول قىلىدۇ، ھەمدە كىشىلەرگە نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.  يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى ھەر بىر شىركەتنىڭ توغرا يولدا مېڭىشىغا، ھەمدە بىر تەۋرەنمەس نىشاننى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق شىركەتنىڭ تۈپ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغىمۇ ياردەم قىلىدۇ.

قىممەت قارىشى ئۆز رولىنى ئەڭ كۈچلۈك دەرىجىدە جارى قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرى ئۆزىگە ھەمراھ ئىزدەۋاتقان قىز-يىگىتلەردە كۆرۈلىدۇ. يەنى، سىز بىر ياشتىن نېمە ئۈچۈن قارشى جىنسلىق يەنە بىر ياشقا كۆيۈپ قالغانلىقىنى سورىسىڭىز، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۇ يەنە بىر ياش بىلەن ئوخشاش قىممەت قارىشىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇ ياشنىڭ بۇنداق ۋاقىتلاردا كۆزدە تۇتقىنى ئۆز ئۆمرىنى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى يادرولۇق قىممەت قاراشلىرى ياكى ئىچكىي ئەقىدىلەردىن ئىبارەتتۇر.

كىشىلەردە بار بولغان ھايات ھەققىدىكى يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنىڭ مۇنداق مىساللىرى بار:

--ئاللاھقا بولغان ئەقىدە، ياكى بىر دىنىي ئىنستىتۇتقا تەۋە بولۇش ئىستىكى

--ئائىلىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش كۆز-قارىشى

--سەمىمىيلىك ئەڭ مۇھىم پرىنسىپ، ۋە باشقىلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى تىرىشىپ قولغا كەلتۈرىدىغان نەرسە، دېگەن كۆز-قاراش

--خىزمەت بىلەن تۇرمۇش ئوتتۇرىسىدا بىر ساغلام تەڭپۇڭلۇق بولۇشى كېرەك، دېگەن كۆز-قاراش

بالىلىرىنىڭ بىر ياخشى ھايات كەچۈرۈشى ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ قەلبىدە مۇشۇ خىلدىكى ئىجابىي يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىدۇ.

يادرولۇق قىممەت قارىشى داۋاملىق ئىجابىي بولۇۋەرمەيدۇ. بەزى كىشىلەرنىڭ شەخسىيەتچىلىكى ياكى پىخسىقلىقىمۇ يادرولۇق قىممەت قارىشى بولۇپ، ئۇلار باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىنى ئاشۇنداق سەلبىي قىممەت قارىشى بىلەن كونترول قىلماقچى بولىدۇ.

شىركەتلەرنىڭمۇ قىممەت قارىشى بار بولۇپ، ئۇ بەزىدە «نىشان باياناتى» (mission statement) دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن،

--مۇھىتنى بۇلغىماي ئىش ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن تۇرغۇزغان قائىدە-تۈزۈملەر

--يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەڭ ئېگىز سەۋىيىگە يېتىش ئۈچۈن تۇرغۇزۇلغان ۋەدە. ئالما شىركىتى ئەنە شۇنداق ۋەدىنى ساقلايدۇ.

--بارلىق ئىنسانلار ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ۋەدىسى. گۇگۇل شىركىتى ئەنە شۇنداق ۋەدىنى ساقلايدۇ.

--تەلەيسىزلەرگە ياردەم قىلىش ۋەدىسى. ئامېرىكىدىكى تومس ئاياق شىركىتى سېتىلغان بىر جۈپ ئاياغنىڭ مۇكاپىتى سۈپىتىدە باشقا بىر جۈپ ئاياغنى ھاجەتمەن كىشىلەرگە سوۋغا قىلىدۇ.

--كۈچلۈك جامائەت بەرپا قىلىش ۋەدىسى. مەسىلەن، شېل (Shell) نېفىت شىركىتىنىڭ باش شتابى ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا بولۇپ، ئۇ ئوقۇش سۈپىتىنى ياخشىلاش ئۈچۈن تېكساس ئۇنىۋېرسىتېتىغا نەچچە مىليون دوللار پۇلنى ئىئانە قىلىدۇ.

يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ تۈرلىرى ناھايىتىمۇ كۆپ بولۇپ، ئايرىم شەخسلەردە بار بولىدىغان قىممەت قاراشلىرىنىڭ تۆۋەندىكىدەك مىساللىرى بار:

--ئىشەنچىلىك بولۇش

--مەسئۇلىيەتچان بولۇش

--ساداقەتمەن بولۇش

--ئۆزىنى ئاتاش

--يېڭىلىققا قۇچاق ئاچىدىغان بولۇش

--ئىزچىل بولۇش

--سەمىمىي بولۇش

--ئۈنۈمدار بولۇش

--ئىجادكار بولۇش

--يۇمۇرلۇق بولۇش

--يۈكسەك قىزغىنلىققا ئىگە بولۇش

--تەۋەككۇل قىلىش روھىغا ئىگە بولۇش

--باشقىلارنى ئىلھاملاندۇرالايدىغان بولۇش

--ئىجابىي بولۇش

--ئۈمىدۋار بولۇش

--باشقىلارنى ھۆرمەتلەش

--بەدەننى ساغلام تۇتۇش

--جۈرئەتلىك بولۇش

--ئوقۇشقا قىزىقىدىغان بولۇش

--باشلىغان ئىشىدىن ۋاز كەچمەيدىغان بولۇش

--ۋەتەنپەرۋەر بولۇش

--باشقىلار ئۈچۈن خىزمەت قىلىش

--مۇھىتنى ئاسرايدىغان بولۇش

باشقىلارنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئۇلارنىڭ ئىش-ھەرىكىتىدىن بايقىۋالغىلى بولىدۇ. يەنى، باشقىلارنىڭ دېگىنى ھېساب ئەمەس، قىلغىنى ھېساب.

بەزى كىشىلەر ئۆزلىرى ئۈچۈن مەخسۇس يادرولۇق قىممەت قاراشلىرىنى تاللىمايدۇ ياكى تۇرغۇزمايدۇ.  ئۇلاردىكى قىممەت قاراشلىرى ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۆز ئەتىراپىدىكى جامائەت تەرىپىدىن ئۇلارنىڭ قەلبىدە يېتىلدۈرۈلگەن بولىدۇ.

ئامېرىكىلىقلارنىڭ يادرولۇق قىممەت قارىشى ھەققىدە بىر-بىرىدىن ئازراقتىن پەرقلىنىدىغان بايانلار مەۋجۇت بولۇپ، جەمئىيەتشۇناس روبىن ۋىللىيەمس (Robin Williams) ئامېرىكىدىكى ئاساسىي قىممەت قاراشلىرىنى مۇنداق خۇلاسىلەيدۇ: نەتىجە يارىتىش، ئۈنۈمدارلىق، ماددىي جەھەتتىكى راھەتچىلىك، مىللەتپەرۋەرلىك، باراۋەرلىك، ۋە ئىلىم-پەن ۋە تەپەككۇرنى دىنىي ئېتىقادتىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇش.  كۆپلىگەن ئامېرىكىلىقلار ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان، ۋە ئامېرىكىنىڭ تارىخىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان مۇنداق بىر قىسىم ئىدېئال ۋە قىممەت قاراشلىرىمۇ بار: ئەركىنلىك، ئىندىۋىدۇئاللىق، پراگماتىزم، خالىسانە ياردەم، ھەرىكەتچانلىق، ۋەتەنپەرۋەرلىك، ئالغا بېسىش، ۋە ئامېرىكا غايىسى ياكى ئامېرىكا چۈشى.  مەن ئامېرىكىلىقلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىنى ئايرىم بىر پارچە ماقالىدە تەپسىلىيرەك چۈشەندۈرۈشۈم مۇمكىن.

مېنىڭچە ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قارىشى ھەققىدە ئىزدىنىدىغانلار دەۋرنى كەم دېگەندە مۇنداق 4 كە بۆلۈپ، ئايرىم-ئايرىم قاراپ چىققىنى ياخشى:

(1) ئۇيغۇرلار ئوتتۇرا ئاسىيانى سورىغان دەۋر: 8-ئەسىردىن 14-ئەسىرگىچە

(2) ئۇيغۇرلار چېكىنگەن دەۋر: 14-ئەسىردىن 20-ئەسىرگىچە

(3) كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتىگە مۇستەملىكە بولغان دەۋر: 1949 - 2017-يىلىغىچە

(4) 2017-يىلىدىن باشلانغان دەۋر

مېنىڭچە چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار بۇنىڭدىن كېيىن قانداق ياشىشى كېرەكلىكى ھەققىدە يۇقىرىدىكى 1-دەۋردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قىممەت قاراشلىرىدىن ناھايىتى قىممەتلىك ئىدىيىلەرگە ئىگە بولالايدۇ. 4-دەۋر ئۈچۈن ئاساسەن چەت ئەلدىكى ئۇيغۇرلار كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ دەۋردىكى قىممەت قاراشلىرىنى تۆۋەندىكى 3 چوڭ گۇرۇپپىغا تەۋە كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرى ئاساسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا بولىدۇ: (1) داۋا سېپىدىكى خەلقئارا سىياسەت، خەلقئارا مۇناسىۋەت ۋە خەلقئارا قانۇن ئىلىملىرىدىن بىر ئاز خەۋىرى بار كىشىلەر.  (2) داۋا سېپىدىكى يۇقىرىدىكى ئىلىملەردىن ئانچە خەۋىرى يوق كىشىلەر. (3) دېموكراتىك ۋە تەرەققىي قىلغان غەرب ئەللىرىدە زادىلا ياشاپ باقمىغان، ھەمدە ئۇ ئەللەرنى ئاساسەن چۈشەنمەيدىغان دىنىي ئۆلىما ۋە دىنىي زىيالىيلار.  بۇ 3 گۇرۇپپىدىكى كىشىلەرنىڭ قىممەت قاراشلىرىدا ناھايىتى زور پەرقلەر بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر پاجىئەنى يوق قىلىش ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش جەھەتتىكى ئەمەلىي نەتىجىلەرنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ.  بەزىلىرى بولسا ئەمەلىي نەتىجىلەر بىلەن ئاساسەن ھېسابلاشماي، قۇرۇق شوئارنى «داۋا» ھېسابلايدۇ. يەنە بەزىلىرى بولسا ئۆزلىرىنىڭ نېمە ئىش قىلىۋاتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيدۇ.

مەزكۇر ماقالىنى بەك ئۇزۇن قىلىۋەتمەسلىك ئۈچۈن مەن قىممەت قارىشى ھەققىدە مۇشۇنچىلىكلا چۈشەنچە بېرىمەن. مەن مەزكۇر ماقالىنى ئوقۇغان ھەر بىر قېرىنداشلىرىمىزدىن «مېنىڭ ھازىرقى قىممەت قاراشلىرىم نېمە؟ مەن يېتەكلەۋاتقان كىشىلەرنىڭ ھازىرقى قىممەت قاراشلىرى نېمە؟ مەن يېتەكلەۋاتقان تەشكىلاتنىڭ ھازىرقى قىممەت قارىشى نېمە؟ ئۇ قىممەت قاراشلىرى مىللەتنىڭ نۆۋەتتىكى تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن خىزمەت قىلالامدۇ؟ قىلسا قانداق قىلىدۇ؟ قىلسا قانداق ئەمەلىي ئۈنۈمنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرەلەيدۇ؟» دەپ ئۆز-ئۆزىدىن سوراپ، بۇ مەسىلىلەر ھەققىدە بىر قېتىم چوڭقۇر ئويلىنىپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.  ئەركىن سىدىق

2019 - يىلى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئەر-ئايال قازاق شاھىتلار ئۆزلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا مۇسۇلمان مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىي زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ قېلىشىدا ئۆزلىرىنىڭ قازاق بولۇپ قالغانلىقىنىڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «بىزگە پاناھلىنىدىغان قازاقسىتان بولغىنى ئۈچۈن، بىز قازاق بولۇپ قالغىنىمىز ئۈچۈن خىتاينىڭ بۇ رەھىمسىز زۇلۇملىرىدىن قۇتۇلۇپ چىقالىدۇق، ئەمما ئەڭ ئېغىر زۇلۇم كۆرۈۋاتقان ئۇيغۇر قېرنداشلىرىمىزنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، بىز ھېچ بولمىسا ئۇلار ئۈچۈن سۆزلەيمىز» دېدى. ( ئەركىن ئاسىيا ).

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 30 - دېكابىر     دۈشەنبە
92






تارىختىكى بۈگۈن ( 29 ـ دېكابىر) :

1808 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ 17 ـ نۆۋەتلىك رەئىس جۇمھۇرى جونسۇن تۇغۇلغان.

1809 - يىلى بۈيۈك بېرىتانىيە مۇستەملىكە ۋەزىرى ۋە مۇسۇلمانلارغا ئەشەددىي دۈشمەن ۋىليام گلادىستون تۇغۇلغان . ئۇ ئۆمرىدە تۆت قېتىم باش ۋەزىر بولغان . 1868 - يىلدىن 1874 - يىلغىچە تۇنجى قېتىم ، 1880 - يىلدىن 1885 - يىلغىچە 2 - قېتىم ، 1886 - يىلى 1 - فېۋرال 20 - ئىيۇلغىچە 3 - قېتىم ، 1892 - يىلدىن 1894 - يىلغىچە ئاخىرقى قېتىم باش ۋەزىر بولغان . ئۇ بىر قېتىملىق قۇرۇلتايدا قۇرئاننى بىر قولىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ :« بۇ قۇرئانلا بولىدىكەن بېرىتانىيە شەرققە ئەبەدىي ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ . شۇڭا يا بۇ قۇرئاننى يوقىتايلى ، يا ئۇلارنى قۇرئان ئوقۇيدىغان ، ئەمما مەنىسىنى چۈشەنمەيدىغان ھالغا كەلتۈرەيلى !» دېگەن ئىكەن . باندىتلار بۇنى ئاشۇرۇپ ئورۇندىدى .
ئۇ 1898 - يىلى 19 - ماي ئۆلگەن .

1930 ـ يىلى مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئىقبال  ئاللاھ ئاباد شەھىرىدە
« داھىيانە نۇتۇق» سۆزلەپ،ئاممىغا ئىككى دۆلەت نەزەرىيىسى ۋە
پاكىستان دۆلىتىنى قۇرۇش توغرىسىدىكى جانلىق لايىھەلىرىنى تەقدىم  قىلىدۇ.( دەرۋەقە بۇ پىكىر بويىچە 1947 ـ يىلى پاكىستان ناملىق بىر دۆلەت قۇرۇلىدۇ. مۇھەممەد ئىقبال ھازىرمۇ پاكىستاننىڭ دۆلەت ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ).

1940 ـ يىلى گېرمانىيە ئايروپىلانلىرى لوندونغا كۆيدۈرگۈچ بومبا تاشلاپ،ئوت ئاپىتى پەيدا قىلىدۇ. نەتىجىدە پارلامېنت بىناسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئۆيلەر كۆيۈپ كېتىپ، 3600 دىن كۆپرەك ئەنگلىيىلىك ئۆلۈپ كېتىدۇ.

1993  ـ يىلى قاھىرەدە ئېچىلغان ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن سۆھبەت يىغىنى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان.

1997 - يىلى خوڭكوڭ 1 مىليون 250 مىڭ توخۇنى ئۆلتۈرۈپ، قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىنى چەكلىگەن .

1998 - يىلى كامبودژا قىزىل كېخمىر ئاتامانلىرى ئاۋامدىن يەتمىشىنچى يىللاردا قىرغىن قىلغان بىر مىليوندەك خەلق ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىغان . ( سىياسەت مۇشۇنداق رەزىل نەرسە . بىز يەنە داۋاملىق يۇمشاقباشلىق قىلساق تېخى ئالدىنىدىغان كۈنلەر ئالدىمىزدا ).

2016 - يىلى رۇسىيە بىلەن تۈركىيە بىرلىشىپ سۈرىيەدە ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان . ئۇنىڭدىن بۇرۇن 2015 - يىلى 24 - نويابىر تۈركىيە رۇس ئايروپىلانىنى ئېتىپ يەرگە چۈشۈرۈۋەتكەن . 2016 - يىلى 15 - ئىيۇل تۈركىيەدە ئەمەلگە ئاشمىغان ھەربىي ئۆزگىرىش بولغان.
24 - ئاۋغۇست تۈركىيە « فىرات قالقىنى » نامىدا ھەربىي ھەرىكەت قوزغاپ، سۈرىيەگە كىرگەن . 19 - دېكابىر رۇسىيە باش ئەلچىسى ئەنقەرەدە تۈرك ساقچى قولىدا ئېتىۋېتىلگەن.ئەمما ئىككى دۆلەت تېخىمۇ يېقىنلىشىپ كەتكەن . نەتىجىدە ئون كۈن كېيىنلا شۇ قارارنى چىقارغان .

2018/12/29 ـ دېكابىر

2019 - يىلى 28-دېكابىر (شەنبە) خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرى تۇيۇقسىز خەۋەر بېرىپ، خىتاي مىقياسىدا «يىغىۋېلىپ تەربىيەلەشكە دائىر قانۇن-بەلگىلىمە ۋە تۈزۈملەرنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارار» نىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا ماقۇللۇقتىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكادىكى مۇستەقىل كۆزەتكۈچى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى 29-دېكابىر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلدى. ئۇ ۋىدېيولۇق باياناتىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىكار قىلغىنى ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر دىيارىدىكى مىليونلىغان بىگۇناھ ئۇيغۇرلار قامالغان يىغىۋېلىش لاگېرلىرى بولماستىن، بەلكى خىتاي مىقياسىدىكى «تېنىنى سېتىش ياكى پاھىشىۋازلىق بىلەن شۇغۇللانغانلارنى يىغىۋېلىپ تەربىيىلەش» ئورۇنلىرىنى بىكار قىلىش ھەققىدىكى قارار ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتتى.

2019 - يىلى ياپونىيەلىك داڭلىق پىئانىنوچى كىتاگاۋا ئۇتامارو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پاجىئەنى بېشىدىن كەچۈرۈۋاتقان خەلقىمىزگە كۆڭلىنى ئىزھار قىلىش ئۈچۈن ۋەتەن مارشىنى ئورۇنلاپ بەردى . ئورتاق تۇيغۇ دېگەن مانا مۇشۇ ! ياپون چالسىمۇ ئۇيغۇرچە چالسا ، شۇنداق كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ . ھازىر بىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلارنى ، شۇنداقلا دۈشمىنىمىز بىلەن بىر سەپتە تۇرغانلارنى ئەبەدىي ئۇنۇتماسلىق لازىم !

2019 - يىلى ئىراقتىكى ئامېرىكا بازىسى شىئە قوراللىقلىرىنىڭ راكېتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ بىر ئوفېتسىر قازا قىلغاندىن كېيىن ئاخشام كەچ ئىراق ۋە سۈرىيەدە ئۇلارنىڭ نىشانلىرىغا زەربە بەرگەن . بۈگۈن باندىتلار بايانات ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنى ئىراق ۋە سۈرىيەنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان . ئوتتۇرا شەرقتە باندىتلارغا قارشى كەيپىيات كۆتۈرۈلۈشى بىلەنلا باندىتلارمۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى قورچاقلىرىنى مۇشۇنداق يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن قوللاش سالمىقىنى كۈچەيتىپ ، ئوبرازىنى ياخشىلاش كويىدا بولماقتا .

بىز چوقۇم بىلمىسەك بولمايدىغان بەش تىل :

 1 . ئۇيغۇر تىلى: ئانا تىلنىڭ مۇھىملىقىنى دىمىسەكمۇ بىلىمىز،  ئۆزلىكىمىزنى، ئۇيغۇرلىقىمىزنى،مەدەنىيىتىمىزنى، تارىخىمىزنى، كىملىلىمىزنى ۋە كەلگۇسى ئەۋلادلارنى ئۇيغۇر قىلىپ تەربىيلەشتە چوقۇم كۈچىمىسەك بولمايدىغان تىلدۇر، ئانا تىلىمىز جان تىلىمىزدۇر.
 
 2 . ئىنگلىز تىلى: دۇنيا تىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەڭ يېڭى خەۋەر، ئۇچۇر،تىخنىكا ئىنگىلىز تىلىدا ئېلان قىلىنىدۇ، شۇڭا دۇنيانى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنگىلىز تىلىنى چوقۇم بىلىشىمىز لازىم.

3 . سىز تۇرۇۋاتقان دۆلەتنىڭ تىلى: سىزنىڭ كۈندىلىك ئوقۇش،خىزمەت شۇ دۆلەتتە نورمال ياشاش ئۈچۈن چوقۇم بولمىسا بولمايدىغان تىلدۇر.

4 . ئەرەپ تىلى: دىنىمىزنى ئۆگىنىش ۋە ئىتىقادلىق مۆمىن بولۇشنىڭ ئاساسى، دىنىمىزنى مۇستەھكەملەشنىڭ ئۇلتىشى، ھاياتىمىزنىڭ مايىكى بولغان دىنىمىزنى چۈشىنىشنىڭ پەللىسىدۇر.

5 . خىتاي تىلى: دۇشمەننىڭ تىلىنى بىلىشىمىز، دۇشمەننى چۈشىنىمىزنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمىدۇر. دەۋا يولىمىزدا كىيىنكى قەدەمنى قانداق بىسىشىمىزنىڭ يول كۆرسەتكۈچىدۇر.

ئۇيغۇر بولۇش ئاسان ئەمەس، ئىشنى تىل ئۆگىنىشتىن باشلاش لازىم.

(ئۇيغۇرجان)

ئەمىر تۆمۈردىن نەسىھەت «خىتاي سىياسىتى»

ئەمىر تۆمۈر ( تۆمۈرلەڭ - يەنى ئاقساق تۆمۈر )دىن كېلەچەك ئۇيغۇر رەھبىرىگە سىياسىي ۋەسىيەت ۋە نەسىھەت :
« تەجرىبىلىرىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھاكىمىيەت نە دىن نە قانۇنغا تايانسا بولمايدۇ . ھاكىمىيەت ھېچبىر ۋاقىت دىن ۋە قانۇنغا تايىنىپ ئۇزاق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ . ئەگەر  سەن ئەركىنلىكىم ۋە سەلتەنەتىم قولۇمدىن كەتمىسۇن دېسەڭ ، قىلىچىڭنى بېلىڭدە چىڭ ساقلا ! » . تولىمۇ ئەپسۇس تېمۇرلەڭنىڭ ۋەسىيىتىگە پەقەت ئورۇسلار ئەمەل قىۋېتىپتۇ .
سۈرەتتە : رۇسىيە ئېتنوگرافىيە ئالىمى مىخائىل گىراسىموف تۆمۈرلەڭنىڭ باش سۆڭىكىگە ئاساسەن ياساپ چىققان تۆمۈرلەڭ پورترېتى .

بۈگۈنكى ھېكمەت :

كومىنىست پارتىيە بىلەن ھەمنەپەس بولغانلارنىڭ ئاقىۋىتى دائىم نۇر بەكرى بىلەن ئوخشاش بولۇپ كەلگەن بولۇپ، كومىنىست پارتىيە ئۈچۈن ئىشلەپ قولىنى ئۆز خەلقىنىڭ قېنى بىلەن بويىغانلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتكە دۇچار بولغان.
ئۇيغۇرلارنى سېتىپ خىتاي ئۈچۈن ئىشلەۋاتقان خائىنلارنىڭ نۇر بەكرىنىڭ ئاقىۋىتىنى ئويلاپ قويىشنى تەۋسىيە قىلىمىز! ئۆزى خەلقىنى ساتقان كىشىگە ئىشلەتكىچىمۇ ئىشەنمەيدۇ.

قوشۇمچە : يۇرتىنىڭ شەنىگە داغ چۈشۈرگەن توخۇ يۈرەكلەر ھەققىدە ئىككى كەلىمە :

قاراقاشتىن ئۇيغۇر ئىزدەيمىز

مۇھاجىرەتتىكى قاراقاشلىق قېرىنداشلىرىم. سىلەرنىڭ تۇققانلىرىڭلاردىن 561 كىشىنىڭ سىلەر سەۋەپلىك خىتاي زىندانلىرىدا يېتىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى. شۇ سىلەرنىڭ يۇرتداشلىرىڭلارنىڭ مەلۇماتىنى يەتكۈزگەن ئۇيغۇرمۇ جاننى ئالقانغا ئېلىپ چىقارغان ئىدى. مەزكۇر ئۇيغۇر « قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھالى خاراپ، بۇنى دەرھال مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارغا يەتكۈزۈپ قۇتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى قىلساڭلار› دېگەن ئىدى.
مەزكۇر ھۆججەتلەر قولىمىزغا چۈشكەن كۈندىن باشلاپ بىز ئۇنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا سۇندۇق. ئەڭ موھىمى بۇ ھۆججەتلەرنى مۇخپىرلارغا ئاشكارىلاش ئارقىلىق دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىشقا تىرىشىش ئىدى. ئۇنىمۇ قىلدۇق.
ھازىر س ن ن، ئەلجەزىرە ۋە ۋايىس قاتارلىق داڭلىق ئاخباراتلار قارىقاشتىن تۇتۇلغانلار ھەققىدە خەۋەر ئىشلەشكە تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ. ئەمما مۇشۇ كۈنگىچە مەن ئاخباراتقا چىقاي دېگەن ئۇيغۇر پەقەت بىر‌. يەنە بىر قېرىندىشىمىز پەقەت ئېلخەت ئارقىلىق كۆرۈشۈپ بېقىشقا قوشۇلدى. ئەلۋەتتە بۇنداق يوشۇرۇن گۇۋاھلىقنى ئىشلەتكىلى بولمايدۇ.
بىز 150 تۇتقۇن ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىسىم فامىلە ۋە ئادىرىسىنى چىقىرىپ قويدۇق. ھەتتا تۈركىيەدە تۇرۇپ تۇققانلىرىنىڭ تۇتۇلىشىغا سەۋەو بولغان ئۈچ كىشىنىڭ ئىسمىنى ئېلان قىلدۇق. ئەپسۇس بىر ئۇيغۇردىن باشقا قاراقاشلىق ئۇيغۇر چىقمىدى.
قاراقاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ داڭلىق ئالىم ئۆلىمالارى بار، بايلىرى بار. ھەتتا ئىستانبۇلدا دەرنەكلىرى بار. شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن سەۋەپلىك تۇتۇلغان تۇغقانلىرىمغا ئىگە بولاي دېگەن ئىككى ئادەم چىقمىسا نېمە دەيلى؟

گۇۋاھلىق بېرىڭ دېسە ئۆيدىن خەۋەر يوق دەيمىز، ئۆيدىكىلەرنىڭ تۇتۇلغان ئىسىملىكىنى تەييار قىلىپ بەرسە، قۇيرۇقىمىزنى ئىچىمىزگە تىقىپ جىم بولۇۋالىمىز. بۇ قانداق قىلىق؟ ئۇيغۇرلاردا ئائىلىسىنىڭ خەۋىرىنى ئالالىغان بىردىن بىر تەلەيلىك ئۇيغۇرلار سىلەر قاراقارشلىقلار، مەھەللسىنىڭ ئىسمىنى، ئاتا ئاناسىنىڭ ئۇچۇرىنى ئالالىغانلار سىلەر قاراقاشلىقلار، ئۇيغۇرلارغا ئىسلام ئۆگەتكەن، ئىسلامغا قارشى چىققانلارغا قارشى چىققان، زالىمغا رەددىيە بەرگەنلەر سىلەر قاراقاشلىقلار، تارىختا خوتەندە دۆلەت قۇرغان، ھازىر ‍ئىستانبۇلدا دەرنەك قۇرۇپ مىللەتكە دىندىن تەلىم بەرگەن، دىنىمىزنى ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن مال بەرگەن، جان بەرگەن سىلەر قاراقاشلىقلار، ئەمدى بىر شاھىتلىق بېرىشكە نېمىشقا شۇنچە پاسسىپ بولۇپ قالدىڭلار؟
ئابدۇۋەلى ئايۇپ  2019 - 28 - دېكابىر .

قاراقاشلىقلارغا مۇراجەت (2)

قاراقاشلىق ئۇيغۇر تۇتقۇنلارغا ئائىت ھۆججەتلەر ئاشكارىلاندى. بۇ ھۆججەتلەر ۋە 25-نۇيابىر ئېلان قىلىنغان مەخپىي ھۆججەتلەرگە گۇۋاھچى ئىزدەش جەريانىدا بىزنىڭ ۋە ئايالىمنىڭ تۇغقانلىرىدىن 14 كىشى تۇتقۇن قىلىندى.
قولۇمىزدىكى قارىقاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ تۇتۇلغان ئورنى، سانى ۋە تۇتۇلۇش ۋاقتى ھەققىدىكى ھۆججەتلەر. بۇ ھۆججەتلەردىكى تۇتقۇنلار ۋەتەن سىرتىدىن ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ قايتىپ كەلمىگەنلىكى سەۋەبلىك لاگىرلاردا ياتماقتا.
بۇ ھۆججەتلەر  ۋەتەندىكى ئۇيغۇرنىڭ جېنى بەدىلىگە چىققىنى ئۈچۈن بىز كۈندە تۇتقۇنلارنىڭ چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق شاھىتلىرىنى ئىزدەۋاتىمىز. ئەمما بۈگۈنگە قەدەر بىر ئۇيغۇر خانىم تۇتۇلغان ئىككى ئاكىسى ۋە بىر ئېنىسى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا چىقتى. قالغان مىڭغا يېقىن قارىقاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋە تونۇشلىرى سۈكۈتتە.
مەن قارىقاشلىق ئۇيغۇرلارنىڭ سۈكۈتتە تۇرۇشنى ئۆزۈمنىڭ سەۋەبىدىن دەپمۇ قاراپ قالدىم. چۈنكى مەن بۇرۇن قاراقاشلىق ئۆلىمالار بىلەن مۇنازىرىلىشىپ قالغان، قاراقاشلىق جەمئىيەت رەھبەرلىرىگە پەرقلىق قاراشلىرىمنى دەپ تاشلىغان. بۇنىڭ ئۈچۈن قارىقاشلىق جامائەت ئەرباپلىرى ۋە ئۇستازلاردىن كەچۈرۈم سورايمەن.  ئۇلارنىڭ خىزمەتلەردە قىلىۋاتقان پىدايىلىقلىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.
قاراقاشلىق قېرىنداشلىرىم، ئەگەر ئۇرۇق تۇققانلارغا، زالىمغا، زۇلۇمغا، خورلۇققا ۋە كۆزىمىزگە كۆرۈنىپ تۇرغان يۈرەك باغرىلىرىمىزنىڭ ھالاكىتىگە سۈكۈت قىلىشىڭلارغا مەن سەۋەپكار بولغان بولسام، مېنى كەچۈرۈڭلار. ئەگەر سىلەر قېرىنداشلىرىڭلارغا گۇۋاھلىق توپلاشتا مېنى نالايىق دەپ قارىساڭلار ئۆز يۇرتلۇقۇڭلار ئىچىدىكى بىر ياكى بىر قانچە كىشىنى ماڭا ھاۋالە قىلىڭلار. مەن ھۆججەتلەرنى سىلەرگە ئۆتكۈزۈپ بېرەي، شاھىتلارنى سىلەر ئۆزۈڭلار تېپىپ، داۋاسىنى ئۆزۈڭلار قىلىڭلار. ئەگەر سىلەر بۇ جەرياندا بۇ داۋانى قىلساق تۆھپە كىمنىڭ بولار دەپ ئويلاپ قالغان بولساڭلار، مۇشۇ ئىشنى مېنىڭ قولۇمدىن تاپشۇرۇپ ئالغان كىشى، ئورگان ياكى تەشكىلاتلار شۇ تۆھپىنىڭ ئىككى دۇنيالىق ئىگىسىدۇر. مەن پەقەت شۇ تۇتقۇن قېرىنداشلىرىمىزنىڭ دەۋاسى قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنى قۇتقۇزۇشتا بىر سەۋەبنىڭ قىلىنىۋاتقانلىقىنى تاراتقۇلاردىن كۆرۈپ تۇرساملا بولدى.
دەپ سىلەرنىڭ قاراقاشلىق بولمىغان قېرىندىشىڭلار ئابدۇۋەلى ئايۇپ.
2019-يىلى 29- دېكابىر.  يەكشەنبە

« يولۋاس ئۆلتۈرگەن ئەردىن كىر يۇيۇۋاتقان ئەرگىچە ...»

1216 - يىلى كۈچلۈكنى مۇنازىرىدە يېڭىپ مات قىلىپ ، ھەقىقەت يولىدا 3000 مىڭ ئۆلىما بىلەن قىرىلىپ كەتكەن ئۆلىما ئالائىددىن مۇھەممەد قاتارلىق تىز پۈكمەس ئالىملار چىققان ، 1689 - يىلى ئافاق خوجىنىڭ « بىر پۇلنى ئىككى پۇل » دەپ ئوبورۇت قىلىش بۇيرۇقىغا قارشى چىقىپ « بىرنى بىر دەيمىز » دەپ چىڭ تۇرۇپ ، غالدان ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قىرىپ تاشلانغان ھەققانىيەتچى ئوغلانلار چىققان ، سېۋان ئاراپتانغا قارشى كۈرەشچىلەر چىققان ، مانجۇرلارنى ئاغدۇرۇپ 1864 - يىلى خوتەن ئىسلام شاھلىقىنى قۇرغان ھەبىبۇللا مۇپتى ھاجى ۋە ئوغلى ئابدۇراھمان پاشا چىققان ، 1933 - يىلى قۇرۇلغان خوتەن ئىسلام ھاكىمىيىتىنى قۇرۇپ چىققان ھەزرەتلەر چىققان ، ئۇندىن باشقا ئىزچىل ھەققانىيەتچى يولباشچىلىرى چىقىپ تۇرغان « شەھىدانە خوتەننىڭ يۈرىكى دەپ ئاتالغان قاراقاش » خەلقى قىزىل قىيامەت ئىچىدە ھەر كۈنى ئۆلۈۋاتسا ، مۇھاجىرەتتىكى توخۇ يۈرەك قاراقاشلىقلاردىن ئاران بىر ئايال كىشىلا مەيدانغا چىقىپتۇ .
بۇمۇ تارىخقا يېزىلغۇدەك رەسۋالىق ۋە شەرمەندىلىك ! ئالىملىرىڭغا ئىگە چىقمىغىن ماقۇل ، مەسچىتلىرىڭگە ئىگە چىقمىغىن ماقۇل ، بايلىرىڭغا ۋە ھۈنەرۋەن - كاسىپلارغا ئىگە چىقمىغىن ماقۇل ، ئۆزۈڭنىڭ قەدىرلىك ئاتا - ئانىسى، ئۇرۇق - تۇققانلىرى ، خۇلۇم - خوشنىلىرىغا گۇۋاھلىق بېرىشكىمۇ يارىمىغان توخۇ يۈرەك ئىنسانلارنىڭ قولىدىن قانداقمۇ چوڭ ئىشلار كەلسۇن !!؟؟؟؟
بۇندىن كېيىن يۇرتىنىڭ يۈزىنى تۆككەن ، تۈگۈلۈۋالغان ۋە گاچا بولۇۋالغان تۇرۇپ ، يەنە يۈزى قېلىنلىق بىلەن پو ئېتىپ يۈرگەن قاراقاشلىقلاردىن مەن ئادا - جۇدا ! شەھىدانە خوتەننىڭ يۈزىگە ھاقارەت تامغىسى باسقانلارنى تارىخ خاتىرىلەپ قويىدۇ . كەلگۈسىدە ھەر بىر يېزا - بازارغا شۇ يەرنىڭ توخۇ يۈرەكلىرىنىڭ ھەيكىلى تىكلىنىشى ، كېلەچەك نەسىللەر ئۇلارغا لەنەت ئوقۇپ مېڭىشى ( خۇددى ئىمام ئاسىم دېگەن يەردىكى سەنسېۋىل ۋە چوختى رېشىت ئاكا - ئۇكىلارنىڭ جەسىتىنى سازايە قىلغاندەك ) مۇمكىن .
بىزگە يېتىپ كەلگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا نۆۋەتتە چەتئەلدە 100 خوتەنلىك بولسا ، ئۇنىڭ 88 ئى قاراقاشلىق ئىمىش ! ئەگەر بۇ گەپ راس بولسا ، ئۇنداقتا بىز جىددىي ھالدا ئۆزىمىزنى قايتا ياساپ چىقماي ، بۇنداق توخۇ يۈرەك بايقۇشلارنىڭ سانىغا ئالدىنىپ ئولتۇرۇپ قالساق ، ھەقىقىي  دوغا يارايدىغان يىگىتتىن بىرنىمۇ تاپقىلى بولمىغۇدەك !
يەنە ئاساسىي مەقسەتنى قەستەن بۇرمىلاپ ، «يۇرتىۋازلىق قىلدى» دەيدىغان كالۋالار چىقىپ قالسا ، ئۇنداقتا ئۇلار پۈتۈنلەي تۈگىشىپتۇ دېگەن گەپ ! « ھەق گەپ ئاچچىق بولىدۇ ! »
« دوست يىغلىتىپ ئېيتار ، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ! » .
قاراقاشلىق ئۆلىما ، زىيالىي ۋە جامائەت ئەرباپلىرى ، بۇ مەسىلىنى ئۆزۈڭلار ۋاختىدا لايىقىدا بىر تەرەپ قىلاسىلەر !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 29 - دېكابىر  يەكشەنبە
93




تارىختىكى بۈگۈن ( 28 ـ دېكابىر ) :

627 ـ يىلى ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام،جەسۇر سەركەردىسى ۋە ئاسراندى ئوغلى ھەزرىتى زەيدنى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى(ئىراق كارۋان يولى) يول توسار قاراقچىلارنى تازىلاش ئۈچۈن سەر خىل قوشۇنغا قوماندان قىلىپ ئەۋەتكەن.

631 ـ يىلى دېكابىر ئېيىدا ( ھىجىرىيە 10ـ يىلى رامىزان ئېيى)ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز، ھەزرىتى جىبرىلغا قۇرئان كەرىمنى ئىككى قېتىم تولۇق ئوقۇپ بېرىپ،20كۈن ئېتىكاپتا ئولتۇرغان.( ئادەتتە ھەر يىلى رامىزاندا بىر قېتىم تىڭشىتىپ،10كۈن ئېتىكاپ قىلىدىغان پەيغەمبىرىمىز بۇ ئۆزگىرىشتىن ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلغان.
632 ـ يىلى 24 ـ فېۋرال پەيغەمبىرىمىز ھاياتىدىكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى ھەجىنى قىلىش ئۈچۈن مەدىنىدىن قوزغالغان. 9 ـ مارت جۈمە
«ۋىدالىشىش نۇتقى»نى سۆزلىگەن.دەل شۇ مىنۇتلاردا «نەسىر سۈرىسى»نازىل بولغان.
ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى بۇ سۈرىنىڭ مەزمۇنىغا قاراپلا،پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ،يىغلىۋەتكەن.
دەرۋەقە ئارىدىن سەكسەن نەچچە كۈن ئۆتۈپ،
تەخمىنەن 8 ـ ئىيۇن (دۈشەنبە) پەيغەمبىرىمىز ۋاپات بولغان.
إنا لله وإنا إليه راجعون !!!

999 ـ يىلى ئەمدىلا بۇخاراغا كىرگىنىگە ئىككى ئاي بولغان قاراخان سەركەردىسى ئەلى تېكىن  «تۇنجى غەربىي ئىلىكخان»بولۇپ،يېڭىچە تەرتىپ ئورنىتىشقا باشلىغان.(ئەلى تېكىن 999 ـ يىلى 24 ـ ئۆكتەبىر، قۇربان ھېيت كۈنى سامانىيلار(874/999) پايتەختى بۇخاراغا زەپەر قۇچۇپ كىرىپ،سامانىيلار پادىشاھى ئابدۇمەلىكنى قولغا ئېلىپ،بۇ خانلىقنى قاراخانىيلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلاندۇرغانىدى).

1836 - يىلى جەنۇبىي ئاۋسترالىيە ۋە ئادېيلايت تەسىس قىلىنغان .

1856 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ 28 ـ نۆۋەتلىك رەئىسى،1919ـ يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن ۋىلسون تۇغۇلغان.

1864 ـ يىلى قەشقەرگە كەلگىلى ئىككى ئاي بولاي دېگەن ياقۇپبەگ قەھرىتان قىشقا قارىماي،ئەسكەرلىرىنى كۆپەيتىپ ۋە ھەربىي مەشىق قىلدۇرۇپ،«يەكەن ئۇرۇشى»غا تەييارلىق قىلىشقا باشلىغان.

1877 ـ يىلى قەشقەر شەھىرىدىكى ھېيتگاھ مەيدانىدا قەشقەرىيە دۆلىتى(1866/1878)نىڭ غوللۇق شەخسلىرىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان.«قايغۇلۇق جۈمە» !!

1882 ـ يىلى ئېنگلىزلار مىسىر رەھبىرى ئەھمەد ئەرابىنى ساراندىپقا سۈرگۈن قىلغان.( ئەنگلىيە 1878 ـ يىلى سىپرۇسنى ئىگىلىگەندىن كېيىن ئوتتۇرا دېڭىزدا مىسىرغا مۇداخىلە قىلىشقا كىرىشكەن. 1868 ـ  يىلى سۇۋەيش قانىلى قېزىلىپ،ئوتتۇرا يەر دېڭىزى بىلەن قىزىل دېڭىز تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئەنگلىيە بۇنىڭ ئاساسلىق پايچېكىغا ئايلانغان بولۇپ، ھىندىستاندىكى ھاكىمىيىتىنى رۇسلارنىڭ تەھدىتىدىن قوغداش ئىشەنچىسى كۈچەيگەنىدى.چۈنكى رۇسلار شۇ ۋاقىتلاردا ئۇدا 3 قېتىم ھىندىستانغا يۈرۈش قىلىش توغرىلىق پىلان تۈزۈپ،مۇنازىرە قىلغانىدى.
ئەنگلىيە ياۋروپادىن زاپاس قوشۇن يۆتكەپ كېلەي دېسە،ئۈمۈد تۇمشۇقىدىن ئايلىنىپ كەلگىچە بىر يېرىم يىل كېتەتتى. بىراق سۇۋەيش قانىلى ئېچىلىپ،ئەنگلىيە سىپرۇس ۋە پالېرمۇ ئارقىلىق پەقەت ئۈچ ئايدىلا قوشۇن يۆتكەش سەۋىيىسىگە يەتتى.بۇ ئىستراتېگىيە ئۈچۈن مىسىر چوقۇم ئەنگلىيەگە بېقىنىشى كېرەك ئىدى.بۇنى بايقاپ قالغان ئوفېتسىر ئەھمەد ئەرابى ئىنقىلاپ قوزغاپ،يېڭى ئىچكى كابېنت تەشكىللەپ،ئىسكەندىرىيە ساھىللىرىغا زەمبىرەك سۇپىلىرىنى ياسىدى.بۇنى ئۆزىگە
قارىتىلغان دەپ چۈشەنگەن ئەنگلىيە تەھدىت سالدى.بىراق ئەرابى تېخىمۇ مۇداپىئەنى كۈچەيتتى.ئېنگلىزلار شۇ باھانىدە 1882 ـ يىلى مىسىرغا تاجاۋۇز قىلدى.نىھايەت مەغلۇپ بولغان ئەرابىنى ئېنگىلىزلار سۈرگۈن قىلدى).

1903 ـ يىلى قاھىرەدە ئىسلام مۇزىيى ئېچىلغان.

1911 ـ يىلى ئۈرۈمچىدە مانجۇ خانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭ پارتلىدى.(خىتتايلار 1911 ـ يىلى 10 ـ ئۆكتەبىر قورچاق مەنچىڭ خانلىقى (1644/1912)غا قارشى توپىلاڭ كۆتۈرگەندىن كېيىن،ھەرقايسى مۇستەملىكە جايلاردا تاجاۋۇزچىلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى.جۈملىدىن قۇمۇل ۋە تۇرپان ئۇيغۇرلىرى تۆمۈر خەلىپە ۋە مۇھىددىن خەلىپە قوماندانلىقىدا 1912 ـ يىلى يانۋاردا زالىم ھۆكۈمەتكە قارشى تۇغ كۆتۈرۈپ قوراللىق چىقىپ،غەلىبە قىلدى.).

1955 - يىلى خىتاي كىشىلىك ھوقۇقى ئاكتىپ پائالىيەتچىسى ليۇ شاۋبو تۇغۇلغان . ئۇ 2010 - يىلى نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بىراق خىتايلار ئۇنى 2017 - يىلى 13 - ئىيۇل تۈرمىدە ئۆلتۈرۈۋەتكەن .

1968 ـ يىلى ئىسرائىلىيە ئالاھىدە قىسمى لىۋان خەلقئارا ئايروپورتىغا ھۇجۇم قىلىپ،لىۋاننىڭ 13ئايروپىلانىنى ۋەيران قىلىۋەتكەن.بۇ قېتىملىق ھۇجۇم، پەلەستىنلىك ئىككى پارتىزاننىڭ ئافېنا ئايروپورتىدا بىر ئىسرائىلىيە ئايروپىلانىغا ھۇجۇم قىلغانلىقىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن قىلىنغان ھۇجۇم دەپ قارالغان.

1999 - يىلى سابىر مۇراد نىيازوف سايلامدا تۈركمەنىستان ئۆمۈرلۈك رەھبىرى بولۇپ تەيىنلەنگەن .

2002 ـ يىلى مىسىر پادىشاھى پەرۇقنىڭ ئەتىۋارلىق قىزى،مەلىكە فادىيە ۋاپات بولغان.

2004 ـ بازا تەشكىلاتى كاتتىۋېشى بىن لادىن سىنئالغۇ لېنتىسى ئېلان قىلىپ،ئىراق سايلىمىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرغان.

2007 ـ يىلى نېپال پارلامېنتى پادىشاھلىق تۈزۈمنى بىكار قىلىپ،دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت تۈزۈمنى جاكارلىغان.

2013 - يىلى خىتاي بىر پەرزەنتلىك سىياسەتنى بوشاشتۇرۇپ، ئىككى بالىغا رۇخسەت قىلغان . ( تولىمۇ ئەپسۇس ، بۇ ئاتالمىش خۇش خەۋەر ۋەتىنىمىزدە تەتبىقلانماي تۇرۇپلا كەڭ كۆلەمدە ۋەتەندە بار بولغان يىگىتلەر
يوقىلاڭ باھانىلەر بىلەن كوللىكتىپ تۇتقۇن قىلىنىشقا باشلىغان .

2016 ـ يىلى 28 ـ دېكابىر چۈشتىن كېيىن ، ۋەتىنىمىزنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىق خوتەن/ قاراقاشتا 3يىگىت ماشىنا بىلەن ئاتالمىش ناھىيىلىك ھۆكۈمەتكە بۆسۈپ كىرىپ،3ساقچىنى پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈپ،ماشىنىنى پارتلاتقان. ئاڭغىچە ئۇلار تېزدىن يېتىپ كەلگەن قوراللىق ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن( بۇ ۋەقەدىن پەقەت 3 كۈن كېيىن تۈركىيەدە« رېنا ۋەقەسى»بولۇپ، مىللىتىمىز كۆڭۈل قويۇپ ئالدىن پىلانلانغان زور سۇيقەستلەرنىڭ قۇربانى بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتاتتى. بۇلارغا 2017 ـ يىلدىكى 14 ـ فېۋرال «گۇما پىچاقلاش ۋەقەسى»،1 ـ مارتتىكى «ئۇيغۇر زۇۋان دائىشلارنىڭ خىتايدا چاڭجياڭ دەرياسىدەك قان ئاققۇزۇش تەھدىتى»،2 ـ مارتتىكى « تىمساھنىڭ كۆز يېشى»،10ـ مارتتىكى 5مىڭ كىلومېترلىق سەددىچىن سېپىلى قۇرۇش چاقىرىقى، ھاپىلا ـ شاپىلا ساختا ئاۋازغا قويۇلۇپ،شۇ ھامان ماقۇللانغان«ئەسەبىيلىككە ۋە تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»،2017 ـ يىلى 1 ـ ئاپرىلدىن باشلانغان«قىزىل قىيامەت» تا ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا !!!«دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تېررورچى ۋە ئەسەبىي دۈشمەن،پەرشتە كەبى مەسۇم/قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ يوق ئالىيجاناپ مىللىتىمىزنى ئەسەبىي ۋە تېررورچى دەپ جازالىماقتا» !!!).

ھەي قانلىق 28 ـ دېكابىر !  ئەسلا ئۇنۇتما !!!

سايرام ئوغلانى

2018/12/28 ـ دېكابىر     غېرىپ كەپەمدە

2019 - يىلى ئىران ئىقتىساد ۋازارىتى : « خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى بالىلار ئويۇنچۇقلىرىنى سېتىپ تاپقان پۇلىلا ئىراننىڭ بىر يىللىق نېفىت ئېكىسپورت قىممىتىدىن ئېشىپ كەتتى . ئامېرىكا نېفىتنى چەكلىگەن ئىكەن ، بىزمۇ شۇنداق ئويۇنچۇقلارنى كۆپلەپ ياساپ پۇل تاپايلى ! » دېگەن . دېمەك چەتئەلدە خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلىش ئۇتۇقلۇق بولسا پات ئارىدا پۈتۈن دۇنيا ۋە خەلقىمىز كوممۇنىزىم بالاسىدىن قۇتۇلىدۇ .

2019 - يىلى ھازىرچە 144 مىليون بىلەن 134 مىليون ئارىسىدا دەپ مۆلچەرلىنىۋاتقان رۇسىيە نوپۇسى تۇنجى قېتىم مۇسبەت كۆپىيىشكە باشلىغان . بۇندىن بۇرۇن رۇسىيە نوپۇسى 150 مىليوندىن ئازلاپ 130 مىليونغا چۈشۈپ قالاي دېگەنىدى . 2036 - يىلى 150 مىليوندىن ئېشىپ كېتىشى كۈتۈلمەكتە . ئەمما ھازىرچە پارتلاش خاراكتېرلىق نوپۇس كۆپىيىش يەنىلا كاۋكازدىكى مۇسۇلمان رايونلىرىدا بولماقتا .

2019 - يىلى روھىنگىيا مەسىلىسى ۋە كۆچمەنلىرى ئۈچۈن بۈگۈن شەنبە ئېچىلغان ب د ت يىغىنىدا 134 ھەققانىيەتچى دۆلەتنىڭ قوللىشى ، 9 مۇستەبىت دۆلەتنىڭ قارشى تۇرۇشى ۋە 28 مەيدانسىز دۆلەتنىڭ ۋاز كېچىشى بىلەن بېرما ھۆكۈمىتىگە چەك قويۇپ ، مەزلۇم ئاراكان خەلقىگە قولايلىق يارىتىدىغان قانۇن لايىھىسى مۇتلەق كۆپ ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى .

2019 - يىلى تۈنۈگۈن جۈمە كەچ باندىت ھەفتەر پايتەخت تىرىپولىغا 300 مېتىر قالغۇچە قىستاپ كەلگەچكە ، تۈركىيە كېچىكىپ قالماسلىق ئۈچۈن 8 - يانۋاردىكى پارلامېنت تەستىق ئىشىنى بۈگۈن  2 - يانۋارغا سۈرگەن . بۇ ئىش رۇسىيەنى بىئارام قىلماقتا .

تۈركىيەنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن جۈمە كەچ ئىتالىيە ، گېرمانىيە ، ئەنگلىيە ۋە باندىت ھەفتەرنى ئوچۇق قوللاۋاتقان فرانسىيە قاتارلىق تۆت دۆلەت تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىرى 7 - يانۋار لىۋىيە پايتەختى تىرىپولىدا زىيارەتتە بولماقچى بولغان .

2019 - يىلى 28 - دېكابىر ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋازارىتى يالغانچى خىتاينى قايتا رەسۋا قىلدى ۋە ئەيىپلىدى :
ئەردوغانمۇ بىكارغا دېمەيدۇ « ئامېرىكىنىڭ پېشىنى چىڭ تۇتۇڭلار ! » دەپ ، نۆۋەتتىكى پۇلغا ۋىجداننى ۋە ئىماننى ساتىدىغان دەۋردە پەقەت پۇلغا تويۇنغان، باندىتلارنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقمايدىغان ئامېرىكىلا خەلقىمىزنىڭ قىرىلىپ كېتىش سۈرئىتىنى ئاستىلىتالايدۇ ، بەلكى بىزمۇ قىلىشقا تېگىشلىكىنى قىلالىساق توختىتالايدۇ . مانا بۈگۈن يەنە تاشقى ئىشلار ۋازارىتىدىن ( پولاتبەگ ) دىن يەنە سادا چىقتى . « خىتاي كومپارتىيىسى شىنجياڭدا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قىلمايۋاتىدۇ ، بەلكى خوجايىن خەلقنىڭ دىنىي - ئېتىقادى ۋە مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ » .
دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇرلار ، بولۇپمۇ ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە شەخسلەر تولا قەستەن پىتنە - پاسات پەيدا قىلىدىغان ، دىققەتنى بۇرايدىغان ۋە ھالقىلىق پەيتلەردە ئاقماس گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەت ۋە زەھەرلىك شوئارلارنى ئوتتۇرىغا تاشلىماي ، ئامېرىكىنىڭ
 « خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ ! » دېگەن ھەقىقىي لىللا باياناتنى ئېلان قىلىشى ئۈچۈن كۈچ چىقىرايلى ! بىزنىڭ ھۇرۇنلىقىمىزغا ئامېرىكا ھېلىمۇ شۇنچىلىك بايانات بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ . ئەگەر يەنىلا رېئاللىقتىن قېچىپ ، ئۆزىنىڭ يارىماسلىقىنى يوشۇرۇپ، ئادەمنى چالىدىغان ئىشلار تەكرار سادىر بولسا ئۇنداقلارنىڭ ساداقىتىدىن گۇمانلىنىش خەلقىمىزنىڭ ھەققى . شۇڭا دۈشمەن مۇداپىئەگە ئۆتسە ھاياجانلىنىپ بوشاپ كەتمەي ، تېخىمۇ شىددەتلىك ھۇجۇمغا ئۆتۈش كېرەك !

يالغان سۈرەت بىلەن تەشۋىق قىلىشنىڭ زىيىنى:

ئۆز ئوبرازىمىزنى قانداق قىلىپ توغرا نامايەن قىلىش ۋە قوغداش كىملىكىمىزنى قوغداشتىكى بەك مۇھىم بىر نۇقتا. ھالبۇكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئوبرازىنى خۇنۈكلەشتۈرۈش ئۈچۈن قولىدىن كەلگەننى قىلماقتا.
يالغان رەسىملەرنى چەكلەش ھەققىدە گەرچە 2014 - يىلىلا چاقىرىق قىلىنغان بولسىمۇ ، ئارىدىن بەش يىل ئۆتۈپمۇ بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى سەل چاغلاپ يۈرۈۋاتىمىز !

2019 - يىلى باندىتلار قىلمىشىنىڭ ئەكسىچە ئۈنۈم بەرگىنىنى كۆرۈپ بۇ ھەپتە ئارسىنالنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا تارقاتقان . ئەمما مۇلاھىزىچى ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماسلىق بىلەن يەنە چىدىماسلىق قىلىۋالغان . ئورۇسلار تېلىقىپلا قالدى ،چۈپەي خىتايلاركەن بۇ دەپ ....
خىتاي ئاممىۋى تور قانىلى PPTV گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆزى سەۋەبلىك توختىتىپ قويۇلغان ئەنگلىيە «ئارسېنال» پۇتبول كۇلۇبىنىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويۇشقا باشلىغان. «ۋول-ستېرېت ژۇرنىلى» گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، PPTV «ئارسېنال» نىڭ مۇسابىقىسىنى قايتا قويغان بولسىمۇ، لېكىن پۇتبول مۇلاھىزىچىسى پۈتكۈل مۇسابىقىدە مەسئۇت ئۆزىلنىڭ ئىسمىنى پەقەت تىلغا ئالمىغان. مەسئۇت ئۆزىل 13-دېكابىر تىۋېتتېر، فېيسبۇك، ئىنستىگرام قاتارلىق تاراتقۇلاردا پىكىر يېزىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسسىداشلىق قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن شۇنداقلا مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان زۇلۇمغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

باندىتلار جۈمە كەچ 2020 - يىلى مارسقا يېتىپ بارىدىغان ئەڭ چوڭ توشۇغۇچى راكېتاسىنى قويۇپ  بەرگەن . ئەمما ئۇ قايتىپ كەلگەندە قەيەرگە ،  نەدىكى خىتايغا قونماقچى !؟  . كىم بىلىدۇ ، ئامېرىكا ئالەم ئارمىيەسى قۇرۇپ ، مۇشۇنداق ئىگىسىز قۇشقاچلارنى بوشلۇقتىلا دان چېچىپ يىغىۋېلىپ ، سۈنئىي ھەمراھلاردىكى پۈتۈن مەخپىيەتلىكنى ئۆزى ئىگىلىمەكچىمۇ تېخى ...

ئىران : « رۇسىيە ، خىتاي ، ئىران ھەربىي مانىۋېرى شۇنى ئىسپاتلىدىكى ، ئىران يېتىم ئەمەس ، يالغۇز قالمايدۇ » .27 - دېكابىر جۈمە سەھەردىن 30 - دېكابىرغىچە تۆت كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ مانىۋېر ھىندى ئوكياننىڭ شىمالى ۋە ئومان دېڭىزىدا باشلانغان بولۇپ ، ئامېرىكا ئارمىيىسى كۆزىتىپ تۇرماقتا .

ئالدىن پىلانلانغان دۇنياۋىي چوڭ سۇيقەست :

ب د ت بېرمىدىكى ئاراكان مۇسۇلمانلىرىغا قارشى بېرما ھۆكۈمىتىنىڭ زوراۋانلىقلىرى ۋە دەپسەندىچىلىكلىرىنى ئەيىپلىدى . « ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېرى، قاچان بىزنىڭ ئىشىمىز ئىسلام دۇنياسىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ ، كۈنتەرتىپكە كېلەي دېگەندە تۇيۇقسىزلا ھىندىستان كەشمىردە ، ئىسرائىلىيە پەلەستىندە ، بېرما ئاراكاندا يېڭى زوراۋانلىق تۇغدۇرىدۇ . نەتىجىدە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا سۈكۈت قىلغان رەجەپ تايىپ ئەردوغان ( ئەي ئىسرائىل، پەلەستىنلىك يالغۇز ئەمەس ، ھەددىڭنى بىل ! ) دەپ ۋارقىرايدۇ . ئىمرانخان بىلەن سالمانخان ھىندىستاننىڭ كەشمىردىكى زوراۋانلىقىنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ . باشقا ئۇششاق ئەرەب بەگلىكلىرى ۋە ب د ت بېرما تەرەپنى ئەيىپلەشكە باشلايدۇ . خوڭكوڭ مەسىلىسىمۇ دەل شۇ ۋاقىتتا قىزىپ كېتىدۇ . نەتىجىدە ئەنگلىيە ۋە باشقا غەرپ دۆلەتلىرى باندىتلارنىڭ خوڭكوڭدىكى قىلمىشلىرىنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ . ئامېرىكا دەررۇ قانۇن چىقىرىپ ئەدەپلەيدۇ .
شۇنىڭ بىلەن ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى ۋە باشقا غەرپ ئەللىرىدىكى ئومۇمىي ئەلرايى دەرھال ھۆكۈمەتلىرىگە ئەگىشىپ يۇقىرىقى جايلارغا مەركەزلىشىپ قالىدۇ  ». ئاقىۋەت بىزنىڭ ئىشىمىز يەنە بېسىلىپ قالىدۇ . نەتىجىدە بىكاچىلىقتا بىرسى يەمچۈكتىن بىرنى تورغا ئاتىدۇ . قالغان بايقۇشلار شۇنى چۆرىدەپ تالاش - تارتىشنى باشلايدۇ . ئاقماس تالاشلار پۈتۈپ ، قۇرۇق ئۆستەڭنىڭ مىراپلىقىنى تالىشىپ بولغىچە ، چوڭ كۈچلەر بىزنىڭ ھەققىمىزدە يەڭ ئىچىدە تۈزگەن كېلىشىملەرنىڭ سىياھى قۇرۇپ بولغان بولىدۇ . « يېتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تەگسە بۇرنى قاناپتۇ».

بۇنى شەخسىيەتچىلىك دەپ چۈشەنگەنلەر كاللىسى قېلىپتا قۇيۇلغان تەپەككۇرسىز ماشىنا ئادەملەر بولسا ، باندىتلارنىڭ سۇيقەستى دەپ بىلگەنلەر نىسبەتەن ئويغان ۋە زېرەك كىشىلەردۇر ! ئەمما تاسادىپىيلىق دەپ ئويلىغانلار چىقىپ قالسا ئۇ چوقۇم شالغۇت ئۇيغۇر ياكى ساددا ئۇيغۇردۇر !

يەنە بىر غەلىتە سىياسىي سوئال ۋە پەرەز :

« پۇتىن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ كېرمىلدىن چىقمامدۇ؟»

جوزېف سىتالىننىڭ 2.5 مىليون ياۋرولۇق زېس ماشىنىسىنى ئوغرىلار جۈمە ئەلياتقۇ ۋاختىدا موسكۋادىكى ئورنىدىن بۇلاپ قېچىپ كەتكەن . تېخى نەچچە كۈن ئىلگىرى موسكۋا كوچىلىرىدا سىتالىننىڭ «مەن پات ئارىدا قايتىپ كېلىمەن ! » دەپ خەت يېزىلغان رەسىملىرى پەيدا بولۇپ قالغانىدى .
ئۆلگۈر سىتالىن تىرىلىپ قالدىمۇ ياكى ۋىلادىمىر پۇتىن تەختكە چىققانلىقىنىڭ 20 يىللىق خاتىرە كۈنىدە بىرەر گۇمپا ئىشلەتمەكچىمۇ !؟ موسكۋانىڭ بىخەتەرلىكى كۈچلۈك ئىدى. پەقەت ئارقا تېرىكى بار ئوغرىلا بۇنداق ئۇتۇقلۇق ھالدا تارىخىي نەرسىلەرنى ئېلىپ قاچالايدۇ .
1999 - يىلى 31 - دېكابىر بورىس يېلىتسىن 2 - قېتىملىن چېچىن ئۇرۇشى ئارقىلىق ئىناۋىتى بىردىنلا ئېشىپ كەتكەن ۋىلادىمىر پۇتىنغا تەختنى ئۆتۈنۈپ بەرگەن . مانا بۇ ۋەقەگە كېلەر ھەپتە ساق 20 يىل توشىدۇ . لېنىننىڭ جەسىتى كېرمىل سارىيىدىن قوغلاندى دېگەنلىك ، پۇتىن يەرلىكىنى ئالدىن كولاپ « ۋىلادىمىر لېنىن ئورنىغا ۋىلادىمىر پۇتىن ئوبرازىنى دەسسەتمەكچى بولغانلىقى » يەنە كېلىپ يېڭى سىتالىن لەقىمى بىلەن ئەسلىنىپ تۇرماقچى بولغانلىقىنىڭ تىپىك ئىپادىسى بولۇشى مۇمكىن » .

ئۈمۈدۋار بولۇش ھەققىدە :

قازاقىستاندىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قۇتۇلۇپ قالغان بوۋاق ھەممىنى ھەيران قالدۇرماقتا . دېمەك رىزقى تۈگىمىگەن ، بۇ دۇنيادا قىلىشقا تېگىشلىق ئىشى بار ئادەملەر يەنىلا خۇدانىڭ ھىمايىسىدە بولىدۇ . يەنى بىزنىڭ تېخى قىلىدىغان نى - نى ئىشلىرىمىز بار . يەر شارىنىڭ شەرقىدىكى ، مەركىزىي ئاسىيادىكى زوراۋانلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى تۈگىتىپ ، مەزلۇملارنىڭ ھەققىنى ئېلىپ بېرىدىغان ، زالىمنىڭ كۈلىنى كۆككە سورۇپ ئىنتىقام ئالىدىغان بىر تۈركۈم قابىللار خۇددى مۇشۇ بوۋاق كەبى ئىلاھىي كۈچنىڭ ھىمايىسىدە قوغدىلىپ تۇرىدۇ . باندىتلارنىڭ تۈرلۈك - تۈمەن ھىلىسى بۇلارغا كار قىلماس !

باندىتلارنىڭ يېڭى سىياسىي سۇيقەستى :

26 - دېكابىر شەرق كوممۇنىزىم لاگىرىنىڭ ئاتامانى سوۋېت ئىتتىپاقى يىقىلغان كۈننى ئەسلىشىپ ئولتۇرغان ئورۇسلار رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسى ئېلان قىلغان مۇنۇ خەۋەردىن چۆچۈپ كەتكەن . فرانسىيە تاراتقۇسىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا باندىتلار سوۋېت ئىتىپاقى ھالاك بولغان كۈنى بىر چوڭ قۇرۇلتاي ئاچقان . بارلىق دىنلار ۋە دىنىي زاتلارنى كونترول قىلىدىغان ۋاڭ ياڭ رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا « قۇرئان كەرىم ۋە ئىنجىل قاتارلىق ساماۋى كىتاپلارنى ھازىرقى باندىتلار ھاكىمىيىتىگە پايدىلىق شەكىلدە قايتا تەپسىرلەپ تارقىتىپ ، سىياسەتكە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللارنى سىقىپ چىقىرىش سولچىل تەشەببۇسى ئوچۇق ئوتتۇرىغا قويۇلغان » .
ئورۇسلار بۇ بىمەنە سىياسەتنىڭ سوۋېت ئىتتىپاقى ھالاك بولغان كۈندە ئوتتۇرىغا چىقىشى تاسادىپىيلىق ئەمەس ، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئەجىلى توشتى . ئۇلار 35 مىليون نوپۇسلۇق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ سەرخىل قىسمىنى جازا لاگىرلىرى ۋە تۈرمىلەرگە توشقۇزۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە بۇنداق ئىلاھىي كىتاپلارنى بۇرمىلىماقچى بولۇشى ئۇنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقان .
ھازىر رۇسىيەدە «  ئۇيغۇرلار 35 مىليون ! ئۇلار ھەتتا پۈتۈن رۇسىيە مۇسۇلمانلىرى سانىنىڭ يىغىندىسى ( 30 مىليون) دىنمۇ كۆپ » دېگەن قاراشنى ئېتىراپ قىلدۇردۇق . شۇڭا بۇندىن كېيىن سانىمىزنى بۇنىڭدىن كېمەيتىۋېتىش ياكى كۆپتۈرۋېتىشكە بولمايدۇ . باندىتلار ئېلان قىلغان ساختا نوپۇس ئەمەلىيەتتىكى نوپۇستىن ئۈچ ھەسسە ئاز . شۇنداق بولغاچقا ، بىز بىلمىگەننى ئوبدان بىلىۋالغان چېن چۇەنگو بەش يىل ئىچىدە 20 مىليوندەك ھەر مىللەت خەلقىمىزنى « پىچاقسىز يوق قىلىپ » ئۇيغۇرلارنىڭ سانىنى 7 مىليون ئۆپچۆرىسىدە كونترول قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ . ۋېكتور گاۋ دېگەن غالچىنىڭ سۆزى بۇنى تولۇق ئىسپاتلىيالايدۇ .

ئەرەبلەردىكى خىتايغا قارشى كەيپىيات :

تارىخقا ئۇيغۇن ئېسىل چاقىرىق ۋە ئاگاھلاندۇرۇش بوپتۇ :
« ناتو يېڭى موڭغۇللار( خىتايلار ) دىن ھەزەر ئەيلەشكە باشلىدى »
دەرۋەقە تارىختا فرانسىيە پادىشاھى لۇئىس ھىلاكۇخان بىلەن كۆپ قېتىم ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ ئىشغال قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن . ھەتتا ئۇ 1248 - يىلى سىپرۇسقا كېلىپ ، ھىلاكۇخانغا :« سىز باغدات بىلەن دەمەشىقنى ( ئىراق ۋە سۈرىيە ) ئېلىڭ ، مەن قاھىرە بىلەن قۇددۇسنى (مىسىر ۋە پەلەستىن ) ئالاي ! » دەپ تەكلىپ ئەۋەتكەن . ئەمما باتۇخاننىڭ سۆزىنى يىرالمىغان ھىلاكۇ بۇنى رەت قىلغان . نەتىجىدە
1249 - يىلى قاھىرەگە تاجاۋۇز قىلغان لۇئىسنى خارەزەم مەلىكىسى شەجەرىدۇر مەغلۇپ قىلىپ ، ئەسىر ئالغان . شۇنىڭ بىلەن مىسىردا
1250 - يىلى ئەييۇبىلار دەۋرى ئاخىرلىشىپ ، مەملۇكىلار دەۋرى باشلانغان . مانا بۈگۈن فرانسىيە ئەلبېشى ماكرون زامانىمىزدىكى قانخور ھىلاكۇ شى بىلەن تارىخنى قايتىلىماقتا . ئۇلار ئىككىسىلا ئوتتۇرا شەرقنى تەڭ بۆلۈشمەكچى  . ئەىنى ۋاقىتتا ئاناتولىيە سالجۇقلىرى شاھى سۇلتان ئالائىددىن بىلەن سالاھىددىن ئەييۇبىنىڭ نەۋرىلىرى بىرلىشىپ موڭغۇللارغا قارشى قالقان خارەزمشاھ جالالىددىننى قەستلەپ ئۆلتۈرۈشتى . نەتىجىدە تۈركىيە ( سالجۇقلار ) 1242 - يىلى ئەييۇبىلار 1250 - يىلى يەم بولدى . بۈگۈنمۇ بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ۋارىسلىرى يېڭى ھىلاكۇ بىلەن شۇنداق مۇناسىۋەت ئورنىتىش كويىدا.
ھىلاكۇنىڭ ئاناتولىيەنى قاپلىغان « تۇججار ئابدۇللا » ، « تۇججار ئافراسىياپ » ناملىق جاسۇسلىرى بۈگۈنكى كۈندە « خۇاۋېي » ۋە « خەيئېر » شەكلىدە ئالەمنى قاپلىماقتا . قىسقىسى تارىخ يەنە تەكرارلانماقتا . بىزنىڭ قىسمىتىمىزنى مۇقەددىمە ، يەنى موڭغۇللار خارەزم خەلقىنى قىرغاندا ئىسلام دۇنياسى قانداق سۈكۈت قىلغان بولسا ، بۈگۈنمۇ ئۇيغۇر خەلقىنى قىرغاندا شۇنداق سۈكۈت قىلىۋاتىدۇ . بۇلارنىڭ بۈگۈنى بىزنىڭ ئەتىمىز دەپ ئوچۇق دەپتۇ .
ئارىدىن بەش ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا باشلىدى . كۆپ قىسىم ئەلباشلار تېخىچە سۈكۈتتە تۇرسىمۇ ، ئەمما يەككە تاراتقۇلار ۋە ئويغاق مۇسۇلمانلار مەزكۇر يازمىدىكى تارىخىي سۇيقەستلەرنى ئاخىرى ئاڭقىرىپتۇ . ئۇلار ھازىر « خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى ! » ،
 « ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا مەدەت بېرەيلى !  » دەپ چۇقان كۆتۈرمەكتە .

كۈنىمىزدىكى تىپىك ھەققانىيەتچى ئوبرازى :
مەسئۇت ئۆزىل ھەققانىيەت تەرەپتە تۇرۇپ ، پۈتۈن ئەرەب - ئىسلام دۇنياسى لىدېرلىرىدىنمۇ ھۆرمەتلىك بىر ئىنسانغا ئايلاندى . ھەر يەردە ئۇنىڭ گېپى بولماقتا!

http://munber.iuyghur.com/index.php?topic=255.msg276#msg276


2019 - يىلى 28 - دېكابىر     شەنبە
94

تارىختىكى بۈگۈن « 27 - دېكابىر » :

537 - يىلى ئاياسوفىيا چېركاۋى پۈتكەن .

1822 - يىلى فرانسىيەلىك ئالىم پاستېر تۇغۇلغان .

1875 - يىلى مىسىر ئەلئېھرام گېزىتى تەسىس قىلىنغان . تۇنجى سان 1876 - يىلى 5 - ئاۋغۇست نەشىردىن چىققان .

1919 - يىلى 27 - دېكابىر ، يەنى بۇندىن توپتوغرا 100 يىل بۇرۇنقى بۈگۈنكى كۈندە ئالاش ئوردا قىسىملىرى تاتارلارنىڭ پىدائىي قىسىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۇرال كازاكلىرىنى مەغلۇپ قىلغان . ئۇرال ۋە كاۋكاز كازاكلىرى 1680 - يىللىرى بۈيۈك پېتىر تەرىپىدىن ئۇكرائىنادىن مەزكۇر جايلارغا كۆپلەپ كۆچۈرۈلۈپ ، تاتارلار ۋە كاۋكازلىقلارنى بويسۇندۇرۇش ئۇرۇشىدا كۆپ تۆھپە كۆرسەتكەنىدى . كېيىنچە كازاك ئاتلىق ئەسكەرلىرى چاررۇسىيەنىڭ تۆت ئەتراپقا كېڭەيمىچىلىك قىلىشتىكى قورالىغا ئايلانغان . شۇڭا ئۇلار چارپادىشاھ ئارمىيىسى ئىچىدە « يېڭىلمەس قوشۇن » دەپ ئاتالغان .
ھەتتا سوۋېت ئىتتىپاقى سېكرىتارى خروششېفمۇ 1954 - يىلى ئورۇس كازاكلىرى بىلەن ئۇكرائىنا كازاكلىرىنىڭ بىرلەشكەنلىكىنىڭ 300 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن قىرىم يېرىم ئارىلىنى ئۇكرائىناغا بۆلۈپ بەرگەن . ئەمما 1991 - يىلدىن بېرى بۇنىڭغا نارازى بولۇپ كەلگەن ۋىلادىمىر پۇتىن پۇرسەت تېپىپ ، 2014 - يىلى 18 - مارت قىرىمنى يۇتۇۋالدى . 2018 - يىلى 19 - ماي قىرىمغا ئىككى قەۋەت كۆۋرۈك سالدى . ئىككى مىڭ رۇبلىلىق پۇلغا سۈرىتىنى چۈشۈردى . 2019 - يىلى 23 - دېكابىر پويىزمۇ قاتنىدى .

1934 - يىلى پېرسىيە ھۆكۈمەت پەرمانى بىلەن رەسمىي ھالدا نامىنى ئىرانغا ئۆزگەرتكەن . ئىران نامى تۇران نامى بىلەن قوشكېزەك بولۇپ، 924 - يىلدىن 1924 - يىلغىچە ئەجداتلىرىمىز قولىدا ئىدارە قىلىنغان . 1925 - يىلى 12 - دېكابىر پارس رىزا پەھلىۋى ئەنگلىيەنىڭ قوللىشىدا ئەڭ ئاخىرقى تۈرك شاھى ئەھمەدشاھ قاچارنى ئاغدۇرغاندىن كېيىن ھاكىمىيەت قايتا پارسلارنىڭ قولىغا ئۆتكەن . شۇنداق قىلىپ ئېنگىلىزلار ھىندىستاننىڭ تىزگىنىنى ھىندىلارغا ، ئىراننىڭ تىزگىنىنى پارسلارغا ، تۈركىيەنىڭ تىزگىنىنى تار مىللەتچى ئېقىمغا ، رۇسلارمۇ كاۋكازنىڭ تىزگىنىنى ئەرمەنلەرگە ، تاتاررىستان ۋە قىرىمنىڭ تىزگىنىنى ئورۇسلارغا ، تۈركىستاننىڭ تىزگىنىنى  رۇسپەرەسلەرگە تۇتقۇزۇپ ، تۈركىي قەۋملەر ھاكىم جايلارنى تەسىرىمىزدىن ئايرىپ تاشلىغان.

1941 - يىلى مەركىزىي ئاسىيا مىللىي مۇستەقىللىق ئاتامانى ۋە قوقان مۇختارىياتى قۇرغۇچىسى ۋە ئىنقىلاپچى مۇستاپا چوقاي بېرلىندا قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەن . ئۇ كىم ئىدى؟ ئۇنىڭ مەركىزىي ئاسىيادىكى ئورنىچۇ !؟
چاررۇسىيە ۋە مەنچىڭ خانلىقى 1881 - يىلى مەركىزىي ئاسىيانى بۆلۈشكەندىن كېيىنكى تۇنجى ئوتتۇرا ئاسىيا مۇستەقىل دۆلىتى « قوقان مۇختارىياتى » نى قۇرغان مۇستاپا چوقاي 1890 -25 - دېكابىر تۇغۇلغان . ئۇ كۆپ يىللىق كۈرەش ئارقىلىق سەپداشلىرى بىلەن بىللە 1917 - يىلى 12 - دېكابىر دۆلەت قۇرغان . ئەمما ئالمۇتا ۋە تاشكەنتتىكى بولشېۋىكلار موسكۋانىڭ قوللىشى بىلەن ئەسكەر تارتىپ ، ئەرمەن قوراللىقلىرىنىڭ ماسلىشىشى بىلەن 1918 - يىلى 5 - فېۋرالدىن 22 - فېۋرالغىچە قانلىق ئۇرۇشلار ئارقىلىق بۇ ياش دۆلەتنى مۇنقەرز قىلغان . مۇستاپا چوقاي بىر مەزگىل تۈركىيدە كۈرەش قىلىپ ، 1929 - يىلدىن 1941 - يىلغىچە بېرلىندا پائالىيەت قىلغان . 1941 - يىلى 22 - ئىيۇن گېتلىر سوۋېتقا ھۇجۇم قوزغىغان . شۇ ھامان ئۇ تەۋەلىكىدىكى بارلىق سوۋېت پۇقرالىرىنى لاگىرلارغا سولىغان . مۇستاپا چوقاي لاگىرلارنى زىيارەت قىلىپ، رۇس بولمىغان بارلىق قېرىنداش مىللەت كىشىلىرىنى قۇتقۇزۇپ چىقىپ ، گېرمانىيە ئارمىيىسى تەركىبىدە قوراللاندۇرۇپ ، مەركىزىي ئاسىيانى قايتا ئازات قىلماقچى بولغان . ئەمما ئۇ لاگىردىكى قورقۇقچلۇق خورلاشلارنى كۆرۈپ ، « سىتالىن بىلەن گېتلىر ئوخشاشلا ياۋۇز جاللاتلار ئىكەن » دېگەن خۇلاسىگە كەلگەن . شۇڭلاشقا ئۇ گېرمانلارغا مۇنداق ئىككى شەرت ئاستىدا ئاندىن ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان :
1 - جازا لاگىرىدىكى بارلىق تۈركىي خەلقلەرنى ، ھەمدە ئۇرۇشتا ئەسىرگە چۈشكەن قېرىنداش مىللەتلەرنى گېرمان تەرەپ كەلگۈسى دۆلىتى ئۈچۈن ھەر قايسى كەسپلەردە تەربىيلەپ بېرىش .
2 - قۇرۇلغۇسى تۈركىستان باتالىيونى پەقەت گېرمانىيە ئارمىيىسى كاۋكاز ، ئۇرال ۋە دەشتى قىپچاقنى ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىن ، ئۆز ۋەتىنىدە ئۇرۇشقا قاتنىشىش .

تۈركىستان ئارمىيىسى ( ھون دېۋىزىيىسى ) نى سىتالىنغا قارشى زەمبىرەك يېمى قىلىپ ئىشلىتىشنى كۆڭلىگە پۈككەن گېرمانىيە مۇستاپا چوقاينىڭ بۇ تەكلىپىنى رەت قىلىپ ، ئۇنى يوقىتىش كويىغا چۈشكەن . نەتىجىدە گېتلىر 1941 - يىلى 22 - دېكابىر « تۈركىستان دېۋىزىيىسى » قۇرۇش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن . مۇستاپا چوقاي بولسا سىرلىق ھالدا بەش كۈن ئۆتۈپ 27 - دېكابىر بېرلىندىكى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان .

ۋاپاتىنىڭ 78 يىللىقى بىلەن ئەسلەيمىز !  سايرام ئوغلانى 

1945 - يىلى كورىيە ئىككىگە پارچىلانغان .

1945 - يىلى دۇنيا بانكىسى ۋە دۇنيا پۇل فوندى قۇرۇلغان .

1949 - يىلى ھېندونېزىيە گوللاندىيەدىن قۇتۇلۇپ مۇستەقىل بولغان .

1965 - يىلى داڭلىق كىنو چولپىنى سالمانخان تۇغۇلغان .

1966 - يىلى ئامېرىكا - جەنۇبىي ۋېيتنام بىرلەشمە ئارمىيىسى مىكون دەريا ۋادىسىغا ھۇجۇم قوزغىغان .

1979 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى دەسلەپكى قەدەمدە ئافغامىستانغا 75 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىپ ، سوۋېتپەرەس ھۆكۈمەتنى يۆلىگەن.

1991 - يىلى يېڭى رۇسىيە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ب د ت دىكى رەت قىلىش ھوقۇقى بار بەش دائىمىي ئورۇننىڭ بىرىنى ئىگىلىگەن .

2001 - يىلى ئامېرىكا بىلەن خىتاي سودا مۇناسىۋىتىدە يېڭى سەھىپە ئاچقان .

2007 - يىلى پاكىستان باش ۋەزىرى بىنەزەر بوتتۇ ئوققا تۇتۇلۇپ پارتلىتىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

2012 - يىلى ئامېرىكىنىڭ گېرمان نەسىللىك ئۇرۇش گېنىرالى نورمان شىۋاسكوف ئۆلگەن .

2019 - يىلى ۋاتىكان پاپاسىدىن بىر پەتىۋا :
خىرىستىئانلاردىنمۇ ئاشقۇن ۋاھابىي پوپتىن بىرى چىقتى مانا ... ۋاتىكان پاپاسى فرانسىس : « مىلاد بايرىمىنى تەبرىكلەش بىدئەت . ئىنجىنلدىمۇ ھېچقانداق دەلىلى كەلمىگەن ئىش » دەپتۇ ...

2019 - يىلى رەجەپ ئەردوغاننىڭ قاتتىق پوزىتسىيىسىدىن بىئارام بولغان سىسى 24 سائەت ئىچىدە ئۈچ قېتىم پۇتىن بىلەن تېلفونلىشىپ لىۋىيەدىكى باندىت ھەفتەرنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن كۆپ كۈچىگەن . ئۇ يەنە دوللار ترامپ ۋە ئىتالىيە باش ۋەزىرىگە ئەھۋالنى دەل ۋاختىدا دوكلات قىلىپ تۇرغان . پۇتىنمۇ سىسى بىلەن بىرلىشىپ ، لىۋىيەگە چەتئەل كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى تەڭ توسماقچى بولغان . ئىشلار بارغانسىرى مۇرەككەپلىشىۋاتىدۇ . لىۋىيەدە ھەر ھالدا سۈرىيەدىكىدەك ئاسان سودا پۈتمىسە كېرەك!
لىۋىيەنىڭ ساھىللىرى ئاساسەن ھەفتەرنىڭ چوماقچىلىرىنىڭ قولىدا بولۇپ ، تۈركىيە ھاۋا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۇنىستىن پايدىلىنىشنى قارار قىلغان . ئەردوغاننىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى تۇيۇقسىز زىيارىتىمۇ شۇنىڭ ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىن . كىم بىلىدۇ تۈركىيە ئارمىيىسى تۇنىستا خۇددى 1945 - يىلى يانۋاردىكىدەك نورمانىدىيەدىن قۇرۇقلۇققا چىقىشتەك ئىشنىڭ پېشىدىمۇ تېخى . 24 سائەت ئىچىدىكى ئۈچ قېتىملىق پۇتىن ۋە سىسى تېلفون سۆھبىتى بۇ ئېھتىماللىقنىڭ بارلىقىنى تەكىتلەيدۇ .

2019 - يىلى قازاقىستاننىڭ ئالمائاتا ئايروپورتى يېنىدا بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىپ، نۇرغۇن يولۇچىلار قازا قىلغان .

2019 - يىلى تۆت كۈنلۈك ئۈچ دۆلەت ھەربىي مانىۋېرى باشلاندى . ئېيىق ۋە توڭگۇز دېڭىز ئارمىيىسى سېرتلان سۇ تەۋەلىكىدىكى چابھار پورتىغا كىردى . 27 - دېكابىر ، ئورۇس ، خىتاي ۋە ئىران دېڭىز ئارمىيىە قىسىملىرى ھەربىي مانىۋېر باشلىدى .

2019 - يىلى بېرلىندا « خەلقىمىزگە مەدەت، باندىتلارغا لەنەت » ناملىق زور كۆلەمدىكى قۇتلۇق جۈمە نامايىشى ئۆتكۈزۈلگەن .

2019 - يىلى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار ۋازارىتى يەنە بىر قېتىم خىتاينى ئەيىپلىدى .

ئەرەبچە بىلىدىغان ياشلارغا تەلەپ كۈچەيدى :

باندىتلار ئەلچىسى 21 - 22 - دېكابىر مىسىردىكى بارچە چوڭ - كىچىك تاراتقۇلارنى تەكلىپ قىلىپ، ۋەتىنىمىزدىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى يەنىلا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت دەپ پەردازلاپ كۆرسەتكەندىن كېيىن ، سىسى تەرەپدارلىرى تېز سۈرئەتتە خىتاينىڭ كەتمىنىنى چېپىشقا باشلىغان . بۇلارغا قارشى ھەققانىي مېدىيالار ئاجىز كەلمەكتە . شۇڭلاشقا ھەققانىيەتچى مېدىيالارغا ھەمدەمدە بولۇپ ، يالغانچىلارنى شەرمەندە قىلىش لازىم !

ئەرەبچە بىلىدىغان ئاكتىپ ئۇيغۇرلارغا چاقىرىق :
قاھىرەدىكى باندىتلار ئەلچىسى تۈنۈگۈن 27 - دېكابىر جۈمە مەسئۇت ئۆزىلگە چاقىرىق قىلىپ : « ئەگەر ئۆزىل راسلا ھەقىقىي ئەھۋالنى بىلىپ بېقىش ئىستىكى بولسا ، بىز ئۇنى شىنجياڭدا زىيارەتتە بولۇپ ئۆز كۆزى بىلەن ئەھۋالنى كۆرۈپ كېلىشىنى قارشى ئالىمىز » دەپ تەكلىپ قىلغان . ئۇ يەنە
« ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى دۆلىتىمىزنى قارىلايدىغان ساختا نەرسىلەر سىياسىي ئېھتىياج تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان . بىز ئىسلامغا ۋە مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەمەسمىز ، ئەمما ھەر قانداق تېررورچىلىققا قەتئىي رەھىم قىلمايمىز ! شىنجياڭدا 1990 - يىللاردىن  بېرى تېررورلۇق ھەرىكىتى كۈچىيىپ كەتكەن ! » دېگەن . توغرىسى ئوغرى باندىتلارنىڭ سوۋېت پارچىلىنىشى بىلەنلا ئالدىن قول سېلىپ ، خەلقىمىزگە قارىتىلغان دۆلەت تېررورلۇق ھەرىكىتىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى بىردىنلا ئۇيغۇرلارنىڭ تېرررورلۇق ھەرىكىتىگە ئايلىنىپ قالغان .

قېنى ئەمىسە ، ئۆلىمالار بىرلىكى ، دىنىي تالىپلار ، « بىز ئىسلامغا ، مۇسۇلمانلارغا قارشى ئەمەس » دېگەن باياناتى بىلەن 22 - دېكابىردىكى « شىنجياڭدىكى ئىشلار خۇددى مىسىردىكى ئىشلارغا ئوخشايدۇ ! بىز تېررورلۇققا قارشى تۇرۇۋاتىمىز » دېگەن زىت باياناتى بىلەن قوشۇپ بۇ غالچىنى مات قىلىڭلار ! « دەۋاگەر بوش بولسا ئوغرى مۇتتەھەم بولۇۋاتىدۇ مانا ! » . قەھرىمىزنى ئىچىمىزدىكى كىشىلەرگە ئەمەس ، ماۋۇ ئوغرى باندىتلارغا چېچىڭلار !

2019 - يىلى 27  دېكابىر     قۇتلۇق جۈمە

بارلىق قېرىنداشلارغا ئومۇمىي چاقىرىق :

مېديا ئۇرۇشى بىزنى ۋەزىپىگە چاقىرماقتا!
خىتايغا ئوق ئاتالمىساڭمۇ تىۋىت ئات.
سۇكۇت قىلىپ ياشىغۇچە گورغا كىرىپ يات.
ئىگەللىگەن مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا،خىتاينىڭ مەركىزى مېديا شىركىتى س. س. تېلىۋىزىيىسى  2020-يىلى يىل بېشىدىن باشلاپ دۇنيانىڭ 170 دۆلىتىدە 60 تىلدا 24 سائەت يالغان تەشۋىقات ئېلىپ بارىدىكەن،بۇ ئىش ئۈچۈن 6 مىليارت ئامېرىكا دوللىرى مەبلەغ ئايرىغان بولۇپ لوندون ئىشخانىسىدىلا 350 خىزمەتچى ئىشلەيدىكەن.بىرقىسىم غەرپ ئەللىرىدىكى ئادالەتپەرۋەر ژورنالىستلار ،ئۆز دۆلىتىنىڭ قانۇن ئورگانلىرىغا ھازىردىن باشلاپ ئەرز سۇنۇپ،خىتاينىڭ تەڭپۇڭ بولمىغان بۇ مېدياسىنىڭ رۇخسىتىنى بىكار قىلىپ تاشلاشقا ئۇرۇنماقتا ئىكەن. ھېچقانداق چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خىتايدا ئىشخانا ئېچىشىغا يول قويماي كەلگەن خىتاينىڭ بۇ قوش ئۆلچەملىك ھەركىتى قانداق قارشىلىقلارغا ئۇچرايدۇ؟ئۇنى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە بىلىمىز.
خىتاي دۆلىتىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاخبارات ئۇرۇشىغا يۇقارقىدەك زور مەبلەغ ئاجراتقانلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.
ئۇنداقتا بۇندىن كېيىن ھەربىر ئۇيغۇر  ئىجتىمائى ئۇچۇر ۋاستىلىرىدىن ھېساپ ئېچىپ خىتاينىڭ كۆزبۇيامچىلىقىغا ئۆزى بىلگەن تىلدا رەددىيە قايتۇرۇپ تۇرۇشى زۆرۈر بوپقالدى.
بۇ ئۇرۇشنى بىز دىنى نوقتىدىن پەرز،ئىنسانى نوقتىدىن ئىنسانلىق بۇرچ،ئۇيغۇرلۇق نۇقتىسىدىن مىللى ۋەزىپە دەپ ئېيتالايمىز.

مىلاد بايرىمىلىق يۇمۇر :

« ئاقسارايدا پولاتبەگ ، خانسارايدا ھەمدەمبەگ » :

مىلاد بايرىمى ھارپىسى خوتۇن پۇل تىكىپ قارتا ئوينايدۇ ،
پولاتبەگ لۆڭگە بىلەن پول سۈرتۈپ ، قاچا - قۇچا يۇيىدۇ .

ئەسلىدە بۇ كىشىنىڭ كەينىدىمۇ پەچەت خوتۇندىن بىرى باكەن ئەمەسما !!! زادى ھەر قانداق ئۇتۇق قازانغان ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئەرنىڭ كەينىدە بىر چىشى يولۋاس بار .

ئۆيىدىكى ۋاپادارلىقتىن كېيىن پولاتبەگنىڭ تۇنجى باياناتى يەنىلا بىز ئۈچۈن بولغان . مەزلۇم بىلەن بىر سەپتە تۇرغان كىشى ھەقىقەتەن سۈيۈملۈك بىرىگە ئايلىنىدۇ .

2019 - يىلى 27 - دېكابىر   قۇتلۇق جۈمە
95





تارىختىكى بۈگۈن ( 26 ـ دېكابىر ) :

1194 - يىلى مۇقەددەس رىم ئىمپىراتورى فېرىدېرىك 2 تۇغۇلغان . ئۇ باتۇخاننىڭ ياۋروپا يۈرۈشىدە سىتسىلىيە ئارىلىدىن مىسىرغا قېچىپ كېتىپ تىبابەت ئۆگەنمەكچى بولغان . ئەمما تەلىيىگە ئۆگەدەي قاغاننىڭ ئۆلۈمى ئۇنى ۋە دۆلىتىنى موڭغۇل ئىستىلاسىدىن قۇتقۇزۇپ قالغان . 1220 - يىلدىن 1250 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرۈپ، شۇ يىلى 13 - دېكابىر ئۆلگەن.

1530 ـ يىلى ھىندىستاندىكى موغۇل ئېمپىرىيىسى(1526 ـ 1858)نىڭ قۇرغۇچىسى«زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر(1483 ـ 1530)»ۋاپات بولغان. ( بابۇرشاھ ئاتا تەرەپتىن ئەمىر تۆمۈر كۆرەگانغا،ئانا تەرەپتىن ساھىبقىران تۇغلۇق تۆمۈرخانغا تۇتىشىدىغان بولۇپ،ئۇ
ئاخىرقى شەرقىي چاغاتاي خانى مەنسۇرخان ۋە سەئىدىيە خانلىقى(1514 ـ 1687)نىڭ تۇنجى پادىشاھى سەئىدخان(1489 ـ 1533) بىلەن بىر نەۋرە بولۇپ،بابۇرشاھنىڭ ئانىسى قۇتلۇقنىگار خېنىم بىلەن مەنسۇرخان ۋە سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەھمەدخان ئوخشاشلا شەرقىي چاغاتاي خانى تۇغلۇقزادە يۇنۇسخان(1424 ـ 1487)نىڭ ئۆز پەرزەنتلىرى ئىدى.). بابۇرشاھنىڭ قەبرىسى ھازىر كابۇلدا، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدخان مازىرى ئاقسۇدا، مەنسۇرخاننىڭ تۇرپاندا،سەئىدخاننىڭ يەكەندە . بوۋىلىرى ئۇۋەيسخانۋە تۇغلۇق تۆمۈرخان مازىرى غۇلجىدا ساقلىنىۋاتىدۇ . بابۇر شاھ 1483 - يىلى 14 - فېۋرال تۇغۇلغان .
ۋاپاتىنىڭ 489 يىللىق خاتىرە كۈنىدە يۈكسەك ئېھتىرام بىلەن ياد ئېتىمىز ! 1530 - يىلى 26 - دېكابىر ، 2019 - يىلى 26 - دېكابىر . ***

1893 ـ يىلى دۇنياۋىي قانخور،ئۇيغۇرلارنىڭ قاتىلى،ئەشەددىي پومىشچىك ۋە كوممۇنست ماۋ خىتتاي تۇغۇلغان. ئۇ 1976 - يىلى 9 - سېنتەبىر ئۆلگەن .

1898 ـ يىلى كىيۇرى خانىم ۋە ئېرى رادىينى بايقىغان.

1941 ـ يىلى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى چېرچىل ئامېرىكا كونگرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن.

1957 - يىلى قاھىرەدە ئاسىيا - ئافرىقا ھەمكارلىق قۇرۇلتىيى ئېچىلغان .

1972 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ 33 ـ نۆۋەتلىك رەئىسى ھاررىي ترومېن قازا قىلغان.

1990 ـ يىلى ئىراننىڭ داھىيسى ئەلى خامىنىي ئاياتۇللا ھۇمەينى(1901 ـ 1989)چىقارغان سالمان راشىدنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش توغرىلىق چىقارغان پەتىۋاسىنى داۋاملىق كۈچكە ئىگە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
(سالمان راشىد ئەسلى ھىندىستانلىق يازغۇچى بولۇپ،ئۇ پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە ئاياللىرىغا ھاقارەت قىلىپ ئەسەر يازغاچقا،ھۇمەينى پۈتۈن دۇنياغا سالمان راشىدنى ئۆلتۈرگەن كىشىگە ئۇ قايسى دىندىن بولمىسۇن 5 مىليون دوللار ئىنئام ۋەدە قىلىپ،ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن.ئەنگلىيە دائىرىلىرى سالماننى ئۇزۇن مۇددەت قوغداپ تۇرسىمۇ،چىدىمىغان سالمان ئەپۇ سوراپ يۈرۈپ،كېينچە بۇ ئۆلۈم جازاسىدىن قۇتۇلغان). ئەلى خامىني 1989 - يىلى 4 - ئىيۇن قازا قىلغان ھۇمەينىنىڭ ئورنىغا ئىراننىڭ ئالىي مەنىۋىي داھىيسى بولغان .
** ئۇندىن باشقا ھۇمەينى ھەر يىلى رامىزاننىڭ ئاخىرقى جۈمە كۈنىنى«قۇددۇس كۈنى»دەپ جاكارلاپ،پۈتۈن ئىسلام دۇنياسىنى پەلەستىن خەلقى ۋە ئەقساغا ياردەم بېرىشكە چاقىرىق قىلغان بولۇپ،بۇ تەشەببۇس زور قوللاشقا ئېرىشكەن،ھازىرغىچە داۋاملاشماقتا ! تولىمۇ ئەپسۇس تا ھازىرغىچە بىرەر مۇسۇلمان داھىي بۇنداق دانا تەشەببۇسنى ئوتتۇرا شەرقتىكى پەلەستىنلىكلەردىن مىليون ھەسسە ئېغىر ئەھۋالدا قالغان قەيسەر مىللەت ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويمىدى! (شۇڭا ئۆزىمىزنى ئالداپ يۈرمەيلى! ئۇيغۇرنى ئەرەپ،تۈرك ھۆكۈمدارلىرى 70 يىل ئۆگەيلەپ كەلدى) .

1991 ـ يىلى دۇنيادىكى تۇنجى ياۋۇز قىزىل جاھانگىر كوممۇنستلار دۆلىتى بولغان سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلىپ ،تارىخقا ئايلانغان.

2004 ـ يىلىدىكى بۈگۈنكى كۈندە تېنچ ئوكياندا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتىن پەيدا بولغان دېڭىز تاشقىنىدا مالايسىيە،ھېدونېزىيە، تايلاند،بېنگال ۋە ھىندىستانلاردا جەمئىي 200مىڭدىن ئوشۇق ئادەم قازا قىلغان.

2006 ـ يىلى ئامېرىكىنىڭ 38 ـ نۆۋەتلىك رەئىس جۇمھۇرى فورد قازا قىلغان.

2019 - يىلى ئەردوغان : « 9 - يانۋارغىچە پارلامېنتتىن لىۋىيەگە ئەسكەر ئەۋەتىش رۇخسىتى ئېلىشقا تىرىشىپ ، لىۋىيە تەرەپنىڭ تەلىپى بويىچە قىسىم ئەۋەتىشنى ئويلىشىۋاتىمىز . تۇنىس ، ئالجىرىيە ۋە قاتار
« بېرلىن يىغىنى » غا قاتنىشىپ ، لىۋىيە مەسىلىسىدە رول ئوينىشى كېرەك . باندىت ھەفتەرنى قوللاۋاتقانلار ئىلگىرى مىسىر خەلقى سايلىغان قانۇنلۇق ھاكىمىيەتنى قوراللىق ئاغدۇرۇۋەتكەنلەرنىڭ دەل ئۆزى ئىدى » دېدى. 

سىياسەت ئوينىيالايدىغان موللا مانداق بولىدۇ!

ئىراندىكى ئافاق خوجا ئەلى خامىنى پۈتۈن دۇنياغا 25 - دېكابىر مىلاد بايرىمىلىق تەبرىك ۋە چاقىرىق يوللاپ مۇنداق دېگەن : « ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئورنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە خىرىستىئانلاردىكى ئورنىدىن قېلىشقۇسىز . ئۇ پۈتۈن دۇنيانى زالالەت ، جاھالەت ، پالاكەت ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان پاجىئەلەر قاپلىغان چاغدا تۇغۇلغان . ئۇ ئىنسانلارنى يالغۇز بىر ئاللاھقىلا بويسۇنۇشقا بۇيرۇپ ، ھەقىقەتكە قارشى كۈچلەرگە قارشى تۇرۇشقا بۇيرىغان . ئەمما ئۇنىڭ ھازىرقى ئەگەشكۈچىلىرى دەل تەتۈرىنى قىلماقتا . مۇسۇلمانلار ۋە خىرىستىئانلار بىرلىشىپ ، ئىنسانىيەتكە ۋە ھەقىقەتكە قارشى قارا كۈچلەر ۋە لۈكچەك - باندىتلارغا ئورتاق قارشى تۇرۇشى كېرەك ! » .

ئەلى خامىنى ئاياتۇللاھ ھۇمەينىنىڭ ئىز باسارى بولۇپ ، ئۇستازى سەكراتقا چۈشكەندە ، ئۇنىڭ نوپۇزىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن 1989 - يىلى 4 - ماي شىمالىي كورىيە ۋە خىتايغا زىيارەتكە ئەۋەتكەن . بىراق 1989 - يىلى 9 - ماي چۈشتىن كېيىن سائەت تۆتتە دېڭ ئەلى خامىنى بىلەن كۆرۈشكىلى چىقمىغان . بۇنى ئۆزىگە ھاقارەت دەپ چۈشەنگەن خامىنى دەرھال ئۇيغۇر خەلقىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ تەھدىت سالغان .
بۇ چاغدا باندىتلار ئاغدۇرۇلۇش خەۋپىدە بولۇپ ، ئۇلار ھەر چارە بىلەن خامىنىنىڭ ۋەتىنىمىزدە زىيارەتتە بولۇشىنى توسماقچى بولغان . ئەمما ئۇ ئۆزىگە ئۇيغۇرلاردىن خەۋپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ چىڭ تۇرۇپ ، 11 - ماي ئاخىرى دېڭنىمۇ كۆرۈشۈشكە مەجبۇر قىلغان . ھەم 12 - ماي جۈمە نامىزىنى قەشقەر ھېيتگاھتا ئىمام بولۇپ ئوقۇپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشى ۋە مەدىتى بىلەن خىتايلارنى ئۆزىگە پايدىلىق كېلىشىملەرگە ئىمزا قويغۇزۇپ زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلگەن . ئۇ كېتىپ بىر ئايغا قالمايلا پېكىندە قىرغىن باشلانغان . 4 - ئىيۇن 10 مىڭ ئادەم قىرىلىپ بولغاندا ، ھۇمەينىنىڭ جېنىمۇ تەڭ چىقىپ ، خامىنى شۇ كۈنىلا ھازىرقى ئىراننىڭ ئالىي داھىيسى بولغان . مانا بۇ قېرى ئۇيغۇر كوزىرى بىلەن كۆتۈرۈلۈپ 30 يىلدىن كېيىن بۇ ھالغا كەلدى . ئەمما بۇ تۇزكور ياخشىقىققا يامانلىق قىلىپ ئىرقىي قىرغىنچلىقنى قوللىدى . بەدىلىنى دۆلىتى بىلەن قوشۇپ تۆلىتىمىز .          سايرام ئوغلانى

« ئۇنتۇلغان تارىخىمىزدىن پارچە ». 
كۆك ئەرۋاھ تەمىنلىگەن .

توقماق خەۋەر : بۈگۈن سەھەر ئەردوغاندىن ئەنقەرەدە پاس چىققاندىن كېيىن ، لىۋىيە ھۆكۈمىتى بۈگۈن كەچ تىرىپولىدىن قاس چىقىرىپ ، بىرلا ۋاقىتتا تۈركىيەدىن ھاۋا ، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدىن باندىت ھەفتەرگە قارشى ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلدى . يېڭى بىر ئۇرۇش تۈركىيەنى كۈتمەكتە . بۇ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا بولىدۇكى ، مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدۇ . بۇ ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش تۈركىيەنى ئەرەب دېكتاتۇرلىرىنىڭ سېسىق تاپىنى ئاستىدا مىجىلىپ كەتكەن ئەرەب خەلقنىڭ ئۈمۈدىنى يوق قىلىپ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىناۋىتىنى يەر بىلەن يەكسان قىلسا ، دېڭىزدا نۇرغۇن ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي مەنپەئەتتىن قۇرۇق قالغاننى ئاز دەپ ، دۆلەت ئىچىدە كۇرد مەسىلىسى ، سۈرىيەدە ئىدلىپ مەسىلىسى ، ئەزەربەيجاندا قاراباغ مەسىلىسى بىراقلا جىددىيلىشىپ خۇددى 1919 - يىلدىكى ئىشغالىيەت ئاستىغا چۈشۈپ قالغان پاجىئەلىك ئەھۋالدىن قېلىشقۇسىز ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ . ئەسلى ئازراق تەرەققىي قىلىپ كۈچلىنىۋالسا بولاتتى . ئەمما نە ۋاقىت نە شارائىت يار بەرمىدى . « بۈگۈن سەن خوشناڭنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمىسەڭ ، ئوت ساڭا ئەتىلا تۇتىشىپ كېتىدۇ».
« خوشنا بىر كالپۇك ! كالپۇك بولمىسا چىش توڭلايدۇ ».
باندىت ھەفتەر كازاپىدىن بەكرەك جازالىنىشقا لايىق غالچا! 1979 - يىلى 26 - دېكابىر سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى ئامۇ دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلىپ كىردى . 1991 - يىلى 26 - دېكابىر پارچىلانغان سوۋېت ئىتتىپاقى ئەبەدىي يوقىلىپ كەتتى . 2019 - يىلى 26 - دېكابىر ئورۇسلار ۋە تۈركلەر ئۈچۈن تارىخىي قارار قىلىدىغان كۈن!

****.    بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى.

دادىلارغا تەۋسىيە :

دادىغۇ دەپلا سەل قارىماڭ !
مۇستەبىت دادا - تۇخۇ يۈرەك ۋە بۇيۇن ئىگىدىغان بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
بىپەرۋا دادا - ھەددىن زىيادە ئەركىن ۋە قائىدىسىز بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
يول قويغۇچى دادا - چەك - چىگرا بىلمەيدىغان يولسىز بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
شەخسىيەتچى دادا - پىداكار ۋە بالدۇر چوڭ بولۇپ قالغان بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
نازارەتچى دادا - جاھىل ۋە قايغۇلۇق بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
ئۇرۇشقاق دادا - ئۇرۇش - جېدەلگە مايىل بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
ھېسابچى دادا - مەنپەئەتچى بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
تەنقىدچى دادا - ئۆزىنى كېرەكسىز ۋە يىتەرسىز ھېس قىلىدىغان بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .
ئادىل ۋە مەسئۇلىيەتچان دادا - خۇشال ۋە ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بالا يىتىشتۈرۈپ چىقىدۇ .

ئىلمىي خۇشخەۋەر :

ئۈمىد يوق يەرده ئۈمىدنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشىمىز بىز ئۈچۈن مەجبۇرىيەتتۇر.(ئالبېرت كامۇس)
‏"Where there is no hope, it is incumbent on us to invent it."
‏Albert Camus
« مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزگە ئۈمۈد بېرىدىغان زامانىۋى تور ژۇرنىلىنىڭ 4 - سانى نەشىردىن چىقتى . موڭغۇللارنى مەغلۇپ قىلىپ ئىسلام دۇنياسىنى قوغداپ قالغان ئىككى ئۇيغۇر ئەزىمەتتىن ، ماناس دەريا بويىدا توختاپ قالغاندىن كېيىن سىتالىنغا يېزىلغان يېڭى مەكتۇپقىچە بولغان سەرخىل مەزمۇنلار بابۇر شاھنىڭ ۋاپات كۈنى بىلەن پەيدا بولغان تۆۋەن كەيپىياتنى قايتا كۆتۈردى . تارىخ بىلەن ئوزۇقلىنايلى ! ۋەتەندە تۇغۇلغان ھەر بىر ئۇيغۇر ئېغىر دەرىجىدە ساختا ۋە بۇرمىلانغان يالغان تارىختىن زەھەرلەنگەن . شۇڭا تېزدىن داۋالىنىپ ئەسلىگە كەلمىسە پات ئارىدا بولىدىغان ماماتلىق مەيداندا دوغا يارىمايدۇ !»

سالام دوستلار،

«ئۇيغۇر پروجېكت فوندى» چىقىرىدىغان «ئۇيغۇرلار» تور ژۇرنىلىنىڭ 4-سانى ئېلان قىلىندى. بولسا ئۇنىڭدىن ئۆزۈڭلار پايدىلانغاندىن سىرت، ئۇنى يەنە كەڭ تارقىتىپ قويغان بولساڭلار. ئۇنى چۈشۈرىۋېلىش ئۈچۈن ماۋۇ رەسىمنى چەكمەي، مۇشۇ تېكىستنىڭ ئاستىدىكى تور ئۇلىنىشىنى چېكىڭ:

‏https://www.uyghursfoundation.org/img/The%20Uyghurs%204%20.pdf

بۇ ژۇرنالنىڭ بۇرۇنقى سانلىرى بۇ يەردە:

https://www.uyghursfoundation.org/kitaplar.html

2018/ 12/ 26 ـ  دېكابىر    قىزىل مەيدان

2019 - يىلى 26 - دېكابىر      سېۋاستوپول
96



تارىختىكى بۈگۈن ( 25 ـ دېكابىر ) :

1100 ـ يىلى پولشالىق رېتارست ئېرۇسالىمدىكى ئەيسا ( قىيامەت) چېركاۋىدا تاج كىيىپ، تۇنجى «ئېرۇسالىم پادىشاھى» بولغان.
(1092 ـ يىلى سالجۇقىيلار پارچىلىنىپ كەتكەندىن كېيىن،پاپانىڭ تەشەببۇسى بىلەن شەرققە يۈرۈش قىلغان ئەھلىسەلىپ قوشۇنى
1097 ـ يىلى پەلەستىننى ئىشغال قىلغانىدى).

1642 - يىلى داڭلىق فىزىكا ئالىمى ئىسھاق نيوتون تۇغۇلغان .

1869 ـ يىلى شاملىق مۇتەپەككۇر شەكىپ ئارسلان تۇغۇلغان.(شەكىپ ئارسلان ئەدىپ ۋە ئۆتكۈر سىياسىئون بولۇپ،ئۇنىڭ« نېمە ئۈچۈن مۇسۇلمانلار ئارقىدا قالدى،نېمە ئۈچۈن باشقىلار ئالدىغا ئۆتۈپ كەتتى»دېگەن كىتابى ئىسلام دۇنياسىدا زور تەسىر قوزغىغان. جۈملىدىن 1932 ـ يىلى مىسىردا زىيارەتتە بولۇۋاتقان سابىت داموللاممۇ بۇ كىتاپنى ئەللامە رەشىد رىزانىڭ تەۋسىيىسى بىلەن ئوقۇپ چىقىپ،يۇقىرىقى مەسىلىگە جاۋاپ تاپقان ).

1873 - يىلى تاتار خەلقىنىڭ دىنىي داھىيىسى ۋە مۇتەپەككۇر ئالىم مۇسا جارۇللاھ تۇغۇلغان.  1949 - يىلى 28 - ئۆكتەبىر قاھىرەدە ۋاپات بولۇپ ، شاھلار مازىرىغا دەپنە قىلىنغان .

1876 ـ يىلى پاكىستاننىڭ تۇنجى رەئىسى مۇھەممەد ئەلى جىنناھ تۇغۇلغان.

1914 ـ يىلى گېرمانىيە بىلەن ئەنگلىيە غەربىي سەپتە ۋاقىتلىق ئۇرۇش توختاتقان.بۇ تارىختا  «مىلاد بايرىمى كېلىشىمى» دەپ ئاتالغان.

1918 ـ يىلى مىسىر رەئىسى سادات تۇغۇلغان. ئۇ 1973 ـ يىلدىكى 4ـ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشنى قوزغاپ غەلىبە قىلغان. 1978ـ يىلى نوبىل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.

1926 ـ يىلى ياپونىيە ساماۋى پادىشاھى «ھىروھىتو»تەختكە چىققان.

1949 - يىلى پاكىستان سابىق باش ۋەزىرى ناۋاز شېرىپ تۇغۇلغان . مۇشەرەف ئۇنى 1999 - يىلى ئاغدۇرۇۋەتكەن . 2017 - يىلى باش سودىيە ئۇنى چىرىك دەپ ئېلىپ تاشلىغان .

1967 - يىلى ۋەتىنىمىزدە ئېغىر يادرو بۇلغىنىش ئەھۋالى كېلىپ چىققان . 1967 - يىلى 24 - دېكابىر، باندىتلار لوپنۇردا يەنە بىر قېتىملىق ئۇتۇقلۇق يادرو سىنىقى قىلغان . تۇنجى قېتىم 1964 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر قىلغانىدى . زىيىنى تېخىچە مۆلچەرلىنىپ بولالمىغان. قەغەزدىلا48  قېتىم قىلدۇق دەپ ئېتىراپ قىلغان . ئەمما ھەقىقىي سىناق سانى مىڭ قېتىمدىن ئاشىدۇ.

1973 ـ يىلى سابىق تۈركىيە رەئىسى ئىسمەت ئىنۆنۆ ئۆلگەن. ئىسمەت تۈركىيە تارىخىدىكى ئەڭ ناچار،يارىماس ۋە ئەڭ بەتخەخت ئەلبېشى بولۇپ،«لوزان شەرتنامىسى»غا قول قويغان. ئۇنىڭ تارىخىي خاتالىقلىرى ھەمممىسى كېيىنچە مۇستاپا كامال پاشاغا يۈكلەپ قويۇلغان .

1977 ـ يىلى ئىسرائىلىيە رەئىسى بېگىن مىسىرنى زىيارەت قىلىپ،سادات بىلەن كۆرۈشكەن.

1977 - يىلى داڭلىق كومېدىيە ئارتىسى چارلى چاپلىن ۋاپات بولغان .

1991 - يىلى مىخائىل گورباچېۋ سوۋېت ئىتتىپاقى سېكرىتارلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن .

1991 ـ يىلى ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن ئايرىلىش توغرىلىق سايلام ئۆتكۈزگەن.نەتىجىدە كۆپ سانلىقنىڭ قوللىشى بىلەن ئايرىلىپ چىققان.

2019  - يىلى خىتايلارنىڭ ئەرەب غالچىلىرى ھەرىكەتتە :

ئەرەب بەگلىكى پايتەختى ئەبۇ زابىدىكى زايد مەسچىتى ئىمامى ( مەمەت زايدنىڭ كۈچۈكى ) خىتاينى ئاقلاپ ، ئۇيغۇرنى قارىلاپ تىۋېت ئاتقان ئۇ :« سىلەر ھە دېسىلا خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا قىلغىنىغا ئېسىلىۋاپسىلەر !؟ ئەمما سىلەر ئۇيغۇر ئاشقۇنلار ۋە توپىلاڭچىلارنىڭ خىتاي خەلقىگە نېمىلەرنى قىلغىنىنى كۆرۈپ باقتىڭلارمۇ !؟ » دەپ جۆيلۈپ، پاكىت سۈپىتىدە ھازىرقى قوراللىقلارنىڭ بۇرۇنقى ئاكىلىرى ياكى باشقا دائىش تېررورچىلىرى كۆتۈرۈۋالغان قارا بايراقلىق ۋىدىئولار بىلەن 2014 - يىلى 3 - مارت كۇنمىڭ ۋەقەسى بولغان ۋوگزالغا ئالاقىدار خىتايغا ھېسداشلىق قىلىدىغان نەرسىلەرنى قوشۇپ يوللاپ ئەگەشكۈچىلىرىنى قايمۇقتۇرغان. ئەمما ئويغاق ئەرەب ياشلىرى تېزلا ئۇنى ئىنسانىيلىقى يوق بىرى دەپ باھالاپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ئىنكار قىلغۇسىز دەرىجىدە ئېغىر دەپ رەددىيە بەرگەن . قېنى ئەمىسە ، بىزنىڭ 30 يىلدىن بېرى كۈچىنى يىغىپ تۇرغان ئۆلىمالار ۋە ئۇلارنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەرىكەتكە ئۆتۈپ ، ماۋۇ دىنىي تونغا ئورۇنۇۋالغان شەيتان ھايۋاندەك ھاڭگا ئىماملارغا قارشى پاكىتلىق رەددىيە بېرىپ، مات قىلىڭلار ! « دەۋاگەر جىم تۇرسا ، ئوغرى ئېشەك قىلىپ مىنىدۇ شۇ !» .

2019 - يىلى ئەردوغان لىۋىيە ۋە ئالجىرىيە بىلەن بىۋاستە چېگرىداش تۇنىسقا تۇيۇقسىز زىيارەتكە كەلدى  . ئورۇسلار سەۋەبىنى لىۋىيە ۋەزىيىتى دەپ قارىماقتا .

2019 - يىلى پاكىستاندا پۇل تېپىشنىڭ يېڭى يولى « ئۇيغۇرنى تونۇپ بېرىپ پۇل تېپىش »:

مەن ئۈچ يىل ئىلگىرى شارائىتنى قەدىرلەپ ، ئىشىڭلارغا پۇختا بولۇڭلار، بەش يىل ئىچىدە ئوۋلاش باشلىنىدۇ دېسەم تۈركىيەدىكىلەر تىللاپ كەتكەن . ۋەتەندىكى چىدىغۇسىز يولسىزلىقلار ئالدى بىلەن كۇچار بىلەن شاياردا سىناق قىلىنىپ ئاندىن پۈتۈن جەنۇپقا ، ئاخىرىدا ئىلى - ئالتايغا تەتبىقلىناتتى . چەتئەلدىمۇ قانۇنلۇق ئوۋ ئوۋلاش ئالدى بىلەن پاسكىنىستان بىلەن تۈركىيەدە سىناق قىلىنىپ ، ئاندىن پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدۇ . قاچانمۇ ئالدىن سېزەر زېرەك كىشىلەر جىقراق كۆپىيىدىكىن بىزدە !؟


قېرىنداشلار دىققەت :

بەھرام سىنتاش :

ئۆزىگە مەھلىيا بۇلۇپ قالغۇچى باشقىلارنىڭ دېققىتىنى تارتمىسا تۇرالمايدۇ. بۇنداقلار سىياسەتنىڭ پېشىنى   تۇتقاندىن باشلاپ خۇددىي  پاھىيىشىدەك ئۆزىنى كۈندە بازاغا سالىدۇ. دۇشمەن مۇشۇنداق پىسخكىسى بىنورماللارنى يۆلەپ چىقرىپ خەلقنىڭ بېشىنى قايدۇرۇپ نىشانىنى ئونتۇلدۇرىدۇ. 

سايرام ئوغلانى  :

« يا مېنى باشلا ، يا ماڭا ئەگەش ، بولمىسا يوقال ! » پاتتون!
ئەمما بۇ پىرىنسىپنىمۇ كۇڭزىچى كاللىلار ئاللىبۇرۇن ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتىمىش. ئەمدى شوئار ئەمەس ، ئۈنۈم سۈرۈشتە قىلىدىغان ۋە ھەر تەرەپتىن نازارەت قىلىپ ، سوراققا تارتىپ تۇرىدىغان تاللاش ۋە شاللاش زامانى يېتىپ كەلدى . « ۋەتەندە زۇلۇم چەتئەلدە ئويۇن ! مۈشۈككە ئويۇن ، چاشقانغا قىيىن ! »
2019 - يىلىمۇ تەشكىللىنەلمەي قالغانلار ، ياكى بۇنىڭغا بار چارىنى ئىشلىتىپ توسالغۇ بولغانلار بۇ مىللەتنىڭ ئوغلىغۇ ئەمەس ، دوستىمۇ بولالمايدۇ ! بىز يېڭى مەسىلە پەيدا قىلىدىغان قاششاق قادىر ھاجىلارغا ئەمەس ، بەلكى مەۋجۇت مەسىلىلەرنى تېز ھەل قىلالايدىغان قابىل مەمتېلى ئەپەندىلەرگە مۇھتاج !



بايراملار :

غەرپ خىرىستىئان مەزھەپلىرىدە مىلاد بايرىمى.

خىتايدا : ئاساسىي قانۇن كۈنى .

پاكىستاندا : بۈيۈك قوماندان كۈنى .

2018/ 12 /25 ـ دېكابىر.

2019 - يىلى 25 - دېكابىر  چارشەنبە
97


بابۇرشاھ ۋاپاتىنىڭ 489 يىللىق خاتىرىسى بىلەن قەلەمگە ئېلىندى .

ئىمپىراتۇر بابۇر شاھ

ئىمپىراتور زەھىررىدىن مۇھەممەد بابۇر شاھ
سەئىدىيە خانلىقىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇلتان سەئىدخان ۋە مەشھۇر << تارىخى رەشىدى >> نىڭ يازغۇچىسى مىرزە ھەيدەر بىلەن بىر نەۋرە( چۈنكى بابۇرنىڭ ئانىسى قۇتلۇق نىگار خانىم ، سۇلتان سەئىدخاننىڭ ئاتىسى سۇلتان ئەخمەتخان ، مىزا ھەيدەرنىڭ ئانىسى خوپنىگار خانىم ھەممىسى چاغاتاي ئەۋلادىدىن يۇنۇس خاننىڭ ئەۋلاتلىرى ) بولغان ، ئاقساق تۆمۈر ئەۋلادىدىن ئۇلۇغ << بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى >> نىڭ قۇرغۇچىسى ، ئىمپىراتۇر ، ئىمانى كامىل مۇسۇلمان سەركەردە ، دۇنيا تارىخىدا تۇنجى بولۇپ ئۆز تارىخىنى ئۆزى يىزىپ چىققان پادىشاھ زەھىرىددىن مۇھەممەد بابۇر 1483 - يىلى ھازىرقى ئۆزبېكىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ فەرغانە ۋىلايىتىدە (ئەنجان)دۇنياغا كەلگەن .
13 - ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ، ئوتتۇرا ئاسىيا مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ چىڭگىزخاننىڭ ئوغلى چاغاتاي خاننىڭ باشقۇرۇشىدا ئىدى . 14 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغا كەلگەندە تۈركلىشىپ كەتكەن  تۆمۈرلەڭ بۇ رايۇنلاردىمۇ ئارمىيە تەشكىللەپ << تۆمۈرىلەر ئىمپىرىيىسى >> نى قۇردى . بابۇر تۇمۇرلەڭنىڭ 6 - نەۋرىسى ئىدى .

بابۇر شاھنىڭ ئەڭ چوڭ بۇۋىسى ئاقساق تۆمۈر
نەسەبى --- بابۇرنىڭ ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئەبۇ سەئىد مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى سۇلتان مۇھەممەت مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى مىرانشاھ مىرزا ، ئۇنىڭ ئاتىسى ئاقساق تۆمۈر . ئۇ ئەمىر تۆمۈر دەپمۇ ئاتىلىدۇ . 1369 - يىلدىن 1405 - يىلغىچە ھۆكۈم سۈرگەن . ئۇ قۇرغان سۇلالىمۇ 1501 - يىلغىچە داۋاملاشقان.

1494 - يىلى ئاتىسى ئۆمەر شەيىخ مىرزىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشى بىلەن ئەمدىلا 11 ياشقا كىرىپ تۆت ئاي ئاشقان بابۇر پەرغانە رايۇنىغا پادىشاھ بولۇپ قالىدۇ . بۇ ھەقتە بابۇر بابۇرنامىنىڭ دەسلەپكى قۇرلىرىدا مۇنداق گۇۋاھلىق بىرىدۇ :<< سەرۋەرى كائىناتنىڭ شاپائىتى ۋە چاھار يارى باسە پالارنىڭ ھىممىتى بىلەن سەيشەنبە كۈنى رامىزان ئېيىنىڭ بىشىدا تارىخ سەككىز يۈز توقسەن توققۇزدا ( يەنى مىلادى 1494 - يىلى ئىيۇندا ) پەرغانە ۋىلايىتىدە ئون ئىككى ياشتا پادىشاھ بولدۇم >> . بۇ ۋاقىت دەل پارچىلانغان تۆمۈرىلەر سۇلالىسىنىڭ مىرزىلىرى ئۆزلىرى ئىگەللەپ تۇرغان زىمىنلاردا ئۆزلىرىنى پادىشاھ دەپ ئىلان قىلىپ ، ئۆز - ئارا زىمىن ۋە ھاكىمىيەت تالىشىۋاتقان ، شۇنداقلا چاغاتاي نەسلىدىن بولغان خانلارمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە زىمىن كېڭەيتىۋاتقان ، يەنە بىر تەرەپتىن بولسا ئۆزبېك خانى شەيبانىخان كۈندىن - كۈنگە زورۇيۇپ ئۇلارنىڭ قولىدىكى بۇ بىپايان زىمىنلارغا چاڭ سىلىۋاتقان دەۋىر ئىدى .
كىچىكىدىنلا ئات مىنىش ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ، بىلىمگە ھىرىسمەن ، كىتاپخۇمار، سۆزگە ئۇستا بابۇر تەخىتكە چىقىشى بىلەنلا پەرغانە ۋىلايىتىنى قوغداش ئۈچۈن جەڭگە ئاتلىنىشقا مەجبۇر بولدى . ئۇ 1501 - يىلى پەرغانىدىن ئاتلىنىپ سەمەرقەندنى ئېلىشقا مۇيەسسەر بولغان بولسىمۇ لىكىن كىيىنكى قىتىملىق جەڭدە ياردەمسىز قىلىپ شەيبانىخاننىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا تەڭ كىلەلمەي بۇ رايۇندىن چىكىنىپ 1504 - يىلى كابول( ھازىرقى ئافغانىستاننىڭ مەركىزى ) ۋە غەزنىنى ئىشخال قىلدى . كابولنى ئىشغال قىلغان چاغدا 20 ياشقا كىرگەن تۇرقىدىن باتۇرلۇق ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ياش شاھزادە بابۇر كابۇلنى تايانچ بازا قىلىپ تۇرۇپ قوشۇنىنى بارغانسىرى زورايتتى ھەمدە ئۆز دۆلىتىنىڭ زىمىنىغا قانداق ھۆكۇمرانلىق قىلىش ۋە ئۇنى قانداق كىڭەيتىش توغرىسىدا چوت سوقۇشقا باشلايدۇ .
بىلىمگە ھىرىسمەن ، كىتاپخۇمار بابۇر
ئۇ 1506 - يىلى ھىراتقا بىرىپ خۇراسان مىرزىلىرى بىلەن شايبانىخانغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشقا ھەرىكەت قىلىدۇ ، لىكىن مۇۋەپپىقىيەت قازىنالمايدۇ . 1510 - يىلى 4 - دېكابىر شايبانىخان مەرۋىدە شاھ ئىسمائىل قولىدا ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، 1511 - يىلى بابۇر ئىسمائىل شاھنىڭ ياردىمى بىلەن بۇخارا ، سەمەرقەند ، تاشكەنت قاتارلىق جايلارنى ئىگەللىگەن بولسىمۇ ، كېيىن يەنە ئۆزبىكلەرنىڭ ھۇجۇمى سەۋەپلىك 1513 - يىل كابۇلغا چىكىنىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بۇ زىمىندىن ئۈمۈدىنى ئۈزگەن بابۇر چۆچەكلەردىكىدەك بايلىقلارغا تولۇپ تاشقان ھىندىستاننى ئېلىشقا بەل باغلايدۇ ۋە ھىندىستانغا يۇرۇش قىلىشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇ ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ پەنجاپقا تۆت قىتىم ھۇجۇم قىلىدۇ ، شۇ چاغدا ھىندىستاننىڭ شەرت - شارائىتى بابۇر ئۈچۈن تولىمۇ قولاي ئىدى . دىھلى ھۆكۈمدارى ئىبراھىم لودى تولىمۇ قاتتىق قول بولۇپ ئەمەلدارلىرىنى ئۆزىگە قارشى قىلىۋالغان ئىدى . نەتىجىدە ئۇلار قانداق قىلىپ بولمىسۇن ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇشنىڭ پىيىغا چۈشكەن ئىدى .پەنجاپنىڭ قۇدرەتلىك ھاكىمى دەۋلەتخان لودىي ۋە سۇلتاننىڭ نەۋرە تۇققىنى ئەلەمخانلارنىڭ تەكلىۋى بىلەن بابۇر 1525 - يىلى ھىندىستانغا بەشىنچى قىتىم يۈرۈش قىلىدۇ . بىراق ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى ساتقۇن چىقىپ قالىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بابۇر ئالدى بىلەن شۇلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ . دەۋلەتخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ ( كۆپ ئۆتمەي ئۆلىدۇ ) پەنجاپ بابۇر ئۈچۈن قولاي ئولجىغا ئايلىنىدۇ ، شۇنداق قىلىپ بابۇر يىڭى دىھلىغا قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ .

دېھلىغا يۈرۈش ۋە ئىمپىرىيە قۇرۇش :

1526 - يىلى ھىندى دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئۆزىنىڭ ئاران 12 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى بىلەن پەنپەتتە ئىبراھىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك قوشۇنى ( ئىچىدە مىڭدىن ئوشۇق جەڭ پىللىرى بار ) بىلەن جەڭ قىلىدۇ . مانا مۇشۇ ھالقىلىق پەيتتە ئەسكەر ئىشلىتىشكە ئىنتايىن ماھىر بابۇر ئاۋال پەنپەت قەلئەسىنى ئىگەللەپ ئەسكەرلىرىنى قەلئە يىنىدىكى خەندەكلەرگە ۋە ئورمانلىققا ئورۇنلاشتۇرىدۇ ، ئوتتۇرىسىغا بولسا ئېغىر توپ بىكىتىلگەن 700 گە يىقىن ھارۋا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ . ئىبراھىم لەشكەرلىرى ۋە پىللىرى ھەممىنى يوق قىلىۋىتىدىغان ئەلپازى بىلەن قۇيۇندەك ھۇجۇمغا ئېتىلىپ كېلىشى بىلەن بابۇر 700 توپنى بىرلا ۋاقىتتا ئىشقا سىلىپ ئوق ئۈزۈدۇ  . جەڭ مەيدانى ئىس تۈتەكلەر بىلەن قاپلىنىدۇ . ئىبراھىمنىڭ مىڭدىن ئوشۇق پىلى ئۆپۈر - تۆپۈر بولۇشۇپ تەرەپ - تەرەپكە قاچىدۇ . شۇ ۋاقىتتا بابۇرنىڭ ئاتلىق قوشۇنلىرى ئىككى تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دۈشمەننى مۇھاسىرە چەمبىرىكى ئىچىگە قورشىۋالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر مەھەل قاتتىق جەڭدىن كىيىن ئالدى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ئىبراھىمنىڭ 100 مىڭ كىشىلىك ئارمىيىسى بىتچىت بولىدۇ ، ئىبراھىممۇ مۇشۇ جەڭدە ئۆلىدۇ . 1529 - يىلىدىكى بىرقانچە قىتىملىق جەڭدىن كىيىن پۇتۇن ھىندىستان ( ھازىرقى پاكىستاننىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ) نىڭ شىمالىنى ئۆز ئىدارىسى ئاستىغا ئالىدۇ . 1526 - يىلى دىھلى ۋە ئەگرەنى ئىشغال قىلىپ بۇ يەردە 10 - ماي ئۆز نامىغا خۈتبە ئوقۇتۇشى بىلەن بۇ كەڭ زىمىندا 1761 - يىلىغىچە سەلتەنەتلىك، 1858 - يىلغىچە سىمۋوللۇق ھۆكۈم سۈرۈپ تارىختا << بابۇرىيلەر سۇلالىسى >> دەپ ئاتالغان ئىمپىرىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ .
لېكىن بابۇرنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش خىيالىنى ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرى پەقەتلا چۈشەنمەيدۇ . نۇرغۇن ۋەزىرلەر ۋە سەركەردىلەر بابۇرغا :<< ھىندىستاندا يا ياخشى ئات ، كۆندۈرۈلگەن  ئىت بولمىسا ، يا ئۈزۈم ، قوغۇن ، يۇمشاق نان يا سۈزۈك بۇلاق ، كەڭ يايلاق بولمىسا بۇ يەردە تۇرغاننىڭ نىمە پايدىسى بار ؟>> دىيىشىدۇ . چۇنكى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كەڭ يايلاقلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ كۆنۈپ قالغان تۈركلەر ۋە ئافغان ، پارىسلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ھىندىستانغا ماكانلىشىپ قىلىشنى خالىمايتتى . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھىندىستان ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقىغا ئۇچرىغاچقا ، شەھەر يىزىلار ناھايىتى خانىۋەيران بولۇپ كەتكەن ئىدى .
« ھىندىستاندا بىپايان كەڭ زىمىن ۋە ئەسىرلەي بويى توپلانغان بايلىق بار . بولۇپمۇ مىڭلىغان - ئۇنمىڭلىغان ئۇستا ھۈنەرۋەنلەر بار» دىدى بابۇر ، - بىز مۇشۇ كىشىلەرگە تايىنىپ باي قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىمىز . شۇنىڭ بىلەن ھال - كۈنىمىزمۇ يۇرتىمىزدىكىدىن كۆپ ياخشى بولۇپ كىتىدۇ .>> ئۇ شۇنداق دەپ پۇتۇن قوشۇندىكى سەركەردە ئەسكەرلەرگە ئۆزىنىڭ ھىندىستاندا دۆلەت قۇرۇش ئىرادىسىنى بىلدۈردى . ئاندىن كېتىشنى خالايدىغانلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇپ قېلىشنى خالايدىغان بىلەن ئىشلەۋەردى . ئۇنىڭ سىياسىتىنى قول ئاستىدىكىلەر ئاخىرى چۈشەندى . شۇنىڭ بىلەن بابۇرىيلار سۇلالىسى ھىدىستاندا تىزلا مۇستەھكەملەندى . ئۇنىڭ نەۋرىسى جالالىددىن مۇھەممەد ئەكبەر شاھ ھۆكۈمرانلىق قىلغان دەۋىرگە كەلگەندە بابۇرىيلار سۇلالىسى ئومۇمى يۈزلۈك روناق تاپىدۇ ئىمپىرىيىنىڭ تىرىتورىيىسىمۇ زور دەرىجىدە كېڭىيىدۇ .

بابۇرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە :

بابۇر 1530 - يىلى 12 - ئاينىڭ 26 - كۇنى ھىندىستاندا 48 يىشىدا ۋاپات بولىدۇ . بابۇرنىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا << ھۇمايۇننامە >> مۇنداق تەپسىلاتلار بار . 1530 - يىلىنىڭ مارت ئېيىدا بابۇر لاھۇردا بولىدۇ . قايتىشىدا دېھلىنىڭ ئەتراپىدا شىكار باھانىسى بىلەن ئىككى ئاي تۇرۇپ قالىدۇ . ئاۋغۇست ئېيىدا ئەگرەگە قايتىپ كەلگەندە تەخىت ۋارىسى ھۇمايۇننىڭ سەمبىھەلدە ئېغىر كىسەلگە مۇپتىلا بولغانلىقىنى ھەققىدە خەۋەر كىلىدۇ . ھۇمايۇننى دەريا بىلەن ئەگرە شەھىرىگە ئېلىپ كىلىدۇ . بابۇر تىۋىپلارنىڭ داۋالاشلىرى كار قىلمايۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ :<< ھۇمايۇننىڭ ئورنىغا مىنىڭ جېنىمنى ئال >> دەپ ئاللاغا چىن قەلبىدىن مۇناجەت قىلىدۇ . يىقىنلىرىنىڭ << كوھى نۇر >> ناملىق ئالماسنى خۇدا يولىدا سەدىقە قىلىش ھەققىدىكى مەسلىھەتلىرىنى رەت قىلىدۇ . ئۇ ھۇمايۇن ياتقان تەختىراۋاننى ئۈچ قىتىم ئايلىنىپ :<< مەنكى بابۇر جىسمى جانىمنى ھۇمايۇنغا بەخشەندە قىلدىم >> دەپ ئۈچ قىتىم تەكرارلايدۇ . گۈلبەدەن بىگىمنىڭ يىزىشىچە ، شۇ كۈندىن تارتىپ ھۇمايۇننىڭ كىسىلى ياخشىلىنىشقا باشلاپ ، بابۇرنىڭ مىجەزى بۇزۇلىدۇ . بابۇر شۇ ياتقىنىچە ئىككى ئاي ئورنىدىن تۇرالمايدۇ ، ۋە 1530 - يىلى 26 - دېكابىر 48 يىشىدا ئالەمدىن ئۆتىدۇ .

بابۇرنىڭ تەخىت ۋارىسى ، ئوغلى ئىمپىراتۇر نەسىردىن ھۇمايۇن ۋە نەۋرىسى ئەكبەر شاھ :

ھۇمايۇن شاھ بابۇر شاھنىڭ چوڭ ئوغلى ۋە تەخت ۋارىسى ، ئۇ 1508 - يىلى 17 - مارت كابۇلدا تۇغۇلغان . 1556 - يىلى 27 - يانۋار دېھلىدا ۋاپات بولغان . ئۇ 1530 - يىلى 27 - دېكابىردىن تاكى 1540 - يىلغىچە مۇتلەق ھۆكۈمران ، 1540 - يىلدىن 1555 - يىلغىچە سەرگەردان ھۆكۈمران بولۇپ ، ئاخىرقى بىر يىل يەنىلا مۇتلەق ھىندىستان ھۆكۈمرانى بولغان.

بابۇر شاھ تەرىپىدىن ھىندىستاندا قۇرۇلغان تۈرك بابۇر ئىمپېراتورلۇقىنىڭ ئۈچىنچى ھۆكۈمدارى ۋە «ئەكبەر شاھ» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر بولغان جالالىددىن، تىمۇرنىڭ نەسلىدىن كەلگەن بابۇر شاھنىڭ نەۋرىسى؛ ھۇمايۇن شاھنىڭ ئوغلىدۇر. ئانىسىنىڭ ئىسمى ھامىدە بانۇدۇر.

ئەكبەر شاھ 1542 - يىلى 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى لاھورنىڭ ئۆمەركوت بازىرىدا دۇنياغا كېلىدۇ. ئۇنىڭ دادىسى 1556 - يىلى يۈز بەرگەن بىر قېتىملىق ۋەقەدە ئالەمدىن ئۆتىدۇ. ئۇ شۇ ۋاقىتتا ئەمدىلا 14 ياش بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن دادىسىنىڭ ئورنىغا ئىمپېراتور بولىدۇ. ئۇ كىچىك يېشىدىن تارتىپلا دادىسىنىڭ يېنىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى قىلىدۇ. ھۇمايۇن شاھ 1555 - يىلى سەرخەندنى ئىشغال قىلىدۇ. بۇنىڭغا قارىتا ئافغانىستان ھۆكۈمدارى ئىسكەندەر شاھ چوڭ قوشۇن تەشكىللەپ قەلئەنى قايتۇرۇۋېلىش ئۈچۈن سەرخەندكە قاراپ يۈرۈش قىلىدۇ. بۇنىڭدىن قاتتىق بىئارام بولغان ھۇمايۇن شاھ ئۆزىنىڭ ۋەكىلى سۈپىتىدە ئوغلى ئەكبەر شاھنى قوشۇنىغا باش قىلىدۇ. بۇ ئۇرۇشتا ئەكبەر شاھ ئىسكەندەر شاھنى مەغلۇپ قىلىپ، 13 يېشىدىلا تۇنجى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەكبەر شاھقا «غازى» دېگەن نام بېرىلىدۇ. ئۇ شۇ يىلى يېنىدا «ئاتا بەگ» بولۇپ خىزمەت قىلىۋاتقان بايرام خان بىلەن بىرلىكتە پەنجاپنىڭ ۋالىيلىقىغا تەيىنلىنىدۇ. دادىسى ھۇمايۇن شاھ 1556 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 14 يېشىدا تەختكە ئولتۇرىدۇ.
ئەكبەر شاھ تەختكە چىققاندىن كېيىنكى يەتتە يىل بويىچە ئۇرۇش بىلەن ۋاقتى ئۆتىدۇ. ئۇ تەختكە چىقىپ تۇنجى بولۇپ، دېھلى بىلەن ئاگرا ئارىسىدىكى جايلارنى ئۆز ھاكىمىيىتى ئاستىغا ئالىدۇ. 1567 - يىلى راجپۇتلارنىڭ قەلئەسى چىتور ۋە ئەجمىرنى ئىشغال قىلىدۇ. ئارقىدىن گۈجەراتقا يۈرۈش قىلىپ، مۇستەقىل ئەھمەت ئاباد سۇلتانلىقىنى مەغلۇپ قىلىدۇ ۋە بۇ دۆلەتنى داڭلىق بىر ئۆلكىگە ئايلاندۇرىدۇ. گانج ۋادىسى ئىمپېراتورلۇق چېگرالىرىنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا، ئورىسسا، كابۇل، كەشمىر، سىند ۋە قەندىھار قاتارلىق جايلار قولغا كىرگۈزۈلىدۇ.
ئەكبەر شاھنىڭ ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا دىنىي ۋە جەمئىيەت نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ۋە غەلىتە ئۆزگىرىشلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئۇ ھىند ئەنئەنىسىنىڭ بىر قانچە يۈز يىللىق ئادالەتسىز سىياسەتلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئادىل بولغان سوت مەھكىمىلىرىنى قۇرىدۇ. باج يىغىشتا ئادالەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىدۇ. ھىندى ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆز ئەنئەنىلىرىگە ئاساسەن سوتلىنىدىغان قانۇن سىستېمىسى تۇرغۇزۇپ چىقىدۇ. بىناكارلار، ئالىملار، شائىرلار، ئەدەبىياتچىلار ۋە رەسساملار بىر يەرگە توپلانغان سەنئەت مەركىزىي قۇرىدۇ. تۈرك - ئىسلام بىناكارلىقىنىڭ ئەڭ كۆركەم قۇرۇلۇشلىرىنىڭ سېلىنىشىنى روياپقا چىقىرىدۇ.
ئۇ 1579 - يىلى ئۆزىنى ھىندىستان مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي رەھبىرى دەپ ئېلان قىلىدۇ.

ھۇمايۇن مەقبەرىسى:

موغۇل خانلىقىنىڭ پادىشاھى ھۇمايۇننىڭ مەقبەرىسى ھىندىستان 2-قۇرۇقلۇقىدىكى تۇنجى باغچىلاشقان مەقبەرە بولۇپ، موغۇللارنىڭ قۇرۇلۇش بىناكارلىق ئىشلىرىغا ئۈلگە تىكلەپ بەرگەن. بۇ مەقبەرە ھىندىستاننىڭ يېڭى دېھلى شەھىرىگە جايلاشقان بولۇپ، پارسلارنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىدە ياسالغان، ئېگىزلىكى 47 مېتىر كېلىدۇ. قوش قۇببىسىمان ئۆگزىسىنىڭ سىرتقى قەۋىتىنى ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشلار ئوراپ تۇرىدۇ، ئىچكى قىسىمى ئۆڭكۈر شەكلىدە لاھىيەلەنگەن. مەقبەرىنىڭ سىرتى قىزىل رەڭلىك قۇم تاشلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، ئاق رەڭلىك قۇببە بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ. بۇ مەقبەرىنى سېلىشقا 8 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىنغان.

بابۇر ئىمپىرىيىسى تاكى 19 - ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىغىچە ھۆكۈم سۈرىدۇ . بۇ مەزگىلدە ھىندىستاننىڭ فېئوداللىق مەدىنىيىتى تۈرك ۋە ئەرەپ مەدىنىيىتىنىڭ تەسىرىدە تېخىمۇ بېيىيدۇ ۋە يۇقۇرى كۆتۈرىلىدۇ . بۇ تەسىر تىل ، ئەدەبىيات ، بىناكارلىق ، رەسساملىق ۋە مۇزىكا جەھەتتىلا ئەمەس ، ھىندى خەلقىنىڭ تۇرمۇش ئادەتلىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ . ھازىرقى ھىندى ئەمەلدارلىرىنىڭ قاتار تۈگمىلىك چاپان ۋە پاقالچىكىگە يىپىشىپ تۇرىدىغان تار پۇشقاقلىق ئىشتان قاتارلىق مېھمانلىق كىيىملىرى ھىندىستاندەك ئىسسىق بەلۋاغنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرى بولماستىن بەلكىم بابۇرىيلار ئىمپىرىيىسى دەۋرىدە مەيدانغا كەلگەن ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ كىيىملىرىگە تەقلىت قىلىنىپ ئۆزگەرتىلگەن .

بابۇر مەسچىتى ۋە ھازىرقى قىسمىتى :

بابۇر شاھ ۋاپات بولۇشتىن ئىككى يىل ئىلگىرى ئۆز نامى بىلەن ئىنشا قىلغان « بابۇر مەسچىتى » 1528 - يىلى بىنا قىلىنغان بولۇپ ، 1992 - يىلى ھىندىلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىنغان ئىدى . مانا ئەمدى بۇ تارىخىي مەسچىت ئۆزىنىڭ 500 يىللىق تەۋەللۇت كۈنىگە ئۇلاشمايلا پۈتۈنلەي چېقىۋېتىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن . 2019 - يىلى 9 - نويابىر سوت بۇ جاينى ھىندىلارغا كېسىپ بەرگەن بولۇپ ، ۋاختىدا تەدبىر قوللىنىلمىسا ، 500 يىللىق تارىخقا ۋەكىللىك قىلىدىغان ، شۇنداقلا ھىندىستاندا 333 يىل سەلتەنەت سۈرگەن « موغۇل ئىمپېرىيىسى » مۇشۇ مەسچىت بىلەن قوشۇلۇپ خەلقنىڭ زېھنىدىن ئۆچىدۇ . بابۇر شاھقا ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەھۋالى ئېغىر بولغاچقا ، ئۆزىنى بابۇرشاھقا ئەڭ ھەقلىق دەپ قاراۋاتقان ئافغانىستان ۋە ئۆزبېكىستان ھۆكۈمەتلىرىدىن قىلچە سادا چىقمىغان . چۈنكى ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇپ ، كابۇلغا دەپنە قىلىنغان بابۇر شاھنىڭ ۋارىسلىرى دەل ئۇنىڭ نەۋرە ئىنىسى سەئىدخاننى يەكەندە ، تاغىسى سۇلتان ئەھمەدنى ئاقسۇدا ۋە ئۇلۇغ بوۋىلىرى بولغان ئۇۋەيسخان ۋە تۇغلۇق تۆمۈرخاننى غۇلجىدا مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار ئىدى.

جانىم ئۆزگە يارى ۋاپادار تاپمىدىم،
كۆڭلۈمدىن ئۆزگە مەھرام ئەسرار تاپمىدىم.

جانىمدەك ئۆزگە جاننى دىلەڧگار كۆرمىدىم،
كۆڭلۈم كىبى كۆڭۈلنى گىرىبدار تاپمىدىم.

ئۈزرۈك كۆزىگە تاكى كۆڭۈل بولدى مۇپتالا،
ھەرگىز بۇ تەلۋىنى يەنە خۇشيار تاپمىدىم.

ناچار ڧۇرقەتى بىلەن ھاي ئېيتمىسام، نىتاي،
چىن ۋەسلىگە ئۆزۈمنى سازاۋەر تاپمىدىم.

بارە-بارەي ئىشىكىگە بۇ نۆۋەت، ئەي كۆڭۈل،
نىچەكى بېرىپ ئىشىكىگە،بار تاپمىدىم.

بابۇر، ئۆزۈڭنى ئۈگۈتۈپ كۆر،يارسىزكى، مەن،
ئىزدەپ جاھاننى، مۇنچە قىلىپ،يار تاپمىدىم.

                             زەھىرىدىن مۇھەممەد بابۇر

قوشۇمچە: ( بابۇر شاھنى ئىلھام مەنبەسى قىلغان ھادىسسىلەر ) :

14-ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮ, ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ «ﺑﺎﺑﯘﺭ-2» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭەدنى ﻣﯘﯞﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮﻳﯘﭖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ, ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻨﺎﺭەد ﻳﻪﺭﺷﺎﺭﻯ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ, ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﺩەل ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺯەربە ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ.

سۈرەتتە : مىلادى 1526 - يىلىدىن 1858 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن .خانلىق خەرىتىسى ( كۆك بويالغان زىمىن ، 2 مىليۇن 700 مىڭ كۇۋادرات كىلومىتىر )

ۋاپاتىنىڭ 489 يىللىق خاتىرە كۈنىدە ئالاھىدە ئەسلەندى

گەپ تامام ، ۋەسسالام !

سايرام ئوغلانى

پايدىلانمىلار -- << بابۇرنامە >> ، << چەتئەل تارىخىغا ئائىت ھىكايىلەر >> ۋە << يۇلتۇزلۇق تۈنلەر >> قاتارلىق ئەسەرلەر .

2019 - يىلى 26 - دېكابىر   قۇتلۇق جۈمە كېچە
                         ئەنجان كوچىسى
98

تارىختىكى بۈگۈن « 24 - دېكابىر » :

738 - يىلى ئۇمەييەلەر خەلىپىسى ئابدۇمەلىك ئوغلى مەسلەمە قازا قىلغان . ئۇ خان جەمەتى ئىچىدىكى بىردىنبىر ماھىر قوماندان ئىدى . ئۇ 732 - يىلى ھازارلارنى ئۇتۇقلۇق چېكىندۈرگەن.

1524 - يىلى ۋاسكو داگاما ئۆلگەن .

1638 - يىلى 39 كۈنلۈك قورشاۋدىن كېيىن ، ئوسمانىلار باغداتنى سافاۋىلاردىن قايتا ئالغان.

1939 - يىلى مىلاد بايرىمى ھارپىسى پاپا ھەر قايسى ئەللەرنى دۇنياۋى تىنچلىققا چاقىرغان .

1943 - يىلى ئېزېنخاۋېر ياۋروپادىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى باش قوماندانلىقىغا تەيىنلەنگەن .

1946 - يىلى فرانسىيە 4 - جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان .

1961 - يىلى ئىلھام ئەلىيېف تۇغۇلغان .

1967 - يىلى 24 - دېكابىر، باندىتلار لوپنۇردا يەنە بىر قېتىملىق ئۇتۇقلۇق يادرو سىنىقى قىلغان . تۇنجى قېتىم 1964 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر قىلغانىدى . زىيىنى تېخىچە مۆلچەرلىنىپ بولالمىغان . قەغەزدىلا48 قېتىم دەپ ئېلىنغان . ئەمما زادى نەچچە قېتىم يادرو سىنىقى قىلغانلىقى ھازىرغىچە بىر سىر .

1978 - يىلى 24 - دېكابىر، ئىراندا ئامېرىكىغا قارشى زور نامايىش بولۇپ، كېيىنكى ئايدا شاھ ئاغدۇرۇلۇپ، ھازىرقى قارا ئىران قۇرۇلغان .

1979 - يىلى 24 - دېكابىر سوۋېت ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا تاجاۋۇز قىلغان. 1989چېكىنگەن.

ختتاينىڭ ئەرەب غالچىلىرى ھەرىكەتتە !

تۆت كۇن بۇرۇن ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ئەرەبچە نۇتۇقۇم ئىلان قىلىنغاندىن كىين،30-40 مىڭ كىشى كۆرۇپ،جىددى مۇنازىرە قوزغىلىپتۇ.بۇ مىنىڭ ئىسلام دۇنياسنى تەنقىد قىلغان قسقا نۇتۇقۇمنىڭ بىر ئىككى مىلىيوق تارقىلىشدىن كىين تەسر قوزغىغان بىر دولقۇن بولغانىدى .
ختتايلار ئەرەپلەرگىمۇ تەشۋىقات قىلغان چېغى ،«تاھىر ئىسرائىلىيەدە تۇرغان،ئامېرىكىغا ئىشلەيدۇ دەپ.ئەرەپلەر ئارسىدا تاھىر ئىمىن ئامېرىكا جاسوسى »دەپ سۆز تارقىتىپتۇ.ئۇچۇرلار ساماندەك تۇرىدۇ.
ياش ئەرەپلەر شۇنى تالاش تارتىش قىلىۋىتىپتۇ، ھەر خىل رەسملىرىمنى  تارقىتىپ.
تېخى تۆت كۇن بۇرۇن دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ۋەتەن پارتيسى ئادەملىرى ئوخشاش گەپنى تارقاتقان ئىدى.

كۇلكىلىك يېرى  ،ئۆتكەندە تېخى ختتاي جاسوسلىرى مىنىڭ«ختاي دىموكراتچلىرى »بىلەن چۇشكەن رەسمىمنى ئىشلىتىپ تۆھمەت قىلغان ئىدى،دىمەك ختتايلار بەك بىچارە ،چىدىماس ،چارەسز! كالۋالار مىنىڭ ئۇيغۇر ئۇچۇن ئىشلەيدىغانلىقىمنى بىلىدۇ ئەمما بۇنى قانداقتۇر ئامېرىكىغا باغلاپ ،داۋا سۇپىتىنى تۆۋەنلەشتۇرمەكچى بولۇۋاتىدۇ

بۇ ۋىدىئودىكىسى داڭلىق ئەرەب قانۇن پەنلىرى دوكتۇرى،ئادوۋكات تارىق شىنداپ بولۇپ،ئۇ ماڭا ئەرەپلەر ئارسىدىكى ئوخشمىغان ئىنكاسلارنى يەتكۇزدى ۋە بۇ ۋىدىئوسدا بىزنىڭ داۋايىمىزنى ئاڭلىتىپ قوللاپتۇ .كۆڭلۇم شۇنداق بىر خوش بوپقالدى .  تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىيان .

ئىبرەتلىك بىر ۋەقە ۋە ئاچچىق چاقىرىق :

« ئەقلىي مۈلكى ئوغرىلانغان، ئالتۇنغا كۆز قىرىنى سالمىغان ئىنسانپەرۋەر ئالىم نىكولا تېسلا »

ئېدىسوننى بىزگە ئۈلگە قىلىپ بەرگەن ماركىسىزىملىق تارىخ قاراش يوقالسۇن !
« ئىلىم پەقەت بىر ۋاستە ۋە ئىنساندىكى بىر بۇرۇلۇش ، ئۇنىڭ ئەڭ يۈكسەك نىشانى ئىنسانىيەتنى ياخشىلاش بولۇشى كېرەك » نېكولا تېسلا .
« ماڭا نىسبەتەن پۇلنىڭ ھېچقانداق قىممىتى يوق . ئەمما ئىنسان پۇلغا ئۆزى قىممەت يارىتىپ بېرىدۇ
نېكولا تېسلا .
« دادام مۇنەججىم ، ئانام ئالىم ئايال ئىدى . مەن قاتتىق گۈلدۈرمامىلىق ھاۋارايىدا تۇغۇلدۇم . شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ توك بىلەن بولغان كۈرىشىم باشلاندى .
مەن ئۆسمۈر ۋاختىمدا خولىرا بوپقېلىپ ، توققۇز ئاي دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدىم . بۇ جەرياندا ئۆلگىلى ئازلا قالدىم . مەن ئالىي مەكتەپتىكى ۋاقىتتا توك ۋە ئېلىكتىر بىلىملىرىگە خۇمار بولدۇم. ئۇزۇن ئۆتمەي ئامېرىكىغا كېلىپ ، توماس ئېدىسون دېگەن ئالىمنىڭ يېنىدا ئىشلىدىم . ئەمما ئېدىسون   مېنىڭ نەزەرىيەلىرىمنى مەنسىتمەي، تولىمۇ ئىلغار ئەمما ئەمەلگە ئاشمايدىغان خام خىيال دەپ باھا بەردى .  مىليون دوللارلىق پاتنېتىمنىڭ پۇلىنى بەرمەي ، پەقەت ئايلىقىمغا 10 دوللار قوشۇپ بەردى . ( ئېدىسون تېسلاغا 12 مىليون دوللارلىق توك چىقىرىش ماتورىنى ياسىتىپ، پۇلىنى بەرمىگەن )ماڭا پۇلنىڭ كېرىكى يوق . ئەمما ھازىر پۇل ئادەملەرگە قىممەت بېرىدىغان بوپكەتتى . « مېنى بىئارام قىلغىنى پىكىرلىرىمنىڭ ئوغرىلانغىنى ئەمەس ، بەلكى ئوغرىلارنىڭ ھېچقانداق پىكىرلىرى يوق بولغىنىدۇر !» .مەن ئىستىپا بېرىپ ئۆز ئالدىمغا ئىشلىدىم . ئېدىسون مەن بىلەن رىقابەتلەشتى ۋە بەسلەشتى . ئەمما ئاخىرى مەن ئۇتتۇم . مەن ئامېرىكىنى بىكالىق توك بىلەن تەمىنلەپ بەردىم . ئۇنىڭدىن ھېچ پاتنېت تەلەپ قىلمىدىم ۋە پۇل ئالمىدىم . مەن رادىئو دولقۇنىنى بالدۇرلا بايقاپ ، تېلفون - سېگنال دەۋرىنى ياراتقان . ئەمما تەجرىبەخانامغا ئوت كېتىپ ، كېيىنچە بۇ نەزەرىيەگە تايانغان ماركونى نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . مېنى غەزەپلەندۈرگىنى ئېدىسوننىڭ ماركونىغا پۈتۈن خىراجەتنى تەمىنلەپ مېنى توختاتماقچى بولغانلىقى ئىدى . ئاخىرى ھەقىقەت ئاشكارا بولۇپ ، ماركونىغا بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتى بىكار قىلىنىپ ، ماڭا بېرىلدى . ئەمما مەن ئۇ چاغدا ئاللىبۇرۇن ۋاپات بولغىلى ئىككى يىل بولغان ئىدى . مەن 300 تىن كۆپرەك ئىنسانىيەتكە پايدىلىق كەشپىياتلارنى ياراتتىم . ئەمما مونوپول كاپىتالىستلار ئىگىلىۋالغان ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى چەكلىۋەتتى . مەن قازا قىلغاندىن ئۇلار سېلېكون جىلغىسىدا مېنىڭ ھەيكىلىمنى تىكلەپ ، ھەقسىز سىمسىز تور بىلەن تەمىنلەپ بەردى . مانا بۇ مەن - نىكولا تېسلا ئىدىم » .

ئەگەر نىكولا تېسلا پەقەت ئاشۇ توك پاتنېتىنىلا تەلەپ قىلغان بولسا ، ئۇنىڭ ھازىرقى كاپىتالى دۇنيادىكى پۈتۈن بايلارنىڭ يىغىندى كاپىتالىدىن ئېشىپ كەتكەن بولاتتى . « پۇلنى قۇل قىلغان ، ئىلىمنى قۇت قىلغان ئېسىل ئىنساندىن ، پۇلغا قۇل بولغان ، ئىلىمنى خار قىلغان بىچارە ئىنسانلارغا   سالاملار  بولسۇن !

ئىككى گەپنىڭ بىرىدە : دۆلىتىمىزنى خەلقئارا چوڭ كۈچلەر قۇربان قىلىۋەتكەن، تەقدىرىمىزنى يالتا كېلشىمىدە بەلگىلىۋەتكەن - دېيىشىدۇ . ئەگەر شۇ راست بولسا، ئۇنداق پاكىتلارنى ئېچىش، ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئەلۋەتتە ئاكادېمىكلارنىڭ ۋەزىپىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىلمى ئەمگەكلىرى ئىنكار قىلىنماس ھەقىيقەت تەرىقىسىدە قىممەت يارىتىدۇ.
يىغىپ ئېيتقاندا، چەتئەلدىكى تەشكىلاتچى ۋە پائالىيەتچىلەر ھازىرغىچە ۋەتەننىڭ دەۋاسىنى قىلمىدى . ئۇلار خەلقىمىزنىڭ دەردىنى يىغلاپ، خىتاينىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ كەلدى . ناۋادا خىتاي ھۆكۈمىتى بارلىق زۇلۇملارنى توختىتىپ، خەلقىمىزگە ئۆز بەگ، ئۆز خان ئەركىن، باياشات ياشاش ئىمكانىيىتىنى بېرىۋەتكەن تەقدىردىمۇ، دەۋاچىلار قاقشاشتىن توختىمايدۇ. ھېچ گەپ تاپالمىسا، پارتىيە سېكرىتارلىقىنى ئۇيغۇرلارغا بەرمىدى، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا ئىشەنچ قىلمىدى - دەپ بولسىمۇ شىكايەت قىلىدۇ. شۇنىڭدەك دەرد، شىكايەتلەر بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇكى، ئەمما ۋەتەننىڭ دەۋاسىنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ. ۋەتەن دەۋاسى- ۋەتەننىڭ ئىگىلىك ھوقۇق دەۋاسى دېمەكتۇر. 22.12.2019
ئابدۇرەھىمجان

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 24 - دېكابىر   سەيشەنبە
99





تارىختىكى بۈگۈن ( 23 ـ دېكابىر):

962 - يىلى ۋىزانتىيە قوشۇنى ھەلەبنى ئىشغال قىلغان . بۇ فارابى ۋاپات بولغاندىن كېيىنكى ھەمەدانىلارنىڭ ئەڭ پاجىئەلىك دەۋرىدۇر .

1777 ـ يىلى چارپادىشاھ 1ـ ئالېكساندىر تۇغۇلغان.

1847 ـ يىلى ئالجىرىيەلىك مىللىي قەھرىمان ئابدۇقادىر قورال ـ ياراق،ئوزۇق ـ تۈلۈك تۈگەپ  كەتكەچكە،فرانسىيەگە تەسلىم بولغان.

1876 ـ يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى تۇنجى ئاساسىي قانۇنىنى ئېلان قىلغان.(بۇ تارىختا 1 ـ مەشرۇتىيەت دەپ ئاتالغان.ئاساسلىق تەشەببۇسچىسى مىتھات پاشا ئىدى).

1913 ـ يىلى ئامېرىكا مەركىزى بانكىسى قۇرۇلغان.

1920 ـ يىلى بېرىتانىيە پادىشاھى 5 ـ گئورگى ئەنگلىيەنىڭ بىر قىسمى بولغان ئېرلاندىيەنىڭ مۇستەقىل بولۇشى توغرىسىدىكى ھۆججەتكە ئىمزا قويغان.نەتىجىدە ئېرلاندىيە شىمال ۋە جەنۇپ دەپ ئىككى قىسىمغا ئايرىلغان.

1921 ـ يىلى ئەنگلىيە دائىرىلىرى مىسىر مۇستەقىلچىلىرى بولغان سەئىد زەغلۇل ۋە ئادەملىرىنى قولغا ئېلىپ،سېيشىل ئارىلىغا پالىغان.

1933 ـ يىلى ياپونىيە ساماۋى شاھى ئاكىھىتو تۇغۇلغان.

1933ـ يىلى سابىت داموللام يېڭىشەھەر مۇھاسىرىسىنى كۈچەيتكەن.

1940 ـ يىلى جاڭ كەيشى خىتتايدىكى بارلىق كوممۇنىستىك تەشكىلاتلارنى تارقىتىۋېتىش ۋە چەكلەش توغرىلىق بۇيرۇق بەرگەن.

1941 ـ يىلى ياپونىيە ئارمىيىسى شياڭگاڭنى ئىشغال قىلغان.ۋالىي 2كۈن ئۆتۈپ تەسلىم بولغان.

1948 - يىلى توجو خېدىكى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن .

1953 ـ يىلى سوۋېت ك گ ب رەئىسى لاۋرېنرىي بېرىيا ئۆلگەن.

1955 ـ يىلى سۈرىيە ئىسرائىلىيەنى ب د ت دىن قوغلاپ چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

1958 ـ يىلى توكيو مۇنارى پۈتۈپ،خەلققە ئېچىۋېتىلگەن.شۇنداق قىلىپ.ئۇ دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز مۇنار بولۇپ قالغان.

1961 ـ يىلى ناسىر مىسىردىكى بارلىق چەتئەللىكلەرنىڭ مۈلكلىرىنى،پايچېكلىرىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلاپ،
4 فرانسىيىلىكنى ئۆزىگە قەست قىلماقچى دەپ قولغا ئالغاندىن كېيىن فرانسىيىلىكلەرنىڭ مىسىرغا كىرىشىنى چەكلەيدۇ.

1963 ـ يىلى ناسىر ئىسرائىلىيىنىڭ ئىئوردان دەرياسى سۈيىنى ئىگىلىۋېلىشىگە قارشى ئەرەپ ئەللىرى ئىتتىپاقىنى جىددىي يىغىن ئېچىشقا چاقىرغان.

1968 ـ يىلى شىمالىي كورىيە 11 ئايدىن بېرى جاسۇسلۇق گۇمانى بىلەن قاماپ قويغان 28 ئامېرىكىلىقنى قويۇپ بەرگەن.

1985 ـ يىلى ئالجىرىيە باش ۋەزىرى پەرھات ئابباس ۋاپات بولغان.

1990ـ يىلى سىلوۋېنىيە يۇگۇسلاۋىيەدىن ئايرىلىپ چىقىپ،مۇستەقىل بولۇش ئۈچۈن سايلام ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە 88% ئاۋام مۇستەقىل بولۇشقا ئاۋاز بەرگەن .

2018 ـ يىلى 23 ـ دېكابىر ھېندونېزىيەدە دېڭىز تاشقىنى يۈز بېرىپ،نەچچە يۈز كىشى قازا قىلغان.

2018 ـ يىلى 23 ـ دېكابىر تۈركىيەنىڭ ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىشچى ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرى توقۇنۇشۇپ قالغان.
ساقچىلار گاز ۋە ياش ئاققۇزۇش بومبىسى،
مۇچ سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلار بىلەن ئۇلارغا ھۇجۇم قىلغان.(بۇ تۈركىيە ساقچىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا بۇنداق نەرسىلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىشى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ).

« ئەجەللىك راك كېسىلىدىن مۆجىزىلەرچە ساقىيىپ نەچچە يۈز مىليون ئەگەشكۈچىسى ۋە دۇنيادىكى بارچە ئوخشاش كېسەللەرگە مەدەت بەرگەن » لىۋان گۈزىلى ئېلىسساخانمۇ بۈگۈن  (23 - چېسلا)تىۋېتتىرىدا ئۇچۇر يوللاپ : « خىتايدىن كېلىۋاتقان خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى چىدىغۇسىز خورلاۋاتقانلىق ھەققىدىكى خەۋەردىن چۆچۈدۈم . ئەسلىدە ئىلىم ۋە تېخنولوگىيەدە يۈكسىلىۋاتقان خىتاينىڭ ئادىمىيلىكى تېخىمۇ كۈچەيسە توغرا بولاتتى . بىز شۇنداق تەرەققىي قىلغان بولساق ئادىمىيلىكىمىز كۈچىيەتتىكى ، ھەرگىزمۇ تېخىمۇ ۋەھشىي ۋە غالجىرلىشىپ كەتمىگەن بولاتتۇق . ھازىر ( شەرقىي تۈركىستاندا ) بىز يىراقتىن شاھىت بولۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر يالغۇزلا ئىسلام دۇنياسىنىلا ئەمەس ، بەلكى ئازراق ۋىجدانى بولغان ، قەلبىدە زەررىچە ئىنسانلىقتىن نېسىۋىسى بولغان بارلىق ئىنسانىيەتنى لەرزىگە كەلتۈرۈشى كېرەك !

ئېلىسسا « لۈكچەك مىجەز ئاكتىيور » بولۇپ ، نېتانىياخۇغا تولا زەربە بېرىپ ، موسادتىن كېلىدىغان تەھدىتتىنمۇ قورقۇپ قالماي ، ئەرەبلەرنىڭ بىر قىسىم ھەققانىي مەسىلىلىرى ھەققىدە لىللا مەيداندا تۇرۇپ كەلگەنلىكى بىلەن يالغۇ ئىسلام دۇنياسىدىلا ئەمەس ، بەلكى غەرپ ئەللىرىدىكى كەسپداشلىرى ئىچىدىمۇ ھۆرمەتكە ئېرىشىپ كەلگەن ئىدى . ئۇنىڭ بۈگۈنكى باياناتى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بىر تەستەك ، باندىتلارغا بىر ئاتوم بومبىسىدەك تەسىر قىلغۇسى .

بىزنىڭ مودا قىزلار بۇرۇن شارۇلخان دېسە ئۆلۈپ بەرسە، ئەرەب ، تۈرك ، خىتاي ۋە ياۋروپادا ئېلىسسا دېسە ئۆلۈپ بېرىدىغانلار كۈر مىڭ ئىدى ئون يىل بۇرۇنلا . بۇ چوكاننىڭ ئاۋازى بەك ياڭراق ۋە گۈزەل!

‏#China_is_terrorist دېگەن خەشتەگ مىسىردا بىراقلا
: « خىتاي ماللىرىنى بايقۇت قىلايلى ! » دېگەن غەزەپلىك سادانى ياڭراتقاندىن كېيىن ، ئۇندىن باشقا خوڭكوڭلۇقلار قوزغىغان « ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى » مىسىرلىقلارنى قوزغاتقان زامان ، باندىتلارنىڭ قاھىرەدىكى باش ئەلچىسى 22 - دېكابىر دەرھال شەرمەندە باياناتتىن بىرنى ئېلان قىلغان. ئۇ قىلچە خىجىل بولماستىن :  « شىنجىياڭدىكى ئەھۋال مىسىردىكى ئەھۋالغا ئوخشايدۇ . بىز شىنجياڭدا خۇددى مىسىر سىنادا ئېلىپ بېرىۋاتقاندەك تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىۋاتىمىز » دەپ بىلجىرلىغان . مۇمكىن بولسا  ئەرەبچە بىلىدىغانلار ۋەتىنىمىزدىكى ھەقىقىي تېررورچىلارنىڭ كىملىكىنى ئەرەب خەلقىگە بىر تونۇتۇپ قويۇڭلار ! شەرمەندە باندىتلارنىڭ چاۋىسى چىتقا يېيىلسۇن ! يالغان رەسىم ۋە سىنلارنى ئەمەس ، ھەقىقىي پاكىتلارنى تىۋېت قىلىپ ، ماۋۇ يۈزى قېلىن غالچىنى تويغۇزۇپ قويايلى يالغان ئېيتقىنىغا .

قاھىرەدىكى باندىتلار ئەلچىسىنى 22 - دېكابىر شەرمەندە بايانات ئېلان قىلىشقا مەجبۇرلىغان سەككىز پاي تىۋېت ئوق.
21 - دېكابىر شەنبە سەھەر ئەرەب ياشلىرى تارقاتقان سەككىز خەشتەگ 24 سائەت ئىچىدىلا باندىتلارنى ئالاقزادە قىلىۋەتكەن . دېمەك ، ئىقتىساد باندىتلارنىڭ جان تومۇرى.

جەزىرە ئاگېنتلىقى تۈنۈگۈن ئېلىپ بارغان 40 مىڭغا يېقىن كىشى قاتناشقان ئەلرايىنى سىناش ئەھۋالى تۆۋەندىكىدەك؛
« ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا دۇنياۋى ئالاقە ۋاستىلىرىدا بىردەك ھېسداشلىق قوزغىلىۋاتقان شارائىت ئاستىدا خەلقئارا جەمئىيەت ئۇيغۇر مەسىلىسىگە جىددىي قارامدۇ !؟ » دېگەن سوئالغا 35% ئادەم « شۇنداق ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتى چىدىغۇسىز ئېغىر !» دەپ جاۋاپ بەرگەن . 65% ئادەم « ياق ، ئۇلار يەنىلا بىلمەسكە سالىدۇ !» دەپ جاۋاپ بەرگەن . 600 گە يېقىن ئىنكاسلارغا قارىغاندا ، خىتاينىڭ غايەت زور ئىقتىسادىي كۈچى ۋە ئەرەب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ خىتاينى غەرپكە قارشى ھامىيسى دەپ تونۇشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمان ئەللىرى بار كۈچى بىلەن ئۆزىنى بۇ مەسىلىدىن قاچۇرىدىغانلىقى ، ئەمما خەلقنىڭ ھەر ۋاقىت قېرىنداشلىرى ئۈچۈن قولىدىن كەلگىنىنى قىلىدىغانلىقى ئاساسلىق سەۋەپلەرنى كۆرسىتىپ بېرىپتۇ .....

خوڭكوڭلۇقلار ئۇيغۇرلارنى قوللىغان ھامان قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچرىشى ئەرەبلەرنىڭ يەنىمۇ ئۆزىنى ئاچقان .
« قورققان يەردە جىن بار ! خىتاينىڭ بىرەر قورساق ئاغرىقى بولمىسا ، نېمىشقا ھەر قېتىم مەسىلە ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار بولغاندا بىردىنلا غالجىرلىشىپ كېتىدۇ !؟ ...»

پولاتبەگ :« خىتايلار ۋە ئورۇسلارنىڭ قولى سۈرىيەلىكلەرنىڭ قانلىرى بىلەن بويالدى » . 21 - دېكابىر .
20 - دېكابىر جۈمە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى بەش دائىمىي ئەزا ( دۇنيانىڭ پەردە ئالدىدىكى خوجايىنلىرى ) سۈرىيەگە خەلقئارالىق ئىنسانىي ياردەم بېرىش ئۈچۈن جىددىي يىغىن ئاچقان . ئەمما سۈرىيەدىكى جىنايەتلىرى ۋە ئويۇنلىرى پاش بولۇپ قېلىشتىن قورققان ئېيىق بىلەن توڭگۇز رەت قىلىش ھەققىنى ئىشقا سېلىپ ، بۇ تەشەببۇسنى يوققا چىقارغانىدى » . « ۋېتو » دېگەن ئۇيغۇرچىدا « رەت قىلىش » دېگەنلىك . شۇڭا ئاۋۇ ت ر ت نىڭ ئۇيغۇرچە خادىمى ئانا تىلغا ھاقارەت قىلىپ « ۋېتو قىلدى » دېمەي « رەت قىلدى » دەپ ئالسۇن ! « ۋېتو ھوقۇقى » ئەمەس « رەت قىلىش ھوقۇقى » .

« خەلقىمىزنى تۈپتىن يوقىتىشتىكى ئەسلى مەقسەت »
ئېنگىلىزلارنىڭ « ئاي » گېزىتىگە بېسىلغان ماقالىدىن  مەيلى خىتايلار بولسۇن ، مەيلى ھىندىلار بولسۇن ، ياكى ئورۇسلار بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان مۇسۇلمان جۇغراپىيىسىدىكى ئەڭ جەڭگىۋار قەۋملەرنىڭ نەسلى بولغان ئۇيغۇرلار ( قازاقلار )، كەشمىرلىكلەر ۋە كاۋكازلىقلارنى كېلەچەكتىكى ئەڭ چوڭ تەھدىتلا ئەمەس بەلكى ھەقىقىي رىقابەتچى دەپ ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ ئىپادىسى . چۈنكى « ھېچكىم ئۆلۈككە دەررە ئۇرمايدۇ !».
دوكتۇر ياسىر زائاترا يازغان « يېڭى ئەسىردىكى كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقى .... بەلگىلىرى ۋە سەۋەپلىرى » ناملىق ماقالە.

2019 - يىلى 23 - دېكابىر دۈشەنبە پۇتىن رۇسىيەنى قىرىمغا ئۇلايدىغان تۇنجى تۆمۈر يولنىڭ ئېچىلىش لېنتىسى كەستى.
2014 - يىلى 18 - مارت ئورۇسلار قىرىمنى يۇتۇۋالغاندىن كېيىنلا پۇتىن ئازوۋ دېڭىزى بىلەن قارا دېڭىزنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان كېرىچ بوغۇزىغا ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ كۆۋرۈكنى سېلىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەنىدى . ئۇزۇنلۇقى 19 كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ كۆۋرۈكتە 2018 - يىلى 9 - ماي ئاپتوبۇس قاتناشقا باشلىغان بولسا ، بۈگۈن پويىز قاتناشقا باشلىغان.
بۈگۈن سانتكىت پېتىربۇرگدىن قوزغالغان پويىز 41 سائەت يول يۈرۈپ قىرىمغا يېتىپ كېلىدۇ . ئەتە سەيشەنبە موسكۋادىن يولغا چىققان پويىز 33 سائەتتە قىرىم پايتەختى سىمىفروپولغا يېتىپ كېلىدۇ . مەزكۇر قىرىم كۆۋرۈكى 2018 - يىلى مايدىن كېيىن بېسىلغان ئىككى مىڭ رۇبلىلىق پۇلغا بېسىلغان .

لاۋروپ : « ئامېرىكىنى رازى بولسۇن دەپ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى سۇسلاتمايمىز » . لاۋروپ شەنبە كۈنى تېلىۋىزىيە ئېكرانى ئارقىلىق ئامېرىكا سابىق چۆل تۈلكىسى كېسسىنگىر بىلەن سۆزلەشكەندە ، ئۇ لاۋروپقا ، ھازىرقى ئامېرىكىنىڭ ھەم خىتاي ھەم رۇسىيە بىلەن خىتاي - رۇس مۇناسىۋىتىدىنمۇ يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىشى كېرەك ئىدى دەپ قاقشاپ بەرگەن . ئەمما لاۋروپ ئۇنىڭ يۈزىنى قىلمايلا ئاشۇنداق دەۋەتكەن . بۇندىن بۇرۇن پەيشەنبە كۈنى باندىتلار تاشقى ئىشلار ۋەزىرى ۋاڭ يى لاۋروپ بىلەن تېلفونلاشقاندا : « رۇسىيە بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى
ئىشەنچ قورام تاشتەك يىمىرىلمەس ، مۇناسىۋىتىمىز زەنجىردەك ئۈزۈلمەستۇر !» دەپ پو ئاتقانىدى .

باندىتلار رۇسىيەدىكى خىتايغا قارشى كەيپىياتنى ئالداپ پەسەيتىش ئۈچۈن ئاتالمىش ئاق تاشلىق كىتابىدىكى كونا سەپسەتىلەرنى رۇسىيە دۆلەت تاراتقۇسىدا ئېلان قىلغان . ئەمما بۇ كىتاپتىكى : « ئىسلام دىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم ئەسلى ئېتىقادى ئەمەس ھەم بىردىنبىر ئېتىقادى ئەمەس » دېگەن مەزمۇنلار مەسخىرە قىلىنغان . مەزكۇر تاراتقۇدا  « خىتاي 22 - دېكابىر يەكشەنبە ئېلان قىلغان ئاق تاشلىق كىتاپتا .... » دەپ باشلانغان . باندىتلار يېڭى سەپسەتە كىتابى چىقاردىمۇ ياكى كونىسىنى تەكرار بازارغا سالدىمۇ!؟

باندىتلار ماۋۇ ئۇچۇردا ئۇيغۇرلارنى خىتاي مىللىتىنىڭ بىر قىسمى ، ۋەتىنىمىزنى خىتاينىڭ بىر قىسمى دەپ بەك تەكىتلەپ كېتىپتۇ . شۇنى ئېتىراپ قىلدۇرالىسىلا بىزنى خەلقئارا قانۇن بويىچە « دۆلەتنى پارچىلاش ، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قالپىقى » بىلەن ئاشكارا قىرىپ تاشلىيالايدۇ. شۇڭا بىز گەپ - سۆز ، ئىش - ھەرىكەت ۋە پىكىردە ، كىيىم - كېچەك ، يېمەك - ئىچمەك ، ئەقىدە - ئېتىقاد، جۈملىدىن ھەممە جەھەتتە پەس خىتاي بىلەن ئوت بىلەن سۇدەك چىقىشالمايدىغان ئايرىم بىر مىللەت ئىكەنلىكىمىزنى ، ئۇندىن باشقا ۋەتىنىمىزنىڭ ئىشغال قىلىنغان مۇستەملىكە زېمىن ئىكەنلىكىنى خەلقئاراغا ئېتىراپ قىلدۇرالىشىمىز كېرەك !

1914 - يىلى 22 - دېكابىر ئەنۋەر پاشا كاۋكازغا ئەۋەتكەن 80 مىڭدىن 100 مىڭغىچە ئوسمانلى ئارمىيىسى ئورۇسلارنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات يولىنى ئۈزۈپ قويۇشى ، ئەرمەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى ۋە جاندىن ئۆتكىدەك قاتتىق سوغۇق تۈپەيلى 31 - دېكابىردىن 11 - يانۋارغىچە توڭلاپ قازا قىلغان . ئاز ساندىكى ئەسىرگە چۈشكەن ئەسكەرلەرمۇ ئېغىر خورلىنىپ ئۆلۈپ كەتكەن . ھېساپتا بۇ قېتىمقى « سارىقامىش پاجىئەسى » ھازىرقى زاماندىكى بىر مۇنتىزىم دۆلەتنىڭ ئارمىيىسىدەك چوڭ قوشۇننى ھالاك قىلغان .

تارىختا 1265 - يىلى 8 - فېۋرال ھىلاكۇخان ئۆلگەندىن كېيىن ، ئۇنىڭ تاغىسى جۇچىخاننىڭ ئوغلى، ئالتۇن ئوردا خانى بەركەخان ھىلاكۇنىڭ ئوغلى ئاباقاخاننى دۆلىتى بىلەن قوشۇپ يوقىتىش ئۈچۈن ئېتىل ( ۋولگا ) دەرياسى بويىدىن قوشۇن تارتىپ 22 - دېكابىر كاۋكازدىن ھالقىپ ، ھازىرقى گىرۇزىيەنىڭ پايتەختى تىبلىسقا كەلگەندە ، 31 - دېكابىر قاتتىق سوغۇق تۈپەيلى تەن سالامەتلىكى يار بەرمەي ۋاپات بولغانىدى . ئۇ 1209 - يىلى بۇرھان تاغدا تۇغۇلغان . ھىلاكۇ بولسا جۇچىخاننىڭ ئەڭ كىچىك ئىنىسى تولۇيخاننىڭ ئوغلى بولۇپ ، مۆڭكۈخان ، ئارىق بۇقا ، قۇبلايخان ۋە ھىلاكۇلار ھەممىسى تولۇينىڭ بالىلىرى ئىدى . ھىلاكۇ دەل شۇ تولۇينىڭ چېدىرىدا 1217 - يىلى تۇغۇلغان .

خۇلاسە قىلغاندا ، بەركەخان ۋە ئەنۋەر پاشانىڭ 100 مىڭ ئەسكىرىنىڭ بېشىغا چىققان قاتتىق سوغۇق ھېلىھەم ئۇ يەردىكى جانلىقلارغا تەھدىت سالماقتا . بۈگۈن ئاشۇ ئىككى مۇسىبەتلىك تارىخنىڭ 753 يىللىقى ۋە 105 يىللىقىدۇر !
31 - دېكابىر بولسا 753 يىللىق ۋە 105 يىللىق پاجىئەنىڭ خاتىرە كۈنىدۇر !

2018/12/23 ـ دېكابىر   مۇزلىغان شەھەر

2019 - يىلى 23 - دېكابىر      سايرام ئوغلانى
100





تارىختىكى بۈگۈن ( 22 ـ دېكابىر) :

880 - يىلى تاڭ سۇلالىسىنىڭ شەرقىي پايتەختى لوياڭ قوزغىلاڭچىلارنىڭ كاتتىۋېشى خۇاڭ چاۋنىڭ قولىغا ئۆتكەن . تاڭ سۇلالىسى شۇنىڭدىن كېيىن نامدىلا مەۋجۇت بولغان .

950 - يىلى داڭلىق ئالىم ئەبۇ نەسىر فارابى دەمەشىقتە قەستكە ئۇچراپ قازا قىلغان . ( يەنە بەزى مەنبەلەردە 31 - دېكابىر ۋاپات بولغان دەپ ئېلىنماقتا ) . 12 - دېكابىر ب د ت 2020 - يىلنى « فارابى يىلى » قىلىپ بېكىتكەن .

1183 - يىلى 2 - ئوغۇل چاغاتايخان تۇغۇلغان .
1226 - يىلدىن باشلاپ خان بولۇپ ، 1242 - يىلى 1 - ئىيۇل ئۆلگىچە ھۆكۈمدار بولغان .

1603 ـ يىلى ئوسمانلى سۇلتانى 3 ـ مۇھەممەد ۋاپات بولغان.

1769 - يىلى مانجۇر - بېرما ئۇرۇشى سۈلھى بىلەن ئاخىرلاشقان .

1790 - يىلى ئوسمانىلارنىڭ شىمالىي كاۋكاز رايونىدىكى ئىسمائىل قەلئەسى ئورۇسلارنىڭ گېنىرالى ئالېكساندىر سۇۋۇرۇپنىڭ چاررۇسىيە ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان .

1914 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر چاررۇسىيە ۋە ئوسمان ئىمپىرىيسى ئوتتۇرىسىدا ھازىرقى ئەرمەنىيەدە مەشھۇر «سارى قامىش ئۇرۇشى»باشلانغان.
(كىيىم ـ كېچەك ۋە قورال ـ ياراقنىڭ قىسلىقى،
قاتتىق سوغۇق سەۋەپلىك 80 مىڭ كىشىلىك ئوسمانلى ئارمىيىسى ئېچىنىشلىق ھالەتتە توڭلاپ ئۆلۈپ كەتكەن. بۇلاردىن ئەسىرگە چۈشكەنلەردىن بىرى كېيىنچە داڭلىق شېۋىت مېسسىئونېرى ھۆيجىر بىلەن بىللە قەشقەرگە دىن  تارقاتقىلى كەلگەن،ھەمدە ئىنجىلنى تۇنجى قېتىم ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغانىدى).

1917 - يىلى بولشېۋىكلار گېرمانلار بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى سۆھبىتىنى باشلىغان .
ئەسلىدە چاررۇسىيە بىلەن گېرمانىيە رەقىپ دۆلەتلەر بولۇپ ، بولشېۋىكلار ھاكىمىيەتنى تارتىۋالغانىدىن كېيىن ، گېرمانلار بىلەن ئۇرۇش توختىتىشنى قارار قىلغان . نەتىجىدە پولشانى گېرمانلارغا بېرىۋېتىش بەدىلىگە 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئۇتۇقلۇق چېكىنىپ چىققان .

1929 ـ يىلى لوندوندا ئەنگلىيە ۋە ھىندىستان ۋەكىللىرى ئوتتۇرىسىدا يۇمىلاق ئۈستەل يىغىنى ئېچىلغان.

1938 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر توكيو«يىراق شەرقتە تېنچلىقنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى قۇياش ئىمپىرىيسى(ياپونىيە)نىڭ كۈچلۈك بولۇشىغا باغلىق »ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ،ياپون ـ خىتتاي ئۇرۇشىنىڭ خېلى سوزۇلىدىغانلىقىدىن
شەپە بەرگەن.(1868 ـ يىلدىن باشلاپ مېيجى ئىسلاھاتى قوزغىغان ياپونىيە 30 يىلغا يەتمىگەن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەتكە ئايلاندى.نەتىجىدە ياپونىيە
1895 ـ يىلى ئاسىيادىكى كۈچلۈك دۆلەت مەنچىڭ دېڭىز فلوتىنى يوقىتىپ،مانجۇرىيە ۋە
كورىيەگە كۆز تىكىۋاتقاندا،ئەڭ خەتەرلىك رەقىبى چاررۇسىيە بىلەن تىركىشىپ قالدى.
ئاقىۋەت 1904 ـ يىلى ياپونلار چاررۇسىيە تېنچ ئوكيان فلوتىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. قاتتىق غەزەپلەنگەن رۇسىيە غەرپتىكى بالتىق دېڭىز فلوتىنى ئەۋەتىدۇ.ياپونلار بۇنى بىلىۋېلىپ،بىر يىلچە يول يۈرۈپ،ھېرىپ كەتكەن رۇسىيە فلوتىغا تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ،بۇ فلوتنىمۇ ۋەيران قىلىۋېتىدۇ.نەتىجىدە رۇسىيەدە كەڭ كۆلەمدە نامايىش چىقىپ،چارپادىشاھ خەلققە
كۆپ ھوقۇقلارنى بېرىدۇ.ياپونىيە بولسا 1910ـ كورىيەنى ئىشغال قىلىپ،مانجۇلارنى قوغلاپ چىقىرىدۇ.ئارىدىن ساق 21 يىل ئۆتۈپ،ياپونىيە كانتون ئارمىيىسى 1931 ـ يىلى 18ـ سېنتەبىر كورىيە ئارقىلىق مانجۇرىيەگە ھۇجۇم قىلىپ،1932 ـ يىلى ئاخىرقى مانجۇ شاھى پۇيىنى مانجۇرىيەگە پادىشاھ قىلىدۇ. 1937 ـ يىلى 7 ـ ئىيۇل ياپونىيە سەددىچىندىن كىرىپ،خىتتايغا ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم قىلغانىدى.بۇ چاغدا گېرمانىيە چېخنى ئىشغال قىلىپ،2 ـ دۇنيا ئۇرۇشى ياۋروپادا باشلىنىپ كەتكەنىدى. توكيو دەل مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە بايانات ئېلان قىلىپ خىتتاينى ئىمپىرىيە زېمىنىگە قوشۇش ئىرادىسىنى نامايەن قىلغان).

1940 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر گېرمانىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيەنىڭ مانچىستىر شەھىرىنى بومباردىمان قىلغان.

1948 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر ئەرەپ قوشۇنلىرى ۋە ئىسرائىلىيە ئارىسىدا يېڭى بىر قېتىملىق مەيدان ئۇرۇشى بولغان. ( يەھۇدىلار 1948 ـ يىلى 14 ـ ماي ئىسرائىلىيە دۆلىتىنى قۇرۇپ، ئەتىسىدىن باشلاپ،1 ـ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشى باشلانغانىدى).

1956 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر ئەنگلىيە ـ فرانسىيە بىرلەشمە ئارمىيسى مىسىرنىڭ شىمالىدىكى بور سەئىد شەھىرىدىن چېكىنگەن.(1956 ـ يىلى يازدا ناسىر سۇۋەيش قانىلىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.نەتىجىدە قانالنىڭ ئاساسلىق پايچەكلىرى بولغان ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيە ئىسرائىلىيە بىلەن بىرلىكتە مىسىرغا ھۇجۇم قىلىپ،2 ـ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق ئۇرۇشىنى قوزغىغانىدى.ئاخىرى ئامېرىكا ۋە سوۋېتنىڭ بېسىمىدا 3 دۆلەت مىسىردىن شەرتسىز چېكىنىپ چىققانىدى . ئامېرىكىنىڭ ئورنى شۇنىڭدىن كېيىن ئاشتى . ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنىڭ ئورنى كۈنسىرى تۆۋەنلىدى ).

1963 ـ يىلى 22ـ دېكابىر سىپرۇس ئارىلىدا تۈركلەر بىلەن يۇنانلىقلار ئارىسىدا ئاساسىي قانۇن سەۋەپلىك ئېغىر توقۇنۇش پارتلىغان.
(سىپرۇسنى ئوسمانلىلار 1571 ـ يىلى ئىشغال قىلغانىدى.1877ـ يىلىدىكى رۇس - ئوسمانلى ئۇرۇشىدا ئەنگلىيە سىپرۇسنى 100 يىللىق ئىجارىگە ئېلىش بەدىلىگە ئوسمانلىنى قوللىغان.1962 ـ يىلى ئەنگلىيە سىپرۇستىن چىقىپ كەتكەن.ئاندىن كېيىنكى 10 يىلدا ئارالدىكى 2 مىللەت ئارىسىدا توختىماي مىللىي توقۇنۇش يۈز بېرىپ تۇرغان.ئاخىرى 1974 - يىلى 22 ـ ئىيۇل تۈركىيە ئارالغا ئەسكەر چىقىرىپ،ئارالنىڭ شىمالىدا تۈركلەرگە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ بەرگەنىدى).

1964 ـ يىلى سۈرىيە نېفىت سانائىتىنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان.

1965 - يىلى ب د ت ئىرقىي كەمسىتىشنى چەكلىگەن .

1966 ـ يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى ئايغا ئالەم كېمىسى قويۇپ بەرگەن.

1968 - يىلى خىتاي خەلق گېزىتى ماۋنىڭ « زىيالىي ياشلار ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ ، نامراتچىلىقتا ياشاشنى ئۆگىنىشى كېرەك » دېگەن سەپسەتىسىنى بېسىپ تارقاتقان .

1978 - يىلى باندىتلارنىڭ 11 - نۆۋەتلىك 3 - ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغان . بۇ يىغىندا دېڭ ماۋنىڭ ئىقتىسادىي ئىسلاھات قارىشىنىلا داۋام قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان . شۇنىڭ بىلەن 1949 - يىلدىن تاكى 1978 - يىلىغىچە قاتتىق ئېزىلگەن خەلقىمىزگە 1980 - يىلدىن 1990 - يىلغىچە ئون يىل تىنىۋېلىش پۇرسىتى كەلگەن .

1989 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر شەرقىي گېرمانىيە پۇقرالىرى بېرلىن تېمىنىڭ براندىنبۇرگ دەرۋازىسىدىن بۆسۈپ،غەربىي گېرمانىيە تەرەپكە سەلدەك ئاققان.

1989 - يىلى رومېنىيەدە كومپارتىيە غۇلاپ چۈشۈپ ، باش سېكرىتار نىكولاي چاۋچېسكو ۋە خوتۇنى دۆلەتتىن قېچىپ كەتكەن. .

1990 ـ يىلى پارس قولتۇقى ئەرەپ دۆلەتلىرى
قاتار پايتەختى دوھادا سادامنىڭ كۇۋەيتنى يۇتۇۋالغانلىق سەۋەپلىك جىددىي يىغىن ئاچقان.(سادام شۇ يىلى ئاۋغۇستتا 10 سائەت ئىچىدىلا كۇۋەيتنى ئىراققا قوشۇۋالغانىدى).

2001 ـ يىلى تالىبان قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن،كارزايى ھۆكۈمىتى ئىش باشلىغان.

2004ـ يىلى سەئۇدى «كازاپى ھۆكۈمىتى ۋەلىئەھدى ئابدۇللانى قەستلىمەكچى» دەپ گەپ تېپىپ،لىۋىيەدىكى ئەلچىسىنى قايتۇرۇپ كېتىپ،لىۋىيە ئەلچىسىنى چىقىپ كېتىشكە مەجبۇرلىغان.

2016 ـ يىلى 22 ـ دېكابىر داڭلىق دىنىي ئالىم ئابلىكىمخان مەخسۇم ھاجى ئىستانبۇلدا 54 يېشىدا سىرلىق ۋە تۇيۇقسىز ۋاپات بولۇپ كەتكەن.

2019 - يىلى خوڭكوڭ خەلقى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن زور نامايىش
قىلغان . ئەمما باندىتلار ئالاقزادە بولۇپ قاتتىق باستۇرغان .

2019 - يىلى ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرىمۇ كەڭ كۆلەمدە باندىتلارنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا قارشى ، ھەمدە خوڭكوڭ خەلقىنى قوللاپ ، خىتايغا قارشى نارازىلىق نامايىشى قىلغان .

2019 - يىلى 22  - دېكابىر         يەكشەنبە
بەت 1 ... 8 9 10