2019/09/20 23:56

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى ۋە نۇزۇگۇم

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/24 17:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/24 17:29 2019/04/25 08:58 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى،
نۇزۇگۇم ۋە جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭى


1 - جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىنىڭ قىسقىچە تارىخىي ئارقا كۆرۈنىشى:


مىلادى 1759 - يىلى 15 - ئۆكتەبىر ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈمدار خوجىلاردىن بۇرھانىدىن خوجا ۋە ئىنىسى خوجا جاھان بەدەخشان ھاكىمى سۇلتانشاھ تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.  11 - ئايدا كىچىك خوجىنىڭ بېشى كېسىلىپ، مانجۇلارغا سوۋغات قىلىندى. ئىپارخان باشلىق 400 دىن ئوشۇق قالدۇق ئۇيغۇرلار بۇرھانىدىن خوجىنىڭ جەسىتى بىلەن ئۇنىڭ بىردىنبىر ئوغلى سالىھ خوجا « سامساق خوجا» نى بۇ قېتىمقى قىرغىندىن قۇتقۇزۇپ، مىڭ تەستە قوقان خانلىقىغا كېلىپ، پاناھلاندى.

مىلادىيە 19 - ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىغا كەلگەندە، قوقان ۋە مەرغىلانغا قېچىپ كەتكەن قەشقەر خوجىلىرىنىڭ ئەۋلادلىرى 200 كىشىدىن ئېشىپ كەتتى./ 1 /.

ئىپارخان 1762 - يىلى پامىردىكى بىر قېتىملىق جەڭدە ئەسىرگە چۈشكەندىن كېيىن، سامساق خوجا دادىسى ، تاغىسى ۋە ھاممىسىنىڭ قىساسى، خەلقىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىپ، ۋەتىنىنى قايتۇرۋېلىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلدى. 1784 - يىلى ئۇ قەشقەر بەگلىرى بىلەن ئالاقە قىلىپ، مانجۇلارنى ئاغدۇرۇش تەييارلىقىنى باشلىدى. 1797 - يىلى ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى مۇھەممەد يۈسۈپ قەشقەرگە باستۇرۇپ كىرگەن. 1814 - يىلى قەشقەر مۆتىۋەرلىرىدىن زىياۋۇدۇنبەگ قارا تاغلىق ۋە ئاق تاغلىق  خوجىلار ئارىسىدا بىرلىك ھاسىل قىلىشنىڭ تۇنجى قەدىمىنى ئۇتۇقلۇق باسقان. بىراق مانجۇلار توسالغۇ بولغاچقا، ئارىدا سوقۇش چىققان. مانجۇلار زىياۋۇدۇنبەگنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ يېشىغا توشمىغان ئوغلىنى بېيجىنگە ئېلىپ كېتىپ، 1816 - يىلى بالاغەتكە يەتكەندە ئۆلتۈرۋەتكەن. بۇ ياۋۇزلۇققا قارشى قەشقەر خەلقى قوزغالغان.  سامساق خوجىنىڭ 1788 - يىلى تۇغۇلغان كىچىك ئوغلى جاھانگىر خوجا شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 1816 - يىلى تاشمىلىقتا مانجۇلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن.مانجۇلار بۇ ئىشتىن كېيىن، قوقان خانلىقىنىڭ مۇھىم رولىنى تونۇپ يېتىپ، 1809 - يىلى ئەتىيازدا ئۆلگەن ئاكىسى ئالىمخاننىڭ  ئورنىغا چىققان قوقان خانى ئۆمەرخانغا ھەر يىلى 200 تىللا  ئەۋەتىپ، خوجىلارنى قوقان تەۋەسىدە نەزەربەنت قىلىش كېلىشىمى تۈزىدۇ. ئاچكۆز ئۆمەرخان تاكى 1820 - يىلغىچە بۇ كېلىشىمنى قاتتىق ئىجرا قىلدى./ ھازىر بۇ ئويۇن تۈركىيەدە ئوينالماقتا!/.

2 - جاھانگىر خوجا ۋە ئۇنىڭ تۆت قېتىملىق قوزغىلىڭى  :

1820 - يىلى ئۆمەرخان قازاقلار ئۈستىگە قوشۇن تارتىپ كەتكەندە، جاھانگىر خوجا قەشقەر چېگرىسىغا قېچىپ كېلىۋالدى. 9 - ئايدا مانجۇ قاراۋۇلخانىسىغا ھۇجۇم قىلىپ، ئوپالئارتقىچە ئوڭۇشلۇق يۈرۈپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى. بىراق تېزلا ھەم ئالدى سەپتە ھەم ئارقا سەپتە  زەربىگە ئۇچراپ، چېكىنىپ كەتتى. سامساق خوجا ئوغلىغا ۋەسىيەت قىلىپ، شۇ يىل ئاخىرىدا ئۆلۈپ كەتتى. ئۆمەرخان بۇ قېتىم تېخىمۇ تەقىپنى كۆچەيتىپ، جاھانگىر خوجىنى تاكى ئۆلگىچە نازارەت ئاستىغا ئالدى.

1822 - يىلى ئۆمەرخان ئۆلدى. / 2 /
ئورنىغا ئىنىسى مۇھەممەد ئەلىخان « مەدەلىخان» / 1822 - 1842/ قوقان خانى بولدى.  مەدەلىخان مانجۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ پۇل ئۈندۈرۈش، شۇنداقلا ئۇلاردىن ھازىرقى قىرغىزىستاننى تارتىۋېلىش ئۈچۈن، جاھانگىر خوجىنى ئازات قىلدى.

1824 - يىلى 9 - ئايدا جاھانگىر 200 دىن ئوشۇق كىشى بىلەن ئالاي تېغىدىن ئۆتۈپ « ئۇلۇغ قاراۋۇلخانىسى» غا ھۇجۇم قىلغان.  بىراق بۇ قېتىم ئىچكىرىلەپ كىرمەي، مانجۇلارنى ئالاي تېغىغا جەلپ قىلدى. مانجۇلار ئەسكەر چىقىرىپ ئۇرۇشقان بولسىمۇ، بىراق تاكى 1825 - يىلى 10 - ئايغىچە جاھانگىر قوشۇنلىرىنى يوقىتالمىغان. بۇنىڭدىن ھەيران قالغان مەدەلىخان ئۇنىڭغا « قەشقەرنى قولغا ئېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ سەرخىل ئەسكەر ئارىيەت بېرىشكە ۋەدە بەرگەن». بۇ خەۋەرنى بىلىپ قالغان مانجۇلار دەرھال قەشقەر ئامبىلى يۇڭ چىنغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ خىتاي مۇئاۋىنى بايانباتۇنى 1825 - يىلى 2 - ئۆكتەبىر تاللانغان ۋە خىل قوراللانغان 500  مانجۇ ئەسكىرىگە باش قىلىپ ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشقا ئەۋەتكەن. جاھانگىر خوجا بۇلارنى ئەپلىك بىر جىلغا ئىچىدە مۇھاسىرىگە ئېلىپ، بارلىق مانجۇلارنى قىرىپ تاشلىغان. پەقەت نەچچە يارىدار مانجۇ قېچىپ كەتكەن.

بۇ مانجۇلارنىڭ 1758 - يىلدىن بۇيانقى تۇنجى مەغلۇبىيىتى ئىدى. بۇ قېتىملىق زەپەر جاھانگىرنىڭ نامىنى چىقاردى. تېخىچە مانجۇلاردىن قورقۇپ يۈرگەن مەدەلىخان  بۇنىڭدىن ئىلھاملىنىپ، بىر تەرەپتىن شەرققە كېڭەيمىچىلىك قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن  جاھانگىرنى قوللاشنى كۈچەيتتى.

« ئاق مېيت ئۇرۇشى »  نەتىجىسىدە مانجۇلارنىڭ زۇلۇملىرىدىن جىق تويغان قىرغىزلار ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا ئون مىڭدىن ئوشۇق قوشۇنغا ئىگە بولدى.
مەدەلىخان نەچچە مىڭ ئەسكەر ئارىيەت بەردى.

1826 - يىلى 18 - ئىيۇل جاھانگىر ئالدى بىلەن 500 دەك كىشى بىلەن پۇخراچە ياسىنىپ، كېچىك دېگەن تاغ يولى بىلەن ئاتۇشقا يېتىپ كەلدى.  سۇتۇق بۇغراخان مازىرىدىن كېيىن، باشقا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ مازىرىنى زىيارەت قىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان ئاتۇش ۋە قەشقەر خەلقى ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا قوشۇلدى .قەشقەرنىڭ يېڭى ئامبىلى چىڭ شياڭ / كونا ئامبال يۇڭ چىن مانجۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى يوق قىلغاچقا كاللىسى ئېلىنغان/. مىڭدىن ئوشۇق چېرىك ئەۋەتكەن. جاھانگىر ئۇلارنى يوقىتىپ، توپلانغان ئون مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى ئىككىگە بۆلۈپ، بىر بۆلىكىنى يەكەنگە، بىر بۆلىكىنى قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدۇرغان.  مەدەلىخان ئولجىلارغا شېرىك بولۇش ئۈچۈن 8 - ئايدا يەنە  ئون مىڭ ئەسكەر ئەۋەتكەن.

مىلادى 1826 - يىلى 26- سېنتەبىر ئەڭ ئاخىرقى مانجۇ بازىسى يېڭىشەھەر فەتھى قىلىندى. چىڭ شياڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالدى.  بۇ ۋاقىتتا، يېڭىسار، يەكەن، خوتەن قاتارلىق شەھەرلەر قەيسەر ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن ئازات قىلىنىپ بولغانىدى.

جاھانگىر خوجا قەشقەرنى ئېلىپلا، تاللانغان ئالتە مىڭ ئەسكىرى بىلەن ئاقسۇنى فەتھى قىلىش ئۈچۈن ئاتلىنىپ، 11 - سېنتەبىر ئاقسۇ تەۋەسىگە كىردى. بىراق 16 - سېنتەبىردىن 26 - سېنتەبىرگىچە ئاقسۇ شەھىرىنىڭ 80 چاقىرىم جەنۇبىدىكى قۇمباش دەرياسى بويىدىكى سوقۇشتا، ئېغىر قوراللانغان مانجۇلارنىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچراپ، كۆپ تالاپەت تارتقان.

جاھانگىر خوجا مەدەلىخاندىن ياردەم ئېلىپ، قايتا يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن،  قوشۇنلىرىنى دەريا بويىدا مۇداپىئەدە قالدۇرۇپ قەشقەرگە قايتقان.

تولىمۇ ئەپسۇس، مەدەلىخان ئۇنىڭدىن قەشقەرنى ئۆزىگە تەۋە ۋىلايەت قىلىش تەلىپىنى قويغان. جاھانگىر كەسكىن رەت قىلغان.  ئولجىلارنى تەقسىم قىلىشتىمۇ، مەدەلىخان بەكلا يولسىزلىق قىلغاچقا، جاھانگىر خوجا يول قويمىغان. نەتىجىدە، مەدەلىخان قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان. جاھانگىر خوجا قەشقەر خەلقىنىڭ كۈچلۈك قوللىشىدا، قوقان قوشۇنلىرىنى كۆپ تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، چېكىندۈرگەن. غەزەپلەنگەن جاھانگىر  ئىككى مىڭ ئۆيلۈك ئەنجانلىقنى قوغلاپ چىقارغان. بۇ ئىككى پادىشاھنىڭ يىرىكلىشىپ، توقۇنۇشۇپ قېلىشى، ئاقسۇنى تاشلاپ قاچماقچى بولغان مانجۇلارغا پۇرسەت ئاتا قىلغان. نەتىجىدە ئىلىدىن ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن مانجۇلار  شۇ پۇرسەتتە ئاقسۇغا ئۇتۇقلۇق توپلىنىۋالغان .

1827 - يىلى 2 - ئايدا جاھانگىر خوجا قايتىدىن ئاقسۇغا ھۇجۇم قىلغان. بىراق ئۇ ئاللىبۇرۇن كېچىكىپ قالغانىدى. چۈنكى ئاقسۇغا خىتايدىكى ئون نەچچە ئۆلكىلەردىن تاللانغان ئەشەددىي كاللا كېسەر مانجۇ قوشۇنلىرىدىن 40 مىڭ ، ئىلى ۋە ئۈرۈمچىدىن 30 مىڭدىن ئارتۇق مانجۇ قوشۇنى 1826 - يىلى 27 - ئاۋغۇستتىن، 1827 - يىلى 24 - يانۋارغىچە بولغان ۋاقىتتا، جاھانگىر خوجا بىلەن مەدەلىخان ئارىسىدىكى زىددىيەت ۋە ئۇرۇشتىن پايدىلىنىپ ئۇتۇقلۇق توپلىنىۋالغانىدى. مانجۇلارنىڭ ئاشلىقى كەمچىل بولغاچقا، جاھانگىر خوجا ئۇلارغا قاتتىق ھۇجۇم قىلىشتىن مۇداپىئەدە تۇرۇشنى ئەۋزەل كۆردى. نەتىجىدە،  مۇشۇ ئىستراتېگىيىلىك خاتالىق ئۇنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ئەسلىدە ئىلىدىكى قارا تاغلىقلارنىڭ سەردارى خالزات خوجا بەش مىڭ تارانچىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ھەر بىر تارانچى ئۇيغۇر ھەر قېتمدا، 50 جىڭدىن ئاشلىقنى مۈرىسىگە ئارتىپ، مۇز داۋان ئارقىلىق ئىلىدىن ئاقسۇغا نەچچە مىليون كىلوگرام ئاشلىقنى توشۇپ بەردى.ئىلىدىن ئاقسۇغا بېرىش ئۈچۈن تەڭرىتېغىدىن ئۆتۈشكە، يەنى 370 چاقىرىمدەك يول يۈرۈپ، ئون تۆت مەنزىلدىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە كۆكچاخاردىن تامغا تاشقىچە بولغان ئارىلىق مۇز داۋان بولۇپ، يىلبويى قار - مۇز بىلەن قاپلىنىپ تۇراتتى. ئات - ئۇلاغلارنىڭ مېڭىشى قىيىن بولغاچقا، تېيىلغاق يوللاردىن تەخمىنەن 140 كىلومېتىر يولنى پىيادە بېسىشقا توغرا كېلەتتى.  تارانچىلارنىڭ بەزىلىرى سوغۇقتا توڭلاپ ئۆلۈپ كەتتى. بەزىلىرى سوغۇقتا پۇت - قوللىرى ئۈششۈپ قېلىپ، مەڭگۈلۈك مېيىپ بوپقالدى. / ئوخشاش تارىخ 1876 - يىلى قايتىلاندى. يۈز مىڭ كىشىلىك زوزۇڭتاڭ قوشۇنى ئۈرۈمچىگە كەلگەندە ئاشلىقتىن قاتتىق قىسىلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ياقۇپبەگنىڭ تۇرپاندىكى قوشۇنلىرىنىڭ قولىدا 30 يىل يەتكىدەك ئاشلىق ۋە ئوتۇن - سامان بارئىدى. چاررۇسىيە ۋاستىچىلىق قىلىپ، زوزۇڭتاڭغا ئىلى تارانچىلىرىنىڭ ئاشلىقىنى يەنە شۇ تارانچىلارنىڭ ئات  ۋە ئۇلاغلىرىغا ئارتىپ ئۈرۈمچىگە ئەكىلىپ بەردى. 1877 - يىلى 24 - ئاپرىل چاررۇسىيە ئوسمانىيەگە ئۇرۇش قىلغاندىن كېيىن، ئەسلىدە ھەر ئىككى دۆلەت بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ياقۇپبەگ بىردىنلا زوزۇڭتاڭنىڭ ئورنىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ياقۇپبەگكە قول سېلىشقا پېتىنالماي تۇرغان زوزۇڭتاڭ شۇ يىلى مايدا تۇرپانغا ھۇجۇم قىلىدۇ. ياقۇپبەگمۇ دەل مۇشۇ ھالقىلىق پەيتە،28 - ماي كورلىدا زەھەرلىنىپ ئۆلىدۇ. 1881 - يىلى زوزۇڭتاڭ ئۆزىگە ئاشلىق بەرگەن تارانچىلارنى چاررۇسىيىگە قېچىشقا مەجبۇرلايدۇ/. ئۇچۇر دەۋرىدە بۇ خاتالىقنى قايتا سادىر قىلمايلى بالىلار!/.بۇ ئاشلىقلارنى ئاقسۇغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن كۇچالىق ئۇيغۇرلاردىن مىڭ ئادەم، 200 ھارۋا، 500 ئات، 1500 كالا، مىڭ ئېشەك ياللىنىپ، مانجۇلارنىڭ گازارمىسىغا توشۇپ بەرگەن./ 3/

  ئاقىۋەت، جاھانگىر خوجا چوتنى خاتا سوقۇپ، زور ساندىكى مانجۇلارنىڭ ئاقسۇغا توپلىنىۋېلىشىغا پۇرسەت يارىتىلغان. ئاشلىقى ۋە قوراللىرى تولۇق مانجۇلار 1827 - يىلى فېۋرالدىكى ھەل قىلغۇچ جەڭدە، جاھانگىر خوجا قوشۇنلىرىنى قۇمباش دەرياسى بويىدا مەغلۇپ قىلىپ، مۇداپىئەدىن ھۇجۇمغا ئۆتكەن.جاھانگىر خوجا قىسىملىرى چېكىنىپ، قەشقەردىكى ھەر قايسى يۇرتلاردا مۇداپىئە ھالىتىگە چۈشۈپ قالغان.

مانجۇلارغا 1826 - يىلى سېنتەبىردىن باشلاپ ئىلى سانغۇنى چاڭ لىڭ باش بولغان.ئۇنىڭغا شەنشى - گەنسۇ باش ھەربىي ۋالىيسى ۋە شەندۇڭ ھەربىي ئىشلار مۇشاۋىرى ۋۇلۇڭئالار يانداش قوماندان بولغان. شۇنداق قىلىپ، 70 مىڭدىن ئارتۇق مۇنتىزىم قوراللانغان ۋە ئاشلىقى تەل بولغان مانجۇلار جاھانگىر خوجا بىلەن مەدەلىخان ئارىسىدىكى سوغۇقچىلىقتىن پايدىلىنىپ،« ئاقسۇنى تاشلاپ تارىم ۋادىسىدىن قېچىپ كېتىش پىلانىنى، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىپ پۈتۈن تارىم ۋادىسىنى ئىشغال قىلىش پىلانى» غا ئۆزگەرتكەن./ بەزى مەنبەلەردە، مانجۇلارنىڭ پارا بېرىشى نەتىجىسىدە بۇخارا خانلىقى قوقان خانلىقىغا « سىلەر قەشقەرنى ئالساڭلار، مەن قوقاننى ئالىمە » دەپ تەھدىت سالغان. شۇ ۋەجىدىن مەدەلىخان جاھانگىر خوجىغا ئارىيەت بەرگەن بارلىق ئەسكىرىنى قايتۇرۇپ كېتىپ، ئۇنى مانجۇلارغا يالغۇز تاشلاپ قويغان ، دېيىلگەن ./.   

1827 - يىلى 3 - مارت مانجۇلار ئاقسۇدىن چىقىپ، يېڭىئېرىق، بارچۇق، پەيزىۋات قاتارلىق جايلاردىن قەشقەرگە ھۇجۇم قىلغان.  19 - مارت دەريا قولتۇقىغا كېلىپ، ئۈچ مىڭ ئۇيغۇرنى قىرغان.  20 - مارت ئەللىك مىڭ كىشى قوغداۋاتقان يېڭىئاۋاتقا ئۈچ يولدىن تەڭ ھۇجۇم قىلغان. 21 - كۈنى پەيزىۋاتقا ھۇجۇم قىلغان. 22 - كۈنى شاپتۇلغا ھۇجۇم قىلغان.

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى مانجۇلار قەشقەر شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى. قەشقەر خەلقى تۈمەن دەريا ۋە قىزىل دەريا بويلىرىدا سەپ تۈزۈپ،  ئاددىي ئوقيالار بىلەن قارشى قىرغاقتىكى مانجۇلارغا ئوق ئاتتى . مانجۇلار توپ - زەمبىرەكلەر ئارقىلىق دەريا بويىدىكى قەيسەر ئۇيغۇر خەلقى ۋە قەشقەر شەھىرىنى بىر  كېچە - كۈندۈز توپقا تۇتتى. نەتىجىدە « 26 - مارت قەشقەر پاجىئەسى » يۈز بېرىپ، دەريا سۈيى قىزىل رەڭگە ئۆزگەردى. 70 مىڭ ئىلغار قوراللار بىلەن قوراللانغان مۇنتىزىم مانجۇ قوشۇنىغا قارشى يۈزمىڭغا يېقىن ئۇيغۇر خەلقى پۈتۈن كۈچى بىلەن جەڭ قىلغان بولسىمۇ، بىراق يەنىلا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى.

جاھانگىر خوجىمۇ غەلىبىگە كۆزى يەتمەي، ئازغىنە ئەسكەرلىرى بىلەن 2 - ئاپرىل قەشقەردىن چىقىپ كەتتى.ئەمما  پالتا ۋە كەكە بىلەن قوراللانغان قەشقەر خەلقى تاكى 12 - ئاپرىلغىچە جەڭ قىلىپ، مانجۇلارنى زور تالاپەتكە ئۇچراتتى. ئۆزلىرى بولسا ھەسسىلەپ ئېغىر تالاپەت تارتتى.

13 - ئاپرىل  يېڭىسار ئىشغال قىلىنغان. 15 - ئاپرىل  ئوتتۇرا تارام مانجۇلار يەكەننىمۇ ئىشغال قىلدى.  ئاخىرقى تارام مانجۇلار  ئاقسۇدىن ئۇدۇل خوتەنگە ھۇجۇم قىلىپ، 24  - ئاپرىل قانلىق قىرغىنچلىق ئارقىلىق خوتەننى ئىشغال قىلغان .

شۇنداق قىلىپ، 1826 - يىلى 26  - سېنتەبىر ئۆزىنى « سەييىد جاھانگىر سۇلتان » دەپ ئاتىغان جاھانگىر خوجىنىڭ ئالتە ئايلىق ھۆكۈمرانلىقى 26 - مارت پاجىئەسى ئارقىلىق ئاخىرلاشتى.

جاھانگىر خوجا قەشقەردىن قاچقاندىن كېيىن تەن بەرمەي، مۇجى، ئالاي، لاقشا ۋە دارۋاس قاتارلىق جايلاردا ھەرىكەت قىلىپ قايتا كۈچ توپلىدى. ئۇ ساياق دېگەن قىرغىز قەبىلىسىنىڭ يۇرتى بولغان توققۇز تولۇنى بازا قىلىپ، پۇرسەت كۈتكەچ ، تەييارلىق قىلدى.

مانجۇلار جاھانگىر خوجىنى يوقاتمىسا، ئېغىر قەتلىئامغا ئۇچرىغان قەشقەر خەلقىنىڭ يەنە قوزغىلىپ، ئىنتىقام ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، بىر تەرەپتىن قەشقەرىيە تەۋەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياخشىچاق بولۇشقا باشلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن يالغان خەۋەر تارقىتىپ، جاھانگىر خوجىنى ئالداپ، قاپقانغا چۈشۈرمەكچى بولغان. نەتىجىدە جاھانگىر خوجا ئالدىنىپ قالغان.

1828 - يىلنىڭ باشلىرى جاھانگىر خوجا « مانجۇ ئەسكەرلىرى چاغان ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن قايتىپ كېتىپ، چېگرا بوشاپ قاپتۇ !» دېگەن خەۋەرگە ئالدىنىپ ئۆتكەن قېتىم ماڭغان كېچىك دېگەن كونا چىغىر يول بىلەن 500 دىن ئوشۇق ئادىمىنى باشلاپ ئاتۇشقا كىرگەن. بىراق ئاللىبۇرۇن بۇ جايدا بۆكتۈرمىدە تۇرغان 6000 مىڭ مانجۇ ئەسكىرىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ مەغلۇپ بولغان. تولىمۇ ئەپسۇس، بۇ قېتىم ئالاي تېغىنى قار - مۇز قاپلاپ كەتكەچكە، چېگرىدىن ئۆتەلمەي، يوشۇرۇنچە ئوپالغا كېلىپ، بۇرۇنقى كونا دوستى ئىسھاق بەگنى پاناھ تارتىپ كەلگەن. بەكلا چارچاپ كەتكەن جاھانگىر خوجا ئۇخلاپ قالغاندا، ئىسھاق ئۇنى باغلىۋالغان. جاھانگىر خوجا ئۇنىڭ مەقسىتىنى سېزىۋېلىپ، ئارتۇقچە قارشىلىق قىلمىغان.

شۇنداق قىلىپ، 1828 - يىلى مارتتا ئون يىلدىن بېرى مانجۇلارنىڭ قۇرۇق ھەيۋىسىنى يەر بىلەن يەكسان قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كۈچىنى كۆرسىتىپ قويغان 2 - ئەۋلاد مىللىي مۇستەقىللىق يولباشچىسى « سەييىد جاھانگىر سۇلتان» خائىن ئىسھاق تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، جاھانگىر خوجىنى قوغلاپ ئىزدەۋاتقان مانجۇ سەركەردىسى ياڭ فاڭغا سوۋغات قىلغان. مانجۇلار ئىنىڭ كاتتا  تۆھپىسىنى تارتۇقلاپ، ئۇنى ئاۋال خوتەنگە، ئاندىن قەشقەرگە ھاكىمبەگ قىلغان.

جاھانگىر خوجىنىڭ ئۆلۈمى توغرىلىق ئىككى خىل كۆز قاراش بار بولۇپ، بىرى ، ئۇ 1828 - يىلى ئاپرىلدا داۋگۇاڭ خاننىڭ ئالدىغا يالاپ ئاپىرىلىپ، 22 - ئىيۇن بېيجىنگە يېتىپ كەلگەن. 26 - ئىيۇن ئەسلى ئۇنى سوراق قىلغىلى كەلگەن داۋگۇاڭخان تۆمۈر قەپەس ئىچىدىكى شىر كەبى  جاھانگىرنى ئۇستىخانلىق ۋە  قامەتلىك،  ساقال - بۇرۇتلىرى قويۇق، چاچلىرى چۇۋۇلغان، تىلى ساڭگىلىغان ھالەتتە بىر كۆرۈپلا، قورقۇپ جېنى چىقىپ كەتكەن. نەتىجىدە ئۇنى 2 - قېتىم قايتا كۆرۈشكە جۈرئەت قىلالماي، 28 - ئىيۇن چاناپ، گۆشىنى ئوردىنىڭ غالجىر ئىتلىرىغا تاشلاپ بېرىش توغرىلىق پەرمان چۈشۈرگەن .

يەنە بىر قاراشتا، مانجۇلار جاھانگىر خوجىنى تۆمۈر قەپەسكە سولاپ، يولبويى سازايى قىلىپ، 1828 - يىلى 6 - ئايدا قەشقەردىن بېيجىنگە ئەۋەتىلىپ، 8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا بېيجىنگە يېتىپ بارغان. بىراق ۋەتىنىمىزدە قان تۆكۈۋاتقان جاللاتلارنىڭ ئوردىدىكى ئارقا تېرەكلىرى بولغان بىر قىسىم ۋەزىرلەر جاھانگىر خوجىنىڭ داۋگۇاڭخانغا مانجۇلارنىڭ ئۇيغۇرىستاندىكى چېكىدىن ئاشقان قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ، ئۆزلىرىنى بالاغا تىقىشىدىن قورقۇپ، جاھانگىر خوجا بېيجىنگە ئاز قالغاندا، ئۇنى ئارام ئالدۇرۇش باھانىسىدە، تۈرمىدە ئېغىر قىيىن - قىستاققا ئېلىپ، ئۇنىڭ تىلىنى تاكى ئاغزىدىن بىر غېرىچ ساڭگىلاپ قالغانغا قەدەر سۇغۇرۇپ، ئۇنى پەقەت گەپ قىلالمايدىغان ھالغا كەلتۈرگەن. يەنە خاتىرجەم بولالماي، ئۇنىڭغا زۇۋان تۇتۇلىدىغان بىر خىل دورا بېرىپ، گاچا قىلىۋەتكەن. دورا بېرىلگەندىن كېيىن جاھانگىر خوجامنىڭ ئاغزىدىن ئاپئاق كۆپۈك چىقىپلا تۇرغان.ئۇندىن سىرت « ئوردىدا تۇغۇلۇپ، ئوردىدا چوڭ بولغان توخۇ يۈرەك داۋاڭخاننى قاتتىق قورقۇتۇپ، جاھانگىر خوجىغا يېقىنلىشىشتىن چەكلەش ئۈچۈن، قەستەن ئۇنىڭ قىياپىتىنى قورقۇنچلۇق شەكىلدە ياساپ چىققان.ئۇلار بۇ ئارقىلىق تۆھپىسىنى تېخىمۇ پەش قىلىپ، مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن مۇشۇ قەبىھ ۋاستىنى قوللانغان. نەتىجىدە، توخۇ يۈرەك داۋاڭخان ئۇنى بىر كۆرۈپلا ھوشىنى يوقاتقىلى تاس قېلىپ، تەخمىنەن 11- سېنتەبىر يۇقىرىقى پەرماننى چۈشۈرگەن. / ھازىر قانچىلىك قەبىھلىشىپ كەتكىنىنى مۇشۇنىڭدىن پەرەز قىلىۋېلىڭلار ! ھېچ بولمىسا ئائىلەڭدىكىلەرگە ئىچىڭلار ئاغرىسۇن! ئەمدى ئۇخلىماڭلار ! پىتنە قىلماي ، ئەمەلىي ئىش قىلىڭلار!

جاھانگىر خوجا تۇتۇلغاندىن كېيىن مانجۇلار بىراقلا غالجىرلىشىپ، ساختا ئالىيجاناپلىق نىقابىنى يىرتىپ تاشلاپ، ئەينى ۋاقىتتا جاھانگىر خوجىغا ئەسكەر بولغان، قوللىغان ئۇيغۇرلارنى، بولۇپمۇ مانجۇ ئىشغالىيەتچىلىرىگە قارشى ئاداققىچە ئۇرۇش قىلىپ، ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان، ياكى خائىنلار پاش قىلىپ قويغان ئۇيغۇرلاردىن ئون مىڭدىن ئوشۇق كىشىنى شۇ يىلى يازدا نەچچە تۈركۈمگە بۆلۈپ، قەشقەردىن ئىلىغا پىيادە ماڭدۇرۇپ سۈرگۈن قىلغان.ئىپلاس مانجۇلار ھەتتا ئۇلارنى مۇز داۋاندا يالاڭ ئاياق مېڭىشقا مەجبۇرلىغان. ئەسىرلەر يولبويى ئاچارچىلىق، سوغۇق ۋە چارچاش سەۋەپلىك كۆپلەپ ئۆلۈپ كەتكەن. پەقەت ئازغىنا بىر قىسىم تېنى ساغلام ، ئىرادىسى قەتئىي كىشىلەر چىشىنى چىشلەپ، يول ئازابى، ئاچلىق ۋە سوغۇققا بەرداشلىق بېرىپ، مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتتە ئىلىغا يېتىپ كەلگەن.

1828 - يىلى يازدىكى تۇنجى قېتىملىق سۈرگۈن قىلىنغانلار ئىچىدە، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇممۇ بار ئىدى.ئۇ كىشىلەرنى چىداشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، روھىنى ئۇرغۇتىدىغان، جەڭگىۋارلىقنى ئاشۇرىدىغان تارىخىي قوشاقلىرى ئارقىلىق 1500 كىلومېتىرغا يېقىن مۇساپىنى تاماملاپ، مىڭ تەستە ئازغىنا كىشىلەر بىلەن يىراقتىكى ئىلى ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەن.

جاھانگىر خوجىغا باھا :

جاھانگىرخان قوزغىلىڭى بولغاندىن كېيىن، ئاسىيالىقلارنىڭ نەزىرىدە غالىپ كەلگىلى بولمايدۇ دەپ ھېساپلانغان خىتايلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنۇپ، بارلىق ئاجىزلىقلىرى پاش بولدى. قەشقەرىيە ۋەتەنپەرۋەرلىرى روھ بىلەن ياشىدى، ھەمدە ئۆز ۋەتىنىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولغان يېڭى ۋە كۈچلۈك ئۈمۈدكە ئېرىشتى.

چوقان ۋەلىخانوف / 1835 - 1865 /.

1859 - يىلى  باھار  قەشقەر


3 - نۇزۇگۇم توغرىسىدا :

نۇزۇگۇم تەخمىنەن 1809 - يىلى 24 - ئاپرىل قەشقەردە تۇغۇلغان.  / تەپسىلىي مەلۇماتلار ئۈچۈن ئابدۇرېھىم دۆلەت ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇر قىزى نۇزۇگۇم » ناملىق ماقالىسىگە قاراڭ. بۇ ماقالە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ تورىدا 2016 - يىلى 12 - ماي ئېلان قىلىنغان/.

كىچىكىدىن ياخشى تەربىيىلىنىپ « موللا قىز » دەپ تەرىپلەنگەن نۇزۇگۇم 1826 - يىلدىكى جاھانگىر خوجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، مەنچىڭ خانلىقىنىڭ قەشقەردە 1759 - يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ھۆكۈمرانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغان.  ئۇ 1827 - يىلى 26 - مارتتىكى قەشقەرنى مۇداپىئە قىلىش ئۇرۇشى، ئۇندىن كېيىنكى قەشقەر كوچا ئۇرۇشلىرىدا مانجۇلارغا زور تالاپەت كەلتۈرگەنلىكتىن،  ئاكىسى ئابدۇللا خوجا بىلەن بىرلىكتە ئىلىغا تۇنجى تۈركۈمدە سۈرگۈن قىلىنغانلارنىڭ ئەڭ كىچىكى بولۇپ قالغان.

ھازىرغىچە يېزىلغان ئەسەرلەردە ئاساسلىقى نۇزۇگۇمنىڭ « ئىپپەت قەھرىمانى » ، « نومۇسىنى قوغدىغۇچى قەيسەر ئۇيغۇر قىزى» سۈپىتىدە يادلىنىپ، مەدھىيىلىنىپ كەلدى. بۇ سۈپەتلەر ئەلۋەتتە نۇزۇگۇمنىڭ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنغان سەرگۈزەشتىلىرى ئاساسىدا چىقىرىلغان بولۇپ ، ۋەتىنىمىزدە شارائىتنىڭ  يار بەرگىنى بويىچە ئۇنىڭ « ئەخلاقلىق ۋە ئىپپەتلىك قىزلارنىڭ ئۈلگىسى » سۈپىتىدىلا ياد ئېتىشكە مەجبۇر بولغانىدۇق!چۈنكى يېقىنقى 30 يىلدىن بېرى نۇزۇگۇمنىڭ ئىلىغا سۈرگۈن قىلىنىشتىن بۇرۇنقى مىللەت سۆيەر، ھۆرىيەت جەڭچىسى ۋە تاجاۋۇزچىلارغا تىز پۈكمەس قەھرىمانلىق جاسارىتى قاتارلىقلار توغرىسىدا سۆز قىلىش « جانغا زامىن ھېساپلىناتتى».
/ بىلىشىمچە، شاياردا بىر ئىمام جۈمە خۇتبىسىدە نۇزۇگۇم توغرىلىق گەپ قىلىپ، جامائەتكە ۋەز قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ئېغىر جازالانغان. ھەر ھالدا مىللەت سۆيەر زىيالىيلىرىمىز ئىمكانى يار بەرگەن شارائىت ئاساسىدا، ئەخلاق نۇقتىسىدىن بولسىمۇ نۇزۇگۇم روھىنى تەكىتلەپ، مىللىي ئېڭىمىزدىكى مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالدى. ئەمدى بىز نۇزۇگۇمنىڭ بارلىق قىممەت - قاراشلىرىنى ۋە ئۇنىڭ ئوبرازىنى تولۇق يورۇتۇشقا مەجبۇرمىز!/ چۈنكى قارىساق، گەرچە بىز ھازىر ئەركىن دۇنيادا بولساقمۇ، بىراق « نۇزۇگۇم» بارغانسىرى ئۇنتۇلۇپ، تارىخىي شەخستىن، ئەپسانىۋى شەخسكە ئايلىنىپ قېلىۋاتىدۇ. « نۇزۇگۇم روھى » مۇ بارا - بارا خىرەلىشىپ كېتىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا « نۇزۇگۇم روھى ۋە نۇزۇگۇم ئوبرازىنى تولۇق تىرىلدۈرۈپ، خانىم - قىزلىرىمىزنىڭ روھىغا سىڭدۈرۋېتىش كېرەك»!

ھازىر ئەركىن دۇنيادىكى خانىم - قىزلىرىمىز « ۋەتىنى ۋە خەلقىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن قولىدىن كېلىشىچە ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ» ! ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلھاملاندۇرۇش، ئۇندىن باشقا تېخىچە چەتئەللىكە خوتۇن بولۇپ، ئۆزى ياشاۋاتقان دۆلەت  ۋە جەمئىيەتكە سىڭىپ كېتىش  كويىدا بولۇۋاتقان ئاز ساندىكى بىخۇت، ئۈمۈدسىز ۋە مىللىي روھى خىرەلىشىپ قالغان خانىم - قىزلىرىمىز ئەقلىنى تاپسا ئەجەپ ئەمەس دەپ قاراپ، ئىپارخان توغرىلىق يازمامنى تۈگەتكەندىن كېيىنلا « نۇزۇگۇم توغرىلىق قەلەم تەۋرىتىشكە باشلىغانىدىم» . ئەپسۇس، مۇقەددىمە قىسمى ۋاقىتلىق زايە بوپكەتتى. پات - ئارىدا تولۇقلاپ قويۇشقا تىرىشىمە !

يازما بەك ئۇزىراپ كەتكەن بولغاچقا، ھازىرچە نۇزۇگۇمنىڭ ھاياتىنى تارىخىي تەرتىپ بويىچە قىسقىچە يورۇتۇپ، ئۇنىڭ قاچان، قەيەردە تۇغۇلغانلىقى ؟  قايسى يىلى نېمە سەۋەپتىن مانجۇلار تەرىپىدىن 19 يېشىدىلا ئىلىغا پىيادە سۈرگۈن قىلىنىپ قىيىن - قىستاقلارغا، مۇشەققەتلەرگە يولۇققانلىقى، ئىلىغا بارغاندىن كېيىن، ئامبال سولۇننى نېمە سەۋەپتىن ئۆلتۈرگەنلىكى، نەچچە قېتىم قاچقانلىقى، ئاخىرقى قېتىم قاچقاندا قانچىلىك يوشۇرۇنۇپ  يۈرگەنلىكى، ئەڭ ئاخىرىدا، زىنداندا قانچىلىك ياتقاندىن كېيىن، قايسى ۋاقىتتا ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغانلىقى قاتارلىق سوئاللارغا ئىشەنچىلىك مەنبەلەر ئاساسىدا قىسقىچە جاۋاپ بېرىشنى ئاساسى ۋەزىپە قىلدىم.

يۇقىرىقى سوئاللارنىڭ بەزىسى ھەممەيلەنگە تونۇشلۇق. بىراق بەزى سوئاللار ھالا بىزنىڭ ھىممەت بىلەن تىرىشىپ  جاۋاپ بېرىشىمىزنى كۈتمەكتە .

مەن شۇ سوئاللار ئىچىدىكى ھازىرغىچە مۈجمەل جاۋاپ بېرىلگەن، ياكى بەكلا تەخمىنىي جاۋاپ بېرىلگەن، ۋەياكى پەقەتلا ئېنىق چۈشەنچە بېرىلمىگەن بەزى مەزمۇنلار توغرىلىق نەزەرىيىۋى جەھەتتىن ئىزدىنىۋاتقىلى سەككىز يىلدەك بوپقالدى. بولۇپمۇ 2014 - يىلى مايدىكى « نۇزۇگۇم داغدۇغىسى» دىن كېيىن،  قەشقەردىن غۇلجىغىچە بولغان يوللارنىڭ يەر شەكلى، مۇساپىسى، ئاتلىق، تۆگىلىك، ئېشەكلىك ۋە پىيادە ماڭغاندىكى كۈنلۈك سۈرئىتىدىن، تەخمىنىي ھالدا نۇزۇگۇمنىڭ قەشقەردىن ئىلىغا قاچان يولغا چىقىپ، قاچان يېتىپ كەلگەنلىكى، نەچچە قېتىملىق قېچىش جەريانىدا سەرپ بولغان ۋاقىت، لەنىتى داۋگۇاڭغا ئەۋەتكەن شىكايەتنىڭ 41 كۈندە بېيجىنگە بېرىپ يەنە 41 كۈندە ئىلىغا ئۆلۈم پەرمانىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكى ئاساسىدا، مەرھۇم نۇزۇگۇمنىڭ قاچان شېھىت قىلىنغانلىقىنى تېپىپ چىقتىم. بولۇپمۇ  داۋگۇاڭنىڭ  « پەرمانىم كۈندۈز يېتىپ بارسا كېچىگە قالدۇرماي، كېچە يېتىپ بارسا كۈندۈزگە قالدۇرماي كاللىسى ئېلىنسۇن!» دەپ قاتتىق بۇيرۇق قىلىشنىڭ سىرىنى يېشىپ چىقتىم.

مەن يۇقىرىقى غۇۋا ۋە خىرە جايلارنى ھەل قىلىۋەتسەملا، نۇزۇگۇمنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي، ئەخلاقىي ۋە ئېتىقادىي ئوبرازى تېخىمۇ ئېنىق يورۇيدۇ! بىز ھازىر ئەڭ مۇھتاج بولۇۋاتقان، لېكىن 200 يىلدىن بېرى ئاز - ئازدىن يوقىتىپ قويۇۋاتقان قىممەت قاراشلىرىمىز نۇزۇگۇمدا تولۇق ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تارىخ « نۇزۇگۇم  روھى» نى قايتا تىرىلدۈرۈشنىڭ نەقەدەر تەخىرسىز ۋە مۇھىملىقىنى كۆرسەتمەكتە. شۇڭلاشقا بۇ  تېمىنىڭ سالمىقى بەكلا ئېغىر بولغاچقا، ئۇشبۇ يازمىنى مۇشۇ يەردە توختىتىپ تۇراي !

بىر پۈتۈن نۇزۇگۇم ئوبرازى ۋە تولۇق تەرجىمىھالىنى ئايرىم بىر تېما قىلىپ يوللاشنى لايىق كۆردۈم !

ئاخىرىدا يازمامنى بۈگۈن تاسادىپى ئۇچرىتىپ قالغان ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى تارقاتقان - زۇبەيرە خانىمنىڭ « ھەقىقىي ئۇيغۇر ئايال قەھرىمانلىرى قانداق بولۇشى كېرەك»  ناملىق خەۋىرىنىڭ مۇنۇ قۇرلىرى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمە :

: « 
زۇبەيرە خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ، ماقالىسىدە يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدىكى ئايال قەھرىمانلار ئىچىدىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلاردىن، 19-ئەسىردە مانجۇ ئىستىلاچىلىرى دەۋرىدە غۇلجىدا ئۆلتۈرۈلگەن قەشقەرلىك قوزغىلاڭچىلار ئەۋلادى نۇزۇگۇم، 1999-يىلى خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ 6 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ لىدېرىغا ئايلانغان رابىيە قادىر خانىم ۋە بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ئاياللىرى ئىچىدىن چىققان سەرخىللەرنى نەقىل ئېلىپ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا، ئۇيغۇر ھاياتىنىڭ سىياسەت، مائارىپ، مەدەنىيەت، سەنئەت قاتارلىق ساھەلىرىدە ئەرلەرگە ئوخشاش ياكى ئاشۇرۇپ تۆھپە قوشۇپ، تارىخىنىڭ ئەڭ سەلتەنەتلىك قىسمىدىن ئورۇن ئالغانلىقىنى، شۇڭا ئۆز ماقالىسىدە مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ رولى ھەققىدىمۇ ئالاھىدە توختالغانلىقىنى بىلدۈردى» .

دېمەك مەنمۇ نۇزۇگۇمغا ئالدىراش تۇتۇش قىلىپ توغرا قىلغان ئوخشايمە ! بۇ توغرىلىق يېڭى بايقاشلار ياكى يېڭى مەنبەلەر بولسا تەمىنلەپ تۇرغايسىلەر، تەنقىدىي پىكىرلەر بولسا ئايىمىغايسىلەر  !

پايدىلانغان مەنبەلەر :

/1/ . « چوقان ۋەلىخانوف ئەسەرلىرى» :  رۇسچە نەشرى، 1958 - يىل، ئالمۇتا، 523 - بەت.

/2/ . خاۋۇس : « موڭغۇللارنىڭ تارىخى » 2 - توم، 823 - بەت.

/ 3/ . پانتۈركىزىم ۋە پانئىسلامىزىمغا قارشى كۈرەشلەر

4. مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشلەر.

5 . شىنجاڭنىڭ قىسقىچە تارىخى. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مىللەتلەر تەتقىقات ئورنى تۈزگەن،
ئىبراھىم مۇتىئى ۋە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر تەرجىمىسى.

6 . شىنجاڭنىڭ يەرلىك تارىخى

7 . « تارىختىكى ھەر قانداق خىتاي سۇلالىسى ئارمىيىسىدىن مىليون ھەسسە كۈچلۈك بولغان خىتاي ساراي تارىخچىلىرى».

سايرام ئوغلانى


2019 - يىلى 4 - 24 - ئاپرىل چارشەنبە