2019/06/25 12:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


ئەركىن دۆلەتچىلىك قارىشىمىزنى تىكلەيلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/30 04:00

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى


« تۆمۈر سىجاڭ روھىنى يوقىتايلى!» **

« سوئاللارغا جاۋاپ» تىن تۇغۇلغان ئويلار   

سايرام ئوغلانى

مەنچىمۇ بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس!

ئاددىي مىسالدىن ئىككىنى كەلتۈرەي :

1 - بۈيۈك مۇتەپەككۇر جامالىدىن ئافغانى ھىندىستان خەلقىگە مۇنداق خىتاپ قىلىدۇ:« ئەي مۆھتەرەملەر، سىلەر ئۆزۈڭلارنى كىچىك چاغلىماڭلار، ناۋادا، سىلەر ھەر بىرىڭلار بىر تاشپاقا بولۇپ، ئەنگلىيىدە قۇرۇقلۇققا چىقساڭلا، بۈيۈك بېرىتانىيە كۆمۈلۈپ قالىدۇ! ». بۇنىڭدىن روھلانغان ھىندىلار كەڭ كۆلەمدە قوزغىلىدۇ. ئەنگلىيە مىڭ تەستە بېسىقتۇرۇپ، ئافغانىنى قوغلاپ چىقىرىدۇ!

2 - ھىندىستان مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ مەنىۋى داھىيسى، بۈيۈك ئەللامە ئەنۋەر شاھ ھەزرەت شۇنداق دەيدۇ:«  ئەي خەلقىم، سىلەر ئاۋۋال ئېنگىلىزلارنى قەلبىڭلاردىن چىقىرىپ تاشلاڭلار! ئەگەر قەلبىڭلاردىن ئۇلارنى، ئۇلارنىڭ ھەيۋىسىنى، مەدەنىيىتىنى، خاراكتىر - مىجەزىنى قوغلاپ چىقىرىۋېتەلىساڭلار، ئۇلار ھامان ئۆزلىرى چىقىپ كېتىدۇ! ئارىدىن ئون يىل ئۆتمەيلا ئەنگلىيە راسلا چىقىپ كېتىدۇ!

ئەمدى نۆۋەتتىكى دۇنيادىن ئىككى مىسال ئالايلى :

ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى 1967- يىلدىكى ئالتە كۈنلۈك ئۇرۇشتا قۇددۇسنى ئىشغال قىلدى. بىراق خەلقئارا بۇ ئىشغالىيەتنى قوبۇل قىلغۇچە، ئۇلار ئاللىبۇرۇن نەچچە يۈز مىڭ خىشقا تەۋرات تېكسىتلىرىنى بېسىپ، سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سېلىشنىڭ ماددىي تەييارلىقىنى نەچچە يىلدىلا تەل قىلىپ  قويدى. ئۇنداقتا مەنىۋى تەييارلىق قاچان باشلانغان!؟  جاۋابى تولىمۇ ئاددىي، داۋۇت - سۇلايمان پادىشاھلىقى يىمىرىلىپ، ئەڭ ئاخىرىدا مىلاى 70 - يىلى رىم ئىمپىرىيىسى قۇددۇسنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىنلا، ئۇلارنىڭ بۇ مۇقەددەس جايىنى قايتا قۇرۇش تەييارلىقى باشلانغان. 2000 يىلدىن بېرى يەھۇدىلار بالىلىرىنى مۇشۇ تەربىيە بىلەن چوڭ قىلدى. بىراق بۇ خام خىيال ئىدى. چۈنكى بۇ 20 ئەسىردە، دۇنياۋى چوڭ ھاكىمىيەتلەر قۇددۇسنى ئىدارە قىلىۋاتقان بولۇپ، يۇرتىغا قايتىشقا قادىر ئەمەس يەھۇدىلارنىڭ بۇ ئىبادەتخانىنى سېلىشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بىراق ئۇلار پەرۋاسىز تەييارلىق قىلىۋەردى. 1948- يىلى دۆلىتىنى قۇرۇۋالدى. 1967 - يىلى قۇددۇسنى ئىشغال قىلدى. ھەتتا ترامپ 2017 - يىلى ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەندە، ئىسرائىلىيە ئۇ « 2 - قۇرۇش » دەپ ئاتىدى. / قۇرۇش تارىختا ئاپراسىياپنى زەھەرلىگەن پارس شاھىنىڭ پۇشتى بولۇپ،ئۇ ئەينى ۋاقىتتىكى كىلدانىلارنى يوقىتىپ، ئىراقتا قۇللۇقتا تۇرۇۋاتقان يەھۇدىلارنى قايتا قۇددۇسقا ئەكىلىپ قويغان. ئاخىرىدا ئاپراسىياپ ئەۋلادى تۇمارس خاتۇن قولىدائۆلتۈرۈلگەن/. ماددىي شارائىت شۇنچە  تولۇق تۇرسىمۇ، لېكىن ئەقىللىق يەھۇدىلار ھالا قۇددۇستىكى ئەقسا مەسچىتى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بىر جايغا سۇلايمان ئىبادەتخانىسى سارىيىنى بەرپا قىلىپ، بالىلارنىڭ ھەر ۋاقىت  كاللىسىغا سىڭدۈرۈۋاتىدۇ! ئاشۇ بالىلار ھەر قېتىم، سىرتتىكى ئەقسا مەسچىتىنى كۆرسە، ۋۇجۇدىدا ئۇنى چېقىۋېتىپ، بوۋىسىنىڭ ئىبادەتخانىسىنى قۇرۇش ئىستىكى قوزغىلىدۇ!

يەنە بىر مىسال ئەردۇغاننىڭ قۇددۇس ھەققىدە قىلغان مۇنۇ سۆزى:
« قارداشلىرىم، ئانىلارنىڭ ئەڭ ئۇلۇغى پەرزەنتى قەلبىدە قۇددۇس ۋە ئەقسا بەرپا قىلىپ، ياشناتقان ۋە پەرۋىش قىلغان ئانىدۇر! ئەگەر ھەر قانداق بىر مۇسۇلمان ئوغلان قەلبىدە بۇ قۇددۇسنى قۇرۇپ چىقىدىكەن،ئول زامان ئىسرائىل ھېچ بىي شەي ياپاماز! جۈرئەت ئەدەمەز! ».

خوش، ئۇنداقتا ئۆزىمىزگە بىر قاراپ باقايلى! ھازىرقى ئەھۋالىمىز بەكلا خاراپ ۋە ئېچىنىشلىق !

قانداق قىلىش كېرەك!؟!؟

بىزمۇ يۇقىرىقىغا ئوخشاشلا، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ قەلبىدىكى خىتاي قورقۇنچى ۋە خىتاي ھەيۋىسىنى يوق قىلىشىمىز كېرەك! شۇندىلا ئۇلارنى ۋەتىنىمىزدىن قوغلىۋېتەلەيمىز!

2 - ئۆزىمىزنى كەمسىتمەسلىكىمىز ۋە كۈچىمىزنى سەل چاغلىماسلىقىمىز كېرەك ! شۇنداقلا ئۆزىمىزنى ئۆتمۈشتىكى سەلتەنەت بىلەن ئالداپ ئولتۇرساق بولمايدۇ! « تۈنۈگۈنكى توقلۇقۇڭنىڭ بۈگۈنىڭگە پەقەتلا پايدىسى يوق!» .

3 - ۋەتىنىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي - ئېتىقادى ۋە شانلىق تارىخىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان جامەلەردىن قاغىلىق جامەسى قاتارلىق تەۋەررۈك مەسچىتلەر چېقىۋېتىلدى. شۇڭلاشقا ھەر بىر ئائىلە ئەقەللىسى ئۆزى ياشاپ ئۆسكەن يۇرتتىكى جامەنىڭ ھەيكىلىنى ياسىتىپ، بالىلىرىغا ھەر كۈنى ئۇنى قايتا سېلىش توغرىلىق دەرس بېرىشى،بۇ ئىدىيىنى ئۇنىڭ قېنىغا سىڭدۈرۈشى كېرەك !
ئانىلار يۇقىرىدا ئەردۇغان دېگەندەك، پەرزەنتىنىڭ قەلبىدە ھېيتگاھنى، يەكەن خانلىق ئوردىسىنى، خانلىق مەدرىسىنى قۇرۇپ چىقىشى ۋە پەرۋىش قىلىشى كېرەك !

مۇشۇ بويىچە 10 يىل داۋام قىلسا، « پالانىچى خەلق ئۈچۈن نېمىش قىپتۇ ئەمەس، مەن خەلقىم ئۈچۈن نېمە ئىش قىلدىم؟» دەيدىغان ئوغلانلار بالاغەتكە يېتىدۇ! مەن ئەنە شۇلار ئارقىلىق ھەر بىر قەلبى تىرىك ئۇيغۇرنىڭ ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىمە !

ناۋادا بۇ ئۆگۈتلەر بىلەن بۇ يەردىكى مەزمۇننىڭ نېمە باغلىنىشى ۋە مۇناسىۋىتى بار ، دەپ سورايدىغانلار چىقسا، ئۇنداقتا ئۇلار بىلمەي كېتىۋەرگىنى ياخشى ! چۈنكى ئۆلچەمسىز ماشىنا ئادەملەرنى تۈزەشكە ۋاقىت ئىسراپ قىلغاندىن، ئۆلچەملىك ئادەم يېتىشتۈرۈشكە كۈچەش مىڭ ئەۋزەل ! ئامان بولۇڭلار!

** تۆمۈر غازى ياكى تۆمۈر پاشا:  1933 - يىلدىكى مىللىي مۇستەقىللىق ئىنقىلابىدىكى مەشھۇر كىشىلەرنىڭ بىرى. 1933 - يىلى فېۋرالدىن مايغىچە قاراشەھەردىن قەشقەرگىچە بولغان يۇرتلارنى ئازات قىلغان. 5 - ماي قەشقەرگە كىرگەن. 28 - ئىيۇل سابىت داموللامنى قورالسىزلاندۇرۇپ، ئوسمان ئەلىنى تاغقا قوغلىۋېتىپ، قەشقەرنىڭ ھەقىقىي ھۆكۈمرانىغا ئايلانغان. 1 - ئاۋغۇست مادوتەي، يەنى ماشاۋۋۇنىڭ دوتەيلىك تامغىسىنى ئۆتكۈزۈۋېلىپ، نەچچە كۈن شەھەردە داغدۇغا قىلىپ، « سىجاڭ » نامىغا ئېرىشكەن. 8 - ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى ماجەنساڭ،يەنى چولاق زىخۇينىڭ ئەسكىرى كاڭمازا تەرىپىدىن توغراقمازاردا ئېتىپ تاشلانغان».

** قوشۇمچە ئىزاھات: :  مەزكۇر تۆمۈر سىجاڭ، 1913 - يىلى 6 - سېنتەبىر ئۈرۈمچىدە ئۆلتۈرۈلگەن تۆمۈر خەلىپە ئەمەس، بەلكى خوجىنىياز ھاجىنىڭ كوماندىرى تۆمۈر ئەلى، يەنى تۆمۈر ھارۋىكەش  بولۇپ، خېۋىر تۆمۈر ئەپەندىنىڭ دادىسىدۇر!

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 28 - ئاپرىل  يەكشەنبە