2019/06/25 12:42

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/03 11:42

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى



تارىختىكى بۈگۈن « 3 - ماي » :


612 - يىلى ۋىزانتىيە ئىمپىراتورى 3 - كونىستانتىن تۇغۇلغان.

633 - يىلى ساسانىيلار بىلەن مۇسۇلمانلار ئوتتۇرىسىدا ئىراقتىكى ۋەلجە تەۋەسىدە ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش باشلانغان. ئۇرۇشقا خالىد ئىبنى ۋەلىد قوماندانلىق قىلغان بولۇپ، 7 - مايغا قەدەر سوزۇلغان ئۇرۇشتا ساسانىيلار ئۈزۈل - كېسىل مەغلۇپ بولۇپ، 30 مىڭ ئىران قوشۇنىدىن 20 مىڭى ئۆلتۈرۈلگەن. 15 مىڭ مۇسۇلمان قوشۇنىدىن 2 مىڭى چىقىم بولغان.

1257 - يىلى ئىسلام تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پادىشاھ سۇلتانە شەجەرىددۇر ۋاپات بولغان. ئۇ سالاھىددىننىڭ نەۋرىسى تۇرانشاھنىڭ خاتۇنى بولۇپ، ئېرى 1250 - يىلى 2 - ماي قازا قىلغاندىن كېيىن ئۈچ ئايغا يېقىن مۇستەقىل مىسىرغا ھۆكۈمران بولغان. بىراق توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ئىززىددىن ئايبېك دېگەن قوماندانىغا تېگىپ، پەردە ئارقىسىدىن 7 يىلغا يېقىن دۆلەتنى ئىدارە قىلغان.

1469 - يىلى ئىتالىيىلىك مۇتەپەككۇر ۋە ھازىرقى تاشقى ئىشلار سىياسىتىنىڭ ئاتىسى، ھۆكۈمدارلار دەستۇرىنىڭ ئاپتورى نىكولو مېكافېللىي تۇغۇلغان. « ئۇنىڭ تۆمۈر - قان سىياسىتى بىسماركنىڭ قولىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاندىن باشلاپ، ھازىرغىچە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ سىياسىيونلىرى بۇ كىتاپقا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىۋاتىدۇ! ئەمما بىز خەخ نىزامۇلمۇلكنىڭ ھۆكۈمدارلار دەستۇرىنى ئوقۇپمۇ باقمىدۇق!».

1481 - يىلى مۇھەممەد فاتىھ ۋاپات بولغان.

1736 - يىلى رۇسلار ئۇشتۇمتۇت ھۇجۇم قىلىپ، قارا دېڭىزغا چىقىشتىكى مۇھىم ئۆتەڭ ئازاق قەلئەسىنى ئىشغال قىلىۋالغان. بۇنىڭدىن ھاقارەت ھېس قىلغان ئوسمانىلار شۇ يىلى 16 - ئىيۇن چاررۇسىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1755 - يىلى مەنچىڭ قوشۇنى بىلەن جۇڭغار قوشۇنى ئىلى دەريا بويىدا ئىككى كۈنگە سوزۇلغان ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ ئۇرۇشنى باشلىغان.

1758 - يىلى ئىلىدىن تەڭرىتاغنى ھالقىپ ئۆتۈپ، كۇچاغا يېتىپ كەلگەن مەنچىڭ قوشۇنى تەڭرىتاغ سىرلىق جىلغىسى ئەتراپىدا « باتۇرخان خوجا جاھان » نىڭ زەربىدارلىرىنىڭ بۆكتۈرمىسىگە ئۇچراپ، ئۇيغۇرلار ۋە مانجۇلار ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى ئۇرۇش باشلانغان.

1849 - يىلى گېرمانىيە باش ۋەزىرى بېرنارت فون بولۇف تۇغۇلغان.

1868 - يىلى سايگو تاكومورى بىلەن كاچۇ كايشونىڭ سۆھبەتلىشىشى نەتىجىسىدە ئىدو قەلئەسى تېنچلىق بىلەن تەسلىم بولغان. شۇنىڭ بىلەن مېيجى ھۆكۈمىتىنىڭ نوپۇزى تېخىمۇ كۈچەيگەن.

1902 - يىلى ئابدۇلھەمىدخان زېئونستلار ئاتىسى تيودور ھېرزىلنىڭ ئېرۇسالىمدا يەھۇدى ئۇنۋېرىستېتى قۇرۇش تەكلىپىنى رەت قىلغان.
« مەزكۇر سۇلتان 1901 - يىلى پەلەستىننى سېتىپ بېرىشنى رەت قىلغانىدى. ئۇنىڭدىن پايدا چىقمايدىغانلىقىنى ھېس قىلغان زېئونستلار ئۇنى 1909 - يىلى 27 - ئاپرىل تەختتىن چۈشۈشكە مەجبۇر قىلىپ، مايدا سالونىكتىكى يەھۇدى سارىيىغا قامىۋالغان».

1906 - يىلى ئوسمانىيە بىلەن بېرىتانىيە ئارىسىدا سىنا يېرىم ئارىلىنى مىسىرغا قوشۇپ بېرىش توغرىلىق كېلىشىمگە تەستىق سېلىنغان.
« ئەنگلىيە بۇ ئارقىلىق ئۆزى ئىشغال قىلىپ تۇرغان مىسىردىن پايدىلىنىپ، سۇۋەيش قانىلىنى ئوڭچە ئىگىلەش قەستىدە بولغان. بىراق زېرەك سۇلتان يىراقنى كۆرۈپ، بۇ جاينى ئاجىز پەلەستىنگە ئەمەس، كۈچلۈك مىسىرغا تاپشۇرغان. دەرۋەقە 1956 - يىلى ناسىر قانالنى دۆلەت ئىكىگە ئۆتكۈزۈۋالدى. ئەنگلىيە شۇ يىلقى قوراللىق توقۇنۇشۇشتا زەربە يەپ، ئوتتۇرا شەرقتىن چىقىپ كەتتى. ئورنىنى ئامېرىكا ئالدى».

1920 - يىلى ئەنگلىيە ئىراققا مانداتلىق / ۋاكالىتەن ھۆكۈمرانلىق / ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى باشلىغانلىقىنى جاكارلىغان.

1933 - يىلى ئوساكادىكى تۇنجى مېترو ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

1945 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ھامبۇرگ شەھىرىنى ئىشغال قىلغان.

1946 - يىلى توكيو مەھكىمىسى يىراق شەرق خەلقئارا ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىنى سوتلاشقا باشلىغان.

1947 - يىلى ياپونىيىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى يېڭى قانۇنى ئىجرا قىلىنىش باسقۇچىغا كىرگەن.

2004 - يىلى شاروننىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنى غەززەدىن چېكىندۈرۈپ، يەھۇدى ئولتۇراق رايونلىرىنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى پىلانى سۇغا چىلاشقان. نەتىجىدە ئۇ ئارمىيەنى 2007 - يىلى بۇ جايدىن چېكىندۈرۈپ چىققان.

2009 - يىلى قاتارنىڭ دوھادا سۇدان بىلەن چاد ئوتتۇرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان.

2018 - يىلى ھىندىستاننىڭ شىمالىدىكى مۇسۇلمانلار رايونىدا « قۇملۇق بورىنى » ناملىق ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىلىپ، 150 كىشى ئۆلۈپ، 150 دىن ئوشۇق ئاۋام يارىلانغان.

بايراملار :

خەلقئارالىق گېزىت - ژۇرنال ئەركىنلىك كۈنى .

پولشا، لىتۋانىيە ۋە ياپونىيىدە : ئاساسىي قانۇن كۈنى .

تۈركلەردە : تۈركچىلىك كۈنى.

ئۇيغۇرلاردا : جۇشقۇنلۇق كۈنى .

2019 - يىلى 5 - 3 - ماي    قۇتلۇق جۈمە