2019/06/25 12:40

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 9 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/09 14:32

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى





تارىختىكى بۈگۈن « 9 - ماي » :


1147 - يىلى ياپون سانغۇنى مىناموتو يورىتومو تۇغۇلغان.

1758 - يىلى خوجا جاھان 5 مىڭ ئەسكەر بىلەن مۇھاسىرىدە قالغان كۇچارغا يېتىپ كېلىپ، شەھەرگە كىرگەن.

1765 - يىلى ئۇچتۇرپان خەلقى تۇنجى قېتىم مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتا ئېغىر چىقىم تارتىپ، مەغلۇپ بولغان. مانجۇلار شەھەرنى قاتمۇ - قات قورشاپ ، مۇھاسىرىنى كۈچەيتكەن.

1805 - يىلى گېرمان شائىرى شېللىر ۋاپات بولغان.

1876 - يىلى توكيودا ئويىنو باغچىسى ئېچىۋېتىلگەن.بۇ ياپونىيە تارىخىدىكى تۇنجى خەلق باغچىسى بولۇپ قالغان.

1907 - يىلى گېتلىرنىڭ ياشلار پارتىيىسى سېكرىتارى فون شىراخ تۇغۇلغان.

1927 - يىلى ئاۋسترالىيە پايتەختنى مېلبورۇندىن كانبېرراغا يۆتكىگەن.

1937 - يىلى قەشقەردىكى ئەسلىدە مەھمۇد مۇھىتىغا قاراشلىق بىر پولك خائىن ئۇيغۇر ئەسكەرلىرى تەشكىل قىلىنىپ، پولك كوماندىرى ئەمەت تۇەنجاڭ باشچىلىقىدا، يەكەندىن ھەر ۋاقىت ھۇجۇم قىلىپ كېلىش خەۋپى بولغان ئابدۇنىياز قوشۇنىغا قارشى سوقۇشقا سېلىنىش ئۈچۈن تەشكىل قىلىنىپ، ئالدىنقى سەپكە يۆتكەلگەن.

1945 - يىلى گېرمانىيە ئارمىيىسى چىخوسلوۋاكىيىدىن قوغلىنىپ، جۇمھۇرىيەت
ئېلان قىلىنغان.

1945 - يىلى ئىتالىيە قايتا مۇستەقىل بولغان.

1945 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى گېتلىر گېرمانىيىسى ئۈستىدىن تولۇق زەپەر قازانغان.

1946 - يىلى ياپونىيە دىپلوماتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنىرگىيىسى ئورگىنى رەئىسى يوكيا ئامانو تۇغۇلغان.

1947 - يىلى رومېنىيە مۇستەقىللىق جاكارلىغان.

1947 - يىلى 22 كۈنلۈك ئاقسۇ - قەشقەر ۋە خوتەن زىيارىتىدىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن تۈلكە جاڭ جىجۇڭ ئاخىرى ئۇيغۇرلارنىڭ گومىنداڭغا قارىتىلغان ئورتاق دۈشمەنلىكىنى « ئۇيغۇرنىڭ - ئۇيغۇرغا دۈشمەنلىك قىلىش » غا ئۇستىلىق بىلەن بۇرىۋېتىش ئۇسۇلىنى تېپىپ چىققان. « يەنى ئىلى تەرەپ ۋە كوممۇنىزىمغا قارشى ئۈچ ئەپەندىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، پانتۈركىزىم قارتىنى ياخشى ئويناپ، بىر پۈتۈن ئۇيغۇرلارنى ئىككى قۇتۇپقا بۆلۈۋەتكەن. نەتىجىدە ھەر ئىككى قۇتۇپ ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ئۆزلىرى زىيان تارتقان. ئۆزلىرى ئۆلۈپ، ياكى قېچىپ قۇتۇلغان. ئەمما خەلقىمىز، ۋەتىنىمىز 70 يىللىق قىزىل ئاسارەتكە دۇچار بولغان».

1955 - يىلى غەربىي گېرمانىيە ناتوغا ئەزا بولغان.

1978 - يىلى باندىتلار 16 - مارتتىن بېرى گۆرۈگە ئېلىنغان ئىتالىيە باش ۋەزىرى ئالدۇ مورونى ئۆلتۈرۋەتكەن.

1994 - يىلى نېلسۇن ماندىلا پىرىزدېنت بولغان.

2004 - يىلى چېچىنىيە رەھبىرى ئەھمەد قادىروف پايتەخت گرۇزنىدىكى تەنتەربىيە مەيدانىدا « 9 - ماي زەپىرى» نى قۇتلۇقلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقاندا، كاۋكاز بۆرىسى شامىل باسايېف تەرىپىدىن قويۇلغان بومبىدا پارتلاپ ئۆلۈپ كەتكەن.« قادىروف بىلەن باسايېف چېچىن مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ ئىككى خىل قۇتۇپقا ۋەكىللىك قىلىدىغان رەھبەرلەر بولۇپ، قادىروف شۇ ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونومىيە تۈزۈمىدە تۇرۇپ، چېچىن مىللىتىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەشەببۇس قىلاتتى. باسايېف بولسا، رۇسلارنى پۈتۈن كاۋكازىيەدىن قوغلاپ چىقىرىپ، كاۋكاز فېدراتسىيىسى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلاتتى. ئۇلار 1999 - يىلى 2 - قېتىملىق چېچىن ئۇرۇشىدا بۇرۇنقى ئىتتىپاقداشلاردىن رەقىپلەرگە ئايلاندى. 1951 - يىلى 23 - ئاۋغۇست تۇغۇلۇپ،2003 - يىلى 5 - ئۆكتەبىر چېچىنىيە رەھبىرى بولغان قادىروف ئارىدىن يەتتە ئاي ئۆتۈپلا ئۆلتۈرۈلگەن. باسايېفمۇ 2007 - يىلى 10 - ئىيۇل سىرلىق ھالدا پارتلاپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپقان پۇتىن، شۇ يىلى 5 - ئۆكتەبىر خاتىرجەم ھالدا، چېچىنىيەنى بالا قادىروف رامزانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇ 12 يىلدىن بېرى ئۇتۇقلۇق ھالدا چېچىنىيىنى ئىدارە قىلماقتا».

2009 - يىلى جاكوۋ زۇما قەسەم بېرىپ جەنۇبىي ئافرىقا پىرىزدېنتى بولغان.

2019 - يىلى گوۋېنگۈي :« خىتاي كومپارتىيسى موللاق ئاتسا ئۇيغۇرلارغا ئاپتونومىيە بېرىمىز » دەپ بىلجىرلىغان. ئۇنىڭ 9 چۈشى غەرىزىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بەرگەن. خىتايلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتقانلار ھوشيار بولۇڭلار ! خىتاي ھامىنى خىتايلىقىنى قىلىدۇ! ئاتا دۈشمىنىنى دوست تۇتما !

2019 - يىلى ترامپ : « يالغانچى ۋە ئوغرى خىتاي بىلەن ئەمدى سودا قىلمايمىز»! دېگەن.

بايراملار :

ياۋروپادا : ياۋروپا كۈنى.

رۇمېنىيەدە: مۇستەقىللىق بايرىمى.

رۇسىيە، ئۇكرائىنادا : ئۇلۇغ زەپەر بايرىمى.

2019 - يىلى  - 5 - 9 - ماي پەيشەنبە