2019/06/25 12:41

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىخ ۋە بۈگۈن « 14 - ماي »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/05/14 14:19

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/05/14 14:19 2019/05/14 17:36 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
تارىختىكى بۈگۈن « 14 - ماي » :


1058 - يىلى قاراخانىلار قاغانلىرىدىن سۇلايمان ئارسلانخان، مۇھەممەد بۇغراخان، ھۈسەيىن چاغرى تېكىن، جۈملىدىن بارلىق ھەربىي ۋە مۈلكىي ئەمەلدارلار خان ئوردىسىدىكى زىياپەتتە مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قىزى زەينەپ خاتۇن تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلگەن.

1610 - يىلى فرانسىيە شاھى 4 - ھېنرى ئۆلگەن.

1637 - يىلى ۋېنتسىيە يەھۇدىلىرى ئادۋوكاتلىق قانۇنى بىلەن شۇغۇللىنىشتىن مەنئىي قىلىنغان.

1643 - يىلى 13 - لۇئىس ۋاپات بولغان.

1755 - يىلى قالماق خانى داباچى گېلدىن تېغىدا مانجۇلارنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، تەڭرىتاغنى كېسىپ ئۆتۈپ، قەشقەرگە قاراپ قاچقان. شۇنىڭ بىلەن، 1640 - يىلدىن باشلانغان جۇڭغار خانلىقى مۇنقەرز بولغان.

1805 - يىلى مۇھەممەد ئەلى مىسىر ۋالىيسى بولغان.

1936 - يىلى ئەنگلىيە گېنىرالى ئېدموند لېنبى ئۆلگەن. ئۇ 1917  - يىلى مىسىردىن قوشۇپ تارتىپ چىقىپ، 9 - دېكابىر ئېرۇسالىمنى ئىشغال قىلغان».

1941 - يىلى گېرمانىيە لوندونغا ئەڭ دەھشەتلىك بىر قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمى قىلغان.

1942 - يىلى نيۇيوركتا بالتىمور خىتاپنامىسى ئېلان قىلىنىپ، پەلەستىندە يەھۇدى دۆلىتى قۇرۇش ۋە مۇنتىزىم ئارمىيە قۇرۇش توغرىلىق قارار قوبۇل قىلىنىپ، نىزامغا كىرگۈزۈلگەن.

1948 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەنگلىيە ئەسكىرى پەلەستىندىن چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن. يېرىم كېچە بىلەن ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ئىسرائىلىيەنى ئېتىراپ قىلغان.

1948 - يىلى ئۈرۈمچى ۋاختى جۈمە سەھەر، ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغانلىقى يېپىق جاكارلانغان. « بۇ مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتلۇق كۈنى» . 15 - ماي شەنبە رەسمىي ھالدا پۈتۈن دۇنياغا جاكارلانغان. « بۇ يەھۇدىلارنىڭ دەم ئېلىش ۋە ئىبادەت قىلىدىغان قۇتلۇق كۈنى».

1948 - يىلى ئىسرائىلىيە رادىئوسى ئىبرايچە ئاڭلىتىشىنى باشلىغان. 1965 - يىلدىن باشلاپ، ئەرەبچە ئاڭلىتىشنى باشلىغان. كېيىنچە يەنە باشقا خەلقئارالىق تىللاردا ئاڭلىتىش باشلانغان.

1948 - يىلى ئامېرىكا ئنوتاك ئارىلىدا بوشلۇقتا يادرو سىنىقى قىلغان.

1955 - يىلى ۋارشاۋا ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان.« مەزكۇر تەشكىلات، 1949 - يىلى 4 - ئاپرىل قۇرۇلغان ش ئا ئە ت « ناتو» غا قارشى قۇرۇلغان ھەربىي ئىتتىپاق تەشكىلاتى ئىدى».

1956 - يىلى ماراكەش ئارمىيىسى قۇرۇلغان.

1962 - يىلى ئامېرىكا كىرىسماس ئارىلىدا بوشلۇقتا يادرو بومبىسى سىنىقى قىلغان.

1963 - يىلى كۇۋەيت ب د ت نىڭ 111 - ئەزاسىغا ئايلانغان.

1964 - يىلى مىسىر خەلقى نىل دەرياسىدىكى ئاسۋان سۇ توسمىسى ۋە ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ پۈتكەنلىكىنى داغدۇغىلىق خاتىرىلىگەن. ناسىر بىلەن خروششىيوف نەخ مەيدانغا كېلىپ، لېنتا كەسكەن.

1965 - يىلى خىتاي 2 - ئاتوم بومبىسىنى لوپنۇردا سىناق قىلىپ پارتلاتقان. « نەتىجىدە سېۋىن ھېدىن ئەسەرلىرىدە تەرىپلىگەن كۆچمە كۆل - لوپنۇر كۆلى سىرلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان.

1969 - يىلى كانادادا تۇغماس قىلىۋېتىش ۋە ھامىلىدارلىقتىن چەكلەشنى قانۇنلاشتۇرغان.

1975 - يىلى ئامېرىكا نىفادادىكى ئاتوم تەجرىبە ئورنىدا يادرو سىنىقى قىلغان.

1988 - يىلى ئىران ۋە ئىراق ئارىسىدىكى دېڭىز ئۇرۇشىدا تۆت چوڭ نېفىت پاراخوتى كاردىن چىقىپ، يېرىم مىليون توننىغا يېقىن نېفىت ئېقىپ كەتكەن.

1999 - يىلى مۇپتى ئىبنى باز ۋاپات بولغان.

2000 - يىلى ياپونىيە باش ۋەزىرى كيوزۇ ئوبوچى ۋاپات بولغان.

2017 - يىلى ترامپ ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنى ئېرۇسالىمغا يۆتكىگەن.

2018 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئەلچىخانىسىنى قۇددۇسقا يۆتكىگەنلىكىگە قارشى نامايىش قىلغان ئامما بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى توقۇنۇشۇپ، 61 كىشى قازا قىلىپ، 2700 دىن كۆپرەك كىشى يارىلانغان.


2019 - يىلى 5 - 14 - ماي  سەيشەنبە