2019/09/20 23:55

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


«سىڭگەن نان» نى يېيىش

يوللىغۇچى: nurmuhammed, 2019/05/17 22:46

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

nurmuhammed

2019/05/17 22:46 2019/05/17 23:21 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: nurmuhammed
«سىڭگەن نان»نى يېيىش

                شۈكرى

مەن دادامنى قاتتىق سۆيىمەن ،
ھەر ئىشىغا ھەۋەس قىلاتتىم .
قىلغان پىلان، ئالغان قارارغا ،
ھەيران قېلىپ ،دوراپ قىلاتتىم .

ئىسىق -سوغۇق ھەممىنى كۆرگەن ،
يىتىملىكتە چوڭ بولغان دادام .
بارلىق مىھىر مۇھەببىتىنى ،
پەرزەنت ئۈچۈن ئاتىغان دادام .

دادا بولۇپ بىلدىم قەدرىڭنى ،
پۈتمەس ھەققىڭ قالدى بوينۇمدا  .
جەينامازدىن تاپتىم تەسەللى ،
دۇئا قىلىپ ،سىنىڭ ئورنىڭدا .

لىكىن دادا دىيەلمىگەن ھېچ ،
سېلىپ يۈرگەن ئىچىمگە دائىم .
«تەربىيە»دە قىلغان گېپىڭنى ،
سىغدۇرمىغان مىنىڭ يۈرەكىم .

 دەيتتىڭ بىزگە «تەربىيە »قىلىپ ،
سىڭگەن ناننى يىگىلۈك بالام !
«تەربىيە» دىن ئىچىم پۇشسىمۇ ،
دەيتتىم دائىم سۈكۈتتە تامام .

سىڭگەن ناننى يىدى بىر ئۆمۈر ،
«پىپەن »[1]بىلەن ئۆلگۈچە بوۋام .
سەنمۇ ئۆتتۈڭ «مىراس نان »نى يەپ
قاچانغىچە قىلىمىز داۋام ؟

سوراي دەيتتىم ،سورالمىغان ھېچ ،
ئاشۇ ناندىن مەن يىگەن تۇرسام .
قانداق جۈرئەت بولسۇن مىنىڭدە ،
يانمايدىكەن سىڭگەننى قۇسسام .

«سىڭگەن نان»نى يىگىلى قويماي ،
سىنى بىزنى ئايرىدى زالىم .
سىنى ئويلاپ كېچە ھەم كۈندۈز ،
يۈرۈكىمگە سىغمىدى زارىم .

«سىڭگەن نان»نى يىمەيمەن ئەمدى ،
بالامدىنمۇ تۇرسۇن يىراقتا .
«سىڭگەن نان»غا كۆنگەن قەۋىملەر ،
ۋەتىندىن قالدى ئۇزاقتا .

«سىڭگەن نان» نى يىيىش دىگەن گەپ ،
چەتئەلدىمۇ باركەن يەتكۈچە .
قانغا ئۆتكەن ئوخشايدۇ بەلكىم ،
گالدىن ئۆتكەن يەرگە كەتكۈچە ...

«سىڭگەن نان» غا كۆنمەيلى دوستلار !
«سىڭگەن نان»نى يىگىلى قويماس !
زالىم دىگەن شەيتانغا دوست يار ،
شەيتان كۆڭۈل دۇنياغا تويماس !



[1]پىپەن :تەنقىد قىلىش بولۇپ ئاتالمىش مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا كىشلەرنى جامائەت سورۇندا سازايى قىلىش .

           2019/5/17