2019/06/25 12:42

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


سۈرىيە مۇھاسردىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلىرىنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟

يوللىغۇچى: Iuighur, 2019/03/06 11:04

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

Iuighur

بۇنىڭدىن دەل بىر ئاي بۇرۇن،يەنى 2019-يىلى 8-فىۋرال كۈنى ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى سۈرىيەدە قاپسلىپ قالغان تەخمىنەن 2000ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئايال -بالىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە خەۋەر ئ‍شلەپ تارقاتقان ئىدۇق،ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى،بۇ خەۋەر بەش مىڭ قتىمدىن ئارتۇق ئوقۇلغان بولسمۇ،رابىيە قادىر خانىمدىن باشقا بىرەر تەشكىلات ياكى رەھبەرنىڭ بىزدىن بۇ ھەقتە ئۇچۇر سورىغانلىقىنى بىلمەيمىز.(توردا بۇ ھەقتە رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇراجىئەت چىقارغانلىقىنى كۆردۇق )ھىچكىم مەسلىنىڭ تىگى-تەكتىنى سۇرۇشتۇرۇش،ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلىش،تەكشۇرۇش،قۇتقۇزۇش ئۇچۇن چارە ئىزدەش ئۇچۇن ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقىدىن سۇرۇشتە قىلىپ باقمىدى،بۇ يەردە دىيلىۋاتقان سان 2000ئۇيغۇر ئايال ۋە بالىنىڭ گېپى ئىدى، ئىنتايىن ئاجىز ئايال ۋە بالىلارنىڭ گېپى ئىدى.
ئ‍سلام ۋە مۇسۇلمانلىق ئۇچۇن جان پىدا قىلىدىغانلار ئۇچۇنمۇ پىداكارلىق بىلەن ئىزدىنىدىغان بىر پەيت ئىدى،مىللەت ئۇچۇن جان كۆيدۇرىمىز دىگەنلەر ئۇچۇنمۇ جان كۆيدۇرىدىغان بىر چاغ ئىدى،ئەمما ياكى بىر تەشكىلات ياكى مۇجاھىت ياكى ئ‍سلام تەشۋىقاتچىلىرى ياكى مىللەتچى قىرىنداشلىرىمىزدىن سادا كەلمىدى.مانا بۇگۇن ۋاتىس ئاپ توپلىرىدا بۇ ھەقتە سادا قايتا قوزغالدى،قاپسلىپ قالغان ئانىلار مۇراجىئەت قىلشنى باشلىدى،ھاۋا سوغۇق،يىمەكلىك كەمچىل،ئ‍ەتراپ دۇشمەنلەر بىلەن قورشالغان.
ئۇلار ئىگە-چاقىسز قالدى،ئۇلارنى شۇ يەرگە باشلاپ بارغان مەردانە يىگىتلەر ياتلارنىڭ تۇپراقلىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلدى ،ئپپىتى ،ھاياتى ئۆزىگە ئامانەت قىلىنغان ئاياللار ۋە بالىلارغا ئىگە بولالمىدى.
بىز ئۇيغۇر ئاگىېنىتلىقى نامىدىن كۆپلىگەن ئورۇنلارغا خەت يازدۇق،سۆزلەشتۇق،ئورتاق جاۋاپ ئۇچ خىل بولدى : بىرى :ئۇلارغا يېقىن كەلگىلى بولمايدۇ،ئۇلار قورقۇنچلۇق ۋە خەتەرلىك ئ‍نسانلار،ئۇلارنىڭ كاللىسى ئوخشمايدۇ،ئۇلار بىگۇناھ ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشتىن يانمايدىغان كاللا كېسەرلەر ،ئۇلارنىڭ گىپىنى قىلشمۇ خەتەرلىك .ئۇلار ختتاينىڭ شىرىكلىرى،ئۇلار مۇسۇلمان ياكى ئۇيغۇر ئەمەس،دەل شۇلار ختتايغا ھەمكارلىشپ،سۇرىيەدە ئۇرۇش قىلغانلىقى ئۇچۇن يالغاندىن نىقاپ ئورۇپ «ختتاينىڭ كۇلىنى كۆككە سورۇيمىز،ختتاي مىللىتىنى ئۆلتۇرىمىز دەپ جار سالغانلىقى» ئۇچۇن،قاپقارا كىيملەرنى كىيپ،ئۆزىنى رادىكال ،قورقۇنچلۇق ئ‍نسانلارغا ئوخشاتلىقى ئۇچۇن ۋەتەندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كۇنى مۇشۇ كۇنگە قالدى.دىدى.
يەنە بىر بەزىلەر:ئ‍ۇلارنى قۇتقۇزۇش قولىمىزدىن كەلمەيدۇ،ئۇلار تۇرىۋاتقان يەر -شارائىت ،سياسى مۇھىت،ئۇرۇش-قالايمىقانچىلىقىدا ئۇلار بار يەرگە بىرىش قەتئى مۇمكىن ئەمەس،بارغاندىمۇ تىچ بىخەتەر قايتقىلى بولمايدۇ،ئۇلارنى باشقۇرۋاتقان يەرنىڭ ئەمەلدارلىرى بىلەن قايسى دۆلەت يېقىن بۇنى بىلمەيمىز،بىلسەكمۇ كىم ئۇلار ئۇچۇن سۆزلەيدۇ ؟ ئۇلارنىڭ ئوبرازى ياخشى ئەمەس،دىگەنلەر بولدى.
يەنە بەزىلەر بولسا،ئۇلار ئ‍ەينى چاغدا ھىچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمىغان نوچى خوتۇنلار،نورمال ئاياللارنى كۆزگە ئىلماي كاپىر دەيدىغان ھاكاۋۇر ياكى رادىكال خوتۇنلار،ئۇلارنىڭ قەھرىمان ئەرلىرى قىنى ؟ ئۇلارنى ئالدىغان،خورلىغان ئەبلەغ ئەرلىرى قىنى ؟ شۇلار مەسئۇل بولسۇن.ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ كەلسەڭمۇ بېشڭغا بالا بولىدۇ ھامىنى ،ئۆگەنگەن رادىكال ۋە قورقۇنچلۇق ئادەتلىرى بىلەن نورمال ئ‍نسانلارنى ئۇيغۇرلاردىن تەزدۇرىدۇ .ئۇلاردىن نېرى تۇرۇڭلار.
مۆھتىرەم قىرىنداشلار،ئۇلارنى ھەر خىل ئەيىپلەش مۇمكىن،ئەمما ئۇلار ئ‍نسانلاردۇر،ئۇلار بىزگە ئوخشاش ئۇيغۇرلاردۇر.قىين ئەھۋالدا،ئۇلار بىزنىڭ قىرىنداشلىرىمىز،ئۇلار بىزنىڭ تۇققانلىرىمىز،ئۇلارنىڭ ئارسىدا ياخشى نىيەتلىك كشلەر كۆپ،ئاياللار ۋە بالىلاردا گۇناھ يوق،ئۇلار ئازدۇرۇلغان بولۇشى مۇمكىن،ئالدانغان بولۇشى مۇمكىن،مەجبۇرلانغان بولۇشى مۇمكىن،ئاقىۋەتنى بىلسە شەيتاننىڭ كەينىگە كىرمەسلىكى مۇمكىن ئىدى.ئۇلار ۋەتەندە قالغان مىڭلىغان ئانىلار،بالىلارغا ئوخشاش زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى.ئۇلار ئاياللار ۋە بالىلار،ئۇلار قورال تۇتقان ،ئادەم ئۆلتۇرگەنلەرئەمەس.
ئۇلار قۇتقۇزۇشقا ئ‍ېرىشسە توغرا يول ئارقىلىق ئۆز بەختىنى تاپسا،بالىلىرىنى ياخشى ئوقۇتسا مىللىتىمىز خاتىرجەم ياشسا بىزگە نەرى يامان،ئۇلار شۇنچە قورقۇنۇشلۇق سەرگۇزەشتىلىرىدىن كىين مىللەت ئۇچۇن پايدىلىق بىر يېڭى ئەۋلات تەربىيلىشى ،بولۇپ چىقىشى مۇمكىن،ئۆز بشىدىن ئۆتكەن زۇلۇم ئارقىلىق مىللەتنىڭ 21-ئەسردە دۇچ كەلگەن تىراگىدىيەسنى ئاڭلىتىشى مۇمكىن.
بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدۇ،ئۇلار بىلەن ئالاقىلشايلى،ئۇلار قانداق قىلغاندا بىخەتەر يەرگە بارالايدۇ،ئۇلارغا نىمە لازىم سۇرۇشتۇرەيلى،تۇركىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ئالاقە ئورنتايلى،قايسى بىر ھۆكۈمەت ئۇلارنى قۇتقۇزۇپ چىقالسا بىز شۇلارغا ئەھۋالنى چۇشەندۇرەيلى.







Tahir Imin