2019/09/20 23:56

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


كېلەچەك نەسلىمىز ئۈچۈن بارلىقىمىزنى بېغىشلايلى!

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 01:22

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« قۇرۇپ كېتەمدۇق ياكى تۇرۇپ كېتەمدۇق؟ »:

جەننەت كەبى ۋەتەننى مەينەت قاۋان توڭگۇزلارغا تاشلاپ بەردۇق! 1757 - يىلى ئەسلىدە ئۇرۇش قىلىشقا كەلگەن مانجۇلارنىڭ بۇ گۈزەل جايدىن ئايرىلغۇسى كەلمىدى.پاجىئە ئەنە شۇ كۈنلەردىن باشلانغانىدى. تولىمۇ ئەپسۇس، ئەزىز مىللىتىمىز رەھىمسىز دۈشمەنلىرى ئالدىدا چارىسىز قېلىپ،
1759 - 1769 - يىللىرى، 1818 - 1878 - يىللىرى، يالغۇز ئىلىدىلا 1881 - 1884 - يىللار + 1939 - 1949 - يىللار + 1962 - 1964 - يىللار + ئاخىرىدا 1997 - 1999 - يىللار ۋەتىنىنى تاشلاپ چەتئەللەرگە قېچىشقا مەجبۇر بولدى.
نەتىجىدە « ئۆز يۇرتىدا تۇتقۇن، چەتئەلدە قاچقۇن» بولۇپ ياشايدىغان كۈنگە چۈشۈپ قالدۇق. ۋەتەن + مىللەت ۋە دۆلەت ئېڭى شەكىللەنمەي تۇرۇپ، ھازىرقى مۇھاجىرەتتىكى ياستۇقنى قىرلاپ يېتىپ، ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا سىڭىپ كېتىش يولىنى تاللاپ بولغانلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ ! بۇلارنى ئورنىدىن تۇرغۇزۇپ بولغۇچە مىللىتىمىز تارىختىن، خەرىتىدىن، يەر شارىدىن، ئىسلام دۇنياسىدىن غايىپ بولىدۇ! شۇڭا « زاۋۇتتىن ئۆلچەمسىز چىقىپ بولغان، زادىلا ئۈمۈد بولمىغان كىشىلەرگە ئىسراپ قىلغان قىممەتلىك ۋاختىمىز ۋە زېھنىمىزنى تېخى زاۋۇتتىن چىقمىغان بىر ئەۋلاد بالىلارغا پۈتۈنلەي ئاتايلى ! يا ئۆلۈم يا كۆرۈمدىن ئىبارەت قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان غايەت زور قىماردا ئۇلار ئەڭ ئاخىرقى دەسمايىمىزدۇر ! يا شۇلار بىلەن مىللەت قايتا باش كۆتۈرىدۇ . دۆلىتىمىز بار بولىدۇ . ۋەتىنىمىز قاۋان توڭگۇزلار ۋە قاغا - قۇزغۇنلاردىن تازىلىنىدۇ! ياكى ھەممىمىز رىقابەتلىك دۇنيادىن شاللاپ تاشلىنىپ، ئۈن - تىنسىز غايىپ بولىمىز . تۇپراق بېشىمىزنى يوقلىغىدەكمۇ، بىزنى ئەسلەپ قويغىدەكمۇ ھېچبىر ئادەم چىقمايدۇ ! چۈنكى نە ئۆزىگە نە ئۆزگىگە مەنپەئەتى يەتمىگەنلەرنى كىممۇ ئەسلەپ قويسۇن !  مەۋجۇتلۇق كىرىزىسى ھېس قىلمىغانلار ئوبدان ئويلىنايلى !

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 9 - ئاپرىل سەيشەنبە