2019/09/20 23:55

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت، ئارمىيە ۋە دىنىي بايرىقى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/16 02:09

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

« شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى / 1944 - 1949 / نىڭ دۆلەت، ئارمىيە ۋە دىنىي بايرىقى توغرىسىدا قىسقىچە مەلۇمات » :

مىلادى 1944 - يىلدىكى قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە 12-نويابىر كۈنى ئەلىخان تۆرە باشچىلىقىدىكى ئازادلىق تەشكىلاتى غۇلجا شەھىرىدىكى «ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز كۇلۇبى» دا يىغىن چاقىرىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىدى ۋە ھۆكۈمەت رەئىسى، مۇئاۋىن رەئىس ھەم ھۆكۈمەت ھەيئەت ئەزالىرىنى سايلاپ چىقتى. مانا شۇ كۈنى تۇنجى قېتىم ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل رەڭلىك بايراقنى دۆلەت بايرىقى سۈپىتىدە چىقىرىلغان بولۇپ، بايراقنىڭ شەكلى 1933-يىلىدىكىگە ئوخشاش بولسىمۇ، ئەمما رەڭگى يېشىل بولغان ئىدى

تارىخچى ۋە يازغۇچى باتۇر ئەرشىدىنوف ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئىلگىرى رادىئومىزغا سۆزلىگەن مىللىي ئىنقىلاب دەۋرى ئەسلىمىلىرىدە مەخسۇس بايراق ھەققىدە توختىلىپ، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ دىنى ۋە دۆلەت بايرىقىدىن ئىبارەت ئىككى خىل بايرىقى ۋە ئارمىيەنىڭ ھەربىي بايرىقى بولغانلىقىنى، ئىسلام دىنى بايرىقىنىڭ ئاق رەڭلىك ۋە ئۇنىڭدا سېرىق ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەنلىكى، دۆلەت بايرىقىنىڭ يېشىل بولۇپ، ئوخشاشلا ئاي يۇلتۇز چۈشۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

1945-يىلى 8-ئاپىرىلدا مىللىي ئارمىيەنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىغى جاكالاندى. مىللىي ئارمىيەنىڭ بايرىقىغا ,,شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىغى ئۈچۈن ئالغا !" دەپ يېزىلغان ئىدى. مىللىي ئارمىيە پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن 3 يۆنۇلۇش بويىچە ھەربى يۇرۇش ئىلىپ باردى

تارىخى ھۆججەتلەرگە ئاساسلانغاندا، 1944-يىلى، 12-نويابىر كۈنى قوبۇل قىلىنغان ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى 1946-يىلى، 7-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، گومىنداڭ دائىرىلىرى تەرىپىدىن بىكار قىلىش ۋە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدە گومىنداڭنىڭ دۆلەت بايرىقىنى ئېسىش تەلەپ قىلىنغان. جاڭداجۈننىڭ «شىنجاڭدىكى 70 يىللىق بوران-چاپقۇن» ماۋزۇلۇق كىتابىدا قەيت قىلىنىشىچە، ھەتتا بىرلەشمە ھۆكۈمەت رەئىسى جاڭ جىجوڭ 1946-يىلى، 8-ئايدا غۇلجىغا زىيارەتكە بارغاندا، ئۆزى بىلەن بىرگە كۆپ ساندا خىتاي گومىنداڭ بايرىقىنى غۇلجىغا ئېلىپ بېرىپ تارقاتقان. بىراق، ئىلى تەرەپ بۇنى ھەممە يەرگە ئېسىشنى بەجا كەلتۈرمىگەن شۇنىڭدەك بايراقلار داۋاملىق ئېسىلىۋەرگەن.

ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭ 1944-يىلى 12-نويابىردا بېكىتىلگەن ش ت ج نىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق يېشىل دۆلەت بايرىقى تاكى 1949-يىلى 10-ئايغىچە داۋاملىق ئېسىلغان(15) ھەمدە مىللىي ئارمىيە بايرىقىدىكى " شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئالغا " دېگەن خەتلەر داۋاملىق ساقلىنىپ قالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە ئۈچ ۋىلايەت تەۋەسىدىكى گېزىت -ژۇرناللاردا "شەرقىي تۈركىستان ئاتالغۇسى، مىللىي ئازادلىق ۋە مىللىي مۇستەقىللىق، مىللىي ئەركىنلىك، " چۈشەنچىلىرىنىڭ كەڭ ئورۇن ئالغان ئىدى

ھۆكۈمىتى تاكى 1949-يىلى، 10-ئايغىچە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ، ئاۋسترالىيىلىك خەنزۇ تارىخشۇناسى دەيۋىد ۋاڭنىڭ يەكۈنى بويىچە ئالغاندا ئۇچ ۋىلايەت نامدا جۇڭگوغا تەۋە دەپ قارالسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە مۇستەقىل سالاھىيىتى بار، ئۆزىنىڭ ئايرىم ھۆكۈمىتى، ئايرىم بايرىقى، ھەربىي قوشۇنى ھەم ئىقتىسادىي سىستېمىسىغا ئىگە "دۆلەت ئىچىدىكى دۆلەت ئىدى" (21). بۇ ھۆكۈمەتنىڭ 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن يېشىل بايرىقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېسىشى، ئۇنىڭ ئۆز ۋەزىپىسىگە خاتىمە بەرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

گەرچە، 1944-يىلىدىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ئاساسلىقى ئۈچ ۋىلايەتتە غەلىبە قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا مەزكۇر ئىنقىلابنىڭ تەسىرى ئاستىدا ئىلگىرى كېيىن قەشقەر، ئاقسۇ، كورلا، تۇرپان ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىرى دائىرىسىدىمۇ ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا قارشىلىق ھەرىكەتلىرى داۋاملاشتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، مەزكۇر بەش يىل ئىچىدىكى ئىنقىلاب پەقەتلا ئازغىنا ئۈچ ۋىلايەتتىكى ئىنقىلابىي ھەرىكەت بولماستىن، بەلكى پۈتۈن ئۇيغۇر دىيارى بويىچە ئېلىپ بېرىلغان ئىنقىلابىي ھەرىكەت ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەيلى ئەلىخان تۆرە دەۋرىدە بولسۇن ۋە ياكى كېيىنكى ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ رەھبەرلىك مەزگىلى بولسۇن ئازاد بولغان ئۈچ ۋىلايەتتىكى خەلق ھېچ قاچان ئۆزلىرىنىڭ مەزكۇر ئىنقىلابىنى " ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى" دەپ ئاتىمىغان، بەلكى مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابى ۋە ياكى مىللىي ئىنقىلاب، نويابىر ئىنقىلابى دېگەندەك ناملار بىلەن ئاتىغان بولۇپ، ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى ئاتالغۇسى 1949-يىلىدىنن كېيىن قويۇلغان نامدۇر. ئىنقىلابنىڭ مەقسىتى مەسىلىسىگە كەلسەك، گەرچە ئەينى ۋاقىتتا ئىنقىلابقا ياردەم بەرگەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمىتىنىڭ مەزكۇر مىللىي ئازادلىق ھەرىكىتى ۋە مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىدىن كۆزلىگەن مەقسىتى باشقىچە بولسىمۇ، بىراق ئىنقىلاب قىلغۇچى ۋە ئىنقىلابنىڭ ئىگىسى ھېسابلانغان خەلقنىڭ ئۈمىدى، نىشانى موسكۋانىڭ مەقسىتىدىن پەرقلىق ئىدى خالاس!

1949 - يىلى ئاۋغۇستتا ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق جۇمھۇرىيەت رەھبەرلىرى سۇيقەست بىلەن « ئاتالمىش ئايروپىلان ۋەقەسى» باھانىسىدە يوق قىلىنغاندىن كېيىنكى ئىككى ئايدا نۇرغۇن سىرلىق ۋە غەلىتە ئىشلار بولدى. ئاقىۋەت ،ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، 10-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى 125-نومۇرلۇق بۇيرۇق ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن، ئىلى ۋالىي مەھكىمىسىگە تەۋە بارلىق ئورگان، ناھىيە ۋە تەشكىلاتلارنىڭ خىتاينىڭ بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايرىقىنى ئېسىشنى ئېلان قىلغان. شۇنىڭدىن كېيىن خىتاي ھاكىمىيىتى ئاي يۇلتۇزلۇق بايراقنى چەكلىگەن.

1949-يىلى، 7-ئۆكتەبىر كۈنى ئۈچ ۋىلايەت ھۆكۈمىتى دېڭ لىچۈن ** بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، "شەرقىي تۈركىستان"نىڭ يېشىل بايرىقىنى ئاسماي، جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت بايرىقى بىلەن ئاق رەڭلىك ئىسلام بايرىقىنى ئېسىش، دىنى بايراقنى پەقەت دىنىي تەشكىلاتلار ئېسىش تەكلىپىنى بەرگەن ھەمدە 17-ئۆكتەبىر كۈنىدىن ئېتىبارەن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى بارلىق ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېشىل ئاي يۇلتۇزلۇق بايرىقىنى ئېسىشنى توختىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭخۇئا خەلق جۇمھۇرىيىتى دۆلەت بايرىقىنى ئېسىشتىن ئىبارەت 125-نومۇرلۇق بۇيرۇقىنى ئېلان قىلغان. دېمەك، ئەلىخان تۆرە قاتارلىقلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان مەزكۇر بايراق پەقەت13 كۈن كەم بەش يىل ئېسىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن ئىدى. بۇ ھەقتە "شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابى چوڭ ئىشلار خاتىرىسى" گە قاراڭ. شۇ كىتاب، 443- ۋە 447-بەتلەر.
16. شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورگان گېزىتى باشتا "ئازاد شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئاتالغان بولسا، مەزكۇر گېزىت 1946-يىلى 7-ئايدىن كېيىن " ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان" دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ياشلار تەشكىلاتىمۇ شۇ نامنى تاكى 1948-يىلى، 8-ئايدا "شىنجاڭدا تىنچلىقنى ۋە دېموكراتىيىنى قوغداش ئىتتىپاقى " قۇرۇلغانغا قەدەر ئىشلەتكەن. "ئىنقىلابىي شەرقىي تۈركىستان گېزىتى" دە مۇنداق ئاتالغۇلار ماقالە-مۇلاھىزىلەر ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەردە كۆپ ئىشلىتىلگەن.

** دېڭ لېچۈن 1949 - يىلى 14 - ئاۋغۇست،
يەنى 1945 - يىلى 14 - ئاۋغۇست « سوۋېت - خىتاي دوستلۇق ئەھدىنامىسى» تۈزۈلگەن 4 يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئۈلگۈرۈپ ئالمۇتادىن غۇلجا شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن.

قوشۇمچە: « شىنجاڭ ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىغا دائىر چوڭ ئىشلار يىلنامىسىدىن قىسمەن ئۈزۈندىلەر»:

1949 - يىلى 11- ئىيۇل سىتالىن ئامېرىكىنىڭ كەڭسۇدىكى بەش ما تۇڭگاننى ئۇيغۇرىستانغا چېكىندۈرۈپ، مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتى قۇرۇش پىلانىدىن خەۋەر تېپىپ، شۇ كۈنىلا ئىيۇندىن بېرى زىيارەتتە بولۇۋاتقان ليۇشاۋچىغا تېز ئىشغال قىلىش تەكلىپى بەردى. ئاۋغۇستتا ليۇشاۋچى يەنئەنگە، دېڭ لىچۈن موسكۋادىن غۇلجىغا يېتىپ كەلدى.17 - ئاۋغۇست رەھبەرلەر بىلەن سۆھبەتلەشكەن.
19 - ئاۋغۇست ماۋزېدۇڭ مەكتۇپ ئەۋەتكەن.
22 - ئاۋغۇست ئەخمەتجان قاسىمى جاۋاپ مەكتۇپ يازغان. 24 - ئاۋغۇست ئالمۇتاغا كەلگەن. 27 - ئاۋغۇست سۇيقەست قىلىنغان.
26 - سېنتەبىر ئاتالمىش گومىنداڭ تەسلىم بولغان. سەيپىدىن ئەزىزى ماۋغا تون كىيگۈزگەن. ۋاڭ جېن ئۈچ مىڭ چىغلىق ئەسكەر بىلەن ئۈرۈمچىگە كىرگەن. ماناستىكى مىللىي ئارمىيە پەقەت 25 - دېكابىر ئاندىن ئۈرۈمچىگە كىرگەن. 1950 - يىلى 20 - يانۋار موسكۋادا سۆھبەت باشلىنىپ، 14 - فېۋرال ئاخىرقى تەقدىرىمىز پىچىلغان.

ھەر خىل ئىشەنچىلىك مەنبەلەردىن پەقەت بايراق توغرىلىق مەزمۇنلارنىلا ئايرىۋېلىپ بۇ يەرگە توپلاپ قويدۇم!
پايدىلىنىپ قالغايسىلەر !

** سۈرەتتە جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە دىنىي بايرىقى ساقلىنىپ قالغان تەۋەررۈك سۈرەت، ئالدىنقى رەتتىكى شەخسلەر دۆلەت رەھبەرلىرى ۋە جامائەت ئەرباپلىرى، كەينىدىكى كىشىلەر مىللىي ئازاتلىق جەڭچىلىرى.

1944 - يىلى 12 - نويابىر  غۇلجا

سايرام ئوغلانى

2019 - يىلى 4 - 8 - ئاپرىل  دۈشەنبە

Tahir Imin

ياخشى يېزىلىپتۇ،تارىخى ماتېرياللار خىلى ئەتراپلىق توپلىنىپتۇ.