2020/06/01 22:07

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


خالمۇرات خارىي قىرىندىشىمىزنى قانداق قوللايمىز؟

يوللىغۇچى: ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى, 2019/04/22 10:26

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019/04/22 10:26 2019/04/22 11:00 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: ئەردەم
خالمۇرات خارىي قىرىندىشىمىزنى قانداق قوللايمىز؟

چۈجە ئۆردەكنى دورايمەن دەپ ئالچاڭ بولۇپ قاپتۇ.
----ئۇيغۇر خەلىق ماقال تەمسىلى 

كۆلتېگىن

بۈگۈن ئەتىگەن  خالمۇراتنىڭ چىقارغان ۋىدىئوسىنى كۆردۈم. ۋىدىئودا مۇنداق بىر نەچچە موھىم نوقتا بار. بىرىنچى ، زۈمرەت تۇرسۇن ۋە ئابدۇراخمان ھەسەن قاتارلىقلارنىڭ ئۆسەك سۆز تېپىپ تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىشى، ئىككىنچى ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قوللايمىز ، بارىكاللاھ، بىز ئارقىڭىزدا دەپ قويۇپ ۋاقتى كەلگەندە قوللىماي جىم تۇرۋېلىشى، ئۈچىنچىسى ، ئۆزىنىڭ بەك ھېرىپ ۋە ئۈمۈتسىزلىشىپ كەتكىنى ۋە پائالىيتىنى توختىتىشنى  ئويلىشىشى.

گەپنى قوللاشتىن باشلايلى. قوللاش دېگەن نېمە؟ فېيسبۇكقا چىقىپ يۈرەك بېرىپ قويۇش، ئىنكاس يېزىپ چاۋاك چېلىپ قويۇشمۇ؟ قوللاش موشۇنداق ئاسان ئىشمۇ؟
قوللاش دېگەن ئىمكانىيتى يار بەرگەن دائىرىدە ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن بىر سەپتە تۇرۇشتۇر. بۇ يەردە ئەسلى قانداقتۇر ئۇنداق ياكى مۇنداق سەپ يوق ئىدى، تولىمۇ ئەپسۇس ، كاللىسى ئىشلىمەيدىغان ، ھەسەتخور ياكى كومىنستىك پارتىيەگە خىزمەت قىلدىغان ئىنترنىت ئاپشاركىلىرى  ھەممىنى غاجىلاپ خەقنىڭ كاللىسىنى قايمۇقتۇرماقتا ۋە بۇنىڭ بىلەن سەپلەر شەكىللەنمەكتە. تۈنۈگۈن فەيسبۇكتا ب ب س مۇخبىرلىرىغا گۇۋاھلىق بەرگەن كىشىلەرگە تەرجىمانلىق قىلغان بالىنىڭ ئاغزىدىن چىققان Freedom  دېگەن گەپنى مۇستەقىللىق ئەمەس دەپ سەت گەپلەر بىلەن تىللىشىپ كىتپتۇ. Independent  دېگەن گەپ بىلەن ئىككىسىنىڭ مەنىسىنىڭ يىلتىزلىرىغىچە قېزىپ چىقىرىپ قانداقتۇر "بۇ بالا مۇستەقىللىق دېگەن گەپنى تەرجىمە قىلغۇسى كەلمەپتۇ " دېگەن گەپلەرنى قىلشىپتۇ. مەنچە شۇ گەپنى قىلغانلار يا قارا قوساق ياكى جاسۇس.   ئادەتتە مۇنداق تالاش تارتىشلار بەكمۇ نۇمۇس قىلارلىق . ئۇيغۇرچە بىلدىغان بىر چەتئەللىك كۆرسە لەنەت ئوقۇۋىتىشى مۇمكىن . ئەپسۇس خەلقىمىز تولىمۇ جاھىل ئىكەن. شۇڭا قوللاشنىڭمۇ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي كىلۋاتىدۇ، مەسئولىيتىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنىمۇ بىلشكە قادىر بولالمايۋاتىدۇ. نەتىجىدە بىر ئىش باشلىغان كىشى دائىم يالغۇز قېلۋاتىدۇ. ئاكتىپ پائالىيەتچى ياكى مىللەت ئۈچۈن بىر ئىش قىلاي دېگەنلەرنىڭ ھەممىسى يالغۇز قېلىغلىق ئىكەن. قولىدا قەلەم تۇردىغان زىيالى ۋە موللىلارمۇ يىتەرلىك قوللاشنى كۆرسەتمەيۋاتىدۇ. سەۋەب يا ھۇرۇن يا ئاڭسىز ۋە ياكى تەرەپباز.گەپنىڭ توغرا -خاتالىقىغا ئەمەس گەپنى قىلغان ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىگە قاراپ ئىش تۇتۇشنى خاراكتىرىگە سىڭدۈرۋالغان بىر مۇنچە چوڭ -كىچىك، توڭ -پىشىق ، داڭلىق -داڭسىز كىشىلىرىمىز ھەقىقەتنى شەخسىي ھىس تۇيغۇسى بىلەن يېپىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتمەكتە.  ھىچكىمنىڭ ئاچچىقى كەلمىسۇن ، ھەقىقەت موشۇنداق بولىۋاتىدۇ.

ئىككىنچى ، زۇمرەت تۇرسۇن ۋە ئابدۇراخمان ھەسەن. بۇ ئىككەيلەنگە توۋا دېمىسەك بىكار. يۇنۇس ئەمرەنىڭ Okuyup bilmeyip yazan, odur dünyayı bozan دەيدىغان بىر گىپى بار. بىلمەي سۆزلىگەن نادان ئەڭ خەتەرلىكتۇر، ئۇيغۇرلارمۇ بۇلاردىن  ھۇشيار بولۇڭلار، موزدوز لەغمەنچى بولىۋالسا ئاشخانسىغا ئادەم كىرمەيدۇ. كىرگەن ئادەمگە چۆپكە ياماق سېلىپ بېرىشى ياكى پايپاقنى قاينىتىپ ئەپچىقىپ بىرىشى مۇمكىن. بۇلبۇل بار يەردە قارغىغا نىمە سايراش دەپ ، بىر مۇنچە ئوقۇغان زىيالىي ۋە دىنىي زاتلار تۇرغان يەردە بۇ ئىككەيلەنگە كىم  ئىدولوگىيە ۋە سىياسەت توغرۇلۇق گەپ قىلشنى قويۇپتۇ. نىمانداق ئۆزىنى بىلمەيدىغان كىشىلەر بۇ، خەقنىڭ ئۆزىدىن سەسكىندىغان دەرىجىگە بېرىپ يەتكىنىدىن خەۋرى يوقمۇ؟ سوراپ باقساق ، سىلەرنىڭ دىپلوماڭلار قايسى ساھەدە؟ سىلەر بۇرۇن نىمە كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان؟ گەپ دېگەننى تورنى ئېچىپ قويۇپ قىلسىلا بولامدۇ؟ سىلەردىكى كاللىغا  بەك ھەيران قالىماي تۇرغىلى بومايدۇ. بىزدە " چۈجە ئۆردەكنى سورايمەن دەپ چاترىقى يىرتىلىپ كىتپتۇ " دەيدىغان بىر گەپ بار. سىلەر سىياسەتچى بولىمەن دەپ چېتىڭلارنى يىرتىۋالغانلىقىڭلارنى بىلىمەيۋاتامسىلەر؟

ئابدۇراھمان ھەسەن ئەپەندى سىز پەقەت گۇۋاھلىق بىردىغان ئىشلارغا كىشىلەرنى دەۋەت قىلىڭ ، بىلمەيدىغان ئىشنى بىلمەن دەپ ئۆزىڭىزنى ۋە خەقنى ئالدىماڭ. ھىسيات ۋە ۋاقىت خىيانەتچىسى ئەڭ چوڭ خىيانەتچىدۇر. زۇمرەت تۇرسۇنغا دەيدىغان گەپ تاپماق ھەقىقەتەنمۇ ، داۋايىمىزغا ئەڭ چوڭ زىيان سېلۋاتقان كىشى دەل ئو. بۇ يازمىغا دەرھال بىر ۋىدىئو چىقىرىپ بىرمۇنچە گازىرچى خۇتۇنلارنىڭ سەۋىيەسىدىكى گەپلەرنى قىلدىغانلىقى ئېنىق گەپ . مىللەت پات ئارىدا كىمنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى تونۇيدۇ.

خالمۇرات قېرىندىشىم، مەيۈسلەنمەڭ ، ئىشىڭىزنى يەنى ئىشىمىزنى داۋاملاشتۇرىۋېرىڭ.  ياخشى ئۈرۈككە توقماق كۆپ تېگىدۇ، چىلبۆرىلەر توپنىڭ ئالدىدىكى سەركىگە باشتا ئېتلىدۇ، قەھرىماننىڭ ئالدىدا ئون قانجۇق ، ئارقىسىدا ئوتتۇز تۈلكە بولمىسا خەلق ئونىڭ قەھرىمان ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ، تۈز يولدا مېڭىش مۇسابقىسى ئۆتكۈزۈلمەيدۇ لىكىن تاغقا يامىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە يەڭگەن كىشىگە ئالتۇن مىدال بېرىلىدۇ.