2021/01/16 13:58

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 22 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 01:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 22 - ئاپرىل » :

571  - يىلى 22 - ئاپرىل دۈشەنبە ئاللاھ تائالانىڭ ئىنسانىيەتكە ئەۋەتكەن ئەڭ ئاخىرقى، شۇنداقلا ئىرق، دىن، تىل ۋە مىللەت ئايرىماي بارلىق ئىنسانىيەتكە يولباشچى داھىي قىلىپ ئەۋەتىلگەن بىردىنبىر پەيغەمبىرى ھەزرىتى مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم جاھالەت تۇمانلىرىدا تۇنجۇقۇپ قالغان مەككە شەھىرىدە دۇنياغا كۆز ئاچقان.

942 - يىلى ساتۇق بۇغراخان بالاساغۇننى ئۆزىگە قارشى چىققان ئىچكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋالغان. شۇنىڭ بىلەن قاراخانىيلار تەۋەسىدە بۇغراخانغا ۋە ئۇنىڭ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش سىياسىتىگە قارشى كۈچ قالمىغان.

943 - يىلى سۇلتان ساتۇق بۇغراخان سامانىلار قولىدىن قاراخانىلارنىڭ ئەسلىدىكى ئىككىنچى پايتەختى تالاسنى / ھازىرقى جامبۇل شەھىرى/ قايتۇرۋالغان. «  سامانىلار شاھى ئىسمائىل بۇ شەھەرگە 893 - يىلى 20 - ئاپرىل ھۇجۇم قىلىپ، بۇغراخاننىڭ تاغىسى ئوغۇلچاقتىن تارتىۋالغانىدى. ساق 50 يىل ئۆتۈپ، سۇتۇق بۇغراخان بۇ جاينى قايتىدىن قولىغا ئالدى. بۇ غەلىبە نەتىجىسىدە، داڭلىق تارىخشۇناس ئىبنى ئەسىر تەرىپىدىن « 943 - يىلىدا ھېچكىم ئۇرۇش قىلىشقا ۋە چىشىغا تېگىشكە پېتىنالمايدىغان تۈرك خاقانى » دەپ تەرىپلەندى».

1019 - يىلى يۈسۈپ خاس ھاجىپ بالاساغۇندا دۇنياغا كەلگەن.

1453 - يىلى سۇلتان مۇھەممەد فاتىھ باشچىلىق قىلغان ئوسمانلى ئارمىيىسى ھازىرقى ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ سېپىل سىرتىغا جايلاشقان ۋىزانتىيە مۇداپىئە خەندەكلىرى ۋە پوتەيلىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، سېپىلنىڭ ھەممە تەرىپىدىن شەھەرگە ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇم باشلىغان. « ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىش ئۇرۇشى ئاخىرقى قېتىم شۇ يىلى 6 - ئاپرىل باشلانغان بولۇپ، 29 - ماي يەكشەنبە سەھەر شەھەر ئاخىرى فەتھى بولغان. ئۇندىن بۇرۇن ھەر قايسى ئىسلام خەلىپىلىرى بۇ شەھەرنى فەتھى قىلىپ، پەيغەمبىرىمىزنىڭ بېشارىتىدىكى قەھرىمان بولۇش ئۈچۈن كۆپ تىرىشقان. ھەتتا ھەزرىتى مۇئاۋىيە ئۈچ قېتىم ئۇرۇنۇپ كۆرگەن.
ئاتىللا 453 - يىلى بۇ شەھەرنى قولغا ئېلىش ئالدىدا توي كېچىىس شەرقىي رىم مەلىكىسى قولىدا ئۆلگەن. ئاۋارلار 618 - يىلى قورشاپ ھۇجۇم قىلىپ مەغلۇپ بولغان. ئۇمەييەلەر 666 - يىلدىن 737 - يىلغىچە كۆپ قېتىم ئۇرۇنۇپ، مەغلۇپ بولغان. 777 - يىلدىن 888 - يىلغىچە ئابباسىيلارمۇ كۆپ ئۇرۇنۇپمۇ بۇ شەھەرنى ئالالمىغان. 1402 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى بويسۇندۇرغاندا، تارىخىي پۇرسەت كەلگەن. لېكىن قانخور نامى چىقىپ كەتكەن تۆمۈرلەڭگە بۇ پۇرسەت نېسىپ بولمىغان. ئوسمانلى پادىشاھى 2 - مۇراد 1424 - يىلدىن 1449 - يىلغىچە كۆپ ئۇرۇش قوزغاپ، شەھەرنى ئالاي دەپقالغان بولسىمۇ، بىراق بۇ شەرەپ ئوغلى مۇھەممەدكە نېسىپ بولغان».

1500 - يىلى پورتۇگالىيىلىك دېڭىزچى كابرال تاسادىپىي ھالدا بىرازىلىيەنى بايقاپ قالغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قىتئە تېز ۋاقىت ئىچىدىلا پورتۇگالىيىنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلىنىپ قالغان.« 1578 - يىلى ماراكەش خان ئارمىيىسى قۇدرەتلىك پورتۇگالىيە قوشۇنىنى شىمالىي ئافرىقىدا قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ، پۈتۈنلەي يوقاتقان. بۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقان ئىسپانىيە ئەسكىرى يوق پورتۇگالىيىگە ئۇرۇش قوزغاپ، بىر مەزگىل ئۇنى بېقىنىدى قىلىۋالغان. چەتئەلدىكى نۇرغۇن مۇستەملىكىسىنى تارتىۋالغان. شىمالىي ئافرىقىغا كېڭىيىۋاتقان ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ ئالجىرىيەدە توختىغان».

1724 - يىلى گېرمانىيىلىك پەيلاسوپ كانت تۇغۇلغان.

1870 - يىلى ۋىلادىمىر لېنىن تۇغۇلغان. بۇ ئۇيغۇر دۈشمىنى 1924 - يىلى 21 - يانۋار ئۆلدى.

1870 - يىلى توكيو ھۆكۈمىتى / مېيجى ھۆكۈمىتى/ رېكشا ئىجاد قىلغان كىشىگە رېكشا ياساش ۋە سېتىش پاتنېت ھوقۇقى بەرگەن. « شۇنىڭ بىلەن رېكشا دېگەن نەرسە تېزدىن ياپونىيىدىن ھالقىپ، كورىيە، خىتاي ۋە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەلكىرىگىچە كېڭەيگەن. ئابدۇقادىر داموللامنىڭ مەسلەكدىشى، سابىت داموللامنىڭ يېقىن دوستى، دۇنياۋى سەيياھ، ياپونىيە پارلامېنتىنىڭ 1939 - يىلى «  ئىسلام دىنى ياپونىيىدىكى بۇددا، خىرىستىئان دىنى بىلەن بىر قاتاردىكى ئۈچ چوڭ قانۇنلۇق دىن!» دەپ قارار چىقىرىشىغا ۋاستە بولغان تاتار ئالىمى ئا . ئىبراھىم 1907 - يىلى سىبىرىيە ئارقىلىق مانجۇرىيىدىن ئۇدۇل كورىيەگە كەلگىنىدە، ئالاھىدە رېكشا ئۈستىدە رەسىمگە چۈشۈپ، تەپسىلى چۈشەندۈرۈش بەرگەن. مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى 1947- يىلى نەنجىڭگە بارغان چاغدا خىتايلارنىڭ كۆپىنىڭ مۇشۇ رېكشىنى ھەيدەپ جان ساقلايدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ بەك جاپالىقلىقىنى تىلغا ئالغان».

1898 - يىلى قاھىرەدە كۇردىستان ناملىق بىر ژۇرنال چىققان. شۇنىڭ بىلەن بۇ كۈن كۇردلارنىڭ گېزىت - ژۇرنال كۈنى بوپقالغان.

1926 - يىلى تۈركىيە ، ئىران ۋە ئافغانىستان قاتارلىق ئۈچ دۆلەت ئارىسىدا ئورتاق بىخەتەرلىك كېلىشىمى ئىمزالانغان. مۇستاپا كامال، رىزاخان پەھلىۋى ۋە ئامانۇللاخان تەستىق سالغان.« بۇ ئۈچ دۆلەت 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىردىنبىر ھەقىقىي مۇستەقىل ئىسلام دۆلەتلىرى بولۇپ، ئەنگلىيە 1915 - يىلدىن 1919 - يىلغىچە سوزۇلغان مارافونچە سۆھبەتتىن كېيىن ئافغانىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. بۇ چاغدا چاررۇسىيە يوقالغاچقا، ئافغانلار ئەنگىلىيىنىڭ ئېتىرا قىلىشى بىلەنلا جاھان ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى مۇستەقىل ئىسلام دۆلىتىگە ئايلانغان.
تۈركىيە 1924 - يىلى 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى دېموكراتىك مىللىي دۆلەتكە ئايلانغان. رىزا پەھلىۋى ئەنگىلىيەنىڭ قوللىشىدا، 130 يىلدىن بېرى پېرسىيىگە ئەمەلى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان قاچار خانلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، 1925 - يىلى ئۆزى پادىشاھ بولۇپ، دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىنكى تۇنجى پارس ئىسلام پادىشاھلىقى بولۇپ قالغان. مۇستەقىللىقىنى ئەبەدى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن بۇ تەقدىرداش ئۈچ دۆلەت داھىيلىرى تۇيۇقسىزلا مەزكۇر كېلىشىمنى ئىمزالاپ ئۇتۇقلۇق بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان».

1945 - يىلى ئىتتىپاقداش ئارمىيە ئىتالىيىنىڭ شىمالىدىكى پولونىيىنى ئىشغال قىلغان.

1948 - يىلى زېئونست قوراللىق تەشكىلاتى « ھاگانا» قانلىق ئۇرۇش ئارقىلىق خايفا شەھىرىنى  ئىشغال قىلغان. ئىسرائىلىيە دۆلىتى دەل مۇشۇ قوراللىق تەشكىلاتنىڭ ئەمەلىي تىرىشچانلىقى بىلەن شۇ يىلى 14 - ماي كېچە دۇنياغا كەلگەن.

1952 - يىلى ئىران ئەنگىلىيىنىڭ،  بەھرەيىننىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشقانلىقىنى قاتتىق ئەيىپلىگەن. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئىران پادىشاھى بەھرەيىننى ئىراننىڭ بىر قىسمى دەپ قارايتتى.
« ساتۇق بۇغراخان 942 - يىلى بالاساغۇننى ئىچكى دۈشمەنلىرىنىڭ قولىدىن قايتۇرۋېلىپ، 50 يىل ئىلگىرى تاغىسى ئوغۇلچاقتىن تارتىپ ئېلىنغان تالاسنى 943 - يىلى ئاپرىلدا قايتۇرۋالدى.شۇنىڭ بىلەن سامانىيلارغا قاراشلىق ئىران ۋە خۇراسان پەيدىنپەي تۈرك نەسىللىك قوماندانلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. ساتۇق بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان 993 - يىلى سامانىيلارنى يوقاتقاندىن كېيىن، خۇراسان بىلەن ئىران قاراخانىيلارنىڭ قاچاق ئوغلى مەھمۇد غەزنەۋى تەرىپىدىن ئىگىلەندى. سالجۇقىيلار ئىران بىلەن خۇراساننى 1040 - يىلى غەزنەۋىلەردىن تارتىۋالدى. خارەزمشاھلار 1221 - يىلى ئىراننى سالجۇقلاردىن تارتىۋالدى.
ئۇلاردىن موڭغۇللار 1232 - يىلى تارتىۋالدى.
1265 - يىلى ئىللخانىيلار خانلىقى قۇرۇلدى.
1389 - يىلى ئەمىر تۆمۈر ئىگىلىدى. ئاندىن كېيىن سافاۋىلار 1501 - يىلدىن 1736 - يىلغىچە، ئافغان تۈركلىرى 1747 - يىلدىن 1795 - يىلغىچە، قاچارلار 1796 - يىلدىن 1925 - يىلغىچە ئىراننى ئىدارە قىلدى. مىلادى
1925 - يىلى پارس مىللىتىدىن چىققان رىزاخان قاچارلارنى ئاغدۇرۇپ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن ساتۇق بۇغراخاننىڭ تالاسنى قولغا ئېلىشى بىلەن باشلانغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىراندىكى ھۆكۈمرانلىقى ئاز كەم مىڭ يىل ئۆتۈپ، قايتا پارسلار قولىغا ئۆتتى . 1935 - يىلى رىزاخان « تۇران » نىڭ تەڭدىشى بولغان « ئىران » نامىنى قايتا تىرىلدۈردى».

1994 - يىلى نېكسون ئۆلگەن. « لەنىتى نېكسۇن  1969 - يىلى 20 - يانۋاردىن 1974 - يىلى 7 - ئاۋغۇستقىچە پرىزدېنت بولغان». 

2009 - يىلى  جەنۇبىي ئافرىقىلىقلار 4 - نۆۋەتلىك ئومۇمىي سايلام ئۆتكۈزگەن. نەتىجىدە 2010 - يىلى ئىيۇلدا دۇنيادىكى ئەڭ ياش دۆلەت جەنۇبىي سۇدان قۇرۇلغان.

2019 - يىلى 22 - ئاپرىل  دۈشەنبە