2021/01/16 13:33

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 21 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 01:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 21 - ئاپرىل»:

مىلادىدىن بۇرۇنقى 753 - يىلى رومۇس ۋە رومۇلۇس ئاكا - ئۇكا رىم شەھىرىنى بەرپا قىلغان. « بۇ ۋاقىتتا تۇراندا ئاپراسىياپنىڭ بوۋىسى تۇر ھۆكۈمران ئىدى. خىتايدا بولسا ئەجداتلىرىمىزدىن بىرى بولغان « تۇرالار » خىتاينىڭ جوۋ خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغىلى 17 يىل بولغانىدى».

1612 - يىلى توكوگاۋا ياسو ياپونىيە زېمىنلىرىدا خىرىستىئان دىنىنى چەكلەش پەرمانى چۈشۈرگەن.

1729 - يىلى سېسىق نامى پۇر كەتكەن چاررۇسىيە ئايال پادىشاھى يېكاتېرىنا تۇغۇلغان.
1796 - يىلى 17 - نويابىر ئۆلگەن.« ياخشىسى رۇسلاردىن ئۇنىڭ قانداق ئۆلگەنلىكىنى قەتئىي سوراپ سالماڭلار!».

1800 - يىلى مىسىر خەلقىنىڭ فرانسىيە ئىشغالىيىتىگە قارشى 2 - قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغان.

1802 - يىلى 1 - سەئۇدى دۆلىتى ئوسمان ئىمپىرىيىسىگە قاراشلىق ئىراق ئۆلكىسىنىڭ كەربالا شەھىرىگە ھۇجۇم قىلغان.

1926 - يىلى ئايال پادىشاھ 2 - ئېلزابىت تۇغۇلغان.

1938 - يىلى پاكىستاننىڭ مەنىۋىي دۆلەت ئاتىسى، داڭلىق پەيلاسوپ ۋە مۇتەپەككۇر مۇھەممەد ئىقبال ۋاپات بولغان.« ئۇ 1877 - يىلى 9 - نويابىر پەنجاپتا تۇغۇلغان. ئەينى ۋاقىتتا ئافغانىستان ۋە كەشمىردە ھەرىكەت قىلىۋاتقان م. ئىمىن بۇغرا بىلەن مەھمۇد مۇھىتى ئىقبالنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا قاتناشقان».

1941 - يىلى فرانسىيە قوللىغان ھۇسنى سۈرىيە رەھبىرى بولۇپ سايلانغان.

1960 - يىلى برازىلىيە پايتەختى برازىلىيە شەھىرى رەسمىي پايتەخت قىلىپ ئېچىۋېتىلگەن.

1961 - يىلى بىر قىسىم فرانسىيە گېنىراللىرى ئالجىرىيەنى بازا قىلىپ، دېگولنى ئاغدۇرماقچى بولغان. شۇ كۈنىلا پارىژ ئايرودرومىنى كونترول قىلغان. دېگول دەرھال 22 - ئاپرىل « 1940 - يىللاردا كىيگەن كونا ھەربىي فورمىسى» نى كىيىپ، ئارمىيە ۋە خەلقتىن ياردەم تەلەپ قىلغان. نەتىجىدە بۇ سىياسىي ئۆزگىرىش مەغلۇپ بولغان.

1967 - يىلى يۇناندا ئارمىيە بارلىق ھوقۇقنى ئىگىلىگەن.

1978 - يىلى ياپونىيە - سوۋېت ئەركىن دېڭىزدا ئوۋ ئوۋلاش كېلىشىمى ئىمزالانغان.

1981 - يىلى رېگان ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار رازۋېتچىك ئايروپىلانىنى سەئۇدىغا سېتىپ بېرىشكە قوشۇلغان.

1982 - يىلى مىسىر تەرەپ 1979 - يىلدىكى « داۋىد لاگىرى كېلىشىمى» نىڭ روھى بويىچە سىنانىڭ بىر بۆلىكى بولغان شەرمى شەيخ رايونىنى قايتۇرۋالغان.

1996 - يىلى تۇنجى چېچىنىيە رەھبىرى جەۋھەر دودايېف رۇسىيە ئايروپىلانىنىڭ بومباردىمانىدا ماشىنىسىدا پارتلاپ كەتكەن.
« ئۇنىڭ ئائىلىسى 1943 - يىلى فېۋرالدا سىتالىننىڭ بۇيرۇقى بويىچە قازاقىستانغا سۈرگۈن قىلىنغان. ئۇ 1944 - يىلى 15 - فېۋرال قازاقىستاندا تۇغۇلغان. 1991 - يىلى 2 - نويابىر قەسەم بېرىپ پىرىزدېنت بولغان. 1994 - يىلى 12 - دېكابىر رۇسىيە 1 - چېچېن ئۇرۇشىنى قوزغىغان. ئۇ تاكى ۋاپاتىغىچە ئۇرۇشقا باشچىلىق قىلىپ، رۇسلارنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچراتقان».

2009 - يىلى يونىسكۇغا قاراشلىق خەلقئارالىق رەقەملىك كۇتۇپخانا ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

2017 - يىلى تالىبان مازار شەرىفتە جۈمە نامىزى ئوقۇۋاتقان ئافغانىستان ئەسكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، 140 تىن كۆپ ئادەم ئۆلتۈرگەن.

2019 - يىلى 4 - 21 -ئاپرىل يەكشەنبە