2021/01/16 12:09

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 20 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 01:38

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 20 - ئاپرىل »:

702 - يىلى ئىمام جەئپەر سادىق تۇغۇلغان.

893 - يىلى سامانىلار شاھى ئىسمائىل زور قوشۇن بىلەن قاراخانىلارنىڭ 2 - پايتەختى تالاسقا قورشاپ ھۇجۇم قىلغان. قىرىق نەچچە كۈنگە سوزۇلغان مۇھاسىرىدىن كېيىن، نائىب خان ئوغۇلچاق بۇغراخان تالاستىن چېكىنىپ، پايتەختنى بالاساغۇنغا يېقىن قەشقەرگە كۆچۈرگەن.« 893 - يىلى سامانىلار ئىشغال قىلغان تالاسنى، ساتۇق بۇغراخان 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 943 - يىلى قايتۇرۋالدى. يەنە 50 يىلدىن كېيىن، يەنى 993 - يىلى بۇغراخاننىڭ نەۋرىسى ھارۇن بۇغراخان سامانىلارنى مۇنقەرز قىلدى. 999 - يىلى يەنە بىر نەۋرىسى ئەلى تېكىن سامانىلارنى تۈپتىن يوق قىلىۋەتتى». / ئۇيغۇرغا زۇلۇم قىلغانلار ھامان جاجىسىنى يەيدۇ!/.

977 - يىلى « قاراخانىلارنىڭ بۇلاپ كېتىلگەن ئوغلى» سۇبۇق تېكىن ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ
« غەزنەۋىلەر » خانلىقىنىڭ ئاساسىنى قوپۇردى.
999 - يىلى ئوغلى مەھمۇت غەزنەۋى  قاراخانىلارنىڭ سامانىلارنى يوقاتقانلىق پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، ئەسلىدە سامانىلارغا قاراشلىق خۇراسان، تاخارىستان ۋە ئافغانىستانلارنى ئۆزىگە قوشۇۋېلىپ غەزنەۋىلەر خانلىقى / 999 - 1186/ نى قۇرۇپ چىقتى.

1303 - يىلى شەقھەب ئۇرۇشى يۈز بەرگەن.
« شەقھەب دەمەشىققە يېقىن جاي بولۇپ، بۇ ئۇرۇش ئىسلامغا كىرگەن ئىران ئىلخانىيلار سۇلالىسى/ 1265 - 1355/ بىلەن مىسىر مەملۇكىيلار سۇلالىسى / 1250 - 1517/ ئارىسىدا بولغان. ھەر ئىككى تەرەپ 200 مىڭ ئەسكەر بىلەن تۇتۇشقان. موڭغۇللارغا قۇتلۇقشاھ نويان، مەملۇكىيلارغا سۇلتان ناسىر قوماندانلىق قىلغان. ئۇرۇش ئۈچ كۈن ئۇدا داۋام  قىلىپ، مىسىر تەرەپ غەلىبە قىلغان. بۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا، مىسىر قوشۇنلىرىنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ مەغلۇبىيەتتىن قۇتقۇزغان شەيخۇلئىسلام ئىبنى تەيمىيەنىڭ رولى زور بولغان. 1260 - يىلى شەيخۇلئىسلام ئىززىددىن ئابدۇسالام مىسىر - سۈرىيەنى قانداق ساقلاپ قالغان بولسا، ئىبنى تەيمىيەمۇ بۇ قېتىم شۇنداق رول ئوينىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئىلخانىيلار قايتا شامغا ھۇجۇم قىلالماي، 1309 - يىلى كونيانى مەركەز قىلغان ئاناتولىيە سالجۇق خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغان. نەتىجىدە ئەرتوغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان خانلىقىنى قۇرۇۋالغان».

1429 - يىلى فاتىھ سۇلتان مۇھەممەد تۇغۇلغان. « / ئۇ ھىجىرىيە 833 - يىلى ماھى رەجەپنىڭ 26 - كۈنى يەكشەنبە تۇغۇلغان. 1453 - يىلى 29 - ماي يەكشەنبە ئىستانبۇلنى فەتھى قىلىپ مىڭ يىلدىن ئارتۇق دەۋر سۈرگەن شەرقىي رىم ئىمپىرىيىسىنى يوقاتقان. 1481 - يىلى 3 - ماي ۋاپات بولغان/».

1792 - يىلى فرانسىيە ئاۋستىرىيىگە ئۇرۇش ئېلان قىلغان.

1808 - يىلى فرانسىيە ئىمپىراتورى 3 - ناپولىئون تۇغۇلغان.

1854 - يىلى پرۇسسىيە بىلەن ئاۋسترىيە چاررۇسىيىگە قارشى ھەربىي ئىتتىپاق قۇرغان.

1868 - يىلى ياپونىيە پايتەخت نامىنى كيوتودىن ئىدوغا ئۆزگەرتكەن.

1871 - يىلى توكيو، كيوتو ۋە ئوساكا ئارىسىدا پوچتا مۇلازىمىتى باشلانغان.

1887 - يىلى مىسىر باش ۋەزىرى شېرىپ پاشا قازا قىلغان.

1889 - يىلى ئادولف گېتلىر تۇغۇلغان.

1901 - يىلى ياپونىيىدە تۇنجى ئاياللار ئۇنىۋېرىستېتى قۇرۇلۇپ، ئېچىۋېتىلگەن.

1925 - يىلى توكيو، كيوتو ، فوكۇكا ۋە ئوساكا ئارىسىدا ئايروپىلان پوچتا مۇلازىمىتى باشلانغان.

1929 - يىلى خەلقئارا ساقچى ئورگىنى ئىنتېرپول قۇرۇلغان.

1947 - يىلى ياپونىيىدە تۇنجى قېتىملىق پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلگەن.

1972 - يىلى ئاپوللو 16 ئاي شارىغا  قونغان.

2009 - يىلى جەنۋەدە ب د ت نىڭ ساھىپخانلىقىدا ئىرقچىلىققا قارشى قۇرۇلتاي ئېچىلغان.« ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتۈپلا، ئىرقىي كەمسىتىشكە قارشى تېنچ نارازىلىق بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچىدە ئوققا تۇتۇلغان. نەتىجىدە 1989 - يىلدىكى ساماۋى مەيدان قىرغىنچىلىقىنى ئون ھەسسە قاتلىغۇدەك ئىرقىي قىرغىنچىلىق 20 يىلدىن كېيىن ۋەتىنىمىزدە يۈز بەرگەن بولسا، مانا ئەمدى ئىنسانىيەتكە قارشى ئۇرۇش جىنايىتى ئۈچ يىلدىن بېرى ئومۇميۈزلۈك ئېلىپ بېرىلماقتا».

2019 - 4 - 20 - ئاپرىل  شەنبە