2021/01/16 13:51

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 19 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 02:00

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 19 - ئاپرىل » :

1160 - يىلى ياپون گېنىرالى مىناموتۇ دېڭىزدىكى يېگانە بىر ئارالغا سۈرگۈن قىلىنغان.

1689 - يىلى شېۋىتسىيە مەلىكىسى كىرىستىنا ۋاپات بولغان.

1766 - يىلى ئىپارخان بوغۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.
« ئىپارخان توغرىلىق ئەڭ يېڭى تارىخىي ئۇچۇر ۋە تەھلىللەرنى سەل تۇرۇپ ئايرىم يوللايمە».

1775 - يىلى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى باشلانغان.نەتىجىدە ئۇزاق ئۆتمەي ئامېرىكا دېگەن دۆلەت ۋۇجۇتقا كەلگەن. 1783 - يىلى 3 - سېنتەبىر ئەنگلىيە پارىژ كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. دەل مۇشۇ يىلى بۇرھانىدىن خوجىنىڭ ئوغلى سامساق خوجا قەشقەردىكى بىر قىسىم ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇر بەگلەرگە مەكتۇپ ئەۋەتىپ، مانجۇلارغا قارشى ئۇرۇش ئېچىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى ئېيتقان. « شۇڭا يەنە دەيمەن، قەتئىي ئۈمۈتسىز بولمايلى ! بىزلەر ئەمدى ئاتتىن چۈشۈپ، دۆلىتىمىزنى تارتقۇزۇپ قويغان يىللىرى ئامېرىكا مۇستەقىل بوپتۇ ! 250 يىل جەرياندا بىزنى قۇل قىلغان مانجۇلار بىلەن جۇڭغارلار يوقىلىپ كېتىپتۇ. ئامېرىكىنى مۇستەملىكە قىلغان ئىسپانىيە، ئەنگلىيە قاتارلىق جاھانگىرلار 2 - دەرىجىگە چۈشۈپ قاپتۇ ! ئەمدى نۆۋەت بىزنىڭكى ! كۈرەشنى باشلايلى»!

1793 - يىلى ئاۋستىرىيە پادىشاھى 1 - فېردىناند تۇغۇلغان.

1824 - يىلى ئېنگلىز شائىرى جورجى بايرون ۋاپات بولغان.

1934 - يىلى تۇڭگانلار يەكەننى تاشلاپ، ئاقسۇغا چېكىنىپ كېتىۋاتقان خوجىنىياز ھاجىغا كەينىدىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىپ، كۆپ تالاپەتكە ئۇچراتقان. قورال - ياراقلار بۇلانغان.
شۇ قالايمىقانچىلىقتا مەكىتلىك بىر ئوۋچى سابىت داموللام قاتارلىق جۇمھۇرىيەت ئەرباپلىرىنى يۇلغۇنلۇققا يوشۇرۇپ، تۇڭگانلارنىڭ ئوقلىرىدىن ساقلاپ قالغان. مەھمۇت مۇھىتى توسۇپ زەربە بەرگەن. خوجىنىياز ھاجى ئاقسۇغا قاراپ قاچقان.

1937 - يىلى فىلىپىن رەھبىرى جوزېف ئاستاردا تۇغۇلغان.

1961 - يىلى كۇۋەيت بىلەن ئەنگلىيە 1899 - يىلدىكى بېقىندىلىق كېلىشىمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئۈچۈن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.

1963 - يىلى لىۋاندا كۇرد جەمئىيىتى قۇرۇلغان.

1967 - يىلى گېرمانىيە باش ۋەزىرى كونراد ئادېناۋىر ۋاپات بولغان.

2005 - يىلى گېرمانىيىلىك كاردىنال ھەزرەت جوزېف راتزېنگىر ئۆلۈپ كەتكەن رىم كاتولىك مەزھىپىنىڭ پاپاسى 2 - يوھاننا بولسنىڭ ئورنىغا يېڭى پاپا بولۇپ سايلانغان.« ئۇ 1977 - يىلدىن تاكى 2005 - يىلى 19 - ئاپرىلغىچە ئۇدا ئۈچ نۆۋەت كاردىنال بولغان. 2013- يىلى 28 - فېۋرالغىچە پاپا بولغان. 1927 - 16 - ئاپرىل باۋارىيىدە ۋايمار جۇمھۇرىيىتىدە تۇغۇلغان».

2009 - يىلى بوتفلىقى قەسەم بېرىپ 3 - نۆۋەتلىك ئالجىرىيە پىرىزدېنتى بولۇپ قالغان.

2018 - يىلى دىئاز كانېل كۇبا رەھبىرى بولۇپ سايلىنىپ، 60 يىلغا يېقىن ھوقۇق تۇتقان رائۇل كاسترونىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.

بۈگۈن برازىلىيىدە ئارمىيە بايرىمى

2019 - يىلى 4 - 19 - ئاپرىل  جۈمە