2021/01/16 13:27

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 18 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 02:21

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 18 - ئاپرىل» :

796 - يىلى ئىسپانىيىدىكى كېيىنكى ئۇمەييەلەر سۇلالىسى پادىشاھى ھىشام ۋاپات بولغان.« ئۇ
756 - يىلى ئابباسىيلار خەلىپىسى مەنسۇرنىڭ قىرغىنىدىن ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ئۇمەييە نەسلىدىن بولغان ئابدۇراخماننىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ،
ئىسپانىيىدىكى 700 يىللىق ئىسلام مەدەنىيەت گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەنىدى».

1590 - يىلى ئوسمانلى پادىشاھى سۇلتان 1 - ئەھمەدخان تۇغۇلغان.

1590 - يىلى ئەمدىلا تەختكە چىققان سۇلتان ئابدۇرېشىتخاننىڭ 5 - ئوغلى مۇھەممەدخان كەنجى ئىنىسى ئابدۇرەھىمخاننى تۇرپان - قۇمۇل ۋالىيسى قىلىپ تەيىنلىگەن. « داڭلىق ھەربىي سەركەردە ئابدۇرەھىمخان شۇ يىلىلا قوشۇن تەشكىللەشكە باشلاپ، 1565 - يىلى شاھخاننى ئۆلتۈرۈپ، تۇرپان - قۇمۇلغا ماكانلىشىۋالغان ئويراتلارنى قۇبدۇغا قوغلىۋەتكەن. 1638 - يىلى دەل مۇشۇ سۇلتاننىڭ ئوغلى ئابدۇللاخان 20 يىلدىن بېرى داۋالغۇپ تۇرغان يەكەننى ئىشغال قىلىپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى 30 يىللىق گۈللىنىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن».

1628 - يىلى جۇڭغارلار باتۇر قونتاجى ۋە دادىسى قاراقۇلانىڭ باشچىلىقىدا ئالتاي تاغلىرىدىكى قۇبدۇدىن ئېشىپ، ئەسلىدە سەئىدىيە خانلىقىغا قاراشلىق ئىلى ۋادىسىغا كۆچۈشكە باشلىغان.« مەزكۇر جۇڭغارلار ئەسلى ئويراتلارنىڭ سولقانىتى بولۇپ، جۇڭغار دېمەك سولقانات موڭغۇللار دېمەكتۇر. بۇلار 1565 - يىلى مەنسۇرخاننىڭ ئوغلى شاھخاننى ئۆلتۈرۈپ، سەئىدىيە خانلىقىنىڭ شەرقىنى بىر مەھەل ئىگىلىۋالغانىدى. 1590 - يىلى تۇرپان ۋالىيسى بولۇپ كەلگەن ئابدۇرېشىتخاننىڭ 11 - ئوغلى ئابدۇرەھىمخان ئىككى يىل جىددىي تەييارلىق قىلىپ، ئويراتلارنى قاتتىق مەغلۇپ قىلدى. ئارقىدىن ئۇلارنى ھازىرقى موڭغۇلىيىنىڭ شىمالىغىچە سۈرۈۋەتكەنىدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان جۇرجىتلارنىڭ كاتتىۋېشى نۇرخاچمۇ ئويراتلارغا شەرقتىن ھۇجۇم قىلىپ، بىر قىسىم موڭغۇل زېمىنىنى قوشۇۋالدى. مىڭ سۇلالىسىمۇ شۇ پۇرسەتتە بەزى جايلارنى قايتا ئىشغال قىلىپ، موڭغۇللارنى شىمالغا سۈرگەن.
1618 - يىلىدىن ئېتىبارەن سەئىدىيە خانلىقى زەئىپلىشىشكە يۈزلەنگەچكە، سولقانات ئويراتلار جۇڭغار نامىدا بىرلىشىپ، ئىلى ۋادىسىغا قايتا بۆسۈپ كىردى. بالا - قازا شۇندىن باشلاندى».

1638 -  يىلى ئابدۇرەشىتخاننىڭ تۇرپان - قۇمۇلدا ھۆكۈمرانلىق قىلغان 11 - ئوغلى ئابدۇرەھىمخاننىڭ ئوغلى ئابدۇللاخان دادىسىنىڭ قوللىشى بىلەن مالىمانچىلىققا پاتقان پايتەخت يەكەنگە يۈرۈش قىلغان.

1855 - يىلى مىسىر ۋالىيسى سەئىد پاشا ئىسلام دۇنياسىدا تۇنجى بولۇپ ئىقتىسادىي قانۇنلاردا غەرب قانۇنىنى ئاساس قىلىش توغرىلىق كۆرسەتمە بەرگەن.

1872 - يىلى ياپونلار يوكوھامادا سالغان تۇنجى چېركاۋ ئاۋامغا ئېچىۋېتىلگەن.

1906 - يىلى سان - فرانسسكودا 8.25 بال يەر تەۋرەپ، 3000 كىشى قازا قىلغان.

1915 - يىلى فرانسىيە ئۇچقۇچىسى گاروس ئايروپىلانى پاچاقلىنىپ كېتىپ گېرمانلارغا ئەسىرگە چۈشكەن.

1937 - يىلى ئابدۇنىياز كامال بىلەن ماخۇسەن سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ  قەشقەردىكى كونسۇلىدىن جاۋاپ خەت كەلگىچە شېڭ شىسەيگە ھۇجۇم قىلماي، جىددىي ھالەتتە تۇرۇش توغرىلىق پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلغان. ماخۇسەن دەرھال خوتەندىكى كوماندىرلىرىغا تۇڭگان قىسىملىرىدىن جەڭگىۋار بىر تۈركۈم ئەسكەرلىرىنى تېزدىن يەكەنگە يۆتكەش  توغرىلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەن.

1938 - يىلى سىتالىن زور بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر قىرىم تاتارلىرىنى ئېغىر سىياسىي قالپاق كىيگۈزۈپ، سوت قىلمايلا ئېتىپ تاشلىغان.

1942 - يىلى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسى توكيو ، ناگويا ۋە باشقا ياپون شەھەرلىرىنى بومباردىمان قىلغان.

1943 - يىلى ياپونىيە گېنىرالى ئىسوروكو ياماموتو ئولتۇرغان ئايروپىلان بوگانفىل ئارىلى بوشلۇقىدا ئامېرىكا ئايروپىلانلىرى تەرىپىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ياماموتو قازا قىلغان.

1960 - يىلى « تانجا » مۇستەقىل بولۇپ، ماراكەشكە قوشۇلغان. « بۇ جاينىڭ ئىستراتېگىيىلىك ئورنى بەك مۇھىم بولۇپ، جەبىلتارىق بوغۇزىنىڭ ئافرىقا تەرەپتىكى كېكىردىكى دەپ قارىلىدۇ. 500 يىلدىن بېرى ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگلىيە ۋە فرانسىيەلەر تالىشىدىغان ئورۇنغا ئايلىنىپ قالغانىدى».

1980 - يىلى زېمبابۋى جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان.

1983 - يىلى ئامېرىكىنىڭ بېيرۇتتىكى باش ئەلچىخانىسى پارتلىتىلىپ، ئىچىدىكى بارلىق خادىملار بولۇپ 63 كىشى قازا قىلغان.

1994 - يىلى لىۋان ئالاھىدە قىسىملىرى قوراللىق قىسىملارنىڭ باش قوماندانى سامىر جاھجاھنى قولغا ئالغان.

1996 - يىلى ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى لىۋاندىكى ب د ت قىسىملىرى ساقلاۋاتقان جاينى بومباردىمان قىلىپ، 102 مۇساپىرنىڭ بېشىغا چىققان.

2005 - يىلى لىۋان پارلامېنت باشلىقى 14 - فېۋرال باش ۋەزىر رەفىق ھەرىرىنى قەستلەش ۋەقەسىدىكى ئېغىر يارىسى تۈپەيلى قازا قىلغان.

2019 - يىلى ئىستانبۇلدىكى يەرلىك سايلامدا
ج خ پ ۋەكىلى ئەكرەم ئىمامئوغلى ئاخىرقى قېتىم غەلىبە قىلىپ، شەھەر باشلىقى بولغان.

2019 - يىلى 4 - 18 - ئاپرىل  پەيشەنبە