2021/01/16 13:03

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 17 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:15

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

2019/04/23 03:15 2019/04/23 03:18 دا تەھرىرلەندى، تەھرىر: سايرام ئوغلانى سەۋەب: ئىملا خاتالىقى
تارىختىكى بۈگۈن « 17 - ئاپرىل » :

1790 - يىلى ئامېرىكا سىياسىيونى بۇنيامىن فرانكىلىن ۋاپات بولغان.

1895 - يىلى سېمونىسكى شەرتنامىسى ئىمزالىنىپ، مانجۇلار يېرىم ئىشغال قىلىپ كېلىۋاتقان كورىيەنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلغان. ئۇندىن باشقا تەيۋەننى ياپونىيىگە بۆلۈپ بېرىپ، نۇرغۇن ئۇرۇش چىقىمى تۆلەشكە قوشۇلغان.« 1896 - يىلى سېرىق دېڭىزدىكى ئۇرۇشتا مانجۇ دېڭىز ئارمىيىسى تۈگەشتى . ياپونلار ھەتتا قۇدرەتلىك ياۋروپا دۆلىتى چاررۇسىيە فلوتىنى 1904 - 1905 - يىلدىكى ئۇرۇشتا پۈتۈنلەي يوقاتتى. مانا شۇندىن بېرى رۇسلار ئاۋال مانجۇلار، ئاندىن خىتايلار بىلەن تا ھازىرغىچە ھەمكارلىشىپ كەلدى».

1937 - يىلى ماخۇسەن يەكەنگە كېلىپ، ئابدۇنىياز كامالغا شېڭ شىسەينىڭ ئابدۇنىياز قوشۇنىنى يوقىتىش توغرىلىق ئەۋەتكەن تېلېگراممىسىنى تاپشۇرغان. شۇنىڭ بىلەن ئۈچ يىللىق ئەشەددىي رەقىپلەر ئورتاق دۈشمەن شېڭ شىسەيگە قارشى بىرلىكسەپ ھاسىل قىلغان. « ئەسلىدە شېڭ مەھمۇت مۇھىتى ھىندىستانغا چىقىپ كېتىشى بىلەنلا خوتەندىكى ماخۇسەنگە تېلېگرامما ئەۋەتىپ، بۇلارنىمۇ خۇددى
1933 - يىلى خوجىنىياز ھاجى بىلەن ماجۇڭيىڭ ئىككىسىنى سوقۇشتۇرۇپ، ئارقىدىن ھەر ئىككىسىنى  يەۋەتكەندەك يەۋەتمەكچى بولغانىدى. بىراق ھىلىگەر ماخۇسەن ئۇنىڭ مىكرىنى بىلىپ قالدى. ئۇ 6 - ئاپرىل شېڭغا جاۋاپ تېلېگرامما يوللاپ، 10 كۈن ئىچىدە جازا يۈرۈشى قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئاسترتتىن 17 - ئاپرىل يەكەنگە كېلىپ ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلەشكەن».

1946 - يىلى ئەڭ ئاخىرقى فرانسىيە مۇستەملىكە كۈچلىرى سۈرىيەدىن چىقىپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن فرانسىيىنىڭ سۈرىيەدىكى مانداتلىق ھۆكۈمرانلىقى ئاخىرلاشقان.« فرانسىيە 1916 - يىلدىكى سايكس - پىكوت كېلىشىمى بويىچە، 1919 - يىلى سۈرىيەنى ئىشغال قىلىۋالغانىدى».

1966 - يىلى ئىراق پىرىزدېنتى ئابدۇسالام ئايروپىلان ۋەقەسىدە قازا قىلغاندىن كېيىن، ئىنىسى ئابدۇراخمان ئورنىغا پىرىزدېنت بولغان.

1984 - يىلى بىر ئەنگلىيە ساقچىسى لىۋىيە ئەلچىخانىسىدىن ئېتىلغان ئوقتا قازا قىلغان.

1992 - يىلى ئىراق - كۇۋەيت چېگرىسىنى بېكىتىش كومىتېتى ئاخىرى ئىككى دۆلەتنىڭ قۇرۇقلۇق چېگرىسىنى ئۇتۇقلۇق بېكىتكەن.

1993 - يىلى تۈركىيە پىرىزدېنتى تۇرغۇت ئۆزەل ۋاپات بولغان. ئورنىغا پارلامېنت رەئىسى پولات چىنتۈرك پىرىزدېنت بولغان.

2008 - يىلى مىسىردا ھۇلۋان ۋە 6 - ئۆكتەبىر شەھىرى تەسىس قىلىش قارار قىلىنغان.

2019 - يىلى 4 - 17 - ئاپرىل  چارشەنبە