2020/07/04 08:49

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


قانداق قىلغاندا دۇنيانىڭ بىزگە بولغان ئىنكاسىنى تېخىمۇ كۈچەيتكىلى بولىدۇ؟

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:29

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى




« سىياسەتنىڭ رەزىللىكى ۋە ئىككى يۈزلۈكلىكى » :


2018 - يىلى 24 - ئاۋغۇست رۇسىيە مۇپتىسى سىبىرىيەدىكى 1938 - يىلى سىتالىن چېقىۋەتكەن قەدىمىي تاتار مەسچىتىنىڭ قايتا ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆيكۈزۈپ، 80 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى جۈمە نامىزىنى ئۆزى باش بولۇپ ئوقۇدى. ئەمما ئالتاي تاغلىرىنىڭ جەنۇبىدا ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر مەسچىت خىتايلار تەرىپىدىن چېقىپ تاشلىنىۋاتاتتى.

2018 - يىلى سېنتەبىردە ئەردوغان قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغاندا، بېشكەكتە ئۆزى مەبلەغ سېلىپ ئىنشا قىلغان يېڭى جامىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. بۇ خەۋەر دارھال بارلىق تۈرك تاراتقۇلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تاراتقۇلىرىدا بە س - بەستە تارقىتىلدى. ئەمما يېقىن ئەتراپتىكى قەشقەردە ھەر كۈنى بۇنداق جامىدىن بىرى چېقىلىۋاتاتتى.ھەتتا 480 يىللىق تارىخقا ئىگە قاغىلىق جامىسى بىلەن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان 800 يىللىق قەدىمىي مەسچىت كېرىيە ھېيتگاھ جامەسى چېقىپ تاشلانغانىدى. ئەمما دۇنيا، بولۇپمۇ تۈركىي دۆلەتلەر جىم تۇرۇۋالدى.

نەچچە كۈن ئىلگىرى بىلارۇسىيە پىرىزدېنتى لوكاشىنكوۋ پايتەخت مىنسىكتىكى چوڭ جامەنىڭ تېنچلىق ۋە قېرىنداشلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغانلىقىنى بايان قىلدى، ھەمدە جامە قۇرۇلۇشىغا ياردەم قىلغان تۈركىيە پىرىزدېنتى ئەردوغانغا رەھمەت ئېيتتى!/ ئەتىسى تۈركىيەگە زىيارەتكە كەلدى. بۇ 23 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى يۇقىرى سەۋىيىلىك زىيارىتى ئىدى/.

خىتاي ھۆكۈمىتى خەلقئاراغا « ئۇيغۇرلار ئەشەددىي دىنىي ئەسەبىيلەر ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلەر» دەپ راسا تەشۋىق قىلىپ، ھەممىسىنى دېگۈدەك ئىقتىساد، تەشۋىقات ياكى ئويدۇرۇلغان ساختا ئىسپاتلار ئارقىلىق سۈكۈت قىلدۇرغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار مىللىي مەدەنىيىتىنىڭ تارىخىي نامايەندە قۇرۇلۇشلىرى ۋە مۇقەددەس ئورۇنلىرى بولغان گەۋدىلىك جامە ۋە مەسچىتلەرنى چېقىپ تاشلىدى. ھالا چېقىپ تاشلىماقتا !

ئون مىليونغا يېقىن ھاياتى قىل ئۈستىدە تۈرمىلەردە ۋە لاگىرلاردا جان تالىشىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ تەقدىرى بىر خاشقىچىنىڭ تەقدىرىچىلىكمۇ دۇنيانىڭ ئىنكاس قايتۇرىشىغا ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىگە ئېرىشەلمىدى.

دېمەك ئۆزىمىزنىڭ ئىشىدا ئۆزىمىز ئاكتىپ بولمىساق، دۇنيا ئالدىغا قاراپ كېتىۋېرىدۇ! مانا مۇشۇنداق بىر جامەنىڭ سېلىنغان داغدۇغىسى مىڭ جامەلىرىمىزنىڭ چېقىلغان پاجىئەلىرىنىڭ زىلزىلىسىدىن ئېشىپ چۈشىدۇ !

2019 - يىلى 22 - ئاپرىل دۈشەنبە