2021/01/16 12:53

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 16 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:32

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 16 - ئاپرىل » :

1682 - يىلى ئەنگلىيىلىك ئاسترونوم ۋە كەشپىياتچى جون ھادللى تۇغۇلغان. ئۇ 1730 - يىلى تۇنجى سەييارىلەرنى ئۆلچەش ئۈسكۈنىسىنى ياساپ چىققان.

1728 - يىلى ئىسلاندىيە ئالىمى جوزىف بىلاك تۇغۇلغان. ئۇ 1799 - يىلى ۋاپات بولغان بولۇپ، كاربون تۆت ئوكسىد گازىنى بايقىغان.

1844 - يىلى فرانسىيىلىك ئەدىب ئاناتول فرانسىس تۇغۇلغان. 1921 - يىلى نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 1924 - يىلى ۋاپات بولغان.

1877 - يىلى زوزۇڭتاڭ تۇرپانغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىش تەييارلىقىنى باشلىغان.

1899 - يىلى ئامېرىكا ئاۋازسىز كومىدىيە ئارتىسى چارلى چاپلىن تۇغۇلغان.

1922 - يىلى گېرمانىيە بىلەن رۇسىيە ئابالو كېلىشىمىنى ئىمزالىغان. گېرمانىيە بۇ كېلىشىمنىڭ تەقەززاسى بويىچە سوۋېت رۇسىيىسىنىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۈچلۈك دۆلەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.« شۇنىڭ بىلەن غەرپتىكى تەھدىتتىن ئاخىرى قۇتۇلغان سوۋېت رۇسىيىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن بۇخارانى بازا قىلغان مەرھۇم ئەنۋەر پاشا باشچىلىقىدىكى « ئاتالمىش باسمىچىلار» غا
قارشى ئومۇميۈزلۈك ھۇجۇمغا ئۆتكەن».

1925 - يىلى تۈركىيەدىكى شەيخ سەئىد باشچىلىقىدا كۆتۈرۈلگەن كۇردلار قوزغىلىڭىغا قاتناشقان كىشىلەر سوتلىنىشقا باشلىغان.
« 1924 - يىلى 3 - مارت تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى خەلىپىلىك تۈزۈمنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، 24 - ئىيۇل لوزان شەرتنامىسىگە ئىمزا قويۇپ، دىندىن خالىي ھاكىمىيەتكە ئايلانغان. بۇنىڭغا قارشى كۇردلار ئاقساقىلى شەيخ سەئىد 1925 - يىلى 15 - فېۋرال مۇستاپا كامالغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. نەتىجىدە قانلىق باستۇرۇلۇپ،30 - ئىيۇن غوللۇق ئاقساقاللار دارغا ئېسىلىپ ئۆلتۈرۈلگەنىدى».

1945 - يىلى سوۋېت قىزىل ئارمىيىسى بېرلىغا ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ھۇجۇم قىلىشقا باشلىغان.
سىتالىن شەرقىي ياۋروپادىكى ھەممە سەپ قوشۇنىنى بۇ ئۇرۇشقا قاتناشتۇرغان. سوۋېتلەر ھەتتا يۇقىرى بېسىملىق چوڭ چىراقلارنى يېقىپ، كېچىنى كۈندۈزدەك يورۇتۇۋەتكەن. گېتلىر بىر يېرىم مىليون ئەسكەر بىلەن بېرلىنغا ئۈچ مۇداپىئە سېپى قۇرۇپ، ماماتلىق ئۇرۇشقا ھازىرلانغان.

1947 - يىلى ئېلزابىت ناملىق چوڭ بىر پاراخوت ئەنگلىيىنىڭ ساۋتمبوتۇن پورتىدا چۆكۈپ كەتكەن.

1947 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى جاڭ جىجۇڭ قاتارلىقلار بىلەن تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىدىكى گومىنداڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئەلنىڭ دەردىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىدىن تۇنجى بېكەت ئاقسۇغا يېتىپ كەلگەن. 22 - ئاپرىل قەشقەرگە، 28 - ئاپرىل خوتەنگە بېرىپ،8 - ماي قايتىپ كەلگەن.

1948 - يىلى ئەنگلىيە ئارمىيىسى پەلەستىندىكى صفد  شەھىرىنى ھاگانا ناملىق يەھۇدىي قوراللىق تەشكىلاتىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىپ چېكىنىپ كەتكەن. باشقا شەھەرلەردىنمۇ مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن تولۇق چېكىنىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەنگلىيە ئارمىيىسى شۇ يىلى 13 - ماي كەچتە پەلەستىدىن چىقىپ كەتكەن. 14 - ماي كېچە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان».

1959 - يىلى تۇنجى ئەرەب نېفىت قۇرۇلتىيى قاھىرەدە ئېچىلغان.

1972 - يىلى ئاپوللو 16 كېننىدى بازىسىدىن ئايغا قويۇپ بېرىلگەن.

1998 - يىلى داڭلىق ئەرەب كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆزلەشتۈرۈپ تەقدىم قىلغۇچى ئالىم مۇھەممەد ھارۇن ئوغلى ئابدۇسالام ۋاپات بولغان.

2019 - يىلى مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە پارىژ بۈۋى مەريەم چېركاۋىغا ئوت كېتىپ، ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

2019 - يىلى بۈۋى مەريەم چېركاۋىغا ئوت كېتىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا ئېرۇسالىمدىكى ئەقسا مەسچىتىگە ئوت كەتكەن .

2019 - يىلى 4 - 16 - ئاپرىل سەيشەنبە