2021/01/16 12:04

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 14 - ئاپرىل »

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:35

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 14 - ئاپرىل » :

1699 - يىلى شىمالى ھىندىستاندا سىخ / شىك/ دىنى بارلىققا كەلگەن.

1775 - يىلى فرانكىلىن ئامېرىكىدىكى تۇنجى قۇللۇققا قارشى جەمئىيەتنى قۇرغان.

1844 - يىلى ئالجىرىيىلىكلەر بىلەن فرانسىيە تاجاۋۇزچىلىرى ئارىسىدا ئوراس تاغلىق رايونىدا ئۇرۇش باشلانغان. بۇ ئۇرۇش ساق 20 كۈن داۋام قىلغان.

1883 - يىلى بېل ئىككى شەھەر ئوتتۇرىسىدا تېلفونلۇق ئالاقىنى سىناق  قىلىپ، ئۇتۇق قازانغان.

1894 - يىلى كەشپىياتچى ئېدىسون ھەرىكەتچان رەسىملەرنى كۆرسىتىدىغان كانتوسكۇپ ناملىق ئۈسكۈنىسىنى كۆرگەزمە قىلغان.

1909 - يىلى لوندۇندا « ئانگلو - پېرسىيا » ناملىق شىركەت قۇرۇلۇپ، ئىراندىكى نېفىتنى مونوپول قىلدى. ئەنگلىيە يېگانە ھالدا ئىراندىن نېفىت قېزىش ھۇقۇقىغا ئېرىشتى. 1908 - يىلى ئەنگلىيە بىلەن چاررۇسىيە « 100 يىللىق بۈيۈك ئويۇن» نى تۈگىتىپ، ئەڭ ئاخىرقى بىتەرەپ دۆلەت ئىراننى يەڭ ئىچىدە بۆلۈشۈۋالغانىدى. ئاشلىققا باي شىمال تەرەپ رۇسلارنىڭ تەسىرىدە، نېفىت بايلىقى مول جەنۇپ تەرەپ ئەنگلىيىنىڭ تەسىرىدە قالدۇرۇلغانىدى. كېيىنچە ئەنگلىيە بۇ نېفىتلىكتىن پايدىلىنىپ، 1 - دۇنيا ئۇرۇشىدا ئوسمانلى ئارمىيىسىدىن ئىراقنى تارتىۋالدى». 1946 - يىلى ترۇمېن سىتالىنغا ھەربىي پوپۇزا قىلىپ، ئىراننىڭ غەربىدە قۇرغان « غەربىي ئەزەربەيجان جۇمھۇرىيىتى» نى بىكار قىلىپ، ئىشغال قىلىۋالغان ئىران زېمىنىدىن چىقىپ كېتىشىنى ئېيتتى. نەتىجىدە سىتالىن بۇ دۆلەتتىن قوشۇن چېكىندۈردى. ئاقىۋەت بۇ ئەزەربەيجانمۇ خۇددى 1949 - يىلدىكى ئۇيغۇرلاردەك تەقدىرگە دۇچار بولۇپ، ھازىرغىچە ئىرانغا بېقىندى بوپقالدى. ئامېرىكا بۇ تۆھپىسى سەۋەپلىك، ئەنگلىيىنى سىقىپ چىقىرىپ، ئىران نېفىتىنى مونوپول قىلىۋالدى. گەرچە 1954 - يىلى ئىران باش ۋەزىرى مۇسادىق نېفىتنى دۆلەت ئىلكىگە ئۆتكۈزۈۋالغان بولسىمۇ، بىراق ئامېىرىكا ئۇنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى. / ئوباما ئەينى چاغدا مۇسادىقنى ئاغدۇرۇشنىڭ خاتا  بولغانلىقىنى، ھازىرقى ئىراننىڭ شۇ خاتالىقنىڭ بەدىلى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى/.».

1912 - يىلى 14 - ئاپرىل كەچتە تىتانىك ناملىق پاراخوت ئاتلانتىك ئوكياندا دېڭىزدىكى مۇز تاغقا سوقۇلۇپ كېتىپ، ئۈچ سائەت ئىچىدە چۆكۈپ كەتكەن.

1914 - يىلى 14 - ئاپرىل ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتكەن ئەسىردىكى سىياسىيونى، ھەربىي مۇشاۋىر،
1945 - يىلدىن 1949 - يىلغىچە غۇلجىنى مەركەز قىلغان 2 - جۇمھۇرىيىتىمىزنىڭ رەھبىرى مەرھۇم ئەخمەتجان قاسىمى دۇنياغا كەلگەن. 1949 - يىلى 24 - ئاۋغۇست ئالمۇتادا سەپداشلىرى بىلەن بىللە سىرلىق ھالدا غايىپ بولغان.

تارىخچىمىز تۇرغۇن ئالماس ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ « 20 - ئەسىر تارىخىدا ئۇيغۇرلارغا داھىي بولۇشقا لايىق ئىككى كىشى ئۆتتى. ئۇنىڭ بىرى مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، يەنەبىرى ئەخمەتجان قاسىمى » .

1947 - يىلى ئەخمەتجان قاسىمى جاڭ جىجۇڭ بىلەن جەنۇپنى كۆزدىن كەچۈرۈش توغرىلىق مۇزاكىرىنى باشلىغان.

1948 - يىلى مەلۇم ئاشقۇن يەھۇدى قوراللىقلىرى پەلەستىندىكى كىچىك بىر كەنتكە ھۇجۇم قىلىپ، 50 كىشىنى ئېتىۋەتكەن. ئارىدىن بىر ئاي ئۆتۈپ، 14 - ماي كېچىدە ئىسرائىلىيە دۆلىتى قۇرۇلغان.

1970 - يىلى ئاپوللۇ 13 نىڭ ئوكسىگىن ساندۇقى بوشلۇقتا پارتلاپ، ئالەم كېمىسىنى خېلىلا زەخمىگە ئۇچراتقان. بىراق بۇ كېمە ساق قايتىپ كېلەلىگەن.

1986 - يىلى ئامېرىكا غەربىي بېرلىندىكى پارتلاشتا ئۆلگەن ئۈچ ئەسكىرىنىڭ ئىنتىقامى ئۈچۈن لىۋىيەنى بولباردىمان قىلغان.

2009 - يىلى ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى كۇباغا قارىتىلغان بەزى ئىمبارگۇلارنى يەڭگىللەتكەن. كۇبا رەھبىرى كاسترو « بۇ ئامېرىكىنىڭ 47 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ئىجابىي پوزىتسىيىسى » دەپ سۈپەتلىگەن.

2010 - يىلى خىتاينىڭ كۆكنۇر ئۆلكىسىدە 6.9 بال يەر تەۋرەپ، 300 كىشى ئۆلۈپ، 8000 كىشى يارىلانغان. بەزىلىرى ئۆينىڭ ئاستىدا قالغان.

2019 - يىلى 4 - 14 - ئاپرىل  يەكشەنبە