2021/01/16 13:20

بىلدۈرگۈ:

ۋەتەندىكى تور بېكەتلەردىن ماتېرياللارنى ئەينەن يۆتكەۋاتىمىز، ئاتالغۇلار بىزگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ. يوقىلىش ئالدىدا تۇرغان ھۆججەت، يازمىلارنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن، سىزمۇ ماقالە-ئەسەر يوللاڭ.


تارىختىكى بۈگۈن « 11 - ئاپرىل»

يوللىغۇچى: سايرام ئوغلانى, 2019/04/23 03:37

ئالدىنقى تېما - كېيىنكى تېما

سايرام ئوغلانى

تارىختىكى بۈگۈن « 11 - ئاپرىل » :

685 - يىلى بارلىق شام ئەھلى مەرۋاننىڭ ئوغلى ئابدۇمىلىككە بەيئەت قىلغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇمەييەلەر سۇلالىسىنىڭ 5 - خەلىپىسى بولۇپ قالغان. ئەسلىدە ھەزرىتى پەيغەمبىرىمىز 632 - يىلى 8 - ئىيۇن ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ساھابىلەر ھەزرىتى ئەبۇ بەكرىنى پەيغەمبىرىمىزنىڭ ئىزباسارى قىلىپ سايلىدى. 634 - يىلى ھەزرىتى ئەبۇ بەكرى دۆلەتنىڭ جىددىي ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ھەزرىتى ئۆمەرنى ئۆزىگە ئىز باسار قىلىپ ۋەسىيەت قالدۇرغانىدى. 644 - يىلى ھەزرىتى ئۆمەر بامدات نامىزىدا قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ئالتە كىشىلىك ھەيئەت قۇرۇپ، ئوغلى ئابدۇللانى ئېھتىيات ئۈچۈن نازارەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇپ ئالەمدىن ئۆتكەن. نەتىجىدە ھەزرىتى ئوسمان خەلىپىلىككە سايلانغان. 656 - يىلى ھەزرىتى ئوسمان ئۆيىدە توپىلاڭچىلار تەرىپىدىن شېھىت قىلىنغاندىن كېيىن، مەدىنە ئەھلى چوڭ ساھابىلەرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە ھەزرىتى ئەلىنى زورلاپ خەلىپە قىلىپ سايلىغان.
/ دۆلەت بۇنداق ئېغىر كىرىزىسكە پاتقاندا ھەر كىم بۇنداق زور مەسئۇلىيەتتىن قاچقانىدى/.
661 - يىلى ھەزرىتى ئەلى كۇفە مەسچىتىدە شېھىت قىلىنىپ، يېڭى خەلىپە بولغان ئوغلى ئىمام ھەسەن ئالتە ئايدىن كېيىن ھەزرىتى مۇئاۋىيەنى چاقىرىپ، خەلىپىلىكنى ئۇنىڭغا شەرتلىك ئۆتۈنۈپ بەرگەن. 680 - يىلى ھەزرىتى مۇئاۋىيە ۋاپات بولغان. بىراق ئەسلىدە سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىدىغان خەلىپە دەل شۇ يىلدىن بېرى ئاتىدىن بالىغا مىراس قالىدىغان پادىشاھلىق تۈزۈمگە ئايلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ئوغلى يەزىد دەۋرىدە قىسقىلا 3 يىل ئىچىدىلا زور تارىخىي خاتالىقلار سادىر بولدى. ئاقىۋەت ۋەزىر مەرۋان ھاكىمىيەتنى تارتىۋېلىپ، ئوغلى بىلەن قىسقىلا 2 يىل ئىچىدە ئوتتۇرا شەرقنى قايتا بىرلىككە كەلتۈردى. نەتىجىدە ئۇمەييەلەر خەلىپىلىرى مەرۋان ئۇرۇقىدىن داۋاملاشتى.

1241 - يىلى غەرپكە يۈرۈش قىلغان موڭغۇللار باتۇخان قوماندانلىقىدا ھونگرىيە كارولى بېللىنى قاتتىق مەغلۇپ قىلغان. نەتىجىدە ئىتالىيە بىلەن گېرمانىيە خەۋپ ئاستىدا قالغان. دەل ھالقىلىق پەيتتە شۇ يىلى خاقان ئۆگەدەي ۋاپات بولغاچقا باتۇخان يېڭى خاقان سايلاش ئۈچۈن ئاستانە موڭغۇلىيىگە قايتقان. قوشۇنى ۋولگا دەرياسى تەرەپكە چېكىنىپ، پايتەخت ساراينى قۇرغان.

1514 - يىلى ئايغاقچىلار مىرزا ئابابەكرىنىڭ  ئەنجاندىكى جاسۇسلىرىغا سەئىدخاننىڭ پات ئارىدا ئەنجاندىن قەشقەرگە قوشۇن تارتىدىغانلىقىنى  مەلۇم قىلغان.

1814 - يىلى ناپولىئون تۇنجى قېتىم تەختتىن ئامالسىز چۈشكەن .« 1812 - يىلدىكى رۇسىيەگە قارشى جازا يۈرۈشى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ياۋروپا پادىشاھلىرى بىرلىشىپ فرانسىيىگە قارشى ھەر تەرەپتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، ئۇنى تەختتىن چۈشۈرۈشتە ئۇتۇق قازانغانىدى».

1899 - يىلى ئامېرىكا ئىسپانىيىنى تېپىۋېتىپ  فىلىپپىننىڭ ھەقىقىي خوجايىنىغا ئايلانغان.

1951 - يىلى پىرىزدېنت ترۇمان كورىيە ئۇرۇشى باش قوماندانى مارشال دوگلاس ماكارتېرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىغان. چۈنكى گېنىرال ھاررىي ترۇمانغا خىتاينىڭ كورىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقانلىقى سەۋەپلىك يادرو بومبىسى ئىشلىتىپ ئەدەپلەش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بىراق ترۇمان بۇ ئۇرۇشنىڭ ئامېرىكا سوۋېتنى ئاساس قىلغان يېڭى دۇنيا ئۇرۇشىغا ئايلىنىپ كېتىشىنى خالىمايتتى. شۇڭا چۆچۈپ كەتكەن ترۇمان ئۇنى ۋەزىپىسىدىن بوشاتقان.

1956 - يىلى فرانسىيە 200 مىڭدىن ئوشۇق ئەسكەرنى ئالجىرىيىگە ئەۋەتىپ، ئالجىرىيىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق كۈرىشىنى باستۇرۇش قارارى چىقارغان. بىراق ئالجىرىيىلىكلەر بىر يېرىم مىليون ياشلارنىڭ قانلىرى بەدىلىگە ئاخىرى 1962 - يىلى مۇستەقىللىقىنى قولىغا ئالغان. فرانسىيە 1832 - يىلى بېسىۋالغانىدى.

1970 - يىلى ئاپوللو 11 بوشلۇققا كۆتۈرۈلگەن.

1982 - يىلى ئەقسا مەسچىتى بىر گۇرۇپپا ئاشقۇن سېئونستلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەن.

1992 - يىلى ئېرلاندىيە جۇمھۇرىيىتى خادىملىرى ئەنگلىيىنىڭ شىمالىي ئېرلاندىيە تەۋەسىدىكى ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇش ئۈچۈن لوندۇندىكى پۇل - مۇئامىلە رايونىدا بومبا پارتلىتىپ،3 كىشىنى ئۆلتۈرگەن.

2001 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى مەجبۇرىي
قوندۇرۇۋالغان ئامېرىكا ئۇچقۇچىسىز جاسۇسلۇق ئايروپىلانىنى قايتۇرۇپ بەرگەن. بىراق ئامېرىكا تەرەپ، ۋاقىتنى سوزۇپ تېخنىكا ئوغرىلىدى دەپ ئەيىپلىگەن.

2019 - يىلى 4 - 11 - ئاپرىل پەيشەنبە